زەپەرنامە

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

زەپەرنامە

يوللىغۇچىدىن: ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى موللا شاكىر ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە تارىخ سەھىپىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىسى بار شائىرلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

موللا شاكىر 1802- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ۋاپاتى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق، " زەپەرنامە " ئاپتورنىڭ يىرىك ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ بىرنەچچە خىل قوليازما نۇسخىسى ساقلانماقتا. بۇ داستاندا ئاقسۇ خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتلىرىنىڭ زۇلمىغا قارشى كۆرىشى ۋە باتۇرلارچە ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىز بۇ قېتىم بۇ ئەسەرنىڭ " ئاقسۇ ئەدەبىياتى " جۇرنىلىنىڭ 1981- ۋە 1982- يىللىق سانلىرىدا تونۇشتۇرۇلغان نۇسخىسى ئاساسىدا تور بېتىمىزگە يوللىدۇق. بۇ نۇسخىدا ئەسلى ئەسەرنىڭ تىلىغا سادىق بولۇش ئاساسىدا بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە كىرگۈزۈلمىگەن " ئۆ، ئۈ " ھەرپلىرى ھازىرقى ئىملا قايدىسى بويىچە قوشۇلغاندىن سىرت، ئەسلى ئەسەردە ئىزاھات بېرىلگەن سۆزلەر قىزىل رەڭ بىلەن بېرىلىپ يان تەرىپىگە ئىزاھاتى بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سۆز ئىبارىلەر ئۆزگەرتىلمەي ئەينى بويىچە بېرىلدى.


زەپەرنامە

موللا شاكىر

موللا شاكىر ئۆز زامانىسىدا ئۆتكەن مۇئەللىپلەر ۋە شەرق يازغۇچىلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە " زەپەرنامە " داستانىنى باشلاشتىن ئىلگىرى " ھەمد " ۋە " نائىتلەر "نى يازغاندىن كېيىن داستاننىڭ بىر بۆلۈمىنى قوزغىلاڭغا باشچىلىق قىلغان خوجىلارنىڭ تارىخىغا بېغىشلاپ شۇنداق يازىدۇ:

مۇبارەك ئاتى ئاتى خۇئاجە سەييد جاما،

ئولەر قۇتبى ئەقتاپ ساھىپ كامال. ئۇلۇغ كىشى مەنىسىدە

بەشارەت بېرىپ ئەردى خەيرى بەشەر، ئادەمنىڭ ياخشىسى

دىدى چىنى ماچىنغا ئەيلەڭ سەپەر.

بار ئەرمىش بۇ ماچىندا شەھرى كېتەك،

قىرىق شەھەر دېدى بەزىلەر قىرىق يەك.

دۇئا بىلەن ئەيلەڭ ئۇلارنى ھالاك،

ھەممە قەۋمى بەد قاغۇسى زىرى خاك. توپا ئاستىدا

بارۇرسىز مازار تاغ بىلە ئەردەۋىل، ئاقسۇنىڭ بۇرۇنقى نامى

ئۆتەر ئۆمرىڭىز دەۋرى ئون ئىككى يىل.

كى ئاباد ئېتىپ ئەيلەڭىز خانىقاھ،



بولۇر ئول زەمىن مەنزىلى تەكيەگاھ.



ئاتا ئەيلىمىگەي ھەق ساڭا بىر ئوغۇل،

كۆڭۈل بولماغاي شادلىقتىن مۇلۇل.

مۇبارەك ئاتى مەۋلەۋى ئەرشىدىن،

ئۆزى قۇتپدۇر مۇرشىدى راھىدىن. دىن يولىغا باشلىغۇچى

مۇسۇلمان بولۇر تاغدا تۇغلۇق تۆمۈر،

بولۇپ ئەھلى ئىسلامدا ئەتكەي ئۆمۈر.

ئىلە شەھرىنى دىنى ئىسلام ئاچىپ،

جەھان سەپھەسىغە جاۋاھىر ساچىپ.

ئىلەنىڭ ئاتى ئەردىكى بولغۇسۇن،

بايان ئەيلەيىن مەخپى سۆز قالماسۇن.

ئۇلار مەنزىلى بولدى بولدى شەھىرى كۈسەند،

بولۇپ مەخپى سۆزلەردىن ئاگاھسەن.

كۈسەندنىڭ ئاتى بولدى ئاندىن كۇچا،

كۇچادا بولۇر مەنزىلى تەكيەگاھ. تايانج بازا، قورغان، قەلئە

كۇچا شەھرىنىڭ چۆرەسى تاشدۇر،

خوجام مەنزىلى كىم چاھار باغدۇر.

كۇچا شەھرىدە شاھى ئالىي جاناپ،

تولۇق قىلدى مەشرىقدا ئول ئاپتاپ.

گەھى ئەيتۇر ئەردى خالايىققا دەرس،

مۇرىد تەربىيەت ئەيلەدى ئەلغەرەز. سۆزنىڭ قىسقىسى

بۈگۈر، كورلا ۋۇ شەھرى تۇرپان، قۇمۇل،

قىلىپ جانۇ دىل بەيئەتىنى قوبۇل.

كۇچا شەھرىنى ئەيلەدى پايتەخت.

قىلىپ پادىشاھلىقنى ئولنىڭ بەخت.

يانا كاشىغەر، ياركەندۇ، خوتەن،

تۇتۇپ يارلىقنى ھەممە جانۇ تەن.

يانا شەھرى بەر -بەر بىلەن ئەردەۋىل، خەلق رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا ئۈچتۇرپاننىڭ ئەرەپچە ئىسمى

تۇرۇپ خىزمەتىدە ھەممە جانۇ دىل.


كەل ئى ۋەئىزگۇي بىر سۇخەن ساز قىل،

قىلىپ قىسسە كۆتە سۆزۈڭ ئاز قىل. قىسقا

كى يۈز يەتمىش ئۈچ يىل سەككىز شەھەر،

خەلق ئۈستىدە تاپتى مەنچىڭ زەپەر.

بۇ مۇددەتتە مەنچىڭلار، قالماق سوراپ،

رەئىيەتنى قىلدى ئۇلار بەك خاراپ. پۇقرا، خەلق

كېتىپ ئىلگىدىن شۇنچە مۇددەت ئۆتۈپ،

خوجاملارغا كەلدى پەلەك چۆرگۈلۈپ.

كېتىپ ئاتمىش بەشتە قالماق تامام،

كى يۈز سەككىزىدە بۇ مەنچىڭ مودام.

جاھانگىر كېلىپ ئەيلەدى جەڭگى سەخت، قاتتىق جەڭ

بۇل كاشىغەردە قالدى ھەممە تاغۇ - تەخت.

يانا قىلدۇرۇپ كاللا بىلەن مۇنار،

بۇ كاشىغەر زېمىنىغا كېلىپ ئۈچ قاتار.

قاچىپ كەتتىلەر يايداغ ئاتقا مېنىپ،

بۇ ئالتۇن، كۈمۈشنى مەنچىڭغا بېرىپ.


پېقىرغا دېدى بىرنەچچە يارى خاس،

نەچە ئەھلى بەزمى جاۋاھىر شۇناس.

قىلىنسا بۇ جەڭنامىنى بىر كىتاب،

ئوقۇغان ئىشتكەنلەر تاپقاي ساۋاپ.

ئۆمۈردە باقى يوق، بۇ پانى جاھان،

قالۇر دەھردە ئۇشبۇ نام - نىشان. دۇنيا

ئۆزۈم ھەم قېرى، ئاجىزۇ - بى قوبۇل،

مىزاجىم زەئىپ ئەردى تەبىئىم مولۇل.

بۇ سۆز نەزىم قىلغۇنچە يوقتۇر جامال،

بۇ زېھنىم پارامۇش ئۆزۈم كەنگ لال. پارامۇش = ئۇنتۇتقاق. كەنگ = گاچا. لال = تىلى كالۋالاشماق

سۆزۈمدە گەر بولسا سەھۋۇ، خاتا،

بولۇپتۇ كەرەم بىرلە قىلغىل ئاتا.

كىتابىمغا قويدۇم " زەپەر " نامە ئات،

تىزىم نەزمىگە سۆزنى بائىشقات.


كەل ئى ۋەئىزىگۇي ئەيلىگىل راۋىيان، نەسىھەت قىلغۇچى. رىۋايەت قىلغۇچى

قىلىپ ئاقسۇدىن بىر داستان.

بۇزۇلمىش بىر ۋاقتىدا شەھيار، كۇچا،

كۇچاردىن خۇرۇج ئەيلەدى بىر خوجا. قارشى چىقماق

بۇ ئامبان ئىشىتتى بىر يەڭلىغ خەبەر، شۇ چاغدىكى مەنچىڭنىڭ بىر ئامبىلى

ئىچىگە توشتى ئۇنىڭ بىر شۇرى شەر. تەشۋىش

ھېكىم بەگنى قىچقىر، دېدى شۇل زامان،

قاراڭغۇ كۆزىگە بۇ روشەن جاھان.

دىدى، ئى سايىد بەگ ئىلاجىنى قىل،

بايان ئەيلە بىزلەرگە روشەن دەلىل.

چىقىپتۇ شۇ كۈنلەردە بىر شىرى نەر، ئەركەك شىر، باتۇر مەنىسىدە

بارابەر بولۇرغا قېنى ياخشى ئەر.

مابادا چىقىپ باي ۋە سايرامىغا،

كېلۇر ئاقسۇغا سۈبھىدىن شامىغا.

يىغىلدى ھەممە ئەھلى سەردارى چىن،

كېڭەش - مەسلىھەتلەر قىلدىلەر ئانچۇنىن.

كى دارىن غالداي دالۇيەسى،

فىيە، چىڭشا يۈن، زۇڭيا ۋۇ شويەسى.

ھېكىم ئىشىكئاغا، غەزىنىچى، شاڭ بېگى،

بۇ ئىشغۇلۇ دىۋان، مىراب مىڭ بېگى.

كېلىپ بىر تەرەپتىن چېرىك ئامبانى،

بۇ سۆز چىن مۇدۇر، بارمۇدۇر يالغانى.

بۇ ئامبان دالۇيە چېررىك خۇمەس،

بۇ تاشلاڭ بولۇپتۇ ھېلى نان يىمەس.

كېلىپ باي سايرامدا چېرىك يىغار،

ئۇلار پاشا ئەردى بولۇپ ئەمدى مار.

بۇ ئونباش بىلەن قوشتاي يانجىدىن،

بۇ نەيپۇت، دابانچى، شاختۇرا كانچىدىن. يۇقارقىلار باي ناھيىسىدىكى يەر ناملىرى ــــ تاييارلىغۇچىدىن

دېدى خۇنرىزلەر كەلسە لەشكەر يىغىپ،

بارابەر بولۇر ئالدىغا كىم چىقىپ.

دېدى سايىد بەگ ئىلاجى نەدۇر؟

بۇ ئەيغان سۆزۈڭنىڭ جاۋابى نەدۇر؟

بۇ قۇربان بىلەن ئەيباۋاڭ - ئەييۇپ قېنى؟

بۇ زىۋازىلەر يوق قىلىپتۇر ئېنى.

بۇ تۇنگان بىلەن چەنتۇ بولدى شېرىك،

ئۇلار ئەمدى قويمايدۇ بىزنى تىرىك.

ئەگەر ئاقسۇدا بولسا ئەيۋاڭ ھايات،

قىلۇر ئەردى بىزنى غەمدىن نەجات .

بۇ نەنلۇ ۋە باچىڭدا جۇڭۋاڭ ئىدى، جەنۇپتىكى ئالتە شەھەر. سەككىز شەھەر

بىلىشلىك ئەجەپ تۇرپە دانا ئىدى. ئاجايىپ

بېجىنگە بېرىپ خاننى كۆرگەن ئۆزى،

كى تۇپراققا ئاغۇشتە ئايدەك يۈزى. بۇلغانماق

ئۇلۇغ خاننىڭ ئالدىدا كۆپ ئىئىتىبار،

كى چىن كۆڭلى بىرلە ئىدى بىزگە يار.

بېجىندە بولۇپ جۇڭشى خان قىلدى ياد،

كى دۇۋاڭ ئاكا ئەيلەگەن ئىلتىپات.

كى شاڭيۇڭ ئەنى تۇتقان ئەردى ئەرز،

ئىدى ساھىبۇل ئەقىل ساھىپ تەمىز. ساھىبۇل ئەقىل = ئەقىل ئىگىسى ساھىپ تەمىز = پەرق قىلغۇچى دانا

كى خاندىن كېلىپ خالتە ساۋغەسى،

كېلىپ يانبۇدىن ئوتتۇز ئالتىسى.

كىيىملىك كىلۇر خانغا كۇچۇڭ تاۋار،

كى چوڭ ۋاڭلىغى پىسسە ۋۇ تاجىدار.

بۇ تۇڭچى ئۇنىڭ قەددەنى بىلمەدى،

بۇ چانتۇ دېدى، كۆزىگە ئىلمادى.

كى خان قاشىدا ئەردى دانا ۋەزىر،

بۇ مەنسەپ بېگىگە ئىدى دەستىگىر.

بۇ كەلگەن خەتنى ئوقۇپ ئاشكار،

بۇلار ھەممىسى يىغلاشىپ زار- زار.

بولۇپ جەمئىي ئۇلار باردى بۇتخانەگە،

سىرىن ئەيتمامادى بەلكى ھەمخانەگە.

ھەممە ئۇشبۇ ماتەمدە تۇتتى ئازا،

بۇ غەم - قايغۇ ئەندىشە بولدى غىزا.

ھەممە بۇز ئىگىن بىلەن ماتەم تۇتۇپ،

ساما سالدى گوياكى ئىتتەك ھۇلۇپ.

بۇ ئۆلگەنلەر ھەققىدە پوجاڭ ئاتىپ،

بۇ دارىنلەرنىڭ ئەمدى باشى قاتىپ.

ئەزىز خان بىلەن چاڭلۇڭ جانىن قېنى،

بۇ دۇۋاڭ بىلە شاڭخۇڭ، تۇڭچى قېنى.

بۇ ئۆتكەنلەرنى يىغلاشىپ قىلدى ياد،

مىسالى بۇ كوھنە جاھاندۇر رابات.

ئەزەلدىن دېدى بۇ جاھان بىۋاپا،

بۇ ئۆمرۈمدە دۆلەتتە يوقتۇر ۋاپا.

نەدۇر يىغلاماقتىن بىزلەرگە سود، پايدا

جاھاندا ھەممە بولدىيۇ ھەم نەبۇد. بولمىدى

كى ئەيۋاڭغا قىلىپ ئەردى ئادەم سېنى،

تاپىپ تاجلىق ئالدىڭىز تەختىنى.

بولۇپ ئەردى كاشىغەرگە قۇتلۇق ھەكىم،

بۇ يەڭلىغ بولالىغان ئەمەس ھىچكىم.

بۇ دۆلەتنى ئەيۋاڭغا خىزمەت قىلىپ،

دېدى تاپتىڭىز ماڭا ئىززەت قىلىپ.

ئۇلۇغلارغا خىزمەتنى قىلغان كىشى،

بۇ يەڭلىغ بولۇپتۇر ئىنىڭ كاج ئىشى.

بۇ ئامبان ھېكىم بەككە قىلدى سوئال،

سورايمەن دېدى ئەيتىڭىز بىمالال.

دېدى ئى ھېكىم بەگ ئاتاڭ كىم ئىدى،

نە يەردىن بۇ مەنسەپنى تاپقان ئىدى.

ھېكىم بەگ ئاتاسىن قىلالماي بايان،

جاۋابىن بېرەلمەي باقىپ ھەر قايان.

باشىن ئىرغاتىپ قاشىن تەۋرەتىپ،

بۇ ئامبان كۈلۈپ ئۇل زامان سۆز قاتىپ،

دېدى ئى سايىد راستىنى ئاڭلادىم،

ھېكىملىقنى باشتىن ساڭا شاڭلادىم.

دېدى ھېكىم بەگ خۇدانىڭ ئىشى،

ھەجەپ كاجگۇندۇر پەلەك گەردىشى.

بۇ دارىن ھېكىمنى قىلىپ ئىمتىھان،

بىلۇرمەن دېدى راستىن قىل ئايان.


كۇچاردا ئاتام ئەردى شەيخى مازار،

قەلەندەرچىلىكتە يۈرۈپ خارۇ - زار.

ۋە لېكىن سەھەرلەردە بىدار ئىدى،

ھەمىشە مازارلاردا يىغلار ئىدى.

ھۈنەر يوق، ئاتام ئەردى بىر نامۇراد، بەختسىز

مىنەرگە تاپالماي ئېشەك بىرلە ئات.

تېرىلغۇ قىلۇرغا قېنى يەرۇ، سۇ،

كۇلانى كىيىپ دەر ئىدى ھويى ھو.

كى ئارام ئالالماس ئىدى بىر سەلىم،

قولىدا ھاسىسى يېنىدا چىلىم.

ئىشى دايىما بەڭ، تاماكۇ چېكىپ،

قولىدا راۋابىنى ناخۇن چېكىپ. تىرناق بىلەن چېكىپ

ئوقۇر ئەردىلەر ئاشىقانە غەزەل،

بۇ يەڭلىغ ياراتمىشىن ئانى لەم يەزەل. خۇدا

باشىدا كۇلاھى قولىدا سوتا،

كۆڭۈلدە خۇداغا قىلىپ ئاھۇ ۋاھ.

بۇ دارىنغا ئەينى ئاتامغا يوق ئىش،

كى مېھنەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ يازۇ - قىش.

سايىد بەگ قىلىپ سۆزىنىڭ راستىنى،

يوشۇرماي كۆرۈپ ئەردى جان دوستىنى.

بۇ ئامبان كۈلۈپ بارچە تۇرغان سىپاي،

تىزىغا قاقىپ ئەيدىلەر ھاي - ھاي.

كى بىزلەرگە قىلدى ھېكىم راستلىق،

دېدى راستلىق مەردى شاھبازلىق. يۈرەكلىك، باتۇر

خۇدايىم پادىشاھنى گادا،

گادا گاھىدا ئەيلىگەي پادىشا.


كەل ئى نوكتەدان بىر سۇخەن ساز قىل، نوكتەدان = زېرەك، ئەقىللىق سۇخەن = سۆز

قىلىپ دەستان قىسسە ئاغاز قىل. باشلىماق

ئاتاسى سايىدنىڭ ئىدى توختى شاھ،

مەمەت تاجى بەككە ئىدى ئول تاغا.

كۇلانى قويۇپ كەيدىلەر موزانى،

كۆرۈڭكىم بۇ بەد ئەسلى مەي گوزانى.

ئاناسىنىڭ ئاتى بى بى رابىيەدۇر،

تەلەيدىن ئۆزى مەقسىدى كەئىبەدۇر.

ئۆزى پەنچى ۋاقىت دائىما سەۋم ئىدى، پەنج ۋاقىت = بەش ۋاق، نامازدىن كىنايە سەۋم = روزا

كېچىلەردە بىدارۇ بىنەۋم ئىدى. نەۋم = ئۇيقۇ

ئاتانىڭ دۇئاسىنى قىلدى قوبۇل،

خۇدايىم ئاتا قىلدى ئىككى ئوغۇل.

قۇتلۇق بەگ، سايىد بەگ بۇ ئىككى ھېكىم،

بولۇپ شاھلىق تەختىدە مۇستەقىم.

ئاتاسى بولۇپ كاشىغەردە ۋاپات،

ئاناسى يۈرۈپ ئەردى ئۆلمەي ھايات.

كى ھاكىم بولۇپ ئاقسۇغا شاھ سايىد،

ئىئۇدادىن بولۇپ بەخەبە شۇم پەلىدە.

ئىچىپ كەر كۈنى ئوردا ئىچرە ئاراق،

كى مەيخادەلىق بىرلە توم - تاراق. ھاراقكەشلىك

زىناۋۇ زالالەتدە پىسقۇ پۇجۇر، زالالەت = ئازغۇنلۇق پىسقۇ پۇجۇر = ئەخلاقسىزلىق، بۇزۇقچىلىق

يېتىشتى ئاخىرى دەۋلەتكە پۇتۇر. زىيان

تاپىپ ھەر كۈنى ئوردا ئىچرە جالاپ،

جالاپ بىلەن يەيدۇ تائامۇ كاباپ.

نامازۇ نىياز بىرلە يوقتۇر ئىشى،

بولۇپ زۇلمى ناھەق ئىنىڭ قىلىمىشى.

قىلىپ ئاشكارە بۇ پىسقۇ پاساد،

ماتائىي شەرىئەتنى قىلدى كاساد.

بۇ شەرئىي سەرىبىگە بويۇن تولغادى،

ئەزىزانە ئاقسۇ ئۇنى قوغلادى.

ئاناسى نەسىھەت قىلىپ يىغلادى،

دىگەن سۆزلەرىنى قوبۇل تۇتمادى.

يوق ئەردى ھېكىم بەگدە دەستۇرخان،

رېزادۇر ئەگەر نان ئۈچۈن چىقسا جان.

ئۆزى تۈندە خۇي پاسىقۇ ھەم بېخىل، خۇيى يامان

خۇيى پەيلى مانەندى ئەبۇ جەھىل. مانەندى = ئوخشاش، ئەبۇ جەھىل = يامان بىلەن نام چىقارغان ئادەم

نەسىھەت قوبۇل قىلمادى شاھ سايىد،

بولۇپ ئالى مەرۋان ئالى يەزد، قەدىمدىكى زالىم پادىشاھلارنىڭ ئىسمى

ئەيتىپ بى ھايا سەگ خوجىلارغا ئوق، ئىش

بۇ تەھقىق بىلىڭدىن - ئىمانى يوق.

كەل ئى موكتەدان ئۈگە سۆزلەرنى قوي،

كېڭەش مەسلىھەتكە قىلىپ جوستە جوي.

دىدى جۇڭشى بولدى ئىلاجى نەدۇر،

ئەگەر خوجا كەلسە ئۇرۇشماق كېرەك.

بۇ جاننىڭ بارىچە ئۇرۇشماق كېرەك.

ھېكىم بەگ دېدى ئۆزۈم جەڭچىمەن،

يېغى بولسا رۇستەم ۋەيا تەھىمىتىدىن. دۈشمەن

قاراپ ئەيدى ئامبانغا سىز غەم يېمەڭ،

ئالۇر ئاقسۇنى ئۇشبۇ ئىشىڭىزدىن دېمەڭ.

بۇ شەھيار، كۇچا كىچىك بىر قەلئەدۇر،

ئۇنىڭدىن نە ئەندىشە نە ۋەھىمىدۇر.

بۇ ئاز خەلقىنىكى جۇغى قانچەدۇر،

كېلەدۇر بۇ يەرگە جانى نەچچەدۇر.

تاغام كاشىغەر تەختىدە ھۆكۈمران،

كزۈم ئاقسۇغا پادىشاھى زامان.

تاپىپ خۇجانى مەن ئۆزۈم جەڭ قىلاي،

جاۋابىن بېرىپ مەن ئۇنى تەڭ قىلاي.

ھەممە كاشىغەر، ياركەندۇ، خوتەن،

بۇ خان يارلىقىنى تۇتار جانۇ - تەن.

ئۇلار يارلىشىپ بەرسە بىزگە چېرىك،

بۇ دۈشمەنلەرنىڭ بىرسى قالماس تېرىك.

ئىلەدىن يېتىپ كەلسە قالماق سولۇن،

سۇ ئۈستىدە بولغاي ئۇلار بىر قۇيۇن.

بېجىنگە يېتىپ بارسا ئۇشبۇ خەبەر،

ئۇ يەردىن يېتىپ كەلسە چېرىك ئەگەر.

ئەگەر چېرىك كەلسە بۇ لەنجۇ، شىجۇ،

دېدىلەر يېغى بىر تەرەپكە قاچۇ.

يېغىلسا ئەگەر لەشكىرى بى گاران، ناھايىتى كۆپ

قۇتۇلماس بۇلاردىن قاچىپ ھېچقاچان.

بۇ تۇرپان قارا شەھەر، ئۈرۈمچى ماناس،

بۇ يەردە چېرىك ھەددىدىن بېقىياس. سان - ساناقسىز

خەبەر ئاڭلىسا بىزگە لەشكەر كېلۇر،

بۇ شەھيار كۇچالىق نە يەرگە بارۇر.

سايىد بەگ دېدى ھۆددەنى مەن ئالاي،

بۇ دۈشمەنلەرنىڭ جانىغا ئوت قالاي.

بۇ دارىن تىزىگە سوقۇپ شۇل زامان،

بولۇپ مانجۇلار خۇدەمۇ شادىمان.

دېدى ئۇ ھېكىم بەگكە تۇتقىل ھاراق،

ئىچىپ بادە مەست بولدى تومتۇم قاراق.

بۇ ماتەم ئىشىن ئارقىغا تاشلىدى،

بۇلار قايتى باشىدىن ئويۇن باشلادى.

بۇ ئامبان قولىغا ئالىپ بادەنى، ھاراق

كى تانلاپ ھېكىم بەگ دىگەن سادەنى.

بۇ دارىن ھېكىم بەگكە تۇتتى ھاراق،

سايىد بەگ دېدى ماڭا كۆزۈ قاراق.

سېنىڭ بار ئىكەن مۇنچىلىك ھىممەتىڭ،

شىجائەت بىلەن بار ئىكەن غەيرەتىڭ.

ئۆزۈڭ سەن ئۇلۇغ خانغا لايىق كىشى،

بارابەر بولالماس ساڭا ھېچ كىشى.

بۇ ئامبان قىلىپ دەمبە دەم ئىلتىپات،

يېتىپ خىزمەتىڭ، خانغا ھەم خانەزات.

ھېكىم بەگ قوپۇپ ئانچىنان مۈركىدى،

ئايغىن قۇچۇپ خوش بولۇپ يىغلادى.

ھېكىم بەگ ئۆزى مەردى شەھبازدۇر،

چېرىك نەيىسىگە كۈمۈش ئازدۇر.

بۇ ساڭلاردا ئاشلىق قالىپتۇر ساسىپ،

يېغى كەلسە بىزنى مۇبادا باسىپ.

كۆكەردى بۇ ئاشلىققا، تۈشدى مېتە،

بۇ كەلگەن چېرىكلەرگە قانداق يېتە.

ساسىپ ئاردىن چىقتى ئاشلىق ئەرىق،

يېمەك تۆھپە بولغاي قىرىقتىن - قىرىق.

ھېكىم بەگ دېدى يۇرتدا ئاشلىق تولا،

تولادۇر بۇ ئاقسۇدا قوي ۋە كالا.

چېرىك جەلبەسى يامبۇدىن يەك ھازار، بىر مىڭ

ئىنىڭ كورلاڭى بولسۇن ئون مىڭ تاغار.

بېرەي ئىككى مىڭ ئات، بەش مىڭ كالا،

بۇ جۇڭشى دىگەن يۇرتقا كەلگەن بالا.

كى مىڭ مىلتىقۇ يەتتە يۈز ئوق يانا،

تۆكۈپ خانىدانىنى ئول بى ھايا.

كى بىر مىڭ قىلىچ، ئالتە يۈز نەيزىسى،

پەقىرنىڭ ئۇلۇغ خانغا دۇر جۇڭلەسى. ساداقەتلىك. قارىغاندا خەنزۇچىدىكى 忠 خېتىغا تەققاس قىلىنغان ئوخشايدۇ (يوللىغۇچىدىن)

بۇ تەيپو بىلەن ئالتىمىش زەمبىرەك، توپ - زەمبىرەك

خەزىنەمدەدۇر ھەرنە بولسا كېرەك.

بېرەي يەتتە مىڭ مال، بەش يۈر شۇتۇر، تۆگە

كى بىر مىڭ ئېشەك، تاپقانىم ئۇبۇدۇر.

چېرىكنىڭ ئەگەر بولسا ھەر كەم كۇسى،

بېرەر سايىد ھېكىم دوزەخ گۇندىسى.

ھېكىم بەگ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقان ھامان،

بۇ ئامبان بولۇپ خۇررەمۇ شادمان.

خەت ئەيلەپ سېنى ئاقسۇغا ۋاڭ قىلاي،

يەنە بەيسەۋۇ تاجىلىق شاڭ قىلاي.

ساڭا ئاقسۇنىڭ مۈلكى بولسۇن جاساق، بىرەر شەھەر ياكى رايوننى بىرەر كىشىنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش

قىلالماي ئۆتۈپ ئەردى ئەھمەد ئىزاق.

قىسارسەن لەئەل جۇڭسى مارجانىدىن،

كى كەيشەك تاپارسەن ئۇلۇغ خاندىن.

قىلىشتى بۇلار ئانچىنۇن كوپتىگۇي،

ھېكىم بەگ دېدى ئاقسۇنىڭ شەھىرى ئوي.

شەھەر پەستەدۇر ئۇشبۇ دەريا ئېگىز،

نىچۈكتۇر بۇ ئىشنى خىيال ئەتسەڭىز.

قويارلار يېغى كەلسە سۇنى ئاچىپ،

شەھەردە تۇرۇپ بەرسە قىلغاي قەبەل، قامال

چېرىكنى ئالىپ مەن چىقاي دەرمەھەل.

چېرىك بىرلە سايرام، قىزىلدا ياتاي،

كى تاڭشىن قىلىپ يولارنى باغلاتاي. بۇ بەلكىم خاتىرجەم قىلاي دىگەندىكى 放心 دىگەن سۆز بولۇشى مۈمكىن، ئەسلى ئەسەردە تاڭشىن دەپ ئېلىنغان.

يېقىپ خۇيزانى باي، سايرامدىن،

توسۇپ ئالدىنى شالدىراڭ تاغدىن.

يېغىنى ئالۇرمىز سۇنى بەرمەسەك،

كى تاڭشىن قويۇپ ئارقىدىن ئەپلەسەك.

قىلۇرمىز ئانى تەشنەلىكتە ھىلاك،

تومۇز كۈنلىرى بولغۇسى سىنە چاك.

ھېكىم بەگ قىلىپ سۆزلىرىنى ئادا،

بۇ تەئىزىم تاۋازۇئىنى قىلدى بىجا.

بۇ ئامبان تۇرۇپ ئىرغىتىپ باشىنى،

تۆكۈپ ئەبىر باران كۆز ياشىنى.

سېنىڭدىن كېلۇر بىزگە كۆپ ياخشىلىق،

دېگەن سۆزلىرىڭ ياغۇ - سۈتتىن ئىللىق.

بۇ ئامبان دېدى بارما مەندىن يىراق،

جۇدالىق ئوتىدا چېكىپ ئىشتىياق.

بۇ بەگلەردە يوق سەندىكى ئېتىقاد،

بۇ تۇنگان خۇنرىزى بى ئېتىماد. خۇنرىز = قان تۆككۈچى بى ئېتىماد = ئىشەنچسىز

چېرىكنى ئالىپ بارما سايرام سىيان،

ۋە لېكىن ئارامىزدا تۇنگان يامان.

ئېرۇرسەن مېنىڭ تەن ئارا قۇۋۋەتىم،

كى غەم كۈنلىرى مۇنسىم ئولپەتىم.

ئىرۇرسەن تېنىم ئىچرە ئارام جان،

بۇزۇق كۈلبەم ئىچرە يېڭى مېھمان. كىچىك ئۆي

جاھان باغى ئىچرە ئاچىلغان گۈلۈم،

قەپەس ئىچرە سايرىغان بۇلبۇلۇم.


دېدى سىز بارىڭ ئەمدى ئىشلەنچى خام،

تۇرۇپدۇر قىلۇر ئىشلىرىڭ ناتامام.

ئىككى يول توغامىدا يولدا ياتىپ،

توسۇپ ئالدىنى كەلگەننى ئاتىپ.

سايىد بەگ ئۇرۇپ ئانچۇنان لاپو قاپ،

بۇ ئامبان قىلىپ چەشمەسىنى سىراپ. بۇلاق

بۇ ئامبان دېدى شەھەردە تۇنگانى بار،

ئەگەر بولسا شوخەيزە تۇنگانغا يار.

بۇزۇلسا شەھەر بىزگە دىشۋار سەخت، بەك قىيىن

كېتۇر ئىلكىمىزدىن دېدى تاجۇ - تەخت.

بۇلار ئەيلەدىلەر چېرىكنى شۇمار، ساناق

بۇ قالماق، مەنچىڭ دۇسەد يەكھازار. ئىككى يۈز مىڭ

مۇساپىر، مۇجاۋىر ئىدى يەتتە يۈز،

بۇ خەيلى سىپاھ ئەردىلەر ئىككى يۈز.

مىراخور، باكاۋۇل، بۇرچى، ئۆيچىسى، ئاشپەز

يەنە ناغرا، كارناي - سۇنايچىسى.

كۆتەرتىپ بۇ كۈنلۈك تۇغ ۋە ئەلەم،

چالىپ ئالدىدا ناغرا ناققارا ھەم.

بۇ پەرراش ئوتۇنچى بىلەن چايچىسى، كۆرپىچى

ھاپىزلار كېلىپ بىر توققۇز نەغمىسى.

ھەممە ھۆرپەگەر خەلقى ئەھلى بازار، ھۈنەرۋەن

بولۇپ مانجۇ، يەرلىك بازى سەھازار. ئۈچ مىڭ

چېرىكى ئانىڭ مىڭدىن ئوشۇق،

ئۇنىڭ ئارقىسىدىن توشۇبدۇر توشۇق.

بۇ سۈكۈ قىماربازنى يىغدى تامان،

كىيەرگە ئىگىن جابدۇقى ئەردى كام.

تۆمۈرچىگە نەيزە قىلىچ ئەتتۈرۈپ،

ئەگەر ئەتمىسە باشىغا تەپتۈرۈپ.

ھۆكۈم قىلدى بەرگىل تۆمۈر يا كۆمۈر،

دېدى ئۇستالار زايە ئەتتى ئۆمۈر.

قازانچىغا قۇيدۇردى قىرلىق چوماق،

ھەممە جابدۇغى پۈتتى يوق ئات - ئۇلاق.

ھېكىم بەگ دېدى دىۋانغا ئات چاپىڭ،

ئەگەر بەرمەسە گەردەنىگە ياپىڭ.

نە يەردىكى ئات بولسا ئالدى تالاپ،

يۈرۈپ دوغىلار ئۆيمۇ - ئۆينى بۇلاپ.

شەھەر ئىچرە ھېچكىمدە ئات قويمادى،

ھارامزادە سەگ پۇل ئېلىپ تويمادى. ئىت

قىماربازلارغا بەردى ئاتنى ئالىپ،

خالايىقلارنى يىغلاتىپ قاخشاتىپ.

يامانلارنى يىغدۇردى، كەتتى يامان،

يامانلار كېتىپ بولدى ئاقسۇ ئامان.

دېدى ئاقسۇنى بەرمەگەيمەن قويۇپ،

تۇرۇپمەن بۇ ۋاقىتلاردا جاندىن تويۇپ.

ئەگەر بۇ بۇلۇق كەلسا شەھيار كۇچار،

مېنىڭ لەشكىرىم باردۇر سەدھازار. يۈزمىڭ

بۇ ئامبان دېدى شەھەردە تۇڭگان تولا،

بېرىكىپ يوق ئەتسەك مونى ئەۋۋەلا.

بۇ خۇي - خۇيلارنىڭ ھەر بىرى شىرى نەر،

بىرى قانچە خەلقنى قىلۇر زىر - زەبەر. ئاستىن - ئۈستۈن

دېدى شەھەر ئىچىنى بىسەرەمجان ئېتىپ،

چېرىك بىلەن جامغا يۈرۈڭ ئەزىم ئېتىپ. قەست

سايىدبەگ بۇ ئىشقا نە تەدبىردۇر،

بىلالمام نە چارە، نە تەقدىردۇر.

ھېكىمغا دېدى كۆرسەتىڭ مەسلىھەت،

قايۇ ئىشتا بولغاي ماڭا ئەمىنىيەت. تىنچلىق

بۇ ئامبان دېدى ئايلانبىدۇر باشىم،

خىيال ئەيلەسەم كۆزدە تۇرماس ياشىم.

كېچە بولسا ئەمدى ماڭا ئۇيقۇ يوق،

بۇ سىنچاي، تاماكۇ بۆلەك تۆھمە يوق.

كىكىرتەكتىن ئۆتمەيدۇ ئەمدى غىزا،

تىرىك يۈرگەنىمگە بولۇپ نارىزا.

كۆڭۈل خوشلۇقى ئۈچ بالام، تەتىيىم،

كى بۇنداق كېلىبدۇر مېنىڭ تەلەيىم.

بۇ دارىن بۇ سۆزنى دېدى يىغلادى،

ئۆلۈمگە ئۆزىنىڭ بېلىنى باغلادى.

ھېكىم بەگ دېدى ئەيلەدىم بىر خىيال،

بۇ خۇيخۇينى ئەمدى يوق ئەتمەك ماھال.

بۇ ۋاقتىدا چېرىك بىزدە بەك ئازدۇر،

بۇ تۇنگانىلار مەردى شاھبازدۇر.

ھېكىم بەگ دېدى نەچچە كۈن سەبىر ئېتىڭ،

جاھان تىنچلىقتۇر شەھەردە ياتىڭ.

دېدى ئەيلىگەيمەن بۇ ئىشقا ئىلاج،

مۇڭا سەرپ ئېتەي قانچە بولسا خىراج.

سانايلى بۇ تۇڭگانلار قانچە بار،

بۇ مەنچىڭلىنى ئەيلىگەيلەر شۇمار. سانىماق

بۇلاردىن ئالىپ ھىيلە بىرلە ئەدەد،

كى بىزلەر تۇرۇپ سىزگە قورقماق نەھەد.

بۇ شاڭلۇ ئىمامىغا قىلدى جاكا،

ياشنى ئۇكام دەپ قېرىنى ئاكا.

ساناپ ئۆتكۈزۈڭ خەلقىڭىز نەچچە بار،

كى بىر - بىر ئانى ئەيلەدىلەر شۇمار،

بۇ توققۇز يۈز ئوتتۇز يەتتە ئەردى كۇبار. چوڭ ئەر كىشى

ھېكىم بەگ دېدى ئامبانغا سىز شۈك تۇرۇڭ،

كى ھىممەت قىلىپ بوشۇماي بەك تۇرۇڭ.

دېدى بۇ شەھەردە ئۇرۇشماق يامان،

بولۇرمىز دېدى يا ئۇيان، يا بۇيان.

دېدى مۇندا باردۇر بالا - بارقامىز،

بۇ تۇڭگان بىلەن سۈلھى قىلساق بولۇر،

ئاڭا ياخشى ئەيتىپ ياراشساق بولۇر.

دېدى ئۇشبۇ نەۋبەت سۆزۈمگە كىرىڭ،

بۇ تۇڭگان بىلەن ئەھدى پەيمان قىلىڭ.

دېدى سۈلھى قىلساق بولۇرسىز ئامان،

بۇ ئىشدا دېدى يوقتۇر ھىچبىر زىيان.

ئىلىدىن يېتەر بىزگە نۇرغۇن كۆمەك،

نەچچە كۈن دېدى سەبرى قىلماق كېرەك.

غەنىمەت تۇرۇر نەچچە كۈن بىزگە جان،

تاپىلغاي ھايات بولسا يۈزمىڭ جاھان.

بۇ دارىن دېدى سەن ئاتا، مەن بالا،

كى بولغىل دېدى مەن ئىنە، سەن ئاغا.

ئىشىتتى بۇ ئامباندىن ئۇشبۇ جاۋاپ،

كېلىپ قاش ئاتىپ تۇردى باشىن سىلاپ.

ھەرنى ئىشنى قىلۇرسەن ئۈزەڭ بىل دېدى.

ئۆزەڭنىڭ خىيالىچە قىلغىل دېدى.

بۇ شاڭلۇ ئىمامىغا بۇ سۆز دېدى،

بۇ سۈلھى قىلىشماقنى مەققۇل دېدى.

بۇ دارىن قۇيۇپ بەرسە سىزلەرگە چاي،

دېدى سۈلھى قىلساق بولۇر ھاي - ھاي.

كېڭەشتى بۇ تۇڭگانى بەردى جاۋاپ،

ئۇرۇشسا ئىكوۋ سۈلھى قىلماق ساۋاپ.

بېجىن خەلقى خۇيخۇيلار بولسا ياراش،

ئەزەلدىن ئىكۇلان ئىرۇرمىز قاياش.

شەھەر ئوتراسىدا دېدى بۇ مازا،

بۇ شىڭرىن ئۆزى ئەيلىگەن خانىقا.

كى سىزنىڭ ئۈچۈن نەزرىنى مەن بېرەي،

تۈنەي بىر كېچە خانىقاغا كىرەي.

ئاتامدىن قىرىق مالۇ، سەككىز كالا،

دېدى رەد بولۇر باشقا كەلگەن بالا.

كى مىڭ جىڭ گۈرۈج، جەمئىي يۈز جىڭچە ياغ،

قالارغا ئوتۇنى يىگىرمە ئۇلاغ.

نانى ئىككى مىڭ، بەش تاغار سەبزەسى،

پەقىرنىڭ بۇدۇر ئاتاغان نەزرەسى.

ئۇلۇغ داشقا سالسۇن كالا بىرلە قوي،

بۇ پوكشكالۇ قۇيماق بىلەن يېدى بوي.

يىغىلدى بۇ تۇڭگانىلار خاسۇئام،

بۇ شاڭلۇمۇ ئەززىنلىرى ھەم ئىمام.

بۇ ئەئىلەم بىلەن مۇپتىيۇ ھەم خەتىپ،

بۇ قازى مۇدەررىس بىلەن مۇھتەسىپ.

بۇ ئىشان خەلىپە مۇئەززىن، ئىمام،

ھەممە چوڭ - كىچىك ئەھلى قوۋمى تەمام.

يىغىلىپ ھەممە جەمئىي خەيلى سۇپاھ،

بۇ سۈلھى ئىشىغا دېدى مەرھابا.

كى سورۇن قىلىپ تارتتىلار ئابۇ - ئاش،

ئۇ دۇخەيلى بىر - بىرىگە بولدى ياراش. دۈشمەن گۇرۇھى

سىپارە ئوقۇشتى ھەممە قارىلار،

ھەممە پازىلۇ مۇتتەقى ھاجىلار. پازىل = بىلىمدان مۇتتەقى = ئۆزىنى پاك تۇتقۇچى

تىلاۋەت قىلىپ بەئىدى خەتمە دۇئا، دۇئانى تۈگەتكەندىن كېيىن

تۇتۇپ ئەھدى قىلدى كالامى خۇدا.

بۇ تۇڭگانلار بىلەن مانجۇ قىلدى ئەھد،

قۇتۇلدى بۇ غەمدىن ھەمە ئەھلى دەرد.

بۇ قارى ئالىپ نەزرى يۈز سەر كۈمۈش،

كۈمۈشتىن خوش بولۇپ قىلدى جۇش.

بۇ ئامبان يۈرۈپ ئەمدى بۇدخانەگە،

يېتىپ باردى يەرلىك سەتەمخانەگە. بۇتخانا

بۇ غالدا يۇ دالۇيە بىرلە نىيۇن،

پىچىرچى، پىيە، زۇڭياۋۇ، چىڭشايۈن.

چېرىك ئامبانى بىرلە دالۇيەسى،

يەنە باشقا شويا ۋە ما لۇيەسى.

باردى بۇتنىڭ ئالدىغا تۇردى قاتار،

دېدى ئەپۇ ئېتىڭ بىزدىن ئۆتسە خاتا.

كى بۇت ئىرۇر ھەمە بۇتدىن ئەزىز،

يىكەن ئۈستىگە چاپلاغان بىر سېغىز.

بۇ تەخت ئۈستىدە ھەممەسىدىن بەلەند،

ئىدى قەددى سۈرەتدە ھەم سەربەلەند. بېشى ئېگىز

باشى ئەردى گۈنبەز، ئانىڭ ئاغزى غار،

ئىككى بازۇسى ئەردى شاخى چىنار. بېلەك

سالىنغان قوساقى ئانىڭ يامىدەك،

مىسالى ئىككى كۆزى جامىدەك.

تاۋانا ئۆزى، يۈزلارىدۇر قىزىل،

قىزىللىق ئىرۇر سىرلاغان ئابۇ گىل.

باشىغا قويۇپ ئەردى زەررىنە تاج، ئالتۇن

بۇ بۇت بى ماجال ئولتۇرۇپ نائىلاج. كۈچسىز

ئاڭا تەبىئەت ئەيلەگەن بىر ساقال،

تۇرار نەچچە بۇت ئالدىدا پايىمال.

بۇ بۇتلار تۇرۇبدۇر بۇ ئۆيلەردە زىچ،

تېگىگە ئانىڭ تىزغالى پۇختە خىش.

مۇنى سىرلاغان ئۆگزەسىدۇر ئېگىز،

بۇ ئۆي يوق زىلچە يا كېگىز.

بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە ئېگىز - پەس سۇپا،

يانا تۆت تەرەپتە ئېگىز كۇرسى با.

قويۇبدۇر سۇپا ئۈستىدە كاتتا تەخت،

تۇرۇبدۇر بۇ تەخت ئۈستىدە يېرىم تەخت.

ئو شۇل بۇت ئىرۇر ھەممە بۇتتىن يوغان،

بۇ گۈنبەز مەسەللىك ئىرۇر نەۋ جاۋان. ياش

نەچەسى ئانىڭ ئولتۇرۇپ كۇرسىدا،

نەچەسى يانا يانداشىپ يانىدا.

بىرىگە بىرى ئوخشاماس ياڭزاسى،

قولىدا تاماكۇ بىلەن غاڭزاسى.

بەرەھمەن قويۇپتۇر، بۇ بۇتنى باقار، بۇتخانا شەيىخى

قېنى باققانى ئاچ قويۇبدۇر باكار.

تۇرۇپ ئالدىدا، بەئىزىسىدۇر ئۆرە،

بۇ چوڭ بۇت دېدىم ھەممىسىگە تۆرە.

ھەممە بۇت دېدىم قانچەدۇر ئى تاغا،

دېدى سى شى چى يا دېدى سى شى با. سى شى چى = 47، سى شى با = 48

بۇ بۇتلار تۇرۇبدۇر ھەممە تەشنە، ئاچ،

بەدھىنە ئىگىن يوق ھەممە يالاڭاچ.

كى ھىچ تۈھمە يوق ساڭزا، جىڭ موماسى،

كى يوقتۇر كېگىز، يوتقان - كۆرپەسى.

كۆرۈنمەي ئۆيدە چۆگۈن يە قازان،

بۇ ئاشلىق بىلەن رەڭگى بولمىش خازان.

يوق ئىركەن ئۇنى، ياغۇ ئاشلىق تۈلۈك،

ھەممە قوشنىدۇر يوق ئۆزىدە مۈلۈك،

زىمىستان سوغۇق بۇتلار قانداق قىلۇر.

نەچەسى ئۆز ئورنىدا توڭلاپ قالۇر.

بۇلار چوڭ - كىچىك بۇتقا يىغلار ئىكەن،

باقالماي بۇ بۇتلارنى قىينار ئىكەن.

پۇتىدا ئۇنىڭ ئەردى زەرىن كەپىش،

قويۇپ ئالدىغا نەچچە تۈرلۈك يېمىش.

بۇ نۇقلى پاتازا بۇ قەندى گېزەك، شېكەردىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، مەنپەسىلەر

تۇرار كۇرسى ئۈستىدە ئۇ بىر كىسەك.

بىرسى زېمىستاندا يالغۇپ ياتار،

بىرسى قوپالماي تالغۇپ تۇرار.

بۇلۇبدۇر دىدىم ئۇشبۇ بۇت نان يىمەس،

بۇ مانجۇلىغا تىش يارىپ سۆزلىمەس.

يىمىشكە قاراپ باقمىدى بىر قىيا،

ئۇياتچانمىكىن قىلدى ئەلدىن ھايا.

بۇ قاتتىق يىمىشكە تىشى ئۆتمىدى،

دىدىم بۇ جەھەتتىن قاراپ باقمادى.

بۇ نۇقلى نابات بىرلە قويدى ئۈرۈك،

ئانى ھەم يىمەي ئولتۇرار بۇ ئۆلۈك.

ئۆلۈكتۇر دىسە ئولتۇرادۇر قاراپ،

يەنە بىر قولىدا يۈزىنى سىلاپ.

ئانىڭدىن بۆلەك باردۇر نەچچەسى،

بۇ بۇتنىڭ ئىرۇر ئەبرى ۋە نەبرەسى.

بۇ بۇتدىن يىراق ئولتۇرۇپتۇر بىرى،

بۇ دەججالنىڭ زىشتى رۇيدۇر تۈرى. يۈزى سەت

قۇچاغىدا دۇر سۈت ئېمىتكەن بالا،

مۇنىڭدىن بۆلەك ئۆزگە بۇتلار تولا.

بېلى خەم بولۇپ ھەم ئارقامىش باشى، پۈكۈلۈپ

كى يىغلاپ تۇرادۇر ئاقادۇر ياشى.

بۇ بۇت خاتۇندۇر يا ۋە يا دەللىسى،

قېرىنىڭ يانىدا تۇرار پەللەسى.

بۇ چوڭ بۇت ئولتۇرۇپدۇر قاراپ،

ئولىدا بالاسى بېشىنى سىلاپ.

بىكاردىن بىكار يىغلاماس بۇ خاتۇن،

سالارغا كىگىز يوق، قالارغا ئوتۇن.

دىدىم ئۇشبۇ بۇت نامرات بۇت ئىكەن،

مۇڭا گۆر كىبەنلىك ئىككى ئات ئىكەن.

.ئاتىغا تاپالمايدۇر ئارپا - بېدە،

كى توڭلاپ قالىبدۇر تۇرار ئورنىدە.

يىمەيدۇ بۇ ئات ئوت، سامان يا بوغۇز،

ۋە يا ئورنىدىن تەبرىمەيدۇ ھونۇز.

بۇ بۇتنىڭ يىمەككە يوق ئەركەن ئاشى،

ئۆلۈبدۇر بۇ خىزمەتتە تۇرغان كىشى.

بۇ بۇتتا كۆرۈنمەيدۇ بۇيى ساپا،

قىلالماس دىدىم ھىچ كىشىگە ۋاپا.

جۇلۇسىدا تۇرغان بۇ ئىككى سىيىز،

كىيەرگە ئىگىن يوق، سالارغا كىگىز.

ئانىڭ رەڭگىدىن ئاش يىگەن تەرى يوق،

تۇرادۇر ئۆرە مۇردە بار، قەبرى يوق. ئۆلۈك

بۇراۋ ئەيتادۇر ئۇشبۇ بۇت رەنجىدۇر،

يۇرت مۇنجى لەقۋاۋۇ پالەنجىدۇر.

قۇلاغى ئىشتمەيدۇر، كۆزى بەسىر. قارىغۇ

تەبىبكە ھىلى ئولتۇرادۇر مۇنتەزىر.

كى ئىشىدە بولۇپتۇر ھىلى بۇ كېسەل،

كەبۇتەر كابابى، بۇيۇردى ئەسەل.

تەبىبنىڭ ئۆزى مەردى دانا كېرەك،

دىدى موللا سىدىق تاۋازۇ كېرەك.

بۇ بۇتنىڭ ئۇشۇللار جازاسىن بېرۇر،

كېلىپ شەربەتتىن كى مۇكاسىن بېرۇر.

ئېغىز بۇرنىغا ئۆمۈچۈك تور كىرىپ،

بۇرۇن - ئاغزىدىن جانۇ- جانىۋار كىرىپ.

تۇتۇپ باشىدا قارلىغاچ ئاشىيان، ئۇۋا

ھايا قىلمايىن باشىغا ساڭقاغان.

بولۇپ باش - كۆزى جانۇ - جانىۋار پوقى،

بۇ - ئاجىزلىقى، قۇۋۋەتىنىڭ يوقلىقى.

تۇرار دەرۋازىسىدا ئىككى ياساۋۇل، خىزمەتكار

بۇ ھەيبەت بىلەن چاغلاماڭ سىز ئۇسۇل.

كۆرەرسىز ئومۇدىنى تەڭلەپ تۇرار،

سورابراق كىرىڭ باشىڭىزغا ئۇرار.

كەل ئى ئوكتەدان دەي بۇ ئەپسانەنى،

بۇ ئامبانلارنىڭ ئەھدۇ پەيمانەنى.

قويۇپ جوزانى جوزا ئۈستىدا كات،

ئاڭا نەچە قۇر تىزدى نۇقىلە - نايات.

نەچە ئاتۇ قويلارنى كەلدى تاپىپ،

سويۇپ چاۋاسىن قوي باشىغا يايىپ.

بەرەھمەن تۇرۇپ قىچقىرىپ ۋاڭ - ۋاڭ،

ياغاچنى بۇ چاڭغا ئۇرۇپ جاڭ- جاڭ.

ئوقىدى ئۆزى رەسىمىچە بىر غەزەل،

كى يىغلاپ بۇ ئامبان دىگەن لاي غەزەل.

بۇ جاڭدىن چىقىپ نەچچە تۈرلۈك سادا،

بۇ مەنچىڭلار كۆپ يىغلىشىپ بى ئىبا. تارتىنماي

پويۇپ پىڭزانى جوزا ئۆزرە قاتار، كوزا

تىزىپ جۇڭزانى قويدى نەچچە قاتار. رۇمكا

قويۇپ پىڭزانى جۇڭزاسىغا شاراپ،

تىزىپ جوزاغا قويدى نۇقلە كاباب.

بۇ كاغەزنى كۆيدۈردى پوجاڭ ئاتىپ،

بۇ بۇت ئالدىدا يىغلادى دۈم ياتىپ.

ھەممە تۇردى باشىدىن كۇلاسىن ئالىپ،

قاراپ تۇردى سائەتچە باشىنى سالىپ.

ئالىپ بۇتنىڭ ئالدىن ئىچتى ئاراق،

ئانىڭ ئەھدۇ پەيمانى بۇدۇر ساياق.

بۇ غەم - قەيغۇدىن كۆڭلى دىلجەمئى بولۇپ،

تاۋازۇ بىلەن گەردەنى خەم بولۇپ. ئېگىلىپ

بۇلار بولدىلار خۇدەمۇ شادىمان،

نەچچە بۇلار ياتتى ئەمنۇ - ئامان.

بۇ ئامبان ھېكىم بەگكە سۆز باشلادى،

دېدى ھالىتىنى، كۆزىنى ياشلادى.

دېدى ئى سايىد بەگ قىلاي سىزگە ئەرز،

تۇرۇپتۇر ماڭا يەتتە يۈز يامبۇ قەرز.

ھەي ئايدا ئىككى يامبۇدۇر لىي چەنى، ئۆسۈمى

نىچۈك ئەيلەيىن كەلسە مەي - مەي چىنى،

بۇ مەنسەپ ئۈچۈن پۇل ئالىپ خەرجلەدىم،

بۇ جىڭشى بولارىنى مەن بىلمەدىم.

مېنى ھەر كۈنى يامبۇنى دەپ تۇتۇپ،

خىيالى مېنى كەتكۈسى خام يۇتۇپ.

پۇل ئالدىم ئانى بولمادى سوققانى،

كى ئامبان قويۇبدۇر ئانى باققانى.

بۇ تاپقان پۇلۇم يامبۇنىڭ لېچىنى،

تېخىچە تۇرۇبدۇ ئانىڭ بىڭچىنى. دەسمايىسى

ئۇرۇق - تۇققانىم ماڭا بۇرېن بولۇپ،

بۇ مەي - مەيچى ئالدىدا كۇرىن بولۇپ. مېھمان

كۆڭۈل خوشلۇقى تەتىيىم ئۈچ بالا،

بالا ئۈستىگە ئەمدى كەلدى بالا.

بۇ دەردىمنى كىملەرگە ئىزھار ئېتەي،

دىسەم باش ئالىپ بىر تەرەپكە كېتەي.

سايىد بەگ دىدى قەرزدىن غەم يىمەڭ،

ماڭا دىدىڭىز ھىچ كىشىگە دىمەڭ.

ھاكىملىققا مىڭ يامبۇ بەردىم پەقىر،

كى سىزگە بولۇرمەن يەنە دەستىگىر. ياردەمچى

بېرۇرمەن بۇ شەھيار، كۇچادىن ئالىپ،

بېرۇرمەن دېدى ئاقسۇلۇققا سالىپ.

يىغىنى يوق كەتسەڭ بولۇر ئەۋۋەلا،

كۇچاردا خەزىنەم، دەپىنەم تولا.

ئەددەدىن تولا ۋاڭ بېگىمنىڭ پۇلى،

ئىرۇر شاھ ئول، مەن ئانىڭ بىر قۇلى.

بۇ غەم - قايغۇ ئەندىشە قىلغان بىكار،

دىدى قەرزىڭىز بىر بۇلۇڭدىن چىقار.

بۇ ئىشتىن يېمەڭ زەررە ئەندىشە -غەم،

ماڭا ئەيتۇرۇڭ بولسا بىر نەرسە كەم.

قىلالى بۇشىڭرىن بىلەن ئەمدى جەڭ،

كى ھەرنەرسە تاپساق ئارىمىزدا تەڭ.

بۇ ئامباننىڭ ئاغزى قۇلاققا يېتىپ،

يەنە بۇرنى ماڭلايىدىن ئاشىپ.

ئۇلۇق خاننىڭ ئالدىدا بار ئابروي،

بۇ جۇڭشى ئىشغە قىلىپ جۇستۇجۇي. ئىستەك - سوراق

بۇ جامدىن ئېرىئىمەي خەت ئەيلەپ تۇرۇڭ،

بۇ تاڭشىندا تۇتقانى باغلاپ تۇرۇڭ.

بۇ دالويە بولدى ساڭا ھەم سەپەر،

زېرىكمەي بارۇرسىز بۇ نارى سەقەر. دوزاق ئوتى

دىيىشمەي ئىكوۋ ھىچ سۆز قالمىدى،

باشىدىن جۇلاسى ئالىپ مۈڭگۈدى.

قىلىشنى بۇ ئامبان بىلەن خەيرىياد،

بۇ يامۇن ئىچىدىن چىقىپ خەيرىباد. ياخشى بولسۇن

چالىبان تەبەل ناغرا نەققارەنى،

بەجا كەلتۈرۈپ رەسمى شاھەنەنى.

توشۇپ ئالدىغا مەنچىڭ لەشكىرى،

ئۆزىن چاغلاشىپ شىردەك ھەر بىرى،

بۇلار كەينىدىن يۈردى قالماق، سولۇن.

ئاتىشماق، چاپىشماق ئاڭا بىر ئويۇن.

يۈرۈپ كەينىدىن ئەندىجان، كاشغىرى،

بۇ قىلغان ئىشى شەرئىدىن تاشقىرى.

مۇسۇلمان ئەگەر بولسا دۈشمەنگە يار،

جەھەننەمدە بولغاي ئانىڭ ئورنى نار.

بۇ ئاخۇنۇ، ئەشرەپ، خەلپە، ئىمام،

ھەممە بەگ بىلەن جۈملە ئەھلى كىرام.

قىلىپ نەغمىچى نەغمىنى ئۈچ قاتار،

بۇ نەخشى غەزەلنى ئوقۇپ نەچچە بار.

چىقىپ يار باشىغە ھەممە ئامۇ خاس،

شەھەردە كىشى قالماي ھازەلقىياس. شۇ يوسۇندا، شۇنداق

ئەلەم، تۇغۇ، بايراقۇ كۈنلۈك تۇتۇپ،

سايىد بەگ بارۇر غەم بىلەن قان يۇتۇپ.

بۇ شاھنىڭ باشىغا يېتىپ بۇ ئەلەم، دەرت

ئەلەمدىن پۇلەم ئەللىگ ئالتى ئەلەم. بايراق

بۇ يەڭلىغ قىلىپ دەبدەبە ۋە ئەسئەسە، داغدۇغا

مۇرادى ئانىڭ ئاقسۇنى خام يىسە.

چىقىپ يار باشىغا ھەمە دوستۇر يار،

قولىدا تۇتۇپ يارىنى كەتتى يار.

قىلىپ ئەلۋىدا جايىغا ياندى يار،

پىراقىدا ئەيتۇر ئىدى يار- يار.

" كۆڭۈل ئۈزمەيىن ياردىن كەتتى يار،

سەپەرگە بارىپ كەلمەدى يار - يار.

كۆڭۈلدە پىراقۇ ئوتۇڭ بار - بار،

كويۇڭدا نېتەي يىغلاماي زار- زار"

چىقىپ ئاقسۇدىن يەتتىلار جامغا،

تۇرۇشتى ئويۇن كۈلكە ھەڭگامغا. بىر ئىشنى باشلىماق، سوقۇشماق.

بۇ جاڭپاڭ قويۇپ چۆرەسىن قاڭ سوقۇپ،

جىسەكچى جىسەپ جىڭ بىلەن جاڭ سوقۇپ.

پۇ تۈشكۈن قونالغۇ ئانىڭ غەۋغاسى،

بىر ئادەمنى ھايداپ ئىككى دوغاسى.

يىغىپ ھۆرپەگەرلەرنى قىلدى بازار،

ئىككى داۋزانىڭ ئالدىدا ئىككى دار.

بۇ سۇكۇ قىمارۋازيۈرۈيدۇ سۇلاپ،

يۈرۈيدۇ ئۆيمۇ - ئۆي كەلدى ئەلنى بۇلاپ.

ئېغىللاپ كالانى، قوتان بىرلە قوي،

قىمارۋاز جالاپلارغا ھەر كۈندە توي.

كى تاڭشىن قىلىپ بارغانى ھەر قايان،

كى باشقۇنچىلىق قىلسا قىزۇ - جۇۋان.

قويۇپ ئارپا - بۇغدايغا لەشكەرلەر ئات،

ئانىڭ ئەرزىگە يەتمەي قىلسا دات.

سۈرۈك بىلە ئىلقىنى كەلدى سۈرۈپ،

تالاشسا ئانى باغلاتىپ ئۆلتۈرۈپ.

كى داد ئەيلىگەننى ئاسىپ دارغا،

ئانى يەم قىلىپ قارغاۋۇ - سارغا.

بوغۇم تۇتمىغان مايسىلارنى ئورۇپ،

ئاتىغا بېرىپ ئاتنى باغلاتتۇرۇپ.

ئانىڭ ئوينىشى ھەر كۈندۇر قىمار،

كېچە - كۈندۈز ئالدىغا نەغمە- نىگار.

ئەگەر بار بولسا ھەر جايدا لولى جالاپ،

ئانى كەلتۈرۈپ ئىچتى جامى شاراپ.

بۇ تاڭشىن مۇسۇلماننى كەلسە تۇتۇپ،

بۇ مەنچىڭغا باغلاتىپ ئۆلتۈرۈپ.

ھەم ئەپيۇن چېكىپ بەڭ بىلەن بوزەنى،

جالاپنى قويۇپ، تاپتى مەيگۇزەنى.

بۇ بەتبەخت لەئىن شەرئىنى تۇتمادى،

چاقلىغان تۆشۈك يەر يۇتمادى،

بۇ تاڭشىن قىلىپ ئىككى يولغا قاراپ،

سايىد بەگ بۇ جاڭپاڭدا ياتتى ماراپ.

+++++++++++++++++++++++++++

يىلى مار ئەردى ماھى ئوشۇر، يىلان يىلى ھوشۇر ئېيى

دىدى ئەمدى پەيمانە تولسا تاشۇر.

خوجامغا بەشارەت بولۇپ ئول زامان،

بولۇپ چوڭ - كىچىك خۇررەمۇ شادىمان.

كى يارلىغ تۈشۈپ راشىدىن خاندىن،

كۇچاردىن چىقىپ سەيد بۇرھانىدىن.

بەشارەت خوجاملارغا مەغرىپ سارى،

ئۇلۇغ پىشەنىڭ شىرلىرى ھەر بىرى.

بۇ شەھيار، كۇچاردىن يىغىلسۇن تامام،

غازاتقا بارادۇر ھەممە خاسۇ - ئام.

بۇ نۆبەت ئۆيدە كىشى قالماسۇن،

كىشى نۆبىتىگە كىشى بارماسۇن.

يىغىلدى بۇ لەشكەرلەر ھەدىدىن پۇزۇن،

ھەممە زەۋۋقۇ - شەۋق بىلەن بىلە مەستۇ جۇنۇن. بۇ يەردە كۈچكە تولۇپ مەنىسىدە

مازارغا يىغىلدى ھەممە چوڭ - كىچىك،

ھېسابلاپ ئانى قىلدىلەر بىر پىتىك.

سەيد راشىدىن خانغا ھەم تاجۇ - تەخت،

كۇچار شەھىرى بولدى ئاڭا پايتەخت.

بۇلار مەشۋەرەت قىلدىلار ئانچۈنىن،

كى پىكىر ئەيلەدىلەر بەسەرۇ يەسىن. ئوڭ - سول

قارا شەھەر تۇرپاندا مەنچىڭ تولا،

بۇ ئاقسۇ تەرەپتە مۇسۇلمان تولا.

دېدى ئاقسۇنى دەستىگىر ئەيلىسەك، تايانچ، پاناھ، بازا

مۇزاتتىن بۇ مەنچىڭغا يول بەرمىسەك.

دىدى ئاقسۇنى بىز ئالارمىز ئاسان،

دىدى ئۆزگىلەر بارغۇسىدۇر قايان.

بۇ لەشكەرلەر بۆلۇندى بولۇپ سۇلسىگىر، ئۈچتىن بىر

ئىككى كوھنا تۇرپان، بىرى ئەردەۋىل.

ھېسابىدا لەشكەرنى قىلدى ئەدەد،

يانا مىڭ باش سەد باشى پان سەد.

بۇ پىنجاھ بىلەن ئونبېشى، قۇر باشى،

مىراخور، دىۋان، دورغا ۋە توپ باشى.

ئانىڭ ئۈستىگە دادخاھ خەلپەسى،

جاھاننى ئالىبدۇر ئانىڭ غەلبەسى.

يەنە پادى شەپ قويدى ئاندىن تۇرە،

سەپەرگە بارىپ تالە ئىدىن كۆرە.

بۆلۈندى كۇچار لەشكىرى ئىككى توپ،

بۈگۈر، كورلا ۋە تاكى سەرھەدى لوپ. چېگرا

ئالىپ بىر تۈمەن لەشكەرى بىگاران،

باھادۇر سەيد غازى ئىسھاقخان،

بۇ تاھىر خوجا خاجائى ۋاھىدىن،

سەيىد ۋالىدىن، خوجا باھا ئىدىن.

بولۇپ ھەم سەئەر خۇقائى دانىئال،

ئۇزاتتى ھەمەخشۇ ئەھلى ئايال.

بېرىپ غەزنەدىن نەچچە بايراق تۇغ،

بۇ لەشكەرلەر ئۆز ئىخلاسىدىن قىل قۇيرۇغ.

بۇلارغا بېرىپ نەچچە تۈرلۈك ئەلەم،

ياراغ جابدۇغى قالمىدى ھىچ كەم.

بېرىپ غەزنەدىن چىپۇۋۇ زەمبەرەك،

نەچچە تىۋەگە ئوق دورى غەم مەرگ. ئۆلۈم

قېلىچ، نەيزە بىرلە مىلتىق - ئوقيا،

ئۇلۇغلارغا كەيدۇرۇپ سەرۇپا.

پېقىر نامراتلارغا ھەم بەردى ئات،

ئاق ئۆي چادىرۇ بارىگاھ بىرلە كات.

بۇ لەشكەر بولۇپ مىسلى بىر كۆك تۆمۈر،

نە دۆلەت غازات بىرلە ئۆتسە ئۆمۈر.

غوجام ئالدىدا نەچچە خەلپە تۆرە،

دوبۇلغا كىيىپ ئولپاقۇ ھەم زىرە.

چالىپ نەچچە جۈپ ناغرا نەققارەنى،

سەپىد موھرە كارناي سۇرنايىنى.

بۇلار يۈردىلار تەبىل شادى چالىپ،

بارۇيادى ھەق بىرلە ئاللا سالىپ.

ئۇزاتتى ھەمە خىشۇ قەۋمى قاياش،

مازار باغىدا بەردىلەر ئابۇ- ئاش.

قىلىپ بەردى بەئىداز خەتمە قۇرئان، كېيىن

سەيد راشىدىن خان ساھىپقىران.

بۇ لەشكەر ئىشىنى قىلىپ جا - بەجا،

دۇئا قىلدىلەر خان غوجام پادىشا.

ئۆزى سەيھە تارتىپ مۇناجات ئوقۇپ،

ھەممە يىغلاشىپ نەۋھە پەرياد ئۇرۇپ.

يىغى زار بولدى چۇ ئەبرى باھار، باھار يامغۇرى

قىيامەت بولۇپ ئول كۈنى ئاشكار.

ئاتاۋۇ - ئاناسى ئوغۇلدىن جۇدا،

يانا ئايرىلىپ مېھرىبان كەت خۇدا. يېڭى ئۆيلەنگەنلەر

بۇ قوۋمى قېرىنداش، ئىگىچە - سىڭىل،

رىزالىق ئالىپ بىر - بىرىدىن بەھىل.

ھەممە يارۇ - دوست قىلدىلار ئەلۋىدا،

دىدىلەر خۇدا يولىدا جان پىدا.

ئى ئاخىر ئۆلەرمىز شەھىد، ئۆلمەسەك،

يىگەي قارغا - قۇزغۇن ئەگەر كۆممەسەك.

ئەگەر تاپسا ئىمانىنى باكدۇرۇر،

دىدى ئەسلىمىز خاكدۇرۇر.

شەھىدنى دىدى مۇردە ئەمەس ھايات،

بېرىلگەي جاۋاھىردىن ئىككى قانات. +++++++++++++++++++++++++++++++++++ كەل ئى ۋەئىزىگۇي ئەيلەگىل داۋىيان،

بۇ خاتىپ خوجامىدىنكى بىر داستان.

ھەممە لاۋۇ - لەشكەر بۇ خەيلى سىپاھ،

كېلىپ قۇتلۇق ئوردا تىكىپ بارىگاھ.

چالىپ شادى تەبلى نەققارەنى،

سەپىد مۇرى، كارناي، سۇرنايىنى.

چېكىپ دۇمبا - دۇمباڭغا سەۋتۇ - سادا،

ھەممە چوڭ - كىچىك دىدىلەر مەرھابا.

مۇبارەز ئەرەنلەر پىغانى تاشىپ، كۈرەشچان ئەرلەر

بۇ لەشكەرلەرنىڭ ياتسەيىن تاپشۇرۇپ.

بۇلار كەم - كۇسىن راستلاتىپ تاپشۇرۇپ.

بۇلارغا بېرىپ نەچچە تۇغلۇق ئەلەم،

بۇلارنى ئەدەد قىلدى سۈردى قەلەم.

بۇ لەشكەرى ئىدى ئىككى مىڭ يەتتە يۈز،

ئۆزىدىن ئىشتىپ دېدىم ئۇشبۇ سۆز.

ئۇزارتىپ چىقىپ خان خوجام پادىشا،

باقىپ قىبلىگە قىلدى ئاندىن دۇئا.

ھەممە چوڭ - كىچىك يىغلاشىپ زار - زار،

مۇسىبەتتە بولغان كەبى ھازادار.

ئۇلار قىلدى بەئىداز خەتمە دۇئا،

ھەمە چوڭ - كىچىك يىغلاشىپ ئەلۋىدا.

دوبۇلغا قۇياق، جوببە ھەم ئوق ياراق،

بۇلار كۆك تۆمۈر بولدى باشتىن - ئاياق.

بۇ لەشكەرگە مەنسەبنى تەيىنلەدى،

كى ھەر كۈن ھېسابىنى ئالغىن دېدى.

بۇ لەشكەرگە خاتىپ جوجامدۇر ئېمىر،

كى ساھقا ئوسام ئاخۇندۇر ۋەزىر.

بۇ تالى مىراپ بولدىلار دادخاھ،

ھەمە لاۋۇ - لەشكەر قىلىپ ئەزمى راھ. يول

مۆھۈرنى موللا مۇسا قارى ئاسىپ،

بۇلار ئارقادىن كەلدى بىر - بىر باسىپ.

بولۇپ پىشى لەشكەر بۇ روزى تۆرە. تۇرشاۋۇل قوشۇن، ئالدىن يۈرگۈچى قوشۇن

شەھىد بولدى ئەجرىنى ئاندىن كۆرە.

كىيىپ جۇببە - جەۋشەن بۇ روزى قىمار، ساۋۇت، تۆمۈر كىيىم

بولۇپ كۆك تۆمۈر يولدا دىڭما بولار.

بۇ سايرامدىن موللا مۇسا خاتىپ،

بېرۇر يول خېتى خەلقنى باجلاتىپ.

كېلۇر ئارقادىن خەلقنىڭ ئاۋازەسى،

كى ئاللا دىبان قىچقىرۇر بارچاسى.

قاتىلدى بۇ لەشكەر خوجامغا كېلىپ،

سوراپ ھال - ئەھۋال پۇرسىش قىلىپ. ئېسەنلەشمەك

بۇ شەھيار، كۇچارنىڭ سەھراسىدىن،

كېلىمىز دىدى سىدقى ئىخلاسىدىن.

بۇلار ئەزىم ئېتىپ يۈردىلەر شالدىراڭ،

يۈرۈڭ يول ئۆزرە تېز بولۇپ ئالدىراڭ. ئاردىن چىقىپ يۈردىلەر چاشتىگاھ،

بۇ سۈرئەت بىلەن ئەيلەدى ئەزىم راھ.

قۇياشقا بولۇپ بۇ قۇياش راھبەر،

قۇياش كەينىدىن يۈردى ئەھلى سەپەر.

قۇياش بولدى مەئۈرىپ سارىغا ناھان

قىزىلغا يېتىپ باردىلەر ئول زامان.

كۈن ئولتۇردى مەغرىپ سارىدا قىزىل،

قىزىللىق ئىچىدىن كۆرۈندى قىزىل.

دېدىلەر بۇ يۇرتنىڭ ئاتىدۇر قىزىل،

ئىمارەتنىڭ تۇپراغىدۇر قىزىل.

لى دەريا ئاقادۇر، ئاتىدۇر قىزىل،

يانا ئابۇجارى ئاقادۇر قىزىل. شاۋقۇن، دولقۇنلاش

بۇ قىز ھەم جۇۋانلار سالاھى قىزىل، كىيىم - كېچەك

بۇ قىزلار قارادۇر، ئىچىدۇر قىزىل.

قىزىلنىڭ ئىچىدىن چىقىبدۇر قىزىل،

قىزىلنىڭ بۇ تۇرغان يېرىدۇر قىزىل.

ئانى يۈرگۈدۈم بىر ماتائى قىزىل،

قىزىلغا بۇ ۋاقىتتا كۆرۈندى قىزىل.

قىزىل كەتدى ئالەم كۆزۈمگە قىزىل،

ئانىڭ ھىجرىدە كۆزدە ياشىم قىزىل.

قىزىل ئاقتى ئەتراپى بولدى قىزىل،

قىزىللىق قىزىلدۇر سەرەشكىم قىزىل.

قىزىلغا تۈشۈپ تىكتىلەر بارىگاھ،

ھەممە لاۋۇ - لەشكەر بۇ خەيلى سىپاھ.

بۇ سايرامغا ئاڭلاندى ئاۋازەسى،

بۇ سايرام ئىرۇر ئاقسۇ دەرۋازەسى.

قىزىلدا يار ئەركەن ئۇلۇغ بىر بۇزرۇكۋار،

قىلىچ بۇغراخان غازى ئاتلىق مازار.

قوشۇلدى قىزىل كەنتنىڭ جەمئىسى،

بۇ شەيخۇ، ئىمام باشلىغان مەھەللىسى.

يانا نان - توقاچ، سۈت - قېتىغ، ئوت، ئوتۇن،

بالا - بارقاسى ھەمە ئەرۇ - خوتۇن.

ئەلىپ كەلدى نەزرى كالا بىرلە قوي،

ئانى داشقا سالدى قىلىپ يېدى بوي.

سالىپ سەھنىگە زىلچە بىرلە كىگىز،

ئالىپ كەلدى نەزرى يەنە نەچچە قىز.

دۇئا قىلدىلار قىزلارغا باقمادى،

سەپەر ئۈستىدە قىزلار خوش ياقمادى.

قىرمىس بۇلاق خەلقى ھەم پىش باز، ئالدىغا چىقماق، قارشى ئالماق

ئالىپ كەلدى ھالىچە نەزرى - نىياز.

يايلاقلارغا نەزرى ئالىپ كەلگەن ئات،

بۇ جابدۇق بىلە ئەيلىدى ئىلتىپات.

خالايىقلەر قىلدى خوجامنى تاۋاپ،

بولۇپ بى گۇناھ، تاپتى بولغاي ساۋاپ.

تاۋابىدىن كېيىن بەئىداز خەتمى قۇرئان،

خوجام ئىختىيار ئەتتى سايرام سىيان.

بار ئەردى شەھەر ئالدىدا لەنگەرى، بېكەت

ھېكىم بەگ ئىشىگە يۇرت سەردارلىرى.

بۇ ئاخۇنۇ - ئەشرەپ، خەلىپە - ئىمام،

ھەمە چوڭ - كىچىك يۇرت خەلقى تامام.

كېلۇر ھەر تەرەپتىن بۇ نەزرى - نىياز،

باشى ئات، كالا، قوي، چامغۇر - پىياز.

زىيارەت قىلىپ دەستى بەيئەت بېرىپ، ئىتتىپاققا كىرمەك، تەۋەلىك بىلدۈرمەك

قىلىپ ھال پۇرسىش نەسىھەت قىلىپ.

چالىپ ناغرە، نەققارە شاديانەنى،

نەچچە داشلارغا دۈملەدى شادەنى.

ھەمە چوڭ - كىچىككە بېرىپ ئابۇ - ئاش،

ۋىدا قىلدى مەغرىپ سارىغا قۇياش.

تۈر:ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى