تۇزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتىتوغرىسىدا

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search


ۇزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتىتوغرىسىدا


رىزۋانگۈل زاكىر


ئۇيغۇر مىللىتى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆزىگە خاس تارىخىي، ئېتنىكىلىق ئالاھىدىلىكى مول، رەڭدار مەدەنىيەت ۋە سەنئىتى، ئۆرپ-ئادىتى ھەمدە دىنىي ئېتىقادى بولغان مەنىۋىيەتكە باي مىللەتتۇر، شۇنداق بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپ تاھازىرغىچە مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەت، دىننىي ئېتىقاد ۋە باشقا ساھالەردە بولۇپمۇ مىللىي تېبابەتچىلىككە ئوخشاش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش جەھەتلەردە شانلىق تۆھپىلەرنى يارىتىپ كەلدى. ئۇيغۇر مىللىتى مانا مۇشۇنداق شانلىق تۆھپىلىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن باشقا جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە ئوخشاشلا تارىخ سەھنىسىدە جۇلالىنىپ تۇرماقتا. تۆۋەندە بۇنىڭ دەلىلى بولغان تۇز مەدەنىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.

1. تۇزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىدىكى رولى

بىزگە مەلۇم، ھەر-بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ياشاش شارائىتى ئوخشىمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلارنىڭ ياشىغان شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ پەرقلىق بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنى شۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىدە تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، ھەمدە بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر يېمەك-ئىچمەكلەرنى ھازىرلاش ۋە ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ۋە يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا تېخىمۇ تىپىك گەۋدىلىنىدۇ. چۇنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمۇ مول

ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.

1› تۇز ھەرقانداق مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تېتىتقۇ بولۇپمۇ

قالماي، بەلكى يەنە نۇرغۇن ئىشلىتىدىغان ئورۇنلىرى بار. تۆۋەندىكىلەردىن تۇزنىڭ رولى ۋە قىممىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىدىن بولغان ‹نان›نى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، چەرچەننىڭ زاغۇنلۇق، قۇمۇلنىڭ لاپچۇق قارادۆۋىدىن بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق بولغان قەبىرىلەردىن تېپىلغان توغاچ نانلار ئۆز دەۋرىدە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ناننى ئاساسلىق يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەنلىكى بولۇپمۇ نان تەركىبىدە تۇزنىڭ بولغانلىقى. نان تونۇردا بىۋاسىتە ئوتقا قاقلاپ سىڭدۇرۇپ پىشۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، سۇ بولسۇن ياكى بولمىسۇن خالىغاندا يىيىشكە قولايلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھال ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان تۇزدىن ئىبارەت بۇ تېتىتقۇنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجرىبە ساۋاقلىرى ئاساسىدا تۇزنىڭ يېپىشتۇرۇش رولىنىمۇ بايقاپ چىققان. بۇ ئاساسەن يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.يۇقىردا دېگەندەك نان

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ تۇرمۇشتىكى مۇھىم يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ئىستېمال مەدەنىيىتىدىكى زور ئىجتىمائىيەتلىرىدىن بىرى. نان تونۇردا قاقلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ.

نان يېقىلىدىغان تونۇر تۇز قوشۇلغان سېمىز لايدىن ياسىلىدۇ. بۇنداق تونۇر ھەم چىڭ ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، ناننى ئاساسەن ياققىلى ناننى تونۇردا ئاسان تۇرغۇزغىلى، ئاسان پشۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا تونۇردا نان تۇرمايدۇ. يەنە نان يېقىشتىن ئىلگىرى ئوت بىلەن قىزدۇرۇلغان تونۇر ئىچىگە تۇز سۈيى سېپىلىدۇ، خېمىر يۇغۇرغاندىمۇ تۇز قوشۇلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا تونۇردا نان تۇرمايدۇ . بۇ خىل ئەھۋال ناننىڭ خېمىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تاكى پىشقىچە بولغان بىر پۈتۈن جەرياندا تۇزدىن ئايرىلالمايدىغان ھەمدە تۇزنىڭ مۇھىم رولى ئوينايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىرى بولسۇن ياكى سۇيۇق –سەلەڭ تاماقلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئېسىل تائاملىرى بولسۇن قىسقىسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غىزالىنىش ئادىتى ۋە تاماق تۈرلىرىدە تۇز كەم بولسا بولمايدۇ. كىشىلەر ئوتتۇرسىدا مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆز بار؛‹تۇزسىز تاماقنىڭ تەمى يوق، بىلىمسىزنىڭ ئەقلى›. مانا بۇ ئەقلى يەكۈندىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،

تۇزبولسا تەبىئەت ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ مۇھىم، قىممەتلىك، زۆرۇر بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ۋە مەنىۋىي پائالىيەتلىرىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي نەرسە. بىزگە مەلۇم تەبىئەت ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ مەۋجۇت بولۇشنىڭ ماددىي ئاساسى. تۇز ئىنسانلارنىڭ مەنبىئى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ روھى تۇرمۇشىنى بېيىتقۇچى مۇھىم ئامىل.

2› تۇزنىڭ يېمەك- ئىچمەكتىكى رولىغىلا ئېتىبار بېرىپ قالماستىن، بەلكى تۇزنىڭ يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئاسراشتىكى رولىغىمۇ سەل قارىماسلىق لازىم. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بولسا، بىر خىل ئۆز- ئارا تايىنىش، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتىدۇر. ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ماددىي شارائىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. تۇزدىن ئايرىلسا نورمال ھايات كەچۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئىنسانلار يېمەك- ئىچمەكلەرنى نورمال پاكىزە ئىستېمال قىلىشتا تۇزنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەككى، تۇزنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك. مەسىلەن: ‹يەيدىغان بېلىقتا پاتقاق لاي پۇرىقى بولسا ، كۈچلۈك تۇز سۇيىدە يۇيىۋەتسىڭىز پاتقاق پۇرىقى چىقىپ كېتىدۇ› يەنە ‹ ئاچچىقسۇنى ئۇزۇنراق ساقلاشقا توغرا كەلگەندە، تۇز سېلىۋەتسە ئاسان بۇرۇلمايدۇ › مانا بۇ بىلىملەردىن پايدىلىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا سىناپ كۆرسەك چوقۇم پايدىسىنى كۆرىمىز.

3› تۇزنىڭ قاچا- قۇمۇچلارنى ئاسراشتىكى رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە، جەمئىيەتكە بولغان چۈشىنىشى ۋە تونۇشى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتى. تۇرمۇشتىكى زۆرۈر بولغان تۇزغا بولغان تونۇشىمۇ چۈشىنىشىمۇ كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلاشتى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى تۇز، يېمەك-ئىچمەككىلا ئىشلىتىلىپ قالماستىن، بەلكى قاچا- قۇمۇچلارنى ئاسراشتا ۋە پاكىزە ساقلاشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن ‹يېڭى چىنە- قاچىلارنى ئالدى بىلەن تۇز سۈيىدە قاينىتىۋەتسەك، ئىشلەتكەندە ئاسان سۇنۇپ كەتمەيدۇ ›

يەنە ‹پىچاقنى تۇز سۈيىگە يېرىم سائەت چىلاپ، ئاندىن بىلىگەندە ھەم تېز ھەم ئىتتىك بىلگىلى بولىدۇ.› تۇرمۇشىمىزدا يۇقىرىقى بىلىملەردىن پايدىلىنىپ ئىش كۆرگەندە تۇرمۇشىمىزنى تېجەشلىك،

ئەپچىللىك بىلەن باشقۇرغىلى ۋە تۇرمۇشىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.

2. تۇزنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكىدىكى رولى

تۇزنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكىدىكى ئىشلىتىش دائىرسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، تۇزنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بولۇپمۇ تۇزنى نورمال ئىستېمال قىلغاندا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدىغان، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىدىغان، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى تازىلايدىغان، بەدەن ئىچىدىكى كىسلاتا، ئاساسلارنى تەڭشەيدىغان ، بوغۇملارنى ئاغرىشنى پەسەيتىدىغان ، سۈيدۈك يولىدا تاش بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۇستىلۇق بىلەن پايدىلىنىپ، مۇشۇ ئاساستا مۇتەخەسىسلەر، تەتقىقاتچىلار دورىگەرلىك ئىلمىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەرخىل دورىلارنى ياساپ، چىقىپ، كەڭ بىمارلارنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلام بولغان تەن ئاتا قىلىپلا قالماي، بەلكى روھى تەسەللىي بېرىپ كەلدى. چۈنكى ئۇزۇن مۇددەت تۇز ئىستېمال قىلغاندا، بەدەن كۈندىن- كۈنگە ئاجىزلىشىدۇ. ھەرخىل كېسەللەر كېلىپ چىقىشقا باشلايدۇ. بەدەن ئىچىدىكى ئېلېكتىرولىزلارمۇ ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ. ئاخىرىدا ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە؛

1› ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن مۇددەت تۇز ئىشلىتىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا تۇزنىڭ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان رولى بارلىقىنى بايقاپ، تۇزنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، يېمەكلىكلەرنى ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئۆز پېتى ، يېڭى ساقلاپ كەلگەن. بۇ كىشىلىك تۇرمۇشتا بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەردۇر .

2› قەدىمكى كىشلەرنىڭ تۇزغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى يەنە بىر قەدەر ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۇزنىڭ دېزىنفىكسىيەلەش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. شۇنداقلا تۇزنىڭ داۋالاش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنىمۇ ھېس قىلغان.

تۇز سۇدا ئاسان ئېرىيدىغان، ئاسان قاتىدىغان تۇرمۇشتىكى زۆرۈر بولغان ماددا. تۇزدا يەنە كۆپ مىقداردىكى، ئادەم تېنىگە پايدىلىق بولغان مىنېرال ماددىلار بار. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ تۇزنىڭ مانا مۇشۇنداق پايدىلىق تەركىبلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ئۈزلۈكسىز بايقىغاچقا، تۇز قىزدۇرۇپ تۇز سۇيى ئارقىلىق ئۇنۈملۈك كېسەل داۋالىغان . قەدىمكىلەر تۇزغا چىلانغان گۆشنىڭ ئاسان چىرىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ، تەبىئىي ھالدا تۇز بىلەن جاراھەت داۋالاشتەك چارىلەرنى تېپىپ چىققان. مەسىلەن، ‹ئۈششۈپ قالغان جاراھەتنى ئىلمان تۇز سۇيى بىلەن يۇسا قىچىشىشنى توختىتىدۇ.› ئائىلىلەر بىر كىچىك دوختۇرخانىغا، ئاتا- ئانىلار بولسا بىمارلارنى داۋالغۇچى دوختۇر ۋە بىمارلارغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار مىللي ئەنئەنە بويىچە ئائىلىدىكى نۇرغۇن ئۇششاق كېسەللەرنى داۋالايدۇ. مەسىلەن، ‹مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇز سۇيى بىلەن بېشىڭىزنى يۇيۇپ تۇرسىڭىز ، چىچىڭىز چۈشۇپ كەتمەيدۇ.› ئۇنىڭدىن باشقا تۇزنىڭ چىش قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىش مىلىكىنى چىڭىتىش ۋە ئىغىز بوشلۇقىدىكى مىكروپلارنى ئۆلتۇرۇش ، تازلاش ھەمدە ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ چوڭ.

ھازىرقى دەۋرىمىزدە يېڭىلىق ياراتقۇچىلار بۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردىن ئۇنۈملۈك پايدىلىنىپ تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ، بولۇپمۇ تۈرلۈك يېڭى چىش پاستىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازارغا سالماقتا.

دېمەك تۇزنىڭ مىللىي تىبابەتتىكى مۇنداق خاسىيەتلىك روللىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.قىسقىسى تۇزنىڭ مىللىي تېبابەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى ئىگىلەپ ، تۇرمۇشقا گۈزەللىك ئاتا قىلىشىمىز كېرەك.


3. تۇزنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرىدىكى رولى ۋە تۇتقان ئورنىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ


ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەپەككۇردىكى تۇز ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۇر بۇيۇم بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كىشىلىك ھاياتنىڭ جەۋھىرى. بۇ خىل تونۇشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇزدىن ئىبارەت بۇ خىل تۇرمۇش لازىمەتلىك بۇيۇمىغا بولغان چوقۇنۇش شەكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تۇز روھى تەسەللىي بېرىدىغان مەنىۋىيەتكە ئايلانغان. تۇز بىر خىل سادىقلىق ، پاكلىق ۋە ئىلاھى كۈچنىڭ ، چىن مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن.مەسىلەن‹ ئىككى ياشنىڭ نىكاھ ئىشلىرىدا، يەنە نىكاھ ئوقۇغاندا ناننى تۇزغا تەككۈزۈپ، ئىككى ياشقا يىگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەڭگۈ بىرگە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، مەڭگۈ بىر-بىرىگەسادىق بولۇشتەك تەربىيىۋى رولىنى كەلگەن ›، ‹يەنە يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە چاي ئىچكۈزگنىدە، تاۋاقلانىڭ بىرىجى رېتىگە بىر تاۋاق تۇز تەييارلاپ ، ئاۋۋال ئېىپ كىرىدۇ.› بۇ تۇزنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تويى بولغان قىزنى يۆتكەشتىن بۇرۇن ئاتا –ئانىسى قىزنىڭ بىشىدىن تۇز نانلارنى ئۆرۇپ ، ئۇلارنىڭ خەيرلىك ئاق يول ۋە ئامانلىق تىلەيدۇ. بۇ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىناق ئائىلە ، ئىناق جەمىئىيەت بەرپا قىلىپ، مۈرىنى تىرەپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، خەلقىمىز ئۇچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەكلىكىدە تەربىيىۋى رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلانىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش قاراشلىرى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قارىغاندا ، تۇز ئىلاھى كۈچنىڭ سىموۋىلى بولۇپلا قالماي ، بەلكى يەنە ئۇ يەنە ھايات قىممىتىنىڭ روھى بەلگىسى بولۇپ قارىلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلانىڭ تۇزغا نىسبەتەن چوقۇنۇشنى ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىشلىك قارىشى، قىممەت قارىشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. تۇزدىن ئىبارەت بۇ ئوبيېكتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ فولۇكلو ئىدىيىسى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ئوبرازلىق ئەكس ئەتكەن . ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ ، كىشلەر تۇزنىڭ ھەرخىل رولىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا. مەسىلەن: ‹ بەزى خىزمەتچىلەر مائاش چىققاندا دەسلەپتىلا تۇز سېتىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ قارىشچە بۇنداق قىلغاندا ئالغان مۇئاش بەركەتلىك بولارمىش › مانا بۇ تۇزنىڭ ئۇلۇغلىقى بىلەن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەر دائىم تەسەللىي تاپىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

دېمەك، تۇزنىڭ مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق خاسىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ھەربىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا تۇزنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلكلىرىدىن ئىلمىي يوسۇندا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.

4. تۇزنىڭ كىيىم-كىچەكلەرنى قوغداش، ئاسراشتىكى رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ

كىيىم-كېچەك ئادەمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق زىننىتى، گۈزەللىك زوقىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى، شۇنىڭدەك مىللەتلەرنىڭمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش، ياسىنىش مەدەنىيىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادەت ئەنئەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ، بېيپ رەڭدارلىشىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مىللىي تۈس ئالغان ۋە ئۆزگىچە ئادەت ئەنئەنە شەكىللەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كېيىنىش ياسىنىشقا ئەھمىيەت بېرېپلا قالماي، يەنە ئۆزىنى قانداق ئاسراشتىكى ئىستىكى شەكىللەنگەن ھەم چوڭقۇر ئىزدەنگەن، ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجرىبە ساۋاقلىرى ئاساسىدا ، تۇزنىڭ يەنە كىيىم-كېچەكلەرنى ئاسراشتىكى ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ چىققان. شۇ ئاساستا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى رەڭدارلاشتۇرغان ۋە مەنىۋىيىتىنى بېيىتقان. مەسىلەن ،‹رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدىغان كىيىملەرنى يۇغاندا، سۇغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۋەتسىڭىز كىيىمىڭىزنىڭ رەڭگى ئاسان ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ›، ‹يېڭىدىن سېتىۋالغان سۇلياۋ ئاياغنى تۇز سۈيىگە يېرىم كۈن چىلاپ قويۇپ، ئاندىن كىيسە ، ئاسانلىقچە يىرتىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇزۇن مۇددەت چىدايدۇ›.

يۇقىرىقىدەك ئاددى ئۇسۇل، لېكىن قىممىتى يۇقىرى بولغان بىلىملەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا سىناپ كۆرسەك، بەلكىم گۈزەل ئوبرازىمىزنى تېخىمۇ نامايان قىلىشقا پايدىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايمەن.

پايدىلانمىلار:

1› ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا تۈزگەن‹ئۇيغۇر ئېتىنوگرافىيىسى›، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى نەشرى.

2›‹تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى›، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى.

3› ئابدۇكېرەم راخمان؛ ‹ ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى›، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1996-يىلى نەشرى.

4› ئابدۇكېرەم راخمان؛ ‹ئۇيغۇر ئېتىنوگرافىيىسى›. ‹شىنجاڭ ياشلىرى›ژۇرنىلى، 1996-يىللىق،5-سان.

تەھرىرلىگۈچى: مەرۇپ مەمتىمىن

مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2010-يىللىق 6-سان