20 ئەسىردىن بۇيانقى ئۇيغۇر يېزىق تەرەققىياتى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

20 ئەسىردىن بۇيانقى ئۇيغۇر يېزىق تەرەققىياتى


ئابدۇرېھىم راخمان، ئومەرجان



(1) ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنىڭ ئىككى مىڭ يىللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا قوللىنىلغان يېزىقلار ۋە يېزىق ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە پارچە - پارچە ماقالىلەر (1) ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، ئۇيغۇر يېزىق تارىخى ھەققىدە ھېچبولمىغاندا مەلۇم بىر يېزىق دەۋرى ھەققىدە مۇكەممەل بىرەر ئەمگەك مەيدانغا كەلمىدى. ((1) بۇ يەردە قۇربان ۋەلى قاتارلىق بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئەمگەكلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.)

ۋېي سۈييى خانىم بىلەن ئابدۇرېشىت سابىت ئەپەندى بۇ جەھەتتە تېخىچە قولغا ئېلىنمىغان تېمىلار ئىچىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق تەرەققىياتى ھەققىدە ئىزدەندى. ۋېي سۈييى خانىم "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" ناملىق بۇ ئەمگىكىنى ئىتالىيىدە چىقىدىغان "مەركىزىي ئاسىيا جۇرنىلى" (چەنترال ئاسىاتىچ جوۇرنال) (ئىنگلىزچە) نىڭ 1993 - يىللىق 3 -، 4 - سانى (ئومۇمىي 37 - سان) دا ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدىكى ئىسلاھاتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجابىي، سەلبىي تەسىرلەر بايان قىلىنغان.

ئابدۇرېشىت سابىت ئەپەندى "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى" ناملىق بۇ ماقالىسىنى "شىنجاڭ تەزكىرىسى" جۇرنىلىنىڭ 1994 - يىللىق 3 - سانىدا ئېلان قىلدى. ماقالىدە 1949 - يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر يېزىق تەرەققىياتى ھەققىدە ئۈنۈملۈك پىكىرلەر بايان قىلىنغان. لېكىن يۇقىرىقى ماقالىلەردە ئازادلىقتىن بۇيانقى يېزىق ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە پىكىرلەر ئېيتىلمىغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە سۆز قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭچە چوقۇم گەپنى ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

بىز بۇ ماقالىمىزدە 20 - ئەسىردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆتۈش جەريانىدىن 1984 - يىلىدىكى ئىملا قائىدىسى بېكىتىلگەنگە قەدەر بولغان بىر پۈتۈن تارىخىي دەۋردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، شۇنداقلا يېقىنقى ئون يىل (1984 - يىلدىن 1994 - يىلىغىچە) ئىچىدە يېزىق ئىسلاھاتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز. (2) 20 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار ھەرخىل ئىجتىمائىي، تارىخىي، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەر خىل سىستېمىدىكى يېزىقلارنى قوللانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئۇزۇن ھەم ئۈنۈملۈك، ئومۇميۈزلۈك قوللانغانلىرىدىن سوغدى يېزىقى، ئورخون - يېنسەي يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەپ يېزىقى، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى (سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا 1947 - يىلىدىن تا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا 1956 - 1958 - يىلىغىچە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان)، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى (ئاپتونوم رايونىمىزدا 1960 - يىلدىن 1964 - يىلىغىچە سىناق قىلىنىپ 1965 - يىلى 4 - ئايدىن 1982 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان)، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقلار ئىچىدىكى ئۈچ ئاساسلىق يېزىق ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز:

8 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار فونېتىكا، بوغۇم بىرلىشىپ كەتكەن ئورخۇن - يېنسەي (تۈرك - رونىك) يېزىقىنى ئىشلەتكەن. 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىگە ئەگىشىپ بۇ يېزىق ئاستا - ئاستا ئىشلىتىشتىن قېپقالغان. تۇرپان قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تاكى 15 -، 16 - ئەسىرلەرگىچە، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كۆچكەن ۋاقىتقىچە ئىشلىتىلگەن. شىنجاڭنىڭ غەربىي - جەنۇبىي قىسمىدا باشقىچە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئۇ جايلاردىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ئوتتۇرا شەرق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ شەرققە سۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەن. قەشقەر شەرقتىكى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر مەركىزىگە ئايلاندى. بۇنىڭ تەسىرىدە بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، قانۇن، سەنئەت ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولدى. جۈملىدىن ئەرەب ئېلىپبەسى بۇ رايوندا ئومۇملاشتى. ئىسلام جىھاد ھەرىكىتى بىلەن يەرلىك سىياسىي كۈچلەر تەرەققىياتىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە ئەرەب يېزىقى قەشقەردىن تەدرىجىي شەرققە سۈرۈلدى. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 14 - ئەسىردىن باشلاپ مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرقى يېزىق ئىسلاھاتىغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.

20 - ئەسىر تىل - يېزىق ناھايىتى تېز تەرەققى قىلغان دەۋر بولدى. نۇرغۇنلىغان يېڭى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن تىللار مائارىپ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشتىن رەسمىي تىلغا ئايلاندى. مەركىزىي ئاسىيادىلا يېقىنقى دەۋردە تۈركىي تىل سىستېمىسىغا تەۋە تىللار كۆپىيىپ 30 غا يەتتى. (1) مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىل سىستېمىسىغا تەۋە خەلقلەرنىڭ تىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېتنىك ئايرىما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر، ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل يېزىقىغا ئىگە بولدى. ((1) ئې. تېنشۆ: "تۈركىي تىللار تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە" جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشىرىياتى 1981 - يىلى (بېيجىڭ) خەنزۇچە نەشرى 16 - بەت) (3) 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە يېزىقى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ تارىم ۋادىسىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا بولدى. 1921 - يىلى تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋال ۋە تېررىتورىيە سەۋەبىدىن ئولتۇراقلاشقان جايىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنى "قەشقەرلىك"، "خوتەنلىك"، "قۇمۇللۇق"، "غۇلجىلىق" (ياكى "تارانچى") دەپ ئاتىۋالغان، لېكىن ماھىيەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان "ئۇيغۇر" دېگەن نامى تولۇق ئاساس بىلەن ئىشلىتىش تامامەن قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، مۇنازىرە نۇقتىسى سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا قايسى دىئالېكت (قەشقەر دىئالېكتى ياكى غۇلجا دىئالېكتى) نى ئاساس قىلىش كېرەك، دېگەن باشقا بىر مەسىلىگە بۇرالدى. بۇ مۇنازىرە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى "كەمبەغەللەر ئاۋازى"، "ئازادلىق گېزىتى"، "شەرق ھەقىقىتى گېزىتى"، "قىزىل شەپەق گېزىتى"، "ئىنقىلابىي شەرق"، "لېنىن يولىدا ماڭايلى" قاتارلىق گېزىت - جۇرناللاردا تاكى 1930 - يىللارغىچە داۋاملاشتى. (1) (ئا. ت. ھەيدەروپ: "سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلنى بەرپا قىلىش جەريانى"، "قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي جۇرنىلى" 1993 - يىل 4 - سان) بۇ مۇنازىرىلەر داۋامىدا ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. س. شاكىر جانوپ ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملاسى ھەققىدە ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. (2) بۇ جەرياندا ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىقنى تۈزىتىش، تولۇقلاش، ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1925 - يىل 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئالماتادا ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1 - قېتىملىق تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر قوللىنىپ كەلگەن ئەرەپ ئېلىپبەسى قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە دەسلەپكى قەدەمدە لايىقلاشقان 27 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان ئېلىپبە قوللىنىلدى. (1) (ئابدۇرېشىت سابىت: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىيات جەريانى"، "شىنجاڭ تەزكىرىسى" 1994 - يىل 3 - سان) بۇ يېزىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1920 - يىللاردىن 1936 - يىلى لاتىن يېزىقى ئىشلتىلگەنگە قەدەر قوللىنىلدى. (2) (ۋېي سۈييى: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" مەركىزى ئاسىيا جۇرنىلى 993 1- يىلى 3 -، 4 - سان، ئېنگلىزچە نەشىرى لاتىن ئېلىپبەسى ئەڭ دەسلەپ سوۋېت ئەزەربەيجاندا (1925 - يىلى) رەسمىي قوللىنىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە بۇ يېزىق تەدرىجىي ھالدا باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ ئومۇملاشتى. (3) (ۋېي سۈييى: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" مەركىزىي ئاسىيا جۇرنىلى 1993 - يىلى 3 -، 4 - سان. ئېڭلىزچە نەشرى) 1926 - يىلىدىن باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپ - پىكىرلەرنى ۋە ھەرخىل لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرقانچە قېتىم مۇزاكىرە قىلىشتى. 1928 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە ئۆزبېكىستاندا سەمەرقەند شەھرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1 - قېتىملىق ئۇيغۇر تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئاتالغۇلار مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى. (1) (ئابدۇرېشىت سابىت: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىيات جەريانى"، "شىنجاڭ تەزكىرىسى" 1994 - يىل 3 - سان) بۇ قېتىمقى يىغىندا سوۋېت ئۇيغۇرلىرى لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، لاتىنلاشتۇرۇلغان بۇ ئېلىپبەنىڭ 32 ھەرپتىن تەركىب تېپىشى تەۋسىيە قىلىندى. لېكىن، لاتىنلاشتۇرۇلغان بۇ يېزىق تاكى 1930 - يىلى 2 - قېتىملىق ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يىغىنى ئالماتادا ئېچىلغانغا قەدەر ئىشلىتىلمىدى. (2) (ۋېي سۈييى: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" مەركىزىي ئاسىيا جۇرنىلى 1993 - يىل 3 - 4 - سان ئېنگلىزچە نەشرى.) 1930 - يىلى 5 - ئايدا ئالماتا شەھرىدە "2 - قېتىملىق ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يىغىنى" چاقىرىلىپ، 1 - قېتىملىق يىغىننىڭ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈش ھەققىدىكى قارارى ماقۇللاندى. بۇ ۋاقىتتا قوبۇل قىلىنغان لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە: (3) (ۋېي سۈييى: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" مەركىزىي ئاسىيا جۇرنىلى 1993 - يىلى 3 -، 4 - سان. ئېڭلىزچە نەشرى)

(رەسىم 1)

سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە سىلاۋيانلاشتۇرۇش ھەرىكىتى 30 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلانغان بولۇپ، 1938 - يىلى قازاقلار ئۇنى قوبۇل قىلدى. لېكىن ئۇيغۇرلار ئۇنى تاكى 1946 - يىلىغىچە ئىشلەتمىدى. شۇ يىلى بۇ ئېلىپبە يەنە موڭغۇلىيىدە قوللىنىلدى. لاتىنلاشتۇرۇلغان ئېلىپبەگە قارىغاندا، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ھەربىر تىل ئۈچۈن ئوخشىمىغان شەكىلدە تۈزۈلدى. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا رۇس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر باشقا تىللاردىمۇ رۇس تىلى ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىلغاچقا، باشقا تىللاردىكى سىلاۋيان ھەرپلىرى كۆپەيدى. مەسىلەن، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى 41 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئەسلىدىكىدىن توققۇز ھەرپ ئېشىپ كەتكەنىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى جۇمھۇرىيەتلىرىدە تىل - يېزىق ھەققىدىكى بەس - مۇنازىرىلەر شۇنداق قىزىق داۋاملاشقان بىر پەيتتە، جاھالەتلىك شىنجاڭ رايونىدا تىل - يېزىق مۇھاكىمىلىرىگە نۆۋەن يوق ئىدى. 1933 - يىلى شېڭ شىسەي ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئۆزىنى سوۋېتتىكى مىللىي ئىشلار پروگراممىلىرى بىلەن پىششىق تونۇش دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، سوۋېتتتا قوللىنىلغان مىللىي تەركىبنى ئايرىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەممە كاتېگورىيىلەرنى شىنجاڭدا قوللاندى. 1935 - يىلىدىكى 2 - قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىدا شېڭ شىسەي شىنجاڭدىكى خەلقلەرنى 14 ئېتنىك گۇرۇپپىغا (مىللەتكە) ئايرىدى. ھەمدە ھەربىر مىللەت ئۈچۈن يارىم - ئايرىم خەنزۇچە نام بەردى. (1) (بورھان شەھىدى: "شىنجاڭنىڭ 50 - يىلى" مىللەتلەر نەشىرىياتى 1986 - يىل. بېيجىڭ. 528 - 529 - بەت.) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى شېڭ شىسەينىڭ ئاتالمىش "مىللەتلەر باراۋەرلىكى" سىياسىتىنى يولغا قويۇشى بىلەن شىنجاڭدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلدى. لېكىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1930 - 1940 - يىللاردىكى دەسلەپتە لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشتىن تەدرىجىي سىلاۋيان يېزىقىغا كۆچۈش ھەرىكىتىگە ئەگەشمىدى. 1936 - يىلى ھاشىم گۆھەر باقى دېگەن كىشى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، غۇلجىدا ھۈسىيىن يۇنۇس مەتبەئەسىدە بېسىلغان ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان "ئېلىپبە" دەرسلىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا بېسىلغانىدى. ئۇنىڭدا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىشتا قوللىنىلىدىغان بەلگىلەر كىرگۈزۈلمىگەن. 1935 - يىلىدىن باشلاپ "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ ئۇيغۇرچىسى نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭدا ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆز ئاتالغۇلارنى يېزىشتا قوللىنىلىدىغان

