لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمىدىكى ئاھالە توپلىرى توغرىسىدا

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisige Iane Qiling Uyghur Énsiklopédiyisi

لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمىدىكى ئاھالە توپلىرى توغرىسىدا

غالىب بارات ئەرك

لوپلۇقلار تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاياق ئېقىنىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن. ئۇلار ئەنە شۇ «لوپ» رايونىدا ياشىغانلىقتىن «لوپلۇق» دەپ ئاتالغان. لوپلۇقلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ھازىرقى چارقىلىق، لوپنۇر ناھىيەلىرى تەۋەسىنى، كورلا شەھىرى ۋە بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ قىسمەن يەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل مانا مۇشۇ رايونىدا بېكىك ھايات كەچۈرگەنلىكتىن تىل، ئۆرپ– ئادەت، ئېتىقاد ۋە باشقا جەھەتلەردىن مۇئەييەن ئۆزگىچىلىكلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. لوپلۇقلارنىڭ يېزىپ قالدۇرغان تارىخى ياكى مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئەسەرلەر بولمىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، تارىخى ۋە ئادەت– يوسۇنلىرىنى مەقسەت قىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرمۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل پەرەزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان . 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بۇ يەرگە كەلگەن رۇسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى پېرژىۋالىسكىي (1876، 1885)، فىرانسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى گابرېل بونۋالوت (1889)، رۇسىيەلىك تىلشۇناس، دوكتۇر مالوف (1914)، رۇسىيەلىك تاتار تىلشۇناس، دوكتۇر ئەدھەم رېھىموۋىچ تېنىشېف (1956)، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف (1960) ، ئەرـ خوتۇن تىلشۇناسلار ھاشىم تۇردى، مېھراي ياقۇپ (1980) ۋە ئېتنوگىراف ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا (1985)لارنىڭ لوپلۇقلارنىڭ ئارىسىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ، لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمى ۋە تارىخىي جەريانلاردىكى ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا يۈزە مۇلاھىزىلىرىمىزنى كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

لوپلۇقلارنىڭ ئۆز بايانلىرى. ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن مەرھۇم ئېتنوگراف ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا 1985– يىللىرى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە ئېرىشكەن ماتېرىياللىرىنى «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى <قاراقوشۇن>، <قالۇچى>، <جوداق> قاتارلىق ئۈچ ئۇرۇقتىن تارالغان، ئەمما بۇ رىۋايەتلەرنى تا ھازىرغا قەدەر يازما يادىكارلىقلاردا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇرۇنقى زاماندا بۇ يەردە 18 دەريا ۋە ھېسابسىز چوڭ– كىچىك كۆل بولۇپ، دەريالار يىغىلىپ لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىكەن. لوپ كۆلى ئەتراپىدا ئابدال، قاراقوشۇن، قاراكۆل، داغى دېگەن يۇرتلار بولغان ئىكەن. قارامچى ، تۈمەنپۇ دەرياسى بۇ يۇرتلارنىڭ پاسىلى ئىكەن. ئابدال پادىشاھى شىكاردا يۈرگەندە كېنىزەكلىرى بىلەن سەيلە– تاماشا قىلىپ يۈرگەن موڭغۇل پادىشاھىنىڭ قىزى خالۇت مەلىكىنى كۆرۈپ پەرىزاتتىنمۇ چىرايلىق بۇ قىزغا ئاشىق بولۇپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلىۋاپتۇ ۋە ئۆيلىنىپ بالىلىق بوپتۇ. موڭغۇل پادىشاھى قىزىنى ئىزدەپ ئاخىرى ئابدال پادىشاھىنىڭ ئۇنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ، ئىككى پادىشاھ بىر نەچچە يىل ئۇرۇشۇپتۇ. موڭغۇل پادىشاھىنىڭ شاھزادىسىمۇ كۆل- دەريالاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئابداللىقلارغا چېقىلىپ ئارام بەرمەپتۇ. ئابداللىق ئاكا– ئۇكا ئۈچ باتۇر شاھزادىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، بىر كۈنى شاھزادىنىڭ كۆل بويىدا ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كاۋاپ يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ– دە، يىكەنلىك ئىچى بىلەن كېلىپ شاھزادىنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۈچ باتۇر كېلىپ شاھزادىنىڭ ئۈستىدىكى بۆرە ئۈچىكى سالدۇرۇپ كېيىپ باققان ئىكەن، كىيگىنى شۇ زامات يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ؛ يەنە بىرى كىيىپ بېقىپتۇ، ئۇمۇ ئۆلۈپتۇ. ساق قالغان باتۇر دەرغەزەپتە ھېلىقى ئۈچۈكنى ئوتقا تاشلاپتۇ. شامال ئۆرتىلىۋاتقان قۇيقىنى شەھەر تەرەپكە ئۇچۇرتۇپ بارغان ئىكەن، شۇ كۈندىن باشلاپ شەھەردە ۋابا تارقىلىپ كىشىلەر ئۆلگىلى باشلاپتۇ. ئۇنىڭدىن ئۈركىگەن ئەل كېمە – ساللارغا چۈشۈپ يۇقىرىغا (تارىمنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا) قاراپ كۆچۈپتۇ. كۆچكەنلەرگە دەسلەپ ئالماگۆجەك، كېيىك ئاتا– بوسۇق بوۋا، كۆمچەك قۇتقا (ئايال)، كۈنتۇغدى موما، چانجىق ئىنە، ئاپىل ئۇماي، تانىق، كۈچۈكباي، كۈرۈكباي، توقتاسۇن دېگەنلەر باشلامچى بولغانىكەن. ئۇلارنىڭ ھارغان، چارچىغانلىرى دەريا – كۆل بويلىرى، دۆڭ – ئاراللاردىن بىردىن– ئىككىدىن ماكانلىشىپ بېلىق تۇتۇپ يەپ، ئوۋ ئوۋلاپ كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. (ھازىرقى) يېڭىسۇ، ئويمانكۆل، كۆكئالا (كۆكلا)، تىكەنلىك، ئۇلۇغكۆل، تايىزكۆل، چوڭكۆل قاتارلىق جايلارنى شۇلار ماكان تۇتۇپ شۇنداق دەپ ئات قويغان ئىكەن. <چارا> دېگەن يەر شۇ يەردىن بوسۇق بوۋىنىڭ خوتۇنى زوقرا (زۆھرە؟) قۇتقىدىن قالغان <چارا> تېپىلغانلىقتىن <چارا> دەپ ئاتالغان ئىكەن. چارا لىقلار ۋە پۈتۈن قاراقوشۇنلۇقلار ئالما گۆجەك قاتارلىق بوۋىلاردىن تارقالغان، ئۇلار قاراقوشۇندىن كۆچۈپ كەلگەچكە <قاراقوشۇنلۇق> دەپ ئاتالغان . يەنە بىر رىۋايەتتا ئېيتىلىشىچە، ئابدال پادىشاھى قارامچى، تۈمەنپۇ دەرياسىنى بويلاپ 200 چېرىك قويغان. بۇ چېرىكلەرنىڭ كىيىملىرى قارا بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى <قاراقوشۇن> دەپ ئاتىغان. يۇقىرىقىلار گەرچە رىۋايەت بولسىمۇ، لوپلۇقلارنىڭ ياشىغان ئەسلىي ماكانى، كۆچۈش جەريانلىرى ھەم كۆچۈش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرگەن. مۇشۇ رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، لوپلۇقلار باشتا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا، يەنى قاراقوشۇن كۆلى بويلىرىدا ياشىغان، ئەمما يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىشى (رىۋايەتتە ئېيتىلغاندەك) ياكى دەريانىڭ ئېقىن يۆتكىشى، قىسقىرىشى قاتارلىق تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ سۈرۈلگەن. قاراقوشۇن نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا قاراشلار ھەر خىل. قارا قوشۇن نامىنى لوپلۇقلار «قاراقوشۇللۇق» ياكى «قاياقوشۇللۇق» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ھازىرقى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قاراقوشۇن دېگەن نام 1700- يىللارنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن. قاراقوشۇن كۆلى چارقىلىق ناھىيەسى مىرەن بوستانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدا، ئەينى زاماندا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ قويۇلۇش ئورنى بولغان. ئاھالىلەر ئۇنىڭدىن بۇرۇن مۇشۇ كۆلنىڭ شىمالىدىكى «ئابدال» قاتارلىق جايلاردا ياشىغان. «قاراقوشۇن»نى لوپ كۆلى ئەتراپلىرىدىكى بىر شەھەر دېگۈچىلەر بولسىمۇ ئورنى ۋە دەۋرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەنلەر يوق. قارىشىمچە، 1700- يىللارنىڭ باشلىرىدا ھازىر «قاراقوشۇن كۆلى» دېيىلگەن يەرگە تارىم دەرياسى ئېقىپ كەلگەندە يېڭىدىن توغراق بىخلىرى قويۇق ئۆسكەن ۋە «قاراقۇرچىن» دەپ ئاتالغان، قاراقۇرچىن نامى كېيىنچە ئېغىز تىلىدا قاراقوشۇن بولۇپ ئۆزگەرگەن. قاراقوشۇنلۇقلار لوپلۇقلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان، يەنى ئاھالىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. يۇقىرىقى رىۋايەتتە ئېيتىلغاندەك، قاراقوشۇنلۇقلار جەنۇبتىن شىمالغا، يەنى ھازىرقى مىرەن بوستانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قاراقوشۇن كۆلى ئەتراپلىرىدىن تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ كۆچكەن. ئەمما ئېيتماي بولمايدۇكى، قاراقوشۇن كۆلى بويىغا كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن يەنى 1720- يىللىرىدىن بۇرۇن ھازىرقى ئارغان– يېڭىسۇ ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان. 1800- يىللىرىدىن كېيىن دەريا ئېقىنى سۇيىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن ئۇلار تەدرىجىي شىمالغا، يەنى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقۇرى تەرىپىگە قاراپ كۆچكەن، خۇددى رىۋايەتتە ئېيتىلغاندەك يېڭىسۇ ، ئويمانكۆل ، كۆكئالا (كۆكلا)، تىكەنلىك ، ئۇلۇغكۆل ، تايىزكۆل ، چوڭكۆل قاتارلىق جايلارغا قەدەر كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى چوڭكۆلدە ئولتۇرۇشلۇق 99 ياشلىق تاھىر ئىسىملىك كىشى 1956- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى تېنىشېفقا «بىز تۇغۇلماي چاغدا ئاتا بۇۋامىز تەتى چارقلىق ئاياغۇدا مەجى دىگەن يەردە، چارقلۇقتۇن 12 كۆنلۈك نارە بوغان. شۇ يەردىن نېمېدىن قاچىپ، سۇنۇ ياقادىن كېلىپ موشۇ يەرلەردە قالىپ، توختاپ قالغان ئېكەن. بىز تۇغۇلماي چاغدا خوتەندىنمۇ ئەدەم كەلىپ، موشۇ يەردە مەللە بولۇپ توختاپ قالغان. ئانجاللىق زامانىسىدا موشۇ يەردە ئولتۇرۇپ يۇرت بولۇپ قالغان. ئاتقوتاندىكى ھاممېسى ئاياغتىن كېلىپ موشۇ يەردە مەھاللې قۇغان. مەجى قاراشارگە ئوخشاش بېر يورت. ئاتا– بۇبايلار بىزنى تەكتىمىز قاراقوشۇللۇق. بىز لوپتۇق خالقىمىز مونغول تايپە» دېگەن بايانلىرى ناھايىتىمۇ ئېنىق ئۇچۇر يەتكۈزگەن. ئۇلار تۇرۇۋاتقان مەھەللە 1870- يىللىرى يەنە بەدۆلەتنىڭ ئاتالمىش «يەتتە شەھەر دۆلىتى» زامانىدا بارلىققا كەلگەن. شۇ كۈنى مۇشۇ مەھەللىدىكى 76 ياشلىق سېيتاخۇن بەكىمۇ «چارقلۇختۇن كېلگەن ساپ قاراقوشۇللۇق. كوينې جايىمىز موشۇ جايىلاغا چىققان. موشۇ گۈۋەزىسى مونغۇل، گۈۋەزىسى قازاخ (دۈنقوتان). دۈنقوتاللۇق ئەسلى مېشېلىك- چارالىق، تىكەنلىك…» دېگەن. سېيتاخۇن بەكىنىڭ بايانىدا قاراقوشۇنلۇقلارنى موڭغۇللاردىن پەرقلەندۈرگەن. مانا بۇلاردىن قارايدىغان بولساق، لوپلۇقلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان قاراقوشۇنلۇقلار چارقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن شىمالغا سۈرۈلگەن ئاھالىلەردىن ئىبارەت.

قالۇچىلار توغرىسىدا. رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، قالۇچى دېگەن بۇرۇن قاراقوشۇن تەرەپتە ئۆتكەن بىر تائىپىنىڭ ئىسمى. ئابدال تەرەپتە ۋابا تارقالغاندا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تارىم دەرياسىنى ياقىلاپ يۇقىرىغا كۆچكەن، بىر قىسمى پادىشاھنىڭ يېنىدا قالغان. قاراقوشۇن ئەتراپلىرى چۆللەشكەندە، شۇ يەردە قالغانلارمۇ كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن ۋە «قالۇچىلار» دەپ ئاتالغان. يەنە ئېيتىلىشىچە، خالۇتنىڭ بىر نەچچە ئاكىسى بار ئىكەن، ئۇلار خالۇتنىڭ نەۋرە- چەۋرىلىرىنىڭ كۆنچى دەرياسى بويىدا ماكانلاشقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۇغقان يوقلاپ بۇ يەرگە كېلىدىغان بولغان. شۇلاردىن بەزىلىرى بۇ يەردە تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقىنى، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ياخشىلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالغان. كېيىنچە ئۇلار قالۇچىلار ئاتىلىپتۇ، مەنىسى قالغان كىشىلەر ئىكەن، دەپ رىۋايەت قىلىپ «قالۇچۇلار» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرگەن. بۇ نام «قالۇچۇلار»، «قالۇچىلا» دەپ تەلەپپۇز قىلغان. 1956- يىلى 7- ئۆكتەبىردە چارقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېڭىسۇ مەھەللىسىدىكى 159 ياشلىق ئانزاقۇللۇ (ئازناقۇلۇ) دېگەن كىشىنىڭ تېنىشىفقا ئېيتقانلىرى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك. ئانزاقۇللۇ يۇقارقى نامنى شەرھىيلەپ: «قالۇچۇ بىز تۇغۇلماغان، باۋالار غاختىدا ئىكەن. تەختى ئۆزى ئەنجاللىقتىن كېلگەن؛ تۇرپان، گۇچۇڭ، قاراخوجا، پىچان، توخسۇن– شۇ يەردىن كەلگەن ئادەملەر ئىكەن. قاراكۆل – بىر چوڭ كۆل، چىبىللىك نى كۈنچىققان تەرەپىدە. قاراكۆلدە كۆپ قالۇن بوغان. تېرىسى قىيمەتلىك، مۈشۈكتىن سەل تولۇراق بولادىكەن. ئۇنى تۇتۇۋالغانغا قالۇچۇ دېيدو» . يۇقىرىقى باياندىن كۆرۈپ تۇرۇپتۇكى، قالۇچىلارغا ئىككى خىل تەبىر بېرىلگەن. بۇنىڭ بىرى قالغۇچىلار بولۇپ، باشقا يۇرتتىن بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلار، يەنى موڭغۇللارغا مۇناسىۋەتلىك دېيىلگەن بولسىمۇ پاكىت ئاسىسى كەمچىل. يۇقىرىدا كۆرگەن ئانزاقۇلۇنىڭ بايانىدىكىدەك تۇرپان، گۇچۇڭ، قاراخوجا، پىچان، توخسۇن قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ قالغانلارنىمۇ كۆرسىتىش مۇمكىن. يەنە بىرى تۇرپان، پىچان، توقسۇن ۋە باشقا يەرلەردىن كەلگەن بولسىمۇ «قالۇن» تۇتىدىغانلىقى سەۋەبىدىن «قالۇنچۇ» ئاتىلىپ، تەدرىجىي ن تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ قالۇچۇ ~ قالۇچى ئاتالغان دېگەن تەبىر توغرا. لوپلۇقلار ئېيتقان قالۇن ئەمەلىيەتتە تۇرپانلىقلار ئېيتقان «قاما» نى كۆرسىتىدۇ. لۇغەتتە، «قالۇن. ئىسىم ‹زوئولوگىيە› قۇندۇز. م: قالۇننۇ تېرىسى» ، دېيىلگەن. قۇندۇز سۆزلىمى باشقا لۇغەتلەردە 海狸، 河獭،水獭 دېيىلگەن. قالۇن بىلەن قۇندۇز ئەمەلىيەتتە بىر تۈرگە كىرىدىغان ئايرىم– ئايرىم جانلىق بولۇپ چىقىدۇ. قالۇن سۇدا ياشايدىغان، لوپ رايونىدىن ئالغاندا قاراكۆلدە كۆپرەك جانلىق. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇسقۇي «شىپالىق تائاملار دەستۇرى» دا ”قاما“نىڭ رەسىمى ۋە ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى، تېرىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كۆرسەتكەن. 1457- يىلى ياغاچ ئويما مەتبەئەدە بېسىلغان خەنزۇچە نەشرىدە ”قاما“ 獭دەپ يېزىلغان ھەمدە رەسىمى بېرىلگەن. مەريەم ساقىم ئەسەرنى ياپون تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا ”قاما“ (سۆسەر) دەپ ئالغان. «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» تە 水獭皮 قما (قاما) ، 水獭 دېگەن تەڭداشلىق بېرىلگەن. 1736- ~ 1795- يىللىرى نامەلۇم ئاپتور يازغان «غەربىي يۇرتنىڭ جۇغراپىيەسىدىن خەرىتىلىك بايان» ناملىق كىتابتا لوپلۇقلارنى «ئېرىشكەن قالۇن (水獭) ۋە يىڭنابېلىق (海龙) تېرىسىنى رەختكە تېگىشىپ كىيىم قىلىپ كىيىدۇ» ، دېيىلگەن. 1803- يىلى ئەتراپىدا چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەردە لوپلۇقلارنىڭ تۆت ~ بەش يۈز ئائىلىلىكتىن ئاھالە بار ئىككى مەھەللىسى بارلىقى، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلمايدىغانلىقى، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن كۈن ئالىدىغانلىقىنى يېزىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ 水獭 تېرىسىدىن 9 پارچە ئولپان تۆلەيدىغانلىقى، تۇرپاندىن بارغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر يەرگە گۈلخان ياقسا ئۇلارنىڭ كېمىلىك بېرىپ تېرىلەرنى تاپشۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رۇسىيەلىك باشقىرت ئالىمى نىكولاي فېدىروۋىچ كاتانوف تۇرپاندا تەكشۈرۈشتە بولغان ۋاقتىدا، «قالۇن» («قاما» دېيىلگەن) نى تۇتۇش جەريانى ۋە ئولپان تاپشۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ئىگىلىگەنلىرىنى يازغان. دېمەك، «قالۇن» تۇتقۇچى «قالۇنچۇ» دەپ ئاتالغان، يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، «قالۇچى» ھەرگىزمۇ باشقا مىللەت كىشىسى بولماستىن، ئۇيغۇرلار جۈملىدىن لوپلۇقلار ۋە تۇرپان، پىچانلىقلاردىن ئىبارەت.

جوداقلار (جوداقتار) توغرىسىدا. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، جوداق دېگەنلەر قۇرۇق تاغدا ياشايدىغان بىر تائىپىنىڭ ئىسمى. ئۇلار جوغا (بۇددا مەبۇدى) تېۋىنغان. ئۇلار تۇرىدىغان جايلار چۆللىشىپ، خەلقى ھەر تەرەپكە تاراپ كەتكەندە، شۇ چاغدا چارا ئەتراپىغا ئۈچ جوداق بالىسى كېلىپ قالغانىكەن، چارالىقلار بالىلارنى بېقىۋالغان. ئۇلار چوڭ بولۇپ ئۆيلىنىپ بالىلىق بولغان. ھازىر جوداق دېيىلگەنلەر شۇلارنىڭ ئەۋلادى . ھاشىم تۇردى ۋە مېھرىئاي ياقۇپلار 1980- يىلى ئىگەللىشىچە، خالۇت مەلىكە تۈبۈتكە كېتىۋاتقاندا ئابدال ئېلىدىكىلەر بۇلاپ كېتىپ، توي قىلىپ ئىككى ئوغۇللۇق بوپتۇ، ئىككى تەرەپ شۇندىلا ئۇرۇشمايدىغان بوپتۇ. خالۇت ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرە – چەۋرىلىرى كۆنچى دەريا بويىغا كېلىپ ماكانلىشىپتۇ. ئۇلار جوداقتار دەپ ئاتىلىپتۇ، مەنىسى جەنۇبقا ماڭغانلار ئىكەن. مانا بۇ نام خالۇتنىڭ تۈبۈت سەپىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

لوپلۇقلارنىڭ لېكسىكىسىدىن قارىغاندا، dzu (جۇ) جەنۇب دېگەن مەنىدە، شۇڭلاشقا «جوداقتار ~ جۇداقتار» دېگەن نامنى جەنۇب تەرەپتىن كەلگەنلەر، دەپ چۈشەندۈرگۈچىلەر بار. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي «تەزكىرەئىي ئەزىزان» ناملىق ئەسىرىدە خوجا ئافاقنىڭ ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىل تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، «خاجە ئافاق خاجەمدىنگىم، ئىسمايىلخان كاشغەردىن ھايداپ چىقارغاندا، خىراج قىلىب شەھەر، بىشەھەر يۈرۈپ، كەشمىر بىلەن ئۆزلەرى چىن مەملىكەتىگە چۈشتى. ئاندىن جۇ دېگەن يۇرتقا بارىپ، بۇتخانەگە تۈشتى» ، دەپ يازغان. 1817- يىلى يېزىلغان يۇقىرىقى بايانلار ئافاق خوجانى تۈبۈت ئاستانىسى لخاساغا بېرىپ، دالاي لاماغا باش قويۇپ، ياركەنت خاندانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىل خان ئۈستىدىن داتلاپ، كاشغەر قاتارلىق يۇرتنىڭ پادىشاھلىقىنى ئىسمايىل خان تارتىۋېلىپ يۇرتۇمدىن قوغلاپ چىقاردى، دەپ ئەرز قىلغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. دالاي لاما شۇ ۋاقىتتا جۇڭغارلارنىڭ خانىغا قارىتىپ خەت يېزىپ خوجا ئافاقنىڭ پادىشاھلىقىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇزۇندىن بۇيان ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى پىلانلاپ كەلگەن جۇڭغار پادىشاھى غالدان بۇشېقتۇخان 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنى بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ئافاق خوجا تەرەپدارلىرى ئىچىدىن ماسلاشقان. كاشغەر خانى باباق سۇلتانغا ئوق تېگىپ شېھىد بولغان. ئىسمايىل خان ئەسىر ئېلىنىپ ئىلىغا ئائىلە– تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ۋەقەلەر 1678- يىلى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ياركەنت خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، جۇڭغارلارغا قارام بولغان خوجىلار قورچاق خانلىقى تارىخى باشلانغان. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ كاشغەرنىڭ ھاكىمبېگى ئوسمان بەگنىڭ خوتۇنىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن 1768-~ 1769- يىللىرى يازغان «تەزكىرەئىي خاجەگان» ناملىق ئەسىرىدە ئافاق خوجانىڭ كاشغەردىن قوغلانغان كېيىن كەشمىرگە بارغانلىقى، ئاندىن ju ئىبادەتخانىسىغا بارغانلىقى كۆرسىتىلگەن . مانا مۇشۇلاردىن قارىغاندا، جۇ دېيىلگىنى ھازىرقى لىخاسا شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئەينى زاماندا لوپلۇقلارمۇ تۈبۈت ئاستانىسىنى باشقا جايدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش «جۇ» دەپ ئاتىغان. مانا بۇلاردىن قارىغاندا، سانى ئازراقلا بولغان «جوداقتار» ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ لخاساغا تەرەپتىن كەلگەن ياكى شۇ تەرەپكە ماڭغانلاردىن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ياقا يۇرتلۇقلار، توغرىسى ياتلارنى كۆسەتكەن، بەلكىم سودا ئىشلىرى بىلەن شۇ تەرەپلەرگە بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇشىمۇ مۇمكىن.

موڭغۇللار توغرىسىدا. 1956- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى چارا مەھەللىسىدىكى 117 ياشلىق ساتىۋالدى تېنىشېفقا مۇنداق دېگەن: «بىرىنچى ئاتامىز مۆڭگۆن– قالماق، ئىككىنچى ئاتامىز– تۇردۇمېت (ئاغازمېت، نىيازمېت)، ئۈچۈنچۈ ئاتامىز توختوسۇن، تۆتۈنچۈ– تېلىۋالدى، بىززى توققان. ھەممىسى چارېدې ئۆتكەن، ئۆي سالىپ. ئۇرۇغۇمىز ياللا. ياختى قارايدى– چارايدىكى ئايتۋەرگەن باۋايلار. چارخلۇقتا تۈپ قاراقوشۇن بىر شەر ۋار. ئاتا– ئانام چەچەك چىقىۋاتىۋياتقاندا مەن تاشتاپ كەتكەن. بالاسىغا چەچەك چىقسا ، ئاتا– ئانالىرى تاشتاپ كەتىپ قالىپ لوب ئىچىگە ئولتۇرغان. قاراقوشۇللۇق- بىر، ياللا- ئىككى، جۇداقتار ئۈچ، قالۇچۇلار– تۆت، قۇندۇزدارـ بەش؛ بۆلۆك– بۆلۆك ئايماق ئاتايمىز. نى ئۈچۈن ئاتانغان، لاقام توقتوغان– ئانۇ ئۇقمايدىغانمىز. دۈن– قوتان– قۇچار چۆللىرىدىن كېلىپ جايلاشقان، بۇۋايلار دېيدۇ. لوب كۆلۈنە بارغان: ئۇچۇ قىرىغى يوق، شونداق چوڭ كۆل ئېكەن، قاراۋورۇن دېيدو. لەنتايان يۈرۈگەن: قاراۋورۇن ئىچى بىلەن قىزمەت قىلىشىپ، ئايدىڭ تۆرە كېلىپ، ئەسرا بولۇشماپتىبىز. چارادې ياللا كۆپ، قۇندۇزدار ئۈچ ئۆيلۈك– تۆت ئۆيلۈك، قالۇچۇمۇ با- ئۈچ ئۆيلۈك– تۆت ئۆيلۈك. قۇندۇزداردىن، جۇداقتىن تۈگەپ كەتتى. قالۇچۇدىن ئاتاكېلدى بار، ئاتاكېلدىنىڭ ئوغلۇ بۇۋاق نىياز. جۇداقتاردىڭ، قۇندۇزداردىڭ ئۇرۇغۇ دا قالماغان» . مانا بۇلاردىن قارايدىغان بولساق ساتىۋالدى قاتارلىق قىسمەن كىشىلەر ئۆزلىرىنى موڭغۇل دېيىشىمۇ بىر خىل مەۋھۇم بولغان مىللەت كىملىكىدىن ئىبارەت.

1980– يىلى لوپ رايوندا يېرىم يىل تەكشۈرۈشتە بولغان ھاشىم تۇردى ۋە مېھرىئاي ياقۇپلار «قالماقتار» نىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئىلىدىكى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى چۈلۈم قۇلۇ بىلەن باغلانغان مۇنداق رىۋايەتنى خاتىرىلىگەن: ئىككى موڭغۇل بىر بالىنى ئېلىپ ئىلىدىن لوپ رايونىغا قېچىپ كەلگەن. تۇرمۇشنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن بۇ بالىنى گۆلمۆگە تېگىشىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئوغۇل چۈلۈم قۇلۇ ئىكەن. ئۇ لوپ رايونىدا چوڭ بولۇپ خوتۇن ئېلىپ ئۆيلۈك بوپتۇ، ئوغۇللۇق بولۇپ ئىسمىنى ئەلى قۇلۇ دەپ ئاتاپتۇ. قالماقتار شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەن.

لوپلۇقلارنىڭ «قالماقتار» دېگىنى ئەدەبىي تىلىمىزدىكى «قالماقلار» دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. «قالماق» ئاتالغۇسى تاكى 1950- يىلىغىچە كەڭ قوللىنىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر «قالماق» دېگەن بۇ ئاتالغۇ موڭغۇللارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايمىز، يېقىن زامان تارىخىمىزدىن ئالغاندا، جۇڭغارلار بولۇپمۇ جوراس قەبىلىسىنىڭ نامى بولغان. كۈنىمىزدە رۇسىيەدە «قالماقىستان» جۇمھۇرىيىتىمۇ بار. «قالماق» دېگەن بۇ نامنى ئەڭ دەسلەپ 1398– يىلىدىكى ئىبن ئەل ۋاردىنىڭ كىتابىدا كۆرۈلگەن دېگۈچىلەرمۇ، 1419– يىلىدىكى شاھرۇھ ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا سەپەر خاتىرىسىدە كۆرۈلگەن دېگۈچىلەرمۇ، 15– ئەسىردىن بۇرۇن كۆرۈلمىگەن دېگۈچىلەرمۇ بار . يەنە بەزى قاراشلاردا تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىغا كىرگەندە بىر قىسىم كىشىلەر ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئىكەن، شۇڭا ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بۇ كىشىلەرنى «قالغانلار» دېگەن مەنىدە «قالماقتار» دەپ دەپ تەبىرلىگۈچىلەرمۇ بار. تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىدا تەڭرىتاغ بويلىرىدا ياشىغان موڭغۇللارنىڭ كۆپ قىسىمى ۋە شۇ چاغقىچە ئىسلامغا كىرمىگەن ئۇيغۇرلار دىنىي ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇللارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. شۇنىمۇ ئىزاھلاش زۆرۈركى، تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىدا ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئاھالىنىڭ ھەممىسىلا موڭغۇل بولمىغىنىدەك (ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى دائىرىسىدىكى شۇ چاغقىچە مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ دەۋردە ئىسلامغا كىرگەن)، شۇ چاغدىكى «قالماق» نامىنى موڭغۇللارنى كۆرسىتىدىغان خاس ئىسىم دېيىشكە بولمايدۇ. «قالماقتار» دېگەن ئاتالغۇنىڭ تۇغلۇق تۆمۈر زامانىدا سانى ئاز بولغان، دىنىي ئىسلامنى قوبۇل قىلماي پىنھانلاردا يۈرگەن ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنى كۆرسەتكەن بولۇپ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلمىغان. بۇ نامنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭرەك قوللىنىلىشى ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ 1771– يىلى رۇسىيەنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىن كەلگەندىن كېيىنكى ئىش. «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»تە بۈگۈنكى كۈندە «ئويرات» دەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتقان «厄鲁特» «قىلماق» (قالماق) دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مۇشۇ لۇغەتتە 蒙古 سۆزلىمى «قالماق» ھەم «موڭغۇل» دەپ ئىككى خىل ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن بىر قانچە يۈز يىل بۇرۇن، يەنى 15– ئەسىرلەردە تۈزۈلگەن «مۇسۇلمان مەھكىمىسىنىڭ سۆزلۈكى» دە «مغول 卯斡勒 鞑靼» دەپ يېزىلغان. مۇشۇ ئۇچۇر ۋە باشقا ماتېرىياللارغا قارىغاندا، موڭغۇللار شۇ زاماندا «موغۇل» دېيىلگەن. ئويرات موڭغۇللىرى رۇسىيەدىن كەلگەندە، بىر قىسمى يۇلتۇز يايلىقىغا ئورۇنلىشىپ چارۋىچىلىق قىلغان. ھازىرقى خوشۇت ۋە باغراش ناھىيەلىرى لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مانا بۇلاردىن قارىغاندا، قايتىپ كەلگەن جۇڭغارلار بىلەن لوپلۇقلار ئارىسىدا ياخشى مۇناسىۋەتلەر بولغان، لوپلۇقلارمۇ قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ بېشىنى سىلىغان. لوپلۇقلار ئارىسىدا بېقىلغانلار تەبىئىيلا لوپلۇقچە مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ يېتىلگەن. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ بالىلىرى ئەمىر قەمىرىددىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، پەقەت خىزىر خوجا دېگەن بىرىلا ھايات قالغان. تارىخ كىتابلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ چۇلۇم قۇلى ئاتلىق ئوغلى بولغانلىقى ھەققىدە خاتىرە يوق.

ھاشىم تۇردى، مېھرىئاي ياقۇپلار لوپ رايونىدا تەكشۈرۈش داۋامىدا قالماقتار، جوداقتار، قالۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 500 كىشى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان . يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، قالۇچىلارمۇ موڭغۇل ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى دەۋېلىشى خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. موڭغۇللارنىڭ لوپلۇقلار رايونىغا كېلىپ يەرلىشىپ قېلىشى پەقەت 1771- يىلى جۇڭغارلارنىڭ رۇسىيەدىن كېلىشىدىن كېيىنكى ئىش ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە، لوپلۇقلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ نورمال ئالاقىلىرى 1800- يىللاردىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بولغاندا، لوپلۇقلار بېقىۋالغان ئىككى موڭغۇل بالىسى لوپلۇقلار ئارىسىدا ئۆيلۈك بولۇپ 200 يىلدا ئاۋۇپ 200 دىن ئاشقان، خالاس. ئۇلار لوپلۇقلارغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ۋە مىللەت كىملىكى جەھەتتىن ئاۋام ئارىسىدا بەزى ئۇچۇرلارپ ئارىلىشىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، جۈملىدىن خەلق ئارىسىدا رىۋايەتلەرمۇ ئورتاقلىشىپ كەتكەن، ئەسلىدىن موڭغۇل ئەجدادلىق بولغانلارنىڭ بايانلىرى باشقىلارنىڭ ئېڭىغىمۇ سىڭىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. لوپنۇر دىيالېكىتىدا موڭغۇل تىلىنىڭ لېكسىكا جەھەتتىن قىسمەن تەسىرلىرى كۆرۈلگەن بولسمۇ، گىرامماتىكا جەھەتتىن تەسىرى سېزىلگىنى يوق. ناۋادا لوپلۇقلار موڭغۇل نەسىللىك ئاھالىلەر بولسا تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكتى بولماستىن كۆپ بولغاندا ئارىلاشما تىلغا ئايلانغان بولاتتى. لوپ رايونىدىكى نەچچە يۈز يەر نامى ئىچىدە موڭغۇل تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى پەقەت 20 ~ 30 چە چىقىدۇ. لوپلۇقلارنىڭ كىشى ئىسىملىرى تۈركىي ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكى مەلۇم. مانا مۇشۇلاردىن قارىغاندا، لوپلۇقلار ئەسلىدىن موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى بولماستىن ئۇيغۇر ئەۋلادى، لېكىن ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا موڭغۇل نەسەبلىك، تۈبۈت نەسەبلىك ئازراق ئاھالە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.

قىرغىززار. لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسى بىلەن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ سوخۇ يېزىسىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەيدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسمى ناسىرۋاي، بوۋا ھاجى قاتارلىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بىر قىسمى پاسار شاڭيۇ، ئابلابەگ ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىرىنچى بولۇپ لوپ رايونىغا كەلگەن قىرغىز كىشىنىڭ ئىسمى دۈرۈلگە بولۇپ قەشقەر تەرەپتىن كەلگەنمىش.

ھاشىم تۇردى ۋە مېھرىئاي ياقۇپلارنىڭ 1980– يىلىدىكى تەكشۈرۈشىدە، ئۆزىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىغانلارنىڭ 250 كىشى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئەجدادىنىڭ دۈرۈلگە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. لوپلۇقلار تىلىدىكى «قىرغىززار» ئەدەبىي تىلىمىزدىكى قىرغىزلار بىلەن ئوخشاش. قىرغىززاردىكى «زار» كۆپلۈك قوشۇمچىسى. لوپلۇقلار ئارىسىدا «قىرغىززار» دېگەن توپنىڭ بارلىقى، لوپلۇقلار كىيىدىغان چەكمەن قالپاق بىلەن قىرغىزلارنىڭ قالپىقىنىڭ ئوخشىشىدىغانلىقىغا قاراپ، لوپلۇقلار قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دېگەندەك پەرەز قىلغۇچىلار بولدى. قىرغىزلار مىلادىيەنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ يېنسەي دەرياسى بويىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئەينى زاماندىكى خەنزۇچە يازمىلاردا 坚昆 دەپ خاتىرىلەنگەن ھەمدە شەرقىي ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ياشىغان. 840– يىلى تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن ئاجىزلاشقان ئورقۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىرى كۈلۈگ باغا تەرەپدارلىرىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشى بىلەن ناھايىتى تېزلا خاندانلىق قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ كۈلى كۆككە سورۇلغان. مەغلۇب بولغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرەپ– تەرەپكە قېچىپ كېتىشكەن، پەقەت بىر بۆلۈكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرى تامان كۆچۈپ، ھازىرقى ش ئۇ ئا ر دائىرىسىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن. ئورقۇن ۋادىسىدىن ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ چىقارغان قىرغىزلار يېنسەي دەريا ۋادىسىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. 13– ئەسىردە موڭغۇللار قەد كۆتۈرگەندىن كېيىن، موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ پۇقراسىغا ئايلانغان. 17– ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسى يېنسەي ۋادىلىرىغا تاجاۋۇز قىلغاندا ئۇلار ئۇزۇن زامان ياشىغان ماكانىنى تاشلاپ كۆچۈپ ئالتاي تېغىدىن ھالقىپ ئىسسىق كۆل، تالاس بويلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىنرەك يەنىلا چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پۇقراسىغا ئايلانغان. قىرغىزلار چاررۇسىيەنىڭ پۇقراسىغا ئايلانغاندىن كېيىن ئاز بىر قىسىملىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ھازىرقى ش ئۇ ئا ر دائىرىسىگىمۇ كېلىشكە باشلىغان. مەسىلەن: باسمىچىلارنىڭ تەسىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاچارچىلىق، 1930– يىللاردىكى باستۇرۇش. ئۇنداقتا، تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى بۇ خىلۋەت ماكاندا «قىرغىززار» دەيدىغان، 1980– يىلى سانى ئاران 250 كە يېتىدىغان بۇ كىشىلەر قانداقچە، قاچان پەيدا بولۇپ قالغان؟ مېنىڭچە، «قىرغىززار» 19– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاندىن لوپ ۋادىسىغا كەلگەن. ئەمما يۇقىرىقى ئەمەلىيەت لوپلۇقلارنىڭ قىرغىز ئەۋلادى بولۇش ئېھتىمالىنى يوققا چىقىرىدۇ. قىرغىزلار ھازىرقى قىرغىزىستان دائىرىسىگە يېنسەي ۋادىسىدىن كۆچكەندە لوپلۇقلار لوپ رايونىدا ياشاۋاتقان ئىدى. قىرغىز قالپىقى بىلەن لوپلۇقلارنىڭ چەكمەن قالپىقىدا مەلۇم ئوخشاشلىقمۇ، پەرقمۇ مەۋجۇد. ھازىر سەھنە ئەسەرلىرىدىكى چەكمەن قالپاقنى لوپلۇقلارنىڭ ئاساسىي باش كىيىم، بەلگىسى قىلىۋېلىش مۇۋاپىق بولمىغان. چەكمەن قالپاقنى باشقا يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ كىيىدۇ، ئەسلىدىن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كىيىملىرىدە زادى كىم كىمدىن ئۆگەنگەن دېگەن مەسىلىدە جاۋاب ھازىرلاش قىيىن. ئېيتىش كېرەككى، كىيىدىغان قالپىقىغا قاراپ ياكى بىر قانچە ئون ئۆيلۈك ئاھالىنىڭ ئۆزلىرىنى قىرغىز دېگىنىگە ئاساسەن ئون مىڭدىن ئوشۇق ئاھالىنى قىرغىز دېيىش تارىخ ئەمەلىيىتىگە ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىمەنە يەكۈندىن ئىبارەت. يۇقىرىدا كۆرگەن رىۋايەتتىمۇ قىرغىزلارنىڭ قەشقەردىن كەلگەن بىر قانچە ئۆيلۈك كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. مۆھتەرەم تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ھۆكۈم قىلغىنىدەك، لوپلۇقلارنىڭ تىلى قىرغىز تىلى ئەمەس، گەرچە قىرغىز تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالېكتى ئوخشاشلا تۈركىي تىل بولسىمۇ، ئىككى تىلنىڭ لېكسىكا ۋە گرامماتىكا قىسمىدا خېلى چوڭ پەرقلەر مەۋجۇد.

يانلار. يانلار يەنى يان تەرەپتىن كەلگەنلەر. بۇلار قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، قۇمۇللاردىن لوپ رايونىغا كېلىپ دىن تەشۋىقاتى ياكى سودىگەرچىلىك قىلغان ياكى تۇرۇپ قالغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئالدىنقى تۆت توپ (قالماقتار، جۇداقتار، قالۇچىلار، قىرغىززار) دىن كۆپ، ئەمما قاراقوشۇنلۇقلارچىلىك كۆپ ئەمەس. بۇ ھەقتە 1956- يىلى 7- ئۆكتەبىردە يېڭىسۇ مەھەللىسىدىكى 159 ياشلىق ئانزاقۇللۇنىڭ تېنىشىفقا «قۇدۇقنىڭ ئوتتۇرۇسىدا – چىبىللىك، چىبىللىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاراكۆل. تۈمەنپو قاراكۆلگە قويۇلۇدو. ئارغاندىن بېرى، ياڭىسۇدىن نارى. لوپ كۆلۈ قاراۋاي نىڭ ئۈستۈن يانى. ساقالۇ قارامايدى. شۇنۇڭ گوي ئىزە يانلا، ياللا جاماتى دېيدىكەن. ياللا قارىمايدىكەن، تۇشى تۈشمەيدىكەن، ساقالۇ ئاقارمايدىكەن. ياللا ئۈستىن تەرەپتىن، قاراشار، كۇچار تەرەپتىنمۇ كەلگەنلەر ئىكەن. قاراۋايدا قۇ، غاز تۈشەدىكەن. قۇنى تۇكۇنى يۇلۇپ ئۈستىگە جۇغا قىپ كىيەدىكەن. شۇنداق قۇچۇللۇق دېيدىكەن. ئۇلا ياللانى جامائاتىكەن» . يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، لوپلۇقلار قاراقوشۇنلۇقلار، قالماقلار، قىرغىزلار، جوداقلار، يانلار، قالۇچىلار قاتارلىق بىر قانچە توپلار ۋە جەمەتلەردىن تەركىب تاپقان، ئەمما قاراقوشۇنلۇقلاردىن باشقىلارنى جەمەتلەر دەپ قاراش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىقى ئىنسان توپلىرىنىڭ نوپۇسىنى ھاشىم تۇردى ۋە مېھرىئاي ياقۇپلار ئېنىقلاپ چىققان. مەيلى قانداق بولمىسۇن، لوپلۇقلارنىڭ تەركىبىدە موڭغۇل ۋە قىرغىزلاردىن ئاز ساندىكى ئاھالىلەرنىڭمۇ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتماي بولمايدۇ. بەزى كىشىلەر ئەنە شۇنى سانى ناھايىتى چەكلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى موڭغۇل ياكى قىرغىز دەپ ئاتىشى پۈتۈن لوپلۇقلارنىڭ، موڭغۇل ياكى قىرغىز ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. 1980– يىلى لوپلۇقلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنى موڭغۇل (جوداقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە قىرغىز دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ نەچچە يۈز كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم، ئۇلار لوپلۇقلارنىڭ نوپۇسى ئىچىدە ئاز نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. ھازىرقى ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، قاراقوشۇنلۇقلار لوپلۇقلار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان. چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاراقوشۇنلۇق ۋە قاراكۆللۈكلەرنى ئىككى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشى تۈپتىن خاتا بولغان، ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا لوپلۇقلار ئارىسىدا قەبىلە بولمىغان. قاراقوشۇن ۋە قاراكۆل تارىم دەرياسىنىڭ ئايىغىدىكى كۆللەرنىڭ نامىدىن ئىبارەت. يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، قاراقوشۇن ھازىرقى مىرەن بوستانلىقىنىڭ 20 نەچچە كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدىكى كۆلنىڭ نامى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشىغانلار «قاراقوشۇنلۇقلار» دەپ ئاتالغاندىن سىرت، يەنە ئابدال مەھەللىسىدە ياشىغانلار «ئابداللار» دەپ ئاتالغان. «قاراكۆل» دۆلەت تاشيولى 218– لىنىيەسىدىكى ئارغاندىن يېڭىسۇغىچە بولغان ئارىلىقتا، يېڭىسۇغا يېقىنراق بولغان كۆللەردىن بىرىنىڭ نامى، مۇشۇ كۆل ئەتراپىدا ياشىغانلار «قاراكۆللۈكلەر» دەپ ئاتالغان ئەھۋاللار تاكى يېقىنغىچە داۋام قىلغان ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ قوللىنىلغان. مەسىلەن: ئىسلام قاراكۆل، ئوغۇلخان قاراكۆل… دېگەنگە ئوخشاش. لوپلۇقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى قاراقوشۇنلۇقلار بولۇپ ھەر خىل تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ كۆچكەن. قاراقوشۇن ۋە قاراكۆل 18– ئەسىرلەردىن باشلاپ كۆلنىڭ، شۇنداقلا كۆلنى بەلگە قىلغان يەر ناملىرىدىن ئىبارەت، شۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى كەڭ دائىرىدە «لوپلۇق» دەپ ئاتىسا، تار دائىرىدە قاراقوشۇنلۇق، قاراكۆللۈك، يېڭىسۇلۇق، لايسۇلۇق، چارالىق… دېگەندەك ئاتاپ كەلگەن. بۇ تەرىپى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى لوپنۇرلۇق، قۇمۇللۇق، چارقىلىقلىق، كورلىلىق دېگىنىگە ئوخشاش، بۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇغىلى بولمىغىنىدەك، قاراقوشۇنلۇقلار ۋە قاراكۆللۈكلەرنىمۇ ئايرىم قەبىلە سۈپىتىدە تونۇش سەھۋەنلىكتۇر.

1876– يىلى لوپ رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان پېرژىۋالىسكىي: «بىز ئاڭلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تارىم دەرياسى ئەتراپلىرىدىكى ھازىرقى ئاھالىلەر ئەسلىدە لوپ كۆلى بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. تەخمىنەن يۈز يىللار بۇرۇن بېلىقنىڭ ئازلاپ كېتىشى ۋە تۇرغۇت موڭغۇللىرىنىڭ تاجاۋۇزى سەۋەبىدىن ئۇلار تارىم دەرياسى بويىغا كۆچۈپ كەلگەن. تارىم دەرياسى بويىدا شۇنىڭدىن بۇرۇن ئاھالە بار- يوقلۇقىنى ھازىرچە تەھقىقلەشكە بولمىدى، بىراق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، لوپ كۆلى بويىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن قېچىپ كەلگەنلەر ۋە سۈرگۈنلەر بىلەن ئۆي– ئوچاقلىق بولغانلىقتىن تارىم دەرياسى ئەتراپىدىكىلەر شالغۇتلاشقان. تارىم دەرياسى بويىدىكىلەرنىڭ ئەسلىدە ئارىيان (ياۋروپا) ئىرقىغا تەۋەلىكىدە شۈبھە يوق، ئەمما ھازىرقى تۇرۇقىدىن ئۇلارنىڭ شالغۇتلاشقان ئالاھىدىلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بەزىلەرنىڭ تۇرۇقى سارتلار (ئۆزبېك) غا، قىرغىزلارغا ھەتتا تاڭغۇت (زاڭزۇ) لارغا ئوخشايدۇ. يەنە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرقى ساپ ياۋروپالىقلارغا ئوخشىسا، يەنە بەزى كىشىلەر ھەقىقەتەن تىپىك موڭغۇللارغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردىكىلەرنىڭ يۈز ئۆڭى كۆركەم ئەمەس، كۆكرەك مۇسكۇلى تەرەققىي قىلمىغان، تېنى ئاجىز. ئەرلەر ئوتتۇرا بوي، خوتۇن – قىزلىرى پاكارراق…» ، دەپ يازغان. پېرژىۋالىسكىينىڭ بايانلىرى لوپلۇقلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى بىلەن ئۆز كۆزىتىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. لوپلۇقلارنىڭ قاراقوشۇن كۆلى بويىدىن كۆچكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ھازىر ئومۇمىي قاراشقا ئايلانماقتا، بۇ تەرىپى تىل نۇقتىسىدىنمۇ ئىسپاتلاندى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن قاراقوشۇن كۆلى ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

1885– يىلى لوپ رايونىغا قايتا كەلگەن پېرژىۋالىسكىي «لوپ كۆلى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكىلەرنىڭ تۇرۇقىنى سېلىشتۇرسا، ئۇلارنىڭ سىياقىدا چوڭ پەرقلەر بار ئىكەن. بىراق ئومۇمەن ئالغاندا، موڭغۇل قېنى ئارىلاشقان تۈركىي سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىپى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ. موڭغۇللار سىياقىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى مەڭىز سۆڭىكى بۈرتۈپ چىققان، ساقىلى شالاڭ كېلىدۇ. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئوتتۇرا بويدىن سەل پاكارراق، ئېگىز بويلۇقلىرى ئازراق. تەن قۇرۇلۇشىنى ئىسكەتلىك دېگىلى بولمايدۇ، بىراق بىلىكى كۈچلۈك، بۇ بەلكىم دائىم كېمە تايىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇلارنىڭ تېرىسى ئاقۇچ ياكى سارغۇچ رەڭدە، باش سۆڭىكى ئېللىپىسسىمان، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئارقا مېڭىسى كەينىگە پۇسكىيىپ چىققان، پېشانىسى پاكارراق. كىرپىكلىرى تەكشى، كۆزلىرى چوڭ، كۆز قارىقى قاپقارا، قىسمەنلىرىنىڭ بوز. قاڭشىرى ئېگىز، باشقىلارنىڭ تەكشى، يەنە بەزىلەرنىڭ بۈركۈت تۇمشۇقىدەك. كۆپلىگەن ئاھالىلەرنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ ئارقىسى كۆتۈرۈلۈپ چىققان، بىراق ساپ موڭغۇللارغا تامامەن ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كالپۇكى قېلىن، چىشلىرى كىچىك ھەم ئاق، قۇلىقى ئوتتۇراھال چوڭلۇقتا. ئېڭەك ساقىلى، ساقال ۋە بۇرۇتلىرى شالاڭ ھەم قىسقا، چاچلىرى قارا بولۇپ يەنە خېلى بىر قىسمىنىڭ بوز رەڭدە، بولۇپمۇ خوتۇن– قىزلارنىڭ چېچى، ئەرلەرنىڭ ساقىلىمۇ بوز رەڭدە كېلىدۇ. ئەرلەر چېچىنى پاكىز قىردۇرۇپ ساقاللا قويىدۇ. توي قىلمىغان قىزلار چېچىنى ئىككى ئۆرۈم قىلىپ ساڭگىلىتىۋالىدۇ، چېچىنىڭ ئۇچىنى تال– تال قىلىپ ئۆرۈۋالىدۇ. خوتۇنلار چېچىنى ئىككى ئۆرۈۋالىدۇ. قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ چىراي- تۇرقى، بەدەن تۈزۈلۈشى، ئەڭلى سىرتتىكىلەر بىلەن ئوخشاش، بىراق بويى پاكارراق، بەدىنى ئاجىز…» دەپ يازغان. مانا بۇلاردىن قارىغاندا، لوپلۇقلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكىنى موڭغۇل ئىرقى سۈپىتىدە تەسۋىرلەش بىر تەرەپلىمىلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. لوپلۇقلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئاھالىلەردىن موڭغۇل ئىرقىغا تەۋە ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلسىمۇ، لوپلۇقلار ئارىسىدا بىر يىلدەك تەكشۈرۈشتە بولغان ھەمدە موڭغۇللار ئارىسىدىمۇ ئېكسپېدىتسىيە سەپىرىدە بولغان پېرژىۋالىسكىي ناھايىتى ئېنىق ھالدا لوپلۇقلارنىڭ ئىرقىي جەھەتتە موڭغۇللاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

1890– يىلى قاراقوشۇن كۆلى بويىغا يېتىپ بارغان گابرېل بونۋالۇت مۇشۇ مەھەللىدىكى چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بىر موماينىڭ ئىككى تارىلىق چالغۇ بىلەن ئېيتقان داستانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولغان، موماي ئېيتقان داستاننى ئۇلارنىڭ تەرجىمانى ئابدۇللا يۈسۈپ تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمىگەنلىكتىن، چارقىلىقتا تۇرغان كېمىچى لوپلۇق شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تىلىدا قايتا بايان قىلغان، ئۇمۇ چۈشەنمىگەن يەرنى قايتا – قايتا سوراپ ئېنىقلىغان. مۇشۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا بۇ داستانىنىڭ تولىمۇ قەدىمىيلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ داستان مومايغا ئاتا– بوۋىسىدىن قالغان بولۇپ قەدىمىيلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرماقتا. بۇ داستاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: «بۇرۇننىڭ بۇرۇنىدا تۆت خان ئۆز يەرلىرىنى ئىدارە قىلىدىكەن. بۇ يەردە مۇسۇلمانلارمۇ بار بولۇپ كۈنلىرى پاراۋانلىق ئىلكىدە ئۆتەر ئىكەن. بۇ تۆت خان قاغۇلۇق (ھازىرقى چارقىلىقنىڭ ئۈچ كۈنلۈك غەربىدىكى جاي، دەپ ئىزاھلانغان) تا تۇرۇشلۇق نۇنىياز ئاغا ۋە مارجان ئاغا؛ مىرەن كونا شەھىرى (ئابدال مەھەللىسىنىڭ ئەتراپىدا) دىكى چىل ئاغا (بۇ جايلار قەدىمدە شەھەر ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە خارابىسى بار) لار ئىكەن. تاساددىپىي ھالدا موڭغۇل لەشكەرلىرى تۆت تەرەپتىن باستۇرۇپ كەپتۇ، موڭغۇللار نۇسرەت قازانغاندىن كېيىن، بىر بۆلۈك ئەرلەرنى قەتلى قىپتۇ، قالغانلىرىنى قۇل قىپتۇ. موڭغۇللار ئىدارە قىلىپ تۇرغان يەردىن قېچىپ چىققان خوتۇن– قىزلار كۈنچىقىشقا قاراپ قېچىپتۇ، يۇچۇن مەھەللىسىگە ئۈچ كۈنلۈك كېلىدىغان يەرگىچە قېچىپ بېرىپتۇ (بەزى كىشىلەر قېچىپ سايدام ئويمانلىقىغا بېرىپتۇ. پېرژىۋالىسكىي ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ئۇچراتقان ئىكەن – ئەسلىي كىتابنىڭ ئىزاھاتى). ئۇ چاغلاردا ئۇ يەردە سۇ بار ئىكەن، ھازىر قۇم شېغىللىق بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيى يوق ئىكەن، ئوت يېقىپ بۇلماق قىلىپتۇ، شۇڭا ئۇ يەر «قاراقوشۇن» – قارا ئوچاق دېگەن مەنىدە ئاتىلىپتۇ، بۇ جاي نامى ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. ئۇلار بېلىق ۋە غاز تۇتۇپ يەپ ھايات كەچۈرىدىكەن. يۈز يىلدىن ئارتۇق مۇشۇنداق ھايات كەچۈرۈپتۇ. موڭغۇللار ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى يۇرت- ماكانىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ قايتىپ كېتىپتۇ، قاراقوشۇننىڭ سۇيىمۇ تەدرىجىي ئازلاپ قۇرۇپ كېتىپتۇ، ئۇلار يەنە كۈنپېتىشقا قاراپ كۆچۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. بەزىلەر بۇرۇنقى يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ، بەزىلەر كورلا بىلەن لوپ مەھەللىسى ئارىسىدىكى تارىم دەرياسى بويىغا كۆچۈپتۇ. بۇرۇن قاغۇلۇق دېگەن يەرگە قايتىپ كەلگەنلەر بۇ يەرنىڭ نامىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەن، ئۇلار بۇ يەردىكى خارابىنى بايقاپ كولاپ بايلىق ئىزدەپتۇ. بىراق موڭغۇللار بۇ يەرنى قۇرۇقداپ قويغانلىقتىن پەقەت بىر يىپ ئېگىرىدىغان چارقنى تېپىپتۇ ۋە مۇشۇ چارقنى بەلگە قىلىپ، مۇشۇ يۇرتنى قايتا بەرپا قىلىپ «چارقىلىق»– «يىپ ئېگىرىدىغان چارق بار يەر» دېگەن مەنىدە – دەپ ئاتاپتۇ. چارقىلىقتا ئولتۇراقلاشقانلار ئوۋچىلىق بىلەن قانائەت قىلىپ ياشاۋاتقان ئىكەن، كېيىنچە خوتەندىن ئىسمايىل ئاتا (بىز ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر ئاخشام قونغان – ئەسلىي كىتابنىڭ ئىزاھاتى) كېلىپ، ئۇلارغا: سىلەرگە تېرىقچىلىقنى ئۆگىتەي، دەپتۇ. كۆپچىلىك قوشۇلۇپتۇ، شۇڭا ئۇ خوتەندىن ئادەملىرىنى ئېلىپ كەپتۇ. كېيىنچە مۇشۇ يەرلىكلەر بىلەن خوتەنلىكلەر ئارىسىدا جېدەل بولۇپ قاپتۇ، خوتەنلىكلەر ئوغۇللىرىغا يەرلىكلەرنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن زىددىيەت پەسلەپتۇ. مۇشۇ خىل تويلىشىش بىلەن ئۇلار ئىرقىي جەھەتتىن شالغۇتلىشىپتۇ. بىراق يەرلىكلەر خوتەنلىكلەرنىڭ قىزلىرىنى ئالماپتۇ، شۇنداق قىلىپ نىكاھنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي ئۆز ساپلىقىنى ساقلاپ قاپتۇ… (بۇ موماي قاراقوشۇندىن كۆچۈپ كەلگەن ئەرلەر نىكاھىغا ئالغان خوتۇن– قىزلار ئىچىدە بۇرۇن مۇشۇ يەرنى ئىستىلاھ قىلغان موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئالغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ موڭغۇل قېنى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك– ئەسلىي كىتابنىڭ ئىزاھاتى) . موماينىڭ «چارقىلىق» نامى ھەققىدىكى يەشمىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بۇ ھەقتە چارقىلىق ئاھالىلىرى باشقىچە ۋەقە بىلەن ئوخشاش چۈشەنچە بەرگەن. يۇقارقى رىۋايەتتىكى ۋەقەلىك 1725- يىللىرى ئەتراپىدا، لوپلۇقلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، جۇڭغارلارنىڭ يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «چارقىلىق» توغرىسىدىكى رىۋايەتتە، 1805– يىلىدىن 1815– يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خوتەن تەرەپتىن ئالتۇنتاغقا ئوۋغا بارغان ئوۋچىلار يولدىن ئېزىپ، ھازىرقى چارقىلىق بازىرىغا كېلىپ قالىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە ناتونۇش بۇ جايدا يىپ ئېگىرىدىغان چارقنى كۆرۈپ «چارق بار جاي» دېگەن مەنىدە «چارقىلىق» دەپ ئاتىغان . شۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، تۇپرىقى مۇنبەت يەر – «چارقىلىق» ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشكەن كېرىيەلىكلەر بۇ يەرگە كېلىپ يۇرت بەرپا قىلغان. موماي ئېيتقان تارىخىي داستان ناھايىتى قەدىمكى دەۋر تارىخىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. ئالايلۇق، موڭغۇللارنىڭ ئىستېلاسى دەۋرىدە ھازىرقى چارقىلىق كونا شەھىرىدە ئادەم يوق خارابىلىكلەر ئىدى، ئەمما لوپ شەھىرى ئاتالغان ۋاششەھىرى كونا شەھىرى ۋە كىتىك، مەردەك شەھەرلىرى گۈللىنىپ تۇرغان ۋاقىتلار ئىدى. مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئالغاندا، داستاندا سۆزلەنگىنى 12-، 13– ئەسىر ۋەقەلىكىدەك كۆرىنىدۇ، لېكىن بۇ ۋەقەلەرنىڭ 1725- يىلى ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشىنىش مۇۋاپىق.

يۇچۇن مەھەللىسىدىكى موماي تارىخىي داستانىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن تارىخىي تېمىدىن چەتنەپ باشقا قوشاق، ناخشىلارغا جۈملىدىن ئۆزى توقۇغان بېيىتلارغا ئۆتكەن، گابرېل بونۋالوت يۇچۇن مەھەللىسىدىكى بىر نەچچە ئەردىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ قىيىنلىشىشى سەۋەبىدىن ئۇ يەردىن ئايرىلىپ قاراقوشۇن كۆلى بويىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن. ئۇلار مۇشۇ يېڭى قاراقوشۇن كۆلى بويىغا كۆچۈپ كېلىپ تارىم دەرياسى قىرغىقىدا مەھەللىسىدە قاپتۇ، مۇشۇ يۇچۇن مەھەللىسىنىڭ ئاتىسى (يۇرت ئاتىسى) كونا قاراقوشۇن بويىدا تۇغۇلغان بولۇپ 1889– يىلى 70 ياشقا كىرىش ئالدىدا ئىكەن. يۇرت ئاتىسى تۇرۇۋاتقان ئۆينى 30 نەچچە يىل بۇرۇن سالغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئومۇملاشتۇرغاندا يۇچۇن مەھەللىسىدىن كونا قاراقوشۇن تەرەپكە ماڭسا ئارىلىقتا ئىككى مەھەللە يەنى قاراكۆيۈك مەھەللىسى ۋە دۇچ (都其美村) مەھەللىسى بار. ئۇ يەرنىڭ سۈيى تۈگەپ، قۇمۇشلۇق يەرلىرى قۇملىشىپ كەتكەنلىكتىن، دۇچ مەھەللىسىدە ئادەم قالمىغان. قاراكۆيۈك مەھەللىسىدىكىلەرمۇ خارابلىشىۋاتقان مەھەللىسىنى تاشلىغان، ئاخىرقى ئىككى ئائىلىمۇ نەرسە- كېرەكلىرىنى ئېلىپ كۆچۈشكە تەييارلىنىۋاتقان ھالەتتە ئىدى. يۇچۇن مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ خاتىرجەم كۈنلىرىمۇ ئاخىرلىشىپ كۈنپېتىشقا كۆچۈش ھازىرلىقىنى قىلغان ۋاقىتلار بولۇپ، ئاشۇ بېلىق تۇتۇپ ھايات كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى چارقىلىق بوستانلىقىغا كۆچۈپ يەر تېرىش نىيىتىگە كەلگەن.

1889– يىلى 10– ئاينىڭ 17– كۈنى ياڭىكۆل مەھەللىسىگە يېتىپ كەلگەن گابرېل بونۋالوت لوپلۇقلارنى ئىرقىي جەھەتتىن كۆزەتكەن: «بايقىشىمىزچە، بۇ يەردىكىلەرنىڭ سىن- تۇرقىدا پەرق بەك چوڭ ئىكەن. ياۋروپا بازارلىرىدا كۆرىدىغانلىرىمىزدەك، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ۋە بۇرنى ئوخشاشمايدۇ. ساپ قىرغىزلارغا ئوخشايدىغان ۋىجىك، سېمىز، كۆزى كىچىك، چىشلىرى ھىڭگايغان، ئۆچكە ساقال كىشىلەر؛ سارت (ئۆزبېك) لارغا ئوخشايدىغان ئوتتۇرا بوي، قامەتلىك، بومبۇر قارا ساقال كىشىلەر؛ قىسمەنلىرى بوز كۆزلۈك؛ يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ مەڭزى قىزغۇچ، كۆككۆز، تېرە تەلپەك كىيگەن» كىشىلەر بار ئىكەن، دەپ يازغان. گابرېل بونۋالوت كونا ئابدال ۋە يېڭى ئابدالدىكى ئەرلەرنىڭ بىر– بىرىگە ئوخشىشىدىغانلىقىنى يېزىش بىلەن بىرگە يېڭى ئابدال مەھەللىسىدىكى ئاياللارنىڭ چىراي- تۇرۇقىنى «بۇرنى شىرنىڭكىگە ئوخشاش پاناق، چىشلىرى تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدىغان، كۆز قۇيرۇقى ئۇزۇن ھەم ئۇز، كۆز ئالمىسى تومپىيىپ چىققان، قېلىن قاپاق، ئېغىزى چوڭ، ئېغىزى بىلەن بۇرنىنىڭ ئارىسى ئۇزۇن. مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا موڭغۇللارغا ئوخشىشىدۇ …» ، دەپ تەسۋىرلىگەن. مانا بۇلار لوپلۇقلار ئارىسىغا ئاسسىملاتسىيە بولغان ئېتنىك تەركىبلەرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەيلى يازما ئۇچۇرلار بولسۇن، رىۋايەت– داستانلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بولسۇن، لوپلۇقلارنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋردىن باشلاپ مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەنلىكى، قەدىمدە شەھەرلىرى بولغانلىقى، كېيىن شەھەرلىرى ۋەيران بولۇپ كۆپلىگەن ئاھالىسى قوشنا يۇرتلارغا كۆچۈپ، ئاز بىر قىسمىنىڭ يۇرت- ماكانىدا قېلىپ، دەريا – كۆل بويلىرىدا ياشىغانلىقى، مانا بۈگۈنكى كۈندىكى كىشىلەر ئەنە شۇ يەرلىك سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان بولغاندىن بۇيان ياشاۋاتقان يۇرتىنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنى «لوپتۇق» دەپ ئاتىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇلارنىڭ كەڭرى بۇ زېمىندا ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ياشىغانلىقى، ياقا يۇرتتىن پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەنلەرنى ئۆز قوينىغا ئالغانلىقى ئىرقىي ئالاھىدىلىكىدىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرغاندىن سىرت رىۋايەتلىرىدىنمۇ مەلۇم. مەسىلەن، تۈبۈتكە تاۋابقا ماڭغان ۋە كەلگەن ئاھالىلەر، قەشقەردىن كېلىپ ياشىغان «قىرغىززار»، جەنۇب تەرەپتىن كېلىپ قالغان «جوداقتار»، تۇرپان تەرەپتىن كەلگەن «ياللا»، كېرىيەدىن كېلىپ دېھقانچىلىقنى ئۆگەتكەن ئاھالىلەر.. مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تەبىئىي شالغۇتلىشىپ، ئىرقىي جەھەتتىن مۇرەككەپلىك شەكىللەندۈرگەن. ئومۇمەن ئالغاندا، لوپلۇقلار ناھايىتى قەدىمدىن مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادىدۇر.

لوپلۇقلاردا قەبىلە مەسىلىسى. ھازىر كىشىلەر بەزى ئاھالە توپلىرىنى ياكى ئومۇمىي لوپلۇقلاردىن ئازراق پەرقى بار توپلارنى كۆرسە قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشنى ئادەت قىلىۋالدى، ئەمەلىيەتتە لوپلۇقلاردا قەبىلە مەۋجۇد ئەمەس (ھېچبولمىغاندا 1600– يىللاردىن كېيىن). 1725- يىللارغا مۇناسىۋەتلىك دېيىلگەن ھەمدە چىڭ سۇلالىسى يازمىلىرىدا كۆرۈلىدىغان قاراقوشۇنلۇقلار ۋە قاراكۆللۈكلەرنى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشقا بولمايدىغانلىقىنى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئۇيغۇرلاردا ئۆزلىرىنى ياشاۋاتقان جاي نامى ئارقىلىق ئاتاش ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئومۇمىي ئەھۋال. بۈگۈنكى كۈندە كورلىلىق، قاراشەھەرلىك… دېگەنگە ئوخشاش ئۆزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن ئاتىسا، ئۇلارنى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇغىلى بولمىغاندەك، بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى لوپلۇقلارنىڭ جاي ناملىرى بىلەن ئاتىغان قاراقوشۇنلۇقلار ۋە قاراكۆللۈكلەرنىمۇ ئايرىم قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشقا بولمايدۇ. گەرچە لوپلۇقلاردا بەگلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بەزى پائالىيەتلەر بولسىمۇ، قەبىلىلەر بىلەن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا قاراقوشۇنلۇقلار ۋە قاراكۆللۈكلەرنى قەبىلە دېگىلى بولمىغاندەك، لوپلۇقلار ئارىسىدىكى تۆت جەمەت يەنى «قوڭغۇز يېگەنلەر»، «تاۋۇز ئاتقانلار»، «توغراقكەسكەنلەر»، «ئايقوغلىغانلار» نىمۇ قەبىلە دېگىلى بولمايدۇ، بۇلار تۆت قەبىلە ئەمەس، تۆت جەمەتتىن ئىبارەت. ئويمانكۆل مەھەللىسىدكى ئىسسام كۈنچىققان لوپلۇقلار ئارىسىدىكى لەقەملەر توغرىسىدا سۆزلەپ «چارخلۇقتاقى لاقام: 1) ئاي قولاغان، 2) قۇچۇللۇق (قۇچۇنلۇق) ، 3) تۈۋرۈك كەسسى (كەستى). مەشەدىكى لاقام: 1) جوداق، 2) قاراقوشۇللۇق، دەپ بايان قىلغان . ئومۇمەن ئالغاندا، لوپلۇقلار ئارىسىدىكى توپلار جەنۇبتا قاراقوشۇنلۇقلارنى مەركەز قىلغان بولسا، شىمالغا سۈرۈلگەنسېرى ياللا، جوداق ۋە قالماق لەقەملىك كىشىلەر قوشۇلغان. بۇلار ئەمەلىيەتتە شىمالغا سۈرۈلگەنسېىر تۇرپان ۋە پىچان ھەم كورلا– قاراشەھەر تەرەپتىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئىپادىسى خالاس.

قەبىلىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە تۈزۈلمىسى، قەبىلىنىڭ نامى، ئايرىم شىۋىسى، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىدىن تەشكىللەنگەن سىياسىي ھاكىمىيىتى، ئۇلارغا تەۋە ئۇرۇقلار ۋە چوقۇنىدىغان توتىمى (دىنىي ئىدىيىسى، بايراملىرى، مەبۇدى)، قەبىلىنىڭ ياشايدىغان زېمىن دائىرىسى بولىدۇ. ئالىملارنىڭ تەبىرى بويىچە قارىغاندا، قەبىلە ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە قانداشلىق ئاساسىدىكى جەمەتلەر ياكى ئۇرۇقلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تەشكىلات، ئۇنىڭدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جەمەت بولىدۇ. قەبىلە باشلىقى ياكى ئۇرۇق ئاقساقاللىرىدىن تەركىب تاپقان قەبىلە كېڭەشمىسى بولغان بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئالغاندا، لوپلۇقلاردىكى قەبىلە ھەققىدىكى ئېغىز بايانلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن لوپلۇقلارنى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشقا بولمىغىنىدەك، ھەر قايسى جەمەت ياكى ئىجتىمائىي توپلارنىمۇ قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشقا بولمايدۇ.

مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

[ يوللانغان ۋاقتى : 2014/7/19