تەرجىمىدىكى جۈملە قورۇلمىسىنىڭ راۋانلىقى ۋە دەللىكى توغرىسىدا

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

تەرجىمىدىكى جۈملە قورۇلمىسىنىڭ راۋانلىقى ۋە دەللىكى توغرىسىدا

ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان


تەرجىمىدە سۆز-جۈملىلەرنىڭ راۋان، مەنىسى دەل، ئوبرازلىق، چۈشىنىشلىك بولۇشى تەرجىمە ئەسەرنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇرمەنگە ئەڭ زور دەرىجىدە ئېستېتىك ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. شۇڭا، تەرجىمە خىزمىتىدە جۈملە قۇرۇلمىسى ھەم سۆز تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. بىر قىسىم تەرجىمانلار، بولۇپمۇ يېڭىدىن بۇ ساھاگە قەدەم قويغانلار، ھەتتا بەلگىلىك ئاساسىي بار تەرجىمانلارمۇ سۆز ئىشلىتىش، جۈملە قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە مەلۇم خاتالىقلارغا يول قويۇپ، جۈملىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولماقتا. مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. شۇ ئارقىلىق تەرجىمە سەۋىيەمىزنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە يوقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئۈمىدتىمەن.

بىرىنچى، جۈملە قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپ، ئۇزۇن بولۇپ كېتىش مەسىلىسى

1. خەنزۇچە ئەسەرلەردە بىر جۈملە قوشما جۈملە شەكىلىدە ‹‹پەش›› بىلەن ئايرىپ كېتىۋېرىدىغان ئادەت بار. مۇشۇنداق بولغاندا ئادەتتە بىر جۈملە نورمال كىتاب بېتىدە ئىككى قۇر، ئىككى يېرىم قۇر، ھەتتا كىچىكرەك بىرەر ئابزاسمۇ بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىلدىكى جۈملىلەرنى تىنىش بەلگىلىرىنى ئۆز پېتى قويۇپ تەرجىمە قىلغاندا، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر جۈملىسى خېلى ئوبدانلا بىر ئابزاس بولۇپ قالىدۇ. بۇ، ئوقۇرمەننى ھارغۇزۇپ قويۇشى، بىزار قىلىشى مۇمكىن. تەرجىمە جۈملە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يىنىك، راۋان ھەم چۈشىنىشلىك بولسا ئەۋزەل. مەن بۇ خىل جۈملىنى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ قوشما جۈملە (超级大复句) ياكى ئابزاس جۈملە (段落句) دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەسىلەن:

ئەسلى كىتابتىكى خەنزۇچە جۈملە مۇنداق:

因此,俱乐部的厅堂里冷落起来了,侍役在接待室里睡大觉,报纸在桌子上发霉,阴暗的角落里传来了忧郁的酣声,从前是那么爱吵闹的大炮俱乐部的会员们,现在都被悲惨的和平压得闷声不响,沉入空想的制炮学的梦乡里去了!

ناۋادا بۇ جۈملىدىكى پەشنى ئۆز ئەينى تەرجىمە قىلساق جۈملىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۇزراپ، كىچىكرەك بىر ئابزاسقا ئايلىنىپ كېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس. شۇڭا يوقىرقى جۈملىنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش مۇۋاپىق:

شۇڭا، زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ چوڭ زالى چۆلدەرەپ، كۈتكۈچىلەر قوبۇلخانىدا قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق بولدى. گېزىتلەر ئۈستەلدە تۇرۇۋېرىپ كۆكۈرۈپ كەتتى. زالنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭىدىن زەئىپ ئاۋاز كېلەتتى. ئىلگىرى ۋارقىراپ-جارقىراشنى ياخشى كۆرىدىغان زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى ئەمدىلىكتە نەس باسقان تىنچلىق كېلىشىمى تەرىپىدىن زۇۋانى تۇتۇلۇپ، ئۈن-تۈنسىز زەمبىرەك ياساش شېرىن چۈشىگە غەرق بولۇشۇپ كەتتى!

دېمەك، بۇ خىلدىكى مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىق جۈملىلەرنى ئىشلىگەندە (بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى كەڭ ئۇچرايدۇ)، ئەسلى مەنانى ساقلاپ قالغان ئاساستا جۈملىنى چېكىت بىلەن مۇۋاپىق ئۈزۈش كېرەك. بۇ تەرجىمىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ، ئوقۇرمەنمۇ چارچاش ھېس قىلمايدۇ.

ناۋادا، مۇشۇنداق پارچىلاش سەۋەبىدىن، ئالدىدىكى جۈملىنىڭ ئىگىسىگە باغلىنىشلىق ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئىگىسى ئېنىق بولماي قالىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا، ئەسلى ئەسەرگە بويسۇنمىغان ئاساستا مۇۋاپىق ئىگىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. بۇنداق ئىگىسىز ياكى ئىگىسى ئېنىق بولمىغان جۈملىلەر دائىم ئۇچرايدۇ.

2. كىشىلىك ئالماشلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش.

باش ئابزاستىن باشلانغان ۋاقتتىلا، ‹‹ئۇ›› دېگەن سۆزدىن باشلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. تۆۋەندىكى جۈملە باش ئابزاستىن باشلانغان:

在她离开之前的那个星期天,大家都到教堂去参加圣餐礼。

ئېنىقسىز تەرجىمىسى:

ئۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇنقى يەكشەنبە كۈنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چىركاۋغا بېرىپ مۇقەددەس زىياپەتكە قاتناشتى.

بۇ يەردىكى ‹‹ئۇ›› كىمنى كۆرسىتىدۇ؟ خەنزۇچە خەتكە قارىغاندا بۇنىڭ قىز-ئاياللىقى ئېنىق. ئەمما، بۇ يەردە ‹‹ئۇ›› دەپ ئېلىنغاندا ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئىگىسى ئەسلى جىنىس ئايرىمىسىنى يوقۇتىدۇ.

بۇ جۈملىنىڭ دەلىللىك تەرجىمىسى:

قىز (ياكى بۇ يەردىكى ‹‹ئۇ،她››نىڭ ئورنىغا قىزنىڭ ئىسمى(كېلارا)نى بىۋاسىتە ئالماشتۇرۇش كېرەك) يولغا چىقىشتىن بۇرۇنقى يەكشەنبە كۈنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چېركاۋغا بېرىپ مۇقەددەس زىياپەتكە قاتناشتى.

شۇنداق بولغاندا تەرجىمىنىڭ دەللىكى يوقىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ ‹‹ئۇ›› دېگەن ئالماش گىرەلىشىپ كەلگەن قوشما جۈملىلەردە بۇ مەسىلە تېخىمۇ گەۋدىلىك. ئالايلى، نەرسە كېرەكتىكى ‹‹ئۇ،它››، ئەرلەردىكى ‹‹ئۇ،他››، ئاياللاردىكى ‹‹ئۇ،她››، بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى كۆرسىتىدىغان ئالاھىدە ‹‹ئۇ،那›› قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا بىر بايان جۈملىدە بىر نەچچە شەخسنىڭ ئىشلىرى ئارىلاش سۆزلەنگەن ئەھۋالدا كىمنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن كىشلىك ئالماشنى مۇۋاپىق ئورۇندا شۇ شەخسنىڭ ئىسمىغا بىۋاستە يۆتكەپ تەرجىمە قىلىش ياكى شۇ جىسىمنىڭ ئاتالغۇسىغا ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك. بۇنداق مەسلىلەر بايان جۈملىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

ئىككىنچى، بىر قىسىم سۆزلەرنى مۇۋاپىق ئېلىۋېتىش.

1. ‹‹سەن، مەن، ئۇ›› توغرىسىدا

خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنىدىغان ماتېرىياللاردا ‹‹سەن، مەن، ئۇ›› دېگەندەك ئالماشلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.

1) مەسىلەن:

ئەسلى جۈملە:

“我望着下面的蒂洛尔,”月亮说。“我使深郁的松树在石头上映下长长的影子。我凝望着圣•克利斯朵夫肩上背着婴孩耶稣。

بىۋاسىتە تەرجىمىسى:

ـــ مەن پەستىكى تىيرولغا نەزەر تاشلىدىم، ـــ دېدى ئاي، ـــ مەن تاش ئۈستىگە باراقسان قارىغاينىڭ ئۇزۇن سايىسىنى چۈشۈردۈم. مەن سان كىرىستوفنىڭ بوۋاق ئەيسانى يۈدۈۋالغانلىقىغا دىققەت قىلدىم.

مەزكور تەرجىمە جۈملىدە ‹‹مەن›› سۆزى قىسقا ئارىلىقتا ئۈچ قېتىم تەكرارلانغان. بۇ تەرجىمىگە يېڭى قەدەم قويغان كىشىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ جۈملىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇنى مۇنداق ئۆزگەرتىش مۇۋاپىق:

ـــ مەن پەستىكى تىيرولغا (42) نەزەر تاشلىدىم، ـــ دېدى ئاي، ـــ تاش ئۈستىگە باراقسان قارىغاينىڭ ئۇزۇن سايىسىنى چۈشۈردۈم. سان كىرىستوفنىڭ بوۋاق ئەيسانى يۈدۈۋالغانلىقىغا دىققەت قىلدىم.

بۇ ئىككى تەرجىمە جۈملىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇغاندا ئوقۇشچانلىقىدا پەرق بارلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس.

2) مىسال:

ـــ مەن ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلنى نېمىگە ئىشلەتتىڭلار، دەپ قالسا مەنمۇ جاۋاب بېرەلەيدىغان بولدۇم،

ئۆزگەرتىلگىنى:

ـــ مەن ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلنى نېمىگە ئىشلەتتىڭلار، دەپ قالسا لايىقىدا جاۋاب بېرەلەيدىغان بولدۇم.

بۇ يەردە ‹‹مەنمۇ›› دېگەن سۆز ‹‹لايىقىدا››غا ئالماشتى. چۈنكى، بۇ شەخسنىڭ جاۋاب بېرىشكە تەييارلىقى پۈتكەن. شۇڭا، ‹‹لايىقىدا›› دەپ ئالماشتۇرۇش تەييارلىقنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ كېلىدۇ.

جۈملىنىڭ خەۋىرى ئېنىقلاپ كەلگەن ئەھۋالدا، بۇ خىلدىكى كىشلىك ئالماشنى مۇۋاپىق قىسقارتساق جۈملىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھە بىر قەدەمدە ئۇچرايدىغان ‹‹مەن›› دېگەن سۆز خۇددى ئۈستەلدىكى ئۆپچە چۈشكەن رەسىمگە بىر ئېڭىشىپ بىر ئادەمنى كۆرۈپ، ئاندىن يەنە قەددىمىزنى رۇسلاپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئېڭىشىپ يەنە بىر ئادەمگە قارىغاندەكلا قايتىلانما ئىش. بۇ يەردە ‹‹مەن›› سۆزى ئارقىلىق دائىم ئۇچرايدىغان ‹‹سەن، ئۇ›› دېگەنلەرنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ھەققىدە قاراشلىرىمنى بىرەرقۇر ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم. تەرجىمانلار ئەمىلىي ئەھۋالىغا قاراپ سىناپ كۆرسە بولىدۇ.

2. ‹‹ئەمما، لېكىن، بىراق، 可是 ،但是›› قاتارلىق سۆزلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.

خەنزۇچە جۈملىلەردە ‹‹ئەمما، لېكىن ۋە بىراق›› ۋەلپىراق، ۋەلئىشتىياق (چاقچاق) دېگەندەك سۆزلەرمۇ قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. بۇنداق سۆزلەر قىسقا ئارىلىقتا تەكرار ئېلىنغاندا بەلگىلىك توسالغۇ شەكىللەندۈرىدۇ.

مىسال:

ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاغرىق-سىلاق كىشىلەر. بىراق، ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە ئېغىر. ئەمما قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

بۇنىڭ ئۆزگەرتىلمىسى:

ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاغرىق-سىلاق كىشىلەر. بىراق، ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە ئېغىر. شۇنداقتىمۇ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

يوقىرىقى ئۆزگەرتىلگەن جۈملىدە ‹‹ئەمما››نىڭ ئورنىغا ‹‹شۇنداقتىمۇ›› دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش مەنىسىنى پەيدا قىلدۇق. بىز يەنە ‹‹شۇنىسى›› دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرساقمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالدى تەرەپتىكى ‹‹بىراق›› دېگەن سۆزنى بىۋاسىتە ئېلىۋەتسەكمۇ بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، ئادەملەردىكى قىيىنچىلىق ۋەزىپىنىڭ تاماملىنىشىغا تەتۈر تاناسىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ئەسكەرتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ بۇ جۈملىدە ‹‹ئەمما، لېكىن ۋە بىراق››تىن بىرنى قىسقارغان بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق تەكرارلىنىش بەزىدە بىر جۈملىنىڭ ئىچىدە، بەزىدە ئوتتۇرھال بىر ئابزاستا بىرنەچچە قېتىم كۆرۈلىدىغان ئىشلار مەۋجۇت. بۇ خىل ئەھۋالدا بىر قىسىملارنى مۇۋاپىق قىسقارتىش ياكى ۋاستىلىق ئۇسۇللار بىلەن ئېلىۋېتىش كېرەك. مەسىلەن، يوقىرىقى جۈملىنى بىز يەنە مۇنداق ئۆزگەرتسەك بولىدۇ:

ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاغرىق-سىلاق، ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە ئېغىر بولسىمۇ، قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

بۇ جۈملىدە ‹‹بولسىمۇ›› دېگەن ۋاستىچى سۆز قىيىنچىلىقنى بىراقلا ئېنىقلاپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى يەردىكى ‹‹ئەمما، لېكىن ۋە بىراق›› چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنى يىغىنچاقلاشتا، تەرجىمان پۈتكۈل جۈملە، ئابزاسنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق، جانلىق قوللانسا بولىدۇ.

3. ‹‹بۇ، 这 ،此 ،这个›› دېگەن سۆزنى قىسقارتىش ھەم مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش

1). قىسقارتىش:

‹‹بۇ›› دېگەن سۆزمۇ ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا مېنىڭ تەكلىپىم شۇكى، مۇشۇنداق قايتىلانغان ئورۇندا ‹‹بۇ››نىڭ ئورنىغا مۇشۇ ‹‹بۇ›› ۋەكىللىك قىلۋاتقان ئىش-ھەرىكەت ياكى ئاتالغۇ، نامنى بىۋاسىتىلا ئالماشتۇرۇۋېتىش.

مەسىلەن:

日本突袭珍珠港造成重大人员伤亡。这事件轰动全世界。许多国家指责此事件...这起事件使同盟国悲愤填膺。

ياپونىيەنىڭ پىئارىل-خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىشىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى. بۇ ۋەقە دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى... بۇ ۋەقەنى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئەيىبلىدى... بۇ ۋەقەدىن ئىتتىپاقداشلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى چېكىگە يەتتى.

مەزكۇر جۈملىنى مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلدا راۋانلاشتۇرىمىز:

ياپونىيەنىڭ پىئارىل-خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىشىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى. ۋەقەنىڭ دەھشىتى دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ياپونىيەنىڭ رەزىل قىلمىشىنى ئەيىبلىدى... ئىتتىپاقداشلارنىڭ ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى چېكىگە يەتتى. (1-ئۈلگە)

ياپونىيەنىڭ پىئارىل-خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىشىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى. بۇ ۋەقە دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى ھەم نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئىتتىپاقداشلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى چېكىگە يەتتى. (2-ئۈلگە)

يوقىرىقى ئۈلگىلىك جۈملىلەردە ‹‹بۇ›› سۆزى مۇۋاپىق دەرىجىدە قىسقارتىلدى ھەم ۋاستىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ‹‹ۋەقە›› پەيدا قىلغان ئاقىۋەت ئېنىقلاندى. قىزىققانلار بۇ جۈملىلەرنى قايتا-قايتا كۆرۈپ تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقسا بولىدۇ.

2) ‹‹بۇ، 这››نى مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش

喀什的河流最终汇入塔里木河,消失在茫茫的沙漠戈壁中,成为不入大海的河。所以称为内陆河。这是我们喀什河流的最大特点。

بىۋاسىتە تەرجىمىسى:

قەشقەردىكى دەريالارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرى تارىم دەرياسىغا قوشۇلۇپ، بىپايان قۇملۇق، چۆل-جەزىرىلەردە غايىب بولاتتى. دېڭىزغا قويۇلمايتتى. شۇڭا ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، دەپ ئاتالغان ئىدى. مانا بۇ قەشقەردىكى دەريالارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى.

بۇ يەردە ئەڭ ئاخىرقى جۈملىدىكى ‹‹بۇ›› سۆزى ئۈستىدە توختىلىمىز. ئىنچىكە ئويلىنىپ كۆرسەك بۇ يەردە دېيىلگەن ‹‹بۇ›› ھەرگىز ‹‹قەشقەردىكى دەريالار››نى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى قەشقەردىكى دەريالارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇس، يۇقىرىقى تەرجىمە جۈملىدىكى ‹‹بۇ›› سۆزى قەشقەردىكى دەريالارنى كۆرسىتىپ قويغان. بىز ‹‹بۇ›› دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە بىر پەش قويساق، ئاندىن ‹‹قەشقەردىكى دەريالار››دىن ئايرىپ، دەريالارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز.

توغرىسى:

قەشقەردىكى دەريالارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرى تارىم دەرياسىغا قوشۇلۇپ، بىپايان قۇملۇق، چۆل-جەزىرىلەردە غايىب بولاتتى. دېڭىزغا قويۇلمايتتى. شۇڭا ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، دەپ ئاتالغان ئىدى. مانا بۇ، قەشقەردىكى دەريالارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى.

قارىماققا ئىككى جۈملىدە چوڭ پەرق بولمىغىنى بىلەن ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا، ‹‹بۇ›› سۆزى پەش ئارقىلىق ئايرىلىپ، ئالدىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى توغرىسىدىكى ئالاھىدىلىكنىڭ ئورنىدا كەلگەن، شۇنداقلا جۈملىنىڭ ئىگىسى رولىنى ئوينىغان. ناۋادا پەش قويۇلمىسا زادى نېمىنىڭ قەشقەردىكى دەريالارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكى ئىنىقسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق مەسىلە يېڭى تەرجىمانلاردا كۆپەرەك سادىر بولىدۇ.

تۆتىنچى، تەرجىمە جۈملىنىڭ راۋانلىقى

بۇ بۆلەكتە مەن ئاساسلىق قىلىپ بىر قىسىم ئورتاق مەۋجۇت مەسىلىلەرنى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنى لايىق تاپتىم.

1) قايتىلانما سۆزلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

مىسال:

ـــ بىلمەيمەن، بىلمەيمەن، ـــ دېدى تۇمارىس ئالدىراش تېنەش، ـــ ماڭا سۆزلەپ بېرىڭ.

...

ئاڭلىغان، ئاڭلىغان، ـــ دېدى ئۇ.

تەكلىپ جۈملە:

ـــ ياق، بىلمەيمەن، - دېدى تۇمارىس ئالدىراش تېنەش، ـــ ماڭا سۆزلەپ بېرىڭ.

...

- ھەئە، ئاڭلىغان، ـــ دېدى ئۇ.

بۇ جۈملىدە ئىككى قىتىم چىقىدىغان ‹‹بىلمەيمەن›› دېگەن سۆز (ياكى مۇددىئا)نىڭ بىرى ‹‹ياق›› ئارقىلىق ئېنىقلاندى. ‹‹ئاڭلىغان›› دېگەن سۆزنىڭ بىرى ‹‹ھەئە›› ئارقىلىق دەلىللەندى. قارىماققا دەسلەپكى تەرجىمىدىمۇ چوڭ خاتالىق يوق. ئەمما جۈملىنىڭ راۋانلىقى، قايتىلىنىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىشنى مۇۋاپىق، دەپ قارايمەن. تەرجىمان دوستلار ئەمەلىي تەرجىمىدە سىناپ باقسا بولىدۇ.

2) بايانچى تىلىنىڭ موللۇقىنى ئاشۇرۇش

1) مىسال:

ھەقىقەتەن بەزىلەرنىڭ پۇتىنىڭ چىمچىلاق بارمىقىنىڭ تىرنىقى يوق.

مەزكۇر مىسالغا نەزەر سالساق شۇنى بايقايمىزكى، ‹‹نىڭ›› قوشۇمچىسى ئۈچ قېتىم كەلگەن. بۇ جۈملىنى ئۆلۈك ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا مۇنداق ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن:

ھەقىقەتەن بەزىلەرنىڭ پۇتىدىكى چىمچىلاق بارمىقىدا تىرناق يوق.

ئوقۇرمەنلەر يۇقىرىقى ئىككى جۈملىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىلا مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالالايدۇ.

2) مىسال:

ئۆينى ماتەم كەيپىياتى قاپلىغان، ھەممەيلەن قايغۇغا چۆمگەن ئىدى. تۆت ياشلىق بىر بالا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ، بۇ ئۆينىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ خۇشاللىقى ھەم كەلگۈسىدىكى ئۈمىد چىرىغى ئىدى.

مەزكۇر جۈملىدە ‹‹ئىدى›› دېگەن سۆز كۆپ تەكرارلانغان. بۇنى مۇنداق ئۆزگەرتسەك بولىدۇ:

ئۆينى ماتەم كەيپىياتى قاپلىغان، ھەممەيلەن قايغۇغا چۆمگەن ئىدى. تۆت ياشلىق بىر بالا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئۆينىڭ يالغۇز ئوغلى، شۇنداقلا ئاتا-ئانىسىنىڭ خۇشاللىقى ھەم كەلگۈسىدىكى ئۈمىد چىرىغى ھېسابلىناتتى.

مەزكۇر تەكلىپ جۈملىدە، قوشما جۈملىگە ئايلاندۇرۇش، ‹‹شۇنداقلا››، ‹‹ھېسابلىناتتى›› دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئىلگىرىكى ‹‹ئىدى...ئىدى›› دېگەن سۆزلەر قىسقارتىلغان. بايانچى تىلىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر كۆپ سادىر بولىدۇ. بۇنداق ۋاقتتا بىز يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى تاللاپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلساق تەرجىمىنىڭ راۋان، جانلىق، ئوقۇشلۇق چىقىشىغا بەلگىلىك ياردىمۇ بولىدۇ.

بەشىنچى، خاتىمە

مەلۇم ماتېرىيالنى تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىپ چىقىش پەقەت تەرجىمە خىزمىتىنىڭ 50 پىرسەنت تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم قايتا-قايتا نەزەردىن ئۆتكۈزگەندە يۇقىرىقىدەك بىر قىسىم مەسلىلەرنى بايقىغىلى ھەم ۋاقتىدا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. كومپيۇتېردا كۆرۈش بىلەن بېسىپ چىقىرىپ كۆرۈشتە يەنە بەلگىلىك پەرق بار. گەرچە كومپيۇتېرنىڭ ئىلغار تەھرىرلەش سىستېمىسى بولسىمۇ، ئەمما ئەسەرنى قەغەزدە بېسىپ چىقىرىپ، پۇت-قولىڭىزنى سوزۇپ كىرىسلودا يېتىپ قايتا ئوقۇسىڭىز يەنە بىر قىسىم خاتالىقلارنى بايقايسىز. شۇڭا شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇنداق ئوقۇشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ، يېڭى تەرجىمىگە قاتناشقان خادىملار ئۈچۈن بۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

تەرجىمىدە سۆز ئىشلىتىش، جۈملە قۇرۇلمىسى، بايانچى تىلى بىلەن پېرسۇناژ سۆزى، بەت شەكلى، ئىستون گىرۋىكى، قۇر ئارىلىقى، خەت شەكىلى، پەش-چېكىت، بوشلۇق كاتەكچە قاتارلىق ئىنچىكە نۇقتىلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. تەرجىمىنى كۆرۈۋاتقان كىشى بىر قاراشتىلا سىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپايىڭىزغا قايىل بولغۇدەك دەرىجىدە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەر تاللىغاندا ئىمكان بار ۋەقەلىكى يېڭى، نەتىجىسى كىشىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان ئەسەرلەر تاللانسا مۇۋاپىق. بەزى تەرجىمىلەرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپمۇ قانداق مەقسەت بايان قىلىنغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.


ئاپتور: پىچان ناھىيە 110 كىلوۋولتلىق پىچان تىرانسىفورماتور پونكىتىدا


تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

2012-07-09