چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن قىسقىچە بايان

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن قىسقىچە بايان

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار


قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تۈركولوگىيە ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا سىڭدۈرگەن ئەمگىكى، چەت ئەلدىكى ۋەكىللىك ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تۈركولوگىيە ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: چەت ئەل ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى


ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان ۋە يېقىنقى زامان ئەدەبىي تىللىرى، ئاساسەن يازما نەرسىلەردە، يەنى، ئىلىم- پەن، ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىتىلگەن يازما ئەدەبىي تىلنى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى تىلىنى كۆرسىتىدۇ، يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلىگەن تۈرك- رۇنىك يېزىقىدا خاتىرىلەنگەن مەشھۇر ئورقۇن- يەنىسەي يازما يادىكارلىقلىرى؛ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىدىقۇت دىيالېكتىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانى، يىرىك تەرجىمە ئەسەرلەردىن «ئالتۇن يارۇق»، «مايترى سىمىت»، «شۈەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، شۇنىڭدەك «ئوغۇزخان ھەققىدە رىۋايەت»، «ئىدىقۇت سۆزلۈكى»، «ئىدىقۇت مەھكىمىسىدىن يوللىما ھۆججەتلەر» قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە باشقا قېزىپ تېپىلغان خەت- چەكلەر؛ ئوتتۇرا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ خاقانىيە دىئالېكتىنى خاتىرىلىگەن ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى يېزىقتا خاتىرىلەنگەن تارىخىي يادىكارلىقلاردىن ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتت تۈرك»، مەشھۇر ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، يۈسۈپ خاس ھاجىبپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق ئەسەرلەر؛ يېقىنقى دەۋر ئۇيغۇر تىلى خاتىرىلەنگەن چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئاتىلىپ قالغان يېزىقتا خاتىرىلەنگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەدىبلىرى، سىياسىي ئەربابلىرى، ئىلىم- پەن خادىملىرى ياراتقان نەسرىي، نەزمىي ئەسەرلەر، تىل، تارىخ، سىياسەت ۋە تېبابەتچىلىككە دائىر ئەسەرلەر، قانۇنىي ھۆججەت، خەت- ئالاقە، توختامنامە قاتارلىقلار قەدىمدىن شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نامايەندىسى ۋە يازما ئەدەبىي تىلنىڭ جەۋھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىي تىلى بولسا، ئەنە شۇ تارىخىي دەۋرلەرنى بېسىپ كەلگەن مىللىي ئورتاق تىلنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلىنى، يېزىق ۋە ئېغىز ئارقىلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممە ساھەسى ئۈچۈن خىزمەت فىلىۋاتقان تىلنى كۆرسىتىدۈ.

ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان تىل- يېزىقلار ۋە بۇ تىل- يېزىقلار بىلەن يېزىپ قالدۇرۇلغان مول يازما يادىكارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. 18- ئەسىردىن ئېتىبارەن ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈركىي تىل- يېزىقلارنى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىلدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەر 19- ئەسىرگە كەلگەندە مۇنتىزملاشقان ھالدا كەڭ قانات يايدى ۋە ئالەمشۇمۇل تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. 18- 19- ئەسىرلەردە ياۋروپا ئالىملىرىدىن ۋېنگىرىيەلىك ئا. ۋامبىرى، روسىيەلىك ۋ. ۋ. رادلوۋ، فىنلاندىيەلىك گ. رامستېد قاتارلىقلار تۈركىي تىللار تەتقىقاتىنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى پېشىۋالىرىدىن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازدى، شۇنداقلا ئالتاي ۋە ئۇرال- ئالتاي نەزەرىيەلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

______

  • مەزكۇر ماقالە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات فوندىنىڭ 2010- يىللىق تەتقىقات تېمىسى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى»نىڭ باسقۇچلۇق تەتقىقات نەتىجىسى. تەستىق نومۇرى: 10BYY076

19- ئەسرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات خېلى ئىشلەندى. روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ياپونىيە، شۋېتسىيە، فېنلاندىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى شىنجاڭ (دۇنخۇاڭمۇ بار)دىن قەدىمكى تىل- يېزىقتا يېزىلغان نۇرغۇن قىممەتلىك يازما ماتېرىياللارنى ئېلىپ كېتىپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى باشلىغان. گېرمانىيە ئالىملىرىدىن ۋىللى باڭ بىلەن ف. ۋ. ك. مۈللېر تۇرپاندىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنى ۋە مانى، سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ئوقۇپ ئىزاھلىغاندىن كېيىن، ئا. ۋون. گابائىن، پېتېر زېممې، كلائۇس رۆھربورىن، پېتر لائۇت قاتارلىق ئالىملار قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى، تۈركچە تۇرپان تېكستلىرى، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر، شۈەنزاڭنىڭ ئۆمۈر تارىخى قاتارلىقلار ھەققىدە تەتقىقاتلارنى قىلدى. روسىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن ۋ.ۋ. رادلوف، س. ئې. مالوف، ئە. تېنېشېۋ، ئا. م. شېرباك، ۋ. م. ناسىلوف، د. تىخونوف، ل. يۇ. تۇگۇشىۋا قاتارلىق ئالىملارمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى يورۇقلۇققا چىقاردى. ياپونىيە ئالىملىرىدىن يۈ تيەنخېڭ، مورى ماساۋ، يامادا نوبو، ئودا جۇتېن، كۇدارا كوگى، شوگايتو ماساخىرو، مورىياسو تاكاۋ، ئۇمىمورا خىروشى، مانو ئېيجى قاتارلىقلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلدى. فرانسىيىلىك پائۇل پېللىئوت، جامىس خامىلتون قاتارلىقلارمۇ دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن ئېلىپ كېتىلگەن قوليازمىلارنى تەتقىق قىلدى. شۋېتسىيە ئالىملىرىدىن گۇستاف راكۋېتتې، گۇننار ياررىڭ، سۋېن ھېدىن قاتارلىقلار ئېكىسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى ئېلىپ كەتكەن يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇردى. ۋېنگىرىيەلىك ئا ۋامبىرى، تۈركىيەلىك رېشاد رەھمەتى ئارات، ئەھمەت جەفەر ئوغلۇ، تالات تېكىن، ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن، ئەنگىلىيەلىك گ. كلاۋسۇن، مارسېل ئېردال، ئامېرىكىلىق سىناشى تېكىن، روبېرت دانكوۋ، جامېس كېللېي، فېنلاندىيەلىك گوستاف ماننېرخېم، گ. ج. رامىستېد قاتارلىقلارمۇ ئورقۇن- يېنىسەي يېزىقلىرى، مانى ۋەسىقىلىرى، تۇرپان تېكستلىرى، خاقانىيە يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى قاتارلىقلار ھەققىدە تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزدى. 20- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن تۈركىي تىل- يېزىقلىرى ۋە ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى ۋە دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى. ئالىملار كەڭ كۆلەملىك ئەمگەكلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىلى، يېزىقى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئا. ۋون. گابائىن تىل يادىكارلىقلىرىغا ئاساسەن «قەدىمكى تۈركىي تىل گرامماتىكىسى»، «‹شۇانزاڭنىڭ تەرجىمىھالى›نىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى»، «تۈركىي تىلىدىكى تۇرپان ۋەسىقىلىرى» (8-، 9-، 10- جىلدلىرى) نى ئىشلەپ چىقتى، تۇرپان، كۇچا مىڭ ئۆيلىرىدىكى تام رەسىملىرىگە قاراتقان ئەمگەكلىرىنى ئېلان قىلدى ۋە يەنە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى ياراتتى. گېرمانىيەلىك ك. بروككېلمان، تۈركىيەلىك كىلىسلى رىفات، بېسىم ئاتالاي قاتارلىقلار ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نادىر ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى تەرجىمە قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇتتى. يەنە نۇرغۇن چەت ئەل ئالىملىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىقى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تىكلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن ئەمىر نەجىپ، ئە. تېنېشېۋ، ئا. قايداروۋ، غوجائەھمەد سەدۋاققاسوۋ، ئايشەم شەمىيېۋا، ر، رەھىموۋ، ت. تالىپوۋ، ئىمساخان جەلىلوۋا قاتارلىقلار ئايرىم تۈزگەن ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىلىرى شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە تاكى 1954- يىلىغىچە دەرسلىك قىلىپ قوللىنىلغان. ئۇيغۇر تىلىدىكى دىئالېكت- شېۋىلەرنىڭ شەكىللىنىشى تىل تەرەققىياتى جەريانىدىكى تارىخىي ھادىسە بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ توپلىشىپ ياشاش ئادىتىنى تاشلاپ، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى شەھەرلىشىش دەۋرىنىڭ مەھسۇلىدۇر. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا قازاقىستان س س س پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئا. قايداروۋ، غ. سىدىۋاققاسوۋ، ت. تالىپوۋ قاتارلىقلار تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (ئىككى توم) چەت ئەللەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا بېغىشلاپ ئىشلەنگەن ۋەكىللىك خاس ئەسەردۇر.

ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت- شېۋىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى مەھمۇد كاشغەرىدىن كېيىن، 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ياۋروپا ئالىملىرى دەسلەپ قولغا ئالدى. چەت ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى دېئالېكتلىرى ھەققىدىكى ئەمگەكلىرىدىن روسىيە ئالىمى بوداكوۋنىڭ «تۈركىي- تاتار دىئالېكتلىرى سېلىشتۇرما لۇغىتى»، ۋېلھېلىم رادلوۋنىڭ «تۈركىي تىللارنىڭ دېئالېكت لۇغىتى»، گۇننار يارىڭنىڭ «شەرقىي تۈركچە- ئىنگلىزچە دېئالكت لۇغىتى»، مالوۋنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل دېئالېكتى» ۋە «لوپنۇر دېئالېكتى»، ئە. تېنېشېۋنىڭ «ئۇيغۇر تىلى دېئالېكتلىرى لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ۋەكىللىك شەخسلەردىن گۇننار ياررىڭ، گوستاف راكۋېتتى، سىۋېن ھېدىن، روسىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى س. ي. مالوۋ، كاتانوۋ، ئە. تېنېشېۋ، ئەنگىلىيە ئالىمى روبېرت شاۋ، گېرمانىيە ئالىمى ئا. ۋون. لېكوك قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

بۇ جەرياندا چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تىل- يېزىقى ۋە ۋەسىقىلىرى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك تەتقىقات مېۋىلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئىستاتىستىكىلاش مۇمكىن.

گېرمانىيە ئالىملىرىدىن: ئا . ۋون . لېكوك (A.von.Le Cok) 1860- يىلى تۇغۇلغان، ئېكىسپېدىتسىيەچى، ئارخېئولوگ ۋە تۈركولوگ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇقەددىمە»، «تۇرپاندىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى قوليازمىسى»، «قۇچۇ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلىدىكى مانى دىنىغا ئائىت ھۆججەت»، «ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددا دىنىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قەدىمىي ئەسۋاب- جابدۇقلار تۇرپاندىكى ئېكىسپېدىتسىيەدىن ھاسىلاتلار» قاتارلىقلار بار. ۋىللى . باڭ (Willi Bang ،1869-1934) گېرمانىيەدىكى ئەڭ دەسلەپ تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ باشلامچىسى، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى مانى دىنىغا ئائىت فىراگمېنتلار»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت فىراگمېنتلار ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىقلار بار. ف. ۋ. مۈللېر (F.W.K.Muller، 1863-1930) گېرمانىيەدىكى ئاتاقلىق تىلشۇناسلاردىن بىرى. ئۇ تۇنجى بولۇپ مانى يېزىقى ۋە سوغدى يېزىقىنى ئوقۇغان ئالىم، ئۇ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇشنىڭ باشلامچىسى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئىزاھ»، «تۇرپاندىن تېپىلغان ئىبادەتخانا تۈۋرۈكىدىكى ئىككى پارچە ئويما يېزىق»، «مانى دىنىغا ئائىت ئىككى پارچە مەدھىيە فىراگمېنتى» قاتارلىقلار بار. ج. كىلاپروت (J.Klaproth) 19- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئاساسلىق ئەسرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش» قاتارلىقلار بار. ئاننا مارىيە ۋون گابائىن (Anne marie von Gabain ، 1901-1993) خەلقئارا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلى (قەدىمكى تۈركىي تىلى) گىرامماتىكىسى»، «‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى›نىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىسى»، «يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلى (تۈركىي تىلى)دىكى تۇرپان ۋەسىقىلىرى» (8-، 9-،1- جىلدلىرى) قاتارلىقلار بار. پېتېر زېممې (Peter Zieme) كۆپ ھوسۇللۇق ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى ۋەسىقىشۇناس. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلى (تۈركىي تىلى)دىكى مانى دىنىغا ئائىت ھۆججەت»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق›نىڭ فىراگمېنتى»، «تۇرپان يىراق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (تۈركىي تىلى)دىكى نېستۇرىي دىنىغا ئائىت ھۆججەت»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت باش قاپىيەلىك شېئىرلار»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر(قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجارە ھۆججىتى» قاتارلىقلار بار. كلاۋۇس رۆھبورىن (Klaus Rohborn) ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى ۋەسىقىلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»نى تۈزۈۋاتىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى›نىڭ يەتتىنچى جىلدى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرۋاھلارغا ئاتالغان دۇئا»، «تۇرپاندىن تېپىلغان سېلىشتۇرما سۆزلۈكلەرنىڭ فراگمېنتلىرى» قاتارلىقلار بار. جېنس پېتېر لائوت (Jens Peter Laot) گېرمانىيەدىكى ياش ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «دەسلەپكى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنى ھۆججىتى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر»، «سوغدى يېزىقى، ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلى (تۈركىي تىل)دىكى قوليازمىغا تۈزىتىش» قاتارلىقلار بار. ۋولفگاڭ سچارلىپ (Wolfgang Scharlipp) ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «20- ئەسىردە شىنجاڭدىكى تۈركىي تىل- يېزىقى»، «خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە مورفولوگىيەسىدە ئىپادىلىنىش ئەھۋالى»، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەسلەپكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە مۇقەددىمە» قاتارلىقلار بار. ئىنگىرت ۋارنكې (Ingirt Warnke) ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى كەسپىنىڭ دوكتۇرى. ئۇنىڭ دوكتۇرلۇق دىسرېتاتسىيەسى «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹مېھىر- شەپقەت دىنىي مۇراسىمىدىكى توۋا- ئىستىغپار قائىدىسى»دۇر. س. تېزجان گېرمانىيەدە ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەلىك. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرقىمىھالى›نىڭ 14- جىلدى ئۈستىدە تەتقىقات»، « ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى Insadi نومى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىقلار بار.

روسىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن: ۋ. رادلوف (W.Radloff) روسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ۋەسىقىشۇناس بولۇپ، روسىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ 1866- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئىلمىي ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرغان (جەمئىي 138 كىتاب). ئۇ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى «قۇتادغۇ بىلىك»، «ئوغۇزنامە»، «يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلى (قەدىمكى تۈركىي تىلى)» (ئالتە توملۇق چاتما ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى)، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەر توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان ۋە نەشر قىلدۇرغان. س. ئې. مالوۋ (C.E.Malow) ۋ. رادلوفنىڭ ئاساسلىق ۋارىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاتاقلىق ئاساسچىسى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلى (قەدىمكى تۈركىي تىلى) ۋەسىقىلىرى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككى پارچە ھۆججەت)، «ئودېنبورگ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بايقىغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازما» قاتارلىقلار بار. ئە. تېنېشېۋ (З. Tenexew) مالوفنىڭ پەخىرلىك شاگىرتى، روسىيەنىڭ داڭلىق ھازىرقى زامان تۈركولوگى. 20- ئەسىرنىڭ 40- 50- يىللىرىدا داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق›نىڭ گىرامماتىكىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە»، «يىراق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (قەدىمكى تۈركىي تىلى) نىڭ سېلىشتۇرما گىرامماتىكىسى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئىقتىسادىي خاتىرە» قاتارلىقلار بار. ئا. م. شېرباك (A.M. Xerbak) مالوفنىڭ يەنە بىر پەخىرلىك شاگىرتى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس. 20- ئەسىرنىڭ 50- 60- يىللىرىدا داڭق چىقارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «10- 13- ئەسىرلەردىكى شىنجاڭنىڭ تۈركىي تىلىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ گىرامماتىكىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە»، «‹ئوغۇزنامە› ۋە ‹مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى›ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى ۋە قەدىمكى ئۆزبېك تىلىدىكى يازما ۋەسىقىلەر»، «تۈركىي تىلىدىكى سۆزلەملەرنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مەسىلىسى» قاتارلىقلار بار. ب. م. ناسىلوف (B.M.Nasilow) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى، ئۇنىڭ «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابى بار. 20- ئەسىرنىڭ 50- 60- يىللىرىدا داڭق چىقارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى پېئىللارنىڭ ئالمىشىش شەكلى مەسىلىسى»، «قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى بەزى پېئىللارنىڭ تەكرار شەكلى ھەققىدە»، «ئورقۇن- يېنىسەي ئابىدىلىرىدىكى رەۋىشداش كاتېگورىيەسى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى بار. تېخېنوف (Tehenow) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق ئۇيغۇر تارىخى مۇتەخەسسىسى، لېكىن ئۇ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھۆجقەتلەرگە ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. مەسىلەن، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باج ۋە باج يىغىش ئاتالغۇلىرى»، «13-14- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكى» قاتارلىق. ل. يۇ. تۇگۇشېۋا (L.Yu. Tuguxewa) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملاردىن بىرى. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى داڭق چىقارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى›نىڭ 10- جىلدى ئۈستىدە تەتقىقات»، «لېنىنگىراد سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان ئىككى پارچە ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقە»، «گېلۇنۋېيدېر بايقىغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈچ پارچە ھۆججەت» قاتارلىقلار بار.

ئۇندىن باشقا، روسىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناسلاردىن بېرنىستېن («ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى قانۇنغا ئائىت ھۆججەت»)، كىبىروۋ («13-14- ئەسىردىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ يېزىلىشى»)، مۇرگىنوف («ئاسىيا مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ساقلانغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىلار ھەققىدە ئومۇمىي بايان»)، دىمتىرىيېۋ («شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ساقلانغان تۈركىي تىلىدا يېزىلغان قوليازما ھەققىدە ئومۇمىي بايان»)، گېرىگورىيېۋ («باج ئاتالغۇسى ‹Kubci›») قاتارلىق تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار بار. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن س. مۇتەللىپوۋ («11- ئەسىردىكى تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ناملىق ئەسىرى توغرىسىدا»)، غ. ئابدۇراھمانوف («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ئىندېكسى» س. مۇتەللىپوۋ بىلەن ھەمشېرىك، ئۆزبېكىستان)، ت. بۇلوكوۋ («مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ لۇغىتىنىڭ يېڭى نەشرى توغرىسىدا»)، ئا. تۆمۈرچىزادە («11- ئەسىردىكى تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىينىڭ سېلىشتۇرما ئۇسۇلى»)، گ. بەھراموف («مەھمۇد كاشغەرىي ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە ئوتتۇرىغا قويغان تۈركچە تۇراقلىق سۆز بىرىمىلىرى»)، ئا. بىنقامەت («ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى»)، ئايشەم شەمىيېۋا، ئا. قايداروف، خوجائەخمەت سەدىۋاققاسوۋ، ئا. ئىلىيېۋ، ماخمۇتوف قاتارلىق ئالىملار بار.

ياپونىيە ئالىملىرىدىن: يۈ تيەنخېڭ (1882~1955) ياپونىيەنىڭ دەسلەپكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتچىسى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەتقىقات»، «دوكتۇر يۈ تيەنخېڭنىڭ تارىخشۇناسلىققا ئائىت ماقالىلىرى»، «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى» قاتارلىقلار بار. شىبىن چۇنتەيلاڭ يۈ تيەنخېڭ بىلەن دەۋرداش ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرلىرى تەتقىقاتچىسى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى كىتابلار ھەققىدە مۇلاھىزىلەر»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇددا كۈيى ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر»، «غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىگە ئائىت ماتېرىياللارنىڭ رەتلىنىشى ۋە تەتقىقاتى» قاتارلىقلار بار. يامادا نوبو (Nobuo • Yamada 1920~1987,) ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى (20- ئەسىرنىڭ 60-80- يىللىرى) ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتچىسى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتانى ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى ئېلىپ كەتكەن ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللار كاتالوگى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللار ۋە ئۇنىڭ بايانى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئادەم گۆرۈگە ئېلىش ھۆججىتى» قاتارلىقلار بار. مورى ماساۋ (Mori•Masao) يامادا نوبو بىلەن دەۋرداشئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتچىسى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى تەكلىكنى سېتىش توختامى»، « ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستېمال قەرز ھۆججىتى ئۈستىدە تەتقىقات»، «تۈركىي تىلىدىكى ۋەسىقىلەر» قاتارلىقلار بار. ئودا جۇتېن (Oda•Juten) ياپونىيەلىك ھازىرقى دەۋردىكى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرلىرى تەتقىقاتچىسى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹سەككىز يۈكمەك›(ئوتانى ساقلىغان فىراگمېنت) ئۈستىدە مۇلاھىزە»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹سەككىز يۈكمەك› قوليازمىسىنىڭ گېنېئالوگىيەسى بىلەن دىنىي ئىدىيە مەسىلىسى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى Turi ھۆججىتى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدەب- قائىدە ھۆججىتى ئۈستىدە يېڭى تەتقىقات» قاتارلىقلار بار. كۇدارا كوگى (Kudara•Kogi) ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نوملىرى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹قۇۋانشىم پۇسار›نىڭ فىراگمېنتلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ساموراي كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەر»، «ئابىدارما (abhidhamma) تەپسىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە» قاتارلىقلار بار. شوگايتو ماساخىرو (Shogaito•Masahiro) خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىس. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: « ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ئابىدارما كوسا›ئۈستىدە تەتقىقات» (1-، 2-، 3- جىلد)، «‹ئۇيغۇر مەھكىمىسىدىكى تەرجىمە سۆزلۈكى› ئۈستىدە تەتقىقات مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ قايتا تەرەققىياتى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەر»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى» قاتارلىقلار بار. مورىياسو تاكاۋ (Moriyaso•Takao) ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تارىخى ۋە تۈبۈت تارىخىنى، شۇنداقلا قەدىمكى ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. ئاسالىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەر»، «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا مۇرىتلىرى خەت- ئالاقىلەر» قاتارلىقلار بار. ئۇمېمۇرا خىروشى (Umemura•Hiroshi) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆرپ- ئادەت ھۆججەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئاسالىق ئەسەرلىرىدىن: جەرىمانە يىغقۇچى ئەمەلدارنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ يېزىلغان رايونى ۋە يىل دەۋرىنى بېكىتىش توغرىسىدا»، «توكيو دۆلەتلىك مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەت- ئالاقىلەر»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى SJ Kr.4/638 ھۆججەت توي مۇراسىمى، دەپنە ئىشلىرى خىراجىتى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىقلار بار. مانو ئېيجى (Mano•Eiji) يېقىنقى زامان (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس. ئۇ ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا تېمۇرىيلەر ئىمپېرىيەسى تارىخى، «تارىخىي رەشىدى»، «بابۇرنامە» قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «‹بابۇرنامە›نىڭ سېھرىي كۈچى 1»، «‹بابۇرنامە›تەتقىقاتى 2»، «‹تارىخىي رەشىدى›دىكى تارىخىي ماتېرىيال توغرىسىدا»، «بابۇر ۋە ھېرات» قاتارلىقلار بار. خامادا ماسامى (Hamada•Masami) ئاساسلىق يەركەن خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، بەزى يېقىنقى زامان (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەرنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «موللا بىلالنىڭ ‹غازات دەرمۇلكى چىن›داستانى»، «خوتەن تارىخى» قاتارلىق يېقىنقى زامان (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، «19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ۋەسىقىلەرگە مۇقەددىمە»، «ياقۇپبەگدىن ئىلگىرى قەشقەرنى ئىگىلىگەن سىدىقبەگ تەزكىرىسى»، «قۇتقۇزۇش ھوقۇقى»، «زەپەرنامە»، «ياقۇپبەگ تەزكىرىسى»، «بۇزرۇكخان موللام بىلەن ياقۇپبەگ تەزكىرىسى»، «مۇسۇلمانلاردا غازات»، «ئىلى كىرىزىسى ۋە ئۇيغۇرلار»، «مۇھەممەد ئەلەمنىڭ ‹ئۇدۇن تارىخى› ئۈستىدە تەتقىقات 2» قاتارلىقلار بار. خورى سۇخاۋ (Hori•Suhao) تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىنىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، يېقىنقى زامان (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ۋە ۋەسىقىلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ، «تارىخىي ھەمىدى»نى تەتقىق قىلغان. مىنورو گوخ (Minoru•Goh) ئاساسلىقى «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»نى تەتقىق قىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئالتاي تىلشۇناسلىقى ۋە ‹بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت› مانجۇچە، موڭغۇلچە ۋە (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇرچە لېكسىكىلىق تەركىبلەرنڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتى»، «كۆپ تىللىق لۇغەت ‹بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت›تىكى مانجۇچە، موڭغۇلچە ۋە (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇرچە لېكسىكىلىق تەركىبلەرنڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتى» قاتارلىقلار بار.

فىرانسىيە ئالىملىرىدىن: پائۇل پېللىئوت (Paul Pelliot, 1874~1945) فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى. ئۇ ئىلگىرى دۇنخۇاڭدىكى بۇددا غارىدىن كۆپ مىقداردا خەنزۇ، تۈبۈت، ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر، سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرگە ئېرىشكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «‹ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى›نىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇريېزىقىدىكى قوليازمىسى»، «بۇددا دىنى تەلىماتىدىن سوئال- جاۋاب» قاتارلىقلار بار. 1930- يىلى «ئوغۇزنامە» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. لوئىس خامبىس (Louis Hambis, 1906~1970) پېللىئوتنىڭ شاگىرتى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «كىش سىرى ھەققىدە ئىزدىنىش»، ««ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەسىقىلىرى»، «رەشىدى ۋە ئۇنىڭ تۇنجى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىگە ئالاقىدار بىلىملەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. جامىس خامىلتۇن (James Hamiltun) فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تارىخى ۋە تىل- يېزىقى تەتقىقاتىنىڭ داڭلىق ۋەكىلى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «بەش دەۋر ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرلىرىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى› ئۈستىدە تەتقىقات»، «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان 9-1- ئەسىرلەرگە تەۋە ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»، «شاجۇ يىراق قەدىمكى ئۇيغۇر (قەدىمكى تۈركىي) يېزىقىدىكى ‹ئىرق بىتىك›نىڭ خاتىمىسى»، «يىراق قەدىمكى ئۇيغۇر (قەدىمكى تۈركىي) تىلىدىكى Kiz Koduz ھەققىدە مۇلاھىزە» قاتارلىقلار بار. پروفېسسور لوئىس بازىن (Louis Bazin) فىرانسىيەنىڭ دەۋرىمىزدىكى تۈركولوگلىرىنىڭ باشلامچىسى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «قەدىمكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قانۇن تۈزۈش سىستېمىسى»، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›نى تۈزگەن يىل دەۋرى»، «قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى مەڭگۈتاشلار» قاتارلىقلار بار. جېئان لوئىس باكى گىراممونت (Jean Louis Bacque Grammont) يېقىنقى زامان (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس. ئۇنىڭ دوكتۇرلۇق دىسسېرىتاتسىيەسى «‹بابۇرنامە›نىڭ فىرانسۇزچە تەرجىمىسى»دۇر.

