‹‹سوۋغات››نى رەت قىلىشمۇ تەربىيەنىڭ بىر يولى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

‹‹سوۋغات››نى رەت قىلىشمۇ تەربىيەنىڭ بىر يولى


ئابدۇرىشىت ئابدۇلجان

چاغان، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى ... قاتارلىق بايراملاردا بەزى ئاتا – ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارغا نېمە سوۋغات بېرىش، قانداق بېرىش توغرىسىدا ئويلىنىپ قالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئوقۇتقۇچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ. ئەتراپىمىزدا بىز ئاڭلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش توغرىسىدىكى تەسىرلىك ئىش – ئىزلار، ھېكايىلەرمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا ۋە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىقنىڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر.

مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسلانغاندا ھېچقانداق پايدا – مەنپەئەت ئارىلاشمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئوقۇتقۇچىلارنى سۆيۈش بىر خىل ئورتاق قاراشقا ئايلىنىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ساغلام، نورمال بولغان مەكتەپ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتى، ئوقۇتقۇچىلىق، ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغاندا مائارىپىمىز تېخىمۇ توغرا رەۋىشتە گۈللىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

بۇ خىل ئورتاق قاراشنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاتا – ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. ئاتا – ئانىلار شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، ھەرخىل بايراملاردا ئوقۇتقۇچىلارغا سوۋغات بېرىش ئارقىلىق پەرزەنتلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىسا بۇ پەرزەنتلەرگە ھەقىقىي كۆيۈنۈش بولمايدۇ.

مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق رېئاللىشىدۇ. مەكتەپ خىزمەت نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجرا قىلىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە باغلىق. مائارىپ خىزمىتى ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق داۋاملاشقاچقا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسى ۋە تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش مائارىپىمىزدىكى مۇھىم مەسىلىدۇر. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ ئاتا – ئانىلار بىلەن ساغلام ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەلىنىشىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى، مەكتەپ بىلەن بىرلىكتە پەرزەنتلەردە ياخشى ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشى، مائارىپنى چۈشىنىش، قوللاشنىڭ ئۆزىگە بولغان ئەڭ زور قوللاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ئاتا – ئانىلارمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا ماسلىشىشى، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹سوۋغات›› بېرىش – ئېلىش قىلمىشىغا نىسبەتەن ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق چەكلەش مەجبۇرىيىتى بار. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، ئوقۇش باشلاش ياكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىملىرىدا مەكتەپ ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ۋە نىشانىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، ئاتا – ئانىلار ۋە مەكتەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئازادە كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزئارا مېھىر – مۇھەببەت ۋە چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ بەزى مۇناسىۋەتلەر ئېلىم – بېرىمدىن ئىبارەت سوۋغىنى ئاساس قىلماسلىقى كېرەك.

قىسقىسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۇلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن رېئاللىشىدۇ. ئىناق خىزمەت مۇھىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتە يۈكسىلىشىگە پايدىلىق. مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت سورۇنىنى بىللە خىزمەت قىلىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋە ئارام ئالىدىغان ‹‹ئىللىق ماكان››غا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

تەھرىر:ئابدۇراخمان سادىق ۋاقتى:2017-01-23 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى