سالامنامە

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ


سالامنامە

ئەھمەد شاھ قاراقاش

ئەھمەد شاھ قاراقاش تەخمىنەن 1740-يىلى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاپاقلا يېزىسى ھالايلا ( ھويلا ئالدى ) كەنتىدە بىر ئوقۇمۇشلۇق مۆتىۋەر دىننىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ 17 ياشقا كىرگەندە ، يەنى 1757 ـ يىللىرى كاشىغەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان « خانلىق مەدرىسە » دە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلىغان . ئۇ « خانلىق مەدرىسە » دە تىل ، تارىخ ، ئەدەبىيات ، مەنتىقە ئىلمى ( ھازىرقى لوگىكا پېنى ) ، ئاسترونومىيە ، قانۇنشۇناسلىق ، جۇغراپىيە ، ھېساپ ئىلمى ھەمدە تىبابەتچىلىك قاتارلىق بىر قاتار دەرسلەرنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن . ئەھمەدشاھ قاراقاشى 1764- يىلى 24يېشىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، قاراقاشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۆتىۋەللىسى ئىننايتۇللا مۇپتى (1701 ~ 1783) تەرىپىدىن قاراقاشتىكى داڭلىق گۈزەر مەدرىسىنىڭ مۇددەرىسلىكىگە ھەم گۈزەر مەسچىتىنىڭ ئىماملىقىغا تەيىنلەنگەن . 1828 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن 88 يېشىدا قاراقاشتا ئالەمدىن ئۆتكەن .

ئەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ تۆتىنجى ئەۋلاد ۋارىسى ، قاراقاش گۈزەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇقادىر ئاخۇن قاتارلىق تىرىك شاھىدلىرىنىڭ ئېيتىشىچە (1982-يىلى) ، ئەھمەدشاھنىڭ تالىپلىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن « ياپىلاق » ، « پۇل » ، « شاھ پولۇ » ، « مىۋىلەردىكى جېدەل » ، « دوڭغاق » ، « ھەزرەت » قاتارلىق 30 پارچىدەك غەزەل ، مۇخەممەستىن تەركىب تاپقان بىر دىۋان قالغان . ھالبۇكى ، 1968-يىلدىكى قىسمەتنىڭ تەتۈر قۇيۇنلىرى تەرىپىدىن نەلەرگىدۇ يوقاپ كەتكەن .

« سالامنامە » نىڭ يېزىلىش سەۋەبى

ئەھمەدشاھ قاراقاشى ئىلىم يۇرتى كاشىغەردىكى « خانلىق مەدرىسە » گە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بارغاندا ، ئاقسۇ دىيارىدىن بۇ يەرگە كەلگەن نەزەر مۇپتى بىلەن تونۇشىدۇ . ئۇ « خانلىق مەدرىسە » دە بەزەر مۇپتى بىلەن ھەم ساۋاقداش ھەم ھوجرىداش بولۇپ ، يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتىدۇ . ئۇلار ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن ، ئەھمەدشاھ قاراقاشى مۇددەرىسلىك ئۇنۋانى بىلەن قاراقاشقا ، نەزەر بولسا مۇپتىلىق ( پەتىۋا بەرگۈچى ، دىننىي ئىشلاردا قارار چىقارغۇچى ) ئۇنۋانى بىلەن ئاقسۇغا يول ئالغان . ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كېيىنمۇ ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆز ـ ئارا خەت ھەم سوۋغا ـ سالام ئەۋەتىشىپ تۇرغان .

ئەھمەدشاھ قاراقاشى پۈتكۈل خوتەن دىيارىدا مۇددەرىس بولغاچقا ھەمدە ياش جەھەتتىنمۇ سەل بىئەپ بولغاچقا ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ئىلغار قاتناش قورالى بولغان ئاتقا ھاجەتمەن بولىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئاقسۇ دىيارىنىڭ ئېتىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان بولغاچقا ، نەزەر مۇپتىغا 60 تەڭگە ( بەزى مەنبەلەردە 70 تەڭگە دەپمۇ ئېلىنغان ) بىلەن بىر دانە سالامنامە ئەۋەتكەن . لېكىن ئارىدىن نەق بىر يىل ئۆتكەندە ، ئەھمەدشاھ قاراقاشى كارۋانلار ئارقىلىق بىر ئاتنى تاپشۇرىۋالغان . ھالبۇكى بۇ ئات ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغاندەك چەبدەس ، ياخشى ئات بولماستىن ، بەلكى ئىسكەتسىز ، پالاكەت ، قاشاڭ ، خۇي ـ پەيلى يامان ، ئەيىپ ـ نۇقسانلىرى كۆپ ئات بولۇپ چىقىدۇ . بۇ ئات تۈپەيلى ، ئەھمەدشاھ قاراقاشى ئەل ـ يۇرت ئىچىدە كۈلكە ـ مازاق ، خىجالەتچىلىك ئىچىدە قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئەھمەدشاھ قاراقاشى ئۆزى چىن پۈتكەن ساۋاقدىشى نەزەر مۇپتىنىڭ ساختىپەزلىكى ، ۋاپاسىزلىقى ، دىيانەتسىزلىكىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ ، ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان « سالامنامە » نى يېزىپ ، ئىككى شاگىرتىدىن نەزەر مۇپتىنىڭ ھوزورىغا ئەۋەتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەھمەدشاھ قاراقاشى بۇ ئىككى شاگىرتىغا « سالامنامە » نى ئاخىرىغىچە نەزەر مۇپتىغا ئوقۇپ بېرىشنى جىكىلەيدۇ .

ەر مۇپتى دوستى ئەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ ئىككى تالىپىنىڭ ئاقسۇ دىيارىغا كەلگنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ، پۈتكۈل ئەل ـ جامائەتنى چاقىرىپ ، ئۇلارنىڭ شەرىپىگە كاتتا زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ . ئەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ ئىككى تالىپى ئاشۇ سورۇندا « سالامنامە » نى تولىمۇ ھېسياتلىق ھەم ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ . نەزەر مۇپتى دەسلەپكى بۆلەكتىكى سالام ـ ساھەتلىك بايانلاردىن تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولسا ، ئات ھەققىدىكى ھەجۋىي بايانلاردىن تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ ئوقۇماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ . لېكىن ئىككى تەلىپ ئۆز ئۇستازىنىڭ تاپشۇرىقى بىلەن « سالامنامە »نى تولۇق ئوقۇيدۇ


سالامنامە


ئەھمەتشاھ قارىقاشى


دۇئايى بىئەدەد ،خوجام،نەزەر مۇفتىمغا ئەلۋەتتە، تەھەيياتۇ سالىمىم ئانچىنان ئاھۇ-نادامەتتە،

دۇئا بىرلەۋسال ئۇلغاي سالىمىم ياخشى سائەتتە،

سېنى ياد ئەيلىگۈم ھەركۈن سەھەر تائەتتە،

كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.


ساڭا مەن نامە يازدىم ،نامۇناسىپ لاۋزىدىن ئەي يار،

بىھەمدۇللاھ،تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار،

بىلىشنى ئىستىسەڭ ،مۇندا شۈكۈركىم،بىز ئەمەس بىمار،

تىنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ،ئاندا نە ھالىڭ بار،

مۇشەققەتلىكتىنمۇ ،يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ پاراغەتتە؟


سالامنامە ئوقۇلۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نەزەر مۇپتى ئاخۇنۇم ياش تالىپقا ئۈنرۈكرەك ئوقۇشنى بۇيرىدى.


قېرىلىق ھالىدىن سورىسام،يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،

سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،

ئايال ،ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ ،يەنە قەۋمۇ قېرىنداشىڭ،

سىڭەمدۇ ئىشتاھا قانداقكى ھەر ۋاق يېگەن ئاشىڭ،

ئۆزەڭ ئوبدان،چىرايىڭ تازىمۇ ھۆسنى مالاھەتتە؟


ئاڭلىغىن ،ئەي رەپىقا،سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن،

بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن،

ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يېقىن تۇغقان-قىرىنداشتىن،

سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قاراتاشتىن،

كۆرۈپ مەن ،بىلگىنىم يوق ئۇنى ئەينى زۆرۈريەتتە.


سېنى مەن دوستۇ -يارىم دەپ،كۆڭۈلدە ئېتىقاد ئەتكەچ،

مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەر زامان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ،

سۈپەتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە،ياد ئەتكەچ،

ئەۋەتتىم ساڭا ئاتمىش تەڭگىنى،ساڭا كۆپ ئىتمات ئەتكەچ،

ئەۋەتكەي بىر ياخشى ئات دەپ،ھامان ئۆتتۈم خىيالەتتە.


پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل ،ئەۋەتىپسەن ماڭا بىر ئات ،

ئېشەكچە يوقتۇر رەپتارى ،بۇ ئاتنىڭ ھەرمىجەزىدۇر يات،

كى يولدا توختىۋالدى قامچا بىلەن ئۇرمىسام پات-پات،

كۇلا-ئارغامچىنى ئۈزدى قوزۇققا باغلىسام قات-قات،

ئۇلاپ ئارغامچىنى ھاردىم،كۈنى قالدىم ھىلاكەتتە.


بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى،ئاڭقا،

قىڭىر قۇيرۇق ،سىڭا سۆڭگەچ،پۇتى مايماق ،بويى لاڭقا،

بىرى تەپكەك،بىرى مۆڭگەك،بۇ ئەيىپلەر ئۈستىگە ماڭقا،

ساماندىن بەش كۆشۈك يەپ ،قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،

تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەتتە كەبى بىر ئات بۇ قىياپەتتە.


نەزەر مۇپتى ياش تالىپنىڭ ئوڭ يېنىدا قولىنى قوشتۇرۇپ ئۆزىنى تەرىپلىگەن جايلارنى ئوقۇلغاندا، سالماقلىق بىلەن مېھمانلارغا كۆز يۈگۈرۈتمەكتە ئىدى. كېيىنكى مىسرالار ئوقۇلغاندا، ھېچنىمىنى چۈشۈنمەي :‹‹ ئەھمەدشاھ ئاخۇنۇم تېخىچە قىززىقچىلىقىنى تاشلىماپتۇ-دە، بىر ياخشى ئات ئەۋەتسەم ۇنىڭ تەرىپلىگىنىنى قارىمامدىغان›› دېگەنلەرنى ئۆتكۈزدى. مېھمانلار بولسا يۇقىرى ئاۋازدا يوتىلىرىغا شاپىلاقلاپ ئاۋازى بىلەن ئېچىلىپ كۈلۈسكە باشلىدى. نەزمى سالامنامە داۋاملىق ئوقۇلىۋاتاتتى:


مىنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى،يىقىلدىم ،نەچچە كۈن ياتتىم،

قويۇپ بەرسەم،بۇزۇپ باغنى،ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم،

سۇغارغاندا قېچىپ سۆرەپ،ئاران ھارغاندا توختاتتىم،

تېگىشتىم ئۇي بىلەن بەش رەت،ئون قېتىم ساتتىم،

قىلىپ دەۋا كېلىۋەردى ،ماڭا ياندى شەرىئەتتە.


ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام،تۈزۈك يۈگۈرۈپ چاپالمايدۇ،

ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىرلە باراۋەرمۇ ماڭالمايدۇ،

مۇبادا توختىۋالغاندا ئۇرۇپ قويسام چىچاڭلايدۇ،

مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بىرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،

خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاساپەتتە.


ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام ،سوكۇلدايدۇ ئىشەك ئوخشاش،

قورساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش،

يەنە بىر ئەيىبى شۇدۇر چىرقىراپ سەت، يولدا تاپ توختاش،

زېرىكمەي مىنسە ،بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش،

شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەپەر ،سەيلە-ساياھەتتە.


ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا ،ئۆتمىدى ئاتلاپ،

ئەگرى يولغا كىرىپ ئالسا ئەگەر كىم ،ھارمىدى قاتراپ،

غۇلاپ بوينىدىن چۈ شتۈم ،قاترىغاننىڭ زەربىدىن چاچراپ،

ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى،قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ،

ساقايدىم ھەر زامان پارپى يالاپ مەجۇنى شەربەتتە.


جاھان بازارىدا ھېچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر،

يىقىلسا گاھىدا مۈدۈرۈپ،تېپىپ-ئۇرمىسا قوپماسلەر،

زورىدىن بىر يۈگۈرسۇن دەپ ھەر نېمە قىلسا،چاپماسلەر،

سالاملاشسام،تۇرۇۋېلىپ ،تاياقسىز زادى ماڭماسلەر،

ئوسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مېنى شۇنچە خىجالەتتە.


ئېغىلنى توختىماي بۇزدى ،ئىشىىكنى كۆپ قىتىم چاقتى،

بوغۇپ تەخەينى ئۆلتۈردى،موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى،

قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي،تالاي كۈن باشقىلار باقتى،

تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ ،ھامان ھەركىمگە خۇشياقتى،

تالاپەتتىن بۆلەكنى كۆرمىدىم،قايغۇ-نادامەتتە.


مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق،بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،

ئېلىپ چىقماسقا بەند قىلدىم،ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ،

قومۇردى- يۇلدى تۈۋرۈكنى ،كىچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ،

كاسەپەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ،

دېدىم مەن :ئۆلسىمۇ ئۆلسۇن،خۇدا قىلغان ئىرادەتتە.


ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم قانچە قېشىمغا ئات سوراپ كەلدى،

بۇ ئاتنىڭ ئەسلىي خۇي-پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى،

باھانە ئەيلىسەم نەچچە،ئۇلار يامان قاراپ كەلدى،

ئىلاجىم يوق بېرىپ تۇردۇم،مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى،

بۇ جىىنىم چىققىلى تۇردى كۈنى يۇزمىڭ خىجالەتتە.


ئەۋەتكەن بۇ ئېتىڭغا ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس ،

قەلەندەر بىلەن ئابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس،

كۆتۈرۈپ گەز بويى ھېچ ئات ساغرىنى ئۇنىڭدەك چاقماس،

كىشىكىم ئات بالاسىدىن بۇنىڭدەك بھېساپ قورقماس،

ئېلىشتىم ،غەم بىلەن قايغۇ بېسىپ تائەت- ئىبادەتتە.


قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خېرىدارنى ئاختۇردۇم،

بېدىكنى ھەرقاچان كۆرسەم ،چۈچۈك تىل بىرلە يالۋۇردۇم،

قېرى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيگە كۆپ مېڭىپ ھاردىم،

يېيىشلىك ھەم كۇچى بار دەپ ئۇنى مەن شۇنچە ماختىدىم،

بازاردا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھەتتە.


ساتالمىدىم بۇ ئاتنى مەن ،سېىلىپ ھەر ھەپتە بازارى،

بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى،

يامانلىق شۆھرىتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى،

بىراۋ كۆرسە ئۇنى ،قاچتى ،ئېلىپ بارغىن دەپلا نارى،

قانداق قىلاي بۇ كۈن دوست-يار ئارا كۆپ-كۆپ مالامەتتە.


بىزار بولغاچ تولا،كۈن-تۈن يەنە بازارغا ئەپ چىقتىم،

تىلىگەنگە ساتايچۇ دەپ ،بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم،

يېپېپ جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئېگەر ئۈستىگە سېپ چىقتىم،

سېتىلماي قالمىغىيدى دەپ تۈ مەن مىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،

نادامەت ئەيلىدىم ،قالدىم ئەجەپ بىچاغ زەلالەتتە.


كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچانغا كۈنى-تۈن باغلاپ،

سىلاپ جىسمىنى ھەر كۈندە كۈنجۈت يىغىدا ياغلاپ،

بوغۇزنى قاينىتىپ بەردىم،يېدى ھەر چاغ ئۆزى چاغلاپ،

بېدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئېيتىپ،بەكمۇ جىق داڭلاپ،

ئاخىر ساتتىم نېسىگە ،بىر قەلەمدار ئالدى مۆھلەتتە.


چۈشۈپتۈر ئاسماندىن ئون تۇلۇمدا لاپ بىلەن يالغان ،

بىرى ئالەمگە تارقاپ ،توققۇزى مۇفتىمغىلا قالغان،

پۈتۈن يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئاتمىش تەڭگىگە ئالغان ،

بۇ ئاتمىش تەڭگىدىن ئېنىقكى ئوتتۇز تەڭگىنى سالغان،

بېيىپ كەتكەن ئىكەنسەن ئەسلىدىن شۇنداق خىيانەتتە.


ئۆزۈڭ موللا بۇرەدەر،ئەجەپكى نەپسىڭىز غالىپ،

چىرايىڭ خوپ سالاپەتلىك ،بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىپ،

بولۇپدۇرسەن سەن بېرىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىگە تالىپ،

كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر ،ئەي يار،مېنىڭ ھەققىمنى ئېپقالىپ،

كۆچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ ھالاۋەتتە؟


سالامنامە ئوقۇلۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، نەزەر مۇفتى ئەھمەدشاھنىڭ راست يېتىۋاتقانلىقىنى پەملەپ تالىپقا ۋارقىرىدى. توساتتىن توختاپ قالغىنىغا نارازى بولغان مېھمانلار ئوقۇ ئوقۇ دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. ياش تالىپ بىردە نەزەر مۇپتىغا قاراپ بىردە مېھمانلارغا قارىدى، نەزەر مۇپتى يۈزىنى قولى بىلەن ئېتىۋالغاندى. نەزەر مۇپتى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى شۇنىڭ بىلەن تالىپ ئىككى تەرەپكە قاراپ قويۇپ تېخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا داۋاملاشتۇردى:


سېنى مۇفتى دېگەن بىلەن تۈزۈك ئانچە ساۋاتىڭ يوق،

سېنىڭ ھەق بىلەن ناھەق بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق،

ساداقەت يارۇ دوستلارغا ئۈمىد ۋە ئېتىقادىڭ يوق،

قېرىنداش،ئەلگە،تۇغقانغا تېرىقچە ئىئمادىڭ يوق،

ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى ،بۇرادەر،ئۇشبۇ ھالەتتە.


نومۇس قىل خەلقىلئالەمدىن،سالامەت سەن ،ئەمەس بىمار،

خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە،خىجىللىق ئەيلىمەك دەركار،

مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن،ئۆزگىنىڭ ھەققىنى يېمە زىنھار،

كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ مىڭ ئىبادەت قىلغنىڭ بىكار،

سەئىي بىرلە كۈنى-تۈن ئۇخلىماي تۇرساڭمۇ ئىبادەتتە.


ماڭا ئۇ ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مالامەتتۇر،

يېمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگىنى قانداق خىيانەتتۇر،

يېقىىنلاشقاچ قىيامەت، بەد دىيانەتلىك ئالامەتتۇر،

مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سەندە ئامانەتتۇر،

بېرەردۇرسەن ئۇنى تاڭلا تولۇق روزى قىيامەتتە.


سالامنامە تاماملىنىشى بىلەن تەڭلا مېھمانلار ئارىسىدا ئاچچىق كۈلكە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. نەزەر مۇپتى ئەل نەزىرىدىن دومىلاپ ئاللىقاچان ھوشىدىن كەتكەنىدى.


نەزەر مۇپتىنىڭ جاۋابى

نەزەر مۇپتى ھوشىغا كەلگەندە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى ئاللىقاچان ئۆيلىرىگە كېتىپ بولغانىدى. ئۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن خۇددى ئېغىر نېرۋا كىسىلى بار ئادەمدەك بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى يېنىدىكىلەرگە پەرماۋۇ قىلمايتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت بىر خىيال ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇ بولسىمۇ ئەھمەد شاھ قاراقاشىنىڭ سالامنامىسىدە دېيىلگەنلەرنىڭ راست-يالغانلىقى ۋە ياكى ئۇنىڭ قىززىقچىلىق قىلىمەن دەپ يېزىپ قويۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بار-يوقلۇقى ئىدى. ئۇ ھەرقانچە ئويلىسىمۇ بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەيۋاتاتتى. نەزەر مۇپتى ئەھمەد شاھ قاراقاشى ئەۋەتكەن تالىپنى ئۆيىدە بىر كۈن ئارتۇق قوندۇرۇپ قويدى. ئۇ ئەھمەد شاھ قاراقاشىنىڭ جەمەتىنىڭ لەقىمى ‹‹ياپىلاق››نى چۆرۈدەپ، ئۇنىڭغا نەزم يېزىپ ئەۋەتىدۇ. نەزمدە ئۆزىنىڭ ئەسلى ئەڭ ياراملىق ئات ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ يولدا بارغۇچە ئالماشتۇرۋېتىلگەنلىكىنى، ئەھمەدشاھنىڭ ئەھۋالنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرماي ئاتمىش تەڭگە ئۈچۈن يېقىن دوستىنى خىيانەتكار قاتارىغا چىقارغانلىقىنى، ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلىدىغان، ئازغىنە مەنپەئەت ئالدىدا مەيدانسىزلىق قىلىدىغان، يىراقنى كۆرەرلىكتىن خالىي قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىيالمايدىغان ‹‹ياپىلاق›› خارەكتىرنى ئۆزىدە يېتۈلدۈرۈپ قالغانلىقىنى تەسۋىرلەپ كىنايىلىك تىل بىلەن چۈشەندۈرىدۇ.

كېيىنكى مۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن

ئەھمەدشاھ نەزەر مۇپتى ئەۋەتكەن ‹‹ياپىلاق›› دېگەن شېئىرنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئەھمەدشاھ خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، ئېيتىلغان سۆزلەرگە سۆزلەرگە ئىشىنىپ-ئىشەنمەي قوللىرى تىترىگەن ھالدا نەزمىنى ئېلىپ ئاۋايلاپ ئېچىپ ئۇقۇشقا باشلىدى. بىردىنلا ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، نەزم قولىدىن چۈشۈپ كەتتى.

-ئاھ خۇدا! بۇ ماڭغا نېمە كەلگۈلۈك، مەن زادى نېمە ئىش قىلىپ قويدۇم ئەمدى!-ئەھمەدشاھ نىدا قىلدى،- نېمىشقىمۇ ئىشنىڭ ئەكس تەرىپىنى ئويلىمىغاندىمەن-ھە! ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئۆز ئېشىمغا تۇپا چېچىپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ھەي ئىسىت! ‹‹كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن›› دەپ ئاتا بوۋىلار توغرا ئېيتقانكەن ئەمەسمۇ؟-ئۇ ئۆز-ئۆزىگە زارلىنىشقا باشلىدى.


مەنبە: ئىشچىلار ھەركىتى ژورنىلى