Difference between revisions of "قوش مەسچىت، مەمتىىلى زۇنۇن، شىنجاڭ ياشلارئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، ئۈرۈمچى، 1989- يىلى"

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search
(Created page with "قوش مەسچىت مۇھەممەتئېلى زۇنۇن بوۋا،مۆھتىرەم بوۋا،سەن ئېيتىپ بەرگەن چۆچەك-رىۋايەتلەر نەقەدەر...")
 
 
Line 1: Line 1:
 +
<p align="justify" dir="ltr"><strong><span dir="ltr">
 +
[[Image:Iane.jpg|Uyghur Énsiklopédiyisi|link=http://kashgar.co/donation]]
 +
ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ
 +
</span></strong></p>
 +
<div style="direction:rtl; , 'Alpida_Unicode System',  'Microsoft Uighur"> 
 +
<div align="justify">
 +
<p align="justify" dir="rtl"><strong><span dir="ltr">  </span></strong></p>
 +
 
قوش مەسچىت
 
قوش مەسچىت
  

Latest revision as of 10:56, 28 June 2020

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

قوش مەسچىت


مۇھەممەتئېلى زۇنۇن

بوۋا،مۆھتىرەم بوۋا،سەن ئېيتىپ بەرگەن چۆچەك-رىۋايەتلەر نەقەدەر ئاجايىپ-غارايىپ ۋە قىزىقارلىق ئىدى- ھە!كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە بارالايدىغان ئۇچار گىلەم،ئۇچار دۇلدۇللار،خاسىيەتلىك جاھاننامە ئەينەكلەر،‹‹ئېچىلىڭ داستىخىنىم›› دەپ بولغىچە تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەر توشۇپ تۇرىدىغان خىسلەتلىك داستىخانلار،بەتنىيەتلەرنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىغان سىرلىق توقماقلار...بوۋا،بىر كەچقۇرۇنلۇقى سەن ماڭا بۇنداق بىر چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭ:


ئىشقى سەۋداسىغا مۇپتىلا بولغان بىر شاھزادە ۋىسال يولىغا قاراپ راۋان بوپتۇ.گىياھ ئۈنمەس چۆل،قۇش قونماس تاغلاردىن

ھالقىپ ئۆتۈپتۇ.قاراقچىلارغا ئۇچراپ ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلىپتۇ.ئاخىرى يىگانە بىر مەملىكەتنىڭ مەركىزىي شەھرى ئەتىراپىدا ئوتۇنچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ.ئادەم گۆشىدە مانتا ئېتىپ ساتىدىغان بىر مانتىپەزنىڭ قاپقىنىغا دەسسەپ،ئۇنىڭ يوشۇرۇن زىندانىغا چۈشۈپ قاپتۇ.قارىسا نەچچە ئون يىللىق شورپىشانە يېگىتلەر ئىڭراپ ياتقۇدەك،ئايپالتىلىق بەھەيىۋەت جاللاتلار كىرگەن ھامان‹‹مەن ئورۇق،ئۇ سېمىز،مەن ئورۇق،ئۇ سېمىز››دەپ بىر-بىرىنى ئىتتىرىۋاتقۇدەك،كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئورۇقىمۇ،سېمىزىمۇ تۈگەپ كېتىۋاتقۇدەك...

قىزىقىپ ئاڭلىغىنىم،جاۋابسىز سۇئال،تەشۋىشلىك خىياللار تورى ئىچىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن،چۈش كۆرۈپتىمەن:ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق قاراڭغۇ زىنداندا تۇرغۇدەكمەن،ئايپالتا كۆتۈرگەن بەھەيىۋەت جاللاتلار كىرىپ،‹‹سېمىزلىرىڭ بۇياققا ئۆتۈش››دەپ ۋارقىراۋاتقۇدەك،ئېچىرقاپ كەتكەن چىلبۆرە كىرىۋالغان چوڭ قوتاندىكى قوي پادىسىدەك بىچارە ھالغا چۈشكەن بىئەقىل تۇتقۇنلار ‹‹مەن ئورۇق،ئۇ سېمىز››دەپ بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىۋاتقۇدەك،ئىتتىرگەنلەرمۇ،تىرەجىگەنلەرمۇ بارا-بارا تۈگەپ،نۆۋەت ماڭا كەلگەنمىش،‹‹سەن ھەممىدىن ئورۇق ۋە كىچىك بولساڭمۇ بىرقانچە قاسقان مانتىغا يارىغۇدەكسەن››دەپ مېنى سۆرەۋاتقانمىش ئۇلار،تىرەجەپ تۇرىۋالغۇدەكمەن،ئۇلار سۆرىيەلمىگۈدەك،ئاخىرى ئۇلار:‹‹بوپتۇ،موشۇ يەردىلا جېنىنى ئالايلى!››دەپ ئايپالتىنى ئېگىز كۆتۈرگىدەك...

-بوۋا!...بوينۇڭنى شۇنداق قۇچاقلىۋاپتىمەنكى،تىنالماي قاپسەن.

-بالام ،نېمە بولدۇڭ؟مەن بار ،قورقىما،-دېدىڭ ئىسسىق باغرىڭغا مەھكەم بېسىپ.

ئېغىز-بۇرنۇمىنى قورقاق بېسىپ كەتتى،نەچچە كۈنلەرگىچە قىزىپ،جۆيىلۈپ چىقتىم.بۇ چۆچەك بىلەن چۈش زادىلا ئېسىمدىن چىقمىدى.ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە كەلگەندە كۆپرەك ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم:‹‹مەن ئورۇق،ئۇ سېمىز››دەپ بىر-بىرىنى ئەجەل گىردابىغا ئىتتىرىدىغانلار ئەينى زامانلاردىلا بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ھازىر تۈگەپ كەتتىمۇ؟بىزنىڭ كوچىدا يوقمۇ؟... :

مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كوچامغا نەزەر سالاتتىم.


كوچىمىز ئورغاقسىمان ئاي شەكىللىك خالتا كوچا.ھازىر ‹‹قوش مەسچىت›› دېمىسە ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ كوچىنىڭ نامى ئەسلىدە‹‹ئاي كوچا››ئىكەن ،شۇنداقمۇ،بوۋا؟

19جۈپ دەرۋازا بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان بۇ خالتا كوچىمىزدا كۆلىمى،قۇرۇلۇش نۇسخىسى،مۇنار گۈمبەزلىرىنىڭ ئېگىزلىكىدىن تارتىپ،ئىچكى-تاشقى نەقىشلىرىگىچە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى مەسچىت بار.سىرىدىن تارتىپ،پىرامداسىمان قالپاقلىق مىخلىرىغىچە تامامەن ئوخشايدىغان ئىككى دەرۋازىمۇ بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ.ئىككى مەزىن بىرلا ۋاقىتتا ئەزان ئېيتىدۇ.قارىمۇ-قارىشى ئىككى دەرۋازىدىن چىققان ئىككى مۇسۇلمان بىر- بىرىگە سالام بېرىشمەيدۇ.تىنچ ئامانلىق سوراشمايدۇ.ئوڭ ياقتىن چىققىنى ئوڭ ياقتىكى، سول ياقتىن چىققىنى سول ياقتىكى مەسچىتكە راۋان بولىدۇ.ھېيىت-ئايەم كۈنلىرى ئىككى مەسچىتنىڭ جامائىتى ئىككى توپ بولۇپ،چوڭ جامەگە قاراپ ماڭىدۇ. بىر- بىرىنىڭكىگە ھېيىتلىمايدۇ،قۇدا-باجا بولۇشمايدۇ،بۇ تەرەپتىكىلەر مېيىت ئۇزىتىۋاتسا،ئۇ تەرەپتىكىلەر توي نەغمىسى چېلىشىۋېرىدۇ.ئىكى ياقتىكى بالىلارنىڭ دوسىت-ئاداش بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.بۇ تەرەپتىكى بالىلارنىڭ لەگلىكى ئۇ تەرەپ بوشلۇقىدا پەيدا بولغان ھامان شۇ تەرەپنى باللىرىنىڭ چالما-كېسەكلىرى زەربىسىدىن ئۆتمۈ-تۆشۈك بولماي قالمايدۇ.ئۇ تەرەپتىكى كەپتەرۋازلار بۇ تەرەپتىكىلەرنىڭ كەپتەرلىرىنى تۇتۇۋالغان ھامان قانات-قۇيرۇقىنى يۇڭداپ ئاسمانغا ئاتىدۇ.بۇياقتىن ئۇياققا ئۆتۈپ قالغان خوراز-مېكيانلارنىڭ ھەرقاندىقى ئۆز كاتىكىگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ.باشقا كوچىلارنىڭ ئۈستىگە قانچىلىغان كۆتۈرمە ئۆيىلەر سېلىنغان،بىزنىڭكىدە بىرىمۇ يوق،ئىككى تەرەپ ئىناق بولمىسا،بىر-بىگە يول قويمىسا،كۆتۈرمە ئۆي سالغىلى بولمايدىكەن.شۇنداقمۇ،بوۋا؟

ئىككى تەرەپتىكى خوتۇن-خەقلەر ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى قارشى تەرەپ خوتۇنلىرىنىڭ غەيۋەت-شىكايىتىنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. كىر سۈيى،يۇندىلار قارىشى تەرەپنىڭ بوسۇغا تاملىرىغا تۆكۈلىدۇ،كىر سۇلىرى قۇرۇپ ياكى توڭلاپ كېتىدۇكى،جىدەل ماجرا قۇرۇمايدۇ.!

ئاڭلىسام ئىككى ياقتىكىلەرنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تارتقان دەرت-مۇشەققەت، ئازاب كۈلپەتلىرىمۇ بىر-بىرىنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن،‹‹تۇڭگان يېغىلىقى››ۋاقتىدا باشقا كوچىلارنىڭ ھەممىسىگە مۇستەھكەم دەرۋازىلار بېكىتىلىپتۇ،بىزنىڭ نكوچىدىكى ئىككى تەرەپ پۈتۈشەولمەپتۇ،بىر دەرۋازىدىن كىرىپ-چىقىشنى راۋا كۆرمەپتۇ،قۇراللى چېرىكلەر توسالغۇسىز بېسىپ كىرىۋېرىپتۇ.بۇلايدىغىنىنى بۇلاپ،بۇلغايدىغاننى بۇلغاۋېرىپتۇ.ئىككى تەرەپ ئاچچىق ساۋاق ئالماپتۇ.پۇشايمان ئالماپتۇ،شېڭ شىسەي،گومىنداڭ ھۆكۈمىرانلىق قىلغان زامانلاردا بىر-بىرىنى چېقىشىۋېرىپتۇ،تۇتۇپ بېرىشىۋېرىپتۇ.نەتىجىدە ھەرئىككى تەرەپتىن ھەپسىگە ئېلىنغان،قەتىل قىلىنغانلار تەڭ نىسبەتتە دېگۈدەك بوپتۇ.مانا ھازىر‹‹ئۈچكە،بەشكە قارىشى ھەرىكەت››ۋاقتى.ئۇلار بىر-بىرىنى غەزەب بىلەن سۆكۈشمەكتە،پاش قىلىشماقتا:

-ئۇ – ئوغرى!

-ئۇ – ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويمايدىغان ئەڭ چوڭ باج ئوغرىسى!

-ئۇ – يىرتقۇچ يولۋاس!

-ئۇ – ئەشەددىي يولۋاس!

گويا ئۇلار بىر-بىرىنى ئىتتىرىشمەكتە:

-مەن ئورۇق،ئۇ سېمىز! !

-ئۇ سېمىز،مەن ئورۇق...

سەۋىر-تاقەت قىلالمىدىم،بەرداشلىق بېرەلمىدىم،ئاخىرى ساڭا مۇراجىئەت قىلدىم:

-بوۋا،ئوبدان بوۋا،كوچا مەھەللىمىزنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخى ساڭا بەش قولدەك ئايان.ئېيىتقىنا،كوچىمىزدىكىلەر ئەزەلدىن موشۇندان نائىناقمىدى؟نەچچە يىل ئالدىدا سورىسامغۇ،سەن تېخى كىچىك،تېگى-تەكتىگە يېتەلمەيسەن دېدىڭ.چوپچوڭلا يىگىت بولۇپ قالدىمغۇ مانا.ئەمدىغۇ ئېيتىپ بېرەرسەن؟بوۋا،نېمانچە خىيالغا چۆكۈپ كېتىدىغانسەن؟مۇنچە تەقەززا قىلمىغىنا!

-ماقۇل،بالام،-دېدىڭ لەۋزىمنى يەردە قويماي،-سەن ھازىر كىچىك بالا ئەمەس، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، ئاق-قارىنى پەرىق ئېتەلەيسەن،گەپ-سۆزۈمنىڭ تەكتىگە يېتەلەيسەن،زېھنىڭ بىلەن ئاڭلا،سۆزلەپ بېرەي:


دۇرۇس،كوچىمىزنىڭ ئەسلى ئىسمى ‹‹ئايكوچا››ئىدى،ئايدەك يورۇق،ئىللىق كوچا ئىدى.قان-قېرىنداشلىق مۇھەببىتى تاش-كېسەك،تام-تورۇسلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن ئىناق كوچا ئىدى.زوھورىدىن ھاكىمبەگدەك كاتتا زاتنىڭ ئىزى،موللاسادىق ئەئلەم ئاخۇنۇم،ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىق پىر-ئۇستازلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن خىسلەتلىك كوچا ئىدى!ياسىن داموللاھاجىم ئاخىرەتكە سەپەرقىلغاندىن كېيىن(ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي،ئىلاھا ئامىن!)ئارىىز بۇزۇلدى،بىر مەسچىت ئىككى بولدى،‹‹ئايكوچا››دېگەن تەۋەرۈك نام ‹‹قوش مەسچىت››كە ئۆزگەردى،ئاغرىق-ئاداۋەت،بالايى-قازا باشلاندى!&nbspEAfS bK3z

مەرھۇم ئىمامىمىز ياسىن داموللاھاجىم ھەزرەتلىرى ئاتاق-ئابرويلۇق مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى،پۇل-مال،ئالتۇن-كۆمۈشلىرىنىڭمۇ ھەددى-ھېسابى يوق ئىدى،ھەقتائالا ئۇنىڭغا بىرجۈپ قوشكېزەك ئوغۇل ئاتا قىلغان ،چوڭىنىڭ ئىسمى ھەسەن.كىچىكىنىڭ ھۆسەيىن ئىدى،بوي-بەسىت،ئىسكەت-چىراي،خۇلق-مېجەز جەھەتتىمۇ ئايرىۋالغۇسىز دەرىجىدە ئوخشاشلىقى بىلەن ھەممىنى ھەيران قالدۇراتتى،ئۆگەندى،بىلىم تاپتى،يۇرت كەزدى،سودىگەرچىلىكنىڭ تىلىنى بىلدى،پۇل تاپتى،ئىمامىمىز ئۇشتۇمتۇت يېتىپ قالدى،ئوغۇللارغا خەت-خەۋەر ئەۋەتىلدى،ھۈسەيىن يېقىنراق بىرشەھەردە تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇرۇنراق كەلگەنىدى،دەرھال تويىنى قىلىپ ئاتىلىق قەرزىدىن خالاس بولدى.ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاكىسى ھەسەنقارىم يېتىپ كەلدى،ئىمامىمىز ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ناماز بامداتتىن بۇرۇن ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى،كوچىمىز ئابرويلۇق ئىمامىدىن ئايرىلدى،بىزئەھلى جامائەت ياراملىق بىر ئىمامغا مۇھتاج ئىدۇق،مەرھۇم ئىمامىمىزنىڭ قوشكېزەك ئوغۇللىرىغا تىكىلدۇق،ھەرئىككىسى بىلىملىك.خۇشپىئېل،ئەخلاق-پەزىلەتلىك ئەھلى سودىگەر يىگىتلەر ئىدى.قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟قائىدە-يوسۇن بويىچە بىز ئاكىسىنى تاللىدۇق،شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ تەستىق مۆھرىنىمۇ ئالدۇق،ھەممىمىز خاتىرجەم بولدۇق،بۇرۇنقىدەكلا بىر مەسچىتكە جەم بولدۇق.

خۇدانىڭ قۇدىرىتى بىلەن بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ رەپىقىلىرىمۇ قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار ئىكەن،ئاچىسى ئالتۇنخېنىم بۇرۇنراق ياتلىق قىلنىپ،ھۈسەيىنقارىمنىڭ ،سىڭلىسى تىللاخېنىم كېيىنرەك نىكاھ قىلنىپ،ھەسەنقارىمنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپتۇ،خوتۇنلىرىمىزنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا،ئۇلار چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان ھەرقانداق ساھىبجاماللاردىن گۈزەل،جەننەت ھۈرلىرىدىنمۇ چىرايلىق ئىكەن،ھۈسىن-جامالدا كامالەتكە يەتكەن،باي،دۆلەتمەن قوشكېزەك يىگىتلەر بىلەن تەڭداشسىز گۈزەل قوشكېزەك پەرىزاتلار كوچىمىزنىڭ ئابرويى،شان-شەرىپى ئىدى،بىز ئۇلار بىلەن پەخىرلىنەتتۇق،ماختىناتتۇق.ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قان-قېرىنداش قوشكېزەكلەرگە كۆز تەگدى!بىرلىك-ئىناقلىق ئاپتىپى بىلەن يورۇپ،ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببەت ھارارىتى بىلەن ئىللىپ تۇرىدىغان ‹‹ئايكوچا››مىز نائىناقلىق ئىس-تۈتەكلىرى ئاستىدا ئۆچ-ئاداۋەت جۇدۇنلىرى كېزىپ يۈرگەن قاراڭغۇ،سوغۇق ‹‹قوش مەسچىت كوچىسى››غا ئايلىنىپ قالدى!

ۋالىي،ھاكىم ،بەگ قاتارلىق چوڭ ئەمەلدارلار ،قازىئاخۇنۇم،مۇددەرىسئاخۇنۇم ئۈنۋانلىق كاتتا زاتلار ياكى ئاتاقلىق بايلار بولمىغان مەھەللىلەردىكى توي-تۆكۈن،ئۆلۈم-يېتىم،نەزىر-چىراقلارنىڭ ھەممىسىدە شۇ مەھەللكىنىڭ ئىمامىنى تۆرگە باشلاش ئاتام زامانىسىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە-يوسۇن .بىزمۇ ھەسەن ئىمامنى تۆرگە باشلايتۇق،ئىنىسى ھۆسەن قارىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالاتتى،خوتۇن-خەقلەرنىڭ ئولتۇرۇشىدا ئەھۋال باشقىچە بوپتۇ،ئالتۇنخېنىم :‹‹مەن ئاچا،سېنىڭ يۇقىرى تەرىپىڭدە ئولتۇرىشىم كېرەك››دېسە،تىللاخېنىم:‹‹مەن ئاكىنىڭ رەپىقىسى،ئىمامنىڭ رەپىقىسى،ئۆينىڭ تۆرى مېنىڭ››دەيدىكەن،بۇلارنىڭ تالاش-تارتىش جېدەل-ماجرالىرى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق توي ھازىغا ئايلىنىدىغان بولدى،بىز ئەھلى جامائەت ئاكا-ئۇكا قوش كېزەكلەرگە مۇراجىئەت قىلدۇق: -'

-ئىككى خېنىم ئوتتۇرىسىدىكى ئاغرىق ئاداۋەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن تەشۋىشلەنمەكتىمىز،قان-قېرىنداشلىق رىشتىنى يېڭى باشتىن تۇتاشتۇرۇپ،ئۇلارنى ئىناق،بىزنى خاتىرجەم قىلىشقايلا.

ئاڭلىساق،ئاكا-ئۇكىلار مۇنداق پۈتۈشۈپتۇ:‹‹ئەر جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ھەرقاندىقىدا يۇقىرى ئورۇن ئاكىغا،مەزلۇم خەقلەر سورۇنلىرىنىڭ ھەرقاندىقىدا يۇقىرى ئورۇن ئاچىغا مەنسۇپ!››.

-مەن ئاكىنىڭ رەپىقىسى،ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ رەپىقىسى ـ،دەپ تەكرارلاپتۇ تىللا خېنىم،-يۇقىرى ئورۇن مەرتىۋە مېنىڭ!

-مەن ئاچا،-دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرۇپتۇ ئالتۇن خېنىم،-ئورنۇمنى تارتىۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن

ئاكا-ئۇكىلار ئۆز رەپىقىلىرىنى تولىمۇ قەدىرلەيدىكەن،ئەتىۋارلايدىكەن،ئۇلار ئارزۇلۇق رەپىقىلىرىنى قايىل قىلالماپتۇ.زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىۋېرىپتۇ.

مەسچىتنىڭ بىقىنىدىكى ئۆيدە توي بولغان كۈنى بۇ ئاچا-سىڭىللار يەنە تۆر تالىشىپ قاپتۇ،تۈرلۈك نازۇ-نېمەت شېرىنلىكلەر بىلەن تولغان داستىخان ئۈستىگە بىر-بىرىنى بېسىشىپ،يۈز-كۆزلىرىنى تاتلاپ،چاچلىرىنى يۇلۇشۇپتۇ،تىل-ئاھانەت،يىغا-زار،قىيا-چىىيا كوچىنى بىر ئاپتۇ،مەسچىتكە كىرىۋېتىپ ئۆزرەپىقىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغان ئىمام ئاخۇنۇم ئىختىيارسىز ھالدا بۇيەرگە كىرىپ قاپتۇ،قارىسا باش-كۆزلىرى قىممنەت باھالىق يىپەك رومال ئىچىدە قالغان ئىككى ئايال بىر-بىرىنىڭ چېچىنى مەھكەم سىقىملاشقان ھالدا پومداقلىشىۋاتقۇدەك،ئۇلارنىڭ بوي-تۇرقى ئوخشاش بولۇپ قالماستىن،بەس-بەس بىلەن كېيىشىۋالغان كېيىملىرىمۇ ئوخشاش ئىكەن.

-تۇر ئورنۇڭدىن!-دەپ گەجگىسىدىن يۇلۇۋاپتۇ ئىمام ئاخۇنۇم،-ھۇ بىنۇمۇس ئالۋاستى!-شۇ سۆز بىلەن بىر كاچات ساپتۇ.

-ھا،ھا،ھا!-گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇتىللاخېنىم،-تۆر تالاشقىنىڭغا تويە،بىنۇمۇس ئالۋاستى!

ئالتۇنخېنىم ئاغزىنى سىيلىغان ئىكەن،ئاپئاق ئالقىنى قىپقىزىل قانغا بويۇلۇپتۇ،ئۆزئۆمرىدە مەرھۇم ئاتا-ئانىسىدىن ياكى ئېرىدىن ئازار يەپ باقمىغان خېنىم،بۇ ئىزا-كۈلپەتكە بەرداشلىق بېرەلمەپتۇ-دە:

-ھۇ،خوتۇنىنىڭ تامبىلىغا سەجدە قىلىدىغان مۇناپىق!-دېگىنىچە،بىر پىيالە رىشالىنى قەھىر-غەزەب بىلەن ئېتىپتۇ،ئىمامنىڭ قاڭشىرى يېرىلىپتۇ،يۈز-كۆزلىرى ئاپئاق رىشالە بىلەن قىپقىزىل قان ئارلاشمىسىغا كۆمۈلۈپتۇ.كۈنلەر-تۈنلەر ئاغرىق-ئاداۋەت ئىچىدە ئۆتمەكتەئىدى،نائىناقلىق ئۈششۈكى قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار يۈرىكىدىكى قان-قېرىنداشلىق ھارارىتىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋېلىش خەۋپى قاش-كىرپىك ئارىسىدا تۇراتتى،بىز بۇلارنى ئەپلەشتۈرۈش-ياراشتۇرۇش يولىغا قەدەم قويدۇق.

-خوتۇنىنى تالاق قىلىۋەتسۇن!-دەپ شەر قويدى ئاكىسى،-شۇ چاغدىلا مەن ئۇ ئالۋاستىنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارىتىنى ئەستىن چىقىرىمەن.ئۇكامنى بۇرۇنقىدەكلا قەدىرلەيمەن.

-خوتۇنىنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتمىگۈچە،-دېگەن شەرتنى قويدى ئۇكىسىمۇ،-مەن ئۇنىڭ خوتۇنۇمنى ھاقارەت قىلغان،ئۇرۇپ بىر تال ئېزىق چىشىنى سۇندۇرىۋەتكەن گۇناھىدىن كېچەلمەيمەن!

ياراشتۇرۇش يولىدا تاشلانغان قەدەم،سڭدۈرۈلگەن ئەجىرلەر زايا كەتتى،پىتنە-پاسات كۆپەيدى.زىددىيەت كۈنسېرى چۇڭقۇرلاشتى،ئىناق قوشنا ھەقەمسايىلەرمۇ چەك-چېكى كۆرۈنمەس تالاش-تارتىش چۆلىدە قۇيۇندەك پېرقىراشقا باشلىدى،بىرقىسىملار ئالتۇنخېنىمنىڭ ،يەنە بىرقىسىملار تىللاخېنىمنىڭ تەرىپىنى ئالدى،ھەركىم ئۆزى ھىمايە قىلغان تەرەپنىڭكىنى توغرا دېدى،پىتنە-پاسات ئارقىلىق جان باقىدىغان ناجىنىس،نائەھلىلەرمۇ چىقىپ قالدى،ئۇلار ئاكا-ئۇكا،ئاچا-سىڭىللار ئارىسىدا كېچە-كۈندۈز گەپ توشۇپ،ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشتى.بەزىلەر ھۈسەيىنقارىمنىڭ ھۇجرىسىغا خۇپىيانە كىرىپ،:‹‹سىلى ئاكىلىرىدىن چوڭ سېمىز تۇغۇلغان،باشلىرىمۇ ئاكىلىرىنىڭكىدىن يوغانراق ئىدى،ئاكا بولۇشقا ھەسەنقارىم ئەمەس، بەلكى سىلى ئۆزلىرى مۇناسىپ››دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلسا،تىللاخېنىمنىڭ يېنىغا ئوغىرلىقچە كىرىپ:‹‹بۇرۇن تۇغۇلغىنى ئاچىلىرى ئەمەس،بەلكى سىلى ئىدىلە،كىندىك ئانا بىر-كېچە كۈندۈز كىرپىك قاقماي تەۋەللۇت ئۈستىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇيقۇسىزلىق ئىچىدە گاڭگىراپ قېلىپ،ئىككىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان ئىكەن››دەپ ئوت قۇيرۇقۇق قىپتۇ،بەزىلەر ئالتۇنخېنىمغا ئەقىل ئۆگىتىپتۇ،ئەرلىرى ھۆسەيىنقارىم سودىگەرچىلىك قىلىمەن دەپ يول ئازابى-گۆر ئازابى تارتسا،سىلى ئۆزلىرى تەنھالىق،تەشنالىق دەردىنى تارتتىلا،ھەسەنقارىم بولسا شەھەردىن چىقماي تىجارەت قىلىپ،مۇشەققەتسىز ھالاۋەت كۆرىدۇ.توي-تۆكۈن،ئۆلۈم-يېتىم،نەزىر-چىراقلاردىن كېلىدىغان تاپاۋەتمۇ ئاز ئەمەس،ۋەخپىلەرنىڭ كىرىمىچۇ تېخى!قۇربان ھېيىتتا پۈتۈن كوچىمىزدا قۇربانلىق قىلىنغان قويلارنىڭ تېرە-ئۈچەي،كاللا-پاقالچاقلىرى شۇ ئۆيگە قاراپ ئاقىدۇ.تىللاخاننى يوغىناتقان ئاشۇ پايدا ئەمەسمۇ؟ئەرلىرى ھۆسەيىن قارىممۇ ئەھلى ئىلىم،قارىي قۇرئان كىشى.ھەرقانداق جامە ئىماملىقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ،ئاكىسىدىن ئوبدانراق قۇرئان تىلاۋەت قىلالايدۇ،تەپسىر ئېيتالايدۇ.ئاكىسى بىلەن پۈتۈشۈپ نۆۋەت بىلەن ئىماملىق قىلسا بولمامدۇ؟ئاكىسى بىرئاي ئىمام بولسا،ئۇكىسى بىر ئاي،ئاكىسى بۇ يىل ئىمام بولسا ،ئۇكىسى كېلەر يىلى...››

بۇ مەسلىھەت ئالتۇنخېنىمغا يېقىپ قاپتۇ،ئېرىنىمۇ قايىل قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئىماملىق داۋاسى باشلاندى،بىرقىسىملار ھۆسەيىنقارىمنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ مەھكىمە شەرئىگە بارسا،يەنە بىرقىسىملار ھەسەنقارىمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىمان بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ بېرىشتى،ھەرتەرەپ ئۆزلىرى ھىمايە قىلغان كىشىنىڭ خىسلەت-پەزىلەتلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ،ئۆزى رەت قىلغان كىشىنىڭ ئېۋەن-نۇقسانلىرىنى كۆپتۈرۈشتى،شەرىئەت بۇ دەۋانى ھەل قىلىشقا چارىسىز قالدى،دوتەي-ئامباللارمۇ ھەل قىلالمىدى،ئۆزقوللىغۇچىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ئالتۇنخېنىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھۆسەيىنقارىم ئاخىرى ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى،بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھەسەنقارىممۇ دەرھال ئاتلىنىپ،ھۆسەيىنقارىمدىن بىركۈن كېيىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپتۇ.بۇ نىقابلىق يالماۋۇز-ياڭ زېڭشىڭنىڭ قۇمۇل خەلق قوزغىلىڭنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى تۆمۈر خەلپىنى قەتىل قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى ئىكەن.ئۇ غەربى دىيار خەلقىنى مەڭگۈ مەھكۇملۇقتا قالدۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە قالتىس كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ،يۇڭ قەلەم بىلەن مۇنۇلارنى يېزىۋاتقان چاغ ئىكەن:‹‹بۇ خەلقنىڭ دىنى بىر،خۇداسى بىر،پەيغەمبىرى بىر،كەئىبىسى بىر،مەزھىپى بىر،تىلى بىر،بۇ ئالتە بىرلىك ئۈستىگە دىل بىرلىكى-زىچ ئىتتىپاقلىق قېتىلىدىغانلا بولسا تۈگەشكىنىم شۇ.تەختى-بەختىمنىڭ گۇمران بولغىنى شۇ!...››

-ئوغلۇم ئاڭلاۋاتامسەن؟ئۇ ئۆز ھۆكۈمىنى بۇنداق شەرھلەۋاتقانىكەن:‹‹دىل بىرلىكى-تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى،باي-باياشادلىقنىڭ ئۇلى،بىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلىش،ئويغىنىش،ئۆز-ئۆزىنى تونۇۋېلىشنىڭ ئاساسىدۇر،بۇ بىرلىكتىن ئارتۇق خەۋپ-خەتەر يوق ماڭا!...››

ھۆسەيىنقارىم دەل مۇشۇنداق پەيىتتە ياڭ جاڭجۈننىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ،جاڭجۈن ھۆسەيىنقارىم ئىنئام قىلغان&nbsp100دانە تىللانى ئاپتۇ،ئەرزىگە قۇلاق ساپتۇ ۋە خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قاپتۇ.شۇ ئەسنادا ھەسەنقارىممۇ كىرىپ كەپتۇ-دە،100دانە تىللانى ئالدىغا قويۇپتۇ،ئەرزىنى بايان ئەيلەپ ئاھ ئۇرۇپتۇ،جاۋاب كۈتۈپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ.

-ئويلىشىپ باقاي،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ جاڭجۈن .

ئاكا-ئۇكىلار بى-بىرىگە تۇيدۇرماي ئۇقۇشۇپ يۈرۈپ،‹‹ئويلىشىپ باقاي››دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋاپتۇ،ئاكىسى&nbsp120تىللا ئىنئام قىلغان بولسا،ئۇكىسى150،200نى ئىنئام قىلىۋېرىپتۇ،ھەسەنقارىم ئاكىلىق ئورنى تۈپۈەيلىدىن بۇ دەۋادا ئۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كېتىپ،ئىنئام يوللاشتا ھۆسەيىنقارىمغا يېتىشەلمىگەن بولسا كېرەك،شۇڭلاشقا ياڭ جاڭجۈن:

-سەنمۇ مەسچىت سال،ئىمام بول!دەپ بۇيرۇپتۇ ھۈسەيىنقارىمغا،-سىنىڭ قوللىغۇچىلىرىڭنىڭ ئەجدادى تەرىپىدىن مەسچىتكە ۋەخپە قىلىنغان دۇكان-ساراي،يەر-زېمىنلارغا سەن ئىگىدارچىلىق قىل!

ھەسەنقارىمغىمۇ بۇنداق دەپتۇ:

-ئەسلىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولىۋەر،سېنىڭ قوللىغۇچىلىرىڭنىڭ ئەجدادى تەرىپىدىن مەسچىتكە ۋەخپە قىلىنغان دۇكان-ساراي،يەر-زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋەر!

دەۋادا ئۇتقان،غەلبە خۇشاللىقىغا چۆمۈلگەن ھۆسەيىنقارىم ئۆزئىچىدە بۇنداق بىر قارارغا كەپتۇ:شۇنداق بىر مەسچىت سالدۇرايكى،نامىم ئەلگە تارالسۇن،شۆھرىتىم كۆككە يەتسۇن،كونا مەسچىت بويۇن قىسىپ بىر چەتتە قالسۇن!...

ھەسەنقارىم بۇنى بىلىۋالغاندەكلا سوراپتۇ: ]

-جاڭجۈن ئالىيلىرى،قۇرۇلغۇسى مەسچىتنىڭ يەر-كۆلىمى،شەكىل-نۇسخىسى...

-كونا مەسچىت بىلەن ئوپئوخشاش،-دەپ جاكارلاپتۇ جاڭجۈن،بىرقەدەم كەڭ-تار،بىر غېرىچ ئېگىز-پەس بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ،گۈل-نەقىشلىرىدىن تارتىپ،سىر-بوياقلىرىغىچە ئوخشاش بولۇشى كېرەك!...

بىلدىڭمۇ ئوغلۇم؟‹‹قوش مەسچىت››نىڭ تارىخى ئەنە شۇ!ئايدەك يورۇق،باھاردەك ئىللىق كوچىمىزنىڭ تۇماندەك تۇتۇق،جۇدۇن پەسلىدەك سوغۇق كوچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئەنە شۇ!


جېنىم بوۋا،ئاخىرەتكە سەپەر قىلغىنىڭغا چارەك ئەسىربولغان بۈگۈنكى كۈندە مەن ئايرىلغىنىمغا شۇنچە يىللار بولغان يۇرتۇمغا قاراپ كېتىۋاتىمەن،نۇرانە چېھرىڭ ۋە ئوتلۇق نەپەسلىرىڭ بىلەن ئىللىپ تۇرىدىغان كوچامغا قاراپ كېتىۋاتىمەن،يېقىنلاشقانسېرى سېغىنىش،ئىنتىزارلىق ئوتلىرى لاۋۇلدىماقتا،تەشۋىش ئەندىشىلىرىم كۈچەيمەكتە:ئاھ،مېېنىڭ كوچام،قانلىق تارىخىي سەرگۈزەشتىلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەسرەت-نادامەتلىك كوچام!تىنچ،ئىتتىپاقلىق باھارىنىڭ ئىللىق ئاپتىپىدا يورۇغانسەنمۇ ياكى ئۆزھالىتىڭچە تۇرۇۋەرگەنسەنمۇ؟سۈبھى سەھەر ۋاقتىدا ئىككى دەرۋازىدىن تەڭ چىققان ئىككى مۇسۇلماننىڭ ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››ۋە‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام››نى بەجا كەلتۈرۈپ بىر مەسچىتكە قاراپ دوستانە قەدەم ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرەرمەنمۇ ياكى ئەينى زامانلاردىكىدەك‹‹مەن ئورۇق،ئۇ سېمىز››دەپ بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىۋاتقان نادانلارنىمۇ؟ھۆرمەتلىك يېڭى ئىمامىمىز جامائەتتىن :‹‹ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىغا سەۋەب نېمىدۇر؟››دەپ سورىسا،پۈتۈن جامائەت :‹‹ئىككى نەرسىدۇر،بىرى،جاھىللىق ۋە نادانلىق؛ئىككىنچىسى،تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر››دەپ جاۋاپ بەرسە؛‹‹ئىززەت-ئابروي،قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولۇر؟››دېگەن ھامان:‹‹بىلىم مەرىپەت ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن بولۇر››دەپ يەكدىللىك بىلەن جاۋاپ بەرسە،خۇشاللىقتىن يۈرەكلىرىم يېرىلىپ كەتمەسمىدى؟سېنىڭچۇ،بوۋا؟بوش،بىكار قالغان يەنە بىر مەسچىتنىڭ كۆز گۆھەرلىرىمىز،ئۈمىد يۇلتۇزلرىمىز ئۈچۈن ئارامبەخىش باغچە،يەسلى قىلىپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەمچۇ؟ئۇ چاغدا مەن غەمكىن قەبرەڭنى مەھكەم قۇچاقلاپ،بار ئاۋازىم بىلەن خىتاب قىلماسمىدىم:

-بوۋا،جېنىم بوۋا!خاتىرجەم بول،ئارزۇ-مۇرادىڭ گۈل-چېچەك ئاچتى!...

1986-يىلى يانىۋار.ئەزىزانە شەھىرى قەشقەر