غازى ئەھمەدنىڭ كونا رەسىملىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

غازى ئەھمەدنىڭ كونا رەسىملىرى

Ghazi-Emet.jpg

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: غازى ئەھمەد دۇنياغا تونۇلغان داڭلىق رەسسام، ئۇنىڭ بىرنەچچە پارچە رەسىمى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ، ئېلىمىز ۋە دۇنيادىكى خۇسۇسىي يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ ھەرقاندىقى قولىدىكى رەسىملەر ئارىسىدا ئۇنىڭ بىرەر پارچە ئەسىرى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.

2017- يىلى 26- نويابىر بۇ داڭلىق رەسسامنىڭ بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلىقىنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەم قايغۇغا چۆمدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار ئىدىم؛ بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان مىنۇتلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەچ، يىغىپ ساقلاۋاتقان گېزىت رەسىملىرىنى قولۇمغا ئالدىم. 2010- يىلى ئۇنىڭ «ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر» ناملىق كىتابى نەشردىن چىققانىدى، بىراق ئۇ بۇ رەسىملەرنى ئۇ كىتابىغا كىرگۈزمىگەن ئىدى. خىيالىمدا: « ئاپتور بۇ رەسىملەرنى نېمىشقا كىتابقا كىرگۈزمىگەندۇ؟ كىرگۈزۈشنى توغرا تاپمىدىمۇ ياكى بۇ رەسىملەر 50- 60 يىل بۇرۇن سىزىلغان بولغاچقا يوقىلىپ كەتكەنمىدۇ؟ گېزىت – ژۇرناللاردىن ئىزدەشكە ۋاقىت چىقىرالمىغانمىدۇ؟» دېگەن ئويلار خېلىغىچە چىقىپ كەتمىدى.

دېمىسىمۇ ئاپتور كىتابىدا سەلەي چاققاننىڭ قەلەمدە سىزىلغان تېز سىزمىسىنى باشقىلار ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىڭ 80- يىللاردا بىرسىنىڭ ئۆيىدە رامكىغا ئېلىنغان فوتو سۈرەتنىڭ ئارقىسىدىكى تامغا ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى يازغانىدى. دېمەك، ئاپتورنىڭ يوقىلىپ كەتكەن رەسىملىرى ئاز ئەمەس ئىدى. رەسسامنىڭ كۆز يۇمغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان شۇ پەيتتە ئۇنىڭ قاۋۇل بەستى، سالماق تۇرقى كۆز ئالدىمدا قايتا نامايان بولدى. ئۇنىڭ بۇ كونا رەسىملىرىنى ئېلىپ بىر – بىرلەپ كۆرۈپ چىقتىم، كاللامغا: «ئۆزىگە كۆرسىتەلمىگەن بۇ رەسىملەرنى ئۇنىڭ خەلقىگە تەقدىم قىلاي» دېگەن ئوي كېلىپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

غازى ئەھمەدنىڭ بۇ رەسىملىرى قەلەم بىلەن سىزىلغان تېز سىزما رەسىملەر ئىدى. رەسسامنىڭ «ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر» ناملىق كىتابىغا يېزىلغان كىرىش سۆزدە: «ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت، قىسىلچاقلاردىن يول چىقىرىپ رەسىم ئىجادىيىتى قىلدىم. سىزغانلىرىم دەسلەپتە ئاددىيراق بولدى، كېيىن يامان ئەمەس بولدى...» دەپ يازغىنى مۇشۇ رەسىملەرگە قارىتىلغان بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ رەسىملەر قەلەم بىلەن ھەقىقەتەنمۇ «ئاددىيراق» سىزىلغانىدى، بەلكىم رەسسام بۇ «ئاددىيراق» سىزىلىپ قالغان رەسىملىرىنى كىتابىغا كىرگۈزۈشنى لايىق تاپمىغان بولسا كېرەك.

بۇ رەسىملەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىسى 1958- يىلى 28- فېۋرالدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان «ئوغۇت توپلاش» ناملىق رەسىم ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى «كىچىك ھەيكەلتىراش ئۇلۇغ داھىي لېنىننىڭ ھەيكىلىنى ياسىدى»، «ئۆكتەبىردە پولات – تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەل قىلغۇچى غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرىمىز»، «رودا قېزىش» قاتارلىق رەسىملەر ئىدى، بۇلار «شىنجاڭ ياشلىرى گېزىتى» نىڭ 1958- يىللىق سانلىرىغا بېسىلغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى «گىلەم توقۇش» (1964- يىل، «شىنجاڭ گېزىتى»)، «ئوغۇت توپلاش ھەرىكىتىدىكى زەربىدار ئاياللار» (1965- يىل، «قەشقەر گېزىتى»)، قالغانلىرى 1970- يىللارنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ گېزىتىگە بېسىلغان ماي بوياق تەشۋىقات رەسىملىرى ئىدى.

بۇ رەسىملەر ھەقىقەتەن ماھىرلىق بىلەن سىزىلغان ئىدى، پېرسوناژلارنىڭ چىراي ئىپادىسى، ئىش – ھەرىكىتى، ئىش مەيدانىدىكى ھەرخىل شەيئىلەر ئوبرازلىق سۈرەتلىنىپ، ئەينى دەۋردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقىنى ناھايىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرگەنىدى.