كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى

ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد


كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرىكوسىراپلىقلار- ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ كوسىراپ يېزىسىدا ياشىغۇچى خەلق. كوسىراپ يېزىسى قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي، زەرەپشان دەرياسى ۋە بۇ دەرياغا قوشۇلىدىغان يازاق، چارلۇڭ دەريالىرىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان تاغلىق يېزا. شەرقى ئۇزۇنلۇق ″33′76-″02′76قا ،شىمالىي كەڭلىك ″96 ′37- ″07′38قا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاچۇڭ، قوشىراپ، دامسى يېزىلىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ تارتاجىك مىللىي يېزىسى، چارلۇڭ يېزىلىرى بىلەن، شىمال تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىلتاغ يېزىسى، ئاقتالا چارۋىچىلىق فىرمىسى بىلەن، جەنۇپ تەرىپى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيىسنىڭ داتۇڭ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.


كوسىراپلىقلار قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىدىكى قاتمۇ-قات تاغلار ئارىسىنى ماكان تۇتۇپ يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇخىل بېكىنمە ھالەتتىكى جۇغراپىيلىك مۇھىت ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، ئۆرپ-ئادىتى،يەرلىك شىۋىسى، ناخشا-ئۇسۇلى، ئەدەپ-ئەخلاق قارىشى قاتارلىق تەرەپلەردە يەرلىك خاسلىقى كۈچلۈك بولغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ئۇنى بۈگۈنكى زامان تۈرلۈك مودا مەدەنىيەتلەر تەسىرىدىن ساقلاپ قېلىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. شۇڭا كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ئىچىدىكى ھەم ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان ھەم قۇيۇق ئەنئەنىۋىلىكنى ساقلاپ قالغا ن قەدىمى مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ھالىتىدە جەلىپكارلىققا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. يەنە شۇنى ئەسلەش ھاجەتكى، كوسىراپ يېزىسى قەدىمكى يەكەن-تاشقۇرغان كارۋان يولىنىڭ(يىپەك يولى) شىمالىي بۆلىكىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغاچقا، كوسىراپلىقلار تارىختا تۈرلۈك دىن، مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ ئەتىراپىدىكى قىرغىز، تاجىك قاتارلىق قوشنا مىللەتلەرنىڭ ئۆزگە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مۇھىتى كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە تېخىمۇ ئۆزگىچە ھۆسن قوشقان.

1.جەمئيەت تۈزۈلمىسى

كوسىراپلىقلار خەلق ئىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش دەۋرىگىچە، يەككە ئائىلىلەرنى بىرلىك قىلغان ئاساستا ناتۇرال ئىگىلىك باسقۇچىدا ياشاپ كەلگەن. ئەرلەر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باشقا قوشۇمچە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانسا، ئاياللار ئاساسەن ئائىلە ئىشلىرى، يۇڭ ساۋاش، يىپ ئىگىرىش، پالاس توقۇش، كىگىز ئېتىش، پىلە قۇرتى بېقىش، كېيىم-كېچەك تىكىش ۋە ياماش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان.

ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياغاچ، تۆمۈر، تاش ۋە سۆڭەكلەردىن ياسالغان ئىپتىدائى قۇراللاردىن تەركىب تاپقان. بازار شەكىللەنمىگەچكە ، ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ياسالغان نەرسىلەرنىڭ تاۋارلىشش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ماددىي بۇيۇملارنى تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان. جەمئيەت ئەزالىرى ئارا باي-كەمبەغەللىك پەرقى ئانچە چوڭ بولمىغان. ھەددىدىن زىيادە چوڭ فىئودال باي غۇجاملار، مۇشتۇم زور، باشقىلارغا زۇلۇم سالىدىغان يۇرت زومىگەرلىرى بولمىغان، تەبىقە دەرىجىسى نىسپى تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن. ئۆزئارا ئۆم-ئىناق، مىھرى-شەپقەتلىك، شەرمى-ھايالىق بۇلۇش ھەممە كىشى مۇتلەق ئەمەل قىلىدىغان تۇرمۇش مىزانىغا ئايلانغان.

كوسىراپلىقلارنىڭ جەمئيەت تۈزۈلمىسدە جەمەت تۈزۈمى ئاساس قىلىنغان. پۈتكۈل ئاۋام-خەلق سەرىغلار، چوكچىلار، شولوغلار، ئېشەكچىلەر، ھاڭغۇتلار، قوتانلار ۋە كورلىلاردىن ئىبارەت جەمەتلەرگە بۆلۈنگەن. جەمەت كوسىراپ شىۋىسىدە «توپ»دەپ ئاتالغان. كوسىراپلىقلارنىڭ جەمەت قارىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۆزلىرىنى چوڭ جەھەتتىن «ھەممىمىز كوسىراپلىق-بىر ئەۋلاد»دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئايرىم جەھەتتىن ئۆزىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىكى تەۋەلىكىنى ئۆزنەسەبى بولمىش جەمەت(توپ)كە مەنسۇپ قىلىپ كەلگەن. ھەرقايسى جەمەتنىڭ ئۆز ئاقساقاللىرى بولغان، بۇ ئاقساقاللار شۇ جەمەتلەر ئىچىدىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر مويىسىپىتلاردىن بەلگىلەنگەن. ئائىلە-نىكاھ، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى، جامائەت سورونلىرىدىن تارتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالۋان-سېلىقلىرىغىچە جەمەت ئاقساقاللىرى يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن. كوسىراپ 1912-يىلى پۇلى ناھىيىسى(تاشقۇرغان)گە تەۋە يېزا بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، بەگلىك تۈزۈم يولغا قۇيۇلغان بۇلسىمۇ، ئەمما يۇرت باشقۇرۇش ئىشلىرىدا يەنىلا جەمەت ئاقساقاللىرى تۈزۈمى ئاساس قىلىنغان. پۈتۈن يېزا خاراكتىرلىك چوڭ ئىشلار پۇلى ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن يەرلىك بەگنىڭ يىتەكچىلىكىدە، جەمەت ئاقساقاللىرى كېڭىشى ئارقىلىق بىكىتىلگەن. 1956-يىلىدىن باشلاپ جەمەت تۈزۈمى ئەمەلدىن قېلىپ، كوسىراپ يېزىسىدا 4كەنىت، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 8مەھەلىدىن ئىبارەت مەمورىي تۈزۈملەر ئورنىتىلغان، كوسىراپلىقلار كوپراتسىيىلىشش دەۋرىگە قەدەم قويغان.

.2ئىقتىسادى ئەھۋالى

‹1›دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەھۋالى

دېھقانچىلق ، قۇناق، بۇغداي، ئارپا،تېرىق، پۇرچاق، باقلى(دادۇر)، زىغىر، زاغۇن، كەندىر، ئاپتاپپەلەس، قۇغۇن، تاۋۇز ۋە ھەرخىل ئوتياش-چامغۇرلارنى تېرىشنى، ئۆرۈك، ئۈژمە، ئالما، ئانار، ئۈزۈم، جگدە، ياڭاق، تېرەك، سۆگەت… قاتارلىق دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي ئەچكۈ(ئۆچكە)، قوتۇز، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. دىھقانچىلىق ئىگىز تاغلار ئارىسىدىكى مۇنبەت توقايلىقلاردا، چارۋىچىلىق ئېگىز يايلاقلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كوسىراپلىقلارنىڭ يەرلىك شىۋىسىدە دىھقانچىلىق رايۇنلىرى«كەن». چارۋىچىلىق رايۇنلىرى «قى»دەپ ئاتىلىدۇ.

كوپراتسىيىلىش دەۋرىدىن بۇرۇن ھەربىر ئائىلىنىڭ خۇسوسىي تېرىلغۇ يېرى ھەم يايلىقى بولغاچقا، دېھقانچىلق بىلەن چارۋىچىلىقنىڭ ئىش تەقسىماتى نىسپى تۆۋەن بولغان. كوسىراپ يېزىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرىنىڭ نوپۇس بېشىغا توغرا كىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئاشلىقتا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا كوسىراپلىقلارنىڭ ئىقتىسادى ھاياتىدا دېھقانچىلققا نىسبەتەن چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. كوسىراپلىقلار چارۋا-ماللىرىنى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاچۇڭ، قوشراپ يېزىلىرى، يېڭىسا ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىغا ئاپىرىپ، قوناق، بۇغداي، گۈرۈچ، تېرىقلارغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاشلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ كەلگەن. كوپراتسىيلىشش ۋە نورمىلىق ئاشلىق سىياسىتىنىڭ يولغا قۇيۇلىشى بىلەن بۇخىل ئالماشتۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كوسىراپلىقلاردا يەنىلا چارۋىچىلىق ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

كوسىراپ يېزىسى تەۋەسىدىكى يايلاقلار ئېگىز تاغ چوققىلىرىغا جايلاشقان، يەرتۈزۈلىشى تەكشى ئەمەس، قاتنىشى قولايسىز، شەھەر بازارلار بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق، بۇخىل ئاجىز ئىكىلۇگىيىلىك مۇھىت شارائىيىتىدا، كوسىراپلىقلار چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا مۇناسىپ ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

چارۋا-ماللارغا ئەن سەلىش ئادىتى:ھەر بىر ئائىلە ئۆز چارۋا-ماللىرىنى تونۇش، پەرقلەندۈرۈش، يوقۇلۇپ كەتكەنلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن ئەن-تامغا سالىدۇ. بۇ ئەن-تامغىلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئەن-تامغىلار تىلما ئەن، ئويما ئەن، كەسمە ئەن، تۆشۈك ئەن، چۆلتەك ئەن، قالاغاچ ئەن، جىگدە ئۇرۇقى ئەن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەن-تامغا چارۋا-ماللارنىڭ قۇلىقىغا سېلىنىدۇ. بىر ئەننى بىر قانچە ئائىلە ئشلىتىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر ئائىلە ئىشلەتكەن ئەن-تامغىنى ئىككىنچى بىر ئائىلە ئىشلەتمەيدۇ. ئشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا يەنە باشقا بىر ئەننى قوشىدۇ، ئەن سالغاندا چارۋا-ماللارنىڭ قۇلاقلىرىغا دىققەت قىلىنىدۇ، بىرئەننى بىر ئائىلە ئوڭ قۇلاققا سالسا، يەنە بىر ئائىلە سول قۇلاققا سالىدۇ.

چارۋا-ماللارغا ئەن- تامغا سېلىش ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. «تۈركىي تىللار دىۋانى» (1-توم 77-بەت ئۇيغۇرچە نەشىرى) دا، ئوغۇزلاردىكى 22 قەبىلىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزئالدىغا چارۋا-ماللىرىغا سېلىندىغان ئەن-تامغىلىرى بارلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئەن-تامغىلار بىلەن كوسىراپلىقلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەن-تامغىلارنى شەكىل جەھەتتىن پەرقلەندۈرگىلى بولمىسىمۇ، مەقسەت، مەنا جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەقلى خۇلاسە شۇكى، بىرىنچى، چارۋا-ماللارغا ئەن-تامغا سېلىش ئەنئەنىسى تەدىرىجىي يوقاپ كېتىۋاتقان ئادەتلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ، كوسىراپلىقلارغا ئوخشاش چەت-يىراق جايلاردا ياشىغۇچى خەلقلەردە يەنىلا ئىزچىل ساقلىنىپ قالغان. ئىككىنچى، ئەن-تامغا سېلىش پەقەت چارۋا-ماللارنى پەرقلەندۈرۈش، ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈنلا قوللىنىلغان ئاددى بەلگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا تەدىرىجىي ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، بىرخىللىقتىن كۆپ خىللىققا قاراپ تەرەققى قىلغان، كىشىلەرنى راسچىل-سەمىمىي بۇلۇشقا، بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بۇلۇشقا، ئۆز ئەجدادىغا سادىق بۇلۇشقا ئۈندەشتىن ئىبارەت بىرخىل مەدەنىيەت ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

مېھمانغا ئاق تۇتۇش ئادىتى:كوسىراپلىقلار ئۆيىگە مىھمان كەلسە خۇشاللىق ھېسابلايدۇ، مىھماننى خىزىر ئورنىدا ھۆرمەتلەيدۇ. ئەمىليەتتىمۇ مېھمان كىلىش چارۋىچى ئۈچۈن خىزىر رولىنى ئوينىغاندىن كۆرە، ئەڭ مۇھىمى مۇڭدىشىش، شۇئارقىلىق بىرمەزگىللىك يالغۇزچىلىق، زىرىكىشلىك ئاسارىتنى يېنىكلىتىش رولىغا ئىگە بولىدىغانلىقى ئېنىق. كوسىراپلىقلار يايلاققا كەلگەن ئادەم مەيلى يوقلاپ كەلگەن بولسۇن، ياكى ئۆزئىشى بىلەن كەلگەن بولسۇن ۋە ياكى تونۇيدىغان، تونۇمايدىغان ئادەم بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، مېھمان دەپ بىلىدۇ. يىراقتىن بىرەر كىشىنىڭ ئۆز كاپىسى(كەپىسى)گە كېلىۋاتقان قارىسىنى كۆرگەن ھامان، شۇ قىردىكى ھەممە ئائىلىگە خەۋەر يەتكۈزىلىدۇ، ھەربىر ئائىلىدىن بىر ئادەم بىر تاۋاقتىن ئاق(سۈت، قېتىق، قايماق) ئېلىپ مېھماننىڭ ئالدىغان يۈگۈرۈپ بارىدۇ، ئالدىن بارغان ساھىپخان مېھماننىڭ ئات-ئۇلىغىنى دەرھال قولىدىن ئېلىپ، سالام-سائەت قىلغاچ ئەكەلگەن ئاقنى سۇنىدۇ، مېھمانمۇ سالام ياندۇرۇپ بولۇپلا، ئاقنى بىر يۇتۇم ئوتلاپ(ھەممىنى ئىچىۋەتسىمۇ بولىدۇ)ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ. باشقا ئائىلىلەرنىڭ ئاقلىرىمۇ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ، بۇ مېھمانغا ئاق تۇتۇش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا كوسىراپلىقلارنىڭ مېھماننى ھۆرمەتلەش، ئادەمگەرچىلىكنى ئەلا بىلىش، ئاقنى ئۇلۇغلاش قارىشى نامايەن قىلىنىدۇ.


ئەركتىللا ۋە غەرۋاز ئوقۇش ئادىتى: ئەركتىللا ۋە غەرۋاز ئوقۇش چارۋىچىلىق تۇرمۇشى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىچە ناخشا ئوقۇش ئادىتى بولۇپ، ئاھاڭى مۇقىم، تېكىستى ئەركىن بولىدۇ. ئەركتىللا ناخشىسى دىئالوگلىشش شەكلىدە ئوقۇلىدۇ، يايلاقتا مال بېقىۋاتقان چارۋىچى يەنە بىر يايلاقتا يۈرگەن ئادەمنىڭ قارىسىنى كۆرگەن ھامان، ئۇ كىشىگە قارىتىپ يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئوقۇيدۇ، ناخشىنى ئاڭلىغان قارشى تەرەپمۇ شۇ ناخشىغا جاۋابەن ناخشا قايتۇرىدۇ(دىئولوگنىڭ قېتىم سانى چەكلەنمەيدۇ)، بۇ ئەركتىللا ئوقۇش دېيىلىدۇ. ئەركتىللا ئاتالغۇسى ئەرك+تىل(تىللار) سۆزلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئەركىن ئازادە ئوقۇلىدىغان ناخشا دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان يەرلىك شىۋە سۆزدىن ئىبارەت. ئەركتىللا ئوقۇش جەريانىدا ئۆزارا بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىش چەكلىنىدۇ، مۇبادا قارشى تەرەپ ئاڭلىماسلىق ياكى ئەركتىللا ئوقۇيالماسلىق سەۋەبىدىن ناخشا قايتۇرمىسا، ئەركتىللا باشلىغۇچى تەرەپ:


تەلپىكىم سەككىز تالا،

تۆتى ئالا،تۆتى قارا،

بېيىتىمنى ياندۇرمىغان،

قايسىكىن كۆڭلى قارا.

دېگەن بېيىتنى ئوقۇش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

غەرۋاز ئوقۇش- پادىچىلار يالغۇز قېلىپ غېرىبلىق ھېس قىلغاندا، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى ئۆز مەھەللىسىنى سېغىنىپ ئۆز-ئۆزىگە پەس ئاۋازدا ناخشا ئوقۇيدۇ، بۇ«غەرۋاز ئوقۇش»دەپ ئاتىلىدۇ. غەرۋاز نامى غېرىب+ئاۋاز سۆزلىرىدىن تۈرلەنگەن، غېرىبلىقتا ئوقۇلىدىغان ناخشا دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان يەرلىك شىۋە سۆزىدىن ئىبارەت.

ئەركتىللا ناخشىسى ناھايىتى جۇشقۇن، تېتىك كەيپىياتتا ئوقۇلىدۇ، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، كائىناتنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈۋىتىدۇ. غەرۋاز ناخشىسى گەرچە تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇلسىمۇ، لېكىن ئاھاڭى ناھايىتى مۇڭلۇق، ئادەمنىڭ ئاڭلىغانسىرى ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ، قايغۇ-ھەسرەتنى يېنىكلىتىشتە تەڭداشسز سېھرى كۈچكە ئىگە.

كېيىك تېكىسىنى ھۆرمەتلەش ئادىتى: كوسىراپلىقلاردا ئۆز نەسەبىنى تېكىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش قارىشى شەكىللەنگەن بولغاچقا، توي-تۈكۈنلەردە، خېمىردىن تېكە مودىلى پىشۇرۇپ پارە ناننىڭ ئۈستىگە قويۇش، مەشرەپلەردە ياغاچتىن تېكە مودىلى ياساپ راۋاپ بىلەن ئۇسۇلغا تەڭكەش قىلىش، ئەجداتلىرىنىڭ تۇپراق بېشىغا تېكە مۈڭگۈزى ئېسىپ قويۇش ئادىتى شەكىللەنگەن.

‹2›باغۋەنچىلىك ئەھۋالى

كوسىراپلىقلاردا مەخسۇسلاشقان باغۋەنچىلىك ۋە باغۋەنچىلىك كەسىپى ئائىلىرى بارلىققا كەلمىگەن. ئەمما ئۇلار مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. كوسىراپلىقلارنىڭ ئېڭىدا مىۋىگە قانچە كۆپ ئادەمنىڭ ئاغزى تەگسە، مىۋە دەرىخى قويغۇچىغا ساۋابى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دېگەن قاراش كۈچلۈك بولغاچقا، مىۋە-چىۋىلەرنى باشقىلارنىڭ يېيىشىدىن قۇرۇيدىغان، ساتىدىغان ئادەت يوق. مىۋىلىك دەرەخلەر ئىچىدە ئۈژمە دەرىخى بەكرەك ئەتىۋارلىنىدۇ. چۈنكى، ئۈژمە دەرىخىنىڭ يۇپۇرمىقىدا پىلە بېقىش ئېھتىياجىدىن كۆرە، ئۇنىڭ بالدۇر پىشىپ، كېيىن تۈگەيدىغان ئالاھىدىلىكى كوسىراپلىقلاردىكى ساۋاپ تېپىش ئارزۇسىغا ماس كەلگەن. بۇيەردە ئەلۋەتتە ئۈژمىنىڭ يىيىشلىكى، سىڭىشچانلىقى، شىپالىق رولىمۇ نەزەردە تۇتقان بۇلۇشى مۇمكىن. يېڭى پىشقان مېۋىنى يېيىشتىن ئاۋۋال «يېڭى ئاش، ئاغزى-بۇنۇمدىن تولۇپ تاش» دەپ ئاندىن ئاغىزىغا سالىدۇ.

‹3›قول-ھۆنەرۋەنچىلىك

كوسىراپلىقلارنىڭ قول-ھۆنەرۋەنچىلىكى ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىغىچە ئائىلىۋى قول-ھۆنەرۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئائىلە ئېتىياجلىق نەرسىلەرنى ئاساسەن ئۆزلىرى ياسىۋالاتتى ياكى ئۆزارا ئۆتنە-ئارىيەت شەكلى ئارقىلىق ھەل قىلاتتى. قول-ھۆنەرۋەنچىلىكتە ياغاچ، تۆمۈر، تاش، پاختا، يۇڭ، تېرە قاتارلىقلار ئاساسي خام ماتىرىيال قىلىناتتى. ئەرلە ربىلەن ئاياللارنىڭ ئىش تەقسىماتى روشەن پەرقلىنەتتى. ئەرلەر ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك، تاشچىلىق ھۆنەرلىرى بىلەن، ئاياللار يۇڭ، پاختىلارنى ئىگىرىش، بوياش، توقۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدىغان قول-ھۆنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياساش ۋە كېيىم-كېچەك تىكىش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

تۇرمۇش بۇيۇملىرى جەھەتتە:

ياغاچ قۇشۇق: كوسىراپلىقلار ئادەتتە كوسىراپ قوشۇقى ۋە ئۆلكە قوشۇقى(يەكەننى ئادەتتە ئۆلكە دەپ ئاتايدۇ)دىن ئىبارەت ئىككى خىل قوشۇق ئىشلىتىدۇ. كوسىراپ قوشۇقىنڭ ئومومى ئۇزۇنلىقى 20سانتىمىتىر ئەتراپىدا، بېشىنىڭ دىئامىتىرى 15سانتىمىتىر، قېلىنلىقى 2سانتىمىتىر، دەستىسنىڭ ئۇزۇنلىقى 15سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۈرۈك، ئامۇت، ئۈژمە ياغىچى 30سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىلىپ، كەكە بىلەن كەلپەتلىنىدۇ. ئاتالغۇ بىلەن باش قىسمى ئويىلىدۇ. ئاخىرىدا كاژگات ئارقىلىق سىپتىلاشتۇرىلىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئۇچ تەرىپى ئۇچلۇق، كەينى تەرىپى يۇمىلاق ياي شەكلىدە بولىدۇ. قومۇلدىكى يانبۇلاق(2500-3100 بۇنىڭدىن بۇرۇن)، لوپتىكى سامبۇل(م.ب1.ئەسىردىن 3.ئەسىرگىچە). چەرچەندىكى زاغۇنلۇق(مىلادى1-6.ئەسىر) قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرىدىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ قوشۇق شەكلىگە ئوخشايدۇ. (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تىل-ئەدەبىيات دەرىسى» 5-قىسىم 25-بەت).

قارا چىراق: قارا چىراق ياسىلىشى ئاددىي، تەننەرخى ئەزان بولغان، توك، كىرسىن، شام بولمىغان شارائىيىتتا ئىجاد قىلىنغان خاس يەرلىك چىراق ھېسابلىنىدۇ. قارا چىراقنى ياساشتا، ئالدى بىلەن ئۈرۈك مېغىزى، كەندىر، ئاپتاپپەلەس قازاندا قورۇلىدۇ. ئاندىن سۈرمە تاشتا ئۈگۈلۈپ(ئېزىلىپ)خېمىر ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ، خېمىر قازاندا قىزدۇرۇلۇپ، قول بىلەن سىقىلىپ ياغ چىقىرىلىدۇ، يېغى ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان كۈنجۇرا (يەرلىك شىۋىدە مۇشتەك)مۇۋاپىق مىقداردىكى سىزغۇرۇلغان ئۆچكە مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، تەخمىنەن بىرەر مىتىر ئەتراپىدىكى ئاپتاپپەلەس ياكى كەندىر ياغىچىغا يۇپۇشتۇرۇلۇپ، نوكچە ھالەتكە كەلتۈرۈلدۇ. نوكچىغا ئوت ياققاندا، پاراسلاپ كۆيۈپ ھەم يورۇقلۇق ھەم ناھايتى مەززىلىك پۇراق تارقىتىدۇ.

سۇما تاش: بۇ بىرخىل تاش قۇرال بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تاش قۇراللىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە كوسىراپلىقلاردا ئىزچىل ساقلىنىپ قىلنىشى ھېسابلىنىدۇ. سۇما تاش چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى ئوخشاش بولمىغان ئىككى تاشتىن ياسىلىدۇ، چوڭ تاش ياپىلاق، ئۇزۇنچاق بولىدۇ. قېلىنلىقى 8-10 سانتىمىتىر، ئۇزۇنلىقى 50-60 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 35-40 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ سۇما دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىك تاش يۇمىلاق، بىر ئادەمنىڭ ئالقىنىغا سىغقۇدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ، بۇ ئۈزۈگى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەرئىككى تاشنىڭ يۈزى مىتاڭ(كوسىراپ شىۋىسىدە مېتىن) بىلەن چوقۇلۇپ، ئويدۆڭ-چوڭقۇر قىلىنىدۇ.

سۇما تاشتا ئۆرۈك ئۈچكىسى چېقىلىپ، مېغىزى ئايرىۋېلىنىدۇ، مېغىز، كەندىر، ئاپتاپپەلەس قاتارلىقلار ئېزىلىپ يەنە كۆكباش قۇناق ئېزىلىپ ياما ئاش ئېتىلىدۇ.

سۈرمە چوكى: بۇمۇ بىر خىل قەدىمكى زاماندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۈرمە كېنىدىن ياسىلىدىغان تاش قۇرال بولۇپ، قىز-چوكانلارنىڭ قاش، كۆزىنى قارا قىلىش ئۈچۈن ئشلىتىلىدۇ. سۈرمە چوكى ھەم قىز-چوكانلارغا گۈزەللىك ئاتا قىلسا ھەم قاش-كىرپىكنى ئۆستۈرۈش، چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆز ئاغرىقىغا شىپا بۇلۇش رولىغا ئىگە يېشىل مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. سۈرمە كېنى كوسىراپ يېزىسى زۇڭتاش كەنتىنىڭ يازاق مەھەللىسىدىكى ئېگىز تاغدىن ئېلىنىدۇ. سۈرمە چوكى چوڭ-كىچىك ئىككى پارچىدىن تەركىب تاپىدۇ، 5-6 سانتىمىتىر ئەتراپىدا تۆت چاسا شەكىلدە ياسالغىنى سۈرمە دەپ، 10 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا، قېرىنداش قەلەم توملىقىدا ياسالغىنى چوكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئۇچ تەرىپى ئىنچىكە ئۇچلىنىدۇ، يەنە بىر ئۇچ تەرىپىگە تۆشۈك ئېچىلىپ پويۇك چىگىپ قۇيىلىدۇ.

پىۋال: پىۋال يىپ ئىگىرىش ئەسۋابى بولۇپ كاۋاشتىن ياسىلىدۇ. كاۋاش كوسىراپ يېزىسى تەۋەسىدىكى بىر قانچە ئورۇندىن چىقىدىغان، سۈرمە تېشىدىن قاتتىقراق، قاش تېشىدىن يۇمشاقراق كان مەھسۇلاتى. پىۋال 4-6 سانتىمىتىر ئەتراپىدا يۇمىلاق ياسىلىدۇ، قېلىنلىقى 1-1.5 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولۇپ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ ياغاچ ساپ ئورنىتىلىدۇ.

پالاس توقۇش: پالاس توقۇش جاپاسى بىر قەدەر كۆپ ھەم مۇرەككەپ بولغان، كۈچلۈك چىدامچانلىقنى، ھۇششىيارلىقنى، ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان قول ئەمگىكى ھەمدە بۈگۈنكى زاماندا يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قەدىمكى قول-ھۆنەرۋەنچىلىك ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنى ئاساسەن ئاياللار توقۇيدۇ. پالاس توقۇش ئۈچۈن قوزۇق، باقانا، گۇلاخ، گۇلاخ يىپى، قېلىچ، شېرىك ياغىچى، ئاقاغ تاختىسى، كۈزۈگە قاتارلىق جابدۇقلار ئىشلىتىلىدۇ.

باقانا: 1.5 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈچ تال ئاچىماق جىگدە ياكى تېرەك ياغىچى ئاچا تەرىپىدىن چېتىلىپ پىرامىدا شەكىلىدە ياسىلىدۇ، گۇلاخ ئېسىلىدۇ.

گۇلاخ: 0.5 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇلغۇن تايىقىنىڭ ئىككى ئۇچ تەرىپىگە قىيناغ چىقىرىلىدۇ، شوينا چىگىلىپ باقانا ياغىچىغا ئېسىلىدۇ، بۇنىڭدىكى يۇلغۇن ياغىچى گۇلاخ، گۇلاخنىڭ ئىككى ئۇچىغا چىگىلگەن شوينا كۈزۈگە دەپ ئاتىلىدۇ، گۇلاخ ياغىچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا پالاس يىپلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش رولىنى ئۆتەيدىغان پاختا شوينا بېكىتىلىدۇ، بۇ شوينا گۇلاخ شىپى(يىپى) دەپ ئاتىلىدۇ.

شېرىك ياغىچى: بىر مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇلغۇن تايىقىنىڭ ئىككى ئۇچ تەرىپىگە قىيناغ چىقىرىلىدۇ، پالاس يىپلىرى ئىككى تالدىن جۈپلىنىپ، تەك-تۆپە يۆلىنىشى بويىچە پاختا يىپ بىلەن قوزۇق بېغى شەكلىدە چىگىلىدۇ، پالاس يىپلىرىنىڭ ئالمىشىپ ياكى ئۈزۈلۈپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

قىلىچ: 0.7مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، 15سانتىمىتىر كەڭلىكتىكى، 3سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى ئۈرۈك ياكى ئۈژمە شېلى بەل پىچاق شەكلىدە ياسىلىدۇ، ئالدى تەرىپى نىپىزلىتىلىپ بىس ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ، تەك-تۆپە قىلىنغان يىپلارنىڭ ئالمىشش نوقتىسىغا ئاقاغ يىپى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، قېلىچ ئارقىلىق چىڭىتىلىدۇ.

ئاقاغ تاختىسى: 0.6مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، 10سانتىمىتىر كەڭلىكتىكى تېرەك شېلى رەندە سېلىنىپ سىلىقلاشتۇرلىدۇ، ئاقاغ يىپىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

پالاس تۆگە، قوي يۇڭلىرى (قوي يازدا، كۈزدە قىرقىلىدۇ، كۈزلۈك يۇڭدا يىپ ئىگىرگىلى بولمايدۇ)، كەندىر چىگىسى قاتارلىقلاردا ئىگىرىلگەن يىپلاردىن توقىلىدۇ. تۆگە يۇڭى يىپىدا توقىلغان پالاستا تونچە ئۇزۇن چاپان تىكىلىدۇ، يىپى ئىنچىكە ئىگىرىلىدۇ. كەندىر چىگىسى پالاس ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، يىپى يوغانراق ئىگىرىلىدۇ. قوي يۇڭى يىپىدا پالاس، تاغار، خۇرجۇن، ئورۇما ۋە شالچە قاتارلىقلار توقۇلىدۇ. يىپ دەسلەپتە سىڭاقات ئىگىرىلىپ، ئاندىن ئىككى قات تولىنىدۇ. يىپ تولاشتا پىۋال تەتۈر يۆلىنىشتە ئايلاندۇرىلىدۇ. سىڭاقات ئىگىرىلىپ تۈرتەك قىلىنغان يىپ يىك دەپ، ئىككى قات قىلىپ تۈرتەكلەنگەن يىپ يۇمغاق دەپ ئاتىلىدۇ. يىپ يۇمغاق قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يۇيۇپ ئادالىنىپ ھەرخىل رەڭلەردە بۇيىلىدۇ. پالاسنىڭ چوڭ-كىچىكلىك ھەجىمى بويىچە ئىگىرىلگەن يىپنىڭ مىقتارى غېرىچ ئارقىلىق ئالدىن مۆلچەرلىنىدۇ، يەنى مانچە غېرىچ يۇمغاق يىپ مەنچە غۇلاچ كېلىدۇ، مانچە غۇلاچتا مانچىلىك چوڭلۇقتا پالاس توقۇلىدۇ، دەپ ئالدىن مۆلچەر قىلىنىدۇ. بۇ مۆلچەر يەنە پالاس توقۇشنى باشلاش، پالاسنىڭ رەڭ، گۈللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

پالاس توقۇشنى باشلاش: پالاس باشلاشقا مۇشۇ ئىشنى قىلالايدىغان ئۇستىكار ئاياللار تەكلىپ قىلىنىدۇ. پالاس توقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەكشى، ئازادە ئورۇن ھازىرلىنىدۇ. 80سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا 5تال قۇزۇق ياسىلىدۇ، تۆت چوڭ قۇزۇق تۆت ئورۇنغا تۆت چاسا قىلىپ(پالاسنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە)قېقىلىدۇ. گۇلاخ ياغىچى بىلەن بىر تال قۇزۇق ئۇدۇللاشما ھالەتتە 30سانتىمىتىر كەڭلىكتە ئوتتۇرىغىراق قېقىلىدۇ. يىپ تۇنجى قۇزۇققا چىگىلىپ ئوڭ يۆلىنىش بويىچە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇلاخ يىپىغا چىگىلىپ ئۆتىدۇ، ئىككىنچى رەتتە ئايلاندۇرۇلغان يىپ گۇلاخ ياغىچىغا يانداش قۇزۇقنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تۇنجى يىپ بىلەن ئۆتۈشمە قىلىنىپ ئايلاندۇرىلىدۇ، بۇ ئورۇندا بىر ئادەم پالاس يىپلىرىنىڭ ئۆتۈشمە قىلىنىشىغا مەسئول بولىدۇ. يىپلار پالاسنىڭ گۈل نۇسخىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، پالاس يىپلىرى ئۆزتەرتىپى بويىچە قۇزۇقلارغا يۆگىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى قۇزۇق قىسقارتىلىپ، قالغان ئۈچ قوزۇق ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە قېقىلىدۇ. يانداش قېقىلغان ئىككى قۇزۇققا بىر تال توم ياغاچ باغلىنىپ توقۇش باشلىنىدىغان تەرەپ يىپىغا ئۆتكۈزىلىدۇ. يەنە بىر قوزۇققا پالاس يىپىنىڭ بىر ئۇچى چىگىلىدۇ. ئاخىرىدا گۇلاخ ياغىچى باقاناغا ئېسىلىدۇ. پالاس توقۇشنى باشلاش ئاخىرىلىشىدۇ. بۇ جەريان «پالاس يۇگۇرۇش»دەپ ئاتىلىدۇ.

پالاس توقۇش نۇقۇل ھالدىكى تۇرمۇش ئېھتىياجى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر قول-ھۆنەرۋەنچىلىكىدىكى ئۆزگىچە ئىستىتىك قىممەتكە ئىگە گۈزەل-سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.

كېيىم-كېچەك جەھەتتە:

جۇغراپىيلىك تەبىئي شارائىت ۋە ئىجتىمائي تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن كوسىراپلىقلارنىڭ كېيىنىش ئادەتلىرى ھەم قەدىمىيلىككە ھەم قىسمەن ئۆز گىچىلىككە ئىگە بولغان. يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، كوسىراپلىقلار يۇڭ، تېرە، پاختا قاتارلىقلاردىن ئۆزلىرى تەييارلىغان كېيىم-كېچەكلەرنى كېيىشەتتى. ئەرلەر ئاشلاپ ئەيلەنگەن تۈكى(مويى) ئۇزۇن ئاق ياكى قارا قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن سالۋا تەلپەك كەيسە، ئاياللار مويى سەل پەسرەك، شەكلى ئەرلەر تەلپىكىگە ئوخشايدىغان كىچىك تەلپەكلەرنى كېيىپ، تۆپىدىن ياغلىق سالىدۇ. كىچىك بالىلارغا پاختا رەخىتتىن ئولپاق تىكىپ، ئولپاقنىڭ تۆپىلىك قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ پۆپۈك قادالغان باش كېيىمى كېيدۈرىدۇ. ئىلگىرى بەزى ئەرلەر تاجىكچە تەلپەك، ئاياللار كۇلتا كېيىدىغان ئادەت بار ئىدى، ھازىر ئەمەلدىن قالدى.

ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ھەممە كىشىدە چورۇق كېيىش ئومۇملاشقان. چورۇق يەڭگىل، يۇمشاق، چىداملىق بولۇش، خام ماتىرىيالىنى تېپىش ئاسان ھەم باھاسى ئەرزان بولۇشتەك ئالاھىدىلككە ئىگە ئاياغ كېيمى بولۇپ، ئۇ ئەرەنچە، ئايالچە ياكى يازلىق، قىشلىق دەپ ئايرىلمايدۇ. قىشتا كىگىز پايپاق بىلەن، يازدا جۇراپ پايپاق(يۇڭ يىپتا توقۇلغان) ياكى پايتىما بىلەن كېيىلىدۇ. كوسراپلىقلار تىككەن چورۇقلار شەكىل جەھەتتە ئۆلكە (يەكەن) چورۇقى، قىرغىز چورۇقى، تاجىك چورۇقلىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ.

ئەرلەر قىشتا جۇۋا ياكى يۇڭ سېلىپ تىكىلگەن تون كېيىدۇ. يازدا ئاق ماتادىن تىكىلگەن تونچە كۆڭلەك، تامبال(ئىشتان) كېيىدۇ. بەلۋاق ياكى قۇر بىلەن بېلىنى باغلاپ، پىچاق ئاسىدۇ.

ئاياللار قىشتا جۇۋا ياكى يۇڭ سېلىپ تىكىلگەن ئۆتۈشمە ياقىلىق، ئىككى يان تەرىپىگە چەك قويۇلغان چاپانلارنى، يازدا ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كېيىدۇ. ئاياللار ئادەتتە زىننەت بۇيۇملىرىنى ئانچە تاقاپ كەتمەيدۇ. ھېيىت ئايەم، توي-تۆكۈنلەردە، زىرە، مونجاق، ئۈزۈك، بىلەيزۈك تاقايدۇ. كۆپ ساندىكى ئاياللار مەيدىسىگە يۇمىلاق شەكىللىك، بۆرەكچە نەقىش چىقىرىلغان ھەلقە(ئەدەبىي تىلدا ھالقا) تاقىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېلگىرى بەزى ياشانغان ئاياللار مەيدىسىگە ھالقا بىلەن قەلەمتاراچنى بىللە ئاسىدىغان، قىز-چوكانلار بېلىگە پىچاق-بوي تاسما ئاسىدىغان ئادەت بولغان، ھازىر يوق.

كوسىراپلىقلارنىڭ كېيىنىش ئادىتىدە، تۆۋەندىكىدەك پەرھىزلىك قاراشلار شەكىللەنگەن: ①ئاتا-ئانىسدىن قالغان باش كېيىملەرنى ئەۋلادتىن ئەۋلادغىچە ساقلاپ كېيىشنى(يىرتىلىپ كەتمىسلا) ئەلا بىلىدۇ. باش كېيىملەرنى باشقىلارغا سوۋغات قىلىشنى، يەرگە تاشلىۋېتىشنى، ئاتلاپ ياكى دەسسەپ ئۆتۈشنى قاتتىق يامان ئالىدۇ. «دوست باشقا، دۈشمەن پۇتقا قارار» دېگەن قاراش كەڭ تارقالغان. ② كوسىراپلىقلار باش كېيىمدىن باشقا ھەر قانداق يېڭى كېيىم كېيىدىغان چاغدا، ئاۋۋال «مېنىڭ ئۆمرۈم ئۇزۇن بولغاي، سېنىڭ ئۆمرۈڭ قىسقا» دەپ كېيىمنى بىر قېتىم دەسسىۋىتىپ ئاندىن كېيىدۇ. ③مەيلى ئەرلەر بولسۇن ياكى ئاياللار بولسۇن ھەر قانداق كىشىنىڭ يالاڭباشداق يۈرۈشىنى يامان ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللار كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن يالاڭباشداق يۈرسە ياكى ياتسا، قىيامەت كۈنى گۆردىن توڭگوز بولۇپ قوپىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ④ھەرقانداق ۋاقىتتا، كېيىم كېيىشنى ئوڭ تەرەپتىن، سېلىشنى سول تەرەپتىن باشلاش شەرىت قىلىندۇ. ⑤ قىز-ئاياللارنىڭ قىسقا ئىشتان كېيىشى، ئۇزۇن پايپاق تارتىشى، ھوشۇقىنىڭ ئۈستىنى ئوچۇق قويىشى، يايتاق ئات-ئېشەكلەرگە مىنىشى ئەيىپ ھېسابلىنىدۇ.

(4)قوشۇمچە ئىگىلىك ئادەتلىرى

كوسىراپلىقلار ئىقتىسادى جەھەتتە چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغاندىن باشقا يەنە قول-ھۆنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق، ئالتۇن چايقاش، كۆمۈر قېزىش، قوغۇشۇن تاۋلاش قاتارلىق قوشۇمچە كەسىپلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.

سودا-سېتىق ئەھۋالى: كوسىراپ يېزىسىدا تەبىئى شارائىتىنىڭ چەكلىمىلىكىدىن بازار شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كوسىراپلىقلاردا سودا ئېڭى ئاللىبۇرۇن شەكىللەنگەن. ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىدا تەڭ قىممەتكە ئىگە بولغان ماددىي بۇيۇملار ئاساسىي ئوبروت(ئايرىباشلاش) ۋاستىسى بولغان. كوسىراپلىقلاردىن سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تۇنجى بولۇپ ئۆز بېغىدا پىشقان ئۈرۈك، نەشپۈت، ئۈزۈم، ياڭاق قاتارلىق مىۋىلەرنى، سېرىققول(تاشقۇرغان) يايلاقلىرىدا ياشىغۇچى تاجىك، قىرغىز چارۋىچىلىرىغا ئوغلاق، قوزا، تېرە، يۇڭ، سېرىق ماي قاتارلىقلارغا ئالماشتۇرۇش بىلەن سودا ئىشلىرىنى باشلايتتى. روناق تاپقانلىرى كاچۇڭ،قوشىراپ، چۇپان بازارلىرىدىن ئالغان ياغ، گۈرۈچ، ئۇن، ياڭاق، نەشپۈت، بادام، رەخىت قاتارلىق تاۋارلارنى تاشقۇرغان بازارلىرىغا ئاپىرىپ ساتاتتى. قاتناش مۇساپىسى ئۇزۇن ھەم خەتەرلىك بولغاچقا يالغۇز سەپەرگە چىقىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ تاشقۇرغان بىلەن كوسىراپ ئارىلىقىدا بېرىپ-كېلىشكە ئون كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، خەتەرلىك دەريا-ئېقىنلاردىن، قارلىق تاغ-داۋانلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەچكە، يول جاپاسى بىلەن ئاچلىق ئازابى جان قىينايتتى. شۇڭا كوسىراپتىن ماڭغان سودىگەر تاشقۇرغاندىن يانغان سودىگەرگە ئىككىدىن نان تۇتۇش ئومۇمى ئادەتكە ئايلانغان.

ئالتۇن چايقاش: زەرەپشان دەرياسىدا كېپەك ئالتۇن زاپىسى بىرقەدەر مول. كوسىراپلىقلار مۇشۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ ئۆزگىچە ئالتۇن ئىشلەش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئالدى بىلەن ئالتۇن چايقاشقا ماس كېلىدىغان ئورۇن بېكىتىلىدۇ، ئاندىن 1.5مىتىر كەڭلىكتە، 80سانتىمىتىر ئىگىزلىكتە ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدىكى تاش سۇپا ياسىلىپ ، ئىچى شېغىل بىلەن تۇلدۇرىلىدۇ. ئۈستىگە ئوخشاش چوڭلۇقتا يۇڭ پالاس يېپىلىپ، پالاس ئۈستىگە سېۋەت ياكى ئۆتكەمە قويىلىدۇ، بۇ دۇكان دەپ ئاتىلىدۇ. دۇكان قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇم-شېغىل قېزىلىپ، بىر ئادەم گۈرجەك بىلەن ئۆتكەمە ئىچىگە تاشلايدۇ، يەنە بىر ئادەم نوگايدا سۇ قۇيىدۇ. چوڭ شېغىل-تاشلار ئۆتكەمىگە سۈزۈلۈپ قېلىپ، قۇم پالاس ئۈستىگە چۈشىدۇ. پالاس يۈزىگە چۈشكەن قۇملار ئۇترۇملۇق سيىرىپ چىقىرىۋېتىلىپ، پالاس چوڭراق داستىخان ياكى رەخىت ئۈستىگە قېقىلىدۇ. بۇ قىزىل ئايرىش دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل ئايرىش تۈكىگەندىن كېيىن، ئايرىۋېلىنغان قۇم ياغاچ لېگەندە قايتا-قايتا چايقىلىپ. ئېشىپ قالغان قىسىمىغا سىماپ قۇيۇلىدۇ. ئالتۇن سىماپقا چاپلىشىپ مۇنەك ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ ئالتۇن چايقاش دەپ ئاتىلىدۇ.

قوغۇشۇن ئېرىتىش: قوغۇشۇن ئېرىتىشمۇ، كوسىراپلىقلارنىڭ تىرىكچىلىك يولىدىكى قوشۇمچە كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە كوسىراپلىق ياشلار تۈركۈملەپ قەشقەر تاغلىرىغا(ئەمەلىيەتتە ئاتۇش شەھىرى قاراجۇل يېزىسى تەۋەسىدىكى قاقشال تاغلىرى) بېرىپ، قوغۇشۇن رودىسى قازاتتى، ئاندىن ئۇنى تاۋلاپ(ساپلاشتۇرۇپ) قەشقەر شەھىرىدە سېتىپ پۇلغا ئايلاندۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر كوسىراپ تاغلىرىدىمۇ قوغۇشۇن تاۋلاش بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمما شەھەر-بازالاردىن يېراق بولغاچقا تاۋارغا ئايلىنالمىغان. پەقەت قارا مىلتىققا ئوق قىلىشقىلا ئىشلىتىلگەن.

كۆمۈر قېزىش: كوسىراپ يېزىىسىنىڭ كۆمۈر زاپىسى ناھايىتى مۇل. كوممۇنا مەزگىلىدىكى 20 نەچچە يىلنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەربىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئۆزئالدىغا شەخسى كۆمۈر كېنى بولغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ كۆمۈر بازارغا يۈزلىنىپ، دېھقان ئائىلىرىنىڭ ئاساسي پۇل تېپىش مەنبەسىگە ئايلانغان.

3.ئائىلە قۇرۇلمىسى

كوسىراپلىقلار بىر ئەر بىر خۇتۇنلۇق ئائىلە قۇرۇلمىسى بويىچە ئەرلەر ئاساس قىلىندىغان ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرغان. ئائىلە باشلىقى تەبىئى ھالدا دادا ياكى ئوغۇل(ئاساسلىق چوڭ ئوغۇل)غا مەنسۇپ بولغان. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە باشلىقىغا شەرتسىز بۇيسۇنۇشى، گېپىنى ئاڭلىشى، ھۆرمەت قىلىشى بىرخىل ئەنئەنىۋى ئائىلە ئەخلاقىغا ئايلانغان. قانداشلىق مۇناسىۋىتىدە ئانىغا قارىغاندا دادا تەرەپ قانداشلىقى ئاساسى ئورۇندا تۇرغاچقا، كوسىراپلىقلارنىڭ تۇققانلارنى ئاتاش نامىدىمۇ دادا تەرەپ تۇققانلىرى بىلەن ئانا تەرەپ تۇققانلىرىنى پەرىقلەندۈرۈپ ئاتاش ئادىتى شەكىللەنگەن. مەسىلەن، دادا تەرەپ تۇققانلىرىدىن ئەرلەر دادىدىن چوڭ بولسا «چوڭ دادا»، كىچىك بولسا «ئاكا» دەپ ئاتالسا، ئانا تەرەپ ئەر تۇققانلار بىردەك «تاغا» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاتاقلار چوقۇم ئۆزجايىدا ئىشلىتىلىشى شەرت قىلىنىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن كۆڭۈل رەنجىتىش، بولۇپمۇ دادا تەرەپ تۇققانلارنىڭ كۆڭلى رەنجىپ قېلىش ئەھۋالى يۈزبىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئائىلە ئېقتىسادىنى باشقۇرۇش، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، توي-تۈگۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئۇزۇتۇش ۋە ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىدا ئەرلەر ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، ئاياللارنىڭ ئارلىشش ھوقۇقى بولمايدۇ. كۆپ ئوغۇللۇق ئائىلىلەردە چوڭ ئوغۇل توي قىلىپ پەرزەنىت يۈزى كۆرگەندىن كېيىن ئۆي ئايرىپ بېرىلىدۇ، بۇ «بۆلەك چىقىرىش» دەپ ئاتىلىدۇ. كەنجى ئوغۇل ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتمەي، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدۇ. ئوغول پەرزەنىتلەر گەرچە ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن بىلەن ئائىلىنىڭ چوڭ ئىشلىرىدا يەنىلا دادىنىڭ، دادا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن چوڭ ئوغۇلنىڭ ئاغىزىغا قارايدۇ. ئېقتىسادىي جەھەتتە مېنىڭ-سېنىڭ دەيدىغان قاراشلاردا بولمايدۇ. ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بۇلۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئاياللار،كىچىكلەر، ئاجىزلارنى قوغداش، ئۆزارا ئىناق-ئىتىپاق ئۆتۈش، بىر-بىرىگە يول قۇيۇش،ئەر-خۇتۇنلار بىر-بىرىگە سادىق بۇلۇش ئەقىدىسى كۈچلۈك بولغان. شۇڭا كوسىراپلىقلاردا«ئاتا-ئانا رازى–خۇدا رازى»، «بۇغداي بىلەن ساماننى شامال ئايرىدۇ، قان-قېرىنداش تۇققاننى ئۈلۈم ئايرىدۇ»، «يەغىش(يامغۇر) بىلەن يەر كۆكىرەر، دۇئا بىلەن ئەر كۆكىرەر» «قىز بالا ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى» دېگەنگە ئوخشاش ئەجداد ئۈگۈتلىرى بارلىققا كەلگەن.

4.تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى

كوسىراپلىقلارنىڭ تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى ئەجداد-ئەۋلات تەرتىپى، قېرىنداشلىق تەرتىپى،ياش تەرتىپى، ئەر-خۇتۇنلۇق تەرتىپى، قۇدا-باجىلىق تەرتىپى ۋە دوست-ئاداشلىق تەرتىپلىرى بويىچە پەرىقلەندۈرىلىدۇ.

ئەجداد-ئەۋلات تەرتىپى بويىچە، ئەۋلاتلار(پەرزەنىتلەر) ئۆز ئەجدادىنى دادام، ئانام، بابام، مامام، بابام ياكى مامامنىڭ دادىسى، ئانىسى، ئۇنىڭ دادىسى، ئانىسى… دەپ ئاتىسا، ئەجدادلار(ئاتا-ئانىلار) بالام(ئوغلۇم، قىزىم)، نەۋرەم، چەۋرەم، ئەۋرەم، پەي نەۋرەم، كۇكۇن نەۋرەم دەپ ئاتايدۇ.

قېرىنداشلىق تەرتىپى بويىچە، ئاتا-ئانابىر تۇققانلار «جانجىگەر بىر تۇققان» دەپ ئاتالسا، دادا بىر، ئانا باشقا ياكى ئانا بىر دادا باشقا بىر تۇققانلار «قانداش بىر تۇققان» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەرلەر ئاكام، ئاكاچام، ئىنىم، ئۇكام، ئاياللار ئاچام، ئايلاكام، سىڭلىم، دېيىلىدۇ. بىر تۇققانلارنىڭ پەرزەنىتلىرىدىن باشلاپ تۇققانچىلىق ناملىرى دادا تەرەپ بىلەن ئانا تەرەپنىڭ پەرىقلەندۈرۈپ ئاتىلىدۇ. دادىنىڭ بىر تۇققان ئاكىسى ياكى دادا تەرەپتىن بولغان بىر نەۋرە ئاكىسىنى چوڭ دادام، چوڭ دادىنىڭ ئايالىنى چوڭ ئانام دەپ ئاتايدۇ. دادىنىڭ ئىنىلىرىنى ئاكام، ئاكىنىڭ ئايالىنى يەڭگەم دەپ ئاتايدۇ. ئانا تەرەپنىڭ ئاكا-ئىنى تۇققانلىرىنى بىردەك تاغام دەپ ئاتايدۇ. ئەرلەر يەنە ئۆزىنىڭ ئايال قېرىنىداشلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى خارىم دەپ ئاتايدۇ. دادا تەرەپتىن بولغان نەۋرىلەر ياش قۇرامى بويىچە ئۆز ئارا ئاكام، ئىنىم، ئاچام، سىڭلىم دەپ ئاتاشسا، ئانا تەرەپتىن بولغان نەۋرىلەر بىلەن دادا تەرەپتىن بولغان نەۋرىلەر ئۆز ئارا (ئوغۇل-قىز دەپ ئايرىمايدۇ) پېتىشىم دەپ ئاتىشىدۇ.

قۇدا-باجىلىق تەرتىپى بويىچە، ئەر-خۇتۇن بۇلغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆزارا قۇدا-باجا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەر ئايالنى «تەۋۇ» دەپ، ئايال ئېرىنى «ئەۋۇ» دەپ ئاتايدۇ. ئەر بىلەن ئايال بىر-بىرىنىڭ دادىسىنى قەينىتام، ئانىسىنى قەينام، ئاكىسىنى قەيناغام، ئاچىسىنى قەينەئىگىچىم، ئىنىسىنى قەينىنىم، سىڭلىسىنى قەينە سىڭلىم دەپ ئاتايدۇ.

دوست-ئاداشلىق تەرتىپى بويىچە، كوسىراپلىقلاردا تەڭتۇش ئوغۇللار بىلەن ئوغۇللار دوست بۇلۇش، قىزلار بىلەن قىزلار ئاداش بۇلۇشتىن ئىبارەت غەيرىي تۇققانچىلىق ئادىتى شەكىللەنگەن. ئۇلار ئۆزارا «دۇستۇم»، «ئادىشىم»دەپ، ئاتا-ئانىسىنى ئايشاتام، ئايشانام، ئاكىسىنى ئايشاكام، ئاچىسىنى ئايشاچام، ئىنىسىنى ئايشىنىم، سىڭلىسىنى ئاياشسىڭلىم دەپ ئاتايدۇ. ئايشاتا- ئايشانا بولغۇچىلارمۇ پەرزەنىتلىرىنى ئايشوغلۇم، ئاياشقىزىم دەپ،دوست-ئاداش بولغۇچىلارنىڭ پەرزەنىتلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ دوس-ئاداشلىرىنى ئايشاتام، ئايشانام دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.

ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ①كوسىراپلىقلاردا ئەجداد ئىسمىنى ئەۋلادقا ئات قىلىپ قۇيۇش شەكلى(دادا تەرەپ تۇققانلىرى ئاساس قىلىنىدۇ) ئارقىلىق ئائىلە شەجەرىسىنى تۇرغۇزۇش ئەنئەنىسى ئومومىي ئادەتكە ئايلانغان.②تۇققانچىلىق مۇناسېۋىتىدە دادا تەرەپ قانداشلىقى ئاساس قىلىنغان. ئۇلارنىڭ قارىشدا ئاكا بىلەن تاغا، ئاكا(ئىنى)، ئاچا(سىڭىل) بىلەن پېتىش تەڭ ئورۇنغا قۇيۇلمىغان. شۇڭا بۇ ناملارنى ئۆزجايىدا ئىشلىتىش تۇققانچىلىق مۇناسۋىتىدە ئىنتايىن مۇھىم. ③ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن، كوسىراپلىقلاردا ئاتا-ئانىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنى ئاقانا(ئاق ئانا)، ئاقاچا(ئاق ئاچا) دەپ ئاتىۋالىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن. ئەكىسىچە پېشىم، يەزنەم دېگەن ناملار يوقالغان. ④كوسىراپلىقلاردا ھاممام، خاناچام دېگەن ناملار شەكىللەنمىگەن. ⑤پەرزەنىتلەر ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ، كۈيئوغۇل-كېلىنلەر قەيناتا، قەينانىسىنىڭ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە چاقىرىش ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.⑥كوسىراپلىقلار تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلىقىغا قارىماي، ئۆزىدىن چوڭ ھەر قانداق كىشىنى ئاكام، ئاكاچام، ئاچام، ئايلاكام دەپ، كىچىكلەرنى ئۇكام(ئىنىم)، سىڭلىم دەپ چاقىرىدۇ.⑦ يۈزتۇرانە چاقىرىشقا توغرا كەلسە، ئاكوي(ئاكا)، ئاچوي(ئاچا)… دەپ، يوق يەردە بولغان بولسا، شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئاكام، ئاچام سۆزلىرىنى قوشۇپ چاقىرىش ئادىتى ئومۇملاشقان.

5.ئولتۇراقلىشش ئادىتى

كوسىراپلىقلار يېرىم دېقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بولۇپمۇ كوسىراپ يېزىسىنىڭ تەبىئى شارائىتىگە ماس ھالدا ئۆزگىچە ئولتۇراقلىشش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. دېھقانچىلىق رايۇنلىرىدىكى كەن(كەنت) ئۆيلىرى ھەم مۇقىم ھەم يۈرۈشلەشكەن ئۆيلەر بولغاچقا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدىكى قى(قىر) ئۆيلىرى كاپا(كەپە) دەپ ئاتىلىپ ئىككىلەمچى ئورۇننى ئىگىللەيدۇ. ئۆي كوسىراپلىقلارنىڭ يەرلىك شىۋىسىدە تام دەپ ئاتىلىدۇ. تام ھەم ئۆينى ھەم تامنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئادەتتە ئۆي سېلىشنى تام سېلىش دەپ ئاتايدۇ. كوسىراپلىقلار ئىشىك ئالدىغا گۇل تېرىشنى. ھويلا ئىچى ياكى ئالدىغا باغ چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما يەر قىسلىقى تۈپەيلى ھەممە ئادەمدە باغ قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. باغ قىلالمىغانلا ئىشىكى ئالدىغا ئۈزۈم، ھېچ بولمىغاندا بىررەر تۈپ ئۈژمە دەرىخى سالماي قالمايدۇ.

كەنىت ئۆيلىرى ياكى قىر ئۆيلىرىنىڭ ھەممسى توپا، ياغاچ ئۆيلەر(ئاق ئۆي ياسالمايدۇ)نى ئاساس قىلىدۇ. كەنت ئۆيلىرى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تاغ باغرىنى بويلاپ نىسبەتەن تۈزلەڭ، قۇرغاق، كەلكۈن، كۆچكۈندىن يىراقراق جايلار تاللىنىپ، جەنۇب،شىمال يۆلىنىشى بويىچە سېلىنىدۇ. جەنۇب تەرەپتىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى شىمالغا، شىمال تەرەپتىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى جەنۇبقا قارىتىلدۇ. كەنت ئۆيلىرى پەشئايۋان، ئايۋان(سۆرۈنخانا)، ساراي، مېھمانخانا، ئاشخانا، قازناق تەرتىپلىرى بويىچە يۈرۈشلۈك ئۆيلەردىن تەركىب تاپىدۇ. پەشئايۋاننىڭ ياسىلىش شەكلى ئۆزگە يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆي شەكلىگە ئوخشايدۇ. پەشئايۋاننىڭ ئىچكىرىسىگە ئايۋان، ئۇنىڭ ئىچىگە ساراي، ئاشخانا، قازناق سېلىنىدۇ. ئايۋان بىلەن ساراينىڭ تۈزۈلۈش شەكلى ئۆزگېچە ئالاھىدىلىككە ئېگە بولۇپ، كۇچا ۋە دەريا بويىلىقلارنىڭ ئايۋان قۇرۇلمىسنى ئەسلىتىدۇ («تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت» ئۇيغۇرچە نەشىرى 165-، 166-لەر). ئايۋان ئادەتتە سۆرۈنخانا دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ ئىككى ئۇزۇن، ئىككى قىسقا خەلىك(ئەدەبى تىلدا خا)، تۆت تۆۋرۈكلۈك قىلىپ لاھىيلىنىدۇ. ئايۋاننىڭ ئىشىك تەرىپىدىن تۆر تەرىپىگە قارىتىپ تار كوچا قويىلىدۇ، بۇ تار كوچا ساراي، مېھمانخانا ئۆيلەرگە تۇتىشىدۇ. ئايۋاننىڭ تۆرى ئىككى سۇپىلىق بولىدۇ.( سۇپا كوسىراپ شىۋىسىدە سۆكە دېيىلىدۇ) سۇپا ئەتراپىغا تاختايلىق زەگۈندە ياسىلىدۇ. ئايۋان ئوتتۇرىسىغا كەڭ-تارلىقى ئۈچ مىتىرلىق تۆت چاسا پەگاھ (كوسىراپ شىۋىسىدە پەيگە دېيىلىدۇ) چىقىرىلىدۇ. ئايۋاننىڭ يورۇق، ھاۋالىق بولىشى ئۈچۈن پەگاھنىڭ ئۆگزە قىسىمىغا بىر مىتىر ئېگىزلىكتە لەمپە ياسىلىدۇ. ئايۋان توي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئۇزىتىش، مەشرەپ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئاممىۋىي يىغىلىشلارغا ماس كەلگەچكە، خوشنا يۇرتلارغىمۇ كەڭ تارقالغان. ساراي ئۆيلەر ئىككى خالىق، بىر سۇپىلىق، قالغان ئۆيلەر بىر خالىق، بىر سۇپىلىق ياسىلىدۇ. ئۆيلەرگە تاكچا چىقىرىلىدۇ، تۈڭلۈك قويىلىدۇ(ئەمدىلىكتە دېرىزە قويلىدىغان بولدى). ئۆي يېپىشقا كېتىدىغان ماتىرىياللار خە(خا)، جەگە، سىنجى(ھاراق)، ۋاسا، پەرمان، چۇغۇندەك(نەلىڭ) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، تېرەك، ئاتۇچ(قارىغاي) ياغاچلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا ياغاچلارغا نەقىش ئىشلەش، تاملىرىنى ئاقارتىش ئاز بولغان، يېقىنىقى زامانلاردىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىشىغا ئەگىشىپ نەقىش ئىشلەش، گەجلەش، چىنىخىش چاپلاش ئادەتلىرى ئومۇملىشىشىقا باشلىدى.

كاپا ئۆيلەر(قىر ئۆيلىرى) ئىچكىرى-تاشقىرى قىلىپ ئىككى ئېغىزلىق بولىدۇ. قۇرۇلمىسى نىسبەتەن ئاددىي پەسرەك يېپىلىدۇ، نەقىش چىقىرىلمايدۇ. تاش، قاراغاي(ئاتۇچ) ياغىچى ئاساس ماتىرىيال قىلىنىدۇ.ئۆيلەرنىڭ ئىشكىنى جەنۇب ياكى شىمال تەرەپكە قارىتىپ سېلىش شەرت قىلىنىدۇ. كۈن چىقىش، كۈن پېتىش تەرەپكە قارىتىلمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: ①كوسىراپ يېزىسىنىڭ تەبىئى شارائىتى سەۋەبىدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى ئۆيلەر دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تاغ باغرىنى بويلىتىپ سېلىنىدىغان بولغاچقا، ئىشىك چوقۇم دەريا تەرەپكە قارىتىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۆينىڭ ئالدى تاغ تەرەپكە قارىتىلىپ قالسا، ئۆينىڭ بىخەتەرلىكىگە، يورۇق، ئازادە بۇلۇشىغا، كۈنگەي بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلىي بولمايدۇ. ②ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مىللىي ئەنئەنىسىدىكى كۈن ئېتقادچىلىقى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۆزارا يۇغۇرۇلشى تەسىرىدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. كوسىراپلىقلار يېتىپ-قوپۇشتا يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا ئادەتلەنگەن. پۇت، دۈمبە تەرەپنى قىبلە تەرەپكە قارىتىشنى، كۈن چىقىش، كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ تەرەت قىلىشنى، تۈكۈرۈشنى، يۈزىنى يۇماي تۇرۇپ كۈن يۈزىگە قاراشنى گۇنا ھېسابلايدۇ.

6.توي-تۆكۈن ئادىتى

(1) نىكاھ تۈزۈمى: ① كوسىراپلىقلاردا بىر ئەر بىر خۇتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئازادلىقتىن بۇرۇنقى زامانلاردا توي قىلىپ خېلى يىللارغىچە پەرزەنىت يۈزى كۆرمىگەن قىسمەن ئەرلەر، ئايال تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن يەنە بىر خۇتۇن ئالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولغان(ئەرلەرجەمئيەتتىكى ئورۇن مەرتىۋىسى، بايلىقى ياكى باشقا ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزخائىشى بويىچەخۇتۇن ئۈستىگە خۇتۇن ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىگەن). ئازادلىقتىن كېيىن نىكاھ قانۇنىي بويىچە كۆپ خۇتۇنلۇق تۈزۈم ئەمەلدىن قالغان. ② لايىق تاللاشتا، ئالدى بىلەن ئۆزجەمەتىدىن ئاندىن باشقا جەمەتتىكىلەردىن تاللايدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، پەرزەنىتلەرنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ. ئوغۇل ئۆزىنىڭ نارازىلىق پىكرى بولسا باشقا تۇققانلىرى ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىغا مەلۇم قىلىدۇ. قىزلاردا ئاتا-ئانىنىڭ پىكرىنى رەت قىلىش ئۇياتسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. ③ ئۇرۇق-تۇققانلار ياكى كۆڭلى يېقىنلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدا ھەتتا ھامىلە ۋاقتىدىلا كەلگۈسىدە پەرزەنىتلىرىنى چېتىپ قۇيۇشىنى ۋەدىلىشىدىغان ئادەت بولۇپ، بالا تۇغۇلغاندا بىرى ئوغۇل، بىرى قىز بولسا نىكاھلاپ قۇيۇش، ھەرئىككىسى ئوغۇل بولسا قۇرئان قۇچاقلىتىپ دوسىت قىلىش، قىز بولسا ئاداش قىلىش ئادىتى ئومۇملاشقان. ④ ئوغۇللار 16 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ، قىزلار 13-15 ياشلاردىن باشلاپ بالاغەتكە يەتتى، دەپ قاراپ، ئوغۇل تەرەپ لايىق كۆرگەن قىزىنى گىلەم-كىگىز ئۈستىدە قاچا-قۇچىلارنى يۇغۇزۇش، قېتققا نان توغراتقۇزۇش(چوڭ ياكى كىچىك بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ)، ياشانغان ئاياللارنىڭ بېشىنى باققۇزۇشقا ئوخشاش ئىشلاردا سىناپ كۆرسە، قىز تەرەپمۇ ئوغۇلنى ئوتۇن يېرىش، ئاتقا مىنىش، چوڭلارغا سالام-سائەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا سىناپ كۆرۈش ئومۇملاشقان. ⑤كوسىراپلىقلادا بىر-بىرىنى تۇنۇمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس، ھەممە ئادەم تونۇشىدۇ. شۇڭا ئوغۇل-قىزلاردا ئۆزارا تونۇشماي تۇرۇپ توي قىلىش ئەھۋالى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ياش ئوغۇل-قىزلار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەتلىشش ئارقىلىق توي قىلىش قاتتىق ئېغىر ئېلىنىدۇ، بولۇپمۇ قىز تەرەپ ئۈچۈن پۈتۈن جەمەتنىڭ يۈز-ئابرويىنى تۆكىدىغان قىلىمىش ھېسابلىنىدۇ. ⑥ كوسىراپلىقلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدە چەكلىنىدىغان بىر قاتار بەلگىلىمىلەر(پەرھىزلەر)شەكىللەنگەن. مەسىلەن: نىكاھلىنىدىغان ئوغۇل-قىزلار ئۈچ ئەۋلاتتىن يېقىن بولماسلىق، ئېمىلداش بولماسلىق، ئېمىلداش مۇناسۋىتى بەش-ئالتە ئەۋلات بولسىمۇ ئۆزارا نىكاھ يۈرمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. قىزنىڭ يېشى ئوغۇلنىڭ يېشىدىن كىچىك بۇلۇشى شەرت قىلىنىدۇ. قۇرئان قۇيۇپ دوست ياكى ئاداش بولغانلارنىڭ پەرزەنىتلىرى بىر-بىرىگە راۋا كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئايالى ئۈلۈپ كەتكەن ئەرلەر ئايالىنڭ سىڭلىسى بىلەن تويلاشسا بولىدۇ، ئەمما ئايالىنىڭ ئاچىسى راۋا كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. نىكاھدىن ئېلگىرىكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوغول بىلەن قىز سوغۇق سۇ ئېچىشتىن پەرھىز تۇتىدۇ. سوغۇق سۇ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدۇ دەپ قارايدۇ.

(2) ئەلچى ئەۋەتىش: ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى لايىق(قىز)نى مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئوغولنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى قىزنىڭ ئايال تۇققانلىرىدىن بىرەسىگە ئۆز مۇدداسىنى ئۇقتۇرۇپ دەڭسەپ باقىدۇ. ئەھۋال ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىگە جەزم قىلالىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئوغۇل تەرەپتىن يۈز-ئابرۇيى بار، گەپ-سۆزلىرى جايىدا مۇيىسىپىت كىشىلەردىن بىرى قىز تەرەپكە ئەلچىلىككە بارىدۇ(كىچىك بالىلار، تۇل خۇتۇن،يۇرت ئىچىدە يامان ئاتىقى چىقىپ قالغان كىشىلەر ئەۋەتىلمەيدۇ). ئەلچى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن يۈزتۇرانە ئولتۇرۇپ ئۆز مەقسىتىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى رازىلىق بىلدۈرگەن بولسا ئەلچى دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ«ھەشقاللا»دەپ ئۆز رەخمىتىنى بىلدۈرىدۇ، ھەمدە ئىككىنچى قېتىمدا ئۆتكۈزىلىدىغان «گەپ سېلىش»ۋاقتىنى بېكىتىپ قايتىدۇ.


(3) ياغلىق چىگدۈرۈش: گەپ سەلىش(ئەدەبى تىلدا گەپ سېلىش) كۈنى، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى،يۇرت ئاقساقاللىرىنى ئۆز ئۆيىگە چاقىرىپ قوي سويۇپ مېھمان قىلىدۇ. مېھماندارچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوغۇلنىڭ دادىسى ياكى دادىسىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىدىن بىرى پەگاھدا قول قوشتۇرغانچە ئۆرە تۇرۇپ، ئۆز مەقسىتىنى«بىزنىڭ ئۆيدە بى ئوغۇل چوڭ بولۇپتۇ، پالانچى ئاكام-ئاچاملىنىڭ ئۆيىدە بى قىز چوڭ بولۇپتۇ، بىز سېېلېگە ئوتۇنچى بەسەك، سىلە بىزگە سۇچى بەسەڭلە دېگەن ئۈمىدىمىز با ئىدى» دېگەندەك مەزمۇنلاردا ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. قىزنىڭ دادىسى « قىزنى بىز چوڭ قىلغان بىلەن، ئۇنىڭ بابا-مامىسىى، چوڭ دادا-چوڭ ئانىسى، ئاكىلىرى… يۇرت ئاقساقاللىرى، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ مەسلىھەتى ھېساب بولسۇن» دېگەنگە ئوخشاش تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىدۇ. ئۇرۇق-تۇققانلاردىن ئىككى-ئۈچ ئادەم سۆز قىلىپ ئاتا-ئانىسى قوشۇلغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ قوشىلىدىغانلىقىنى بۈلدۇرىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى«ھەشقاللا» دەپ ئورنىدىن تۇرۇشىدۇ، ئاياللار باشقا ئۆيگە باشلانغان بولسا، ئۇلارنىڭمۇ بىر قېتىم ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ، ئوغۇلنىڭ ئانىسى قىزنىڭ ئانىسىنىڭ ئالدىغا بولغۇسى كېلىنىگە ئاتاپ بىر تال ياغلىق، بىرەر كېيىملىك رەخىت قويىدۇ. بۇ بەزىدە «ياغلىق چىگدۈرۈش» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر ياغلىققا بىرەر تالدىن ئالتۇن ئۈزۈك ياكى زىرە ياندايدىغانغا ئۆزگەردى. ياغلىق چىگدۈرۈش رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، ئوغۇل بىلەن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى«سۆز سەلىش»نىڭ ۋاقتىنى ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىدىغان ئاياقنىڭ سانى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

(4) سۆز سەلىش: سۆز سەلىش(ئەدەبىي تىلدا سۆز سېلىش) كۈنى، ئوغۇل تەرەپ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى، قىز تەرەپنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن تارتىپ، يۇرت ئاقساقاللىرىغىچە ئۆيىگە چاقىرىپ داستىخان سالىدۇ. مېھماندارچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپ ۋەكىلى بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، كۆپچىلىكنىڭ يەنە بىر قېتىم رازىلىقىنى ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ.

سۆز سەلىش ئاياقلىرى ئالدىنقى قېتىمقى كېلىشىم بويىچە تەييارلىنىدۇ. ئاياق سانى يەتتە ياكى توققۇزغىچە بولىدۇ. تۇنجى ئاياققا ئىككى تاختا چاي، ئىككى-ئۈچ كىلوگىرام ناۋات سېلىنىپ، ئۈستىگە ياغلىق قويىلىدۇ. ئىككىنچى ئاياقتىن باشلاپ نان ياكى بۇغۇرساق سېلىپ، ئۈستىگە بىر كېيىملىكتىن رەخت قۇيىلىدۇ(رەختلەر سۈپەت دەرىجە تەرتىپى بويىچە بولىدۇ). بىر تۇياق قوي يانداش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كۆپچىلىك قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نان-چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى(ئەرلەر) پەگاھغا چۈشۈپ، قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى تۆردە ئولتۇرغۇزىدۇ، ئالدىغا داستىخان سېلىپ ئەكەلگەن ئاياقلارنى تەرتىپ بويىچە بىر-بىرلەپ ئېچىپ ئالدىغا قۇيۇپ(قوي پەگاھتا كۆرسىتىلىدۇ)، كەم-كۈتۈك بولۇپ قالغان بولسمۇ، كۆڭلىگە ئالماي قوبۇل قىلىشنى ئۆتىنىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى «ئازئەمەسكەن، بەك كايىپسىلە…» دېگەنگە ئوخشاش تەكەللۇپ سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆز رازىلىقىنى بۈلدۈرىدۇ. ئاندىن يەنە ئوغۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى قايتىدىن تۆرگە تەكلىپ قىلىپ، قويغا دۇئا قىلدۇرىدۇ. گۆش تەيياربولغۇچە ئارلىقتا توينىڭ ۋاقتى، تويلۇق چارۋا-مال(قوي، ئۆچكە بولسا سەككىزدىن ئونغىچە ، كالا، قوتاز بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئىككى-ئۈچكىچە قوي ياكى ئۆچكە قوشىلىدۇ) سانى، ياغ-گۈرۈچ(ياغ 20-30 جىڭ، گۈرۈچ 100 جىڭ ،ئۇن 150-200 جىڭ ئەتراپىدا)، ئۇتۇن(ئىككى-ئۈچ ئۇلاغ ئەتراپىدا)، كېيىم-كىچەك(ھازىر ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قوشۇلدى)قاتارلىقلار بېكىتىلىدۇ. بۇ توينىڭ«ئەلىغ-سەلىغى»دەپ ئاتىلىدۇ. سۆز سەلىش ئاخىرىلىشىدۇ.

(5) تاۋاسقۇ: كوسىراپلىقلارنىڭ قائىدىسىدە توي ئىككى كۈن بۇلىدۇ. بىرىنچى كۈنى توي ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە باشلىنىدۇ، بۇ« تاۋاسقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. تاۋاسقۇغا پۈتۈن يۇرت-جامائەتنى ئوغۇل تەرەپتىن ئەرلەر ئەرلەرنى، ئاياللار ئاياللارنى ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ چاقىرىدۇ، باغاق ئارقىلىق چاقىرىش ئادىتى يوق. ياشلار، ئەلنەغمىچىلەر ئالدىنراق كېلىپ، جامائەت يىغىلىپ بولغۇچە مەشرەپ قىلىپ تۇرىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى تولۇق يىغىلىپ بولمىغۇچە توي باشلاشقا بولمايدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تۆرنىڭ بېشىدا ئولتۇرغۇزىلىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ھەممە تۇققانلىرى يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، قىزنىڭ دادىسى«دوستىخان سالىلى» دەپ ئىجازەت بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يۇرت-جامائەت سورۇنغا تەكلىپ قىلنىدۇ. ياش قۇرامى بويىچە ئەرلەر بىر سورۇن، ئاياللار بىر سورۇن بولۇپ ئولتۇرغۇزىلىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۈنلۈك ئاۋازدا«يۇرت جامائەت خۇش كېلىپسىلە»دەپ ئەھۋال سورايدۇ، جامائەتمۇ«خۇشۋاخ بۇلۇڭلا، تۇيۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن»دەپ تەبىرىكلەيدۇ. مىھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىلىپ، بوغۇرساق، نان، قەنت، ناۋاتلار بىلەن چاي بېرىلىدۇ، بۇ«قەن چاي»(قەنت چاي) دەپ ئاتىلىدۇ. قەنت چاي بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، پولۇ ياكى بۇلىماق تارتىلىدۇ. دۇئادىن كېيىن قىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئالدىنراق ئۆيىگە قايتىدۇ.

ئوغۇل تەرەپ يۇرت-جامائەت بىلەن بىرلىكتە توينىڭ «ئەلىغ-سەلىغى»نى ئېلىپ قىز تەرەپكە بارىدۇ. يول بويى ئەلنەغمىچىلەر راۋاپ، داپلار بىلەن«كوسىراپ سەنىمى»نى ئوقۇپ، جامائەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ(تويلۇق ئوتۇن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن ئاپىرىپ بېرىلىدۇ). قىز تەرەپ توي جامائىتىنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. نان-چايدىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپ تۇققانلىرى پەگاھقا چۈشۈپ، قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى تۆردە ئولتۇرغۇزىدۇ. ئوغۇل تەرەپتىن ئەرلەردىن بىرى توي ئۈچۈن ئەكەلگەن پارە نان، يانداغ نان، كېيىم-كېچەك، ئۇن-ياغ، گۈرۈچ، چارۋا-ماللارنى تەرتىپ بويىچە ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆزارا تەكەللۇپ-رەخمەت سۆزلىرى داۋاملىشىدۇ. يۇرت-جامائەت «تۇيۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ قىز تەرەپنى قۇتلۇقلايدۇ. دۇئادىن كېيىن قىز تەرەپ پەگاھقا چۈشۈپ، ئوغۇل تەرەپنى تۆرگە چېقىرىدۇ. پۈتۈن جامائەتنى ئەتىكى توي نەزىرىسى ئۈچۈن سويىلىدىغان چارۋا-مالغا(سانى ئېنىق دېيىلىدۇ)دۇئا قىلدۇرىدۇ. توي ئوغۇل تەرەپتىن قىز تەرەپكە ئۆتىدۇ. قىز تەرەپ ۋەكىلى يۇرت-جامائەتنى كەچلىك مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ، جامائەت تارقايدۇ.

كەچتە قىز تەرەپ پۈتۈن يۇرت بويىچە مەشرەپ بېرىدۇ. مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئوغۇل ۋە قولداشلارنى(كوسىراپلىقلاردا تويى بولغۇچى ئوغۇل«شەنىئوغۇل»، قىز «شەنىقىز»دەپ ئاتىلىدۇ) مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ. مەشرەپ يازكۈنلىرى ھويلا ئىچىدە، قىش كۈنلىرى ئايۋاندا ئۆتكۈزىلىدۇ. مەشرەپنى قىز تەرەپتىن بەلگىلەنگەن مىرشاپ(كوسىراپلىقلار پەششەپ دەپ ئاتايدۇ) باشقۇرىدۇ. مىرشاپ مەشرەپ ئەھلىنى رەتلىك ئولتۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، نەغمىچىلەر«كوسىراپ سەنىمى»نى باشلايدۇ. مىرشاپ يۇرت ئاقساقاللىرى، سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارنى ئالدى بىلەن ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. مەشرەپ جەريانىدا مىرشاپ ئورۇندىلىدىغان ناخشا-مۇزىكىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكى بويىچە ياشلارنى، ئاياللارنى، شەنىئوغۇل،شەنىقىزلارنى ئايرىم-ئايرىم ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. كىمنى تەكلىپ قىلسا شۇ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ. تاماشىبىنلار ئۇسۇل ئوينىغۇچىلارنىڭ بېشىدىن رەخت، پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆرۈپ نەغمىچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ. بۇ«راۋادا ئۆرۈش»دەپ ئاتىلىدۇ. مەشرەپ ئىككى-ئۈچ سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقاندىن كېيىن، سورۇن ئەھلى«مەشرەپ پىشتى»دەپ توۋلىشىدۇ، مىرشاپ مەشرەپنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكالايدۇ، سورۇن تارقىلىدۇ.

(6) تۈڭلۈك بېرىش: توي باشلانغان كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە، قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپ قۇدىلىرىنى، شەنىئوغۇل ۋە قولداشلىرىنى ئۆيگە چاقىرىدۇ. شەنىئوغۇل تۆرنىڭ بېشىغا ئايرىم سېلىنغان كۆرپىگە ئولتۇرغۇزىلىدۇ.چايدىن كىيىن شەنىئوغۇل ۋە ئوغۇل قولداشلىرىدىن 2-3 كىشى ئۆگزىگە چىقىپ تۈڭلۈك ئەتراپىدا ئولتۇرلىدۇ. قىز تەرەپتىن بىرسى(ئايال كىشى)شەنىئوغۇل ئۈچۈن تەييارلانغان چاپان، كۆينەك، دوپپا(تەلپەك)، چورۇق، بەلباغ، قول ياغلىق، چاي خالتىسى، قاتلىما نان، تۇخۇم، گۈلە، ياڭاق، مېغىز قاتارلىقلارنى يەتتە ياكى توققۇز لېگەنگە سېلىپ، بېيىت ئوقۇپ تۈڭلۈكتىن ئۇزىتىدۇ. تۈڭلۈك بېشىدىكى ئوغۇللارمۇ بېيىت ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالىدۇ(ھازىر ئۆينىڭ ئىچىدىلائۆتكۈزىدىغان بولدى).

قىز تەرەپ ئوقۇيدىغان بېيىت: ئوغۇل تەرەپ ئوقۇيدىغان بېيىت:

ئۈنچىنى مارجانغا تىزدىم. ئېگىزگە چىقىپ سىرىلدۇق پەسكە ،

چوڭ سەدەپ بولغايمۇ دەپ، قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدۇق سىزگە،

چىن كۆڭلۈمنى سىزگە بەردىم. قىزىل گۈلنىڭ غۇنچەسى ساينىڭ بۇلاقى ،

مېھرىبان بولغايمۇ دەپ، ئەجەپمۇ كۆيدۇرەركەن يارنىڭ پىراقى ،

مېھرىباندەك ئۆزلىرى ، يول نىراقى(يىراقى) بولسا بولسۇن،

شېرىن ناۋاتتەك سۆزلىرى، كۆڭۈل نىراقى بولمىسۇن،

ھەرگۇنا بولسا ئۆتەلا، باشتا قىلغان ۋەدىمىز ،

پادىشاھدەك ئۆزلىرى. ئاياغدا يالغان بولمىسۇن.

ۋەدىسىدە تۇرمىغان

ئەسلىي مۇسۇلمان بولمىسۇن.

بېيىت ئوقۇش تۈگىگەندىن كېيىن، تۈڭلۈك بېشىدىكى ئوغۇللار قايتىپ چۈشىدۇ. داستىخان سېلىنىپ، شەنىئوغۇل ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسە-كېرەكلەر قويىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپتىن بىرسى(ئەركىشى) ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوغۇلغا تويلۇق كېيىملەرنى كېيگۈزىدۇ، ئاندىن داستىخاندىكى نازۇ-نېھمەتلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئاياللارغا تەڭشەيدۇ. پارە ناندىن ئىككىنى، تۇخۇم، مېغىز، ياڭاق قاتارلىقلاردىن ئازراقتىن قوشۇپ ئوغۇلنىڭ ئوزۇقلىقى ئۈچۈن خۇرجۇنغا سېلىپ بېرىدۇ. تۈڭلۈك بېرىش مۇراسىمى ئاخرلىشىدۇ.

تۈڭلۈك بېرىش ئادىتىدىن كېيىن، قىز تەرەپتىن بىر ئەر، بىر ئايال ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ، پۈتۈن يۇرتنى تويغا چاقىرىدۇ. ئاياللار توي مۇبارەكلەش سوۋغاتلىرىنى كۆتۈرۈپ كىلىشىدۇ(ئايالى كىلەلمەيدىغان ئەرلەرمۇ سوۋغات ئېلىپ كېلىدۇ). كەلگەن مېھمانلار ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل چايغا باشلىنىدۇ، چاي ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، توي سوۋغۇتىنى داستىخاندا قۇيۇپ«مۇبارەك»لەيدۇ، ئەمما قايتىپ كەتمەيدۇ. پۈتۈن جامائەت يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، جەمەت بىرلىكى بويىچە نۇپۇسى جىق جەمەتلەر ئايرىم، نوپۇسى ئازلىرىدىن 2-3 جەمەت بىرلەشتۈرۈلۈپ ئولتۇرغۇزىلىدۇ. (ھازىر بۇ ئىش ئەمەلدىن قالدى)

جامائەت ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كەلمىگەنلەر سۈرۈشتە قىلىنىپ قايتىدىن چاقىرغىلى ئادەم ئەۋەتىلىدۇ. پۈتۈن يۇرت خەلقى يىغىلىپ بولغاندا ئاندىن داستىخان سېلىنىدۇ. ھەربىر سورۇندا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ سانى ئېلىنىپ، شۇ سان بويىچە تۆتتىن ئادەمگە بىر لېگەندىن ئاش-گۆش تەييارلىنىدۇ. ئاشقا پولو ياكى بۇلىماق ئېتىلىدۇ. گۆش مۇچە بويىچە مەخسۇس «بوچى»(گۆش تەڭشىگۈچى) تەرىپىدىن تەڭشىلىپ، ئاشنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ. مۇچىنىڭ رەت تەرتىپى ئارىلىشىپ كەتسە ياكى مۇچە پارچىلىنىپ كەتسە مېھمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قۇيىدۇ. كالا ياكى قوتاز سويۇلغان بولسا بىر مۇچە ئىككى پارە قىلىنىدۇ، قوي، ئۆچكە سويۇلغان بولسا پۈتۈن تارتىلىدۇ. دۇئادىن كېيىن نەغمە باشلىنىپ، جامائەت مەشرەپ ئوينايدۇ. شەنىئوغۇلنى ئۈچ قېتىم تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن قىزنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. شەنىئوغۇلغا قوينىڭ«قېرى يىلىك»دېگەن مۇچىسى تارتىلىدۇ. قېرى يىلىك تارتىش(گۆشى ئاز بولىدۇ) ئادىتى قىز-ئوغۇلنىڭ مەڭگۈ بىللە ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىش مەنىسىدە دەپ قارىلىدۇ.

(7) نىكاھ ئوقۇش : شەنىئوغۇل قولداشلىرى بىلەن قىز تەرەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، قىز تەرەپتىن بىر نەپەر ئايال ۋەكىل بىر پىيالە سېرىق ماي، بىر لېگەن بۇغۇرساق ۋە بىر كېيىملىك تاۋار ياكى ئەتلەس كۆتۈرۈپ چىقىپ، تاۋار ياكى ئەتلەسنى شەنىئوغۇلنىڭ بوينىغا ئارتىپ، ئۈچ قېتىم پەسكە تارتىدۇ، شەنىئوغۇل بوينىنى ئەگمەسلىككە تىرىشىدۇ، ئاندىن رەختنى شەنىئوغۇلنىڭ بېلىگە باغلاپ، ئوڭ مۈرىسىگە ئۇن سېپىپ قۇيىدۇ. بۇغۇرساقنى سېرىق مايغا مىلەپ شەنىئوغۇل ۋە قولداشلىرىغا يىگۈزىدۇ، سېرىق ماي تۈگىشى ھامان ئوغۇل تەرەپ پىيالىنى تارتىدۇ، قىز تەرەپ بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ، بۇ پىيالە تالىشىش دەپ ئاتىلىدۇ، تالاشقاندا ھەر ئىككى تەرەپ تۆت پەنجىسىنى پىيالىنىڭ ئىچىگە سېلىپ تارتىشى شەرت. كۈچ سېنىشش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شەنىئوغۇل ئۆيگە باشلاپ كىرىلىدۇ.

شەنىقىز قولداشلىرى بىلەن مېھمانخانا ئۆيدە، موللام، قۇدا-باجىلار ئايۋاندا ئولتۇرىدۇ، شەنىئوغۇل قولداشلىرى بىلەن ئايۋاننىڭ پەگا ھسىدا قول باغلاپ ئۆرە تۇرىدۇ. ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرى ئىچىدىكى يېشى چوڭراق، يۈز-ئابرويلۇق ئەر-ئاياللاردىن ئوغۇل تەرەپ ئايرىم، قىز تەرەپ ئايرىم ئۆكلە ئاتا، ئۆكلە ئانا كۆرسىتىدۇ. بۇ كىشىلەر تويدىن كېيىن قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ جىدەل-ماجرا ئىشلىرى بولۇپ قالسا كېلىشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئۆكلە ئاتا بولغۇچىلار نىكاھ جەريانىدا گۇۋاچى بولىدۇ.

موللام ئالدىغا قويۇلغان تۇزغا بىر تال بۇغۇرساقنى چىلاپ قويۇپ نىكاھ ئايىتىنى ئوقۇيدۇ، ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، «يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بىرلە، ھەق سۇببىھانە ۋە ئاللانىڭ ئەمىر-پەرمانى بىرلە، ھەزرىتى ئىبراھىم خېلىلۇللانىڭ مىللەتلىرى بىرلە، ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستاپا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بىرلە، ھەزرىتى ئىمامى ئەزەم رەھمىتۇللا ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ مەززىپى بىرلە، ئۇشبۇ نىكاھدا ئولتۇرغان ئەر-ئايال، ئۆلىما، مۆمىن مۇسۇلمانلارنىڭ گۇۋالىقى بىرلە، XX خانننىڭ(شەنىقىزنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ) ھەققىي مېھرى 1551 تەڭگىگە تەيىن تاپتى» دەپ توختايدۇ.

ئوغۇلنىڭ ئۆكلە ئاتىسى قىزنىڭ ئۆكلە ئاتىسىدىن قىزنىڭ ھەققىي مېھرىنى تىلەيدۇ. بىرىنچى قېتىم«ئاۋۋال خۇدايىتائالانىڭ ھەققىدە تىلەيمەن»دېگەندە، قىز تەرەپنىڭ ئۆكلە ئاتىسى«500 تەڭگىدىن ئۆتتۈم»دەيدۇ. شۇ تەرتىپ بويىچە ئىككىنچى قېتىم ئادىمى سەفىيۇللانىڭ ھەققىدە تىلەيدۇ، يۈز تەڭگىدىن ئۆتىدۇ. ئۈچۈنچى قېتىم نوھ نەبىيۇللانىڭ ھەققىدە تىلەيدۇ، 100 تەڭگىدىن ئۆتىدۇ. تۆتىنچى قېتىم ئىبراھىم خېلىلۇللانىڭ ھەققىدە تىلەيدۇ، 100 تەڭگىدىن ئۆتتىدۇ. بەشىنچى قېتىم مۇھەممەد مۇستاپا سەللالاھۇ ئەلەيھى سالامنىڭ ھەققىدە تىلەيدۇ، 200 تەڭگىدىن ئۆتىدۇ. ئالتىنچى قېتىم تۆت چارىيارنىڭ ھەققىدە تىلەيدۇ، 100 تەڭگىدىن ئۆتىدۇ. يەتتىنچى قېتىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىدە تىلەيدۇ، 50 تەڭگىدىن ئۆتىدۇ. سەككىزىنچى قېتىم مۆمىن مۇسۇلمان بەندىلەرنىڭ ھەققىدە تىلەيدۇ، 500 تەڭگىدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ھەققى مېھرى 351 تەڭگىگە تەيىن تاپىدۇ.

موللام يەنە سۆز باشلاپ «بۇنىڭ بىر ھەسسىسى مېھىرى مەججەل، يەنە بىر ھەسسى مېھىرى مەججەلە»، دەپ شەنىقىزدىن «XXخان ئۇشبۇ تەيىن بولغان ھەقلەرگە رازى ۋە راغىپ بولۇپ، ئىككى جاھان ھالال جۈپتىلىقى ئۈچۈن، نىيەتى پەرزەنتى سالە ئۈچۈن، ئۆمرەلەرنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، XX ئاخۇن(شەنىئوغۇلنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ)غا ئۆزىڭىزنى خاتۇنلۇققا قوبۇل قىلىپ تەگدىڭىزمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئوغۇل بىلەن قىزنىڭ ئۆكلە ئاتىلىرى يەنە بىر كىشىنى گۇۋاچى قىلىپ ئۈچ ئادەم شەنىقىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، « XX خان، ئۆزىڭىزنى XXئاخۇنغا قوبۇل قىلىپ تەگدىڭىز مۇ؟» دەپ ئۈچ قېتىم سورايدۇ. قىز «تەگدىم»دەپ جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار قايتىپ چىقىپ موللامغا قاراپ «گۇۋادۇرمەن، گۇۋادۇرمەن، گۇۋاللىققا ياراردۇرمەن دەپ كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇپ، XX خان ئۆزىنى XX ئاخۇنغا قوبۇل قىلىپ تەگدى» دەپ گۇۋالىقتىن ئۆتىدۇ.

موللام شەنىئوغۇلدىن «XX ئاخۇن سىز ھازىر تۇرۇپ، ئۇشبۇ تەيىن بولغان ھەقلەرگە رازى ۋە راغىپ بولۇپ ئىككى جاھان ھالال جۈپتىلىقى ئۈچۈن، نىيەتى پەرزەنتى ئۈچۈن، چاھار ئۈمرەلەرنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلىپ XXخاننى ئۆزئەمرىڭىزگە خاتۇنلۇققا قوبۇل قىلىپ ئالدىڭىزمۇ؟» دەپ سورايدۇ. شەنىئوغۇل «ئالدىم» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. موللام يەنە شەنىئوغۇلغا مۇنداق شەرتلەرنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

موللام: «چاھار ئۆمرەلەرنىڭ ئاۋۋالقى شەرتى ئول بولۇركى، ئۈچ گۇنا سادىر بولمىغۇنچە، ئىككى مۇسۇلمان گۇۋالىق قىلمىغۇنچە ئۇنى بىر زەررە تاياق ئۇرالمايسىز»دەيدۇ، شەنىئوغۇل «خوش» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. موللام: «ئىككىنچى شەرت ئۇل بۇلۇركى، بېرىسى ئۈچ كۈنلۈك، ئۇزاقى ئالتە ئايلىق مۇددىتى سەپەردە بىكۇپايە تاشلاپ كېتەلمىگەيسىز» دەيدۇ، شەنىئوغۇل «خوش» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. موللام: «ئۈچىنچى شەرت ئۇل بۇلۇركى، بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە ئۆزى رازى بولمىغۇنچە زورلاپ ئېلىپ بارالمىغايسىز» دەيدۇ، شەنىئوغۇل «خوش» دەيدۇ. موللام: «تۆتىنچى شەرت ئول بۇلۇركى، ئۆزى رازى بولمىغۇنچە، ئۈستىگە خايى بەندە، خايى سۆرىتى قارا باش ئالالمىغايسىز» دەيدۇ. شەنىئوغۇل «خوش» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.

موللام يەنە«ئۇشبۇ شەرتلەرنىڭ بىرىدە، بىرى ياكى ھەممىسى سىزدە سادىر بولسا، ئۇشبۇ تەيىن بولغان ھەقلەر(351تەڭگە)نى بىردىن-بىردىن تەلەپ قىلىپ ئالسۇنمۇ؟» دەپ سورايدۇ، شەنىئوغۇل «ئالسۇن» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ئاخىرىدا مولام نىكاھ قۇتبىسىنى ئوقۇپ، تۇزغا چىلانغان بۇغۇرساققا سۈفلەپ ئۇنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئوڭ قولىدىكىنى شەنىئوغۇلغا، سول قولىدىكىنى شەنىقىزغا سۇنىدۇ. بۇغۇساقنى يەپ بولغاندىن كېيىن شەنىقىز شەنىئوغۇلنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزىلىدۇ. شەنىقىزنىڭ پەلتو چاپىنىنىڭ بىر پېشى پالتۇ بىلەن، يەنە بىر پېشى تۇز بىلەن باستۇرۇپ قويىلىدۇ. سېرىق ماي سېلىنغان چايغا نان توغراپ، شەنىئوغۇل بىلەن شەنىقىزغا بىللە(بىر قوشۇقتا) ئىچكۈزىدۇ. چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن، نىكاھقا قاتناشقۇچىلار «تويۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، بەختلىك ياشىغايسىزلەر…» دېگەن سۆزلەر بىلەن تەبرىكلەيدۇ. شەنىئوغۇل بىلەن شەنىقىز قېيناتا-قېينانا، ئۆكلە ئاتا-ئۆكلە ئانىلىرىىنىڭ قولىغا تاۋاپ قىلىدۇ، تاۋاپ قىلىشتا ئوڭ قولىنىڭ دۈمبە قىسىمىنى ئالدىن ئوڭ كۆزىگە، ئاندىن سول كۆزىگە، پىشانىسىگە تەكگۈزۈپ، سۆيۈپ قۇيىدۇ(بۇ ئادەت ھازىر ئەمەلدىن قالدى). ئاندىن ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىغا تاۋاپ قىلىدۇ، دادا ئوغۇلنىڭ پىشانىسىگە بىۋاستە سۆيۈپ قويىدۇ. قىزنىڭ پىشانىسىگە ئوڭ قولىنى قۇيۇپ، ئۆز قولىنىڭ دۈمبىسىگە سۆيۈپ قۇيىدۇ. ئانا ئوغۇلنىڭ پىشانىسىگە، قىزنىڭ مەڭزىگە بىۋاستە سۆيۈپ قويىدۇ. ئاندىن نىكاھقا قاتناشقان ھەممە كىشى موللامنىڭ باشچىلىقىدا توي بولغۇچىلارغا دۇئا بېرىپ، نىكاھنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

(8)توي كۆچۈرۈش: نىكاھتىن كېيىن، شەنىئوغۇل بىلەن شەنىقىز بىر ئاتقا مىندۈرۈلۈپ، ئوغۇلنىڭ ئەر تۇققانلىرىدىن بىرسى يۆتىلەپ ماڭىدۇ(ھازىر ماشىنىدا يۆتكەيدىغان بولدى). ئەلنەغمىچىلەر «كوسىراپ سەنىمى»نى ئوقۇپ ئارقىدىن ماڭىدۇ. ئۆيگە يىتىپ كەلگەندە، ئىشىك ئالدىغا بۇغداي، قۇناق چېچىپ قۇيىلىدۇ. شەنىقىز ئوتتىن ئاتلىتىلىدۇ، ئاندىن گىلەم ياكى پالاسقا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، ئۆيگە ئەكىرىلىدۇ. شەنىقىز ئولتۇرىدىغان كۆپىنىڭ ئاستىغا يالتا، لاكشىگىر قاتارلىق نەرسىلەر قۇيۇپ قۇيىلىدۇ. شەنىئوغۇل بىلەن شەنىقىز ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، توي كۆچۈرۈشكە كەلگەن جامائەت «مۇبارەك بولسۇن» دەپ توينى تەبىرىكلەپ قايتىشىدۇ. شەنىقىز بىلەن بىللە كەلگەن يەڭگىلەردىن بىرسى قىزنىڭ ئاستىدىكى پالتا، لاكشىگىرنى ئېلىۋىتىدۇ. شەنىئوغۇلنىڭ ئاچا ياكى سىڭىللىرىدىن بىرسى شەنىقىزنىڭ ئالدىغا بىر كېيىملىك كۆڭلەكلىك رەخت قۇيۇپ، يۈزىدىكى رومالنى ئېچىپ يەنە يېپىپ قۇيىدۇ. بۇ « يۈز ئېچىش» دەپ ئاتىلىدۇ. رومال ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئېلىۋېتىلىدۇ. مەخسۇس يۈز ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. توي كۆچۈرۈپ كېلىنگەن كۈنى كەچتە ئوغۇل تەرەپتىن مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. مەشرەپنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئوغۇل تەرەپ مەسئول بولىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى مېھمان قاتارىدا قاتنىشىدۇ. مەشرەپنىڭ قائىدە-رەسمىيەتلىرى ئالدىنقى كۈندىكى قىز تەرەپ ئۆتكۈزگەن مەشرەپ بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.


(9)سالامغا ئەلتىش: توي كۆچۈرۈپ كېلىنگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە، شەنىقىزنىڭ ئاچا ياكى سىڭىللىرى بىر لېگەن پولو ياكى بۇلىماق، بىر-ئىككى مۇچە گۆش ئېلىپ كېلىپ، شەنىئوغۇل بىلەن شەنىقىزغا يېگۈزىدۇ، بۇ ناشتىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ناشتىلىقتىن كېيىن، شەنىئوغۇل بىلەن شەنىقىز ئۈچ كۈنگىچە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بىېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىدۇ. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى يېغىپ ئوغۇل بىلەن كىلىننى باشلاپ، قۇدىلارنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. داستىخان ئاخىرىدا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتقان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئالدىغا رەخت قۇيىدۇ، بۇ سالامغائەلتىش(ئەدەبئىي تىلدا ئاپىرىش)دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىنكى كۈنىدىن باشلاپ كېلىننىڭ ئايرىم ئۆي تۇتقان تۇققانلىرى، ئۆكلە ئاتا-ئۆكلە ئانىسنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ سالامغا ئاپىرىلىدۇ. كېلىننىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ خالىغان بىر كۈنى ئوغۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئۆيگە چاقىرىپ سالامنى قايتۇرىدۇ، قىز ئوغۇلىنىڭ ئالدىغا رەخىت قويىلىدۇ .

(10) قۇدا قىچىرىش : توينىڭ ئۈچۈنچى كۈنى سالامدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇدا-باجىلار ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە مېھمان قىلىنىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى تولۇق يىغىلىدۇ. مېھماندارچىلقتا قوي سويىلىدۇ، پولو، بۇلىماق، ئۆپكە چۆپى قاتارلىق تاماقلار ئېتىلىدۇ. توينىڭ تۆتىنچى كۈنى قۇدىلار قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ مېھمان قىلىنىدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى تۇلۇق يىغلىدۇ، مېھماندارچىلىقتىن كېيىن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ئوغۇل تەرەپ قۇدىلىرىنىڭ ئالدىغا رەخىت قويىدۇ،تاماق تۈرلىرى يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.