مۇندىن 90 يىل بۇرۇنقى بىر بېيىت

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

مۇندىن 90 يىل بۇرۇنقى بىر بېيىت

19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا شىنجاڭغا كەلگەن چەتئەللىك ئېكسپېدىتسىيىچىلەر قاتارىدا گېرمانىيىلىك ئالبېرت فون لېكوك كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئا. لېكوك 1904 – يىلى 18 – نويابىردىن 1905- يىلى 1 – ئاۋغۇستقىچە بولغان10ئايلىق ئېكسپېدىتسىيىسىنى ئاساسەن تۇرپان قاراخوجىدا ۋە مۇرتۇقتا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا بىر ياقتىن ئارخېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ، يازما يادىكارلىقلارنى يىغىش قاتارلىق ئاساسلىق خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش بىلەن، يەنە بىر ياقتىن تۇرپان خەلق ماقال – تەمسىللىرى، خەلق قوشاقلىرى، توي ناخشىلىرى، رامزان قوشاقلىرى قاتارلىق ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلايدۇ. بۇ ماتېرىياللار 1911- يىلى BAESSLER ARCHIV- باسلېرنىڭ ئارخىپى ناملىق توپلامدا بېسىلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى لېكوكنىڭ قاراخوجىلىق ئوبۇل مەھدىدېگەن كىشىگە پۇل بېرىپ يازدۇرغان مۇشۇ قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى ۋە بۇ ئەترەتنىڭ تۇرپان رايونىدا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى توغرىسىدا يازدۇرغان شېئىرىي مەدھىيىسىدۇر. بۇ مەدھىيە بىزنى لېكوكنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە پائالىيەتلىرىدىن ئاساسەن خەۋەردار قىلىدۇ. مەدھىيە دە ناھايىتى قىزىقارلىق ئىشلار بايان قىلىنغان. مەسىلەن: ئەترەتنىڭ قانداق قارشى ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق نەرسىلەرنى يىغقانلىقى، قانچە ساندۇقنى توشقۇزغانلىقى قاتارلىق. ئۇ دەۋردە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان خەلقنىڭ بۇ ئىشلارغا ھەيران قالغانلىقى قاتارلىقلار بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خېلى جەلپكار بايان قىلىنغان. بۇ مەدھىيە نەزم بېيىت دېگەن نام بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۇبلېت، ۋەزن ، تۇراقلىرىدا ئىزچىللىق يوق. شۇڭا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇنى قاپىيىلىك نەسىر دەپ ئاتىغان تۈزۈك. نەزم بېيىت نىڭ تىل ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئوبۇل مەھدىنىڭ ئەينى دەۋردىكى كونا زىيالىيلاردىن ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئەمەس. ئۇ ئىشلەتكەن تىلنىڭ ئىملا ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، چاغاتاي يېزىق تىلى ئىملا ئەنئەنىلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقان، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. بۇ مەدھىيە يۇقىرىقى توپلامدا لېكوكنىڭ ترانسىكرىپسىيىسى ۋە تەرجىمىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان. بىراق، ئۇنىڭدا مەلۇم يېتىشسىزلىكلەر بار. بىز بۇ قېتىم بۇ مەدھىيىنى ئىشلەشتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا چەمبەر ئىچىدە ئەسكەرتىش بېرىش يولى بىلەن ئېلان قىلدۇق. ئەسكەرتىش: ئەسلى نۇسخىدىكى پ ئورنىغا ف ، ت ئورنىغا ئىشلىتىشتەك ئىملا خاتالىقلىرى بىزنىڭ ترانسىكرىپسىيىمىزدە كۆرسىتىلمىدى.

بېرلىن دېگەن مەملىكەتنىڭ پادىشاھى،

ئىبەرىپدۇر تۇرپانغە ئۈچ شەھسۇۋارى.

چوڭىنى ئاتايدۇر دوختۇر ئەفەندىم،

سۈرەت بىلەن كاغەز ئالۇر ھەرنە بارى.

لېكوك بەگ دەرلەر ئەنى بۇ ئۆزى زور كىشىكەن،

سۈرەت ئالماق، كاغەز ئالماق پادىشاھىغە خىزمەت ئىكەن.

پاشاھسىغە ئالىپ بارسە كاغەز بىلەن چالپاقنى ،

ئىنئام قىلۇر پادشاھسى بېشىغە بىر قالپاقنى.

مىلتىقلارى بەندلەكدۇر ئەپلەپ تۇرۇر ئاتماقنى،

كۆڭلىدە كەچۈرمەگەي كۆڭلىدە بىردەم بىكار ياتماقنى.

ھەر كۈنى مەدەكارغە ئونبەش كىشىنى ئالۇر،

كەتمەن، گۈرجەك كۆتەرتىپ كوھنە شەھەرگە ئۆزى بارۇر،

جوھان دېگەن بىر ئادەمى ئاشپەز بولۇپ ئۆيدە قالۇر،

مەدەكارلەر پۇلنى ئالىپ ئاخشاملىقى كەچ تارۇر.

بۇ مەملەكەت ئادەملەرى بۇ ئىشقە ھەيران قالدۇق،

سۈرەت بىلەن كاغەز ئىستەپ تولا ھاردۇق.

بەزى كۈندە سۈرەتغە توشتى نەچە ساندۇق،

نەگە بارسە ئارقادىن بىللە بارىپ بىللە ياندۇق.

سورادۇق ئەي ئەفەندىم بۇ سۈرەتنى نە قىلۇر

، دېدى ئول سۈرەتنى تاپساق بۇ مەملەكەتكەبەگ قىلۇر،

كۈندۈزى سۈرەت ئىستەيدۇر كېچەسىدە خەت قىلۇر،

بويىغە كەيگەن لىباسىنىڭ ھەممەسىگە چەك قىلۇر.

ئورۇسمىكىن دەپدۇرمىز، ئورۇس ئەمەس بىز دەيدۇر،

ئورۇس يۇرتى يېقىندۇر، بىزنىڭ يۇرت يىراق دەيدۇر،

يۇرتۇڭلار قايان دېسەك، رۇم شەھرىدىن نىراق دەيدۇر،

سۈرەت چىقسا ئالادۇر، بىزگە بۇ كېرەك دەيدۇر.

گېرمان پادىشاھ گۇناھكارنى ئۇرماغۇدەك.

ئانداغ ئالسە كوھنە شەھەردە ھېچ نېمەنى قويماغۇدەك.

سۈرەت بىلەن كاغەزغە قىرق ساندۇق توشقاردى

سۈرەت بىلەن كاغەز بولسە قانچە بولسە تويم

ئاغۇدەك.

لېكوك بەگ دەيدۇر ئۆزى خۇشخۇي كىشى ئىكەن،

خەزىنە كەلىدلەرى قولىدە ئىكەن…

بەرگەن كاغەز ياراسە پۇل بېرىپ ئالۇر ئىكەن،

كاغەزى ياراماسە ياندۇرۇپ بېرۇر ئىكەن.

ھەر كىشى سۈرەت ئىستەپ ئەمگەك بىلەن ئوننى تاپسە،

بىرىنى ئىلغاپ ئالۇر، توققۇزى قالۇر ئىكەن.

لېكوك بەگ دوختۇرى ئىلىم – ھىكمەت بىلىپدۇر،

ئىلىم – ھىكمەت بار ئۈچۈن بارچە زەبانلارنى بىلىپدۇر،

فارسى، ئەرەبى، ئەڭگىلىس ۋە ئامۇس بىلىپدۇر.

يەنە تۇرپانغە كېلىپ تۈركىي زەبانى بىلىپدۇر.

ئانىڭ كەيگەن لىباسى پادشاھانە،

دەقيانۇس كوھنە شەھرى بارچە بۇتخانە.

بۇت بىلەن كاغەز ئالماق بۇلارغە بىر باھانە

مۇنچەمۇ ئەمگەك بولۇرمۇ ئاھ شېرىن جانە.

قىرىق ساندۇقغە توشقاردى چالپاق بىلەن سۈرەتنى،

پادشاھى بېرىپدۇر ئالتە ئايلىق مۆھلەتنى.

كېچە- كۈندۈز ئارام يوق تارتتى جەفا بىلەن مەينەتنى .

يۇرتىغا يەتكۈزۈپ بارسە، ئاندىن كۆرەر دۆلەتنى.

ساندۇق ئىچىدەكى سۈرەت ئەمەسمۇ؟

سائەت كۆرۈپ ئىشلەيدۇر مۆھلەت ئەمەسمۇ؟

ئاخشامغىچە كەتمەن چاپۇر مەينەت ئەمەسمۇ؟

خىزمىتى خانغە يەتسە دۆلەت ئەمەسمۇ؟

يەنە ساندۇق ياسايدۇر پالتۇ بىلەن،

ئون كۈنغىچە ئېغىزغە باردى بالتۇر بىلەن.

دوقتۇر بىلەن بالتۇر كېلىپدۇر بىر ساندۇقئالتۇن بىلەن،

نەچچە مىلتىق بەندلىكتۇر پەرۋايى يوق كانتو بىلەن.

خەرجىسىنى خەتلەپ تۇرۇر جوھان دېگەن بىر قۇلى،

نەچچە ساندۇقدە باردۇر ئاقچى دەپ كاغەز پۇلى.

ئاقچى دېگەن خار ئەمەس ئېتىباردۇر بۇ پۇلى،

قەلەم بىلەن خەت قىلۇر توختاماس مۇنىڭ قولى.

ئاقچەسىنى تېگىشىدۇر يامبۇ بىلەن يارچەنگە ،

قالماشتۇرۇپ قويغان ئادەمگە بىر پۇل بەرمەس ساچەنگە 10 .

كۆرسە ھەيران قالادۇر شەھەردىن چىققان ماچەنگە 11 ،

خەلايىق كاغەز تاپسە سېتىپ ئالۇر داچەنگە.

بۇلار بىر كۈننى ئۆتكەردى ئون سەر بىلەن،

قىرىق ساندۇق سۈرەتكە توشقاردى مىڭ سەر بىلەن.

بۇ ساندۇق پۈتۈپدۇر نەچچە يۈز سۇڭ پەن بىلەن،

چالپاقلارنى يىلىمداپ يۆرگەپ قويۇر يۇققا پەن بىلەن.

چوڭ سۈرەت تېپىپ كەلسەك، دېدىلەر ساندۇقغە پاتمايدۇر،

سۈرەت، كاغەز بارمۇ دەپ بىردەم بىكار ياتمايدۇر،

سۈرەت بىلەن كاغەزنى بىرنى بىرگە قاتمايدۇر،

كېسەلمەنگە دورا بەرسە بىكار بېرەر ساتمايدۇر.

بالتۇرى كەتمەن چاپۇر ئاخشامغىچە ھارمايدۇر،

بۇ قىسمەت سۈرەت ئالسە كوھنە شەھەردە ھېچ نېمە قالمايدۇر.

نەچچە مىڭ سەر پۇل خىراجەت بولدىلەر، تۈمەنغە بارمايدۇر،

بۇلار ئالغان نەرسەلەرنى بۇ يەردە پۇلغە ئالمايدۇر.

كۆرۈڭلەر ئەي خەلايىق بۇ بىكار ئىشنى،

بىكار ئۆمرى ئۆتكەزدى بىر پۈتۈن قىشنى.

قەندۇ نەبات بىرلەن قىلۇر ئاخشامغىچە يېيىشنى،

ھەر ئادەم كۈنلۈكىگە ئىككى مىسقال قىلدى ئىشنى.

بېرلىندىن ئالغاچ كېلىپدۇر بىر نەغمە ساندۇق 12 ،

ئەنى كۆرۈپ مۇسۇلمانلەر ھەيران قالدۇق.

كارنايىغە سۆز قىلغىلى يېقىن باردۇق،

نېمە دېسە شۇنداغ دەيدۇر بارچە خەلق كۆرۈپ ياندۇق.

يۇرتىدىن چىقىپ كېلىپدۇر قوقان بىلەن،

ئاندىن كېيىن ئكتۈپ كەلدۈك ياركەن بىلەن 1

3 .

يەنە بىرلە كېلىپدۇر بالتۇرى ھەممە كار بىلەن،

قاراپ كۆرسەك يۈرۈپدۇر دۆلەتى ئەركان بىلەن.

تۇرپانغە كەلگەن ھەمانە ۋاڭ بېگىمگە ئاڭلاندى،

ئانىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ بارچە ئىشى جايلاندى.

كوھنە شەھەرگە ئېلىپ بار دەپ ئىككى ئادەمگ

ئە جولاندى،

تۇرپاندىن دىڭما 14 بولۇپ كوھنە شەھەرگە ئۇلاندى.

ئول زەمان يېتىپ كەلدى كوھنە شەھەرگە،

يۈكلەرىنى تۈشەردى كېلىپ دەنگە 15 ،

دېدىلەر پۇل بېرىمەن ياخشى ئەرگە،

بىز خەلايىق قاراپ باقساق قەدىمقى ئەندگە 16 ،

چالپاق ، سۈرەتكە بەرمەپتۇر ھېچ كىشى تەڭگە.

ئۇلۇغ بېگىم ئۆزى كېلىپ بۇلار بىلەن كۆرۈشتى،

مېھرىبان ئىنئام بىلەن ئانچىنان سۆز قىلىشتى.

بۇ جايدا بولۇر لازىملىقىنى 17 دېيىشتى،

ئاندىن كېيىن ۋاڭ بېگىم ئوردا سايان يانىشتى.

يانىشىدا دوراغەلەر 18 گە ھۆكۈم تەگۈردى،

بارىپ يولغە چارجاڭ قىلىپ ئاران ئۈلگۈردى.

مېھمانلارنىڭ چوڭلىقىنى دورغەلەرغە بىلدۈردى،

ھۆكۈم ئاڭلاپ بۇ دورغەلەر چاپچان يۈگۈردى.

كوھنە شەھەردە بولدىلەر تۇرالغۇ جايى،

ئۇلۇغ بېگىم خىزمەتكە بەردى ئىككى يايى.

ئىككى يايى خىزمەت قىلىپ بىر ئايغىچە تۇردى،

مالمان قىلسە خەلايىق قامچى بىلەن ئۇردى.

پادىشاھغە ئوخشايدۇر ئانىڭ خۇلقى،

كېچە – كۈندۈز ھەرەكەت قىلىپ يوقتۇر ئۇيقى.

دوقتۇر جوھان يېڭى كەلدى، بالتۇر بۇرۇنقى،

دوراسى بىلەن تۇرۇر نەچچە يۈز لوڭقى.

بۇ لوڭقىلار ئىچىدە رەڭگا رەڭ دوراسى بار.

چوڭ – كىچىك تۇرغان بىلەن ھەرقايسىنىڭ جوراسى بار،

يەنە تاز باشقە ئىشلەيدۇر سۈيى بىلەن كوراسى بار،

چالپاق سۈرەت كۆپ چىقىپدۇر، لېكوك بەگنىڭ دوراسى يار.

كوھنە شەھەرنى تۈگۈتۈپ، باردىلەر مۇرتۇق سايان ،

مۇرتۇقتىن سۈرەت چىقىپ بولدى كۆپ ئايان 19 .

ئوتتۇز كۈن مۇرتۇقغە بېرىپ بولماي 20 بىرفۇڭ زىيان،

بۇ قىسمەت ئۆتكەن ئىشنى نەزم بىلەن قىلدۇق بايان.

بارچە ئىشنى نەزم قىلساق كاغەزغە باتمايدۇر،

مۇرتۇق دېگەن ئۇتتۇر يولغە كۈندە قاتنايدۇر،

پادىشاھلىق خىزمەت ئۈچۈن بىكار بىردەم ياتمايدۇ،

ھەر كۈنلۈكى كەلگەن سۈرەت ساندۇقغە باتمايدۇر.

كاغەز بەردى ماڭا نەزم قىل دەپ،

ئون نەچچە كۈن پۈتۈدۈم ئەزمە قىل دەپ.

بىلگەنىمچە نەزم قىلدىم، بىلمەگەننى نە قىلاي 21 ،

پىسەند بولسە ئەفەندىمگە ئاڭا بېقىپ گەپ قىلاي.

بىكار قىلدىم بۇ نەزمنى ئەفەندىمدىن ئەف قىلاي،

ئىنئام كۆرۈپ ئاندىن ئۆزگە ھەر نەرسە قىلسام يەپ قىلاي.

خىزمەت بولسە قىلماق ئۈچۈن كۈندە كېلەي مەن،

ئەفەندىمدىن لازىملىق ئۈمىد بىلەن جابدۇق تىلەيمەن.

بىكار بولغان جابدۇقلاردىن بىرنى بەرسە،

توققۇز – توققۇز تەزىم قىلىپ ئالسام ئېرسە.

جابدۇق بەرسە ئالىپ خۇش بولۇرمەن،

بەرمەسە نومىد 22 بولۇپ ئوشالۇرمەن.

نەزم مەكتۇب پۈتۈدۈم ئاھۇ – نادامەت،

مەزمۇنى مەفھۇم ئولغاي ياخشى سائەت.

يەنە نەزم بار ئىدى كاغەزغە سىغماي يامان بولدى،

خىلاف ئەمەس بۇ نەزم 23 يىگىرمە كۈندە تامام بولدى.

ئىزاھلار:

1. ئەنى ئۇنى

2. چالپاق بۇ سۆز ئەسلى نۇسخىدا چالفاق

دەپ يېزىلغان. ل ۋە پ تاۋۇشلىرى ئورۇن ئالماشتۇرغان. چاپلاق، چاپلانغان نەرسە مەنىسىدە.

3. بۇ مىسرادا ئالدىنقى مىسراغا قارىغاند ئا، بىر نەچچە بوغۇملۇق سۆز كەم.

4. بۇ سۆز ئەسلى نۇسخىدا ئواموس شەكلىدە يېزىلغان. لېكوك ئۇنى قامۇس دەپ تونۇپ، شۇنداق تەرجىمە قىلغان. بىز ئو ھەرپىنى باغلىغۇچى ۋە دەپ ئالدۇق. لېكىن ئاموس نى ئېنىقلاش، ئۇنى قامۇس دەپ چۈشىنىشكە ھېچقانداق ئاساس تېپىلمىدى.

5. ئەسلى نۇسخىدا مينت (مەينەت) دەپ يېزىلغان. جاپا – مۇشەققەت مەنىسىدىكى مېھنەت سۆزىنىڭ جانلىق تىلدا ئېيتىلىشىدۇر.

6. ئېغىز سىڭگىم ئېغىزىنى دېمەكچى.

7. بالتۇر كىشى ئىسمى، لېكوك بۇنى بەزىدە بالتۇر، بەزىدە پالتۇر دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان.

8. بۇ سۆز خوراماس يېزىلغان، ئايىغىدىكى ئېتىبار سۆزىگە قاراپ خار ئەمەس دەپ ئالدۇق.

9. يارچەن ئۆز دەۋرىدە قوللىنىلغان مېتال پۇل.

10. ساچەن خەنزۇچە، چاي پۇلى مەنىسىدە.

11. ماچەن كونا تەڭگە.

12. نەغمە ساندۇق ئۈنئالغۇ.

13. بۇ سۆز توغرىسىدا لېكوكنىڭ مۇنداق ئەسكەرتىشى بار: ئوبۇل مەھدى بۇلارغا تۇرپاندا يول باشلىغۇچى بولغان. ئۇنىڭغا بىز چۆچەك ئارقىلىق كەلدۇق، دېگەن بولسىمۇ، نەزم بېيىت قا يەكەن ئارقىلىق ئۆتتۈق دەپ يېزىپ قويغان.

14. دىڭما خەنزۇچە، ئاتلىنىش.

15. دەند- دەڭ، ئۆتەڭ.

16. ئەند ئارخىپ ماتېرىياللار.

17. ئەسلى نۇسخىدا بۇ سۆز لازىم قى نى دەپ يېزىلغان، لېكوك لازىملىقىنى دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان، بىز لېكوكنىڭكىنى ئاساس قىلدۇق.

18. ئەسلى نۇسخىدا بۇ سۆز دوراغە شەكلىدە يېزىلغان، لېكوك بۇنىڭغا دورغە دەپ ترانسىكرىپسىيە بەرگەن. بىزمۇ شۇ بويىچە ئالدۇق.

19. لېكوك بۇ جايغا بۇلارغە دېگەن سۆزنى قوشقان.

20. بۇ سۆزنى لېكوك بولمادى دەپ ئالغان.

21. بۇ سۆز ئەسلى نۇسخىدا بيلماكان نە قيلاي (بىلمەگەن نە قىلاي) شەكلىدە يېزىلغان. مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن بىلمەگەننى نە قىلاي دەپ ئالدۇق.

22. بۇ سۆز ئەسلى نۇسخىدا نوميد دەپ يېزىلغان. لېكوك بۇنى نائۈمىد دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. بىز نەۋمىد دەپ ئالدۇق.

23. لېكوك بۇ سۆزنى نەزمەلەر شەكلىدە ئالغان. بىز كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئەسلىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن قوشمىدۇق.

ئاپتور: مىرسۇلتان ئوسمانوف ش ئۇ ئا ر تىل – يېزىق كومىتېتىدىن

مەنبەسى: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى