لوپلۇقلارنىڭ تارىخى ۋە ئىقتىسادى ئېگىلىگىدىكى بەزى مەسىللەر توغرىسىدا

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search




لوپلۇقلارنىڭ تارىخى ۋە ئىقتىسادى ئېگىلىگىدىكى بەزى مەسىللەر توغرىسىدا

لوپلۇقلارنىڭ تارىخى تەرەققىياتى،ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ۋە ئىقتىسادى ئېگىلىگىدىكى بەزى مەسىللەر توغرىسىدا


( لوپنۇر ناھىيىلىك پەن-تېخنىكا جەمىيىتىدىن : تۇرسۇن كېرەم )


تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى، چەرچەن، مىرەن دەريالىرىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇ تاراملىرى قۇملۇقلار ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلۇپ، مول سۇ زاپىسىنى ھاسىل قىلىپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتىراپلىرىدا نۇرغۇن بوستانلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن موھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن. شۇڭا لوپنۇر قەدىمقى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ موھىم نوقتىسى بولۇپ قالغان.

يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى ئوتتۇرا تارماق يولى بۇيەردىن ئۆتۈپ، شەرىق بىلەن غەرىپنىڭ مەدىنىيەت ئالماشتۇرىشىدا موھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. نۇرغۇن قەدىمى مىللەتلەر، دىنلار ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۆز- ئارا بۇ رايوندا ئۇچۇرۇشۇپ، تارىم مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتقان.

مىلادى 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 5- ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋە 14- 15- ئەسىرلەردە ھەتتا ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ لوپنۇر رايونىدىكى كىروراننى مەركەز قىلغان نۇرغۇن ئاۋات شەھەرلەر، مەھەللىلەر ياشاش موھىتىنىڭ ناچارلىشىشى، كېسەللىك ئاپىتى ۋە ئۇرۇش- يېغىلىقلار سەۋەبىدىن ئىلگىرى- كىيىن ۋەيران بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ موھىم تۈگۈنلۈك رولىدىن قالغاندىن كىيىن، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ نۇرغۇن قېتىملاپ ئەتىراپتىكى جايلارغا ۋە لوپنۇردىن سىرىت يىراق جايلارغا كۆچۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايدىكى ئاھالىلەر يىلسىرى ئازىيىپ يوق دىيەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. قېپقالغان ئاز بىر قىسىم ئاھالىلەر لوپنۇر كۆلى بويى ۋە تارىم، كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى بوستانلىقلاردا لوپلۇقلارنىڭ ئەجدادى سۈپىتى بىلەن ھاياتلىقنى يەنە يېڭىدىن باشلاپ، يېڭى بىر مەدەنىيەت مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. شۇنىڭدىن باشلان ئۇزاق تارىخى جەرياندا ئۇلار، سىرىت بىلەن ئالاقىسى ئىنتايىن ئاز بولغان، بېكىك ھالەتتە ئۇرۇق- جەمەت ۋە ئائىلىنى بىرلىك قىلغان ھالدا يەككە، تارقاق ھالەتتىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە قىسمەن تېرىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆرۈپ- ئادەت، تىل، يىمەك- ئىشمەك ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە لوپلۇقلار مەدەنىيىتىنى ياراتتى.

يۇرتلىرى ۋەيران بولغان، ئىگىلىگى خاراپلاشقان خەلقى سەرسان– سەرگەردان بولۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن بۇ ئەلدە، شۇندىن كىيىنكى بىرقانچە ئەسىرلەر جەريانىدا غەربى رايوننىڭ سىياسى ھاياتىغا تەسىر كۆرسۈتالىغۇدەك ئاۋات مەھەلىلەر، گۈللەنگەن شەھەرلەر، كۈچلۈك ھاكىمىيەت ئورگانلىرى قايتا شەكىللىنالمىدى. قاتناش تۈگۈنى ھاكىمىيەت ئورگانلىرى باشقا جايلارغا يۆتكەلگەنلىكتىن كىشىلەر بۇ رايوننى ئاستا- ئاستا ئۇنتۇپ كەتتى. ئارىدىن نەچچە ئەسىرلەر ئۆتۈپ 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ جايدا چەرچەن، چاقىلىق يېڭىسۇ قاتارلىق يۇرتلار ئىلگىرى- كىيىن بارلىققا كىلىپ، بۇ جايلار يېڭىۋاشتىن گۈللىنىشكە باشلاپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى غەربى رايوننى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىنلا لوپنۇر كىشىلەرگە يەنە قايتا تونۇلۇشقا باشلىدى ۋە كىشىلەر ئالدىدا قايتىدىن نامايەن بولدى.

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ غەرپ ئېكىسپىدىتسىيە ئەترەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا، جۈملىدىن لوپنۇرغا كەينى- كەينىدىن كېلىپ جۇغراپىيە ۋە ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ «يېڭى بايقاش» لارغا ئېرىششى، 70- يىللاردىن باشلاپ شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە ئورنىنىڭ لوپنۇردىكى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە زور بايقاشلارغا ئېرىشىشى بىلەن لوپنۇرنىڭ داڭقى ھەممە يەرگە تارىلىپ لوپنۇر قىزغىنلىغى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ، چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇرنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت ئىشلىرى كۈنسىرى راۋاجلاندى. نەتىجىدە لوپنۇرغا كېلىپ- كېتىدىغانلار ھەمدە لوپنۇرنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى، ئىگىلىك شەكلى ۋە باشقا تەرەپلىرىنى يازىدىغانلار كۆپەيدى. ھەمدە بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى ”لوپنۇر تارىخى ماتىرىياللىرى“ۋە ھەرقايسى گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىندى، ھەتتا بەزىلىرى كىتاپ قىلىپ بېسىلدى. ساياھەت ئورۇنلىرىمۇ لوپنۇر مەدەنىيىتى ۋە لوپلۇقلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى كەڭ ساياھەتچىلەرگە تونۇشتۇردى. بۇلار لوپنۇرنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى- سىرتىغا تونۇشتۇرۇشتا موھىم رول ئوينىدى. بۇ ئاساسى تەرەپ.

لىكىن قىسمەن ماقالىلەر ۋە تونۇشتۇرۇشلاردا لوپلۇقلارنى ئاجايىپ- غارايىپ، سىرلىق قىلىپ كۆرسۈتۈش، لوپلۇقلار چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بايقالغان ياۋايى مىللەت دەپ ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ، ئايرىم مىللەت قىلىپ تونۇشتۇرۇش، لوپلۇقلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىدىكى توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يىتىم، نەزىر- چىراق ئىشلىرىدىكى قىسمەن ئىشلارنى ئومۇملۇق قىلىپ كۆرسۈتۈش، ئىقتىساد- ئىگىلىك شەكلىدە بېلىقچىلىقنىلا ئاساس قىلىدۇ، بېلىقلا يەيدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى بىلمەيدۇ دەپ رىئاللىقنى بۇرمىلاش ئارقىلىق ئۆز ماقالىسى ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ جەلىپكارلىغىنى ئاشۇرماقچى بولدى. نەتىجىدە بۇ خاتا خاھىش ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىدىغان بەزى لوپلۇق ئاممىنىڭ ۋە بەزى زىيالىلارنىڭ نارازىلىغىنى قوزغاپ يامان تەسىر پەيدا قىلدى. يوقارقى مەسىللەرگە قارىتا ئۆز كۆزقارشىمنى تۆۋەندىكىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ئوتتۇرغا قويىمەن.

1805- يىلى يېزىلغان “ ئۈچ ئايماق ھەققىدە قىسقىچە خاتىرە “ نىڭ 2- جىلىدىدا: “ لوپنۇر كۆلى… ئۇ يەردە ئىككى مۇسۇلمان كەنىتى بولۇپ، ئۇ كەنىتتىكىلەر لوپنۇر مۇسۇلمانلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى كەنىتنىڭ ھەر- بىرىدە 4- 5 يۈزدىن ئائىلە بار. ئۇلار ئاشلىق تېرىمايدۇ، چارۋىچىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ، ئاشلىق ئورنىدا بېلىق يەيدۇ….. ئۇلاردىن كورلىدىكى مۇسۇلمانلار شەھىرىگە بارغانلىرى چارۋا گۈشى، ئاشلىق يىيەلمەيىتتى، يەپ قويسا قۇسۇپ ياندۇرىۋېتەتتى، كورلىدا بېلىق كۆپ بولغاچقا ئۇلار ئۇ يەرلەرگە كېلەلەيىتتى، ئەمما باشقا جايغا بېرىشقا پېتىنالمايىتتى “ دەپ يېزىلغان. ( غالىپ بارات ئەرك نىڭ “ كىروراننىڭ سىرى “ دىگەن كىتاۋى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە 2004- يىلى 12- ئاي 1- نەشىرى، 329- بەت.) بەلكىم يوقارقى بەزى خاتا قاراشلار مۇشۇ خاتىرىنىڭ تەسىرىدىن يېزىلغان بولسا كېرەك. ئۇنداقتا لوپلۇقلار ھەقىقەتەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى بىلمەيدىغان، بېلىقلا يەيدىغان باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدىغان غىەلىتە كىشىلەرمىدى؟

تارىخنى ئەسلىسەك، لوپنۇرنىڭ يىراق قەدىمقى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىدا بۇ كەڭ زىمىندا ياشىغان خەلق چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە باشقا جەھەتلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شانلىق مەدەنىيەت ياراتقانلىغى ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر تارىخى ھەقىقەت. تېخى 14- 15- ئەسىرلەرگە كەلگىچە لوپنۇردىكى بەزى شەھەرلەر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە مەدەنىيەتتە گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرغان.

موللا موسا سايرامى “ تارىخى ھەمىدى “ دىگەن ئەسىرىدە : 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان شەرقى چاغاتاي خانلىقى ( موغولىستان ) دەۋرىدىكى ئىشلارنى يېزىپ لوپلىقلار ھەققىدە «ئۇلار دەريادىن بىلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ. ھەتتە بېلىقلارنى قۇرۇتۇپ تائام قىلىپمۇ يەيدۇ. قومۇشتىن ئۆي ۋە كەپە ياسايدۇ. ئۇلارنىڭ چارۋىسى كۆپ بولۇپ، بىر يەردە تۇرالمايدۇ، چارۋىلىرىنى كۆڭلى خالىغان يەرگە ھەيدەپ كېتىۋېرىدۇ “ ( “ تارىخى ھەمىدى “ مىللەتلەر نەشىرىياتى. ئۇيغۇرچە 2007- يىلى 9- ئاي 1- نەشىرى، 648- 649- بەت.) دەپ يېزىپ، لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقنى ئوزۇقلۇق قىلغانلىقىدىن ھەمدە ئاساسەن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ.

لى جىن شىن “ شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى “ دىگەن كىتاۋىدا : 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان يەكەن سەئىدىيە خانلىغى دەۋرىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن چاقىلىق ئەتىراپلىرىغىچە بولغان جايلاردىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختۇلۇپ : “ ئۇلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، شەھەر، قەلئەلىرى يوق، كىگىز ئۆيلەردە تۇرىدۇ. تۆگە، ئات، كالا ۋە قويلارنى باقىدۇ. “ ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە، 2003- يىلى 3- ئاي 1- نەشىرى. 346- بەت.) دەپ ئۇلارنىڭ ئىگىلىك شەكلىدە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغانلىغىنى يازىدۇ.

1755- يىللاردا جۇڭغارلار ھامىلىغىدىكى قەشقەردە خوجىلارنىڭ توپىلىڭى يۈز بەردى، ئۇنى باستۇرۇش ئۈچۈن گەنسۇنىڭ خېشى كارىدورى ئارقىلىق يولغا چىققان چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ھازىرقى چاقىلىق تەۋەسىدىكى قارا قوشۇنغا كەلگەندە،“ قارا قوشۇندىكى ئاھالىلەرگە 200 كالا، 500 قوي، 300 تاغار ئۇن، 100 تۆگە، ھاشارغا 100 ئادەم دەپ ئىنتايىن ئېغىر سېلىق سالىدۇ، بۇنداق ئېغىر سېلىقنى خەلق تۆلىيەلمەيىتتى “ شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە قانلىق جەڭ بولۇپ ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېلىشىپ ئاخىرى چىڭ قوشۇنلىرى بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ.( بايىنغۇلىن تارىخ ماتىرىياللىرى. ئۇيغۇرچە 4- توپلام. 66- 67- بەت.) بۇ باياندا قارا قوشۇن مەھەللىسىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ بولغانلىغىنى ئېيتىدۇ. بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ. دىمەك بۇ ماتىرىياللاردا 15- ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئارلىقتىكى لوپلۇقلارنىڭ ئىگىلىك ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسىدىلا چارۋىچىلىق لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدىن مەلۇمات بېرىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇش شەكلىدىن ئالغاندا؛ لوپلۇقلار تەبىئىي ئاپەت، ئۇرۇش- يېغىلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن تەرەپ- تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىپ ئادەم ئاز قالغانلىغى ئۈچۈن، كوللىكتىپ مەھەللە بولۇپ ياشاشقا شارائىت يار بەرمىدى. نەتىجىدە ئۇلار بۇرۇنقى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان، شەھەرلەشكەن، دېھقانچىلىق، چارۋېچلىق، سودا ئىشلىرى ۋە باشقا تەرەپلەردىن گۈللەنگەن دەۋردىن ئۇرۇق- جەمەت ۋە ئائىلىنى بىرلىك قىلغان ئوت، سۇ قوغلۇشۇپ كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق قىلىدىغان يەككە، تارقاق ئىشلەپچىقرىش شەكلىگە قايتىقان. شۇنىڭدىن كېيىنىكى ئۇزاق بىر مەزگىللىك جاپالىق ھايات مۇساپىسىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۇرمۇش شەكلىنى تاللىغان. يەنى چارۋىسى بارلار چارۋا بېقىپ يىلسىرى ئۇنى ئاينىتىشنىڭ كويىدا بولغان، بەزىلەر ئۇلارغا ياللىنىپ چارۋا باققان، يەنە بەزى بېلىق تۇتۇشنى بىلىدىغان، بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى ( تور يەنى گۆلمە، مانجار، كېمە، ساشقاق، قارماق، چاڭگاق قاتارلىقلار ) بارلار دەريا، كۆل بويلىرىدا ئولتۇرۇپ بېلىق تۇتۇش، ئوۋ ئوۋلاش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، ھەممىلا ئائىلە، ھەممىلا ئادەم بېلىق يىيىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان.

مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، مۇقىم دېھقانچىلىق قىلىش مومكىن ئەمەس ئىدى،تارىم دەرياسىنىڭ پەسىللىك كەلكۈن سۈيى سۇ چىقىدىغان، تېرىشقا بولىدىغان يەرلەرنى كۆلگە ئايلاندۇرۇپ، زىرائەت تېرىشقا ئىمكان بەرمەيىتتى. بەزى جايلاردا نەچچە كۈنلۈك يولنى كېمە بىلەن مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، ئەكسىچە يەنە نۇرغۇن جايلار قۇملۇق بولۇپ نەچچە كۈن ماڭسىمۇ سۇ تاپقىلى بولمايىتتى. “ ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق “ دېگەندەك ئىدى. بۇنداق شارائىتتا قانداقمۇ زىرائەت تېرىپ ھوسۇل ئالغىلى بولسۇن؟ سۇ كۆپ بولغاچقا بېلىق كۆپەيگەن، شۇنىڭ بىلەن بېلىق كىشىلەر ئوڭاي ئېرىشىدىغان ئوزۇقلۇققا ئايلانغان.

لوپلۇقلارنىڭ نەچچە ئەسىرلەر جەريانىدىكى سىرت بىلەن ئىنتايىن ئاز ئالاقىدە بولغان، بېكىنمە ھالەتتىكى ئۇرۇق- جەمەت ۋە ئائىلىنى بىرلىك قىلغان يەككە، كۆچمەن تۇرمۇش ھالىتى ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ناتۇرالنى ئىگىلىگى ئۇلارغا ھەممىلا ئىشتا ئۆز- ئۆزىگە تايىنىپ مۇستەققىل ياشاشنى، تەبىئەتتىن قانداق ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشنى ۋە بۇ جەھەتتىكى بىر يۈرۈش ھۈنەر كەسىپلەرنى، ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش بىلىملىرىنى مەجبۇرى ئۆگەتتى.

لوپلۇقلارنىڭ ئەر- ئاياللىرى ئوخشاشلا جاپا- مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان ئىنتايىن ئىشچان كىشىلەر بولۇپ ئەرلەر چارۋا بېقىش، ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش ئىشلىرىنى قىلسا، ئاياللار يۇڭ ۋە ياۋا چىگىدىن يىپ ئىگىرىش، پالاز، چەكمەن، تاغار، خۇرجۇن قاتارلىق تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلەرنى توقۇيىتتى.

ئۇلاردىن قىسمەن شارائىتى يار بەرگەنلىرى كەلكۈن سۈيى يايغان بىنەم يەرلەرگە، سۇ باشلاشقا بولىدىغان يەرلەرگە ئاشلىق ۋە سەۋزە، چامغۇر، پىياز، كاۋا، قوغۇن- تاۋۇز، قىچا، زاغۇن قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيىتتى.

ئۇلار يەنە بورا توقۇش، كىگىز بېسىش، تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق ( توغراق ياغىچىدىن تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى، كېمە چېپىشنى )، موزدوزلۇق، جۇۋازچىلىق، تېرە ئاشلاپ تېرە پىشىقلاپ ئىشلەش، تۇماقچىلىق، تېرە ۋە يۇڭ رەختلەردىن كىيىم تىكىش قاتارلىق ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ماھىر ئىدى. بۇ ھۈنەرلەرنى ھەر- بىر ئادەم بىلمىسمۇ لىكىن ھەر- بىر ئائىلە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى يار بەرگەن شارائىتقا ئاساسەن ئۆگىنەتتى.

ئۇلار يەنە گۆش، دانلىق ئاشلىق، ئۇن، جىگدە، ئۇجۇل، بېلىق ۋە باشقا يىمەكلىكلەردىن ئاددى ھەم يىيىشلىك، قۇۋىتى يۇقىرى بولغان ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى ئوخشىمىغان تۈرلۈك ئۇسۇللاردا پىشۇرۇشقا ماھىر ئىدى. لوپنۇر تائاملىرى تۈرىنىڭ كۆپلىگى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يوقۇرلىغى، ئۆزگىچە تەمى، يەرلىك ئالاھىدىلىگى بىلەن داڭلىق بولۇپ، بۇ ھەممە كىشىلەرگە ئايان بولغان بىر ئەمەلىيەت.

ئولتۇراق ئۆي جەھەتتە : تارىخى خاتىرىلەردە دىيىلىشىچە بۇرۇنقى زامانلاردا لوپلۇقلار كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇراتتى. كىيىنچە بىر قەدەر مۇقىمراق ئولتۇرىدىغانلار ياغاچ، سېغىز بار يەرلەر بولسا ياغاچ، شاخ- شۇمبىلارنى ئۆرىسىگە تىزىپ تام قىلىپ ئىچى- تېشىنى سۇۋاپ چاپلىمال ئۆي، بۇخىل ئۆيلەرنىڭ بەزىدە ئىچىنى سۇۋاپ تېشىنى سۇۋىماي يېرىم چاپلىمال ئۆي، ياغاچ جىق بولسا ياغاچلارنى ئۆرىسىگە تىزىپ ياغاچ ئۆي ياساپ ئولتۇراتتى،ياغاچ ئاز بولۇپ بەزى شارائىتلار يار بەرمىسە، گېرەم كولاپ ئولتۇراتتى.

ۋاقىتلىق قىسقا مۇددەت تۇرىدىغانلار : كۆل، دەريا بويلىرىدا بولسا قۇمۇش، يىكەننى ئۆرىسىگە تىزىپ قۇمۇش ساتما ياسايىتتى. ئەگەر كۆل يوق جاڭگاللىق بولسا يۇلغۇن شاخلىرى، توغراق شاخلىرى، چىگە شاخلىرىنى ئۆرىسىگە تىزىپ شاخ ساتما قىلىپ ئولتۇراتتى. لوپنۇردا تۇيۇقسىز سۇ بېسىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولغاچقا بۇنداق ئۆيلەر ئىگىز جايلارنى تاللاپ دۆڭگە سېلىناتتى، ئىگىزراق جاينى تاللاپ ئۆي سېلىش ئادىتى ھازىرمۇ بار.

كىيىن مۇقىم ئولتۇراقلىشىش باشلانغاندىن كىيىن كىشىلەر كېسەك ئۆيلەرنى سالغان.

شاخ- شۇمبا ۋە توپىنى چىڭداپ شەھەر سېپىلى، تۇر،بۇددا مۇنارى، قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سېلىش ھەم چاپلىمال ئۆي سېلىش تېخنىكىسى تارىم ۋادىسىدا ياشىغان خەلقلەرنىڭ بىر كەشپىياتى ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگى ئىدى.

يۇقىردا بىز لوپلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختالدۇق. تۆۋەندە بىز لوپلىقلارنىڭ ئىگلىك شەكلىدە چارۋېچلىقنى ئاساس قىلامدۇ ياكى بېلىقچىلىقنىمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۇزاق مۇددەتلىك ھايات مۇساپىسىدە قايسىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان؟ دېگەن مەسلە ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى: بۇ مەسلىدە بەزىلەر لوپلۇقلار ئىگلىك شەكلىدە بېلىقچىلقنى ئاساس، چارۋېچىلىقنى، ئوۋچىلقنى قوشۇمچە قىلاتتى دەپ قارايدۇ. بۇخىل قاراشنىڭ كېلىش مەنبەسى چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى يازغان بەزى خاتىرىلەر ۋە چەتئەللىك بەزى ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ خاتىرلىرى بولۇپ، بۇ خاتىرىلەر ئاساسەن 19-20-ئەسىرلەردە يەنى يېقىنقى زاماندا يېزىلغان خاتىرىلەردىن ئىبارەت. تارىخى ماتىرىياللارنى يېزىشتا ھەرخىل تارىخى خاتىرىلەر ئىنتايىن مۇھىم ئەلۋەتتە. لېكىن بۇ خاتىرىلەر قايسى نوقتىئىينەزەردە، قايسى مەيداندا تۇرۇپ يېزىلغان. ئۇ ئەمەلىي تەكشۈرۈشكە ئاساسەن يېزىلغانمۇ ياكى ئاڭلىغانلىرىغا قارىتا يېزىلغانمۇ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ ئۇ پۇتكۇل تارىخى تەرەققىياتنى يورۇتۇپ بېرەلەمدۇ يوق دېگەن نۇرغۇن مەسىللەرگە چېتىلغاچقا، ئۇنى مۇكەممەل تارىخ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بەزى تارىخى خاتىرىلەردىن توغرا پايدىلىنىشىمىز، ئۇنى ئەينەن كۆچۈرۈۋالماسلىقىمىز، رىئاللىققا ھۆرمەت قىلىشىمىز، تارىخنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشىمىز لازىم.

شىنجاڭدىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا لوپنۇردا دەريا ۋە كۆللەر بىرقەدەر كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن بېلىق كۆپ بولغان. شۇڭا كىشىلەر يېمەكلىك جەھەتتە بېلىقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش مالمانچلىقى، كەينى-كەينىدىن ئېلىپ بېرىلغان تاجاۋۇزچىلىق، بۇلاڭچىلىقلار لوپلىقلارنىڭ ئىگلىكنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى ئاساسى تېرىكچىلىك مەنبەسىدىن يەنى مال-چارۋېلىرىدىن ئايرىىپ قويغان. بۇنداق چاغلاردا ئۇلار ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۇرگەن. بۇ بىرمەزگىللىك ئىش بولۇپ پۇتكۇل تارىخى جەريانغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، بۇنىڭغا قاراپ ئىگىلىگى بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلاتتى دىگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئەسلىدىنلا چارۋىغا تاينىپ ياشاپ كەلگەچكە يەنىلا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن چارۋېچىلقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بېلىق يېيىش باشقا جايلارغا قارىغاندا بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغاچقا، باشقا جايدىكى كىشىلەر بۇنىڭغا بەكرەك دېققەت قىلغان بولسا كېرەك. بېلىقچىلىق قوساق تويغۇزۇشتىكى مۇھىم بىر قوشۇمچە كەسىپ بولغان. لېكىن ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەممە تۇرمۇش ئىھتىياجىنى قامدىيالمايتتى. شۇڭا ئارخىئولوگ ۋاڭبىن خۇا ئەپەندى دېگەندەك « بېلىقچىلىق كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ تولۇقلىمىسى» بولغان ئىدى.

لوپنۇردىكى نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەر ئاتا-بوۋېلىرىنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ نەچچە ئەۋلاتتىن بىرى چارۋېچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەنلكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرى، بېيت-قوشاقلىرى ۋە رىۋايەت تۇسىنى ئالغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىدە چارۋېچىلقىنىڭ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چەمبەرچەس باغلانغانلىقى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئومۇمەن لوپلىقلارنىڭ ئىگلىكى توغرىسىدىكى مەسلىلەرنى خۇلاسىلىغاندا: تارىخى رىئاللىق، نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى قاتناش ئىشلىرى، يېمەك-ئىچمىكى، ئۆي-بىساتلىرى، ئىشلەپچىقرىش تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە باشقىلار چارۋىچىلىق ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرىدىن كەلگەچكە، چارۋىچىلىق لوپلۇقلارنىڭ مۇھىم تىرىكچىلىك يولى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا، ئىگلىك شەكلىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا، ئىگىلىك شەكلىنى بېكىتىشتە بەزى قىسمەنلىكنى، قىسقا مۇددەتلىك ئىشلارنى پۈتكۈل تارىخى جەريانغا ئارلاشتۇرۇۋەتمەسلىكىمىز لازىم.

تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتە: ئىسلام دىنىي 10-ئەسىردە شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان. 10-ئەسىردىن 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىسلام دىنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاساسەن ئومۇملۇشۇپ بولدى.

شىنجاڭدا ئىسلام دىننىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئەرەپ، پارس تىللىرىدىكى نۇرغۇن ئاتالغۇ ۋە سۆزلەرمۇ ئۇيغۇرتىلىنىڭ تەركىۋىگە سىڭىپ كىرىشكە، تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىنىشقا باشلىدى.

يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن روس، ئىنگىلىس تىلى ۋە باشقا تىللاردىكى بەزى ئاتالغۇلارمۇ تىلىمىزغا كىرىپ ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتا قوللىنىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تەدىرىجى ھالدا ئۇيغۇرتىلىدا يېڭى تەرەققىياتلار بولۇپ، تېخىمۇ بېيىپ ئاخىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى پەيدىن-پەي شەكىلەندى.

لوپنۇر دىيالېكتى جۇغراپىيۋىي مۇھىت جەھەتتىن ئۆزىگە خوشنا باشقا ئۇيغۇر شىۋىلىرىنىڭ قامالىي ئىچىدە تۇرغان بولسىمۇ لېكىن لوپلۇقلار، يۇرتىلىرى ۋەيران بولغاندىن كىيىنكى نەچچە ئەسىرلەر جەريانىدا، ئۆز ئەتراپىدىكى يۇرۇتلار بىلەن ئىنتايىن ئاز ئالاقىدە بولغان بولۇپ، ئاساسەن بىكىك ھالەتتە ياشىغاچقا سىرتنىڭ تەسىرىگە بولۇپمۇ باشقا تىللارنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچىرىدى. ھەتتا ئۆلكە ئازاد بولۇپ 60-يىللارنىڭ ئاخىرغىچىلىكمۇ ساپ لوپنۇر دىيالېكتى ئەينەن ساقلىنىپ كەلدى.

يوقارقىلاردىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى لوپلۇقلار قانداقتۇ يېقىندىلا شەكىللەنگەن، گۆش، ئاشلىق يىيىشنى بىلمەيدىغان، ياۋايى، سىرلىق بولغان باشقا بىرخىل مىللەت بولماستىن بەلكى ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ موھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ ئىشچان، ئەقىللىق ئىنتايىن ئاددى بولغان، ساغلام نورمال كىشىلەردۇر. ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ لوپنۇر زىمىنىدا ياشاپ شانلىق كىروران مەدەنىيىتىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك شەكلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى ھەمدە مەدەنىيەت،تىل جەھەتلەردە باشقا يۇرتلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا روشەن خاسلىققا، ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان لوپلۇقلار مەدەنىيىتىنى ياراتقان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك خەلىقتۇر.

ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا؛ تۇرمۇش ئۆرپ- ئادىتى قىسقا بىر مەزگىلدىلا شەكىللىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى، ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىختا تەدىرىجى شەكىللىنىپ، تەرەققى قىلىپ تەدىرىجى ئومۇملىشىدۇ. ھەمدە دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ دەۋىرگە ماسلاشقانلىرى ئۇزاق مۇددەت ساخلىنىپ داۋاملىشىدۇ ۋە ئومومنىڭ ئورتاق ھەركىتىگە ئايلىنىدۇ، دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلەلمىگەنلىرى ئۈزلۈكسىز شاللىنىپ، تاشلىنىپ تۇرىدۇ . ھەمدە يېڭىلىرى شەكىللىنىپ، تولۇقلۇنۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەپ ماڭىدۇ،بۇ ئىنسانلار جەمئىيتى تەرەققىياتىنىڭ ئاددىي بىر قانۇنىيتى. شۇنداق بولغاچقا لوپلۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك شەكلى تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى جۈملىدىن توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يىتىم، نەزىر- چىراق ئىشلىرىدا، ياشاش ئۇسۇلىدا

لوپلۇقلارغا ئورتاق بولغانلىرىمۇ، پەقەت بەزى جەمەتلەرگە تەئەللۇق بولغانلىرىمۇ، بەزى مەھەللىلەرگە خاس بولغانلىرىمۇ بار ھەر- بىر جەمەت، ئائىلە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا يول تۇتقان. شۇڭا بەزى ئائىلە-جەمەتلەرگىلا تەئەللۇق بولغان، قىسمەنلىكنى ئومۇملۇققا، قىسقا مۇددەتلىك، بىر مەزگىللىك ئىشنى پۈتكۈل تەرەققىيات جەريانىغا، پۇتكۈل تارىخقا ئارلاشتۇرىۋېتىشكە، ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا بولمايدۇ.

بىز ھەقىقەتكە، رىئاللىققا، تارىخى چىنلىققا ھۆرمەت قىلىشىمىز تارىخنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرىشىمىز، تارىخنى، ئەمىلىيەتنى بۇرمىلايدىغان ناچار خاھىشلارغا قارشى تۇرىشىمىز لازىم.

مەن ئوتتۇرغا قويغان لوپلۇقلار ھەققىدىكى بەزى مۇجىمەل كۆزقاراشلار لوپلۇقلار ھەققىدىكى تەتقىقات ئىشلىرىدىكى قىسمەنلىك بولۇپ ئوموملۇققا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، شۇنداقتىمنۇ يولداشلارنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىشى ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويدۇم پايدىلىنىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مەنبە:تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلار توپلىمىدىن