تائاملىنىش ئەدەبلىرى رىسالىسى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

تائاملىنىش ئەدەبلىرى رىسالىسى

ھاجى مۇھەممەد شاھمۇرادزادە

ھاجى فەزلىددىن كارامەتۇللا

مەلۇمكى، ئادەمگە نەپىسمۇ، شەھۋەتمۇ ئاتا قىلىنغان. ئىنسانلار مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە مۇكەررىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، نەپىس ۋە شەھۋەتتىن ئىبارەت دائىم يامانلىققا ئەمىر قىلىدىغان ئاپەتتىن ساقلىنىش ۋە ھەمىشە پاك يۈرۈپ، پاكىزە-ھالال نەرسىلەردىن تاناۋۇل قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانغا ئەقىل ۋە پاراسەت بېرىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر ياخشى ياشاش ۋە سالامەت بولۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان ئەڭ ئۇلۇغ نېمەت، يەنى ئەقىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئەڭ زۆرۈر بولغان تائام يېيىش ئىلمى ۋە ئەدەپىنى بىلىش، يېيىش چەكلەنگەن نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىپ، شەكسىز يېمەكلىك تېپىپ يېيىشكە ھەرىكەت قىلىشى لازىم.

ئىنسان باشقا جانلىقلاردىن ئىلىم، ئەقىل، ئەدەپ، پاراسەت، شۇنىڭدەك، تائام يېيىشتىكى ئەمىرلەرنى بېجىرىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش بىلەن پەرقلىنىدۇ. تائام يېيىشتىكى كۆرسەتمىلەرنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بەزىلەر كېسەللىككە، بەزىلەر بولسا قۇۋۋەتسىزلىك، ھەتتا پېقىرلىققا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ رىسالىمىزدە «كۆپ يېيىشتە كۆپ زىيان بار» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. سۈبھىسىزكى، ئاشۇ زىيانلاردىن بىرى كېسەل بولۇشتۇر. يەنى كۆپ يېيىش كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دەرت-ئىللىتى كۆپ يېيىشتىندۇر، بەك تويۇپ يېيىش بولسا كېسەللىكنىڭ ئۇرۇقىدۇر.

كەيكاۋۇس ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «پېقىرلىققا سەۋەب بولىدىغان ئاپەتنى ئىسراپچىلىق دەپ بىلگىن. يەپ-ئىچىشتە، ھەرقانداق ئىش قىلىشتا ئىسراپچىلىق قىلماسلىق لازىم.»

توي ۋە مېھماندارچىلىقلاردا، خۇسۇسەن، نەزىر-چىراغلاردا كىشىلەر ئىبرەت ئېلىش ۋە مەرھۇمنى ئەسلەشنىڭ ئورنىغا تۈرلۈك تائاملارنى ھېرىسلىق بىلەن يەپ قورساقلىرىنى تويدۇرغاندىن كېيىن، غەپلەتتە قېلىپ بىمەنە ۋە بىھۇدە گەپ-سۆزلەرنى دېيىشكە ئۆتىدۇ. پەقەت ئادەت يۈزىسىدىنلا بەزى ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەر بېجىرىلىدۇ، خالاس. مەرھۇمنى ئەسلەش، يېتىملەرنىڭ ھالىنى سوراش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ھەققىدىن پەرھىز قىلىش ھېچكىمنىڭ ئېسىگە كەلمەيدۇ.

ئاز يېيىشنىڭ ئۆزى شىپادۇر. چۈنكى داۋانىڭ ئەسلى پەرھىزدۇر. ئىنسان قانچە ئىلىم-مەرىپەتلىك ياكى باي-باياشات، مەنسەپدار بولمىسۇن، تائام يېيىش ئەدەپىنى بىلمىسە ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا، دوست-يارەنلەر، ھەتتا ئائىلە ۋە پەرزەنتلەر ئالدىدا قەدىر-قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن يەپ-ئىچىشنىڭ شەرت-شارائىتلىرى، ئەدەپ-قائىدىلىرى، بەزى تائام ۋە مېۋىلەرنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئۇشبۇ رىسالىمىزدا پىكىر يۈرگۈزدۇق. مەلۇمات ۋە دەلىللەرنى مۇشۇ ساھەدىكى مۆتىۋەر كىتابلاردىن ئالدۇق.

تائام يېيىش قائىدىلىرى

تائام يېيىشنىڭ يىگىرمە نەچچە تۈرلۈك قائىدىسى باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. تائام يېمەكچى بولغاندا كەشىنى سېلىپ ئولتۇرۇش لازىم.

ھېكمەت: مەلۇمكى، تائام پاك ۋە تازا نېمەتتۇر. ئۇنى پاك ھالەتتە يېيىش زۆرۈر. كەش بولسا بەزىدە پاكىز، بەزىدە مەينەت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تائام يېمەكچى بولغان چاغدا سېلىۋېتىش ئەقەللىي قائىدە ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، تېببىي نۇقتىنەزىرىدىن قارىغاندىمۇ، بۇنداق قىلىش مەقسەتكە مۇۋاپىقتۇر.

2. تائام يېيىشتىن بۇرۇن ئىككى قولىنى بېغىشىغىچە ئۈچ قېتىم يۇيۇش كېرەك. چۈنكى، بۇ ئەمەل پاكلىقتىن بولۇپ كەمبەغەللىك ۋە مۇھتاجلىقنى يىراق قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

3. تائامنى سۇپرىغا (داستىخانغا) قويۇش، داستىخاننى بولسا يەرگە سېلىش، يەنى داستىخاننى ئاشتاختىنىڭ ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى يەرگە (سۇپا، كاڭ، پول ئۈستىگە) سېلىش ئەنئەنىۋىي قائىدىدۇر. ئەسلىدە مۇشۇنداق ھالەتتە ئولتۇرۇش كەمتەرلىككە ئىشارەتتۇر.

4. تائامنى ئۇسىدىغان قاچا ساپال (چاقچۇق) ياكى ياغاچتىن بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بۇنداق قاچىدا تائام يېيىش لەززەتلىك بولىدۇ ھەم ئىنساننى كىبىر ۋە مەنمەنلىكتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

5. تائام بىلەن بىرگە داستىخانغا سىركە (ئۈزۈم سىركىسى) ۋە كۆكتات قويۇش كېرەك. چۈنكى، سىركە قويۇلغان داستىخاندا بەرىكەت كۆپ بولۇپ، پېقىرلىقنى يوق قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

6. مۇقىم ۋە كەمتەرىن ھالدا ئولتۇرۇش، يەنى تائام يېمەكچى بولغاندا سول پۇتنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇپ، ئوڭ تىزىنى ئۆرە ھالدا تۇتۇش لازىم. چۈنكى، ئوڭ پۇتنى قورساققا تىرەپ ئولتۇرۇش ئاز يېيىشكە ۋە ئاسان توختىۋېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. تائام يېگەندە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشمۇ مۇۋاپىق ئەمەللەردىن ھېسابلىنىدۇ.

7. تائامغا «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دەپ قول ئۇزۇتۇش لازىم. ئەگەر باشتا بۇنداق دېيىش ئەستىن كۆتۈرۈلگەن بولسا، ئوتتۇرىسىدا ياكى ئاخىرىدا دېسىمۇ بولىدۇ.

8. تائامنى ئوڭ قول بىلەن يېيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

9. تائام يېيىشنى تۇز بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش، يەنى تائامدىن ئاۋۋال ۋە تائامدىن كېيىن تۇز ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەلۇمكى، تۇز ئاچلىق شىددىتىنى پەسەيتىپ، ئاز يېيىشكە سەۋەب بولىدۇ. تۇزنى ئىستېمال قىلغاندا ئىككى بارماق، يەنى باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ ئۇچى بىلەن ئېلىش كېرەك. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ھېكمەتتىن خالى ئەمەس. تۇزنى نان ئۈستىگە قويۇشقا بولىدۇ، ئەمما تۇزداننى نان ئۈستىگە قويۇشقا بولمايدۇ.

مەلۇمكى، ئىنسان ئىستېمال قىلىدىغان نۇرغۇن يېمەكلىكلەر تۇزسىز بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرى تۇزداننىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويسا بولمايدۇ. چۈنكى، بەزى زىيانلىق جانىۋارلار زىيانلىرىنى تۇز ئارقىلىق ئادەمگە ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.

10. ناننى ئىككى قول بىلەن سۇندۇرۇش لازىم، چۈنكى، نان ئۇلۇغ نېمەتلەردىندۇر. ئەدەپ يۈزىسىدىن پارچە نان تۇرۇپ، پۈتۈن ناننى سۇندۇرماسلىق كېرەك. ناننىڭ ئوتتۇرىسىنى يەپ، چۆرىسىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. نانغا قولنى سۈرتۈشكە بولمايدۇ. ناننىڭ ئۈستىگە قاچا-قۇچىلارنى قويۇشقا بولمايدۇ. نان ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ھەسەل، مۇراببا دېگەندەك نەرسىلەرنى ساقلىمايلا، ناننى يەۋەرسە بولىدۇ. ناننى كىچىكرەك چىشلەپ، كۆپرەك چايناش ھېكمەتتىن خالى ئەمەس.

11. قول بىلەن يېيىلىدىغان تائامنى ئۈچ بارماق، يەنى باش بارماق، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرانچى بارماقلار بىلەن يېيىش كېرەك. بۇ ئەمەل ئاز يېيىشكە ئىشارەتتۇر. ئىككى بارماق بىلەن يېيىش كىبىر ئالامىتىدۇر. تۆت بارماق بىلەن يېيىش بولسا قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

پايدا: يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ھەر بىر مەزمۇن پايدىدىن خالى ئەمەس. مەسىلەن، تېۋىپلارنىڭ ئېيتىشىچە، قول بىلەن تائام يېيىشتە ئىككى خىل ھالەت مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، بەدەن قول بىلەن غىزا ئېلىپ، كىشىنىڭ تېز تويۇشى ۋە ئاز يېيىشىگە سەۋەب بولسا، ئىككىنچىدىن، بارماقتىكى نېرۋا تومۇرلىرى ئارقىلىق مەيدىدىكى تائاملار تېز ھەزىم بولۇشقا سەۋەب بولىدىكەن.

12. تائامنى ئۆز ئالدىدىن يېيىش لازىم. باشقىلارنىڭ ئالدىدىن ۋە تائامنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئالسا بولمايدۇ. ئەمما مېۋە-چېۋىلەر بولسا، ئۇنى خالىغان يېرىدىن ئالسا بولىدۇ.

13. تائامدىن كېيىن «ئەلھەمدۇلىللا» دەپ شۈكۈر ئېيتىش لازىم.

14. قولنى سۈرتۈشتىن ئاۋۋال بارماقلىرىنى يالىۋېلىش لازىم. تەرتىپى مۇنداق: بىرىنچىلەپ ئوتتۇرا بارماقنى، ئىككىنچىلەپ كۆرسەتكۈچ بارماقنى، ئۈچىنچىلەپ باش بارماقنى يالاش لازىم.

15. داستىخاندىكى نان ئۇۋاقلىرىنى ئەدەپ ۋە ئېھتىرام بىلەن تېرىپ يېيىش لازىم. ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە، داستىخاندىكى نان ۋە تائامنىڭ قالدۇقلىرىنى يېگەن كىشىنىڭ رىزقى كەڭ بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

16. تائامدىن كېيىن چىشلىرىنى تازىلاش لازىم. چۈنكى، بۇ ئەمەل چىشلارنىڭ ساغلاملىقىغا، رىزىقنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭدەك، چىشلارنى تازىلاش پاكىزلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. چىشنى ئانار، قومۇش، رەيھان غولى بىلەن كولاش دۇرۇس ئەمەس. تال، زىرىك ۋە ئاچچىق دەرەخ شاخلىرى بىلەن كولاش مەقسەتكە مۇۋاپىقتۇر. چىشلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۇنى سىرتقا تاشلاش كېرەك.

