‹‹بىرەر كۈنى››زادى قاچان كېلىدۇ؟

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

‹‹بىرەر كۈنى››زادى قاچان كېلىدۇ؟


گۈلپىيە ئابلىز

ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەن چېغىمدىكى بۇ كىچىككىنە ئىش ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ، دەرس باشلىغان تۇنجى ھەپتىنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى مۇئەللىمىمىز سىنىپتىكى بىر قانچىمىزغا:

بىرەر كۈنى ئۆيگە كىرىپ ھەدەڭلار ئەتكەن ئۆي تامىقىنى يەپ چىقىڭلار، -دېدى.

بىز تارتىنىپقىنا بېشىمىزنى لىڭىشتتۇق، شۇ ئەسنادا ئارىمىزدىكى شوخراق ئوغۇل ساۋاقدىشىم:

مۇئەللىم ‹‹بىرەر كۈنى›› دېگەن زادى قايسى كۈنى؟ -دەپ سورىدى، ئۇنىڭ سوئالىدىن مۇئەللىم تۇرۇپلا قالدى.

شۇنىڭدىن كېيىن مانا مۇشۇنداق ‹‹بىرەر كۈنى›› بىللە تاماق يەيلى، ‹‹بىرەر كۈنى›› سۇ ئۈزۈپ كېلەيلى، ‹‹بىرەر كۈنى›› كىتابخانىغا بېرىپ كېلەيلى، ‹‹بىرەر كۈنى›› بىللە بازارغا چىقايلى دېگەندەك ۋەدىلەرنى كۆپ ئاڭلىدىم ھەم شۇنداق دېيىشكەنلەرنىمۇ كۆپ كۆردۈم، ئەمما ئاشۇ ‹‹بىرەر كۈنى›› كەلمىدى، شۇ ‹‹بىرەر كۈنى››نىڭ زادى قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى، ئۇ كۈننىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى تا ھازىرغىچە بىلەلمىدىم.

بىر كۈنى تاللا بازىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان يېقىن دوستۇمنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ بەش – ئالتە ياشلاردىكى ئوماققىنە بىر قىزنى ئەگەشتۈرۈۋالغانىدى، بىز ئۆزئارا سالاملىشىپ، بىردەمدىلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق، ئۇ يېنىدىكى قىزچاقنى ماڭا قىزىم دەپ تونۇشتۇردى، كېيىن بىز ‹‹بىرەر كۈنى›› ئۇچرىشىپ قەھۋە ئىچكەچ تېخىمۇ تەپسىلىي پاراڭلىشىشقا پۈتۈشۈپ خوشلاشتۇق. كەچقۇرۇن ئۇ دوستۇم ئۈندىداردىكى ساۋاقداشلار توپىدا ‹‹بۈگۈن تاللا بازىرىدا ئاسىيەنى ئۇچرىتىپ قالدىم، شۇنچە يىللار ئۆتسىمۇ ئۇ پەقەتلا ئۆزگەرمەپتۇ، تېخى بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ <بىرەر كۈنى> ساۋاقداشلار يىغىلىشى قىلىپ ئۇنى كۈتۈۋالايلى›› دېدى، قالغان ساۋاقداشلىرىممۇ بەس – بەستە جاۋاب قايتۇرۇپ چوقۇم ‹‹بىرەر كۈنى›› يىغىلايلى دېيىشتى، دوستۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈشتۇق، بىر قېتىمقى يازلىق تەتىلدە ئۇ دادام، ئاپامنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ مېنى يېزىدىكى ئۆيىدە بىر كېچە قوندۇرۇۋالغانىدى، ئۇنىڭ ئاپىسى بىزگە ئوخشىتىپ پولۇ ئېتىپ بەرگەن، بىز كېچىچە پاراڭلاشقان، مۇڭداشقانىدۇق. كېيىن مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىدى، ھەر قېتىمقى تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىمدا ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا ‹‹بىرەر كۈنى›› كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىشقا، ‹‹بىرەر كۈنى›› باغچىلارغا بېرىپ ئويناپ كېلىشكە، ‹‹بىرەر كۈنى›› قانغۇچە مۇڭدىشىشقا ۋەدىلىشەتتۇق – يۇ ئاشۇ ‹‹بىرەر كۈنى›› كەلمەي قايتىپ كېتەتتىم، كېيىن ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ، توي قىلغانلىقىنى ئېيتتى، مەنمۇ تەتىلدە ‹‹بىرەر كۈنى›› ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇبارەكلەپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، بىر يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئانا بولغانلىقىنى ئېيتتى، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا تەتىلدە ‹‹بىرەر كۈنى›› چوقۇم ئۇنى ھەم بالىسىنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، بىز شۇنداق يېقىن دوستلاردىن تۇرۇپ، ئاشۇ ‹‹بىرەر كۈنى›› كەلمەي ئۇنىڭ قىزىنىڭ چوپچوڭلا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم.

بىر ئاي ئىلگىرى ئىنىم توي قىلدى، تويدىن كېيىنكى تۈگىمەس مېھمان چاقىرىشلار، مېھمان بولۇشلار، ئۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى دەپ كېلىنچەك بىر ئايغىچە شەھەردىن ناھىيە مەركىزىدىكى ئاتا – ئانىسىنى يوقلاپ بېرىپ بولالمىدى، دادام، ئاپاملار ھەر قېتىم ئۇنىڭغا:

بالام، ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئاتا – ئانىڭىزنى كۆرۈپ كېلىڭ،- دېدى.

مېھمانلارنى چاقىرىۋېتىپ ‹‹بىرەر كۈنى›› بېرىپ كېلەرمەن، خىزمەتداشلىرىم چاقىرىپتۇ، مۇشۇ ئىش تۈگىگەندە ‹‹بىرەر كۈنى›› ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ كېلەي، ماۋۇ ھەپتە ئۆتۈپ كەتسە، كېيىنكى ھەپتە ‹‹بىرەر كۈنى›› بېرىپ كېلەرمەن دەپ، ئاشۇ ‹‹بىرەر كۈنى›› كەلمەي تۇرۇپ، دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. كېلىنچەكنىڭ ئاپىسىدىن ئۇقۇشىمىزچە كېلىنچەكنىڭ دادىسىنىڭ خېلى بۇرۇنلا مىجەزى يوق ئىكەن، ئايالى كۆپ قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىشقا دەۋەت قىلغىنىدا، قىزىمىزنىڭ تويىنى قىلىۋېلىپ ئاندىن ‹‹بىرەر كۈنى›› دوختۇرخانىغا بارارمەن، قۇدىلارنى چاقىرىۋالغاندىن كېيىن ‹‹بىرەر كۈنى›› دوختۇرخانىغا بارارمەن دەپ ئاخىر كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇق، كېلىنچەك ئۇزاقتىن – ئۇزاق يىغلىدى، ئۇنىڭغا قاراپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. ئىچىمدە ئۆزۈمدىن سورىدىم ‹‹بىرەر كۈنى زادى قاچان كېلىدۇ؟››.

ئىلىم – پەن، ئۇچۇر، پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىزگە شۇنچىلىك قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، سىرتقا چىقماي، سودا سارايلارنى ئايلانماي تۇرۇپمۇ، توردىن چىرايلىق، ئېسىل كىيىم – كېچەكلەرنى، نەرسە – كېرەكلەرنى سېتىۋالالايدىغان بولدۇق، يىراق – يېقىندىكى دوستلار بىلەن ئۈندىدار، مىكروبىلوگدا ئالاقىلىشىدىغان بولدۇق، كىنولارنى كىنوخانىلارغا بارماي، ئۆچىرەتتە قىستىلىپ يۈرۈپ بېلەت ئالمايلا ئۆيدە، ھەر قانداق جايدا تېلېفوندا تور ئارقىلىق كۆرەلەيدىغان بولدۇق، بۇ خىل ئەۋزەللىك بىزنى بارا – بارا بىر – بىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشقا باشلىدى، بەزى چاغلاردا سىرتلاردا ئۇچرىشىپ قالساق ‹‹بىرەر كۈنى›› بىللە تاماق يەيلى، ‹‹بىرەر كۈنى›› بىللە سودا ساراي ئايلىنايلى دېيىشىپ ئۆز يوللىرىمىزغا راۋان بولۇشتۇق. ئەمما مانا مۇشۇ ‹‹بىرەر كۈنى›› ۋاقتىدا كەلمەي بىز نۇرغۇن يېقىنلىرىمىز، بىزنى چوڭ بىلگەن، بىزنى ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتىمىز، ھەتتا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز.

ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا ھەم غەنىيمەت، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ساقلاشقا، كۈتۈشكە، رەنجىشكە، ئاداۋەت ساقلاشقا ئەمەس مۇھەببىتىڭىزنى بىلدۈرۈشكە، ياخشىلىق قىلىشقا سەرپ قىلىڭ. سۈبھىدىكى تاڭ شەپىقىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەتە ئەتىگەندىلا كۆرۈڭ، يىراقتىكى ئاتا – ئانىڭىزنى يوقلىماقچى بولسىڭىز بۈگۈنلا يولغا چىقىڭ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىزگە تېلېفون قىلماقچى بولسىڭىز ھازىرلا قىلىڭ... ‹‹بىرەر كۈنى››نى ساقلاۋېرىپ نۇرغۇن ئىشتا پۇشايماندا قالماڭ!

تەھرىر:ئابدۇراخمان سادىق ۋاقتى:2017-01-16 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى