تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ


تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

كىرىش سۆز

بىز كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكچى بولغان تەۋارىخى مۇسىقىيۇن (مۇزىكانتلار تارىخى) رىسالىسى خوتەن شەھرىدە ئۆتكەن موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى تەرىپىدىن يېزىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ بىز ئاساسلانغان قوليازما نۇسخىسى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ كۇللىيات ناملىق دىۋانىنىڭ بىر قوليازما نۇسخىسى بىلەن قوشۇپ تۈپلەنگەن بولۇپ، ھازىر جوڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىلللەتلەر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىدا ساقلانماقتا. كىتاب نومۇرى 909.217/149. قوليازما خوتەننىڭ پاتلىق سامان قەغزىگە خەتتى نەستەلىك ئۇسلۇبىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، جەمى 39 بەت. ھەر بىر بەت ھەجمى 2215 سانتىمېتىر، ھەر بەتتىكى تېكىست ھەجمى 19 سانتىمېتىر، ھەر بەتكە 15 قۇردىن خەت يېزىلغان. قوليازمىنىڭ تېكىستى قارا سىيادا، كىچىك ماۋزۇلىرى قىزىل سىيادا قومۇش قەلەم بىلەن كۆچۈرۈلگەن. قوليازما قوشۇپ تۈپلەنگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى جىگەررەڭ قىرىم بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يۈزىگە ئۇيغۇر مىللى ئۇسلۇبىدا چىرايلىق نەقىش ئىشلەنگەن.

ئاپتور بۇ ئەسەرنى

پۈتۈك تارىخىن تارىخىن دېپ ئىدىم،

بىلەلمەسمىكىن دېپ ئەجەپ غەم يىدىم.

تۈگەت سۆزنى مۆجىزى غەرىپ بىناۋا،

ئۇلۇغ يولغە كىرگىل بولۇپ ماساۋا.

دېگەن شئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ شەئىرنىڭ پۈتۈك تارىخىن تارىخىن دېپ ئىدىم دېگەن مىسرادىكى كېيىنكى تارىخىن سۆزى ئەبجەت بىلەن ھىساپلاش ئۇسۇلى بويىچە ھىجرى 1271-يىلغا توغرا كېلىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يەنە قىزىل سىيادا كونىچە سىنە دېگەن يىل نامىمۇ يېزىلغان. دېمەك، مۆجىزىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ يادنامىسى ھىجرى 1271-يىلى (مىلادى 1854-1855-يىلى) دۇنياغا كەلگەن.

قوليازمىنىڭ ئىملاسىغا ئاساسەن، ئۇنى كېيىن كۆچۈرگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە خەتتات توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق. قوليازمىنىڭ باش بېتىگە ئۇشبۇ تەۋارىخى مۇسىقىيۇن كىتابىنى پۈتۈرگەن ئەلىشىر ھېكىم بېگىمگە يۈز رەھمەت، پۈتكۈچى موللا ئىسمەتۇللا مۆئىجىزغە ئىلاھىم مىڭ رەھمەت قىلغاي، ماڭا بۇ رىسالەنى دۇۋەل ئەزىمشا بېگىم تەقدىم قىلدى، دەپ مۆھۈر باسقۇچى مۇفتى مۇھەممەت ئىمىن ئىبنى باقىدۇر، 1338 سىنە دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ، مۇفتى مۇھەممەت ئىمىن ئىبنى باقىنىڭ سوقىچاق مۆھۈرى بېسىلغان. بۇنىڭدىن بۇ قوليازمىنىڭ ئەڭ كېيىن بولغان تەقدىردىمۇ ھىجرى 1338-يىلى (مىلادى 1919-1920-يىلى)دىن بۇرۇن كۆچۈرۈلگەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ.

بىز تۆۋەندە بۇ ئەسەر توغرىسىدىكى دەسلەپكى مۇلاھىزىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

1

تەۋارىخى مۇسىقىيۇن رىسالىسىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۇنياغا كەلگەنلىگى تاسادىپى بىر ئىش ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى بۆلۈنمىچىلىگى ۋە ئاپپاقخۇجا ئاۋلاتلىرىدىن بولغان چوڭ خۇجا بۇرھانىدىن بىلەن كىچىك خۇجا جاھان بۆلۈنمىچىلىگىنى باستۇرۇپ، شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن بارلىققا كەلگەن نىسپى تېنچ شارائىتتا يەنە بىر قېتىم گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، 19-ئەسىرگە كېلگەندە چىرىكلەشكەن چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ پاجىئەلىك زۇلۇم-سەتەملىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىغا ماسلىشىپ راسا يوقۇرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنى يەركەن خانلىقى(مىلادى 1514-1678-يىللار) ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاپپاق خۇجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا ۋەيران بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئومۇمى ئىستەكنىڭ تۈرتكىسى بىلەن باشلانغان بولسا، خەلقنى نادانلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇتقۇزۇش، مىللى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللى زۇلۇم ۋە فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى مىللى دېموكىراتىك ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەۋجىگە چىقتى.

بۇ دەۋر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر يازغۇچى، شائىرلار ئەدەبىيات سەھنىسىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل زھانىر ۋە مەزمۇندىكى ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى. موللا ئەلەم شەھيارى ۋە ئۇنىڭ مىلادى 1761-يىلى يازغان گۈل ۋە بۇلبۇل ناملىق پوئىمسى، لۈكچۈنلۈك شائىر ئەھمەت غۇجام نىياز ئوغلى(1827-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ رەۋزەتۇلزۆھرا ناملىق شەئىرىي داستانى، مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ۋە ئۇنىڭ سىدىقنامە ناملىق ئەسىرى، شائىر موللا رېھىم ۋە ئۇنىڭ مۇھەببەتنامە ناملىق داستانلىرى، يەركەنلىك شائىر ئۆمەرباقى ۋە ئۇنىڭ 1792-يىلى نەسرى-نەزمى شەكىلدە يېزىلغان پەرھات-شېرىن ۋە لەيلى-مەجنۇن ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى، قومۇللۇق شائىر زۇھۇرى ۋە ئۇنىڭ دىۋان زۇھۇرى ناملىق شېئىرلار توپلىمى، موللا يۇنۇس ياركەندى ۋە ئۇنىڭ 1807-يىلى يېزىلغان يۈسۈپ-زۇلەيخا داستانى، موللا سىدىق ياركەندى ۋە ئۇنىڭ 1813-يىلى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ خەمسە سىدىكى 5 داستان ئاساسىدا يېزىپ چىققان نەسرى مۇھەممەت ھۈسەيىنبەگ ناملىق توپلىمى، ئىمىرى (1822-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ دىۋان ئىمىرى ناملىق شېئىرلار توپلىمى، قەشقەرلىق نورۇز ئاخۇن كاتىب زىيائى ۋە ئۇنىڭ مەھزۇنۇلۋائىزىن ناملىق ئىپىك داستانى، ئابدۇرېھىم نىزارى(1845-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ پەرھات-شېرىن ، مەجنۇن ۋە لەيلى ، شاھ بەھرام ۋە دىلئارام ، ھامۇق- ئۇزرا ، چاھار دەرۋىش ( ئازات بەخت )، مەھزۇن ۋە گۈلنىسا ، شاھزادە مەسئۇد ۋە دىلئارا ، رابىيە-سەئىدىن قاتارلىق 12 داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھەببەتنامە ناملىق ئەسىرى، تۇردۇش ئاخۇن كاتىب غېرىبى(1802-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان) ۋە ئۇنىڭ كىتابى غېرىب ناملىق داستانى، موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ(1824-1899-يىللار) ۋە ئۇنىڭ 1851-يىلى ئىشلەنگەن غەزەليات ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1875-يىلى يېزىلغان غازات دەر مۈلكى چىن ناملىق داستانى، 1881-يىلى يېزىلغان چاڭموزا يۈسۈپخان ناملىق داستانى، 1882-يىلى يېزىلغان نۇزۇگۇم ناملىق قىسسىسى، موللا شاكىر ۋە ئۇنىڭ زەپەرنامە ناملىق تارىخىي داستانى قاتارلىق يازغۇچى ۋە ئەسەرلەر شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان مۇھىم نامايەندىلىرىدۇر.

بۇ دەۋر ئىچىدە ئۇيغۇر مۇزىكا-ناخشىلىرى بويىچىمۇ بىرمۇنچە جانلىنىشلار بولدى: مىلادى 1820-1828-يىللاردا قەشقەر دېھقانلار قوزغلىڭىغا قاتناشقان قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم ھەققىدە توقۇلغان نۇزۇگۇم قىسسىسى بىلەن نۇزۇگۇم ناخشىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرىگە تارقالدى. خوتەن قارىقاش ناخشىسى ، قەشقەر قىزىلگۈل ناخشىسى ، تۇرپان مايىمخان ناخشىسى ، قومۇل يارسەنەم ناخشىسى ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئانارخان ، ئويناڭ تۆرەم ، بىۋاپا نادان يارىم ، خارابىڭ مەن ، دادەي ، سارىخان ، ئاللا يارىم ، ھاي-ھاي ئۆلەن قاتارلىق ناخشىلىرىمۇ كەڭ تارقالدى؛ ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ رىسالەئى مۇغەننىيۇن ، كىتابۇلمۇسىقى ، كالامىفۇلمۇسىقى قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن زاھىرىددىن مۇھەببەت بابۇرنىڭ ئەسرارى مۇسىقى ناملىق كىتابى شۇ چاغدىكى ئۇستا خەتتاتلار تەرىپىدىن قايتا كۆچۈرۈپ چىقىلدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى بويىچە كۆتىرىلگەن بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى، يەرلىك ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىدىكى بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق زاتلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشتى. بۇ يەردە 1811-يىلى زۇھۇرىدىن، ئىمىرى قاتارلىق شائىرلارنى ئوردىسىغا توپلاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بولغان لۇتفى ۋە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ شېئىرلىرىدىن ھەم ئىران شائىرلىرىدىن ھاپىز شىرازى قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنە ئېلىپ باياز ناملىق بىر توپلام تۈزدۈرگەن قومۇل ۋاڭى ئەردىشىر، 1813-يىلى موللا يۇنۇس يەركەندىنىڭ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ خەمسە سىنى نەسىرلەشتۈرۈپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان يەركەن ھاكىم بەگى مىرزا ھۈسەيىنبەگ، 1841-يىلى تۇردۇش ئاخۇن كاتىب غېرىبىنىڭ كىتابى غېرىب ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان قەشقەر ھاكىم بەگى زۇھۇرىددىن، 1839-يىلى ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ مۇھەببەتنامە ناملىق داستانلار توپلىمىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان تۇرپان ۋاڭى ئەپرىدۇن ۋە مەزكۇر تەۋارىخى مۇسىقىيۇن رىسالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تەشەببۇسكار بولغان خوتەن ھاكىم بېگى مۇھەممەت ئەلىشىر بىننى ئابدۇمۆمىنبەگ (ئەلىشىر ھېكىم بەگ) لەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

دېمەك، قولىمىزدىكى تەۋارىخى مۇسىقىيۇن رىسالىسى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلىنىپ، 19-ئەسىردە يوقۇرى پەللىگە چىققان تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ سەمەرىلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

تەۋارىخى مۇسىقىيۇن نىڭ ئاپتورى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ھازىرغىچە مۇشۇ ئەسەردىكى بايانلاردىن باشقا مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. بىراق، مۇشۇ ئەسەردىكى ماتىرياللارنىڭ ئۆزىمۇ بىزنىڭ مۆجىزى ئوبرازىنى خېلى روشەن ھالدا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىزگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ.

مۆجىزى ئۆز رىسالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا مەزكۇر رىسالىنى يېزىش ئۈچۈن تارىخى رەشىدى ، تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا ۋە تەۋارىخى ئەجەم قاتارلىق پارىس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن ۋە تەۋارىخى تەبىرى ، تەۋارىخى ھۆكەما ، تەۋارىخى ئەرەپ قاتارلىق ئەرەپچە يېزىلغان ئەسەرلەردىن پايدىلانغانلىغىنى، فارابىنىڭ ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان رىسالەئى مۇغەننىيۇن ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىگىنى يازىدۇ. بىز بۇ بايانلاردىن ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەپ، پارىس تىللىرىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن مەلۇماتلىق بىر كىشى ئىكەنلىگىنى بىلىمىز.

مۆجىزى ئۆز ئەسىرىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئەلىشىر نەۋايىنى پىرىم ، ئۇستازىم دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنىڭ كۇللىيات ، چاھار دىۋان ، خەمسە لىرىدىن ھەم بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يازغان 36 پارچە كىتابىدىن بەھرىمان بولۇپ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشقى مۇھەببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم، دەپ يازىدۇ. ئۇ يەنە لۇتفى، ئابدۇراخمان جامى، مۇھەممەت كۈشتىڭىرلەرگە باھا بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئالىجاناپلىغىغا نەۋايىنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى پاكىت قىلىدۇ. مانا بۇلاردىن مۆجىزىنىڭ نەۋايىغا چەكسىز ئىخلاس قويغانلىغىنى، نەۋايىنىڭ يۈكسەك بەدىئى ماھارىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەرەققىپەرۋەر ئىدىيىسى بىلەن ئالىجاناپ پەزىلىتىگە قايىل ئىكەنلىگىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مۆجىزى فىساغۇرس (پىپاگور) ئۈستىدە توختالغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆزەڭنى تۈزلىمەي تۇرۇپ كىشىگە نەسىھەت قىلما؛ ئەيىبىڭنى ساڭا كۆرسەتكەن كىشىنى دوست بىلىپ ئەزىز تۇت؛ چىرايلىق لىباس كىيىپ يۈرگۈچە چىرايلىق سۆز قىلىپ يۈرۈشنى ئۆرگەنگىل؛ ياخشى سۆزنى ئەيتۇرغە قۇدرەتىڭ بولماسا، ياخشى سۆزنى ئېيتقۇچىدىن ئۆرگەنگىل؛ ئىلىم ئۆرگەنىشدىن نومۇس قىلما، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل دېگەن ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كەلتۈرىدۇ. فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا بولسا، ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭ يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان فەيزنى مېنىڭ قانۇنۇمنىڭ (قالۇنۇمنىڭ) سىملىرىدىن ئاڭلىغايسىزلەر دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان بۇ ھىكمەتلىك سۆزلەر ئەمىلىيەتتە مۆجىزىنىڭ ئۆز دۇنيا قارىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنى ئەينى زاماندىكى نادانلىق، تەركى دۇنيالىق ۋە قۇللۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى جاھىل كۈچلەرگە قارىتىپ ئېتىلغان ئوق، خەلق ئاممىسىغا بېرىلگەن سەمىمى مەسلىھەت سۈپىتىدە قوللانغان.

مۆجىزىنىڭ فېئوداللىق- دىنىي چەكلىمىلەر بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىكنىڭ چەكلىمىلىرى تۈپەيلى تارىختا كۆمۈلۈپ قالغان مۇزىكا ئالىمى ۋە شائىرە ئاماننىساخان نەفىسىنى تارىختىكى 17 نەپەر مۇزىكا پىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، زور ھۆرمەت بىلەن خالايىققا تونۇشتۇرىشىمۇ ئۇنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىپەرۋەر زىيالىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا پۈتۈنلەي مۇناسىپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

مۆجىزى تەۋارىخى مۇسىقىيۇن نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاللاغا مۇناجەت قىلىپ ئاسى قۇلۇڭدۇرمەن فەقىر، جافى قۇلۇڭدۇرمەن ھەقىر، غەم ئىلكىدە بولدۇم ئەسىر، سەنسەن ماڭا فەريادىرۇس دېگەن مىسرالارنى يازىدۇ ۋە ئۆز ئەسىرىنى تۈگەت سۆزنى مۆجىز غەرىب بىناۋا، ئۇلۇغ يولغە كىرگىل بولۇپ ناسىۋا دېگان بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بىز بۇ مىسرالاردىن ئۇنىڭ يوقۇرقىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋارىخى مۇسىقىيۇن رىسالىسىنى يازغانلىغىنىڭ فېئوداللىق دىنىي پىرىنسىپلارغا بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىك پىرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغانلىغىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلىپ تۇرغانلىغىنى ۋە شۇ چاغلاردا يەنىلا خېلى سالماقنى ئىگەنلەپ تۇرغان مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۆز ھەركىتىنى مۇشۇ يول بىلەن ئاز-تولا نىقاپلىغانلىغىنى كۆرىمىز.

تەۋارىخى مۇسىقىيۇن نىڭ تەشەببۇسچىسى ئەلىشىر ھېكىم بەگ مۆجىزىنى سەنكىم كەسبىڭ ھەم مۇسىقىدۇر ھەم ئەبيات مەملىكىتىنىڭ بۇلبۇلۋار سۇلتانى، ئەدەبىيات مۈلكىنىڭ تۇتى شەرىن لىسانىدۇرسەن ھەم خۇش پۈتكۈچى ھەم دىلكەش ئەيتقۇچى سەندۇرسەن دەپ تەرىپلەيدۇ. گەرچە بۇ سۆزلەر ئىنتايىن مۇبالىغىچىلىك بىلەن ئەيتىلغان بولسىمۇ، ھەرھالدا مۆجىزىنىڭ شۇ دەۋىردە داڭلىق كەسپىي مۇزىكانت ھەم نۇرغۇن ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر شائىر بولۇپ ئۆتكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلالمىگەن ياكى تەخى قولىمىزغا چۈشمىگەن.

2


تەۋارىخى مۇسىقىيۇن نىڭ ئاپتورى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ھازىرغىچە مۇشۇ ئەسەردىكى بايانلاردىن باشقا مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. بىراق، مۇشۇ ئەسەردىكى ماتىرياللارنىڭ ئۆزىمۇ بىزنىڭ مۆجىزى ئوبرازىنى خېلى روشەن ھالدا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىزگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ.

مۆجىزى ئۆز رىسالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا مەزكۇر رىسالىنى يېزىش ئۈچۈن تارىخى رەشىدى ، تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا ۋە تەۋارىخى ئەجەم قاتارلىق پارىس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن ۋە تەۋارىخى تەبىرى ، تەۋارىخى ھۆكەما ، تەۋارىخى ئەرەپ قاتارلىق ئەرەپچە يېزىلغان ئەسەرلەردىن پايدىلانغانلىغىنى، فارابىنىڭ ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان رىسالەئى مۇغەننىيۇن ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىگىنى يازىدۇ. بىز بۇ بايانلاردىن ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەپ، پارىس تىللىرىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن مەلۇماتلىق بىر كىشى ئىكەنلىگىنى بىلىمىز.

مۆجىزى ئۆز ئەسىرىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئەلىشىر نەۋايىنى پىرىم ، ئۇستازىم دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنىڭ كۇللىيات ، چاھار دىۋان ، خەمسە لىرىدىن ھەم بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يازغان 36 پارچە كىتابىدىن بەھرىمان بولۇپ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشقى مۇھەببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم، دەپ يازىدۇ. ئۇ يەنە لۇتفى، ئابدۇراخمان جامى، مۇھەممەت كۈشتىڭىرلەرگە باھا بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئالىجاناپلىغىغا نەۋايىنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى پاكىت قىلىدۇ. مانا بۇلاردىن مۆجىزىنىڭ نەۋايىغا چەكسىز ئىخلاس قويغانلىغىنى، نەۋايىنىڭ يۈكسەك بەدىئى ماھارىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەرەققىپەرۋەر ئىدىيىسى بىلەن ئالىجاناپ پەزىلىتىگە قايىل ئىكەنلىگىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مۆجىزى فىساغۇرس (پىپاگور) ئۈستىدە توختالغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆزەڭنى تۈزلىمەي تۇرۇپ كىشىگە نەسىھەت قىلما؛ ئەيىبىڭنى ساڭا كۆرسەتكەن كىشىنى دوست بىلىپ ئەزىز تۇت؛ چىرايلىق لىباس كىيىپ يۈرگۈچە چىرايلىق سۆز قىلىپ يۈرۈشنى ئۆرگەنگىل؛ ياخشى سۆزنى ئەيتۇرغە قۇدرەتىڭ بولماسا، ياخشى سۆزنى ئېيتقۇچىدىن ئۆرگەنگىل؛ ئىلىم ئۆرگەنىشدىن نومۇس قىلما، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل دېگەن ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كەلتۈرىدۇ. فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا بولسا، ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭ يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان فەيزنى مېنىڭ قانۇنۇمنىڭ (قالۇنۇمنىڭ) سىملىرىدىن ئاڭلىغايسىزلەر دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان بۇ ھىكمەتلىك سۆزلەر ئەمىلىيەتتە مۆجىزىنىڭ ئۆز دۇنيا قارىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنى ئەينى زاماندىكى نادانلىق، تەركى دۇنيالىق ۋە قۇللۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى جاھىل كۈچلەرگە قارىتىپ ئېتىلغان ئوق، خەلق ئاممىسىغا بېرىلگەن سەمىمى مەسلىھەت سۈپىتىدە قوللانغان.

مۆجىزىنىڭ فېئوداللىق- دىنىي چەكلىمىلەر بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىكنىڭ چەكلىمىلىرى تۈپەيلى تارىختا كۆمۈلۈپ قالغان مۇزىكا ئالىمى ۋە شائىرە ئاماننىساخان نەفىسىنى تارىختىكى 17 نەپەر مۇزىكا پىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، زور ھۆرمەت بىلەن خالايىققا تونۇشتۇرىشىمۇ ئۇنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىپەرۋەر زىيالىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا پۈتۈنلەي مۇناسىپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

مۆجىزى تەۋارىخى مۇسىقىيۇن نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاللاغا مۇناجەت قىلىپ ئاسى قۇلۇڭدۇرمەن فەقىر، جافى قۇلۇڭدۇرمەن ھەقىر، غەم ئىلكىدە بولدۇم ئەسىر، سەنسەن ماڭا فەريادىرۇس دېگەن مىسرالارنى يازىدۇ ۋە ئۆز ئەسىرىنى تۈگەت سۆزنى مۆجىز غەرىب بىناۋا، ئۇلۇغ يولغە كىرگىل بولۇپ ناسىۋا دېگان بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بىز بۇ مىسرالاردىن ئۇنىڭ يوقۇرقىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋارىخى مۇسىقىيۇن رىسالىسىنى يازغانلىغىنىڭ فېئوداللىق دىنىي پىرىنسىپلارغا بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىك پىرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغانلىغىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلىپ تۇرغانلىغىنى ۋە شۇ چاغلاردا يەنىلا خېلى سالماقنى ئىگەنلەپ تۇرغان مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۆز ھەركىتىنى مۇشۇ يول بىلەن ئاز-تولا نىقاپلىغانلىغىنى كۆرىمىز.

تەۋارىخى مۇسىقىيۇن نىڭ تەشەببۇسچىسى ئەلىشىر ھېكىم بەگ مۆجىزىنى سەنكىم كەسبىڭ ھەم مۇسىقىدۇر ھەم ئەبيات مەملىكىتىنىڭ بۇلبۇلۋار سۇلتانى، ئەدەبىيات مۈلكىنىڭ تۇتى شەرىن لىسانىدۇرسەن ھەم خۇش پۈتكۈچى ھەم دىلكەش ئەيتقۇچى سەندۇرسەن دەپ تەرىپلەيدۇ. گەرچە بۇ سۆزلەر ئىنتايىن مۇبالىغىچىلىك بىلەن ئەيتىلغان بولسىمۇ، ھەرھالدا مۆجىزىنىڭ شۇ دەۋىردە داڭلىق كەسپىي مۇزىكانت ھەم نۇرغۇن ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر شائىر بولۇپ ئۆتكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلالمىگەن ياكى تەخى قولىمىزغا چۈشمىگەن.

3

مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە تونۇشتۇرغان 17 نەپەر مۇزىكا پىرى ئىچىدە ئۇنىڭ قىدىرخان يەركەندى بىلەن ئاماننىساخان نەفىسى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ شەخسلەر توغرىسىدىكى تۇنجى يازما مەلۇمات بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

مۆجىزى قىدىرخان يەركەندىنىڭ نادىر مۇزىكا ئالىمى، تەڭداشسىز ناخشىچى ۋە ئۇستا شائىر ئىكەنلىگىنى، راۋاپ بىلەن خۇشتارنى كەشپ قىلغانلىغىنى، ۋىسال ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلغانلىغىنى، مۇزىكا ئىلمى توغرىسىدا كۆپلىگەن مېغىزلىق ماقالىلارنى يازغانلىغىنى، دىۋانى قىدىر ناملىق شېئىرلار توپلىمى چىقارغانلىغىنى، يەركەن خانلىغىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر پادىشاسى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ كېچە-كۈندۈز ئايرىلمايدىغان ئەڭ يېقىن كىشىسى بولۇپ ئۆتكەنلىگىنى ۋە ئىران، ئىراق، تەبرىز، خارازىم، سەمەرقەند، ئەنجان، ئىسلامبۇل (ئىستامبۇل)، كەشمىر، بەلىخ، شىراز قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن شاگىرتلىرى بولۇپ، ئۇلارغا مۇزىكا ئىلمىدىن دەرس بەرگەنلىگىنى يازىدۇ. لۇتفى ئۈستىدە توختالغىنىدا ئۇ ‘ئالىملىقتا ھەزرەتى ئەبۇ نەسىر فارابىدېك، ھەكىملىقدا ھەزەتى ئىبنى سىنادېك، شائىرلىقتا ھەزرەتى ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايىدېك، مۇغەنىلىقدا تەخى قىدىرخاندېك ئىردىلەر” دەپ قىدىرخاننى شۇ زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىملىرى قاتارىغا قويىدۇ. بىز مۆجىزىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن 16-ئەسىردە ئۆتكەن بۇ ئۇيغۇر ئالىمى ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز. بۇ يەنە يەركەن خانلىغىنىڭ پايتەختى يەركەن شەھرىنىڭ شۇ دەۋرلەردە پۈتۈن شەرق ئەللىرىنىڭ بىر مۇزىكا ئۆگۈنۈش يۇرتى بولغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مۆجىزىنىڭ فېئوداللىق دىنىي چەكلىمىلەر تۈپەيلى نەچچە ئەسىر كۆمۈلۈپ قالغان شائىرە، مۇزىكا ئالىمى ئاماننىساخان نەفىسىنى يورۇق دۇنياغا چىقارغانلىغى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان يەنە بىر زور تۆھپىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بىرمۇنچە پاكىتلار مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان نەفىسى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

بىرىنچىدىن، 1956-1959-يىللىرى سابىق جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر جەمىيىتى ۋە تارىخنى تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى قەشقەر،يەركەن، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئاماننىسا بېگىم ناملىق بىر شائىرە توغرىسىدا بەزى ھىكايە-رىۋايەتلەرنى توپلىغان ئىدى. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدە ئاماننىسا بېگىمنىڭ يەركەن خانلىغى زامانىدا ئۆتكەن قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى ئىكەنلىگى، ئۇنىڭ سۇلتان ئابدۇرېشىتخانغا ياتلىق قىلىنغانلىغى، نۇرغۇن شېئىر-داستانلارنى يازغانلىغى، ئىشرەت ئەنگىز ناملىق بىر مۇقام ئىجات قىلغانلىغى، كېيىن تۇغۇتتا ۋاپات بولغانلىغى، ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ ئاپپاق خۇجا تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىگە تارقالغان بارلىق شېئىر-غەزەللىرى كۆدۈرۈلۈپ، ئىشرەت ئەنگىز مۇقامىنى ئېيتىشمۇ چەكلەنگەنلىگى، سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ دىۋان رەشىدى ، غەزەلياتى رەشىدى ، سىلاتىننامە قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ كۆيدۈرۋەتىلگەنلىگى ھىكايە قىلىنىدۇ. دېمەك،مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان ھەققىدىكى بايانى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ رىۋايەتكە ئوخشايدۇ. بىراق، مۆجىزىنىڭ بايانىدا ئاماننىساخان قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى ئەمەس، بەلكى تارىم بويىدىكى ئوتۇنچى مەخمۇتنىڭ قىزى دېيىلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، مەخمۇت جۇراس ئۆزىنىڭ تارىخى رەشىدى – زەئىلى ناملىق ئەسىرىدە تارىخچى مىرزا ھەيدەر تەرىپىدىن يېزىلغان تارىخى رەشىدى ناملىق ئەسەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان “ھەر كارۇدىيارىدا بەمەسەلمانىدا ئىدى يەنى ھەم تېڭى يوق ئىدى، ئىلمى مۇسىقىدا ماھىر ئىدى، بەلكى مۇسەننىف ئىدى، ئىشرەت ئەنگىز دەپ بىر ساز پەيدا قىلىپ ئىدى” دەپ يازىدۇ. 19-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا موسا سايرامىمۇ ئۆزىنىڭ تارىخى ئەمنىيە ، تارىخى ھەمىدى ناملىق ئەسەرلىرىدە “ئابدۇرېشىتخان… موللا فازىل شائىر، فارسى ۋە تۈركى نەزمىنى ياخشى ئەيتۇر ئىدى، ئىلمى مۇسىقىدا گوياكى فىساغۇرۇس سانى ئىدىلەر، ئىشرەت ئەنگىز دەپ بىر مۇقام ئىختىرا قىلدى” دەپ يازىدۇ. بۇ بايانلار، بىر تەرەپتىن، سەنئەتپەرۋەر ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئاماننىساخاننى ئۇچرىتىپ ئۇنىڭ چالغان تەمبۇرىنى ۋە ئېيتقان غەزىلىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالغانلىغىنىڭ مەنتىقىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاماننىساخان ئىجات قىلغان ئىشرەت ئەنگىز مۇقامىنى ئابدۇرېشىتخان ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ئىشىنىڭمۇ ھەقىقەتەن بولغان ئىش ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئاماننىساخان نەفىسى تەكلىماكان بويىدىكى كەمبەغەل ئوتۇنچى مەخمۇتنىڭ قىزى بولۇپ، 13 ياش چېغىدىلا ئۇستا مۇزىكانت، شائىرە ۋە خەتتات بولۇپ يېتىلگەن. پۇخراچە ياسىنىپ ئۇلارنىڭ ئويىگە كەلگەن ئابدۇرېشىتخان ئۇنىڭ چېلىپ بەرگەن تەمبۇرىنى ۋە ئابدۇرېشىتخانغا بېغىشلانغان بىر غەزىلىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. ئابدۇرېشىتخان ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىنى كۆرۈپ، بۇ خەتلەرنى شۇنچىلىك كىچىك بىر قىزنىڭ يازغانلىغىغا ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن بۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە خەت يېزىپ بېقىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئاماننىساخان دەرھال “يارەپ بۇ بەندە ئەجەپ قىلدى سۇئىزەن ماڭا، گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا”( خۇدا، بۇ بەندە ماڭا تولىمۇ گۇمانلىق كۆزدە قارىدى، گويا بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن بىر تىكەن ئۈندى ) دېگەن ھازىر جاۋاپ بېيىتنى يېزىپ ئابدۇرېشىتخاننى مات قىلىدۇ. ئابدۇرېشىتخاننىڭ قىزغا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، شۇ كېچسىلا ئەلچى ئەۋەتىپ قىزنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ.

ئاماننىساخان خەلق ئاممىسى، خەلق نەغمىچىلىرىدىن ئىبارەت ناخشا-مۇزىكا بۇلىغىدىن بىۋاستە ئوزۇقلىنىپ يېتىلگەن تالانتلىق مۇزىكانتتۇر. 13 ياشلىق بىر يېزا قىزىنىڭ مۇزىكىدا شۇنچىلىك كامالەتكە يېتىشى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ شۇ دەۋردىلا يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغانلىغىنى، جەمىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغىچە ئومۇملاشقانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئاماننىساخان نەفىسىنىڭ ئابدۇرېشىتخان سارىيىدا تۇرغان مەزگىلەردە ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان داڭلىق مۇزىكا ئالىمى قىدىرخان يەركەندىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى بىلىم ۋە ماھارىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەنلىگى، قىدىرخان يەركەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى رەتلەش ۋە كېڭەيتىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلىگەنلىگى شۈبھىسىز. ئاماننىساخان توغرىسىدىكى رىۋايەتتە ئۇنىڭ قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى دەپ ھىكايە قىلىنىشى تاسادىپى ئىش ئەمەس. مۇنداق رىۋايەتنىڭ تارقىلىشىدا، بىر تەرەپتىن، ئاماننىساخاننىڭمۇ خۇددى قىدىرخان يەركەندىدەكلا ئۇستا مۇزىكانت بولۇپ يېتىلگەنلىگى سەۋەپ بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ قىدىرخان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىغىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرى سەۋەپ بولغان.

لېكىن ئاماننىساخان نەفىسىنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى جەمىيەتتىكى ھەتتا ئابدۇرېشىتخان ئوردىسىدىكى مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلىرىغا دۇچ كەلگەن. ئۆزنىڭ مەرىپەتۋەرلىگى بىلەن شۆھرەت قازانغان ھەم ئاماننىساخاننى جېنىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئاماننىساخان ئىجات قىلغان ئىشرەت ئەنگىز مۇقامىنىڭ ئاماننىساخان نامىدا تارقىلىشىنى مۇۋاپىق كۆرمەي، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلۋالغانلىغىدىن ئىبارەت مۇشۇ پاكىتلار ئاماننىساخاننىڭ قانچىلىك توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلىرى خاتىرلەنمىگەن. تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ، جەمىيەتكە تارقالغان ئەسەرلىرىمۇ كېيىنكى كۈنلەردە جاھىل كۈچلەرنىڭ قاتتىق بۇزغۇنچىلىغىغا ئۇچرىغان. مۆجىزىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتلىرى شۇ بۇزغۇنچىلىقلاردىن ئامان قالغان، ئەڭ مۇھىمى، خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان ماتىرياللارنى ئاساس قىلغان. شۇ سەۋەپتىنمۇ ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

4

تەۋارىخى مۇسىقىيۇن دىكى بەزى ماتىرياللار ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى – ئون ئىككى مۇقامنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بەزى مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋەلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەۋارىخى مۇسىقىييۇن نى ئوقۇغاندا مۆجىزىنىڭ “مۇقام” سۆزى ئۈستىدىكى چۈشەنچىسى بىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغايدۇ.

مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە راك ، ئوشاق ، ئۆزھال ، چۆل ئىراق ، ئەجەم ، ناۋا ، ۋىسال ، چاھار زەرپ ، چاھارگاھ ، دۇگاھ ، پەنجىگاھ ، مۇشاۋرەك ، بەيادەك ، سىگاھ ، بايات ، ئىشرەت ئەنگىز دىن ئىبارەت 16 مۇقامنى تىلغا ئالىدۇ. لېكىن ئۇ ھازىرقى ئون ئىككى مۇقام نىڭ ناملىرىنى ئاساسەن ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ناملارنى يۈرۈشلەشتۈرگەن، “چوڭ نەغمە”، “داستان” ۋە “مەشرەپ”تىن ئىبارەت 3 قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ھەربىر قىسمى بىرقانچىلىغان نەغمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى ئېشىپ كەتسە بىرنەچچە مەرغۇلى بولغان بىر يەككە نەغمە مەنىسىدە تىلغا ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇ فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا ئۇنىڭ راك ، ئوشاق ۋە ئوشاق نىڭ مەرغۇلىنى ئىجات قىلغانلىغىنى، ئۆزھال مۇقامىنى بىرىنچى، ئىككىنچى،ئۈچىنچى مەرغلىغىچە ئىجات قىلغانلىقىنى يازىدۇ؛ مۇھەممەت كۈچتىنگىر ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ چارىگاھ مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا مەۋلانە تۇتىنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى، دۇگاھ مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا مىرخىسروۋ دېھلىۋىنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى، پەنجىگاھ مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا مەۋلانە كاتىبنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى يازىدۇ. مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە توختالغىنىدىمۇ، ئۇنىڭ يولۇچى سۈپىتىدە ئۆيىگە كىرگەن سۇلتان ئابدۇرېشىتخانغا پەنجىگاھ مۇقامىغا تەمبۇر چېلىپ بېرىپ، بۇ مۇقامغا ئۆزىنىڭ ئابدۇرېشىتخانغا بېغىشلاپ يازغان بىر غەزىلىنى سېلىپ ئوقۇغانلىقىنى يازىدۇ. مانا بۇ مىساللاردىن گەپنىڭ بىر يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن نەغمىلەر سېستىمىسى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئايرىم بىر نەغمە ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

مۆجىزى “مۇقام” دەپ ئاتىۋاتقان بۇ يەككە نەغمىنى ھازىرقى يۈرۈشلەشتۈرگەن مۇقاملاردا باشلىنىش مۇزىكىسى دېيىلىدىغان چاچما ئۇدارلىق(داپ چېلىنمايدىغان) نەغمە دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، “مۇقام” سۆزى ھازىرمۇ ئەل ئىچىدە چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى مەنىسىدە قىللىنىلىدۇ. مەسىلەن، قۇمۇل مەشرەپلىرىنىڭ يالغۇز غىجەك بىلەن ئورۇنلىنىدىغان چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى ئادەتتە “مۇقام” دەپلا ئاتىلىدۇ؛ دولان مۇقاملىرىدىمۇ باشلىنىش مۇزىكىسى “مۇقام” دەپلا ئاتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مۆجىزى “مۇقام” سۆزىنى ھامان “ناخشا”، “ئاھاڭ” سۆزلىرى بىلەن قاتار قويىدۇ، مەسىلەن، مۇھەممەت كۈچتىنگىر ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ “بىھەد ۋە بىئەدەد غەزەل، مۇقاملار، ئاھاڭلار ئىجات قىلغان”لىقىنى يازىدۇ. مانا بۇنىڭدىن ئۇنىڭ “مۇقام” سۆزىنى باشقا نەغمىلەردىن پەرقلىق بولغان بىر نەغمە مەنىسىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئۈچىنچىدىن، مۆجىزى “مۇقام” ئۈستىدە سۆزلىگىنىدە ھامان ئۇنىڭغا قايسى شائىرنىڭ قايسى غەزىلى سېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇقامنىڭ سۈپىتىنى ئۇنىڭغا سېلىنغان غەزەلنىڭ سۈپىتى بىلەن ئۆلچەيدۇ. تېكىستنىڭ رولىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدىغان بۇ خىل ئەھۋال تولاراق چاچما ئۇدارلىق نەغمىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى بۇ خىل نەغمىلەر ئادەتتە ساتار، غىجەك ياكى تەمبۇر قاتارلىق ئاساسىي ساز بىلەن يالغۇز كىشى تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدىغانلىقى، چاچما ئۇدارلىق بولغانلىقى ھەم تاللانغان غەزەللەر سېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتى مۇزىكىدىن كۆرە كۆپرەك تېكىستكە مەزكەزلىشىدۇ.

مۆجىزى تونۇشتۇرغان 17 نەپەر مۇزىكا پىرىدىن 14 نەپىرىنى 15-16-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان 16 مۇقامدىن 13 ئى مۇشۇ شائىرلارنىڭ نامى بىلەن باغلانغان. مۆجىزى يەنە نەۋايىنىڭ ھەر كېچىسى ساتار ياكى تەمبۇر بىلەن ئۆزى يازغان غەزەللەرنى ئوقۇپ بىھۇش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى يازغان.

يوقۇرىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىمىز مۇمكىن: بىرىنچىدىن، تەۋارىخى مۇسىقىيۇن دا “مۇقام” دەپ ئاتالغان بۇ چاچما ئۇدارلىق نەغمىلەر شۇ دەۋىردە شائىرلار دائىرىسىدىلا ئەۋج ئالغان بولۇپ، تېخى خەلقنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى مۇزىكا بايلىقىنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە تاللىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلۋاتقان چوڭ نەغمىلەر تەركىۋىگە كىرگۈزۈلمىگەن؛ ئىككىنچى، ھازىرقى ئون ئىككى مۇقام تەركىۋىدىكى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەر ھە دېگەندىلا ھازىرقى نامى بىلەن ئاتالغان.

ئىككىنچى، ھازىرقى ئون ئىككى مۇقام تەركىۋىدىكى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەر ھە دېگەندىلا ھازىرقى نامى بىلەن ئاتالمىغان، ئۇلار ھازىرقى نامىغا شۇ نامدىكى چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنى كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى قىلىپ كىرگۈزۈلىشى بىلەن ئېرىشكەن، ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، مۇقام ئاتالغۇسى 15-16-ئەسىرلەردە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى مەلۇم دەۋر ئىچىدە پەقەت تار مەنىدىلا قوللىنىلىپ، چاچما ئۇدارلىق نەغمە ئۇقۇمىنى ئىپادىلىگەن. كېيىنكى دەۋىرلەردە شۇ چاچما ئۇدارلىق نەغمىلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەرگە باشلىنىش مۇزىكىسى قىلىپ كىرگۈزۈلىشى بىلەن كەڭ مەنىدە - يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمە مەنىسىدىمۇ قوللىنىلىدىغان بولغان؛ ئۈچىنچى، ئون ئىككى مۇقام تەركىۋىدىكى چوڭ نەغمىلەر ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى، ئۇلار ئاساسەن خەلق ئىجادىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، لېكىن ئۇلارغا ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئايرىم شەخسلەرنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمۇ سىڭگەن.



5


بۇ ئەسەرنىڭ تىلى ئاساسىي جاھەتتىن 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلغان ئۇيغۇر يەزىق تىلى - چاغاتاي تىلىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن، زور دەرىجىدە شۇ دەۋردىكى جانلىق ئۇيغۇر تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان، بەزى قىسىملىرى، مەسىلەن ئاماننىساخان قىسمى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا دېگۈدەك يېزىلغان؛ قوليازمىنىڭ ئىملاسىدا چاغاتاي يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىدىن چەتنەپ جانلىق تىلغا يېقىنلاشتۇرۇلغان جايلار تېخىمۇ كۆپ. مەسىلەن، چاغاتاي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە چاليپ، باريپ، بولغانينى، چالماقيدين، قيلماغايسيزلار، ئالالماغان شەكلىدە ئاجىزلاشتۇرۇلماي يېزىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر بەزى جايلاردا چيليپ، بيريپ، بولغينىنى، چالميقيدين، قيلميغايسيزلار، ئالالميغان ؛ نامۇس، شاگرد، ئەمر شەكلىدە يېزىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر بەسىدە جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزى بويىچە نومۇس، شاگرت، ئەمرى قىلىپ يېزىلغان. چاغاتاي يېزىغىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە توغرا كېلمەيدىغان بۇ خىل ئەھۋاللار قوليازما كېيىن كۆچۈرۈلگەندە يۈز بەرگەن بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ چاغاتاي تىلى دەۋرىنى بولۇپمۇ چاغاتاي تىلىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئورۇن بېرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

6

تەۋارىخى مۇسىقىيۇن رىسالىسى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزنى، بولۇپمۇ مۇزىكا تارىخىمىز بىلەن ئەدەبىيات تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى خېلى مۇھىم ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى ئەسەر بولۇش بىلەن بىر ۋاقتتا، بىرمۇنچە ئېغىر نۇقسانلاردىنمۇ خالى ئەمەس. مۆجىزى پەقەت كۆپرەك شائىرلار ۋە زىيالىلار دائىرىسىدە ئەۋج ئالغان چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنىلا (تار مەنىدىكى مۇقاملارنىلا) مۇزىكا ھىساپلاپ، خەلق مۇزىكىلىرىغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ئىچىدە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىجات قىلىنىپ، رەتلىنىپ، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان چوڭ نەغمىلەرگە (كەڭ مەنىدىكى مۇقاملارغا) پۈتۈنلەي ئەتىبارسىز قارىغان، شۇڭا پەقەت شۇ چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنىڭ ئىجاتچىلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا بولۇپ، خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەرنىڭ ئاساسىي ئىجاتچىسى بولغان خەلق ئاممىسىنى، خەلق مۇزىكىچىلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان؛ بىرمۇنچە جايلاردا ئاساسسىز ھەتتا ئەپسانىلەشتۈرۈلگەن رىۋايەتلەرنى ھەقىقى پاكىت سۈپىتىدە ئۆز ئەسىرىگە كىرگۈزگەن، مەسىلەن، نەينىڭ كەشپ قىلىنىشىنى جەمشىتنىڭ خوتۇنى مەلىكە دىلسۇزغا، داپنىڭ كەشپ قىلىنىشىنى دىۋىلەرگە باغلاپ قويغان؛ مەۋلانە ساھىپ بەلخىنىڭ تەمبۇر چېلىشتىكى يۈكسەك ماھارىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەۋلانە ساھىپ بەلخى بابۇرشاھنىڭ كابۇل شەھرىدىكى بىر باغدا ئۆتكۈزگەن شاھانە ئولتۇرۇشىدا تەمبۇر چالغاندا بىر بۇلبۇل ئۇچۇپ كېلىپ تەمبۇرنىڭ قۇلىغىغا قونغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى بىرنەچچە قېتىم تەمبۇرغا ئۇرۇپ ئۆلگەنلىكىنى، بۇ ھالنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھۇشسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى يازغان؛ كۆپچىلىك ئىسلام تارىخچىلىرىغا ئوخشاش، مۆجىزىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى نوھ ۋە ئۇنىڭ ھام، سام، يافەس ناملىق ئوغۇللىرى توغرىسىدىكى يەھۇدى-خىرىستىيان دىنى رىۋايەتلىرىگە تاقاپ، مۇزىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ شۇلار بىلەن باغلىغان؛ بەزى يەر ئىسمى ۋە يىلنامىلەرنى خاتا قىلىپ قويغان، ۋاھاكازا.

بىز تەۋارىخى مۇسىقىيۇن رىسالىسىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭغا تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇنى ئوبدان تەھلىل قىلىشىمىز، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.

سەۋىيىمىز چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بىزنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى مۇلاھىزىمىز، قوليازمىنىڭ تىرانسكىرىپسىيىسى، تەرجىمىسى ۋە ئىزاھلاردا كەمچىلىك، خاتالىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئى. كىتابخانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي پىكىرلىرىنى سەمىمى قارشى ئالىمىز.

ئەنۋەر بايتۇر، خەمىت تۆمۈر.

تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

مۇزىكا ئىلمىنىڭ بىرىنچى پىرى خىزىر


مەرھەمەتلىك ۋە رەھمەتلىك ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئەي خۇدا،ھىكمەت كۆرسۈتۈپ گۈلگە پۇراق ۋە رەڭ بەردىڭ، بۇلبۇلنى چىمەندە يېقىملىق سايرايدىغان قىلدىڭ.

سېنىڭ قۇدرىتىڭدىن راۋاپ، تەمبۇر، دۇتتار، سەتتار، ئۇد، قالۇن ۋە چاڭلار نالە قىلىدۇ.

خۇدا،شەۋقىڭنىڭ چىمەنزارىدا گۈل-چىچەكلەرنى كۈلدۈرگۈچىسەن؛گۈل ئىشقىدا بۇلبۇل، تۇتىلارنى سايراتقۇچى، يىغلاتقۇچىسەن. لەيلىنىڭ چېچىنى مەجنۇننىڭ كۆڭلىگە سىرتماق قىلغاندەك، پەرھاتنىڭ قېنىنىدىن شېرىننىڭ لېۋىنى قىزارتقاندەك، ئۇزرا جامالىنىڭ ئوتى ھارارىتىدىن ھامۇقنىڭ تېنىنى ياش گىرداۋىغا غەرق قىلغاندەك، زۆھرانىڭ ئىشقىدا تاھىرنى ساندۇققا سېلىپ تارىمدا ئېقىتقاندەك، يۈسۈپ ھۆسنىدىن، زۇلەيخا ئىشقىدىن گۈزەل ھىكايە تۈزگەندەك مېنى ئۇ نىگار ئىشقىدا ئەسىر ۋە سەرگەردان قىل؛ ئۇ قۇياش ئەتراپىدا مەندەك بىر زەررىنى تاقەتسىز ئاشىق قىل؛ مەن شۇنداق دەرىجىگە يېتەيكى، ئۇنىڭ ئىشقىدا تەمبۇرۇمنى قولغا ئالاي؛ ئۇنىڭ سۆزىنى سېغىنغاندا ئۇنى چالاي؛ گاھى نەۋايى بېيىتلىرىدىن ھەمد [ئاللاغا مەدىيە] ئىلغاپ، بەزەن لۇتفى شېئىرلىرىدىن نەئىت[رەسۇللۇللا تەرىپلەنگەن مىسرالار] يادلاپ، تەمبۇرۇم سىملىرىغا زەخمەك ئۇراي؛ ئۇ مېھىر نىگارىم شەۋقىدە باغرىمنىڭ قارا قېنىنى سىيا قىلىپ ئېزەي؛ ئۇنىڭ ئىشقىدا چۆل-باياۋاننى كېزەي؛ سېنى مەدھىيىلەپ بېيىتلەر يازاي؛ ھەبىبىڭنى تەرىپلەپ شېئىر يازاي.

مۇناجات

ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ مەقسىدىم سەن،

مېنىڭ ئىبادەت قىلىدىغىنىم سەن،

مېنىڭ سەجدە قىلىدىغىنىم سەن،

سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.

مەن سېنىڭ ئاسى قولۇڭمەن،

مەن سېنىڭ گۇناكار قولۇڭمەن،

مەن غەم ئىلكىدە ئەسىر بولۇپ قالدىم،

سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.

ئەي قەدىمدىن رىسىق بەرگۈچى،

كېچىرگۈچىسەن، ئەي رەھىم،

مېنى ھاجەتتىن چىقارغىن، ئەي كەرىم،

سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.

ئىشقىڭنى دىلىمغا كىرگۈزگىن،

مەن سەتار بىلەن دۇتارنى چالاي،

مەندە خاتالىق بار، ئەپۇ قىلغىن،

سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.

مەن مۆجىزى تاقەتسىز ئاشىق بولدۇم،

سەن بىر ئاللاغا يالۋۇردۇم،

رەھمىڭگە ئىنتىزار بولدۇم،

سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن.



[ئايەتنىڭ مەنىسى]:

“ماختاش پۈتۈن ئالەمنى تەربىيىلىگۈچى تەڭرىگە خاستۇر، رەھمەت ۋە تېنىچلىق پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ غۇجىسى [مۇھەممەت]گە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئەت ۋە ھەمرالىرىنىڭ ھەممىسىگە بولسۇن! ھەمد ۋە نەئىتتىن كېيىنكى سۆز شۇكى، ئادالەت مەملىكىتىنىڭ ئەڭ كاتتا پادىشاسى، سەخىلىك كېچىسىنىڭ تولۇن ئېيى، ئېسىللىق چىمەنزارىنىڭ گۈزەل سەرۋى، ئۇلۇغلۇق دېڭىزىنىڭ بىردىن-بىر گۆھىرى، غېرىپ-يېتىملەرنىڭ ئاتىسى، پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ يېتاكچىسى، جەمشىتتەك سۆلەتلىك، سۇلايماندەك دۆلەتلىك، يولۋاستەك غەزەپلىك، ئىسكەندەردەك مەرتىۋىلىك، خاقان سۈپەت، دەرۋىش مىجەز، ۋەتەننىڭ چىرىغى، خوتەننىڭ شاھى ئەلىشىر ھېكىم بېگىم ھەزرەتلىرى قۇياشىدىن مەندەك بىر ئەرزىمەس غېرىپ-بىچارە، جۇدالىق دەشتىدە ئاۋارە، غەم ئىلكىدە ئەسىر، بارچە ئادەمدىن تۆۋەن [كىشىگە] يەنى موللا نېمەتۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزىگە بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ، مەندەك بىر زەررىنى پەلەك قۇياشىدىن ئۆتكۈزۈپ شۇنداق يارلىق بولدى: مۇزىكا-كۈي خوشاللىق ۋە تۇرمۇش ھوزۇرىنىڭ سەۋەپچىسىدۇر، شۇڭا پادىشادىن گادايغىچە، ئەۋلىيادىن خىرىستىيانغىچە ھەممە ئىنسانە بۇ پەندىن شاتلىنىدۇ، ئەمما، بۇ پەننىڭ ئالىملىرى ۋە كەشپىياتچىلىرى كىملەر، ئىخلاسمەن يېتەكچىلىرى كىملەر، ئۇستىلىرى كىملەر ؟ بۇنى كۆپ سازاندىلەر تا ھازىرغىچە بىلمەيدۇ. سەن بولساڭ مۇزىكىنى كەسىپ قىلغانسەن ھەم بېيىت مەملىكىتىنىڭ بۇلبۇلدەك سۇلتانى، ئەدەبىيات دۆلىتىنىڭ شېرىن سۆزلۈك تۇتىسىدۇرسەن، شۇنىڭدەك خۇش پۈتۈكچى ۋە دىلكەش ئېيتقۇچىدۇرسەن. مۇشۇ غېرىپ پەننىڭ كەشپىياتچىلىرى تارىخىدىن بىر رىسالە پۈتۈپ باشقا سازەندىلەرگە يادىكار قىلساڭ قانداق؟ [بۇنىڭ بىلەن] گويا بىر غېرىپ چۆمۈلە ئۈستىگە تاغ يۈكلەندى، گويا بىر زەيىپ بىچارە ئۈستىگە ئاسمان يېقىلدى. بۇ بۈيۈك ئەمىرنى ئىجرا قىلغۇدەك قۇۋۋەت [مەندە] يوق ئىدى! ھەيرەت دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ[تۇرغىنىمدا]، دېگىنكى، ئاللاغا، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئۆزەڭلەردىن بولغان باشلىقلارغا بوي سۇنۇڭلار دېگەن ئۇلۇغ ئايەتنىڭ مەزمونى ئىسىمگە كەلدى-دە بۇ ۋاجىپ ئەمىرنى ئىجراسىز قالدۇرۇشقا چارە تاپالمىدىم. تەۋەككۈلنى تەڭرىمگە قىلىپ، بۇ ئالى ئەمىرنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ تارخ-تەزكىرىلەرنى يېغىپ، <تارىخى رەشىدى> [رەشىدى تارىخى]، <تەۋارىخى تەبىرى>[تەبىرى تارىخى]، <تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا>[ ساپالىق باغ تارىخى]، <تەۋارىخى ھۆكۈما>[دانىشمەنلەر تارىخى]، <تەۋارىخى ئەجەم> [ئەجەم تارىخى]، <تەۋارىخى ئەرەپ>[ ئەرەپ تارىخى] لەردىن [ئاساس] تاللىدىم ۋە زور ئالىم، مۇزىكا ئۇستازلىرىدىن فىساغۇرس، فارابى، پەھلىۋان مۇھەممەت كۈچتىنگىر، ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايى پىرىمنىڭ بۇ پەن ھەققىدە يازغان كىتاب ۋە رىسالىلىرىدىن پايدىلاندىم. ئاخىر قۇدرىتىمگە لايىق، قابىلىيىتىمگە مۇۋاپىق بۇ رىسالىنى يېزىپ، ئالەم خەلقىغە سوغا قىلدىم. بۇ رىسالىگە <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> [مۇزىكانتلار تارىخى] دەپ ئات قويدۇم.

ئەقىل ئىگىلىرىگە، چوڭ-كىچىك سازەندىلەرگە، مەرتىۋىلىك ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگە، شاھ ۋە گادايلارغا نامەلۇم قالمىسۇنكى، تارىخى رەۋزەتۇسسەفا ۋە تارىخى رەشىدىدە مۇنداق يېزىلغان. نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ تۈرك ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى، خۇدايىتائاللا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردى. ئۇنىڭ بۇ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى خىزىر قويدى. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا تۈلكە تۇتۇپ، ئۇنىڭ تېرىسىنى كىيىم قىلىپ كېيىشنى، غىزاغا تۇز سېلىپ يېيىشنى، تەمبۇر، بەربەت، ئۇدلارنى ياساپ چېلىشنى كەشپ قىلىپ ئالەم خەلقىغە ئۆگەتتى. ئۇ زاماندا ئاتا-ئانىسى، بالىلىرى ئۆلگەن كىشىلەر مۇسىبەت ماتىمىدە تەمبۇر چېلىپ يىغلاپ، ئاندىن ئۆلۈكنى كۆيدۈرىدىغان قائىدە بار ئىدى. خىزىر يافەس ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يەركەن، خوتەن رايونلىرىنى شۇ خىزىرنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاۋات قىلغان. دېمەك بىز يەركەنلىك ۋە خوتەنلىكلەر خىزىرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىمىز. ئۇ زاماندىن ھازىرغىچە 5850 يىل ئۆتكەن. ئۇ چاغلاردا تەمبۇرغا قوي-ئۆچكىنىڭ ئۈچەي-پەيلىرىدىن تار ئېشىپ سالاتتى.


مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئىككىنچى پىرى فىساغۇرس


مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئىككىنچى پىرى فىساغۇرس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ كىشى سۈررى(ھازىرقى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى. تارىخىي ھۆججەتلەردە بۇ شەھەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 2751-يىلى بىنا قىلىنغان دېيىلىدۇ. بۇ شەھەر مىلادى 1202-يىلى قاتتىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان. <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> دا فىساغۇرس سۈررى شەھىرىدىن ئىدى، دەپ يېزىلغان. لېكىن ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، فىساغۇرس قەدىمكى يۇناننىڭ سېسىم شەھىرىدە-- ئاناتولى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدە گرىتسىيىگە قارايدىغان بىر ئارالدا دۇنياغا كەلگەن.) شەھىرىدىن ئىدى. ئۇ ساياھەتچىلىكنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ئۇ خەلقنى ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ياخشى پەزىلەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان كىشى ئىدى. ھەرگىز ساۋاپ تاما قىلمايتتى ۋە گۇنادىنمۇ قورقمايتتى. بىراق ساۋاپ-جازاغا قايىل ئىدى. شەھەرمۇ-شەھەر يۈرۈپ ئىلىم ئۈگىنەتتى. ئۇنىڭ خوشال بولغىنىنىمۇ، خاپا بولغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ، مال-دۇنيا كىشى ئۈچۈن دوست-دۈشمەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان نەرسە دەيتى . ھەرقاچان، ھەرجايدا بولسۇن، ئۇ بار يەردە كىشىلەر بىر مۇھىم ئىشقا دۇچ كەلسە، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتى. ھازىرقى پەرەڭىستان ئۇ چاغدا ئەنتاكىيە (بۇ يەردە پەرەڭىستاننىڭ بۇرۇنقى نامى ئەنتاكىيە دەپ ئاتىلاتتى دېيىلگەن. لېكىن ئەمىلىيەتتە پەرەڭىستان بىلەن ئەنتاكىيە تارىختا باشقا-باشقا جايلارنىڭ نامى. پەرەڭىستان دېگان سۆز ئەسلىدە ئېۋرۇپپەن لىق ؛ ياۋۇپالىقلار سۆزىنىڭ ئەرەبچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان ئېفرەنج سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دەسلەپتە ئەرەبلەر بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغان شەرقىي ياۋرۇپا ۋە جەنۇبىي ياۋرۇپا زېمىنىنى كۆرسىتىدىغان جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ قالغان.

ئەنتاكىيە بولسا، )ھازىرقى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى.) شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ ئۆزى كەشپ قىلغان ساتارىنى چېلىپ شېئىر ئوقۇدى. بۇ شېئىر سەن ئۆزەڭنى تۈزىمەي تۇرۇپ باشقىلارغا نەسىھەت قىلما؛ ئەيىبىڭنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىنى دوست بىلىپ قەدىرلە؛ ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگىچە، ئىسىل سۆزلەرنى قىلىپ يۈرۈشنى ئۆگەن؛ ياخشى سۆزلەرنى قىلالمىساڭ، ياخشى سۆزلەرنى قىلالايدىغان ئادەملەردىن ئۆگەن؛ ئىلىم ئوگۈنۈشتىن نومۇس قىلما، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل؛ ھايۋان تىلسىزلىقتىن جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرايدۇ، ئىنسان ئۆز تىلىدىن بالا-مۇسىبەتكە ئۇچرايدۇدېگەن مەزموندا ئىدى. ئەنتاكىيە شەھىرىدە شۇ چاغقىچە شېئىر، مۇزىكا بولۇپ باقمىغان ئىدى. كىشىلەر 25 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ غارايىپ سۆزلەرنى قىلىپ، ئاجايىپ نەرسىنى چالغىنىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۇنىڭ كەيىڭە كىرىۋالدى، ئۇ كىشىلەرگە چوڭقۇر مەنىلىك ۋە نەسىھەت خارەكتىرلىق سۆزلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرلارنى سەتار بىلەن ئوقۇپ بېرەتتى. بۇ ۋەقە پادىشاھقا ئاڭلاندى. پادىشاھ دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىللە چىقىپ، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، قاتتىق ھەيران بولدى <ھەيرەت قولىنى تەئەجۈپ چىشلىرى بىلەن چىشلىدى>، ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتتى. شاھ غىزادىمۇ، يېتىش-قوپۇشتىمۇ ئۇنىڭدىن ئاجرىمايدىغان بولدى، ئۇنى پەرزەندىم دەپ ئاتىدى. مۇزىكا ئىلمىنى تارقىتىش ئۈچۈن جاي راسلاپ، ئەنتاكىيە خەلقىغە بۇ ئىلىمنى ئۆگۈنۈش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇ ئون يىل ئىچىدە 40 مىڭ شاگىرت مۇزىكا ئىلمىدە يېتىشىپ چىقتى. فىساغۇرس پادىشاھدىن روخسەت سوراپ ھىندىستانغا كېلىپ ئىلمىي نۇجۇم<ئاستىرونومىيە> ئۆگەندى، ھىندىستان خەلقى فىساغۇرستىن مۇزىكا ئۆگەندى، جەمشىت، كەيكۇبات پادىشاھلاردىن كېيىن ئالەمگە مۇزىكىنىڭ ئۇرۇغىنى سالغان دانا ئالىم فىساغۇرس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇ ھىندىستاندىن يېنىپ مىسىرغا بېرىپ سېھىرگەرلەردىن سېھىر ئىلمى بىلەن 3 خىل يېزىق ئۆگەندى. ئۆتكۈنچى دۇنيادىن مەڭگۈلۈك دۇنياغا سەپەر قىلىش ۋاقتىدا، 500 شاگىرتى بار ئىدى. پىشقەدەم تالىپلىرىدىن بىرى “بىز <سىزدىن كېيىن قالغاندا> قانداق ئىش تۇتىشىمىز كېرەك؟؟دەپ سورىغاندا، ئۇ “خالايىققا پايدىسى تەگمەيدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلماڭلار؟دەپ كۆز يۇمدى. ئۇ ھەزرىتى ئىسكەندەرنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن ۋاپات بولدى. 93 يىل ئۆمۈر كۆردى. كىشىلەرنىڭ قۇدرىتى يېتمىگەن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى، مۇھتاجلارغا ساخاۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى.

مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئۈچىنچى پىرى مەۋلانە شەيخ ئەبۇ نەسىر فارابى


ئۈچىنچى پىرى ئالتاينىڭ بالاساغۇن (ھازىرقى سوۋەت ئىتتىپاقى ئىسسىق كۆل بويىغا جايلاشقان توقماق شەھىرى يېنىدىكى بىر قەدىمىي شەھەر. تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ شەھەر تۈرك قەۋىملىرىگە مەنسۇپ بولغان بويلا سانغۇن بويلا جاڭجۈن تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. بۇ شەھەر تارىختا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ قارلۇق خانلىقى مىلادى 766-940-يىللىرى ، قاراخانىلار سۇلالىسى مىلادى 932-1219-يىللىرى ، قارا خىتاي خانلىقى مىلادى 1131-1219-يىللىرى نىڭ پايتەختى بولغان. تەۋارىخى مۇسىقىيۇن دا بالاساغۇن ئالتاي تەۋەسىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ يەردە قارلۇق قەبىلىسىنىڭ ئەسلى ماكانى نەزەردە تۇتۇلغان بولىشى مۈمكىن.) دېگەن يېرىدە ئۆتكەن مەۋلانە شەيخ ئەبۇ نەسىر فارابىدۇر. بۇ ئەزىز ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەت غەززالى(زەينىددىن ئەبۇھامىت مۇھەممەت ئىبنى ئەخمەت تۇسى. مىلادى 1059-يىلى خۇراساننىڭ تۇس شەئىرىگە قاراشلىق غەززالە دېگەن جايىدا دۇنياغا كېلىپ، مىلادى 1111-يىلى ۋاپات بولغان.


مەۋلانە شەيخ ئەبۇ نەسىر فارابى شۇ چاغدىكى مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى بولۇپ، تەرىقەتچىلىك سوفىزىم بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىچىلەردەپ ئاتالغان سۈننى مەزھىپىنىڭ كۆزقاراشلىرىدىكى بىرلىكنى تەكىتلەپ، تەرىقەتچىلىكنىڭ مۇھىم كۆزقاراشلىرىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى.) ھەزرىتى ئىمام پەخرى رازى (ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەت بىننى ئەلتەمىلكە بىرى پەخرى رازى. مىلادى 1149-يىلى دۇنياغا كېلىپ، 1209-يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان مەشھۇر ئەرەپ پەيلاسوپى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ئاساسەن ئىسلام پەلسەپەسى تەفسىرچىلىك ، تىبابەتچىلىك، ئىلمىي رىيازەت ماتىماتىكا ، ئىلمىي مەنتىق لوگىكا قاتارلىق پەنلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بىرمۇنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان. ئۇ، ئۆز ئۆمرىدە 100 دىن ئارتۇق كىتاپ يېزىپ شەيخۇل ئىسلام دېگەن شۆھرەتكە ئىگە بولغان.) لاردىن ئارتۇق كامالەت تاپقان، دىننىي ئىلىملەردە يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن، پەننى ئىلىملەردە ئىبنى سىنا (ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا. ئۇ مىلادى 980-يىلى بۇرۇنقى سامانىلار سۇلالىسى مىلادى 875-999-يىللىرى نىڭ پايتەختى بۇخارانىڭ يەنىدىكى قىشلاقتا دۇنياغا كەلگەن. 999-يىلى قاراخانىلار سۇلالىسى سامانىلار سۇلالىسىنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كېيىن ئىبنى سىنا بۇخارا، ئۆرگەنچ قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە ئىراندىكى ئىسپاھان، ھەمەدان قاتارلىق جايلاردا تىبابەتچىلىك، فىزىكا، ماتىماتىكا ۋە پەلسەپە پەنلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەلقانۇن ، كىتابۇلشىپا ، قاتارلىق ئەسەرلىرى پۈتۈم شەرق ئەللىرى تىبابەتچىلىگى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ ئاساسىنى ئورنىتىش بىلەن بىللە، دۇنيا تىبابەتچىلىگى ۋە ئىسلام پەلسەپەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئىبنى سىنا مىلادى 1037-يىلى ھەمەداندا ۋاپات بولغان.) دىنمۇ ئۈستۈن ئىدىكى، شەرىئەت ئىلمى، تەرىقەت ئىلمى، تەفسىر[قۇرئاننىڭ شەرھى]، ھەدىس، تىۋىپلىق، پەلسەپە، ئىدىئولوگىيە، ئەدەبىيات ھەتتا شاھمات، نەرد ئويۇنلىرىغىچە بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى. جۈملىدىن مۇزىكا ئىلمىدىمۇ ناھايىتى يېتىلگەن ئىدى.


قالۇننى ئۆز قولى بىلەن ياساپ، سىم تارتىپ چالغان ۋە سازەندە شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى. راك، ئۇشاق مۇقاملىرىنى ۋە ئۇشاقنىڭ مەرغۇللىرىنى ئىجات قىلىپ ئالەمگە يايغان ھەم شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى. ھازىرمۇ ھەممە سازەندىلەرگە مەلۇم بولغان ئۆزھال مۇقامىنى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى مەرغۇللىرىنى كەشپ قىلغان ئىدى. رىسالەئى مۇغەننىيۇن [سازەندىلەر رىسالىسى] دېگەن كىتابىدا مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋى ئوتنى تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا شېئىر قوشۇلسا، بۇ مۇڭنىڭ نىمە ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ دەپ ئېيتقان ۋە يەنە يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان پەيزىنى مېنىڭ قالۇنۇمنىڭ سىملىرىدىن ئالغايسىزلەر دېگەن. بۇ ئەزىز تۈرلۈك ئىلىملەر ھەققىدە 114 پارچە كىتاپ يازغان. بۇ كىتاپلارنىڭ بىرى رىسالەئى مۇغەننىيۇن دۇر. لېكىن بۇ كىتاپ ھازىرغىچە ئەرەپچىدۇر.

مۇزىكا ئىلمىنىڭ تۆتىنچى پىرى مەۋلانە ئەلى



ۇ پەننىڭ تۆتىنچى پىرى مەۋلانە ئەلى ھەزرەتلىرىدۇ*. ئۇ خۇراسان*نىڭ شابۇك دېگەن يېرىدىن ئىدى. ئۇ بۇ پەندە ئۆز ئەسىرىنىڭ تەڭداشسىزى ئىدى، ئۇ بۇ پەن ھەققىدە <ئەسلۇلۋەسىل> [ۋەسىللەرنىڭ نېگىزى] ئاتلىق بىر كىتاپ يازغان، كېيىن <مۇرتاز> [نەپسىدىن كەچكۈچى] يەنە بىر كىتاپ يازغان ئىدى. نەغمىچىلەر ئىچىدە مەشھۇر بولۇپ كېلىۋاتقان چۆل ئىراق مۇقامىنى شۇ كىشى ھەج سەپىرىدە ئىراق چۆلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىجات قىلىپ، شۇ نام بىلەن ئاتىغان. دۇتارنىمۇ شۇ كىشى كەشپ قىلغان. ئۇ شېئىر يېزىش ۋە مۇزىكا ئۆگىتىشتىمۇ ئۆز زامانىنىڭ تەڭداشسىزى ئىدى. ئۇ باشقا ئىلىملەر بويىچىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلىك ياخشى كىتاپلارنى يازغان. ئاخىرقى ئۆمرىدە ئەپيۇننى كۆپ ئىستىمال قىلغان سەۋەپتىن ئەقلىنى يوقۇتۇپ ۋاپات بولغان.

______________________

مەۋلانە ئەلى-خۇراسان پادىشاسى ھۈسەيىن بايقارا زامانىدا (مىلادى 1470-1505- يىللىرى) ئۆتكەن ئىران شائىرى بولۇپ، ھۈسەيىن بايقارانىڭ دىۋانخانىسىدا خەتتاتلىق ۋە مۇغەننىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە بىرمۇنچە لېرىك غەزەللەرنىمۇ يازغان. ئۇنىڭ < ئەسلۇلۋەسىل> ۋە <مۇرتاز> ناملىق ئەسەرلىرى كەڭ تارقالغان.

خۇراسان-قەدىمكى زاماندا ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقى، ئافغانستاننىڭ غەربى، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئومۇمى نامى ئىدى. خۇراسان دېگەن سۆز پارىسچە خۇر (قۇياش) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قۇياش دۆلىتى ياكى شەرق دۆلىتى دېگەن مەنىدە. خۇراسان دېگەن بۇ نام ئىران ساسانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادى 224-651-يىللىرى) پەيدا بولدى. تۆمۈرلەڭ زامانىدا خۇراسان غەربى چاغاتاي خانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. مىلادى 1451-يىلى تۆمۈرلەڭ ئەۋلادى ئابدۇللا بىننى ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، تۆمۈرلەڭ ئەۋلادى ئەبۇ سەيىد بىننى مۇھەممەت بىننى ئەمىرانشاھ بىننى تۆمۈر ئۆز ئالدىغا مۇستەققىللىق ئېلان قىلىپ خۇراسان دۆلىتىنى قۇردى، بۇ دۆلەت مىلادى 1510-يىلى ئىران سافاۋىلار سۇلالىسى (مىلادى 1502-1722-يىللىرى) تەرىپىدىن يوق قىلىندى.