گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى

ئەخمەت مۆمىن تارىمى(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)

تەخمىنەن مىلادىيە 745 -يىلى موڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى كۈچىيىپ، كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئۆتۈكەن تېغى باغرىنى مەركەز قىلىپ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪا، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 832 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ خانلىقتا ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻛﯜرەﺷﻠﯩﺮى ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ئوردىدىكى ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮرﻟﯘق، ﻣﻪزﮬﻪﭘﯟازﻟﯩﻖ، ﮔﯘرۇﮬﯟازﻟﯩﻖ ﻳﺎﻣﺮاپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن 840 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻠﺪﯨلا ﺋﺎرﻗﺎ - ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜچ ﻗﺎﻏﺎن ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻪك ﺋﻪﮬﯟال كۆرۈلدى. ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ئارىسىدىمۇ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜش ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ۋە ﺷﺎداﭘﯩﺘلار (ﭼﯚل ﺗﯜرﻛﻠﯩﺮى) ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎنلىقىغا خىرىس قىلىپ ، ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﺎرﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﻪﺗﺘﻰ، بولۇپمۇ ﻳﯧﻨﺴﻪي دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪت ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻘﯩﻐﺎ چۈشتى. ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﺮى ۋە ﺋﻮردا ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮى ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻤﺎي، ﻳﻪﻧﯩلا ﮬﻮﻗﯘق، ﻣﺎل - ﻣﯜﻟﯜك، ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎز ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﯩﺰاغا پاتتى.

ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 839 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇق ﻗﯘت ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇق ﺋﯩﻨﻪﻳﯜن ﻛﯚل ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻳﻐﺎ ﺗﯧﻜﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎن ﻛﯚﺗﯜرۈش ﻏﻪرﯨﺰﯨﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺷﺎداﭘﯩﺘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﻗﻮي ﻳﻪشىنگە 300 ﺗﯘﻳﺎق ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﺎداﭘﯩﺖ ئەسكەرلىرىنى ﺋﺎرﯨﻴﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﯘت ﻗﺎﻏﺎﻧﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﺪى، ﻗﯘت ﻗﺎﻏﺎن ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋاﻟﺪى. ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇق ﻗﯘﺷﯘۋ(قازار) ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﻳﯚﻟﻪپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯚزى ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﻳﯜرﮔﯜزدى. دەل ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ۋاﺑﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ، يەنە ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﺎر ﻳﯧﻐﯩﭗ، ﻗﻮي، ﺋﺎﺗلارﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪرﻧﻰ ﺋﺎﭼﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘلاپ ، ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪر ﻳﻮﻟلاردا دۆۋﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ». ئەلنىڭ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪر ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻤﯘ، ﮬﯚﻛﯜﻣﺮانلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﻪﭘﺮﯨﻘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺑﻪﻟﻜﻰ چېكىگە ﻳﻪﺗﺘﻰ. 840 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺷﯘۋ ﻗﺎﻏﺎن ۋە ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇﻗﻘﺎ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯜرﮔﻪن ﺳﺎﻧﻐﯘن ﻛﯜﻟﯜگ ﺑﺎﻏﺎ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎق ﺗﯜزۈپ، 100 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘنىنى ﺑﺎﺷلاپ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ قارابالغاسۇن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻗﯘﺷﯘۋ ﻗﺎﻏﺎننى ۋە ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇﻗﻨﻰ ﻗﻪﺗﻞ ﻗﯩﻠﺪى، ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﺋﻮت ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﻮردﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﺎل - ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯘلاڭ - ﺗﺎلاڭ ﻗﯩﻠﺪى، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺗﻨﯩﯔ، ۋاﺑﺎﻧﯩﯔ ۋە ﻛﯜﻟﯜگ ﺑﺎﻏﺎ بىلەن ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷلاپ زەرﺑﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘرﻟﯩﺮى ئېغىر كۈلپەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ، قېرىنداشلىرىنىڭ يەرلىرىگە كۆچۈشكە باشلىدى.

ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ يىمىرىلگەندىن كېيىن ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى ھەققىدە «كونا تاڭنامە . ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە: «كۈلۈگ باغا چۇرۇقتىن نارازى بولۇپ، قىرغىزلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھىرىنى ۋەيران قىلدى. قۇشۇۋ قاغان بىلەن چۇرۇقنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇيغۇرلار ھەرقايسى تەرەپلەرگە تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇيرۇقى ساجى (سابچى)، قاغاننىڭ جىيەنى پان تېكىن (ياكى مەڭلىك تېكىن) ۋە ئىنىسى نارۇ (ياكى نېفىن) قاتارلىق بەش ئاكا - ئۇكا ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ غەربكە قارلۇقلار تەرەپكە ماڭدى. بىر قىسمى تىبەتلەر يېرىگە ، يەنە بىر قىسمى ئەنشىگە (ھازىرقى كۇچا، قاراشەھەر ئەتراپى)كەتتى. قاغان ئوردىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئون ئۈچ قەبىلە ئۇكا تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلەپ، جەنۇبقا كۆچۈپ كېلىپ خەنزۇلارغا بېقىندى »(1) دەپ خاتىرىلەنگەن بولسا، «يېڭى تاڭنامە ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى »دە: «كۈلۈگ باغا قىرغىزلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. قاغان ۋە چۇرۇق ئۆلتۈرۈلدى، قوۋملىرى تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. ۋەزىر ساجى ۋە مەڭلىك تېكىن (پان تېكىن) ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ قارلۇقلار تەرەپكە كەتتى. بىر تارمىقى تىبەتلەر يېرىگە ، يەنە بىر تارمىقى ئەنشىگە (ھازىرقى كۇچا، قاراشەھەر ئەتراپى)كەتتى. قاغان ئوردىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئون ئۈچ قەبىلە ئۇكا تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلەپ، جەنۇبقا كېلىپ ئورۇنلاشتى » (2) دەپ خاتىرىلەنگەن. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»نىڭ 264 ـ جىلىدىدا بولسا :«... ئۇلارنىڭ ۋەزىرى ، پان تېكىن قاتارلىقلار 15 قەبىلە بىلەن قارلۇقلار تەرەپكە ماڭدى. بىر قىسىمى تىبەتلەر يېرىگە، بىر قىسىمى ئەنشىگە (ھازىرقى كۇچا، قاراشەھەر ئەتراپى) كىردى»(3) دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار چوڭ جەھەتتىن ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچكەن. ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن قارا بالغاسۇننىڭ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ۋەﻳﺮان ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈﻟﯜﺷﻰ، ﺋﻮرﺧﯘن دەرياسى ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ، ﺋۇيغۇرلارنىڭ دۆﻟﻪت ﻗﯘرۇش ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮۇم ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، «ﻛﯚﭼﻤﻪن ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ دۆﻟﻪت ﺗﻪﺷﻜﯩلاﺗﻠﯩﺮى ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﺮەك دۈﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪا ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﭼﻮڭ ﭼﯩﻘﯩﻤلارﻏﺎ ئۇچرايدۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘلاردا ﺗﻮﻟﯘق ﻣﯘﻧﻘﻪرز ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎز دﯦﮕﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎر: ﺑﯩﺮى، دۈﺷﻤﻪن ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪە ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎراﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﯩﺮاق راﻳﻮﻧلارﻏﺎ (ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪرﺗﯩﭙﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا) ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺶ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪت ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘلاﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮاك ﻗﯩﻠﯩﺶ»(4). ﮔﻪرﭼﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴىمۇ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮان سىنىپىنى ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪۇراﻟﻤﯩﻐﺎن، ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺎ - ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮى، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى، ئەمەلدارلىرى، ﺋﯧﺴﯩﻠﺰادە ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﯚز ﻗﻮۋﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﭗ تۇرغان. ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆچۈشى قانداقتۇر بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭلا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي رايونى بولۇپ كېلىۋاتقان موڭغۇل يايلىقىدىن يەنە شۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان، ئۆز قېرىنداشلىرى بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان خېشى كارىدورى ۋە جۇڭغار، تارىم رايونلىرىغا يۆتكىلىشى ئىدى(5).

«كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دىكى خاتىرىلەر بويىچە ئۇزۇندىن بۇيان بەزى تەتقىقاتچىلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر قوۋملىرى ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن، بىر قىسىمى قارلۇقلار تەرەپكە ماڭغان، بىر قىسىمى ئەنشىگە، بەشبالىققا ۋە قۇچۇ(تۇرپان)غا ماكانلاشقان، بىر قىسىمى تىبەتلەر يېرىگە كىرىپ گەنجۇغا ماكانلاشقان، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار دەسلەپتە بەشبالىق ئەتراپىدىكى قارلۇقلارنىڭ يېرىگە كەلگەن بولۇشى، كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن (يەنى قىرغىز ئاقسۆڭەكلىرى ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىنى ئىشغال قىلغانلىقىغىلا قانائەت قىلماي، پېتىراپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەرگەن بولۇپ، 842 – يىلى يازدا ئۇلار غەربكە كۆچكەن پان تېكىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلىگە ئىككىنچى قېتىم زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قاتتىق زىيانغا ئۇچراتقان)، ئامالسىز بىر قىسىمى تىبەتلەر يېرىگە ـــ گەنجۇغا ، بىرقىسمى ئەنشىگە كەتكەن بولۇشى مۇمكىن(6). كونكىرىت ئېيتقاندا، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دىكى «غەربكە قارلۇقلار تەرەپكە كەتتى» دېيىلگەن ئۇيغۇرلار دەسلەپتە ئالتاي تېغىدىن ئۆتۈپ جۇڭغارىيەدىكى قارلۇقلارنىڭ قېشىغا كەلگەن (7). ۋاھالەنكى، بۇلار تېخى مۇستەھكەملىنىپ بولالمىغاچقا، قىرغىزلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ بولالماي، بىر قىسىمى يەنىلا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدا قېلىپ قىرغىزلار بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرغاندىن باشقا، بىر قىسىمى تىبەتلەر ئىگىلەپ تۇرغان خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا ــــ گەنجۇ ، لياڭجۇ، چىنجۇ، سۇجۇ ئەتراپلىرىغا كەتكەن.مانا بۇلار تارىخنامىلەردە «تىبەتلەر يېرىگە كەتتى» دېيىلگەن ئۇيغۇرلاردۇر. يەنە بىر قىسىمى پان تېكىن باشچىلىقىدا تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈپ ئەنشىگە ــــ قاراشەھەر، كۇچا ئەتراپىغا كەلگەن. مانا بۇلار«ئەنشىگە كەتتى» دېيىلگەن ئۇيغۇرلاردۇر. يەنە بىر قىسمى بولسا يەتتىسۇ،سۇياب دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپىغا كېلىپ ماكانلاشقان(8). بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار غەربكە ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ ئەمەس، بەلكى بىر تارماق بويىچە كۆچكەن بولۇپ ، كېيىن قىرغىزلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى تۈپەيلىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن(9).

پان تېكىن باشچىلىقىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ئەنشىگە ــــ قاراشەھەر، كۇچا ئەتراپىغا كەلگەندىن كېيىن ، 842-يىلى پانتېكىن ئۆزىنى يابغۇ دەپ جاكارلىغان. چۈنكى بۇچاغدا جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار تىكلىگەن ئۇكا قاغان تېخى ھايات ئىدى ھەم ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق قاغانى ئىدى. كېيىن پانتېكىن ئۇكا قاغاننىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئىنىسى ئوكنىر(ئىنان) قاغان ۋە ئادەملىرىنىڭ پىتىراپ كەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن 848 – يىلى 1 – ئايدا ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ(10)، ھاكىمىيەت تىكلىگەن(تەتقىقاتچىلار بۇ ھاكىمىيەتنى «غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى» دەپ ئاتايدۇ). ۋاھالەنكى، كېيىنچە «ھاكىمىيەتتە مالىمانچىلىق يۈز بەرگەن»، يەنى 870-يىلى ئەتراپىدا پان تېكىن بەشبالىقتىكى سەردارى بۆگۈچىن(بۆگۈ تېكىن) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.پان تېكىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، بۆگۈچىننىڭ قۇچۇ قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇۋېلىشى بىلەن پان تېكىننىڭ ئۇرۇق - جەمەتى، بۇيرۇق - تارقانلىرى ۋە بىر قىسىم ئادەملىرى بۆگۈ چىننىڭ رەھبەرلىككە ئىتائەت قىلىشىنى خالىماي ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشقان(11) ، يەنى ئۇلاردىن بىرقىسمى خېشى رايونىدىكى گۇاجۇ، شاجۇغا كەتكەن(12). نەتىجىدە « مىلادىيە 870- يىلى پان تېكىن ئۆلۈپ ئۇزۇنغا قالماي، غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ھەم گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قورۇلغان»(13).جۈملىدىن تاكى مۇشۇ مەزگىلگىچە غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىگە تەۋە بولۇپ تۇرۇۋاتقان خېشى ئۇيغۇرلىرى 875 – يىلىدىن كېيىن ئۆزئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇش يولىغا ماڭغان (14) . شۇنىڭدىن كېيىن ، خېشى ئۇيغۇرلىرى ئىچكى جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن. بولۇپمۇ پان تېكىننىڭ ئۇرۇق - جەمەتى خېشى رايونىغا كەلگەندىن كېيىن تەدىرىجى ھالدا بۇيەردىكى ھەر قايسى ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۇيۇشتۈرغۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، خېشى ئۇيغۇرلىرى تەدىرىجى بىرلىككە كىلىشكە باشلىغان. جۈملىدىن ئۇلار گەنجۇ رايونىنى مەركەز قىلىپ ، كۈچىنى زورايتىپ، ئەڭ ئاخىرى مۇستەقىل بىر سىياسىي، ھەربىي گوروھ سۈپتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققان(15).

خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەردارىنىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ دۆلەت قۇرغان ھەققىدە، دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا، 875 – 885 – يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن بىلگە قاغان تۇنجى قاغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوردىسى دەسلەپتە گەنجۇ شەھىرى ئەتراپىدا، يەنى ئېرغۇنا دەرياسى بويىدا بولغان. بۇ خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 875 – يىلى رەسمى مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ(16). ئۇنداقتا خېشى ئۇيغۇرلىرى ھاكىميەت قۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قاغانى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى تارمىقىدىن كىلىپ چىققان؟ باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، 870 – يىلى ئەتراپىدا پان تېكىننىڭ ئۇرۇق - جەمەتى خېشى رايونىغا كەلگەندىن كېيىن تەدىرىجى ھالدا ھەر قايسى ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۇيۇشتۈرغۈچى كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋارىسى قاغانلىق تەختىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى ھىسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانى بىلەن كېيىنكى قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى ئوخشاش بىر ئۇرۇقتىن كىلىپ چىققانىكەن(17).

گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تارىخى ماتېرىياللار ناھايىتى ئاز.شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىدە بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن.دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 870-يىلى غەربىي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى بولغان پان تېكىننى ئۆلتۈرۈپ قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا ئاساس سالغان بۆكۈچىن 876 – يىلى 4-ئايدا ئىۋىرغول( يەنى قۇمۇل ) نى ئىگىلىگەن (18) ، بۇنىڭ بىلەن قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا خوشنا بولۇپ قالغان.گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى ئالدى بىلەن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن بولغان دىنى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتكەن. بۇ چاغدا قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بۇددا راھىبلىرى دائىم گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىغا كېلىپ دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان، ھەتتا گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بۇددا راھىبلىرى بىلەن بىللە ئىران، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۆپ راۋاجلانغان بولسا كېرەك، لېكىن بۇ ھەقتىكى تارىخى ماتېرىياللار ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ(19).

مىلادىيە 11 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. جۈملىدىن ئوردىدىكى ئەمەلدارلار ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى سەردارلار كۈچىيىپ كېتىپ، قاغاننىڭ نوپۇزى تۆۋەنلەپ كەتتى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى ماجراسى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىپ، ئوردىدا سىياسىي ئۆزگىرىشلەر توختىماي يۈز بېرىپ ، بەزى قەبىلىلەر قارشىلىق كۆرسىتىپ ، ھاكىمىيەت ئاجىزلاپ كەتتى. نەتىجىدە خانلىقنىڭ ئىگىلىكى خارابلىشىشقا يۈزلەندى، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان سودا – تىجارەتلىرىنىڭ كۆلىمىمۇ بەك تارىيىپ كەتتى. مەملىكەت سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولمىغان،ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىزلاشقان مۇشۇنداق چاغدا، تاڭغۇتلار تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كېلىپ، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىغا ئېغىر خەۋپ تۇغدۇردى.

1028 -يىلى تاڭغۇتلارنىڭ سەردارى لى يۈەنخاۋ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى گەنجۇنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، قاغان گەنجۇدىن قېچىپ چىقىپ، ئۇيغۇر قۇشۇنىنى قايتا تەشكىللەپ تاڭغۇت قوشۇنىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى.ئەمما مەغلۇپ بولۇپ يارىلىنىپ چېكىندى.ئۇ ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋەزىپىسىنى ئۆزىنىڭ ئوغلىغا تاپشۇرۇپ، قايتىدىن قوشۇن تەشكىللىدى. تاڭغۇت قوشۇنى ئۇنىڭ ئوغلىنى ئەسىرگە ئالغاندىن كېيىن، قاغان چىليەنشەن تېغىنى بويلاپ شەرققە يۈرۈش قىلدى ھەم چىڭتۇشەن تېغىغا كەلگەندە بۇرۇنقى يارىسى قوزغىلىپ قازا تاپتى، شۇنىڭ بىلەن شەرققە قىلغان يۈرۈش مەغلۇپ بولدى(20). قاغاننىڭ ئوغلى تاڭغۇتلارنىڭ قولىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن قالدۇق ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى باشلاپ، غەربتىكى سۇجۇ، گۇاجۇ ۋە شاجۇ رايۇنلىرىغا كېلىپ تاڭغۇتلاربىلەن داۋاملىق قارشىلاشتى. بۇ چاغدا تاڭغۇتلارنىڭمۇ سۇجۇ، گۇاجۇ، شاجۇغا ئىلگىرىلەپ ھۇجۇم قىلغۇدەك مادارى تېخى يوق ئىدى. ھالبۇكى 1032-يىلى(ياكى 1033-يىلى) تاڭغۇت قۇشۇنى لياڭجۇنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا باش ئىگىشنى خالىمىغان نەچچە تۈمەن ئۇيغۇر جەنۇبقا كۆچۈپ كېتىپ ، گۇاجۇ، شاجۇ، سۇجۇدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ يېتىم قالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تاڭغۇتلارنىڭ سەردارى لى يۈەنخاۋ 1036 – يىلى يەنە غەرىبتىكى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى ھەم گۇاجۇ، سۇجۇ، شاجۇلارنى بىر يولىلا تارتىۋالدى. بۇ ھەقتە « سۇڭ سۇلالسى تارىخى»485-جىلىد «تاڭغۇتلار تەزكىرىسى»دە: «(لى يۇەنخاۋ) ... گۇاجۇ، شاجۇ، سۇجۇ ئۈچ ئايماقنى ئالدى»خاتىرىلەنگەن(21). لى يۇەنخاۋ خېشى كارىدۇرىنى تامامەن ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئارقا تەرىپىگە تەھدىت سالىدىغان مۇھىم كۈچ دەپ قاراپ، نۇرغۇن لەشكەر قۇيۇپ ئۇلاردىن مۇداپىئەلەندى(22). 11 ـ ئەسىرنىڭ 40 ـ يىللىرىغا كەلگەندە خېشى رايونىدا 160 يىل ئەتراپىدا ھۆكۈم سۈرگەن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تامامەن ھالاك بولدى(23) (مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنى كۆرسەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن).

ئەمما ھاكىميەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەرگىزمۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ شۇنىڭدىن ئىتبارەن تارىخ سەھنىسىدىن پۇتۇنلەي غايىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن كۆچۈش، يۆتكىلىش، ھەتتا قايتىدىن باش كۆتۈرۈشتەك تارىخى جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پاناھ ئىزدەپ چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تىبەتلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىغا كەتكەن(24) ، بىرقىسمى دۇنخۇاڭنىڭ غەربىدىكى تەڭرى تېغىنىڭ ۋە ئالتۇنتاغنىڭ كۈنگەي-تەسكەي تەرەپلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا ، يەنى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئۇدۇن (خوتەن ) خانلىقىنىڭ تەۋەسىگە كۆچۈپ كەتكەن ، ئازساندىكى بىر قىسمى سۇڭ سۇلالىسى تەۋەسىگە كەتكەن، يەنە بىرقىسىمى تاڭغۇت دۆلىتىگە ئەل بولغان( تاكى مىلادى 1227 – يىلى چىڭگىزخان تاڭغۇت خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىنلا ئۇلار تاڭغۇتلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلغان) (25). گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرقىسمى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىگە كۆچكەندىن كېيىن، قۇچۇ ( تۇرپان ) ئۇيغۇرلىرىغا ئىككى چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن: بىرى، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانىنىڭ ۋارىسلىرىدا ئۆزگىرىش بولغان. يەنە بىرى، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تېررىتورىيىسىدە ئۆزگىرىش بولغان.

بىرىنچى ئۆزگۈرۈش: تارىخىي ماتېرىياللاردا قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانلىرىنىڭ نەسەبى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېنىقراق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشىش تەس. ھالبۇكى، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قىسىمى قۇچۇ ( تۇرپان ) غا كەلگەندىن كېيىن، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانىنىڭ ۋارىسلىرىدا ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، بۇ ئۆزگۈرۈش قىتان خانلىقى ھالاكەتكە يۈزلىنىپ ، قىتانلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان يەللىغ تايشى غەربكە كۆچۈشكە ئاتلانغاندىلا ئاندىن ئاشكارىلانغان.جۈملىدىن «لياۋ سۇلالىسى تارىخى.تيەنزوخان ھەققىدە خاتىرە»دە خاتىرىلىنىشىچە، يەللىغ تايشى 1123- يىلى 2-ئايدا كۆك ئۆكۈز، ئاق ئاتلارنى ئۆلتۈرۈپ ئاسمان-زېمىنغا، ئەجداتلىرىغا ئاتاپ نەزىر قىلىپ، غەربكە سەپەر قىلىشقا تۇتۇنغاندا، ئاۋال ئۇيغۇر خانى بىلگەگە مەكتۇپ يوللاپ، « ئۆتمۈشتە ئۇلۇغ پىشۋا خانىمىز (يەنى لياۋ تەيزۇ ئاپاگى) بۆگۈ قاغان شەھىرى(يەنى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇن شەھىرى)دىن ئۆتكەندە، ئەلچى بىلەن گەنجۇغا مەكتۇپ يوللاپ ، پىشۋا بوۋىڭىز ئورمۇزد قاغانغا ‹ ئەگەر ئاتا-بوۋىلىرىڭىزنىڭ ماكانىنى سېغىنغان بولسىڭىز ، شۇنداقلا قايتىپ بېرىشتىن غەم يېگەن بولسىڭىز، مانا مەن ھازىر بۇ جايلارنى ئىگىلىدىم ، سىزگە ئايانماستىن قايتۇرۇپ بېرەي، مېنىڭ ئىلكىمدىكىسى سىزنىڭ ئىلكىڭىزدىكىدۇر› دېگەن، پىشۋا بوۋىڭىز دەرھال جاۋاپ مەكتۇپ يوللاپ تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ، ئېلىنىڭ ھازىرقى ماكانىغا كۆچكەندىن كېيىن نەچچە ئەۋلادقىچە ياشاپ كەلگەنلىكىنى ، پۈتۈن ئەلنىڭ ھازىرقى ماكانغا مېھرى چۈشۈپ قالغانلىقتىن باشقا جايلارغا كۆچۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭمۇ قەدىم ماكانىغا قايتىپ بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.بۇ، مېنىڭ ئېلىم بىلەن سىزنىڭ ئېلىڭىزنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بۇيان ئىجىل ئۆتۈپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.ھالا بۆگۈنكى كۈندە مەن غەربكە سەپەر قىلماق ئۈچۈن سىزنىڭ ئېلىڭىزدىن يول ئالماقچى بولۇپ تۇرۇپتىمەن، بۇنىڭدىن ھەرگىز شۈبھىلەنمىگەيسىزلەر» دېگەن (26).بۇ يەردىكى ئۇيغۇر خانى بىلگە دەل قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ خانى بولۇپ، يەللىغ تايشىنىڭ گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانى ئورمۇزدنى ئۇنىڭ پىشۋا بوۋىسى دېگىنىدىن بىلگەنىڭ گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ نەسەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. قارىغاندا، جەڭگىۋارلىقى يەنىلا ئۈستۈن بولغان گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قىسىمى قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ زېمىنىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇن – تىنسىزلا بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگۈرۈشنى قوزغاپ، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانلىق تەختىگە چىققان بولسا كېرەك.

   ئىككىنچى ئۆزگۈرۈش: گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قىسىمى قۇچۇغا كىرىپ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھاكىميەتنىڭ شەرقىي چىگىرىسىنىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن. جۈملىدىن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەرقىي چىگىرىسى خېشى كارىدۇرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى بۇيلاپ شەرققە سىلجىغان، يەنى  جەنۇبتا چىڭخەيگىچە سوزۇلۇپ ، ئۇدۇن (خوتەن) نىڭ شەرقى، تىبەتلەرنىڭ غەربىي شىمالىغا يەتكەن. شۇڭا، « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا تىبەتلەرنىڭ زېمىنى« شىمالدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىگە تۇتىشىدۇ » دېيىلگەن(27). شىمالدا بولسا جيۇچۇەننىڭ شىمالىغىچە سوزۇلغان(28). بۇ تەۋەلىكتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار دېگۈدەك بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى تېخىمۇ زورايتقان.

پايدىلانمىلار:

(1) ليۇ شيۇ: «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 195-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

(2) ئوۋياڭ شيۇ، سۇڭ چى : «يېڭى ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 142-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

(3) سىماگۇاڭ:«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» 264 ـ، 249-جىلىد، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

(4) (5) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: « ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2006 – يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.

(6) (9) سۇ بېيخەي، لى شيۇمېي :«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىنى ۋە موڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»، «دۈنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1990 ـ يىللىق 2 ـ سان (ئومۇمىي 18 ـ سان).

(7) (8) (11) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: « يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2010 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.

(10) ليۇ شيۇ: «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 195-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى ؛ سىماگۇاڭ: « ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۇمۇمىي ئۆرنەكلەر » 428 – جىلىد، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

(12) (17) چېن بىڭيىڭ:« يەنە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا»، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1990-يىللىق 2-سان(ئومۇمىي 18-سان).

(13) چېن جياخۇا قاتارلىقلار:«سوڭ،لياۋ،جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى مىللەتلەر تارىخى»، 321-322-بەتلەر، سىچۈەن مىللەتلەر نەشرىياتى 1996-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

(14) چيەن بوچۇەن: « ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى تارىخى»،« دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى » 1989 -يىللىق 1-سان (ئومۇمىي 15-سان ).

(15) (16) لى شۇخۇي:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش(2) ـــــــ ئۇغۇزلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات-10 »، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2007 – يىلى 7-ئاي28-قىسىم4-سان.

(18) جاڭ گۇاڭدا، روڭ شىنجياڭ:« شىجۇ ئۇيغۇرلىرىغا دائىر بىر پارچە خەنزۇچە دۇنخۇاڭ ھۆججىتى »، « بېيجىڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى » 1989 – يىللىق 2 – سان.

(19) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق : «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى »،571 –597 – بەتلەر، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991 – يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.

(20) تۆمۈر: «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1999-يىل7-ئاي خەنزۇچە1-نەشرى.

(21) « سۇڭ سۇلالسى تارىخى»485-جىلىد «تاڭغۇتلار تەزكىرىسى »، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1977-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

(22) گاۋ زىخۇ :« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ گەنجۇنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشىدىكى ئىجتىمائىي سەۋەبلەر ـــــــ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ھەققىدە مۇھاكىمە » ، « گەنسۇ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژورنىلى 1983 – يىللىق 1 – سان.

(23) (ياپونىيە) مورىياسۇ تاكائو: «شاجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى»،«دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى»2000-يىللىق2-سان(ئومۇمىي 38-سان).

(24) لى فۇتۇڭ:« سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە »، « چىگرا سىياسىيسى مۇھاكىمىسى»، 1943 – يىلى 3- توم 8 – سان.

(25) تۆمۈر: «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1999-يىل7-ئاي خەنزۇچە1-نەشرى.

(26) « لياۋ سۇلالىسى تارىخى» 30-جىلىد « تيەنزو خان ھەققىدە خاتىرە(4) »، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1974-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

(27) مەھمۇد كاشىغەرى:« تۈركىي تىللار دىۋانى » ئۇيغۇرچە 1- توم 461 – بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1980 – يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.

(28) تاڭ كەيجيەن:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قۇۋىملىرىنىڭ كۈچۈشى ۋە ئۇلارنىڭ شىجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى » ، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلى خەنزۇچە 1984 – يىللىق 3 – سان.

« تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانى