8~13-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەرجىمىچىلىك تارىخى توغرىسىدا

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

8~13-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەرجىمىچىلىك تارىخى توغرىسىدا

يۈسۈپجان ياسىن

مۇھىم مەزمۇنى: ئۇيغۇرلاردا تەرجىمىچىلىك ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ يات مىللەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا ئالاقىلىرى، شۇنىڭدەك ئۆز جەمئىيىتىدە تارقالغان ھەر خىل دىنلارنى ياخشى چۈشىنىش ئېھتىياجى تۈرلۈك ساھەدىكى تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىنى جانلاندۇرغان. بولۇپمۇ قوچۇ(ئىدىقۇت) خانلىقى دەۋرىدە ‹‹دىنىي تەرجىمە ئەدەبىياتى›› ئالاھىدە گۈللىنىپ، خاس بىر مەدەنىيەت ساھەسىنى تەشكىل قىلغان. ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىك تارىخىدا ئىككى چوڭ ئالاھىلىك شەكىللەنگەن. بىرى، تەرجىمە ئوبيېكتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە خۇسۇسىيىتىنى قوغداشتەك ئىلغار تەرجىمە مېتوتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. يەنە بىرى، ئۇيغۇرلار تەرجىمە ساھەسىدە ئىككى ياكى كۆپ تىللىق تەرجىمە ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئەللەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ، خەلئارالىق تەرجىمە تورى ھاسىل قىلغان.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار، تەرجىمە، لۇغەتچىلىك

8- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئالاھىدە بىر ئورۇن تۇتتى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار تارقاق قەبىلىۋىي ھاياتتىن ۋاز كېچىپ، تەشەببۇسكار، كۈچلۈك، مەدەنىيەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان، تىرىشچان بىر مىللەتكە ئايلاندى.[①] 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئورخۇن بويلىرى، ئالائات تاغ(ئالاشەن) ئېتەكلىرى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالى، تالاس ۋە چۇ دەرياسى ۋادىلىرىنى مەركەز قىلىپ بىر قانچە خانلىق قۇردى. بۇ خانلىقلار ئىچكى تەرتىپنى مۇستەھكەملەپ، كۆپ خىل ئىگىلىك شەكىللىرىنى يولغا قويدى، تاشقى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى جانلاندۇردى، جەمئىيەتتە ھەر خىل ئېتىقادقا كەڭچىلىك بىلەن يول قويۇپ، پەن ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىسىگە پايدىلىق شارائىت ياراتتى، يېپەك يولى ئالاقىسىنى قوغداپ، بۇ يولنىڭ راۋان داۋام قىلىشىغا كۈچ چىقاردى. بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھايات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى. بولۇپمۇ ئوخشاش بىر دەۋردە، يەنى 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ‹‹قوچۇ – ئىدىقۇت مەدەنىيىتى›› ۋە ‹‹قاراخانىيلار مەدەنىيىتى›› دىن ئىبارەت ئىككى خىل مەدەنىيەتنى يارىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر بۇرۇلۇش دەۋرى ياسىدى، ھەم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەم يېپەك يولىنىڭ ئالاقە تارىخىغا بىر خاراكتېرىستىكا بېغىشلىدى. بۇ دەۋر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك تەرجىمىچىلىك پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدە جانلانغانلىقى ئىدى. بۇ دەۋردىكى تەرجىمىچىلىك كۆپ خىل ساھەلەرنى قاپلىدى. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ئالاقىلار، پەن ۋە مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، ھەر خىل دىنلارغا مەنسۇپ مۇرىتلارنىڭ دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە كىشىلەردە دىن سۆيگۈسىنى كۈچەيتىش يولىدىكى ئىستەكلىرى، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي پائالىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار ئۇيغۇرلاردا تەرجىمىچىلىكنىڭ كەڭ دائىرىدە، جانلىق، كۈچلۈك بىر شەكىلدە داۋام قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ھەر خىل مەنبەلەر ۋە بىزگە مەلۇم بولغان تۈرلۈك تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار كۈندىلىك ئالاقىلاردىن دۆلەت ئىشلىرىگىچە بولغان ئومۇمىي ساھەدە تەرجىمىچىلىك پائالىيىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن، تىل ۋە تەرجىمە ساھەسىدە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، لۇغەتچىلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تەرجىمىىلىك تارىخىغا مۇھىم ھەسسە قوشقان.

ئالدى بىلەن شۇنى تىلغا ئېلىش كېرەككى، ئۇيغۇرلار تىل ئۆگىنىش، تەرجىمە ۋە باشقا مەدەنىيەت ئالاقىسىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، تىل ۋە تەرجىمە ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، قوش تىللىق لۇغەتلەرنى تۈزگەن. بۇلاردىن دەۋرىمىزگىچە ماددىي ئۇچۇرلىرى يېتىپ كەلگەنلىرىدىن پەقەت ئىككىسىلا بار. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۇرپاندىن تېپىلغان. ئۇنىڭ بىرى، «سانسكرىتچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» بولۇپ، بۇ توغرىسىدا ئىلىم ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى[②]. يەنە بىرى، 1959-يىلى تېپىلغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»نىڭ 11 پارچە كەمتۈك ۋارىقىدىن ئىبارەت. ھازىر شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان بۇ لۇغەتنىڭ مىلادىيە 9-ئەسىردە تۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئۇيغۇر لۇغەتچىلىكىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇيغۇر ئالىملىرى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۈرك-ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان لۇغەتلەرنىمۇ تۈزگەنىدى. مىلادىيە 8-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن تاڭ سۇلالىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش خەنزۇلار ئۈچۈن «زىبۇ-زىننەتكە ئايلانغان» بۇنداق ئىستەكنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن «تۈركچە–خەنزۇچە لۇغەت» تۈزۈلگەن[③]. بۇ لۇغەتنى تۈزۈشكە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلغانلىقىغا گۇمان كەتمەيدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان، تۈرك نەسىللىك ئەنلۇشەن(ئاغلاقسان)نىڭ ئالتە خىل تىلنى بىلىدىغانلىقى مەلۇم.[④] مىڭ سۇلالىسى دەۋرى (1368~1645) دىمۇ ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئالىملىرى بىرلىكتە «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» ۋە «ئىدىقۇت مەھكىمىسى باج ھۆججەتلىرى»دىن ئىبارەت ئىككى لۇغەت تۈزگەن. مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈزۈلگەن بۇ ئىككى لۇغەتنىڭ ئالدىنقىسى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىنىڭ تۈرلەر بويىچە تۈزۈلگەن سېلىشتۇرما لۇغىتى ئىدى. كېيىنكىسى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىنىڭ سېلىشتۇرما ھۆججەت (خەت-ئالاقە) توپلىمى ئىدى[⑤]. قاراخانىيلاردا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەرەب تىلىغا جەڭ ئىلان قىلىش ۋە تۈركىي تىلنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى نوپۇزىنى قوغداش مەقسىتىدە يازغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق كىتابى دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن ئەسەر بولۇپ، شەكىل جەھەتتىن شۇ ۋاقىتتىكى ئەرەب لۇغەتچىلىك ئەنئەنىسىدىن ھالقىغانىدى. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»كە كىرگۈزۈلگەن سۆزلۈكلەر بروككېلماننىڭ نەشرىدە 7993، بېسىم ئاتالاينىڭ نەشرىدە 8784، سالىھ مۇتەللىبوفنىڭ نەشرىدە 9222 دەپ كۆرسىتىلگەن. ھالبۇكى، شۇ ۋاقىتتا ياۋروپادا تۈزۈلگەن «لاتىنچە-ئىنگلىزچە لۇغەت»كە 3000 سۆز كىرگۈزۈلگەن. دېمەك، مىلادىيە 11-ئەسىردە تۈركىي تىل لېكسىكىسىدىكى سۆزلۈكلەر شۇ ۋاقىتتىكى لاتىن ۋە ئىنگلىز تىلىنىڭ لېكسىكىسىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىنراق دەرىجىدە كۆپ ئىدى. بۇ يەردە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ جانلىق تىلدا ئىشلىتىلمەيدىغان ۋە مەنبەسى تۈركچە بولمىغان سۆزلۈكلەرنى كىتابىغا كىرگۈزمىگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مەھمۇد كاشغەرىي زامانىسىدا تۈركىي تىلى سۆزلۈك خەزىنىسى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى جەھەتتە ھەر قانداق بىر ساھەدىكى ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى تولۇق ۋە گۈزەل ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بىر مەدەنىيەت تىلىغا ئايلىنىپ بولغانىدى.

تەرجىمىچىلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولغاچقا، تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسىدە تىل ۋە تەرجىمىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. ھۆكۈمەتتە چەت ئەللەر ۋە ۋاسسال خانلىقلار (بويسۇندۇرۇلغان يات مىللەتلەر) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، مەكتۇپ ۋە يارلىقلارنى يازىدىغان بۆلۈم تەسىس قىلىنغان. تۈركىي تىللىق قوۋملەردە چەت ئەل تىلى بىلىش ھۆكۈمرانلىق شەرتلىرىنىڭ بىرى قىلىنغانىدى. «بۈگۈ خان رىۋايىتى» (توغرىسى «بۆگۈخان داستانى»)دا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان بۆگۈ تېگىننى ئۆزلىرىگە خان قىلىپ تىكلىگەنلىكى.... تەڭرىنىڭ بۆگۈ خانغا كۆپ ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان ئۈچ قۇشنى بەرگەنلىكى، بۆگۈ خاننىڭ بۇ ئۈچ قۇشنى دائىم دۇنيانىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىگە ئەۋەتىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ[⑥]. ئەمەلىيەتتىمۇ بۆگۈخاننىڭ خەنزۇ ۋە سوغدى تىلىنى بىلىدىغانلىقىغا دائىر پاكىتلار بار. بۆگۈ خان ھەققىدىكى مەنبە ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ سىرتقى ئەللەرگە ئەۋەتكەن دىپلومات، ئەلچى ۋە جاسۇسلىرىنىڭ شۇ ئەللەرنىڭ تىلىنى ۋە كۈلتۈرىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەردىن تاللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولغۇچىنىڭ كۆپ مىللەتنىڭ تىل ۋە يېزىقىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشى ئۇنىڭ غايىۋى ئارزۇسى بولماستىن، بەلكى ئاشۇ دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىي سىياسىي ھاياتىدىن ئېلىنغان مىسال ئىدى. كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تىكلەنگەن دۆلەت ئابىدىلىرى ئىچىدە مىلادىيە 581-يىلى تۇرغۇزۇلغان «بۈگۈت مەڭگۈ تېشى»نىڭ ئۈچ يۈزى سوغدى يېزىقىدا ۋە بىر يۈزى بىراھمى يېزىقىدا سوغدى تىلى بىلەن يېزىلغانىدى. «سومون–سېۋرېي مەڭگۈ تېشى»دا بۆگۈ قاغاننىڭ مىلادىيە 762-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشى سوغدىچە يېزىلغان. مىلادىيە 810-يىلى تىكلەنگەن «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» تۈرك، خەنزۇ ۋە سوغدى يېزىقىدا يېزىلغان. «قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشى» دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان بۇ ئابىدىنىڭ خەنزۇچە تېكىستتىكى قىسمى قۇرۇلما ۋە يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرغاچقا، تارىخچىلار بۇ خاتىرە تاشنىڭ ئاپتورى ئىل ئۈگەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇشۇناسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، دەيدۇ[⑦].

ئۇيغۇر تەرجىمە تارىخىدا دىنىي تەرجىمە ئەسەرنىڭ نىسبىتى كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا مىلادىيەنىڭ ئالدى–كەينىدىكى دەۋرلەردىن باشلاپ غەرب تەرەپتىن بۇددا، مانى، زەردۇشت، خىرىستىيان ۋە ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىپ، مىلادىيە 14-، 15-ئەسىرلەرگە قەدەر كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھالەت مەيدانغا كەلگەن. مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر دىن ئۆز مۇرىتلىرى ئۈچۈن بىر خىل مۇقەددەس روھىي تۈۋرۈكتۇر. شۇ سەۋەبتىن، دىنغا بولغان قىزغىنلىق ۋە ساداقەت مۇرىتلاردا ھاياتىنى شۇ دىننىڭ شەرىپىگە بېغىشلايدىغان بىر روھنى يارىتىدۇ. مۇرىتلارنىڭ ئۆز دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر سۆيگۈگە ئېرىشتۈرۈش مەقسىتىدە دىنىي دەستۇرلار ۋە تەپسىرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشى، كەسكىن دىنىي مۇنازىرە قىلىشى، ھەتتا دىن يولىدا شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئېتىقاد تارىخىدا كۆپ كۆرۈلگەن ئەھۋال ئىدى. ئۇيغۇر تارىخىدا كەڭ كۆلەمدە ئوتتۇرىغا چىققان دىنىي تەرجىمىچىلىكمۇ كۈچلۈك دىنىي روھنىڭ بەلگىلىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇر دىنىي تەرجىمىچىلىكىدە بۇددىزمغا ئائىت تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر بۇددىزم تەرجىمىچىلىك تارىخىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. 1-باسقۇچ مىلادىيە 1-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ باسقۇچتا بۇددىزم ئەسەرلىرى ئاۋۋال ھىندى تىلىدىن تۈرك ۋە توخرى تىللىرىغا، ئاندىن كېيىن تۈرك ۋە توخرى تىللىرىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ باسقۇچتىكى تەرجىمىچىلىك بىر تەرەپتىن شىنجاڭدا بۇددا ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، بۇ يەرنىڭ بۇ دىننىڭ «ئىككىنجى يۇرتى»غا ئايلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇددا دىنىنى شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىتىش رولىنى ئوينىدى. بۇددا تەرجىمىچىلىكىدە ۋە بۇددا دىنىنىڭ خەنزۇلارغا تارقىلىشىدا كومىراجىۋانىڭ تۆھپىسى زور بولدى. كومىراجىۋا ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەرجىمە ئەمەلىيىتىنى خۇلاسىلەپ، تەرجىمە ئۆلچىمى، تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تەرجىمە نەزەرىيەسىگە ئاساس سالغانىدى[⑧. كومىراجىۋا زىڭ يۈنىڭ كۆرسىتىشىچە 32 پارچە، 300-جىلد، فى چاڭفاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە 98 پارچە، 425-جىلد بۇددا نوم-سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغان. كومىراجىۋانىڭ خەنزۇ بۇددا ئەدەبىياتىغا بىر يۈرۈش ئۆلچەملىك لۇغەت تەركىبى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئېنىق. ئۇنىڭ تەرجىمە قىلغان بۇددا نوملىرى، شېئىرىي ھېكمەتلىرى ھەتتا چاۋشيەن، ياپونىيەلەردە بۈگۈنكى كۈندىمۇ قوللىنىلماقتا. دەر ھەقىقەت، ئۇنىڭ «مەن قازا قىلىپ تېنىم كۆيدۈرۈلگەندىمۇ تىلىم كۆيمەي ساقلىنىدىغان بولغاي» دېگەن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.[⑨ شۇ نۇقتا دىققەتنى تارتىدۇكى، بۇددىزم تېكىستلىرىنىڭ تەرجىمىسىدە ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ ھەقتە گېرمانىيەلىك مەشھۇر خەنزۇشۇناس ۋ. ئېبېرخارد مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دەۋردە ئىشلەنگەن بىر ئۇيغۇرچە تەرجىمە بىلەن بىر خەنزۇچە تەرجىمە سېلىشتۇرۇلسا، خەنزۇچىنىڭ شۇنچە قۇرۇق ۋە يېقىمسىز، ئۇيغۇرچىنىڭ ناھايىتى جانلىق ۋە جەزبىدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ»[⑩. بۇ دەۋردە بۇددىزم تەرجىمىچىلىكى يالغۇز ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. قەدىمكى تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ مۇھىم ھاياتلىق سورۇنلىرىدىن بىرى بولغان گەنسۇدىمۇ يېڭى بىر تەرجىمە مەركىزى شەكىللەنگەن. مىلادىيە 5-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا گەنسۇدا ھۆكۈم سۈرگەن ھۇن قۇتقۇ خانلىقى (400~460)دا بۇددىزم ئەڭ پارلاق بىر دەۋرنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ خانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى، قۇماندان ھەم ئالىم قۇتقۇ موڭسۇن (400~433) دۇنخۇاڭدا ناھايىتى نۇرغۇن ئىبادەتخانىلارنى ۋە ناھايىتى يۇقىرى سەنئەت قىممىتىگە ئىگە بۇددا ھەيكەللىرىنى ياساتقان. بۇددىست ھەم كۇڭزىچى سۈپىتىدە تونۇلغان ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئالىملىرىدىن بىرى ھېسابلانغان ئوغلى مۇقان دەۋرى (433~439)دە كەڭسۇدا، بولۇپمۇ دۇنخۇاڭدا كۇتۇپخانىلار قۇرۇلغان. ھىندىستاندىن كەلگەن ۋە بۇددىزمغا ئائىت يازمىلارنى ئېلىپ كەلگەن راھىپلار دۇنخۇاڭدىكى ئىبادەتخانىلاردا نەچچە يىللاپ تۇرۇپ، ئۇ يازمىلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇيغۇرلار كېيىن بۇ خەنزۇچە يازمىلارنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدى. خەنزۇچە دۇنخۇاڭ ۋە لياڭ خانلىقى تارىخىنى يازدۇرغان موڭسۇننىڭ خەنزۇ تارىخنامىلىرىدە ئەنسى ۋە ئەنياڭ دېگەن ئوغۇللىرىمۇ بۇددا دىنى تېكىستلىرىنى تەرجىمە قىلاتتى. ئۇلار ئۆزىنى بۇ دىننى تارقىتىشقا ئاتىغان راھىپلار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئەنچو قوچۇدا قۇرۇلغان بىر ئىبادەتخانىنىڭ ئابىدىسىدە بۇددىست مۇتەپەككۇرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. 685-يىلى خۇنەندىكى بىر لاۋزى ھەيكىلىنىڭ ئاستىغا تۇرغۇزۇلغان ئابىدىنى قۇتقۇ بەگلىرىدىن چىلې يېزىپ، ئۇنى ئۆز قۇلى بىلەن ئويغانىدى[11]. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، قۇتقۇ ھۇنلىرى گەنسۇدا، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە بۇددا دىنىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ۋە بۇددىزم تەرجىمىچىلىكىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىدا يېڭى ۋە مۇھىم بىر باسقۇچنى ياراتقان.

بۇددا دىنى تەرجىمىچىلىكىنىڭ 2-باسقۇچى مىلادىيە 6-ئەسىردىن مىلادىيە 14-ئەسىگىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بار. بەزى تەتقىقاتچىلار 6-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تاسپار (تاپار ياكى تاربارس) تەختكە چىققان مەزگىللەردە كۆكتۈركلەر ئارىسىدا بۇددىزمغا ئائىت ئەسەرلەرنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە[12]. لېكىن، خەنزۇ مەنبەلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئەھۋالنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكى بىلىنىدۇ. كۆكتۈركلەرگە تۇتقۇن بولغان خۇي لىن ئىسىملىك بىر خەنزۇ راھىپنىڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن تاسپار قاغاننىڭ بۇددىزمغا ناھايىتى قىزىققانلىقى، ھەتتا بىر مۇنار ياساتقانلىقىمۇ مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا، قاغاننىڭ شىمالىي چى خانلىقىغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى «براھمانا»، «نىرۋانا»، «بۇددا ۋاتام ساكا ماھاۋايپۇليھسۇترا» ۋە «ئون ئاغىلىق نوم» قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئەمما، بۇ كىتابلارنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە خەنزۇ مەنبەلىرىدە ھېچقانداق خاتىرە يوق[13]. خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي چى خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى گاۋ ۋېي تاسپار قاغانغا سوغا قىلىش ئۈچۈن، ليۇ شىچىڭ دېگەن بىر چەت ئەل تىللىرى مۇتەخەسسىسىگە «نىرۋانا سۇترا»نى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرغان. يەنە خاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە لى دېلىن بۇ ئەسەرگە بىر كىرىش سۆز يازغان[14]. شىمالىي جۇ خانلىقىدىكى بۇددىزمغا قارشى ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە كۆكتۈرك قاغانلىقىدىن پاناھلىق تىلىگەن بىر مۇنچە راھىپ تاسپار قاغاننىڭ يېنىغا توپلانغان. ئېھتىمال تاسپار قاغان ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ بۇددىزمنى قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق «بۇگۇت مەڭگۈ تېشى»دىمۇ ئەكس ئەتكەن بۇ ۋەقە پەقەت تاسپار قاغاننىڭ خۇسۇسىي ھەرىكەت سۈپىتىدە بۇددىزمغا مايىل بولغانلىقىدىن باشقا، كۆكتۈركلەر ئارىسىدا بۇددىزمنىڭ تارقالغانلىقىنى ياكى بۇددىزم تەرجىمىچىلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىسپاتلاشقا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ يەردە تاسپار قاغاننىڭ بۇددىزمغا مايىل بولۇشىنى دىنىي نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىزاھلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. ئەمما، بۇددىزم كۆكتۈركلەرنىڭ ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تۇرمۇش شەكلىگە، جەسۇر ۋە جەڭگىۋار خاراكتېرىگە زىت كېلىدىغان بىر ماھىيەتكە ئىگە بولغاچقا قارشىلىققا ئۇچرىغان. بۇ خىل قارشىلىقنىڭ يەنە بىر ئۆرنىكى بىلگە قاغان دەۋرىدە كۆرۈلگەن. شۇ سەۋەبلىك، بۇددىزم كۆكتۈركلەر ئارىسىدا زادى يىلتىز تارتالمىغان[15].

ئۇيغۇر بۇددىزم تەرجىمىچىلىكىنىڭ 2-باسقۇچىدا بۇددا نوملىرى ۋە بۇددىزم مەزمۇنىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى خەنزۇ، تىبەت، ھىندى (سانسكرىت)، توخرى ۋە سوغدى تىللىرىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بەزى تېكىستلەر سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلىنغان، بەزىلىرىگە مۇھىم تولۇقلىمىلار، ئىزاھاتلار بېرىلگەن. ئەركىن تەرجىمە يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرغاچقا، تەرجىمە تېكىستى ئەسلىدىكىدىنمۇ كەڭرەڭ چىققان. ھازىرغا قەدەر تېخى باشقا تىللاردىكى نۇسخىسى بايقالمىغان ئۇيغۇرچە تېكىستلەرمۇ بار. بۇ باسقۇچقا مەنسۇپ تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى خېلى كۆپ. بىر مۇنچە تەرجىمانلارنىڭ ئىسمى خەنزۇچە مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن. بۇ دەۋردىكى تەرجىمە ئەسەرلەردىن ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىرى تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

«مايترى سىمىت» ئىلبالىق شەھىرىدە ياشىغان پىرىتيا راكشىت كرانۋازك (بەزى ئەسەرلەردە پىرىتيا راكشىت بىلەن كرانۋازك باشقا باشقا ئىككى ئادەم، دەپ قارىلىدۇ) تەرىپىدىن توخرى تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە مىلادىيە 767-يىلى تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئېنىق مەلۇم بولغان «مايترى سىمىت» ئەسلىدە سەھنىدە ئورۇنداش ئۈچۈن تەييارلانغان 27 پەردىلىك دىرامىدۇر[16]. ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر دۆلەت خادىملىرىدىن يۇتاس تېگىننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ۋە ھازىرغا قەدەر ھەر خىل ھەجىمدىكى يەتتە خىل نۇسخىسى بايقالغان بۇ سەھنە ئەسىرىنىڭ تېپىلىشى ئەينى دەۋردە شىنجاڭدا تىياتىرنىڭ ئوينالغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. گابائىن خانىممۇ «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى» دېگەن ئەسىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايترى سىمىت»نى «ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشى دېيىش مۇمكىن» دەپ كۆرسىتىدۇ[17].

«ئالتۇن يارۇق» 10-ئەسىردە بەشبالىقتا ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ۋە تەرجىمان سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ (شىڭقۇ شەلى تۇتۇڭ) تەرىپىدىن خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئالتۇن يارۇق» تېما ئېتىبارى بىلەن بىر سۇترا كىتابىدۇر. بۇ ئەسەر بۇددىزمنىڭ ھەر خىل ساھەلىرى ھەققىدە بۇددانىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەبىي جەھەتتىكىگە ئوخشاش تۈركىي تىل تەتقىقاتىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئەسەر «تەرجىمىدىن بەكرەك مۇستەقىل بىر ئۆزلەشتۈرمە» ھېسابلىنىدۇ. سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خېلى كۆپ ئىلاۋە يېزىش ئارقىلىق ئەسەرنى كېڭەيتكەن[18]. بۇ ئەسەرنىڭمۇ يەتتە خىلدەك نۇسخىسى تېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1687-يىلى گەنسۇدا كۆچۈرۈلگەن ۋە ھازىر سانكىت پېتېربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسى ئەڭ تولۇق نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەلىك شىناسى تېكىن «ئالتۇن يارۇق» ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئىزدەنگەن ئالىمدۇر. سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرجىمە ئەسىرى 1930-يىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭدىن تېپىلغان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمالى»دۇر. خەنزۇ راھىپ شۈەنزاڭنىڭ ھىندىستانغا قىلغان ساياھىتىنى تېما قىلغان بۇ ئەسەردە كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق بىر مۇنچە تۈركىي قوۋملەرنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئەھۋالى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەھەر ھاياتى، ئىقتىسادى، سەنئىتى ۋە بۇ يەردە ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارمۇ بايان قىلىنغان. ئەسەرنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن ئىپادە قىلغان ئەڭ چوڭ قىممىتى ئۇنىڭدا تۈركىي تىل پاكىتلىرىدىن باشقا، 7-ئەسىردىكى تۈرك توپونومىيەسىگە ئائىت ئەڭ ئىشەنچىلىك ماتېرىياللارنىڭ بولغانلىقىدۇر. شۇ سەۋەبلىك، ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىدىكى شۇ تېمىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن ئالىملار سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تەرجىمىگە تۇتۇش قىلىشتىن بۇرۇن، شۈەنزاڭنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىنى بىرمۇبىر ئايلىنىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ[19]. سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ بۇ ئەسەردە نەزم بىلەن نەسىر ئارىلاشقان «كاۋى» ئۇسلۇبىنى سىناق قىلىش ئارقىلىق، يېڭى بىر تەرجىمە ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان ھېكايىلەر ئارىسىغا شېئىرىي مىسرالارنى ۋە جاۋابلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان[20]. بۇلاردىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە «سەككىز يۈكمەك» قاتارلىق ئۈچ پارچە تەرجىمە ئەسىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇ تەرجىمىلىرىدە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە نامايان قىلغان يۈكسەك ماھارىتى بىلەن كۈنىمىزدىكى قەدىمكى خەنزۇ تىلى مۇتەخەسسىسلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇرغان سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ نەسرىي ئەسەرلەر تەرجىمىچىلىكىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە شېئىرىيەت ساھەسىدىكى تەرجىمىچىلىكنىڭمۇ بۈيۈك ئۇستازىغا ئايلانغان.

بۇددىزمنى خەلقنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشتۈرۈش، دىنىي ھاياجان يارىتىش ئۈچۈن قەلەمگە ئېلىنغان، ئۆتكەن دەۋردىكى بۇددا ۋە بۇتساتىۋالارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى تەسۋىرلەيدىغان «ئاۋادانا» ۋە «جاكاتا» ھېكايىلىرى ئۇيغۇرچىغا توخرى، كۈسەن، خەنزۇ تىللىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ھېكايىلار بەزىدە بىر سۇترا تېكىستلىرى ئىچىگە قىستۇرۇلغان. تېمىنى ۋە سىڭدۈرۈلمەكچى بولغان دىنى غايىنى ئىپادىلەش ھەر كىم چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىدە يەڭگىل. يەنە باشقا جانلىقلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان ئۆرنەكلەر بار. ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئاددىي بولسىمۇ، جانلىق ۋە دىراماتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بۇ خىل ھېكايىلەرنىڭمۇ سەھنىدە ئوينالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى شىلازىن تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «ئىككى تېگىننىڭ ھېكايىسى»دۇر. «ساداپرارۇدىتا» ۋە «دارمودگاتا بۇدساتۋا» ھېكايىلىرى كېيىنكى دەۋرلەردە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئىدى. ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئارىسىدا «پانجاتانترا» ھېكايىلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تارقالغان راما ھېكايىسىنىڭ قىسقا بىر يەكۈنىمۇ بار[21].

ئۇيغۇرلاردا مانىزم ۋە خىرىستىيان دىنىغا ئائىت تەرجىمە ئەسەرلەر ئاساسەن مىلادىيە 8-ئەسىرلەردىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن. بۆگۈ قاغان مىلادىيە 762-يىلى مانىزمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئاۋۋال سوغدىچە تېكىستلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغان. كىتاب، يېزىق ۋە رەسىمگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن مانىخېستلەرنىڭ ئالاھىدە يېزىلغان ۋە بەزىدە رەڭلىك مىنياتۇرلار بىلەن بېزەلگەن نەپىس قول يازمىلىرى بار ئىدى. لېكىن، بۇ يازمىلار ئۇزاق ۋاقىت توپا ئاستىدا قېلىپ، بۇزۇلۇپ ناھايىتى قورۇلۇپ كەتكەچكە، پارچىلارنىڭ قايسى تېكىستكە ئائىت ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش ناھايىتى قىيىن. ئۇيغۇرچە نامى «ئىككى يىلتىز نوم» دېگەن شەكىلدە ئۇچرايدىغان بىر تېكىست ئەسلىدە مانى يازغان يەتتە كىتابنىڭ بىرى بولغان «شاھبۇخراگان»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى دەپ قارالماقتا. سوغدى تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان «خۇاستۋانىفت» ناملىق توۋا-ئىستىقبار دۇئاسىنىڭ 20دىن ئارتۇق نۇسخىسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇ 15 قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بىر تېكىستتۇر. ھەر بىر قىسىمدا ئاۋۋال دىنىي بىلىملەر ۋە ئەمەل-قائىدىلەر بېرىلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەمەل-قائىدىلەرنىڭ چۆرۈپ تاشلىنىشى بىلەن يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىدىغان گۇناھلار بىر بىرلەپ كۆرسىتىلىپ توۋا-ئىستىقبار قىلىنغان. تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ ھېكايە ۋە مەسەللىرىدىن تەشكىل تاپقان مانىخېست ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچىغا قىلىنغان تەرجىمىلىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى يۇنان ئاپتورلىرىدىن ئېزوپنىڭ مەسەللىرىمۇ بار[22].

خىرىستىيان ئۇيغۇرلاردىن قالغان ئەسەرلەرنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، بۇنىڭ ئومۇمەن سۈرىيە، سوغدى، پارس ۋە ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق تۆت خىل يېزىق بىلەن قەلەمگە ئېلىنغانلىقى مەلۇم[23]. ئۇلارغا ئائىت تەرجىمە ئەسەرلەردىن ئۆرنەك سۈپىتىدە «ياكوبۇس ئىنجىلى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن قالغان ئىككى ۋاراق، ئىۋاگلۇم ۋە مۇقەددەس گېئورگىنىڭ ئۆلۈم ھەسرىتى تەسىۋىرلەنگەن بىر تېكىستنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى، قوچۇ خانلىقىنىڭ تەرجىمىچىلىكىدە ئەدەبىي تەرجىمىلەر بولۇپمۇ دىنىي تەرجىمە پائالىيىتى ئالاھىدە ئورۇن تۇتتى. تۈرلۈك جامائەتلەرنىڭ دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ھەر خىل تىللاردىن بىۋاسىتە ياكى ئەسلىنىڭ تەرجىمىسىدىن قىلىنغان تۈركچە تەرجىمىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا پايدىلىق ھەم پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئايرىم تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر تېمىدۇر. بۇ دەۋردىكى تەرجىمانلارنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆز مۇھىتىنىڭ كۈلتۈر سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈش ھېسسياتى بىلەن ئىش باشلىغانلىقى مەلۇم. شۇڭا، ئۇلار ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغاندا ئۆز تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغداش بىلەن بىللە، تەرجىمە ئۇسۇلى ئۈستىدىمۇ ياخشى ئىزدەنگەن. نەتىجىدە بۇ تەرجىمىلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇرۇلمىسىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان، جۈملە تۈرلىرىنى كۆپەيتكەن، تىلنىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن، مەنىلىك سۆز ۋە ئاتالغۇلار خەزىنىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ كىچىك مەنە پەرقىنىمۇ ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت تۇغۇلغان. ھەتتا ئۇيغۇر تىلى بۇ ئارقىلىق بىر پەلسەپە تىلى بولۇش يولىغىمۇ قەدەم قويۇشقا باشلىغان[24]. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىدە بىر مۇنچە نۇقسانلارمۇ كۆرۈلگەن. ھەر خىل دىنلار بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر خانلىقىدا خەنزۇچە تەرجىمىلەردىن پايدىلىنىشنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ساپ تۈركچە بىلەن كەڭ ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇم يارىتىش تەجرىبىسىگە كىرىشكەن بولسىمۇ، بۇ ئىجادىي سىستېما پۈتۈن ئۇيغۇر تېكىستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سىستېمىغا ۋە قائىدىگە ئايلىنالمىدى. باشقا-باشقا مەكتەپلەردە يېتىشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىر مۇنچىسى ئۆزىنىڭ دىنىغا ئائىت تەرجىمىلەردە پەقەت ئۆزى بىلىدىغان تىللاردىن تەرجىمە قىلىپ، ئۇ تىللارنىڭ ئىچىدە يىلتىز تارتقان تەركىبلەرنى ئۇيغۇرچىغا كۆچۈرۈپ قوللىنىشتا ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىدى. بۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ جۇغراپىيەلىك ھالىتى ۋە ئېتنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە شېۋىلەرگە ئايرىلىشىغا كەڭ تەسىر كۆرسەتتى[25].

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەر ئىچىدە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم»نىڭمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بەزى نۇسخىلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىدىن مەلۇم بولماقتا[26]. بۇ نۇسخىلارنىڭ يىل دەۋرى ھەققىدە ۋ. ۋ. بارتولد، ئا. زەكى ۋەلىدى توغان، م. فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئا. ئىنان، ل. لىگەتى، ئا. ئەردوغان، ئا. ئا. سېمىنوف، ئا. ك. بوروكوف، ي. ئېكمانن، ش. تېكىن، ئا. مېنگانا، گېڭ شىمىن، لى زېڭشياڭ، شى جۇمېي ۋە شەمشىدىن ھاجى قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك قاراشلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى تۈركىيچە «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسىنىڭ 10-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىشلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئا. زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ قارىشىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ش. تېكىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۇنجى تۈركىيچە تەرجىمىسى ئۇنىڭ تۇنجى پارسچە تەرجىمىسى بىلەن بىرلىكتە 10-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سامانىيلار خانى مەنسۇر بىن نۇھ (961~976)نىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇخارادا توپلانغان بىر ئىلىم ھەيئىتى تەرىپىدىن تەبەرىنىڭ «قۇرئان تەپسىرى»نى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن. «قۇرئان كەرىم»نىڭ قۇر ئارىلىقىغا سۆزمۇسۆز قىلىنغان تۇنجى پارسچە تەرجىمىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە قاچان، قانداق مەقسەت بىلەن كىملەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئېنىق سۆزلەنگەن. بۇ كىرىش سۆزدە ئىسفىجابتىن كەلگەن ئىككى ئالىمنىڭمۇ بارلىقى خاتىرىلەنگەن. ئا. زەكى ۋەلىدى توغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۇنجى تۈركىيچە تەرجىمىسىنىڭ ئۇنىڭ پارسچە تۇنجى تەرجىمىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشۇ پارسچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ھەيئەتتىكى تۈركلەر تەرىپىدىن ئىشلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن. ش. تېكىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغان تۆت خىل تەرجىمە نۇسخىسى ئىچىدىكى پارسچە، ئەرەبچە ۋە خاقانىيە تۈركچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا كۆچۈرۈلگەن «ريلاندس نۇسخىسى»غا ئاساسەن بۇ قاراشنى تېخىمۇ ئوچۇق بىر شەكىلدە ئىسپاتلىغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۇنجى تۈركىيچە تەرجىمىسى ئۇنىڭ پارسچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ھەيئەتتىكى ئىككى ئالىم تەرىپىدىن قىلىنغان. نۆۋەتتە بۇ خاقانىيە تۈركچىسىگە ئائىت تۇنجى ئەسەر دەپ قارالماقتا[27]. ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ بۇ نۇسخىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىملارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، بۇ تەرجىمىنى ئىشلىگەن تەرجىمانلار تۈركىي تىلنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىن ناھايىتى كەڭ پايدىلانغان، دىنىي ئاتالغۇلارنى ئىپادىلەشتە پۈتۈنلەي تۈركچە تەڭداش ئاتالغۇلارنى قوللانغان، يېڭى چۈشەنچە ۋە يېڭى ئوقۇملارنىمۇ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردىن پايدىلىنىپ سۆز ياساس ئارقىلىق تولۇق ئىپادە قىلغان. تەرجىمە تىلى ناھايىتى چۈشىنىشلىك بولغان. تەرجىمانلار پەقەت 1999 سۆزلۈك (ئىسىم1425 ، پېئىل 574) قوللىنىش ئارقىلىق ‹‹قۇرئان كەرىم››نى تۈركچىگە تولۇق ۋە ناھايىتى يېقىشلىق تەرجىمە قىلغان.[28] شۇڭا، بۇ تەرجىمە تۈركىي تىلنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، تۈركىي تىلنىڭ مۇكەممەللىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەرىيانىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈركىي تىلنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن يېڭى يۈزلىنىشنى، ئىسلام دىنى بىلەن بىرلىكتە كىرگەن يېڭى چۈشەنچە ۋە يېڭى ئوقۇملارنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر كۈلتۈرى دەۋرىنىڭ سۆزلۈك خەزىنىسىدىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى بىلىشتە بۇ قۇرئان تەرجىمىسى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۇيغۇرلار ئورتاق دىنىي مۇھىت، بىلىم ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەر ئارقىلىق يەنە جۇڭگو، ھىندىستان، ئىران، سۈرىيە ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ئەسەرلەر (ھىندى ماتېماتىكىسى، ئەرەب ئاستىرونومىيەسى، يۇنان پەلسەپەسى، ئىران ئەدەبىياتى) بىلەنمۇ ئۇچراشقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە ئەسەرلەرنى تاللاپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز. چۈنكى، قولىمىزدا بار بولغان بەزى ئەسەرلەر بۇ ھەقتە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرمەكتە. لېكىن، ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئارخېيولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر كۆپىنچە ئىبادەتخانىلار ۋە مىڭئۆي غارلىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، تېپىلغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى پەقەت دىنىي ماھىيەتتىكى ئەسەرلەردىن ئىبارەت بولدى.

ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكى خەلقئارالىق تەرجىمە پائالىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خاراكتېرىلىنىدۇ. شەرقىي ئاسىيادا بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى توخرىلار (ياۋچىلار)، تابغاچلار، قۇتقۇ ھۇنلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا تەرجىمىچىلىكى ۋە بۇددا مىمارچىلىقىدا ياراتقان سەنئەت ئەسەرلىرىگە تايانغىنىدەك، مىلادىيە 13-ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەتكە قەدەم قويۇشى، موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىمۇ ئۇيغۇر تەرجىمانلىرىنىڭ ئەجرىگە باغلىناتتى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان مەمۇرلار، ئاندىن قالسا خەنزۇ كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىنى موڭغۇللارغا تونۇشتۇرغۇچى تەرجىمانلارغا ئايلانغان. ئۇلاردىن ئەڭ مەشھۇرلىرى ئەنزاڭ ۋە گارۇناداس قاتارلىقلار ئىدى. قۇبلايخان ئەنزاڭغا خەنزۇلارنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى، تارىخ ۋە تېبابەتكە ئائىت مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «قەدىمنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»، «قىيىن كېسەللىكلەر دەستۇرى»، «دورا ئۆسۈلۈكلىرى قامۇسى» قاتارلىقلارنى موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر تىللىرى (يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى ئۇيغۇر تىلى ئىدى) غا تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. گارۇناداس كۆپ خىل تىل بىلىدىغان ئالىم ئىدى. ئۇ ھىندىچە ۋە تىبەتچە كىلاسسىك مۇقەددەس كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئىمپېراتورغا سۇنغانىدى. ئۇ ھىندىچىنى ۋە سۇماترا ئەللىرىنىڭ تىللىرىنىمۇ بىلەتتى. بۇ ئەللەردىن قۇبلايخاننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن ئەلچىلەر ھەيئىتىگە ئۇ تەرجىمانلىق قىلغان. خەنزۇچە مەنبەلەردە بىر قېتىم بۇ يەردىن كەلگەن 20 نەچچە ئەلنىڭ ئەلچىلىرىگە ئۇنىڭ تەرجىمانلىق قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن[29].

يۈەن سۇلالىسىدىكى ئۇيغۇر مەمۇرلىرى موڭغۇل، خەنزۇ، تىبەت، ھىندىچىنى ۋە سۇماترا تىللىرىنى بىلگەن بولسا، دەشتى قىپچاق ۋە جەنۇبىي رۇسىيەدىكى ئۇيغۇر باخشىلىرى ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا رۇس ۋە ئوكرائىن تىلى تەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىراندىكى ئىلخانىيلار ئوردىسىدا ۋە بۇ خانلىقنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار پارس ۋە ئەرەب تىلىدىكى خەت–ئالاقە ۋە تەرجىمە ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان. مەسىلەن، راشىددىن تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن ۋە ئۇنىڭ نامىدا ئىلان قىلىنغان «جامىئۇت تەۋارىخ» ناملىق كىتابتىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلارنى شۇ ۋاقىتتا بۇ كىتابنى يېزىش ھەيئىتىگە قاتناشقان خەنزۇ ئالىملاردىن لى دازى بىلەن يۇڭ سېن خەنزۇچە مەنبەلەردىن تاللاپ رەتلەپ چىققان، ئۇنى بۇ ھەيئەتتىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ئالىمى ۋە كاتىپلار پارسچىغا تەرجىمە قىلغان[30]. شەرقىي ئاسىيادىن شەرقىي ياۋروپاغا ۋە غەربىي ئاسىياغا قەدەر سوزۇلغان بىر پۈتۈن موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا، رەسمىي خەت-ئالاقىسىدە ۋە تۈرلۈك ئەسەرلەر تەرجىمىچىلىكىدە ئۇيغۇر تەرجىمانلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. شۇ مەزگىللەردە تاڭغۇتلارغا بۇددىزمنى تونۇشتۇرغانلارمۇ يەنە ئۇيغۇر بۇددا ئالىملىرى ئىدى. ئالىم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن بۇ دەۋرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنى ‹‹تەرجىمان مىللەت›› دېگەن نام بىلەن سۈپەتلىگەن.[31] ئەلۋەتتە بۇ قاراش ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەۋرنىڭ تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىدە ئوينىغان رولىنى ۋە ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىك تارىخىنى چۈشىنىشتە مۇھىم بىر ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ.

[①] ئا.ۋون . گابائىن : ‹‹كۆكتۈرك تارىخىغا بىر نەزەر››، ‹‹ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ژۇرنىلى››، تۈركچە، 1994- يىلى، 2-سان، 690-بەت.

[②] رەشىد رەھمەتى ئارات: «ئۇيغۇرلار»، «تۈرك كۈلتۈرى تەتقىقاتى»، تۈركچە، 1977~ 1978-يىللىق 1~2-سان (بىرلەشمە سان)، 104-بەت.

[③] ئې. خ. شافېر: «تاڭ دەۋرىدىكى چەتتىن كىرگەن مەدەنىيەت»، 1995-يىلى، بېيجىڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 48-بەت.

[④] سۇڭ چى، ئوۋ ياڭشيۇ  : ‹‹يېڭى تاڭنامە››، 1975 يىلى ، بېيجىڭ ، جۇڭخۇا كىتابچىلىق نەشرىياتى، بەلگە قويۇلغان نۇسخا، خەنزۇچە نەشرى، 6411-بەت.

[⑤] رازاق مەتنىياز: «غەربىي يۇرت تەرجىمە تارىخى»، 1997- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 191-بەت.

[⑥] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» («بۆگۈ خان رىۋايىتى» ماددىسى)، 1977 – يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى ، تۈركچە نەشرى،8-توم، 27-بەت.

[⑦] لى يىڭگو: «سۈي-تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر بىر قانچە مەسىلە»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» (ئۇيغۇرچە) ژۇرنىلى، 1995-يىللىق 2-سان، 85-بەت.

[⑧] رازاق مەتنىياز: «غەربىي يۇرت تەرجىمە تارىخى»، 1997- يىلى، ئۈرۈمچى ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 13-بەت.

[⑨] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، 1997- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 88-، 89-بەتلەر.

[⑩] ۋ. ئېبېرخارد: «جۇڭگو تارىخى»، 1995- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 158-بەت.

[11] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» («دۇنخۇاڭ» ماددىسى)، 1981- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، تۈركچە، 30~31-توم 2-قىسىم، 502-، 503-، 504-بەتلەر؛ ئەمەل ئەسىن : ‹‹كۆكتۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرىدىن جۈچۈ مېڭسىن (367~433) دەۋرىدە سەنئەت››، ‹‹تۈرك كۈلتۈرى››، تۈركچە، 1971-يىلى، 100–سان، 316-بەت.

[12] ب. ئۆگەل: «تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى»، 1-توم، 1971- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، تۈركچە، 22-بەت؛ ئاھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن : ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››(باشلانغۇچتىن 20-ئەسىرگە قەدەر)،2007- يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 85-بەت؛ سائادەتتىن گۆمەچ : ‹‹كۈكتۈرك تارىخى››،1999- يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 21- بەت.

[13] لى يەنشۇ: «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى»،2002- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە، 539-بەت؛ ۋېي چىڭ: «سۈينامە»، 1973- يىلى، بېيجىڭ، جۇڭخۇا كىتابچىلىق نەشرىياتى، بەلگە قويۇلغان نۇسخا، خەنزۇچە نەشرى، 1863-، 1864-بەتلەر.

[14] لى بەيياۋ: «شىمالىي چىنامە»، 1972- يىلى، بېيجىڭ، جۇڭخۇا كىتابچىلىق نەشرىياتى، بەلگە قويۇلغان نۇسخا، خەنزۇچە نەشرى، 267-بەت؛ ئاھمەت تاشاغىل: «كۆكتۈركلەر» 1-توم، 2003- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 28-بەت.

[15] جاڭ رېنتاڭ: «تاڭ دەۋرىدىكى شەرقىي كۆكتۈركلەر ھەققىدە يېڭى ھۆججەتلەر»،1967- يىلى، تەيبېي، تۈركچە نەشرى، 174-بەت؛ يۈ تيەنخېڭ: «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان»،2005-يىلى، بېيجىڭ، جۇڭخۇا كىتابچىلىق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 140-بەت.

[16] دولقۇن قەمبىرى: «‹مايترى سىمىت›نىڭ پۈتكەن دەۋرى ھەققىدە يېڭى مۇھاكىمە ۋە دىرامىدىكى يېڭى ساھىل»، «غەربىي يۇرت تىياتىرى ۋە تىياتىرنىڭ بارلىققا كېلىشى»، 1992- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 13-بەت.

[17] ئىسراپىل يۈسۈپ، ئابدۇقەييۇم خوجا، دولقۇن قەمبىرى: «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹مايترى سىمىت›» (فاكسىمىل، مەتىن، تەرجىمە)،1987- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 4-بەت.

[18] ئاھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن: «تۈرك تىلى تارىخى» (باشلانغۇچتىن 20-ئەسىرگە قەدەر)، 2007- يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 243-بەت.

[19] خالىدە مۇتئى نەشىرگە تەييارلىغان: «ئىبراھىم مۇتئىي ئىلمىي ماقالىلىرى»، 2007- يىلى، بېيجىڭ ، مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 554-بەت.

[20] فۇئاد بوزكۇرت: «تۈرك تىللىرى»، 1999- يىلى، ئەنقەرە، كۈلتۈر مىنىستىرلىقى نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 104-بەت.

[21] «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» («ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ماددىسى) ، 1984- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 33-توم، 129-بەت.

[22] يۇقىرىقى ئەسەر، 128-بەت.

[23] گاۋ يۇڭجيۇ: «غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ دىنى توغرىسىدا قىسقىچە بايان»،1997-يىلى، بېيجىڭ، ئالىي مائارىپ نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 285-بەت.

[24] «ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك ئەدەبىياتى»، 1984- يىلى، ئىستانبۇل، توكەر نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 121-بەت.

[25] ئا. جافەرئوغلۇ: «تۈرك تىلى تارىخى» 1-قىسىم، 1984-يىلى، ئىستانبۇل، ئەندەرۇن كىتابخانىسى، تۈركچە نەشرى، 158-بەت.

[26] «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» («تۈرك تىلى» ماددىسى)، 1988- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 12-توم 2-قىسىم، 485-بەت.

[27] ئا. ك. بوروۋكوف: «ئوتتۇرا ئاسىيادا تېپىلغان‹قۇرئان كەرىم›تەپسىرنىڭ سۆزلۈك خەزىنىسى» (12~13-ئەسىرلەر)، 2002- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 17-بەت.

[28] ئەمەك ئۈشەنمەز : ‹‹تۈركچە تۇنجى ‹قۇرئان› تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىسلامىي ئاتالغۇلارنىڭ تۈركچە تەڭداش ئىبارىلىرى ھەققىدە››، ‹‹سوتسىيال بىلىملەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى››، تۈركچە، 2006- يىلى، 1- سان.

[29] ب. ئۆگەل: «چىڭگىزخاننىڭ تۈرك مۇشاۋىرلىرى»، 2002-يىلى، ئىستانبۇل، IQ كۈلتۈر - سەنئەت نەشرىياتى، تۈركچە نەشرى، 120-، 125-، 126-بەتلەر.

[30] مىدھات سەرتئوغلۇ: «تۈرك تارىخىنى بۇلغىغان تارىخچى»، «تۈرك دۇنياسى تارىخ ژۇرنىلى»، 1987-يىللىق 6-سان، 58-بەت.

[31] ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن : ‹‹ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى››(ماقالىلار توپلىمى)، 2002- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 167- بەت.

مەنبەسى : ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى›› ، 2014- يىلى 2- سان