تەكلىماكاندا ئۆسىدىغان بىر قىسىم قىممەتلىك دەرەخ ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

تەكلىماكاندا ئۆسىدىغان بىر قىسىم قىممەتلىك دەرەخ ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى


يۇلغۇن

يۇلغۇن تەكلىماكاندىكى ئاساسلىق يېپىنچا چاتقال دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يىلىمىنىڭ دورىلىق قىممىتى بار. تەكلىماكاندا يۇلغۇن ناھايىتى كۆپ، ئەمما ھەممە يۇلغۇندىن يىلىم چىقمايدۇ. ئۆزى چوڭ، تىمەن ئۆسكەن يۇلغۇن شېخىدىن ناھايىتى ئاز مىقداردا يىلىم چىقىدۇ. دەسلىپىدە سۇيۇق شىلىمشىق ھالەتتە ئېقىپ چىقىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆز ئورنىدا قېتىپ قالىدۇ. كۆپ بولغاندا مېغىزدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ. يۇلغۇن يىلىمىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، چىقۇق قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا قىلىدۇ. ئۇنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، باشقا دورىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئاندىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئايرىم ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، چۆلدە ئۆسكەن يۇلغۇندىن چىققان يىلىم بولۇشى كېرەك. سۇ ئەتراپىدا ئۆسكەن يۇلغۇندىن چىققان يىلىمنىڭ شىپالىق رولى بولمايدۇ.

توغراق

چوڭ توغراقنىڭ مەلۇم يېرىدىن پوزونداسىمان سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن كۆپىيىپ، كاللەكسىمان ماددىغا ئايلىنىدۇ. يەرلىك كىشىلەر ئۇنى توغرىغا دەپ ئاتايدۇ. ئۇنى توغراقتىن ئاجرىتىۋېلىپ يۇيۇپ پاكىزلاپ سۇغا چىلاپ قويسا، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قېنىق چاي رەڭگىدە ئېرىيدۇ. ئۇ يەنە سۈزۈلدۈرۈپ قاچىغا ئېلىۋېلىنىدۇ. ئۇ خېمىرنى بولدۇرۇش رولىغا ئىگە. لەغمەن، ھور نان ئەتكەندە خېمىرغا ئازراق توغراق شۆلتىسى (توغرىغا) سېلىۋەتسە، تائام تەملىك بولىدۇ. توغراق شۆلتىسى مۇھىم تەم تەڭشىگۈچ، شۇنداقلا تائام سىڭدۈرۈپ، ئىشتىھانى ئېچىش، بەدەننى سەمرىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. يەنە توغراق غولىدىن سۇ چىقىدۇ. بۇ سۇ يۇقىرىدىكىدەك كېسەللەرگە شىپاھ بولغاندىن باشقا، يۈرەك كېسىلىگىمۇ ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر يەنە توغراق سۈيى ئىچسە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، دەپ قاراپ، ئۇنى ئىچىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى توغراق سۈيىدە يۇيىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقان بىر خىل ئادەت.

يانتاق

يانتاق ئاساسەن چۆللۈك، قۇملۇق، شېغىللىقلاردا ئۆسىدىغان يېپىنچا ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ بىرى. تەكلىماكاننىڭ ھەممىلا يېرىدىن ئۇنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سۇس قىزىل رەڭدە چېچەكلەيدۇ. يانتاقنىڭ چېچىكىدە شېكەر ماددىسى كۆپ بولۇپ، چېچىكىنىڭ ئەتراپىدا شېكەر دانچىلىرىغا ئوخشاش ئاق دانچىلار بولىدۇ. ئۇ چېچىكى بىلەن قوشۇپ يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇ يانتاق شېكىرى (تىرەنجىبىن) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. يانتاقنىڭ چېچىكى ناھايىتى ياخشى شىپالىق دورا ھېسابلىنىدۇ.

يانتاق شېكىرىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، ئۈچەينى سىلىقلاشۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆسمىلەرنى تىزگىنلەش، يوقىتىش رولى بار. يانتاق چېچىكى، يىلتىزى، يانتاق شېكىرى قاتارلىقلارنى يىرىك سوقۇپ چاي دەملەپ ئىچىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دورىلىق رولىدىن پايدىلىنىدۇ. شۇنى بىلىۋېلىش لازىمكى، تېرىلغۇ يەر، سۇ ئەتراپلىرىدا ئۆسكەن يانتاق چېچىكىنىڭ دورىلىق رولى بولمايدۇ. ئاساسلىقى سۇ كۆرمىگەن، قۇملۇقتا ئۆسكەن يانتاقنىڭ چېچىكىلا شىپالىق قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.ئاق تىكەن

ئاق تىكەن قۇملۇق، چۆللۈكلەردە ئۆسىدىغان بىر خىل چاتقال ئۆسۈملۈك. ئاق تىكەن ئادەتتە 70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا قارا رەڭدە مېۋىلەيدۇ. مېۋىسىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى ئىسسىق. كىشىلەر ئۇنى قارا خەت دەپ ئاتايدۇ. ئاق تىكەن كۆپ مېۋىلىمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مېۋىسى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ناھايىتى قىممەتلىك دورا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى پىشقان ۋاقتىدا بىۋاسىتە يېسىمۇ، قۇرۇتۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ، شەربەت تەييارلاپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

ئاق تىكەن مېۋىسى سوغۇق ئېشىپ كېتىشتىن بولغان يۆتەل، گال ئاغرىش، ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. پىششىقلاپ تەييارلىنىدىغان مىللىي تېبابەت دورىلىرىغا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىر خەلقئارادا ئاق تىكەن مېۋىسىگە بولغان ئېھتىياج كۆپەيگەنلىكتىن، بەزى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۇنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشكە يۈزلەنگەن.

توشقان زەدىكى

توشقان زەدىكى يۇلغۇن يىلتىزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان پارازىت ئۆسۈملۈك. ئۇ قىممەتلىك دورىلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، «قۇملۇق مېھرىگىياھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەكلىماكاننىڭ ھەممىلا يېرىدىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئاۋۋال يەر ئاستىدا سەۋزىدەك باشلىنىپ، ئاندىن يەر ئۈستىگە چىقىدۇ. تۈۋى ئىنچىكە، ئوتتۇرىسى توم، ئۈستى قوزۇقسىمان ئۆسۈپ چىقىدۇ. 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پىشىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، تەمى چۈچۈمەل، ئاساسلىقى چاي دەملەپ ئىچىلىدۇ. زەھەرسىزبولۇپ، سوغۇق ئېسىپ كېتىشتىن بولغان كېسەللەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ خىل دورىلارغا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنى قېزىۋالغاندىن كېيىن ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ ئاندىن سوقۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

چۈچۈكبۇيا

چۈچۈكبۇيا تەكلىماكاندا ئۆسىدىغان قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ بىرى. ئۇ كۈنلۈكسىمان شاخلاپ ئۆسىدۇ. 80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىدۇ. غولى چوكا توملۇقىدا بولىدۇ، كۆپ شاخلايدۇ. تەڭگەسىمان يوپۇرماق چىقىرىدۇ. سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، شاخلىرى كۈزدە قۇرۇپ قېلىپ ئەتىيازدا يەنە يېڭىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇنىڭ تىلتىزى دورىغا خام ئەشيا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل. سوغۇق ئېشىپ كېتىشتىن بولغان گال ئاغرىش، چىش ئاغرىش، چىش مىلىكى يىرىڭداپ قېلىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا قىلىدۇ.

يۇقىرىدا تەكلىماكاندا ئۆسىدىغان بىر قىسىم دەرەخ تۈرلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بو لغانلىرىنى تونۇشتۇردۇق. تەكلىماكاندا ئۆسىدىغان قۇمۇش، قامغاق، بېسىلغاق قاتارلىقلارنىڭمۇ شىپالىق رولى بارلىقى مەلۇم. بۇ توغرىسىدىمۇ ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسلىرىدا ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن. ئەمما ئۇلارنى مۇستەقىل دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت باشقا دورىلارغا ئارىلاشتۇرغاندا، ئاندىن كېسەللەرگە شىپا قىلىدۇ.

(مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن ئاپتور چىرا ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن)