شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ قىسقىچە تارىخى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ قىسقىچە تارىخى


شىڭ پىڭ ئۆستىڭى – كورلا شەھىرى بىلەن لوپنۇر ناھىيسىنى تۇتاشتۇرۇپ چېپىلغان ئۆستەڭ بولۇپ ، ئۇ چېپىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە چىن سۇلالسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى ، گۇمىنداڭ دەۋرى ۋە ئازاتلىقتىن كېيىنكى دەۋرى قاتارلىق ئۈچ دەۋىرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۇزدى . ئۇنىڭدىن لوپنۇر – كورلا خەلقى تارىختىن بۇيان ئورتاق پايدىلىنىپ كەلدى . ئۇ بۇ ئىككى ئۇزۇن ئىگىلىگىنىڭ گۇللەپ تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى .

شىڭ پىڭ ئۆستىڭى – ئەھيا بولۇش تارىخنىنىڭ كونىلىقى ، ئېقىن مۇساپسىنىڭ ئۇزۇنلىغى ، سۇغرىش كۆلمىنىڭ كەڭلىگى ، جايلاشقان ئورنىنىڭ ئەگرى – بۇگرى ھەم ئىگىز بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىگى بىلەن ئوبلاسىتىمىز بۇيىچىلا ئەمەس ، ھەتتا شىنجاڭ دائىرسىدىمۇ نامى بار، سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ . مانا بۇ مەشھۇر سۇ قۇرۇلۇشى ھەققىدە مەيلى ئۆتمۇستە بولسۇن ، مەيلى ھازىر بولسۇن تەپسلى خاتىرە قالدۇرۇلمىغان . مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شىڭ پىڭ ئۆستىڭى ھەققىدىكى تارىخى ماتىرياللارنى توپلاش ، ئىگەللەش – تەتقىق قىلىش ، پىشقەدەملەردىن ئەھۋال ئىگەللەش ئاساسىدا مۇھىمى ئۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇنىڭ قىسقچە تارىخىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۈزۈپ چىقتىم . بۇنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزغا ، ئەجدالىرىمىزنىڭ تەبىئەت بىلەن جاپالىق كۆرەش قىلىپ ، مۇشۇ گۇزەل يۇرت – ماكانىمىزنى قۇرۇپ چىقىشتا سىڭدۇرگەن ئەجىرىنى بىلدۇرۇشتە ئاز تولا پايدىسى تېگەر دەپ ئويلايمەن .

شىڭ پىڭ ئۆستىڭى ھەققىدىكى تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋاللارنى پىشىق بىلدىغان يولداشلارنىڭ ماقالىدا خاتا كەتكەن جايلار بولسا ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزۈتۇشىنى ، كام قالغان جايلار بولسا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن تۇلۇقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

شىڭ پىڭ ئۆستىڭى چېپلىشنىڭ ئالدى – كەينىدىكى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ جۈملىدىن لوپنۇرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ باقايلى .

زوزۇڭتاڭ قۇماندانلىقىدىكى چىڭ قۇشۇنلىرى ياقۇپبەك تاجاۋۇزچلىرىنى يوقۇتۇپ ، جەنۇبى شىنجاڭنى غەلبىلىك ھالدا قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جەمئىيەت نىسبىي ھالدا تېنچ ، مۇقىم بولدى . بۇ ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە پايدىلىق شارائىت يارتىپ بەردى . شۇنىڭ نەتىجسىدە ئەينى چاغدىكى چىڭ مەمۇرلىرى ۋەيران بولغان ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە پايدىلىق بولغان بەزى سىياسەتلەرنى يەنى «سۇ قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشى ، بوز يەر ئېچىش » تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ، ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى . بۇ سىياسى تەشەببۇسلار لوپنۇردىمۇ ئۆز رولىنى كۆرسۇتۇشكە باشلىدى . بۇ ۋاقىتىلاردا لوپنۇر رايۈنى – يەر مەيدانى كەڭ بولسىمۇ ئاھالىسى شالاڭ ، شەرت – شارائىتى ناچار ، ئىگىلىگى تەرەققى قىلمىغان ، خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ناچار بىر جاي ئىدى . چىڭ ھۆكۇمىتى مانا مۇشۇ جاينى ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ يەرگە پەيدىنپەي ئاھالە كۆچۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى . گۇاڭ شىنىڭ 11 – يىلى (1885 – يىلى ) مۇڭغۇللاردىن دورال دىگەن كىشنىڭ باشچلىغىدا 1000 نەپەردىن ئارتۇق كىشى تىكەنلىكىنىڭ شەرقىگە ( ھازىر دورال دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە ) ئورۇنلاشتۇرۇلدى . گۇاڭشۇينىڭ 16 – يىلى (1890 – يىلى ) ئىگىنقىردا نەپەقە – دالالەت ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ ، بۇ يەرگە 1200 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دېھقان ، تىيەنجىن ، شەنشىدىن كەلگەن 200 ئائىلىك تىجارەتچى بوز يەر ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . گۇاڭشۇينىڭ 22 – يىلى (1896 – يىلى ) 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئىگنقىردىن دۇرالغىچە بولغان جايلارغا چىڭخەينىڭ خۇاڭخى ، خۇاڭشۇ ۋادىلىرىدا ئىسيان كۆتەرگەن خۇيزۇلارنىڭ ليۇ سىپۇ باشچىلىغىدىكى قىسمىدىن 8000 دىن ئارتۇق كىشى بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى .

مانا مۇشۇ كۆچمەنلەرنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، ئىگىلىگىنى گۇللەندۇرۇش ئۈچۈن « سۇ قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش ، بوز يەر ئېچىش » ئىشى داغدۇغلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلدى . شۇنىڭ نەتىجسىدە نەچچە ئون مىڭ مو بوز يەر ئېچىلدى . 500 چاقىرىمدىن ئۇشۇق ئۇزۇنلۇقتا ئېرىق – ئۆستەڭلەر چېپىلدى ، لېكىن بۇ بوز يەرلەرنىڭ چېپلغان ئېرىق – ئۆستەڭلەرنىڭ ئۈنۈمى زور بولمىدى . بۇنداق بولۇشتا كۆچمەنلەر بۇ يەرنىڭ شەت – شارائىتىغا كۇنەلمەي ، يەرلىكلشىپ قىلىش نىيىتىدە بولمىدى . ئېچىلغان بوز يەرلەر ئىلمىي ئاساستا يۇرۇشتۇرۇلمىگەچكە يەر ئاستى سۇيى ئېگىز بولۇش سەۋەبى بىلەن تۇپراق شورلىشىپ كەتتى . ئېرىق – ئۆستەڭلەرنىڭ سۇ مەنبئىي تۇراقسىز بولغاچقا، ياز پەسلىدە زىرائەتلەرنىڭ مايسا سۇيىنى ئېچىشقا مۇمكىن بولمىدى . شۇنىڭ نەتىجسىدە ياخشى ھۇسۇل ئېلىنماي ، كوچمەنلەر ئەڭ تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگىمۇ ئىگە بولالماي ، ئاخىرى باشقا جايلارغا كۇچۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى . چىڭ ھۆكۇمىتى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي ، « سۇ قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش ، بوز يەر ئېچىش » سىياسىي تەشەببۇسىدا چىڭ تۇردى . گۇاڭشۇينىڭ 18 – يىلى (1891 – يىلى ) شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشى قاراشەھەر ۋالىسى لىيۇ جادىنىڭ مەسئۇللىقىدا ئۆلچىلىپ چېپلىشقا باشلىدى . ئۆستەڭ كۆنچى دەرياسىنىڭ باشئەگىم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىپ ، كورلا بوستانلىقىغا قۇيۇلۇش ئاغزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ( ھازىرقى ماي ئىسكىلاتى جايلاشقان ئورۇندىن باشلاپ چېپىلىپ ، كورلا شەھىرى تېكىچى يېزسىنىڭ ئاقتاش ، چاچى ، تۆۋەن چاچى ، چوڭكۆل قاتارلىق مەھەللىرىنى ، قارا يۇلغۇن يېزىسى بىلەن ئاۋات يېزسىنىڭ شەرقى تەرىپى ، قوراي تۇگىمىنى ( ھازىرقى رادار پونكىتى ) قاتارلىق جايلىرىنى ، لوپنۇر ناھىيسنىڭ توققۇز ئېرىق ، باش ئېڭىز قاتارلىق جايلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ شىنغىدا توختىغان . دەسلەپتە ئۇنىڭغا شىنىغى ئۆستىڭى دەپ نام بېرىلگەن . ئۆستەڭنىڭ بۇ قىسمى كونا تاشقىن سۇ ئىقىنلىرى ئورنىنى ئاساس قىلىپ چېپىلغاچقا چېپىش ئانچە قېيىنغا توختىمىغان . ئەينى چاغدا يوقىرىدا نامى ئاتالغان جايلاردا ئۆزلەشتۇرۇپ تېرشقا تېگىشلىك مۇنبەت يەرلەر كۆپ بولسىمۇ ، سۇ باشلاپ كەلگىدەك ئېرىق ، ئۆستەڭلەر بولمىغاچقا پەس يەرلەر كۆنچى دەرياسىغا كۆز پەسلىدىكى تاشقىن سۇلىرى بىلەن سۇغىرلىپ ، ئەتىياز پەسلىدە تېرىلاتتى . ھۆل-يىغىن كۆپ بولغان يىللاردا ياخشى ھۇسۇل ئېلىناتتى . ھول يىغىن ئاز بولغان يىللاردا ئاز ھۇسۇل ئېلىناتتى ياكى ئىلىنمايىتتى . شۇنداق بولغاچقا بۇ يەرلەردە ياشايدىغان ھەر مىللەت خەلقى ئىپتىدائى ھالەتتە قېيىن تۇرمۇش كۇچۇرەتتى . شىنغا ئۆستىڭىنىڭ چېپىلىشى بىلەن بۇ جايلارنىڭ سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۇكسىلىش ، مۇھىت ئىكىلوگىيسنىڭ ياخشلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىلدى .

گۇاڭشۇينىڭ 25 – يىلى (1899 – يىلى ) لوپنۇردا شىڭ پىڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ ، قاراقۇم ( ھازىرقى قاراقۇم كەنىتنىڭ شىمالىدا ) ناھىيە مەركىزى قىلىنىدى . گۇاڭشۇينىڭ 27 – يىلى (1901 – يىلى ) قارا شەھەر ۋالىسى لىيۇ جادى شىنغا ئۆستڭىنى يەنە 25 كىلومېتىر ئۇزارتىپ چاپتۇرۇپ قاراقۇم رايۈنىغا سۇ باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆستەڭگە ناھىيە نامى ئاساسىدا شىڭ پىڭ ئۆستىڭى دىگەن نام بېرىلدى . مىنگونىڭ 2 – يىلى ( مىلادى 1913 – يىلى ) ناھىيە مەركىزى ھازىرقى ئورنى ( كۆنچى دەرياسى شىمالى قىرغىقى بويى ) غا كۆچۇرۇلدى . شىڭ پىڭ ناھىيسنىڭ ئامبىلى خەنيۇشۇ دېھقانلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنى يەنە چاپتۇرۇپ ، ناھىيە مەركىزىنىڭ شەرقىدىكى تۇڭچىكە كەنىتىگىچە ئۇزارتتى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆستەڭنىڭ ئۇزۇنلىغى 83 كىلومېتىرغا يەتتى . ئەسلىدە كورلا بىلەن لوپنۇرنىڭ ئارىلىغى 50 كىلومېتىردىن ئۇشۇقراق بولسىمۇ ، ئۆستەڭ مۇساپسىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىكى سەۋەپ مۇنداق ئىدى .

بىرىنچىدىن ، ئۆستەڭ ئۆزى تۇز سىزىق بۇيىچە ئەمەس ، دېھقانچىلىق رايۈنلىرىنىڭ سۇغۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى .

ئىككىنچىدىن ، ئۆستەڭنىڭ ئورنىنى تۇزلەپ چاپقاندا بولۇپمۇ شىنغىدىن تۇڭچىكەرگىچە بولغان ئارىلىقتا پەس ، ئويمان ، چوڭقۇر يەرلەر كۆپ بولۇپ ، ئۇنى تىندۇرۇپ ، قىرلاپ چېپىشقا ئادەم كۈچى يېتشمەيتتى . شۇ سەۋەپتىن ئۆستەڭ ئورنى ئىگىز بولسا شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ چېپلدى . شۇنداق بولغاچقا ئۆستەڭ ئورنى ئەگرى – بۇگرى ، ئىگىز بولۇشتەك جۇغراپىيىلىك ئورنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . كورلنىڭ ئورنى لوپنۇرنىڭ ئورنىدىن تەخمىنەن 40 مېتىردەك ئىگىز بولغاچقا، ئۆستەڭ ئورنى سۇغۇرۇش ئىشلىرىغا قولايلىق يارتىپ بەردى . مىنگونىڭ 3 – يىلى ( مىلادى 1914 – يىلى ) ناھىيە ئامبىلى جاڭشىشۇ خەلق ئىشچىلىرىنى تەشكىللەپ ، شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ گۇمۇرۇلۇپ چۇشكەن 80 چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى دامبسىنى تۈزەشتۇردى . بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خىراجىتنىڭ يىرىمىنى ئۈلكىلىك ھۆكۇمەت ، يىرىمىنى يەرلىك ئۆستىگە ئالدى .

مىنگونىڭ 4 يىلى ( مىلادى 1915 – يىلى ) شىڭ پىڭ ناھىيسنىڭ ئامبىلى جاڭشىشۇ دېھقانلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ، شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ لاي – لاتقىلىرىنى ۋە ئىچىدىكى ئۆت – چۆپلەرنى تازىلتىپ راۋانلاشتۇردى . قىشتا ئۆستەڭ سۇيىنى باغلاتقۇزۇپ ، ئەتىيازدا رېمۇنىت قىلىشقا قۇلايلىق ياراتتى .

مىنگونىڭ 5 – يىلى ( مىلادى 1916 – يىلى ) ئەتىيازدا ئۇلكە مۇپەتىشى ياڭزىڭشىڭنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن ئۆستەڭ بىر – ئىككى گەز چوڭقۇرلىتىلدى . شۇنداقلا ئۆستەڭنىڭ ئىككى قېشىغا سۆگەت ، تېرەك ، جىگدە قاتارلىق دەرەخلەر تىكىلدى .

مىنگونىڭ 22 – يىلى (1933 – يىلى ) شىڭشىسەي شىنجاڭدا ھاكمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن 3 يىللىق قۇرۇلۇش پىلانىدىن ئۈچى تۈزۈلدى . 2 – ئۈچ يىللىق پىلان مەزگىلى (1940 – يىلدىن 1942 – يىلىغىچە ) دە شىڭ پىڭ ئۆستىڭى كېڭەيتىلدى . شۇنىڭ بىلەن شىڭ پىڭ ئۆستىڭى كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات ، قارا يۇلغۇن يېزىلىرىنى ، لوپنۇر ناھىيسنىڭ كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى يېزىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسى ئۆستەڭ بولۇپ قالدى . ئازاتلىقتىن كېيىن 1953 – يىلى شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ تۇڭچىكە كەنتى مەھەللسىدە تېتىر ئوتاققىچە بولغان قىسمى ئۇزارتىپ چېپىلدى . ئۇنىڭ ئېقىش مۇساپىسى 90 كىلومېتىرىدىن ئېشىپ ، بىر پۈتۈن ئۇستەك گەۋدىسى شەكىللەندى .

شىڭ پىڭ ئۆستىڭنىڭ ئەگرى – بۇگرى ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇزلەپ چېپىش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ سىڭىمەس قۇرۇلۇشى 1970 – يىللاردىن باشلاپ يولغا قۇيۇلۇشقا باشلىدى . 1971 – يىلى شىڭ پىڭ ئۆستڭىنىڭ شىنغا كوۋرىگىدىن قاراقۇم ئاچال دىگەن يەرگىچە بولغان تۇزلەپ چېپىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ 18 كىلومېتىر يېڭى ئۆستەڭ چېپىلدى .

شىڭ پىڭ ئۆستىڭى پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇم يىغىندىن كېيىن يەنى ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرشىشكە باشلىدى .

1980– يىللاردا شىڭ پىڭ ئۆستىڭنىڭ 22 كىلومېتىر قىسمىغا سۇلياۋ يۇپۇق يېيتىلىپ ، سىكونتىغا باشلىندىغان سۇ مىقىدارى 7 كۇپ مېتىرغا يەتكۇزۇلۇپ ، سۇغۇرۇش كۆلىمى 40 مىڭ موغا يەتتى . بۇ ۋاقىتىلاردا تۇڭچىكە كەنتى دەريادىن سۇ تارتىپ سۇغۇرۇشنى يولغا قويغانلىغى ئۈچۈن ئۇنىڭ دائىرسى ئىچىدىكى شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ 10 كىلومېتىردىن ئۇشۇقراق قىسمى ئىشلىتىلىشتىن توختىدى . 1990 – يىلى كورلا تارىم چوڭ ئۆستىڭىنى چېپىش قۇرۇلۇشى پىلانلاندى . بۇ ئۆستەڭ شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ بېشىدىن باشلىنىپ ئاخىرى شىنىغىنىڭ غەربىدىكى دۆلەت تاشيولىغا سېلىنغان كوۋرۇكنىڭ ئايغىدىن جاكوغىچە ئومۇمى ئۇزۇنلىغى 21 كىلومېتىر بولۇپ ، 1991 – يىلى چېپىلىپ پۇتكۇزۇلدى . شۇنىڭدىن باشلاپ شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ بېشىدىن شنغىچە بولغان قىسمى ئىشلىتىلىشتىن توختىدى . ئۇنىڭ كورلا – لوپنۇر ئورتاق پايدىلىنىدىغان تارىخى ۋەزىپسىمۇ تۇگەپ يالغۇ لوپنۇر ناھىيسىلا پايدىلىنىدىغان ھەم ئىگىدارچىلىق قىلدىغان ئۆستەڭ بولۇپ قالدى . 1994 – يىلى كورلا تارىم ئۆستىڭىنىڭ شىنغا جاكوسىدىن 1971 – يىلى شىڭ پىڭ ئۆستىڭنىڭ تۇزلەپ چېپىلغان قىسمىنىڭ باشلىنىش نوقتسغىچە 4.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يېڭى ئۆستەڭ چېپىلدى . شۇنىڭ بىلەن شىڭ پىڭ ئۆستىڭنىڭ شىنغىدىن شىنغا كۆۋرىگىچە بولغان قىسمى ئىشلىتىلىشتىن توختىدى .

1999 – يىلى شىڭ پىڭ سۇ باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن شىڭ پىڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى ئوتتۇرسىدىكى ئىگىلىشىچە بولغان ئارىلىق تۇزلىنىپ 3.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يېڭى ئۆستەڭ چېپىلدى . مانا مۇشۇ ئېگىلىشتىن كۆنچى كەنتى دائىرسىگىچە بولغان تەخمىنەن 10 كىلومېتىردەك كونا ئۆستەڭ ئورنى ئۆزگەرتىلمەي ئۆز پېتى ساقلاپ قىلىنىدى . مانا مۇشۇ ۋاقىتتا كورلا – تارىم ئۆستىڭىنىڭ شىنىغا جاكوسىدىن كۆنچى كەنت دائىرسگىچە بولغان كونا ۋە يېڭى چېپىلغان ئۆستەڭ ئورنىلا شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولۇپ قالدى . نامى شىڭ پىڭ ئۆستىڭى دەپ ئاتالدى . يوقارقىدەك ئۆزگىرشىدىن كېيىن كونا شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ 79 كىلومېتىر ئورنى ئىشلىتىلىشتىن قالدى . بۇ ۋاقىتتىكى شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ ئۇزۇنلىغى 37 كىلومېتىر ئىدى . ئۇنىڭ 29 كىلومېتىر قىسمى سۇ سڭىمەس قىلىپ ياسالدى . سۇغۇرۇش دائىرسى 70 مىڭ موغا يېتىپ تارىخىتا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى . 2004 – يىلدىن باشلاپ ناھىيىمىز دائىرسىدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى كۆرۇلۇشكە باشلىدى . ناھىيىلىك پارتكۇم ، خەلق ھۆكۈمىتى قۇرغاقچىلىق ئاپتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىگى ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا بولغان زىيىنىنى ئازاىيتىش ئۈچۈن شىڭ پىڭ يېزىسى بۇيىچە بىردىن بىر ئۇل مۇئەسىسەسە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بولغان شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنى تۇڭچىكە كەنىتىگىچە ئۇزارتىش ھەم ئۇنى سۇ سڭىمەس قىلىپ ياساپ چىقىشنى قارار قىلدى . شۇنىڭ بىلەن شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ كۆنچى كەنتى دائىرسىدىكى سۇ سڭىمەس قۇرۇلۇش قىلىنمغان 8 كىلومېتىر قىسمىنىڭ توپا قۇرۇلۇشىنى كۆنچى كەنىت دېھقانلىرى ، تۇڭچىكە كەنىت دائىرسىدىكى يېڭىدىن ئۇزارتىلىدىغان 3 كىلومېتىر قىسمىنىڭ توپا قۇرۇلۇشىنى تۇڭچىكە كەنتى دېھقانلىرى ئىشلىدى . توپا قۇرۇلۇشى قىلىنغان 11 كىلومېتىر ئارىلىقىغا ناھىيىلىك سۇ ئىدارىسى مەسئۇللىغىدا سۇ سڭىمەس قۇرۇلۇشى بۇيۇملىرى ياتقۇزۇلدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۆستەڭ ئۇزۇنلىغى ھەم سۇ سڭىمەس قۇرۇلۇش قىلىنغان قىسمى 40 كىلومېتىرغا يەتتى . ئەمدىلىكتە شىنغا جاكوسىدىن تۇڭچىكە كەنىتىگىچە سوزۇلغان ئۆستەڭلا شىڭ پىڭ ئۆستىڭى دەپ ئاتىلىدىغان بولدى . كونا ئۆستەڭنىڭ ئىشلىتىشتىن توختىغا قىسمى كېميىپ 76 كىلومېتىر قىسمىلا تارىخى ئىز بولۇپ قالدى . شىڭ پىڭ ئۆستىڭى دۆلەت تاشيولنىڭ جايىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ . بۇ جايلارغا دۆلەت تەرىپىدىن زامانىۋى كۆۋرۇك ، ناھىيە تەرىپىدىن ئىقتىساد ئاجىرىتىلىپ بىر بازار ، بىر يېزا دائىرسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان جايلىرىغا 6 بىتۇن كۆۋرۇك سېلىنىدى . ( كوللىكىتىپ ، شەخسلەر سالغان كوۋرۇكلەر بۇ دائىرىگە كىرگۇزۇلمىدى ) بۇ ئارقىلىق ناھىيىمىزنىڭ قاتناش ئىشلىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان .

شىڭ پىڭ ئۆستىڭىگە بىر دانە چوڭ جاكو ، تارماق ئۆستەڭ ئېغىزلىرىغا بىر دانە كىچىك جاكو قۇيۇلغان . بۇ جاكولار بازار ، يېزا ، دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلار دائىرسىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنىڭ ، يايلاقلارنىڭ سۇغۇرۇلۇشىغا قولايلىق ياراتقان . 2007 – يىلى لوپنۇر ناھىيىلىك پارتىكۇم ، خەلق ھۆكۈمىتى شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ ئىقتىسادى قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى . ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەىنى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ غەربى ئايلانما يول كوۋرىگىدىن دۆلەت تاشيولى كوۋرىگىچە بولغان بىر كىلومېتىر ئارىلىقىنى ئارامگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى . شۇ يىلى ئىش باشلىنىپ يىل ئاخىرغىچە پۇتكۇزۇلدى . ئۆستەڭ يولى يىلان ئىزىدەك ئەگرى – بەگرى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ ئىچىگە كوللەر – فونتانلار ياسالدى . ئۆستەڭ قاشلىرى سىمۇنتىلاشتۇرۇىلىپ پەلەمپەي چىقىرىلدى . ئەتراپلىرىغا راۋاقلار سېلىنىپ ، گۇللۇكلەر ياسالدى . ئۇ ھازىر لوپنۇر خەلقنىڭ ئەڭ ياخشى ئارامگاھىنڭ بىرى بولۇپ قالدى . بۇ ئارامگاھ دائىرسى پات يېقىن ئىچىدە يەنە چەكلەش چامسىدا ئۇزارتلىدىغانلىغى پىلانغا كىرگۇزۇلگەن .

شىڭ پىڭ ئۆستىڭى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى يېرىم ئەسىرىدىن ئۇشۇقراق ۋاقىت ئىچىدە لوپنۇر ناھىيىلىك پارتكۇم ، خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ رەھبەرلىگىدە ھەر دەرىجىلىك سۇ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ياردىمىدە ناھىيىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زور تىرشىچانلىغى ۋە قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەن بۇگۇنكىدەك ئىسمى جسمىغا لايىق زامانىۋى سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ قەد كۆتەردى . ھازىر شىڭ پىڭ ئۆستىڭى ئەھيا قىلىنغانلىقىغا يۇز يىلدىن ئۇشۇقراق ۋاقىت بولدى . بۇ بۇ جەريانىدا نۇرغۇن ئۆزگۇرۇشلەرنى باشتىن كۇچۇردى . ئۇ تارىختىن بۇيان كورلا – لوپنۇردىن ئىبارەت ئىككى ناھىيە خەلقنىڭ دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى يۈكسەلدۇرۇشتە مۇھىت ئىكلولىگىيسىنى ياخشلاشتا جان تۇمۇرلۇق رول ئويناپ كەلدى . خەلقىمىزگە مولچەرلىگۇسىز بايلىق ئاتا قىلدى . ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ دائىرسى كىچكىلەپ لوپنۇر ناھىيسنڭىلا ئۆستىڭى بولۇپ قالدى . ئۇ ئوتمۇشتە قانچىلىق موھىم رول ئوينىغان بولسا ، كەلگۇسىدىمۇ شۇنداق موھىم رول ئوينىغۇسى .

« لوپنۇر ناھىيىسى تەزكىرسى » « شىنجاڭ نەشىرىياتى » 1997 – يى نەشىرى