تېڭىق

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

تېڭىق [① سۈپ . تېڭىلغان ، ئورالغان : كامال ياتار باش - كۆزى تېڭىق ، پەرۋانىدۇر مۇەللىم ئاڭا . ساۋاقداشلار كېلەر ئۈزۈلمەي ، كۆزلىرىگە ياش ئالار ئاتا . ② ئى . جاراھەت ۋە سۇنۇقنى دورا ، داكا قاتارلىقلار بىلەن تېڭىش ئىشى : تېڭىق بۆلۈمى . * ھەش-پەش دېگۈچە ، دورا قۇيۇلۇپ تېڭىق پۈتتى . ③ ئى . نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىن ئوراپ تاڭغان نەرسە : - ھەممىسىلا يېنىك يارىلانغانىكەن ، تېڭىقلىرىنى يۆتكەپ قويدۇق ، - دەپ جاۋاب بەردى زۇمرەت . ④ مىق . ساناق سانلار بىلەن كېلىپ تىڭىلغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ : ئابدۇنىياز ئۇزۇن كەلگەن چىرايلىق ساقىلىنى قولىغا يۆگەپ ، بىر تېڭىق يۈك ئۈستىدە جىم ئولتۇراتتى .