مەن ئۇيغۇر ئايال

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search


مەن ئۇيغۇر ئايال


ماھىرە ھاجىئەكبەر

3 (3)

مەن ئايال،

ئەنگىلىيەلىك ئايالدەك،

گىرمانىيەلىك ئايالدەك،

ياپونىيەلىك ئايالدەك.

بەدەن تۈزۈلۈشۈم پەرىقلەنمەيدۇ،

ئامېرىكىلىق ئايالدىن،

زوڭتۇڭنىڭ خانىشى ھىلارىدىن …

سەنەمدىن،ئاماننىسادىن،لەيلىدىن…

مەن ئايال،

زىلۋا ئۆسكەن سەرۋىدەك.

مەلىكىدەك ،پەرىدەك.

مەن ئايال،

رومانتىك فىرانسىيەلىك ئايالدەك،

لېكىن تېنىمدىن تارالماس،

فىرانسىيە ئەتتىرىنىڭ خۇشبۇي پۇرىغى،

بەلكىم چېچىمغا سىڭىپ كەتكەندۇ،

مەن ئەتكەن پولۇنىڭ مىزىلىك ھىدى…

بەلكىم چاچلىرىم ئۇنىڭدەك تال-تال ئەمەس،

لېكىن ئوخشۇتۇپ ئېتىمەن چاچتەك لەغمەننى.

ئۇنىڭغا سىڭدۈرىمەن

چېچىمدىنمۇ ئۇزۇن مۇھەببەتنى

ۋە ياكى ھەسرەتنى…

ئۆزگىلەر قەھۋەنى ئېسىل دەيدىكەن،

قەھۋەنى ئۆزىچە ھايات دەيدىكەن.

لېكىن مەن قەھۋە ئەمەس،

مەن ئۆزەم كۈندە ئېتىدىغان،

تۇز-تەمى تېتىغان قايماق چاي،

خەقلەر ھەر كۈنى ئىچىدىغان،

لېكىن گېپىنى قىلىشمايدىغان،

نەرقىنىمۇ سورىمايدىغان…

مەن بولكا ئەمەس ،

تېشى كۆركەم ئىچى كاۋاك،

مەن قۇياش نان،

ئۈچ ۋاق يىسىمۇ زېرىكمەيدىغان،

باھاسى ئاسانلىقچە ئۆرلىمەيدىغان.

بىرەر ئابروي ئورۇننى كۆزلىمەيدىغان.

مەن ئۇنچىلا ھەۋەس قىلمايمەن…

كىنولاردىكى ۋە ياكى ئاي شارىدىكى،

ئەرلىرى گۈل بېرىپ تۇرىدىغان ئاياللارغا،

چۈنكى مېنىڭ قولۇم گۈل،

ئۆيۈم گۈل،ھويلام گۈل،

قازان قۇمۇش چويلام گۈل

گۈلۈمنى بېرىپ تۇرىمەن گاھىدا،

گۈل ئۈنمىگەن باھارلارغا…

چۆل-دەشتلەرگە سايلارغا.

مەن ھەۋەس قىلمايمەن،

ئېرىدىن مائاش ئالىدىغان،

ياپونىيەلىك ئايالغا،

چۈنكى مەن ئۆزەم ھەقنى ھالال تاپىمەن،

گېزى كەلگەندە بىر ئۆينىمۇ باقىمەن،

ھالال ياشاپ پاك ياشاپ،

ئېگىسىنىڭ ئالدىغا مەغرۇر بارىمەن…

مەن ھەسەت قىلمايمەن،

تاماق ئەتمىسىمۇ بولىدىغان ،كىتاب يازىدىغان

گوللاندىيەلىك ئايالغا،

مەن كىتابنى يۈرىكىمدە يازىمەن،

كىتاب يازىدىغان قولۇم خېمىردا،

ئارزۇلىرىم ،ئارمانلىرىم يالقۇنجايدۇ،

يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىدا …

مەن چوڭ بىلمەيمەن ئاننا ئاخماتۇۋانى،

چۈنكى مېنىڭ قەلبىم ئۇنىڭدىن ئوتلۇق،

ئىلھاملىرىم دېڭىزدىن دولقۇنلۇق،

مىسرالىرىم ھارارەتلىك يالقۇنلۇق.

پەقەت باسالمىغاندا،

ئېرىمدىن يوشۇرۇنچە يېزىۋالىمەن،

ئېرىم كىرسە ئاستا تىقىۋالىمەن،

ياكى قازان بېشىغا ئۆتۈۋالىمەن،

ئوقۇپ بېرىمەن شئېئىرىمنى ئايلارغا يۇلتۇزلارغا،

قۇشلارغا قۇمۇشلارغا،

ئۇلار شۇنداق ھوزۇرلىنىدۇ،

ئېرىم پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ھوزۇرلانغاندەك…

مەن ئۇيغۇر ئايال،

مەن خوتەنلىك ئايال،

ئېرىم بىلەن ئېتىزدا كەچكىچە ئىشلەپ ھارمايدىغان،

مەن بولمىسام ئۆيدە بىرەر ۋاق قازان قاينىمايدىغان.

مەن غۇلجىلىق ئايال،

ئېرىمنىڭ ياقىسىدىكى چاڭنى سۈمۈرىۋالىدىغان.

ئۇ ئەمگەك قىلمىسىمۇ ،

ئەتىگىنى ئۇزۇتۇپ كەچتە چىرايلىق كۈتۈۋالىدىغان.

مەن ئاتۇشلۇق ئايال،

ھەر ئېغىر يۈكلەرنى ،

ئېرىمغا بەرمەي كۆتۈرۈۋالىدىغان.

مەن ئۇيغۇر ئايال،

ئېرىم كۈنلەپ قالغان سايەمگىمۇ ،

ئىككىنچى قارىمايدىغان،

ماڭا باقماي كۈنگە باقتى دەپ دوق قىلسا،

گۈللىرىمۇ ئىككىنچى ئاينىمايدىغان.

مەن ئۇيغۇر ئايال،

ئېرىمنى ئەگىپ يۈرگەن ياكى ئېرىم بېقىپ يۈرگەن،

ياۋا قۇشلارنى ئاشكارە قوغلىمايدىغان.

ھېچ بولمىسا باشقىلارنىڭ ئالدىدا سورىمايدىغان.

ھەم غۇرۇرسىز ھەم غۇرۇرلۇق،

ھەم ۋىجدانسىز ھەم سۆيۈملۈك.

ئەڭ قىممەتلىك غۇرۇرىمنى،

تېگىشەلەيمەن بالىلىرىمغا.

يۈرىكىمنىڭ پارىلىرىغا.

كۆكسى قارنىم تەكلىماكاندەك،

مەرد –مەردانە سادىر پالۋاندەك.

يۈتىۋېتىمەن تاغدەك غەملەرنى،

كەچۈرىۋېتىمەن ئەردەك ئەرلەرنى،

لېكىن كەچۈرەلمەيمەن كەچۈرگىنىمنى.

مەن ئۇيغۇر ئايال،

كۆتۈرۈشچان كۆيۈمچان،

سەۋرىچان ،رەھىمچان،

شاپائەتچان،قانائەتچان.

مەن ئۇيغۇر ئايال،

بىر ئەرنى قىرىق يىل سۆيىدىغان،

بىر ئوتتا قىرىق يىل كۆيىدىغان،

ھەممىگە ئۈنتىنسىز كۆنىدىغان.

مەن ئۇيغۇر ئايال،

تۆمۈر ئايال ئەمەس،

مەنمۇ چارچايمەن،

ئۇپرايمەن،

مۇزلايمەن.

قىش ئۇزىراپ كەتسە،

باھارغا تەلمۈرىمەن،

ئىللىق مارت شامىلىغا،

تەلپۈنىمەن يەنە تەلپۈنىمەن…