كىتاب نۇرلۇق مەشئەل

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

كىتاب نۇرلۇق مەشئەل


ئوسمان قاۋۇل

كىتاب ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەقىقىي نۇرلۇق مەشئەل. ئۇنىڭ قىممىتى ۋە كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان پايدىسىنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە ئىگىلىيەلمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئاپتونوم رايونىمىزدا كىتابنىڭ قەدرىگە يېتىش، ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر. جاي – جايلاردا يازغۇچى – شائىرلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىمزالىق كىتاب سېتىش، توردا كىتاب سېتىۋېلىش ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن ھەممە شادلاندى.

بىز ئەزەلدىن كىتابتىن ئايرىلىپ باقمىغان، كىتابتىن نەپ ئېلىپ، ئۇنى دۇنيانىڭ گۈزەللىكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەن. كىتاب ھەققىدە گەپ بولغاندا گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ شوپىنخاۋېر مۇنداق دەيدۇ ‹‹كىتابقا ھېرىسمەن ئادەملەر كىتابنى تاللاپ ئوقۇشى كېرەك. ناچار كىتاب روھقا سېلىنغان زەھەر، ئۇنداق كىتابلارنى مۇمكىنقەدەر ئوقۇماسلىق كېرەك››. بۇ گەپنىڭ ھەقىقەتەن سالمىقى ھەم ئەمەلىيەتچانلىقى بار.

يېقىندا قارامايدا ‹‹خەلق قەلبىدىكى يازغۇچى – قەلەمكەشلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى›› ئۆتكۈزۈلدى. كىتاب ئارقىلىق خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتقان مۆھتەرەم يازغۇچى، شائىرلار قارامايغا تەكلىپ قىلىندى. پائالىيەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن ھەممە سۆيۈندى، ھاياجانلاندى، تەسىرلەندى. شۇ كۈنكى پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان يازغۇچى، شائىر، تەرجىمان، تەتقىقاتچىلار ئايرىم – ئايرىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.

كىتاب ئىنسان ئەقلىنى بىلەيدىغان خىسلەتلىك بىلەي، ئۇنىڭ نۇرى چۈشكەن جايلار تېخىمۇ يورۇق بولىدۇ. كىتابنى دوست تۇتقان كىشىلەرنىڭ مەنزىلى تېخىمۇ نۇرلۇق بولىدۇ. كىتاب بىلەن ئەقىل بۇلاقلىرى يەنىمۇ سۈزۈكلىشىدۇ. بىر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كىتابقا ھېرىسمەن بولۇشى، كىتابتىكى ھېكمەتلەردىن ئۆز ھاياتىغا مەنا تېپىشقا يۈزلىنىشى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز ئەھمىيەتلىك ئىش. بۇ جەھەتتىن قارامايدىكى بۇ خىل يۈزلىنىشنى چوقۇم مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش لازىم. كىتاب ئارقىلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش ئەندىزىسىنى پۈتكۈل جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسى بولۇپلا قالماي، ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيە بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى ۋە رولىنى چوقۇم توغرا مۆلچەرلەش كېرەك.

كونىلاردا ‹‹كىتاب بىلىم بۇلىقى›› دېگەن گەپ بار. بىز بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ يازما – ئەستىلەكلىرىنى كۆرسەكمۇ، سۆز – نۇتۇقلىرىنى ئوقۇساقمۇ، كىتابنىڭ كىشىلىك ھاياتتا تۇتقان ئورنىنىڭ ئەزەلدىن ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. تۇرمۇشىمىزدا كىتاب كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ قەدىر – قىممىتى ئارقىلىق بىز ئۆزلۈكىمىزنى تاپالايمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئىززەتكە ئىگە ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. 11 – ئەسىردە ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسانىيەتكە ‹‹بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم›› دېگەن ھۆكۈمنى جاكارلىغان بولسا، 16 – ئەسىردە ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ فىرانىس بېكۇن ‹‹بىلىم – كۈچ›› دېگەن يەكۈننى سوۋغا قىلدى. ئاۋستىرىيەلىك ئۇلۇغ يازغۇچى سىتېفان زىۋىگ ‹‹دۇنيانىڭ ئاچقۇچى›› ناملىق ماقالىسىدە ‹‹كىتاب يېڭىلمەس، ۋاقىت ھۆكۈمىگە بويسۇنمايدىغان، ئەڭ مەزمۇندار قۇدرەتتۇر. شۇنداق بولغاچقا، كىتاب قايسى تېخنىكىدىن چۆچۈسۇن؟ تېخنىكا شۇ كىتابلارنىڭ ياردىمىدە مۇكەممەللىشىدۇ ۋە تارقىلىدۇ؟ بىزنىڭ شەخسىي ھاياتىمىزدىلا ئەمەس، ھەممە جايدا كىتاب ھەر قانداق بىلىمنىڭ ئىپتىداسىدۇر. سىز كىتابقا قانچىلىك يېقىن بولسىڭىز، نەزەرىڭىزدە ھايات شۇنچە چوڭقۇر نامايان بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مۆجىزىۋى ياردىمىدە نەزەرىڭىز سان – ساناقسىز ئادەملەرنىڭكى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ. كىتابنى سۆيسىڭىز ئالەمنى تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلالايسىز ۋە ئالەم قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر كىرەلەيسىز›› دېگەن. بۇ ھۆكۈمدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىمىزكى، كىتابسىز ھېچقانداق نەرسە تەرەققىي قىلغان ئەمەس. ئۇنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ھېچقاچان دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن مۇستەسنا تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان. لېنىن ‹‹چار پادىشاھ ئۈستەلنى بىر مۇشتلىۋېدى پۈتكۈل ئوردا تىترەپ كەتتى، تولستوي ئۈستەلنى بىر مۇشتلىۋېدى پۈتكۈل رۇسىيە تىترەپ كەتتى›› دېگەندە يەنىلا بىلىمنىڭ قۇدرىتىنى نەزەردە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. ۋاھالەنكى بىز شۇ بىلىمنى مانا شۇ تاپتا تەكىتلەۋاتقان كىتابسىز تەسەۋۋۇر قىلالايمىزمۇ؟!

يىغىنچاقلاپ ئېيتىمىزكى، كىتاب جاھاننىڭ كەلگۈسىنى يورۇتقۇچى خىسلەتلىك ئاپتاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئالغا يۈكسەلدۈرگۈچى قۇدرەتلىك يەلكەن، كىشىلىك دۇنيانى گۈزەللىككە تولدۇرغۇچى سېھىرلىك گۈلزار، ھايات مۆجىزاتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئالدىن كۆرسەتكۈچى رەڭدار ئۇپۇق. شۇڭا بىز كىتابقا بولغان ئەقىدە – ئىخلاسنى، شەيدالىقنى بىر مىنۇتمۇ سۇسلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم!


تەھرىر:ئابدۇراخمان سادىق ۋاقتى:2016-12-15 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى