ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تۇرپان شىۋىسى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تۇرپان شىۋىسى


ھەبىبۇللا خەلىۋۇللا توپلىغان


1.ئاتتام: ئوھوي، ۋايۋۇي

2.ئاتقۇچ: رەگەتكە

3.ئارىلىق: كارىدور، تاشقىرىقى ئۆي

4.ئازغاق: ئازغى ئات. قورساق قىسمى ئاقۇچ كەلگەن تورۇق ئات.

5.ئاسقاق: تىرنا

6.ئاقتۇرما: تۇرۇپ. قىزىل ئاقتۇرما- قىزىل تۇرۇپ.

7.ئاق سۈيى: ئوسا (پىچان)

8.ئاڭلاۋا: شۇڭا، شۇنىڭ ئۈچۈن

9.ئالاغۇرالداي: قاپباش

10.ئالاكا: ئاكا، ئاغا

11.ئالاڭغىرىماق: ئېچىرقىماق

12.ئالتۇن قوڭغۇز: ئوت- چۆپلەرگە يېپىشىۋالىدىغان، رەڭگى قارامتۇل كۆك كېلىدىغان قوڭغۇز.

13.ئالچۇق: ئېتىزلىقتىكى تۆت ئەتراپى توسۇلغان، تۆپىسىگە ياغاچ، شاخ-شۇمبىلار يېپىلغان، ئادەم ئولتۇرىدىغان قۇرۇلما، كەپە.

14.ئاڭغىچىلىك: ئۇنىڭغا قەدەر، شۇ ۋاقىتقا قەدەر، شۇنىڭغىچە

15.ئاياغ~ ئاياق: چۆچەك. ياغاچتىن ئويۇپ، يونۇپ ياسالغان تاماق قاچىسى.

16.ئايسىخان كۆكچى ~ ئايغاق كۆكچىسى: قوغۇننىڭ بىر سورتى.(پىچان )

17.ئايلاڭ: توي ناخشىسى (تۇرپان قاراغوجا)

18.ئايۋانچا~ ئايۋەنچە: شىپاڭ. لاپاس، دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئەگمە قىلىپ يېپىلغان قۇرۇلما، ئىككى تەرىپى ئوچۇق كېلىدۇ.

19.ئەبەي: ئەجەبلىنىش، قۇرقۇش مەنىسىدىكى ئۈندەش سۆز.

20.ئەزمىدە: ھەزىم، سىڭىرىش، ئېزىلىش.م: مەن بۇ تاماقنى ئەزمىدە قىلالايمەن.

21.ئەڭكىزە: ئاندىن، ئاندىن كېيىن

22.ئەڭل: ئۇچا، ئۈستۋاش، كىيىم-كېچەك.

23. ئەلتەك: ئەلگە ئارىلاشقاق، كۆڭۈلچەك، چىقىشقاق(ئادەم )

24.بارتۇ: خوجىدار، ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى كىشى.

25.باغرو: باغرى قاتتىق، رەھىمسىز.

26. بالچۇق1: ئۇلاغنىڭ تەكتىدىن، يەنى تۆشىدىن تاڭىدىغان كىگىزنى يۇمىلاق قىلىپ باغلايدىغان مۆلە قىسمى.

27.بالچۇق 2: پېلەكتە يېڭى چۈشكەن كىچىك كاۋا.

28.باۋشۇق: قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.

29.بەتگۇپا: ۋاپا قىلمايدىغان، ۋاپاسىز، بىۋاپا.

30.بەشۋالتاق: بۆدۈنە.

31.بەشىنچى تازىم: توينىڭ ۋاقتىنى بېكىتىش ۋە تويلۇق سېلىش چېيى.

32.بەلدەڭگۈچ: رەگەتكە (پىچان)

33.بەڭشە: بەڭشىر، جۇۋاۋا.

34.بورۇل ئات: چىپار ئات. رەڭگى كۆككە مايىل كەلگەن ئات.

35.بوسۇق: بوسۇغا.

36. بوغۇرساق: ئۈچ ئارغامچىنى بىر –بىرىگە كىرىشتۈرۈلگەن كىچىك يۇمىلاق ياغاچ.

37.بويا: كەتمەن

38.بۇرام: بولتا

39.بويلاق: ئىككى ياشلىق توقلا.(پىچان)

40.بۇرۇغدىماق: كۆزگە كىرگەن نەرسىنى سۇ بىلەن چىقىرىپ ئەملەشتىكى بىر خىل ئۇسۇل.

41.بۇلۇقتۇرما: تۈرۈم-تۈرۈم، تۈرۈلۈپ-تۈرۈلۈپ. م: ئېگىز تۇرخۇندىن ئىس بولۇقتۇرما بولۇپ چىقماقتا.

41. بۆرىياڭاق: يوپۇرمىقى ئىنچىكە ئۇچلۇق، مېۋىسى غوزىغا(ياڭاققا) ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. مېۋىسىنى يېگىلى بولمايدۇ. توغرىسى: بورىقىياق.

42.بۆز: پاختا.

43.بۆشۈك تەۋەتكە: ياچىۋەك

44.بېزىندە: بۆشۈكنىڭ قول تارتقۇسى.

45.بېغىرساق: ۋاپادار، سادىق، مېھرىبان.

46.بىزەڭ: قىلىقى سەت، گەپ ئۆتمەيدىغان (ئادەم).

47. بىزمان~ بىزمانلىققا: ۋاقىتتىن كېيىن، سەل تۇرۇپ، بىردەمدىن كېيىن. م: بىزمانلىققا كېلىمەن.

48.بىقىنى چىقماق: تويۇنماق، پۇخادىن چىقماق، مەززە قىلماق.

49.پاپىلىماق: ئۆمىلىمەك.

50.پارتاڭچى: بەتخەج، ئىسراپخور.

51.پارلىماق: تاللىماق، خىللىماق.

52.پاقچۇر: جۇۋاۋا، بەنشىر. (پىچان)

53.پامپا: ئاختارمىلىقتىكى يوغان چالما.

54.پالگان: مەرگەن.

55.پەپە: ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى.

56. پەتكۈش: لىمتاق

57.پەدەڭ: تاماق يەيدىغان سىرلىق قاچا؛ تەلەڭگە.

58.پەش: پەشتاما، پەرتۇق.

59.پەلەمما بولماق: ھاراق ئىچىپ خۇدىنى يوقاتماق.(پىچان)

60.پوم: ھورنان، جىڭموما.

61.پۇراققا كىرمەك: ئۈزۈم غورا بولماق

62.پۆگە: مەلۇم بىر يەرگە ياكى پاسىلغا ئورنىتىلغان بەلگە ياكى دۆڭ.

63.پۆكەن: تېخى پۈتۈنلەي قۇرۇمىغان ئۈزۈم.(پىچان تۇيۇق).

64.پېتىق: پاتقاق.

65.پىچان: قومۇش.

66.پىخەي: لاتا ئاياغ، خەنزۇلار كېيىدىغان رەختتىن تىكىلگەن ئاياغ كىيىم.

67.پىشلايماق: پۇت بارماق ئارىلىرىنىڭ يېرىلىپ، سۇ چىقىشى. م: ئۇنىڭ پۇتلىرى پىشلىيىپ كېتىپتۇ.

68.تا:تقا: تۈرگە. قار، ئەخلەتلەرنى دۆۋىلەيدىغان سايمان. كۆپىنچە خامانلاردا خامان توپلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

69.تا:تىلىپ قالماق: ئازلاپ قالماق؛ ئورۇقلاپ قالماق.

70.تاراپال: تەييارلىقسىز، تۇيۇقسىز.

71.تارپىيىن: تارمار، ۋەيران.

72.تارلاڭ: ئېقىن، جىرا.

73.تازا: ساغلام

74.تاشراق: ئىدىش، جاۋۇر، ساپال تەلەڭگە.(پىچان)

75.تاشۇ: ئاشۇ (تۇرپان ئاستانە)

76.تاقلىغۇچ: تاقلاپ-سەكرەپ ئوينايدىغان بىر خىل بالىلار ئويۇنى.

77.تام غېرىچ ئويۇنى: بىر خىل بالىلار ئويۇنى. تەڭگىنى تامغا ئۇرۇپ، غېرىچلاپ ئىككى تەڭگىنىڭ ئارىلىقى غېرىچقا توشسا، ئۇتقان بولىدۇ. ئىككى ئادەم ئوينايدۇ. (تۇرپان)

78.تايلاق: كۆچمە مەنىسى: يالىڭاچ.

79.تەپچە: پاختىسى ئېلىۋېتىلگەن كېۋەزنىڭ شادىسى.

80.تەشكۇت: لاپقۇت، ئېتىز ئەمگىكىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق.

81. تەڭلىمەك: تاڭماق. چايقىلىپ كەتكەن باشنى تۇخۇم بىلەن تېڭىشقا قارىتىلىدۇ.

82.تەم –تەم: چېكىم-چېكىم، ئانچە-مۇنچە، ئاندا-ساندا، ئاران-ئاران.م: بالا تەم-تەم مېڭىپتۇ.

83.تەنە: ئەنە.

84.توپاق: ساپانغا قاتمايدىغان ئۆكۈز.

85.توختى قوتۇر: ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى.(پىچان)

86. توخچان: خەتىنەك، ياۋا چىلگە.

87.توم ياستۇق: تەكىي، ئىچىگە پاختا قاتارلىقلار سېلىنغان يۇمىلاق ياستۇق.

88.تۇپاخ: شۇڭ، تال شاخچىسى.(پىچان تۇيۇق)

89.تۆتپاق: بۇرۇنلاردا پاختا يىپ ئارقىلىق توقۇلغان رەخت، پاختا يىپى توقۇلمىسى، چەكمەندىن نېپىزرەك.(پىچان)

90.تۆزمەك: كۆنمەك، ئۆزلەشمەك. م: مەن بۇ يۇرتقا تۆزمىدىم.

91.تۈپچەك: ئۆسۈملۈك يىلتىزى.

92.تۈرمەل: خېمىرنى نېپىز يېيىپ، ئۈستىگە سەينى يېيىتىپ يۆگەپ، ھوردا پىشۇرۇلغان بىر خىل تاماق.

93.تۈزۈتلۈك: ئىسكەتلىك، يارىشىملىق، قائىدە-يوسۇنلۇق.م: بۇ چاپان خېلى تۈزۈتلۈك تىكىلىپتۇ.

94.تۈسكۆكە: قورۇما، قورۇلغان سەي(پىچان لۈكچۈن)

95.تۈگە: ئاقلانغان تېرىق.(پىچان)

96.تۈگە پولۇسى: ئاقلانغان تېرىقتا ئېتىلگەن پولۇ.

97.تۈگمەن تېشى: تىزنىڭ مىدىرلايدىغان يۇمىلاق قىسمى.

98.تۈگۈر: بىخ. م: دەرەخلەر بىخ بوپتۇ-دەرەخلەر تۈگۈر چىقىرىپتۇ.

99.تۈمبۈلۈك: مومىغا كىيدۈرۈلگەن چەمبەر شەكىللىك ياغاچ.

100.تېتىلمەك: تېتىكلەشمەك، جانلانماق، سەمىرىمەك، ھاللىنىپ قالماق