Difference between revisions of "شېڭ شىسەينىڭ قېيىن ئاتىسى چيۇ زوڭجۈن ۋە باشقىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئەسلىمە"

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search
(Created page with "<p align="justify" dir="ltr"><strong><span dir="ltr"> link=http://kashgar.co/donation ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىس...")
 
(3 intermediate revisions by the same user not shown)
Line 7: Line 7:
 
<p align="justify" dir="rtl"><strong><span dir="ltr">  </span></strong></p>
 
+
'''شېڭ شىسەينىڭ قېيىن ئاتىسى چيۇ زوڭجۈن ۋە باشقىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئەسلىمە'''
شېڭ شىسەينىڭ قېيىن ئاتىسى چيۇ زوڭجۈن ۋە باشقىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئەسلىمە
+
 
+
  
فەن زوڭشىياڭ
 
فەن زوڭشىياڭ
 
گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لەنجۇ ئەزەلدىىنلا تىنچ شەھەر ئىدى . لېكىن ، 1949 – يىلنىڭ ياز ئايلىرى ئۇشتۇمتۇت بۇ شەھەردە پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «چيۇ جەمەتىدىكى قانلىق دىلو » يۈز بېرىپ ، سابىق شىنجاڭ مىلىتارىسى شېڭ شىسەينىڭ قېيىن ئاتىسى چيۇ زوڭجۈن باشلىق 11 كىشى تۈگەل قەتلى قىلىندى . شۇ چاغدا مەن لەنجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدە جازا ساقچىلىرى باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيتتىم . شۇڭا بۇ دىلونى مۇقەررەر ھالدا مېنىڭ ئىشلىشىمگە توغرا كەلدى . بىر ئايدىن ئارتۇق كېچە – كۈندۈز زەربىدارلىق بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئەنزە ئاخىر پاش بولۇپ بىر ياقلىق قىلىندى . ھازىر شۇ ئەھۋاللارنى ئېسىمدە قالغىنى بويىچە ئەسلەپ ئۆتمەن .
 
'''ئېسىلزادىلەر ھويلىسىدىكى بالايى – قازا'''
 
+
ئېسىلزادىلەر ھويلىسىدىكى بالايى – قازا
+
 
+
 
+
  
5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا مەن يىغىندا ئىدىم . شۇ ئەسنادا مەركىزىي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گو جۇاڭ ماڭا تېلېفون بېرىپ : «سول تەرەپتىكى تاشيول ياقىسىدىكى 69-نومۇرلۇق ھويلىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ ، دەرھال بېرىپ قاراپ باققىن » دەپ ئېيتتى . مەن شۇ ئانلا ئاپتوموبىل بىلەن نەق مەيدانغا باردىم . سول تەرەپ تاشيول يەنى ھازىرقى كونا تاشيول ئەسلىدە قاقاسلىق جاي بولۇپ ، ئاندا – ساندا ئۆيلەرلا بار ئىدى . بىز نەق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ھويلىنىڭ قېيىن ئاتىسى چيۇ زوڭجۈنگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق .
 
بۇ يېڭىدىن سېلىنغان بىر قەۋەتلىك ئۆيلۈك ھويلا بولۇپ خېلى كەڭ جاينى ئىگىلىگەن ،ئالدى – كەينى ئىككى ھويلىغا بۆلۈنەتتى . ئالدى ھويلىدا دەرۋازا ، ماشىنا توختىتىلىدىغان مەيدان ، كىچىككىنە گۈلباغ بار ئىدى . كەينى ھويلىدا تۆت تەرەپكە چۆرىدەپ سالغان كۆركەم ئۆيلەر قەد كۆرۈرۈپ تۇرىدىكەن . چيۇ زوڭجۈن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى چيۇ دىڭكۈن ( يەنە بىر ئىسمى چيۇ يۇشيۇڭ گومىنداڭنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن ئىدى . ئەتراپتىكىلەر بىلەن قوشنىدارچىلىقى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى بىلىدىغانلار چىقمىدى . ساقچى 4-شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇ چىڭخەي نەق مەيدانغا بىزدىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەنكەن ، ئۇنىڭ بىزگە تونۇشتۇرىشىچە چيۇ ئائىلىسىنىڭ ئاشپىزى ليۇچىڭخەي تاڭ سەھەردە تاماق ئېتىشكە كەلگەندە دەرۋازىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ، دەرۋازىۋەن فۇگۈەن چى يۈتيەننىمۇ تاپالمىغان . ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىپ قارىغۇدەك بولسا ، ئۆيلەرنىڭ ئىشىك دەرىزىلىرىدىن ئىس-تۈتەك چىقىۋاتقۇدەك ، توۋلىسىمۇ بىرەرسىنىڭ زۇۋانى چىقماپتۇ ، ئىشىكنى ئىتتىرگەن ئىكەن ئىس پۇرقىراپ چىقىپتۇ ، ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ دەرھال 4-ساقچى ئىدارىسىگە دوكلات قىپتۇ . ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرىدۇ . بىز ئوت ئۆچۈرۈلۈپ ، ئىس-تۈتەكلەر تارقاپ ئۆينىڭ ھاۋاسى يېڭىلانغاندىن كېيىن ، ئۆي ئىچىدىكى ئۈستەل ئورۇندۇق ، كىرسلو قاتارلىق ياغاچتىن ئىشلەنگەن ئۆي جاھازلىرىنىڭ ئۈستى-ئۈستىگە تاشلىنىپ ، ئاستى تەرەپكە ئەدىيال ، گىلەم ، يوتقان-كۆرپە قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى كۆردۈق ئۆيدە كۈچلۈك بېنزىن پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلاتتى . نەرسە كېرەكلەرنى ئۇياق-بۇياققا يۆتكىگەندە تۇيۇقسىز ئادەمنىڭ پۇتى كۆزىمىزگە چېلىقتى ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋەتتۇق ، جەسەت قانغا مىلەنگەن ھالدا ياتاتتى ، جەسەتنىڭ ئاستىغا بېنزىنغا چىلانغان توم پىلتا باستۇرۇلغان بولۇپ ، پىلتىنىڭ بىر ئۇچى ئۆينىڭ بۇرجىكىدىكى  موم شامغا باغلاپ قويۇلغانكەن. بۇنىڭدىن بۇ دىلونىڭ پىلانلىق ، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم بولدى .
 
'''نەق مەيداننى تەكشۈرۈش'''
 
+
نەق مەيداننى تەكشۈرۈش
+
 
+
 
+
  
نەق مەيداننى تەكشۈرىۋاتقىنىمىزدا ، بۇ خەۋەر تېزلىكتە پۈتۈن شەھەرگە تارقىلىپ بولدى . لەنجۇدىكى ئارمىيە ، ھۆكۈمەت ، ساقچى ، ژاندارما ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل ئەرباپلىرى كەينى-كەينىدىن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىشتى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گومىنداڭ غەربىي شىمال ھەربىي مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ گېنىرال مايور دەرىجىلىك فۇگۈەن باشقارما باشلىقى قوشۇمچە قاتناش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بەيۋېي ، ژاندارما قىسىملىرىنىڭ لەنجۇدا تۇرۇشلۇق 22-پولك كوماندىرى ساۋشوشى قاتارلىقلار ۋە بازار-مەھەللە باشلىقلىرى ، گېزىتخانىلارنىڭ مۇخبىرلىرى ھەم يېتىپ كېلىشتى . ئەتراپتىكى خەلقمۇ دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئۇلاشتى . بىز جەسەت تەكشۈرۈش ۋە نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدۇق . نەق مەيداندىن جەمئىي 11 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلدى . بىز چيۇ زوڭجۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى تونۇمىغانلىقىمىز ئۈچۈن نوپۇس دەپتىرىنى ئاختۇرۇپ ئۇلارنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى ۋە ياش قورامىنى بىلدۇق ۋە بىلىدىغانلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن جەسەتلەرنى بىر-بىرلەپ پەرق ئېتىپ چىقتۇق . ئۇلار :
 
1 . چيۇ دىڭكۈن ، 40 ياش بولۇپ ، ماناپولكىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، ئوق ئۇنىڭ پىشانىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن كىرىپ سول قۇلۇقىنىڭ تۈۋىدىن چىقىپ كەتكەن ، قان كۆپ چىقمىغان . ئۇنىڭ ئۇچىسىدا سېرىق سارجا ھەربىي فورما بولۇپ ، گېنېرال مايورلۇق پاگون-كاكار تاقىغاندى .
 
2. چيۇ زوڭجۈن ، شېڭ شىسەينىڭ قېيىن ئاتىسى ، ئۇخلاپ ياتىنىدا بوغۇزلانغان ، قورسىقىغىمۇ پىچاق تىقىلغان ، باش تەرىپىگە ئۈچ پالتا چېپىلغان . بوينىدا قول بىلەن بوغۇلغان ئىز بار .
 
3 . خېي بوپىڭ ، چيۇدىڭكۈننىڭ خوتۇنى ، 30 ياشتىن ئاشقان . ئۇ مانجۇ مىللىتىدىن بولۇپ ، بېيجىڭلىق ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىكەن . ئۇنىڭ گەجگىسىنىڭ ئىككى يېرىگە پالتا چېپىلغان ، ئاغزىغا لۆڭگە تىقىلغان . ئۇ خېلى سەتەڭ ئايال ئىكە .
 
4 . چيۇ گۇاڭخۇا ، چيۇدىڭكۈننىڭ تۇنجى ئوغلى بولۇپ ، 15 ياشقا كىرگەن . ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن . ئۇ شۇ كېچىسى بوۋىسى چيۇ زوڭجۈننىڭ يېنىدا يېتىپ قالغان . گەجگىسىگە پالتا چېپىلغان دۈمبە تەرىپى ۋە قورسىقىدىمۇ پالتا چېپىلغان ئىزلار بار ، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى بەكمۇ پاجىئەلىك ئىدى .
 
5 . چيۇ گۇاڭرۈي ، چيۇ دىڭكۈننىڭ كەنجى ئوغلى ، يەتتە ياشتا . ئۇ كىچىك كارۋىتىدا ئۇخلاۋاتقاندا پولات تۇرۇبا بىلەن بېشى يەنچىۋېتىلگەن . چىرايى تونوغۇسىز ئىدى .
 
6 . چيۇ گۇاڭلى ، چيۇ دىڭكۈننىڭ كەنجى قىزى ، بەش ياشتا ، ئۇمۇ پولات تۇرۇبا بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن . مىڭىسىنىڭ قېتىغى چىقىپ كەتكەن ، چىرايىنى تونۇش مۇمكىن ئەمەس .
 
7 . بى دىيەنجۈن چيۇ ئائىلىسىنىڭ شوپۇرى ، 30 ياشتىن ئاشقان ئۇنىڭ جەسىدى بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنەتتى .
 
8 . گوشىفا ، چيۇ ئائىلىسىنىڭ سۇچىسى ، بېشىغا پالتا چېپىلىپ جان بەرگەن .
 
9 . خې دېيۈەن ، چيۇ جەمەتىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ، بېشىغا پالتا چېپىلغان . پىشانىسىگە پولات تۇرۇبا باش سۆڭىكى سۇنغان .
 
10 . خې يىفا ، خې دېيۈەننىڭ ئىنىسى ، ئۆي خىزمەتچىسى ، ئۇ ئادەتتە چيۇ زوڭجۈننىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىكەن . ئۇنىڭ بېشىغا ئۈچ يەرگە پالتا ئۇرۇلغان .
 
11 . چېن زوڭشى . 30 ياشتىن ھالقىغان ، سودا بانكىسىنىڭ مۇدىر بوغالتىرى ، باش تەرىپىگە ئۈچ پالتا ئۇرۇلغان ، بوينىدا بارماق ئىزلىرى بار .
 
تەكشۈرۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ، ھەرقايسى ئىسپاتلىق ھادىسىلەر سۈرەتكە ئېلىنىپ ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەندى . نەق مەيدان پېچەتلەندى .
 
ئالدى ھويلىدا رۇسىيەدە ئىشلەنگەن سۇس كۈلرەڭ بىر پىكاپ تۇراتتى . پىكاپنىڭ ئارقا ساندقىدا بىر سىۋەت نەشپۈت ، ئىككى يەشىك قىيمىلىق بولكا بار بولۇپ ، قارىغاندا شۇ كۈنى كەچلىكى سېتىۋېلىنىپ چۈشۈرېۋېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن . پىكاپنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا بىر ئايالچە ئۇزۇن چاپان تۇراتتى ، ئۇ فېي بوپىڭنىڭ كىيمىدەك قىلاتتى .
 
ھويلىنىڭ غەربىي جەنۇپ بۇرجىكىدە بىر ئېغىزلىق مۇنچا بار بولۇپ ، مۇنچىنىڭ پولىدا ۋە لۆڭگىلەردە قان داغلىرى بار ئىدى . دېمەك قاتىللار ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن مۇنچىغا كېلىپ يۇيۇنغان غەربىي ھوجرىدىكى چاي ئۈستىلىدە تۇرغان كۈلدان تاماكا قالدۇقلىرىغا توشۇپ كەتكەن . ھاراق بوتۇلكىلىرى چېستى قۇرۇتۇلغان ، ھاراق ھىدى كۈچلۈك ئىدى ۋەھاكازالار .
 
بىز يۇقۇرقى ئەھۋاللارنى تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن دىلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئونچە ئادەم ئىكەنلىكىنى ، ئىچكى جەھەتتىن ئۇلارغا ماسلاشقان ئادەم بارلىقىنى ھەمدە بۇ ئىشنىڭ پىلانلىق ، پۇخت ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۇق .
 
شەرق تەرەپتىكى ھوجرىنىڭ قاچا-قومۇش ئىشكاپ تارتمىسىدىن بىر مۇنچە ئاچقۇچ ۋە ئون نەچچە ھىسابات دەپتىرى تېپىلدى . ئاچقۇچلارغا سېفىرلىق بەلگە قويۇلغاندى ، ھىسابات دەپتىرىمۇ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن . ئەمما بىزنىڭ دىققىتىمىز ھەر خىل تاپانچا ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق قىلىچ ، خەنجەر ، بۆكەن مۈڭگۈزى ، زىقچە ئالتۇن ، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى ، كۈمۈش تەڭگە ، قەدىمىي يادىكارلىقلارغا مەركەزلەشتى . ھەر خىل سائەت ، يۇڭ-ئىپەك ، گىلەم-ئەدىياللار ، خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار ، كىيىم-كېچەك ، رەخت قاتارلىق پۇللۇق نەرسىلەرنى ھىساپ دەپتىرى بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا ، ئېغىر نەرسىلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا كۆپىنچە نەرسىلەرنىڭ تىزىمى بار ، ئۆزى يوق ئىدى . بۇ نەرسىلەرنى قەيەردىلىكى نامەلۇم . كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، دىلو سادىر قىلغۇچىلار ئادەم ئۆلتۈرۈشنىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە مال-مۈلۈك بۇلاشنىمۇ مەقسەت قىلغان . بۇ دىلونى پاش قىلىشتا  ئىنتايىن پايدىلىق يىپ ئۇچى ئىدى .
 
بولغان ۋەقەنى دەسلەپتە مەلۇم قىلغان ئاشپەز ۋە باشقا ئادەملەردىن بەزىبىر ئىشلارنى ئىگىلىدۇق . ئىشىك باقار چى يۇتيەن ئەپيۈنكەش بولۇپ ، پۇلى قالمىغاندا خوجايىندىن پۇل سورايدىكەن . خوجايىنى بولسا تىللاپ ئاھانەت قىلىپ بىر-ئىككى تەڭگە بېرىدىكەن چى يۈتيەن 40 ياشتىن يۇقۇرى دوڭبېيلىق ئادەم بولۇپ ، خوجايىنى ئۇنى شىنجاڭدىن بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن . چيۇ دىڭكۈن ئۇنىڭ ئەپيۈنكەشلىكىدىن بىزار بولۇپ بىر نەچچە قېتىم قوغلىۋەتمەكچى بولغاندا دادىسى ئۇنىمىغانكەن . مەن بۇ ئىشتىن چى يۈتيەننىڭ يوقاپ كېتىشى بىرىنجىدىن ، جىنايەتچىلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ مەلۇم بىر يەرگە كۆمۈپ تاشلىغان بولۇشى مۇمكىن ؛ يەنە بىرسى چى جىنايەتچىلەرگە ئىچكى جەھەتتە ماسلىشىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالغان بولۇشى مۇمكىن دىگەن پەرەزگە كەلدىم . كېيىنكى ئېھتىمال چوڭراق ئىدى . چۈنكى ئۇنىڭ چيۇ ئائىلىسىدىكى ئەھۋالى ئۇنىڭدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشى مۇقەررەر ئىدى .
 
بىز تاشيول ئىدارىسىدىكى فەنكېجاڭنىڭ خانىمىنى چاقىرتىپ گەپ ئالدۇق . بۇ كېلىشكەن چىرايلىق ياش ئايال ئىدى . ئۇ :«تۈنۈگۈن ئاخشام فېي بوپىڭ مېنى كىنو كۆرۈشكەن تەكلىپ قىلىپ ، چيۇ دىڭكۈن ، چېنزوڭشى ۋە شوپۇر بولۇپ بەشەيلەن بىللە كىنوغا باردۇق . كىنو تۈگىگەندە سائەت 11 بولۇپ قالغاندى . پىكاپ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە چيۇ خېنىم مېنى ئۆز ئۆيىگە بېرىپ قونۇشقا تەكلىپ قىلدى . مەن قاتتىق چارچىغانلىقىمنى باھانە قىلىپ چۈشۈپ قالدىم . بۇنداق چوڭ پىشكەللىك بولۇشىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن » دىدى .ئۇنىڭ سۆزىدىن ھېلىقى پىكاپتىكى نەرسە-كېرەكلەرنىڭ نىمىشقا شۇ پېتى تۇرۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۇق . فەن خانىم يەنە :«چيۇ دىڭكۈننىڭ قىزى چيۇ گۇاڭسى بادام بەز ياللۇغى كېسىلى بىلەن ئاغرىپ ، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاپىسى ئۇنى مەركىزىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ياتقۇزۇپ قويغاندى ، ئۇنىڭغا ئائىلەن خىزمەتچىسى سوڭ يەڭگە ھەمراھ بولۇپ قالغان » دىدى . مەن دەرھال دوختۇرخانىغا تېلېفون بەردىم ، دوختۇرخانا باشلىقى بۇلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى . بۇ قىز قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان بىردىنبىر تىرىك جان ئىدى ، مەن قىزنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئادەم قويدۇم .
 
ھەش-پەش دىگۈچە 17-چىسلا بولۇپ قالدى . بىز قوغداش ساقچىلىرىنى ھويلا ۋە نەق مەيداننى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق . قاتناش تەكشۈرۈش تارماقلىرىغا شەھەر ئەتراپىدىكى مۇھىم ئۆتكەل-ئۆتەڭلەرنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىپ ، قاتىللارنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ۋە بۇلانغان نەرسىلەرنىڭ يۆتكەپ كېتىلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش توغرىسىدا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى .
 
كۈتۈلمىگەن يىپ ئۇچى
+
'''كۈتۈلمىگەن يىپ ئۇچى'''
 
+
 
+
  
نەق مەيداننى داۋاملىق تەكشۈرۈش ، مۈلۈكلەرنى ئېنىقلاش داۋامىدا يېڭى گۇمانلىق نۇقتىلار تېپىلىپ ، دىلونىڭ يېشىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى يىپ ئۇچى ھازىرلاندى .
 
1. فېي بوپىڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىنىسىغا يازغان تېخى پوچتىدىن سالمىغان بىر پارچە مەكتۇپى تېپىلدى . مەكتۇپتا :«دادام ۋە ئاپامنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ بىئارام بولدۇم .بىر ئاز ئاقچا ئەۋەتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ، لېكىن ئۆيدە ئۇنىڭغا قۇربىتىم يەتمەيدۇ ، خېلى بۇرۇنلا ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى خىيال قىلغاندىم ، لېكىن بالامنىڭ مېھرىدىن كېچەلمىدىم .ئۇ مېنى ئوغرى قاتارىدا كۆرىدۇ ، بۇنداق ئادەم بىلەن قانداقمۇ بىللە ئۆتكىلى بولسۇن . ئۇ ھە دىسىلا ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدۇ ، دائىم ئۇرۇپ خورلايدۇ .يەنە ئۇرىدىغان بولسا ئۆلتۈرىۋەت دەپ يېپىشىمەن .......» دەپ يېزىلغان . چيۇ دىڭكۈننىڭ خەت-ئالاقە خالتىسىدىن ئۇنىڭ نۇرغۇن ئايال دوستلىرىنىڭ رەسىملىرى ۋە مۇھەببەت مەكتۇپلىرى تېپىلدى . بۇنىڭدىن بىز چيۇ دىڭكۈن ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۇق .
 
2. شېڭ شىسەينىڭ 1949-يىل 4-ئاينىڭ30-كۈنى تەيبېي شەھىرىدكى ئۆيىدىن قېيىن ئاتىسىغا يازغان بىر پارچە مەكتۇپى تېپىلدى .مەكتۇپنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق : «قېيىن ئاتام ئالىيلىرىغا يېتىپ مەلۇم بولغايكى ، بىزلەر دىدار كۆرۈشمىگىلى بەش يىل بولدى .مۇبارەك چىرايلىرى ھىلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . ئۆزلىرىنى سېغىنىش بىلەن دائىم ئازابلىنىمەن .كۈيئوغۇللىرى سۆيۈملۈكۈم بىلەن ( چيۇ ليۇفاڭ )تەيۋەنگە كەلگەندىن بېرى ھەر تەرەپتىن ئوبدان ئۆتىۋاتىمىز . ئائىلىمىزنىڭ پىشىۋاسى ۋە يېڭى بۇزرۇكۋارىم ( شېڭ بۇ يەردە ئۆز دادىسى ۋە ئۆگەي ئانىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ ) ھەم ساق تۇرىۋاتىدۇ . شىتوڭ خاڭجۇدا قالغان . ئىنىم شىجۈن ۋە سىڭلىمنىڭ يولدىشى پېڭ جيۈەن شاڭخەيدە قالغان . ئىنىم شىيىڭ تەيۋاننىڭ تەيجۇ شەھرىدە تۇرۇۋاتىدۇ . يېقىندا شاڭخەي ، خاڭجۇنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ ئىنىم شىجى ، شىجۈن ، پېڭ جيۈەنلەر پاراخوت ئارقىلىق تەيۋەنگە كېلىۋالدى .بالىلىرىم كېچىن ، كې جيەن ، كېۋېنلەرنىڭ ھەممىسى ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ . ھازىر ۋەزىيەت بەكمۇ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ .تەييۈەننى كومۇنست باندىتلار بېسىۋالدى ، تەييۈەننى ئىشغال قىلغان قىسىملارنىڭ سەنشىگە بېرىش ئېھتىمالىمۇ بار . مۇبادا شىئەن تەرەپتە ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا لەنجۇ چوقۇم تەھدىتكە ئۇچرايدۇ . كەمىنە كۈيئوغلىڭىزنىڭ پىكرىچە ، ھەزرىتى دادىمىز ئائىلىنى ئېلىپ لەنجۇدىن بۇرۇنراق بىخەتەر جايغا يۆتكىلىۋالسىلا بولاتتى ، قەيەرنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا مېنىڭ قارىشىمچە ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا شياڭ گاڭغا (  كومۇنست باندىتلار تەھدىت سېلىشتىن ئاۋال )ياكى تەيۋەنگە كەلگەن بىخەتەررەك . ئۆزلىرى ئويلىشىپ كۆرسىلە . تېزرەك قارارغا كەلگەنلىرى تۈزۈك .كېچىكىپ تۆمۈر قەپەزنىڭ ئىچىگە تىقىلىپ قېلىپ ، كۈرەشكە سېلىنپ بىكار ھەسىرەتتە قالمىغايلا . بەك ئەندىشىدە قالدۇق . لەنجۇ دېڭىز بىلەن تۇتاشمايدۇ .جىددىي ئەھۋالدا قاتناش مەسىلىسىدە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق . ئاپتوموبىل بىلەن چوڭ چىڭغا بېرىۋالغىلى بولسىمۇ ، ۋەزىيەت جىددىيلەشكەندە تاشيول كومۇنىت باندىتلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپلا قالماي ،قاچىدىغانلار كۆپىيىپ ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ .شۇڭا ھازىرلا لەنجۇدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقماسلىق لازىم .ئايرۇپىلاندىن بىرنى بىراقلا كۆتۈرىۋالسىلا ، بۇ بىخەتەر . ئۆيلىرىنى ساتالمىدىم دەپ ئەنسىرىمىسىلە نەرسىلەرنى ساتىمەن دەپ ۋاقىتنى كېچىكتۈرمىسىلە . ئۆي سېتىلمىسا سودىگەرلەرگە ياكى دوست بۇرادەرلەرگە ئارىيەت بەرسىلە مۈلۈكلەرنىڭ مۇھىملىرىنى ئېلىپ قالغانلىرىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسىلا ، ئايرۇپىلان بىرسى يەتمىسە ئىككىنى ئالسىلا ، ناۋادا تۆمۈر قەپەز ئىچىدە قالسىلا ، مۈلۈكتىنمۇ ، جاندىنمۇ ئايرىلىلا ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق .لەنجۇدىن قوزغىلىش ۋاقتى قەتئىي مەخپىي تۇتۇلسۇن . ئاداۋىتى بارلارنىڭ قەست قىلىشىدىن ساقلانسىلا .سىلىگە باش ئۇرۇپ ئامانلىق تىلەيمىز . كۈيئوغۇللىرى شېڭشىسەيدىن . 4-ئينىڭ 30-كۈنى قىزلىرىمۇ سىلىگە باش ئۇرۇپ ئامانلىق تىلىدى » . 5-ئاينىڭ 3-كۈنى شېڭ شىسەي يەنە بىر مەكتۇپ ئەۋەتكەن بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان : «قېيىن ئاتام ئالىيلىرىنىڭ سەمىگە سالايكى ،لەنجۇنىڭ مۇھىتى كۈندىن-كۈنگە مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋېتىپتۇ .شىنجاڭدىن لەنجۇغا چىققانلار كۆپ ئىكەن ، جانابىڭىزنىڭ چوڭ چىڭغا كۆچۈش تەييارلىقىنى قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن ، باشقا ئىشلارنى باشقارما باشلىقى پېڭنىڭ بېجىرىشىگە بەرسىلە . كۈئوغۇللىرى شېڭ شىسەيدىن سالام ، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى » دەپ يېزىلغان . ۋەقەدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن شېڭ شىسەيدىن يەنە بىر پارچە تېلېگرامما كېلىپ : « پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى ئېلىپ تەيۋەنگە تېزراق كېلىۋېلىڭلار ، كومۇنىست ۋە ئاداۋەتچىلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن پەخەس بولۇڭلار » دەپ . يۇقۇرقىلاردىن چيۇ زوڭجۈننىڭ ياتاق ئۆيىدىن شېڭ شىسەيگە يېزىلىپ تېخى سېلىنمىغان بىر پارچە مەكتۇپ تېپىلدى . ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق : « ۋاپادار كۈيئوغلۇم شېڭ شىسەي ، خېتىڭىزنى ئېلىپ ۋاقىپلاندىم ، ھازىر باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشكە قۇربىم يەتمەيدۇ ، لەنجۇدا باشقا كەلگەننى كۆرەي دەيمەن ، ھەممەيلەن تىنچ-ئامان ، غەم قىلماڭلار ، قۇلىقىم ئېغىرلىشىپ كۆزلىرىم بەك تورلىشىدىغان بولۇپ قالدى .دەردىمنى ئىچىمدە بىلىمەن .دوست-بۇرادەرلەرگە سالام ئېيت ، نەۋرىلەرنىڭ ئوبدان ئوقۇپ ئالغا بېسىشىنى تىلەيمەن . بىزدىن پەقەت ئەنسىرىمەڭلەر ، قىزىم يۈفاڭمۇ خەتتىن خەۋەر تاپسۇن . قيېىن ئاتىڭىز چيۇ زوڭجۈندىن .5-ئاينىڭ 15-كۈنى .....
 
3.چامىدانلارنى ئاختۇرغاندا بىر پارچە ھۆججەت چىقتى . ھۆججەتتە نيۇ-يوركتىكى مەلۇم بىر بانكىغا چىلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى گۈەن زېشياڭ ئارقىلىق 40مىڭ دوللار ئامانەت قويۇلغانلىقى يېزىلغان . بۇ ھۆججەت چيۇ ئائىلىسىنىڭ خېلى بۇرۇنلا چەتئەلگە قېچىشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
 
يۇقۇرقى خەت ، ھۆججەتلەرگە ئاساسەن چيۇ ئائىلىسىنىڭ چەتئەلگە قېچىش پىلانىنىڭ « قىساسكار » لارغا پاش بولۇپ قالغانلىقىنى ، چيۇ نىڭ ئۆي خىزمەتچىلىرى ئىچىدە جىنايەتچىلەرگە ماسلاشقانلارنىڭ بارلىقنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ .
 
