تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز زۆرۈر

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز زۆرۈر


ئەھەد مۇھەممىدۇللا

بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىگە بولغان ئۇيۇشۇش كۈچى، ھاياتىي كۈچى ھەمدە جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچى مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. بىز بۈگۈنكى كۈندە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم مەدەنىيەتنىڭ رولىنى قانداق تونۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانداق تۇرغۇزۇش، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قانداق يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا قانداق ۋارىسلىق قىلىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتنى قانداق ئىشلەش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى قانداق كۈچەيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

بىرىنچى، مەدەنىيەتنىڭ رولىنى توغرا تونۇش كېرەك

مەدەنىيەت ئەزەلدىنلا ئومۇمىي ۋەزىيەتكە، ئۇزاق مەزگىللىك نىشانغا، دۆلەتنىڭ تۈپ ئىستىراتېگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك. بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت روھ ۋە بايراق دېمەكتۇر؛ بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ئوبراز ۋە يۇمشاق ئەمەلىي كۈچتۇر؛ بىرەر رايون ياكى ئورۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ماركا ياكى بايلىق دېمەكتۇر. مەدەنىيەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. پارتىيەمىز تارىختىن بۇيان مەدەنىيەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلغار مەدەنىيەت بەرپا قىلىشنى باشتىن – ئاخىر يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. ئىلغار مەدەنىيەت بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دائىرىلىك مەسىلە بولماستىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غەلىبە قىلىش – قىلالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىيەت مەسىلىسىدۇر. مەدەنىيەت تەرەققىياتنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئەقلىي كۈچ ۋە ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر دۇنيادا مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ئىقتىساد، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ئەمەلىي كۈچلەردىن تاشقىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. مەدەنىيەت بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى نەچچە مىڭ يىللىق تارىختىن بۇيان جاپالىق كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كەلدى. بۇ دەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ مىللىي روھنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە مەدەت بېرىپ كەلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىر ئېلىمىز مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغان ھەمدە زور كۈچ بىلەن مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. شۇڭا، مەدەنىيەتنىڭ رولىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بىزدە تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە چوقۇم مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئىشەنچى بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك

ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە يىلتىز تارتقان بولۇپ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلگەن. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى دۆلەتنىڭ قۇرۇش نىشانى، جەمئىيەتنىڭ ئىنتىلىشى، پۇقرالارنىڭ ھەرىكەت مىزانلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بۈگۈنكى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ يادروسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى مەنىۋى تۈۋرۈك. ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئىدىيە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىش كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. دۆلىتىمىزدە بولسا ئىدىيەۋى ئاڭ كۆپ مەنبەلىشىش، كۆپ خىللىشىش، ئۆزگىرىشى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى تېزلىتىش جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ئارزۇسى.

بىر خىل مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىممەت قارىشى ئۇنىڭ يادروسى ۋە روھى. قىممەت قارىشى كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كىشىلەرگە ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى بىلىشتىكى تۈپ مىزان. ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتتە ئوخشاش بولمىغان قىممەت قارىشى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بولسا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يادروسى ۋە روھى، ئۇ بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئادەم بولۇشتىكى قىممەت ئۆلچىمى، ھەرىكەت قىبلىنەماسى. ھەر قانداق بىر دۆلەتتە ئەخلاق بولمىسا، ئۇ دۆلەت گۈللىنەلمەيدۇ، ئادەمدە ئەخلاق بولمىسا، ئۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ. يادرولۇق قىممەت قارىشى ‹‹چوڭ ئەخلاق›› ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭغا بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشى سىڭگەن بولۇپ، بىر جەمئىيەتنىڭ ھەق – ناھەق، توغرا – خاتالىققا باھا بېرىشتىكى قىممەت ئۆلچىمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولىدۇ. قىممەت ئۆلچىمىنى يوقاتتى دېگەنلىك ‹‹دۆلەت روھى›› نى، ‹‹مىللەت روھى››نى، ئورتاق بولغان ئىدىيە – ئەخلاق ئاساسىنى يوقاتتى دېگەنلىكتۇر. بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى، تۈپ مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشتا، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ بايراق ئارقىلىق ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتەكلەپ، دۆلەت روھى، مىللىي روھنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى توپلاپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى توغرا تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش لازىم

جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەخلاق ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىز مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قەدىرلەپ، ئۇنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك. تارىخىي ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەزمۇنىنى يېڭىلاپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشتىن – ئاخىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گېنىنى ساقلاپ كەلگەن. بىز چوقۇم مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز ۋە تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئاددىي ھالدىكى كونىغا قايتىپ، چەتنىڭكىنى قارىغۇلارچە چەتكە قېقىش بولماستىن، بەلكى قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، چەتنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېگەنلىك.

مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى. مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە قارىتا ئىجادىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە ئىجادىي ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. تەرەققىيات جەريانىدا نۇقتىلىق ھالدا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى قىممەت قارىشىنى رەتلەپ، پىششىقلاپ، ئىلغار مەدەنىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرى بولغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھىغا، مېھرىبانلىقىغا، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىغا، سەمىمىي، دوستانە، ھەققانىي، ئىناق بولۇشتەك دەۋر قىممىتىگە ئىگە بولغانلىقىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.

تەھرىر:ئابدۇراخمان سادىق ۋاقتى:2017-01-17 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى