كۇچا ساقساق مەدرىسىسى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد

كۇچا رايونىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئىسلاملاشقانلىقى ھەققىدە تارىخچىلار تەرىپىدىن بىرلىككە كەلگەن بىر كۆز قاراش يوق. گەرچە بىر قىسىم تارىخچىلار كۇچا رايونىنى 10_ ئەسىرلەردە قاراخانىيلار دۆلىتىگە تەۋە بولغان دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشىنىپ كېلىۋاتقان بۇددا دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا قاراخانىيلار دۆلىتىگە تەۋە بولغان دەپ قارايدۇ. تارىخچى تۇرغۇن ئالماس «ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابىدا «سوتۇق بۇغراخان ئاۋۋال خوتەن ۋە كۇچادىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ ئىككى خانلىقتىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ئىلاجسىزلىقتىن بويسۇنغان بولسىمۇ، يەنىلا مۇسۇلمان بولمىدى، بۇرۇنقى بۇددا ئېتىقادىدا قالدى.»([1]) دەپ يازىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ كۇچادىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى شەرققە كېڭەيتىشىدىكى بىر توسالغۇ بولۇپ، كۇچا رايونى ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلغان قاراخانىيلار دۆلىتى بىلەن بۇددا دىنىنى ئاساس قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئارىسىدىكى بىر پاسىلغا ئايلانغانىدى. «ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنى تەدرىجىي ھالدا قەشقەر، خوتەن، چەرچەن ۋە ئاقسۇغا كېڭەيگەندىن كېيىن، ئۇزۇنغىچە ئاقسۇ بىلەن كۇچا ئارىلىقىدا توختاپ قېلىپ، شەرققە تارقىلىشى بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچۇرغان.»([2]) بۇ ئەھۋال تاكى قاراخانىيلار دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، قىتانلار قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پۈتۈن جۇغراپىيىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچە بولغان ۋاقىتقىچە داۋاملاشتى. گەرچە قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كۇچادىكى مۇسۇلمان بولغان بىر قىسم ئۇيغۇرلار خىزىربېك ئىسىملىك بىر باتۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىچ _ ئىچىدىن زىددىيەت قاينىمىغا پېتىپ قالغان قاراخانىيلار دۆلىتى ئۇلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ياردەمدە بولالمىغاچقا، كۇچا رايونىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلاملىشىشى يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىغان.

1218_ يىلى چىڭگىزخاننىڭ مۇڭغۇل ئەسكەرلىرى قىتانلارنى يوقىتىپ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ ۋە كۇچالارنى ئالغاندىن كېيىن بۇ رايونلاردا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى يولغا قويغان. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ مەزگىلدە بۇددا دىنىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلانغان كۇچادا بۇددا دىنى ئەسلىدىكى گۈللەنگەن دەۋردىن بارا _ بارا خارابلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويغانىدى. «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىرى» دېگەن كىتابتا شەيخ نىزامىدىن دېھلەۋى ئىسىملىك ھىندىستانلىق بىر ئادەمنىڭ مىلادىيە 1267_ يىللىرى ئەتىراپىدا كۇچاغا كېلىپ ئىسلامنى تارقاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ ئادەم كۇچا ئىشخىلا يېزىسىغا خانىقا سالدۇرۇپ، دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ئەينى دەۋردىكى مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام دىنى كۇچا رايونىدا يەنىلا بۇددا دىنىنىڭ ئۈستىدىن تەلتۆكۈس غالىب كېلەلمىگەن. كۇچا رايونىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلاملىشىشى يەنىلا تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان.

تۇغلۇق تۆمۈرخان 1354_ يىلى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پۈتۈن تېررىتورىيىدىكى خەلقلەرنى، جۈملىدىن 160 مىڭ مۇڭغۇلنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن. مەۋلانا ئەرشىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ھىمايىسى بىلەن كۇچاغا كېلىپ، كۆپلەپ خانىقا، مەسجىت سېلىپ، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە، مەدرىسلەرنى ئېچىپ، ئىسلام مائارىپىنى يولغا قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن كۇچا رايونىدا بەس _ بەس بىلەن مەدرىسلەر ئېچىلىشقا باشلىغان.

كۇچا رايونىدا تۇنجى مەدرىسنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق. ئەمما تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دەۋىتىدىن كېيىن كۇچادىكى ھەرقايسى شەھەر، يېزا، بازار، مەھەللىلەردە كۆپلەپ مەدرىسلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم. ساقساق مەدرىسىسى، كۆك مەدرىسىسى، ساقىيە مەدرىسىسى ۋە مەۋلانام مەدرىسىسى شۇ دەۋردىن كېيىن كۇچادا قۇرۇلغان مەدرىسلەر ئىچىدىكى بىر قەدەر نامى بار مەدرىسلەر بولۇپ، بىر قىسم تالانت ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بولۇپمۇ ساقساق مەدرىسىسى قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسىسىدىن قالسىلا جەنۇبتىكى شەھەر، يېزا، بازارلاردا ئاتىغى بار مەدرىس بولۇپ، بىر قىسم مەشھۇر شەخسلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىكى تۇنجى بىلىم بۇلىقى بولغان.

ساقساق مەدرىسىسى كۇچا كونا شەھەردىكى ساقساق مەھەللىسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن تارىختا ساقساق مەدرىسىسى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. ساقساق مەدرىسىسى تەخمىنەن مىلادىيە 1658_ يىللىرى ئەتىراپىدا قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ زامانلاردا بۇخارالىق دىنىي ئۆلىما ئەينىدىن ئىبنى جالالىدىننىڭ مۇدەررىسلىك قىلغانلىقى مەلۇم. ساقساق مەدرىسىسىدە يالغۇز كۇچادىكى تالىپلارلا ئوقۇغان بولماستىن يەنە باي، شايا، توقسۇ، ئاقسۇ، بۈگۈر، كورلا، غۇلجىلاردىنمۇ تالىپلار كېلىپ ئوقۇغان. ساقساق مەدرىسىسى «ھىجىرىيە 1126_ يىلى (مىلادىيە 1726_ يىللىرى) كۇچالىق مەشھۇر كۆز دوختۇرى مۇھەممەت ئىبنى شەرىپ ھاجىم تەرىپىدىن بىر قېتىم يېڭىلانغان.([3]) مىلادىيە 1794_ يىلى مەرىپەتپەرۋەر زات قۇتلۇق ھاجىم تەرىپىدىن قايتا سېلىنغان. 1881_ يىلى كۇچانىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋردىكى ئىنانچى بېگى مىرزا ئەھمەتبەگ مەدرىسنىڭ قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇپ، دەرسخانىلار سانىنى كۆپەيتكەن ۋە ئەتىراپىغا دەرەخ تىكىپ، كۆكەرتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. ساقساق مەدرىسىسى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئىبراھىم قۇزات، ناسىر ھاجىم، سادىق ھاجىمدەك مەرىپەتپەرۋەر، سودىگەر ۋە ئىلىم سۆيەر دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ياردىمىدە تاكى 1950_ يىلغىچە ئۆزىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 1956_ يىلى ساقساق مەدرىسىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇدەررىسى، داڭلىق ئۆلىما مۇسەييىپ داموللا ھاجىم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مەدرىس پۈتۈنلەي تاقالغان. كېيىن ساقساق مەدرىسىسى كۇچا بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارمىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، ياغاچچىلىق كارخانىسى، مېھمانخانا، سودا دۇكانلىرى قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن مەدرىسنىڭ ئىچكەركى، تاشقارقى ھويلىلىق، ئىككى قەۋەتلىك، 46 ھۇجرىلىق بىناسى پۈتۈنلەي ئومۇمنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ، تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولغان. ئۇنىڭ پەقەت ئەينى يىللىرى ساقساق ئۆستەڭ بويىغا ھۆسن قوشۇپ تۇرغان دەرەخلىرىلا يالداما بولۇپ قالغان.