17. تائامدىن كېيىن ئىككىلا قولنى بېغىشقىچە ئۈچ قېتىم يۇيۇش كېرەك. چۈنكى، بۇ ئەمەل ساراڭلىقتىن ساقلايدۇ، كۆز ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ. پەقەت تائام يېگەن قولنى ياكى بارماقلارنىڭ ئۇچىنىلا يۇيۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا تائام يېگۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قول ۋە لەۋلىرىنى سۈرتۈپ يۇيۇپ، ئاندىن ئۇخلىتىش لازىم.

18. تائامدىن كېيىن ئېغىزنى ئۈچ قېتىم غەر-غەر قىلىش لازىم.

19. مېھمان ساھىبخانغا خەيرلىك گەپلەرنى قىلىشى ۋە رەھمەت ئېيتىشى لازىم. ساھىبخان تائامدىن كېيىن مېھماننىڭ قولىنى يۇيۇۋېلىشى ئۈچۈن سۇ ۋە پاكىز لۆڭگە ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇماسلىقى لازىم. مېھمانلار باشقا-باشقا جايدا ئەمەس، ئىمكان بار ھەممىسى بىر يەردە قول يۇيۇشى لازىم. تەلەڭگىدىكى يۇندا چەترەك پاكىز يەرگە تۆكىلىدۇ.

تائام يېيىشتىكى ياخشى ئەمەللەر

تائام يېيىشتە تۆت تۈرلۈك ياخشى ئەمەل بار:

1. باشقىلار بىلەن بىرگە تائام يېيىش، يەنى تاماققا باشقىلارنى شېرىك قىلىش. ئۆز ئەھلى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە تائام يېسە تېخىمۇ خەيرلىك بولىدۇ. چۈنكى، ساۋاب ۋە بەرىكەت بىللە تائام يېيىشتە بولۇپ، باشقىلار بىلەن دوست ۋە بۇرادەر بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. خۇسۇسەن توي، مەرىكە ۋە مېھماندارچىلىقلاردا شۇنداق قىلىش لازىم. «كىميائى سائادەت»تە ئېيتىلىشىچە، تائامغا قانچە كۆپ كىشىنىڭ قولى ئۇزىتىلسا، بەرىكەتمۇ شۇنچە مول بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تائامنىڭ قاچىسىمۇ چوڭراق بولۇشى لازىم. چۈنكى، كىچىك قاچىدا بەرىكەت يوقتۇر. تائامنى يالغۇز يېمەسلىك لازىم. ئەلۋەتتە، دوست ۋە بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە يېيىش لازىم.

2. خەيرلىك ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بىلەن بىللە تائام يېيىشمۇ ياخشى ئەمەللەردىندۇر.

3. تائامنى ئاخىرىغىچە ھەمراھلار بىلەن بىرگە يېيىش كېرەك، چۈنكى، ئەگەر ئۇلاردىن بۇرۇن تائامدىن قول يىغسا، بەزىلىرى ھايا قىلىپ، تائامدىن قول تارتىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر يېيىشكە تاقىتى بولمىسا، ئۆزۈر ئېيتسا بولىدۇ.

4. قوللىرىنى يۇغاندىن كېيىن ئېرتماستىن، ھۆل ھالەتتە كۆزلەرنى ئۇۋىلاش لازىم. بۇ ئەمەل كۆزلەرنىڭ سالامەتلىكىگە مەنپەئەتلىكتۇر.

تائام يېيىش ئەدەپلىرى

تائام يېيىش ئەدەپلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. قورساق ئاچقاندا تائام يېيىش ۋە ئاران تويغاندا توختاش لازىم. «كىميائى سائادەت»تە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كىم قورسىقى ئاچقاندا تائام يېسە ۋە تويۇپ كېتىشتىن بۇرۇن تائام يېيىشنى توختاتسا، تېۋىپقا ھېچقاچان ھاجىتى چۈشمەيدۇ.

2. تائامدىن بۇرۇن قول يۇغاندا قولنى لۆڭگىگە ئېرتماي، شۇ پېتى قۇرۇتۇش لازىم، تاكى يۇغاننىڭ ئەسىرى قولدا قالماسلىقى كېرەك. تائامدىن كېيىن، تائامنىڭ يۇقۇندىلىرىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن قول لۆڭگىگە ئېرتىلىدۇ.

تەنبىھ: بەزى مەرىكە، مۇراسىملاردا تائامدىن ئىلگىرى قول يۇيۇلغاندا 40~50 كىشى بىر لۆڭگىگە قول ئېرتىدۇ. تېببىي نۇقتىنەزەردىن قارىغاندا، ئاشۇ تۈرلۈك قوللار ئېرتىلغان لۆڭگىگە يەنە قول ئېرتىلسا، ئەلۋەتتە، قولىمىز پاكىزە بولۇشنىڭ ئورنىغا مەينەت بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. قول يۇيۇش ئەدەپلىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، تائامدىن ئىلگىرى ياشلاردىن، تائامدىن كېيىن بولسا يېشى چوڭلاردىن باشلاپ يۇيۇلىدۇ. قول يۇغۇچنى ئوڭ تەرەپتىن ئايلاندۇرۇش كېرەك. پۇت ۋە پاچاقلارغا سۇ چاچرىماسلىقى ئۈچۈن بەدەننى ئېگىپ يۇيۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

3. تائام يېيىشتىن ئاۋۋال چىن دىلىدىن خەيرلىك تىلەكلەرنى تىلەش لازىم.

4. ئۆزىدىن ئىلىم، ئەمەل ۋە تەقۋادارلىقتا يۇقىرى ياكى ياشتا چوڭراق كىشىدىن بۇرۇن تائامغا قول ئۇزاتماسلىق كېرەك. ئەگەر مەزكۇر سۈپەتلەر ئۆزىدە بولسا، باشقىلارنى ساقلاتماسلىق كېرەك. يەنە ھەمراھىدىن بۇرۇن قول ئۇزاتماسلىقى ۋە داستىخاندىكى ياخشىراق نەرسىنى ھەمراھىنىڭ ئالدىغا قويۇشى لازىم.

5. لوقمىنى كىچىك ئېلىش لازىم.

6. لوقمىنى تاۋاقنىڭ چېتىدىن ئېلىش لازىم.

7. لوقمىنى ياخشى چايناش لازىم.

8. ئاغزىدىكى تائامنى يۇتماستىن تۇرۇپ، ئالدىدىكى لوقمىغا قول ئۇزاتماسلىق لازىم. يەنى تائامنى ئالدىراپ-تېنەپ يېمەسلىك لازىم. ھەكىملەر مۇنداق دەيدۇ: «ھەر كىم تائام يېيىشتە ئالدىرىسا ياكى ھاپىلا-شاپىلا يېسە، چوقۇم كېسەل بولماي قالمايدۇ!»

9. لوقمىنى ئالغاندا بېشىنى بەك ئېگىز كۆتۈرمەسلىك لازىم.

10. لوقمىنى ئاغزىغا ئېلىپ بارغاندا، ئاغزىنى بەك چوڭ ئاچماسلىق لازىم.

11. ھەر بىر لوقمىنى يېيىشتىن ئاۋۋال «بىسمىللا»، يەپ بولغاندىن كېيىن «ئەلھەمدۇلىللا» دېيىش لازىم.

12. تائام يېيىشكە ئولتۇرغاندا تائامغىلا قاراش لازىم، باشقا ياققا قاراپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.

13. يۆتەل تۇتقان ۋە چۈشكۈرگىسى كەلگەندە يۈزىنى باشقا ياققا بۇراش لازىم.

14. ئەگەر ئاغزىدىن بىرەر نەرسە چىقسا، يۈزىنى بۇراپ، سول قولى بىلەن ئېلىش لازىم.

15. ياغلىق لوقمىنى سىركىگە (ئۈزۈم سىركىسى) ۋە ياكى سىركىنى ياغلىق لوقمىغا پاتۇرۇپ يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا باشقىلارغا يامان كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا يامان كۆرۈنىدىغان ئەمەللەرنى قىلماسلىق كېرەك.

16. ھەمراھلار بىلەن بىرگە تائام يېگەندە چىشلىگەن لوقمىسىنى سىركە، شورپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە پاتۇرماسلىق لازىم.

17. ھەمراھىنىڭ قولى تاۋاقتا بولغاندا، بۇ كىشى قولىنى تاۋاققا ئۇزاتماسلىقى لازىم.

18. سۆڭەك، ئانار، ئالما، قوغۇن شاپىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئالدىغا قويۇش لازىم. مېۋە-چېۋىلەرنىڭ سۆپۈكىنى مېۋە ئېلىنغان تاۋاققا تاشلىماسلىق لازىم.

19. كىشىلەرنى كۆپ يېيىشكە دەۋەت قىلىۋەرمەسلىك لازىم، بولۇپمۇ مېھمان بىمار بولسا بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.

20. قولغا ئېلىنغان لوقمىدىن تاۋاق ۋە ياكى داستىخانغا ئۇۋاق ۋە دانىلەرنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم.

21. قول يۇيىدىغان چاغدا سوپۇن ئىشلىتىش لازىم.

22. قولغا سۇ قۇيۇۋاتقان كىشىنىڭ ھەققىگە رەھمەت ئېيتىش، ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش لازىم.

23. ئاغزىنى چايقاش ئۈچۈن ئېلىنغان سۇنى چاچراتماستىن تۇرۇپ يۇندى قاچىسىغا چۈشۈرۈش لازىم.

تائام يېيىشتىكى خۇش كۆرۈلمەيدىغان ئەمەللەر

تائام يېيىشتىكى خۇش كۆرۈلمەيدىغان ئەمەللەر تۆۋەندىكىچە:

1. زىيان قىلمايدىغان تائامنى يېمەسلىك.

2. تائامنى ئەيىپلەش. ئەمەلىيەتتە تائام ئۇنىڭغا ياقسا يېسە ۋە ياقمىسا قولىنى تارتسا بولىدۇ.

3. قوغۇن ياكى ناننىڭ ئوتتۇرىسىنى يەپ، قالغىنى يېمەسلىك.

4. قاراڭغۇدا بىر نەرسە يېيىش.

5. ئۆرە تۇرۇپ ياكى ماڭغان ھالدا، يانپاشلاپ يېتىپ تائام يېيىش.

6. گۆشنى پىچاق بىلەن كېسىش.

7. ناننى پىچاق بىلەن توغراش. بۇ ئىككى نېمەتنى ئىلاجىنىڭ پارىچە قول بىلەن پارچىلاش لازىم.

8. قولنى تاۋاققا سىلكىش. يەنى، قولىدىكى لوقمىدىن قالغان نەرسىلەرنى تاۋاققا تاشلاش.

9. لوقمىنى ئاغزىغا ئېلىپ بارغان ھالدا بېشىنى تائام ئۈستىگە ئېگىش.

10. زۆرۈرىيەتسىز بىرەر ئىش ئۈچۈن داستىخاننى يىغماستىن تۇرۇپ كېتىش.

شۇنىڭدەك، تائام يەۋاتقاندا باش ۋە باشقا ئەزالارنى قاشلاش، بۇرۇن، پۇت ۋە بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا قول تەگكۈزۈش، ئېغىز ۋە بۇرۇن سۈيىنى تاشلاش، ئېغىزدا لوقما بار ھالەتتە سۆزلىشىش، سورۇن ئەھلىنىڭ ئالدىدا چىش كولاش، كوپچىلىك بىلەن تائام يېگەندە ئاغزىدىن بىرەر نەرسىنى چىقىرىش، مېھماننىڭ ئالدىدا كىچىك بالىلار بىلەن ئوينىشىش ياكى ئۇلارنى ئولتۇرغۇزۇش، داستىخان ئۈستىدە ناس، سىگارت چېكىش ۋە تۈكۈرۈشكە ئوخشاش قىلىقلارنىڭ ھەممىسى خۇش كۆرۈلمەيدىغان ئەمەللەر جۈملىسىدىندۇر.

تائام يېيىشتىكى پەرھىزلەر

تائام يېيىشتە تۆۋەندىكىدەك پەرھىزلەر بار:

1. ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ياكى مىستىن ياسالغان قاچىلاردا تائام يېيىش.

2. پىيالە، قاچا، تاۋاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى نان ئۈستىگە قويۇش. ئەمما يەيدىغان نەرسىلەرنى ناننىڭ ئۈستىگە قويسا بولىدۇ. ناننى زىيادە ئەزىز كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم. دانالار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىر چىشلەم نان ئۈچۈن ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى خىزمەت قىلىدۇ. يەنى، ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشىنىڭ خىزمىتى بىلەن بىر چىشلەم نان ھاسىل بولىدۇ.»

3. تائامنى ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇش. بەلكى تائامنى خار قىلماسلىق ئۈچۈن ئۆزى تائامغا يېقىنراق ئولتۇرۇش لازىم.

4. تائامنى پۈۋلەش. چۈنكى، تائامنى پۈۋلەش بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە بەرىكەتنى يوق قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

5. تائامنى پۇراش. چۈنكى، بۇ ھايۋانلارنىڭ ئادىتىدۇر.

6. تائامنى بەك ئىسسىق پېتى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلسا تائامدىن بەرىكەت كېتىدۇ. ھېكايە قىلىنىدۇكى، بىر كىشى لوقمان ھەكىمنى ئىزدەپ كېلىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭغا شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن تائامنى سوۋۇتۇپ يېگەن كىشىنى كۆرسىڭىز، ئاشۇ كىشى دەل لوقمان ھەكىمدۇر.»

7. باشقىلارنىڭ لوقمىسىغا قاراش. «قابۇسنامە»دە شۇنداق دېيىلىدۇكى، كۈنلەردىن بىر كۈنى ساھىب ئىسمائىل بىن ئابباس ئۆزىنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى بىلەن تائام يەپ ئولتۇراتتى. ھەمراھلىرىدىن بىرىنىڭ قاچىدىن ئالغان لوقمىسىدا بىر تال چاچنى كۆردى. «چاچنى لوقماڭدىن ئېلىۋەتكىن» دېدى. ئۇ كىشى قاچىسىنى قويۇپ چىقىپ كەتتى. ساھىب ئۇ كىشىنى قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئۇ كىشى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ساھىب ئۇنىڭدىن تائام يېمەستىن داستىخاندىن تۇرۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. ئۇ كىشى دېدى: «مېنىڭ لوقمامدىكى بىر تال چاچنى كۆرگەن كىشىنىڭ تائامىنى يېمەسلىك ياخشىراقتۇر.» ساھىب بۇ سۆزدىن قاتتىق خىجالەت بولدى.

8. تائامنى باشتىن-ئاخىر جىم ئولتۇرۇپ يېيىشكە بولمايدۇ. تائامنى مەجلىسكە مۇۋاپىق سۆزلەر ۋە ئۇلۇغلارنىڭ ھېكايەتلىرىدىن ئېيتىپ يېگەن ياخشى. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى بۇزىدىغان گەپلەرنى زىنھار قىلماسلىق لازىم.

9. قورساق بەك تويغۇچە يېيىش. ئاز يېيىشتە پايدا كۆپتۇر، چۈنكى، بۇ ئەمەل كىشىنىڭ ساغلام، زېھنى ئۆتكۈر، ئەقلى كامىل، پەم-پاراسەتلىك، سەگەك، ھۇشيار ۋە نەپسىنىڭ يەڭگىل بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. كۆپ يېيىشنىڭ زىيىنىمۇ كۆپتۇر. بىپەرۋالىق، كۆپ ئۇخلاش، بەدەن ئېغىر بولۇش، پەمسىزلىك، ئۇنۇتقاقلىق ۋە باشقا كېسەللىكلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر كېسەللىك ئاز يېيىشتىن پەيدا بولغان بولسا، بىرئاز دورا-دەرمان بىلەنلا تېز ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر كۆپ يېيىشتىن پەيدا بولغان بولسا، ئۇ ھالدا كۆپ جاپا چەككەن تەقدىردىمۇ ساقىيىشى قىيىن بولىدۇ. چۈنكى، يېيىش بارلىق دەرتلەرنىڭ بېشى ۋە ئاز يېيىش بارلىق دەرمانلارنىڭ بېشىدۇر. بېيىت:

جىسمىم ساغلام بولسۇن دېسەڭ گەر مۇدام،

زۆرۈرىيەتتىن ئارتۇق يېمىگىن تائام.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغلاردىن بەزىلىرى ئىككى كېچە-كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم تائام يېيىشنى ئىختىيار قىلىشقان. بىرىنچى كۈنى سەھەردە، ئىككىنچى كۈنى پېشىندا. كۆپ يېيىش يەنە قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى، قەلب زىرائەتكە ئوخشايدۇ. زىرائەت كۆپ سۇغۇرۇلغانلىقتىن نابۇت بولغانغا ئوخشاش، دىلمۇ كۆپ يېيىشتىن ئۆلىدۇ. ھۆكۈمالار مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ تائىپە كىشىدىن زىيان كۆرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ دوست تۇتۇلمايدۇ. بېخىل، تەكەببۇر ۋە بەك تويۇپ تائام يېگۈچى.» فۇزەيل رەھىمەتۇللا مۇنداق دەيدۇ: «قەلبنى قاتتىق قىلىدىغان ئىككى خىسلەت بار، يەنى، ئىككى نەرسە كىشىنى تاشيۈرەك قىلىپ قويىدۇ. بىرى، كۆپ گەپ قىلىش؛ يەنە بىرى كۆپ يېيىش.» شەيخ سەئدىي شېرازىي «گۈلىستان»دا ئۇشبۇ ھېكايەتنى كەلتۈرىدۇ: ئىككى كىشى بىر شەھەرگە سەپەر قىلىدۇ. شەھەر ئەھلى ئۇلارغا بىر گۇناھ ئارتىپ، تۆھمەت قىلىپ قاماپ قويىدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقى ئېنىقلىنىپ، ئىشىكنى ئاچسا، بىرى تىرىك، يەنە بىرى بولسا ئۆلۈك تۇرغۇدەك. ئۆلۈمالار بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «ئۆلگىنى كۆپ يېيىشنى ئادەت قىلغانىكەن، چىدىماي جان تەسلىم قىلدى. ئىككىنچىسى ئاز يېگەنلىكى ئۈچۈن جېنى ئامان قالدى.»

10. بارماق ياكى پىچاقنى نانغا ئېرتماق، ئەگەر ئېرتىلغان ناننى يېسە جائىز.

11. خەت يازىدىغان قەغەزگە قول ئېرتماق.

12. يولدا تائام يېيىش.

تائام يېيىشتىكى چەكلەنگەن ئەمەللەر

تائام يېيىشتىكى چەكلەنگەن ئەمەللەر تۆۋەندىكىچە:

1. توق قورساق ئۈستىگە تائام يېيىش.

2. زەللە كۆتۈرۈش، يەنى ساھىبخاننىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ، داستىخاندىكى نان، مېۋە ۋە ئاشقان تائاملاردىن ئېلىپ كېتىش مېھمان نومۇسلۇق ئىشتۇر. ئەگەر ئۆي ئىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلسە، ئالسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا ھەمراھى بىلەن بار مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلسا بولىدۇ. يەنى ھەر كىم ئۆز ئالدىدىكى نەرسىنى ئالىپ، ھەمراھىنىڭ ئالدىدىن ئالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇ رازى بولسا، ئالسا بولىدۇ.

ئەتىگەندە تائام يېيىشنى مۇبارەك بىلىش لازىم. چۈنكى، ئەتىگەنلىك تائامدا تەن ۋە قانغا كۆپ مەنپەئەت بار. كەچقۇرۇن بولسا ئازراق يېيىش لازىم. ئەلۋەتتە، كەچلىك تائامنى تەرك ئەتمەسلىك لازىم، بولمىسا بەدەن ماغدۇرسىز، سۇسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەمما زىنھار تويۇپ يەپ ياتماسلىق لازىم، چۈنكى بۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. بەزى خەلقلەر: «ئەتىگەنلىك تائامىڭنى ئۆزۈڭ يە، چۈشلۈك تائامنى دوستۇڭ بىلەن يە، كەچلىك تائامىڭنى دۈشمىنىڭگە بەر!» دەپ بىكار ئېيتمىغان.


مەنبەسى:

ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى-شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئائىلىگە ئاپتاپ» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى