8- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلاردا مائارىپ

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search


8- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلاردا مائارىپ


يۈسۈپجان ياسىن


مائارىپ كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەت تەرىپىدىن تەتبىقلىنىۋاتقان ۋە ئومۇم قوبۇل قىلغان ئۆلچەم بويىچە ياشاش ئىقتىدارىنى يارىتىشىدۇر. لىكىن، بىر مىللەتنىڭ ياشاۋاتقان جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، ئىرقى، تۇيغۇسى، ئېتىقادى، ھايات تەجرىبىسى ۋە دۇنيا قارىشى پەرقلىق بولغانلىقتىن تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ سىياسىي – ھوقۇق ئېڭى ۋە مائارىپ چۈشەنچىسىمۇ ئوخشىمىغان خاراكتېرنى ئىپادە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مائارىپ مىللىيلىككە ئىگە بولۇشتەك خاراكتېر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن ساھەسى بىر مائارىپ سورۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. تار مەنىدىن ئېيتقاندا، مائارىپ ئىنسانلارنىڭ ئەقىلگە تايىنىپ بىلىم ساھەسىدە، يەنى چۈشەنچە، دۇنياۋىي پەنلەر ۋە ھۈنەر – تېخنىكا جەھەتتە تۈرلۈك ئۇقۇم نەزەرىيە، كەشپىياتلارنى يارىتىش ۋە ئۇنى ۋاسىتە قىلىپ ئىلگىرىلەش جەريانىدىن ئىبارەت. بۇ ئىنسانىيەت، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت ھەققىدىكى بىلىمنىڭ ئۇقۇملىشىشىنى ۋە مۇئەييەن بىر كەسپىي سورۇندا مەخسۇس يەتكۈزۈلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەكتەپ مائارىپى بۇ تىپقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. لېكىن، پەن بىلىملىرىگە تايانغان ئاشۇ مەكتەپ مائارىپى پەقەت كەڭ مەنىدىكى مائارىپ بىلەن بىرىككەندىلا، يەنى ياشاش ئىقتىدارى، مىللىي خاسلىق ۋە ئەخلاقنى ئۇل قىلغاندىلا ئاندىن مىللىي گۈللىنىش ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. دېمەك، مائارىپ يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ئۆز تەبىئىتى ۋە ئېھتىياجى بويىچە تاللىغان تەربىيە شەكلىدىن ئىبارەت.


مەيلى كەڭ مەنىدىكى مائارىپ قارىشى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تار مەنىدىكى مائارىپ قارىشى جەھەتتىن قارىغاندا بولسۇن، تۈركىي قەۋملەر مائارىپنىڭ رولىنى تولۇق چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ساداقەت كۆرسەتكەن مىللەتتۇر. مىلادى 3- ئەسىردە ياشىغان ياۋروپالق ئالىم سولىن ئۆزىنىڭ ‹‹ھەر قايسى ئەللەر تارىخى›› دېگەن كىتابىدا ‹‹سېرىسلار(تۈرك - ئۇيغۇرلار) يۈكسەك دەرىجىدە مەدەنىيەتلىك ۋە مەرىپەتلىك – مائارىپچى مىللەت›› دەپ يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تۇغرىسىدا تۇنجى بولۇپ مەلۇمات بەرگەنىدى. ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ تەپەككۇرى ھەممىدىن بەكرەك ئىنسانىي سۆيگۈگە ھەم ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە بېغىشلانغاچقا، ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە قىزىقىشىغا ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىنغان. مائارىپ قارىشىمۇ دەل ئەخلاق(ئىنساننىڭ قەدرىنى قىلىش، جاسارەت، قەھرىمانلىق) ← بىلىم (ھۈنەر-ئىقتىدار، يېتەكچىلىك)← جەمئىيەتچىلىك (ھەقىقەتچىلىك) ئىبارەت ئۈچ خىل ئامىلغا تايانغان ۋە ئىنسانلارنى بۇ چۈشەنچە بويىچە يېتىشتۈرۈشكە تىرىشقان. ئادالەت چۈشەنچىسى ۋە ئىنسانىي سۆيگۈنى مەنبە قىلغان بۇ خىل مائارىپ قارىشى تۈركىي قەۋملەرنى رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان ۋە ئەمەلىيەتچىل ئىنسانلار سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان. كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە، داستان ۋە ماقال–تەمسىللىرىمىزدە گەۋدىلەنگەن دېداكتېكىلىق ۋە پېداگوگىكىلىق خۇسۇسىيەتمۇ دەل مۇشۇ خىل مائارىپ ئېڭىدىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭا، جەمئىيەتنىڭ تەقدىرىنى شەخسىي ھاياتنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان ۋە سەخسىي ھاياتنى مىللىي ھايات ئۈچۈن بېغىشلايدىغان ‹‹پەزىلەتلىك››، ‹‹قەھرىمان›› ۋە ‹‹ھەقىقەتچى›› تىپىدىكى ئىنسانلارنى يارىتىش ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئەنە شۇنداق مائارىپنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلار سەمىمىي بىر مەدەنىي جەمئىيەت ھاسىل قىلغان.


ئەگەر بىز مائارىپنى پەقەت پەن ھەققىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىدىنلا ئىبارەت دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە ئىكەنلىكى مەلۇم. يېزىقنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئىسانلارنىڭ مەدەنىيەت، بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ تۇنجى بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. تۈركىي قەۋملەرنىڭ بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇن يېزىق تارىخىغا قەدەم قويغانلىقى بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئىزدىنىشىنىڭ مۇھىم بىر ئىسپاتىدۇر. شۇنداقتىمۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى مەكتەپ مائارىپى توغرىسىدا كۆپ نەرسىنى بىلمەيمىز. ئورخۇن – سېلىنگا دەرياسى بويلىرىغا تىكلەنگەن مەڭگۈ تاشلاردا پۈتكۈل مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئوقۇپ بىلىشى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن خىتاپ قىلىنغانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردا كەڭ خەلقنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش سەۋىيەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگىنى بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەغەز ۋە مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىشى، بۇنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن نەشرىياتچىلىق، مۇقاۋىچىلىق تېخنىكىسى ۋە شىرازچىلىق سەنئىتى ئۇلارنىڭ مائارىپتىكى بۈيۈك ئىزدىنىشى ۋە پارتلاش خاراكتېرلىق كەشپىياتى بولۇپ، بۇ مائارىپنىڭ تېخىمۇ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سەۋىيەسى ۋە داڭقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھالقىپ غەربىي ئاسىياغا قەدەر يېيىلغانلىقى ئىسلام ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە فەھرەددىن مۇبارەكشاھ (1148- 1215) تۈركلەر-ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق ۋە كىتابلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنى بالىلارغا ئۆگىتىدىغانلىقىنى، يېزىقلىرىدىن بىرىنىڭ 25 ھەرپلىك سوغدى يېزىقى، يەنە بىرىنىڭ بولسا 28 ھەرپلىك ۋە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان توققۇز ئوغۇزچە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ تۇتاش يېزىلمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. مۇبارەك شاھ تىلغا ئالغان بۇ ئىككى يېزىقنىڭ ئالدىنقىسى ئۇيغۇر يېزىقىنى، كېيىنكىسى تۈرك يېزىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. بۇنىڭدىن تۈرك يېزىقىنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مائارىپىدا ئۇزۇن ۋاقىت مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئائىت مۇھىم بىر ئۇچۇر ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەرىيانىدا تېپىلغان بىر ئېلىپبە جەدۋىلىدۇر. بۇ تۈرك يېزىقى بىلەن مانى يېزىقىنىڭ سېلىشتۇما جەدۋىلى بولۇپ، بۇنىڭ تۈرك يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. ئا.ۋون. گابائىن خانىم ئۇيغۇرلاردا يېزىق ئۆگىنىش ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنىڭ بولغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. مائارىپتا دەرىجە – ئۇنۋانلارنى بەلگىلەيدىغان بىلگە كېڭىشى (مائارىپپەرۋەر دانىشمەنلەر كېڭىشى) ئەل ئىچىدىكى ئاقارتىش ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلاتتى. دېمەك، يېزىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىغا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەممە كىشى ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلەتتى. تۇرپاندىن ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان تۈرلۈك يېزىقتىكى نۇرغۇنلىغان قول يازمىلار ۋە باسما كىتابلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ تىللىق بولۇشتەك مەدەنىيەت ھالىتىنى ياراتقانلىقى، ھەتتا ئائىلىدىكى خىزمەتكارلار ۋە قۇللارنىڭمۇ بۈگۈنكى كۈندىكى توختاملاردىن پەرقلەنمىگۈدەك دەرىجىدە قانۇنىي ھۆججەت يېزىش سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكى دەل مائارىپنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە مەشھۇر ئالىم جەپپار ئەل ئەھمەدنىڭ ‹‹ئۇيغۇرلاردا قانۇن ۋە مالىيە ئاتالغۇلىرى›› دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ : ‹‹مىلادى 12- 13- ئەسىردىكى بەشبالىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى مۇشۇ ئەسىر(20- ئەسىر)نىڭ بېشىدىكى شۇ جاينىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدىن كۆپ ئۈستۈن ئىدى.... ئاشۇ تۈركلەر(ئۇيغۇرلار) شۇ دەۋردىكى غەربىي ياۋروپا زېمىندارلىرى، رىتسارلىرى ۋە يىرۇسالىمگە يۈرۈش قىلغان دەۋردىكى خرىستىيانلارغا سېلىشتۇرغاندا، تېخنىكا ۋە تەربىيەلىنىش- مائارىپ جەھەتتە زور دەرىجىدە ئۈستۈن تۇراتتى.›› ئا. ۋون. لېكوك تۇرپاندىن تېپىلغان ۋە ئاشۇ دەۋر ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىدىن روشەن دالالەت بېرىدىغان بىر رەسىمىنى ئىلان قىلغان. بۇ ئالتە كىشىنىڭ يېزىق ئۈستىلىدە تەلىم ئېلىش ياكى ئىمتىھان بېرىشكە ۋە ياكى دىسسېرتاتسىيە ياقلاشقا تەييار تۇرغان ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر پۈتۈن تەسۋىرىي رەسىمنىڭ ساق قالغان يېرىمى بولۇپ، ئۇنىڭدا رەسمىي يوسۇندا يۇقىرى تەلىم ئورنى فورمىسىدا كىيىنگەن، بۇرتى خەت تارتقان، كېلىشكەن ئۈچ ئەركەك داستىرخان- ياپقۇ سېلىنغان ۋە بىر كىشىگە خاس قىلىپ ياسالغان يېزىق شىرەسىدە يېزىشقا تەييار تۇرغان ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن. بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن بۇنى ‹‹ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇنتىزىم ئالى مائارىپىنىڭ بىر ئۇچۇرىدۇر›› دەيدۇ. بۇ دەۋرنىڭ مائارىپىدىن ئۇچۇر بېرىدىغان رەسىملەر پەقەت بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. تۈركىيەلىك مەشھۇر تارىخشۇناس ب. ئۆگەل ئىلان قىلغان ئۈچ پارچە رەسىممۇ بۇ ھەقتە ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇر ھېساپلىنىدۇ. بۇ رەسىملەرنىڭ بىرىدە بىر كىشىنىڭ ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ب. ئۆگەل بۇنى ‹‹بىر ئۇيغۇر ئالىمى›› دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر رەسىمدە باغدىكى كېمىر شەكىللىك مىھراپ ئاستىدا يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ئۇستازنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا تۆتتىن سەككىز ئوقۇغۇچىنىڭ تىزىلىپ تۇرۇپ دىققەت بىلەن دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا بىر خىل شەكىلدىكى قاتتىق تاشلىق، ئۇزۇن قاتلىما كىتابنىڭ بارلىقى تەسۋىرلەنگەن. يەنە بىر رەسىمدە بولسا ئۈچ شاگىرىتنىڭ قولىدا ئالدىنقى رەسىمدىكىگە ئوخشاش قاتتىق تاشلىق، ئۇزۇن قاتلىما كىتاب تۇتۇپ دەرس مۇنبىرىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرغانلىقى ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا تام رەسىملىرى ئىچىدە ئۈستىگە قەغەز قويۇلغان يېزىق شىرەسىنىڭ تەسۋىرىمۇ ئۇچرايدۇ. يېزىق شىرەسىنىڭ ئۈستى لەپلىمىلىك ۋە پۈرمىلىك ياپقۇ بىلەن قاپلانغان. يەنە بىر رەسىمدە بىر كىشىنىڭ يېزىق شىرەسىگە قەغەزنى يېيىپ، خەت يېزىشقا تەمشىلىۋاتقان ھالىتى ئەكىس ئەتكەن. تۇرپاندىن تېپىلغان ‹‹خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە›› ۋە ‹‹سانسكرىتچە-ئۇيغۇرچە››قوش تىللىق لۇغەتلەرمۇ شۇ دەۋر ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تىل ۋە تەرجىمە ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بىر ئۇچۇرىدۇر. ئومۇمەن، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە تېپىلغان ھەر خىل ماتېرىياللار، تام رەسىملىرىدە ئۇچرايدىغان تەسۋىرلەر شۇ دەۋردىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، ئوقۇش ۋە يېزىش قوراللىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپقا بولغان ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي قىزغىنلىقىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ماتېرىياللار ھېساپلىنىدۇ.


ھەقىقەتەن، مىلادى 9-13- ئەسىرلەردە ئۇيغۇر مائارىپى ئىنتايىن يۈكسىلىپ، خەلقئارا تەسىرگە ئىگە مائارىپ مۇئەسسىسەلىرى-مەكتەپلەر بارلىققا كەلگەن. ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئەل - ئەسىر قاراخانىيلار خاقانلىرىنىڭ بولۇپمۇ توغانخانⅠ بىلەن سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ پەننى (جۈملىدىن دىننىمۇ) ۋە مائارىپنى ناھايىتى ھىمايە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. قاراخانىيلارنىڭ مائارىپى ھەققىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىمۇ مۇھىم ماتېرىياللاردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قارىشىچە، قاراخانىيلار مۇھىتىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئەڭ ئېتىبارلىق يېزىق سۈپىتىدە سارايدا ۋە رەسمىي خەت –ئالاقىدا كەڭ قوللىنىلغان. مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى پەقەت ‹‹قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرى›› دەپ كۆرسەتكەن. ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان ۋە ئوسمان تۇران قاتارلىق ئالىملار قاراخانىيلارنىڭ خارەزمشاھلار، غەربىي ئاسىيادىكى غەزنەۋىلەر ۋە سەلجۇقلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، قاراخانىيلارنىڭ رەسمىي تىل يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ‹‹تۈرك يېزىقى›› دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭ خاس بىر ئىلېپبە جەدىۋىلىنىڭ كۆرسىتىلىشى بۇ يېزىقنىڭ تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىردىنبىر يېزىققا ئايلانغانلىقى ۋە جەمئىيەتتە ئۇنى ئۆگىنىش ئېھتىياجىنىڭ بولغانلىقىنى دەلىللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا مائارىپ ساھەسىدىمۇ بۇ يېزىقنىڭ ئاساسلىق يېزىققا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي يەنە بىلىم، كىتاب، يېزىق، ئالىم، مەكتۇپ، قەغەز، قەلەم، دىۋىت، سىياھ، قۇتا، شىرازچىلىق، نۇسخا كۆچۈرۈش، كىتاب تۈرۈش قاتارلىق مائارىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سۆزلۈكلەر، ئۇقۇملار ۋە ماقال - تەمسىللەردىن سۆز ئېچىش بىلەن بىرلىكتە بىلىم ئەنئەنىسى، ئائىلىدىكى پەرزەنت پەرۋىشى، ئۇستازلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇرچى، ئۇستاز ۋە شاگىرىت مۇناسىۋىتى، ئىلىم تارماقلىرى ۋە كەسپلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەربىيە سىستېمىسى ۋە يېتىشتۈرۈلىدىغان ئىنسان تىپى ھەققىدىمۇ توختالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا ئوقۇش ۋە يېزىشنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بەزى خاتىرىلەرمۇ بار. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مەھمۇد كاشغەرىي ئەسىرىنى بىر مائارىپچىغا خاس سەزگۈرلۈك ۋە دېداكتېكىلىق قاراش بىلەن يازغان. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسىدا خېلىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولغان. ئىسلام مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە كىرگەن قاراخانىيلار ئىسلام مائارىپ سىستېمىسىنىمۇ قوبۇل قىلغان. بۇ چاغدا ھەم دىنىي ئىلىملەر ھەم دۇنياۋىي پەنلەر ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپ - مەدرىس سىستېمىسىغا ئۆتكەن بولۇپ، بۇ سىستېما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 20- ئەسىرگىچە داۋام قىلدى. بۇ دەۋردە قەشقەر، بالاساغۇن، سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەند، يەركەن قاتارلىق بىر مۇنچە شەھەرلەر بىلىم، سەنئەت ۋە مائارىپ مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ مەركەزلەردە جامە، كارۋان ساراي، دوختۇرخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئورگانلار قۇرۇلۇش بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي پائالىيەتلەر تەرتىپلىك ۋە پىلانلىق تۈردە ئېلىپ بېرىلغان بىر يۈرۈش مائارىپ ئورگىنى سۈپىتىدىمۇ نۇرغۇن مەدرىسلەر قۇرۇلغان. 10-12- ئەسىرلەردە بۇخارا، خارەزم، مەرۋ، نىشاپور، بەلخ، غەزنە، خۇتتال قاتارلىق مەركەزلەردىمۇ قارمىقىدا كۇتۇپخانىلار بار نۇرغۇن مەدرىسلەر قۇرۇلغان. ئەبۇل فادىل بەيھەقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئاشۇ دەۋرلەردە خۇتتال رايونىدىلا 20 دىن كۆپرەك مەدرىس بار ئىدى. بۇلاردىن پەقەت سەيياد شارتۇز رايونىدىكى خوجا مەشھەد مەدرىسى كۈنىمىزگە قەدەر مۇھاپىزەت قىلىنىپ كەلگەن. بۇلاردىن ساتۇق بۇغراخان(900-956)نىڭ قەشقەردە قۇرغان ساجىيە ۋە ھامىدىيە مەدرىسلىرى مەھمۇد كاشغەرىي ئىلىم تەھسىل قىلغان مەدرىسلەر ئىدى. بولۇپمۇ تامغاچ بۇغرا قاراخان ئىبراھىم(1046-1067) سەمەرقەندتە سالدۇرغان مەدرىس ۋە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغدادتىن قايتقاندىن كېيىن ئوپالدا ئۆزىنىڭ نامىغا ئاتاپ سالدۇرغان ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان مەھمۇدىيە مەدرىسى مائارىپ تارىخىمىزدىكى مۇھىم ئوقۇتۇش يۇرتلىرى ھېساپلىنىدۇ. بولۇپمۇ تامغاچ بۇغرا قاراخان ئىبراھىم تەرىپىدىن قۇرۇلغان مائارىپ ئورگىنىنىڭ ۋەھپەنامىسىدىن بىلىشىمىزچە، بۇ يەر بىر ئوقۇتۇش ئورگىنى بولغاندىن سىرىت، ئالىملار توپلانغان بىر ئۇنىۋېرسال ئىلمىي مەركەز ئىدى. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن تەھلىل قىلغاندىمۇ 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇر مۇھىتىدا تەپسىر، ھەدىس، فىقىھ، كەلام قاتارلىق دىنىي ئىلىملەر بىلەن بىر قاتاردا شۇ ۋاقىتتا ئومۇملاشقان باشقا ئىلىم تارماقلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر يۈرگۈزۈش مۇمكىن. بۇ پەن تۈرلىرىنى مۇنداق كۆرسىتىشكە بولىدۇ : ئاسترونومىيە، گېئومېتىرىيە، ھېساپ، پۇل بېسىش، ئالگېبىرا، جۇغراپىيە، تېبابەت، تىل، لوگىكا، شېئىر، قۇرۇلۇش، خەتتاتلىق، چەتئەل تىللىرى، چۈش تەبىرى، ھىكمەت قاتارلىق. بۇ دەۋردە مەيلى ئالىملار ۋە تېۋىپلەر بولسۇن، ياكى كاتىپ، خەزىنىدار، باجگىر قاتارلىق دۆلەت خادىملىرى بولسۇن ۋە ياكى قازى، مۇپتى، ئىمام، خاتىپ قاتارلىق دىنىي خادىملار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەدرىس ۋە شۇ خىل مائارىپ يۇرتىدا يېتىشكەنىدى. دەۋرنىڭ شارائىتىنى نەزەرگە ئالغاندا مەدرىس مائارىپىنىڭ سىرتىدا قەلەم ئارقىلىق يېتىشكەن ئالىملار بىلەن خاس دەرس ئېلىپ يېتىشكەنلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. جەمال قارشى قاراخانىيلارنىڭ مەشھۇر ئوقۇش يۇرتى ساچىيە مەدرىسىدە جەمئىيەت ۋە تەبىئەت پەنلىرىدىن باشقا، يەنە شەرق ۋە غەرپ پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن دەرس ئۆتىلگەنلىكى ۋە بۇ مەكتەپكە ھەر يىلى چەتئەللەردىن نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ كېلىپ ئوقۇيدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن. قاراخانىيلارنىڭ قۇرغان مەدرىس - مەكتەپلىرىدە ھەم مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ھەم ئوقۇغۇچى مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى ئادىل بىر شەكىلدە ھەل قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، مەدرىسلەرنىڭ ۋەخپىلىرى، يەنى كىرىم مەنبەلىرى ناھايىتى كەڭ تۇتۇلغان. ھەم مۇئەللىملەرنىڭ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق ۋە تەمىناتلىرى تەرتىپلىك ھالدا تارقىتىلغان. بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە مائارىپچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ياتاقلىق ئوقۇش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە قىلغان. بۇ شۇ دەۋر ئۈچۈن خېلىلا ئىلغار بىر مائارىپ سىستېمىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. بولۇپمۇ مائارىپ مۇئەسسىسەلىرىدە ئىلمىي ئەركىنلىكنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكىگە يېقىنلاشقان بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.


قاراخانىيلار دەۋرىدە پەن ۋە تېبابەت بىلىملىرىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە، بولۇپمۇ قانۇن ۋە ئىسلام تۈرك كۈلتۈرى، فىلولوگىيە ساھەسىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى، بۈگۈنكى زامانىۋىي قانۇن چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرغىدەك شەكىلدە ئىسلامىي قانۇن بىلەن تۈرك قانۇن چۈشەنچىسىنى بىرلەشتۈرگەن بىر قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى شۇ دەۋر ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئىدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بۇ دەۋر ئۇيغۇر مائارىپى ئۇيغۇرلارنى باراۋەرلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ئېرىشتۈرگەن. قىسقىسى، تۈركىي قەۋملەرنىڭ ساك ۋە ھۇنلار دەۋرىدىن تارتىپ ھۇقۇقشۇناسلىق، قانۇنچىلىق، ھەربىي ئىلىم، تېبابەتچىلىك، مەدەنچىلىك، ئاسترونومىيە – كالىندارچىلىق، پەلسەپە، ئەخلاقشۇناسلىق، چارۋىچىلىق، يىلقىچىلىق، دېھقانچىلىق، ئەدەبىيات، تىل - تەرجىمە ۋە سانائەت (ھۈنەر - سەنئەت) ساھەلىرىدە يۈرگۈزگەن تەدبىرلىرى، ياراتقان ئۇتۇقلىرى ۋە بۇ جەھەتتە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئۇلارنىڭ مائارىپتا قازانغان نەتىجىلىرىدۇر.


يەنە شۇ نۇقتىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالىمىزكى، موڭغۇل ئىمپېراتورلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىلىدىن خارەزىمگە قەدەر بولغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا يالغۇز مۇسۇلمانلارنىلا ئەمەس، يەنە يەرلەشكەن خەلقلەرنىمۇ ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەنگەن مەسئۇد بەگ دەۋرىدە بۇخارادا بىنا قىلىنغان خانىييە ۋە مەسئۇدىيە دېگەن ئىككى مەدرىسنىڭ ھەر بىرىدە 1000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى بار ئىدى. بولۇپمۇ سورقوتانى بىگەنىڭ ھەر بىر مەدرىسكە 10 مىڭ بالىشتىن پۇل ئىنئام قىلغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. خانىييە مەدرىسىنىڭ مۇدەررىس ۋە مۇتىۋەللىسى مەشھۇر سەيفەددىن باھەرزى ئىدى. ‹‹جەۋھەرى لۇغىتى››نىڭ تەرجىمانى(جەمال قارشى)نىڭ بىلدۈرگىنىدەك، مەسئۇد بەگ قەشقەردىكى مەسئۇدىيە مەدرىسىنىڭمۇ قۇرغۇچىسىدۇر. 1270- يىلى يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتا بۇخارا ۋەيران بولغان. بۇ ئۇرۇش يەتتە يىل داۋام قىلغان. بۇ جەرىياندا يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئىككى مەدرىس ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كۇتۇپخانىلارمۇ كۆيۈپ تۈگەشكەن.


بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر مائارىپى مىلادى 13- 14- ئەسىرلەرگە قەدەر خەنزۇ، نايمان، تاڭغۇت، قىتان، موڭغۇل، كورىيان ۋە غەربىي ئاسىيادىكى پارس ۋە ئەرەب قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار نايمان، قىتان ۋە موڭغۇللارغا مائارىپ ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازلىرىغا ئايلانغان. شۇنداقلا بۇ مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ كاتىپ، مۇئەللىم ۋە زىيالىيلار تەبىقىسىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. تۈرك ئالىمى ب. ئۆگەل ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹پۈتكۈل ئاسىيا مىللەتلىرى بىلەن ئالاقىدە بولغان ۋە كۆز ئالدىدىكى رەقىپلىرىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى دەڭسەپ كۆرۈشنى بىلگەن سودىگەر، ئالىم ۋە سەنئەتكار ئۇيغۇرلار ئىستىلاچىلارغا يول كۆرسىتىپ بەرگەن ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ نىمەتلىرىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە پايدىلىنىشنى بىلگەن.›› بۇ باھا 9- 13- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، غايىسى ۋە رولىنى تولۇق چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم قاراش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇر مائارىپ ئىدىيەسى ئىنساننى شارائىتقا ماسلىشالايدىغان، رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان، خىيالىي تۇيغۇلارغا ۋە ئوتۇپىك چۈشەنچىلەرگە بېرىلمەيدىغان، ئەمەلىيەتچان خاراكتېردە يېتىشتۈرەتتى. بۇنداق مائارىپ ئىدىيەسى ئۇيغۇر مىللىي پەلسەپىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.


مائارىپنىڭ تەرەقققىياتىغا شاھىت بولىدىغان مۇھىم بىر ساھە كۈتۈپخانىچىلىق. تۈركىي قەۋملەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا كىتاب–ماتېرىياللارنى قەدىرلەش ۋە كۆچۈرۈپ ئەتىۋارلاپ ساقلاش بىر ئەنئەنىدۇر. بىز قەدىمكى قورغانلاردىن، قەبرىلەردىن، تۇرالغۇ ئىزلىرىدىن، غارلاردىن ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ساقلانغان تۈرلۈك ئەسەرلەرنى ئۇچرىتىپ كېلىۋاتىمىز. ستەيىن دەندەن ئۆيلۈك خارابىسىدىن بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى بىر كۇتۇپخانىنىڭ ئىزىنى ئۇچراتقان. كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن دۆلەت ئابىدىسى سۈپىتىدە تىكلىگەن ۋە سانى 200 دىن ئاشقان مەڭگۈ تاشلار 7- 9- ئەسىرلەردە كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردا قاغان، ۋەزىر ۋە قوماندانلارنىڭ مىللەت ۋە دۆلەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيىتىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەش ھەمدە بۇنى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي نەسىھەت سۈپىتىدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش مەقسىتىدە تۇرغۇزۇلغانىدى. ئۇنىڭدا مىللەتنىڭ تارىخى ۋە كۈلتۈرىدىنمۇ سۆز ئېچىلىدۇ. بۇ ئابىدىلەر تارىخ ۋە كۈلتۈر تەتقىقاتىدا مۇھىم بىر ماتېرىياللار توپلىمىنى شەكىللەندۈرگەچكە ھەم مىللەت ئەزالىرىنىڭ دەرس ئېلىشى مەقسەت قىلىنغاچقا، ئۇنى ‹‹تاش كۇتۇپخانا›› ياكى ‹‹ئورخۇن كۇتۇپخانىسى›› دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بەزى ماتېرىياللاردا ھۇنلارنىڭمۇ بۇنداق ماھىيەتتىكى خاتىرە تاشلىرىنى تىكلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.


ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ كۇتۇپخانىچىلىق ئىشلىرى تېخىمۇ يۈكسەلگەن. بۇ دەۋردە ھەر بىر ئىبادەتخانىلاردا مەخسۇس كۇتۇپخانىلار قۇرۇلغان. سۇڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندېنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۇرپاندىكى 50 كە يېقىن ئىبادەتخانىنىڭ ھەممىسىنىڭ قىممەتلىك كىتابلار بىلەن تولغان بىردىن كۇتۇپخانىسى بولغان. تۇرپاندا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە شۇ دەۋردىكى بىر قىسىم كۇتۇپخانىلار تېپىلدى. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولغاچقا، كىتاب– ماتېرىياللار قۇم ئاستىدا زادىلا چىرىپ كەتمەي بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ كۆپچىلىكى قاراخانىيلارنىڭ ئىسلامىيەتنى كېڭەيتىش يولىدىكى غازاتچى قوشۇنى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋىتىلگەن. بۇددىزم مۇھىتىدا يېتىشكەن نۇرغۇن زىيالىلار قىرغىن قىلىنغان. ئا.ۋون. لېكوكنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى تۇرپاندا قىدىرىپ تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئىبادەتخانىلارنىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ بۇددىست زىياللارنىڭ جەسىتى بىلەن تولغانلىقىنى كۆرگەن. ئاشۇ مەزگىللەردە دۇنياۋىي پەنلەرنى ئوقۇتۇش ئىشلىرى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن بىرلەشكەن شەكىلدە ۋە بىر سورۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولغاچقا، ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى مەكتەپ ۋە كۇتۇپخانىلارنىڭ يوقىتىلىشىدىن دېرەك بىرەتتى. مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلارنىڭ بۇددا مەدەنىيىتىگە قارشى ئۇرۇشلىرىنى ئۇلۇغ غەلىبە سۈپىتىدە تونۇتۇپ، بىر شېئىردە مۇنداق تەسۋىرلىگەن:




كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،




كەنتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق.


بۇتخانىنى يىقىتتۇق،


بۇت ئۈستىگە چىچتۇق.


ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىرى 20- ئەسىردە ۋەيران بولۇپ كەتكەن. ئا. ۋون. لېكوك تۇرپانغا كەلگەندە بىر دېھقاننىڭ مانى دىنى كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆستەڭگە چۆرىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان. كەلكۈن سۈيىنىڭمۇ يەنە بىر يەردىكى مانى دىنى كۇتۇپخانىسىنى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى بايقىغان.


مىلادىدىن بۇرۇنلا تۈركىي قەۋملەر ياشاپ كەلگەن ۋە تۈركچە ‹‹كەڭسۇ›› دەپ ئاتالغان بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسى تەۋەسىدە مىلادى 5- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ھۇن قۇتقۇ دۆلىتى قۇرۇلغان. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى قۇتقۇ مۇڭسۇن تالانتلىق قوماندان بولغاندىن سىرىت، يەنە يېتىلگەن ئالىم بولۇپ، ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، دىن، سەنئەت ۋە ئاسترونومىيە بىلىمى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە بۇددا دىنى ناھايىتى گۈللەنگەن. دۇنخۇاڭدا 280 بۇددا ئىبادەتخانىسى ياسىلىپ، ئىچى ھەيكەل ۋە رەسىملەر بىلەن كۆركەملىك قىلىپ بېزەلگەن. كۇتۇپخانىلار سېلىنغان. قۇتقۇ مۇڭسۇننىڭ ئۆزىگە خاس ئايرىم بىر كۇتۇپخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا(ئۇلۇغ كۆلەڭگە) مەزھىپىگە ئائىت كىتابلار قويۇلغان. ئۇنىڭ ئوغلى قۇتقۇ مۇقان دەۋرىدە دۇنخۇاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتۈن كەڭسۇ(گەنسۇ) تەۋەسىدە كۇتۇپخانىلار قۇرۇلغان. 1908 - يىلى ستەيىن دۇنخۇاڭدا كەڭسۇ خانلىقى دەۋرىگە(870-1036) ئائىت بىر كۇتۇپخانىنى بايقىغان. ئۇنىڭدا ئېسىل ھەيكەللەر، رەسىملەر، بايراقلار ۋە نەچچە مىڭ پارچە يازما ھۆججەتلەر ساقلانغانىدى. بۇ كۇتۇپخانىنى ئەسلىدە مىلادى 1036- يىلى تاڭغۇتلار كەڭسۇ خانلىقىنى ئاغدۇرىۋەتكەن چاغدا، ئۇيغۇر راھىپلىرى تاڭغۇتلارنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تام ئېتىپ توسىۋەتكەن. ستەيىن بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىنلا دۇنخۇاڭغا كەلگەن پ. پېللىئوت بۇ كۇتۇپخانىدىكى ھۆججەتلەرنى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى لوندۇن بىلەن پارىژغا ئېلىپ كەتكەن.


مىلادى 10- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەردە قۇرۇلغان ساچىيە مەدرىسىنىڭ ھەيۋەتلىك كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان كىتاب ۋە ماتېرىياللارنىڭ تۈرى ۋە سانى توغرىسىدا بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيمىز. بۇنداق كۇتۇپخانىلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا يەنە بالاساغۇن، سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەند، ئوترار، يەركەن ۋە خوتەن قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەردىمۇ قۇرۇلغانلىقىنى تامغاچ بۇغرا قاراخان ئىبراھىم(1046-1067)نىڭ سەمەرقەندتە سالدۇرغان مەدرىسىنىڭ ۋەھپە ھۆججىتىدىن جەزىملەشتۈرەلەيمىز. قەشقەردە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ناملىق مەشھۇر سىياسەتنامىنى يېزىپ چىققان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىندى، ئىران، ئەرەب، يۇنان ۋە خەنزۇ كۈلتۈرىگە ئائىت بىلىملەردىن ۋە ھوقۇق چۈشەنچىلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، ساچىيە كۇتۇپخانىسىدا ئاشۇ ئەللەرنىڭ تۈرلۈك كىتاب ۋە ماتېرىياللىرىنىڭ توپلانغانلىقىنى ۋە دەرسلىك قىلىپ ئۆتىلگەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. قاراخانىيلار دەۋرىدە ھەر ساھە بويىچە فارابى، ئىبن سىنا، ھۈسەيىن ئىنبى خەلەفە، ئابدۇغاپپار ئەلئەلمالى، مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئىمادىدىن كاشغەرىي، ئەل كاتىپ سەمەرقەندى، ئبنى ئەدنانى سۇزان سەمەرقەندى، مۇھەممەد ئەلى مۇھەممەدئىمن ۋە جەمال قارشى قاتارلىق ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك پەن ساھەلىرىدە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىدە شۇ دەۋردىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلانغان تۈرلۈك ماتېرىياللارنىڭ مەنبە بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان بۇخارا كۇتۇپخانىسىنىڭ ئۇلۇغ تېببىي ئالىم ئىبن سىنانىڭ يېتىلىشىدە بىر مەكتەپ ۋە بىلىم مەركىزى رولىنى ئوينىغانلىقى مەلۇم. جەمال قارشى مىلادى 1282- يىلى ساچىيە مەدرىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا 10-ئەسىردە بالاساغۇندا ياشىغان تىلشۇناس ئەل جەۋھىرىنىڭ ‹‹ئەسھاھ فىللۇغەت›› ناملىق تۆت توملۇق كىتابىنى ‹‹سۇراھ›› نامىغا ئۆزگەرتىپ، ئەرەبچىدىن پارسچىغا تەرجىمە قىلغان. لېكىن، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كۇتۇپخانىلار كېيىنكى دەۋرلەرگە ئۇلىشالمىغان. يۇقىرىدىمۇ بايان قىلىنغىنىدەك، بۇ كۇتۇپخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئوت ئاپىتى، كەلكۈن، ئۇرۇش، ئىچكى توقۇنۇش، تەبىئىي ئاپەت، ئىسيان ۋە ئىستىلا ھەرىكەتلىرى سەۋەب بولغان.




مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ 2015- يىل 13-فېۋرالدىكى سانى