‹‹يېزا پىروزىچىلىقى›› ھەققىدە

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search


‹‹يېزا پىروزىچىلىقى›› ھەققىدە


1.يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئىلىمىزدىكى بارلىققا كېلىشى

  ئىلىمىزدە 1911-يىلدىكى 4-ماي ھەركىتى جۇڭگونى 20-ئەسىر مەدەنىيتى بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئۇزاق داۋاملاشقان فىئۇداللىق مەدەنىيەتكە نىسبەتەن زامانىۋى تاللاشنى يولغا قويدى. زاماننىڭ مانا شۇنداق بىر بۇرلۇش نۇقتىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى مۇتەپەككۇرلار، يازغۇچىلار نەزىرىنى يېزا-مەھەللىلەرگە قاراتتى. چۇنكى يېزا-مەھەللىلەر فىئۇداللىق مەدەنىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرنىشى ئىدى. نەتىجىدە لۇشۈنگە ئوخشاش يازغۇچىلار خەلقنى مەدەنىي جەھەتتىن ئاقارتىش ،ئويغۇتۇش ئۈچۈن فىئۇداللىق مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى چۇڭقۇر بولغان يېزىلارنى ئەدەبىياتتا ئەكىس ئەتتۈرۈش ئوبىكتى قىلدى .لۇشۈن قاتارلىقلار زامانئؤئ عەرب مەدەنىيتىنى پىششق ئىگەللەپ ئۆزلىرىدە ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزغان ئېلىمىزدىكى بىرىنچى ئەۋلات ھەقىقى مەنىدىكى زىيالى ئىدى. ئۇلار زامانىۋى ئاڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ دىھقانلارنى كۈزەتتى. فىئوداللىق مەدەنىيەتنىڭ ئۇلاردىكى ئېچىنىشلىق ھەم چىرك تەرەپلىرىنى بايقىدى. دىھقانلىرىمزنىڭ خارەكتىر خەھەتتىكى گالۋاڭ تەرەپلىرىنى ، روھى جەھەتتىكى بىزەپ شۇنىڭدەك دېھقانلىرىمىزنىڭ ئاڭسىز ھالدا داۋاملىشۋاتقان تىراگىدىيلىك ھاياتىنى بايقىدى ۋە كۈزەتتى. نەتىجىدە بۇ يازغۇچىلار دىھقانلار بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى قايتىدىن تۇرغۇزدى. كونا زاماننىڭ زىيالىلىرىدا بار بولغان دىھقانلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن قويىدىغان ، دىھقانلارنى قالاق، ئەخمەق، ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە قارشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ دىھقانلارنى كىشلىك ئىززەت ھۆرمەت ۋە ئورۇن جەھەتتىن ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر دەپ قارىدى .ئەدەبى ئىجادىيەتتە بولسا كونا ئەدەبىيات قارشلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىجادىيەتتە يېزا ئاممىسىنى- دېھقانلارنى ئىددىيە جەھەتتىن ئويغۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئىلىمىزدە يېزا پىروزىچىلىقى مانا مۇشۇنداق ئارقا كۆرنۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلدى .

  لۇشۈننىڭ ھېكايىلىرى ئېلىمز يېزا پىروزىچىلىقنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ۋەكللك قىلىدۇ دىسەك بولىدۇ . ئۇنىڭ ھېكايىلىرى ئەدەبىيات بىلەن دىھقانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى زامانىۋىلىققا ئايلاندۇرۇشنڭ تىپىك ئۈلگىسىنى يارتىپ بەردى.ئۇ ھېكايىلىرىدا فىئوداللق مەدەنىيەتنىڭ دىھقانلارنىڭ ئاڭ قاتلىمىدىكى چۇڭقۇر يېلتىزلىرىنى قېزىپ بېرىپ ئۇنى تەتقىق قىلدى . ئۇ ھېكايىلىرىدا دېھقانلارنى كونا ئەنئەنە، كونا ئەخلاق، كونا قائىدە يۇسۇن تەرتىپلەرنىڭ كىشەندىسى ئاستىدىكى بارلىق رەزىل، چىرىكلىك، كۆرۈمسىزلىكلەرنىڭ ئەڭ تىپىك گەۋدىسى دەپ قارىدى ھەم شۇنداق تەسۋىرلىدى مەسىلەن:AQ نىڭ روھى كىسىلى پۈتۈ ن كونا جۇڭگودىكى بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق كىسىلى ھېساپلىنىدۇ .لۇشۈن ھېكايىلىرى بىرىنچى بولۇپ ھازىرقى زامان زىيالىلىرىنىڭ دىھقانلارغا بولغان ھەم سۆيۈش ھەم نەپرەتلىنىش، ھېسداشلىق قىلىش ۋە غەزەپلىنىشتەك قوش قاتلاملىق پىسخىكىسىنى ئىپادىلىگەن ئەسەرلەر بولدى ھەم كىيىنكى يېزا پىروزىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ دىھقانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە مۇقىملاشقان قېلىپ يارىتىپ بەردى.

  ئىلىمىزنىڭ لۇشۈندىن باشلانغان يېزا پىروزىچىلىقىدا مۇنداق بىرخىل بايان قىلىش شەكلى تاكى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە داۋاملاشتى، مەسىلەن؛ھېكايىدىكى«مەن» ياكى باش پىرسۇناژ نامرات، قالاق، جاپالىق يېزا مۇھىتىدا چوڭ بولىدۇ ۋە دېھقانلار بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يىقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، كىيىن ئۇ باشقا يەرگە بېرىپ ئوقۇيدۇ .غەرب ۋە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قۇراللىنىدۇ ھەتتا ئىنقىلابى مەدەنىيەتنىڭ تەربىيەسىنى ئالىدۇ .ئېڭى ئويغۇنۇپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭدا ئۆز يۇرتداشلىرىنىڭ جاپالىق رىئاللىقىغا قارىتا چۇڭقۇر ھىسداشلىق قۇزغىلىدۇ ،بىراق ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز يۇرتداشلىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك يېقىن ئەپ ئۆتەلمەي قالىدۇ ،ئۇنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرى چۈشۈنۈشكە ئىرىشەلمىگەنلىكتىن ئۇ بىئارام بولىدۇ.ئىلىمىز 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ زور ئىجتىمائى بۇرۇلۇش دەۋرىگە كىردى. ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىش يولغا قويۇلۇپ سانائەتلىشىشكە قاراپ ماڭدى. ئىدىيە، مەدەنىيەت، جەھەتتە يىڭى ئويغۇنۇش بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.

  ئىجتىمائى بۇرۇلۇش دەۋرى دىگىنىمىز ئەنئەنىۋى جەمىيەتتىن زامانىۋى جەمىيەتكە ئۆتۈشتىكى تارىخى جەرياننى كۆرسىتىدۇ.بۇنداق ئۆتۈش ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. مەدەنىيەت، پەلسەپە، تارىخ، جەمىئەتشۇناسلىق، سىياسي، ئىقتىسادى، ئەخلاق، پىسخىكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان غايەت زور خارەكتىردىكى بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كېلىدۇ.

  جەمىيئەتشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىچە، ئىلىمىز 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا ئىجتىمائى بۇرۇلۇش جەريانىنى بىسىشقا باشلىغان ئىدى. لىكىن تۈرلۈك مۇرەككەپ ھالەتلەر تۈپەيلى ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتە تۈپ مەسىلىلەر ھەل بولمىدى، پەقەت 20- ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى80- يىللىرىنىڭ بىشىغا كەلگەندىلا جۇڭگو جەمئىيتى قايتىدىن زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ماڭدى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگو جەمئىيتىدە قۇرۇلما خارەكتىرلىك ھەتتا ئارقىغا قايتمايدىغان ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلدى. دىمەك جۇڭگو جەمىيتىدىكى زامانىۋىلىققا قاراپ بۇرۇلۇش 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان. لىكىن 20- ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىنى قوزغىلىش نوختىسى قىلغان ئىجتىمائى ئىنقىلاب بولسا بىر قېتملىق چوڭقۇر ئىجتىمائى بۇرۇلۇشتۇر.

  2.يىزا پىروزىچىلىقى ھەققىدە

  يىزا پىروزىچىلىقىدا يازغۇچىلارنى مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ. بىرى، زىيالي سالاھىيەتتىكى يازغۇچىلار، بۇلار يېزا تۇرمۇشىنى مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا تۇرۇپ كۈزىتىدۇ ۋە ئىپادىلەيدۇ. مەدەنىيەت جەھەتتىكى قايتا ئويلىشىش جەريانىغا قويۇپ ئىپادىلەيدۇ. زىيالي سالاھىيەتتىكى يازغۇچىلارنىڭ ئورنى حاس سالاھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ تىپتا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ. يەنە بىرى؛ يىزا ھاياتى تەجرىبىسىگە ئىگە يازغۇچىلار توپى، بۇلار بالىلىقىنى يېزىدا ئۆتكۈزگەن، يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولىدۇ. بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ يېزا ھەققىدىكى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى ئاساسەن بالىلىقىدىكى يېزا تەجرىبىسى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تەجرىبە ئۇلارنىڭ ئىجادىيتىدە ئاساسى سالماقنى ۋە يىتەكچى رولنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلەرىمۇ ئەسلىدىكى (دەسلەپكى) تەجرىبىسى ۋە كەيپىياتى قاتلىمىدا چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. شۇڭا ئالدىنقى تىپتىكى يازغۇچىلىرىمغا سىلىشتۇرغاندا بۇ تىپتىكى يازغۇچىلارنى تەبىئىيلىككە ئىگە دىيىش مۇمكىن.مەيلى خەنزۇ ئەدەبىياتىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولسۇن يېزىدىن كەلگەن يازغۇچىلار نىسبەتەن كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئولارنىڭ بالىلىق دەۋىرلىرىمۇ يىزىدا ئۆتكەن. مەسىلەن، مەيلى لۇشۇن، گومورۇلار بولسۇن ياكى ئەنۋەر ناسىرى، ل. مۇتەللىپلەر بولسۇن. بىراق بۇلار كىيىنكى دەۋىرلەردە قوبۇل قىلغان مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ چەكلىمىسى بىلەن يەنىلا زىيالي سالاھىيەتتىكى يازغۇچىلار تىپىغا مەنسۇپ بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى يېزا پىروزىچىلىقىمىزدا بولسا ئۇنداق ئەمەس. بۇ دەۋرگە كەلگەندە زىيالي سالاھىيەتتىكى يازغۇچىلارنىڭ بالىلىقى، دەسلەپكى ھاياتى شەھەر بازارلاردا ئۆتكەن. كىيىن تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن يېزىلارغا بىرىپ بىر مەھەل ياشىغان يازغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا زىيالي ياش بولۇپ يىزىلارغا بارغانلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان يازغۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. يېزا تەجرىبىسىگە ئىگە يازغۇچىلار تىپى بولسا بالىلىقى، ياشلىقى ئىزچىل يېزىدا ئۆتكەن، كىيىن تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن شەھەرلەرگە كىرىپ شەھەرلەردە ئۇزاق تۇرۇپ قالغان يازغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنى ئالدىدىكى يازغۇچىلار تىپى بىلەن سىلىشتۇرغاندا بۇلارنىڭ يېزا ھاياتى توغرىسىدىكى تەجرىبىلىرى كىيىن ھاسىل بولغان بولماستىن بەلكى ھاياتنىڭ تەبىئى تەركىۋى قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولىدۇ.

  بۇ ئىككى تىپتىكى يازغۇچىلارنىڭ يېزا ھاياتى ھەققىدىكى تەجرىبىلىرى ئوتتۇرسىدا پەرىقلەر ساقلانغان بولماستىن يەنە ئىجادىيەت قاراش ۋە ئۇسلۇبلىرىدىمۇ پەرىقلەر ساقلانغان بولىدۇ. يەنى كىيىنكى تىپتىكىلەردە يېزا ھاياتى ۋە تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا بولغان ھىسداشلىق كۈچلۈك بولىدۇ. يېزا ھاياتىدىكى نامۇۋاپىق، خۇراپى، بولمىغۇر ئىللەتلەرنى ئىپادىلەشتە بولسا ئىختىيارسىز ئۆزىمۇ شۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. بېرىلىپ ئىپادىلەپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇ تۇرمۇشقا مەستانىلىقىنى ئىپادىلەپ قۇيىدۇ. قوغلىشىدىغىنى بولسا ئەسلىگە قايتىش. ئالدىنقى يازغۇچىلار تىپىدا بولسا يېزا ھاياتىدىكى بولمىغۇر ئىللەتلەرگە نىسبەتەن سۇغۇق قانلىق بىلەن نەزەر سېلىش ۋە ئىپادىلەش روشەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قوغلىشدىغىنى مەدەنىيلىشىشنى تەشەببۇس قىلىش. يېزا پىروزىچىلىقىمىزنىڭ بايان تىلىدا بىرىنچى شەخىس تىلىدا بايان قىلىش كۆپ قوللىنىلىدۇ. تىكىستى خاتىرە شەكلىدە بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن. ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى قۇراشتۇرۇش شەكلىدىن يىشىش شەكلىگە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ.

  پۈتكۈل جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا حەنزۇ ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن پىروزىچىلىق ئىجادىيتى گۈللەنگەن، نەتىجىلەر زور بولغان ئىجادىيەت ھېساپلىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولسا پىروزىچىلىق گۈللەنگىلى تېخى ئۇزاق بولمىدى. راستىنى ئېيىتقاندا بىزنىڭ پىروزىچىلىقىمىز 80-يىللاردىن كېيىن گۈللىنىش باشقۇچىغا كىردى. يېزا پىروزىچىلىقى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت، جەمىيئەت ۋە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە يېقىنلىشىپ ئۇنى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن كىتابخانلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى بىلەن تەڭ بارلىققا كەلدى ۋە ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدى. شۇڭا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنى بىلىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتا يېزا پىروزىچىلىقىغا ھەرگىز سەل قاراشغا بولمايدۇ.يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئەكىس ئەتتۈردىغىنى شەھەر بىلەن پەرىقلىق بولغان يېزا مەھەللىۋى تۇرمۇش ۋە يېزا قىياپىتى، ئۇ يەردىكى مەدەنىيەت بەلگىلىرى بولىدۇ، ئېچىپ بىرىدىغىنى بولسا دىھقانلارنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇلىرى، شاتلىق ۋە ئازاپلىرى ۋە روھى دۇنياسى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلاردۇر. ئىلىمىز يېزا پىروزىچىلىقى بارلىققا كەلگەن يۈز يىلغا يىقىن ۋاقىتتا جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ ئەگرى توقاي تەرەققىيات - ئۆزگىرش مۇساپىلىرىنى جۇڭگو دىھقانلىرىنىڭ ئازاپلىق ئەمما جەڭگىۋارلىق بىلەن تولغان روھى كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ كەلدى.

  3.يىزا پىزوزىچىلىقى بىلەن يىزا تىمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ پەرقى

  يېزا پىروزىچىلىقىغا مەنسۇپ ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. ۋەقەلىك يېزىدا يۈز بەرگەن بولسىلا ياكى يېزا كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن بولسىلا ئۇ يېزا پىروزىچىلىقىغا مەنسۇپ ئەسەر بولىۋەرمەيدۇ.

  يېزا پىروزىچىلىقى بىلەن يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

  (1) يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر يېزا پىروزىچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  (2) يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە پىرسۇناژلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ياكى ھەممىسى دىگۈدەك دېھقانلار ئاممىسى بولىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە ھەقىقى دېھقان سالاھىتى، دېھقان سۈپەت نامايەن قىلىنىدۇ.

  (3) يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى خارەكتىر ئۆزگۈرۈشلىرىنى، يېزىلارنىڭ ئەگرى-توقاي تەرەققىيات مۇساپىسىنى، دىھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى، يىڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىش جەريانىنى يازىدۇ.يېزا پىروزىچىلىقىغا مەنسۇپ ئەسەرلەر بولسا:

  (1) ئالدى بىلەن مەلۇم رايون، مەلۇم دائىردىكى يېزا تۇرمۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.

  (2) ئەكىس ئەتتۈردىغىنى بىر مىللەت، بىر خەلىقتىكى ئومومى بولغان ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىك ۋە كۆرۈنۈشلەر ئەمەس بەلكى بىر مىللەت ئىچىدىكى مەلۇم رايونغا، مەلۇم دائىرىگە خاس بولغان خاس ئالاھىدىلىكلەر يەرلىك ھەتتا مەھەللىۋى تۈس ئالغان خۇسۇسىيەتلەر بولىدۇ. بۇ نوختىدىن ئالغاندا يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرگە سىلىشتۇرغاندا ئىپادىلەش ۋە كۈزۈتۈش نوختىسى تىخىمۇ ئايرىملىققا، تېخىمۇ كونكىرىتلىققا، تىخىمۇ ئالاھىدىلىككە يۈزلەنگەن بولىدۇ.

  (3) يېزا پىروزىچىلىقدا يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرگە سىلىشتۇرغاندا مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق، مەدەنىيەت ئامىللىرى ئاساسلىق تەسۋىرلەش ئوبىكتى قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەدەبىيات كىشىلەرگە تېخى بايقالمىغان يەرلىك ھەم مەھەللىۋىيلىككە ئىگە بولغان ئۆرۈپ ئادەت، دېنى ئىتىقات ئادىتى، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەيدۇ.

  (4)يېزا پىروزىچىلىقىدا يېزىغا بولغان سۆيۈنۈش، سېغىنىش، ھېرىسمەنلىك تۇيغۇلىرى ئىپادىلىنىدۇ.ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن يېزا يازغۇچىنىڭ يۇرتى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسى بولىشى، ئۇرۇق تۇققان، ئاتا-ئانالىرى تۇرىۋاتقان بولىشى سۈپەتتە كۆپرەك تەسۋىرلىنىدۇ. يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئەھمىيتى: دۇنيادىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ خاس مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوينايدىغان قىممىتى ھەم رولىنى نامايەن قىلىشتا، كىشىلەرنى ئايرىم خاس مەدەنىيەت مۇھىتىدىن زوقلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيتى بار

  (5)يېزا پىروزىچىلىقى سانائەت مەدەنىيتى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەدەنىيتى ئوتتۇرسىدىكى گىرەلىشىش ۋە بۇ خىل گىرەلىشىش جەريانىدىكى توقۇنۇشلارنى چىقىش قىلىدۇ، يازغۇچىنىڭ يېزا مەدەنىيتىگە بولغان قىيالماسلىق، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە بولغان ھېرىسمەنلىك پوزىتسىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ كۆپ خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىنى چىقىش قىلىدۇ. خاس ئايرىم مەدەنىيەتلەرنىڭ ئوينايدىغان رولىنى نامايەن قىلىدۇ.يېزا پىروزىچىلىقى دىگەن بۇ ئۇقۇم خەلىقئارادا “locol colour”دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى بولسا: «ئۇ مەلۇم بىر رايوننىڭ ئۆزىگە خاس كۆرىنىشىنى تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇ يەرنىڭ يەرلىك تىلىنى، ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، رىۋايەت-ئەپسانىلىرىنى ۋە يەنە شۇ رايوننىڭ ياكى شۇ يەرنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ» دىگەنلىك بولىدۇ.

  ئىلىمىزدە لۈشۈن «يېزا ئەدەبىياتى» دىگەن ئاتالغۇنى 1935-يىلى ئوتتۇرغا قويغان ۋە بۇ ئەدەبىياتنى «يازغۇچىنىڭ شەھەردە تۇرۇپ ئۆز يۇرتىغا نەزەر سىلىشى، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ پەرقى ئىچىدە يازغۇچىنىڭ ئۆز يۇرتىغا نىسبەتەن ھاسىل قىلغان يىڭى تونۇشىنى ۋە ھىسياتىنى ئىپادىلەيدىغان ئەدەبىيات» دەپ قارىغان. نەنجىڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پىرافىسسورى دىڭ فەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «جۇڭگو يېزا پىروزىچىلىقى تارىخى» ناملىق كىتابىدا «يېزا پىروزىچىلىقى يېزا ئىگىلىك جەمىيتىنىڭ مەدەنىيەت بەلگۈسى شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ سانائەتلىشىشكە قەدەم بىسىشتىن بۇرۇنقى يېزا ئىگىلىك دەۋىرلىرىدىلا ئەدەبىياتتا يېزا پىروزىچىلىقى بار ئىدى. پەقەت جەمىيەت سانائەت دەۋرىگە قەدەم بىسىپ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىدا ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كىلىشى بىلەن ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋى جەمىيەتتىكى توقۇنىشى جەريانىدا ئاندىن يېزا پىروزىچىلىقى ئەسلى ئەھمىيتىنى نامايەن قىلالىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ. يېزا پىروزىچىلىقى يازغۇچىلىرىنىڭ يېزا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق. مۇنداقچە ئىيتقاندا يىلتىزداش دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىقى، ياشلىق دەۋىرلىرى يېزىدا ئۆتكەن بولىدۇ. ئۇلار كىيىن تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن شەھەرلەردە ياشاش جەريانىدا ئەسلىدىكى ھاسىل قىلغان يېزا ئادەملىرىگە خاس قىممەت قارىشى،( مەسىلەن، ئامان-ئىسەنلىكنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزگۈرۈشلەرنى قوغلىشىپ كەتمەيدىغان، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان، ئاممىۋى ھەمكارلىقلارغا ۋە شەخسى ئەركىنلىكلەرگە ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدىغان دىگەندەك) تەپەككۇر ئۇسۇلى، ھىسيات قىزىقىشى دىگەنلەرنى تاشلىغۇسى كەلمەيدۇ.

  يېزا پىروزىچىلىقى يازغۇچىلىرى شەھەر مەدەنىيتىگە نىسبەتەن سوغاق قان بولىدۇ. ماسلىشىش كۈچلۈك بولمايدۇ. شەھەر مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى ۋە ئۆزىگە تاتىشلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدۇ ھەتتا ئۇنى چەتكە قىقىش پوزىتسىيەسىنى تۇتىدۇ. ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت-ماكان، زامانغا نىسبەتەن ئىچكى سىغىنىش ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

  يېزا پىروزىچىلىقى-دۇنياۋى خارەكتىرلىك ئەدەبىيات ھادىسىسى سۈپىتىدە ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشكە، ئۆتكەن كۈنلىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى، سۆيۈنىشىنى ھازىرقى زامان مەدەنىيتىدىكى ناچار ئامىللارغا بولغان تەنقىدلەش ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ زامانىۋى جەمىيەتكە نىسبەتەن بىر خىل ماسلىشالماسلىق تۇيغۇلىرىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرمەكتە.

  ئەدەبى تەنقىدچىلىكتە «يېزا پىروزىچىلىقى» دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا تەتقىقات ئۇسۇللىرىمىز بىلەن كۈزۈتۈش نوختىمىزنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

  4. يىزا پىروزىچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى

  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە يېزا پىروزىچىلىقى قايتا سىناق قىلىنىشقا باشلىدى. «جاراھەت ئەدەبىياتى»، «قايتا ئويلىنىش ئەدەبىياتى» دىن «ئىسلاھات ئەدەبىياتى » غىچە ، «يىلتىز ئىزدەش ئەدەبىياتى» دىن «يېڭى ئېقىم ھىكايىلىرى»غىچە، ھەتتا «خاتىرە ئەدەبىيات»، «ئەدەبىي ئاخپارات» دىگەنلەرگىچە بولغان ئەدەبىياتلاردا بارلىققا كەلگەن ، زور تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەرنىڭ كۈپۈنچىسى يېزا پىرۇزىچىلىقى ئەسەرلىرىدۇر.

  بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇدىكى، مىللىي مەدەنىيەت پىسخىك قۇرۇلما ئاساسى يېزا مەدەنىيتىدە بولغان دۆلەت ئۈچۈن يېزا مەھەللىلەرنىڭ قۇرۇلما قىياپىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر يازغۇچىلارنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك دىققەت قىلىدىغان ئوبىكتىغا ئايلىنىدۇ.

  يېزا پىروزىچىلىقى ھازىرقى زاماندىكى بىرەر ئېقىم ئەمەس. ئۇ ياكى بىرەر ئېقىمغىمۇ تەۋە ئەمەس. ئۇ ئەدەبىياتىكى بىر خىل ھادىسە ياكى تۈر خالاس. يېزا پىروزىچىلىقىنى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا مەنسۇپ دەپ قاراش بىر خىل خاتا چۈشەنچە ھېساپلىنىدۇ. ناتورالىزىممۇ، رومانتىزىممۇ ئوخشاشلا مەھەللىۋى يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ.

  يېزا پىروزىچىلىقى يازغۇچىدىن مىللەتنىڭ ئورتاقلىقلىرىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلمايدۇ. بەلكى مەلۇم رايۇندىكى مىللىي خاسلىق ئارقىلىق شۇ رايۇننىڭ ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى، ئۆز مىللىتىدىكىلەر بىلەن بولغان پەرقلىرىنى ئىپادىلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقا دۆلەت، باشقا مىللەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ پەرق تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

  ئۇيغۇر پىروزىسى تەرەققىياتىدا يېزا پىروزىچىلىقىىغا قانداق ھۆكۉم قىلىش بىر مۇھىم تىما. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇتلەق كۆپ سانىدىكى ئەسەرلەر يېزا تېمىسىدا يېزىلغان . ئەمما تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدىكى يېزا پروزىيىسىچىلىقى ئۆلچەملىرى بىلەن قارىغاندا ھەقىقىي مەنىدىكى يېزا پىروزىچىلىقى ئەسەرلىرىگە كىرىدىغانلىرى قانچىلىك، بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس .

  ئەمما، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدا زوردۇن سابىرنىڭ ھىكايە –پوۋىستىلىرىنى يېزا پىروزىيىسىكى ئەسەرلەر جۉملىسىدىن دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. چۉنكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئۇمۇمىي قىياپىتىدىن كۆرە ھەر قايسى رايۇن –مەھەللىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك مەدەنىيەت ، ئۆرپ –ئادەت ئالاھىدىلىكلىرى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن . بىر رايۇن ياكى بىر ئورۇندىكى مەھەللىۋى ئادەتلەرنى ، مەھەللىۋى يۇسۇنلارنى ۋە مەھەللىۋى مۇناسىۋەتلەرنى خاتىرىگە ئالغاندەك روشەن تەسۋىرلەپ بەرگەن . مەسلەن : بىز يازغۇچىنىڭ ‹‹ دولان ياشلىرى ›› ناملىق ھىكايىسىنى ئالىدىغان بولساق بۇ ھىكايىدە تەسۋىرلەنگىنى مەكىت ناھىيىسى ۋە ئۇنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مەھەللىۋى ئادەت كۆرۉنۉشلىرى شۇنداقلا شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ يەرلىك خاس ئۆرپ –ئادەتلىرى بىلەن قاراشلىرىدۇر. يەنە يازغۇچىنىڭ ‹‹ خەيرلىك ئىش›› ناملىق پوۋىستىنى ئالىدىغان بولساق بۇ پوۋىستىتا ئەكىس ئىتىدىغىنى

  تۇرپان رايۇنى ۋە بۇ يەرنىڭ يېزا كەنىتىلىرىدىكى مەھەللىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئۉزۉم ئۆستۉرۉشتىن ئۉزۉم قۇرۇتۇشقىچە بولغان قائىدە –تەرتىپلىرى ، شۇيەرگىلا خاس بولغان ئۆرپ-ئادەت ، يەرلىك مەنزىرلەرگىچە ، يەرلىك تىل ، يەرلىك خاراكتىرگىچە خاتىرلەنگەن ۋە ئىپادىلەنگەن . بىر مەنادىن ئالغاندا زوردۇن سابىرنىڭ بۇ پوۋىستىنى تۇرپان مەھەللىۋى تۇرمۇشىنىڭ بىر ئەينىكى دىيىشكە بۇلىدۇ. دىمەك ، زوردۇن سابىر مانا شۇنداق ئۆزىگە خاس يېزىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇيغۇر بۉگۉنكى زامان پروزىچىلىقىدا يېزا پىروزىچىىلىقنىڭ تىپىنى ياراتقان يازغۇچى بۇلۇپ قالدى . ئۇنىڭ يېزا پروزىچىلىقىغا مەنسۇپ بولغان ھىكايە– پوۋىستىلىرى باشقا يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىگە ئوخشىمىغان ھالدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ دەل زوردۇن سابىرنىڭ ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىن ھالقىيالىغانلىنىڭ بىر ئىپادىسىى .