جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭ تەسىر كۈچى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search


جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭ تەسىر كۈچى

جاھانگىر قوزغىلىڭى ئاسىيالىقلارنىڭ نەزىرىدە غەلىبە قازىنىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارالغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى پاش قىلدى. قەشقەر ۋەتەنپەرۋەرلىرى روھ بىلەن ياشىدى ھەم ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان كۈچلۈك ئۈمىدكە ئېرىشتۈردى.

19.02.2015 ~ 05.06.2017

جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭ تەسىر كۈچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: -18ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا 1759-يىلىدىكى مانجۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بۇرھانىدىن خوجىنىڭ بىردىنبىر ئوغلى سامساق خوجا چوڭ بولۇپ، بۇخارا ۋە قوقان قاتارلىق جايلاردا ئۆز ۋەتىنىنى مانجۇلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىش تەشۋىقاتلىرى ئېلىپ بارغان ئىدى. سامساق خوجىنىڭ بۇ ئىدىيەسى ئۇنىڭ 1788-يىلى تۇغۇلغان كىچىك ئوغلى جاھانگىرنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسىگە ئايلانغان بولۇپ، مىلادىيە 1820-يىلى جاھانگىر قوقان شەھىرىدىن قېچىپ چىقىپ، پامىر- ئالاي تاغلىرىنىڭ قەشقەر بىلەن چېگراداش جايلىرىدا ئۆز يارەنلىرى بىلەن بىرگە ھەرىكەت باشلىدى.

ئۇنىڭ مەخپىي ھەرىكەتلىرى سېپىگە تاغلىق قىرغىزلارمۇ قوشۇلدى. جاھانگىر خوجىنىڭ قوقاندىن قېچىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەر خىل قاراشلىرى بار. سوۋېت ئۇيغۇر تارىخشۇناسى ماخمۇت قۇتلۇقوف قوقان خانلىقى بىلەن مەنچىڭ خاندانلىقى ئارىسىدا قوقانلىقلارنىڭ خوجىلارنىڭ قەشقەرىيەدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە يول قويماسلىق ھەققىدە مەخپىي كېلىشىم تۈزۈلۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللار قوقان خانلىقىغا زور مىقداردا تۆلەم تۆلەپ تۇرغانلىقى، ئەمما جاھانگىر خوجا ئاخىرى قوقان خانلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قېچىپ، قەشقەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش يولىغا ماڭغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنە بىر قىسىم تارىخشۇناسلار بولسا، مەدەلىخان قوقان خانلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا قوقان بىلەن چىڭ ئارىسىدىكى بۇ خىل كېلىشىملەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، جاھانگىرنىڭ قەشقەرنى ئىگىلىشىنى ماددىي، مەنىۋى ۋە ھەربىي جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىرىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئارقىلىق جاھانگىر باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل قەشقەر دۆلىتى قۇرۇلغاندا ئۇنى ئۆزىگە قارام ھۆكۈمەتكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىمۇ جەزىملەشتۈرىدۇ.

جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى ۋە قوقان بىلەن مەنچىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مەسىلىلىرى ھەققىدە ياۋروپا تارىخشۇناسلىرىدىن لاۋرا نىۋبى ئۆزىنىڭ «ئىمپېرىيە ۋە قالغانلىق: چىڭ بىلەن قوقاننىڭ 1760-1860-يىللىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابىدا، ئەتراپلىق بايان قىلغان. 1826-يىلغا كەلگەندە جاھانگىر خوجا باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ كېڭەيدى. ئۇ قەشقەر ئەتراپىغا كىرىپ، مانجۇ قوشۇنلىرىنى يوقاتتى. قەشقەرىيەدىكى خەلق ئومۇمىيۈزلۈك قوزغىلاڭغا ئاتىلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن قەشقەر، يېڭىسار، ياركەنت ۋە باشقا جايلاردىكى مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇردى. بۇ ۋاقىتتا مەدەلىخانمۇ قوقان قوشۇنلىرىنى باشلاپ قەشقەرنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي قوشۇنلىرىنى باشلاپ قوقانغا قايتىپ كەتتى. جاھانگىر خوجا بىلەن قوقان خانى مەدەلىخان ئارىسىدىكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن قوقان خانلىقىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالغان جاھانگىر خوجا 1827-يىلىغا كەلگەندە چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاقسۇغا توپلىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ قويدى. جاھانگىر خوجىنىڭ قەشقەرنى ئىگىلىشى ئۈچۈن زور ساندا قوقان قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلگەن قوقان خانى مەدەلىخان بىلەن جاھانگىر خوجا ئارىسىدا قانداق زىددىيەت كېلىپ چىققانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ مەسىلىدە تۈرلۈك قىياسلار مەۋجۇت. بەزى تارىخچىلار جاھانگىرنىڭ قوقان خانىغا بەيەت قىلىشنى خالىمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بەلكى، جاھانگىرنىڭ مەدەلىخان بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئۇنىڭ مەنچىڭ قوشۇنلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تايانچ كۈچتىن ئايرىلىپ قېلىشى بولسا كېرەك.

ئامېرىكا ئالىمى جەيمس مىللاۋارد ئۆزىنىڭ «ئۆتكەلنىڭ سىرتىدا: 1759-1864-يىللىرىدىكى چىڭ مەركىزىي ئاسىياسىدىكى ئىقتىساد، مىللەت ۋە ئىمپېرىيە» ماۋزۇلۇق كىتابىدا كۆرسىتىشىچە، 1827-يىلى، 9-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلى گېنېرالى چاڭلىڭنىڭ قوماندانلىقىدا 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئاقسۇغا توپلاپ، باستۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلاندى. 1859-1860-يىللىرى ئارىسىدا ھەربىي ئىستىخبارات ئۇچۇرى توپلاش ئۈچۈن سودىگەر قىياپىتىدە قەشقەرگە كەلگەن چار رۇسىيەنىڭ داڭلىق ھەربىي ئىستىخباراتچىسى ۋە مەشھۇر قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوفمۇ 70 مىڭ كىشىلىك مەنچىڭ قوشۇنىنىڭ جاھانگىرغا قارشى ئاتلانغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى قانلىق جەڭلەردىن كېيىن، مەنچىڭ قوشۇنلىرى 1828-يىلىنىڭ بېشىدا پۈتۈن قەشقەرنى ئىشغال قىلدى. پامىر تېغىغا قېچىپ بارغان جاھانگىر باشقىلارنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن، تۆمۈر قەپەزگە سولىنىپ، بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىپ شۇ يىلى ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋاقىتتا جاھانگىر خوجا 40 ياشقا كىرگەن ئىدى.

جاھانگىر خوجىدىن كېيىن، قەشقەرىيە تىنچلانمىدى. 1830-يىلىدىن تاكى 1863-يىلىدىكى ئومۇمىي قوزغىلاڭغىچە بولغان ئارىلىقتا، 1830-يىلى، 1847-يىلى، 1857-يىلى، داۋاملىق تۈردە قوقاندىكى خوجا ئەۋلادلىرى قەشقەرىيەدىن قېچىپ بارغان ئۇيغۇر پىداكارلىرى، قوقانلىقلار ۋە قىرغىزلارنىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن قەشقەردىكى قوزغىلاڭلارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. بىراق، مەزكۇر جەرياندىكى خوجىلار، بولۇپمۇ ۋەلىخان تۆرەنىڭ قەشقەر خەلقىغە سالغان زۇلۇمى مانجۇلاردىن قېلىشمايدىغان سەۋىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قىلىپ تېزلا مەغلۇپ بولدى.

جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىنىڭ جەريانلىرى ھەققىدە موللا مۇسا سايرامىمۇ ئەڭ كۆپ مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، بۇ ئەسەر مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

جاھانگىر خوجا باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ مانجۇ-چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەنى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى كۆلىمى ۋە تەسىرى ئەڭ چوڭ قوزغىلاڭ بولۇپ، چىڭ ھۆكۈمىتى بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن شەندوڭ، خېيلوڭجياڭ، جىلىن، شەنشى، گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىنمۇ قوشۇن توپلىغانلىقى خاتىرىلىنىدۇ. چىڭ سۇلالىسى بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوف ئۆزىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى قەشقەردىكى تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىغا باھا بېرىپ، «جاھانگىر قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئاسىيالىقلارنىڭ نەزىرىدە غەلىبە قازىنىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ ھېسابلانغان جۇڭگولۇقلارنىڭ بارلىق ئاجىزلىقلىرى پاش بولدى. قەشقەر ۋەتەنپەرۋەرلىرى روھ بىلەن ياشىدى ھەم ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان يېڭى ۋە كۈچلۈك ئۈمىدكە ئېرىشتى» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

ھەقىقەتەن، جاھانگىر خوجىنىڭ ئۆلۈمىدىن 40 يىل ئۆتكەندە پۈتۈن تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ پارتلاپ، مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بۇ زېمىندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاساسەن دېگۈدەك ئاغدۇرۇلۇپ ۋە بۇ يەردە مۇستەقىل دۆلەت مەيدانغا كېلىپ، دۇنياۋى ئىمپېرىيىلەر بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىلەر ئېلىپ بېرىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئىدى


مەنبە