قوشنام، قولۇمنى ياندۇرماڭ

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ


‹‹قوشنام، قولۇمنى ياندۇرماڭ››


تۇرسۇن كېرىم قارچۇق

بۈگۈن تاماق بەك ئوخشىدى، تاماقنى ئۆزىمىزگە ئۇسسىغىچە قوشنىمىزغا دىككىدە سۇنۇۋېتىپ كىرىڭە.

مەن ئايالىمنىڭ قولىدىكى تاۋاقنى ئېلىپ قوشنامنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. قوشنام ئىشىكنى ئېچىشىغىلا ئاشنىڭ ئۈستىگە ياپقان تەخسىنى ئېلىۋېتىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم. ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان تاماقنىڭ مەززىلىك ھىدى دىمىقىمغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى.

تاماقتىن سىلەرمۇ ئېغىز تېگىپ بېقىڭلار.

ئاپلا، بىزمۇ مۇشۇ تاماقنى قىلىۋاتقان. ئۇنىڭ قىيا ئېچىلغان ئىشىكتىكى، بىر قولىدا ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى يەنە بىر قولىدا كېشەكنى تۇتۇپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ تەڭقىسلىقتا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئارقامغا ئۆرۈلۈشۈمگە ئۈستىنكى قەۋەتتىكى قوشنام ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى.

ۋاھ، نېمىدېگەن مەززىلىك پۇراق؟ بۇ تاماققا ئەسلىي مېنىڭ رىسقىم چۈشكەن ئوخشىمامدۇ، دېدى ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىپ.

ئەلۋەتتە بولىدۇ ئاداش، تاماقنى قوشنىلاردىن كىمگە سۇنساق ئوخشاش ئەمەسمۇ، دېدىم قولۇمدىكى تاماقنى ئۇنىڭغا سۇنغاچ.

كۆڭلۈم باشقىچە بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كىردىم، ئايالىمغىمۇ ھېچنېمە دېمىدىم. بىزدە ‹‹يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا›› دەيدىغان گەپ بار. قوشنىلار ئارا ئىناق – ئېجىل ئۆتۈش، كۆيۈنۈش، مېھىر – مۇھەببەت يەتكۈزۈش بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى. ھازىر ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسەن كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق. ئائىلىسىدە ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ، يېگۈسى كەلگەننى يەيدۇ. قوشنىلار ئارا سۇنۇلغان تاماق نوقۇل قورساق توقلاشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇ بىر قاچا تاماققا قوشنىڭىزنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئەجرى، قىممەتلىك ۋاقتى سەرپ بولغاندىن باشقا مۇھىمى قوشنىلىرىغا بولغان ئىززەت – ھۆرمىتى، چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى سىڭگەن، قوشنىلىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئەزىزلەيدىغان، ئىناق – ئېجىل ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ئېسىل پەزىلىتىمۇ يۇغۇرۇلغان. بىر قاچا تاماق سۇنغان ھەم بەھرىلەنگەن قوشنىنىڭ ۋۇجۇدىغا شۇ قىزىق تاماقنىڭ ھارارىتىدەك ئىللىقلىق تارايدۇ، قەلبى سۆيۈنۈشتىن، مەمنۇنلۇقتىن لەرزىگە كېلىدۇ.

‹‹كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر›› دېگەندەك سىزنىڭ ئىللىق بىر كۈلۈمسىرىشىڭىز، بىر ئېغىز سىلىق سۆزىڭىز، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالام قىلىپ تىنچلىق سورىشىڭىز، ھۆرمىتىڭىزنى ئىپادىلىشىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ، قوشنىڭىزغىمۇ بىر خىل ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ، مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئېجىللىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ھۆرمىتىڭىز ئۈچۈن سۇنۇلغان بىر قاچا تاماق، ئاق يول تىلەپ سۇنۇلغان يوللۇق، ئاتا – ئانىسىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ سالىمى بىلەن ئۇزىتىلغان سوۋغا، يۇرتىنىڭ، باغلىرىنىڭ مەھسۇلاتىدىن بېرىلگەن نېمەتلەر... ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان غەرەزسىز كۆڭلى.

سەمىمىيلىك بىلەن داۋراڭسىز سۇنۇلغان مېھىرلىك قوللارنى ياندۇرماڭ، ئەنئەنىۋى قائىدە – يوسۇنلىرىمىز، بۈيۈك مىراس سۈپىتىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۆرپ – ئادىتىمىز داۋاملاشسۇن، ئۇنىڭ خاسلىقىدىن، ھارارىتىدىن دىللار سۆيۈنسۇن، كۆڭۈللە يورۇسۇن، قەلبلەر كۈلسۇن، جەمئىيەت مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن!

تەھرىر:ئابدۇراخمان سادىق ۋاقتى:2017-01-17 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى