بىزنىڭ مەشرەپلىرىمىز

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

ئاقتۇ تاغ مەشرىپى

قارا قۇرۇم تاغلىرى باغرىدا تارىختىن بۇيان ساقلىنىپ ۋە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولغان تاغ مەشرىپىنىڭ شەكلى خىلمۇ- خىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، باشقا رايونلار، تۈزلەڭلىك يېزىلاردىكى مەشرەپ شەكلىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە.

ئاقتۇدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»، «توي مەشرىپى» ، «ئوغلاق مەشرىپى» قاتارلىق بارلىق مەشرەپ پائالىيەتلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تاغ مەشرىپى» دەپ ئاتىلىدۇ.


ئاقسۇ چوغتال مەشرىپى

ئاقسۇ «چوغتال مەشىرىپى» ئاقسۇ دىيارىنىڭ قاراتال، بەشتۈگۈمەن، ئايكۆل، قۇمباش ئىگەچى قاتارلىق جايلاردىكى ئەلنەغمىلەر مۇقام ۋە ھەرخىل قوشاق-بېيتلەر، چۆچەك، ئويۇنلار ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئاقسۇ دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئاممىۋىي مەشرەپكە ئايلانغان . بۇ مەشرەپتە «سۇ ئوغرىسىنى جازالاش» نامىدىكى بىر ئويۇندۇر، مەشرەپتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ سۈيىنى ئوغۇرلاپ، ئۆزىنىڭ ئېتىزىغا قۇيىۋالغان بىر ئوغرىنى تۇتۇپ، مەشرەپ سورۇنىدىن ئۆستەڭگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىش ئويۇنى بار بولۇپ، ئوغۇرلۇق قىلىشنىڭ جىنايەت ئىكەنلىگىنى كىشىلەرگە ئويۇن ئارقىلىق تونىتىدۇ . «شاھ بىلەن تاياخون» ناملىق چۆچەكتە ئوۋچى بىلەن پادىشاھنىڭ سۇئال- جاۋاپلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئەقىل ئىدىراكنىڭ ئادەملەرنىڭ جاپا- مۇشەقەتلەرنى يىڭىپ،ھايات يولىدا ئۆزىنىڭ بەخىت-سائادېتىنى يارىتالايدىغانلىغى ئىپادە قىلىنغان .


ئالتاي تەبرىك مەشرىپى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئەڭ شىمالىي بۇرجىكىگە، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان ئالتاي دىيارى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى پارلاق مەدىنيىتى مول كان بايلىقلىرى ۋە گۆزەل تەبىئى مۇھىتى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىران دەرياسى بويىدا بىنا بولغان ئالتاي شەھرى (سار سۈمبە) ئىزچىل ھالدا سودا-سېتىق، ھۆنەر- سەنئەت، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ نەۋقىران ياشلىق جاسارىتىنى ۋە جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. ئالتاي ئۇيغۇرلىرى ھەم ئورتاقلىققا ھەم خاسلىققا ئىگە بولغان ئىگىلىك شەكلى، تۇرمۇش ئەنئەنىسى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا مۇناسىپ ھالدىكى ھەرخىل مەشرەپ، ئەلنەغمە، ناخشا-ئۇسۇل، ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە، ھەرخىل چاقچاقلار قاتارلىق ئەلئارا سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيتىپ كەلگەن، بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئالتاي دىيارىدا سودا-سېتىق، مىللىي كارخانىچىلىق، پەن، مائارىپ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت مىسلىسىز راۋاجلاشقان ھەمدە بۇ جەھەتلەردە شىنجاڭدىكى ئۈلگىلىك جايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان .

20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئالتايلىق چوڭ باي غوپۇر شىياڭيۇ ئالتاي شەھرىدە ئالتاي كۆن-خۇرۇم كارخانىسى ئۆتكۈزىۋالغان ھەمدە ئاشۇ كارخانىسنى كېڭەيتىپ، مەشھۇر «ئالتاي كۆن - خۇرۇم زاۋۇتى» نى قۇرغان . بۇ كاتتا ئىشنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، شۇ چاغدىكى ئالتايدىكى بايلارنىڭ سەركىسى مۇنەۋۋەر باي چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەشرەپكە ئالتايدىكى چوڭ بايلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما قاتناشقان، مەشرەپتە ئالتاي ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى ئارتىسلار ۋە جەمئىيەتتىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ناخشا-ئۇسۇل-، دراممىدىن ئارىيە، ئوپىرا، لەپەر قاتارلىق تۈرلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرخىل نومۇرلارنى كۆرسەتكەن، بۇ قېتىم ئىشلەنگەن «ئالتاي تەبرىك مەشرىپى» ئەنە ئاشۇ مەشرەپنى قايتا نامايەن قىلىش ئاساسىدا ئىشلەندى .


ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى

باراۋەت مەشىرىپى ئىجاتجان، ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەل ئىچى مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پەقەت ئاتۇشتىلا ساقلىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

«باراۋەت» سۆزى «باراۋەر» ۋە «ئەت» دېگەن ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان. «باراۋەر» سۆزى تەڭلىك، باراۋەرلىكنى كۆرسەتسە، «ئەت» بولسا گۆشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (گۆش تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ) دېگەنلىك بولىدۇ.

باراۋەت بىز ھازىر دەپ كېلىۋاتقان كىم ئارتۇق سودىسىنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى بولۇپ، قوينىڭ گۆش، بويۇن، بۆرەك، ياغ، تېرە قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرى تۆۋرۈككە يەنى كىم ئارتۇق سورۇنىغا قويۇلىدۇ.

باراۋەت مەشرىپى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولغان كاتتا پائالىيەت، ئۇ كىشىلەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىنى، سېخى مەرتلىكىنى، ساخاۋەتلىكىنى، ئىلىمگە تەشنالىقىنى، ئاۋام ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان، مەرتنى مەيداندا سىنايدىغان كاتتا سورۇندۇر.


ئاۋات جۇگان توي مەشرىپى

ئاۋات ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمالى چېتىگە جايلاشقان ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيلىك ئورنى ئپتىدائى مەدەنىيەت چۆكتۈرمىسى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە دولان مۇقام مەشرەپلىرى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاۋاتتا مەشرەپ پائالىيەتلىرى بىر قەدەر مول تۈرلىرى خىلمۇ-خىل قىزىقارلىق تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر بۇ قېتىم جۇگان توي مەشرىپى قايتا قىزىلىش ۋە رەتلىنىش ئاساسىدا سۈرەتكە ئىلىندى .

جۇگان توي (چاچۋاي توي) قىزلار ياتلىق بولۇپ بىرنى تۇققاندىن كېيىن ياكى ھامىلدار ۋاختىدا قىزنىڭ ئاتىسى تەرپىدىن ئۆتكۈزۈپ بىردىغان مۇراسىم، بۇ (جۇگان توي دەپ ئاتىلدۇ)، بۇ مەشرەپتە قىزنى ياساپ چاچۋاخ سېلىپ قىزنىڭ جۇگان بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ ۋە ئۇسۇل، ناخشا، مۇزىكا، بىيت، قوشاقلار ئارقىلىق سورۇننى قىزىتىدۇ. مەشرەپنىڭ يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىقى دولان خەلق مەشرەپلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان سېھرى كۈچى ۋە جەلىپكارلىقى كىشىلەرگە ئىستىتىك زوق بىغىشلايدىغان خاسىيتنى نامايەن قىلىندۇ .


بۆرتالا بوزقىر مەشرىپى

ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان بۆرتالا دالاسىدا ئەجداتلىرىمىز تاغدىن-تاغلارغا، يايلاقتىن-يايلاققا، بوز قىرلاردىن ئېتىز-باغلارغا كۆچۈپ ئاي-يۇلتۇز ئاق بۇلۇتلارنى يېپىنچا، مەخمەلدەك تۇپراقنى پايانداز زىلچا قىلىپ، ئات چاپتۇرۇپ، يىلقا قوي-پادىلىرىنى ئاۋۇندۇرۇپ يۇرت ئېچىپ كەلگەن ئىدى.

بورتالا دەل ئەنە شۇ يىراق ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بوز قىر مەشرىپى داۋاملىشىپ كەلگەن، شىمالىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر بولغان سايرام كۆلى بويىدىكى مۇنبەت يايلاققا جايلاشقان جەنۇب-شىمال مەدەنىيىتى ئۇچىراشقان خاسىيەتلىك زىمىندۇر.

بورتالا مەشرىپى تىپىك بوز قىر دالاسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرىپى بولۇپ ئۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى بوز يەر ئاچقان، ئىتتىپاقلىشىپ يۇرت قۇرىغان، كۆرەش ئەمگەك ئارقىلىق ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت-سەنئەت بايلىقى ياراتقان خەلقنىڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبى قوشۇلۇپ ئۇچۇرۇشۇپ بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە مەشرىپىدۇر.


گۇما كىلىياڭ مەشرىپى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قارا قۇم تېغىنىڭ شىمالى يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قارا قۇرۇم ئۇيغۇرلىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە دىھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن ئارلاشما ئىگىلىك شەكلىگە ماس ھالدىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئەنئەنىسنى ياراتقان. ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيسىنىڭ كىلىياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي كارۋان يولى لاداخ يولىدىكى مۇھىم بىر ئۆتكەل بولۇپ، نەچچە ئەسىردىن بۇيان دىيارىمىز بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرغان ھەرخىل باردى-كەلدىلەرگە گۇۋاچى بولۇپ كەلگەن. بۇ يېزىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئۆزىنىڭ خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان، بۇ خىل ئەنئەنە ‹‹كىلىياڭ مەشىرىپى›› دەپ ئاتالغان مەھەللىۋىي ئونىۋىرسال سەنئەت پائالىيتىدە بىر قەدەر مەركەزلىك ھالدا ئىزچىللىشىپ ماڭغان . 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۇما ناھىيسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا ئۆتكەن شائىر ۋە خەتتات ئىسمائىل ھاجىمنىڭ دالالىشى بىلەن ئۇيغۇر كىلاستسىك ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر ۋە ماھىر تىۋىپ ھۈسەيىنخان تەجەللى قاغىلىقتىن كىلىياڭغا كىلىپ بىر مەزگىل تۇرغان ھەمدە بۇ ئىككى ئەدىبنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى تاكى تەجەللى ۋاپات بولغىچە داۋاملاشقان.

بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان ‹‹كىلىياڭ مەشرىپى›› ئەنە شۇ ئىسمائىل ھاجىمنىڭ تەجەللىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ئائىلە مەشرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەندى. بۇ مەشرەپكە ‹‹كىلىياڭ مەشرىپى›› دەپ ئاتىلىدىغان يۈرۈشلەشكەن ئەلنەغمە، ئۇسۇل، مەشرەپ ئويۇنلىرى خەلق ناخشىلىرى قاتارلىقلار رەتلەپ كىرگۈزۈلدى.


خوتەن گۈلچاي مەشرىپى

‹‹خوتەن گۈلچاي مەشرىپى›› - خوتەن خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزىگە ئەنئەنە قىلىپ كېلىۋاتقان يوسۇن-قائىدىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۇرت ئاۋاملىرىنى ئۆز-ئارا ئۇچىراشتۇرۇش ئارقىلىق يۇرتتا بولۇپ ئۆتكەن، يۈز بېرىۋاتقان مەسىللەرنى يۇرت چوڭلىرىغا مەلۇم قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ساۋاپ ئىگىلىرىنى تارتوقلاش، ناشايان قىلمىشلارغا نەسىھەت بېرىش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان .

بۇ مەشرەپتە مەشرەپ سورۇنى ئەسىرلەر سورۇنى ۋە ئاياللار سورۇنىدىن ئىبارەت بىر مەيدا ئىككى سورۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۈملىدىن خوتەن خەلقىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي ئادىتى ئىپادىلىنىدۇ، ئەرلەر سورۇنىدا ئەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمگەك، تۇرمۇش توغرىسىدىكى پەندى-نەسىھەتلەر سۆزلەنسە، ئاياللار سورۇنىدا ئاياللارغا خاس بولغان تەلىملەر سۆزلىنىدۇ .


كەلپىن ئودىكام مەشرىپى

كەلپىن ناھىيسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمال چېىتىگە، قىرتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان بولۇپ، چۆللۈك بىلەن بوستانلىقنىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان تۆت ئەتىراپى تاقىر تاغلار بىلەن قورشالغان قەدىمىي يۇرت. ئەزەلدىن قويۇق ئەپسانە-رىۋايەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان كەلپىنلىكلەر ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ماددىي ئىستىمالغا بولغان تەلپۈنۈش بىلەن مەنىۋىي تۇرمۇشقا بولغان قانماس ئاشنالىقىنى ئىپادىلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇقەددەس بىرلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خاس ياشاش ئادىتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ياراتقان. بۇ خىل ئەنئەنە ئۇلارنىڭ خەلق ئەلنەغمە، سەنئەت، بولۇپمۇ ھەرخىل مەشرەپلەردە تۇلۇق ئىپادىلنىپ كەلگەن. كەلپىن مەشرەپلىرنىڭ بىرى بولغان ‹‹ئودىكام مەشرىپى›› كەلپىنلىكلەرنىڭ يىراق تارىخى دەۋرلەردىن بۇيان تەبىئەت تەغدىم قىلغان پۈتمەس-تۈگىمەس ئىستېتىك ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ ئاۋام ئارىسىدىكى ئىپادىسى سۈپىتىدە قويۇق ئەلئارا سەنئەتلىك ھەمدە مائارىپلىق رولىنى ئىزچىل جارىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇنىۋېرسال يەرلىك ئاممىