Difference between revisions of "مەلىكە زىياۋۇدۇن"

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search
(Created page with " <p align="justify" dir="ltr"><strong><span dir="ltr"> link=http://kashgar.co/donation ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىس...")
(No difference)

Revision as of 21:42, 26 July 2020

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

سېنى ئەسلەيمەن

مەلىكە زىياۋۇدۇن بۇلبۇللار سايرىسا گۈلشەنلەر ئارا، جاراڭلىق ناخشامدا سېنى ئەسلەيمەن ئامرىقىم، ئىشقىڭدا كۆيگەن گۈلۇڭمەن، سېغىنىپ ھەر تاڭدا سېنى ئەسلەيمەن.

شاماللار ئويناتسا سۇمبۇل ساچىڭنى، كەلدىمۇ يارىم دەپ سېنى سورايمەن. يۈرىكىم رىشتىسى سەندە بولغاچقا، ھەر تاڭدا يولۇڭغا تەشنا قارايمەن.

بۇلۇتلار ئوينىشار ئاينى قوغلۇشۇپ، يۇلتۇزلار كۈلىشەر كۆزنى قىسىشىپ، كېلىدۇ ئالدىمغا مەغرۇر قامىتىڭ، ئەسلىسەم ئامرىقىم سېنى سېغىنىپ.

1963-يىلى، مارت

ئۈرۈمچىدە 1981-يىلى نەشر قىلىنغان ناملىق شېئىرى كىتاپتىن ئېلىندى«بىزنىڭ تىلەك»