شىۋېتسىيەلىك ئالىملاردىن: گۇستاف راكۋېيتتې (Gustaf.Raquette) شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر ۋە يەركەندە دوختۇر، كېيىنچە مىسسىيونېر بولغان. ئۇ ئۆينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىن نۇرغۇن قوليازمىلارنى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، كۆپىنچىسى يېقىنقى دەۋر (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەر، كېيىن ئۇ بۇ ۋەسىقىلەرنى لۇندىس ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىغا ئىئانە قىلىۋەتكەن. سىۋېن ھېدىن شىۋېتسىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى، 1893~1897- يىللىرى ئارىلىقىدا، شىنجاڭغا ۋە خوتەنگە كەلگەن، كېيىنچە، 1898~1902- يىللىرى، 1904~1909- يىللىرى ۋە 1927~1935- يىللىرى بىرنەچچە قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېكىسپېدىتسىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، قەدىمكى غەربىي يۇرتقا ئالاقىدار نۇرغۇن ماددىي بۇيۇم ۋە ۋەسىقىلەرنى ئېلىپ كەتكەن، بۇ تارىخىي ماتېرىياللار ھازىر شۋېتسىيە مىللەتلەر مۇزېيىدا ساقلانماقتا. گۇننار ياررىڭ (Gunnar Yarring) شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇيغۇر تىلى ۋە يېقىنقى دەۋر (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇر تىلى دىكى ۋەسىقىلەرنى رەتلىگەن ھەم تەتقىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى توپلىمى»، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەپقاچتى ھېكايىلەر»، «تۈرك ۋەسىقىلىرىگە كىرىش»، «قەشقەر ۋەسىقىلىرى» (ئىككى توم)، «بىرنەچچە پارچە ئۇيغۇرچە دىيالوگ ئەدەبىياتى ۋەسىقىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە»، «ئوغرىسىز شەھەر ۋە يېمەكلىك بىلەن نەپسنىڭ مۇنازىرىسى تۆت پارچە يېقىنقى دەۋر ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقە ھەققىدە»، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت توقۇنۇشى ئىسلام نەزىرىدىكى خەنزۇ تىياتىرى»، «كىيىم- كېچەك: باشتىن پۇتقىچە كىيىم- كېچەككە دائىر قوليازمىلار»، «مورگىندا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى، ماقال- تەمسىللىرى»، «دەرۋىش بىلەن تىلەمچى» قاتارلىقلار بار.

ۋېنگىرىيەلىك ئالىملاردىن: ئا ۋامبىرى (A.Vambery) ۋېنگىرىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى داڭلىق تۈركولوگ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) يېزىقىدا يېزىلغان يىراق قەدىمكى دەۋر (تۈركىي تىل) تىلىدىكى ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىشى كېيىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىشىك ئېچىپ بەردى. ئۇنىڭ «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدكى ۋەسىقىلەر ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىك›» (1870- يىلى) دېگەن كىتابى ئەڭ دەسلەپتە «قۇتادغۇ بىلىك»نى تەتقىق قىلغان مەخسۇس ئەسەردۇر. لۇئىس لىگېتى (Louis Ligeti) ۋېنگىرىيە شەرقشۇناسلىق ساھەسىنىڭ پېشىۋاسى، ئۇ ھەم خەنزۇشۇناس ھەم موڭغۇلشۇناس، شۇنداقلا تۈركولوگ ۋە تىبەتشۇناس. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە- ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر»، «مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە- ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەر: ‹ئېدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى›، «‹ئېدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى›دىكى خەنزۇچە- ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر»، «‹ئېدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى›دىكى خەنزۇچە- ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرگە تولۇقلىما» قاتارلىقلار بار. رونا تاس (Rona Tas) 1991- يىلى نەشر قىلىنغان «تۈركولوگىيەگە كىرىش» نىڭ ئىككىنچى قىسمىدا «ئوخشىمىغان يېزىقلاردا يېزىلغان يىراق قەدىمكى دەۋر (قەدىمكى تۈرك) تىلىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار»دا يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر يېزىقى (تۈرك يېزىقى)نى ۋە شۇ يېزىقتا يېزىلغان ۋەسىقىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى، بىراھمان يېزىقى ۋە شۇ يېزىقتا يېزىلغان ۋەسىقىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى 100 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمدە ئايرىم- ئايرىم تونۇشتۇرغان. بىراھمان يېزىقى ۋە ۋە شۇ يېزىقتا يېزىلغان ۋەسىقىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرگەندە، ئاپتور د. مائۇنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ، بىراھمان يېزىقىدا يېزىلغان تۈرك تىلىدىكى ۋەسىقىلەرنى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈش مۇمكىن دەپ قارىغان، ئۇلار 1› سانسىكرېت تىلى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) تىلى قوش تىللىق ۋەسىقىلەر؛ 2›بىراھمان يېزىقىدا يېزىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەر؛ 3›بىراھمان تىلىدىكى سۆزلۈكلەر جەدىۋىلى بار بولغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يىراق قەدىمكى دەۋر (تۈرك تىلى) تىلىدىكى ۋەسىقىلەر؛ 4›بىراھمانچە سۆزلۈكلەر ئارىلاشقان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يىراق قەدىمكى دەۋر (تۈرك تىلى) تىلىدىكى ۋەسىقىلەر. ئۇ د مائۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلىنىپ، ھازىر بار بولغان مۇشۇ تۈردىكى 79 پارچە ۋەسىقە فىراگمېنتىنى مۇنداق ھېسابلىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 57 پارچىسى قوش تىللىق ۋەسىقە (بۇنىڭ 18 پارچىسى ئېلان قىلىنغان)، 14 پارچىسى بىراھمان يېزىقىدا يېزىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقە (سەككىز پارچىسى ئېلان قىلىنغان)، يەتتە پارچىسى بىراھمانچە سۆزلۈك جەدىۋىلى قوشۇلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يىراق قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر (تۈر تىلى) تىلىدىكى ۋەسىقىلەر، بىر پارچىسى بىراھمانچە سۆزلۈكلەر ئارىلاشقان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يىراق قەدىمكى دەۋر (تۈرك تىلى) تىلىدىكى ۋەسىقە. كارا گېئورگى (Kara Gyorgy) داڭلىق موڭغۇلشۇناس ۋە تۈركولوگ، ئۇ. نېمېتا ۋە لىگېتى بىلەن دەۋرداش. ئاساسلىق ئەسىرى «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەر». گ. خازاي داڭلىق تۈركولوگ، ئۇزۇن مەزگىل بېرلىندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر سىپروسنىڭ نىكېزىيە شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «گېرمانىيەدىكى تۇرپان ۋەسىقىلىرىنىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات» (2- جىلد، 1972- يىلى قايتا نەشرگە تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان)، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ياغاچ ئويما نۇسخىسىدىكى «ئالتۇن يارۇق»نىڭ فىراگمېنتلىرىغا مۇقەددىمە»، «بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان تۇرپان ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى بۇددا دىنى مەدھىيەلىرى»، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق›نىڭ فىراگمېنتلىرى ۋە ئۇستازنىڭ مۇقەددەس كۈيى» قاتارلىقلار بار.

تۈركىيە ئالىملىرىدىن: كېلىسلى رىفات (Kelisli Rifat) 1915- 1916- يىللىرى تۇنجى قېتىم «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ قوليازمىسىنى كۆچۈرۈپ چىققان ھەمدە مىخ مەتبەدە باستۇرغان تۈركىيەلىك ئالىم. بېسىم ئاتالاي (Besim Atalay) تۇنجى قېتىم «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى تەتقىق قىلغان تۈركىيە ئالىمى. 1939- 1941- يىللىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ئۈچ تومىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئىندېكسى ۋە ئەسلى قوليازمىنىڭ فاكسىمېلىنى نەشر قىلدۇرغان. رېشىد رەھمەتى ئارات (Reśid Rahmeti Arat) «قۇتادغۇ بىلىك» ھەققىدە بىرقەدەر چوڭقۇر تەتقىقات يۈرگۈزگەن تۈركىيەلىك مەشھۇر تۈركولوگ، دوكتور. 1947- يىلى بۇ ئەسەرنىڭ لاتىن يېزىقىدىكى تىرانسىكرىپسىيەلىك نۇسخىسىنى نەشر قىلدۇرغان، 1959- يىلى تۈرك تىلىدىكى نەسرىي يەشمىسىنى نەشر قىلدۇرغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ر.ر. ئارات ماقالىلىرى» (توپلامغا 84 پارچە ئىلمىي ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 33 پارچىسى مەخسۇس ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان)، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (تۈركچە)، «قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى شېئىرلار» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان. سائادەت چاغاتاي (Saadet Chagatay) خانىم ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئالتۇن يارۇق»نىڭ پارچىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغان، «تۈرك سۆزلۈكلىرىدىن ئۆرنەكلەر» (Turk lehčeleri őrnekliri) دېگەن دەرسلىك كىتابنى تۈزگەن، كىتابقا نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسقىلەر كىرگۈزۈلگەن. ئەھمەت جەفەر ئوغلۇ (Ahmet Ćafer oglu) 1968- يىلى «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»نى تۈزگەن، 1970- يىلى «مەھمۇد كاشىغەرى» ۋە «تۈركىي تىللار تارىخى» دېگەن كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان. ئەلى چېچەكلى (Ali Cicekli) 1970- يىلى «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›» ۋە «ئىسلامدىن ئىلگىرىكى تۈركىي تىلىدىكى ئەدەبىيات ۋە ۋەسىقىلەر» دېگەن ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان. فاھىر ئىز (Fahir Iz) 1966- يىلى «قەدىمكى تۈركىي ئەدەبىياتىدىكى نەسىر ئەسەرلەر»، 1968- يىلى «قەدىمكى تۈركىي ئەدەبىياتىدىكى نەزمىي ئەسەرلەر» (2- جىلد) دېگەن ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. تالات تېكىن (Talat tekin) 1986- يىلى «ئورقۇن تۈركىي تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى» (2- جىلد)، 1993- يىلى «ئىرق بىتىك» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. ھۈسەيىن نامۇق ئورقۇن (Orkun Husayin namuk) تۈركىيەلىك ھازىرقى زامان ئۇيغۇرشۇناس ۋە ېەسىقىشۇناس. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرى» (1986- يىلى)، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى قانۇنغا دائىر ھۆججەتلەر» (1983- يىلى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان.

ئەنگىلىيە ئالىملىرىدىن: گ. كىلاۋسۇن (G.kelaosen) ئەنگىلىيەلىك ئاتاقلىق تۇركولوگ، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «13- ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى»، «تۈركىي تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئۈستىدە تەتقىقات»، ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى بىر پارچە ئائىلە ئارخىپى»، «ئالتاي تىللىرىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا يېزىقنىڭ تارقىلىشى»، «تۈرك- رۇنىك يېزىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى» قاتارلىقلار بار. مارسېل ئېردال (Marcel Erdal) (ھازىر ئىسرائىلىيەدە ئولتۇراقلاشتى) ئاتاقلىق ئەنگىلىيەلىك تۈركولوگ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «يەركەن تۈركچىسىدىكى ۋەسىقىلەر» بار. مونىكا گرونكې (Monika Gronke) مۇ ئەنگىلىيەدىكى تۈركولوگ.

ئامېرىكىلىق ئالىملاردىن: سىناشى تېكىن (Sinasi Tekin) ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى تۈرك بولۇپ، مەخسۇس ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىنى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق›(5- جىلد) 9-، 10- توملىرى ئۈستىدە تەتقىقات» (1971- يىلى، دوكتۇرلۇق دېسرىتاتسىيەسى)، « ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تيېزىقىدىكى ‹قۇۋانشىم پۇسار›»، « ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى‹مائىترى سىمىت›نىڭ يېزىلغان دەۋرى»، «مائىترى سىمىت»، «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نومىغا ئائىت ۋەسىقىلەر» (1980- يىلى) قاتارلىقلار بار. روبېرت دانكوف (Robert dankov) ئاساسلىقى قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي تىلىدىكى ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلغۇچى ئامېرىكىلىق ئالىم. ئۇ جامۇس كېللىي بىلەن بىللە ئۈچ توملۇق «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى (1980~1985- يىللىرى) ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنە «قۇتادغۇ بىلىك»نى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان. لاررىي ۋېرنون كلارىك (Larry Vernon Clark) ئامېرىكا ئىندىياننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «13-14- ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرتنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆرپ- ئادىتىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە مۇقەددىمە» (دوكتۇرلۇق دىسسېرىتاتسىيەسى)، «مانى دىنىغا ئائىت تۈركىي تىلىدىكى ۋەسىقىلەر ‹بۇددا كىتابى›»، «شىنجاڭدىن تېپىلغان ئىككى پارچە ‹قەدىمكى تۈركچە›تاش ئويما» قاتارلىقلار بار.

فىنلاندىيەلىك ئالىملاردىن: ك. گۇستاف ماننېرخېم (C.Custaf Mannerheim, 1867~1951) ئىلگىرى مارشال ئىدى، 1944- يىلىدىن 1946- يىلىغىچە فىنلادىيەگە زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇ رۇسىيەدە ھەربىيلىكتە تۇرغاندا ئېكىسپېدىتسىيەچى سەيياھ نامىدا 1906- يىلىدىن 1908- يىلىغىچە شىنجاڭ، گەنسۇ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى سىياسىي، ھەربىي ئىشلار ۋە جۇغراپىيە جەھەتلەردىن تەكشۈرگەن. فىنلاندىيە خېلىسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ئۇنىڭ تۇرپاندىن ئېلىپ كەتكەن ۋەسىقىلىرى ساقلانماقتا. 1940- يىلى ئۇنىڭ «غەربتىن شەرققە ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈش» دېگەن كىتابى نەشر قىلىنغان. گ. ج. رامىستېد (G.J.Ramsted) ئالتاي تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى. 1940- يىلى ماننېرخېم يىغىپ ساقلىغان ۋەسىقىلەر ئىچىدىكى تۆت پارچە ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىنى تەتقىق قىلىپ، «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇر تىلىدىكى تۆت پارچە ھسۆججەت» دېگەن نامدا ئېلان قىلدۇرغان. خ. خالېن فىنلاندىيەلىك موڭغۇلشۇناس. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى «فىلاندىيە شەرق ۋەسىقىلىرى قوللانمىسى» (1977- يىلى) دېگەن ئەسىرىدۇر، بۇ قوللانمىغا ماننېرخېم يىغىپ ساقلىغان ۋەسىقىلەر ئىچىدىكى ھەممە ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن، يەنى خەنزۇچە قوليازما 1917 پارچە، ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر (قۇچۇ) ئۇيغۇرچە تەخمىنەن 70 پارچە، سانسىكرېتچە توققۇز پارچە، ئۇدۇنچە ئىككى پارچە، ئۇندىن باشقا سوغدىچە ۋە يېقىنقى دەۋر (چاغاتاي دەۋرى) ئۇيغۇرچە قوليازمىلارمۇ بار.

چەت ئەل ئالىملىرى ئۆزىنىڭ ئەۋزەل شارائىتى ۋە ئىلىمگە بولغان باراۋەر مۇئامىلىسى بىلەن ھەممە تىللارغا قىزىقىشتەك ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەدىمكى تىل- يېزىقلارنى ئوقۇش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ۋە ئىلمىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.