(رەسىم 9)

ھەرپلىرى پەقەت ئەرەپچە سۆز ئاتالغۇلارنى يېزىشتىلا قوللىنىلىپ، ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەردە قوللىنىلمىدى. شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ۋە ئەگىشىشى بىلەن شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم يېزىق ئىسلاھاتى بولدى. 1937 - يىلى شىنجاڭدىكى زىياليلارنىڭ ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى سان ۋە تەرتىپ جەھەتتىن سوۋېت ئۇيغۇرلىرى قوللىنىۋاتقان لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى بىلەن ئوخشاش قىلىشقا قوشۇلدى. جەدۋەل 2 شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى 1937 - يىلىدىن ئىلگىرى قوللانغان ئېلىپبە (رەسىم 0)

جەدۋەل 3 شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى 1937 - يىلى تۈزگەن ئېلىپبە (رەسىم

1946 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا "11 ماددىلىق بىتىم" ئىمزالىنىشتىن بۇرۇن خەلق ۋەكىللىرىدىن ئېلىنغان پىكىرلەردە ۋەكىللەر "دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۈججەت - ماتېرىياللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان يېزىقى (ئۇيغۇر يېزىقى -- ئا) دا يېزىلسۇن؛ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان تىل - يېزىقىدا دەرس ئۆتۈلسۇن، دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرغان. نەتىجىدە، "11 ماددىلىق بىتىم " نىڭ 3 -، 4 - تارماقلىرىدا مۇشۇ مەزمۇندىكى پىكىرلەرگە دىققەت قىلىنىپ " دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ خەت - ئالاقىلىرىدە دۆلەت تىلى ۋە مۇسۇلمانلار تىللىرى تەڭ قوللىنىلىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئەرز - ئىلتىماسلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىدا يېزىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دۆلەت تىلى مەجبۇرىي دەرس بولۇپ كىرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىيىتىگە قاراپ دەرس ئۆتۈشتە دۆلەت تىلى بىلەن مۇسۇلمانلار تىلى تەڭ قوللىنىلىدۇ " دەپ بەلگىلەندى. 1946 - يىلى 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۆلكىنىڭ ھۆكۈمەت ھەيئەتلىرىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان " شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پروگراممىسى " ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ "گ. مائارىپ " قىسمىنىڭ 9 - تارمىقىدا " باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شۇ مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا مەكتەپتە دۆلەت تىلى ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرس قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە بولسا، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا قاراپ دۆلەت تىلى بىلەن مۇسۇلمان تىلى تەڭ قوللىنىلىدۇ " دەپ بەلگىلەندى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر تىل - يېزىقى قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە ئىشلىتىشكە باشلىدى. 1946 - يىلى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېڭى ئېلىپبە تۈزۈپ ئېلان قىلدى. بۇ ئېلىپبە 27 ھەرپتىن تەشكىل تاپقانىدى. جەدۋەل 4 1946 - يىلى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى:

(رەسىم 7)

شىنجاڭ رايونىدا ئەرەپ ئېلىپبەسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسىغا ماسلاشقان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تۇتۇش قىلىنىۋاتقان چاغدا، 1947 - يىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ قارارى بويىچە لاتىن ئىېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئېلىپبەگە كۆچۈرۈلدى. ئۇنىڭدا رۇس ئېلىپبەسىدىكى 33 ھەرپ تولۇق قوبۇل قىلىنغاندىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس فونىمىلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سەككىز ھەرپ ياسالغان. شۇنداق قىلىپ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى 41 ھەرپتىن تەشكىل تاپقانىدى. جەدۋەل 5 1947 - يىلىدىكى سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتكەن سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى

(رەسىم 6)

مانا بۇلار 1949 - يىلىدىن ئىلگىرىكى شىنجاڭ ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىر قانچە قېتىملىق يېزىق ئىسلاھاتلىرى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 40 نەچچە يىللىق تارىخىي جەرياندا ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە يەنە نۇرغۇن ئىسلاھاتلار، ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ خىل ئىسلاھات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى تارىخىي جەھەتتىن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ: (4) ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ تارقاقلىقى ۋە ئۆزى خالىغان ئىملا قائىدىسى بويىچە نەشىر ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىقى ھەقىقەتەن قالايمىقان ئىدى. 1937 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات پەقەت زىيالىيلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، پەقەت رايون ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك بەزى گېزىتلەردىلا ئىشلىتىلدى. " شىنجاڭ گېزىتى " 1935 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى. بۇ گېزىت 1937 - يىلىدىكى ئېلىپبەنى ئىشلىتىشكە مايىل ئىدى. بۇ گېزىت گەرچە شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىتىلغان بولسىمۇ لېكىن، قاتناش قولايسىزلىقى تۈپەيلىدىن چەت، يىراق جايلارغا يېتىپ بارالمىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگودا ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاپەتلىك يىللاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر ئىملا قائىدىسىنىڭ بۇنداق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، تاشكەنت ۋە ئالماتادىكى ئىككى نەشىرىيات ئورنى ئۆز ئالدىغا ئىملا قائىدىسى تۇرغۇزۇپ، نەشىر ئىشلىرى بىلەن شوغۇللاندى. 1940 - يىللاردا ۋە 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق يېزىقىدا چىقىدىغان ماتېرىياللار شىنجاڭغا كىرگۈزۈلدى (ئاساسلىق ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە). 1950 - يىللارغا كەلگەندە، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى پەرقلەر ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. 1949 - 1956 - يىللار 1949 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ئىبراھىم مۇتىي ئەپەندى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، تولۇقلاپ بېكىتىلگەن ئىملا قائىدىسى 1948 - يىل 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋە 1949 - يىل 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى " شىنجاڭ گېزىتى " دە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، ئۇيغۇر تىلىدىكى قوشۇمچىلار، باشقا تىللاردىن كىرەەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى، تىنىش بەلگىلىرى قاتارلىقلار مۇقىملاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرىنى ئەرەپ، پارىس تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ھەر كىشى ئۆزى بىلگەنچە يازىدىغان باشباشتاقلىق تۈگىتىلىپ، ئىملا دەسلەپكى بىر نورمىغا سېلىنغان. لېكىن ئەرەب ئېلىپبەسى يەنىلا ئۆز تەرتىپى بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىنغان. ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ئايرىم بەلگە بەلگىلەنمىگەن، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى، ئاھاڭداشلىقى، ئاجىزلىشىشى، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى، باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ھەققىدە قائىدىلەر تۈزۈلمىگەن. 1951 - يىلى 5 -، 6 - ئايلاردا ئالماتادا " مەسلىھەت يىغىنى " چاقىرىلىپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى، ئىملا قائىدىسىنى ۋە ئېلىپبەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا " شەرق ھەقىقىتى " ۋە " قازاق ئېلى " جۇرنىلىدىن جېلىلوۋا ئىمساخان بىلەن ئەخمەتوپ ئىمىنجان " ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى توغرىسىدا " ۋە قادىر ھەسەنوپ بىلەن م. روزىيوپنىڭ " ئىككى جۇرنالدا ئىشلىتىلگەن ئەدەبىي ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدا " ناملىق ئىككى قارارى ماقۇللاندى. بۇ قېتىمقى ئېلىپبەنىڭ 1937 - يىلىدىكى ئېلىپبە بىلەن بولغان پەرقى تۆۋەندىكىچە: 1) ئېلىپبە تەرتىپى جەھەتتە 1951 - يىلى تۈزۈلگەن ئېلىپبەدە تاشكەنت ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتكەن ئېلىپبە تەرتىپى قوللىنىلدى. 2) سوزۇق تاۋۇشلار جەھەتتە " ئە " ۋە " ئى " تاۋۇشى پەرقلەندۈرۈلدى. 3) يېڭى ئىملا قائىدىسى مەيدانغا كەلدى. شۇنداق قىلىپ 1951 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئېلىپبە بولۇپ، تاشكەنت ۋە ئالماتادا كەڭ قوللىنىلدى. جەدۋەل 6 1951 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ------------------------------------- ئا، ب، پ، ت، ج، چ، خ، ھ، د، ر، ز، ج، س، ش، غ، ق، ف، ك، گ، ڭ، ئى، ي، ي، ل، م، ن، ۋ، ئو، ئۇ، ئە ------------------------------------- بۇ ئېلىپبە ۋە ئىملا قائىدىسى شىنجاڭغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدا ھەرقانداق دەرىجىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، 1951 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭغا قارىتىلغان مەدەنىيەت سىياسىتى، تۈرلۈك تىل - يېزىقتا نەشىر قىلىنغان ماتېرىياللار ۋاسىتىسى بىلەن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە سىڭىپ كىردى. مۇشۇ ۋاقىتتا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى 1949 - يىلىدىن بۇيان تەتقىقاتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىل - يېزىقىغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى. ئېلىمىزدىمۇ مەركىزىي ھۆكۈمەت شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس خادىملارنى تەربىيلەش پروگراممىسىنى تۈزۈشكە كىرىشتى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى) 1951 - يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلەيدىغان كۇرسلارنى ئېچىشقا باشلىدى. 1950 - يىلىنىڭ كۈز پەسلىدە مەركىزىي ھۆكۈمەت غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا " قېرىنداشلار سالىمىنى يەتكۈزۈش " ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قارمىقىدا بىردىن تىلشۇناس بار ئىدى. پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ۋاڭ جۈن غەربىي شىمالغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى توغرىسىدا دوكلات يازدى. بۇ مۇشۇ رايونىدىكى تىل ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات دوكلاتى ئىدى. 1950 - يىلى 10 - ئايدا " شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى " تىل - يېزىق يىغىنى چاقىرىپ، " شىنجاڭ تىل - يېزىق كومىتېتى " قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئەوۋۇيۈەن 1951 - يىل 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ماقۇللىغان قارارىغا ئاساسەن، 1951 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا " شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى " تەشكىل قىلىندى. 1952 - ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 10 - قېتىملىق ھەيئەتلەر مەجلىسىدە " شىنجاڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى " قۇرۇش قارار قىلىندى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ھەيئەت ئەزالىرى يىغىن ئېچىپ، ئالماتادا ئىشلەنگەن " ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى " نى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. لېكىن، " ھەيئەت " نىڭ خىزمىتى 1954 - يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى تۈزۈلگەندىن كېيىن باشلاندى. بۇ چاغدا تۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى 30 ھەرپتىن تەشكىل تاپتى. جەدۋەل 7 1954 - يىلى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى

(رەسىم 5)

1954 - يىلى شىنجاڭ مىللەتلەر تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مەخمۇت زەيدى تۈزگەن " ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى " ئېلان قىلىندى ۋە بۇ ئىملا قائىدىسىنىڭ ئالماتادا تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىنى ئاساس قىلغانلىقى ئىزاھلاندى. بۇ ئىملا قائىدىسى 1954 - يىلى 3 - ئايدا شىنجاڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ چاقىرغان تىل - يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا ماقۇللاندى. بۇ لايىھە سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن 1954 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۈميۈزلۈك قوللىنىش قارار قىلىندى. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى، سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى، لەۋلەشكەن بوغۇملارنىڭ تەسىرى، بەزى تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى، باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى، قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى، بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش قائىدىلەر بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە مۇۋاپىقلاشقان ئىلمىي قائىدىلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاتالغۇلارنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ تىل ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان بىر يۈرۈش پرىنسىپلىرى، باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى توغرا يېزىشنىڭ دەسلەپكى قائىدىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قېتىمقى ئېلىپبەدە ئۇيغۇر تىلىدا مۇستەقىل فونىما سۈپىتىدە قوللىنىلمايدىغان پەقەت ئەرەپ - پارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان " ت "، ""، ""، ""، ""، ""، ""، " غ " دىن ئىبارەت سەككىز ھەرپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىن چىقىرىپ تاشلاندى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە كام بولسا بولمايدىغان سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن " ئا "، " ئە "، "ئې"، " ئى "، " ئو "، " ئۇ " دىن ئىبارەت ئالتە ھەرپ قوشۇلدى. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسى ھەققىدىكى قارار 1951 - يىلىدىكى قارار (ئالماتا يىغىنىدا ماقۇللانغان) دىن ھېچقانچە پەرقلەنمىسىمۇ، لېكىن بۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى قائىدە - پەرمانلىرىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ باشلىنىشى بولدى.

1954 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن مەدەنىيەت تەسىرى يۇقىرى باسقۇچقا كىردى. دەرسلىك ماتېرىياللار، ماركىس، ئېنگلىس، لېنىن، سىتالىن ئەسەرلىرى، سىياسىي تەشۋىقاتلار، شۇنىڭدەك تاشكەنت ۋە ئالماتا نەشرىياتلىرى نەشىر قىلغان ھېكايە، رومانلار ھەممە جايدا، يەنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرىدىن تارتىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ھەتتا شەخسىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ تېپىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1950 - يىللاردا پۈتۈن جۇڭگودا تىل، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردە سوۋېتقا ئەگىشىش ئەۋج ئالغانىدى. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا مەخمۇت زەيدى ۋە شىنجاڭ تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئىملا قائىدىسىنى ئىشلەشتە سوۋېت ئالماتا نۇسخسىسىنى ئاساس قىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.

1950 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل تىللىرىنى سىلاۋيانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىسلاھاتلار باشلاندى.

1955 - يىلى 12 - ئايدا بېيجىڭدا تۇنجى قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېزىقى مۇۋاپىق بولمىغان مىللەتلەرنىڭ يېزىق ئىسلاھاتىنى قوللاش، يېزىقى بولمىغان مىللەتلەر ئۈچۈن يېزىق ئىجاد قىلىشنى ئىلھاملاندۇرۇش ئىدى. يىغىندا 1956 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىنى لايىھىلەش ۋە ئىسلاھ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. شۇنداق قىلىپ 1956 - يىلى 700 كىشىدىن تەركىب تاپقان يەتتە ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 42 ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا ئەۋەتىلدى. 6 - گۇرۇپپا شىنجاڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت جىددىي ۋەزىپىگە مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن 1956 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق تەتقىقات كومىتېتى قۇرۇلدى. بۇ ئورگان قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى ساھەسىدە نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە ئىلمىي خادىملار ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى سىلاۋيانلاشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ، لايىھە، تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ تەكلىپ، لايىھىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، 1956 - يىل 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق 1 - قېتىملىق مىللەتلەر تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى، مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىر قىسىم ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يىڭ يۈرېن " مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇ ھەقتە بىرنەچچە پىكىر "، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور فۇ ماۋجى " يېزىق لايىھىسى ۋە ئۇيغۇر يېزىىنىڭ ئىملاسىنى تۈزىتىش توغرىسىدا بىرنەچچە پىكىر "، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەتچىسى، سوۋېت مۇتەخەسسىسى گ. سېرديوچىنكو " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەر تىل ۋە يېزىقلىرى ھەققىدە "، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلقەم ئەختەم " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق تەتقىقات كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى " قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات بەردى.

يىغىن جەريانىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە مىللەتلىرىنىڭ كونا يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتىپ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىققا كۆچۈش مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ئىشلەش مەسىلىسى، شۇنداقلا تىل ساھەسىدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلەەن نەتىجىلەر، ئىشلەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىن ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىق ئىلمىي يىغىنىنىڭ قارارى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ماقۇللاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە مىللەتلىرىنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېزىقى يوق مىللەتلەرنىڭ يېزىق تارىتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا تۆت ماددىلىق قارار (1956 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ 13 - سانلىق مەجلىسىدە ماقۇللانغان) نى ئېلان قىلدى. بۇ قارار شۇ يىلى 31 - دېكابر كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ خەۋەر " شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ 1957 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە سانلىرىغا بېسىلدى. لېكىن بۇ قارار شىنجاڭدا 1957 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك مىللەتچىلىككە ۋە ھوقۇقدارلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە بىر ياققا تاشلىنىپ قالدى. شۇنىڭدەك، 1958 - يىلى خەنزۇ تىلىنىڭ لاتىنلاشتۇرۇلغان فونىتېكىلىق ئېلىپبەسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سىلاۋيان يېزىقىنى قوللىنىش دۆلەتنىڭ بىرلىكىدىن ئايرىلغانلىق، دەپ قارالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يەرلىك تىل - يېزىق يىغىنى لاتىن يېزىقىغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەپ تۇرغان شارائىتتا، سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى تاللىشى تارىخىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئاساسقا ئىگە ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي ئاساس مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. بۇ يەردىكى سىياسىي ئاساس دېگىنىمىزدە، مەركەزنىڭ سىياسىي يوليورۇقلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ۋە موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى سىلاۋيان يېزىقىغا كۆچۈپ بولغان بولۇپ، ئېلىمىز ئۆزىنىڭ سوتسىيالىستىك قوشنىلىرى بىلەن بولغان " ئالتۇن دەۋر " نى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىدى. شۇنىڭدەك جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ سىلاۋيان يېزىقىنى تاللىشىغا كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن يوليورۇق بېرىلگەنىدى.

شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت رايونىدا 1940 - يىللاردا كۆپ قىسىم زىيالىيلار سىلاۋيان يېزىقى بىلەن تونۇش ئىدى. 1949 - يىلىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ مەمۇرىيىتىدىكى نۇرغۇن ئورۇنلار شۇ زىيالىيلار بىلەن تولدۇرۇلغانىدى. ئەينى دەۋردە ئۈچ ۋىلايەت ئۆلكە ئورنىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇنى شۇ يەردىكى زىيالىيلارنىڭ كۆپ بولۇشى بەلگىلەنگەن. ئەگەر بۇ يېزىق ئېلىمىزدە خەنزۇ تىلى ئېلىپبەسى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىلغان بولسا، " سوتسىيالىستىك ئائىلە " نىڭ " دوستلۇقى " نىڭ مۇھىم بەلگىسى، سىمۋولى بولغان بولاتتى. مەشھۇر سوۋېت تىلشۇناسى، ئاكادېمىك سېرديوچىنكو ئېلىمىز تەرىپىدىن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركلوگىيە ۋە تاجىك تىل مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللاندى. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، سېديوچىنكو زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سوۋېتنىڭ سىلاۋيانلاشتۇرۇش تەجرىبىسى خەنزۇ تىلى فونېتىكا ئېلىپبەسى تۈزۈشكە مەسئۇل زىيالىيلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى. ئۇلار يەنىلا لاتىن ئېلىپبەسىنى مۇۋاپىق كۆردى. ئېلىمىزدىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر بىلەن موڭغۇل خەلقىنىڭ تىلى ئۈچۈن سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىش سوۋېت مىللىي سىياسىتىنىڭ زور غەلىبىسى ئىدى.

ئۇزاق ئۆتمەي " بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش " فاڭجېنى يولغا قويۇلدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، جۇڭگو موڭغۇل تىلى مۇھاكىمە يىغىنى (يىغىنغا بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدىن ۋەكىل قاتناشقان) ئېچىلىپ 33 ھەرپ ۋە ئىككى قوشۇمچە بەلگىدىن تەركىب تاپقان يېڭى سىلاۋيانچە موڭغۇل ئېلىپبەسى تۈزۈپ چىقىلدى. شۇ يىلى 8 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىغا سىلاۋيان يېزىقىنى قوللىنىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قارار ماقۇللىنىپ، تىل - يېزىق كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە، ئۆزبېك، تاتار تىللىرى ئۈچۈن سىلاۋيانچە ئېلىپبە تۈزۈلدى. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن يىغىن بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى تۆت پرىنسىپنى ئاساس قىلغانىدى:

1) بىر يېزىق سىستېمىسى چوقۇم تىلنىڭ فونېتىكا بىلەن گرامماتىكا ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى ۋە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك.

2) مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن " قېرىنداش مىللەتلەر " نىڭ ھەرپ شەكلى ئىمكان قەدەر ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

3) ھەربىر ھەرپ چوقۇم ئېنىق، ئاسان ئوقۇغىلى بولىدىغان ۋە باشقا ھەرپتىن ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك.

4) ئىلىم - پەن، تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەش ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق بولۇشى كېرەك.

شۇنىڭدەك ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نۇقسانلىرى مۇنداق كۆرسىتىلدى:

1) ئەرەپ يېزىقى ئەرەپ تىلىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى يەنى تاۋۇش سىستېمىسىنى، گرامماتىك قۇرۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەرەپ تىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. لېكىن ئەرەپ تىلى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار تىللىرى باشقا - باشقا ئىچكى قانۇنىيەتلەرەە ۋە ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىككى سىستېمىدىكى تىللاردۇر. ئەرەپ ۋە تۈركىي تىللارنىڭ تاۋۇش سىستېمىسى پۈتۈنلەي بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

تاۋۇشلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوشقان ھەرپلىرىمىزمۇ ئۆزىگە خاس ئايرىم ھەرپلەرنى يارىتىش بىلەن ئەمەس، ئەرەپ يېزىقىدا ئېشىپ - تېشىپ ياتقان چېكىت ۋە پەشلەرنى كۆپەيتىش يولى بىلەن بولدى. نەتىجىدە، چېكىت، پەشتىن زېرىكىپ كەتكەن خەلقىمىز مەتبۇئاتتا كۆپ قىيىنچىلىق بىلەن تەرغىپ قىلىشىمىز ۋە ئىشلىتىپ ئاۋارە بولۇشىمىزغا قارىماي، ئۇ ھەرپلەرنى ئەمەلدە قوبۇل قىلمىدى. ئاز سانلىق كىشىلەردىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلاردىن پايدىلىنالمىدى.

2) يېزىق ساۋات چىقىرىشقا، ئوقۇش، يېزىشتا ئاسان ۋە ئەپلىك بولۇشى لازىم ئىدى. ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنىڭ بۇ جەھەتتىمۇ بىرمۇنچە نۇقسانلىرى بار. ھازىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە خاس 32 ھەرپ ئۈچۈن ئەرەپ يېزىقى ئاران 30 ھەرپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەربىر ھەرپ باشتىن، ئوتتۇرىدىن، ئاخىرىدىن قوشۇلىدىغان، ئايرىم كېلىدىغان دەپ بىر نەچچىگە بۆلۈنىدۇ. شۇنداق قىلىپ 30 ھەرپ 111 خىل شەكىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ 111 خىل بىر - بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر 111 شەكىلنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ تۇرغان 120 چېكىت، ئالتە ھەمزە، ئۈچ پەشنى ئايرىپ تاشلىساق، ئاساسىي شەكىل 16 دىن ئاشمايدۇ. مەسىلەن، ئا، ب، ئو، ك، ب، د، ر، ئى، ل، م، س، ، ھ، ، ئو، ئە

ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى، ساۋات چىقىرىشنى ۋە ئوقۇش، يېزىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن تاشقىرى، ئىملادىكى تۇراقسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولماقتا.

3) يېزىق شەكىل جەھەتتىن بىر - بىرىدىن كەسكىن پەرق قىلىشى، پەن - تېخنىكىدا پايدىلىنىشقا ئەپلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. بىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ يېزىق بۇ تەلەپكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ھازىر قوللىنىۋاتقان يېزىقنىڭ مۇرەككەپلىك ۋە قالايمىقانچىلىقى مەتبۇئاتتا خاتالىقلارنىڭ كۆپ بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا. بىر چىش ياكى چېكىتنىڭ ئارتۇق ياكى كام بولۇشى سۆزلەرنى بىر مەنىدىن يەنە بىر مەنىگە ئايلاندۇرۇۋېتىپ، جۈملە مەزمۇنىنى بۇزۇپ قويىدۇ. چېكىت ۋە چىشلارنىڭ سۇنۇپ كېتىشى سىياسىي جەھەتتىن بەزى خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ دۆلەتكە نۇرغۇن زىيان كەلتۈرمەكتە.

4) ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىزنىڭ قېرىنداش خەلقلەرنىڭ تىللىرىدا چىقىۋاتقان ئەدەبىياتتىن پايدىلىنىشقىمۇ دەخلى قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، خەنزۇ خەلقىنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگىنىشىگىمۇ قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىلاۋيان يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇنداق كۆرسىتىلدى:

1) ئەرەپ ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشقا ئاران ئۈچ ھەرپ بېرىلگەن بولسا، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشقا سەككىز ھەرپ بېرەلەيدۇ (بۇنىڭ ئالتىسى سىلاۋيان ئېلىپبەسىدە بار ھەرپلەر، ئىككىسى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدا يېزىق يارىتىش جەريانىدا سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىپ تۈزگەن ھەرپلەردۇر).

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارغىمۇ سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىن (ئەسلى سىلاۋيان يېزىقىنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ۋە ئەسلى سىلاۋيانچىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تەرىپىدىن قوشۇلغان ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ) يېتەرلىك مىقداردا ھەرپ ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان باشقا خەلقلەردە ئوقۇلۇشى بىلەن پۈتۈنلەي دېگۈدەك يېقىن كېلىدۇ.

2) سىلاۋيان يېزىقىدا ھەربىر تاۋۇش شەكىل جەھەتتىن بىر - بىرىدىن كەسكىن پەرق قىلىدىغان مۇستەقىل ھەرپلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.

3) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن، زامانىۋىلاشقان پەن - تېخنىكىسىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئەدەبىياتىدىن ئوڭۇشلۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

4) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز خەلقلىرى ۋە باشقا خەلقلەر ھەم ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرى ئۈچۈن يات يېزىق ئەمەس. 1954 - يىلىدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 5 - يىللىقىدا سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقنى ئۆگىنىش يولغا قويۇلدى.

سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە ئاساسلانغان پرىنسىپلار مۇنداق كۆرسىتىلدى:

1) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە، ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىي تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، يەنى ئۇيغۇر جانلىق تىلىدىكى رېئال تاۋۇشلار ئاساس قىلىندى. شۇڭا، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى 32 ئاساسىي تاۋۇش ئۈچۈن خاس 32 بەلگە ئېلىش تەكىتلەندى.

2) يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە، بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ ئېلىش پرىنسىپىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىن ئۇيغۇر ئادەبىي تىلىنىڭ تاۋۇش خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەرپلەردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق ۋە ئەينەن پايدىلىنىش كۆزدە تۇتۇلدى. مۇنداق پرىنسىپ بويىچە ئېلىنغان ھەرپلەر جەمئىي 24 بولۇپ، ئۇلار ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، دىن ئىبارەت.

بۇلاردىن تاشقىرى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا بار تاۋۇشلار ئۈچۈن سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئادەتتىكى شەكلىنى ساقلاش شەرتى ئاساسىدا، بۇ ھەرپلەرگە بەزى قوشۇمچە بەلگىلەر قوشۇلۇپ ياسالغان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سەككىز ھەرپ كىرگۈزۈلدى.

3) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە، تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تۇغقان تىللارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۆنىلىشىگە ئاساسلىنىپ، ھەر خىل تىللاردا بىر خىل ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلارنى ئوخشاش ھەرپلەر بىلەن بەلگىلەش كۆزدە تۇتۇلدى.

4) سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش خۇسۇسىيەتلىرى ۋە شۇ كەمگىچە ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان يېزىق ترادىتسىيىسى كۆزدە تۇتۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش سىستېمىسىدا يوق ، ، ، ھەرپلىرى لايىھىمىزگە كىرگۈزۈلمىدى. شۇنداقلا رۇس تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئورفوگرافىك بەلگىلەر (، ، غا ئوخشاش قوش تاۋۇشلۇق بەلگىلەر) ئۇيغۇر تىلى ترادىتسىيىسىدە ئادەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىراماتىك خۇسۇسىيىتىگە كىرگۈزۈلمىدى. شۇنداق قىلىپ رۇس تىلىغا خاس ، ، ، ، ، ، بەلگىلىرىنى يېزىق لايىھىمىزگە كىرگۈزمىدۇق.

5) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىنى تۈزۈشتە، مۇنداق پرىنسىپنى كۆزدە تۇتتۇق: ئەسلى سىلاۋيان ئېلىپبە تەرتىپى ساقلانغان ھالدا ئۇيغۇر تىلىغا خاس يېڭىدىن قوشۇلغان ھەرپلەرنى ( لەرنى) شۇ ھەرپلەرنىڭ شەكىل جەھەتتىن ئوخشاشلىقىغا ۋە گۇرۇپپىلىشىش تەرتىپىگە ئاساسەن تېگىشلىك ھەرپلەرنىڭ ئارقىسىغا قويدى.

شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى يىغىن سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوڭۇشلۇق لايىھىلەپ چىقتى. يىغىندا زىيا سەمىدى بۇ قېتىمقى سىلاۋيان يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان كېيىنكى ئون يىللىق پىلان ۋە پروگراممىلارنى خۇلاسىلىدى. يىغىن تۆۋەندىكى توققۇز تۈرلۈك قارارنى ماقۇللىدى:

1) ئۇيغۇر سىلاۋيان ئېلىپبەسىنىڭ 32 ھەرپتىن تەشكىل تېپىشىغا قوشۇلۇش (سوۋېت ئۇيغۇرلىرى 41 ھەرپ ئىشلەتكەن).

2) سوۋېتتىكى قازاق سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى شىنجاڭدىكى قازاقلار ئۈچۈن ئوخشاش قوللىنىش بىلەن بىرگە، ئامال قىلىپ ھەرپ سانىنى ئازايتىش (كېيىن 40 ھەرپ ئىشلىتىلدى).

3) سوۋېت قىرغىزلىرى ئىشلەتكەن سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى شىنجاڭدىكى قىرغىزلار ئۈچۈن قوللىنىش.

4) شىنجاڭدىكى موڭغۇللار ئالدىنقى يىلى ئىچكى موڭغۇلدا ئېچىلغان تىل - يېزىق مۇھاكىمە يىغىندا بەلگىلەنگەن موڭغۇل سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىش.

5) شىنجاڭدىكى شىبەلەر ئۈچۈن 34 ھەرپتىن تۈزۈلگەن سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىش.

6) شىنجاڭدىكى ئۆزبېك ۋە تاتارلار سوۋېتتىكى ئۆزبېك ۋە تاتارلار بىلەن ئوخشاش بولغان سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىش.

7) ئاكتىپلىق بىلەن تاجىك، مانجۇ، سېرىق ئۇيغۇر، سالا قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىق تەتقىقات خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلىش.

8) ئەرەپ ئېلىپبەسىدىن سىلاۋيان ئېلىپبەسىگە كۆچۈشتىن ئىبارەت يېزىق ئىسلاھاتى خىزمىتى مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل خىزمەت بولۇپ، ئۇنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇش، بۇرۇنقى ئىملا قائىدىسىنى يېڭى ئىملا قائىدىسى تۈزۈلگىچە ئىشلىتىپ تۇرۇش.

9) جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى بويىچە، يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇش، مائارىپ پروگراممىسى، كېرەكلىك نەشرىيات ۋاسىتىلىرى بىلەن يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش.

بۇ قارارنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، مەركىزىي دېئالېكتنى ئەدەبىي تىل ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىش كۆرسىتىلىپ، غۇلجا تەلەپپۇزىنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىش بەلگىلەندى. شۇنىڭدەك قاراردا يەنە ئەدەبىي تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئاتالغۇ تۈزىدىغان ئورگانلارنى قۇرۇش تەلەپ قىلىندى. نەتىجىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدىغان بولدى.

شۇنداق قىلىپ سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلدى:

جەدۋەل سلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى

(رەسىم 4)

بۇ ئېلىپبە 1956 - يىلىدىن 1958 - يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلدى.

شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىشى بىر خىل مەغلۇبىيەت، چېكىنىش ئىدى. بۇ قانداقتۇر تېخنىكىلىق جەھەتتىكى كەمچىلىك بولماستىن، ئەينى ۋاقىتتىكى سولچىل سىياسەتنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ يېزىق ئىسلاھاتىنىڭ تەكرارلىنىشى بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى تىلشۇناسلىق ئېھتىياجى دېگەندىن كۆرە سىياسىي ئېھتىياج دېگەن تۈزۈك. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىغا مەدەنىيەت جەھەتتە يۈزلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن بىر تۈز سىزىقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئىدى. بۇ ئەھۋال جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلىغاندا ئېنىق ئىپادىلەندى.


2. 1960 - 1983 - يىللار

1956 - يىلىدىكى يىغىننىڭ قارارىغا ئاساسەن، يۇقىرىدىكى بەش مىللەتنىڭ يېزىق لايىھلىرى مەلۇم دائىرىدە سىناق قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، 1957 - يىلى گوۋۇيۈەن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسىنى ئېلان قىلدى. شۇ يىلى 12 - ئايدا گوۋۇيۈەن " ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى ھەققىدە بەش پرىنسىپ " نى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ " نۆۋەتتىكى يېزىق ئىسلاھاتىنىڭ ۋەزىپىلىرى " دېگەن نۇتقى ئېلان قىلىندى. 1958 - يىلى 5 - ئايدا، بېيجىڭدا مەملىكەتلىك مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا " مەملىكتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىق ياراتماقچى بولسا ياكى يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، پرىنسىپ جەھەتتىن لايىھىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك " دېگەن پرىنسىپ بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن سىلاۋيان يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق لايىھىلىرىنى سىناق قىلىش خىزمىتى ئۆزلىكىدىن توختاپ قالدى.

1957 - يىلى ئېلان قىلىنغان بەش پرىنسىپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ:

1) ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىق ياراتماقچى ياكى يېزىقنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا چوقۇم لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

2) خەنزۇچە تاۋۇشلارغا يېقىن تاۋۇشلارنى ئىپادىلەشتە، ئىمكانقەدەر خەنزۇ تىلى فونېتىكىسىدىكى ھەرپلەرنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

3) خەنزۇ تىلى فونېتىكىسىدا يوق بولغان تاۋۇشلارنى ئىپادىلەشتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن بىرىنى تاللاش كېرېەك: (1) بىر تاۋۇش ئۈچۈن ئىككى ھەرپ قوشۇپ يېزىلىشى كېرەك؛ (2) يېڭى ھەرپ ياكى شۇنىڭغا مۇۋاپىق ھەرپ ئىشلىتىش كېرەك؛ (3) ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا بەزى بەلگىلەرنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

4) تىلنىڭ ئىنتوناتسىيىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا تۆۋەندىكىلەردىن بىرنى تاللاش كېرەك: (1) تاۋۇش ئاخىرىغا ھەرپ قوشۇش؛ (2) باشقا بەلگە تاللاش؛ (3) ئۇنى ئىپادىلىمەسلىك.

5) ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېزىقى، بولۇپمۇ ئۆزئارا يېقىن بولغان تىللار ھەرپ ۋە ئىملا قائىدىسى جەھەتتىن ئىمكان بار پەرقلىق بولۇشى كېرەك.

1958 - يىلى ئېچىلغان يىغىن 20 كۈن داۋاملىشىپ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىق ئىسلاھاتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە " بەش پرىنسىپ " نى تەكىتلىدى. يىغىنغا قاتناشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى تېخى ئالتە ئاينىڭ ئالدىدا سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە لاتىن ئېلىپبەسىنى يولغا قويۇشقا يۈزلەندى. تېخى يېقىندىلا سىلاۋيان ئېلىپبەسىنىڭ سان - ساناقسىز پايدىلىق تەرەپلىرىنى مەدھىيىلىگەن يەرلىك ئەمەلدارلار تىل ئېھتىياجىدىن كۆرە سىياسىي ئېھتىياج بولغان بۇ يېزىق ئۆزگەرتىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشتە بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلدى. ئىنتايىن زور مۈشكىلات ئىچىدە سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كەلدى. بۇنىڭ بىرى، ھەممە يېزىق ئىسلاھاتىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى ئېلىپبەسىگە قايتىش، يەنە بىرى، يېڭى سىياسەتكە يېقىندىن ئەگىشىش ئۈچۈن لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللىنىش.

نەتىجىدە، شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇل ۋە شىبەلەر ئالدىنقى ئۇسۇلنى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر كېيىنكى ئۇسۇلنى تاللىدى.

بۇ ئىشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلدى. چۈنكى، " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش " ھەرىكىتى ھەممە كىشىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى ۋە قىزىقىشىنى يەپ كەتكەنىدى. ئەمەلدارلار پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭى خەلق كوممۇناسى قۇرۇش ئىشلىرىغا بەند بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ ۋاقىتتا زىيالىيلار ئارىسىدا، يېزىق ئىسلاھاتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار ناھايىتى يىراق بولغان تاغلىق رايونلاردا، كۆمۈر كانلاردا، تۆمۈر رودىسى قېزىش ئورنىدا جاپالىق ئىشلەۋاتاتتى. نەتىجىدە، 1958 - يىلىنىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدە شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت سىنىپلىرى تاقىلىپ قالدى. 1959 - يىلى كۈزگە كەلگەندە، " ھوقۇقدارلارغا قارشى كۈرەش " نىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلار لاتىنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە مەجبۇر بولدى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە، جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لاتىن ئېلىپبەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭدا سوۋېتنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش مەقسەت قىلىندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى " خەنزۇ تىلى سۆز - ئاتالغۇلىرىنى قوبۇل قىلىش - جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆزئارا قوشۇلۇپ كېتىشى ئۈچۈن پايدىلىق، چەتنىڭ ئېلىپبەسى (سىلاۋيانچە) گىلا ئېسىلىۋېلىپ، خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرۇش يەرلىك مىللەتچىلىك " دەپ كۆرسەتتى. ئەينى دەۋردە، سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى تەكىتلەش مىللىي مەسىلە، سىياسىي خاتالىق بولۇپ ئىپادىلەندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زاكىروپ خەلقنى " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش داۋامىدا يېزىق ئىسلاھاتى پىلانىلىرىنى غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇش " قا چاقىردى. 1959 - يىلى 12 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق 2 - قېتىملىق تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ لايىھىسى بىلەن قازاق يېڭى يېزىقىنىڭ لايىھىسى ھەم ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ پرىنسىپلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ ئىككى مىللەتنىڭ يېزىق لايىھىسىنى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە سىناق تەرىقىسىدە يۈرگۈزۈش ماقۇللاندى. شۇنداقلا لاتىن يېزىقىنى قوللىنىش ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن تەكىتلەندى ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى " ئوخشاشلىق " نى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خەنزۇچە ئاتالغۇلار كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسلىرىدا ئىشلىتىلدى. شۇنداق قىلىپ 1960 - يىلىدىن كېيىن قەدەممۇ قەدەم باشلانغۇچنىڭ 1 - يىللىقىدىن باشلاپ ئىشلىتىلدى.

1959 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاق يېڭى يېزىقىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى ئېلان قىلدى. شۇنداقلا 1960 - يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى " شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ ئۇيغۇرچە سانىغا يېڭى يېزىقنى ھىمايە قىلىش ھەققىدە بىر يۈرۈش مۇھاكىمىلەرنى باستى. بۇ مۇھاكىمىلەردە ئاساسلىقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، خەنزۇ تىلىدىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش جەھەتلەردە يېڭى يېزىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى. بۇ مۇھاكىمىلەردە چەكتىن ئاشقان سولچىل ئىدىيىلەر بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ رولى كۆپتۈرۈلدى. خەنزۇ تىلىدىن كۆپلەپ ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش ۋە خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆز - ئاتالغۇلارنى ئەينەن (چ، ژ، چ، ش) بىلەن خاتىرىلەشتنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

1960 - يىلىدىن 1965 - يىلىغىچە شىنجاڭ تىل - يېزىق ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى يېڭى يېزىقنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە نۇرغۇن ئەمگەكلەرنى ئىشلىدى. بېيجىڭدىكى تىلشۇناسلارمۇ ئۇيغۇر، قازاق خەلقىنىڭ يېڭى يېزىقنى قوللىنىشى مىللەتلەر ئىتىىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسئەت ئىشاقوپ قازاقىستاننىڭ " خەنزۇ يېزىق سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقلىرىگە زورلاپ تېڭىلىشى چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ ئىسپاتى " دېگەن سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ: " ئۇيغۇر، قازاق يېڭى يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا جاھىل يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇرلار ۋە ئەكسىلئىنقىلابچىلار بىزگە قاتتىق ھۇجۇم قىلدى " دەپ كۆرسەتتى.

قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ تىل - يېزىق ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى ئۇيغۇر، قازاق يېڭى يېزىقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. شەھەر - يېزىلاردىكى زاۋۇت، كان، كارخانا، ئىشچى، دېھقانلار ئارىسىدا يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كۇرسلار ئېچىلدى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوڭلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئوقۇتقۇچى بولدى. ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسلىرىغا قاتناشقان ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ كەشتىلىرىگە يېڭى يېزىق ئىشلەتتى. قەشقەردىكى ناۋايلار ناننىڭ ئۈستىگە يېڭى يېزىق ھەرپلىرىنى چىقاردى. بالىلارنىڭ كۆڭلىكى، ئاياللارنىڭ سومكىسى ۋە ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان قورال - سايمانلارنىڭ ئۈستى يېڭى يېزىق بىلەن زىننەتلەندى......

1963 - يىلى شىنجاڭ تىل - يېزىق ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى تەييارلىغان ئۇيغۇر لاتىن ئېلىپبەسى بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدىكى تىلشۇناسلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلدى. يىغىندا ئاساسلىقى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدىغان چ، ژ، ش قوشما ھەرپلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە بولدى. يىغىندا تۆۋەندىكىلەر قارارلاشتۇرۇلدى.

1) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي تىل بولۇش ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلىش.

2) مىللىي تىللارنىڭ ئورتاقلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.

3) گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان " بەش پرىنسىپ " نى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش.

1964- يىلى 3 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنىدا لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى رەسمىي يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىش ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى ۋە 10 - ئايدا گوۋۇيۈەنگە سۇنۇلدى. بۇ لايىھىنى گوۋۇيۈەن 1964 - يىل 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تەستىقلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1965 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدە بۇيرۇق ئېلان قىلدى.

جەدۋەل 1965 - يىل 1 - يانۋار ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى

(رەسىم 3)

ئەسلەتمە: ئېلىپبەدىكى يەككە ھەرپلەردىن باشقا يەنە ش، چ، ژ، نگ قوشما ھەرپلىرى قوللىنىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سابىق ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى تۈزگەن " ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى " ئېلان قىلىندى. بۇ ئىملا قائىدىسىدە مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ ئالغا سۈرۈلگەن. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى مەسىلىسى ئىلمىي ئاساستا قائىدىلىك ھەل قىلىنغان. قوشۇمچىلاردىن ئىخچاملاشقا بولىدىغانلىرى ئىخچاملانغان. لېكىن " سول " چىللىقنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر تىلىدىكى فونىمىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە، بوغۇم تۈزۈلۈش قانۇنىيىتىگە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان بەزى ھەرپلەر (ش، چ، ژ، چ) ۋە قائىدىلەر زورلاپ كىرگۈزۈلگەن.

شۇنىڭ بىلەن يېڭى يېزىقنى ئامما ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش باشلاندى ۋە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى:

1) مائارىپ ساھەسىدە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلدى. كادىر، ئىشچى، ھەربىيلەر بۇ يېڭى يېزىقنى سىستېمىلىق ئۆگەندى. ساۋاتسىزلىققا قارشى كۈرەش كۈچەيتىلدى.

2) ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، زاۋۇت، كان، كارخانا ۋە ھەربىي ئورۇنلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشلىتىشلىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى.

3) ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىشى كېڭەيتىلىپ، بۇ يېزىقنىڭ ئەسلىدىكى يېزىقنىڭ ئورنىنى ئېلىشى تېزلىتىلدى.

بۇ خىزمەتنى 1970 - يىلىدىن بۇرۇن تاماملاش ئۈمىد قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن 1966 - يىلى باشلانغان " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " نڭ تەسىرى بىلەن خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سىياسىغا بۇرۇلدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىر كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى توسالغۇغا دۇچ كەلدى لېكىن، بۇ يېزىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قەدەممۇقەدەم ئۆگىتىلدى. ئون يىل داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە شىنجاڭمۇ پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاشلا زور بالا - قازانى بېشىدىن كەچۈردى. بارلىق كەسپىي، تېخنىكا مەكتەپلىرى، ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى تاقىلىپ، بارلىق زىيالىيلار ئاتالمىش " كادىرلار مەكتىپى " گە ئەۋەتىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى. بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا يېڭى ئېلىپبەدىن سۆز ئېچىش پۇرسىتى يوق ئىدى. ئۇيغۇر ئەرەب ئېلىپبەسى زىيالىيلار ۋە پۇقرالار ئارىسىدا گېزىت ۋە ئېلانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغانىدى. مۇنداق ئەھۋالدا سوۋېتكە قارشى تۇرۇش شىنجاڭدىكى مۇھىم ئىش بولۇپ قالغانىدى. بۇ مەزگىلدە سوۋېت مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رادىئو ۋە نەشرىيات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىغا قاراتقان سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى. مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىدا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى " كوممۇنىزم تۇغى " گېزىتى 1970 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەرەب ئېلىپبەسى بىلەن نەشىر قىلىندى. بۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، سەيپىدىن ئەزىزى 1970 - يىلى قىشتا ھەرقايسى جايلاردىكى " كادىرلار مەكتىپى " دە جىسمانىي ئەمگەك قىلىۋاتقان تىلشۇناسلارنى ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ، ئۇلارغا يېڭى يېزىقنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇش كۆرسەتمىسى بەردى. لېكىن، بۇ تىلشۇناسلار ئۇزاق ئۆتمەي " قايتا تەربىيە " گە ئەۋەتىلگەچكە، بۇ ئىش ئېغىزدىلا قالدى. گەرچە 1970 - يىللاردا مۇشۇنداق يىغىنلار ئېچىلىپ تۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن لاتىن يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا ئۈنۈملۈك قەدەم بېسىلمىدى. لېكىن قىزىق يېرى شۇكى، يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بوشىشىپ قالغان شۇ كۈنلەردە، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بۇ يېزىق شۇنچىلىك ئىجتىھات بىلەن ئۆگىتىلدىكى، نەتىجىدە پۈتۈن بىر ئەۋلاد باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى سىستېمىلىق ھالدا يېڭى يېزىق بىلەن ساۋاتلىق بولدى. 1970 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇ يېزىقنى قوللىنىش دائىرىسى ئالي مەكتەپلەرگە كىردى. لېكىن كونا ئەرەپ يېزىقىنى ئۆگەنگەنلەر يەنىلا شۇ يېزىقنى ئىشلىتىۋەردى. كونا يېزىق داۋاملىق قوللىنىلغاچقا، يېڭى يېزىق ئۆگەنگەنلەر مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن، كونا يېزىقنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار كوانا يېزىقنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، مەكتەپكە كىرگەن ياشلار يېڭى يېزىق ئۆگەنگەن بولغانلىقتىن، نەتىجىدە جەمئىيەت ۋە مەكتەپتە ئالاقىلىشىشتا زور مەسىلە كېلىپ چىقتى.

1973 - يىلى سابىق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى " ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى " نى ئېلان قىلدى. بۇ ئىمدا قائىدىسىدە 1965 - يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىگە قارىغاندا سەل - پەل ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىش ئۈچۈن بېرىلگەن قائىدىلەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشتا بىرمۇنچە قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلغانىدى. چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ھەققىدىمۇ قائىدە بېرىلمىگەن. تىنىش بەلگىلىرىمۇ خەنزۇ تىلىدىكىگە ئوخشاش بولۇشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، سانى 16 گە يېتىپ بەزى ھاجەتسىز بەلگىلەرمۇ كىرگۈزۈلگەنىدى. ئەسلىدىنلا ئومۇملاشماي تۇرغان بۇ يېزىق ھەققىدە يۇقىرىقىدەك مۇرەككەپ قائىدىلەر، ئارتۇقچە بەلگىلەر بولغاچقا، مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. لېكىن بۇ يېزىققا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت 1976 - يىلى 15- ئىيۇل كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شۇ يىلى 1 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ كونا يېزىقنى ئىشلەتمەسلىكنى جاكارلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي " شىنجاڭ گېزىتى " ۋە " قىزىل بايراق " جۇرنىلى پەقەت ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن چىقىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە ماۋزېدۇڭ ۋاپات بولۇپ خۇا گوفىڭ رەئىس بولدى. " تۆت كىشلىك گورۇھ " تارمار قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە " تۆت كىشلىك گورۇھ " تارمار قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە " تۆت كىشلىك گورۇھ " نى تەنقىد قىلىدىغان كۈرەش قانات يېيىپ كەتتى. گوۋۇيۈەن بۇ سىياسىي ۋەزىيەتنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاممىسىغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، مەتبۇئاتتا كونا ۋە يېڭى يېزىقنى تەڭ ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ " تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش " پروگراممىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېلىمىزدە يېڭى بىر دەۋر باشلانغاندىن كېيىن، تىلغا ئائىت مۇنازىرە قايتا باشلاندى. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلە قانداق قىلىپ يېڭى يېزىقنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش ئىدى. شىنجاڭ تىل - يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى 1979 - يىلى 12 - ئايدا ئۈرۈمچىدە يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر، قازاق يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسەتتى. گەرچە يىغىنغا نەشىرىيات خادىملىرى، تەتقىقاتچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىيلار قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن لاتىن يېزىقىنى قوللىنىش قىزغىنلىقى يوق ئىدى. ئەمەلىيەتتە لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ ئىملا قائىدىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەققىدە ئوچۇق شىكايەتلەر بولدى. يىغىن يېڭى ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. نەتىجىدە خەنزۇچىدىن قوبۇل قىلىنغان نۇرغۇن ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچە ياكى رۇسچىگە ئالماشتۇرۇلدى. يىغىن نەتىجىسىدە يېڭى ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، يېڭى ئۆلچەملىك ئاتالغۇلارنى ئېلان قىلدى.

بۇ خىزمەت باشلىنىپلا بىرنەچچە ئاي ئىچىدىلا شىنجاڭ تىل - يېزىق ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى لاتىن ئېلىپبە سىستېمىسى ھەققىدە نۇرغۇن شيكايەتنامىلەرنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى يەنىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن كەلگەنىدى. ئۇلار لاتىن يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر ئەرەپ ئېلىپبەسىگە قارىغاندا تەس ئىكەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ، ئۇنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىش ئۇلغىيىپ ئاخىرى 1982 - يىلى 9 - ئايدا يېڭى يېزىقنى ئىشلەتمەسلىك رەسمىيي قارار قىلىندى. ھۆكۈمەت ھۈججىتىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: " كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى يېڭى يېىزقنى ئىشلىتىپ باقمىدى ھەم ھازىر تېخى شارائىت پىشىپ يېتىلمىدى ". بۇنداق ئىككى خىل يېزىقنى تەڭ ئىشلىتىش ئەمەلىيەتتە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز ئىدى.

ساپ تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭى يېزىق كونا يېزىققا قارىغاندا يېزىشقا، ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە ئاسان ئىدى. تۆت يىللىق تەجرىبىدىن قارىغاندىمۇ بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار كونا يېزىق ئارقىلىق بىر يىل ئۆگەنگەن نەرسىنى يېڭى يېزىق بىلەن ئالتە ئايدا ئۆگىنىپ بولغان. بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسئەت ئىشاقوپ مۇنداق دېگەن: " ئوقۇغۇچىلار يېڭى يېزىق بىلەن تېز ئىلگىرىلەيدىكەن، گەرچە ئۇلارنىڭ ئىملاسى ناچار بولسىمۇ، كونا يېزىق ئارقىلىق بىر يىل ئۆگىنىدىغان نەرسىنى يېڭى يېزىق بىلەن تېز ئۆگىنىپ قالماستىن، بىر قىسىم ئاددىي جۈملىلەرنى ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان بولىدىكەن ".

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە لاتىن ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلى فونېتىكا سىستېمىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يېتەرلىك بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئالاھىدە تاۋۇشلار ئۈچۈن ئالاھىدە بولغان ئۈزۈك ۋە سوزۇق تاۋۇشلار ئىجاد قىلىنغانىدى. شۇنىڭدەك ئېلىپبە تەرتىپىمۇ ئىنگلىز تىلىدىكى 26 ھەرپ تەرتىپىگە ئوخشاش ئىدى. يېڭى يېزىقنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى تۇرۇقلۇق نېمىشقا يەنە كونا يېزىققا قايتىش بولدى؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ:

1) لاتىن ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلغاندا، تىلشۇناسلىق قائىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا يوق تاۋۇشلار ئۈچۈن مەجبۇرىي ھالدا ئارتۇقچە بەلگىلەر زورلاپ تېڭىلدى. بۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلدى. ئىملا قائىدىسى مۇرەككەپلەشتى. خەلقنىڭ قوبۇل قىلىشىغا پايدىسىز بولدى. چۈنكى ئىملا قائىدىسىدە خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئومۇمەن خەنزۇ تىلىنىڭ تراسكرىسپىيە قائىدىسى بويىچە ئورتاق تەلەپپۇزغا مۇۋاپىق يېزىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنىدى. شۇنداق بولغاندا، خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىۇ، ئوۇ، ئىاو، ش، ژ، چ، چ تاۋۇشلىرى ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشمايتتى. نەتىجىدە ئاپتور ۋە مۇھەررىرلەر خەنزۇچە ناملارنى قوللانغاندا، ئىسىمنى توغرا يېزىش ئۈچۈن بىر بولسا لۇغەتكە قارايتتى، بىر بولسا خەنزۇلاردىن سورايتتى. ئۇيغۇر، قازاق نەشرىيات ئورۇنلىرى " ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى " نىڭ ئىچىدىكى خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر ياكى قازاق يېزىقىدا يازغاندا، توغرا بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم تەكلىپ قىلىپ تۈزىتەتتى. بۇ پرىنسىپ باشقا كىتابلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر، قازاق زىيالىيلىرى نەشرىيات ساھەسىدە مۇستەقىل ئىشلەشكە ئامالسىز قالغانىدى. كونا يېزىق تەس بولسىمۇ، كېلىن ئۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى يازغىلى بولاتتى.

ئاتالغۇلار مەسىلىسىدىمۇ " سول " چىللىق چېكىدىن ئاشقانىدى. تىل پاكىتلىرىغا، تىل تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئېتىبارسىز قاراش سەۋەبىدىن، خەنزۇ تىلىدىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش قارىغۇلارچە تەكىتلەندى. ھەتتا ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىمۇ " ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ پەيدا بولۇش ئۇسۇللىرى ئىچىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ مۇھىمى خەنزۇ تىلىنىڭ ئورتاق تىل (پۇتۇڭخۇا) ئاھاڭى بويىچە بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش، ئاندىن قالسا يېرىمى ئاھاڭ بويىچە، يېرىمى تەرجىمە ياكى يېرىمى سۆز ياساش ئارقىلىق قوبۇل قىلىش " دەپ كۆرسىتىلدى.

بۇ خىل ئەھۋاللار يىغىلىپ تىل - يېزىق ساھەسىدە بىرمۇنچە قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل قالايمىقانچىلىقلارنى تۈگىتىش پەقەت يېڭى يېزىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق بولدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس ئىدى. خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئۈچۈن بېرىلگەن قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇنى ئاسان ئوقۇيالايدىغان، يازالايدىغان قىلىپ تۈزىتىش تامامەن مۇمكىن ئىدى.

2) كونا يېزىققا قايتىش ھەققىدە ئەڭ قاتتىق كۈچىگەنلەر، يېڭى يېزىق ھەققىدە ئەڭ كۆپ شىكايەت قىلغانلار ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ زىيالىيلار، رەھبەرلەر ئىدى. ئۇلار ئەينى دەۋردە كونا يېزىقتا ساۋاتلىق بولغانلار بولغاچقا، يېڭى يېزىق ئومۇملاشتۇرۇلغاندا يېڭى يېزىقنى ئۆگىنىش ئۇلارغا ئېغىر كەلگەن، لېكىن سىياسىي ئېھتىياج ئۇلارنى بىر نەرسە دېگىلى قويمىغان. " تۆت كىشىلىك گورۇھ " ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، كونا يېزىققا قايتىش شامىلى بىردىنلا كۈچىيىپ كەتتى.

3) يېڭى يېزىق يولغا قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي باشلانغان " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھېسسىياتى ۋە مىللىي غورۇرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى. بارلىق مىللىي ئەنئەنىلەر تەقىپلەندى، مىللىي بايرام، ئۆرپ - ئادەتلەر چەكلەندى. مىللىي ئەدەبىياتنى، تارىخنى ئۆگىنىش ۋە بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولمىدى. ئون نەچچە يىل تەقىپ ئاستىدا قالغان مىللىي مەدەنىيەت " تۆت كىشىلىك گۇرۇھ " نىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ بوشىدى. كەڭ خەلق ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولدى. مانا مۇشۇ چاغدىكى مىللىي ھېسسىيات ئۇزۇن يىل تاشلىۋېتىلگەن يېزىقنى تېپىۋېلىشتىن خۇشاللىق ۋە قانائەت ھاسىل قىلىش بىلەن ئىپادىلەندى. " مەدەنىيەت زور ئىنقلابى " دا تەقىپكە ئېلىنغان بارلىق نەرسىلەر يورۇقلۇققا چىقىرىلدى. شۇ جۈملىدىن يېڭى يېزىقنى ئىسلاھ قىلىپ داۋاملىق قوللىنىشقا ھېچكىمنىڭ رايى بارمىدى. مانا بۇ كونا يېزىققا قايتىشنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش نۇقتىسىدىن، " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " نىڭ بارلىق جىنايەتلىرىدىن ھېساب ئېلىش نۇقتىسىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسەتتى.


1984 - يىلىدىكى كونا يېزىققا قايتىش


يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان يېڭى دەۋر باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، 1957 - يىلىدىن كېيىنكى كۆپلىگەن خاتالىقلار " سول " چىللىق دەپ قارالدى. 1978 - يىلى بىكار قىلىنغىنىغا ئون يىل بولغان دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشقا تەييارلاندى. 1980 - يىللارنىڭ بېشىدا، يېڭى يېزىق بىلەن كونا يېزىقتا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبىدا پەرق شەكىللەندى. بۇ مەزگىلدە پەقەت باشلانغۇچ 1 - يىللىقلار ئۈچۈن ۋە بىرقىسىم بالىلار كىتابلىرى يېڭى يېزىقتا نەشىر قىلىندى. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر كونا يېزىقتا نەشىر قىلىندى.

1980 - يىل 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدا ئائىت يۈرگۈزۈلگەن خاتا سىياسەتلەر تەكىتلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل - يېزىقىغا دائىر سىياسەتلەرنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلاشمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېيجىڭدا جۇڭگو تۈركىي تىللار تەرەققىيات جەمئىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كونا يېزىقى جەمئىيىتى قۇرۇلدى. بۇ ھەر ئىككى جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ تىل - يېزىق تەتقىقاتىغا ئىلھام بەردى.

ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ سىناق قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، بۇ يېزىق لايىھىسى 20 يىلدىن ئارتۇق قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ شەرت - شارائىتلىرىنى مۆلچەرلەشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، " سول " چىل خاتا لۇشيەننىڭ تەسىرى، يېزىق لايىھىلەشنىڭ ئۆزىدە بىرمۇنچە مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى، شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، خەلق ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. جەمئىيەتتە ئومۇملاشمىدى. ھەر ساھەدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ يېزىققا نىسبەتەن پىكىر - تەلەپلىرى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتتى. نەتىجىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خەلق ئاممىسىدىن پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 5 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1982 - يىل 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى 17 - سانلىق يىغىنىنىڭ قارارى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1982 - يىل 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى "" ئۇيغۇر، قازاق كونا يېزىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى" نى تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى " غا ئاساسەن، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى قوللىنىش توختىلىپ، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى فونېتىكىلىق بەلگىلەر قاتارىدا ساقلاپ قېلىنىپ، زۆرۈر تېپىلغان سورۇنلاردا ئىشلىتىش قارار قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن لاتىن يېزىقى پەقەت بىر قىسىم ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالدى ۋە ئاستا - ئاستا ئىشلىتىشتىن قالدى.

ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا قايتىش ھەققىدىكى بەس - مۇنازىرە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا قانات يايدۇرۇلدى. 20 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرى قانچىلىك كۈچەپ كۆرسىتىلگەن، سىلاۋيان، لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى قانچىلىك كۆككە كۆتۈرۈلگەن بولسا، 80 - يىللارنىڭ دەسلىپىدە كونا يېزىقنىڭ ئەھمىيىتى، يېڭى يېزىقنىڭ كەمچىلىكلىرى كۈچەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ھەقتە غاپپار مۇھەممىدى، سالى خۇدابەردى قاتارلىق زىيالىيلار " يېڭى يېزىقنى قوللانغان ياخشىمۇ، كونا يېزىقنى قوللانغان ياخشىمۇ؟"، " يېزىق توغرىسىدا بەزى قاراشلىرىمىز " دېگەن تېمىلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، كونا يېزىق ھەققىدە توقۇلغان " ناھەق ئەنزە " لەرنى پاش قىلدى. كونا يېزىقنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تەكىتلەپ، يېڭى يېزىقنىڭ نۇقسانلىرىنى بىرمۇبىر كۆرسىتىپ ئۆتتى.

20 يىلغا يېقىن قوللىنىشتىن توختاپ قالغان ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىگە كېلىپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش، مەتبۇئات، نەشرىيات، خەت - ئالاقە ۋە ھۈججەتلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئىملادا بۇ يېزىقنىڭ بۇرۇن ھەل قىلىنمىغان ئېلىپبە جەدۋىلىگە ۋە ئىملا قائىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى يېتەرسىزلىكلىرى گەۋدىلىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يۈزىسىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 1983 - يىلى 4 - ئايدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە يېزىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن كەڭ كۆلەمدە مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسىنى ئىشلەپ چىقتى ۋە بۇ ئېلىپبە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983 - يىل 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى تەستىقى ۋە 1984 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى بىلەن رەسمىي ئېلان قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى " نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئېلىپبە قىسمىدا ھەرپلەرنىڭ شەكلى، تەرتىپى، نامى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە يېزىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن قايتىدىن بېكىتىلدى. بۇ قېتىمقى ئېلىپبەدە ئۇزۇندىن بېرى ھەل بولماي كەلگەن تۆت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشنى ئىككى ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، بۇرۇنقى ئىككى بەلگىنى ئو، ئۇ تاۋۇشلىرى ئۈچۈن قالدۇرۇپ، ، فونېمىلىرى ئۈچۈن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاساسىي ھەرپ شەكلى بولان " ئو " نىڭ ئۈستىگە " ۋ "، " ئا " بەلگىلىرىنى ، ھەرپلىرى ئىپادە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى 32 تاۋۇشنىڭ ھەربىرىگە بىر - بىرىدىن پەرقلىق بولغان 32 ھەرپ بەلگىلىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى. (رەسىم 14)

بۇ قېتىمقى ئېلىپبە 1954 - يىلىدىكى ئېلىپبەدىن تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا پەرقلىنەتتى: 1) تۆت لەۋلەشكەن تاۋۇش ئۈچۈن ئايرىم - ئايرىم ھەرپ بەلگىلەندى. 1954 - يىلىدىكى ئېلىپبەدە ئىككى بەلگە ئارقىلىق تۆت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش ئىپادىلەنگەنىدى. شۇنداقلا بۇ ئېلىپبە 30 ھەرپتىن تەركىب تاپقانىدى. 2) ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى پەرقلەندۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى يېڭى ئېلىپبەدە سوزۇق تاۋۇشلار ئۆز نامى بىلەن، ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەرپ ئاخىرىغا بىر " ئە " تاۋۇشىنى قوشۇش بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولدى. 3) بۇ قېتىمقى ئېلىپبەنىڭ تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولدى. 1954 - يىلىدىكى ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە كېيىنكى سىلاۋيان، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلدى. (رەسىم 2) 1983 - يىلى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ئېلىپبەسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرساق تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا پەرقلىنىدۇ: 1) ئېلىپبە تەرتىپىدە پەرق مەۋجۇت. 2) ئوخشاش تاۋۇشلار ئوخشىمىغان ھەرپ بىلەن ئىپادىلەندى. مەسىلەن، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش ، لەر پەرقلىق ھەرپ بىلەن ئىپادە قىلىندى. (رەسىم 13)

بۇ يېزىق سىستېمىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر 1957 - يىلى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان " ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى ھەققىدە بەش پرىنسىپ " بىلەن كارى بولمىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر بىر - بىرىنىڭ تىللىرىدىكى پايدىلىق تەرەپلەرنى ئۆگىنىش بىلەن ئانچە كارى بولمىدى. ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز يېزىقىدا گېزىت - جۇرنال چىقىرىش ۋە نەشىر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىشى بىر خىل مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھوقۇق بولۇپ ئىپادىلەندى. ئۈرۈمچىدە " تىل ۋە تەرجىمە " جۇرنىلى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە خەنزۇ تىللىرىدا نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.

بۇ قېتىمقى ئېلىپبە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ساھەنىڭ كەڭ قوللىشىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھېمايىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمەلىي قوللىنىش جەريانىدا ئىملاغا مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلار ۋە بەزى كونكرېت قائىدىلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئاممىۋىلاشتۇرۇش، تىل - يېزىقىمىزنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان زامانىۋى پەن - تېخنىكىنىڭ جۈملىدىن ئېلېكترونلۇق مەتبەئە تېخنىكىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تىل - يېزىق خادىملىرى، مەتبۇئات - نەشرىيات خادىملىرى، ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بىر قىسىم ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ پىكىر - تەكلىپلەرگە ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىق شەكلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئۆتمۈشتىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئىملادا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىلمىيلىك بىلەن ئاممىۋىلىقنى تولۇق ئېتىبارغا ئالغان ھالدا سىستېمىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر - تەكلىپلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل - تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن مىرسۇلتان ئوسمانوپ، ئابدۇرېشىت سابىت، غەنىزات غەييۇرانى، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، ئەنۋەر جاپپار قاتارلىق مۇتەخەسىسلەردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىلىنىپ، ئىملا قائىدىسىنى تۈزىتىش - تولۇقلاش ئىشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈش ئىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەندى. بۇ گۇرۇپپا بىر يىلغا يېقىن جاپالىق شىلەپ، " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى " ۋە " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى " نى ئىشلەپ چىقتى. بۇ قېتىمقى ئىملا لۇغىتى 1957 - يىلى (1000 سۆزلۈك)، 1965 -، 1966 - يىللىرى (3000 سۆزلۈك)، 1976 - يىلى (8000 سۆزلۈك) تۈزۈلگەن ئىملا لۇغەتلىرىگە قارىغاندا، سۆزلۈك سانى كۆپ ۋە ساپاسى يۇقىرى بولغان لۇغەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ لۇغەتكە 30 مىڭغا يېقىن سۆز كىرگۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھىسى 1984 - يىلى 9 - ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ، ماقۇللاندى ۋە 1985 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىش قارار قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە، مەلۇم يەرلىك شىۋىنىڭ تىل ئادىتى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزىي دىئالېكت، يېتەكچى تەلەپپۇز ئۆلچىمى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىيات جەريانى تولۇق نەزەرگە ئېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 1986 - يىلى 2 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەتلەردىن، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن، ئاخبارات، نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن، ئالىي مەكتەپلەردىن مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنى قاتناشتۇرۇپ، 15 كۈن پۈتۈن كۈنلۈك كۇرس ئېچىپ، جايلاردا يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تايانچلىرىنى تەربىيىلىدى. بۇ كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەت، چوڭ سىستېمىلار ئۆز تەۋەسىدە ناھىيە، شەھەر، ئىدارە، جەمئىيەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ئادەم قاتناشتۇرۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە كۇرس ئېچىپ، ئىملا قائىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تايانچىلىرىنى تەربىيىلىدى. بۇ خىل كۇرسلارغا قاتناشقانلار قايتىپ بېرىپ ئۆز ئورۇنلىرىدا پۈتۈن كۈنلۈك، يېرىم كۈنلۈك سىستېمىدىكى كۇرسلارنى، ئۆگىنىش سىنىپلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى. 1986 -، 1987 - يىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئاچقان ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، چوڭ سىستېمىلار ئاچقان كۇرسلاردا تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ سانى 2000 دىن، ناھىيە ۋە ناھىيىدىن تۆۋەن ئىدارە، جەمئىيەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەم مائارىپ ئورۇنلىرى ئاچقان كۇرسلاردا تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئاشتى. (رەسىم 12)

يۇقىرىقى كۇرستا تەربىيىلەنگەن كۇرسانتلار ئۈچۈن تەييارلانغان " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى ھەققىدە ساۋات " ناملىق كىتابچىدىن باشقا، 1991 - يىلى 11 - ئايدا " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى " ناملىق كىتابچە نەشىر قىلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى چېكىت، سوئال بەلگىسى، پەش، ئۈندەش بەلگىسى، چېكىتلىك پەش، يالاڭ تىرناق، قوش تىرناق، تىرناق، سىزىقچە، سىزىق، قوش چېكىت، كۆپ چېكىت قاتارلىق 12 بەلگىنىڭ قوللىنىش پرىنسىپلىرى ئىلمىي ئاساستا بايان قىلىنىپ، ئىملا قائىدىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىنىڭ قېلىپلىشىشى، ئومۇملىشىشى ئۈچۈن شارائىت ياراتتى.

بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تىل - يېزىق سىياسىتى جەھەتتە قەرەللىك مۇھاكىمە ۋە تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوبدان زېمىن ھازىرلاپ بەردى. بۇ جەرياندا ئىملا ۋە يېزىق جەھەتلەردىكى ئاممىدىن كەلگەن نۇرغۇن تەكلىپ - پىكىرلەرگە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىپ، پىكىر جەھەتتىكى بىردەكلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئورگان جۇرنىلى بولغان " تىل ۋە تەرجىمە " جۇرنىلى نەشىر قىلىنغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تىل تەتقىقاتى جەھەتتىلا ئەمەس تىل - يېزىق سىياسىتى ۋە يېزىق ئىملا جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىلەر تىل - يېزىق سىياسىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە يېزىق ئىملا جەھەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قانۇنىيەتلىرىگە مۇۋاپىقلاشقان، تېخىمۇ پىشقان ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق يېزىق لايىھىسى ۋە ئىملا قائىدىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى. بۇ ماقالىلەرنى مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا ئايرىم - ئايرىم بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1) تىل - يېزىق سىياسىتى جەھەتتە " تىل ۋە تەرجىمە " جۇرنىلى ھەربىر سانىدا تىل - يېزىق خىزمىتى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ جەھەتتىكى ئەھمىيەتلىك ئىشلاردىن 1989 - يىلى ئېلان قىلىنغان " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى " بىلەن 1994 - يىلى ئېلان قىلىنغان " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى " نى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئىككى ھۈججەت ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ جەمئىيەتتىكى قانۇنىي ئورنى ۋە ئابرويىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ جەھەتتىكى سىياسىي نىشاننى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھەر ئىككى ھۈججەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلاردىن غپۇر ئابدۇللا، ئامىنە غاپپار، ئېلى ئابىت، ياڭ بىڭيى، توختاس باتىرقان، خۇاڭ شاڭرۇڭ قاتارلىقلار ماقالە ئېلان قىلىپ، ھۈججەتلەرنىڭ روھىنى ۋە بۇ ھەقتىكى ۋەزىپىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. بۇ ماقالىلەردىن باشقا، ئامىنە غاپپارنىڭ " ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر نامايەندە "، " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئازادلىقتىن بۇيانقى ئۇيغۇر تىل - يېزىقى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە " ناملىق ماقالىلىرىنى ۋە " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىقى خىزمىتى كومىتېتى مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتىنىڭ تۆت يىللىق ئومۇمىي پىلان ۋە 8 - بەش يىللىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى " قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ ماقالىلەردە مىللىي تىل - يېزىق خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى، مەيدان ۋە مۇھىم ستراتېگىيىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2) ئىملا ۋە يېزىق جەھەتتە " تىل ۋە تەرجىمە " جۇرنىلى ئىزچىل ھالدا " يېزىق ۋە ئىملا " سەھىپىسى ئېچىپ، يېزىق ۋە ئىملا جەھەتتىكى تەكلىپ - پىكىرلەر، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىپ تۇردى. بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن تەتقىقاتلار ۋە ئىجابىي پىكىر - تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ماقالىلەر خەنزۇ ۋە چەت ئەل تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى، ھۆسىن خەتلەرنىڭ ئىملاسى، ئىملادا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ شەكىللىرىنى ئىخچاملاش، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى قاتارلىقلارغىچە بېرىپ چېتىلدى. بۇلارنىڭ مۇھىملىرىدىن مۇھەممەت رېھىمنىڭ " رىيازەت چەككەن سەككىز ھەرپ "، ئابدۇرەئوپ پولاتنىڭ " ھەمزە ھەققىدە "، نىياز كېرەم شەرقىنىڭ " ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش "، يۇنۇس قۇرباننىڭ " ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇش فونىمىلىرىنىڭ ھەرپ شەكىللىرىنى ئىخچاملاش ھەققىدە پىكىر " ناملىق ماقالىلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

ئابدۇرەئوپ پولات " ھەمزە ھەققىدە " ناملىق ماقالىسىدە مۇھەممەت رېھىمنىڭ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەرپ شەكىللىرىدىكى مالىمانچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتقان پىكىرلىرىگە قارىتا بۇ خىل مالىمانچىلىقنىڭ سوزۇق تاۋۇشلاردىكى ھەمزە " ئى، '" ھەققىدىكى پىكىرىلىرىنى، شۇنداقلا " سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ تۇمشۇقىدىكى ھەمزىلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ تاشلاش " كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ چاغدا تىلىمىزدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادە قىلغۇچى ھەرپلەرنىڭ ئېلىپبە جەدۋىلى مۇنداق بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى: (رەسىم 10)

يۇنۇس قۇربان ئەپەندىمۇ شۇ ناملىق ماقالىسىدە، يېزىقىمىزنىڭ ھەرپ شەكلىدىكى كېلەڭسىزلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ 40 خىل ھەرپ شەكلى ئىچىدىكى " ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ئې، ئى " دىن ئىبارەت يەككە شەكلىنى، "'ئا، 'ئە، 'ئو، 'ئۇ، 'ئۆ، 'ئۈ، 'ئې، 'ئى " دىن ئىبارەت ئاخىرىدىن قوشۇلىدىغان شەكلىنى، "'ئې، 'ئى " دىن ئىبارەت ئوتتۇرىدىن قوشۇلىدىغان شەكلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى تەركىبىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئېلىپبە جەدۋىلىدە قالغان ۋارىيانتلىرىنىلا ئىشلىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. شۇنداقلا "" (ھەمزە) نى يېزىق سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت بوغۇم ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتورنىڭ سوزۇق تاۋۇش توغرىسىدىكى لايىھىسى مۇنداق بولدى: (رەسىم 11)

خەتتات نىياز كېرەم شەرقى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىزدىنىپ توپلىغان خەتتاتلىق جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ھەققىدە ئىزدەندى. ئۇ شۇ ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ 124 خىل ھەرپ شەكلىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ 124 خىل ھەرپ شەكلىنىڭ قۇرۇلما قانۇنىيەتلىرى بويىچە پارچىلىغاندا 24 قۇرۇلما سىزقىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ھەربىر قۇرۇلما سىزىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر ئىزدەنگەن، خېلى مۇكەممەل ئەمگەك بولۇپ، كىشىلىرىمىزنىڭ يېزىقىمىز ھەققىدە مۇكەممەل تونۇشقا ئىگە بولۇشى ۋە يېزىق ئىسلاھاتلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

خۇلاسە

21 - ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا تۇرۇپ ئۆتكەن 100 يىلغا يېقىن جەرياندىكى يېزىق تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز س. ئې. مالوپ، س. شاكىر جانوپ، ئابدۇللا روزىباقىيوپتىن تارتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى ئەپەندىلەر - خادىملارغىچە، رەھبىرىي كادىرلاردىن كەسپىي، ئىلمىي خادىملارغىچە ئۇيغۇر تىل - يېزىقى جەھەتتە، ئىملا قائىدىلىرى جەھەتتە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەرنى ئىشلىدى. ئۇلار ئېغىر ۋە جاپالىق كۈنلەردە ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلاندى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى ۋە يېزىق سىستېمىسىنى يارىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.

بىز 1949 - يىلىدىن ئىلگىرىكى يېزىق ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىمىز بىلەن كۇپايىلىنىپ، 1949 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 45 يىللىق بوران - چاپقۇندا يېزىقىمىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى ۋە تەجرىبە - ساۋاقلارنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسە قىلىمىز:

1) 1949 - يىلىدىن ھازىرغىچە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بەش قېتىم (1949 -، 1951 -، 1954-، 1983 -، 1985 - يىللاردا) ئىسلاھ قىلىندى. بۇ بەش خىل ئېلىپبە بىر - بىرىدىن تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا پەرقلەندى: (1) ئېلىپبە سىستېمىسى؛ (2) سوزۇق ۋە يېرىم سوزۇق تاۋۇشلار؛ (3) بەزى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىشلىتىلىشى؛ (4) بەزى بەلگىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى؛ (5) ھەرپلەرنىڭ ناملىرى؛ (6) ئېلىپبە تەرتىپى. ھەر قېتىملىق يېزىق ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلدى.

2) بۇ 40 نەچچە يىلدا بىز يېزىق سىستېمىسى جەھەتتە ناھايىتى زور دەرىجىدە مۇقىمسىزلىقنى باشتىن كەچۈردۇق. يېزىق جەھەتتە بۇنداق دائىم ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتنىڭ بىزگە بەرگەن تەجرىبە - ساۋىقى شۇ يولدىكى، ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇقىم بولغان يېزىق سىستېمىسىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. يېزىق سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ زىيالىيلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا بولغان پايدا - زىيىنىنى دەڭسەپ بېقىش، ئېلىپبە سىستېمىسىنى يېنىكلىك بىلەن ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. چۈنكى يېزىق ئىسلاھاتى نۇقۇل ھالدىكى تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى، يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇزاق تارىخىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرى بار مىللەت ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ مۇھىم. بۇنداق قارىغۇلارچە يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسى مەدەنىيەت جەھەتتىكى زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئۆزگەرتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولسا (خۇددى بىزنىڭ سىلاۋيان ۋە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاش) ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ۋە تارىخىي مىراسلىرىدىن مەھرۇم بولغاننىڭ ئۈستىگە، جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئىملا قائىدىسىدىكى بىر ئۆزگىرىش يېزىقتىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى تاۋۇشلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ھالدا بەزى ھەرپلەرنىڭ ياسالغانلىقى مۇھىم ۋە پايدىلىق ئۆزگەرتىش بولغانىدى. لېكىن ھەر قېتىمقى ئىملا قائىدىسىدە ئېلىپبە تەرتىپىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپبە ئۆگىنىش ۋە يادلاشتا قىيىنچىلىققا دۇچار قىلدى.

1970 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلىرىغا كونا يېزىق ئىملا قائىدىلىرىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە پروگرامما تەسىس قىلغان (چۈنكى ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپتە لاتىن يېزىقى بىلەن ساۋاتلىق بولغان) ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىگىلىۋېلىشىنى مەقسەت قىلغانىدى. ئەگەر يېزىق جەھەتتە شۇنداق قالايمىقانچىلىقلار بولمىغان بولسا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇنداق پروگراممىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولاتتى. شىنجاڭدىمۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى لاتىن يېزىقى بىلەن ئوقۇغان ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. چۈنكى، ئۇلار ئادەتتىكى بىر ئىش تېپىش ئۈچۈنمۇ كۇرسلاردا كونا يېزىق بىلەن ساۋاتلىق بولۇشى كېرەك ئىدى. بولمىسا ئۇلار ئۆز جەمئىيىتىدە " ساۋاتسىزلار " دىن بولۇپ قالاتتى. تىل - يېزىق سىياسەتلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىپ، ئىملا قائىدىسى قاتتىق تەكىتلىنىپ تۇرۇلغان بولسىمۇ، يېزىق ساھەسىدە ھازىرمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ۋېۋىسكىلاردىن تارتىپ تۈرلۈك ئېلان، ماركا، كوچا ناملىرى، قاتناش بەلگىلىرىدە ئىملا جەھەتتە نۇرغۇن خاتالىقلار ساقلانماقتا.

3) بۇنداق ئۆزگەرتىشلەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى " سول " چىل خاتا سىياسەتلەرنى ئەكس ئەتتۈردى.

4) ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ قانۇنىي ئورنى 1984 - يىلى ئېلان قىلىنغان " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " دا ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدا، ئاپتونومىيە رايونلىرىدا ئاپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى مىللەتنىڭ تىلى بىرىنچى تىل بولۇش ئاساسىدا، خەنزۇ تىلىنىمۇ ئىشلىتىش لازىملىقى كۆرسىتىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ ئىستىقبالىغا كەڭ يول ئېچىلدى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى مەملىكەت بويىچە قوللىنىلىدىغان چوڭ يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ خەلق پۇلىدىن تارتىپ مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتلىرىغىچە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئۇ يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قاتارلىق چوڭ يىغىنلاردا تەرجىمە قىلىنىدىغان يەتتە خىل تىل - يېزىقنىڭ بىرى.

ئۇيغۇر يېزىقى يەنە ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان قانۇنىي يېزىقى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن تارتىپ، يېزا - كەنت ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغىچە ئۆزلىرىنىڭ قانۇن، نىزام، ئەمر - پەرمانلىرى، تامغا، ۋېۋىسكا، ماللارنىڭ ماركىلىرى، ئىش قەغەزلىرى، ھەرخىل ھۈججەت، ئۇقتۇرۇش، خەت - ئالاقىلىرىدە؛ ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى، ئەدلىيە، تەپتىش مەھكىمىلىرى سوت قىلىش، ئەرز قوبۇل قىلىش، ئېلان چىقىرىش، ھۆكۈم ئېلان قىلىش، كېسىم قىلىش ئىشلىرىدا، جىنايى ئەنزىلەرنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشتە؛ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە، پوچتا - تېلېگراف، تەشۋىقات، تەلىم - تەربىيە، مائارىپ ئىشلىرىدا كەڭ ئىشلىتىلمەكتە.

ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدا ھەرقايسى ساھەگە ئائىت كىتاب - جۇرنال، دەرسلىك قوللانمىلىرىنى نەشىر قىلىدىغان ئاشكارا تارقىتىلىدىغان گېزىت 21 خىل، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان گېزىت 25 خىل، ئاشكارا تارقىتىلىدىغان جۇرنال 44 خىل، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان جۇرنال 64 خىل.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئىشلىرىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1 - يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسلىكى ئۆتۈشنى قارا قىلدى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتلىرىدا خەنزۇ (ياكى باشقا مىللەت) ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى كەسپى تەسىس قىلىنىپ، بىر - بىرىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. مەلۇم دائىرىدە قوش تىل ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىپ، مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ھازىر يەنە 1985 - يىلىدىكى ئىملا قائىدىسى تۈزۈلگەندىن بۇيانقى ئون يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا چۈشكەن ۋە ئاممىدىن ئېلىنغان پىكىر - تەكلىپلەرگە ئاساسەن، ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتىنى تۈزىتىش، تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە.

(ئاپتورلىرى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)

("شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى" -40)