يازغۇچى بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisige Iane Qiling Uyghur Énsiklopédiyisi

يازغۇچى بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى


يازغۇچى بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى چوڭ جەھەتتىن ئەدەبىي تالانت، ئەدەبىي سادىقلىق، تۇرمۇش تەجىربىسى، يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئىجادىيەت خاسلىقى (چىنلىق، مۇستەقىللىق) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەدەبىي تالانت

تالانت ئادەم ۋۇجۇدىدا تەبىئىي بولىدىغان ھەم كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا ئېرىشكەن مەلۇم ئىستېدات ۋە قابىلىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت ئادەتتىكى ماھارەت ئەمەس، ئۇنىڭدا ئۆگىنىش ئارقىلىقلا نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت __ ئىلھام، تەسەۋۋۇر، قايناق ھېسسىيات ۋە ئىجادىيلىق بولۇپ، ئۇ تالانتقا موھتاج. دېمەك، ھەرقانداق ئادەمنىڭ يازغۇچى بولالىشى ناتايىن، پەقەت يېزىقچىلىق تالانتقا ئىگە بولغان كىشىلەرلا يازغۇچى بولالايدۇ. قەدىمكى جەمئىيەتتە سۇبيېكتىپ قابىلىيەتكە بولغان تونۇش ئاڭلىق پائالىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنلىكتىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ سىرلىقلىقى كۆپىنچە ئوبيېكتىپ سىرلىق كۈچ تەرىپىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ دەپ قارالغان. پىلاتون: «شائىرلار سىرلىق سېھرىي كۈچكە تايىنىپ، ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان شېئىرلارنى ئىجاد قىلىدۇ» دەپ قارىغان. ياۋروپا جەمئىيىتى يېقىنقى زاماندىن بېرى ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى سۇبيېكتىپ كۈچنى بىلىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە شەخسنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇپ يەتتى ھەمدە ئۇنى تالانت، دەپ يەكۈن چىقاردى. كانت ئەڭ دەسلەپتە ئېستېتىكىدا تالانتقا نەزەرىيەۋى ئاساس تاپتى. ئۇ: «پەن-تېخنىكا كەشپىياتى تالانتنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، پەقەت ئىلھام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سەنئەت ئىجادىيىتىلا تالانتنىڭ نەتىجىسىدۇر؛ ئېستېتىكا چۈشىنىش كۈچى بىلەن تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ ماسلىشىشى، تالانتنىڭ ئەركىن ئىجادچانلىقى»، «ئېستېتىكا سەنئىتى __ تالانت سەنئىتى دېمەكتۇر» دەپ قارىغان. ئۇ تالانتقا مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: «سۇبيېكت بىلىش پائالىيىتىنى ئەركىن تەتبىقلاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تالانت-ئىقتىدارىنىڭ نەمۇنىسى بولغان مۇستەقىل ئىجادچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، مانا بۇ __ تالانت!»① كانتتىن كېيىن، رومانىستىك ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە ئېستېتىكىدا تالانت ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇملاشقان قىممەتكە ئىگە ئۇقۇمغا ئايلاندى. ئاڭسىز ئاڭ مۇستەقىل ئىجادىيلىق بىلەن بىرلىشىپ، بىر خىل تالانتقا چوقۇنۇشنى شەكىللەندۈردى. بۈگۈنكى دەۋردە ئەدەبىياتنىڭ تالانتقا موھتاجلىقى بىر خىل ئومۇمىي تونۇشقا ئايلاندى. تالانت ھەققىدىكى نەزەرىيەلەر تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتى. ئەمەلىيەتتە تالانت تۇغما قابىلىيەت ئەمەس، ئۇ پەقەت ئادەم ۋۇجۇدىدا بولىدىغان تالانت ۋە يوشۇرۇن ئىقتىداردىن ئىبارەت. تالانت گەرچە بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك، پىسخولوگىيەلىك ھادىسە بولسىمۇ، ھازىر ئۇنىڭغا تولۇق ئىلمىي چۈشەنچە بەرگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇ سىرلىق، بىلگىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. تالانت ھەم كېيىن شەكىللىنىدۇ ھەم تۇغما، ئىرسىيەتلىك ئامىلغا ئىگە. بۇ خىل تۇغما، ئىرسىيەتلىك ئامىللار بىر خىل يوشۇرۇن قابىلىيەتتۇر. ئۇ پەقەت كېيىن مۇۋاپىق بايقالسا ۋە يېتىشتۈرۈلسە بىر خىل ئىستېدات ۋە مەلۇم تالانت بولۇپ يېتىلىدۇ. ئەدەبىيات تالانتقا ئالاھىدە موھتاج. چۈنكى ئەدەبىيات ئەركىن ئىجادىيەت، ئۇ مول تەسەۋۋۇر كۈچى، تولۇپ-تاشقان ھېسسىيات، ئۆتكۈر تەسىرات، كۆزىتىش ئىقتىدارى، كۈچلۈك تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن ئۆگەنگەنلىكنىڭلا مەھسۇلى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە تالانت بولغانلىقىدىندۇر. يەنە بىر تەرەپتىن تالانتتا تۇغما ئىرسىيەتلىك ئامىللاردىن سىرت، كېيىن سېزىش، يېتىشتۈرۈش، بولۇپمۇ بالىلىق دەۋردىكى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ئىنتايىن مۇھىم. بالىلىق دەۋر ئادەمنىڭ تالانتى ئاشكارىلىنىدىغان، شەكىللىنىدىغان ھەل قىلغۇچ مەزگىل. شۇڭا ئۇنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ھەرخىل ئويۇن، شۇنىڭدەك ھېكايە سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى، مول ھېسسىياتىنى، تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۇغما تالانتىنى كېيىنكى قابىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەگەر بالىلىق مەزگىلدە تالانت بايقالمىسا ۋە تەربىيەگە ئېرىشەلمىسە، بىخ ھالىتىدىكى تالانت بېسىلىپ قېلىشى، كۆمۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بولغاندا تالانت ھەرقانچە ياخشى بولغاندىمۇ ھەقىقىي تالانتقا ئايلىنالماسلىقى مۇمكىن. قىسقىسى تالانت كېيىن يېتىلىدۇ، تۇغما بولمايدۇ، دەپ ق−اراش ئىلمى−ي پ−وزىتسىيە ئ−ەمەس، ئوخشاشلا تالانت تۇغما بولىدۇ دەپ قاراپ، كېيىن شەكىللىنىش شەرتلىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىقمۇ ئىلمىي پوزىتسىيە ئەمەس، تۇغما ئامىل بىلەن كېيىنكى شەرتلىرىنى بىرلەشتۈرگەندىلا، تالانت ئاندىن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، شەكىللىنىدۇ.

ئەدەبىي تالانت يازغۇچى بولۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ قايسى ئاساسىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؟ بىرىنچىدىن، ئالدى بىلەن ئەدەبىي تالانت مول تەسەۋۋۇر كۈچ ۋە ئىماگلىق تەپەككۇر (ئوبرازلىق تەپەككۇر) قابىلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىماگلىق تەپەككۇر قابىلىيىتى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم ئادەمنىڭ تەبىئىي قابىلىيىتىدۇر، ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىق دەۋرى ۋە يەككە بالىلىق دەۋرىدە، تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىماگلىق تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى ئاساسىي بىلىش ئىقتىدارى ھېسابلىنىپ، لوگىكىلىق تەپەككۇر قابىلىيىتى تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى. ئۇ چاغدا ئەپسانە ياكى چۆچەك ئۇلارنىڭ تەپەككۇر شەكلى ۋە نەتىجىسى ئىدى. پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىي دەۋرى ۋە يەككە بالاغەتكە يەتكەن دەۋرىدىلا تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە تەپەككۇر قابىلىيىتى لوگىكىلىق تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ بېسىشىغا ئۇچرىدى. ئەدەبىي ئىجادىيەت تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىماگلىق تەپەككۇرنىڭ ئازادلىققا چىقىشى، يازغۇچىلارنىڭ تالانت ئىقتىدارىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ. رېئاللىقتىن ھالقىپ كېتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق غەيرىي رېئال دۇنيانى ئىجاد قىلىدۇ، مانا بۇ تەسەۋۋۇر كۈچىدۇر.

يازغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، چۈنكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلھام ۋە توقۇلما دېگەنلىكتۇر. تەسەۋۋۇر كۈچى بولمىسا ئىلھام بولمايدۇ-دە، توقۇلما ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغىلى بولمايدۇ. يازغۇچىلار تەجرىبە ۋە خام ماتېرىياللارنى ھازىرلاش ئاساسىدا، ئىلھام ۋە توقۇلما ئارقىلىق ئەدەبىي ئوبراز يارىتىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق ئەدەبىي ئوبراز قانچە مۇستەقىل، قانچە يېڭى بولسا شۇنچە ياخشى. ئەكسىچە، ئەگەر ئەدەبىي ئوبراز رېئاللىقنىڭ تەكرار قۇيۇپ چىقىلىشى ياكى ناچار تەقلىدى بولسا، تەسەۋۋۇر كۈچى ئاجىز ئىجادىيەت بولۇپ، ئەدەبىيلىكنى ۋە بەدىئىي سېھرىي كۈچىنى يوقىتىدۇ. تەسەۋۋۇرمۇ بىر خىل ئىماگلىق تەپەككۇر ئىقتىدارى بولۇپ، ئەدەبىي ئوبراز ئىجادىيىتىدە ئۇقۇم )لوگىكا(لۇق تەپەككۇرنىڭ چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە، ھېسسىي ئىماگنى ئېستېتىك ئىماگقا ئايلاندۇرۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ، يازغۇچىلارنىڭ ئىماگلىق تەپەككۇرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولىدۇ، ئۇلار كونكرېت، ئوبرازلىق شەيئىلەرگە ئەڭ دىققىتىنى قارىتىدۇ ھەمدە ئۇقۇملاشقان ئابستراكت نەرسىلەرگە تايانمايمۇ شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكنى ئىگىلىيەلەيدۇ. ئالايلۇق، پېشقەدەم شائىر قۇربان بارات مەشھۇر شېئىرى: «كېسىلگەن توغراق» نى يېزىشتىن ئىلگىرى لوپنۇر دالالىرىدا كېسىۋېتىلگەندىن كېيىنكى توغراق غوللىرىنىڭ بىخ سۈرگەنلىكىنى كۆرگەن، قاقاس يەردە قاغجىراپ ياتقان قەيسەرانە توغراقنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدا بىرىكمە تەسەۋۋۇر ۋە ئىجادىيەت ھاياجانلىنىشى تۇغۇلغان، ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاداققى تىنىقلىرىغىچە جان تەسلىم قىلمايدىغان تىز پۈكمەس روھىي ھالىتى ۋە ھاياتلىقتىن بىخ − ئۈمىد پارلاۋاتقانلىقىنى ھەيكەلتىراشلاردەك نەپىس سىزىپ چىققان. مانا بۇ تەپەككۇر كۈچىدۇر؛ ئىككىنچىدىن، ئەدەبىي تالانت يەنە ھېسسىياتنىڭ موللۇقى، سەزگۈرلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىسىنىمۇ، ھېسسىيات تەجرىبىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەبىيات قايناق ھېسسىياتلىق ئىجادىيەت، ئەمما يازغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتى ئەڭ مول، ئەڭ سەزگۈر (زىل) بولىدۇ. ھېسسىياتنىڭ موللۇقى يازغۇچىلارنىڭ شەيئىلەرگە، بولۇپمۇ ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببەت پوزىتسىيەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يازغۇچىلاردا ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىش، تۇرمۇشنى چوڭقۇر سۆيۈش ھېسسىياتى بولغاندىلا، ئاندىن ئىجادىيەت جەريانىدا قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان ئوبرازلارنى يارىتالايدۇ، ئەگەر ھېسسىيات سۇس، تېيىز، تار بولسا، جەمئىيەت، ھادىسىلەرگە نەزەر دائىرىسىنى ئاغدۇرمىسا ياكى ئادەتتىكىچە پوزىتسىيە تۇتسا، ھاياتىي كۈچى مول ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ئەسەرلەرنى يارىتالماسلىقى مۇمكىن. يازغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇ يەردىكى، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت، تۇرمۇشقا بولغان ھېسسىيات، پوزىتسىيەسى تولا ھاللاردا ئادەتتىكىدەك بولىدۇ، پايدا-زىيان مەۋقەسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ھېسسىيات مول، چوڭقۇر بولمايدۇ. ئەمما يازغۇچىلاردا ھېسسىيات مول، چوڭقۇر بولۇپ، كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىدۇ، كىشىلەرگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولىدۇ. ھېسسىياتنىڭ زىللىقى يازغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە بولغان تونۇشى، ئىنكاسنىڭ سەزگۈرلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.

يازغۇچىلار بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە بولغان ئىنكاسى ئۇنداق ئۆتكۈر بولمايدۇ، ئۇلار بولۇپمۇ ئادەتتىكى تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە نىسبەتەن سۇس مۇئامىلىدە بولىدۇ. ئېسەنگىرەپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنكاس بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ قايناق ھېسسىيات بولمايدۇ، ئەمما يازغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ئۆتكۈر بولىدۇ. ئادەتتىكى تۇرمۇش ھادىسىلىرىدىن ھاياجانلىنىدۇ ھەمدە ئىجادىيەت ھاياجانلىنىشى قوزغىلىدۇ ۋە قايناق ھېسسىياتى پارتلايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئەدەبىي تالانت سەزگۈر كۆزىتىش، تەسىرلىنىش قابىلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەبىياتتا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى باشتىن ئۆتكۈزۈشتە بىۋاسىتە سېزىم، تونۇشىغا تايىنىلىدۇ. يازغۇچى كونكرېت تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى كۆزىتىش، تەسىرلىنىش جەريانىدا ئىجادىيەت ئىلھامى پەيدا بولۇپ، ئىجادىيەت ماتېرىياللىرىنى توپلايدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ بىپەرۋا قارايدۇ ياكى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئادەتتىكى تەسىراتتا بولىدۇ، شەيئىلەرنىڭ جانلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما يازغۇچىلار تۇرمۇش ھادىسىلىرىنىڭ تەپسىلاتى، ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلىشقا، تىپىك سەزگۈلەرنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر كېلىدۇ. مانا بۇ تەپسىلاتلار، ئالاھىدىلىكلەر ۋە تىپىك تەسىراتلار ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ماتېرىيالى، ئەدەبىي ئوبرازنىڭ خام ماتېرىيالى بولىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، ئەدەبىي تالانت كۈچلۈك تىل قوللىنىش، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەبىيات تىل سەنئىتى، ئەمما تىل-ئەدەبىياتقا نىسبەتەن شەكىللا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئەدەبىياتنىڭ بارلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا يازغۇچىلار كۈچلۈك تىل قوللىنىش ۋە تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش شەرت. تىل ئىقتىدارى كېيىن ئۆگىنىش جەريانىدا يېتىلىدۇ، ئەمما تۇغما ئامىللارمۇ بولىدۇ.

يازغۇچىلارنىڭ تىل ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ تىل قوللىنىشى تولا ھاللاردا ئادەتتىكى تەجرىبە ئاساسىدا ئىپادىلىنىشتە چەكلىنىدۇ. جانلىقلىق ۋە خاسلىق كەم بولىدۇ؛ يازغۇچىلارنىڭ تىل قوللىنىشى ئادەتتىكى تەجرىبە ئاساسىدا ئىپادىلەش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايلا قالماستىن بەلكى جانلىق، تەسىرلىك، خاسلىققا باي كېلىدۇ. تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ۋە ھېسسىيات تەجرىبىلىرىنى ئاجايىپ تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ تىل قوللىنىشى ئەقلىي تاللاش بولماستىن، بەلكى ئاڭسىز ھالدا تەبىئىي ئۇرغۇپ چىقىدۇ. گويا تاغ سۈيىدەك راۋان، قايماقتەك يۇمشاق، مۇزىكىدەك جەلپكار چىقىدۇ. يازغۇچىلار تىلنىڭ مەنە قاتلىمىنى ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى تىلنىڭ مېغىز قاتلىمىنى، ھەتتا ئەسلىي ھالەت قاتلىمىنىمۇ ئىگىلەيدۇ. ئۇلار تىلنىڭ ئەھمىيىتى ۋە لوگىكىلىق شەكلى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىماگنى چۈشىنىۋېلىشقا ماھىر كېلىدۇ.

شۇڭا ئۇلار ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىگەندە كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ.

ئەدەبىي سادىقلىق

يازغۇچىلاردا ئادەتتىكى ئادەملەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تالانت بولۇپ قالماي، يەنە ئەدەبىياتقا سادىق بولۇش ئىرادىسى بولۇشى لازىم. ئەدەبىياتقا سادىق بولۇش دېگىنىمىز، يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغا مۇتلەق قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىنى ئاتاش روھى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىيات بىر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيىتى ئەمەس، بەلكى ئەڭ يۇقىرى ئىجادىيەت پەللىسى، ئەڭ يۇقىرى قىممەتنىڭ ئىشقا ئېشىشى، روھىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئۇ يازغۇچىلاردىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر يازغۇچىلار ئەدەبىياتقا ئادەتتىكى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندەك مۇئامىلە قىلسا، رېئاللىقتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. ئېستېتىك پەللە دائىرىسىگە كىرەلمەيدۇ، نەتىجە قازىنالمايدۇ. شۇڭا يازغۇچىلار ئەدەبىياتنى بىر خىل كەسىپ، بىر خىل تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى دەپلا قارىماي، بەلكى ئەدەبىياتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشى، ئۇنىڭدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ھۇزۇرلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆمۈرۋايەت زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىشى لازىم.

ئالدى بىلەن يازغۇچىلار ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيۈشى لازىم. يازغۇچىلار ئادەتتىكى مەنىدىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئىدى. ئۇلار ئەدەبىياتنى مەجنۇنلاردەك قىزغىن سۆيۈشى، ئەدەبىياتنى تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان دەپ قارىشى لازىم. كىشىلىك ھاياتتا نۇرغۇن قىممەت بولىدۇ، نۇرغۇن ئىزدىنىدىغان ئارزۇ-ئارمانلار بولىدۇ. مەسىلەن: ئائىلە، مۇھەببەت، بايلىق، ئورۇن-مەرتىۋە، نام-ئابرۇي قاتارلىقلار. يازغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ يۇقىرى قىممەت، ئەڭ يۇقىرى قوغلىشىش نىشانى بولۇشى ناتايىن. يازغۇچىلار ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئەڭ يۇقىرى قىممەت، ئەڭ يۇقىرى ئارزۇ-ئىستەك دەپ بىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخت-سائادىتىنى قۇربان قىلىدۇ. ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىش سودا جەمئىيىتىدە نامرات، جاپالىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. بەرگەن بەدىلى بىلەن تاپقان پۇلى بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر خالىسانە ھالدا ئەدەبىيات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدۇ. ئۇلار ئەدەبىياتتىن روھىي ئازادلىقىنى، ئەركىنلىكىنى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تاپقان. ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەپەندى ۋە دېھقان شائىرى روزى سايىتلار بۇنىڭ جانلىق مىسالى.

يازغۇچىلار ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيۈشى جەريانىدا بەرگەن بەخت-سائادەت بەدىلى زور بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا تۇرمۇش قىممىتىدىن ھالقىپ بەھرە ئالالايدۇ، ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيزىنى سۈرەلەيدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئەدەبىياتنىڭ ئەركىن مەۋجۇت بولۇش شەكلى بولغاچقا يازغۇچىلار رېئاللىقتىن ھالقىپ روھىي ئازادلىققا ئېرىشىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشتا بەخت ۋە خۇشاللىق كەم بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تېخىمۇ زور بەخت-سائادەتكە نائىل بولىدۇ. بۇ بىر خىل روھىي جەھەتتىن ھۇزۇرلىنىش، روھىي جەھەتتىن پاكلىنىش ھېسابلىنىدۇ. دېمەكچىمىزكى، يازغۇچىلار ئەدەبىي ئىجادىيەتنى جەزمەن بەرداشلىق بېرىدىغان بىر خىل ئازاب دەپ قارىماستىن، بەلكى بىر خىل غايەت زور ھۇزۇر-ھالاۋەت دەپ قارايدۇ. كىمىكى ئىجادىيەت جەريانىدا بۇنداق ھۇزۇر-ھالاۋەتنى ھېس قىلالمىسا، ئۇنىڭ ياخشى يازغۇچى بولالىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

يەنە بىرى، يازغۇچىلار ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلىشى لازىم. ھەرقانداق كەسىپتە كەسىپنى ھۆرمەتلەش روھى بولىدۇ، ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ تەلىپى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدا كەسىپنى ئادەتتىكىدەك ھۆرمەتلەش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى بەخشەندە قىلىش، پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاددىي ھۈنەر-سەنئەت ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش تەجرىبىسى، جەمئىيەت بىلىمى، شۇنىڭدەك روھىي تەربىيەلىنىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەرنىڭ يىغىندىسى. يازغۇچىلاردا خىزمەت، ۋاقىت ۋە دەم ئېلىش ۋاقىت ئايرىمىسى بولمايدۇ. ئۇلار يېزىقچىلىق قىلغاندىن باشقا بارلىق ۋاقىت ئۆزىگە تەۋە بولمايدۇ. ئۇلار تۇرمۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى، كۆزىتىشى، مۇھاكىمە قىلىشى ھەمدە كىتاب كۆرۈشى لازىم. يازغۇچىلار ھاياتلىقتىكى نۇرغۇن ھۇزۇر-ھالاۋەتنى قۇربان بېرىشى، ئادەتتىكى كىشىلەر چىدىمايدىغان بەدەل-زىيانلارنى بېرىشى لازىم. شۇنداق بولغاندا ئەدەبىياتنىڭ مېۋىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. يازغۇچىلارنىڭ خىزمىتى خۇددى لۇشۈن ئېيتقاندەك، يېگىنى ئوت-چۆپ، بەرگىنى سۈت ۋە قان!

تۇرمۇش تەجرىبىسى

يازغۇچىلاردا ئەدەبىي تالانت، ئەدەبىي ساداقەت بولغاندىن سىرت، يەنە مول تۇرمۇش تەجرىبىسى بولۇشى لازىم. ئەدەبىيات بىر خىل مەۋجۇتلۇق ئۇسۇلى، يازغۇچىلار ئىجادىيەتتە ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرمىشىنى يېزىققا ئايلاندۇردى. ئۇلار كىشىلەرگە كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى دەپ بېرىشى لازىم. ئۇلار بۇ نۇقتىنى ئوقۇرمەنلەردىن تېخىمۇ كۆپ بىلىشى كېرەك. بۇ يازغۇچىلاردا مول ۋە چوڭقۇر كىشىلىك ھايات تەجرىبىسى بولۇش كېرەك، دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ، تۇرمۇش تەجرىبىسى دېگىنىمىز كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر يازغۇچىلاردا مول كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى بولمىسا، كىشىلىك ھايات تەجرىبىسى چوڭقۇر بولمايدۇ، نەتىجىدە ئۇلار مەزمۇنى چوڭقۇر ۋە كەڭ ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالمايدۇ. يازغۇچىلار مول كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى ئاساسىدا ھاياتلىقنىڭ تېگى-تەكتىنى چوڭقۇر بىلىپ يېتىشى ۋە بۇ ھەقتە قايتا-قايتا ئويلىنىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنگىلى، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكىلى بولىدۇ. يازغۇچىلار ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش جەمئىيەتتىكى ئادەملەر، ئەمما لاياقەتلىك يازغۇچىلاردا كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ مۇرەككەپ، مول كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى بولىدۇ، جەمئىيەتتە ھاياتنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ. ھىجران قايغۇسى ۋە ۋىسال شادلىقىنىڭ تېگى-تەكتىگە تېخمۇ يېتەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يېزىقچىلىق كاپىتالى جۇغلىيالايدۇ: سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، چوڭقۇر ئىدىيەۋى ھېسسىياتقا؛ ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، كەڭ تۇرمۇش بىلىمىگە نائىل بولالايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاسمان-زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان، ئادەمنىڭ روھىنى لال قىلىدىغان كاتتا ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 02-ئەسىرنىڭ 08-يىللىرى گۈللەپ ياشنىدى. كونا-يېڭى ئىككى ئەۋلاد يازغۇچىلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك كەچۈرمىشى بۇ چاغدىكى ئىجادىيەتكە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. كونا ي−ازغ−ۇچىلارنىڭ «ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش» تىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» غىچە بولغان كەچۈرمىشلىرى، يېڭى يازغۇچىلارنىڭ «قىزىل قوغدىغۇچىلار» دىن «يېزىغا چۈشكەن زىيالىي ياش» بولۇش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى بۇنىڭ جانلىق مىسالى. ئەلۋەتتە، يازغۇچىلار جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرسە ئاندىن نەتىجە قازىنىدۇ، دېمەكچى ئەمەسمىز، بىز يازغۇچىلاردا مول، چوڭقۇر كىشىلىك ھايات تەجرىبىسى بولۇشى لازىم، دېمەكچىمىز. نورمال، تىنچ دەۋردە يازغۇچىلاردا كەڭ، چوڭقۇر كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى بولۇشى، ھەرقايسى قاتلام، كەسىپتىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشى، ھەرخىل تۇرمۇشنىڭ چېنىقتۇرۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى، جەمئىيەتنى، كىشىلىك ھاياتنى چۈشىنىشى، ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن كەچۈرۈشى لازىم. مۇشۇنداق بولغاندا ئادەتتىكى تۇرمۇشتىن چوڭقۇرلۇقنى كۆرۈپ يەتكىلى، ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى يازغىلى بولىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئېلىمىزدە ئەۋج ئالغان «چىنلىقنى يېزىش» ئەدەبىياتى نورمال تۇرمۇشنىڭ كارتىنىسى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى جاپا-مۇشەققەت، قالايمىقانچىلىق دېگەنلەرنى بېشىدىن كەچۈرمىگەن. ئۇلار ئاشۇ دەۋردىكى كىشىلەرگە ئوخشاش نورمال تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ئەمما ئۇلار ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ چاكىنا تەرەپلىرىنى ھېس قىلىشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئاددىي كىشىلەر، ئۇششاق ئىشلارنى تەسۋىرلەپ كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان ئاجىز مۇھاكىمىنى ئىپادىلىدى.

يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى

يازغۇچىلار تالانت، ئەدەبىي ساداقەت ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسى ھازىرلىغاندىن باشقا، يەنە تەربىيەلىنىشى لازىم. يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى دېگىنىمىز، كېيىن تىرىشىش ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. نېمە ئۈچۈن يازغۇچىلار تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىدۇ؟ ئالدى بىلەن يازغۇچىلار ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئەدەبىي ئىجادىيەت تالانتقا موھتاج بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيەت قابىلىيىتى كېيىن ۋۇجۇدقا كەلگەن، بۇنىڭدا يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىمۇ بار، ئەلۋەتتە. ئاندىن قالسا. ئەدەبىي ئىجادىيەت مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش، يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ زۆرۈر شەرتى. يازغۇچىلار تولۇق مەنىۋى بايلىققا نائىل بولغاندا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلالايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئىچكى دۇنياسىنىڭ نامراتلىقى ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى نامراتلىقنى پەيدا قىلىدۇ. قىسقىسى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى يازغۇچىلاردىن ئىدىيەۋى تەربىيەلىنىشنى، مەدەنىيەت تەربىيەلىنىشنى ۋە ئەدەبىي تەربىيەلىنىشنى جەزمەن تەلەپ قىلىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشنىڭ مەزمۇنى ئىدىيەۋى تەربىيەلىنىش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىش ۋە ئەدەبىي تەربىيەلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيەلىنىشى بىلىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مەنىۋىيەت پەللىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت جەمئىيەتتە كىشىلىك ھاياتقا بولغان ئېستېتىك جەھەتتىكى بىلىش دېمەكتۇر. يازغۇچىلار جەمئىيەت، كىشىلىك ھاياتنى تېخىمۇ ياخشى بىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئەسەرلەردە چوڭقۇرلۇق بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ، ئەگەر يازغۇچىلارنىڭ بىلىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىسا، ئۇ تۇرمۇش ھادىسىلىرى ئىچىدىن چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئەھمىيەتنى بايقىيالمايدۇ. ئەسەرلىرىدە ئىدىيەۋى قىممەت كەم بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ يۈزەكى تەسۋىرى ئۈستىدە لەيلەپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرالمايدۇ، ئۇنى مول تۇرمۇش تەجرىبىسى بار، زور تۈركۈمدە خام ماتېرىيال توپلىۋالدى دېگەندىمۇ، ئەسەرلىرىدە روشەن تېما بولمايدۇ. قالايمىقان، رەتسىزلىكى، باش-ئايىغى يوقلۇقى مانامەن، دەپ ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا يازغۇچىلار بىلىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىدىيەۋى تەربىيەلىنىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەدەبىي ئىجادىيەت يازغۇچىلار روھىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇ جەزمەن ئۆرپ-ئادەت ئىچىدىكى ئۆزلۈكتىن ئەركىن ئۆزلۈككە كۆتۈرۈلۈشى لازىم، بۇنىڭدا يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى سىناپ بېقىشى، ئۆزلۈكنى پاكلاشتۇرۇشى، روھىيەت پەللىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېپىشى لازىم. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئادەتتىكى ئىدىيەۋى ئەھىمىيەتنى ئىپادىلىگەندىن سىرت، يەنە ئېستېتىك ئەھمىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ياشاشقا بولغان چۈشىنىش ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن يازغۇچىلار روھىي دۇنياسىنى تاۋلىشى لازىم. يازغۇچىلار ئەۋلىيا ئەمەس. ئادەتتىكى كىشىلەردە بار ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللىك ئۇلاردىمۇ بار. ئەمما يازغۇچىلار ئىدىيەۋى تەربىيەلىنىش ئارقىلىق روھىيەت جەھەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھالقىپ كېتىشى لازىم. ئۇلار مۇشۇ پەللىگە يەتكەندە ئاندىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭا يازغۇچىلارنىڭ روھىيەت پەللىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن روھىي دۇنياسىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەربىيەگە مۇشەررەپ قىلىش زۆرۈر.

يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى يەنە مەدەنىيەت تەربىيەسىنىمۇ، يەنى مەدەنىيەت بىلىمى، سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەبىيات بىر خىل مەدەنىيەت پائالىيىتى، بۇ يازغۇچىلاردىن يۈكسەك مەدەنىيەت تەربىيەلىنىشى ۋە كەڭ بىلىمى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يازغۇچىلار مائارىپ تەربىيەسىدىن بەھرىمەن بولغاندىن باشقا، يەنە مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيەلىنىشى زۆرۈر، بۇ جەمئىيەت تارىخى بىلىمى بولۇشىنى، مۇئەييەن ئىلىم-پەن بىلىمى ئىگىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقىسى، يازغۇچىلار ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق بىلىم بىلەن ئۆز مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇشى كېرەك.

يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى يەنە ئەدەبىي تەربىيەلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىۋاسىتە ھالدا يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. گەرچە ئىدىيەۋى تەربىيەلىنىش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيەلىنىش ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ۋاسىتىلىك يۇقىرى كۆتۈرسىمۇ، ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ بىۋاسىتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى پەقەت ئەدەبىي تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ئەدەبىي تەربىيەلىنىش ئەدەبىي قاراش، ئەدەبىي تەسىرات ئىقتىدارى، ئەدەبىي تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى، ئەدەبىي ماھارەت، تىل قوللىنىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەدەبىي ئىقتىدار ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئاساسى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىقتىدارى بولمىسا، چوڭقۇر ئىدىيەۋى تونۇش ۋە كەڭ مەدەنىيەت بىلىمى بار دېگەندىمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يارىتالمايدۇ. ئەدەبىي ئىقتىدار تالانت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما كېيىنكى تەربىيەلىنىش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئەدەبىي تەربىيەلىنىشنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشنىڭ ئۈچ خىل يولى بار: ئۇنىڭ

بىرى ئۆگىنىش يولى.

ئىككىنچىسى، ئويلىنىش يولى؛

ئۈچىنچىسى، ئەدەبىيات ئەمەلىيىتى يولى.

ئۆگىنىش يولى دېگىنىمىز، ئاساسلىقى زور مىقداردا كىتاب ئوقۇش بولۇپ، ئۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە جەمئىيەت بىلىملىرىنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يازغۇچىلار ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىش قىلمايدۇ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىسىنى ئۆگىنىدۇ. ياخشى ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. يازغۇچىلار زور مىقداردا قەدىمكى ۋە ھازىرقى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا موھتاج. مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئۇزاق مۇددەتلىك ئوزۇق ئېلىش نەتىجىسىدە ئەدەبىي ئىقتىدار ۋە ئەدەبىي تەجرىبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۆپلەپ كىتاب كۆرسە ئادەمنىڭ كۆڭلى-كۆكسى ئېچىلىپ، نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ، ئىدىيەۋى تونۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بولۇپمۇ پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇش كېرەك. پەلسەپە ئۆگەنسە يازغۇچىلارنىڭ دۇنيا قاراش ۋە ئىدىيەۋى پەللىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە مۇھىم رولى بولىدۇ. نۇرغۇن يازغۇچىلار ئەسلىدىنلا پەيلاسوپلاردۇر، مەسىلەن: رۇسسو، شىللېر، ساتىرى قاتارلىقلار. يەنە نۇرغۇن كاتتا يازغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پەلسەپە ئىدىيەسى بار. مەسىلەن: گىيوتى، تولستوي، دوستويېۋسكىي قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ پەلسەپە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر ئىدىيەۋى مەزمۇنغا نائىل قىلغان.

يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىنىڭ يەنە بىر يولى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئويلىنىش دېگىنىمىز ئۆزلۈككە قارىتا ئىچكى ئويلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئويلىنىش يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيەلىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەۋجۇتلۇقنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىش جەھەتتە ئويلىنىش ئىچكى ئويلىنىش ئارقىلىق جارى بولىدۇ، ئۇ ئارقىلىق تۇرمۇشنى چوڭقۇر بىلگىلى ۋە روھىيەتنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. تولستوي خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن كەتكۈزۈپ قويغان خاتالىقىغا پۇشايمان قىلىپ، ئىدىيەۋى پەللىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ «تىرىلىش»تىن ئىبارەت كاتتا ئەسەرنى يېزىپ چىققان. دوستويېۋسكىي تۈرمىدە يېتىش ۋە يالغان ئۆلۈم جازاسىنى بېشىدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق روھىيىتىنى پاكلاپ، تۇرمۇش تەجرىبىسىنى بېيىتقان. مۇشۇنداق روھىنى تازىلاش ۋە ئىدىيەۋى تونۇشىنىڭ چوڭق−ۇرلىشىشى بىلەن «كارىمازوف ئاكا-ئۇكىلار»، «جىنايەت ۋە جازا» قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان.

يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشنىڭ يەنە بىرى __ ئەدەبىي ئەمەلىيەت يولى. ئەدەبىي ئەمەلىيەت دېگىنىمىز، ئاساسەن يېزىقچىلىق مەشقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي ئىقتىدار تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىشقا ئاشىدۇ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئەگەر ئۆگىنىش بىلەن توختاپ قېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمىسە، يېزىقچىلىق ئەمەلىيەت مەشقى ئېلىپ بارمىسا، ئۇ ھالدا ئاغزىدا شەھەر ئالغانلىق بولۇپ، ئەدەبىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى كۆپ ھاللاردا مەغلۇبىيەتتىن باشلىنىدۇ. نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىقنى دەسلەپتە ئۆگەنگەندە نەتىجە قازىنالمىغان كەچۈرمىشلىرى بار، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن مەيۈسلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەدەبىي ئەمەلىيەت جەريانى، ئەدەبىي تەربىيەلىنىشنىڭ شەكلى. بىر مەزگىللىك يېزىقچىلىق سىنىقىدىن كېيىن تەجرىبە توپلاپ، قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ چىقسا، ئاندىن گۆدەكلىكتىن قۇتۇلۇپ، پىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي يازغۇچى بولغىلى بولىدۇ. يازغۇچىلار بەزىدە ئۆزىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئابزاس-ئابزاس تەسىراتلىرىنى، كۆزىتىشلىرىنى يېزىپ چىقىدۇ. بەزى چاغدا مەشىق قىلىش ئۈچۈن سەھىپىسى كىچىك ئەسەرلەرنى يازىدۇ. مۇشۇ مەشىقلەر-يازمىلار ئارقىلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەقىقىي ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئاساس يارىتىدۇ.

يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى بىر مەزگىللىك ئېھتىياج ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى مەڭگۈلۈك ئېھتىياج. چۈنكى دەۋر تەرەققىي قىلىدۇ، جەمئىيەت ئۆزگىرىدۇ، يازغۇچىلار كونا دەسمايىسىنى يەپ يېتىۋەرسە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا تۇرمۇش جۇغلانمىلىرىنى سەرپ قىلىۋېتىپ قۇرۇق قول قالىدۇ-دە، ئىجادىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى قۇرۇپ قالىدۇ.

ئىجادىيەت خاسلىقى

ئەدەبىي ئىجادىيەت __ سەنئەت خاسلىقىدىكى ئىجادىيەت. ئەدەبىي ئۇسلۇب ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ يىغىندىسى، ئەدەبىياتنىڭ غەيرىي ئەدەبىياتتىن پەرقلىنىدىغان بەلگىسى، ئىجادىيەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىجادىيەت خاسلىقى دېگەن نېمە؟ ئىجادىيەت خاسلىقى يازغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىنىڭ يۈكسىلىشىدىن ئىبارەت. رېئال كىشىلىك قەدىر-قىممەت دېگىنىمىز يازغۇچىلارنىڭ تۇغما خاراكتېرى بىلەن كېيىن شەكىللەنگەن ئىدىيەۋى تونۇشىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالدى بىلەن يازغۇچىلارنىڭ تۇغما خاراكتېرى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ رېئال قاتلىمىدا يازغۇچىلارنىڭ رېئال خاسلىقى يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتى ۋە روھىي خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، بۇ يازغۇچىلارنىڭ رېئال ئىدىيەۋى ھېسسىياتى، روھىي خاراكتېرى ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ئەدەبىياتنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى بەلگىلەيدۇ دېگەنلىك. يازغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇلارنىڭ رېئال كىشىلىك قەدىر-قىممىتى، خاسلىق ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ، جەمئىيەت بىلەن بولغان توقۇنۇشى تېخىمۇ ئۆتكۈر بولىدۇ. يازغۇچىلار ئادىمىيلىك قەدىر-قىممىتىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە جەمئىيەت بېسىمىنىڭ ئازابىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئادەتتىكىچە بولۇپ قېلىشقا ۋە سەپتىن چۈشۈپ قېلىشقا تەن بەرمەيدۇ. ئۆزلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئازادلىققا ئېرىشىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنداق ئارزۇ-تەلىپى يازغۇچىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر خىل ئېستېتىك غايىگە ئايلىنىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالىدۇ. ئىجادىيەت خاسلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي قاتلىمى ئېستېتىك خاسلىق، يەنى ئەركىن كىشىلىك قەدىر-قىممەت. رېئال مەۋجۇتلۇقتا يازغۇچىلارنىڭ خاسلىقى بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا بۇ خىل ئەھۋالغا تېخىمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ، رېئاللىقتىن ھالقىپ كېتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا خاسلىق ئالاھىدىلىكىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت يازغۇچىلارنى يېڭى ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ يېڭى ئادەم يەنە بىر يېڭى دۇنيانى ئىجاد قىلىدۇ. بۇ يېڭى ئادەم ئىجادىيەت خاسلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئۈزلۈك، بۇ يېڭى دۇنيا ئەدەبىي ئوبراز ياراتقان دۇنيا، ئىجادىيەت خاسلىقىدا ئىككى ئاساسىي ئالاھىدىلىك بولىدۇ، بىرى چىنلىقلىق، يەنە بىرى مۇستەقىللىق.

چىنلىقلىق

ئىجادىيەت خاسلىقنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى چىنلىقلىق. يازغۇچىلار ئىجادىيەت جەرياندا رېئال خاسلىق ئۆزگىرىپ كەتكەن جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، باشقا بىر ئۆزلۈكنى __ ئېستېتىك گەۋدە ئىچىدىكى ئۆزلۈك، ئەركىن ئۆزلۈكنى ھاسىل قىلغان. بۇنداق رېئال خاسلىقتىن ئېستېتىك خاسلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىش ئىجادىيەت خاسلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىجادىيەت خاسلىقى بىۋاسىتە ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى ئەدەبىي ئوبراز بولۇپ گەۋدىلىنىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ھەقىقىي ئۆزلۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئىجادىيەت خاسلىقى يازغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدە بار بولغان ئەمەلىي تەركىب بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدە بېسىمغا ئۇچرىغان تەركىب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا تەرەققىي قىلىدۇ، ئەمەلگە ئاشىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ئارقىلىق چىنلىقتىكى ئۆزلۈكنى تاپقانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۆزلۈك مۇستەقىللىقنى تاپقان، ئىجاد قىلغان، زاھىر قىلغان جەرياندۇر. بىز بۇ يەردە شۇنى بىلىمىزكى، يازغۇچىلار خاراكتېرى ئەڭ پاك كىشىلەردۇر، ئۇلار كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنىڭ ساختا تەرەپتىكى رولىنى ئۆتەش بىلەن كۆڭلى تىنمايدۇ، بەلكى چىنلىقتىكى ئۆزلۈكنى كۈچلۈك ھالدا ئىزدەيدۇ، ئۇلار بۇنداق كىشىلىك قەدىر-قىممەتكە ئىنتىلىشتە، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا ئۆزلۈكنىڭ چىنلىقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مۇستەقىللىق

ئىجادىيەت خاسلىقىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى مۇستەقىللىق. ھەر بىر ئادەم مۇستەقىل ياشايدۇ. مۇستەقىللىق كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى. ئەمما رېئال تۇرمۇشتا خاسلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ چەكلىمىسىگە، مۇستەقىللىق بېسىمىغا ئۇچرايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا، يازغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ئازادلىققا ئېرىشىدۇ. مۇستەقىللىقى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ، بۇ مۇستەقىل ئىجادىيەت خاسلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. يازغۇچىلار ئىجادىيەت خاسلىقىنى قانداق يېتىشتۈرۈش كېرەك؟ ئەدەبىي پائالىيەت ئېستېتىك غايىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. خاسلىقنى يېتىشتۈرۈشنىڭ يادروسى ئېستېتىك غايە. ئېستېتىك غايە ئەدەبىي ئوبرازنى يارىتىش بىلەن بىللە، چىنلىق، مۇستەقىل ئۈزلۈك-ئىجادىيەت خاسلىقنىمۇ يارىتىدۇ. ئېستېتىك غايىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇزاق مۇددەت كىشىلىك قەدىر-قىممەت تەربىيەلىنىشنىڭ شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەتلىك ئەدەبىيات ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى. رېئال خاسلىقتىن ئىجادىيەت خاسلىقىغىچە، رېئال ئىنتىلىشتىن ئېستېتىك غايىگىچە بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ __ ئەركىنلىك __ ھالقىپ كېتىشتۇر. يازغۇچىلار ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا رېئاللىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشكە ماھىر بولۇشى، ئۆزلۈكتىن ھالقىپ كېتىشى، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشى، ئۆزىنىڭ ئېستېتىك غايىسىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم. ئەگەر رېئاللىققا ئېسىلىۋالسا، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشى سۇسلاپ، ئېستېتىك غايىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ ئىجادىيەت خاسلىقىنى، يازغۇچىلىق سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئېستېتىك غايىنى يېتىلدۈرۈش جەريانى ئىنتايىن نازۇك بولۇپ، يازغۇچىلار ئۇنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزسۇن، ئىزدەنسۇن، تاپسۇن!