تارىخىي ماتىرىياللارغا كۆرە، ساقساق مەدرىسىسىگە «ئەينىدىن ئىبنى جالالىدىن، ئابدۇغۇپۇر ئەلەم ئاخۇنۇم، ئىسمائىل داموللا ھاجىم، ئىمىن داموللا ھاجىم، خىزىر ئەلەم ئاخۇنۇم، بارات داموللا ھاجىم، ئابدۇل ۋاھھاپ خەلپىتىم، ئىسلام ئەلەم ئاخۇنۇم، بائىز داموللا ھاجىم، شەمشىدىن داموللا ھاجىم، قۇددۇس داموللا ھاجىم، نىزامىدىن خەلپىتىم، موللا قۇتلۇق ھاجىم، ئوسمان ئەلەم ئاخۇنۇم، ھاشىم قازى ھاجىم، مۇسەييىپ داموللا ھاجىم قاتارلىق 16 نەپەر ئۆلىما مۇدەررىسلىك قىلغان.»([4])

كۇچا ساقساق مەدرىسىسىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان، ئۆز دەۋرلىرىنىڭ كاتتا بىلىم ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇستاز ۋە مۇدەررىسىلىرى ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان دەۋرلەرنىڭ بىر تۈركۈم ياش تالانت ئىگىلىرىنى، بىلىم ئاشنالىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، ئۇلار كېيىن جەمئىيەتتە مەشھۇر ئۆلىما، پىشقان تارىخچى، تۇنۇلغان شائىر ۋە داڭلىق ئەربابلار بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتۈش ساقساق مەدرىسىسىنىڭ تارىختا قالدۇرغان شانلىق ئىزلىرىغا ئالتۇندەك ھەل بولغۇسى.

1_ موللا مۇسا سايرامى يەنى موللا مۇسا ئىبنى موللا ئەيسا خوجا سايرامى. ئۇ 1836_ يىلى، 8_ ئاينىڭ، 23_كۈنى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى ۋە تۇنۇلغان شائىردۇر. موللا مۇسا سايرامى 11 يېشىدا يەنى 1847_ يىلى، 9_ ئايدا كۇچاغا كېلىپ، «ئەينى زاماندا جەنۇبىي تىيانشان رايونى بۇيىچە مەشھۇر بولغان ساقساق مەدرىسىسىدە ئوقۇغان.»([5]) ساقساق مەدرىسىسىنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ئاساسلىق مۇدەررىسى موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دېگەن زات بولۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ تۇنۇلغان ئالىمى، يېتىلگەن دىنىي ئۆلىماسى ئىدى، جەمئىيەتتە ئوسمان ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن نام بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. موللا مۇسا سايرامى ساقساق مەدرىسىسىدە قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، ئىلمى كالېندار، ئىلمى نۇجۇم، جۇغراپىيە، ئەرەب ۋە پارىس تىللىرى بۇيىچە تەربىيىلىنىپ، خەلق ئارىسىدا ناھايىتى تېزلا «موللا مۇسا»، «بالا موللا» دېگەن ناملار بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ. موللا مۇسا سايرامى 1854_ يىلى يەنى 18 يېشىدا ساقساق مەدرىسىسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، سايرام مەدرىسىسىگە بېرىپ مۇدەررىسلىك قىلىدۇ.

موللا مۇسا سايرامى ياشىغان ۋاقىت جاھاننىڭ تىنچسىز دەۋرلىرى بولۇپ، ئۇ دەسلەپتە 1864_ يىلى كۇچادا چىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان كۇچا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ تەركىبىدە ئاقسۇ ۋە قەشقەرگە يۈرۈش قىلغان قوشۇندا موھۇرچى ۋە ئىشىكئاغىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بەدۆلەت ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، بەدۆلەت قوشۇنىدا مەخسۇس مىرزا بولۇپ ئىشلەيدۇ. بەدۆلەت قۇرغان «يەتتە شەھەر» دۆلىتى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن جاھان كېزىپ، ئۆزى شاھىد بولغان تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدە ماتېرىيال توپلايدۇ. 1917_ يىلى، 4_ ئايدا 81 يېشىدا ئاقسۇدىن بايغا كېلىپ، ئۆز يۇرتى سايرامدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىدۇ.

موللا مۇسا سايرامى ھاياتىدا بىرمۇنچە تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر بولغانلىرى «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»، «دەربايان ئەسھابۇلكەھف»، «تارىخىي ئەمىنىيە»، «دىۋان مەسنەۋىي»، «تارىخىي ھەمىدىي»، «سالامنامە» قاتارلىقلاردۇر. ئۇنىڭ يەنە «تەزكىرەتى خوجا ئافاق»، «پەرھاد - شېرىن» قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يازغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭ بىر قىسىم پارسچە يازغان شېئىرلىرىمۇ ھازىر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ساقلانماقتا.

موللا مۇسا سايرامى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۈيۈك شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان قىممەتلىك ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتتى.

2_ شائىر نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى. ئۇ 1906_ يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1922_ يىلىدىن 1928_ يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، دەسلەپتە بايدا، كېيىن كۇچا ساقساق مەدرىسىسىدە ئوقۇغان. ئۇ كۇچا ساقساق مەدرىسىسىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا قوشاق شەكلىدىكى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «بازار ۋە مازار»نى يېزىپ تاماملىغان. بۇ توپلام ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، قول يازما ھالەتتە جەمئىيەتكە تارقالغان. 1930_ يىلى قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىگە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ خانلىق مەدرىستە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە «مادارا ئەزەم» نامىدىكى شېئىرلار توپلىمىنى يېزىپ پۈتتۈرگەن. 1933_ يىلى قەشقەردە قوزغالغان خەلق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ئېغىر يارىلىنىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. ئۇ قەشقەردىكى شىۋېتسىيە مىسسىئونېرلىرى ئاچقان دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىگە «نىمشېھىت» (يېرىم جان) دېگەن نامنى قوللانغان. نىمشېھىت 1936_ يىلىدىن 1945_ يىلىنىڭ بېشىغىچە «ئاقسۇ گېزىتى»دە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1945_ يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاقسۇغا چۈشكەن مىللىي ئارمىيىگە ئەگىشىپ غۇلجىغا بارغان. ئۇ غۇلجىدا مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابى تەشكىل قىلغان «تارىخ يېزىش» ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 1948_ يىلى «ئىتتىپاق» ژۇرنىلىغا مۇھەررىر بولغان. 1950_ يىلى ئۆز يۇرتى بايغا قايتىپ كەلگەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان شائىر 1971_ يىلى، 8_ ئاينىڭ 24_ كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.

نىمشېھىت «بىلىم ئىشقىدا»، «ئاسارەتتە تۇرۇپ قالغانلارغا خىتاب»، «ھەپسىدە كەتكەن دوستۇم لۇتپۇللا مۇتەللىپكە»، «ئالدىدا»، «ۋەتەن قۇربانلىرى خاتىرىسىگە»، «ئويغان»، «پېقىرنىڭ ئىقرارى» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر شېئىرلارنى، «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد _ شېرىن» ناملىق داستاننى يازغان.

3_ ھاجى ئەلەم ئاخۇنۇم. ئۇ 1886_ يىلى شايار ناھىيىسىنىڭ قايلور يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، تەخمىنەن 1892 _ يىلىدىن 1898- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۇچا ساقساق مەدرىسىسىدە ئوقۇغان. 1899_ يىلى دىنىي مەلۇماتى كامىل، قارىلقتىن ئۆتكەن ھاجى ئەلەم ئاخۇنۇم قايلور يېزىسىدىكى دۈشەنبە بازار مەسجىتىگە كىچىك تۇرۇپلا ئىمام بولغان. 1903_ يىلى قەشقەرگە بېرىپ خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان. 1908_ يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1913_ يىلى ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىپ، 1916_ يىلى ھاجى بولۇپ قايتىپ كەلگەن. 1919_ يىلى ئەينى دەۋردىكى ياڭزىڭشىڭ ھۆكۈمىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، روسىيىگە چىقىپ كەتكەن. 1927_ يىلى شاياغا قايتىپ كېلىپ، ئەينى چاغدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلغان. خوجا نىياز ھاجى كۇچاغا كەلگەندە، ئۇنىڭ سېپىغا قوشۇلغان. 1933_ يىلى قەشقەردە «ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ باش تەپتىشى بولغان. 1937_ يىلى خوجا نىياز ھاجى ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئابدۇنىياز كامال باشچىلىقىدىكى شىڭشىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئەسكىرىي قوماندان بولغان. سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئاقسۇغا بېسىپ كىرگەندە، ئۇلارغا قارشى باتۇرلارچە جەڭ قىلغان. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئابدۇنىياز كامال ھاجى ئەلەم ئاخۇنۇمغا چەتئەلگە چىقىپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاجى ئەلەم ئاخۇنۇم بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە قارشى ئاخىرقى نەپىسى قالغۇچە جەڭ قىلىپ، شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن.

4_. ھەسەن داموللا ھاجىم. ئۇ 1928_ يىلى، 6_ ئايدا كۇچا ناھىيە بېھىشباغ يېزىسى بېھىشباغ كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1934_ يىلىدىن باشلاپ مۇسەييىپ داموللا ھاجىم مۇدەررىسلىك قىلغان ساقساق مەدرىسىسىدە ئوقۇغان. 1948_ يىلىدىن 1956_ يىلىغىچە قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىدە ئوقۇغان. ھەسەن داموللا ھاجىم مەدرىسلەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا دىنىي بىلىم ئېلىشتىن سىرت، تېبابەتكە دائىر ئەرەب، پارىس، ئوردو تىللىرىدىكى كىتابلارنى ئوقۇپ ۋە ئۇستا تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى تەييارلاش ۋە كېسەل داۋالاش جەھەتلەردە يۇقىرى ماھارەت يېتىلدۈرگەن. ھەسەن داموللا ھاجىم 1971_ يىلىدىن باشلاپ كۇچادا مىللىي شىپاخانىلاردا دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن. 1980_ يىلىدىن تاكى 1992_ يىلى، 7_ ئاينىڭ، 20_ كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر كۇچا ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن.

ھەسەن داموللا ھاجىم «مۇلەخخىساتى تېببىي» ناملىق ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە رېتسىېپلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان ۋە ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىنىڭ 7_ جىلدى بولغان «خام دورىلار قىسمى»نى يېزىشقا قاتناشقان ھەم بۇ قامۇسنىڭ تەھرىر ھەيئىتى بولغان.

5_ جامالىدىن مەۋلانا ئىبنى داموللا ھاجى. ئۇ 1817_ يىلى كۇچادا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرلىرىدە كۇچا ساقساق مەدرىسىسى ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىلىرىدە ئوقۇغان. كېيىن ھىندىستانغا بېرىپ 8 يىل ئوقۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ يېتۈك ئالىمى ۋە مەشھۇر تىۋىپى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، كۇچاغا قايتىپ كېلىپ، مۇدەررىسلىك ۋە تېۋىپلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ مۇدەررىسلىك قىلغان كۇچا «ئاقبۇرۇت بۇغراخان» مەدرىسىسىدە كۆپلىگەن دىنىي ئۆلىمالارنى ۋە ئۇستا ھۆكۈمالارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئۇ 1902_ يىلى 85 يېشىدا كۇچادا ۋاپات بولغان.


ئۇنىڭ «ئاب ۋە ئاتەشنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى رولى» ناملىق ئەسىرى تاكى ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا قوليازما ھالەتتە تارقىلىپ يۈرمەكتە.

پايدىلانغان ماتېرىياللار

لى جىنشىن «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 2003_ يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

تۇرغۇن ئالماس «ئۇيغۇرلار»، 1989_يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

موللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ھەمىدىي»، 2007_يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى.

مىرزا ھەيدەر گورگون «تارىخىي رەشىدىي»، 2007_يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

«كۇچا تارىخ ماتېرىياللىرى» 5_، 6_ سانلىرى

قاھار نىياز «كۇچادا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر»، 2012_ يىلى، شىنجاڭ پەن _ تېخنىكا نەشرىياتى.

«شايا تارىخ ماتېرىياللىرى»

«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى، 2013_يىلى 1_سان.

«نىمشېھىت ئەسەرلىرى»، 1995_ يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

2016_ يىلى، 6_ ئاي، ستوكھولم، شىۋېتسىيە.


«ئۇيغۇرلار»، 515- بەت. ([1])

([2]) «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 260-بەت.

([3])كۇچا تارىخ ماتېرىياللىرى 6، 54_بەت

([4]) «كۇچا تارىخىي ماتېرىياللىرى» 6، 55-بەت.

([5])تارىخى ھەمىدى، 5_بەت

مەرىپەت ژورنىلى 2016-يىلى 4-سان 61-بەت