شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى

پروگراممىسى



(2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)

پىكىر ئېلىش نۇسخىسى







ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ يىرىك  پىلانى پروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتى گۇرۇپپىسى


2010-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى

يىرىكپىلانى پروگراممىسىنىڭ

مۇندەرىجىسى

(2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)


كىرىش سۆز

بىرىنچى قىسىم ئومۇمىي ئىستراتېگىيە

1. باب يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئومۇمىي نىشان

(1 يېتەكچى ئىدىيە 

(2 ئومۇمىي نىشان

2.باب ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتا

3) ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش

(4مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش

5) ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش

6) ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش

7) مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

8) «قوش تىل» تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش

9) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش

10) ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش

ئىككىنچى قىسىم تەرەققىيات ۋەزىپىسى

3 .باب ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە

11) ئەخلاقىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش

12) ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش

13)ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىش

4. باب «قوش تىل» تەربىيەسى

14) «قوش تىل» تەربىيەسى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش

15) ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيەسىنىڭ سەۋىيىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش

16) ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئاپتونوم رايون تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ۋە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش

5 . باب ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى

17)ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش 

18)دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش

6 – باب مەجبۇرىيەت مائارىپى 

19)توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى سەۋىيىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش

20) مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

21)ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش

7- باب تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى

22) تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش

23)ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

24)ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش

8- باب كەسپىي مائارىپ 

25)كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش

26)كەسپىي مائارىپنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش

27) ساھە، كارخانىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش

28) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش

29)كەسپىي مائارىپنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش

9 – باب ئالىي مائارىپ

30) ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

31) ئالىي مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش

(32) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

10-باب ئالاھىدە مائارىپ

33) ئالاھىدە مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش

34) ئالاھىدە مائارىپنىڭ كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

11-باب داۋاملىق تەربىيە

35) ئالاھىدە مائارىپ تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش

36) جانلىق، ئېچىۋېتىلگەن ئۆمۈرلۈك مائارىپ سىستېمىسىنى ئورنىتىش

 ئۈچىنچى قىسىم تۈزۈلمە ئىسلاھاتى

12 – باب ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى

37) ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يېڭى قارىشىنى تۇرغۇزۇش

38) ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يېڭىلاش

13-باب مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى

39) مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

40) پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

14-باب مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى

41) ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

42) ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش فۇنكىسىيىسىنى ئىسلاھ قىلىش

43) زامانىۋى مەكتەپ تۈزۈمى ئورنىتىش

15-باب ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش

44) ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش

45) ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋە ئالىي مائارىپنىڭ ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ياخشىلاش

16-باب مائارىپنى ئېچىۋېتىش

46) مائارىپنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈش

47) ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ ئالماشتۇرۇشى - ھەمكارلىقى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش

تۆتىنچى قىسىم كاپالەت تەدبىرى

17-باب ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

48) يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش

49) ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش

50) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش

18-باب كاپالەت خىراجىتى

51) ئاممىۋى مالىيە سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش

52) ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش

53) مائارىپ خىراجىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش

19-باب مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش

54) مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىش سۈرئىتىگە تۈرتكىلىك قىلىش

55) مائارىپ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش

20-باب مائارىپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش

56) يەرلىك مائارىپ نىزاملىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

57) مائارىپ تەپتىشلىكىنى كۈچەيتىش

58) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

21-باب تەشكىلىي رەھبەرلىك

59) مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش

60) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

61) مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش

62) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش

22- باب يولغا قويۇش


قوشۇمچە ھۆججەت 1:

يولغا قويۇلىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى

1. «قوش تىل» تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى

2. ئاساس مائارىپنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى

3. كەسپىي مائارىپ ئاساس ئىقتىدار قۇرۇلۇشى

4. ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى

5 . ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى

6. مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى

7. مائارىپتىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى

8. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى

9. مائارىپتا سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى

10. مائارىپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى

قوشۇمچە ھۆججەت 2:

ئاتالغۇلارغا ئىزاھات










شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى پروگراممىسى

(2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)


بۇ پروگرامما «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى پروگراممىسى»غا ئاساسەن تۈزۈلدى.

كىرىش سۆز

مائارىپ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇلتېشى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۇللۇق، يېتەكچىلىك، ئومۇملۇق رولغا ئىگە. ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مائارىپنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىلىم-پەندە ھالقىش، ئالقىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىش، ئەبەدىي ئەمىن بولۇشتا، مائارىپ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللەپ-ياشنىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بېرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ھەردەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇن كېلىدىغان، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە خەلق مائارىپى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بېرى، ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كەسپىي مائارىپ تېز تەرەققىي قىلدى، ئالىي مائارىپ ئاممىۋىلىشىش باسقۇچىغا كىردى، «قوش تىل» تەربىيىسى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ئۆستۈرۈلدى، مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى، ئەخلاقىي تەربىيە ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، مائارىپ سېلىنمىسى زور ھەجىمدە كۆپەيتىلدى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مائارىپىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، مائارىپ ئادىللىقىدا زور قەدەم تاشلاندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇن بويىچە باراۋەر تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساپاسى ئۆستۈرۈلدى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا زور تۆھپە قوشتى.

ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتىگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن-تېخنىكا، مائارىپنى تىرەك قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش پەللىسىنى، ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ، مائارىپ ئاساس.پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىش تەلىپىگە تولۇق ئۇيغۇنلىشىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان مائارىپ يىرىك پىلانى، سېلىنما ۋە بايلىق تەقسىملەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەلىپىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مائارىپ قارىشى نىسبەتەن ئارقىدا، مەزمۇن، ئۇسۇل بىر قەدەر كونا، ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قىيىن بولۇۋاتىدۇ، مائارىپ تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس، مائارىپنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشى دېگەندەك مۇۋاپىق ئەمەس، مائارىپ سېلىنمىسى يېتەرلىك ئەمەس، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە مائارىپنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۇشكۈل. پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئەخلاقىي تەربىيە ۋە ئىدىيە-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش مائارىپ سېپىدە قىلچىمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپە. 

ئاپتونوم رايوننى مائارىپ ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقىدا، مەۋقەنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەھۋالىغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئومۇمىي ئىستراتىگىيىسىنى چىقىش قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك  پىلانى پروگراممىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىلىغىچە بولغان مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، ئومۇمىي نىشانى، تەرەققىيات ۋەزىپىسى، ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسى ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مائارىپ ئېھتىياجى، ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپ قالدى.

 بىرىنچى قىسىم ئومۇمىي ئىستراتېگىيە

1- باب يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئومۇمىي نىشان

(1) يېتەكچى ئىدىيە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، خەلقنى رازى قىلىپ، مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش رولىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش.

 پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش، ئادەم تەربىيىلەشنى ئاساس قىلىش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت مائارىپ خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش. مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، قۇرۇلما، جايلىشىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى، بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلاملىق مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر قىسىم يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش. 

(2) ئومۇمىي نىشان. 2020-يىلىغا بارغاندا 15 يىللىق مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈپ، غەربىي رايون بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، مائارىپنىڭ ئاپتونۇم رايوننىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىگە يۆلەك بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرامائارىپىغىچە بولغان 15 يىللىق مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلىيگە كىرىش نىسبىتىنى تەخمىنەن %80 كە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئىككى يىللىق يەسلىيگە كىرىش نىسبىتىنى تەخمىنەن %90 كە يەتكۈزۈش؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، تەكشى تەرەققىياتنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ كەسپىي مائارىپنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى تەخمىنەن %90 كە يەتكۈزۈش؛ ئالىي مائارىپنىڭ ئاممىۋىلىشىش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى تەخمىنەن %40 كە يەتكۈزۈش كېرەك. «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك. داۋاملىق تەربىيىگە قاتنىشىش نىسبىتىنى زور ھەجىمدە ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيىلىنىش يىل چېكىنى 9.1 يىلدىن 11.2 يىلغا ئۇزارتىش؛ يېڭى كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيىلىنىش يىل چېكىنى 10.1 يىلدىن 13.5 يىلغا ئۇزارتىش كېرەك.

ھەر مىللەت ئاممىسىنى باراۋەر مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. مائارىپنىڭ پاراۋانلىق خاراكتىرى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت مائارىپ ئادىللىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان مېخانىزم ئورنىتىپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ پۇقرالارنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن يار-يۆلەك بولۇپ، مائارىپتىكى تەرەققىيات پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك. 

ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كۆپەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئۇللۇق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش كېرەك. مائارىپقا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش زامانىۋى يىراقتىن تەربىيىلەشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىل تەربىيىلىنىش ئېھتىياجىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قاندۇرۇش كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. «قوش تىل» تەربىيىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە يەتتە ناھىيە، شەھەردە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار تەربىيىسى بىلەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئۆز ئارا تۇتاشقان، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى بىلەن ئوقۇتۇش بايلىقى ئۆز ئارا يۈرۈشلەشكەن «قوش تىل» تەربىيىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست قاتارلىق چەت، يىراق، نامرات رايونلاردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش كېرەك.

2- باب ئىستراتىگىيىلىك مۇھىم نۇقتا

(3) ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان بىر تۈرلۈك زور فاڭجېن، شۇنداقلا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى. ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق دەيدىغان ئىدىيىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىسراتىگىيىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان، مالىيە مەبلىغى مائارىپ سېلىنمىسىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئاممىۋى بايلىق مائارىپقا ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشقا ئالدىن تەقسملىنىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت مائارىپقا ئالدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالدىن مەدەت بېرىدىغان، ئەۋلادلارنى تەڭ تەربىيىلەيدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

(4) مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقى ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭمۇ تۈپ ئالدىنقى شەرتى. مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تۈپ مائارىپ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقىدا پۇرسەت ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاچقۇچ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا يار-يۆلەك بولۇش مۇھىم نۇقتا، مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت، يىراق، نامرات رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللىشىش تۈپ تەدبىر، پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەد.

(5) ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە رايون ئىچى مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتتە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. «قوش تىل« تەربىيىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئاممىۋىلىشىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلققە يۈزلەنگەن، شەكلى كۆپ خىل زامانىۋى خەلق مائارىپى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

(6) ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك تېمىسى، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام، ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى مەكتەپلەرنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا، ئەخلاقىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك تەربىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قابىلىيىتى، يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم - ماھارەت ئىگىلەش، قول سېلىپ ئىشلەش، مېڭە ئىشلىتىش، ياشاش - تىرىكچىلىك قىلىش، ئادەم بولۇش - ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئولارنىڭ جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، ياخشى ئىستىتىك زوق ۋە ئىنسانىي ساپاغا ئىگە، ئەمگەكنى، ئەمگەكچى خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ چىقىش كېرەك.

(7) مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپنىڭ سۈپىتى ــ مائارىپنىڭ جېنى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يادرو قىلىنغان مائارىپ تەرەققىياتى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى قىلىنغان باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى باشتىن-ئاخىر مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىپ، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوقۇتۇش ھالقىسىنى كۈچەيتىش، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.

(8) «قوش تىل» تەربىيىسى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. «قوش تىل» تەربىيىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتا مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. «قوش تىل» تەربىيىسىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئىستراتىگىيىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، نەزەرنى كەلگۈسىگە قارىتىپ، شارائىتقا يارىشا ئىش كۆرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرتىپلىك تۇتاشتۇرۇپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ سىنىپ تەسىس قىلىش، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىش ۋە بۇنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

(9) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى» نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تەربىيىسىنى مۇھىم تەربىيە مەزمۇنى قىلىپ، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىگە ئايلىنىشى كېرەك.

(10) ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاساسلىقى ئىسلاھاتقا تايىنىش كېرەك. مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاشنى يېتەكچى، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش تۈزۈلمىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زامانىۋى مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىش كېرەك. سۈپەت باھالاش ۋە ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك. مائارىپنىڭ ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايون سىرتى ۋە چەتئەللەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسلىق نىشان جەدۋىلى بىرلىكى 2009-يىلى 2015-يىلى 2020-يىلى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى يەسلىدىكى بالىلار سانى تۈمەن ئادەم 49.1 74.3 92.8 ئوقۇش يېشىغا توشۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىرى % 75 85 95 ئوقۇش يېشىغا توشۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى يەسلىگە كىرىش ئوقۇمىي نىسبىتى % 65 80 90 ئوقۇش يېشىغا توشۇشتىن ئۈچ يىل ئىلگىرى

يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى % 51.5 70.0 80.0 بۇنىڭ ئىچىدە بەش ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە توققۇز ناھىيە-شەھەردىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى تۈمەن ئادەم 31.7 55.0 68.0 بەش ۋىلايەت ئىككى ئوبلاست ۋە توققۇز ناھىيە- شەھەردىكى ئوقۇش يېشىغا توشۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى % 57.0 85.0 95.0 توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى

ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى

تۇراقلىشىش نىسبىتى

تۈمەنئادەم

%

300.2

90.0

310.2

95.0

334.1

98.0 تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ‹1›

ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى

تۇراقلىشىش نىسبىتى

تۈمەنئادەم

%

68.4

66.86

83.7

88.0

87.7

90.0 بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى تەمەنئادەم 15.2 36.4 42.8 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش نىسبىتى % 36.0 88.0 95.0 ئالىي مائارىپ ‹2› ئوقۇغۇچى ئومۇمىي سانى (ئاپتونۇم رايوندا ئوقۇۋاتقان) تۈمەنئادەم 25.4 33 41.6 بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانت تۈمەنئادەم 1.2 1.8 2.5 ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى تۈمەنئادەم 24.2 31.2 39.1 مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى % 22.02 32.0 40 ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيىلىنىش يىل چېكى يىل 9.1 10.5 11.0 يېڭى كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيىلىنىش يىل چېكى يىل 10.1 12.0 13.5 بۇنىڭ ئىچىدە: تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتتىكىلەر % 29.5 50.0 78.0 ئىزاھات: ‹1› ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ‹2› ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئىككىنچى قىسىم تەرەققىيات ۋەزىپىسى

3- باب ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە

(11) ئەخلاقىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسى خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى خەلق مائارىپىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيىچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېتەكچى، سىنىپ مۇدىرلىرىنى تاللاش، تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، يۇقىرى قاتلاملىق، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ۋە ئەخلاقىي تەربىيە تايانچلىرى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پېئونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيىۋىي، سىياسىي تەربىيىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

(12) ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركىسىزم ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «تۆتنى تونۇش» ۋە ماركىسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيىسىنى ئەخلاقىي تەربىيە مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ۋە پارتىيىنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيىسى، مىللەتلەر سىياسىتىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى تەربىيىسى ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيىلەپ، ئۇلارغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ، تەربىيىنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ شەكلى ۋە ۋاسىتىسىنى يېڭىلاپ، ئەخلاقىي تەربىيىنى باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرىدىغان ئەخلاقىي تەربىيە سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئاتىئېزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلاردا ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان، خوراپاتلىققا قارشى تۇرىدىغان، ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان ئىلمىي روھ يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى لاياقەتلىك سوتسىيالىزم پۇقراسى قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك.

(13) ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيىسى ۋە يەسلىي تەربىيىسىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش، ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئادەم تەربىيىلەش مۇھىتىنى بىرلىكتە يارىتىش كېرەك. تىنچ-ئامان مەكتەپ، مەدەنىي مەكتەپ، يېشىل مەكتەپ، ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا تىنچ-ئىتتىپاق، تەرتىپلىك، ئىجىل-ئىناق مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ھاياتلىق تەربىيىسى، بىخەتەرلىك تەربىيىسى، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيىسى، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە مەكتەپ بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ تورىنى باشقۇرۇش ۋە مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشىلاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

4– باب «قوش تىل» تەربىيىسى

(14) «قوش تىل» تەربىيىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. 2012-يىلىغا بارغاندا ئوقۇش يىشىغا توشۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقى ئاساس، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقى قوشۇمچە قىلىنغان «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوشۇپ ئۆگىتىشتىن ئىبارەت «قوش تىل» تەربىيىسى قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك؛ 2015-يىلىغا بارغاندا «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش كېرەك؛ 2020-يىلىغا بارغاندا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن پىششىق ئىگىلىگەن ۋە ئىشلىتەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا «قوش تىل« يەسلىي قۇرۇش ۋە تەييارلىق سىنىپى ئېچىشقا پائال مەدەت بېرىش كېرەك. خەنزۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى قوشۇۋېتىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش تەسىس قىلىنغان سىنىپلار ۋە «قوش تىل» سىنىپلىرىنىڭ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىل-ئەدەبىياتى قاتارلىق ئالاھىدە كەسپلەرنىڭ قىسمەن دەرسلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا دەرسلەرنى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئۆتۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

(15) ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسىنىڭ سەۋىيىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسىنى تەرتىپلىك تۇتاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشۇشتىن ئىلگىرى ئىككى يىل قوش تىلدا تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوشۇپ ئۆگىتىشتىن ئىبارەت «قوش تىل» تەربىيىسىنى يولغا قويۇش كېرەك. بەزى دەرسلەرنى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا، بەزى دەرسلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىدا ئۆتۈدىغان قوش تىل سنىپىلىرى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى كېرەك. ئوقۇشتا ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىدىغان، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوشۇپ ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش ۋاقتى ۋە دەرس تۈرلىرىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، ئۇلارنى ئوقۇشتا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش، ئۆز تىل-يېزىقىنى قوشۇپ ئۆگىنىش شەكلىگە تېزرەك ماسلاشتۇرۇش كېرەك. «قوش تىل» تەربىيىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ، «قوش تىل» تەربىيىسى سىستېمىسى، دەرس سىستېمىسى، باھالاش-سىناش سىستېمىسى ۋە مۇپەتتىش قىلىش، باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەكتەپلەرنى «قوش تىل» تەربىيىسى ئىسلاھات سىنىقى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش سىنىپلارنى پائال يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى سىنىپقا قوشۇلۇپ ئۆگىنىشكە، خەنزۇتىلى ئانا تىلى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. تەييارلىق مائارىپى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى تەييارلىق باسقۇچىدىن ھالقىپ، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا بىۋاسىتە تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئۆز تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇش دەرس سائىتى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(16) ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئاپتونوم رايون تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ۋە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. 2014-يىلى، ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىسى ۋە ئاپتونوم رايون تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنىڭ ھەر بىرىنى 10 مىڭغا يەتكۈزۈش كېرەك. ئىچكىرىدە كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى ئېچىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى كەسپىي تېخنىكوملارغا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، ئاپتونوم رايوندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا داۋاملىق مايىللىشىش كېرەك. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوشۇلۇپ ئوقۇش، مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئوقۇشقا تۈرتكىلىك قىلىش كېرەك. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى ئوقۇغۇچى مەنبەسى قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىدىيە- سىياسىي تەربىيە ۋە ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى بوشاشماي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، بازارنى يېتەكچى قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك.

5-باب ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى

(17) ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئاساس قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇش كېرەك، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىقا ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇشى، باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» تەربىيىسىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھۆكۈمەت يەسلىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى يەسلىلەرنى پائال يۆلەپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ئاساسى جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتى سىستېمىغا تەدرىجىي كىرگۈزۈش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى يەسلىسىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك. يەسلى ئىجازەت تۈزۈمى، مۇپەتتىش قىلىش-باھالاش تۈزۈمى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش ئۆلچىمى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى ۋە ئورنىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىپ ۋە تەربىيىلەپ، بالىلارنىڭ خۇشال - خورام، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار، بالىلار تەربىيىسىگە ئائىت ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە ئۇسۇللارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك.

(18) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشىگەندىن كېيىنكى مەكتەپ ياتىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا-بازار مەركىزىي يەسلىلىرىنى تايانچ، كەنت دەرىجىلىك يەسلى (سىنىپ) لارنى ئاساس قىلىپ، يېزا-بازار مەركىزىي يەسلىلىرىنىڭ كەنت يەسلىسى (سىنىپى) غا ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.


6-باب مەجبۇرىيەت مائارىپى

(19) مەجبۇرىيەت مائارىپى سەۋىيىسىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار-ئۆسمۈرلەرنى سۈپەتلىك مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمان قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مائارىپ خىزمىتىدىكى ھەممىدىن مۇھىم ئىش. مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ساغلام بەدەن، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 2020 - يىلى ئومۇملىشىش سەۋىيىسى، مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەكشى تەرەققىي قىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ مائارىپنى ئالدىن زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. ھەر بىر مەكتەپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ياخشى تەربىيىلەش كېرەك.

مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش پرىنسىپى بويىچە، مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق پىلانلاش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بىر تۈركۈم ياتاقلىق مەكتەپلەرنى مەركەزلىك ياخشى قۇرۇپ چىقىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زۆرۈر ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. بارغان جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىنى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى ئاساس قىلىپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشى ۋە شۇ جايدا يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا دائىر ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ساقلاندى بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمى ۋە تەربىيىلەش، مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.

مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىچىك سىنىپ ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇق سەپلەپ، بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى تولۇق، ياخشى ئۆتۈش كېرەك. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپ سىرتى تەربىيە بازىسى، مەكتەپ سىرتى پائالىيەت سورۇنى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەت چېنىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى، تۇرمۇشى، چېنىقىشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش كېرەك. «مەكتەپلەرنىڭ تازىلىق خىزمىتى نىزامى» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىملىك سۈتى پىلانىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىپ، ئاتا-ئانىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(20) مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى سىناشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ. ناھىيە ئاساس قىلىنغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە كاپالەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، رايون ئىچى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئۈسكۈنە، كىتاب، مەكتەپ ئىمارىتى قاتارلىق بايلىقلارنى تەكشى سەپلەش كېرەك.

مەكتەپلەر ئارا پەرقنى كىچىكلىتىش كېرەك. سۈپەتلىك مەكتەپ بايلىقى ئارقىلىق ئاجىز مەكتەپلەرنى يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر ۋە ئاجىز مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ناھىيە (رايون) تەۋەسىدە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا نۇقتىلىق مەكتەپ، نۇقتىلىق سىنىپ تەسىس قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە سۈپەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى شۇ رايوندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق تەقسىملەش چارىسىنى يولغا قويۇپ، مەكتەپ تاللاش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپتە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، پۇقراۋى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېزدىن كىچىكلىتىش كېرەك. ناھىيىنى بىرلىك قىلىپ، شەھەر بىلەن يېزا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىيات مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مائارىپ خىراجىتىنى كۆپەيتىش، ئوقۇتقۇچى تەقسىملەش، مەكتەپ قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت، يىراق، جاپالىق رايونلارغا مايىللىشىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئاۋۋال ناھىيە، رايونلاردا ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

رايونلار ئارا پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى، يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىقى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش پىلانى، شەھەرلەردىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر پراكتىكا ئارقىلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ مائارىپ پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك.

(21) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ئۇنى ھۆكۈمەت، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ئورتاق تىرىشىپ ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يۈكنى يېنىكلىتىشنى مائارىپ خىزمىتىدىكى مۇھىم نىشان قىلىپ، مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانلىق ئۆگىنىشى، ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە ئاۋۋال باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ئېلىپ باھالاش تۈزۈمى ۋە مەكتەپلەرنى سىناش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى كۈزىتىش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش نىسبىتىگە قاراپ جايلار ۋە مەكتەپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇشىغا، ئۆرلەپ ئوقۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر خىل تەربىيىلەش، تولۇقلاپ ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دەرسلىك، ئوقۇتۇش، باھالاش، باشقۇرۇشنىڭ ھەر قايسى ھالىقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرس لايىھىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىمتىھان قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك، دەرس سائىتى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئۆز مەيلىچە ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجە دەرىجىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردىن كونسۇلتاتىسيە سىنىپى ۋە تەستىقلاتمىغان زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلشىغا ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا تەشكىللىشىگە، ھەر خىل دەرىجە ئىمتىھانلىرى ۋە مۇسابىقە نەتىجىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇشنىڭ ئاساسى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ئاتا - ئانىلارنى توغرا تەربىيە قارىشى تۇرغۇزۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام ھەۋىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك، ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە ھەمكارلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى بىرلىكتە يېنىكلىتىشى كېرەك.

7-باب تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى

(22) تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى باسقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئالاھىدە مەزگىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىش ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىشقابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ماس تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى پۇختا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئاساسەن تەڭلەشتۈرۈپ، 2015-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى پۈتكۈل شىنجاڭدا ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدىن بەھرىمان بولۇش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە، شارائىتى بار جايلار ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىي تاپقان رايونلار تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئالدىن ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

(23) ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلمىي سۈپەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساس بىلىم ۋە ئاساس ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نوقۇل ئىمتىھان نومۇرىنىلا قوغلىشىدىغان «ئىمتىھان مائارىپى» خاھىشىنى تۈگىتىش كېرەك. 2010-يىلى كۈزدە، دۆلەتنىڭ تولۇق ئوتتۇرا دەرس ئىسلاھاتى لايىھىسى ئاپتونوم رايوندا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. زۆرۈر دەرس سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مول، رەڭدار، يۇقىرى سۈپەتلىك تاللانما دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپخىل تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇتۇش شەكلىنى ياخشىلاپ، تەجرىبە ئوقۇتۇشى، تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى، ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش ۋە ئوقۇش نومۇرى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىدىيە، پسىخىكا، ئوقۇش يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ سىنىپ خاھىشىنى تەدرىجى تۈگىتىپ، كىچىك سىنىپ ئوقۇتۇشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

(24) ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكىلىك قىلىش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپخىل ۋە ئۆزگىچە تەرەقىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەربىيىلەش شەكلىنىڭ كۆپخىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا، چەت ئەل تىلى (قوش تىل)، گۈزەل-سەنئەت ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ياتاقلىق مەكتەپ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسپىي مائارىپ دەرسلىرىنى تەسىس قىلىشغا مەدەت بېرىش كېرەك.

8-باب كەسپىي مائارىپ

(25) كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئەمگەك كۈچى بويىچە تەمىنلەش-تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتنى پەسەيتىشتىكى مۇھىم يول ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقا، شۇڭا ئۇنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كەسپىي مائارىپ ئىدىيىسى تۇرغۇزۇپ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كەسىپلەر تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تارماق، ساھەلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، كۆلىمى، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ئېتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتى كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ ئۆزئارا تۇتاشقان، خىزمەتكە چىقىشتىن ئاۋۋالقى مائارىپ بىلەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى مائارىپ ئۆزئارا جىپىسلاشقان، ئوقۇش تارىخى، ئوقۇش تۈزۈمى مائارىپى بىلەن كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. 2020-يىلى، ئادەتتىكى مائارىپ بىلەن كەسپىي مائارىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ تەرتىپلىك تۇتاشتۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش قابىلىيىتىنى كۆرىنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.

(26) كەسپىي مائارىپ سەۋىيىسنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا كەسىپ ئەخلاقى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەممە ئادەم، پۈتكۈل جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئومۇمىي خىراجىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكىلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك، سانائەت، زامانىۋى مۇلازىمەت، نىفىت، نىفىت خىمىيە، كۆمۈر، توقۇمۇچىلىق كەسپىي مائارىپ باغچىسى (بازىسى) قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باغچا رايونىنىڭ ھەرىكەت-باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى كۆلەملەشتۈرۈپ، گۇرۇھلاشتۇرۇپ، زەنجىرسىمانلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. كەسپىي مائارىپ ئۇل ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر تۈركۈم تۈۋرۈك كەسىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست ئۆزگىچە كەسىپلىرى قاتارلىق ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇپ چىقىپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ تەربىيىلەش بازىسىنى كېڭەيتىپ، تولۇقلاپ، ناھىيە دەرىجىلىك كەسپىي تېخىكا مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيىلەش-يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىغانلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيىلەش مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۈلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم كەسپىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى، كەسپىي مەكتەپلەردە قس بولىۋاتقان، ئۆزگىچە كەسىپلەر ۋە ئېسىل كەسىپ، نادىر دەرس قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىمتىھان ئورنىغا مۇسابىقىلەشتۈرۈش؛ كەسپىي ماھارەتنى باھالاشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھان ئورنىغا باھالاپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

(27) كارخانىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك.ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، ساھە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانىلار قاتنىشىدىغان مەكتەپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئوقۇتۇش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىشىشتەك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنىڭ تۈزۈملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساھە تەشكىلاتلىرى، كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشىغا، كارخانا، ساھەلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز كارخانىسىدا ئوقۇغۇچىلارنى پراكتىكا قىلىشقا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتچى خادىملىرىنى كەسپىي مەكتەپلەردە ھاۋالىلىك تەربىيىلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كەسپىي مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولغانلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىلىشىگە ئائىت سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

(28) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ كەسپىي مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ كەسپىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ناھىيە دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە دېھقان، چارۋىچىلار مەدەنىيەت-تېخنىكا مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ناھىيە، رايون كەسپىي مائارىپ تەربىيىسى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك، يېزا، دېھقانلارغا يۈزلەنگەن قوللىنىلىشچان تېخنىكا تەربىيىسى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەربىيىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەتلىك، تېخنىكا بىلىدىغان، ئىگىلىك باشقۇرۇشتىن خەۋەردار يېڭىچە دېھقان، چارۋىچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. شەھەرلەر بىلەن يېزىلار، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكىلەر ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ، بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان، چارۋىچى ياشلارنى كەسپىي مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئاساس مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار يېزا-بازارلاردا ئۆزگىچە كەسپىي مائارىپ سىنىپى ئېچىشقا مەدەت بېرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپلەرنى يەنىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

(29) كەسپىي مائارىپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتىن ھەق ئالماسلىق تۈزۈمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھەق ئالماسلىق سىياسىتىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ داۋاملىق ئۆگىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسپىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بىۋاسىتە يۇقىرىلاپ ئوقۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەردە «قوش گۇۋاھنامە» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈنلۈك ۋە غەيرى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ دەرس مەرمۇنىنى تەسىس قىلىش بىلەن كەسپىي سالاھىيەت ئۆلچىمىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى بىلەن كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنى بازار ئېھتىياجىغا قاراپ كەسىپ، ئىش ئورنىغا قاراپ دەرس تەسىس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋۋال تەربىيىلەش، ئاندىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك ھازىرلىقى تۈزۈمى بويىچە تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يېڭىدىن يېتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ھەقسىز تەربىيىلەش كېرەك. گەۋدىلىك تۆھپىسى بار يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەشۋىق قىلىش، تەقدىرلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەممە كەسىپتىن سەرخىللار چىقىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

9-باب ئالىي مائارىپ

(30) ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مائارىپ يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە سەرخىل يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ باشقۇرۇش يېتەكچى ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دەرس-كەسىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىدىكى مەركىزىي ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنى ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەبەدىي ئەمىن قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئالىي مائارىپ رىقابەت ئۈستۈنلىكىگە ئىگە بولۇش كېرەك. 2020-يىلى، ئالىي مائارىپنى قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق، سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەل، ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن، ئوقۇتۇش باشقۇرۇش شارائىتى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، پەن-تەتقىقاتى ۋە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش شەكلى ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچى مەنبەسى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش سىنىپ ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پروفېسسورلار تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت تەييارلىق سىنىپلىرىغا دەرس ئۆتۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ ئوقۇتۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تەجرىبەخانا، مەكتەپ ئىچى-سىرتى ئەمەلىيەت مەشىق بازىسى، دەرسلىك قاتارلىق ئاساس قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش؛ ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمى ۋە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبئىي پەننىڭ بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئەمەلىيەت ۋە تەجرىبە، ئوقۇتۇش ھالقىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن پەن تەتقىقاتى ئورۇنلىرى، ساھەلەر، كارخانىلار بىرلىشىپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش مېخانىزمى ئورنىتىش؛ «ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى» نى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ ئوقۇتۇش سۈپىتى كاپالەت مېخانىزمى ۋە ئوقۇتۇشنى مۇپەتتىش قىلىش، باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەمىمىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ئېسىل ئوقۇتۇش ئىستىلى تۇرغۇزۇش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاسپرانتلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقاتى يېتەكچى قىلىنغان يېتەكچى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە يېتەكچىلەر تۈر ماددىي ياردىمى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاسپىرانتلارنى كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىشىپ تەربىيىلەشتەك «قوش يېتەكچى تۈزۈمى» نى، ئاسپىرانتلار مائارىپىدا يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

(31) ئالىي مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. دەرس، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرس، كەسىپ تەسىس قىلىشىنى ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايلىشىشى مۇۋاپىق، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك دەرس، كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاساس پەنلەر ۋە ئەنئەنىۋى، ئەۋزەل پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى سالماق ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق، ئالاھىدە پەنلەر ۋە قىس ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تۈرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق پەنلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەر ۋە نۇقتىلىق تەرەققىيات ساھەلىرىنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قىسمەن پەن، كەسىپلەرنى تېزدىن دۆلەت ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈش كېرەك.

ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش قاتلىمى، تۈر قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە ئۆزگىچە، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئالىي كەسپىي مائارىپنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تولۇق كۇرس مائارىپىنى سالماق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاسپرانتلار مائارىپى، بولۇپمۇ مەخسۇس كەسپىي ئاسپرانتلار مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. «غەربىي قىسىمدا ئىلغار، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارادا تەسىرى بار» يۇقىرى سەۋىيىلىك ئالىي مەكتەپ قۇرۇش نىشانى بويىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «211قۇرۇلۇشى»نى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ ئۆزگىچە، نۇقتىلىق پەن تۈرلىرى مەكتىپى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك، سانائەت، مېدىتسىنا ۋە دورىگەرلىك، مالىيە-ئىقتىساد، سەنئەت مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈلگىلىك ئالىي كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش؛ يىراق مۇساپىلىق تەربىيىلەش ۋە چوڭلار مائارىپىنى داۋاملىق ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

رايونلارغا جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. مەركىزىي شەھەرنىڭ ئالىي مائارىپ ئۈستۈنلۈكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق جايلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ ۋە ئالىي كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ھۆكۈمەت، ساھە، كارخانا، ئالىي مەكتەپلەر بىرلىكتە بەرپا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز مەدەت بېرىدىغان ۋە سىستېما بويىچە ياردەم بېرىدىغان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان پەن قۇرۇلۇشى پىلانىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى سۈپەتلىك بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(32) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىلىمدا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە رايونلار بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە تەشەببۇسكار مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەبىئىي پەن، تېخنىكا پەنلىرى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ۋە شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، دىنغا ئائىت بىلىملىرىنى، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى كەڭ كۆلەمدە تەتقىق قىلىش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ ئېھتىياجى، ئىستراتېگىيە مۇھىم نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساس تەتقىقات ۋە قوللىنىلىشچان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تەتقىقات تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقاتى ئاكادىمىيىلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشىغا تۈرتكىلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن، ساھە ھالقىغان، پەن تەتقىقاتى بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن كوللېكتىپ يېتىلدۈرۈشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. پەن تەتقىقاتى بىلەن ئوقۇتۇشنى ھەمتۈرتكە قىلىش، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاسپرانتلارنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق پەن، نۇقتىلىق تەجرىبەخانا، نۇقتىلىق تەتقىقات بازىسى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە كۈچەيتىپ، چوڭ-چوڭ پەن تەتقىقاتى تۈرلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ۋە سۈپەتلىك بولۇش، تۆھپە قوشۇش يېتەكچى قىلىنغان ئالىي مەكتەپ پەن تەتقىقاتى باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكىگە ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى ۋە ئىنسانىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

10-باب ئالاھىدە مائارىپ

(33) ئالاھىدە مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ مېيىپلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېيىپلارنىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىگە ياردەم بېرىشتىكى ئاساسىي يول. پۈتكۈل جەمئىيەت ئالاھىدە مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئالاھىدە مائارىپ ئىشلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى، (ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر) ۋە نوپۇسى كۆپ ناھىيىلەر بىر تۈركۈم ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ چىقىشى، ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى مىيىپلارنى ئەگىشىپ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ۋە ئالاھىدە سىنىپ تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى تايانچ، ئەگىشىپ ئوقۇش سىنىپى ۋە ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئالاھىدە قوشۇمچە سىنىپ تەسىس قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مىيىپلار مائارىپى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مېيىپ ئۆسمۈر- بالىلار مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان مېيىپ بالىلار مائارىپىنى شارائىتقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپ ئاساس قىلىنغان تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى ئالاھىدە مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە داۋاملىق ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. مىيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىيىپلارنىڭ ئالىي مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(34) ئالاھىدە مائارىپ كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈستىگە ئالىدىغان، تارماقلار مەدەت بېرىدىغان، كۆپ يول ئارقىلىق غەملىنىدىغان خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپ (سىنىپ) لىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مىيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان مىيىپلار ھەقسىز مائارىپى ۋە مىيىپ ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا ھەقسىز مائارىپىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش كېرەك. مىيىپلارنىڭ ياتاق، تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا، ئالىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مىيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مىيىپ ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش، داۋالىنىش ياردىمى بېرىش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ئىش ئورنى، ئالاھىدە مائارىپ قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، تەقدىرلىنىدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئالاھىدە مائارىپ تەربىيىچىلىرى قوشۇنىنى تولۇق سەپلەش كېرەك. پىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئالاھىدە مائارىپ كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىش، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

11-باب داۋاملىق تەربىيە

(35) داۋاملىق تەربىيە تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. داۋاملىق تەربىيە مەكتەپ تەربىيىسىدىن كېيىنكى بارلىق جەمئىيەت ئەزاسىغا يۈزلەنگەن تەربىيە، بولۇپمۇ چوڭلارغا قارىتىلغان تەربىيە بولۇپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇشتىكى مۇھىم يول. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، تارماق، ساھە ھالقىغان ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى تەشكىللەش ئارقىلىق داۋاملىق تەربىيىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. ساھە مەسئۇل تارمىقى ياكى جەمئىيىتى شۇ ساھەنىڭ داۋاملىق تەربىيە پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. داۋاملىق تەربىيىنى خىزمەتنى سىناش، ئىش ئورنىغا قويۇش (تەكلىپ قىلىش)، ۋەزىپىگە تەيىنلەش(ئۇنۋان بېرىش)، كەسپىي جەھەتتىن رويخەتكە ئېلىش قاتارلىق كادىر باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەخسلەرنى كۆپ خىل شەكىلدە داۋاملىق تەربىيىلىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كەسىپكارلارنىڭ داۋاملىق تەربىيىلىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى قوللاش كېرەك. قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تەربىيە بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، سۈپەت نازارەت سىستېمىسى ۋە باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئوقۇش تارىخىسىز داۋاملىق تەربىيىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوقۇش تارىخىلىق داۋاملىق تەربىيىنى سالماق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر-يېزا مەھەللىلىرى تەربىيىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىختىساسلىقلىرى، كارخانا ئىگىلىك باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلىرى، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى تەلىپى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى، «قوش تىل» ئۆگىنىشى ۋە يېڭى بىلىم، يېڭى ماھارەت تەربىيىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، داۋاملىق تەربىيىنى پىلانلىق، قاتلامغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ياشانغانلار مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شەھەر-بازار ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋاملىق تەربىيە شەكلى ۋە يولى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. 2020-يىلى، پۇقرالارنىڭ كۆپ خىل ئۆگىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇش كېرەك.

(36) جانلىق، ئېچىۋېتىلگەن ئۆمۈرلۈك تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. داۋاملىق تەربىيە بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، مەكتەپ، پەن تەتقىقاتى ئاكادىمىيىسى، كارخانا قاتارلىق ئالاقىدار تەشكىلاتلارنى ئۆگىنىش بايلىقىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشكە ئېلھاملاندۇرۇپ، ئۆگەنگۈچىلەرنى قولايلىق ئۆگىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش «سىتېرېئو كۆۋرۈك» ى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك مائارىپنىڭ تۇتۇشۇشى ۋە ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپكە كىرىش شەرتىنى بوشىتىش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش شەرتىنى چىڭىتىشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشنى باسقۇچقا بۆلۈپ تاماملاشتەك ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋاملىق تەربىيە ئوقۇش نومۇرىنى جەملەش ۋە ئايلاندۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان مائارىپ ئارىسىدا ئوقۇش نومۇرىنى ئېتراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپىي سالاھىيەت ئۆزئارا تۇتاشقان ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھ، رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە ئالاقە تورى قاتارلىق مۇلازىمەت سۇپىلىرىغا تايىنىپ، شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسىدا ئېچىۋېتىلگەن ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش؛ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى مۇلازىمىتى فۇنكسىيىسىنى ئاشۇرۇپ، داۋاملىق تەربىيە بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، نادىر دەرسلەرنى ئېچىپ، ئومۇم خەلق ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى قىسىم تۈزۈلمە ئىسلاھاتى

12-باب ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى

(37) ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يېڭى قارىشىنى تۇرغۇزۇش. ئىلمىي ئىختىساسلىقلار قارىشى، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش قارىشى، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قارىشى، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش قارىشى ۋە سىستېمىلىق يېتىشتۈرۈش قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئەخلاقىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باراۋەر رىقابەتلىشىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. خاسلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بېرىپ، شەخسنىڭ تاللىشىغا ھۈرمەت قىلىش؛ ئىختىساسلىقلارنى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، بايقاشتا ئەخلاق، قابىلىيەت ۋە نەتىجە يېتەكچى قىلىنغان ئىلمىيلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان مېخانىزمنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئىشلىتىشتە ئەمەلىيەت قابىلىيىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى سىناشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپ ئورتاق قاتناشقان ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، باھالاش سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلەشكەن، ئۇسۇلى كۆپ خىل، مەزمۇنى ئەتراپلىق سۈپەت باھالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نوقۇل يۇقىرىلاپ ئوقۇش نىسبىتى ۋە ئىمتىھان نومۇرىغا قاراپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا باھا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ياخشى باھالاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۇقىرىغا ئىنتىلىش، مۇستەقىل ئىش كۆرۈش، تىرىشىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

(38) ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يېڭىلاش. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يېڭىلاش كېرەك. ئۆگىنىش بىلەن مۇلاھىزىنى بىرلەشتۈرۈش، قوزغىتىش، ئىزدىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، قاتنىشىش شەكلىدىكى ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىش، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزىدىغان، ئەركىن ئىزدىنىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. بىلىم بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىردەكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتۇش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، ئەمگەك، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەجرىبە، ئىشلەپچىقىرىش پراكتىكىسى ۋە ماھارەت مەشىقى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش قاتارلىق دەرسلەرنى ياخشى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئوقۇش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئەھۋالغا قاراپ تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىق پەرقىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئەۋزەللىكىنى ئېچىش كېرەك؛ قاتلامغا بۆلۈپ ئوقۇتۇش تۈزۈمى، سىنىپ تاللاپ ئوقۇش تۈزۈمى، ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمى، يېتەكلەش تۈزۈمى قاتارلىق ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يۇقىرىلاپ ئوقۇيدىغانلارنى تاللاش، تونۇشتۇرۇش چارىسىنى ياخشىلاپ، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەردە سەرخىل ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاسپرانتلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. «قوش تىل» ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇشى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يەرلىك دەرسلىك تۈزۈش، پايدىلىنىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت يېقىندىن ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپلەر ئارا، مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ئارا، مەكتەپ بىلەن پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرى ئارا ھەمكارلىشىش، شۇنىڭدەك جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىشتەك بىرلىشىپ تەربىيىلەش شەكلىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىسى ئېچىۋېتىلگەن، مېخانىزمى جانلىق، تاللىشى كۆپ خىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

13-باب مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى

(39) مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. مائارىپنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدە بولۇشى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، مەكتەپ باشقۇرۇش سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلەشكەن، مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلى كۆپ خىللاشقان، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت مەكتەپ باشقۇرۇش سۇبيېكتى بولىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت پائال قاتنىشىدىغان، ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ بىلەن پۇقراۋى مائارىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكىلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان تەربىيىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساھە، كارخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپى جامائەت مۇلازىمىتى ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق مائارىپ ساھەسىگە كىرىشكە يېتەكلەش كېرەك. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى بىرلىشىپ باشقۇرۇش، ھاۋالىلىك باشقۇرۇشنى سىناق قىلىپ، كۆپ خىل شەكىل ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كۆپەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(40) پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. پۇقراۋى مائارىپ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پۇقراۋى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم خىزمەت مەسئۇلىيىتى قىلىپ، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، «پائال رىغبەتلەندۈرۈش، زور كۈچ بىلەن قوللاش، توغرا يېتەكلەش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش» فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، پۇقرالار، ئۆزى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ساھە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەقىل باشقۇرۇش، ئورتاق باشقۇرۇش، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن پۇقراۋى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. جامائەت مالىيىسى پۇقراۋى مائارىپقا يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت پۇقراۋى مەكتەپلەرگە ئالاقىدار تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ھاۋالە قىلغاندا، مۇناسىپ تەربىيىلەش خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، پۇقراۋى مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىشكە ئىشلەتسە بولىدۇ. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئاممىۋىلاشقان، كۆپ خىللاشقان پۇقراۋى مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزگىچىلىككە ئىگە پۇقراۋى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆپ قاتلاملىق پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەرنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمەلىي قوللىنىشچان پۇقراۋى غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يېتەكلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچە مەكتەپ باشقۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باراۋەر قانۇنىي ئورنىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنى ئۆلچەملىك باشقۇرۇشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭەش ياكى مۇدىرىيەتنى قانۇن بويىچە قۇرۇش، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس مائارىپ مۇپەتتىشى تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپلەردىكى پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مالىيە، بوغالتىرلىق ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ، پۇقراۋى مەكتەپ باشقۇرۇش خېيىمخەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى مەكتەپلەر قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، پايدا ئالىدىغان ۋە پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى مەكتەپلەرنى ئايرىپ باشقۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت پۇقراۋى مەكتەپلەرنى باھالاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

14-باب مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى

(41) ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشقان مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئورگانلارنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مائارىپنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باشقۇرۇش، قۇرۇش، باھالاشنى ئايرىۋېتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلار ئايرىۋېتىلگەن، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مالىيە مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مۇۋاپىق جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرىدۇ، چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولىدۇ، ساھەلەر، كارخانىلارنىڭ كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللايدۇ؛ ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ باكلاۋرلىق ئۇنۋانى بېرىش ئورنى ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ. «قوش تىل» تەربىيىسىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى، ئوقۇتقۇچىلار شتاتى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگە مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون) دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يەرلىك مائارىپنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ياخشى باشقۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا دائىر مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون) باشقۇرىدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش، يەرلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇش، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، جەمئىيەت قاتنىشىشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ. ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپ، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىدۇ.

ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى باشقۇرۇش، «قوش تىل» تەربىيىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت قىلىدۇ. شەھەر-يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنى جايلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە بىخەتەرلىكىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ، مائارىپ خىراجىتىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى بىر تۇتاش تەكلىپ قىلىدۇ، سەپلەيدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، كەسپىي مائارىپ ۋە كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.

(42) ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىش. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر نىزام چىقىرىش، پۇل ئاجرىتىش، پىلانلاش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، سىياسەت يېتەكچىلىكى ئۇسۇللىرى ۋە زۆرۈر مەمۇرىي تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، مائارىپنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مائارىپى مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقى ۋە مائارىپ تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. چوڭ - چوڭ مائارىپ تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتىن بۇرۇن تولۇق مەسلىھەت سوراش، دەلىللەش، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك. كەسپىي مائارىپ مۇلازىمىتى ئاپپاراتىنى يېتىلدۈرۈپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، كەسپىي ئىلمىي جەمئىيەتلەر قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مائارىپ جامائەت باشقۇرۇشىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سۈپىتىنى كۆزىتىش، باھالاش ئاپپاراتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، كۆزىتىش – باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش-باھالاش دوكلاتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش كېرەك. مائارىپ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مائارىپنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

(43) زامانىۋى مەكتەپ تۈزۈمىنى ئورنىتىش. ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ھوقۇق-مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن مەكتەپنى، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى ئايرىشقا تۈرتكىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش، مۇستەقىل باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىشتىن ئىبارەت زامانىۋى مەكتەپ تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋى ئالىي مەكتەپ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزەش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا مۇستەقىل ئىش كۆرۈش ھوقۇقى، جۈملىدىن ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى، تېخنىكا يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت پائالىيىتىنى مۇستەقىل ئېلىپ بېرىشى، مەكتەپنىڭ يىرىك پىلانىنى مۇستەقىل تۈزۈپ چىقىشى ۋە يولغا قويۇشى، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى مۇستەقىل تەسىس قىلىشى، پەن، كەسىپلەرنى مۇستەقىل تەسىس قىلىشى ۋە تەڭشىشى، ئىختىساسلىقلارنى مۇستەقىل باشقۇرۇشى ۋە ئىشلىتىشى، كىرىم تەقسىماتىنى مۇستەقىل بېكىتىشى، مەكتەپنىڭ مال - مۈلكى ۋە خىراجىتىنى مۇستەقىل باشقۇرۇشى، ئىشلىتىشىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. كېڭىشىش قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى مۇكەممللەشتۈرۈپ، پارتكوم، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىلىم كومىتېتىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى، ئىلمىي باھالاشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كەسپىي باھالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش شەرتى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنى تەيىنلەش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپ ئىشلىرى يىغىنى تۈزۈمى قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئاتا-ئانىلار كومىتېتى قۇرۇپ، مەھەللە ۋە ئالاقىدار كەسپىي زاتلارنى مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ئادەم تەربىيىلەش ئۇسۇلى، بايلىقنى تەقسىملەش، كادىر باشقۇرۇش، ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش، مەھەللە مۇلازىمىتى قىلىش جەھەتلەردىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشتىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ساھە، كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

15-باب ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش

(44) ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش. ئىختىساسلىقلارنى ئىلمىي تاللاش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن ئىمتىھان ئېلىشنى نىسپىي ئايرىۋېتىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھۆكۈمەت ماكرولۇق باشقۇرىدىغان، كەسپىي ئاپپاراتلار تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان، مەكتەپلەر قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار كۆپ قېتىم تاللايدىغان قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىشتەك ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشقا، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، ئادىل، ئاشكارا، قېلىپلاشقان بولۇش پرىنسىپى بويىچە، «ئىستىقبال قۇرۇلۇشى»نىڭ مائارىپ ئادىللىقىنى قوغداشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرنىڭ ئاشكارا، ئېنىق ۋە ماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى تەقسىملەش پرىنسىپى ۋە چارىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامى ۋە سىياسىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپى ۋە نەتىجىسىنى ئاشكارىلاپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى تارقىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىمتىھان بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتى، سەمىمىيەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى كۆز بويامچىلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. كەسپىي ئىمتىھان ئېلىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(45) ئوتتۇرا، ئالىي مائارىپنىڭ ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ياخشىلاش. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە قابىلىيىتىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يېقىن ئەتراپتا ئىمتىھانسىز كىرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يۇقىرىلاپ ئوقۇشنىڭ ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانىنى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللەپ، پەن بويىچە يولغا قويىدۇ. ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى نەتىجىسىدە دەرىجىگە ئايرىش يولغا قويۇلىدۇ. 2018-يىلىدىن باشلاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانىدا ئۆلچەم ۋە ئىمتىھان سوئالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئاساسىدا، ئانا تىل ئەدەبىياتىدىن باشقا پەنلەردە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدىكى ئىمتىھان سوئالى بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ياكى تىزىملاپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ئۈلگىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ رايون دائىرىسىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش مېخانىزمىنىڭ يېڭىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇشنى باسقۇچقا بۆلۈپ تاماملىشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئالىي مەكتەپلەرگە ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىش تەلىپى ۋە دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىشنى ئاساسىي شەكىل قىلىپ، ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش كېرەك. ئالىي كەسپىي مائارىپ ئىمتىھانىنى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللەشكە تەدرىجىي ئۆتۈش كېرەك. ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش ۋە چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى تەقسىملەش شەكلى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مائارىپ ئىمتىھان مەزمۇنى، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش ۋە قوبۇل قىلىش شەكلى ئىسلاھاتىنى سالماق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك، مەكتەپنىڭ تەربىيىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنى شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى ياكى سىناق ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇستەقىل قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەتراپلىق يېتىلگەن، ئىپادىسى ياخشىلارنى كۆرسىتىش يولى بىلەن قوبۇل قىلىش؛ شەرتكە توشىدىغان، چەت، يىراق رايونلار، جاپالىق ساھەلەرگە بېرىپ ئىشلەشنى خالايدىغانلارنى نىشانلىق قوبۇل قىلىش؛ ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان ياكى ئۆزگىچە قابىلىيىتى بار ئىختىساسلىقلارنى مەخسۇس تەرتىپ تۈزۈپ، شەرتكە ئېسىلىۋالماي قوبۇل قىلىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىش ئوقۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش پەرقىنى تېزدىن كىچىكلىتىپ، مەكتەپكە كىرىش ئۆلچىمىنى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

16-باب مائارىپنى ئېچىۋېتىش

(46) مائارىپنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈش. جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەھنىسىگە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپنى ئېچىۋېتىش رامكىسى ئىچىدە، خەلقئارا ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ مائارىپ ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا، رايون خاراكتېرلىك مائارىپ ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك مائارىپنى ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، چەت ئەلنىڭ سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى قوللاش، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، كېلىش - كېتىش ئەركىن بولۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قاتلىمى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا دائىر سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىر تۈركۈم ياش، ئوتتۇرا ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىلار، پەن باشلامچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئاسپرانتلىرىنى خەلقئارا سەۋىيىلىك ئالىي مەكتەپلەر، تەجرىبىخانىلارغا كىرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ يۈكسىلىش، ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا نۇقتىلىق ئەۋەتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق پەن باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارا نەزەرگە ئىگە، خەلقئارا قائىدىنى پىششىق بىلىدىغان، خەلقئارا ئىشلار ۋە خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشالايدىغان زور بىر تۈركۈم خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، چەت ئەل يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى ۋە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەشكە جەلىپ قىلىش كېرەك.

(47) ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ ئالماشتۇرۇشى - ھەمكارلىقى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. خەنزۇ تىلىنى خەلقئارادا كېڭەيتىش ئوتتۇرا ئاسىيا بازىسى ۋە كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغانلارنى تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. چەت ئەلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ئاساس ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغانلارغا بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، چەت ئەلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارا ياردەم سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ بېرىش كېرەك. شىنجاڭنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشىدىكى مۇھىم مەنزىلگە تەدرىجىي ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى مائارىپ، مەدەنىيەت تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى قىسىم كاپالەت تەدبىرلىرى

17-باب ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

(48) يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش. ئۇلۇغۋار مائارىپ پىلانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئاساس. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ ئىشلىرىدىكى بىرىنچى بايلىق. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مەيدانى مۇستەھكەم، ئالىيجاناب پەزىلەتكە ئىگە، كەسىپنى پىششىق بىلىدىغان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. 2020-يىلى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى قاتلىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نىسبىتىنى «قوش تىل« تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىدىغان نىسبەتكە يەتكۈزۈش، كەسپىي مەكتەپلەردە «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى تەخمىنەن ٪70كە، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە باكالاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى تەخمىنەن ٪50كە، تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىدە باكالاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى تەخمىنەن ٪70كە، بۇنىڭ ئىچىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگىلەرنىڭ نىسبىتىنى تىرىشىپ ٪30 كە يەتكۈزۈش كېرەك.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ غايىسى ۋە كەسىپ ئەخلاقى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەم ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچىسى ۋە يول باشلىغۇچىسى قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى تەربىيىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنى داۋاملىق تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باھالاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئىپادىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنى سىناش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش (تەكلىپ قىلىش) ۋە باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ياخشى ئىلىم ئەخلاقى ۋە ئىلىم كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلىم جەھەتتىكى يەڭگىللىكنى تۈگىتىپ، ناتوغرا قىلمىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپلەر قاتنىشىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، جانلىق ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پىداگوگىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈشنىڭ كۆپ قاتلاملىق، ستېرېئولۇق تورىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش قاتلىمى ۋە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسىز مائارىپى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرگە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەربىيىلەش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، يېتەكچىلەر ۋە سىنىپ مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش پىلانىدا شىنجاڭغا مايىللىشىش سىياسىتىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، مەركەز مالىيىسى مەخسۇس قوللاش، سىستېما بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەم بېرىش ۋە ئۆز ئالدىغا تەربىيىلەشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت، ئاپتونوم رايون «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ۋىلايەتلەرنىڭ تەربىيىلىشىگە يار-يۆلەك بولۇپ، ناھىيە ۋە مەكتەپلەرنىڭ تەربىيىلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 35 ياشتىن تۆۋەن ئاز سانلىق مىللەت «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىگە تولۇق قاتناشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىچكىرىدىكى سىستېما بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا مەدەت بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ستۇدېنتلار پراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا مەدەت بېرىش ۋە پىدائىيلار مائارىپقا مەدەت بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچى، ھەر قايسى پەنلەردىكى قىس «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئېھتىياجغا قاراپ تولۇقلاش كېرەك.

«قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي مەكتەپلەردىكى كەسپىي تېخنىكا سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى بىلەن كەسىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ۋە چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلارنى تايانچ قىلىپ، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىش كېرەك. داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار، مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش كوللېكتىپى قۇرۇلۇشى ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئالاقىدار تەكلىپ قىلىش (تەيىنلەش) تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەجرىبىسى بار كەسپىي تېخنىك خادىملار ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئۆتۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مۇتەخەسىسلەر، تېخنىكا خادىملار، جەمئىيەتتىكى ھۈنەر-سەنئەت ماھىرلىرىنى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىڭ كارخانىلارغا قەرەللىك بېرىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى ۋە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى ئۆستۈرۈشنى نىشان، ئىلىم-پەن باشلامچىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇش تارىخى قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «تەڭرىتاغ ئالىملار پىلانى» قاتارلىق يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، ياش، ئوتتۇرا ياش ئىلىم-پەن باشلامچىلىرى ۋە داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پىشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم پەن باشلامچىلىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش، توپلاش ۋە بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. پەن ۋە ئورۇن ھالقىپ ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئوقۇتۇش قوشۇنى ۋە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

(49) ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. ئوقۇتقۇچىلىق ئىجازىتى تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆلچىمى بويىچە، ئوقۇتقۇچىلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئوقۇش تارىخى شەرتى، ئەخلاق تەلىپى ۋە كەسپىي ساپاسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سالاھىيەت ئىمتىھانى ئېلىش ۋە سالاھىيىتى بېكىتىشنى يولغا قويۇش، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. بالىلار باغچىسىنىڭ شتات ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى «قوش تىل» بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار شتاتىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار شتاتى ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش-سەپلەش، داۋاملىق تەربىيىلەش، ۋەزىپە (ئۇنۋان) بېرىش، ئۈنۈمنى سىناش قاتارلىق باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. شەھەر-يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شتاتى ۋە ۋەزىپە (ئۇنۋان) قۇرۇلمىسى نىسبىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ھەمدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر، «قوش تىل» مەكتەپلىرىگە مۇۋاپىق مايىللىشىش كېرەك.

بىرلىككە كەلگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەزىپە (ئۇنۋان) سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسى (ئۇنۋانى)نى تەسىس قىلىش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەزىپە (ئۇنۋان) سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسپىي مەكتەپلەردە ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسى (ئۇنۋانى)نى تەسىس قىلىش كېرەك. ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش ۋە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىشقا قاراپ ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، ئىش ئورنى بويىچە تەكلىپ قىلىش، ئىش ئورنىغا قاراپ مائاشنى بېكىتىش، ئىش ئورنى ئۆزگەرسە مائاشنىمۇ ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. تەكلىپ قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئادەم ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك. شەھەر - بازارلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئالىي ۋەزىپە (ئۇنۋان) بېرىلىدىغانلىرىنىڭ پرىنسىپ جەھەتتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر ياكى بىر قەدەر ئاجىز مەكتەپلەردە بىر يىلدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تارىخى بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان يېڭى مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئۇزاققىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش، ئۆمۈرۋايەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

(50) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش. «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئۇنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈنۈم مائاشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا مۇۋاپىق مايىللىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ياردەم پۇل، قوشۇمچە پۇل ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ناھىيىدىن تۆۋەن ئورۇنلاردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلغانلار ئوقۇش ھەققى ۋە ئوقۇش قەرز پۇلىنى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن قايتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى (ئۇنۋانى) بېرىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ جەھەتلەردىكى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، شەھەرلەردە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ سېلىپ بېرىش، يېزا مەكتەپلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا ئوبوروت ئۆي سېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تاماق، ياتاق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتۇش ماھىرلىرى، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار، مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۇزاق مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۈرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.

18-باب خىراجەت كاپالىتى

(51) جامائەت مالىيە سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇش. مائارىپ سېلىنمىسى ئۇللۇق، ئىستراتېگىيىلىك سېلىنما، جامائەت مالىيىسىنىڭ مۇھىم فۇنكسىيىسى. مائارىپ خىراجىتىنى ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق غەملەش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مائارىپ ساھەسىنى مالىيە چىقىمىدىكى نۇقتىلىق ساھە قاتارىدا ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. «مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يىل بېشىدىكى خام چوت ۋە خام چوت ئىجراسىدىكى ئارتۇق كىرىمنى تەقسىملەشتە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاشۇرۇش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مائارىپقا مالىيىدىن ئاجرىتىلغان پۇلنى ئاشۇرۇش نىسبىتىنى دائىملىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن روشەن يۇقىرى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائارىپ خىراجىتىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي خىراجىتىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسى ۋە يەرلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسىنى تولۇق يىغىپ، ئۇنى مەخسۇس مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا باج-ھەق ئىسلاھاتى يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى مائارىپقا ئىشلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ مەخسۇس تۈرىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، چەت، يىراق، نامرات رايونلار ۋە ئاجىز مەكتەپلەرگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنىڭ ٪4تىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. 

سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك جايلارنىڭ مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ خىراجىتىنى مۇقىم مەنبەگە ئىگە قىلىش ۋە ئۇنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئاساسىي ئۆلچىمى ۋە مالىيىدىن ئاجرىتىلىدىغان ئوتتۇرىچە پۇل ئاساسىي ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھەمدە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

مائارىپ خىراجىتىنى كۆپ يول ئارقىلىق غەملەش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ خىراجىتى مەنبەسىنى كېڭەيتىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىدە ھۆكۈمەت ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مائارىپ خىراجىتى توپلاش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ۋە يەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەكتەپكە پۇل ئىئانە قىلىش، مەبلەغ چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مائارىپ مەبلىغى مەنبەسىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپقا ھەدىيە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەخسنىڭ مائارىپقا قىلغان پاراۋانلىق ھەدىيە چىقىمىنى تاپاۋەت بېجى ئېلىشتىن ئاۋۋال چىقىرىۋېتىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەمدە ئىئانە قىلغۇچىلارنى تەشۋىق قىلىش، تەقدىرلەش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك، مەكتەپلەر ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمدە قانۇن بويىچە باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيىلەش تەننەرخىنى ئۈلۈش بويىچە ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى، تەربىيىلەش تەننەرخى ۋە ئاممىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشەش كېرەك.

مەجبۇرىيەت مائارىپىنى پۈتۈنلەي جامائەت مالىيىسىدىن كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيىلەر تۈر، نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئاممىۋى خىراجىتى ۋە ھەقسىز دەرسلىك ياردەم ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىمارەتلىرىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي خىراجەت ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ ئىمارەتلىرى قۇرۇلۇش مەبلەغلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىمارەتلىرى بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، تەربىيىلەنگۈچى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق خىراجەت توپلاشتەك سېلىنما مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئاساسلىق قىلىنغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى خىراجىتىنى تەدرىجىي جامائەت مالىيە چىقىمى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مالىيە سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، باشقا يوللار ئارقىلىق خىراجەت توپلاشنى قوشۇمچە قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ھۆكۈمەت، ساھە، كارخانا ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەر قانۇن بويىچە خىراجەت توپلاش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي مائارىپ خىراجىتى ۋە كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلەش خىراجىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مائارىپ مەخسۇس مەبلىغىنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مائارىپتا باشقۇرغۇچىنىڭ سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، تەربىيىلەنگۈچى تەربىيىلەش تەننەرخىنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىش، مەكتەپلەر فوند تەسىس قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىشتەك خىراجەت توپلاش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خام چوت ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە خىراجىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، 2012-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كىشى بېشىغا ئاجرىتىلغان خىراجىتىنى غەربىي رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئاشۇرۇپ، 2020-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىش كېرەك.

(52) ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مۇكاپاتلاش، قەرز بېرىش، ياردەم بېرىش، كەچۈرۈم قىلىش، تولۇقلىما بېرىش» قاتارلىق ماددىي ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ۋە شەھەرلەردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ماددىي ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت ماددىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى، ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلى جايى كرېدىتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشكە تۈرتكىلىك قىلىش كېرەك؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئارقىلىق ماددىي ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ ئالىي مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن كەسپىي ئىشلار كىرىمىدىن نىسبەت بويىچە خىراجەت ئاجرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىشى، ھەمدە جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ئىش ئورنى تەسىس قىلىشى كېرەك. ئاسپىرانتلار مائارىپىدا ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماددىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى تەسىس قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەبلىغىنى غەملەش مېخانىزمى ۋە خىراجەتنى ئۈلۈش بويىچە ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىگە، شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەھەر-بازار ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سۇغۇرتىلاش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

(53) مائارىپ خىراجىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەبلىغىنى باشقۇرۇش قانۇن - تۈزۈملىرى ۋە مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئىلمىي، تەپسىلىي خام چوت باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، خام چوتنى ئىلمىي تۈزۈپ، خام چوت ئىجراسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ، مالىيە، ستاتىستىكا، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى، مالىيە سېلىنمىسى، مالىيە خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە يىللىق ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتكۈزەلمىگەنلەرنى سۈرۈك ئىچىدە تولۇقلاتقۇزۇش كېرەك. تەكشى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجەت تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئۆلچەملىك پۇل ئاجرىتىش بىلەن ئۈنۈم مۇكاپاتى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجەت تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئالىي مائارىپقا پۇل ئاجرىتىش مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى قۇرۇپ، خىراجەت تەقسىماتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ خىراجىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەردە باش مەسئۇل بوغالتىرلىق ۋەزىپىسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، خىراجەت ئىشلىتىش ۋە مۈلۈك باشقۇرۇشنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش مەسئۇل بوغالتىرلىرىنى ھۆكۈمەت ئەۋەتىدۇ.

مەكتەپنىڭ مالىيە - بوغالتىرلىق تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىراجەت ئىشلىتىشنى ئىچكى قىسىمدا تەپتىش قىلىش ۋە كونترول قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خىراجەت ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش، چوڭ - چوڭ تۈر ۋە خىراجەت ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىراجەتنى ئۆلچەملىك، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ خىراجىتى ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىراجەت باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپ مالىيە خېيىمخەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خىراجەت ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، چوڭ - چوڭ تۈر خىراجەتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مائارىپ مۈلۈك باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى سەپلەش، ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يىغىلغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسراپچىلىقنى قەتئىي مەنئى قىلىش كېرەك.

19-باب مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش

(54) مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىش سۈرئىتىگە تۈرتكىلىك قىلىش. دۆلەتنىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تور قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مائارىپ بايىقىنى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ئاساسەن بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش كېرەك. «بىر تۇتاش پىلانلاش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئۆستۉرۉش، بىرىكتۈرۈش-يۇغۇرۇش، تىرەك بولۇش-يېڭىلىق يارىتىش» پرىنسىپى بويىچە، مائارىپ ئۇچۇر تورىنى ئالدىن قۇرۇپ، سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ۋە ئالاقە تورى يۈكلىمە قىلىنغان مائارىپ جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇچۇر سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكىلىك قىلىش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ زامانىۋى يىراقتىن تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ھەر بىر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە زامانىۋى يىراقتىن تەربىيىلەش ئەسلىھەسى سەپلەپ بېرىپ، يىراقتىن ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي مائارىپ بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۈپەتلىك رەقەملىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈپ، توردا ئوقۇتۇش بايلىقىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، «قوش تىل» تەربىيىسى تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە مائارىپ بايلىقى ئامبىرى قۇرۇپ، قوش تىل مائارىپى تېلېۋىزىيە دەرسىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، «قوش تىل» تەربىيىسى تور ئەسلىھەسى ۋە بايلىقىنى ھەممە سىنىپقا كىرگۈزۈش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ تورى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ تورىنىڭ «جۇڭگو مائارىپى ۋە پەن تەتقىقاتى كومپيۇتېر تورى» بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەقەملىك كۇتۇپخانا ۋە مەۋھۇم تەجرىبىخانا قۇرۇپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئالىي مەكتەپ تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

(55) مائارىپ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، يېتىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرگە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىلمى بويىچە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش كېرەك. «رەقەملىك مەكتەپ»تىن پايدىلىنىپ، توردا ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقاتتا ھەمكارلىشىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى، باشقۇرۇشنىڭ ئۇچۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، تور دەۋرىدە ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئەخلاقىي تەربىيە ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەكتەپ ئاساس ئۇچۇر باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئېلېكترونلۇق مەكتەپ ئىشلىرىنى قوللىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ماكرولۇق تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىي ئاساسقا، جامائەتنى ئاممىۋى مائارىپ ئۇچۇرىغا ئىگە قىلىپ، مائارىپ باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

20-باب مائارىپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش

(56) يەرلىك مائارىپ نىزاملىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. مائارىپ قانۇن – نىزاملىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك مائارىپ قائىدە-نىزاملىرىنى تۈزۈپ، مائارىپ قانۇنى، كەسپىي مائارىپ قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى، پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ يولغا قويۇلۇش چارىسىنى چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل يەرلىك مائارىپ قائىدە-نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە مائارىپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ مەمۇرىي تەستىقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇن – نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەپتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مائارىپ ئۇچۇرلىرىدا ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەتنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قانۇن-نىزاملىرىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەكتەپلەر قانۇن-نىزامغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدىغان نىزامنامىسى ۋە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش - جازالاشتا باراۋەر، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇن-تۈزۈم تەشۋىق-تەربىيىسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇن ساپاسى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قانۇننى بىلىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىگە بويسۇنۇشى كېرەك. 

(57) مائارىپ تەپتىشلىكىنى كۈچەيتىش. مائارىپ تەپتىشلىكى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىسبىي مۇستەقىل مائارىپ تەپتىشلىكى ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، تەپتىش قىلىش فۇنكسىيىسىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدىغان قىلىش كېرەك. مەمۇرىي تەپتىشلىك بىلەن مائارىپ تەپتىشلىكىگە، نازارەت قىلىش بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىۋېرسال تەپتىش قىلىش بىلەن مەخسۇس تەپتىش قىلىشنى دائىملىق تەپتىش قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ دائىملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تۈزۈملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ تەپتىشلىكى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇپەتتىشلەر قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قاتلام-دەرىجىگە ئايرىلغان مائارىپ نازارەتچىلىكى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مائارىپ قانۇن - نىزاملىرىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇلارغا ئاكتىپ ھەمكارلىشىشى، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك، ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ مەخسۇس نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئاپپاراتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، مائارىپ ئاپپاراتىنى تەپتىش قىلىپ باھالىشى كېرەك. ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك)، ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر)نىڭ مائارىپ خىزمىتىنى تەپتىش قىلىپ باھالاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مائارىپ جەھەتتە كۈچلۈك ناھىيە (شەھەر، رايون)، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، مائارىپ تەپتىشلىكى مەسئۇلىيەت رايونى قۇرۇپ، تەپتىش قىلىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش ۋە نازارەتچىلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش كېرەك.

(58) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدىكى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەربىيە بېرىش، نازارەت قىلىش، ئىسلاھ قىلىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش كېرەك. مائارىپنى قاتتىق باشقۇرۇش، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەت ۋە مەكتەپ ئىشلىرىدا ئاشكارە بولۇش كېرەك. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

21-باب تەشكىلىي رەھبەرلىك

(59) مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش. ئادەم كۈچى بايلىقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بىرىنچى بايلىق، مائارىپ ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشتىكى مۇھىم يول. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى سىناشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، سىناش مېخانىزمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مائارىپ خىزمىتى ئەھۋالىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى نۇقتا بېكىتىپ مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

(60) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. سوتسىيالىستىك سىياسىئونلار، مائارىپچىلار مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تەلىپى بويىچە، پارتكوم (پارتىيە گۇرۇپپىسى) رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەردە پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، مەكتەپنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە پىئونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەپتىش قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەكتەپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەكتەپ خىزمىتىدىكى سىياسىي يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇش مېخانىزمى، پارتىيە تەشكىلاتى ئۆگىنىش تۈزۈمى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى ئۆگىنىشچان تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

(61) مائارىپ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ فۇنكسىيىلىك تارماقلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، كەسىپكە پىشقان كادىرلارنى تاللاپ، مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا تولۇقلىشى كېرەك. تەشۋىقات تارماقلىرى پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە مائارىپ خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مائارىپ تەرەققىياتىغا ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ ئاساس قۇرۇلۇشى، خىراجەت سېلىنمىسى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە مايىللىشىش ۋە يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

(62) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، مائارىپ ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى تەكشۈرۈش، پەسەيتىش مېخانىزمى، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ماجىرالارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى؛ بىخەتەرلىك-قوغداش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم جەھەتتىن، ماددىي ۋە تېخنىكا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك، تازىلىق، يېمەكلىك ۋە قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەقە كۆرۈلۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددىي ئەھۋالدا خەۋپتىن ساقلىنىش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

22-باب يولغا قويۇش

بۇ «مائارىپ يىرىك پىلانى پروگراممىسى» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى 10 يىللىق مائارىپ ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ۋەزىپىسى ئېغىر، تەلىپى يۇقىرى، شۇڭا پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچنى ئىشقا سېلىپ،كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

«مائارىپ يىرىك پىلانى پروگراممىسى»نى يولغا قويۇش ھەر دەرىجىلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى «مائارىپ يىرىك پىلانى پروگراممىسى»نى يولغا قويۇشتىكى بىرىنچى جاۋابكار. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار «مائارىپ يىرىك پىلانى پروگراممىسى»دىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپ بويىچە، نىشان - ۋەزىپىلەرنى پارچىلاپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مائارىپ يىرىك پىلانى پروگراممىسى»نى يولغا قويۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مۇناسىپ يولغا قويۇش لايىھىسى ۋە يانداش سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مائارىپ يىرىك پىلانى پروگراممىسى»دىكى ئومۇمىي تەلەپ بويىچە، قەدەم - باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇشى كېرەك. جايلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەشلەر «مائارىپ يىرىك پىلانى پروگراممىسى»نى يولغا قويۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
















قوشۇمچە ھۆججەت 1:

يولغا قويۇلىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى

2010 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە، مائارىپنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا مۇلازىمەت قىلدۇرۇشنى نىشان، ئاچقۇچلۇق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك نىشاننى چۆرىدەپ، مائارىپ ئادىللىقىغا تۈرتكە بولۇش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، بىر تۈركۈم مائارىپ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك.

1. «قوش تىل» تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى. «قوش تىل» بالىلار باغچىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى «قوش تىل» ياتاقلىق مەكتىپى، مىللىي-خەنزۇ ئارىلاش ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسىنى تۇتاشتۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش. سۈپەتلىك «قوش تىل» تەربىيەسى بايلىق ئامبىرى قۇرۇپ چىقىش.

2. ئاساس مائارىپنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى. شەھەر - يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشى تەقسىملەش. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى، مىللىي-خەنزۇ ئارىلاش ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشى، شەھەرلەردىكى ئاجىز مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى، پەۋقۇلئاددە زور سىنىپلىق مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت سورۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. بىر تۈركۈم ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇرالغۇسى ۋە ئوبوروت ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇش. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ساقلاندى ئۆسمۈرلەرنىڭ ياتاق شارائىتىنى ياخشىلاش.

3. كەسپىي مائارىپ ئاساس ئىقتىدار قۇرۇلۇشى. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساس ئىقتىدار قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئاجىز ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى تۈرىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، كەسپىي مائارىپ باغچا قۇرۇلۇشى تۈرىنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش. بىر تۈركۈم ئۈلگە خاراكتېرلىك ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئەۋزەللىككە، ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەشىق بازىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش. كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچى، «داڭلىق ئوقۇتقۇچى» ئوقۇتۇش كوللېكتىپى قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇش. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى ھەقسىز قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇش.

4. ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى. ئوتتۇرا - غەربىي رايونلارنىڭ ئالىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش پىلانى، پەن قۇرۇلۇشىغا سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «211 قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇش، ئۆزگىچە پەن، نۇقتىلىق پەن، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە قىس ئىختىساسلىقلار كەسپىي قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇش. ئالىي مەكتەپ يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش پىلانى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەرنى گۈللەندۈرۈش پىلانى، ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاسپرانتلارنى يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى يولغا قويۇش. ئالىي مەكتەپلەر ئاساس ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئاسپرانتلار بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ماكانىنى كېڭەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇش.

5. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى. مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيىلەش، «قوش تىل» تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش، مەكتەپنىڭ ئۆزىدە تەربىيىلەش، ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى بىلىم ئاشۇرۇشقا تەشكىللەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا «قوش تىل» ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش پىلانى، پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيىلەش پىلانىنى يولغا قويۇش. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىغا سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت لايىھىسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىچكىرىدىكى ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىش، سىستېما بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىش. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ پسىخىكا ساغلاملىقى تەربىيىسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

6. مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كومپيۇتېرنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يىراقتىن تەربىيىلەش جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسى ۋە شەھەر-يېزىلارغا تارقالغان يىراقتىن تەربىيىلەش تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۈنۈملۈك ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان رەقەملىك ئوقۇتۇش بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى قوللىنىش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى يىراقتىن تەربىيىلەشنىڭ «ئۈچ خىل ئەندىزىسى»نىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

7. مائارىپتىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى. خەنزۇ تىلىنى خەلقئاراغا كېڭەيتىش ئوتتۇرا ئاسىيا بازىسى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە كۇڭزى ئىنستىتۇتى، ئوتتۇرا مەكتەپ كۇڭزى دەرسخانىسى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى قوللاش. چەت ئەلدىن بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار، چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنى كىرگۈزۈش پىلانىنى يولغا قويۇش. تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى چەت ئەلدە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش. شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، چەت ئەلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ھۆكۈمەت مۇكاپات پۇلى بېرىش قاتارلىق ماددىي ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چەت ئەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش.

8. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى. «قوش تىل» بالىلار باغچىسى بالىلىرىغا تاماق ياردەم پۇلى بېرىش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش خىراجىتى ياردىمى بېرىش ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇش. ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپرانتلارنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش.

9. مائارىپتا سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، چوڭ دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇش. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ ھەمكارلىشىش پىلانى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى پىلانىنى زورايتىش. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپ پىلانى، ئىچكىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلستتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش. شەرقىي رايونلار نامرات رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش، ستۇدېنت پىدائىيلار غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىچكىرىدىكى شەھەرلەر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىدىكى مەكتەپلەرگە سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش، ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر ئوقۇتقۇچىلىرى، ستۇدېنت پراكتىكانتلار ۋە پىدائىيلار مائارىپقا مەدەت بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش.

10. مائارىپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ رەھبەرلىرى، مەكتەپ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرى، ئوقۇتۇش باشقۇرغۇچىلىرى، سىنىپ مۇدىرلىرى، بالىلار باغچىسى مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەش پىلانىنى يولغا قويۇش.













قوشۇمچە ھۆججەت 2:

ئاتالغۇلارغا ئىزاھات

1. 15 يىللىق مائارىپ: ئوقۇش يېشىغا توشۇشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىللىق مائارىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ئۈچ يىللىق مائارىپ.

2. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست: قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى.

3. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست: قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى.

4. بەش ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست، توققۇز ناھىيە، شەھەر: قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، خېجىڭ ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، ئاراتۈرۈك ناھىيىسى، بارىكۆل ناھىيىسى، تۇرپان شەھىرى، توقسۇن ناھىيىسى، مورى ناھىيىسى، ئارشاڭ ناھىيىسى.

5. مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى: مائارىپنىڭ نىسبىي كۆلىمى ۋە تەربىيىلەش پۇرسىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇ مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ، ئوقۇش يىلىدا مەلۇم دەرىجىدىكى مائارىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىپ ئوقۇش يېشىدىكى ئاھالە ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىچىدە مۇشۇ ئوقۇش يېشىدىكى ئادەم سانىنىڭ مۇناسىپ ئوقۇش يېشىدىكى ئاھالە ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى بولىدۇ.

6. ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالە: ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالە مۇئەييەن ئەمگەك تەلىپىدىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قورامىغا يەتكەن ئاھالىنى كۆرسىتىدۇ، قورامىغا يەتكەن ئاھالە ئومۇمىي سانىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان ئاھالىنىڭ سانىنى چىقىرىۋەتكەندە ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالە بولىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسى ۋە پېنسىيە تۈزۈمىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا تەشكىلاتلار 25 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان ئاھالىنى ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالە قاتارىدا ستاتىستىكا قىلىدۇ، دۆلىتىمىزدە ئادەتتە 20 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئاھالە مۇناسىپ سېلىشتۇرما كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ.

7. «قوش گۇۋاھنامە تۈزۈمى»: كەسپىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى بىلەن مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. «قوش گۇۋاھنامە تۈزۈمى»نى يولغا قويۇش ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئەمگەك قىلىش-ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

8. «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچى: بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن كەسپىي سالاھىيەتنى ھازىرلاپ، كەسپىي مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش قابىلىيىتىگىمۇ، خىزمەت تەجرىبىسىگىمۇ ئىگە بىرىكمە ئىختىساسلىقلار بولۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

9. تىزىملاپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمى: مۇئەييەن مائارىپ ساھەسىدە ياكى مەكتەپلەر بەلگىلىك سالاھىيەتنى ھازىرلىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ئۇلاردىن يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىپ، بىۋاسىتە تىزىملاپ ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ بەزى چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي مەكتەپلەردە بۇنداق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

10. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى تۈزۈمى: دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قاراتمىلاپ يولغا قويغان خاس كەسىپ ئىجازىتى تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئوقۇتۇش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ كەسىپ ئىجازىتىگە قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ، پۇقرالارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا ئېرىشىشىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئاساسىي شەرتى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش تەرتىپى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

11. «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى: ھەم دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىدا دەرس ئۆتەلەيدىغان، ھەم ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

12. «قوش تىل» تەربىيەسى: ئاز سانلىق مىللەت تىلى بىلەن دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىدا ئوقۇتۇشقا تەشكىللەيدىغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.

13. تۆت كەسپىي مائارىپ باغچىسى: بىرىنچىسى، يېزا ئىگىلىكى، ئىككىنچىسى، سانائەت، ئۈچىنچىسى، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، تۆتىنچىسى، نېفىت خىمىيە سانائىتى تۆت كەسپىي مائارىپ باغچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

14. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرگە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى قىش بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2007-يىلى ھەر يىلى مەخسۇس كۇرس قاتلىمىغا 500نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، «ئالاھىدە قوبۇل قىلىش»، «ئالاھىدە تەربىيىلەش» ۋە «نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسۇل ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يۇقىرى ساپالىق «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلىدى. 2009-يىلى «ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىغا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى 1100 گە يەتكۈزدى، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە باشقا رايونلاردىكى بەزى نامرات ناھىيە، شەھەرلەرگىچە كېڭەيتتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتلىمىنى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامغا كۆپەيتتى. 2010-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى «ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانى» بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان 1100 ئوقۇغۇچى پىلانى ئاپتونوم رايوننىڭ پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيىلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.