ياپونىيەلىكلەر قانداق تاۋلاندى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

ياپونىيەلىكلەر قانداق «تاۋلاندى»؟


چېڭ خۇي


مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر تەرجىمىسى


مېنىڭ ئىسمىم چېڭ خۇي، بۇ يىل 29 ياشقا كىردىم. 2008- يىلى مەن ياپونىيەدىكى خوككايدو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ساپپوروسغا كىلىپ، خوككايدو سانائەت ئۇنىۋېرستېتىدا مېخانىكىلىق لايىھەلەش- ياسىمىچىلىق ككەسپىدە ماگىستىر ئاسپرانتلىق ئوقۇشىنى باشلىدىم. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ياپونىيەدە قېلىپ، توكيو شەھىرىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتكە خىزمەتكە چۈشتۈم. شۇنداقلا شۇ شىركەتتە ھازىرقى ئايالىم يوشىدا يومى بىلەن تونۇشتۇم.

ئىككىمىز تونۇشۇپ يېرىم يىلدىن كېيىن، توي قىلشىقا پۈتۈشتۇق. 2012 –يىلى چاغاندا مەن يۇمىن ئېلىپ يۇرتۇم ۋۇخەنگە ئەكېلىپ، ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۈشتۈردۈم. مەيلى ئاتا-ئانام بولسۇن، ياكى ھەرقانداق نەرسىدىن قۇسۇر تېپىپ كۆنۈپ قالغان ئۇرۇغ-تۇققانلىرىم بولسۇن، ئەدەپلىك، مۇلايىم «بولغۇسى كېلىننى ئاغزىغا-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كېتىشتى.

بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، دادام بىلەن ئاپام مېنى ئايرىم بىر ئۆيگە چاقىرىپ، ياپونىيەدىكى ئۆي باھاسىنى سورىدى. مەن ئۇلارغا توكيودىكى يېڭى ئولتۇراق رايونلاردا ئۆينىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ خەلق پۇلىدا 30 مىڭ يۈەنگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. گېپىمنى ئاڭلاپ بىچارە ئاتا-ئانامنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. جۇڭگودا خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆي سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. ئاتا-ئانام ئىككىلىسى ئاددى خىزمەتچى بولغاچقا، بۇ قەدەدر يۇقىرى ئۆي باھاسىنىڭ ئۇلارنى چۆچۈتۈۋېتىشى مۇقەررەر، ئەلۋەتتە.

ياپونىيەگە قايتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، دادام-ئاپام مېنى ھۇجرىسىغا چاقىرىپ، بىر دانە بانكا كارتىسىنى ماڭا تەڭلىدى ھەم:

-بالام، بۇ كارتىدا 600 مىڭ يۈەن پۇل بار، تاپقان-تەرگىنىمىز شۇنچىلىك ئىكەن. ياپونىيەگە قايتقاندىن كېيىن، بانكىدىن قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ئۆي ئېلىشنىڭ غېمىنى قىل، ئاندىن دەرھال توينىڭ ئىشىنى بېكىتىۋەت. بولمىسا بىز خاتىرجەم بولالمايمىز،- دېدى.

ئۆزى يېنىك، ئەمما ۋەزنى ئېغىر بۇ كارتىنى تۇتقىنىمچە، ئاتا-ئانامنىڭ بىر ئۆمۈر تارتقان جاپالىرى، شۇنداقلا سان-ساناقسىز ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان زىيادە توي سېلىقلىرى خىيالىمنى چۇلغىۋالدى. ئاتا-ئانامنىڭ يېمەي-ئىچمەي يىغقان پۇلىنى ماڭا بەرگەنلىكىدىن تەسىرلەندىممۇ، ياكى بىزنى ئۆز ئىقتىدارلىرىمىزدىن زىيادە ھالقىپ كەتكەن ماددىي نىشانلارغا باغلاپ قويۇۋاتقان«ئەنئەنە»لىرىمىزدىى غەزەپلەندىممۇ ئەيتاۋۇر، كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى.

2012- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى مەن يۇمىنىڭ ئۆيىگە«قىز سوراپ» باردىم. خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، مەن بولغۇسى قېيىنئاتامغا قىممەت باھالىق چاي، بولغۇسى قېيىنئانامغا قاشتاش بىلەيزۈك، شۇنداقلا يۇمىغا بېرىدىغان ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالدىم.

-مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، مىڭبىر تەسلىكتە كېلىش مۇددىئايىمنى ئېيتتىم. لېكىن يۇمىنىڭ ئاتا-ئانىسى مەن دەسلەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدەك ھاياجانلنىپ كەتمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل سوغۇق مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز«ئۇلارنىڭ دىتىغا ياققۇدەك، بىر نەرسە ئالالمىغان ئوخشىمامدىمەن؟» دەپ ئويلاپ قالدىم.

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مەن مېڭىشقا تەمشەلگەندە چىقتى. ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا، يۇمىنىڭ ئاپىسى مەن ئەكەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ:

-توي قىلىش قارارىنى سىلەر ئۆزۈڭلار چىقارغان. بىز يۇمى ئىككىڭلارغا چىن دىلىمىزدىن بەخت تىلەيمىز. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئەكېلىپ يۈرمەڭ. بىز لازىملىق نەرسىلەرنى ئۆزىمىز سېتىۋالىمىز،-دېدى.

بولغۇسى قېيىنئانامنىڭ سۆزلىرىدىن يۈزلىرىم قىزىرىپ، ھاپىلا-شاپىلا خوشلىشىپلا تىكىۋەتتىم.

كېيىن يۇمىدىن ئۇقسام، ياپونىيەدە بولغۇسى قېيىنئاتا-قېيىنئانىلارنى يوقلىغاندا، ئاددىي سوۋغا-سالاملارنى ئاپىرىشلا كۇپايىكەن. بەك قىممەت باھالىق نەرسىلەر سوۋغا قىلىنسا، ئۇلار «بولغۇسى كۈيۈ ئوغلىمىز بىزنى نامرات كۆرىۋاتقان ئوخشايدۇ. بۇنچە قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئەكەلگۈدەك، بىز يا ئۇنىڭغا قىزىمىزنى ساتمىساق» دەپ ئويلايدىكەن. بۇنى ئۇققاندىن كېيىن، «ھەشەمخور»لۇقۇمدىن نومۇس قىلىپ قالدىم. كېيىن، ئۇلارنى يوقلاپ بارغاندا، ئاساسەن بىر قانچە خىل مېۋە ياكى بېرەر دەستە گۈللا ئېلىۋالىدىغان بولدۇم.

يۇمى ئىككىزنىڭ توي ئىشى ئاساسەن بېكىتىلدى. لېكىن، مەن تېخىچە ئۆي سېتىۋالالمىغانىدىم. چۈنكى، ئۆزۈم يىغقان، ئاتا-ئانام بەرگەن پۇللارنى جەملىسەممۇ ئۆي سېتىۋېلىشقا كېرەك پۇلدىن بەكلا ئاز ئىدى. مەن ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ، يۇمىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرىشىپ، ئۇلارغا ئۆي سېتىۋېلىش ئىشىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ، ۋاقتىنچە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىشىمىزغا قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىماقچى بولدۇم.

مېنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغىنى، يۇمىنىڭ ئايا-ئانىسى ئۆي سېتىۋېلىش ھەققىدىكى پىلانىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇددى قورقۇنچلۇق خەۋەرنى ئاڭلىغاندەك چۆچۈگىنىچە:

-توي قىلغانلار ئۆي سېتىۋېلىشى كېرەكمىكەن؟ سىز ھازىرمۇ ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرۇۋېتىپسىز، تويدىن كېيىن ئىككىڭلار داۋاملىق ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرساڭلار، ئىقتىسادىي بېسىمىڭلار ئېشىپ كەتمەيدۇ ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئۆزىڭىزنى بۇنداق قىينىماقچى بولىسىز؟-دېدى.

مەن بۇ قېتىم ھەيرانلىقىمنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم، توۋا! جاھاندا مۇنداقمۇ ئاتا-ئانىلار بولدىكەن-ھە؟!

تويدىن كېيىن يۇمىدىن ئۇقۇشۇمچە، توكيودىكى ياشلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكى بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتۈشنى خالىمىغاچقا، تا ئۆي سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يەتكۈچە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن. قېيىنئاتام يوشىدا ئىچىرومۇ 40 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئۆي سېتىۋاپتىكەن. شۇنداق قىلىپ، مەن ئۆي، تويلۇق دېگەندەك باش ئاغرىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئاسانلا تويۇمنى قىلىۋالدىم.


«ئىشتىن قاچىدىغان» قېيىنئاتام

تويدىن كېيىن، چوڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشىراق خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، بىز قېيىنئاتا-قېيىنئانىلارنىڭ ئۆيى بار مەھەللىدىن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالدۇق. ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئايالىم ئوساكاغا كاماندىروپكىغا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي ئۇدۇلا چوڭ ئۆيگە كىردىم. چۈنكى، مېنىڭ تىپىك جۇڭگوچە تەپەككۇرۇمدا، ئايال ئۆيدە يوق ئەھۋالدا، تاماقنى قېيىنئانا-قېيىنئانىلارنىڭ ئۆيىدە يېيىش بەك نورمال ئىش ئىدى. ھالبۇكى، مېنىڭ تۇيۇقسىزلا كەلگىنىمنى كۆرگەن قېيىنئانام ھەيران بولدى-يۇ، يەنىلا ئەدەپ يۈزىسىدىن يېگۈدەك بىر نەرسە تەييارلاپ بەردى. مەنمۇ كۆپ رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىپ قايتىپ چىقتىم. ئەتىسى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، يەنە چوڭ ئۆيگە چاپتىم. لېكىن، بۇ قېتىم قېيىنئانام ماڭا ئانچە چىراي ئېچىپ كەتمىدى ھەم سوغۇق ھالدا:

-سىز نېمىدەپ ئالدىن خەۋەر قىلىپ قويمايلا كېلىۋېرىسىز؟- دېدى.

مەن بۇ سۇئالدىن ھاڭ-تاڭ بولغىنىمچە:

-مەن... مەن... شۇ... يۇمى كاماندىروپكىغا كەتكەن. ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا، تاماقنى چوڭ ئۆيدە يەي دەپ... - دېگەنلەرنى ئارانلا دېيەلىدىم.

مەن كۆڭلۈمدە «قېيىنئانام چوقۇم بۇ گەپلىرىدىن يۇمشاپ، مېنى ئۆيگە كىرىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىل ھالدا:

-كەچۈرۈڭ، ھازىر سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلالمايمەن. تاماق مەسىلىڭىزنى ئۆزىڭىز ھەل قىلىپ تۇرۇڭ. كېلەر قېتىم كېلىشتىن ئاۋۋال خەۋەر قىلىپ قويارسىز،- دېدى.

ئىككى كۈندىن كېيىن يۇمى قايتىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭغا يۇقىرىقى ئىشنى دەپ بەرسەم، ئۇ قاقاھلاپ كۈلگىنىچە:

-ياپونىيەدە ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئېرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش. كۈيۈ ئوغلى ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىش دائىرىسىدە ئەمەس،- دېدى.

شۇ ئىشتىن كېيىن، يۇمى ئىككىمىز ئىمكانقەدەر چوڭلارنىڭ تۇرمۇش رىتىمىنى بۇزماسلىققا تىرىشتۇق، ئۇزاق ئۆتمەي يۇمى قورساق كۆتۈرگەچكە، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى. مەن ئاجايىپ خۇشاللىققا چۆمدۈم.

لېكىن، شۇ كۈنلەردە، خىزمىتىم پەۋقۇلئاددە ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، يۇمىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ بولالمىدىم. شۇڭا يەنە ئامالسىز قېيىنئانامغا توختىماي تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا يۇمىغا ياخشىراق قاراپ قويۇشىنى، ئۇنى تۇغۇت تەكشۈرۈشىگە ئاپىرىشىنى، ئۇنىڭغا قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئېتىپ بېرىشىنى جېكىلىدىم. قېيىنئانام دەسلەپتە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولغان بولسىمۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن مەندىن رەنجىشكە باشلىدى ھەم بىر كۈنى:

-سىز ئۇنىڭ ئېرى تۇرۇقلۇق، ئىككى قات ئايالىڭىزنى ماڭا تاشلاپ بەرگىنىڭىز نېمىسى؟ بۇ دېگەن سىزنىڭ مەجبۇرىيىتىڭىز،- دېدى.

بۇ گەپكە بەكلا ئاچچىقىم كېلىپ، «ئەگەر جۇڭگودا بولسا، قايسى بىر ئانا قورساق كۆتۈرگەن قىزىغا ئىچ ئاغرىتمايدۇ» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم.

2014-يىلى 3-ئايدا قىزىمىز خونوكا تۇغۇلدى. ئاتا-ئانام نەۋرىسىنى كۆرگىلى كەلگەن بولسىمۇ، تىل، مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەر تۈپەيلى، ئۇزاق تۇرمايلا قايتىپ كەتتى. يۇمىنىڭ قىرىقى توشقاندىن كېيىن، قېيىنئانام بىزنىڭ ئۆيگە كەمدىن-كەم كېلىدىغان بولۇۋالدى. جاپاكەش ئايالىم بالىغا قاراش، تاماق ئېتىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسنى ئۆزى يالغۇز قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇنچە جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە قېتىم:

-قېيىنئانامنى چاقىرايلى، بەرىبىر ئۇنىڭ باشقا ئىشى بولمىغاندىن كېيىن، سىزگە ياردەملىشىپ بالا بېقىشىپ بەرسۇن، شۇنداق قىلسا ئۆزىمۇ زېرىكىپ قالمايدۇ ئەمەسمۇ؟- دېسەم، يۇمى بېشىنى چايقاپ:

-بۇ بالىنى چوڭ قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، ئاپام پەقەت دادامنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلسىلا بولدى،- دېدى.


ئوڭلۇق قېيىنئانام

مەن قېيىنئانامنىڭ سوغۇق مىجەزلىكىدىن ۋايساپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. 2014-يىلى 9-ئايدا خىزمەت جەريانىدا ئازراق ۋەقەگە يولۇقۇپ، پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى. بالا بېقىش، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش، يەنە باشقا ئىشلارنىڭ يۇمىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇنداقلا قېيىنئانامدىن ياردەم كۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئاتا-ئانامنى جۇڭگودىن چاقىرىپ كەلمەكچى بولدۇم. لېكىن، ئويلىمىغان يەردىن قېيىنئانام بىزنى يوقلاپ كېلىپ، مەندىن ناھايىتى قىزغىن ئەھۋال سورىدى ھەمدە پۇتۇم ساقايغۇچە قىزىمىز خونوكانى ئۆزى بېقىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يۇمىغا مېنىڭ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىمنى تەكرار جېكىلىدى. تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ «ئىلتىپات»تىن ئېسىمنى يوقىتىپ، قېيىنئانامنىڭ بۇنچە تېز ئۆزگىرىشىگە ھەيران بولدۇم.

قېيىنئانام مېنىڭ ھەيران قالغانلىقىمنى بايقىغان بولسا كېرەك، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە:

- ئۆزۈڭلارغا تەۋە ئىش بولسا، مەن ھەرگىز ياردەم قىلمايمەن. لېكىن، يۇمى قىيىنچىلىققا يولۇقسا قاراپ تۇرالمايمەن، ئۇ دېگەن مېنىڭ قىزىم، مەن ئۇنى مەڭگۈ سۆيىمەن،- دېدى.

ئۈچ ئايدىن كېيىن، پۇتۇم تەلتۆكۈس ساقىيىپ، قايتىدىن ئىشقا چۈشتۈم. قېيىنئاناممۇ قىلچە ھايال بولماي، خونوكانى شۇئان بىزگە قايتۇرۇپ بەردى.

بىز يەنە پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە تايىنىدىغان تۇرمۇش رېتىمىگە كىردۇق. چوڭلارنىڭ ياردىمى بولمىسا، كۈنلىرىڭىز جاپالىق ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشقا پىشىدىكەنسىز، مەسئۇلىيەت تۇيغۇڭىزمۇ كۈچىيىدىكەن. مەن بۇ جەرياندا تاماق ئېتىشنى، بالىغا قاراشنى خېلى ئۆگىنىپ قالدىم. ئانچە-مۇنچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسەم، يۇمى ئاجايىپ تەسىرلىنىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياپونىيەدە ئەر-ئايالنىڭ ئىش تەقسىماتى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئەرلەر ئاساسەن ئۆي ئىشلىرىغا قول تىقمايدىكەن.

ئائىلىمىز مېنىڭ مائاشىمغىلا قاراشلىق بولغاچقا، مەن خىزمەتنى ئىنتايىن تىرىشىپ ئىشلىدىم ھەم ئۇزاق ئۆتمەيلا بۆلۈم باشلىقى بولدۇم. شۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندە، مېنى بىر قوللۇق «تاۋلاپ» چىققان قېيىنئاتا-قېيىنئانىلىرىمغا كۆڭلۈمدە رەھمەت ئېيتتىم.

لېكىن، «تۇغۇلغاننىڭ ئۆلمىكى، يىغلىغاننىڭ كۈلمىكى بار» دېگەندەك، تۇرمۇش دېگەندە مەڭگۈ ئېجىل-ئىناق ئۆتىمە دېگىلى بولمايدىكەن. يۇمى ئىككىمىز مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ياخشى ئۆتسەكمۇ، گاھىدا تالاش-تارتىشلاردىن مۇستەسنا بولالمىدۇق. ھەتتا، بىر قېتىم يۇمى يامانلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كەتتى.

مەن بۇ ئىش چاتاق بولدى، دەپ ئويلاپ تۇرسام، ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنىلا قېيىنئانام يۇمىنى ئالدىغا سېلىپ ئۆيگە كەلدى. ئۇ ماڭا تاپا-تەنە قىلمايلا قالماي، مېنىڭ ئالدىمدا يۇمىغا: «ئۆزۈڭدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ئېرىڭنى رازى قىلالىغۇدەك ياخشى ئايال بولۇشقا تىرىش» دېگەندەك گەپلەر بىلەن نەسىھەت قىلدى. يۇمى ئىككىمىز ئاسانلا يارىشىپ قالدۇ.

ياپونىيەدە ياشىغان شۇنچە يىلدىن بېرى، بۇ يەردىكى قېيىنئاتا-قېيىنئانىلارنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسىنى ئاساسەن چۈشىنىپ يەتتىم. ئۇلار بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالماي، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەسئۇلىيىتىنى تونۇتۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدىكەن. ياپونىيەلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق، تىرىشچانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتۈن جاھانغا مەشھۇر ئىكەنلىكى چوڭلارنىڭ مۇشۇنداق «تاۋلىشى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم.