مۇقام تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

ئۇيغۇرئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا

بەختىيار ئابدۇساتتار

ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تېكىستلىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭشېئىرلىرى،ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن تەركىپ تاپقان.تېكىست ئاپتورلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش مۇقامنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.بۇ ماقالىداشېئرلىرى مۇقام تېكىستتى قىلىپ تاللانغان شائىرلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋەداستانلارنىڭ مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مۇقام، كىلاسسىك شائىرلار،داستانلار

مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1960-يىلى نەشىر قىلىنغان ئىككى قىسىملىق ‹‹ئون ئىككى مۇقام››كىتاۋى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان،‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›› ئىزچىل تولۇقلىنىپ ،رەتلىنىپ1992-يىلى ۋە 1997-يىللىرى ئىككى قېتىم نەشىر قىلىندى.‹‹بۇ قېتىمقى رەتلىنىشلەردەئاھاڭلار تولۇقلىنىش بىلەن بىرگە يەنە بۇرۇنقى تەكرارلانغان ،مۇزىكا رېتىمىگەماسلاشمايدىغان ،مەنبەسىز تەرمە مىسرالار ئورنىغا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ نادىر شېئىرلىرى ۋە بىرقىسىم خەلق داستانلىرىدىن پارچىلار سەپلەندى››. جوڭگو قامۇس نەشرىياتى 1997-يىلىنەشىر قىلغان 12 توملۇق‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›› كىتاۋىغا جەمئى 43 كىلاسسىكشائىرنىڭ شېئىرلىرى ۋە 13 خەلق داستانلىرىدىن پارچىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،ئومۇمى تېكىست 3435 مىسرا .تېكىستى ئەڭ كۆپ ئىسلىتىلگىنى شائىر نەۋائىي بولۇپ جەمئى 594 مىسرا شېئىرى ،ئەڭ ئاز ئىشلىتىلگىنى نەفىسىي بولۇپ 4 مىسرا شېئىرى ئشلىتىلگەن.(چۈشۈرگىلەردىكى شېئىرلار قايتىلانغانلىقى ئۈچۈن ھىساپلانمىدى).خەلقداستانلىرىدىن باشقا بەزى كىلاسسىك شائىرلارنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ داستانلارمۇ ئورۇن ئالغان.داستانلاردىن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگىنى ‹‹غېرىپ-سەنەم››داستانى بولۇپ ،جەمئى322 مىسرا ئېلىنغان.‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى››غا شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بۇ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە خەلق داستانلىرىمىزنى تەتقىق قىلىش ۋە خەلققەتونۇشتۇرۇش، مۇقام تەتقىقاتىدىكى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.شۇڭا بىز خەلقىمىزگە بۇ شائىرلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە داستانلارنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى لايىق تېپىپ ،ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.


1. شائىرلار تەرجىمىھالى

ئەلىشىر نەۋائىي –(1441-1501) ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەخرى بولغان تالانتلىق ئەدىب ۋە پەيلاسوپ نەۋائىي 1441-يىلى 9-فېۋرالدا ھېراتتا غىياسىدىن باخشى ئىسىملىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.12 يېشىدا دادىسىدىن يىتىم قالغان.13-14ياشلاردا ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان.15 يېشىدىن باشلاپ شېئىريەتتەكۆزگە كۆرۈنگەن.1469-يىلى ھۈسەيىن بايقارا تۆمۈرىيلەر تەختكە چىققاندىن كېيىنئوردا ئەمەلدارى،ۋەزىر قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.ئەمما يامان نىيەتلىك ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان.1501 –يىلى 3- يانۋارداھېراتتا ۋاپات بولغان.ئۇ ئۆز ھاياتىدا ‹‹چاھار دېۋان››(مەنىلەر خەزىنىسى)دىۋان ىبىلەن ‹‹ھەيراتۇل ئەبرار››،‹‹فەرھاد ۋە شېرىن›› ،‹‹لەيلى ۋە مەجنۇن››،‹‹سەبئەئى سەييارە››،‹‹سەددى ئىسكەندەر›› قاتارلىق بەش داستاندىن تۈزۈلگەن ‹‹خەمىسە››ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك نەمۇنىلىرىدۇر.نەۋائىنىڭ يەنە ‹‹مەجالىسۇننەفائىس››(گۈزەللەر مەجلىسى)،‹‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن››(ئىككى تىل ھەققىدەمۇھاكىمە)،‹‹مەنتىقۇتتەيىر››(قۇشلار تىلى) قاتارلىق بىباھا ئەسەرلىرى بار.ئۇنىڭ594 مىسرا شېئىرى‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

مەشرەپ- (1657-1711) بابارەھىم مەشرەپ 1657-يىلى نەمەنگان شەھەر ئەتراپىدىكى موللاۋەلى ئىسىملىك بۆزچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ياش ۋاقتىدا قەشقەرگە كېلىپ ئاپپاقغوجىغا شاگىرت بولۇپ، ئۇنىڭ ھوزۇرىدا يەتتە يىل تۇرغان.لېكىن ئاپپاق غوجاتەرىپىدىن ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراپ سەرگاندانلىق ھاياتىنى باشلىغان.ھىجرىيە 1123–يىلى (مىلادىيە 1711-يىلى) فېئودال روھانىيلارنىڭ تىل بۈرۈكتۈرۈپ پىتنە-ئىغۋاقىلىشى سەۋەپلىك قۇندۇز شەھىرىدە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.مەشرەپ ئىجادىيىتىدىن ‹‹مەبدەئىنۇر››،‹‹دىۋان مەشرەپ››قاتارلىق ئەسەرلەر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 140 مىسراشېئىرى‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

سادىقىي- ئەدىپ ۋە تارىخشۇناس مۇھەممەد سادىق قەشقەرى(تەخەللۇسى سادىقىي) قەشقەر كونا شەھەرناھىيەسىدە بىر دىنىي مۆتىۋەر زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.قەشقەردىكى ‹‹ساچىيەمەدرىسە››سىدە ئوقۇغان.بىر مەزگىل قەشقەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى بولغان.1850-يىلى قەشقەردە بىر قېتىملىق سىياسى توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن.سادىقىي ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىدا ئەلشىر ناۋايىدىن كېيىن ئۆتكەن يەنە بىر ھوسۇللۇق ئەدىبدۇر.ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ‹‹تەزكىرەئى ئەزىزان››(ئۇلۇغلار تەزكىرىسى)،‹‹ئادابۇسسالىھىن››(ياخشىكىشىلەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى)،‹‹زۇبدەتۇلمەسائىل ››( مەسىلىلەر جەۋھىرى)،‹‹تەزكىرەئىئەسھابۇل كەئب››،‹‹تارىخى ئىسكەندەرىيە ۋە تاجىنامەئى شاھ››(ئىسكەندەر خانلىقىتارىخى ۋە شاھلارنىڭ تاجىنامىسى)‹‹رىسالەئى كەسىپدار››(كەسىپدارلار رىسالىسى)قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئۇنىڭ 10 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.

ۋەفائىي-ئەھمەد ھاجىبەگ (تەخەللۇسى ۋەفائىي) 15-ئەسىردە سەمەرقەنتتە ياشىغان شائىرلارنىڭ بىرى.ئۇ سەمەرقەنت ھاكىمى بولۇپ ئەلشىر نەۋائىغا كۆپ غەمخورلۇق قىلغان.نەۋائى ‹‹مەجالىسۇن نەۋائىس››ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ نامىنى تىلغائالغان.ئۇنىڭ 28 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

قەلەندەر- شائىر قەلەندەر(نامرات،يوقسۇل دىگەن مەنىدە)نىڭ ئىسمى ،تۇغۇلغانۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە مەلۇمات يوق.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن شائىرنىڭ18-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىگىچە بولغان مەزگىل ئىچىدەياشىغانلىقى،ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز شەھىرىدە تۇغۇلۇپ،كېيىنكى ھاياتىنى خوتەندە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.ئۇنىڭ ئىجادى مىراسلىرىنىڭ ھەممىسى خوتەندەيېزىلغان ياكى توپلام قىلىنغان. شائىرنىڭ ‹‹دىۋان قەلەندەر ›› ناملىق لىرىكشېئىرلار توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 72 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.

مەھزۇن- ئىسمائىل (تەخەلۇسى مەھزۇن بولۇپ ‹‹غەمكىن››دىگەن مەنىدە) 18-ئەسىردەخوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بىرى.شائىر يېشى 50 تىن ئاشقاندا ئۆز يۇرتىدىنجاھانكەچتى بولۇپ،يەركەن،قەشقەر،ئاقسۇ، كۇچارلارنى كەزگەن.شائىرنىڭ غەزەل،مۇخەممەس،مەسنەۋى(داستان)لىرىدىن تۈزۈلگەن‹‹دىۋانى مەھزۇن›› ناملىق توپلىمىبار. ئۇنىڭ 128 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

ئايازىي-ئايازبېك قۇشچى(تەخەللۇسى ئايازىي) 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقىيېرىمىدا،سۇلتان سەئىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە ياشاپ ،سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېقىن باتۇر بەگلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ،يەكەنخانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان،سەئىدخان ۋە ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە دۆلەتئەربابلىرىدىن بىرى ۋە تونۇلغان شائىر سۇپىتىدە يەكەن خانلىقىنىڭ سىياسى ۋەمەدەنىيەت ھاياتىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان شەخىستۇر.ئۇنىڭ ‹‹دىۋان ئايازى›› دىگەنتولۇقسىز قوليازمىسى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 50 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.


لۇتفىي-(1366-1465) نەۋائى تەرىپىدىن ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ كامالەتكە يەتكەن پىرئۇستازى›› دەپ تەرىپلەنگەن تالانتلىق شائىر مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفىي مىلادىيە1366-يىلى ھېراتتا تۇغۇلۇپ ،بۇ شەھەرنىڭ دىھكانار دېگەن يېرىدە تۇرمۇشىنى غېرىپلىقتا ئۆتكۈزگەن.1465-يىلى 99 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئەينى دەۋىردەتۈرك،پارس تىلىدا خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان.ئۇنىڭ تۈركىي تىلىدىكى ئەسەرلىرى تاشكەنت ،ئىستانبۇل،لوندۇن،لېنىنگىراد قاتارلىق جايلاردىكى كۈتۈپخانا ۋەمۇزىيلاردا ساقلانماقتا.شائىرنىڭ ‹‹گۈل ۋە نەۋرۇز ››داستانى ۋە ‹‹دىۋان لۇتفى››ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 44 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.

نىزارىي-(1776-1850) شائىر ئابدۇرەھىم نىزارىي 1776-يىلى قەشقەرشەھرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.30ياشقىچە قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ئوقىغان.1830-يىلىلىرىدا زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ مەھكىمىسىدىكى دىۋانخانىدا باش مىرزا بولغان.ئۇ ئۆز ئۆمرىدە‹‹دىباچە››،‹‹لەيلى-مەجنۇن››،‹‹پەرھات-شېرىن››،‹‹رابىيە-سەئىدىن››،‹‹دۇرۇلنەجاد››(نىجاتلىقئۈنچىلىرى)،‹‹چاھار دەرۋىش››(زىيائى بىلەن)،‹‹غېرىپلار ھىكايىسى››(ئۈچەيلەنبىرلىكتە) قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەر ۋە نۇرغۇن لىرىك غەزەللەرنى يازغان.ئۇنىڭ 16مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

زىيائىي – نەۋرۇز ئاخۇن (تەخەللۇسى زىيائى) 19-ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ،ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان،كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق شائىرلاردىن بىرىدۇر.ئۇ نىزارىي بىلەن بىرلىكتە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ دىۋانخانىسىدا كاتىباتلىق قىلغان.نىزارىي بىلەن ئىجادىيەتتە قىزغىن ھەمكارلاشقان.شائىر ئۆز ئۆمرىدە‹‹‹‹ۋامۇق ۋە ئۇزرا››،‹‹مەسئۇتۋە دىلئارا›› ،‹‹مۇھزىنۇل- ۋائىزىن››(مۇڭلۇق ۋەزلەر)‹‹چاھار دەرۋىش››(يېرىمى)قاتارلىقئەسەرلەرنى يازغان.ئۇنىڭ 22 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.


زەلىلىي- شائىر گۇمانىزىمچى ۋە پەيلاسوپ مۇھەممەد سىدىق زەلىلىي تەخمىنەن مىلادىيە1676 –يىلى يەركەندە تۇغۇلغان.يەركەندىكى مەدرىسلەردە بىلىم ئالغاندىن كېيىن قەشقەر، خوتەن،ئاقسۇ،كۇچار،تۇرپان،قۇمۇللارنى ئون نەچچە يىل ئايلىنىپ چىققان.50ياشلارغا كىرگەندە خوتەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.شائىر ئۆز ئۆمرىدە ‹‹دىۋان زەلىلى››ناملىقتوپلامنى (غەزەل،مۇخەممەس ۋە قەسىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)،‹‹سەپەرنامە››(1720-يىلى) 1400 بېيىتلىق داستانىنى،‹‹تەزكىرەئى چىھلىتەن››(1736-يىلى) 565 بېيىتلىقرىۋايىتىنى،‹‹تەزكىرەئى خوجا مۇھەممەد شىرىپ››(1742) قاتارلىق بىر قىسىم دىنىي مەزمۇنغائىگە تەزكىرە-تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان.زەلىلىي شېئىرلىرى يۇقىرى پەلسەپىۋى قىممەتكە ئىگە.ئۇنىڭ 94 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

ئاتايى- (14-15-ئەسىر) تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان شائىرمەۋلانە ئاتايىنىڭ ھايات پائالىيىتىگە ئائىت يېتەرلىك مەلۇمات يوق.‹‹مەجالىسۇننەفائىس››،‹‹مۇھاكىمەتۇل لۇغاتەين›› قاتارلىق مەنبەلەردە ئاتايىنىڭ يۇقۇرى شۆھرەتكە ئىگە ئەدىپ بولۇپ ،ئۇنىڭ تاشكەنت بىلەن سايرام ئارىلىقىدىكى ھېزدىياندېگەن قىشلاقتا ياشىغانلىقى، نەسەپ جەھەتتىن خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ قېرىندىشىئىسمايىل ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى كۆرسۈتىلگەن.ئۇ دەسلەپتە پەرغانىدەياشىغان.شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ‹‹دىۋان شەيخزادە ئاتايى›› ناملىق قوليازماتوپلىمى ھازىر پېتىربورگدا ساقلانماقتا.ئاتايى ئەدىپنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، ئۆزىنى ھەق ئاللا يولىغا بېغىشلۇغۇچى دېگەن مەنىدە.ئۇنىڭ 46 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككىمۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

فۇتۇھىي – (1717-1756) شائىر خوجا سىدىق(تەخەللۇسى فۇتۇھىي)1717-يىلى ئىلىۋادىسىدا تۇغۇلغان.1732 –يىلى دادىسى خوجا جاھان(ئەرشىي) بىلەن بىرلىكتە ئانايۇرتى يەركەنگە كەلگەن.ھىجرىيە 1169- يىلى (مىلادىيە 1756-يىلى) بۇرھانىدىن خوجاتەرىپىدىن ئاتىسى بىلەن بىللە قەتلى قىلىنغان.شائىر فۇتۇھىينىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ 58 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

زوھۇرىي- زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇرپانداتۇغۇلغان.تۇرپاندىكى ۋاڭ ئەۋلاتلىرىدىن. 19- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىن باشلاپ قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان.ئۇ قەشقەردە ھاكىمبەگ بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قوللىغان.قەشقەر رايونىنىڭ مەدىنىيەت تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈلبۆلگەن ھەمدە ئۆزىمۇ زوھۇرىي تەخەللۇسىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان.شائىرنىڭ‹‹دىۋان زوھۇرىي›› ناملىق توپلىمىدىن بىر قىسىم ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپكەلگەن.ئۇنىڭ 60 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

سەككاكىي – (1380-1465) ‹‹ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ چېچەنلىرىدىن مەۋلانە سەككاكى››(نەۋائىي سۆزى) دەپ تەرىپلەنگەن شائىر سەككاكى تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغبەك دەۋرىدە سەمەرقەندتە ياشاپ ئۆتكەن.مۆجىزى ئۇنى ‹‹ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ 16 –پىرى ››دەپئاتىغان.ئۇ `15-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قەسىدە ژانىرىنى يۈكسەكلىككەكۆتۈرگەن.شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىر قوليازما دىۋانى ھازىر بۈيۈكبىرىتانىيە مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ 28 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.

نەۋبەتىي- (1697-1760؟) لىرىك شائىر نەۋبەتىي ھىجىرىيە 1109 –يىلى (مىلادىيە 1697 –يىلى)خوتەندە تۇغۇلغان.يەكەن،خوتەنلەردە بىلىم تەھسىل قىلغان.ئۆز ئۆمرىنى خوتەندەدوراپۇرۇشلۇق ۋە خەتتاتلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن.شائىرنىڭ 1747- يىلى تۈزۈلگەن ‹‹دىۋاننەۋبەتىي››ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 90 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

سەئىدىي-(1487-1533) يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ غەزەللىرىدە قوللانغان تەخەللۇسى.ئۇ ھىجرىيە 892-يىلى(مىلادىيە1487-يىلى)موغۇلىستاندا تۇغۇلغان.سۇلتان سەئىدخان مەرىپەتپەرۋەر ،ئەخلاق-پەزىلىتىياخشى،ئەلەمگىمۇ،قەلەمگىمۇ ماھىر،مۇزىكا بابىدا يېتىشكەن كىشى بولۇپلا قالماي،يەنەشائىرلىق تالانتىغىمۇ ئىگە ئىدى.ئۇ ئۆز ھاياتىدا خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ پەقەت ئىككى پارچە غەزىلىلا بىزگىچە يېتىپكېلەلىگەن.ئۇ 1533-يىلى تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە ۋاپاتبولغان.ئۇنىڭ 20 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

نەفىسىي- (1534- 1567) يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس، شائىرەخانىش ئاماننىساخان (تەخەللۇسى نەفىسىي) 1534- يىلى يەركەنگە تەۋە تىزناپ دەرياسىبويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتى ۋەئىجادىيىتىگە ئائىت بەزى ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللامۆجىزىنىڭ ‹‹تەۋارىخى مۇسىقىيۇن››ناملىق ئەسىرىدە خاتىرلەنگەن.ئاماننىساخان 13يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن 20 يىللىق ئوردا ھاياتىدا،فېئوداللىق نەسەپ قارىشىنىڭ چەكلىمىسى ،جاھالەتچى روھانىيلارنىڭ تەقىپقىلىشلىرىغا قارىماستىن ،ئۆز تالانتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يېتىلدۈرۈپ،ئۇيغۇر ‹‹ئونئىككى مۇقام››نىڭ سېستىمىلىشى،مۇكەممەلنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان. ئۇيەنە خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى ‹‹ئەخلاقى جەمىلە››(گۈزەل ئەخلاق)،‹‹شۇرۇھۇلقۇلۇپ››(قەلبلەرھېكمىتى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.‹‹ئىشرەت ئەنگىز››ناملىق مۇقامنى ئىجادقىلغان.1567-يىلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ 4 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

رەشىدىي- (1512-1560) مەرىپەتپەرۋەر سۇلتان ۋە تالانتلىق شائىرئابدۇرەشىدخان(تەخەللۇسى رەشىدىي) 1512-يىلى موغۇلىستان خانلىقى تەۋەلىكىدىكىئەنجان شەھرىدە تۇغۇلغان.1533-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىققىلغان.رەشىدىي ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا غايەت زورنەتىجىلەرنى ياراتغان.ئاماننىساخان،قىدىرخان قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نىرەتلەش ئىشلىرىغا شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن.‹‹تارىخى رەشىدى(زەيلى)››دارەشىدىينىڭ ئىككى پارچە پارىسچە شېئىرى ۋە ئۈچ پارچە غەزىلى خاتىرلەنگەن.شائىرنىڭ ‹‹دىۋانرەشىدىي››،‹‹سەلاتىنامە ››،‹‹كىتابى تەنبىيە-ئەنتەربىيە››قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم.ئەمما بۇلار بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.ئۇنىڭ 20 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

گەدائىي –لىرىك شائىر مەۋلانە گەدائىي 15 –ئەسىردە ھېراتتا ياشاپئۆتكەن،ئۇ تەخمىنەن 1404 –يىلى تۇغۇلغان.ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇركىيتىللىق خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە شۆرەت قازانغان.گەدائىينىڭ‹‹دىۋانىگەدائىي››ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ قوليازمىسى پارىژ مىللى كۈتۈپخانىسىداساقلانماقتا.ئۇنىڭ 30 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

ناقىسىي –(1840-1920)شائىر سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر (تەخەللۇسىناقىسىي)ھىجرىيە 1259-يىلى (مىلادىيە 1840-يىلى)يېڭىسار بازار ئىچىگە جايلاشقانمەدرىسە كۆلبېشى مەھەللىسىدە دىنىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۆسمۈرلۈك ۋەياشلىق دەۋرىدە يېڭىسار ۋە قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان.كېيىنچە يېڭىساردىكىتايبەگ مەدرىسىدە مۇددەررسلىك قىلغان.شائىر ناقىسىي ئۆز ھاياتىدا ‹‹دىۋان ناقىسىي››،‹‹بەھىسھەكىمبەگ››،‹‹قۇتلۇقنامە››، ‹‹مەۋجۇدۇلقۇلۇب››،‹‹نۆللى دىمەن››،‹‹نەسىھەتنامەئۇسنۇر بايانى›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئىران شائىرى شەيخ ئىنەيىتۇللانىڭ ‹‹باھاردانىش›› ناملىق داستانىنى پارىسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭغا ‹‹گۈلزاربىنىش››(تىكەنسىز گۈل)دەپ ئىسىم قويغان.ناقىسىي 1920-يىلى يېڭىساردا ۋاپاتبولغان.ئۇنىڭ 20 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

سەيفى سەرائىي- (1321-1396) سەيفى سەرائىي 1321 –يىلى ماۋەرائۇننەھردەتۇغۇلغان.بىر مەزگىل يۇرتىدىن ئايرىلىپ مىسىر ،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردەياشىغان.1396 –يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مەركىزى ساراي شەھىرىدە ۋاپاتبولغان.شائىرنىڭ ‹‹گۈلىستان بىت تۈركى›› ناملىق توپلىمى،‹‹سۇھەيىل ۋە گۈلدۇرسۇن››ناملىقتراگېدىيىلىك داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ 14 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككىمۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.