'''رازۋېتكا باشلاندى'''
 
+
رازۋېتكا باشلاندى
+
 
+
 
+
  
غەربىي-شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مابۇفاڭ ۋە ئۆلكەن شەھەرلىك پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، ئارمىيە كاتتىلىرىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى « دىلو پاش قىلىش ھەيئىتىنى ئۇيۇشتۇردى . ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى ۋە تۆۋەندىكى ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
 
1.پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي قاتلاملار ئۈستىدە ئورۇنلاشتۇرۇش بولدى .جەمئىيەتتىكى خىلمۇ خىل سورۇنلار ئىچىگە ئادەم كىرگۈزۈپ رازۋېتكا ئېلىپ بېرىلدى .
 
2. پوچتا-تېلېگراف ، قاتناش ئورۇنلىىرىغا ئادەم ئەۋەتىلدى . شەھەر سىرتىدىكى ئۆتەڭ-چازىلارغا ئادەم قويۇلدى .
 
3.چيۇ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى بارلار بىلەن سۆھبەت بولدى . ئايرىم گۇمانلىق كىشىلەر تۇتۇپ تۇرۇلدى ۋە سوراق قىلىندى .
 
4.دەرۋازىۋەن چى فۇگۈەننى ئىزلەپ تېپىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا بارلىق چارىلەر ئىشقا سېلىنىپ جاپالىق رازۋېتكا خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى .
 
'''كەچۈرگىسىز قان-قەرزلەر'''
 
+
كەچۈرگىسىز قان-قەرزلەر
+
 
+
 
+
  
نەچچە كۈن رازۋېتكا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ،شېڭ شىسەي چيۇ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خېلى مەلۇماتلىق بولۇپ قالدۇق .
 
شېڭ شىسەي 1892-يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ كەييۈەن ناھىيەسىدىكى بىر پومىشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1915-يىلى شاڭخەيدە ھۆكۈمەت ئاچقان مەكتەپنىڭ سىياسىي-ئىقتىساد فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن . 1917-يىلدىن كېيىن ئىككى قېتىم ياپونىيەگە بېرىپ زاۋداۋتيەن ئۇنۋېرسىتىتى ۋە ئوفىتسىرلار مەكتىپىدە سىياسىي-ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىلىم ئۈگەنگەن .قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شەرقىي-شىمالدىكى جاڭزولىننىڭ 8-بىرىگادا كوماندىرى گو سوڭلىڭنىڭ قول ئاستىدا پەيجاڭ ، ليەنجاڭ ۋە شىتاب سەنموسى بولغان . بۇ چاغدا خوتۇنى ۋاپات بولۇپ كېتىپ چيۇ زوڭجۈننىڭ قىزى چيۇ ليۇ فاڭ بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغان .1930-يىلى لۇ شاۋزۇ بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ شۇ چاغدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جىنشۇرېننىڭ ئەۋەتىشى بىلەن قۇمۇل  دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە ماجوڭيىڭ قوشۇنلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي يۆلۈنۈش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولىدۇ .«12-ئاپرېل » ۋەقەسىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ دۈبەنلىك تەختىگە ئولتۇرىدۇ .1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن «سەككىز ماددىلىق بۈيۈك خىتاپنامە » نى جاكارلاپ ، جوڭگو كومپارتىيىسىنىڭ مىللىي بىرلىكسەپ سىياسىتىنى قوبۇل قىلىدۇ .ئارقىدىنلا «ئالتە چوڭ سىياسەت »نى ئېلان قىلىدۇ . 1942-يىلى 9-ئايدا ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئېتىپ كومۇنسىتلار ۋە ئىنقىلابى ئاممىنى قىرغىن قىلىدۇ . 1944-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭ مەركىزىي ئۇنى چوڭچىڭغا يۆتكەپ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەيدۇ . شېڭ شىسەي ئازادلىق ھارپىسىدا تەيۋەنگە قېچىپ بېرىۋالغان .شۇ مەزگىلدە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۇۋال قىلىنغانلار بىرلىشىپ « شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭغا سالغان كۈلپەت-تالاپىتى » دىگەن كىتابنى يېزىپ چىققان ، مەزكۇر كىتاب جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان .
 
چيۇ فامىلىلىك ئاتا-بالا ئىككەيلەن شېڭ شىسەينىڭ ئەتىۋارلىشى ئارقىسىدا نۇرغۇن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ قاتتىق قان-قەرزلەرگە بوغۇلغان . چيۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قىرغىن قىلىنىشى دەل «ئەل قىساسى مىنەلھەق » ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ . شېڭ شىسەينىڭ قېيىن ئىنىسى چيۇ دىڭكۈن 40 ياشقا كىرگەن ، سابىق بېيپىڭ ( بېيجىڭ ) پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتىتى ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيە ئىنىستىتۇتىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن .گومىنداڭ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومېتىتىدا گېنېرال مايور ئۇنۋانلىق ئالىي دەرىجىلىك سەنمو بولغان . شىمالىي ئەنخۇي باشلىق مەھكىمىسىنىڭ گېنېرال مايور دەرىجىلىك ئالىي دەرىجىلىك سەنمو بولغان .شىنجاڭ دۇبەن مەھكىمىسى ھەربىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ، سوت كوللىگىيىسىنىڭ ئەزاسى ، گارنىزون قوماندانلىق شىتابى سىياسىي تەلىم-تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە 9-شۆبە مەكتەپ سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . شېڭ شىسەي شىنجاڭدىكى چاغدا چيۇ دىڭكۈن قېيىن ئاكىسىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى بىلەن يامانغا يانتاياق بولۇپ ، ئادەم ئۆلتۈرۈشكەن بىۋاستە قاتنىشىپ شىنجاڭدا چەكسىز قان-قەرزگە بوغۇلغان . شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن چيۇ ئائىلىسى بارلىق مال بىساتىنى ئېلىپ لەنجۇغ كۆچكەن .ئۇلار لەنجۇدىكى يېڭى قەسرىدە تۇرمۇشىنى ئەيش-ئىشرەت ، كەيپى-ساپا ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ، قول ئاستىدىكىلەرگە ، ئەل-ئاغىنىلىرىگە تولىمۇ بېخىللىق قىلغان .مۈشكۈل كۈنگە قالغان يۇرتداشلىرىنىڭ ھالىغا يەتمىگەن ،« پۇلۇمنى خۇاڭخې دەرياسىغا تاشلىۋېتىشكە رازىمەنكى ، شەرقىي-شىماللىق پەسلەرگە بەرمەيمەن » دىگەن . چيۇ دىڭكۈن سېپى ئۆزىدىن بولغان قىمارۋاز بولۇپ ، ھەدىسىلا دوغا چىقىپ ، ھىسابسىز زىقچە ئالتۇن ۋە كۈمۈش تەڭگىلەرنى تىكىپ ئوينىغان .
 
ئۆلتۈرۈلگەن يەنە بىر شەخس چيۇ زوڭجۈن يېشى يەتمىشتىن ئاشقان بولۇپ ، ئىلى رايونىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان .شىنجاڭدا شېڭ شىسەيدىن قالسىلا شۇنىڭ ھوقۇقى چوڭ ئىدى .ئۇ ئىلى گارنىزون قوماندانى بولغاندىن كېيىن توپىلاڭنى تىنجىتىشنى باھانە قىلىپ ، تۆھمەت چاپلاش ئۇسۇلى بىلەن بىگۇناھ خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ قىرغان ، مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان ، ئارمىيە ، ھۆكۈمەت ، دىن ساھەسىدىكى زاتلارنى ، باي سودىگەر ۋە مۆتىۋەرلەرنى قىرغىن قىلىپ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان . ئۇلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشلىرى خەلقنىڭ چوڭقۇر ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغان . شىنجاڭ خەلقى ئىچىدە ئۇنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسىلا نەپرەتلەنمەيدىغان ئادەم يوق ئىكەن . ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىچىك خوتۇنىنىمۇ كۈنلەپ ، بەتنام بىلەن تۈرمىگە تاشلاپ قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن .
 
چيۇ زوڭجۈن ، چيۇ دىڭكۈن ئاتا-بالا ئىككەيلەننىڭ پاجىئەلىك قەتلى قىلىنىشىنى ئۆزلىرى تاپقان بالا دىسىمۇ بولىدۇ . ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى ۋە مالاي-چاكارلىرىنىڭ جېنىدىن جۇدا بولۇشى جىنايى قەرزگە بوغۇلغان چيۇ زوڭجۈن ، چيۇ دىڭكۈنلەرنىڭ كاساپىتىدىن بولغان .
 
بىز يەنە ، چيۇ دىڭكۈنگە يېزىلغان بىر پارچە تەھدىت خېتىنى ئاقتۇرۇپ تاپتۇق ، خەتتە چيۇ ئائىلىسىدىن 100 مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە ، ئون زىقچە ئالتۇن بېرىش تەلەپ قىلىنغان ، چيۇ دىڭكۈن بۇ خەتنى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان .
 
دېلو پاش قىلىش ھەيئىتى يۇقۇرىقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى ئۆچمەنلىك ۋە بايلىق مۇددىئاسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىش دەپ قارىدى .
 
'''ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىر ياقلىق قىلىنىشى'''
 
+
 
+
 
+
ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىر ياقلىق قىلىنىشى
+
 
+
 
+
  
ئۆلگۈچىلەرگە دائىر ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش ھەيئىتى قۇرۇلۇپ سودا بانكىسىنىڭ بوغالتىرى چېنزوڭشىننىڭ جەسىدى ئۆيىگە ئەكىلىپ دەپنە قىلىنغاندىن باشقا ، ئون ئادەم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەپنە قىلىندى .
 
مال-مۈلۈك ئېنقلاش خىزمىتىمۇ ئوڭۇشلۇق ئىشلەندى . مال-مۈلۈكلەرنىڭ تىزىمى ئىشلىنىپ ، نەرسە كېرەكلەر 31 دانە چوڭ ساندۇققا قاچىلىنىپ پېچەتلەندى . ئومۇمەن ئېيتقاندا كىيىم-كېچەك كۆپ ، ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق پۇللۇق نەرسىلەر ئاز ئىدى .پۇللۇقراق نەرسىدىن بىر دانە گۆھەر ساپلىق خەنجەر چىقتى . خەنجەر سېپىنىڭ ئىچىدە چيۇ قوراسىنىڭ يەر خېتى بار ئىكەن ، يەنە لەنجۇ ئۇن زاۋۇتىنىڭ بىر پارچە پاي چېكى چىقتى . چەكتە جەمئىي 12 پاي يېزىلغان بولۇپ ، ھەر بىرىنىڭ قىممىتى 10 مىليون فابى ئىدى . ھەمدە ھەر  10 مىليون فابى بىر سەر ئالتۇنغا تەڭ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چىن يازەي ۋاكالەتخانىسىغا گۆرۆگە قويۇلغان بىر پارچە گىلەمنىڭ ھۆججىتى چىقتى . ئۇلاردىن باشقا يەنە قىممەت باھالىق خۇرۇم كىيىملەر ۋە سايمانلار چىقتى .
 
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن كىشىلەر چيۇ ئائىلىسىنىڭ يەر ئاستى قازنىقى بار ، قازناقتا نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ، مەرمەر ، ياقۇتلار بار دىيىشتى . شۇنچە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەن بولساقمۇ تېپىلمىدى . بىر تۇتام ئاچقۇچ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قۇلۇپىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەلمىدۇق .
 
ئۆلگۈچىلەرگە دائىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەيئىتى يىغىن ئېچىپ ، مال-مۈلۈكلەرنى ئېنىقلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەيبېيدىكى شېڭ شىسەيگە تېلېگرامما يوللاپ ، ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىشنى قارار قىلدى .
 
5-ئاينىڭ 24-كۈنى شېڭ شىسەي شەرقىي شىماللىق يۇرتداشلار جەمىيىتىگە بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ ، يۇرتداشلار جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىللە چيۇ دىڭكۈننىڭ ساق قالغان قىزى چيۇ گۇاڭسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى ، ئەنزىنى تېزراق پاش قىلىشنى تەلەپ قىلغان .
 
ئىش مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ، ژاندارما پولكى ئەۋەتكەن جىسەكچى قاراۋۇللار قايتۇرۇپ كېتىلىپ ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى شەرقىي شىماللىق يۇرتداشلار جەمئىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . چيۇ ئائىلىسىنىڭ ئاشخانىسى ئۆلگۈچىلەرگە دائىر ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش ھەيئىتىنىڭ ئىشخانىسىغا ئۆزگەرتىلدى .
 
'''تۇغقانلىرىنىڭ لەنجۇغا يېتىپ كېلىشى'''
 
+
تۇغقانلىرىنىڭ لەنجۇغا يېتىپ كېلىشى
+
 
+
 
+
  
ئەنزە يۈز بېرىپ ئون نەچچە كۈن ئۆتكەندە ، چيۇ زوڭجۈننىڭ كەنجى قىزى چيۇ يۈييىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېرى ۋاڭ خوڭزاۋ نىڭشيادىن لەنجۇغا يېتىپ كەلدى . ۋاڭ خوڭزاۋ ئەسلىدە گومىنداڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ گېنېرال لېيتانت دەرىجىلىك ئالىي سەنموسى بولۇپ ، كېيىن فۇزويى قىسىملىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سەنموسى بولغان . بېيپىڭنىڭ ( بېيجىڭ ) ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتكەندە نىڭشياغا يۆتكىلىپ بارغان . ئۇ ئەنزىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپلا نىڭشيادىن لەنجۇغا يېتىپ كەلگەندى . ئۇ كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئۆلكىلىك ، شەھەرلىك ئامانلىق قوغداش تارماقلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەنزىنى تېزلىكتە پاش قىلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي ، مال-مۈلۈكلەردىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن مېھمانخانىدىن قەسىرگە كىرىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ، دەل شۇ چاغدا شېڭ شىسەيمۇ ۋاڭ خوڭزاۋنىڭ ئوغلى ۋاڭ دىڭتاۋنى تەيۋەندىن ئەۋەتتى . شېڭ شىسەينىڭ ھەمنەپەس ئادىمى خۇاڭ گوۋېن قاتارلىقلارمۇ ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ يېتىپ كەلدى . ئۆلگۈچىلەرگە دائىر ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش ھەيئىتى ۋاڭ خوڭزاۋنىڭ تەلىپى بويىچە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىن ئېچىپ ، چيۇ ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكىنى بىر-بىرلەپ ۋاڭخوڭزاۋغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۆتكۈزىۋېلىش ئىشىغا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ، ژاندارما پولكى ، ساقچى ئىدارىسى ئادەم ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش قارار قىلىندى .
 
ئاخىرىدا ۋاڭ خوڭزاۋ ئىپادە بىلدۈرۈپ ، بېيجىڭدا تۇرۇش تەسلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ، پاناھلىنىش ئۈچۈن نىڭشياغا كەلگەندىم ، چيۇ دىڭكۈن پۈتۇن ئائىلىسى بويىچە قەتلى قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ تولىمۇ ئازاپلاندىم . چيۇ گۇاڭسى تا ھازىرغا قەدەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ نىمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، ئۇنى تەيۋەنگە ئېلىپ كېتىپ مەكتەپكە بەرمەكچى بولىۋاتىمىز دىدى . ئەڭ ئاخىرىدا مال-مۈلۈكلەر ئېنىقلانغان تىزىملىك بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى .
 
'''ئەنزە پاش قىلىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى'''
 
+
ئەنزە پاش قىلىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى
+
 
+
 
+
  
ئون نەچچە كۈن كېچە-كۈندۈزلەپ ئاۋارە بولغان بولساقمۇ چيۇ جەمەتىدىكى قاتىللىق ئەنزىسىنى پاش قىلىش خىزمىتىدە قىلچە ئىلگىرلەش بولمىدى ، قاتتىق باش قاتۇرۇش ئارقىلىق قولغان چۈشۈرۈلگەن تۈرلۈك گۇمانلىق يىپ ئۇچلىرى بىھۇدە بولۇپ چىقتى . تۇتۇپ تۇرۇپ سوراق قىلىنغان زور تۈركۈمدىكى گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ سوراق داۋامىدا ئېيتىشقانلىرى تەكشۈرۈلگەن پاكىتلار بىلەن ئۇيغۇن بولمىدى .
 
شېڭ شىسەي ۋاڭ دىڭتاۋ ، خۇاڭ گوۋېنلارنى ئەۋەتكەندە غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مابۇفاڭغا يۈز تۇرانە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بىر پارچە خەت يازغان بولۇپ ، ئۇنى ۋاڭ خوڭزاۋ مابۇغاڭغا يۈز تۇرانە تاپشۇرۇپ بەرگەن . ئۇنىڭدا مابۇفاڭدىن قاتىللارنى پات ئارىدا تۇتۇش تەلەپ قىلىنغان . نەتىجىدە مابۇفاڭ كاتىپى ما يۈيلىڭنى بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈشكەن ئەۋەتكەن . مايۈيلۇڭ « ئۈچنى سۆيۈش » زالىغا مېنى چاقىرتىپ ئاپىرىپ ، « باشلىقىمىز مابۇفاڭ مەنسەپكە تەيىنلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بىزنىڭ باشلىق مەھكىمىمىزنىڭ يېنىدىلا مۇشۇنداق زور قانلىق ئەنزە يۈز بەردى ، بۇ بىر سىياسىي سۈيقەست ، باشلىق مابۇفاڭ بۇنىڭدىن قاتتىق خاپا بولدى ، سىلەر ئەنزىنى تېزلىكتە پاش قىلىپ چىقىشىڭلار كېرەك . جىنايەتچىلەر دەرھال تۇتۇلىشى شەرت » دىدى . شۇ ۋەجىدىن گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتمۇ بۇ ئەنزىنى رازۋېتكا قىلىپ پاش قىلىشقا ئىنتايىن ئېتىبار بەرگەندى . ئەنزە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىگە « بىر ھەپتە ئىچىدە ئەنزىنى پاش قىلىپ بولۇش » توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى . بىر ھەپتە ئىچىدە ئەنزە پاش بولمىغاندىن كېيىن شەھەرلىك ساقچى باشلىقى گو جۇاڭ مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئېنىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن ئۆزىنى جازالشنى تەلەپ قىلغان . ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنە ساقچى ئىدارىسىگە : « يەنە ئون كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمىز ، ئۆزەڭلەرگە تەۋە ھەممە كۈچلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىپ بۇ ئەنزىنى تېزلىكتە باش قىلىپ چىقىڭلار . 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە يەنىلا پاش قىلىنمىسا ئۇ چاغدا چارە كۆرۈشنى ئويلىشىمىز ، جازا بېرىشنى ھازىرچە كەچۈرۈم قىلدۇق » دەپ تېلېفون بەرگەن . 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆلكەن مەركىزى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئالاھىدە تېلېفون بېرىپ ، جىنايەتچىلەرنى پاش قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىش ھەققىدە ئېلان چىقىرىپ ، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئەنزىنى پاش قىلىپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان . تېلېفوننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق « ...... چيۇ جەمەتىدە يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەلىك ئەنزىگە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە ، خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ ئەنزە تېخىچىلا پاش بولمايۋاتىدۇ . بۇ ئىشتا سىلەرنىڭ ئىدارەڭلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار . جايلاردىكى ئامانلىق ساقلاش ئورگانلىرى بىلەن دەرھھال قويۇق مۇناسىۋەت باغلاپ ، ھەر تەرەپلىمە چارە قوللىنىپ ، پائال ھەرىكەت قىلىشىڭلار كېرەككى ، سۆرەلمىلىك قىلىشقا ، ئىشنى كەينىگە سۆرەشكەن يول قويۇلمايدۇ ھەمدە ساقچى ئىدارىسى نامىدىن گېزىتكەن قاتىللارنى پاش قىلغانلارغا ئىنئام بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقىرىڭلار ، قاتىللار ئۆزلىكىدىن ئىقرار بولسا قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ چارە كۆرۈشكەن بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلسە بولىدۇ ، شۇ ئارقىلىق ئەنزىنى بالدۇرراق پاش قىلىشنى قولغان كەلتۈرۈش لازىم ...» گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى گوجىچاۋمۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت زالىدا نۇتۇق سۆزلەپ ئەنزىنى تېزراق پاش قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان . ئۇ سۆزىدە چيۇ فامىلىلىك ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بىللە شىنجاڭدا تۇرغاندا ئاۋۋال گومىنداڭچىلارنى قىرغان ، كېيىن كومۇنستلارنى قىرغان ، ئاخىرىدا شىنجاڭ خەلقىنى قىرغىن قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى . ئاددىغىنە بىر مىسال ئالساق ، بىر قېتىم بىر ساتىراش شېڭ شىسەينىڭ چېچىنى ياساپتۇ . ئۇنىڭ ساقىلىنى قىرماقچى بولغاندا ، شېڭ شىسەي مېنى ئۇستىرا بىلەن بوغۇزلىماقچى بولدۇڭ دەپ بەتنام چاپلاپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئاتتۇرۇپ تاشلاپتۇ . بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نەقەدەر ياۋۇزلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . شېڭ شىسەي قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ ، سانسىزلىغان بىگۇناھ جانلارغا زامىن بولغان . بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق پالاكەتكە ئۇچراش ئۇلارنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى دىيىشكە بولىدۇ . بۇنىڭ ھىچبىر ئېچىنغۇچىلىكى يوق ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغدا ش نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ ئەنزىنى ئىمكان قەدەر تېزراق پاش قىلىش لازىم ۋە ۋاھاكازالار دىدى . بۇنىڭغا ساقچى ئىدارىسىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەن دەرىجىلىك ھەممىلا ئادىمى زور بېسىم ھېس قىلىپ ، ئەنزە ئىشلەۋاتقان 2 يۈزدىن ئارتۇق خادىم تېخىمۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ھەرياققا قاتراپ يۈرۈپ چارچاپ ماجالى قالمىدى . بۇ چاغدا يەنە يۇقۇرىنىڭ يوليورىقىغا بىنائەن پۈتۈن شەھەرگە تۆۋەندىكىدەك ئېلان چىقىرىلدى :
 
گەنسۇ ئۆلكىسى مەركىزىي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئېلانى قانۇن تەكشۈرۈش (38) xx نومۇرلۇق
 
1. شەھىرىمىزنىڭ سول تەرەپ تاشيول 69-نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق چيۇ زوڭجۈننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 16-ماي كېچىسى پاجىئەلىك تۈردە تۈگەل ئۆلتۈرۈلدى .
 
2. ئىدارىمىز بۇ ئەنزىنى بۇرۇنراق پاش قىلىش مەقسىتىدە قاتىللارنى تۇتقۇچىلارغا ئىنئام بېرىشنى قارار قىلدى . قاتىللارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ، يوشۇرۇنغان جايىنى بىلىدىغانلار ئىدارىمىزگە خۇپىيانە مەلۇم قىلىپ ئەنزىنى پاش قىلىشىپ بەرسە 500 سەر تەڭگە ئىنئام بېرىلىدۇ .
 
3. قايتا-قايتا تەكشۈرۈپمۇ جىنايىتى سېزىلمىگەن ئەمما ئۆزى ئىقرار بولغان جىنايەتچىلەرگە يېنىكلىتىپ چارە كۆرۈلىدۇ . جازا قانۇنىنىڭ 62-ماددىسىدىكى ئېنىق بەلگىلىمە بويىچە ، بۇ ئەنزىنى سادىر قىلغان قاتىللار قىلمىشىغا توۋا قىلىپ ، ئۆزلىكىدىن تاپشۇرىدىغانلار بولسا قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ چارە كۆرۈلىدۇ .
 
4. بۇ ئۇقتۇرۇشنى جامائەتكە ئالاھىدە ئېلان قىلدۇق .
 
ئىدارە باشلىق گو جۇاڭ
 
ئىدارە باشلىق گو جۇاڭ
 
x يىل x ئاينىڭ x كۈنى
 
x يىل x ئاينىڭ x كۈنى
 
6-ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئەنزىنىڭ باش-ئايىقى تېپىلمىدى ، ئەنزە پاش قىلىش ھەيئىتى قولغا چۈشەرگەن يىپ ئۇچلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ نۇرغۇن يىغىنلارنى ئاچقان بولسىمۇ ، ھىچقانداق پايدىسى بولمىدى . پەقەت ئەنزىنىڭ خاراكتىرى توغرىسىدا كۆپچىلىك ، ئەنزىنى قىساسكارلىق تۈپەيلىدىن سادىر بولغان دەپ ھىسابلىدى . بەزىلەر : ئەگەر بۇ قىساس ئېلىش تۈپەيلىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈش بولسا ، قانۇن ئىلمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، قاتىللار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن تارتقان جەۋر-زۇلۇم ، ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنى تۆكۈپ ، ئۆلگۈچى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان راست ئەھۋالنى ئىقرار قىلسا جازانى مۇۋاپىق يېنىكلىتىشكە بولىدۇ دىيىشتى . ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا باش-ئايىقى يوق بۇ ئەنزىنى پاش قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ دىگۈچىلەرمۇ بولدى . جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىمۇ تۈرلۈك ئىنكاسلار بولدى . ئومۇمەن ئالغاندا ، جامائەتنىڭ ھەممىسى چيۇ فامىلىلىك ئاتا-بالا ھايات ۋاقتىدا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالماي ، تولىمۇ كۈچلۈك ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغان ، ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى گۇناھىنىڭ تېگىشلىك ئاقىۋىتى دىيىشكە بولىدۇ . جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر باشقا جايلاردىن كەلگەن ئۆچ-ئاداۋىتى بار كىشىلەر ، بۇ شەھەردە نوپۇسى يوق ، ئەنزە سادىر قىلغاندىن كېيىنلا پەشنى قېقېپ كېتىپ قالغان ، ساقچى ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ھەرقانچە بىڭسى بولسىمۇ بۇ ئەنزىنى پاش قىلالمايدۇ ، خەلقنىڭ پۇخادىن چىققىنىغا كۆز يۇمۇپلا ئۆتكۈزىۋەتكەنگە يەتمەيدۇ دىيىشتى . مۇلاھىزىلەرنىڭ ھەممىسىدە چيۇ فاملىلىك ئاتا-بالا ئىككەيلەننى ۋەھشىلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر نىمىلەر ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە قىرغىن قىلىنىشمۇ جىنايىتىنى يۇيالمايدۇ ، دەپ قارىدى .
 
تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان شېڭ شىسەي جامائەت پىكرىنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، گومىنداڭ مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا سۆھبەت بايان قىلدى . تەيبېي رادىئو ئىستانسىدا ئاڭلاتقان خەۋەردە مۇنداق دىيىلىدۇ  : شىنجاڭنىڭ سابىق دۇبەنى ، ھازىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە گېنېرال لېتىنات مەسلىھەتچى بولۇپ تۇرۇۋاتقان شېڭ شىسەي قېيىن ئىنىسى چيۇ دىڭ كۈننىڭ ئائىلىسى خوجايىن ، مالاي بولۇپ 11 كىشىنىڭ قەتلى قىلىنغانلىقىنى مال-مۈلۈكنى دەپ جانغا زامىن بولغان ئەنزە دەپ ھىسابلىدى . شېڭ شىسەي مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : « چيۇ دىڭكۈن شەرقىي شىمالدىن شىنجاڭغا ئۈچ يىل كېيىن بارغان ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەربىي مەكتەپتە ئىنىسپىكتور ۋە مۇئاۋىن مۇدىر بولغان ، ئۆلۈشتىن بۇرۇن غەربىي شىمال باشلىق مەھكىمىسىدە گېنېرال مايور دەرىجىلىك كېڭەشچى ئىدى . ئۇ ئادەتتە ھىچكىم بىلەن ئاداۋەتلەشمىگەن . ‹ 20 يىللىق ئىنتىقام بىر كېچىدە ئېلىندى › دەپ تامغا يېزىپ قويۇلغان خەت ( ئەنزە تۇغدۇرغۇچىلار ئۆينىڭ تېمىغا شۇنداق يازغان ) كەلسەك ، بۇ ھەرگىزمۇ قاتىللار قاتىللىق قىلىۋاتقاندا يازغان ئەمەس ، بەلكى بۇنى ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ شىرىكلىرى يازغان بولۇشى مۇمكىن . ئۇلار ئەتەي ساختىپەزلىك قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلۈك كويىدا بىگۇناھ جانلارغا زامىن بولغان قىلمىشلىرىنى پەدازلاپ ياپماقچى بولغان . كېسىپ ھۆكۈم قىلالايمەنكى ، بۇ ھەرگىز سىياسىي سۈيقەست ئەمەس ، ئاساسلىق قاتىلنىڭ بىرى چوقۇم ئىشىك باقار فۇگۈەن بولۇشى مۇمكىن ، ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئادەتتە چيۇ ئائىلىسىگە كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغانلااردىن بولۇشى مۇمكىن .قاتىللىق قىلغاندا مالاي چاكارلار تونۇپ قالغانلىقتىن ئۇلارمۇ قوشۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن . چى فۇگۈەن قاتارلىق جىنايەتچىلەر ھىلىمۇ لەنجۇ شەھىرى ئىچىدە ياكى شەھەر  ئەتراپىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن    . يوشۇرۇنغان جاينىڭ ئىشتىن ئاۋال مۇۋاپىق تاللىۋېلىنغانلىقى شۆبھىسىز» دىدى . شېڭ شىسەي يەنە : « چى فۇگۈەن شەرقىي شىماللىق كىشى ، سەككىز يىلدىن بۇيان چيۇ زوڭجۈنگە مالاي بولۇپ ئىشلىگەن ، ئۇ كۆرۈنۈشتە سادىق ماھىيەتتە ساختىپەز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ھەيدىۋەتمەكچى بولۇپ ، كېيىن يەنىلا قالدۇرۇپ قويۇلغان ، ئۇ بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ ئاداۋەت ساقلىغان . بۇ ئەنزىدە چى فۈگۈەن ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىپ قاتىللارنى ئالدىنئالا ئۆيگە يوشۇرغان . چيۇ فامىلىلىك ئاتا-بالا ساقلاۋاتقان ئۈچ دانە يان قورال بار ئىدى . قاتىللار ئۇنىمۇ قولغان چۈشۈرگەن بولۇشى مۇمكىن ، ئاندىن كېيىن .......» دىگەن . مەيلى
 
ئەنزە پاش قىلىش ھەيئىتىنىڭ مۇھاكىمىلىرى ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مۇلاھىزىلىرى بولسۇن ، ئۇلارنىڭ كونكىرىت ئەنزە ئىشلەۋاتقانلارغا ھىچبىر ياردىمى بولمىدى . يۇقۇرىدا بىزگە خوجايىنلىق قىلىدىغانلار خېلىلا كۆپ بولۇپ ، كۈنىمىزمۇ مۈشكۈل ئىدى . ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەدەپ مۆھلەت چېكىنى ئۇزارتىپ بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئەنزە يەنىلا پاش بولمىدى . ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرەپتىن ساقچى باشلىقى گو جۇاڭغا ئىككى قېتىم چوڭ گۇناھ يېزىلدى . جازا ساقچىلىرى باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۇجىڭخۇي قاتارلىقلار خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ۋاقىتلىق ئىشلىتىش  جازاسىغا ئۇچرىدى . يۇقۇرىنىڭ تۈرلۈك ئەيپلەشلىرى ، ھەر ساھەدىكى جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن كېچە كۈندۈز تىنماي چېپىپ يۇردۇق . چى فۇگۈەننىڭ غايىپلىقى ، باشقا جىنايەتچىلەرنىڭ زادى كىملەر ئىكەنلىكى ، يوقالغان بۇيۇملارنىڭ بازارغا چىققانلىقى بىزنى تىت-تىت قىلاتتى  بىز خۇددى بېشى ئۈزۈلگەن چېۋىندەك ھەر ياقلارغا نىشانسىز دوقۇراتتۇق . بىرمۇنچە كۈلكىلىك ئىشلارمۇ سادىر بولدى . مەسىلەن ، بىز مال-مۈلۈكلەرنى ئېنىقلاۋاتقىنىمىزدا ، چيۇ دىڭكۈننىڭ كىتاب ژورناللىرى ئارىسىدىن 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇنىڭ خۇاڭمياۋ بۇتخانىسى ئالدىدىكى « تۆمۈر بۇت » ( ئىسمى شى شياڭچېن ، لەقىمى يېرىم پېرىشتە ) قا پال سالدۇرغان پال خاتىرىسى تېپىلغان . بۇ پالدا : « ئەگەشسىمۇ ، باشلاپ ماڭسىمۇ ئىشلىرى ئاسان بولغاي ، دىدەك-چۆرىلىرى كۆپ بولغاي ، ھەممە خوتۇنلار ئامراق بولغاي ، ياشلىرى بىلەن قېرىلىرى چەمبەرچاس باغلىنىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغاي » دەپ يېزىلغان . ساقچىلار ئەنزىنى تېزراق پاش قىلىش ئويىدا ، پال قەغىزىنى ئېلىپ شى شياڭچېننى تېپىپ بۇ گەپلەرنى يېشىپ بېرىشنى سورىغان . ئۇ نۇرغۇن بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ قەمەرىيە 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتراپىدا بۇ ئەنزە جەزمەن پاش بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن .
 
يەنە بىرقانچە پىشقەدەم خادىملارمۇ چيۇ جەمەتى ئەنزىسىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە تولىمۇ پەرىشان بولۇپ ، خۇاڭمياۋ بۇتخانىسىغا كۆپ قېتىم بېرىپ ، يوشۇرۇنچە پال ئاچقۇزغان . خۇراپاتلىق ئەۋج ئالغان كونا جەمئىيەتتە بۇ ئاغزىغا كەلگەنچە سۆزلەنگەن تۇتۇرقسىز پاراڭلار نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى روھىي تېرېكىگە ئايلىنىپ قالغاندى . شۇڭا ساقچىلار ھەم مۇشۇ رەم ، پاللار بىلەن ئۆزلىرىگە تەسەللى بەرگەن ، ھەم قايتىۋاشتىن ئۈمىدۋار بولۇشۇپ ، شەھەر بويىچە يەنە بىر قېتىم ئەنزە پاش قىلىپ ، قاتىل تۇتۇش دولقۇنىنى قوزغىۋەتكەن .
 
'''قورقۇنچلىق ۋەھىمىلەر'''
 
+
قورقۇنچلىق ۋەھىمىلەر
+
 
+
 
+
  
ئەنزە يۈز بېرىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ، 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شىئەن ئازاد قىلىنىپ ، ما جەمەتىنىڭ قىسملىرى ئارقا – ئارقىدىن لەنجۇغا قېچىپ كېلىشكە باشلىدى . ئۇلار لەنجۇدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم جان تالىشىپ باقماقچى بولدى . ئالتۇن شەھەرنىڭ ئاسمىنىنى بىردىنلا ئىس – تۈتەك قاپلاپ ، ھەممە كىشىلەر ساراسىمگە چۈشۈپ ، ئالاقزادە بولۇپ كەتتى . چيۇ جەمەتىدە يۈز بەرگەن قانلىق ئەنزىنى پاش قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە يۈزلىگەن ساقچىلارنىڭ شەھەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ قاتراپ يۇرۈشى ــــ  ئالتۇن شەھەردىكى تېرورلۇق كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . پۈتۈن شەھەرنىڭ بارلىق چايخانلىرىدىن قاۋاقخانلىرىغىچە ، ئۆي ئىچىدىن ھويلىلارغىچە ، يۇقۇرىدا چوڭ ھوقۇقدارلاردىن تۆۋەندە خىزمەتكارلارغىچە ھەممىلا ئادەم بۇ ئىشنى غۇلغۇلا قىلىشاتتى . جەمىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان داشقاللار ھە دەپ قۇتراپ ئەنزە سادىر قىلىشقا باشلىدى . جەمئىيەت تەرتىپى ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ كەتتى ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان نۇرغۇنلىغان ئەمەلدار ، ئاقسۆڭەك ، بايۋەتچىلەر ھەممىلا يەرگە تور سېلىنغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ ، دەككە – كۈككە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالغاندى .
 
شۇ كۈنلەردە ، مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى جاڭ چالى توساتتىن بىر پارچە تەھدىت خېتى تاپشۇرىۋالىدۇ . خەتتە ئۈچ كۈن ئىچىدە 300 سەر تەڭگە جايلاپ ، بەلگىلەنگەن جايغا قويمايدىغان بولساڭ كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمىز ، دەپ يېزىلغاندى . يەنشۇ كوچىسىدىكى جيۈەن زەرگەرلىك دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى سو ۋېنچىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئىككى پارچە تەھدىت خېتى تاپشۇرىۋالىدۇ . بۇ ھارام نىيەتلەر قاراپ تۇرۇپ كومۇنىستىك پارتىيەنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ، سو ۋېنچىڭدىن بىرقانچە تال زىقچە ئالتۇن بېرىشنى ، بولمىسا جېنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى يازغاندى . ئۆلكىلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، بانكىنىڭ دىرېكتورى قاتارلىق كىشىلەرمۇ تەھدىت خېتى تاپشۇرىۋالغان . ئۇلار خەتلەرنى جازا ساقچىسى ئەترىتىگە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ ، ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندى . جازا ساقچىلىرى ئەترىتى ئىمكان قەدەر تېزلىكتە يىپ ئۇچى تېپىپ ئەنزىنى رازۋېتكا قىلىپ باش قىلىش ئۈچۈن ، ھەممە كۈچنى سەپەرۋەر قىلغاندى . لېكىن شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئادەم ئاجرىتىپ ئۇلارنى نۇقتىلىق قوغداشقا مەجبۇر بولدى .
 
بايۋەتچىلەرنىڭ بالىلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان « 13 ھەزرەت ، 72 جاناپ » دىگەنلەرمۇ قوللىرىغا قاتىللىق قوراللىرىنى ئېلىشىپ ، شەھەردىكى كىنوخانا ، تياتىرخانا ، پاھىشخانا ، ئاشخانا قاتارلىق سورۇنلاردا بىكار يەپ ، بۇلاپ – تالاپ ، ئۇرۇپ – چېقىپ ھەدەپ ماجرا تۇغدۇرۇشقا باشلىدى .
 
جەمئىيەتتە بولسا پىتنە – ئىغۋالار تازا ئەۋىج ئېلىشقا باشلىدى . ئالايلۇق ، فۇلۇن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ، چيۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى جاڭ جيەنۋېن 16 – ماي ئائىلىسىدىن مەكتەپكە ياتىقىغا قايتىپ كېتىۋاتقاندا كىشىلەر ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ ، دىگەن گەپلەر تارقالغان بولۇپ تەكشۈرگىنىمىزدە ، جاڭ جيەنۋېننىڭ ساق – سالامەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى . چيۇ جەمەتىنىڭ قەسرىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ژاندارمىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، كېچىلىرى ساراي ئۆيدە ( ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ئۆي ) شىبلىت كىيگەن ئادەمنىڭ ئاياق تاۋۇشى ، ئىشىك دېرىزىلەرنىڭ جالاقشىغان ئاۋازى ، پىچىرلىشىپ سۆزلىشىۋاتقان ئاۋازلار دائىم ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن ئىمىش ، بۇنىڭدىن قورققان قاراۋۇللارنى سۈر بېسىپ قارا تەرگە چۆمۈشۈپ كەتكەن . سولتەرەپ تاشيول ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، تېخىمۇ ئالاقزادە بولۇشۇپ ، قاراڭغۇ چۈشە – چۈشمەيلا ئىشىك – دېرىزىلەرنى چىڭ تاقىشىپ ، سىرتقا چىقىشقا پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالغان . بۇ ئەھۋالدا ژاندارما ساقچى ئورگانلىرى قاراۋۇللارنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولدى . خۇراپى كىشىلەر بولسا راھىپ – شەيخلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئايەت ئوقۇتۇپ ، پېرە ئوينۇتۇپ ، جىن – ئەرۋاھلارنى ھەيدەش كېرەك ، بولمىسا ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەرۋاھلىرى پاراكەندىچىلىك سېلىۋېرىدۇ دىيىشكەن . بەزىلەر تەيۋەندىن بۇرۇنراق ئايرۇپىلان كېلىپ يىتىم قىز بىلەن 11 جەسەتنى ئېلىپ كېتىشى كېرەك ، شۇنداق قىلغاندىلا ھەر كېچىسى جىن – ئەرۋاھلارنىڭ كۇسۇرلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ ، بولمىسىا بىزگە خاتىرجەملىك بولمايدۇ ، دىيىشكەن . چيۇ جەمەتى قەسرى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر قايتا – قايتا مۇراجىئەت قىلىش بىلەن ئۆلگۈچىلەرگە دائىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەيئىتى 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چيۇ جەمەتى قەسرى ئىچىدە تۇغ باغلاپ ، پېرە ئوينىتىپ جىن ئەرۋاھلارنى ھەيدىگەندىن كېيىن ، ۋەھىمىلىك تېررورلۇق كەيپىياتى سەل – پەل پەسەيگەندەك بولغان .
 
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇ چاغدا گومىنداڭنىڭ ئۈمىدى ئاياقلىشىپ ، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغاندى . بىز كىچىك شەخسلەر بولساق جان بېقىش كويىدا يەنىلا ئۇلارنىڭ گېپىدىن چىقالمايتتۇق . ۋاھالەنكى ، بولغۇلۇق بولۇپ بولدى . ھەرقانداق قىلىپمۇ ئۇنى ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ .  بىز بولساق كەلگۈلۈكنى كۈتۈپ تۇرۇشتىن باشقا چارىمىز يوق ئىدى .
 
'''يىتىم قىزنىڭ نالىسى'''
 
+
يىتىم قىزنىڭ نالىسى
+
 
+
 
+
  
ئەنزە سادىر بولغاندىن كېيىن ، بىز دوختۇرخانىغا ئادەم ئەۋەتىپ ،چيۇ دېڭكۈننىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان چوڭ قىزى چيۇ گۇاڭسىنى كۈتۈلمىگەن پېشكەللىكتىن ساقلاش ئۈچۈن يوشۇرۇن قوغدىدۇق .ئەنزە يۈز بەرگەن ئاخشىمى چيۇ گۇاڭسىنى ئاپىسى فېي بوپىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويۇپ كېتىپ قالغان .ئەتىسى ئوپېراتسىيە قىلىش قارار قىلىنغان . فېي بوپىڭ ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇن يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . چيۇ گۇاڭسى شۇ كېچىسى زادىلا كۆز يۇمماي ، توختىماي‹‹ ئاپا !ئاپا! ››دەپ توۋلاپ چىققان ، سۇڭ شيۇيىڭمۇ ئۆزلۈكىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىپ ، كۆڭلى غەش بولۇپ ، چيۇ گۇاڭسىنى تىنچ يېتىپ ئۇخلاڭ! دەپ بەزلىگەن . ئېھتىمال شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا – ئانا ، ئاكا – ئۇكىلىرى جەھەننەمگە كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالاشقاندۇر . ئەتىسى چيۇ گۇاڭسى ئۆيىدىن ئاپىسى ياكى باشقىلارنىڭ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يىغلاپ – قاقشاپ ، ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىمەن دەپ تۇرۇۋالغان . دوختۇر ، سېستىرالار قايتا – قايتىلاپ نەسىھەت قىلىپ توسىغان . ئۆيىدىن زادىلا ئادەم كەلمىگەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىكلەرگە ئۆزۈمنى دەرياغا ئاتىمەن ، بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالىمەن دەپ تەھدىت سالغان .ئەگەر ئۇ بۇ چاغدا ئۆيىگە قايتىدىغان بولسا روھىي جەھەتتى قاتتىق زەربىگە ئۇچرايتتى . دوختۇرخانىدىكىلەر بۇيرۇققا بىنائەن كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، بالىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇپ ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويۇپ ، ئوپېراتسىيە ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماي‹‹ ئاتا – ئانىڭىز قىمار ئوينىغانلىقتىن ژاندارمىلار ئۇلارنى تۇتماقچى بولغاندا ، ژاندارمىنىڭ ئادىمىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ تۈرمىگە چۈشۈپ قالدى ، شۇڭا كېلەلمىدى››دەپ ئالدىغان . قىزچاق بۇ گەپلەرگە ئىشەنگەن ، لېكىن ئۆزى تېرىككەك ، ھاڭۋاقتى بولۇپ قالغان .توختىماي تىپچەكلەپ يىغلىغان ، يۈزىنى تاتىلاپ يارا قىلىۋەتكەن . يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرگە ئۆيدىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىڭلار ، دەپ يېلىنغان . لى فامىلىلىك بىر ئايال يوقلاپ كەلگەندە ، ئۇ دوختۇرخانىدىن قەغەز – قەلەم ئېلىپ ، باشلىق مەھكىمىسىدىكى باشقارما باشلىقى بەي ۋېينىڭ خانىمىغا يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق بىر پارچە خەت يازغان :‹‹ بەي موما ، يېقىندىن بۇيان ئوبدان تۇرۇۋاتامسىز؟ بايا لى ھامماچام مېنى يوقلاپ كېلىپ ، تۆت سەر تەڭگە ، تۆت بولاق يېمەكلىك بەردى .مەن سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىزگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈمەن ، ھامماچامنىڭ يوقلاپ كەلگىنىگە سىزنىڭمۇ رەھمەت ئېيتىشىڭىزنى سورايمەن .سىز ماڭا كۆپ غەمخورلۇق قىلىۋاتىسىز ، ئۈلۈشكۈن لى ھامماچام كەلگەندە ماڭا يەنە پۇل بەردى .ھازىر قولۇمدا پۇلۇم بار ، خاتىرجەم بولۇڭ ، فەن ھامماچاممۇ مېنى يوقلاپ كەلدى . ليۇ بوۋام بىلەن باشقارما باشلىقى جاڭ تاغاممۇ ، يەنە ئەترەت باشلىقى خېي تاغام(ئىسمى خېي لىن ، بېيپىڭلىق ، 20ياشتىن ئاشقان ، دەسلەپتە جازا ساقچىلىرىنىڭ ئەترەت باشلىقى ، كېيىن گارنىزون قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئىشپىيونلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان . چوڭ قىمارۋاز ، چوڭ لۈكچەك ، دائىم چيۇ دېڭكۈن بىلەن ئاپاق –چاپاق بولۇشۇپ ، بىللە بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرگەن .ئازادلىق ھارپىسىدا شىنجاڭغا قېچىپ كەلگەن ، ئازادلىقتىن كېيىن باستۇرۇلغان)  ۋە دادامنىڭ بىر قەدىناس دوستىمۇ يوقلاپ كەلدى ، مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈمەن.مەن ھازىر ئىچىم تىتىلداپ تولىمۇ بىئارام بولۇۋاتىمەن نىڭشانىڭ رەئىسى ما (ماخۇڭكوي) نىڭ خانىمى بىز ئىككىمىزگە بەك ئىللىق قارايدۇ . ئەتىدىن – كەچكىچە ماڭا ئۇنى – بۇنى بېرىپلا تۇرىدۇ  مەن سىزنىڭ مېنىڭ نامىمدىن رھمەت ئېيتىشىڭىزنى سورايمەن سىزگە ئامانلىق تىلەيمەن . قىزىڭىز گۇاڭسەن . 20- ماي›› خەتنىڭ يۇقىرىسىغا يەنە مۇنداق گەپلەرمۇ قىستۇرۇلغانىدى : ‹‹سىز ماڭا ياردەم قىلسىڭىز ، دادامنى ، ئاپامنى ، بوۋامنى ، ئاكامنى ، سىڭلىمنى ، چېن زۇڭشى تاغامنى ۋە مالايلارنى ئاشۇ بورۇختۇرلۇق جايدىن تېزراق چىقىرۋەتسە ، بىز ھەممىسىگە رەھمەت ئېيتاتتۇق ، كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتۇق ››. ئۇنىڭ خېتى چىرايلىق ، مەزمۇنى سىلىق بولۇپ ، قىزچاقنىڭ سەبى قەلبى تولۇق ئىپادىلەنگەنىدى . كىشى ئۇنىڭ خېتىنىڭ ئاخىرىسىنى ئوقۇپ تۈگىتىشكە چىدىماي قالىدۇ .
 
ئىشى مۇشۇ يەرگە كەلگىچە قىزچاق يەنىلا ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز يۈرگەنىدى . ئۇ دائىم توختىماي كۆز يېشى قىلاتتى . كېيىن كېسىلى ساقايغان بولسىمۇ لېكىن ئەقلىدىن ئېزىپ قالدى . ۋاڭ خوڭزاۋ قاتارلىقلار لەنجۇغا كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا چيۇ گۇاڭسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشكە پېتىنالماي ، ئۇنى ۋاقتىنچە يىمىن يولىدىكى لى جىڭچىن دېگەن ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ تۇرغۇزدى .كېيىن ئۇ ئاتا –ئانامنى كۆرمىسەم بولمايدۇ ، دەپ قاتتىق تۇرۇۋالغانلىقتىن يەنە ئۇنى ئالداپ :‹‹ ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق ئاتا – ئاناڭ ھۆددىگە ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىنى ئېلىپ ئالدىراش – تېنەش يولغا چىقىپ ، ئايروپىلان بىلەن تەيۋەنگە كېتىپ قالدى . سېنىمۇ تەيۋەنگە يولغا سېلىپ قويىمىز ، شۇ يەرگە بارغاندا ئاتا – ئاناڭ بىلەن دىدارلىشىسەن›› دېگەن .
 
شۇ ئارىدا بىزمۇ ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلار دېگەن نام بىلەن جاڭ چالىننىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇنى ئىككى قېتىم يوقلاپ باردۇق .ئۇ تەيۋەنگە مېڭىش ئالدىدا باشلىق مەھكىمىسىدىكى باشقارما باشلىقى بە يۈننىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ ئاپىرىلدى .ئۇ ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدىمۇ قاتىللىق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىق ئۇقالمىدى ، ئېھتىمال كىشىلەرنىڭ چىراي تۇرۇقىدىن ، ئۆزىگە قىلىۋاتقان ئالاھىدە غەمخورلۇقتىن غەلتىلىك ھېس قىلىپ ، ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا بار – يوقلۇقىدىن گۇمان قىلغان بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ئۇ ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى ئېلىپ ماڭغان ئادەمگە : ‹‹سىلەر مېنى ئالداپ ئەخمەق قىلماڭلار ، ئەگەر مەن تەيۋەنگە بارغاندىن كېيىنمۇ ئاتا – ئانامنى ، ئاكا – ئۇكامنى كۆرەلمەيدىغان بولسام جەزمەن ئۆلۈۋالماي قويمايمەن ››دېگەن . تەيۋەنگە كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىدۇق .
 
'''يېڭى يىپ ئۇچى'''
 
+
يېڭى يىپ ئۇچى
+
 
+
 
+
  
چيۇ جەمەتىدىكى ئەنزە يۈز بېرىپ بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بىز لەنجۇدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي-شىماللىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بولۇپمۇ شىنجاڭدىن لەنجۇغا كۆچۈپ كەلگەن شەرقىي-شىماللىقلارنى ، شېڭ شىسەينىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن كىشىلەرنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقتۇق . تۈرلۈك يىپ ئۇچىلىرىغا ئاساسەن ، گۇمانلىق كىشىلەردىن 40نەچچەيلەننى چاقىرىپ تۇتۇپ تۇردۇق . ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەرتىۋىسى بىر قەدەر يۇقۇرىراق بولغان غەربىي-شىمال باشلىق مەھكىمىسى خوجۇلۇق باشقارمىسىنىڭ مايور دەرىجىلىك فۇگۈەنى جىڭ بى ، مەلۇم سانائەت ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى ليۇ، كومپارتىيە ئەزاسى جاڭ خاۋ (ئۇ شېنياڭلىق بولۇپ ، تۆت يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭدىن لەنجۇغا كەلگەن .شۇ چاغدا 8-جەڭ مەيدانى قوماندانلىق شىتابى ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە شىنجاڭدىن لەنجۇغا كەلگەن كومپارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ ، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە لەنجۇدىن كېتىشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ كەتمىگەندى . بۇ قېتىم يەنە گۇمانلىق ئادەملەر قاتارىغا كىرىپ قالغان ) قاتارلىقلار بولۇپ ، ئۇلار كېيىن ھۆددىگە ئېلىش بىلەن بوشۇتۇلدى . جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەتتا ئۆيدە خەنجەر ساقلىغانلار ، توخۇ ، قوي بوغۇزلاپ قان دېغى پاكىز سۈرتۈلمىگەن پىچاق تېپىلغانلار ، يېنىدا ئالتۇن ، كۈمۈش ئېلىپ يۈرگەن ياقا يۇرت سودىگەرلەر ، باشقا جايلاردا تۇتۇلغان « كالا پارتىيىسى » نىڭ ئەزالىرىمۇ مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ قاتتىق تەكشۈرۈلدى .
 
چىڭباڭ گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى ياڭ زۇنيى ، جاڭ يۇشيەن ، خوڭباڭ گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى ۋۇلەنتىڭ ، فېن چۇجيۇ ، شۇنىڭدەك باشقا گۇرۇھ-جەمئىيەتلەر ، تەسىر كۈچى بار ئەرباپلارمۇ ئەنزە پاش قىلىش يولىدا بىز بىلەن تەڭ قېتىراپ ھەمكارلاشتى .ئەنزە پاش قىلىش ھەيئىتى تۆۋەنگە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ، ئىزىگە ( پېيىگە ) چۈشۈش گۇرۇپپىلىرى ، تەكشۈرۈپ سوراق قىلىش گۇرۇپپىلىرى بىرقانچە ئون كۈن ئاساسىي قاتلاملارغا چوڭقۇر چۆكۈپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى . بىر قېتىملىق ئەنزە پاش قىلىش يىغىنىدا ھەركىم ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئەنزە ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى . يىغىندا چۈشكەن پىكىرلەر ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك : (1) چيۇ جەمەتىدە يۈز بەرگەن بۇ ئەنزىنىڭ خاراكتىرى سىياسىي خاراكتىرلىك ئىنتىقام ئېلىش ۋە مال-مۈلۈك بۇلاشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە .پەقەت مال-مۈلۈك بۇلاشنىلا كۆزدە تۇتقان ئەمەس ، شۇڭا جىنايەتچىلەر ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكلەرنى سېتىپ خەجلەشكە ئالدىرىمايدۇ ، پات ئارىدا ئەنزىنى پاش قىلىشتا مۇئەييەن قىيىنچىلىق بار ؛ (2) ئىشىكباقار چى يۈ تيەننىڭ قاتىللارغا ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشقانلىقىدا شەك يوق . ھازىر ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ، شىرىكلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانمۇ يوق ، بۇنى بىرنەرسە دىيىش تەس ؛ (3) نەق مەيدان بۇزۇپ تاشلانغانلىقى ۋە ئىشەنچلىك يىپ ئۇچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، جىنايەتچىلەرنىڭ زادى كىملەر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈگىلى بولمايدۇ . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى لەنجۇدىن قېچىپ چىقىپ يىراق جايلارغا كەتكەن بولۇشى مۇمكىن : (4) ۋەزىيەت داۋالغۇپ ، ئۇرۇش يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقتىن باشقا ئۆلكە ، شەھەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئىمكانىيىتى يوق . بۇ ، ئەنزە پاش قىلىشقا بەكمۇ پايدىسىز ئەھۋال ، بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن :لەنجۇدا ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئۆلكىلەر شۇنداقلا ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولغان جايلاردا جىنايەتچىلەرنى داۋاملىق قوغلىغاننىڭ سىرتىدا ، ئاساسىي كۈچنى يەنىلا يوقالغان مال مۈلۈكلەرنى تېپىشقا مەركەزلەشتۈرۈش بولۇپمۇ شەھەر ئىچىدە تورنى كەڭ يېيىپ تۈرلۈك چارىلەر بىلەن يىپ ئۇچى تېپىش ، بۇلانغان مال تېپىلىش بىلەنلا دەرھال شۇ يەردىن بۆسۈپ ئۆتۈش قارار قىلىندى .لايىھە بەلگىلەنگەندىن كېيىن ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ساقچىلىرى ھەر ساھەدىن سەپەرۋەر قىلىنغان كۈچلەر ۋە ئاخباراتچىلار شەھەردىكى ، بارلىق ساھە ئورگانلارنى قاتتىق كونتىرول قىلدى .       
 
1949-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى تاڭ سەھەردە ، بىر خالىسانە ئاخباراتچى ماڭا : « بىراۋنىڭ بۆكەن مۈڭگۈزى ساتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ، بۇ ئادەم خۈدۈكسىرەپ تۇرىدۇ . سودا قىلىشنى بىلمەيدىكەن ، بۆكەن مۈڭگۈزىنىڭ خەلقارا باھاسى ئالتۇن بىلەن باراۋەر ، بۇ ئادەم بولسا تېزراق سېتىۋېتىشكە ئالدىراپ ئىنتايىن تۆۋەن باھا قويۇۋاتىدۇ » دەپ دوكلات قىلدى . بۇ ئاخباراتچىنىڭ ئىسىمى ۋاڭ يۇڭجىي بولۇپ ، يۇڭدىڭ ناھىيەسىدىن ئىدى . شۇ چاغدا لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ ، ئۆلكىلىك پىرقىنىڭ سىتاتىستىكا ئىشخانىسىدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە مەخپىي ئشپىيون بولغان . مەن بىر ئاغىنەمنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۇنى تېخى يېقىندىلا خالىسانە ئاخباراتچىلىققا قوبۇل قىلغاندىم . ئۇ ماڭا بۇ ئاخباراتنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ، مەندىن ئىسىم-فامىلىسىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقنى بۇنى ئىشپىيونلۇق ئىشخانىسى بىلىپ قالىدىغان بولسا قاتتىق جازاغا تارتىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ، ئەنزە پاش قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنى جازا ساقچىلىرى ئەترىتىگە قوبۇل قىلىپ بىر گۇرۇپپا باشلىقى قىلسىلا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئۆتۈنۈپ سورىدى . مەن ئۇنىڭغا شۇ ئانلا : « سەن يەتكۈزگەن ئاخبارات بۇ ئەنزىنى پاش قىلىشقا پايدىلىق بولسىلا ، سېنى جازا ساقچىلىرى ئەترىتىنىڭ ئاخبارات گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ تەيىنلەشكە ھۆددە قىلىمەن» دەپ ۋەدە بەردىم .
 
ۋاڭ يۇڭجىينىڭ يېزنە ئاتىسى لەنجۇنىڭ نەگۈەن كوچىسىدىكى چوڭ سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ ، مەخسۇس يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بىلەن مىلىچ مال سودىسى قىلاتتى . ئاستىرتتىن ئەپيۈن ئەتكەسچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن . ئۇ ئۆزىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ، بىخەتەر بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن جازا ساقچىلىرى ئەترىتىگە ئەتەي يېقىنچىلىق قىلىپ ، ئۆزىگە يۆلەنچۈك تېپىشنىڭ ئېپىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن . شۇڭا ۋاڭ يۇڭجىينىڭ يېزنە ئاتىسى ئىشەنچلىك « تۇمار » غا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاڭ يۇڭجىينى جازا ساقچىلىرى ئەترىتىگە كىرىشكە بۇيرۇغان ئىكەن . شۇ چاغدا ئىشپىيونلار ئچىدە ھەقىقەتەن بىر تۈركۈم ئاخبارات ھايانكەشلىرى بار ئىدى ، ئۇلار ھە دەپ ئارىغا قىستۇرۇلۇپ راست ، يالغان ئاخباراتلارنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ بېيىشقا ئۇرۇناتتى . بۇلارغا قارىتا جازا ساقچىلىرى ئەترىتى ئەنزىنى پاش قىلىشقا ياردىمى بولسىلا ھەممىگە ماقۇل بولاتتى ، چاتاق چىقسا باشقىچە چارە قىلاتتى .
 
مەن شۇ ئانلا يىغىن ئېچىپ ، ئەترەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۇيچۈەنگە ئالاھىدە رازۋېتكا گۇرۇپپىسىدىن قابىل كىشىلەرنى تاللاپ ، جوڭخۇا يولىدىكى لاۋ فىڭشياڭنىڭ زەگا دۇكىنىغا بېرىپ يوشۇرۇنۇشنى ، پەۋقۇلئاددە رازۋېتكا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جژچىڭغا چەبدەس يىگىتلەرنى باشلاپ يىراقتىن كۈزىتىپ ، مېنىڭ يوشۇرۇن ئىشارەتلىرىم بويىچە ئىش كۆرۈشنى ئورۇنلاشتۇردۇم .
 
بۇ ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن مەن دەرھاللا باشقىچە ياسىنېۋېلىپ ، ۋاڭ يۇڭجىي بىلەن بىللە كەيمىڭ سارىيىغا باردىم .سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى بۆكەن مۈڭگۈزى ساتماقچى بولغان كىشىنى ئۆزىنىڭ دىرېكتور بۆلۈمىگە چاقىرىپ كەلدى . مەن مالنى كۆرگەندىن كېيىن باھاسىنى كېلىشتۇق . ئاندىن پۇلنى لاۋ فېڭشياڭدىكى زەگا دۇكىنىدا بېرىمەن دەپ ئۇنى ئېلىپ ماڭدىم . لاۋ فېڭشياڭ زەگا دۇكىنىغا بېرىپ يەنە بۆكەن مۈڭگۈزىنى كۆرۈپ تۇرغاندا دۇكانغا يوشۇرىنىۋالغان ليۇ يۇيچۈەن قاتارلىقلار ئۇشتۇمتۇت ئېتىلىپ چىقىپ ، ئىككىمىزنى بىللە تۇتۇپ جازا ساقچىلىرى ئەترىتىنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كەلدى . ئارام ئالدۇرماي سوراق قىلىش ئارقىلىق ئۇ ئۆز ئىسمىنىڭ لياڭ تيەنخې ئىكەنلىكىنى ، تۇراقلىق كەسپىي يوقلىقىنى ، بۆكەن مۈڭگۈزىنى ئۇنىڭ ياغاچچى ئاغىنىسى جياڭ جيەنشېڭنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئېلىپ چىقىپ ساتقانلىقىنى ، جياڭ جيەنشېڭنىڭ ئائىلىسى خۇاڭخېنىڭ شىمالىي بويىدىكى لى جياۋەن كوچىسى 13-قورا ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى . شۇنداق قىلىپ توپتوغرا بىر ئاي بولغاندا چيۇ جەمەتىدە يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ئەنزىنى پاش قىلىشتا چوڭ يوچۇق ئېچىلدى . بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ غەنىمەت ئىدى . بىزگە مەلۈمكى ، 40-50سەر بۆكەن مۈڭگۈزى يەنى 40-50 سەر قىممىتىدىكى مال قانداقمۇ بىر ياغاچچىنىڭ ئۆز مۈلكى بولسۈن ؟
 
'''ئۈمىد ئۇچقۇنى'''
 
+
ئۈمىد ئۇچقۇنى
+
 
+
 
+
  
لىياڭ تىيەنخى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى بويىچە بىز لى جىياۋەندىكى 13- نومۇرلۇق قورۇدا ھەقىقەتەن جياڭ جەنشېڭ دېگەن بىر ياغاچچىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق . بىز شۇ ئانلا ئۇنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدۇق . 6- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن مەخپىي رازۋېتكا گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باشلاپ ماشىنا بىلەن جياڭ جەنشېڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنى قولغا ئالدۇق . جياڭ جەنشېڭ خۇددى ھەممە ئىشنى ئالدىن سەزگەندەك كۆرۈنەتتى ، چىرايىدىن بەكمۇ ئالاقزادە بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئۇ، بۇ تۇيۇقسىز زەربىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۈلگۈرمىگەنىدى . جياڭ ئائىلىسىدىن فې بوپېڭنىڭ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى يەنى ئالتۇن ئۈزۈك ، ئالتۇن زىرە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاختۇرۇپ تېپىۋالدۇق . قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەرھال جازا ساقچىلىرى ئەترىتىدە سوراق باشلىدۇق . بۆكەن مۈڭگۈزىنى سورىغاندا ، بۇنى مەن قۇمۇلدا ياغاچچىلىق قىلىپ يۈرگەن چېغىمدا پۇل تېپىپ سېتىۋالغان دەپ تۇرۇۋالدى . لېكىن جالاقلاپ تىتىرەپ تۇراتتى ، يۈزلىرى تامدەك تاتىرىپ ئاغزى گەپكە كەلمەيتتى ، ئۇ ئۆزىدىكى جىنايەتچىلەرگە خاس تەلەي سىناپ بېقىش روھىي ھالىتىنى يوشۇرالماي قالدى . بىز ئۇنىڭغا پايدا – زىياننى چۈشەندۈرۈپ يۇمشاق گەپ قىلغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاخىرى ئىقرار قىلىپ : ‹‹ 5- ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە مەن بىلەن شىنجاڭدا بىرگە ياغاچچىلىق قىلغان ليۇ يۈيشەن دېگەن ئاغىنەم توساتتىن ئۆيۈمگە كېلىپ ، بىر جىددىي ئىشقا ياردەم قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى . دەرۋازا سىرتىغا چىققاندىن كېيىن ، ئاپتوموبىلغا سېلىپلا ماڭدى ، شۇاڭچىڭ قۇۋۇقى ، نەنمىڭ ئاچىلىدا توختاپ بىر قانچە ئادەم ئالغاندىن كېيىن سول تەرەپ تاش يول ياقىسىدىكى بىر ئائىلىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى ، ليۇ يۈيشەن ماڭا سىرتتا تۇرۇپ ئەتراپنى كۆزىتىشنى ، بىرەر ئەھۋال بولۇپ قالغۇدەك بولسا ھويلا ئىچىگە ئىما- ئىشارەت بىلەن خەۋەر قىلىشنى تاپشۇردى . يېرىم كېچە بولغاندا مېنىمۇ ھويلا ئىچىگە كىرگۈزدى . مەن كىرىپلا ئۇيان – بۇيان ياتقان جەسەتلەرنى كۆرۈپ بەك ھودۇقۇپ كەتتىم . ئۇلار ماڭا بىر ئاز نەرسە بۆلۈپ بېرىپ ، مەندىن ھەرگىزمۇ پاش قىلىپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى . تاڭ ئاتقاندا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . ئائىلەم بەك نامرات بولۇپ ، تىرىكچىلىك تەس بولغاچقا بۇ بۆكەن مۈڭگۈزلىرنى سېتىشقا مەجبۇر بولدۇم  ›› دېدى . جىنايەتچىلەردىن پەقەت ليۇ يۈيشەن بىرەيلەننىلا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . قىستاپ سورىغىنىمىزدا جياڭ جەنشېڭ ئاغزىغا كەلگەن 20-30نەپەر بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇمانلىق دەپ تاپشۇردى . بىز بۇ كىشىلەرنى بىر- بىرلەپ چاقىرىپ سوراق قىلغىنىمىزدا ھېچقانداق نەتىجە بولمىدى . ئەكسىچە بىر مۇنچە كىشىلەرنى بىھۇدە چۆچۈتۈپ قويدۇق .
 
جياڭ جەنشېڭنىڭ ئاغزىدىن تېخىمۇ كۆپرەك نەرسە ئېلىش ئۈچۈن ، بىز چارچىتىپ سوراق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، نۆۋەتلىشىپ سوراق قىلىۋەردۇق . نەتىجىدە جياڭ جەنشېڭ يەنە بىر بۆلۈم مال – مۈلۈكلەرنى ئىقرار قىلدى . 18- چىسلا يەتتە يېرىمدا بىز جياڭ جەنشېڭنىڭ ئۆيىنى قايتا ئاختۇرۇپ ، دېسكىلىق بىر تاپانچا ، بەش تال ئوق ، چوڭ – كىچىك يەتتە تال بۆكەن مۈڭگۈزى ، 16تاشلىق بىر قول سائىتى تېپىۋالدۇق . جياڭ جەنشېڭنىڭ سوراق داۋامىدىكى ئالاقزادە ھالىتىدىن بىز ئۇنىڭ يەنە تېخىمۇ چوڭ مەسىلىنى تاپشۇرمايۋاتقانلىقىنى سەزدۇق . شۇڭا ئەتىسى جياڭ جەنشېڭنىڭ ئۆيىگە يەنە بېرىپ ئىنچىكىلەپ ئاختۇردۇق ، ئۇن خالتىسى ئىچىدىن ساغۇچ بىر خۇرۇم سومكا چىقتى ، سومكىدا بىر قىزىل ئالتۇن بۇلاپكا ، يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر ياقۇت ۋە بىر ئاق مەرۋايىت ، بىر جۈپ قىزىل ئالتۇن ئۈزۈك ، ياقۇت كۆزلۈك ئىككى ئالتۇن تۇگمە ، بىر جۈپ ياقۇت كۆزلۈك ھالقا ، ئىككى تال كىچىك مەرۋايىت ، بىر ئۇزۇنچاق ئايالچە كروم قول سائىتى بار ئىدى . ئۇنىڭ قوشنىلىرى بىزگە : ‹‹ جياڭ ياغاچچىنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە بەك نامرات ئىدى . يېقىندىن بۇيان توساتتىن بېيىپ كەتتى . ئالدىنقى كۈنى تېلېگراف ئىدارىسى ئۇنىڭغا تېخى جىددىي تېلېگرامما ئېلىپ كەلدى ›› دېيىشتى ، بىز ‹‹ تېلېگرامما ›› دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوشال بولۇپ كەتتۇق . ئۇنىڭ ئۆيىدىن چوقۇم بىر نەرسىگە ئېرىشىش كېرەك دېگەن نىيەتتە يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ ئاختۇرۇپ قارىدۇق . تورۇس بورىسىنىڭ يىرتىلغان ئىزىنى سىزىپ ، سىلاپ كۆرسەك بىر پارچە خەت قولغا چىقتى . بۇ ‹‹ شەن ›› (تاغ ) دەپ ئىمزا قويغان بىرسىدىن كەلگەن تېلېگرامما بولۇپ ، جاڭيى شەھىرىدىكى بىر مىھمانخانىدىن ئەۋەتىلگەن ئىكەن . تېلېگراممىدا : ‹‹ جياڭ جەنشېڭ ، مەن جاڭيى شەھىرىگە يېتىپ كەلدىم . ساقلاپ قويغان نەرسىلەرگە ھەرگىز قول تەككۈزگۈچى بولما ، ئۆزۈم قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىمەن . شەن ›› دەپ يېزىلغانىدى . بۇ پاكىتنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن جياڭ ئائىلىسىنىڭ ئەتراپىدا بولۇنغۇسى ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ نەپەر ئادەم قالدۇرۇپ ، باشقىلىرىمىز دەرھال ئەترەتكە قايتىپ كېلىپ ياغاچچى جياڭ جەنشېڭنى داۋاملىق سوراق قىلدۇق . ئىسپاتنى كۆرسەتسەكمۇ جياڭ ياغاچچى يەنىلا بوينىغا ئالمىدى. جازا قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ قېينىغاندىن كېيىن ئىقرار قىلىپ : ‹‹ بۇ تېلېگراممىنى ليۇ يۈيشەن جاڭيىدىن ئەۋەتكەن . ليۇ يۈيشەن قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈن ئائىلەمنى قىرىپ تاشلىشىدىن قورقۇپ راست گەپ قىلمىغانىدىم ›› دېدى . يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئىگىلىنىپ بىزدە چوڭ ئىشەنچ پەيدا قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ھەقىقىي جىنايەتچىلەرنىڭ بىرەرسىمۇ تېخى تۇتۇلغىنى يوق . بۇ بىزنى يەنىلا بىئارام قىلاتتى .
 
'''زور نەتىجە'''
 
+
زور نەتىجە
+
 
+
 
+
  
6-ئاينىڭ 20- كۈنى جازا ساقچى ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋاڭ دېشاڭ ئەترەتنىڭ قابىل تەجرىبىلىك ئەزالىرىدىن ۋاڭ شىنمىن ، جۇ پۇشەن ، ليۇ خاۋلىن قاتارلىقلارنى باشلاپ ماشىنىغا چۈشۈپ ، كېچىچە يول بېسىپ جاڭيېگە بېرىپ ، يەرلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن بىرگە مېھمانخانا تەكشۈرۈش نامى بىلەن ئىزدىگەن بولسىمۇ نەتىجە چىقىرالمىدى . جيۇ چۇەنگە بېرىپمۇ قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر بولدى . ئۇلار قايتا جاڭيېگە كېلىپ كۆچمە ئېلىپ – ساتارلار قىياپىتىدە ياسىنىۋېلىپ رازۋېتكا قىلىپ ، 6- ئاينىڭ 22- كۈنى جاڭيې شەھىرىنىڭ غەربى گاۋجياياۋ دېگەن يەردە ليۇ يۈيشەننى تۇتىدۇ . ئەسلىدە ليۇ يۈيشەن جاڭيېدىكى مېھمانخانىدا ئىككى كۈن تۇرۇپلا شەرقىي –شىماللىق يۇرتداشلىرىنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىپ بېرىۋالغان . مېھمانخانىدىن كېتىدىغان چاغدا مېھمانخانا خوجاتىنىغا جيۇچۇەن ئارقىلىق شىنجاڭغا بارىمەن دەپ قويغان . ليۇ يۈيشەن تۇتۇلغان چاغدا ئۇ يېڭى نىكاھلىق بولغىنىغا يېرىم ئايمۇ بولمىغانىكەن . پۇت – قولىغا كويزا كىشەن سېلىنغاندا ، ئۇ يىغلاپ تۇرغان خوتۇنىغا مەردانىلارچە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : ‹‹ ماڭا قارا ، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما . مېنىڭ ئىز دېرىكىمنى قىلالمىساڭ ، قايتا ياتلىق بولغىن ›› دېگەن ، قاتتىق سۆڭەكلىك بۇ ئەزىمەت يېڭى ئالغان نازلىق خوتۇنى بىلەن مانا مۇشۇنداق خوشلاشقانىدى .
 
ليۇ يۈيشەن جاڭيې ساقچى ئىدارىسىدە قاتتىق سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزى بىلەن جاڭيېگە كېلىپ بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن يەنە لەنجۇغا قايتقان يەنە بىر ئاساسلىق جىنايەتچى سۇن لىشۈننى ئىقرار قىلدى . ئۇ لەنجۇدىكى شىمالىي سۇ دەرۋازىدا تۇرىدىكەن . بۇ ئەھۋال شۇ كېچىسىلا لەنجۇغا تېلېگرامما ئارقىلىق مەلۇم قىلىندى . مەن مەخپىي رازۋېتكا گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئادەملىرى ۋە 1- ، 3- شۆبە ئىدارىنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ شىمالىي سۇ دەرۋازا ئەتراپىنى قاتتىق نازاراەت ئاستىغا ئالدۇق . نوپۇس تىزىملىكى دەپتىرىنى تەكشۈرگەندە سۇن لىشۈننىڭ شاڭشۈي مەھەللىسىدە تۇرىدىغانلىقى ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى كۆچۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى . نوپۇس تىزىمىغا تىزىمدىن ئۆچۈرۈلدى دېگەن تامغا بېسىلىپ ‹‹ باشقا جايغا كۆچۈپ كەتتى ›› دەپ ئەسكەرتىش يېزىلغانىدى .
 
   شۇ ئەسنادا ۋاڭ خۇڭزاۋ باش ئەترەتنىڭ ئىشخانىسىغا ھاپىلا – شاپىلا يېتىپ كېلىپ : بۇرۇن شىنجاڭ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 3- قارارىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئاتلىق دېۋىزىيىدە لىيەنجاڭ بولغان چېن يۇڭچۈن ئىسىملىك بىرەيلەن قېشىمغا كەلدى ، ئۇھازىر گۇاڭۋۇ قوۋۇقىدىكى تاشقى ئارقا كوچا 28- نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرىدىكەن . ئۇ بۈگۈن مېنى يوقلاپ چيۇ زۇڭجۈننىڭ قەسىرىگە كەپتۇ ( ۋاڭ خۇڭزاۋ بۇرۇن شىنجاڭ ھەربىي مەكتىپىدە تەلىم – تەربىيە باشقارما باشلىقى بولغان ) ، قارىسام روھىي ھالىتى ئانچە نورمال ئەمەس ، مەن بەكمۇ گۇمانسىراۋاتىمەن ، شۇڭا بىرەر ياردىمى بولارمىكىن دەپ كەلگەنىدىم ، دېدى . مەن شۇئان 3- شۆبە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى ۋىنچىڭ ، ئەترەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈيچۇەن ، ئىدارىگە بىۋاستە قاراشلىق پەيچوسونىڭ باشلىقى جىن ياۋكۈن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرگە گۇاڭۋۇ قوۋۇقى سىرتىدىكى 28- نومۇرلۇق قورۇغا باردۇق . ئالدى بىلەن بۇ ھويلىنى كۆزىتىشكە كۆزەتچى قويۇپ ، شۇ ئەتراپنىڭ نوپۇس ساقچىسى ، ئامانلىق قوغدىغۇچىسى بىلەن بىللە ھويلىغا باستۇرۇپ كىردۇق . بۇ چاغدا شاڭشۈي مەھەللىسىدىن كۆچۈپ چىققان چېن يۇڭچۈن بىلەن بىر ھويلىدا تۇرۇۋاتقان سۇن لىشۈن دېرىزىدىن بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ ، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ مىلتىق ئېلىپ بىز بىلەن ئېلىشىپ كۆرمەكچى بولدى . مۇشۇ خەتەرلىك دەقىقىدە بىز ئۇچقاندەك تېزلىكتە ئارقىسىدىن كىرىپ ئۇنى تۇتۇۋالدۇق . بىرلا ۋاقىتتا ليۇ يۈيچۈن ۋە باشقا ساقچىلار يەنە بىر ئۆيگە بېسىپ كىرىپ چېن يۇڭچۈننى تۇتتى ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ خوتۇنى چىرايى تامدەك تاتىرىپ ، لاغىلداپ تىتىرەپ كەتتى . بۇلانغان نەرسە – كىرەكلەرنى سورىغاندا ، ئۇ بىزنى ھاجەتخانىدىكى گەندە ئۆرىكىنىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىپ ، بۇلانغان نۇرغۇن نەرسىنى قېزىپ چىقاردى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتۇن سائەت ، ئامرىكا دوللىرى ، ياقۇت ، غەربچە تاماقلىنىش سايمانلىرى ، توك نۇرلۇق سول دېسكىلىق تاپانچا ، بەيلاڭنىڭ تاپانچا ۋە ئوقلىرى بار ئىدى . سۇن لىشۈن تۇرغان ئۆيدىن روسيە گىلىمى ، ئالىي دەرىجىلىك ئەدىيال ، تەييار كىيىم ، ئالتۇن زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى ، ئالتۇن قەلەم ، ئالتۇن سائەت ، ئىككى دانە سول دېسكىلىق تاپانچا ئوقلىرى ئاختۇرۇپ تېپىۋېلىندى ۋە ھاكازالار . بۇ قېتىمقى ھەرىكەت تولىمۇ خەتەرلىك بولدى . ئەگەر سەللا كېچىككەن بولساق ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
 
   سۇن لىشۈن دەل شۇ كۈنى چۇشتىن بۇرۇن چېن يۇڭچۈننىڭ ھويلىسىغا كۆچۈپ كىرگەن ئىكەن . چېن يۇڭچۈن بولسا ئۇستازىمنى يوقلايمەن دېگەن نام بىلەن چيۇ زۇڭچۈننىڭ قەسىرىگە بېرىپ ۋاڭ خۇڭزاۋ بىلەن كۆرۈشكەچ ئەنزىنىڭ رازۋېتكا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى بولغان ، لېكىن ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ۋاڭ خۇڭزاۋنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ، نەتىجىدە ئۇ ئۇستىلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ ئۆزىنى تورغا تاشلاپ بەردى .
 
   چېن يۇڭچۈن ھېلىمۇ لەنجۇدا تۇرۇۋاتقان گۇەن زىجاڭ ، ۋاڭ شياڭرىن دېگەن ئىككى نەپەر ئاساسلىق جىنايەتچىنى ئىقرار قىلدى . گۇەن زىجاڭ شىنجاڭدا تۇرغىنىدا ۋاڭ خۇڭزاۋغا شوپۇر بولغان بولۇپ ، ھازىر لەنجۇ سودا بانكىسىدا كونا كەسىپى بىلەن مەشغۇل ئىدى . بىز دەرھال بانكىغا بېرىپ ئۇنى قولغا ئالدۇق . ۋاڭ شياڭرىن بولسا شىنجاڭدا چيۇ دىڭكۈنگە روسچە تەرجىمان بولۇپ يۈرگىنىدە ، چيۇ دىڭكۈن بىلەن قاتتىق ئۆچلىشىپ كەتكەن ئىدى . شۇ تاپتا ۋاڭ شياڭرىن لەنجۇ شەھرىدىكى گو فامىلىلىك بىر ئائىلىگە ئاشپەزلىك قىلىۋاتقانىكەن . مەخپىي رازۋېتكا گۇرۇپپىسىدىكى ۋاڭ جژچىڭ قاتارلىقلار بېرىپ تەكشۈرگەندە ، 6- ئاينىڭ 15- كۈنى كېتىپ قالغان بولۇپ ، نەگە كەتكەنلىكى نامەلۇم ئىدى . ۋاڭ جژچىڭ دەرھال ئاشپەزنى تونۇشتۇرغۇچى لۇەن شيۇلىننى ئېلىپ ئىزلەپ ، 6- ئاينىڭ 26- كۈنى تاڭ سەھەردە جۇڭشەن يولىدا توساتتىن ئۇنىڭغا ئۇچرىشىپ قېلىپ قولغا چۈشۈرىدۇ . شۇنداق قىلىپ بۇ ئەنزىنىڭ باش جىنايەتچىلىرىدىن ليۇ يۈيشەن ، چېن يۇڭچۈن ، سۇن لىشۈن ، گۇەن زىجاڭ ، ۋاڭ شياڭرىن قاتارلىقلار ۋە بۇلانغان ماللارنى يوشۇرۇپ بەرگەن ئالتە كىشى قولغا چۈشكەن بولدى . ليۇ يۈيشەن قاتارلىقلارنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ئەنزىدىكى ئاساسلىق پىلانلىغۇچى شىنجاڭدا شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئاتلىق دېۋىزىيىنىڭ كوماندىرى بولغان جاڭ دېيۈي دېگەن كىشى بولۇپ ، ھازىر خىزمەتتىن بوشاپ ، لەنجۇ شەھىرى غالبىيەت يېڭى مەھەللىسىدىكى 7- نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرىدىكەن . ئاساسلىق جىنايەتچىلەردىن يەنە ليۇ زىلى ، زاڭ جىڭجژ ، ليۇ چۇڭشەن ، دۇڭ پۇمياۋ ، شاڭ دېرۇڭ ، چېن يۈيتىيەن قاتارلىق ئالتەيلەننى تۇتقاندا ئۇلار جەمئىي 12 ئادەم ئىكەن . چيۇ ئائىلىسىنىڭ قەسىرىگە بېرىپ ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار ليۇ زىلى ، ليۇ يۈيشەن ، سۇن لىشۈن ، چېن يۇڭچۈن ، ۋاڭ شياڭرىن ، دۇڭ پۇمياۋ ، ليۇ چۇڭشەن ، گۇەن زىجاڭ ، چى يۈيتىيەندىن ئىبارەت توققۇز ئادەم ئىكەن . ئەنزىدىكى جىنايەتچىلەت تولۇق پاش قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن قاچقان جىنايەتچىلەرنى تېپىش ، بۇلانغان مال – مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىش يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى .
 
'''باش جىنايەتچىلەرنىڭ تورغا چۇشۇشى'''
  
+
جاڭيېدە تۇتۇلغان ليۇ يۈيشەننىڭ ئىقرارى بويىچە مەن دەرھال مەخپىي رازۋېتكا گۇرۇپپىسىغا شەخسەن يېتەكچىلىك قىلىپ غالبىيەت يېڭى كەنتى 7- نومۇرلۇق قورۇغا يەنى جاڭ دېيۈي تۇرۇۋاتقان قورۇغا كەلدىم . لېكىن جاڭ دېيۈي ئاللا بۇرۇنلا ياقا يۇرتقا چىقىپ كەتكەن ، ئۇنىڭ خوتۇنى كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىكەن . ئۇ جاڭ دېيۈينىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ ، باشقا خوتۇن ئېلىپ كېتىپ قالغانلىقىدىن يىغلاپ تۇرۇپ شىكايەت قىلدى . نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئاختۇرۇپمۇ ھېچنىمە تاپالمىدۇق . مەن ھويلىدا ھەر تەرەپكە كۆز تاشلىغاچ نېمە قىلش لازىملىقى توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمەي ئىككىلىنىپ تۇرغۇنۇمدا ، تام تۈۋىگە سۈپۈرۈپ دۆۋىلەنگەن ئەخلەتلەر ئارىسىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن بىر دانە كونۋېرىتقا كۆزۈم چۈشتى . كونۋېرتنىڭ ئاستى تەرىپىگە ‹‹ جونى ئامانلىق قوغداش قوماندانلىق شىتابىدىن ›› دەپ يېزىلغانىكەن . تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق بۇ خەت جاڭ دېيۈينىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان بولۇپ چىقتى . بۇنىڭدىن جاڭ دېيۈينىڭ كىچىك خوتۇنىنىڭ جونىلىق ئىكەنلىكىنى ، جاڭ دېيۈينىڭ چوقۇم جونىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشتۇق . ئۇنىڭ جونى ئامانلىق ساقلاش شىتابىنىڭ نامىنى ئىشلىتىشى پەقەتلا باشقىلارنىڭ گۇمانىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلىنغان نەيرەڭ بولۇپ ، چېنىپ قېلىشىنى ئويلىمىغان . بۇ مۇھىم يىپ ئۇچى تېپىلغاندىن كېيىن بىز دەرھاللا گەنسۇ ئۆلكىلىك ئامانلىق قوغداش قوماندانلىق شىتابىغا بېرىپ ، ئۇلاردىن جونى ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىق شىتابىغا بېرىپ شىتابنىڭ قوماندانى ياڭ فۇشىڭغا جىددى تېلېگرامما بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق . بۇ چاغدا ياڭ فۇشىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن لەنجۇدا تۇرۇۋاتقانىكەن . شۇڭا بىز بۇ ئىشنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ، قوشۇمچە ئامانلىق ساقلاش قوماندانى گوجىچياۋغا دوكلات قىلدۇق . گوجىچياۋ ياڭ فۇشىڭغا جاڭ دېيۈينى تۇتۇشقا يۈز تۇرانە بۇيرۇق چۈشۈردى .
باش جىنايەتچىلەرنىڭ تورغا چۇشۇشى

ياڭ فۇشىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە جونىغا قايتىپ بېرىپلا چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىپ جونىنىڭ بوگو دىگەن يېرىدە جاڭ دېيۈينى قولغا چۈشۈرۈپتۇ . يەنە جاڭ دېيۈي بىلەن بىللە قاچقان ليۇ زىلىنىڭمۇ يېقىندىن بۇيان جاڭ دېيۈينىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، شۇ كۈنى بازارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ ، دەرھال جونى شەھىرىگە كىرىپ ، بازار ئىچىدىكى بىر ئاشخانىدا ھاراق ئىچىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىۋاتقان ليۇ زىلىنى تۇتۇپتۇ . جاڭ دېيۈي بىلەن ليۇ زىلى ۋاقتىنچە جونى ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىق شتابىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى . ئارقىدىن ياڭ فۇشىڭدىن بىزنىڭ قابىل ئادەملەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش توغرىسىدا تېلېگرامما كەلدى .
 
ساقچى ئىدارىسى باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈيچۈەن باش بولۇپ ، 7-شۆبە ئەترەت باشلىقى شى زىتاۋ ، شۆبە ئەترەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيەنيە قاتارلىق 13 كىشى بېرىپ ، جاڭ دېيۈي بىلەن ليۇ زىلىنى ئېلىپ كېلىشنى قارار قىلدى . ئۇلار يولغا چىققاندا ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ جۇاڭ ئارمىيە قوماندانى جياڭ يۈنتەيگە ئاغىنىدارچىلىق يۈزىسىدىن ئىلتىجا قىلىپ ، جونى ئامانلىق ساقلاش قوماندانى ياڭ فۇشىڭغا بىر پارچە خەت يازغۇزدى . خەتتە جىنايەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشى ئۈچۈن يېقىندىن ياردەمدە بولۇش تەلەپ قىلىنغاندى . تەييارلىقلار پۈتۈپ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتە بولغاندا ئاپتوموبىل بىلەن لەنجۇدىن يولغا چىقماقچى بولۇپ تۇرغاندا ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان شەھەر خەلقى يول ئۈستىگە يىغىلغاندى . تولۇق قوراللانغان ساقچىلار ماشىنىغا ماي تۇڭى ، شىڭلى ، كويزا – كىشەن ، ئوق-دورا قاتارلىقلارنى تېزلىكتە قاچىلاپ ، ئادەملەر توپى ئىچىدىن يول ئېچىپ ئۇچقاندەك كېتىپ قالدى . بۇنىڭدىن شەھەر ئاھالىسىنىڭ بۇ ئەنزىگە نەقەدەر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
 
قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەنلىكتىن ئۇلار يولدا ھايال بولۇپ قېلىپ ، 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاران يېتىپ بارىدۇ . ساقچىلار ليۇ زىلىغا كويزا – كىشەن سېلىنىپ ، جاڭ دېيۈيگە سېلىنمىغانلىقىنى كۆرگەن . جاڭ دېيۈي بىلەن ليۇ زىلى سوراق قىلىنغاندا ، جاڭ دېيۈي ئەنزىنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ ، پەقەت ئىشتىن كېيىن بىلگەندىم دەپ تۇرۇۋالىدۇ . ليۇ زىلى دەسلەپ تېنىۋالغان بولسىمۇ ، لېكىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تاپشۇرىدۇ . ھەمدە بۇلانغان ماللار يوشۇرۇنغان جاينى ئىقرار قىلىدۇ . ھەيدەپ كېلىشكە بارغانلار 2-قېتىم جونىغا ئون چاقىرىم كېلىدىغان جەنۇپ تەرەپتىكى بوگو دىگەن يەرگە بېرىپ جاڭ دېيۈينىڭ كىچىك خوتۇنىنى ئالدىغا سېلىپ ، مال يوشۇرۇنغان جايىنى تېپىپ ، يۈز سەردىن ئارتۇق زىقچا ئالتۇن ، 49 سەر ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن يامبۇ ، تۆت تاپانچا ، ئىككى دانە بۆكەن مۈڭگۈزى ، تۆت تال ياقۇت ، روسىيە ئەدىيىلى ، يۇڭ رەخت ، نۇرغۇنلىغان ئايالچە كىيىملەرنى تاپىدۇ . جاڭ دېيۈينىڭ لەنجۇدىكى تۇرالغۇ جايىدىن روسىيەدە ئىشلەنگەن ئىككى تال غىلاپلىق خەنجەر ( خەنجەردە قان داغلىرى بار ئىدى ) ، بىر تال رەسىم تارتىش ئاپپاراتى قاتارلىقلار تېپىلغان .
 
جونىدا ھاۋا تۇتۇلۇپ ، ئۇدا ئۈچ كۈن سىم-سىم تامغۇر يېغىپ پاتقاقچىلىق بولۇپ ، بارغانلار ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇرۇپ قېلىپ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى لەنجۇغا قاراپ يولغا چىقىپ ، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت توققۇزلاردا تەسلىكتە لەنجۇغا قايتىپ كېلىدۇ . ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ جاڭ دېيۈي بىلەن ليۇ زىلىنى ئىشخانىغا ئېلىپ كىرىپ بىر ئاز ئارام ئالدۇرغاندىن كېيىن مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتۇردۇق . ئۇلارنىڭ روھى ھالىتى جايىدا ئىدى . كۈلۈشۈپ ، چاقچاقلىشىپ ئولتۇراتتى . گېزىتخانىنىڭ مۇخبىرلىرى : « ھازىر سىلەر چيۇ جەمەتىدە يۈز بەرگەن ئەنزە توغرىسىدا نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسىلەر » دەپ سورىغاندا ، جاڭ دېيۈي كۈلۈپ تۇرۇپ : « بۇنىڭ ئويلىنىپ تۇرغۇىچىلىكى يوق . ئەمما بۇ قېتىم مەن كۆپچىلىكنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدىغان بولدۇم ! » دىدى . ليۇ زىلى بولسا مەردانىلەرچە : « بۇنىڭ ھىچقانداق ھەيران قالغۇچىلىكى يوق . ئۆچ ئېلىش دىگەن يىلتىزىدىن قومۇرېۋېتىش دىگەنلىكتۇر . چيۇ زوڭجۈن دىگەن قېرىنى ۋە ئۈچ بالىنى ھەتتا چيۇ دىڭكۈننىڭ خوتۇنى بىلەن يەنە بىر مالاينىمۇ مەن جايلىۋەتتىم ....» دىدى . جاڭ دېيۈي بىر چەتتە ئۈندىمەي كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى . كۆپ ھايال بولماي تاماق كەلتۈرۈلدى . ئۇلار غىزلانغاندىن كېيىن تۇرمىگە ئاپىرىپ قاماپ قويدۇق .
 
شۇ چاققىچە يەنە ليۇ جوڭشيەن ، زاڭ جىڭجژ ، شاڭ دېروڭ ، دوڭ پۇمياۋ ۋە چى يۈيتيەندىن ئىبارەت بەش كىشى تېخى قولغا چۈشمىدى . تەكشۈرىمىزچە ليۇ جوڭشىيەن 39 ياش بولۇپ ، ئەسلىدە لەنجۇ شەھىرى باغچە يولى 27-قورادا تۇرىدىكەن . ئەنزە يۈز بەرگەندىن كېيىن شەھەر ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنىگە كەلگەندە ساقچى ئىدارىسىدىن يول خېتى ئېلىپ لەنجۇدىن غەرپ تەرەپكە قاراپ كېتىپتۇ . شاڭ دېروڭ 43 ياشتا بولۇپ ،شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ميەنشەن ناھىيەسىدىن ئىكەن . 5-ئاينىڭ 27 –كۈنى يول خېتى ئېلىپ شىنجاڭغا كېتىپ قاپتۇ . دوڭ پۇمىياۋمۇ شىنجاڭغا قېچىپ كېتىپتۇ . غەربىي شىمال باشلىق مەھكىمىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دېخۇا شەھرىگە ( ئۇرۇمچى ) قاتىللارنى تۇتۇشقا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ تېلېگرامما بېرىلگەن بولسىمۇ ھىچقانداق نەتىجە بولمىدى . زاڭ جىڭجىژ 40 ياشتىن ئاشقان لياۋنىڭلىق بولۇپ ، بۇرۇن ماجەنشيەننىڭ قول ئاستىدا بېرىگادا كوماندىرى بولغان . ئۇ لەنجۇ شەھىرىنىڭ سول تەرەپ تاشيول 9-نومۇرلۇق قوراسىدا تۇراتتى ، ئەنزە سادىر بولۇپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندە خوتۇن بالىلىرىنى تاشلاپ ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن . ليۇ زىلىنىڭ ئېيتىشىچە ، چى يۈيتيەن قاتىللىق يۈز بەرگەن ئاخشىمى ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىپ ، چيۇ زوڭجۈن قەسرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەن ، ئاپشاركىلارنى ئالدىنئالا باغلىۋەتكەن . نەرسە-كېرەكلەرنى ئاختۇرۇشقا ياردەملەشكەن . ئۇنىڭغا 100 سەر كۈمۈش تەڭگە بەرگەندىن كېيىن غايىپ بولغان ، ئۇ يەنە مۇنداق دىدى : ئۇنىڭ ليۇ جوڭشيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشقۇچى ۋە سىرت بىلەن ئالاقىلاشقۇچى بولدى . ليۇ جوڭشيەننىڭ خوتۇن-بالىلىرى ھېلىھەم شىنجاڭدا تۇرۇۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ليۇ جوڭشيەنگە ئەگىشىپ شىنجاڭغا بېرىشتىن باشقا جايىمۇ يوق .
 
لەنجۇنىڭ ئۇزۇنغا قالماي جەڭ مەيدانى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولۇۋاتقان ، ئازادلىق ئۇرۇش ئاخىرقى غەلىبىگە يېقىنلىشىۋاتقان پەيتتە ، گومىنداڭنىڭ لەنجۇدىكى پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، ئارمىيە ، ساقچى ، ژاندارما ئورگانلىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ساراسىمگە چۈشۈپ قالغاندى . بۇ ھالدا ئۇلار بۇ ئەنزىگە ئارتۇقچە قول سېلىشنى خالىمىدى . ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەنزە ئىشلىگەن خادىملىمۇ قاتتىق چارچىدى ۋە ئاساسىي جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى قولغان چۈشتى ، قالغان جىنايەتچىلەرنىڭ نەگە كەتكەنلىكى نامەلۇم » دىگەننى بانا قىلىپ ئىشنى يىغىشتۇرىۋەتتى . شۇنداق قىلىپ پەقەت سەككىز نەپەر جىنايەتچىلا تۇتۇلغان بولۇپ ، قالغان بەش نەپەر جىنايەتچى ھەققىدە پەقەت ئادەتتىكىچە تۇتۇش ئېلانى تارقىتىلىپ ئىش تاماملاندى .
 
'''قاتىللىق قىلىشتىكى سەۋەبلەر'''
 
+
قاتىللىق قىلىشتىكى سەۋەبلەر
+
 
+
 
+
  
بۇ ئەنزىنىڭ خاراكتىرى دەسلەپتىلا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆچمەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈش يەنى ئىنتىقام ئېلىش دەپ بېكىتىلگەندى . سوراق جەريانىدا ئىسپاتلىنىشىچە : ئەنزىگە ئىشتىراك قىلغان 12 كىشىنىڭ كۆپىنچىسى شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈنلەرنىڭ يۇرتداشلىرى ياكى قول ئاستىدىكى ئادەملىرى ئىدى . شېڭ شىسەي بىلەن  چيۇ زوڭجۈن شىن جاڭدىكى چاغدا ئۇلارنىڭ تۇغقان ۋە يار – بۇرادەرلىرىنى ۋەھشىيانە رەۋىشتە ئۆلتۈرۈپ ، ئائىلىرىنى خانىۋەيران قىلىپ ، پاجىئەلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان . بۇ ئۇلاردا شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈنلەرگە قارىتا چەكسىز ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ ، ئۇلار ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىقام ئېلىش پۇرسىتىنى كۈتۈپ كەلگەن ، ئاخىرى بۇ ئىشنى سادىر قىلغان . ئۇلارنىڭ بىر نەچچىسىنىڭ ھاياتىنى مىسال قىلساقلا ئەھۋال چۈشىنىشلىك بولىدۇ . ئەنزىنى پىلانلىغۇچى ئىككىنچى ئاساسىي شەخس زاڭ جىڭجژ لياۋنىڭلىق بولۇپ ، 1931-يلىدىن بۇرۇن ئۆز يۇرتىدا « باندىت » بولغان ، لەقىمى « قىزىل بۇرۇن » بولۇپ ، شەرقىي شىمالدىكى مەلۇم بىر قىزىل مىلتىقلىقلار جەمئىيتىگە كاتىباش بولغان ، « 18 – سېنتەبىر » ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئەرمىيەگە قاتناشقان . ئۆزى باتۇر ، چاقىرىق قىلىش كۈچىمۇ كۈچلۈك ئىكەن . كېيىن ماجەنشەنگە قاراشلىق 5- كورپۇسنىڭ قوماندانى ليۇ بىڭنڭ قول ئاستىغا ئۆتۈپ بىرىگادا كوماندىرى بولغان . بىر قېتىملىق جەڭدە يالغۇز ئۆزى دۈشمەن ئارىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، ئىككى دانە ئېغىر پىلىموتنى تارتىۋالغان . 1933- يىلى قىسىملار چېكىنگەندە ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرگەن . شېڭ شىسەينىڭ سەنموسى ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان . 1941- يىلى ئالتايدا توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە 2- پارتىزانلار باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ، بىر قېتىملىق جەڭدە يالغۇز ئۆزى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ، ۋەھشىلىكتە داڭقى چىققان . 1942 – يىلى ئالتاي توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن كېيىن شېڭ شىسەي باھانا تېپىپ ئۇنى قولغا ئېلىپ ، تۈرمىگە تاشلىغان . شېڭ شىسەي ئىچكىرىگە يۆتكەلگەندىن كېيىنلا قويۇپ بېرىلگەن . 1946 – يىلى لەنجۇغا كۆچۈپ كېلىپ چار بازارچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان . بۇ قېتىم ۋەقەنى ئۇ جاڭ دېيۈي بىلەن بىلەن بىللە پىلانلىغان بولسىمۇ لېكىن ئۆزى نەق مەيدانغا بارمىغان . ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان نەرسىلەرنى جياڭ جەنشىڭگە بېرىۋەتكەن .
 
Line 442: Line 230:
 
قالغانلارنىڭ بىۋاستە ئۆچ ئاداۋىتى بولمىسىمۇ ، ئۇلار شېڭ شىسەي چيۇ زوڭجۇنلەرنڭ يۇرتداشلىرى ، قول ئاستىدا ئىشلىگەن كىشىلىرى بولۇپ ، شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۇنلەرنىڭ ئۆز چۆنتەكلىرىنى لىق توشقۇزۇپ ، ئۆزلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقىغا نارازى بولغان . ئانچە مۇنچە ياردەم سورىسا زاكات – سەدىقە ھىسابىدا ئىلتىپات قىلىش ئورنىغا ئەكسىچە « بايلىقىمىزنى خۇاڭخې دەرياسىغا تۆكۈۋېتىشكە رازىمىزكى ، ئىنساپسىز ، ۋىجدانسىز شەرقىي شىماللىقلارغا بەرمەيمىز » دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق تېگىپ ، ئۇلارنى قىساس ئېلىش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر قىلغان . جىنايەتچىلەرنىڭ يۇقۇرقى بايانلىرىدىن ئەنزىنىڭ خاراكتىرى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن . بۇ ئەنزىنىڭ مال قەستى ياكى قىساس ئېلىش ئىكەنلىكى شۇ چاغدا خېلى بەس – مۇنازىرە پەيدا قىلغاندى .
 
'''ئەنزىنىڭ يۈز بېرىش جەريانى'''
 
+
ئەنزىنىڭ يۈز بېرىش جەريانى
+
 
+
 
+
  
جىنايەتچىلەرنىڭ ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ ئەنزىنىڭ يۈز بېرىش جەريانىنى ئالاقىلىشىش ، پىلانلاش ، قول سېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ . ئالاقە باغلاش جەريانى تەبىئى شەكىللەنگەن . بۇ ئەنزىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۇن ، چيۇ دىڭكۈن ، ۋاڭ خوڭزاۋلار شىنجاڭدا تۇرغاندا ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ئوفىتسېر بولغانلار ياكى شەرقىي شىماللىق يۇرتداشلاردىن بولۇپ ، لەنجۇغا كەلگەندىن كېيىن ، ئۆزئارا بېرىش – كېلىش قىلىشىپ تۇرغان . تۇرمۇشنىڭ كاپالەتسىز بولغانلىقىدىن بىر بىرىگە يار – يۆلەك بولۇشقان . شىنجاڭدا تارتقان كۈلپەتلىرى ھازىرقى بەختسىزلىكلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقان . شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ كونا – يېڭى ئاچچىقى شېڭ شىسەي بىلەن چيۇ زوڭجۇنگە مەركەزلەشكەن . شېڭ شىسەي بولسا ئاللىبۇرۇنلا ئالتۇن – كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ ، غىپلا قىلىپ تەيۋەنگە تىكىۋەتكەن . ئەمدىلىكتە چيۇ دىڭكۈنمۇ مىڭ تال زىقچە ئالتۇننى ئېلىپ تەيۋەنگە مېڭىش تەييارلىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئۇققان . ئۇلار بۇ پۇرسەتنى قولدىن چىقىرىپ قويماي ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش نىيىتىگە كەلگەن ۋە جاڭ دېيۈي ، زاڭ جىڭجژ باشچىلىقىدا ھەرىكەت پىلانى تۈزگەن . پىلان تۈزەش باسقۇچىدا ئايرىملارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلاشقانلىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئۇلار جەمىئي ئۈچ قېتىم يىغىلىپ باش قوشقان . 4- ئاينىڭ باشلىرى ۋە 4 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى قېتىم جاڭ دېيۈينىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ مەسلىھەتلەشكەن . 3 – قېتىمدا 5- ئاينىڭ باشلىرىدا جوڭشەنلىڭ باغچىسىنىڭ چايخانىسىغا يىغىلغان . ئۇلار ھەر ئېھتىمالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كېيىن پاش بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ، چيۇ جەمەتىنىڭ خوجايىنلىرى ۋە چاكار – مالايلىرىنىڭ ھەممىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىشنى قارار قىلىشقان .
 
Line 462: Line 246:
 
چى يۈيتيەننىڭ زادى نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئىقرارىچە ، ئەنزىگە قول سېلىش ئالدىدا جاڭ دېيۈي كۆپچىلىككە : « چى فۇگۈەندىن پەخەس بولۇڭلار ، ئۇ چيۇ جەمەتىدە ئۇزاق تۇرغان ، چيۇ جەمەتىنىڭ ئادەملىرى ئۆلۈۋاتقان پاجىئەلىك سورۇننى كۆرگەندىن كېيىن ئېچىنىپ ئىچ ئاغرىتىپ قالسىلا ، ھەممە ئىشىمىز بىكارغا كېتىدۇ . ئىشىمىزغا قاتتىق كاشىلا قىلىدۇ » دېگەن . شۇڭا چى يۈيتيەنگە كۆپ ۋەزىپە تاپشۇرۇلمىغان . ئەنزە داۋامىدا چى يۈيتيەنگە يۈز سەر تەڭگە تەقسىملەپ بېرىلگەن . چيۇ ئائىلىسىنىڭ بىر قاپچۇق ياقۇتى بار بولۇپ ، فېي بوپىڭ كىشىلەرگە ئۆزى قولدىن چۈشۈرمەي ئېلىپ يۈرىدىغان سومكىغا چيۇ جەمەتىنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتى قاچىلانغان دىگەنكەن . چى يۈيتيەن چيۇ جەمەتىنىڭ تېگى تەكتىنى ئوبدان بىلگەچكە ئاشۇ سومكىنى قولغا چۈشۈرۈپ قىممەت باھالىق مال – مۈلۈكنى ئۆزى يالغۇز ئېلىۋالغاندەك تۇرىدۇ . چيۇ ئائىلىسىدىن كېتىدىغان چاغدا چى يۈيتيەننى ھىچكىم كۆرمىگەن . ئۇنىڭ قاچان كېتىپ قالغىنىنى ، قەيەرگە كەتكىنىنى ھىچكىم بىلمىگەن .
 
'''شىنجاڭدىن كەلگەن ۋەكىللەر'''
 
+
شىنجاڭدىن كەلگەن ۋەكىللەر
+
 
+
 
+
  
شىنجاڭدىكى ھەر ساھە خەلقى لەنجۇدا چيۇ جەمەتىنى قىرىۋېتىشتەك چوڭ قانلىق ئەنزە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چەكسىز خوشاللىققا چۆمگەن . 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 36 كىشىدىن تەركىپ تاپقان « شىنجاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ قەھرىمانلاردىن ھال سوراش ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۆمىكى » ئەيسا ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لەنجۇغا يېتپ كېلىپ ، چيۇ جەمەتىنى قان بىلەن يۇيىۋەتكەن قەھرىمانلاردىن ھال سوراپ  ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرگەن . ھەر مىللەت خەلقى نامىدىن گەنسۇدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى جىنايەتچىلەرنى كەڭچىلىك بىلەن بىر ياقلىق قىلىشقا ھەمدە قەھرىمان دەپ تەقدىرلەشكە دالالەت قىلغان .
 
Line 482: Line 262:
 
ئەڭ ئاخىرىدا ليۇ زىلى ، ليي يۈيشەن ، ۋاڭ شياڭرىن ، جاڭ جانشېڭ تۆتەيلەن ئارقا – ئارقىدىن كىرىپ كەلدى . ھال سوراش ئۆمىكىدىىكىلەر چاۋاك چالغاچ ھەر بىرسىنىڭ ئىسمىنى سورىدى ، يالغۇز ئۆزى يالغۇز سەككىز ئادەمنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ليۇ زىلىنى تونۇغان ھەممەيلەن ھەيرانلىق ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھېسسىياتى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراشتى ، ئارقىدىن ئەيسا ئۆزلىرىنىڭ كېلىش مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ : « سىلەرنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشىڭلار ئادەتتىكى ئادەم ئۆلتۈرۈش ، ئوت قويۇشقا ئوخشىمايدۇ ، دۆلەتكەن زىيان سالغان ھارام نىيەتلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش – خەلقنى زىيانداشلاردىن قۇتۇلدۇرغانلىق ، شۇڭا سىلەرنى تەقدىرلەش ، مۇكاپاتلاش لازىم .....» دېدى . ليۇ يۈيشەن ، ليۇ زىلىلار تەشەككۈر بىلدۈرۈشتى . ليۇ زىلى چيۇ جەمەتىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ مەنبەسىنى تونۇشتۇرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن : « شېڭ شىسەي تەيۋەنگە مىڭ تال زىقچە ئالتۇننى يۆتكەپ كەتتى . چيۇ جەمەتىدىكىلەرمۇ چەتكە قېچىپ كەتمەكچى بولۇشتى . شۇڭا ئاۋۋال ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتېۋېتىپ ، ئاندىن باشقا كەلگەننى كۆرمەكچى بولغان  ئىدىم ، شۇڭا بۇرۇنلا ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان ، ھايات تۇرسام خوشال بولۇپ كەتمەيدىغان ، ئۆلۈپ كېتىشكە توغرا كەلگەندە مەيۈسلەنمەيدىغان ، ئۆلسەممۇ ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايدىغان بولۇپ قالغاندىم ....... »  . ئۇ سۆزىنى تۈگەتكەندە يەنە چاۋاك – ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى ، ئۇلارغىمۇ ھال سورش بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىندى . شۇ ئارىدا ، ئەيسا ۋەكىللەر سۇنغان ئىككى پارچە باغاقچىنى ئوقۇدى ، ئۇنىڭدا 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چيۇ جەمەتىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ جەريانىنى بايان قىلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندى . ئەيسا : « بۈگۈن ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى . ئەڭ ياخشىسى قەھرىمانلار يېزىپ چىقىپ بىزگە بەرسە ، بىز شىنجاڭغا ئېلىپ كېتىپ تۈرلۈك يېزىقتىكى گېزىتلەردە ئېلان قىلساق . ھەممەيلەن ئوقۇپ راسا پۇخادىن چىقسا » دېدى . ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن جىنايەتچىلەر تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلدى، ئۆمەكتىكىلەر بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن ، تۈرمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ جىنايەتچىلەرى يوقلاپ ، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسىدىن چىقىپ كېتىپ قېلىشتى .
 
كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقى
+
'''كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقى'''
  
چيۇ جەمەتىنى قىرغىن قىلىش ئەنزىسىنىڭ باش جىنايەتچىلىرى قولغا چۈشكەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ تەرجىھالى بىلەن ئىقرارنامىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى گېزىتتە ئېلان قىلىندى ، نەتىجىدە جامائەت پىكرىدە يەنە بىر قېتىم داۋالغۇش بولۇپ ، شەھەر ئاھالىسى ھەممىلا يەردە غۇلغۇلا قىلىشقاندىن تاشقىرى ، ھەر ساھەدىكى بىلىملىك زاتلارمۇ ئۆلكە ۋە شەھەردىكى ھەرقايسى گېزىتخانىلارغا ماقالە ئەۋەتىپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشتى ، ھەممەيلەن بىردەكلا چيۇ فامىلىلىك ئاتا – بالىنىڭ شىنجاڭدا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ، قاتمۇ – قات قان قەرىزگە بوغۇلغان ، تېگىشلىك جازاسىنى تارتتى ، ئۇلارنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ھەققانىي غەزەپ بىلەن ئۆزلىرى ۋە بىرقانچە قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى ، بۇ گۇناھ ئەمەس ، زور تۆھپە ، ئۇلار مۇكاپاتلىنىشقا ، تەقدىرلىنىشكە تېگىشلىك دەپ ھېسابلىغان . مەن بۇ يەردە شۇ چاغدا ئېلان قىلىنغان بىرقانچە ماقالىنى كىتابخانلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن .
 
Line 490: Line 270:
 
گېزىتىمىز خەۋىرى : چيۇ جەمەتىدىكى ئەنزە پاش قىلىنغاندىن كېيىن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا ، گېزىتىمىزنىڭ تىجارەت بۆلۈمى تازا ئالدىراش ئىشلەۋاتقاندا ، ئۇشتۇمتۇتلا « ۋاڭ مېنشىڭ  » ( خەلق رايىغا نەزەر سالغۇچى ) ، « فەنباۋلى » ( زوراۋانلىققا قارشى تۇرغۇچى ) دىگەن تەخەلللۇس ئىشتىلگەن ئىككى پارچە خەت تاپشۇرىۋالدى . ئالدىنقى خەت پوچتا ئارقىلىق كەلگەن ، كېيىنكى خەتنى بىراۋ گېزىتخانىمىزغا كېلىپ تاپشۇرغان ، يۇقۇرىدىكى ئىككى پارچە خەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ . قاتىللارنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ھەرىكىتىگە تامامەن ھېسداشلىق قىلىپ ، ئۇلارنى ئاقلاش يۈزىسىدىن يېزىلغان ، گېزىتىمىز جەميئىيەتكە مۇلازىمەتچىلىك قىلىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىككى پارچە خەتنى مۇھىم دەپ قاراپ ، جەميئىيەتتىكى زاتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ بېرىش يۈزىسىدىن تولۇق تېكىستى بىلەن باستۇق . چيۇ جەمەمتىدىكى ئەنزە پاش قىلىنغاندىن كېيىن تۇتىۋېلىنغان جىنايەتچىلەرنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشتا قانۇن ئورگانلىرى ئۇلارنى قانۇن بويىچە جازاغا تارتىدۇ ، ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالالمايدۇ . ھېچكىمنىڭمۇ ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى يوق . ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ قىلغاندا ، چيۇ دىڭكۈننىڭ جىنايىتى پەلەككە يەتكەن بولۇپ ، ئۆلتۈرۈلسىمۇ كۇپايە قىلماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ئۇنىڭ گۆدەك ، نارەسىدە پەرزەنتلىرى ، دوست – بۇرادەرلىرى ، چاكار – مالايلىرى قاتارلىقلارنىڭ نىمە گۇناھى بار ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا شۇنچىۋالا زەھەرخەندىلىك قىلىنىدۇ ؟ بۇ گېزىتخانىدىكىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ئەلۋەتتە ( تۆۋەندىكى ئىككى پارچە خەتنىڭ خاتالىقلىرى بەك كۆپ بولسىمۇ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىدىدە ، تەھرىر تۈزىتىش كىرگۈزمىىدى ) .
 
بىرىنچى پارچە خەت
+
'''بىرىنچى پارچە خەت'''
  
تەھرىر ئەپەندى : گېزىتىڭلار ئەزەلدىن تارتىپلا ئادالەتنى ياقىلاپ ، يامانلىقتىن يىرگىنىپ ، دۆلەتنىڭ مۇناپىقلارنى تازىلىشى ، خەلقنىڭ زوراۋانلىقنى يوقىتىشى ئۈچۈن يار – يۆلەك بولۇپ رېئال جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىقلەرنى پاش قىلىپ كەلدى . شۇڭا مەن ئەرزىمەس ماقالەمنىڭمۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بېسىم قانچە زور بولسا ، قارشىلىقمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ ، بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت . مېنىڭ ئەنزە توغرىسىدا ئادىل مەيداندا تۇرۇپ يازغان بۇ تەھلىلى ماقالەمنىڭ پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەربابلار ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ، خەلق تەشكىلاتلىرى ، ئادالەتپەرۋەر زاتلارنىڭ باھالىشى ۋە ئاقىلانە ھۆكۈم قىلىشى ، قاتىللارنىڭ پۇشايمان قىلىشىغا پايدىسى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن .
 
Line 514: Line 294:
 
ھوقۇق تۇتىۋاتقانلارنىڭ ئاۋۋال « شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭغا سالغان كۈلپەت – تالاپىتى » دېگەن كىتابنىڭ 1 -  قىسمىنى كۆرۈپ چىقىشىنى ، ئاندىن كېيىن ئاق نىيەت بىلەن ۋىجدانەن ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ بۇ ئەنزە ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . دىققەت قىلغايسىلەر .....
 
ئىككىنچى پارچە خەت
+
'''ئىككىنچى پارچە خەت'''
  
تەھرىر ئەپەندى : پېقىرنىڭ نەزىرىدە ئىككىمىزنىڭ ھېسسىياتى خېلىدىن بۇيان ئوخشاپ كېلىۋاتىدۇ . شۇڭا ساختا ئارىلاشتۇرماي كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى يازدىم . ئەپەندىم مالال كۆرمىسىڭىز ، مېنىڭ ماقالەم گېزىتىڭلارنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئورۇن ئالسا جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان زاتلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن بولاتتۇق ، شۇنداق ئەمەسمۇ تەھرىر ئەپەندىم ؟
 
Line 556: Line 336:
 
يۇقۇرىقى مىساللاردىن شۇ چاغدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇنىڭ شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈنگە ئوخشاش يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىغا ئىچ – ئىچىدىن ئۆچلۈك قىلىپ ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق كۈرەش قىلغانلىقى ۋە قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
 
'''ئالدىراپ-تېنەپ ھۈكۈم چىقىرىش'''
 
+
 
+
 
+
ئالدىراپ-تېنەپ ھۈكۈم چىقىرىش
+
 
+
 
+
 
+
 
+
 
+
 
+
  
چى يۈيتيەن، ۋاڭ جىڭجژ، دوڭ پۇمياۋ، شاڭ دېروڭ، ليۇ جۇڭشيەن قاتارلىق كىشىلەر تېخى تۇتۇلمىغان بولسىمۇ، ھۈكۈمەت دائىرلىرى ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ لەنجۇغا يېقىنلىشىپ كىلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەر پاراكەندە بۇلۇۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ ئەنزىنىڭ ئايىقىنى تىزراق ئۈزۈۋەتمەي داۋاملىق ئارقىغا سۈرۈۋېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، جاڭ دېيۈي قاتارلىق سەككىز نەپەر جىنايەتچىنى غەرىبىي شىمال مەمۇرى باشلىق مەھكىمىسىنىڭ بىر ياقلىق قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى قارار قىلغان.
 
ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش رەسمىيىتى بىجىرگەن. خەۋەر ئالدىنئالا سىرتقا تارقىلىپ كەتكەنلىكتىن، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا ساقچى ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى تاماشىچى ئامما تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان. ھەممىلا ئادەم قەھرىمانلارنىڭ دىدارىنى بىر كۈرۈۋېلىش نىيىتىدە توپلانغان. شۇڭا بۇنىڭ ھىچبىر ئەجەپلەنگۈچىلىكى يوق ئىدى. جاڭ دېيۈي قاتارلىقلا بۇ ئەھۋالدىن ئالدىنئالا خەۋەر تاپقان. سائەت 12 بۇلۇپ چۈشلۈك تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن، ھەممىسىلا تاقەتسىزلەنگەن تەلەپپۇزدا قاراۋۇللاردىن ئۆزلىرىنى قاچانراق ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى سۇرىغان. چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ بولغاندا جازا ساقچىلىرى ئەترىتى تاۋلىچۈن ئاشخانىسىدىن بىر جوزا مەززىلىك تاماق ئېلىپ كىلىپ جىنايەتچىلەرنى تۈرمىنىڭ ھويلىسىغا توپلاپ تاماق بەرگەن. ئۇلار كۈلۈشىپ، چاقچاقلىشىپ خۇشال-خۇرام ئولتۇرۇپ غىزالانغان. ھېچقايسىسىدا قورقۇمسىراش ئەھۋالى كۈرۈلمىگەن. چۈشتىن كىيىن سائەت تۆت بولغاندا ساقچى ئىدارىسى يۆتكەپ كەلگەن ئىككى ئاپتوموبىل دەرۋازا ئالدىدا توختۇتۇپ قۇيۇلغانلىقتىن، تاماشىچىلار تۇلۇپ كىتىپ، قىستى-قىستاڭچىلىق بۇلۇپ كەتكەن. ساقچىلار پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرتىپ قوغدىغان بولسىمۇ ئادەملەر توپىغا ھىچنىمە قىلالمىغان. جازا ساقچىلىرى جىنايەتچىلەرنىڭ نەرسە-كىرەكلىرىنى تىزلىكتە مەشىنىغا قاچىلىغان. جاڭ دېيۈي قاتارلىقلار ماشىنىغا چىقىش ئالدىدا جازا ساقچىلىرى ئەترىتىنىڭ ئۆزلىرى قاماقتا تۇرغان مەزگىلدە ئائىلىسىدىن كەلگەنلەر بىلەن كۈرۈشتۈرۈپ تۇرغانلىقىغا، ھەمدە خۇتۇن-بالا چاقىلىرىنىڭ قۇنۇپ قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، تەشەككۈر بىلدۈرگەن. ھەمدە: «ھەرقايسىڭلارنى كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتۇق، ئالدىڭلاردا ھەقىقەتەن خىجىل بۇلۇۋاتىمىز، يىشىل تاغ قېرىمايدۇ، سۈزۈك سۇلار مەڭگۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. نىسىپ بولسا ھەرقايسىڭلارغا ئايرىم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈمىز» دىيىشكەن. ئارقىدىنلا جاڭ دېيۈينى ئىككى ساقچى يۈلەپ ئېلىپ چىقىپ ماشىنىنىڭ كابىنكىسىگە ئولتۇرغۇزغان. قالغانلار ئىككى ماشىنىغا بۈلۈنۈپ ئولتۇرغان. بۇلۇپمۇ چېن يوڭچۈن ئىنتايىن روھلۇق ئىدى. تىز قەدەم بىلەن مېڭىپ، «بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت» دەپ توۋلاپ بىر سەكرەپلا ماشىنىغا چىققان. تاماشىچىلار ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ ھاڭ-تاڭ قالغان. بۇ چاغدا ھەممىلا ئادەم پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بۇيۇنداپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئېنىقراق كۈرۈۋېلىشقا تىرىشىپ، بىر-بىرىنى قىستىماقتا ئىدى. يوللار تامامەن تۇسۇلۇپ كەتكەن ئىدى. مەن ئادەملىرىمنى باشلاپ ماشىنىغا چىقىپ ئۇلارنى تاپشۇرۇپ بەرگىلى ئېلىپ ماڭدىم. ماشىنا كارنىيى توختىماي سېگىنال بىرەتتى. ماشىنا ئاستا-ئاستا جايىدىن قوزغىلىپ، ئۈزىگە قادىلىپ قاراپ تۇرغان تاماشىبىنلار توپى ئارىسىدىن يول ئېچىپ، ھەربى مەمۇرى باشلىق مەھكىمىسىنىڭ ھەربى قانۇن باشقارمىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 8- ئاينىڭ 9- كۈنىگە بارغاندا قولغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق مۈلۈكلەرنىمۇ ئېنىقلاپ ئۆتكۆۈزۈپ بىرىپ بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەركىزى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە جازا ساقچىلىرى ئەترىتىنىڭ پۈتۈن خىزمەتلىرى تاماملاندى.
 
گومىنداڭ دائىرلىرى جامائەت پىكىرىنىڭ قايتا-قايتا مۇراجەت قىلىشىغا پىسەنت قىلماي، غەرىبىي شىمال ھەربى مەمۇرى باشلىق مەھكىمىسى ھەربى قانۇن باشقارمىسىدا «ھەربى سوت ھۈكۈمى باشقارمىسى» تەسىس قىلىپ، 1949- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەڭ ئاخىرقى ھۈكۈمنامىنى ئېلان قىلدى. ھۈكۈمنامىنىڭ قىسقارتىلمىسى مۇنداق:
 
باش جىنايەتچى جاڭ دېيۈي، ليۇ زىلى ئىككىسى بىرلىكتە بۇلاڭچىلىق قىلىپ، غەرەزلىك ھالدا ئادەم ئۆلتۈرگەن. ئۇلارغا ئۈلۈم جازاسى بىرىلىپ، گىراژدانلىق ھۇقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىنسۇن.
 
ئەگەشكۈچى جىنايەتچى گۇەن زىجاڭ ئوغرى-قاراقچىلارنى يۇشۇرۇپ، ئۇلارغا يان باسقان، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ، بەش يىللىق گىراژدانلىق ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسۇن.
 
قاتىل جىنايەتچىلەر ليۇ يۈيشەن، سۈن زىلى، چېن يۇڭچۈن، ۋاڭ شياڭرېن شىرىكلىشىپ، مال-مۈلۈك بۇلاپ غەرەزلىك ئادەم ئۆلتۈرگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلىپ، گىراژدانلىق ھۇقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنسۇن.
 
ئەگەشكۈچى جىنايەتچى جاڭ جەنشىڭ ئوغرى-قاراقچىلارنى يۇشۇرۇپ، قانات ئاستىغا ئالغانلىقى ئۈچۈن يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ، بەش يىللىق گىراژدانلىق ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىشقا، جىنايەتچىلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئىشلەتكەن ھەربى مىلتىقلارنى يۇشۇرغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ، بەش يىللىق گىراژدانلىق ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ، جەمئى ئون يىل قاماپ، بەش يىل گەراژدانلىق ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش قارار قىلىندى. توققۇز دانە تاپانچا، 167 تال ئوق مۇسادەرە قىلىندى. باشقا مال-مۈلۈكلەر قۇشۇمچە تىزىملىك بۇيىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەسىگە ۋە ھەممە ئادەمەە قايتۇرۇلۇپ بىرىلىدۇ. سودىيە ھۈكۈمنى جاكارلاپ بولغاندىن كىيىن، جاڭ دېيۈي، ليۇ زىلىدىن ۋەسىيىتى ياكى باشقا گەپلىرى بار يوقلۇقىنى سورىدى. جاڭ دېيۈي: «.......ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە مىنىڭ دەيدىغان باشقا گېپىم يوق. پەقەت 70 نەچچە ياشلىق قېرى ئاپامغا قىيمايمەن....» دەپ ئىنتايىن پەرىشان بۇلۇپ قايغۇغا چۈمدى. ليۇ زىلى بولسا يەنىلا بۇرۇنقىدەك جەسۇر، مەردانە قىياپاتتە بۇلۇپ، ئۈلۈمگە قىلچە پەرۋا قىلمىغاندەك تۇراتتى. ئۇ بىر قاچا ھاراقنى سۈمۈرۈۋىتىپ، ئىككى دانە تۇخۇمنى يىدى-دە ھېچقانداق زۇۋان سۈرمەيلا جاڭ دېيۈي بىلەن باغلانغان پېتىچە قىزىلتاغ تۈۋىدىكى جازا مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار شارىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئىچىدە ئېتىپ تاشلاندى. ليۇ يۈيشەن قاتارلىق ئالتە كىشى گاۋلەندىكى تۈرمىگە ھەيدەپ كىتىلدى.
 
يۇقىرقى ھۈكۈم نامىدىن كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، ئەكسىيەتچىل دائىرىلەر «ئىنتىقام ئېلىش» تىن ئىبارەت پاكىتلاردىن ئەتەي ئۈزىنى قاچۇرغان ئىدى.
  
شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى 29 - سان

Latest revision as of 21:21, 29 July 2020

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

ئەنزىدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلتۈرگەن ليۇزىلى شەرقي شىماللىق بولۇپ ، ئىلگىرى دىخۇا ( ئۈرۈمچى ) گارنىزون قوماندانلىق شتابىنىڭ لېتىنات دەرىجىلىك كاتىبى بولغان . ئۇنىڭ ئىنىسى 1944- يىلى شىنجاڭنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدە ساقچى ئىدارە باشلىقى بولۇپ تۇرغاندا ، پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە ( خوتۇنى ۋە ئىككى بالىسى ، بالىلارنىڭ بىرسىنى ليۇ زىلى بېقىۋالغان ) شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ يېقىن ئاغىنىسى سۈن جىيىې ، گو شيەنتەنلەرمۇ شۇ چاغدا قازاغا ئۇچرىغان . مانا شۇ سەۋەپتىن ئۇ چيۇ ئائىلىسىدىكى قېرى – چۈرىلەرنىڭ ھەممىسىنى خەنجەر ئاستىدىن ئۆتكۈزگەن .

ليۇ يۇيشيەن ئەسلىدە ياپونغا قارشى ھەققانىيەتچىلەر قوشۇنى 3 – بىرىگادا 5 – پولكىدا بەنجاڭ بولغان . 1933 – يىلى دادىسى بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرگەن ، كېيىن دادىسى قۇتۇبى ناھىيىسىگە ھاكىم بولۇپ تۇرغاندا ، شېڭ شىسەي يوقىلاڭ بەتناملارنى چاپلاپ ئۆلتۈرىۋەتكەن . ئۇ بۇ ئاداۋەتنى كۆڭلىگە چوڭقۇر پۈكۈپ ، ئىنتىقام ئېىلىش پۇرسىتىنى كۈتۈپ يۈرگەن .

ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى چيۇ زوڭجۈن چيۇ دىڭكۈنلەرنڭ بېخىللىقى ، رەھىمسىزلىكى ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن قول ئاستىدىكىلەرگە قىلچە كۆيۈنمەسلىكىدىن ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلغان . يەنە بىر جەھەتتىن شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈنلەرنىڭ شىنجاڭدا بىر قانچە ئونمىڭلىغان بىگۇناھ جانلارغا زامىن بولۇشتەك فاشستىك زوراۋانلىقى ئۇلاردا ھەققانىي غەزەپ قوزغىغان . مەسىلەن ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى بولغان جاڭ دېيۈي 47 ياشتا بولۇپ ، ئەسلى خېنەنلىك ، ياش ۋاقتىدىلا جاھانكېزەر پالۋان بولۇپ ، شەرقىي شىمالدىكى چاغدىلا ئانچە – مۇنچە داڭقى چىققان . كېيىن شەرقىي شىمالدىكى ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش قوشۇنىغا قاتنىشىپ ، شىمالىي مانجۇرىيىدە ياپون قاراقچىلىرى بىلەن جەڭ قىلغاندا ، شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى ماجەنشەننىڭ قول ئاستىدا پەيجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق شىنجاڭغا كېلىپ لېتىنات ليەنجاڭ بولغان . شىنجاڭ ئوفتسېرلار مەكتىپىنىڭ 3- قارارىدا ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئالغاندىن كېيىن ئالتايدىكى چېگرا قاراۋۇللۇق پونكىتىدا ئەترەت باشلىقى بولغان . ئالتايدا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق جەڭلەرگە قاتناشقان . شۇ چاغلاردا شېڭ شىسەينىڭ ئەڭ باتۇر ئەزىمەلىرىدىن ئىكەن . ئىلى « توپىلاڭ  » نى باستۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە كۆرسەتكەن . شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن . شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ دەرىجىسى پەيدىنپەي ئۆرلەپ ليەنجاڭ ، تۈەنجاڭ ۋە شىنجاڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسىنىڭ گېنېرال مايور ئۇنۋانلىق كوماندىرى بولغان . شېڭ شىسەينىڭ بىر قانچە قېتىملىق چوڭ قىرغىنچىلىقىدىمۇ جاڭ دېيۈي ھىچنىمە بولمىغان . شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن ، جاڭ دېيۈيمۇ 1946 – يىلى لەنجۇغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ ، گېنېرال مايور دەرىجىلىك مۇئاش تەمىناتىدىن داۋاملىق بەھرىمان بولغان . كېيىنچە ئۇنىڭ بىلەن چيۇ فامىلىلىك ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ قالغان جاڭ دېيۈي قىمار ، ئەپيۈن خۇمارى بولۇپ ، ئىككى خوتۇنى بار ئىكەن . تۇرمۇشتا چىرىك ۋە چۈشكۈن بولغانلىقتىن ھال ئوقىتى بارغانسېرى كاساتلاشقان . 70 ياشلىق ئاپىسىنى كۈتۈشكە ئادەم ئېلىش ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان چوڭ خوتۇنىنى داۋالىتىش ، كىچىك خوتۇنىنىڭ ئىككى ياشلىق بالىسىنى باقتۇرۇش ۋە ئىككى قات بولغانلىقى ئۈچۈن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا پۇلى يېتىشمەي قىسىلىپ قالغان . ئۇ شىنجاڭدىكى چېغىدا چيۇ دىڭكۈن بىلەن بىرلىشىپ بىر تاختاي زاۋۇتى قۇرغانكەن . لەنجۇغا كەلگەندىن كېيىن يەنە چيۇ دىڭكۈن بىلەن بىرگە نيۇجۇاڭدا ئۇن زاۋۇتى قۇرغان . جاڭ دېيۈي تۇرمۇشتا پىلانسىز ، بەتخەج بولغانلىقى ۋە تىجارەتتىكى تەدبىرسىزلىكىدىن ئۇن زاۋۇتى يېپىلىپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ قىمار ئويناش ، ئەپيۈن چېكىش سەۋەبىدىن قاتمۇ قات قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان . قەرز سۈيلىگۈچىلەرگە تەھدىت سالغان . نەتىجىدە دوست – يارەنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ، ئاخىرى پەقەت چيۇ جەمەتىدىكىلەر بىلەنلە بېرىش – كېلىش قىلىدىغان بولۇپ قىلغان . ھەدىسىلا چيۇ جەمەتىگە بېرىپ قىمار ئوينىغان . ئەيش – ئىشرەت قىلغان . كېيىن جاڭ دېيۈي چيۇ دىڭكۈنگە لەنجۇدا يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ دەسمايە سېلىپ كارخانا قۇرۇپ پايدىنى شەرقىي شىماللىق يۇرتداشلارغا ئىئانە قىلىشنى ( جاڭ دېيۈينىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن لەنجۇغا كۆچۈپ كەلگەنلەر كۆپ بولۇپ ، بۇ قېتىمقى ئەنزىگە قاتناشقانلار قوشۇلۇپ ، دائىم جاڭ دېيۈينىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى توغرىسىدا زارلىنىدىكەن ) تەكلىپ قىلغاندا چيۇ دىڭكۈن رەت قىلغان . نەتىجىدە بۇ ئىش ئۇنىڭدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ قىساس ئېلىش نىيىتىگە كېلىپ ، ئاخىرى جاھاننى زىل – زىلىگە كەلتۈرگەن بۇ ۋەقەنىڭ باش قەھرىمانى بولغان . چى يۈيتيەننى مىسال ئالساق ، ئۇ شەرقىي شىماللىق بولۇپ ، سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭدا تۇرغاندا چيۇ زوڭجۈننىڭ يېقىن ئادىمى ۋە قابىل قولچومىقى بولغان . چيۇ زوڭجۈن خىزمەتتىن بوشاپ دەم ئالغاندىن كېيىن ئۇ چيۇ زوڭجۈننىڭ ئەپيۈن چىلىمىنى تازىلاپ ئەپيۈن قاچىلاپ ، ئوت تۇتاشتۇرۇپ يۈرۈپ ئۆزىمۇ ئەپيۈن خۇمارى بولۇپ قالغان . لەنجۇغا كەلگەندىن كېيىن چيۇ جەمەتىگە ئىشىكباقار بولغان . ئۇ 40 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ يەنىلا تەنھا بويتاق يۈرۈپ ، تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىز ئۆتكەن . چيۇ فاملىلىك ئاتا – بالىنىڭ تىل – ئاھانەت ۋە تاياق توقمىقىدىن خالىي بولالمىغان . دائىم جاڭ دېيۈينىڭ يېنىغا بېرىپ دەرت تۆككەن . بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇ ئىچكى جەھەتتىن ئوبدان ماسلىشىپ ، ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرگەن . غەنىمەت بۆلۈشكەندە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان يۈز سەر كۈمۈشتىن باشقا يەنە فېيبوپىڭنىڭ ياقۇت ، مەرۋايىت ، گۆھەر قاچىلانغان قول سومكىسىنىمۇ ئېلىپ كەتكەن .

قالغانلارنىڭ بىۋاستە ئۆچ ئاداۋىتى بولمىسىمۇ ، ئۇلار شېڭ شىسەي چيۇ زوڭجۇنلەرنڭ يۇرتداشلىرى ، قول ئاستىدا ئىشلىگەن كىشىلىرى بولۇپ ، شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۇنلەرنىڭ ئۆز چۆنتەكلىرىنى لىق توشقۇزۇپ ، ئۆزلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقىغا نارازى بولغان . ئانچە مۇنچە ياردەم سورىسا زاكات – سەدىقە ھىسابىدا ئىلتىپات قىلىش ئورنىغا ئەكسىچە « بايلىقىمىزنى خۇاڭخې دەرياسىغا تۆكۈۋېتىشكە رازىمىزكى ، ئىنساپسىز ، ۋىجدانسىز شەرقىي شىماللىقلارغا بەرمەيمىز » دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق تېگىپ ، ئۇلارنى قىساس ئېلىش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر قىلغان . جىنايەتچىلەرنىڭ يۇقۇرقى بايانلىرىدىن ئەنزىنىڭ خاراكتىرى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن . بۇ ئەنزىنىڭ مال قەستى ياكى قىساس ئېلىش ئىكەنلىكى شۇ چاغدا خېلى بەس – مۇنازىرە پەيدا قىلغاندى .

ئەنزىنىڭ يۈز بېرىش جەريانى

جىنايەتچىلەرنىڭ ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ ئەنزىنىڭ يۈز بېرىش جەريانىنى ئالاقىلىشىش ، پىلانلاش ، قول سېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ . ئالاقە باغلاش جەريانى تەبىئى شەكىللەنگەن . بۇ ئەنزىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۇن ، چيۇ دىڭكۈن ، ۋاڭ خوڭزاۋلار شىنجاڭدا تۇرغاندا ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ئوفىتسېر بولغانلار ياكى شەرقىي شىماللىق يۇرتداشلاردىن بولۇپ ، لەنجۇغا كەلگەندىن كېيىن ، ئۆزئارا بېرىش – كېلىش قىلىشىپ تۇرغان . تۇرمۇشنىڭ كاپالەتسىز بولغانلىقىدىن بىر بىرىگە يار – يۆلەك بولۇشقان . شىنجاڭدا تارتقان كۈلپەتلىرى ھازىرقى بەختسىزلىكلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقان . شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ كونا – يېڭى ئاچچىقى شېڭ شىسەي بىلەن چيۇ زوڭجۇنگە مەركەزلەشكەن . شېڭ شىسەي بولسا ئاللىبۇرۇنلا ئالتۇن – كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ ، غىپلا قىلىپ تەيۋەنگە تىكىۋەتكەن . ئەمدىلىكتە چيۇ دىڭكۈنمۇ مىڭ تال زىقچە ئالتۇننى ئېلىپ تەيۋەنگە مېڭىش تەييارلىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئۇققان . ئۇلار بۇ پۇرسەتنى قولدىن چىقىرىپ قويماي ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش نىيىتىگە كەلگەن ۋە جاڭ دېيۈي ، زاڭ جىڭجژ باشچىلىقىدا ھەرىكەت پىلانى تۈزگەن . پىلان تۈزەش باسقۇچىدا ئايرىملارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلاشقانلىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئۇلار جەمىئي ئۈچ قېتىم يىغىلىپ باش قوشقان . 4- ئاينىڭ باشلىرى ۋە 4 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى قېتىم جاڭ دېيۈينىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ مەسلىھەتلەشكەن . 3 – قېتىمدا 5- ئاينىڭ باشلىرىدا جوڭشەنلىڭ باغچىسىنىڭ چايخانىسىغا يىغىلغان . ئۇلار ھەر ئېھتىمالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كېيىن پاش بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ، چيۇ جەمەتىنىڭ خوجايىنلىرى ۋە چاكار – مالايلىرىنىڭ ھەممىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىشنى قارار قىلىشقان .

ئۇلار ئەسلىدە چيۇ زوڭجۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ھەرىكەت قىلىپ ، چيۇ زوڭجۇننى تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئۆزىدە جېنىدىن جۇدا قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ ، لېكىن شۇ كۈنى كېلىدىغان مېھانلارنىڭ جەزمەن كۆپ بولىدىغانلىقىنى ، بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ قۇربان بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى كېچىدە قول سېلىشنى قارار قىلغان .

5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە ليۇ جوڭشەن ئىشتىراكچىلارنى جاڭ دېيۈينىڭ ئۆيىگە يىغقان . جاڭ دېيۈي ھەممەيلەننىڭ ئىش تەقسىماتىنى بېكىتكەن . جاڭ دېيۈي ، ليۇ زىلى ، ليۇ يۈيشەن ، سۇن لىشۇن ، چېن يوڭچۈن ، ۋاڭ شياڭرېن ، دوڭ پۇمىياۋ ، ليۇ چۇڭشيەن ، گۈەن زىجاڭ ، چى يۈيتيەن ، زاڭ جىڭجژ ، شاڭ دېروڭدىن ( جاڭ جەنشىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەس ) ئىبارەت 12 ئادەم بولۇپ زاڭ جىڭجژ بىلەن شاڭ دېروڭ يىغىنغا كەلمىگەن ، ئەنزە نەق مەيدانىغىمۇ بارمىغان . چى يۈيتيەن ئۆي ئىچى ئەھۋالىغا مەسئۇل بولغانلىقتىن كەلمىگەن . چى يۈيتيەن ئۇقتۇرۇشنى ئالغاندىن كېيىن ، شۇ كۈنى كەچ كىرىش بىلەنلا بۆرە ئىتلارنى خالى جايغا ئاپىرىپ باغلىۋەتكەن كەچ سائەت توققۇز ئەتراپىدا ئۇلار ئاپتوموبىل بىلەن چيۇ جەمەتىنىڭ قوراسى ئالدىغا بېرىپ توختاپ ، ليۇ جوڭشيەن مەخپى بەلگە بەرگەندىن كېيىن چي يۈيتيەن دەرۋازىنى ئاچقان ، ئالدى بىلەن سۇ توشۇغۇچى گوشىفانى ، مۇھاپىزەتچى خېدىييۈەن ، خېدىفا ئاكا – ئۇكىلارنى قولىنى ئارقىغا قىلىپ باغلاپ ، ئاغزىغا لاتا تىقىپ قويغان . ئۇلار نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ليۇ زىلى ، ۋاڭ شياڭرىن ، دۇڭپۇمياۋلار تەڭلا قول سېلىپ پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەن ، ليۇ يۈيشەن بىلەن چېن يوڭچۈن پىلەن بويىچە چيۇ دىڭكۈن ئەر – خوتۇن ياتىدىغان ھوجرىنىڭ قاغا تۇمشۇقىنى قومۇرۇپ تاشلاپ ئۆي ئىچىدە ساقلاپ ئولتۇرغان . ليۇ زىلى ، ۋاڭ شياڭرىن ، دۇڭپۇمياۋ ئۈچەيلەن چيي زوڭجۇننىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ ئۇنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەن . چيۇ دىڭكۈننىڭ چوڭ ئوغلى 15 ياشلىق چيۇ گۇاڭخۇا چيۇ زوڭجۈن بىلەن بىر كارىۋاتتا ئۇخلىغان بولۇپ ، ئۇنىمۇ چېپىپ ھۇشىدىن كەتكۈزگەن . ئاندىن ئۇلار ھەرقايسى ئۆيلەرگە بۆلۈنۇپ كىرىپ چيۇ دىڭكۈننىڭ يەتتە ياشلىق كەنجى ئوغلى چيۇ گۇاڭرۈينى ، بەش ياشلىق كەنجى قىزى چيۇ گۇاڭلىنى پالتا ، تۆمۈر توخماق ، پىچاقلار بىلەن چېپىپ ، چاناپ ، سانجىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن . بۇ چاغدا ليۇ يۈيشەن چيۇ دىڭكۈننىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىدىن تاقەتسىزلىنىپ ، چيۇ زوڭجۈن ياتقان ئۆيگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا چيۇ گۇاڭخۇا تېخى ئۆلمىگەن . ئۇ ئىچ ئاغرىتىپ ، چيۇ جەمەتىنىڭ بىر تال مايسىسى بولسىمۇ تىرىك قالسۇن دېگەن ئوي بىلەن ئۇنى يوتقانغا ئوراپلا كارىۋات ئاستىغا يوشۇرغان ، كېيىن ليۇ زىلى كىرىپ نەرسە كېرەك ئىزدەۋاتقاندا ، كارىۋات ئاستىدا ئادەم بارلىقىنى سېزىپ قېلىپ ئۇنى تارتىپ چىقىدۇ . چيۇ گۇاڭخۇا ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن غالىلداپ تىترىگەن ھالدا يۈكۈنۈپ تازىم قىلىپ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىشنى ئۆتۈنىدۇ . لېكىن ليۇ زىلى قىلچە ئىككىلەنمەيلا پالتا بىلەن بىر ئۇرۇپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالىدۇ . ليۇ زىلى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، بۇنداق قىلمىسا ئاقىۋەت ئوبدان بولمايتتى . يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى تۇغقان يار بۇرادەرلىرىدىن ئالتەيلەن شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ ، قانغا – قان ، جانغا – جان ئالمىسا ۋىجدانى قەتئىي ئۇنىمايتتى .

ئۇلار يەتتە ئادەمنىڭ جېنىنى جۇدا قىلغاندىن كېيىن چيۇ دىڭكۈن ئەر – خوتۇننىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىدۇ . چى يۈيتيەن ئۇلارغا چيۇ دىڭكۈن ئەر – خوتۇن دوستلىرى چېن زوڭشى ، فەن خانىم ۋە شوپۇر بى ديەنجۈنلەر بىلەن جىنچىڭ تياتىرخانىسىغا كىنو كۆرۈشكە كەتكەنلىكىنى ئېيتقاندى . كەچ سائەت ئونبىرگە يېقىنلىشىپ ھەممەيلەن تازا تىت – تىت بولۇپ تۇرغاندا دەرۋازا سىرتىدىن ماشىنىنىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ ، ئارقىدىنلا دەرۋازىنى ئېچىشقا چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلانغان . ھەممەيلەن دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتى ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ ، دەرۋازا ئېچىلىپ ، پىكاپ ئالدىنقى ھويلىغا كىرىپ توختاش بىلەن ھەممەيلەن تەڭ يوپۇرۇلۇپ بېرىپ پىكاپنى قورشىۋېلىپ ناھايىتى چاققانلىق بىلەن چيۇ دىڭكۈن ، فېي بوپىڭ قاتارلىقلارنى تارتىپ چۈشۈرۈپ ، لۆڭگە بىلەن ئاغزىنى ئېتىپ ، كۆزلىرىنى تېڭىپ ، قوللىرىنى ئارقىسىغا قايرىپ باغلىغان ، ليۇ يۈيشەن قاتارلىقلار چيۇ دىڭكۈننى ھەيدەپ ھوجرىسىغا ئېلىپ كىرگەن . ئۇنى باغلىمىغان ئەسلى پىلان بويىچە ئۇنىڭغا پۇل ، مال – مۈلۈك ساقلانغان جاينى ئىقرار قىلدۇرېۋېلىپ ئاندىن جايلىۋەتمەكچى بولغان . فېي بوپىڭ دەرۋازا يېنىدىكى چى يۈيتيەن تۇرۇۋاتقان ياتاققا ئېلىپ كىرىلگەن . چيۇ جەمەتىنىڭ قىمارۋاز ئاغىنىسى چېن زوڭشى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۇلگەندىن كېيىن ئاغزى توختىماي ۋاتىلداپ ، ئۆزىنىڭ ھىچبىر مۇناسىۋەتسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان . ليۇ زىلى ، ۋاڭ شياڭرىنلارنىڭ بۇ قۇرۇق پاراڭلارنى ئاڭلاپ تۇرۇشقا نەدە ئۇنچىۋالا ۋاقتى بولسۇن . پالتىنى بىر سىلكىپلا ئۇنى يولغا سالغان ، شوپۇر بى دىيەنجۈن ئىشنىڭ راستىنلا چاتاق بولۇۋاتقانلىقنى پەملەپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىشماقچى بولغان بولسىمۇ پۇت – قولى بۇرۇنلا چىڭ تۇتۇۋېلىنغانلىقتىن ، ليۇ زىلى بوينىنى سىقىپ ئۇنى جايلىۋەتكەن . سۈن لىشۇن بى دىيەنجۈننىڭ تولۇق ئۆلمەي قېىلىشىدىن ئەنسىرەپ يەنە بىر پالتا چېپىۋەتكەن . ئەمىلىيەتتە خېلى بۇرۇنلا جېنى تېنىدىن جۇدا بولغان .

فېي بوپىڭ ئۆيىدىكى « جازا مەيدانى » غا باغلاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاغزىنى ۋە كۆزىنى ئېچىۋەتكەن ، ئۇ يەردە يېتىشىپ كەتكەن جەسەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق قورقۇپ ۋەھىمە يىگەن ۋە ساراسىمگە چۈشكەن . قانداقلا قىلغان بىلەنمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇلايمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ، نالە – پەرياد قىلغان . ليۇ زىلى بىلەن ۋاڭ شياڭرىنغا : « شىنجاڭدا ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر شېڭ شىسي بىلەن چيۇ زوڭجۈن تۇرسا ، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ سازايىنى مەن تارتىشىپ بېرىمەنمۇ ؟ ئۇلار مېنىمۇ ئادەم دەپ قارىمايدۇ ، دائىم بوزەك قىلىنىپ كەمسىتىلىمەن ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ جان قەرزىنى مەن تۆلىسەم ماڭا ھەقىقەتەن ئۇۋال بولىدۇ » دىگەن . ليۇ زىلى بۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلماستىن ، قولىدىكى پالتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ بىرلا شىلتىگەندە ، فېي بوپىڭنىڭ ئارقا مىڭىسىنىڭ قېتىقى چىقىپ ، جەھەننەمگە كەتكەن .

چيۇ دىڭكۈن ئۆيگە كىرىپلا جان – پېنى چىقىپ ، يېلى چىققان توپتەك بولۇپ قالغان . ئۆزىنى كىرىسلوغا تاشلاپ ، بىر ئاز ئېسىنى يىغىۋالغانغاندىن كېيىن ، سۈيقەست ، ھىيلە – كىكىر ئىشلىتىشكە كىرىشكەن : « سىلەر بۇرادەرلەردىن قانچىڭلار كەلدىڭلار ؟ ھىچ ۋەقەسى يوق . بىر ئاز پۇل ئالغاچ كېتىپ خەجلەڭلار ، ھازىر ئۆيدە ھىچقانچە پۇل يوق . يۇزنەچچە تال زىقچە ئالتۇن مۇھاجىرلار بانكىسىغا ئامانەتكە قويۇلغان . ئۆيدە پەقەت بىر تاللا زىقچە ئالتۇن بار . يىگىرمە نەچچە سەر ئۇۋاق ئالتۇن بار ، يەنە باشقا زىننەت بۇيۇملىرى بار ....... سىلەرگە يېتىشمىسە كەمىنەڭلەردىن ئېلىشقا بولىدىغان قىلىپ خەت يېزىپ بېرىمەن ياكى ئۆزۈم بىللە بېرىپ ئېلىپ بەرسەممۇ بولىۋېرىدۇ » دىگەن . ليۇ يۈيشەن ئۇنىڭغا : بىز ناھايىتى نۇرغۇن ئادەم ، ھەممىمىز سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشقا كەلدۇق ، سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنىمۇ تاما قىلمايمىز » دېگەن . . بۇ چاغدا چوڭ ئۆيدىن ئاچچىق چىقىرىغان ئاۋاز ئاڭلانغان . چيۇ دىڭكۈن ئاڭلاپلا خوتۇنىنىڭ ئۈنىنى تونۇغان ۋە ئۆڭى ئۆچۈپ ، رەڭگى تاتىرىپ ، قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە قالغان ، خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ، ھايات قېلىشىغا كۆزى يەتمىگەن ھالدا : « ھەممەيلەن كونا تونۇشلاردىنكەنمىز . شۇڭا مېنى قىينىمايلا بىر تەرەپ قىلىڭلار ، دادام قېرىپ قالدى ، ئۇنى چۆچۈتۈپ قويماڭلار ، ھەممىگە ئۆزۈم جاۋاپ قىلاي ، يەنە بىرسى بىر تال مايسا قالدۇرۇپ قويساڭلار » دىگەن ھەم قولىدىكى قول سائىتى بىلەن ئالتۇن ئۈزۈكنى چىقىرىپ ليۇ يۈيشەنگە سۇنۇپ : « بۇ قول سائەت بىلەن ئۈزۈك مەندىن خاتىرە بولۇپ قالسۇن » دىگەن . ليۇ يۈيشەن قولىغا ئالغاندىن كېيىن چيۇ دىڭكۈن بىلەن داۋاملىق پاراڭلاشقان . چيۇ دىڭكۈننى ئالتۇن ، كۈمۈش بايلىقلارنى ساقلىغان جاي بىلەن ساندۇق ئىشكاپلارنىڭ ئاچقۇچ نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان . كېچە سائەت ئۈچتىن ئېشىپ ، تاڭ ئېتىشقا يېقىنلاپ قالغان چاغدىلا ليۇ يۈيشەن چيۇ دىڭكۈننى قانداق ئۆلتۈرۈش ئۈستىدە ئويلانغان . ئۇنىڭ قىينىماي ئۆلتۈرۈش تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ قويغانلىقتىن ، چيۇ ئائىلىسىنىڭ قۇش ئوۋلايدىغان مىلتىقى بىلەن جېنىنى ئېلىش قارارىغا كەلگەن . يەنە بىر مەھەل ئىشكاپ ساندۇقلارنى ئاقتۇرۇپ مال – مۇلۇك بايلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەندە كېچە سائەت تۆتتىن ئېشىپ كەتكەن . جەسەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مېھمانخانىغا توپلاپ يوتقان كۆربىلەر بىلەن پۈركۈپ ئۇستىگە بېنزىن چېچىپ ، ئوت ئالدۇرىدىغان پىلتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مال – مۈلۈكلەرنى ماشىنىغا قاچىلاپ ئاندىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك نەق مەيداندىن كېتىپ قېلىشقان ، بۇ چاغدا تاڭ ئېتىپ قالغان .

چى يۈيتيەننىڭ زادى نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئىقرارىچە ، ئەنزىگە قول سېلىش ئالدىدا جاڭ دېيۈي كۆپچىلىككە : « چى فۇگۈەندىن پەخەس بولۇڭلار ، ئۇ چيۇ جەمەتىدە ئۇزاق تۇرغان ، چيۇ جەمەتىنىڭ ئادەملىرى ئۆلۈۋاتقان پاجىئەلىك سورۇننى كۆرگەندىن كېيىن ئېچىنىپ ئىچ ئاغرىتىپ قالسىلا ، ھەممە ئىشىمىز بىكارغا كېتىدۇ . ئىشىمىزغا قاتتىق كاشىلا قىلىدۇ » دېگەن . شۇڭا چى يۈيتيەنگە كۆپ ۋەزىپە تاپشۇرۇلمىغان . ئەنزە داۋامىدا چى يۈيتيەنگە يۈز سەر تەڭگە تەقسىملەپ بېرىلگەن . چيۇ ئائىلىسىنىڭ بىر قاپچۇق ياقۇتى بار بولۇپ ، فېي بوپىڭ كىشىلەرگە ئۆزى قولدىن چۈشۈرمەي ئېلىپ يۈرىدىغان سومكىغا چيۇ جەمەتىنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتى قاچىلانغان دىگەنكەن . چى يۈيتيەن چيۇ جەمەتىنىڭ تېگى تەكتىنى ئوبدان بىلگەچكە ئاشۇ سومكىنى قولغا چۈشۈرۈپ قىممەت باھالىق مال – مۈلۈكنى ئۆزى يالغۇز ئېلىۋالغاندەك تۇرىدۇ . چيۇ ئائىلىسىدىن كېتىدىغان چاغدا چى يۈيتيەننى ھىچكىم كۆرمىگەن . ئۇنىڭ قاچان كېتىپ قالغىنىنى ، قەيەرگە كەتكىنىنى ھىچكىم بىلمىگەن .

شىنجاڭدىن كەلگەن ۋەكىللەر

شىنجاڭدىكى ھەر ساھە خەلقى لەنجۇدا چيۇ جەمەتىنى قىرىۋېتىشتەك چوڭ قانلىق ئەنزە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چەكسىز خوشاللىققا چۆمگەن . 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 36 كىشىدىن تەركىپ تاپقان « شىنجاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ قەھرىمانلاردىن ھال سوراش ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۆمىكى » ئەيسا ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لەنجۇغا يېتپ كېلىپ ، چيۇ جەمەتىنى قان بىلەن يۇيىۋەتكەن قەھرىمانلاردىن ھال سوراپ ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرگەن . ھەر مىللەت خەلقى نامىدىن گەنسۇدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى جىنايەتچىلەرنى كەڭچىلىك بىلەن بىر ياقلىق قىلىشقا ھەمدە قەھرىمان دەپ تەقدىرلەشكە دالالەت قىلغان .

ئۆمەك غەربىي شىمال مەمۇرىي باشلىق مەھكىمىسى ، گەنسۇ ئۆلكىسى ، لەنجۇ شەھىرىكى ھەر دەرىجىلىك ئەرباپلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ ، بىر ياقتىن ئەنزىنىڭ پاش قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ ، يەنە بىر تەرەپتىن جىنايەتچىلەرنى يوقلايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئەيسا : « چيۇ جەمەتىدىكى قانلىق ئەنزە يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىمۇ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتى . ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۆمىكىمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت زاتلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن چيۇ دىڭكۈن ئائىلىسىنى قىرىپ تاشلىغان قەھرىمانلاردىن ھال سوراش ۋە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ھەمدە گەنسۇ دائىرىلىرىدىن ئۇلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن . بىز بەزىلەرنىڭ قەھرىمانلارنى مال – مۈلۈك ئۈچۈن جانغا زامىن بولغان ، قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ ، دىيىشىپ يۈرگەنلىكىنى ، شېڭ شىسەينىڭمۇ چيۇ جەمەتىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن لەنجۇغا ئادەم ئەۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ چەكسىز غەزەپلەندۇق . شېڭ شىسەي ۋە چيۇ زوڭجۈن ئېقىمىدكىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئۆلتۈرگەن ئادىمى جاڭ دېيۈي قاتارلىقلارنىڭ چيۇ جەمەتىدە ئۆلتۈرگەنلىرىدىن تۈمەن ھەسسە كۆپ ، ئەگەر جاڭ دېيۈيلەر جىنايەت ئۆتكۈزدى دىيىلسە ، شېڭ شىسەي ۋە چيۇ فامىلىلىك ئاتا – بالا ئەڭ ئاۋال قانۇنىي جازاغا تارتىلىشى كېرەك ئىدى . ئۇنداق بولمىسا قانۇننىڭ نىمە رولى بولىدۇ ؟ مال – مۈلۈكنى قەستلىگەن دىيىلسە ، چيۇ جەمەتىنىڭ ھەممە مال بىساتى شىنجاڭ خەلقىنىڭ قان تەرى ، ئۇ شىنجاڭ خەلقىگە قايتۇرۇپ ېرىلىشى ، شىنجاڭدا مەكتەپ ئېچىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئوقۇتۇش كېرەك . شېڭ شىسەي تەيۋەندە تۇرۇپ ، چيۇ دىڭكۈندىن قالغان مۈلۇۈكلەر ئارىسىدىن مەرۋايىت كەشتىلەنگەن كۆڭلەكنى ئالدى بىلەن سېتىش ...... ھەققىدە تېلېگرامما بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇق . مەرۋايىت كەشتىلەنگەن بۇ كۆڭلەك شىنجاڭنىڭ سابىق مالىيە نازارەت نازىرى چېن دېلىنىڭ كۆڭلىكى ئىدى . چېن دېلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ ، قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ دەرت – ئەلەم دەستىدىن كېسەل بولۇپ ئۆلگەن . ئۇنى دەپنە قىلىشقا پۇل بولمىغانلىقتىن نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئاران تەسلىكتە دەپنە قىلغان . بۇ قىممەتلىك بۇيۇم چېن ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك » دىگەن .

ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مياۋ فېيرەن ئەپەندىن مۇنداق دېگەن : « دىخۇا ( ئۈرۈمچى) دىكىلەر چيۇ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئائىلە بويىچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالتىس خوش بولدى . ئۇلار ياخشىلىق قىلساڭ ساۋاپ تاپىسەن ، يامانلىق قىلساڭ ھامان بىر كۈنى جازايىڭنى تارتىسەن دېگەن مانا شۇ ، دېيىشتى . بىز بۇ ئەنزىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئادىل ئىش قىلىشنى ، قانۇننى خەلق رايىغا قاراپ ئىجرا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز ، ئادالەتنى ياقىلايدىغان كۈچ بولغاندىلا كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ . مېنىڭ كۈيئوغلۇممۇ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈپ ، ئائىلىسى تامامەن خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن . چيۇ جەمەتىنىڭ بۈگۈنكى ئاقىۋىتى ھەقىقەتەن « ئاسماندا تۇرغىرە –سىرە ، چۈشۈپ قالماس ھىچبىر نەرسە » دېگەندەك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . بىز تۇتۇلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر ياقلىق قىلىشنى ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مال – مۈلكىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ، جەمىئىيەتتىكى ھەر ساھەگە ئادالەتنى ياقىلاشنى مۇراجىئەت قىلىمىز .»

ئۆمەكتىكىلەر زور مىقداردىكى ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ 7 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە كېلىپ ، چيۇ جەمەتىدىكى ئەنزىنىڭ جىنايەتچىلىرىدىن ھال سورىماقچى بولغان ، ئىدارە باشلىقى گو جۇاڭ ئۇلارنى دەرۋاز ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالغان ، ئەدلىيە بۆلۈمچە باشلىقى ۋاڭ دېمىڭ بىلەن جازا ساقچىلىرى باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى فەن زوڭشياڭ ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان . مېھمانلار بىلەن ساھىپخان ئۆزئارا بىرقانچە ئېغىز تەكەللۇپ سۆزى قىلىشقاندىن كېيىن ، ساقچىلار ھەرقايسى كامېرلارغا بېرىپ جىنايەتچىلەرگە خەۋەر قىلغان . جاڭ دېيۈي ئىشتىن بۇرۇن شىنجاڭلىقلار كەلگەنلىكىنى بىلمىگەن ، ئۇ ئاڭلاپ بەك ھاياجانلانغان ، بىرقانچە مىنۇتتىن كېيىن قولىدا كويزا ، پۇتىدا كىشەن كۆرۈشۈش زالىغا كىرگەن . ھال سورىغۇچىلار قىزغىن چاۋاك چېلىپ سالام بەرگەن . جاڭ دېيۈي قايتا – قايتا ئېگىلىپ تازىم قىلغان ھەمدە ئۈستەل ئالدىغا يۆلەپ ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ : « بۇ ئەنزىدىكى ئىشلارنى مەن ئىشتىن بۇرۇن بىلمەيتتىم . ئۇلار ئىشلەپ بولۇپ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن . چيۇ فامىلىلىك ئاتا – بالا شىنجاڭدىكى چاغدا بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزدىن نەچچە ھەسسە زەھەرلىك ، قەبىھ شۇملۇقلارنى قىلغان . شىنجاڭلىق قېرىنداشلار ئۇلارنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان . شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈن ئاتا – بالا ئەسلىدە قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك ئىدى ، ئەمما قانۇن ئۇلارنى زادىلا سۈرۈشتۈرۈپ باقمىدى .ئۇلار ئىلگىرى دائىملا كىمنى ئۆلتۈرسەكمۇ ئۆلتۈرىۋېرىمىز ، ھىچكىم بىزنى بىرنىمە قىلالمايدۇ ، دىيىشىپ يۈرەتتى ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىدى » دېدى . ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ : « شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ قول چوماقچىلار گۇرۇھى شىنجاڭدا ئۆتكۈزگەن جىنايى شۇملۇقلار ھەممىگە مەلۇم ، ھەر مىللەت خەلقىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قىرغىن قىلىنىپ ، خەلق ئاياق ئاستى قىلىندى ، مال - بىساتى بۇلاپ - تالاندى . كىشىلەر يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ خانىۋەيران بولۇپ كەتتى . نامراتلىشىپ جان باقالماس ھالغا كەلدى . بىر دۆلەتتە مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ چىقىشى شۇ دۆلەت ئۈچۈن چوڭ نومۇس ، دۆلەت ئۇلاردىن ھىساب ئېلىشى كېرەك . شۇڭا مەن ھەرقايسىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن ۋە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن . شىنجاڭدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە شەرقىي شىماللىقلارغا قارىتا ئۇقۇشماسلىق بولغان . ھازىر سىلەر نومۇسۇڭلارنى يۇيدۇڭلار ، ھەممە كىشى سىلەرگە ھېسداشلىق قىلماقتا . بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنى تۇتۇش ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرىيىتى بىز ئەڭ يۇقۇرى دائىرىلەردىن خەلق رايىغا بېقىشنى ، ئەنزىنى ئادىل بىر ياقلىق قىلىشنى ئۈمىد قلىمىز » دېدى . ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگە ئۇيغۇر ۋەكىل ئابدۇللا جاڭ دېيۈيگە تاۋۇز ، تاماكا ، تورت قاتارلىق بۇيۇملارنى تەقدىم قىلدى . جاڭ دېيۈي ئاخىرىدا سۆز قىلىپ ، شىنجاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ لەنجۇغا ھال سوراش ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ، چاۋاك ئاۋازى ئىچىدە زالدىن چىقىپ كەتتى .

چېن يۇڭچۈن ، سۈن لىشۈنلەر ئىككى – ئۈچتىن بولۇپ كۆرۈشۈش زالىغا كىرگەندە سورۇن تېخىمۇ قىزغىن بولۇپ ، جانلىنىپ كەتتى . چېن يۇڭچۈن ئۆرە تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا : « بىز ئەسلىدە شىنجاڭ خەلقىگە ۋەھشىيانە زىيانكەشلىك قىلغان بۇزۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتمەكچى ئىدۇق . ھازىر ئازغىنە بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلدى . پىلاننى تولۇق ئورۇندىيالمىدۇق ، شۇڭا ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجالەت بولۇۋاتىمىز ، شىنجاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ ھال سوراش ئۆمىكى ئالدىدا ئىچ – ئىچىمدىن ئۆكۈنۈپ بىئارام بولماقتىمەن . بۇ قېتىم لەنجۇدىكىلەرگىمۇ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردۇق . ئۇلار بىز تارتقان ناھەقچىلىكتىن بىخەۋەر ، بىز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس ، شىنجاڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدۇق .... » دېدى .

سۇن لىشۈن : « كۆپچىلىكنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەخىتلىك ھىس قىلدىم . بىز شىنجاڭدىكى 14 مىللەتنىڭ 4 مىليون خەلقىغە ۋاكلىتەن لەنجۇغا يېتىپ كېلىپ ئىنتىقام ئالدۇق . كېيىن شېڭ شىسەينىڭ تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ، يەنە تېخى چيۇ جەمەتىدىكىلەرنىمۇ تەيۋەنگە تېزراق بېرىۋېلىشقا دەۋەت قىلىپ تېلېگرامما ئەۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇقتە ، ۋاقىتنى سوزماي قول سالدۇق » دېدى ، سۇن لىشۈن سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئابدۇللا ھاياجانلىنىپ ، ئۇيغۇر تىلىدا « ياشاپ كەت ئەزىەمتلەر » دەپ ۋاقىراپ سالدى ھەم ئۇلارغا سوۋغا بۇيۇملىرى تەقدىم قىلدى .

ئەڭ ئاخىرىدا ليۇ زىلى ، ليي يۈيشەن ، ۋاڭ شياڭرىن ، جاڭ جانشېڭ تۆتەيلەن ئارقا – ئارقىدىن كىرىپ كەلدى . ھال سوراش ئۆمىكىدىىكىلەر چاۋاك چالغاچ ھەر بىرسىنىڭ ئىسمىنى سورىدى ، يالغۇز ئۆزى يالغۇز سەككىز ئادەمنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ليۇ زىلىنى تونۇغان ھەممەيلەن ھەيرانلىق ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھېسسىياتى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراشتى ، ئارقىدىن ئەيسا ئۆزلىرىنىڭ كېلىش مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ : « سىلەرنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشىڭلار ئادەتتىكى ئادەم ئۆلتۈرۈش ، ئوت قويۇشقا ئوخشىمايدۇ ، دۆلەتكەن زىيان سالغان ھارام نىيەتلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش – خەلقنى زىيانداشلاردىن قۇتۇلدۇرغانلىق ، شۇڭا سىلەرنى تەقدىرلەش ، مۇكاپاتلاش لازىم .....» دېدى . ليۇ يۈيشەن ، ليۇ زىلىلار تەشەككۈر بىلدۈرۈشتى . ليۇ زىلى چيۇ جەمەتىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ مەنبەسىنى تونۇشتۇرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن : « شېڭ شىسەي تەيۋەنگە مىڭ تال زىقچە ئالتۇننى يۆتكەپ كەتتى . چيۇ جەمەتىدىكىلەرمۇ چەتكە قېچىپ كەتمەكچى بولۇشتى . شۇڭا ئاۋۋال ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتېۋېتىپ ، ئاندىن باشقا كەلگەننى كۆرمەكچى بولغان ئىدىم ، شۇڭا بۇرۇنلا ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان ، ھايات تۇرسام خوشال بولۇپ كەتمەيدىغان ، ئۆلۈپ كېتىشكە توغرا كەلگەندە مەيۈسلەنمەيدىغان ، ئۆلسەممۇ ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايدىغان بولۇپ قالغاندىم ....... » . ئۇ سۆزىنى تۈگەتكەندە يەنە چاۋاك – ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى ، ئۇلارغىمۇ ھال سورش بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىندى . شۇ ئارىدا ، ئەيسا ۋەكىللەر سۇنغان ئىككى پارچە باغاقچىنى ئوقۇدى ، ئۇنىڭدا 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چيۇ جەمەتىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ جەريانىنى بايان قىلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندى . ئەيسا : « بۈگۈن ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى . ئەڭ ياخشىسى قەھرىمانلار يېزىپ چىقىپ بىزگە بەرسە ، بىز شىنجاڭغا ئېلىپ كېتىپ تۈرلۈك يېزىقتىكى گېزىتلەردە ئېلان قىلساق . ھەممەيلەن ئوقۇپ راسا پۇخادىن چىقسا » دېدى . ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن جىنايەتچىلەر تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلدى، ئۆمەكتىكىلەر بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن ، تۈرمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ جىنايەتچىلەرى يوقلاپ ، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسىدىن چىقىپ كېتىپ قېلىشتى .

كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقى

چيۇ جەمەتىنى قىرغىن قىلىش ئەنزىسىنىڭ باش جىنايەتچىلىرى قولغا چۈشكەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ تەرجىھالى بىلەن ئىقرارنامىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى گېزىتتە ئېلان قىلىندى ، نەتىجىدە جامائەت پىكرىدە يەنە بىر قېتىم داۋالغۇش بولۇپ ، شەھەر ئاھالىسى ھەممىلا يەردە غۇلغۇلا قىلىشقاندىن تاشقىرى ، ھەر ساھەدىكى بىلىملىك زاتلارمۇ ئۆلكە ۋە شەھەردىكى ھەرقايسى گېزىتخانىلارغا ماقالە ئەۋەتىپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشتى ، ھەممەيلەن بىردەكلا چيۇ فامىلىلىك ئاتا – بالىنىڭ شىنجاڭدا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ، قاتمۇ – قات قان قەرىزگە بوغۇلغان ، تېگىشلىك جازاسىنى تارتتى ، ئۇلارنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ھەققانىي غەزەپ بىلەن ئۆزلىرى ۋە بىرقانچە قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى ، بۇ گۇناھ ئەمەس ، زور تۆھپە ، ئۇلار مۇكاپاتلىنىشقا ، تەقدىرلىنىشكە تېگىشلىك دەپ ھېسابلىغان . مەن بۇ يەردە شۇ چاغدا ئېلان قىلىنغان بىرقانچە ماقالىنى كىتابخانلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن .

« تىنچلىق گېزىتى » نىڭ مىنگونىڭ 38 ( 1949 ) – يىل 7 – ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى سانىنىڭ 4 – بېتىگە مۇنۇلار بېسىلغان : « گېزىتخانىمىز چيۇ جەمەتىدىكى قانلىق ئەنزە توغرىسىدا غەلىتە پىكىر بايان قىلغان ئىككى پارچە خەت تاپشۇرىۋالدى .

گېزىتىمىز خەۋىرى : چيۇ جەمەتىدىكى ئەنزە پاش قىلىنغاندىن كېيىن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا ، گېزىتىمىزنىڭ تىجارەت بۆلۈمى تازا ئالدىراش ئىشلەۋاتقاندا ، ئۇشتۇمتۇتلا « ۋاڭ مېنشىڭ  » ( خەلق رايىغا نەزەر سالغۇچى ) ، « فەنباۋلى » ( زوراۋانلىققا قارشى تۇرغۇچى ) دىگەن تەخەلللۇس ئىشتىلگەن ئىككى پارچە خەت تاپشۇرىۋالدى . ئالدىنقى خەت پوچتا ئارقىلىق كەلگەن ، كېيىنكى خەتنى بىراۋ گېزىتخانىمىزغا كېلىپ تاپشۇرغان ، يۇقۇرىدىكى ئىككى پارچە خەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ . قاتىللارنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ھەرىكىتىگە تامامەن ھېسداشلىق قىلىپ ، ئۇلارنى ئاقلاش يۈزىسىدىن يېزىلغان ، گېزىتىمىز جەميئىيەتكە مۇلازىمەتچىلىك قىلىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىككى پارچە خەتنى مۇھىم دەپ قاراپ ، جەميئىيەتتىكى زاتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ بېرىش يۈزىسىدىن تولۇق تېكىستى بىلەن باستۇق . چيۇ جەمەمتىدىكى ئەنزە پاش قىلىنغاندىن كېيىن تۇتىۋېلىنغان جىنايەتچىلەرنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشتا قانۇن ئورگانلىرى ئۇلارنى قانۇن بويىچە جازاغا تارتىدۇ ، ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالالمايدۇ . ھېچكىمنىڭمۇ ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى يوق . ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ قىلغاندا ، چيۇ دىڭكۈننىڭ جىنايىتى پەلەككە يەتكەن بولۇپ ، ئۆلتۈرۈلسىمۇ كۇپايە قىلماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ئۇنىڭ گۆدەك ، نارەسىدە پەرزەنتلىرى ، دوست – بۇرادەرلىرى ، چاكار – مالايلىرى قاتارلىقلارنىڭ نىمە گۇناھى بار ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا شۇنچىۋالا زەھەرخەندىلىك قىلىنىدۇ ؟ بۇ گېزىتخانىدىكىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ئەلۋەتتە ( تۆۋەندىكى ئىككى پارچە خەتنىڭ خاتالىقلىرى بەك كۆپ بولسىمۇ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىدىدە ، تەھرىر تۈزىتىش كىرگۈزمىىدى ) .

بىرىنچى پارچە خەت

تەھرىر ئەپەندى : گېزىتىڭلار ئەزەلدىن تارتىپلا ئادالەتنى ياقىلاپ ، يامانلىقتىن يىرگىنىپ ، دۆلەتنىڭ مۇناپىقلارنى تازىلىشى ، خەلقنىڭ زوراۋانلىقنى يوقىتىشى ئۈچۈن يار – يۆلەك بولۇپ رېئال جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىقلەرنى پاش قىلىپ كەلدى . شۇڭا مەن ئەرزىمەس ماقالەمنىڭمۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بېسىم قانچە زور بولسا ، قارشىلىقمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ ، بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت . مېنىڭ ئەنزە توغرىسىدا ئادىل مەيداندا تۇرۇپ يازغان بۇ تەھلىلى ماقالەمنىڭ پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەربابلار ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ، خەلق تەشكىلاتلىرى ، ئادالەتپەرۋەر زاتلارنىڭ باھالىشى ۋە ئاقىلانە ھۆكۈم قىلىشى ، قاتىللارنىڭ پۇشايمان قىلىشىغا پايدىسى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن .

تەھرىر ئەپەندىگە ئامان ئىسەنلىك تىلەپ :

فەن باۋلى 29 – ئىيۇن

1 . ئەنزە يۈز بەرگەندىن كېيىن جەمئىيەتتىكى زاتلار كۆپىنچە ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ۋەقەنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىگە ئېتىبار بەرمەيۋاتىدۇ . ئادالەتپەرۋەر زاتلار ۋە ھوقۇقدار ئەربابلارنىڭ ۋەقەنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە يەكۈنىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . شىنجاڭدا 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قىرغىن قىلىنىشى بۇ ئىشنىڭ ئەسلى سەۋەبى بولۇپ ، تەپسىلى ئەھۋالنى « شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭغا سالغان كۈلپەت – تالاپىتى » دېگەن كىتابنىڭ 1 - ، 2 – قىسىملىرىنى كۆرۈپ چىقسىلا ، شېڭ شىسەيدىن ئىبارەت بۇ دىۋىنىڭ شىنجاڭنى دەپسەندە قىلغان پاكىتىلىرىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .

2 . زوراۋان ، ياۋۇز ھوقۇقدار شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈن ، ۋاڭ خوڭزاۋ ، لى يىڭچى ، لى پۇلىن قاتارلىقلار شىنجاڭدا ئون يىل ھۆكۈمرانىلىق قىلىش جەريانىدا ، شىنجاڭ خەلقى ۋە شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيىدىن جەمئىي يۈز نەچچە مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ ، 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قىرغىن قىلغان . ئاتا – ئانا ، خوتۇن ، بالا – چاقىلىرىدىن كېچىپ ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي شىمالدىن شىنجاڭغا بارغاننىڭ نەتىجىسى ئۆلتۈرۈلۈش بولسا ، جەمئىيەتتىكى ھەققانىيەتچىل كىشىلەر ئۇلار تارتقان ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالامدا ؟

3 . سېسىق نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن ياۋۇز دىۋە شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ يالاقچىلىرى شۇنچىۋالا كۆپ مال – مۈلۈكنى خىيانەت قىلسا ، شۇنچىۋالا ئادەمنى قىرغىن قىلسا يەنىلا قانۇنىي جازاغا تارتىلماي ، كۆرەڭلەپ مۇتىھەملىك قىلىپ يەنىلا ھوقۇق تۇتۇپ يۈرىۋاتىدۇ . ئېھتىمال ۋەھشى بۇزۇقلارنى يوشۇرۇپ قېلىش جوڭگونىڭ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتى بولغاچقا ھۆكۈمەت قۇلىقىنى يوپۇرۇپ يۈرىۋاتقان بولسا كېرەك .

4 . دۆلەت ئۈچۈن مىللىي مۇناپىقلارنى يوقىتىپ بەرگەن چيۇ جەمەتىدىكى ئەنزىنىڭ قاتناشچىلىرى ھەققىدە كىچىك ئىشنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ ھەدەپ ئۇلارنىڭ شەنىگە ھۇجۇم قىلىنىۋاتىدۇ . ئەمەلدار ئەمەلدارنىڭ قاياشى بولۇش راستىنلا جوڭگولۇقلارنىڭ « پەزىلىتى » ۋە ئۆزىگە خاس خىسلىتى بولسا كېرەك .

5 . شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈن ، ۋاڭ خوڭزاۋ ، لى يىڭچى ، لى پۇلىنلار زادى قايسى پارتىيە ، قايسى گۇرۇھقا تەۋە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى نەزەرنىڭ سىرتىدا قالدۇرماسلىقنى ، ۋاڭ خوڭزاۋنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە نىمە شۇملۇقلارنى قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئۇلارنىڭ شۇملۇقلىرىنى تەڭرىلا بىلىدۇ . شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈنلەرنىڭ نەدە تەربىيىلىنىپ پارتىيىگە كىرىپ قالغانلىقىنىمۇ تەڭرىلا بىلىدۇ .

6 . شىنجاڭ خەلقى ۋە شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە شېڭ شىسەي ، چيۇ زوڭجۈن ، ۋاڭ خوڭزاۋ ، لى يىڭچى ، لى پۇلىنلارنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئارقا – ئارقىدىن ئەرز قىلغاندا كىم سۈرۈشتۈرۈپ باققان ؟ بۇنى ھەقىقەتەن ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزئارا يان بېسىش، بۇزۇقلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ ، توغرا ئادەملەرنى جازالاش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ .

7 . مەن جەمئىيەتتىكى ئادالەتپەرۋەر زاتلارغا ، جامائەت پىكرى ساھەسىدىكى زاتلارغا بۇ ئەنزە قاتناشچىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى ، ئۇلارنى بۇزۇقلارنى ئۇجۇقتۇرغۇچى قەھرىمانلار دەپ ئاتاشنى مۇراجىئەت قىلىمەن . ناۋادا ھوقۇقدارلار لايىق بىر تەرەپ قىلمىسا بىزگە يەنە بىر قېتىم ئىنقىلاب قىلىشتىن باشقا ئىلاج يوق !

ھوقۇق تۇتىۋاتقانلارنىڭ ئاۋۋال « شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭغا سالغان كۈلپەت – تالاپىتى » دېگەن كىتابنىڭ 1 - قىسمىنى كۆرۈپ چىقىشىنى ، ئاندىن كېيىن ئاق نىيەت بىلەن ۋىجدانەن ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ بۇ ئەنزە ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . دىققەت قىلغايسىلەر .....

ئىككىنچى پارچە خەت

تەھرىر ئەپەندى : پېقىرنىڭ نەزىرىدە ئىككىمىزنىڭ ھېسسىياتى خېلىدىن بۇيان ئوخشاپ كېلىۋاتىدۇ . شۇڭا ساختا ئارىلاشتۇرماي كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى يازدىم . ئەپەندىم مالال كۆرمىسىڭىز ، مېنىڭ ماقالەم گېزىتىڭلارنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئورۇن ئالسا جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان زاتلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن بولاتتۇق ، شۇنداق ئەمەسمۇ تەھرىر ئەپەندىم ؟

مەن ئانچە – مۇنچە مەكتەپ يۈزى كۆرگەن ئادەممەن ، ساۋاتسىز كىشىلەرگە قارىغاندا مەلۇماتلىقمەن . ئىچىمدىكى دەرتلىرىمنى ئانچە – مۇنچە ئىزھار قىلالايمەن . ھالبۇكى دەرت –ئەلىمىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ئىشچى دېھقانلار ئاممىسى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ، ئۇلار مۇشۇنداق ئىشنى قانداق ئىپادىلەشنى كۆڭلىدە ئېنىق بىلمەمدۇ ؟

تەھرىر ئەپەندىم ، مېنىڭ بۇ قىسقىغىنە ماقالام گېزىتتە بېسىلىپ چىققان تەقدىردىمۇ ئېھتىمال ھېچقانچە ئۈنۈم بەرمەس ، شۇنداق بولسىمۇ پېقىر ھېچنىمىدىن تەپ تارتمايلا ئۆزلىرىدىن بۇ ماقالىنى بېسىشنى ئۆتۈنۈپ سورايدۇ . مېنىڭ تەشەككۈرۈمنى قوبۇل قىلىشقا پېتىنالارسىزمۇ ؟

ۋاڭ مېنشىڭ

مىنگونىڭ 38 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى

مەن ئالدى بىلەن تەھرىر ئەپەندىگە شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتەيكى ، مەن ليۇ يۇيشەن قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تونۇمايمەن .

مەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ليۇ يۇيشەن قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشنى ، خەلقتىن ئەپۇ سوراشنى تەشەببۇس قىلىمەن .

يېقىنقى كۈنلەردە لەنجۇدىكى گېزىتلەر چيۇ جەمەتىدە يۈز بەرگەن قاتىللىق ئەنزىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز خەۋەر قىلدى . چيۇ دىڭكۈننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر يېڭى تارقالغاندا ، ھەممىلا ئادەم ھەممىلا يەردە غۇلغۇلا قىلىشىپ بارىكاللا دېيىشكەن ، ھەممىلا ئادەم چيۇ دىڭكۈننى « بېشىنى يېگىنى خوپ بوپتۇ » دېيىشكەن . ليۇ يۇيشەن قاتارلىقلارنىڭ خەنجىرى دەل ۋاقتىدا خەلقنىڭ ئارزۇسى بويىچە سانجىلغان ناھايىتى مۇۋاپىق سانجىلغان خەنجەر ھېسابلانغان .

ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ چيۇ دىڭكۈن ھايات ۋاقتىدا مەنسەپتە ئادىل ئولتۇرمىغانلىقى ، بىگۇناھ پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قاقشاتقانلىقى ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلغانلىقىنى ، سەللا دىتىگە ياقماي قالغانلارنى ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ، ئۆمۈر بويى دۆلەتكە ، مىللەتكەن زىيان يەتكۈزۈپ كەلگەنلىكىنى تەپسىلى بىلىپ بولدى . بۇنداق مۇناپىق ، ئوغرى قاراقچىنى ئۇنىڭ بىلەن چىقىشالمايدىغان ئۆچ ئاداۋىتى بار ليۇ يۈيشەن قاتارلىقلارنىڭ ئۆلتۈرىشىگە تېگىشلىك بولۇپلا قالماستىن ، دۆلەتكە سادىق ، خەلققە سادىق ھەر قانداق بىر ۋىجدانلىق ئادەم چوقۇم قاغىماي ، لەنەت ئېيتماي قالمايدۇ . چيۇ دىڭكۈننىڭ جېنى ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە يەتمەيدۇ . ئەپسۇسكى چيۇ جەمەتىدىكى ئەنزە سادىر بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز دەۋالغان ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە ئەمەلدار كاتتىلىرى قاتتىق ئۈركۈپ كېتىشتى . ئۇلار نەچچە يۈزلىگەن چارلىغۇچى ، پايلىغۇچىلارنى ئىشقا سېلىپ ، 50 نەچچە كۈن پالاقلاپ يۈرۈپ ، ليۇ يۈيشەن قاتارلىق بەش – ئالتە نەپەر كىشىنى تۇتىۋالدى . مېنىڭ قارىشىمچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنى ئەتەي ئادەتتىكى قاتىللىق ئەنزىسى قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىدۇ . ئۇلارنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . شۇڭا مەن خەلق ئۈچۈن ، ليۇ يۈيشەنلەر ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىمەن .

ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان . خەلقنىڭ ئازاپلىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ جىنايىتى ، ھەرقانداق سىياسىي تۈزۈلمىدە بولسۇن بۇ بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيان يىمىرىلمەي كېلىۋاتقان ھەقىقەت . جوڭگو تارىخىدىكى ياۋشۈننى مىسالغا ئېلىش ھاجەتسىز . چيۇ دىڭكۈننىڭ شۇنداق زور ۋەھشىيانە جىنايىتى بار تۇرۇقلۇق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ھېچقانداق جازا بەرمىگەن . دۆلەتكە ئاپەت ، خەلققە كۈلپەت ياغدۇرغان بۇ ياۋۇز قاراقچى خەلق ئۈستىدىن داۋاملىق زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىپ يۈرىۋەرگەن . دېمەك ھۆكۈمەتمۇ ئانچىلا ھۆكۈمەتكە ئوخشىماي قالغان .

خەلقنىڭ كۆزى روشەن ، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ باشقا بىر + + ئىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ ، چيۇ دىڭكۈنلارغا نەزەر سېلىشقا زادىلا يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئتى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن . ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن . زادى تاقەت قىلىپ تۇرۇۋېرىشكە بولمايدىغان يەرگە يەتكەندە ، ئۆزلىرى سەكرەپ مەيدانغا چۈشۈپ بىۋاستە قول سېلىشقا مەجبۈر بولغان . ليۇ يۈيشەن قاتارلىقلارنىڭ چيۇ دىڭكۈننى ئۆلتۈرىشى ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان كىچىك ئىش . ئەمما كىچىك ئىشلار دائىم چوڭ ئىشلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالىدۇ . ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇشۇ پۇرسەتتە دەرھال ھۇشىنى تېپىپ ، خەلق مەنپەئەتىگە ئاساسەن سىياسەتتىكى ئللەتلەرنى تۈزىتىۋېلىشى لازىم . بۇنداق قىلىش ھۆكۈمەتكە پايدىلىقلا بولىدۇكى زادى زىيانلىق بولمايدۇ . لېكىن ھۆكۈمەت بۇنداق ئويلىمىدى ، خەلق ئىشنىڭ نېمىلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ، ئۇلار يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ، ھەق – ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ ، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە زىت ھەرىكەت قىلىپ زور مىقداردا پۇل خەجلەپ ، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئادەم كۈچ سەرپ قىلىپ ئاتالمىش جىنايەتچى دېيىلگەنلەرنى تۇتۇشقا پېتىندى . ھۆكۈمەت خەلققە خىزمەت قىلماي خەلققە گۆر قازدى .

دەرۋەقە ليۇ يۈيشەن قاتارلىق كىشىلەر زادى ئۆلتۈرگىلى بولمايدىغان كارامەت كىشىلەرمۇ ئەمەس . بىراق ھۆكۈمەت مۇشۇنداق نام بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرىدىغان بولسا ، ئۇ چاغدا ھۆكۈمەتنىڭ خەلق بىلەن ئەتەي قارشىلىشىۋاتقانلىقى تېخىمۇ پاش بولىدۇ . خەلقتىن يىراقتا تۇرىدىغان ھۆكۈمەت خەلق تەرىپىدىن ئىرغىتىپ تاشلىنىدۇ . خەلق ئۆزلىرى بىلەن قارشىلىشىدىغان ھۆكۈمەتنى تەۈپ يىلتىزىدىن قومۇرىۋەتمەي بولمايدۇ ؟

مۇشۇ كۈنلەردە ھۆكۈمەتنىڭ شۇنچىۋالا نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى ئىچىدە دۆلەتكە ، خەلققە سادىق بىرەرسىمۇ قالمىدىمۇ ؟ پېقىر خەلق ئىچىدىكى بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھۆكۈمەتكە نەسىھەت قىلىپ قويايكى ، ليۇ يۈيشەن قاتارلىقلارنى زادى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ . ئەكسىچە ئۇلارنى دارھال قويۇۋېتىش بىلەن بىللە خەلقتىن گۇناھىڭلارنى تىلەپ كەچۈرۈم سورىساڭلار بولىدۇ . ھازىردىن ئېتىۋارەن دېموكىراتىيەگە يۈزلىنىپ ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق تونۇپ ، ئادىل يول تۇتۇپ ، سىياسىنى يېڭىلاش لازىم . شۇنداق قىلغاندىلا ناھەقچىلىكتە سوۋۇپ كەتكەن خەلق كۆڭلىنى ئانچە – مۇنچە بولسىمۇ تەسكىن تاپتۇرۇپ كەچۈرۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . ئۇنداق قىلمايدىغان بولسا ليۇ يۈيشەن قاتالىقلار ئۆلتۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ ، مىڭلىغان ، تۈمەنلىگەن ليۇ يۈيشەنلەر خەلق بىلەن زىتلاشقان ھۆكۈمەتنىڭ پېيىغا چۈشمەي قالمايدۇ !

« تىنچلىق گېزىتى » مۇخبىرى ۋاڭ باۋشېڭ ھەم گېزىتتە ئوبزور ئېلان قىلىپ ( ئەسلى تېكىستى قىسقارتىپ ئېلىندى ) « ... مەن ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىنتايىن پاجىئەلىك چوڭ قىرغىنچىلىقنى كۆرۈپ ، شېڭ شىسەي شنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ سىياسىي جەھەتتە ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئاقىۋىتى دەل شۇنداق بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم . شۇڭا ئويلانغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دادىللىق بىلەن يېزىپ چىقتىم . نېمىلا دېيىلمىسۇن ، بۇ بىر سىياسىي خاراكتىرلىك تىراگېدىيە ، خۇددى لۇشۈن ئېيتقاندەك ، قان قەرزنى ھامان بىر كۈنى ئوخشاش نەرسە بىلەن قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . قەرز ئارقىغا سۈرۈلگەنسېرى ئۆسۈمىمۇ شۇنچە زور بولىدۇ .

چيۇ جەمەتىدە ئەنزە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، بۇ ۋەقەگە دەل كېلىدىغان يەنە بىر ۋەقە يادىمغا كېلىپ قالدى . پېقىر بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ھەر بىر تراگېدىيە ۋە ئۇنىڭ ئىچكى سىرىنى ئۇقۇشۇپ بېقىش نىيىتىدە قۇملۇققا سەپەر قىلغاندىم . شېڭ شىسەي شىنجاڭدا ئون يىل « شىنجاڭ پادىشاھى » بولۇپ تۇرغاندى . تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۇ يەردە يەنىلا يوشۇرۇن كىرىزىس پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ . بۇ ئەھۋال مېنى تولىمۇ ئەجەپلەندۈردى . بۇ ھال خۇددى شېكسپىرنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئاخىرقى ئون يلىدىكى تراگېىيلىك تەسۋىرلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ . ئۇلار ئازاپ ئىچىدە تۇرۇپ ئىنتىقام ئېلىشنى ئويلايدىكەن . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالمايدىكەن . مەن چيۇ زوڭجۈنگە شېڭ شىسەيدىن كەلگەن خەتنى كۆرگەندىن كېيىن شېڭ شىسەي قېيىن ئاتىسىغا قىساسچىلار بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ ھېساب ئېلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېزلىكتە قېچىپ كېتىشنى نەسىھەت قىلىپ قايتا – قايتا ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇم . مەكتۈپلار شېڭ شىسەينىڭ تارىختا ھەقىقەتەن ئېغىر گۇناھ قىلغانلىقىغا ئىقرار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ،

دىخۇا ( ئۈرۈمچى ) دا ئىنتايىن ھەشىمەتلىك ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئىبادەتخانىدەك مۇقەددەس جاي دەپ قارىلىدىغان بىر چەكلەنگەن قورۇ بار بولۇپ ، ئۇ چيۇ جەمەتىدە ئۆلتۈرۈلگەن پېشقەدەم خوجايىن چيۇ زوڭجۈننىڭ تۇرالغۇ جايى ئىدى . چيۇ زوڭجۈن شېڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرنىڭ شاھىنشاھى ھېسابلىناتتى . ئۇنىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرىنى ئىگىلىگەن ھەيۋەتلىك داچىسى ئۇۈرۈمچى دەرياسىنىڭ ياقىسىغا سېلىنغان بولۇ ، كۆلىمىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى پېقىرغا نامەلۇم ، چيۇ زوڭجۈن بۇ داچىسىغا « نۇرباغ » دەپ نام بەرگەن . نۇرباغنىڭ ئۈچ چوڭ دەرۋازىسى بولۇپ ، ئوتتۇرىدىكى دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە « نۇرباغ » دېگەن خەتلەر چوڭ قىلىپ يېزىلىپ ئاستىغا « ئاق كۆڭۈللەر ئەۋلىيا بولغاي » دېگەن خەتلەر كىچىكرەك تىك يېزىلغان . جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە « دۇنيا تەدرىجى ئالغا باسماقتا » دېگەن سۆزلەر يېزىلغان . شىمالىي دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە « نۇر پارلايدۇ مەڭگۈگە » دەپ يېزىلغان . بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنگونىڭ 31 – يىلى ( 1942 – يىلى ) چيۇ زوڭجۈننىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان خەتلەر . بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆزىلا غايەت مەسخىرە خاراكتىرىگە ئىگە . ئەگەر چيۇ زوڭجۈننىڭ ئەرۋاھى بولىدىغان بولسا شۇ تاپتا قانداق ھېسياتتا بولار ئىدىكىن ؟ ........

ھەيۋەتلىك « نۇرباغ » بۈك – باراقسان دەرەخزارلىق ، گۈلزارلىق ئىچىدىكى مەنزىرىلىك جاي بولۇپ ، پىپايان ئوكياندىكى يالغۇز پاراخوتقا ئوخشاش ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى . ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىمارەتلەر خۇددى ئۈرۈمچىنىڭ نەنلياڭ دېگەن يېرىگە جايلاشقان ، بىر كىلومېتىر دائىرىدىكى سۇۋادان تېرەكلەر ئارىسىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ ئىمارەتلىرىگە ئوخشاپ كېتەتتى . مەن ھەر بىر كونكىرېت ئىمارەتنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق سۆزلەپ بېرەلمەيمەن . ئەمما شېڭ شىسەينىڭ قېيىن ئاتىسى يەنى چيۇ زوڭجۈننىڭ قەدىناس خوتۇنى ۋاڭ خېنىمنىڭ ياغاچ بىلەن قاشالانغان قەبرىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان . قەبرە قورۇنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى بىر بوشلۇققا سېلىنغاندى .

شىنجاڭدىكى يەرلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، نۇرباغدا مىنگونىڭ 28 – يىلى ( 1939 – يىلى ) ئەتىيازدىن باشلاپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ ، ئۈچ يىلدا ئاران پۈتكەن ئىكەن . بۇ دىخۇا (ئۈرۈمچى ) دىكى دوبەن مەھكىمىسىدىن قالسا بىردىنبىر چەكلەنگەن جاي ھېسابلىناتتى . دەرۋازا ئالدىدىكى چوڭ يولدا پۇقرالارنىڭ مېڭىشىغا مۇتلەق رۇخسەت قىلىنمايتتى . ئاڭلىشىمچە بۇرۇن ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى نۇرباغنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا قاراۋۇل ئۇلارنى تۇتۇپ ئېلىپ كىرىپ كەتكەن ، چيۇ زوڭجۈن شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى قىيناپ تۇرۇپ سوراق قىلغان . ئۇرۇپ خورلاپلا قالماستىن بىر كۈن يۈكۈندۈرۈپ قويغان . 69 – قورادىكى قەتلى قىلىنىش بىلەن « نۇرباغ » دا زوراۋانلىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك ، ئۆزلىرىنى كارامەت قەھرىمان چاغلىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا ئىنتايىن ئادەتتىكى چاكىنا كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز .

تارىخ رەھىمسىز ، چيۇ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىرىپ تاشلىنىشى دەل ئۇلار « ئاسماندا تورغىرە – سىرە » دېگەن دىرامىنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا يۈز بەرگەن . بۈگۈنكى كۈندە چيۇ جەمەتى قەسرىنىڭ مال – مۇلكلىرىنى ئېنىقلاشقا مەسئۇل بولىۋاتقان شەرقىي شىماللىق يۇرتداشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ليۇ شىڭخېي ئەينى يىللاردا ناھەق تۇرمىدە ياتقانلارنىڭ بىرسى ئىدى . مەن قانغا مىلەنگەن جەسەتلەر ئارىسدىن « شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭغا سالغان كۈلپەت – تالاپىتى » دېگەن كىتابنى كۆرۈپ قالدىم . بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى ليۇ شىڭخېي ياغان ئىدى . بۇ كىتابنىڭ يەنە بىر ئاپتورى يەنى شېڭ شىسەينى تونۇشتۇرۇپ شىنجاڭغا ئېلىپ بارغان لۇشىڭبۇ لەنجۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى . تارىخ تەكرارلىنىدىغان بولغان بولسا بۇ رېئال ساۋاقنى ئۇلارمۇ ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن بولاتتى ...