ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ياراتقۇچىسى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ياراتقۇچىسى


ئابدۇقەييۇم ئېلى

كىشىلىك تۇرمۇشتا خۇشاللىق بىلەن قايغۇ، بەخت بىلەن بەختسىزلىك ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئادەمنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تونۇشى، بىلىشى تولىمۇ مۇھىم بىر تەرەپ.

1974 – يىلى مىف نېفىت شىركىتىنىڭ لىدىرى بىللىر كېيىپتاۋىنغا خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېرىپتۇ. بىر قېتىم ئۇ تازىلىق ئۆيىدە بىر قارا تەنلىك بالىنىڭ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يەر سۈرتىۋاتقانلىقىنى، ھەر بىر قېتىم سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن يەرگە باش ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قىلىپ ھېلىقى بالىدىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇ بالا ئۆزىنىڭ قۇتقازغۇچىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتپتۇ. بىللىر يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ قارا تەنلىك بالىنىڭ قۇتقازغۇچىغا نېمە ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى سورىغاندا بالا قۇتقازغۇچىنىڭ ئۆزىگە بۇ خىزمەتنى بەرگەنلىكتىن تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل شەكىلدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيىتپتۇ. بىللىر قارا تەنلىك بالىغا:

مەن بىر قۇتقازغۇچىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ لىدىرى بولالىدىم. سەن شۇ قۇتقازغۇچى بىلەن ئۇچرىشىشىنى خالامسەن؟ دەپ سوراپتۇ. بالا خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن بىللىر:

جەنۇبىي ئافرىقىدا بىر تاغ بار بولۇپ بىلىشىمچە، ئۇ تاغنىڭ ئۈستىدە بىر قۇتقازغۇچى بارمىش، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ئىشلىرى روناق تاپارمىش، 20 يىل ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ كەتتى. ئەگەر بېرىشنى خالىساڭ مەن ساڭا بىر ئايلىق رۇخسەت بېرىمەن، دەپتۇ.

قارا تەنلىك بالا 30 كۈنلۈك جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئاخىرى ھېلىقى تاغقا يېتىپ كەپتۇ. بالا تاغنى بىر كۈن ئايلىنىپ چىققان بولسىمۇ لېكىن ھېچقانداق ئادەمنى ئۇچرىتالماي شىركەتكە قايتىپ كەپتۇ، كېلىپلا بىللىرغا:

لىدىر ئەپەندىم، مېنىڭ بارمىغان يېرىم قالمىدى، ئۇ يەردە ئۆزۈمدىن باشقا ھېچقانداق بىر قۇتقازغۇچىنى ئۇچراتمىدىم، دەپتۇ.

بىللىر:

توغرا دەيسەن، دۇنيادا ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچقانداق قۇتقازغۇچى يوق، -دەپتۇ.

20 يىلدىن كېيىن ئۇ قارا تەنلىك بالا بىللىرىنىڭ ئورنىغا شىركەت لىدىرى بوپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمى جېيىن ئىكەن. 2000 – يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا جېيىن شىركەت ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىپتۇ. بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىپتۇ:

سىز ئۆزىڭىزنى بايقىغان كۈن دەل قۇتقازغۇچى بىلەن ئۇچراشقان كۈنىڭىز ھېسابلىنىدۇ.

ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، ئازراقلا زىيانغا ئۇچرىسا نېمە قىلارىنى بىلمەي ئاھ ئۇرۇپ ئازابلىق نالە قىلىۋاتقان، ئەرزىمەس ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا ۋايىم يەپ ئىلگىرىلەش نىشانىدىن ۋاز كېچىۋاتقان، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالسىمۇ ھەممە كەلگۈلۈك بىر ئۆزىگىلا كېلىۋاتقاندەك نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراۋاتقان كىشىلىرىمىز بار. ئويلاپ باقساق، ھاياتلىقتا ھەر قانداق بىر كىشى ئىشلارغا ئەجىر قىلماي، تەر تۆكمەي، جاپا تارتماي نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەمەس. ھازىر پەن – تېخنىكا شۇنداق تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ يەنىلا بىر قىسىم كىشلىرىمىزدە ئوڭۇشسىزلىق، مەغلۇبىيەت ئالدىدا پىشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ دەپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى كۈچىگە سەل قارايدىغان خاھىشلار ھېلىھەم ساقلانماقتا. بۇ ھەقتە بىر دانا ‹‹كىشىلەر تەقدىردىن نالە قىلىشىدۇ، تەقدىردە نېمە گۇناھ؟ ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ياراتقۇچىسى›› دەيدۇ. ئىنساننىڭ ئۆز – ئۆزىنى تونۇشى، ئۆزلۈكتىن ھالقىشى يېڭى بىر ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆز – ئۆزىنى تونۇپ، دۇچ كەلگەن ھەر قانداق ئىشلارنىڭ ئامالىنىڭ شۇ ئىشنىڭ دائىرىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئىنسان ئۆز – ئۆزىنى قانچىلىك چۈشەنسە، بىلەلىسە دۇنيانىمۇ شۇنچىلىك چۈشىنىدۇ. دۇچ كەلگەن ھەر بىر مۈشكۈلاتمۇ ئۆزىنى چۈشىنىش ئىچىدە ئۆز يولىدا ھەل بولىدۇ، مۇناسىپ تەدبىر تۈزۈلىدۇ.

تەھرىر:ئابدۇراخمان سادىق ۋاقتى:2017-01-06 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى