مۇھەممەد سىدىق زەلىلى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search


يالقۇنلۇق رېئالىست __ رومانتىك شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى 1674-يىلى يەركەندە يەر-سۇسىز نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. زەلىلى ئۆزىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئاسمىنىدا چاقنىغان يورۇق يۇلتۇز ئىدى. زەلىلىنىڭ پاساھەتلىك شېئىرلىرى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ شېئىرىيەت تەرققىياتىدا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى بىلەن چوڭ تەسىر كۆرسەتمەكتە. تۆۋەندە ئۇنىڭ پارچە شېئىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، بەھرلەنگەيسىلەر.


زەلىلى غەزەللىرى

(1)

كىمكى ئايرىلدى تىرىكلىك مەۋسۈمىدە يارىدىن،

زەئفەران بەرگى تۆكۈلگەي ھەر نەفەس دىيدارىدىن.

بۇيى زۇلفۇڭدىن جۇنۇنلۇقدىن بۆلەك ھاسىل ئەمەس،

كەلتۈرۈپ بوينۇمغا باغلاڭلار جۇنۇن تۇمارىدىن.

مەئرىفەت تاجىنى قەدرىن ئەھلى تائەت بىلمىگەچ،

خاتىرى خۇشتۇر ھەمىشە جۈببەۋۇ دەستارىدىن.

باغ ئارا شاپتۇلا ئۈزمەگلىككە كىردىم ئالما دەر،

باغىبان بىچارە بەردى ئاخىرى ئۆز نارىدىن.

دەردىسەر بەردى زەلىلى تەلبەگە سەۋدايى ئىشىق،

سەندەلى خۇشبۇيى كەلتۈر ئشقنىڭ ئەتتارىدىن.


(2)

ئەۋۋەلۇ ئاخىرۇ بۇ ئالەمدە،

جۇملە فەرزەند ئادەمى غەمدە.

سەن ئۆزەڭگە بۈگۈن تاماشا قىل،

ھەر ئەجايىبكى باردۇر ئادەمدە.

ئەقلى كامىل تەنىڭدە جەيھۇندۇر،

نە تىلەرسەن سۇ قەترەئى نەمدە.

ئەرغەنۇنننىڭ ساداسىدىن كۆيدۈم،

شۇئلە تاشلايدۇ زىر ئىلە بەمدە.

قايدا ئەيسا كەبى مەسىھايى،

كۆرگەي ئەسرارى ھەقنى مەريەمدە.

تەشنەلىك قانمادى لەبىڭ شورماي،

نى شارابۇ نە قامى زەمزەمدە.

سورما مەندىن نەدەپ قارا كىيدىڭ،

بۇ زەلىلى ھەمىشە ماتەمدە.

(3)

تەختەئى تابۇت ئېرۇر ئاقىل كۆزىگە تەختۇ تاج،

كىم گەدالىق بورىياسى مەسنەدى بى ئېھتىياج.

يەتكۈزۈر بىللا مەقامى فەقرىگە تەجرىدلىك،

بولماغىل ھۇرانى جەننەت بىلە ھەرگىز ئىزدىۋاج.

خەتنى ئازادى تىلەرسەن خاتىرىڭ ۋەيرانە قىل،

شاھ ئالمايدۇر دىيارىكى بۇزۇغ باجۇ خىراج.

ئەندەلىب ھەركۈن دىماغ ئاشۇفتەلىكتىن سايرادى،

جىلۋەگەر گۈل بولماسا بولمايدۇر سۇمبۇلدىن ئىلاج.

ساھىبى ئاۋازە بولماس سەن زەلىلى خەلق ئارا،

بەرمەگۈنچە مۇفتى ئىشىق بۇ دىۋانەغە رەۋاج.


زەئفىران ---- بىر گۈل، رەڭگى سارغىيىپ كېتىش دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان.

زۇلفى --------چېچى

جۇنۇن -------مەجنۇن

جۇببەۋى-دەستار------تون ۋە سەللە

نار ------ ئانار

ئەتتار ------خۇشپۇراق ئەتىر

سەندەل------دەرەخ نامى، قوۋزىقىنى كۆيدۈرسە خۇشپۇراق پۇرايدۇ

جەيھۇن -----دەريانىڭ ئىسمى

ئەرغەنۇن -----بىر خىل چالغۇ ئەسۋابىنىڭ نامى

گەدا-------گاداي، كەمبەغەل

ساھىب-----ئىگىسى

تەجرىد-----؟

ئەندەلىب-----بۇلبۇل