سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرىغا نەزەر

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

ئا. باھادىر

36 تەدبىر جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە شەكىللەنگەن بۇلۇپ، ئاساسلىغى 7 كۇچلۇك بەگلىك دەۋرىدە، 3 پادىشاھلىق ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھەقىقى ئۇرۇش مەيداندا قوللىنىلغان ئۇرۇش تەدبىرلىرى بۇلۇپ يىغلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان ھەربى ئالىملاردىن سۈنۋۇ، سۈنبىنلار ”سۈنزىنىڭ ھەربي تەدبىرلىرى“، 《سۈنبىننىڭ تەدبىرلىرى》دىگەن ئەسەرگە خاتىرەپ قويغان. بۇ دەۋىردكى ھۇقۇقپەرەسلەر ھۇقۇق بىر- بىرسىدىن پادىشالىق تالىشىپ خەلىقنى رەھىمسىز ئۇرۇش سىپىگە سۆرەپ كىرگەن ساناقسىز خەلق ھۇقۇقپەرەس شەخىسنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.

بۇ ئەسەر ھەربىي مەكتەپلەردە مەخسۇس دەرسلىك قىلىپ ئۆتۇلىدۇ.

36 تەدبىر(ھىيلە)

1. كۆز باغلاش ھىيلىسى؛

2. ۋېي بەگلىكىنى قورشىۋېلىپ، جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش؛

3. ئۇنىڭ قولى بىلەن بۇنى بابلاش؛

4. ئارام ئېلىۋېلىپ، ھالسىرىغان دۈشمەننى كۈتۈش؛

5. توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش؛

6. ئۇياقتىن شەپە بېرىپ، بۇياقتىن زەربە بېرىش؛

7. يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش؛

8. قۇيرۇق كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىش؛

9. چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۈش؛

10. يەڭ ئىچىدە پىچاق ساقلاش؛

11. قۇربانلىق قوي ھىيلىسى؛

12. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەپ ئېلىش؛

13. چېكىپ بېقىش ھىيلىسى؛

14. ئۆلگەننىڭ ئەرۋاھىدىن پايدىلىنىش؛

15. يولۋاسىنى تاغدىن ئايرىۋېتىش؛

16. ئارغامچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىش؛

17. ئاز زىيان تارتىپ، كۆپ نەپ ئېلىش؛

18. ئوغرىنىڭ چوڭىنى تۇتۇش؛

19. ئوتنى تارتىۋىتىپ قازاننى توختىتىش؛

20. سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش؛

21. كۆزىگە توپا چېچىپ قېچىپ كېتىش؛

22. ئىشكىنى ئېتىۋېلىپ ئوغرىنى دۇمباللاش؛

23. يىراق بىلەن ئەپلىشىپ يېقىن بىلەن تېپىشىش؛

24. ساختىپەزلىك ھىيلىسى؛

25. لىمنى ئوغرىلاپ، تۈۋرۈكنى ئالماشتۇرۇۋېلىش؛

26. دارىتمىلاپ چېقىلىۋېلىش؛

27. يالغاندىن گالۋاڭ بولۇۋېلىش؛

28. ئۆگزىگە چىقىرىپ قويۇپ، شوتىنى تارتىۋېلىش؛

29. تېرە تاراقلىتىش؛

30. تالا مۇشۈكى بولۇۋېلىپ ئۆي مۇشۈكىنى قوغلاپ چىقىرىش؛

31. سەتەڭ ھىيلىسى؛

32. شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇش ھىيلىسى؛

33. ئارىنى بۇزۇش ھىيلىسى؛

34. تەتۈر قىيناش ھىيلىسى؛

35.زەنجىرسىمان ئىسكەنجىگە ئېلىش؛

36. پەشنى قېقىپ كېتىش ھەممىدىن ئەلا

تەھلىل:

ئا.باھادىر

1— كۆز باغلاش ھىيلىسى ھەربى سىياسى ئىشلاردىن سىرىت ھازىرقى دەۋىردە ئاخبارات نەشىرىيات ئارقىلىق كاللا يۇيۇشقا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

2- ۋىي بەگلىكىنى قورشىۋىلىپ جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش: 1951 -يىلىدىكى چاۋشىيەن ئۇرۇشى. غەرىب دۇنياسى ب د ت نامىدا قوزغىغان بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق رۇسنىڭ ياۋروپاغا ۋە جەنۇبى ئاسىياغا، خەنزۇلارنىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا قىلماقچى بولغان ھەرىكىتىگە قىزىل چىراغ يىقىلغان.

3- ئۇنىڭ قولى بىلەن بۇنى بابلاش: بۇ سىياسىدىكى يىتۈكلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ئۆز ئوقىنى باشقىلارنىڭ مىلتىقىدىن چىقىرىپ دۈشمىنىنى جايلاشنى كۆرسىتىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە گىرمانىيە نامىدا يالغان خەرىتە ياساش ۋە مالايسىيادا قەستەن يىڭىلىپ بىرىش ئۇسۇلى ۋە ياپۇنىيەنى ئامىرىكىغا قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئامىرىكىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىپ ئامىرىكىنىڭ كۈچى بىلەن رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلغان.

4— ئارام ئىلىۋىلىپ ھالسىرىغان دۈشمەننى كۈتۈش: ھازىرقى دەۋىردىكى ئىقتىسادى جازا ۋە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايۇن تەسىس قىلىش دۇشمەننى چارچىتىپ جاسارىتىنى سۇندۇرۇشنىڭ ئۆز ئەينى شۇ.

5- توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش: قىرىم مەسلىسى دەل كىلىدىغان مىسال. ئوكرائىنادا قالايمىقانچىلىق چىقىشى بىلەنلا رۇسىيە قىرىمنى يۇتۇۋالدى.

6- ئۇ ياقتىن شەپە بىرىپ بۇ ياقتىن زەربە بىرىش: 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا گىتلىرنىڭ رۇسلار بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق كىلىشىمى تۈزۈپ قويۇپ، ئەنگىلىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىغاچ بۇرۇلۇپلا رۇسىيەگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىشى دەل ئۇ ياقتىن شەپە بىرىپ بۇ ياقتىن زەربە بىرىشتۇر.

7- يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش: بۇ مەلۈم مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ يالغاندىن ئاساسىنى تىپىشنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى ئالبىنى يىيىشكە داۋاملىق باھانە تىپىلغاندەكلا بىر ئىش. 1967 يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ باھانىسىدەك.

8- قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سىتىش: غەرىب دۇنياسىنىڭ خىلاپەتلىككە قارشى ئەرەب دۇنياسىغا قىلغان مۇئامىلىسى دەل قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سىتىشتۇر.

9- چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۈش: ھازىرقى سۈرىيە ۋەزىيىتىدىن ئارتۇق مىسال ئىزدىمەڭ.

10— يەڭ ئىچىدە پىچاق ساقلاش: لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ سۈرىيە مەسلىسىدىكى مەيدانىغا قاراڭ.

11- قۇربانلىك قوي ھىيلىسى: ئەمەلىيەتتە بىلىقنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن قارماققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىمەك مىسالىدۇر. خۇددى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامىرىكىنىڭ فىلىپپىننى ياپۇنغا يەمچۈك قىلىپ ياپوننى توزاققا دەسسەتكىنىگە ئوخشاش.

12— پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەپ ئىلىش: ئىراننىڭ ئامىرىكىنىڭ سادامنى يىقىتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىراقتىكى شىئە ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ ئىراقتا نىسبى تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتىۋىلىشىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

13—چىكىپ بىقىش ھىيلىسى:ب د ت نامىدا بەزى رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى چىكىپ بىقىش ھىيلىسىدۇر .

14- ئۆلگەننىڭ ئەرۋاھىدىن پايدىلىنىش: ئەرۋاھ دىمەك مەۋھۇم تارىخ دىمەكتۇر. بۇنىڭدىن پايدىلانمايدىغان ئىنسانلار يوق دىيەرلىك. بولۇپمۇ دىيارىمىزدا.

15- يولۋاسنى تاغدىن ئايرىۋىتىش: تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز ھاجىملار ئەمەلى مىسال

16- ئارغامچىنى ئۇزۇن قويىۋىتىش: بۇ ئۇسۇل تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى توپقا قوللىنىلىپ پاتقاققا پاتۇرىلىدۇ. بۇنىڭ ھازىرقى مىسالى كۇبا ۋە چاۋشىيەن.

17- ئاز زىيان تارتىپ كۆپ پايدا ئىلىش: بۇنىڭدا ئامىرىكىنىڭ ئافغانىستاننى ئىگەللىشى ئەمەلى مىسالدۇر. ئامىرىكا 11- سىنتەبىردە ئۆلگەن 4000 ئادەم ۋە 10 نەچچە يىللىق ئۇرۇشنىڭ بەدىلىگە جوڭگو، ھىندىستان ‘پاكىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى بىۋاستە نازارەت ئاستىغا ئالغان بولسا رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتا كۆز تاشلىشىغا قىزىل چىراغ يىقىپ قويدى. قىسقىسى ئامىرىكا ئافغانىستاننى ئىگەللەپ 3 مىليارىد دۇنيا نۇپۇسىنى، 4 يادرو دۆلىتىنى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق تىزگىنلەشتە ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتتى.

18- ئوغرىنىڭ چوڭىنى تۇتۇش: ئەرەب باھارىدا گىپى ئۆتىدىغان، پىچىغى كىسىدىغان رەھبەرلەرنىڭ قانداق كۈنگە قالغانلىقى دىققەت قىلىشقا ئارزىيدۇ.

19- ئوتنى تارتىۋىتىپ قازاننى توختىتىش:غەرىب دۇنياسىنىڭ رۇسلار بىلەن كىلىشىپ چىچەنلەرنىڭ قەھرىمانلىق رىۋايىتىنىڭ باش پىرشۇناژى دۇدايىفنىڭ سىتىۋىتىلىشى ۋە چىچەنلەرگە بىرىلگەن ياردەملەرنىڭ توختىتىلىشى ئەمەلى مىسالدۇر

20- سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتۇش: ئامىرىكىنىڭ دىىاۋيۈ ئارىلى ۋە جەنۇبى دىڭىز مەسلىسىدە تۇتقان مۇجمەل پوزىتسىيەسى سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتۇشتۇر.

21- كۆزىگە توپا چىچىپ قىچىپ كىتىش: 1960 يىللاردىكى جوڭگو -رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇنىڭدا جوڭگو تەرەپ رۇسنىڭ يىتەكچىلىكىنى رەت قىلىپ ئۆز ئالدىغا جاھان سوراش ئۈچۈن رۇس ئاكىسىدىن يۈز ئۆرىگەن.

22- ئىشىكنى ئىتىۋىلىپ ئوغرىنى دۇمبالاش: بۈيۈك ھون ئىمپىراتورىنىڭ خەن پادىشاھى لىيۇباڭ باشچىلىقىدىكى 300000 مىڭ كىشىلىك خەن قوشونىنى بەيتىك تاغ جىلغىسىدا جىلغىغا سولاپ، قورشاۋغا ئىلىپ باش ئەگدۈرۈپ تەسلىم قىلدۇرغانلىقى دەرۋازىنى تاقاپ ئىتنى دۇمبالاش مىسالىدۇر.

23- يىراق بىلەن ئەپلىشىپ يىقىن بىلەن تىپىشىش: بۇ سىياسىدا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. ھازىرقى دەۋىردىكى جوڭگونىڭ خوشنىلىرىنىڭ ئامىرىكا بىلەن ئىتىپاقلىشىپ جوڭگونى چەكلىشى. ئامىرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىتىپاقلىشىپ ئوتتۇرا شەرىق ۋە ياۋروپانى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇشى. ئىراننىڭ رۇس ۋە خەنزۇ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەرەب ۋە تۈركىيەنى قارىغا ئىلىشى ئەمەلى مىسالدۇر.

24- ساختىپەزلىك ھىيلىسى: سىياسىدا سەمىمىيەت دىمەك مەغلۇبىيەت دىمەكتۇر . كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ كۈچىيىش تارىخىغا ساختىپەزلىك تارىخىمۇ پاراللىل بولىدۇ. ھازىرقى دەۋىردىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقى تارىخىغا قاراڭ. ئامىرىكىنىڭ ھىندىئانلارغا، رۇسلارنىڭ تۈرىكىي مىللەتلەرگە، جوڭگونىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە، ئىراننىڭ ئەزەر تۈرىكلىرىگە قىلغانلىرى ئەمەلى مىسالدۇر.

25- لىمنى ئوغرىلاپ تۈۋرۈكنى ئالماشتۇرىۋىتىش: بۇ سىياسىدا ئوغرىلىقنى باشقىلارغا سەزدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن نەخ مەيداننى كۆرۈنۈشتە نۇرمال ھالەتكە كەلتۈرۈش دىگەنلىكتۈر. بۇ ئۇسۇلنى كۆپىنچە مۇستەملىكىچىلەر ئىشلىتىدۇ. غەرىبلىكلەرنىڭ شىمالى، جەنۇبى ئامىرىكا ۋە ئوكئانىيە قىتئەسىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە تۇتقان دەسلەپكى ياۋۇز سىياسىتى نەتىجىسىدە يەرلىك مىللەتلەر قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقاندىن كىيىن ھازىرقى ئاتالمىش يەرلىك مىللەتلەرنى قوغداش خاراكتىرىدىكى سىياسەتلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. مۇستەملىكە خاراكتىرىنى ئالغان ھەر قانداق ئىنسانلار توپىدا بۇ خىل سىياسەتنىڭ ھەر خىل ئىشلىتىلىشى تىپىلىدۇ

26- دارىتمىلاپ چىقىۋىلىش: بۇ تەدبىرنىڭ بىزدىكى ئىپادىسى توخونى بوغۇزلاپ مايمۇنغا ئىبرەت قىلىش. ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىغا دىگەندەك كۈچلۈك رەقىبنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئامال بولمىغاندا رەقىبنىڭ ئاجىز ئىتىپاقداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كۈچ كۆرسىتىشنى كۆرسىتىدۇ. غەرىب دۇنياسىنىڭ رۇسقا قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرسى دەل يۇگۇسلاۋىيەنى پارچىلىغانغا ئوخشاش.

27- يالغاندىن گالۋاڭ بولىۋىلىش: بۇ ئىقتىدارىنى يوشۇرۇپ كۈچىنى ساقلاپ قىلىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئىنتايىن مۇھىم تەدبىر ھىسابلىنىدۇ. 2 قىتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا يىڭىلىپ نەچچە پارچە بولۇپ نەچچە دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بىرىلگەن گىرمانىيەنىڭ 60 يىلدىن كىيىن ياۋروپا ئىتىپاقىنى تەشكىللەپ يىڭى ياۋروپانىڭ ئىگىسى مەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇۋاتقان گىرمانىيە ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.

28- ئۆگزىگە چىقىرىپ قويۇپ شوتىنى تارتىۋىلىش: رۇسلارنىڭ 1944 يىلى غۇلجىدا ئىنقىلابنى ئۆزى قوزغىتىپ ئۆگزىگە چىقىرىپ قويۇپ كىيىن ئۆزى شوتىنى تارتىۋىلىپ بىزنى ئامالسىز قويۇشى ئەمەلى مىسالدۇر.

29- تىرە تاراقشىتىش: بۇ سىياسىدىكى ھەربى كۈچ ئىشلەتمەي دىپلوماتىيە بىلەن مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنىقراق ئىيىتقاندا ھاۋا گۆلدۈرلىتىپ، چاقماق چاقتۇرۇپ ھەيۋە قىلىدۇ ئەمما يامغۇر ياغدۇرمايدۇ. جوڭگونىڭ تەيۋەن مەسلىسىدىكى مەيدانى. ئەرەبلەرنىڭ پەلەستىن مەسلىسىدىكى مەيدانى . غەرىبنىڭ ھازىرقى قىرىم مەسلىسىدىكى مەيدانىغا ئوخشاش .

يولنىڭ يولوچىسىز قالغىنى قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەكسىچە يولوچىنىڭ يولسىز قالغىنى ئەڭ خەتەرلىكتۇر، يولسىز، نىشانسىز، مەقسەتسىز قالغان ئادەم دۇنيادا ئەڭ بىچارە ئادەمدۇر.

مەنبە: ئەجداد تورى