خالىدەم ناخشىسىدىكى سىر

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisige Iane Qiling Uyghur Énsiklopédiyisi

«خالىدەم» ناخشىسىدىكى سىر


ئەلانۇر يۈسۈپ


ئاتۇشنىڭ كاتتايايلاق يېزىسىدىن تارقالغان «خالىدەم» ناخشىسىنىڭ پىروتوتىپى خالىدەم 2014 - يىلى 17 - سېنتەبىر ئاتۇشنىڭ كاتتايايلاق يېزىسىدا 64 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ناخشا ۋە خالىدەم بىلەن راخماننىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ئۆز دەۋرىدە ساداقەت، ۋاپادارلىق سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىپ، يىگىت - قىزلارنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكەنىدى.

«خالىدەم» ناخشىسى1967 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاتۇشنىڭ كاتتايايلاق يېزىسىدىن تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاتۇش يىگىت - قىزلىرىنىڭ بىر - بىرىگە بولغان ۋاپادارلىقى، ساداقەتمەنلىكى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە ئاتۇش خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە پسىخىك خاراكتېرىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

كاتتايايلاق يېزىسىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق، تۇپرىقى شورلۇق، ھاۋاسى ساپ زېمىن. كاتتايايلاقلىقلارنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇشى ئۇلارنىڭ قوشاقلىرىغا چىن ھېسسىيات، جەلپكار تۇيغۇ ئاتا قىلغان. مەسىلەن، «خالىدەم»، «روزىلەم» قاتارلىق ناخشىلاردا بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

خالىدەم 1950 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر كاتتايايلاق يېزىسىنىڭ چوقچا كەنتى ئوڭئېرىق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان دېھقان قىزى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ شوخ مىجەز - خۇلقى، گۈزەل رۇخسارى ۋە شېرىن سۆزلىكى بىلەن مەھەللىسىدىكى دېھقان يىگىت راخماننىڭ مەيلىنى تارتىدۇ. راخمان ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. خالىدەممۇ راخمانغا ياتلىق بولۇشنى ئىختىيار قىلىدۇ. ئاينىڭ يۈزىدە دېغى بولغىنىدەك، خالىدەمنىڭ سول قولى، راھماننىڭ ئوڭ پۇتى ناكا بولسىمۇ، ئەمما جىسمانىي جەھەتتىكى بۇ خىل نۇقسان ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىگە توسالغۇ بولالمايدۇ. خالىدەم 17 ياشلارغا كىرگەن مەزگىلدە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، كەنت كادىرلىرى ھەم مەھەللە چوڭلىرى مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئاجىزلىقى ۋە كېيىنكى تۇرمۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ، خالىدەمنى مەجبۇرىي ھالدا جىسمانىي جەھەتتە راخماندىن بېجىرىم بولغان جۇمەخۇن (جۇماخۇن ــ ئاتۇش شىۋىسىدە)غا ياتلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ توي 1967 - يىلى قوغۇن پىششىقىدا بولىدۇ. توي كۈنى كەچتە قوغۇنلۇقىدا قوغۇن بېقىپ ياتقان راخمان بۇ «شۇم خەۋەر»نى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال يېنىدىكى داپنى قولىغا ئالىدۇ - دە، «خالىدەم» قوشىقىنى ئوقۇپ، ئوتلۇق مۇھەببەتنىڭ سېمفونىيەسىنى ياڭرىتىدۇ:


شۇنداق ئۆستۇق خالىدەم،

چوقچا دېگەن يەردە.

بىر سەن ئۈچۈن كۆيگەنتىم ،

ئاسمىنى كەڭ يەردە.

ئويلاپ باققىن، بىز باشتا،

نېمە - نېمە دېيىشكەن؟

«ئالىمەن»، « تېگىمەن» دەپ (خالىدەم)،

ۋەدە بېرىشكەن.


كاتتا يايلاق ئەزالىرى،

قوغۇن تېرىۋاپتۇ.

ھەر نېمە بولسا خالىدەم،

ئەرگە تېگىۋاپتۇ.

خالىدەمنىڭ نەزىرىدە راخمان توكۇر ئەمەس، راخماننىڭ قەلب تۈرىدە خالىدەممۇ يەتتە ئەزاسى بېجىرىم، ھۆسن - جامالدا تەڭداشسىز بىر قىز. بۇ جەھەتتە ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچقانداق كۈچ يوق. مانا بۇ خىل چوڭقۇر ھېسسىياتنى راخمان مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

سەن چولاق بولساڭ (خالىدەم)،

مەن توكۇر بولسام.

ئاش ئېتەلمىسەك (خالىدەم)،

ئۇماچ چالمامتۇق.

نان ياقالمىساق (خالىدەم)،

كۆمەچ كۆممەمتۇق .

ئىش قىلالمىساق (خالىدەم)،

ئورمان باقمامتۇق؟

«خالىدەم» قوشىقىدا راخمان بىلەن خالىدەمدىن ئىبارەت بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقنىڭ بېجىرىم بالىلىق بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن:

بىر ئوغۇل تاپساق (خالىدەم)،

شوپۇر بولمامتى؟

بىر قىزچاق تاپساق (خالىدەم)،

دوختۇر بولمامتى؟

ئۇلار ئالغان مائاشتا،

بىزنى باقمامتى؟

شۇنداق بولسا ئىشىمىز،

ئەلگە ياقمامتى؟

گەرچە خالىدەم باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن جۇماخونغا ياتلىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن راخمان ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدۇ ھەم ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنمەيدۇ، بەلكى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىلگىرى قىلىشقان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جۇمەخوننىڭ مەھەللىسىدە داپ چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇ يەردىن زادىلا كەتمەيدۇ:

خالىدەم، ساڭا

كۆيگۈنۈم كۆيگەن.

باشتا سۆيگەن لەۋلىرىڭگە،

سۆيگۈنۈم سۆيگەن.

راخمانغا باشقىلارنىڭ نەسىھەت ۋە دەشناملىرى زادىلا كار قىلمايدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ھەم گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ ناخشىسىنى بىردە داپ چېلىپ، بىردە قۇلىقىنى تۇتۇپ ئېيتىپ، بىر ئايغىچە سەۋدايىلارچە ھەسرەت - پىغان چېكىدۇ. بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ تۇرغان جۇمەخۇنمۇ ئۇنىڭ ھەسرەت - پىغانىغا چىدىيالماي قالىدۇ. خالىدەممۇ راخماننىڭ ئۆزىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ، جۇمەخۇندىن ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. جۇمەخۇنمۇ ئاخىر بۇ ئىشنىڭ خەلقىئالەم ئالدىدا ئۆزى ئۈچۈن دۇرۇس بولمىغانلىقىنى ئويلاپ خالىدەمنى قويۇپ بېرىدۇ. 1967 - يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا راخمان خالىدەمنى ئەمرىگە ئالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك بەش پەرزەنتلىك بولىدۇ. گەرچە راخمان 20 يىللار ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، خالىدەم پەرزەنتلىرىنى قاتارغا قوشۇپ ئېپى - نەۋرىلىك بولۇپ ياشايدۇ.

«ئېلىپ قاچقۇدەك جۇۋان بار، تاشلاپ قاچقۇدەك قىز» دەيدىغان ھېكمەت مۇشۇ ھېكايىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا كېرەك. خالىدەم راخمان ئۈچۈن ئېلىپ قاچقۇدەك جۇۋان ھېسابلىنىدۇ. يىگىتنىڭ قىز ياكى جۇۋان بىلەن توي قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەرلىك غۇرۇرى ياكى مەردانە خاراكتېرىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئەمەس. مۇھىمى ئۆزىگە ھەر جەھەتتىن ماس كېلىدىغان ئىشەنچلىك ھەمراھنى توغرا تاللاش. بىر ياخشى ھەمراھ بىلەن ئائىلە قۇرۇش سەلتەنەتلىك دۆلەت قۇرۇرشتىنمۇ مۇھىم ۋە قىيىن مەسىلە. راخمان دەسلىپىدە جىسمانىي ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن تارتقۇزۇپ قويغان خالىدەمنى ئۇنىڭغا بولغان چىن مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە قوشاق توقۇپ، غەزەل ئېيتىپ يۈرۈپ قايتۇرۇۋالىدۇ. مانا بۇ جەريانلارنى ئاڭلىغان ھەر قانداق ئادەم راھماننىڭ ئۆز مەشۇقىغا ئېرىشىش يولىدىكى ئىرادىسىگە، جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇھەبببەت ھەقىقىي پىداكارلىق كۆرسەتكەندىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان ۋاپادارلىق سوۋغىسى. بىزدە «يىگىت جاسارەتتە، قىز نازاكەتتە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ھەقىقى ئەرلىك جاسارەتكە تايىنىپ، قارنى - كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، مەردانىلارچە ئىش قىلالايدىغان ئەرلەرلا ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى بەختلىك قىلالايدۇ.

قوشاقنىڭ باش قەھرىمانى بولغان خالىدەم گەرچە باشتا راخمان بىلەن ۋەدىلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىئىلاج جۇمەخۇن بىلەن توي قىلىدۇ. بۇنىڭدىن خالىدەمنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ قولى بېجىرىم بولمىغانلىقتىن، راخمانغا يۈك بولۇپ قېلىشىدىن، ئۇنى بەخىتلىك قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز بەختىنى جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم ئەردىن كۈتكەنلىكىنى دەماللىققا توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئۇ كېيىن راخماننىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن مۇھەببەتنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە جۇمەخۇندىن ئاجرىشىپ، راخمانغا ياتلىق بولىدۇ.

توكۇر راخمان بىلەن چولاق قىز خالىدەمنىڭ پاك مۇھەببىتىنىڭ يالدامىسى بولغان «خالىدەم» ناخشىسى ياشلىرىمىزدا مەرد - مەردانە، ساداقەتمەن خاراكتېر ۋە ئۆز يارىنى چىن دىلىدىن سۆيەلەيدىغان، ئۇنىڭغا ئاخىرغىچە ۋاپادارلىق كۆرسىتەلەيدىغان روھ يېتىلدۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ساداقەت ۋە ۋاپادارلىق سېمفونىيەسى مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن! جىسمانىي مېيىپلىق قۇرقۇنچلۇق ئەمەس، قەلب مېيىپلىكى ئىنتايىن خەتەرلىك!

(ئاپتور: شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى)

مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2015 – يىللىق 7 – سانى