پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟، ئەمىن ئوسمان

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ


پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ

ئىمىن ئوسمان (يازغۇچى ئالىم ئاتەخانغا ئوچۇق خەت)

ئالىمباي! تۈنۈگۈن سىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سوراپ قالدىڭىز. ئىمان- ئېتىقادلىق ئادەمنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىمىز خىرەلىشىپ قالغانمۇ،قانداق، دەرھال بىر نەرسە دېيىشكە پېتىنالمىدىم. سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالدا بولغىنىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى قىيناۋاتقان بۇ مەسىلىدە مەن بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان بولسىڭىز كېرەك. دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھازىر شۇنچىلىك چىگىشلىشىپ كەتكەنكى، ئۇنى پەقەت ئورتاق پىكىرلىشىش يولى بىلەنلا ھەل قىلىش مۇمكىن. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،دەپ بىكار ئېيتىشمىغانغۇ؟ ھازىر كۆپچىلىك پەقەت ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلىمايدىغان، باشقىلارنىڭ قايغۇسىنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا بىز نە خۇدادىن، نە بەندىدىن قورقمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىككە باشچى بولۇۋالغانلىقىغا، تەلىم- تەربىيە بېرىدىغان،مەرىپەتكە ئۈندەيدىغانلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ پاك بولمايۋاتقانلىقىغا كۆنۈكتۈك.پەرۋاسىزلىق قارىشى قېنىمىزغا سىڭىپ كەتتى. قەيەردە پەرۋاسىزلىق قارىشى ھۆكۈمران ئىكەن، ئۇ يەردە ئادالەت تەنتەنە قىلىشى، ئادەملەرنىڭ بىر- بىرىگە مېھرى- شەپقەت كۆرسىتىشى، ئۇلارنىڭ يۈكسەك غايىلەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

شەرق مۇتەپەككۈرلىرىدىن بىرىنىڭ ”خۇببۇل ۋەتەنى مىنەل ئىمان“، يەنى ۋەتەننى سۆيۈش ئىمان نىشا- نىسىدۇر، دېگەن سۆزى بار. ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن ئىمانلىق، ۋىجدانلىق ئادەم بولۇش كېرەك. ۋەتەن دېگىنىمىز بىر پارچە زېمىن. ئۇنداق بولسا شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئادەملەرنى سۆيۈش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر قانداق سۈپەتلەرگە ئېگە بولۇش كېرەك؟

ئېتىقادلىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن يالغۇز ۋەتىنىنى ياكى خەلقىنى سۆيۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ.بارچە ئىنسا- نىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقادنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. كىمىكى ئۆزىنى تونۇسا،خۇدانى تو- نۇيدۇ، دېگەن ھېكمەت بار. ئۆزىنى تونۇمىغان ئادەم ۋەتىنىنىمۇ، خەلقىنىمۇ سۆيمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئىلىم- مەرىپەتلىك بولۇشى كېرەك. مەرىپەتلىك ئادەم، ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق ھەممە نەرسىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ. دىنغىمۇ، تارىخقىمۇ، ئۆرپ- ئادەتلەرگىمۇ ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ، ئەپسۇسكى، بىزدە ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەلدى. ھازىرغىچە تارىخىمىزنى، ئۇلۇغ ئالىملار ھاياتىنى، ئەدە- بىياتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تار قېلىپىمىزغا سېلىپ ئۆگىنىۋاتىمىز.بۇ ھازىرغىچە ئۆزىمىزنى تونۇمىغانلىقىمىز- نى كۆرسىتىدۇ. ۋەھالەنكى،“ئوگىنيوك“ ژورنىلى سەھىپىلىرىدە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقانداق نەر- سىنى، شۇ جۈملىدىن دىننىمۇ چەتنەپ ئۆتمەسلىك كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئېيتىلىۋاتىدۇ.“‘ ئىنجىل’ شۇنداق تارىخىي ئابىدىكى، بۇ كىتابسىز ئۆتمۈشتىكى تارىخنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنىمۇ بىلىش مۇمكىن ئەمەس“- دەپ يازدى دىنپىروپىتروۋىسكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي كوممۇ- نىزم كافېدراسىنىڭ دوتسېنتى س.ئى.ژوك. بىز بولساق قۇرئاننىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆگىنىش تۈگۈل بۇ كىـ- ـتابتا نېمىلەر يېزىلغانلىقىغا قىزىقىشتىنمۇ قورقىمىز؛ بۇ قورقۇش قاچان پەيدا بولدى؟ نېمىشقا ئادەم ئادەمدىن قورقۇشى كېرەك؟ دىن ئەشۇنداق تەلىم بېرەمدۇ؟ ئاخىر، ھەممىمىز بىلىدىغان ”ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى خۇددى تاغاقنىڭ چىشىدەك تەڭ- تەكشى يارىتىلغان“، دېگەن دانا پىكىر بارغۇ؟ ھەممە كىشى تەڭ ئىكەن، ئۇنداقتا نېمىشقا بىر خەلقنىڭ ۋەكىلى ئېيىتقان پىكىرنى ئىككىنچى خەلقنىڭ ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ؟ بۇنىڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟ قورقۇش!

قورقۇش- ئىمانى زەئىپ، ئېتىقادسىز ئادەملەرگە خاس خۇسۇسىيەت.

تارىختىن مەلۇمكى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، برونىي، ئىبىن سىنا، ئەل-خارازمې ، نەۋائىي قاتارلىق ئۇلۇغلار ئىمانلىق، ئېتىقادلىق بولغىنى ئۈچۈن ئۆلمەس ئەسەر يارىتالىغان. ئەپسۇسكى بىز بۇلارغا مۇناسىپ ۋارىس بولالمايۋاتىمىز. بۇنىڭغا بىرمۇنچە باشقا سەۋەبلەر قاتارىدا ئىمانىمىزنىڭ سۇسلىقى توسقۇنلۇق قىلماقتا. نەتىجىدە بىزنىڭ شەخسىيىتىمىزمۇ، ئەدەبىياتىمىزمۇ ئوتتۇرا سەۋىيىدىن نېرى ئۆتەلمەيۋاتىدۇ. توغرا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1923- يىلىدىن تاكى 50- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مىسلى كۆرۈلمىگەن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. ۋەتەن ئۈچۈن،يېڭى غايە ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلـ- ـغان بىرمۇنچە كىشىلەر تەقىپ قىلىندى، قامالدى، سۈرگۈن قىلىندى، ئېتىلدى. ئۇرۇشتا تاسادىپىي ياكى مەجبۇرىي ئەسىرگە چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەجەل لاگېرىغا ئەۋەتىلدى. بۇ يەردە شەرق مۇتە- پەككۈرلىرىدىن جامى كەلتۈرگەن مۇنۇ ھېكمەتنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق: ”ئادەملەر كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ بىر زالىمغا كۆڭۈل بەرسە،ئۇنىڭ يولىنى ئېتىشنىڭ چارىسىنى كۆرمىسە،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئور- تاق ئازاب چېكىدۇ“.

توغرا، تارىخ ھەققىدە چەتتە تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئاسان. ئەگەر 30- يىللاردا ياشىغان بولساق ئېھـ- ـتىمال بىزمۇ بۇ ۋەقەلەردىن چەتتە قالمىغان بولاتتۇق. لېكىن بىز، ۋاقىتلىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىنى ۋا- راقلاپ كۆرسەك ھەيرانلىقتىن ياقىمىزنى تۇتماي تۇرالمايمىز. بىز خۇدانى رەت قىلىپ،دىنىي ئېتىقادلارنى ئەيىبلەپ ئۆزىمىز ساختا خۇدا ياساپ چىقتۇق، ئۇنىڭغا چوقۇندۇق. مىخائىل ئىساكوۋىسكى، ماكسىم رىلىسكى، ئالىكسى سوركوۋ، ھەمىت ئالىمجان، غاپۇر غولام قاتارلىق چوڭ شائىرلار سىتالىننى مەد- ھىيلەپ شۇنداق ئەسەرلەرنى ياراتتىكى، ھەتتا ھازىرغىچە خۇدامۇ بۇنچىلىك ماختىلىپ تەرىپلەنمىگەن بولسا كېرەك. مەن بۇ يەردە مەشھۇر كومپوزىتور ئىيسا ئاك دونايۋىيسكىنىڭ 1949- يىلى نەشىر قىـ- ـلىنغان كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن بىر پارچە خېتىدىن قىسقا نەقىل كەلتۈرىمەن: ”سىتالىن يالغۇز بىزنىڭ دەۋرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئادىمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىدىمۇ، ئۇلۇغۋارلىق، بۈيۈكلۈك ۋە مەشھۇرلۇقنىڭ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تىمسالىدۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن زا- مانداش، ئەقەللىسى ئۇنىڭ ئىش پائالىيىتىدە كىچىككىنە خىزمەتداش بولغىنىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى بىز(بولۇپمۇ ياشلار) سىتالىندەك بىر ئادەم بىلەن بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىـ- ـمىزنى، بىر ئاسمان ئاستىدىكى زېمىندا بىللە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز.“بۇ ئادەمنى خۇدا- غا ئايلاندۇرۇش بولماي نېمە؟ ۋەھالەنكى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سىتالىن مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنـ- ـگەن بۇ بۈيۈك كومپوزىتور ئۆز جېنىغا قەست قىلدى. كاۋكاز تارىخنى يازغان ئالىم ”بەشەر قۇياشى“ ئىنئام قىلغان مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆز بېغىدىكى دەرەخكە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. فاديېۋدەك تالانتـ- ـلىق يازغۇچى ئۆزىنى ئاتتى. چولپان، پىترەت، ئىلبېكنىڭ نامىغا قارا چاپلىغانلار، ئابدۇللا قادىرى، ئوسمان ناسىرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلار، مەقسۇد شەيىخزادىنى تا ئۆلگۈچە ئازابلىغانلار، ھەمىت سۇلايماننىڭ ئون بەش يىللىق ئۆمرىنى سۈرگۈندە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغانلار تېخى ئارىمىزدا يۈرۈپتۇ.ئۇ- لار ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنى، ھېچ بولمىغاندا ئەيىبىنى دەۋرگە ئارتىپ خەلقتىن ئەپۇ سورىغىنى يوق. ئۇلار ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىنىپ، پەخرىي ئۈنۋانلارغا ئېرىشىپ، سورۇنلارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ مۇنبەرلەردە چىرايلىق نوتۇقلارنى سۆزلەپ يۈرۈپتۇ. ئۇلار كېچىلىرى خاتىرجەم يېتىپ ئۇخلايدۇ. سىزدەك ئېتىقادىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرۇپ ئازابلانمايدۇ. ئالىمباي! لېنىن ئاساس سالغان جەمئىيەتنىڭ داھىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كىملەرنىڭ قولىغا قالغانلىقىنى،ئۇ- لارنىڭ سوتسىيالىزم ھەققىدە قانداق تېتىقسىىز پىكىرلەرنى ئويلاپ تاپقانلىقىنى بىز ئەمدى روشەن كۆ- رۈپ تۇرۇپتىمىز. لېنىن دىندارلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قارىغىنى ھالدا، كوممۇنىستلارنىمۇ ئۆز ئېـ- ـتىقادىغا سادىق، ھەر تەرەپلىمە پاكىز ئادەم بولۇشى كېرەك، دەپ تەلىم بەرگەنىدى. ئەپسۇسكى، لېنىنـ- ـدىن كېيىن دۆلەت ھوقۇقىنى قولدا تۇتۇپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىش- ھەرىكىتىگە نەزەر سالساق تېنىمىز شۈركىنىدۇ. سىتالىن ئەشەددىي قانخور، كاللا كېسەر بولۇپ چىقتى.ژىدانوۋ، مولوتوۋ، بىرىيا، يىژوۋ، ۋورىشلوۋ، مىكويانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكتە سىتالىندىن قېلىشمايدىغانلىقى، قىرغىندىن تاسادىپىي ئامان قالغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ،يازغۇچىلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولدى. سىتالىندىن كېيىن تەخىتكە چىقـ- ـقان خروششېۋ مەملىكەتنى پۈتۈنلەي پاراكەندە قىلىۋەتتى. يېزا ئېگىلىكىنى، بولۇپمۇ چارۋىچىلىقنى ئىزدىن چىقاردى. ئادەملەرنى بىر پارچە قارا نانغا زار قىلىپ قويدى.

برېژنېۋنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى سۆزلەشكە كىشىنىڭ تىلى بارمايدۇ.ئۆزىنىڭ تەمەخور ۋە شۆھرەتـ- ـپەرەس بولغىنى يەتمىگەندەك، كۈيئوغلىنىڭ پارىخورلىقىنى، قىزىنىڭ مەملىكەت بويلاپ ئالتۇن، تىللا سو- دىسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى دېمەمسىز،تېخى؟ تورغۇنلۇق دەپ نام ئالغان ئاشۇ يىللاردا بىز ”داھى“ نى قارىتىپ قويۇپ، سىزنىڭ غايىلىرىڭىزدىن روھلىنىپ بىز ئالەمگە ئۇچۇۋاتىمىز، يېڭى يەرلەرنى ئېـ- ـچىۋاتىمىز، كىتابلار يېزىۋاتىمىز، دەپ تەخسىكەشلىك قىلدۇق. بۇ ئادەملەرنى تېخى يەر يۇتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ ھوشۇقى ئالچا. ئۇلار ئەمدى ئاشكارىلىق نىقابى ئاستىدا قايتا قۇرۇشقا كىرىشىپ، مېھنەتكەشلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللانماقتا.بۇنداق كىشىلەرنى كۆرۈپ ماركىسنىڭ ”خۇدا ئادەمنى ئەمەس، ئادەم خۇدانى ياراتقان“ دېگەن گېپىگە ئىشەنمەي تۇرالمايسىز. راستىنى ئېيىتـ- ـقاندا بىز كۆپ خۇدالارنى رېسپوبلىكىلاردا بولسا بىرمۇنچە كىچىك خۇدالارنى ياراتتۇق، ئۇلارغا چوقۇنـ- ـدۇق. ئۇلار مەنسەپتىن چۈشۈشى ياكى ئۆلۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ چىركىنلىكلىرىنى پاش قىلىپ، ئۈستىگە كىر- يۇندا چاچتۇق.

سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادا خۇدانى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغان دۆلەت، لېكىن بىز خۇدانى ئىنكار قىلـ- ـغان ھالدا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك باغلىنىپ قالدۇقكى، ئىلاھسىز بىر كۈنىمىزمۇ ئۆتمىدى.(ئېھتىمال، ئادەمـ- ـنىڭ تەبىئىتى كىمگىدۇر چوقۇنۇشقا، كىمدىندۇر مەدەت ئېلىشقا ماسلاشتۇرۇپ يارىتىلغان بولسا كېرەك.) نەتىجىدە ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئادەملەرنى خۇددى يۇنانلارنىڭ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرنى خۇدالار قاتا- رىغا قوشقىنىدەك مەبۇدىغا ئايلاندۇرۇپ ئالدۇق.ئاشۇ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرمۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆ- لۈمىدىن ئەجەبلىنىپ: ”مەن خۇدا بولسام، نېمىشقا مۇنداق ئۆلىمەن“ دېگەنىكەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخـ- ـشاش سىتالىن ئۆلگەندە ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەملەر: ”ياق، بۇنداق زات ئۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بىزنى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭسىز بىز فاشىزمنى يېـ- ـڭەلمىگەن بولاتتۇق“ دەپ خىتاب قىلغان. ئەسلىدە ئەنە شۇ ئامما، پاك دىل، ساددا ئادەملەرنىڭ ئۆز- لىرى مەملىكەتنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ بالا- قازادىن ساقلاپ قالغان، تۆككەن قانلىرى، بەرگەن قۇربانلىرى ھېسابىغا ئۇرۇش ئاپىتىنى دەپنە قىلغانىدى.

ئۆزبېكىستاندا تا ئەللىكىنچى يىللارغىچە نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىر ئەسلەپ كۆرۈڭ: ھەممە ئىمانـ- ـلىق، ئېتىقادلىق ئادەملەر سوراقسىز ئېتىلدى، ئەرەب يېزىقىنى بىلگەن ۋە شۇ يېزىقتىكى كىتابلارنى ئو- قۇغان ئادەملەر يوقىتىلدى، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەر ئاياق- ئاستى قىلىندى، مىللىي غورۇر كەمسىتىلدى. ھەتتا ئاتمىشىنچى يىللاردا توي-تۆكۈنلەردە كاناي-سۇناي چېلىش كونىلىق قالدۇقى سۈپىتىدە تەقىقلەنـ- ـدى. يەتمىشىنچى يىللاردا پارتىيىلىك كىشىلەر بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرغىنى ئۈچۈن تەشكىلىي جازاغا ئۇچرىدى. سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆلگەن ئاتىسىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئۇقۇتقان ياكى قەبـ- ـرىستانلىققا بېرىپ كۆز ياش تۆككەن ئادەملەر شەرمەندىلەرچە ئىشتىن بوشىتىلدى. بۇ ئەخمەقلىقلەرنى خەلق ئەمەس، بەلكى رېسپوبلىكىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ئويلاپ تاپتى. ئاشۇ چاغلاردا ئەسقەد مۇختەردەك ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز، مۇشۇنداق بولمىغۇر ھەرىكەتلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۆز سەبداشلىرىنى قوغـ- ـدىسا بولماسمىدى؟ ئۇ چاغلاردا يەنە ئابدۇللا ئارىپوۋدەك تونۇلغان تالانتلىق شائىرمۇ جاسارەتلىك قە- لەمكەشلىرىنى ياقىلاپ ئەمەس، نوپۇزلۇق رەھبەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان شېئىرلارنى يازدى. ئەمدى ئۇ كىچىك داھىلار يوق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتساق ئۇلار قاماقتا. ئەمدى بىز بىر- بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ مەن دۆلەت جىنايەتچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان شەراپ رەشىدوۋ ھەققىدە ئەسەر يازغان مىرمۇھسىن، ئۇنى ئەسەرلىرىگە پروتوتىپ قىلىپ ئېلىپ ئۇنىڭ ساخاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھەمىت غۇلام، ”كەشمىر قوشىقى“(شەراپ رەشىدوۋنىڭ ئەسىرى)غا سۆز بېشى يېزىش بەختىگە مۇ- يەسسەر بولغىنى ئۈچۈن بېشى كۆككە يەتكەن تۇراپ تۈلە ۋە باشقا ئونلاپ قەلەم ساھىپلىرىنىڭ بۈگۈنـ- ـگىچە توۋا قىلمايۋاتقانلىقىغا، خەلققە ئەمەس رەھبەرلەرگە يېقىشى ئۈچۈن ئىنتىلىپ ياشاشنىڭ پاجىئە- لىرىنى ئېچىپ، ياشلارنى ھۇشيارلىققا ئۈندىمەيۋاتقانلىقىغا ئەجەبلەنمەيمەن. ھەركىمدىن ئۆزىگە يارىشا نەرسە تەلەپ قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە. رۇس يازغۇچىلىرى ئوتتۇزىنچى يىللاردا قارىلانغان قەلەمكەشـ- ـلەرنى ئاقلاش، چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چىقىرىپ خەلققە تونۇتۇشنىڭ غېمىنى يەۋاتقان بىر پەيىتتە ئۆزبېك ئەدىبلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىغا قارىمامسىز.ئارىمىز- دا ھازىرغىچە چولپان، پىترەتلەرنى ئاقلاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلار،ھەتتا بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئىجاد قىلغان بابۇردەك بۈيۈك ئەللامىغا ئۆزىچە باھا بېرىپ قارىلايدىغانلار بار. سىز بولسىڭىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سورايسىز، ئېتىقادنى قويۇڭ، ئارىمىزدا ۋىجدانى پاك ئادەم تېپىلامدۇ، دەپ سوراڭ. ئېھتىمال بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بېرىش ئاسانراقتۇر. ئالىمباي! نېمىشقىدۇر بىزدە ۋىجدانسىز ۋە خىيانەتچى دېگەندەك ئىبارىلەر پەقەت سودا خادىملىرىغىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىپ تۇ- رىدىغانلىقى ئىسپات تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەرد، كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سوزىدىغان، جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن جان- دىلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىرىمۇ بار.ئەپسۇسكى مەن زىيالىلارنىڭ، ھەتتا يازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا باشقىلارغا چىندىن، ئىچى كۆيۈپ ياردەم قىلىدىغان بىرەر مەردنى ئۇچراتقىنىم يوق. ئۇستاز ئايبەكنىڭ ياشلارغا سەمىمىي ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق. م.پىرىيشۋىن قېرىغان چېغىدا نەشىرىياتنىڭ باشلىقىغا تېلېفون بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا تۆت ياش يازغۇچىنىڭ كىتابىنى چىقىرىشنى ئۆتۈنگەنلىكىنى، تىۋار دوۋىيسكىنىڭ ۋ.تىندىرياكوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى، ف.ئابراموۋنىڭ، چىڭغىز ئايىتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى نا- ھايىتى جاپادا بېسىپ چىقارغانلىقىنى، باشقا بىرمۇنچە قەلەمكەشلەرگىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپتىن ناھايىتى كۆپ ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ھازىرقى تىرىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قايسى بىرى بۇ زاتى مۇبارەكلەرگە ئوخشايدۇ؟ ناھەتكى ئۇلار ئالىيجانابلىق ۋە ئىنسانپەرىۋەرلىك دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا؟ ۋەھالەنكى، شەرق مۇتەپەككۈرلىرى:“ ئۆزۈڭگە راۋا كۆرگەن نەرسىنى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرگىن“ دەپ تەلىم بېرىدۇ. نېمىشقا بىز بۇ مىزانغا ئەمەل قىلالمايمىز؟ نېمىشقا ھەممە ئادەم ئۆز مەنـ- ـپەئەتى، ئۆز ھوزۇر- ھالاۋىتىنىلا ئويلايدۇ؟ ئاخىر، ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە يارىشا بەرىكەت بېرىلىشىنى بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەسلىكىنى ھەممە كىشى ئوبدان بىلىدىغۇ، نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ…قويۇڭ، بىھۇدە سۇئاللار بىلەن بېشىڭىزنى قاتتۇرماي، بۇنىڭ سەۋەبى ئايان: ئىمان ۋە ئېتىقاد يوقالغان.

سىزنىڭ ئۆتكەندە ئارگېنتىنالىق يازغۇچى خولىئو كورتا سارنىڭ ”ئىزمۇ- ئىز“ ھېكايىسى ھەققىدە ھا- ياجانلىنىپ سۆزلىگەنلىكىڭىز ھېچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.ھېكايە قەھرىمانى ئۆتمۈشتە ياشىغان بىر كلاسسىك شائىر ھەققىدە ئاجايىپ ئەسەر يازىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى بىرمۇنچە چۇقان- سۈرەنگە سەۋەب بولىدۇ.ئۇ- نى يۇقىرى لاۋازىم بىلەن ئالىي مۇكاپاتقا تەۋسىيە ئېتىشمەكچى بولغان پەيىتتە ئەسەر قەھرىمانى ئۆزى كۆككە كۆتۈرگەن ھېلىقى كلاسسىك شائىرنىڭ ئەسلىدە ئۆتۈپ كەتكەن رەزىل ۋە مۇناپىق ئادەم ئىكەنلىكىـ- ـنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ مەشۇقىغا ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى كۆرىدۇ- دە، ھەممە ئىمتىيازلاردىن ۋاز كېچىپ، كلاسسىك شائىرنىڭ ساتقىن ۋە مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشقا كىرىشىدۇ.

بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، بىزنىڭ ھاياتىمىزدا مۇشۇنداق ھادىسىلەر ئېشىپ-تېشىپ يېتىپتۇ. تۈنۈگۈنلا تەڭدىشى يوق ئالىيجاناب، ئاجايىپ تەشكىلاتچى دەپ كۆكلەرگە كۆتۈرۈلگەن كىشىلىرىـ- ـمىز بۈگۈن دۆلەت جىنايەتچىسى بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە بىزنىڭ بىرەر يازغۇچىمىز كورتا سارنىڭ قەھرىمانىدەك ئۆز روھىيىتىنىمۇ، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ پىكىر تەسەۋۋۇرىنىمۇ ئوڭتەي- توڭـ- ـتەي قىلىپ، ئۆزىگە قارشى، ھازىرغىچە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ناتوغرا سىياسەتلەرگە قارشى بىرەر ئىش قىلغىنى يوق. ياق، مەن ئۇنداق قەلەمكەشلەرنى خاتا قىلغىنى ئۈچۈن تىز پۈكۈپ كۆز ياش تۆكسۈن دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەكسىچىئاشۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى يول قويغان خاتا- لىقلىرى، تەمەخورلۇقى تۈپەيلىدىن يۈز- ئابرويىنىڭ تۆكۈلگەنلىكلىرى مىسالىدا ياشلارنى ھۇشيارلىققا ئۈنـ- ـدەشلىرى لازىم، دەپ ھېسابلايمەن. بۇنىڭدىن يالغۇز ئەدەبىياتىمىزلا ئەمەس،بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادىمىزمۇ مەنپەئەت كۆرىدۇ، ئادالەت تىكلىنىدۇ. ۋىجدانىمىز پاكلانمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا كىرى كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۆزى ھالاللىق ۋە پاكلىققا تاشلانغان بىر قەدەم بولىدۇ. بۈگۈنكى ئاشكارىلىق، پۈتۈن ئىتتىپاق 19-قۇ- رۇلتىيى بەلگىلەپ بەرگەن يول شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي ھۆججىتىدە: ”ئاشكارىلىق، تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد ئاخىرقى ھېسابتا خەلق مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ سىياسىي تەركىـ- ـبىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى، ھاياتلىقىنى، مەنىۋىي ساغلاملىقىنى نا- مايىش قىلىدۇ“، دېيىلىدۇ.

تۈنۈگۈن سىز تونۇلغان بىر ئالىمنىڭ تېلېۋىزوردىكى مۇناپىقانە چىقىشى ھەققىدە گەپ قىلغان ئىدىڭىز. مەن ئۇ چاغدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. كۆيۈنىشىڭىزنى قىزىققانلىق ۋە ياشلىقتىن بولۇۋاتىدۇ،دەپ قارىدىم. ئالىمباي، كىملەرگىدۇر ياخشى كۆرۈنۈپ تۈزۈكرەك ئەمەلگە ئېرىشىشتىن باشقا قايغۇسى بولـ- ـمىغان بۇ ئادەمدىن باشقا نېمە كۈتۈش مۇمكىن؟ ئەسلىدە پەن دوكتۇرى، ئاكادېمىك بولغان ئادەم خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئاكادېمىك ساخاروۋنىڭ، ۋىگاسوۋنىڭ يادرو فىزىكىسى ساھەسىدىكى كەشپىياتلىرىنى ھەممە بىلىدۇ.پروفېسسور نازىمە دېھقان خوجايىۋانىڭ ئىلمىي ئىزلىنىشلىرى خەلق سالامەتلىكىنى ساقلاش يولىدىكى ئىشلىرى ماختاشقا سازاۋەر، ئاكادېمىك ئاتابېك ئىشانوۋنىڭ تا- رىخىمىزنىڭ قارا چاپلانغان سەھىپىلىرىنى ئېچىش يولىدىكى ئورۇنۇشلىرى كىشىنى خوشال قىلىدۇ، لېكىن سىز ئېيىتقان ھېلىقى ئالىم پەنگە، خەلققە نېمە بەردى؟ ئۇنىڭ قايسى بىر ئەسىرى قولدىن-قولغان ئۆ- تۈپ ئوقۇلدى؟تارىخ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ ئالىم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ روسىيىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى ھۈججەتلەر ئاساسىدا يىرىك ئەسەر يېزىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ بۇ ئىشقا ئۇ ئادەمنىڭ ئىلمىمۇ، قابىلىيىتىمۇ يېتىدۇ.لېكىن يازمايدۇ،يازالمايدۇ! قايسىدۇر بىر نائەھلى تارىخىمىزنى يۈز قېتىم ساختىلاشتۇرسۇن، نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئىنسانىيەتكە نى- نى ئەللامىلارنى بەرگەن ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ ساۋاتلىق تۈركىي خەلقىنى يالغۇز رۇس ئالپاۋىتىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن ساۋاتسىزغا چىقارسۇن، ئىنقىلاب ھارپىسىدىكى مەدەنىي ھاياتىمىزدا ئىلغار ئىشلارنى قىلغان، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى بولغان جەدىتلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىنى ئۆگىنىش تەقىقلەنسۇن، ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ھەمزە بىلەن بىللە ئونلاپ تالانتلىق شائىرلارنىڭ بولغانلىقىنى سىر تۇتسۇن، بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ خەلق كېۋەزگە سېپىلگەن ئونلاپ زەھەرلىك دورىلاردىن قىرىلىپ كەتسۇن، ئۇ ئادەمگە بەرىبىر. مۆھتەرەم ئاكا- دېمىك ھەممە نېمىگە كۆزىنى يۇمۇپ تىلىنى چىشلەپ يۈرىۋېرىدۇ. ئىشقىلىپ ئورنىدىن، ھۆرمەت ئېتىبا- رىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا بولىۋېرىدۇ.

قاچانىكى ئادەمنىڭ ۋىجدانى ئۆلسە، ئىمان- ئېتىقادتىن ئايرىلسا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى پەرۋاسىزلىق مەستـ- ـخۇشلىقى ئېگىلەيدۇ. ھازىرقى ئەدەبىي ھاياتىمىزدا ئاشۇنداق مەستخۇشلۇق ھۆكۈم سۈرىۋاتمامدۇ؟ بىز ماختاپ، كلاسسىكقا چىقىرىپ قويغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ھېچقانداق مەنىۋىي پەزىلەتلەرگە ئېگە ئەمەسلىكىنى ھېچكىم يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتمامدۇ؟ نى- نى پەن دوكتۇرلىرى،پەن كاندىداتـ- ـلىرى ئالىممەن، دەپ مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈشۈپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە ئەدەبىي تەنقىدچى ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي مەدداھلاردۇر. ئۆتكەن يىلقى يىللىق پروزا مۇھاكىمە يىغىلىشىدا سىزنىڭ ئېيىتقان پىكىرلىرىڭىزدىن بەكمۇ خوشاللاندىم. ۋەھالەنكى، يىغىن رەئىسى سىزگە بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئالدى بىلەن نوبىل مۇكاپاتى ئېلىڭدە، ئاندىن باشقىلارغا ئەقىل ئۆگىتىڭ،دەپ لوقما سېلىپ گېپىڭىزنى داۋاملاشـ- ـلاشتۇرۇشقا ئىمكان بەرمىدى. شۇ چاغدا سىز تەنقىدچى ئومورزاق ئولجابايىۋقا:“سىز مېنىڭ ئەسىرىمنى ھېكايە ئەمەس دېگەندىن كۆرە، بۇ نەرسە ئوغرىلانغان دېسىڭىز خۇشال بولاتتىم.سەۋەبى بۇ ھېكايەمنى كورتاسارنىڭ ”ۋەسۋەسە“ ناملىق ھېكايىسىگە تەقلىد قىلىپ يازغانمەن“ دېدىڭىز. ”ۋەسۋەسە“ جاھان خەلقلىرىنىڭ ئونلاپ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ سۆيۈلۈپ ئوقۇلسۇنۇ، ئۆزبېك ئەدەبىياتى مۇتەخەسىسى بولـ- ـغان ئادەم ئاشۇ روھتا يېزىلغان ئەسەرنى ھېكايە ئەمەس دەپ ھېسابلىسۇن.بۇ نېمە؟ پىكرى مەجرۇھـ- ـلۇقىمۇ ياكى ساۋاتسىزلىقىمۇ؟ بىز تا ھازىرغىچە بىر چاغلاردا يېزىلغان ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى سەۋىـ- ـيىسىدە پىكىر قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئۆز ئىشىمىزغا ۋىجدانەن يانداشمىغانلىقىمىزنىڭ، زىممىمىزگە ئادەملەرنى مەرىپەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. نېـ- ـمىشقا بىزدە ئەدەبىي تەنقىد سەۋىيىسى بۇنچىلىك تۆۋەن؟ ئېھتىمال ئەدەبىياتىمىز تەنقىدتىن تۆۋەن تۇرىـ- ـدىغاندۇ؟ ئېھتىمال نېمىشقا بىز ھەر قانداق ئېھتىماللىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،بار مەھسۇلاتىمىز- نىڭ ئۆزىنى ئادىل باھالىمايمىز؟ ياكى ۋ.ئاستاپىيىۋنىڭ ”مېنىڭ قارىشىمچە تەنقىدچى قاراۋۇل ۋە سۈ- پۈرگىچى بولۇشى، ئەدەبىي مەيدانىمىزدىكى ھەرخىل ئەخلەت- چاۋالارنى تازىلىشى كېرەك. لېكىن مەن ئونلاپ دوكتۇر ۋە ئاكادېمىكلار ئىچىدىن مۇنداق ئىشقا لايىق بىرمۇ تەنقىدچى تاپالمىدىم“ دېگىنىدەك،بىز- دە ھەقىقىي تەنقىدچى يوقمۇ؟

ئالىمباي! ئاندىرسىننىڭ يالىڭاچ پادىشاھ ھەققىدىكى چۆچىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇنىڭدا قىپيالىڭاچ پادىشاھ ”كىيىمىڭىز نېمانچە چىرايلىق، ئۆزىڭىزگە نېمىدېگەن ياراشقان“ دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختىلىدۇ.ھېچـ- ـكىم ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ. ئاخىرىدا ئاشۇنداق بىر مەرت تېپىلىدۇ-دە،پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىدۇ. ۋاقتى كېلىپ بىزمۇ شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسمىزمۇ؟ كېيىنكى چاغلاردا مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۆزبېكىستان يازغۇچىلىرى مىرموھسىن، ئىبراھىم رەھىم، پروفېسسور ھاپىز ئابدىسەمەتوۋلارنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۇلار ئاشكارىلىقنى، شەخسىي تەلەپـ- ـدەۋالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نۇمۇسسىزلىق قىلىشنىڭ بىر پۈرسىتى بىلسە كېرەك. يېشى يەتمىشكە بېـ- ـرىپ، بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياسى يېقىنلىشىپ قالغان بۇ كىشىلەرنىڭ خەلققە ئېيتىدىغان زۆرۈر گەپلىرى، كۆڭۈل ئارزۇلىرى، يۈرىكىنى ئازابلايدىغان ئۆكۈنۈشلىرى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ چوڭ ئومۇمىي دەردلىرى، خەلققە يەتكۈزىدىغان ئارمانلىرى يوقمىدۇ؟ بۇلارنى ئويلىسىڭىز مېڭىڭىزگە سانجىق تۇرۇپ، يۈرىكىڭىز ئېزىلىپ كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئويلىماي ئىلاجىڭىز يوق. چۈنكى بۇگۈنكى ئاشكارىلىق شۇنىڭغا ئۈندەيدۇ. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز بىزدىن كېيىنكىلەر ھېلىقى يالىڭاچ پادىشاھنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالمىسۇن،شەخسىي دەۋا ۋە ئاغرىنىشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنىۋىيەتنى يۈكسەلدۈرىدىغان مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللانسۇن. ئادەملەرگە تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزسۇن.

ئادەم ۋىجدانىنى قىينايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى تەمەخورلۇقتىن تارتىشى بولۇپمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەسلىكى كېرەك. تەمەخور خۇددى سۆڭەك تۇتقان ئېگىسى ئالدىدا قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇرغان ئىتقا ئوخشايدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ھېچقاچان،ھېچكىمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئىشىنىپ ۋىجدانى بىلەن ياشايدۇ. يەر يۈزىدە بىر ئىمانلىق ئادەم بار ئىكەن قىيامەت قايىم بولمايدۇ، دېگەن گەپ بار. مەن بۇ گەپكە ئىشىنىمەن. تېخى قىيامەت بولمىغانىكەن، ئەتراپىمىزغا خالىس كۆز تاشلىشىمىز، ئېتىقادلىق كىشىلەرنى كۆرسەك بېشىمىزغا كۆتۈرۈ- شىمىز كېرەك.ئېتىقاد- ئىنساننى پەسلىكتىن، ھەرقانداق تەمەدىن، رەزىللىكتىن ساقلايدىغان ھىدايەت نۇرى! لېكىن بۇ نەرسە ھەممە كىشىگە نېسىب بولىۋەرمەيدۇ.ئېتىقادلىق ئادەم ئۆزىگە راۋا كۆرگەن نەرسىدىن باشقىلارنىمۇ تېزرەك بەھرىمەن قىلىشقا ئالدىرايدۇ.

ئالىمباي! يەتمىش يىلدىن بېرى يالغان- ياۋىداقلار بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ ياشىدۇق.ياسالغان خۇدالارغا چوقۇنۇپ، رەزىل، گۇناھلىق قىلمىشلارغا پاتتۇق. كېلىڭ، ئەمدى ئاشكارىلىق، تەڭلىك شامىلى كۆتۈرۈلـ- ـگەن بۈگۈنكى كۈندە ”ھەقىقەتنى، غاپىل، ناھەق نەرسىلەرگە ئوراپ يوشۇرماڭلار، ئۇنى ەلقتىن پىنـ- ـھان تۇتماڭلار“ دېگەن دانا ھېكمەتكە ئەمەل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە ئېتىقاد نۇرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىـ- ـشايلى. يەر يۈزىدە ئار- نۇمۇسنى بىلىدىغان، ئىمانلىق ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى تىلەيلى.

ئۆزبېكىستاندا چىقىرىلىدىغان ”ياش كۈچ“ ژورنىلىنىڭ 89- يىللىق 3- سانى

نەشىرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت پولات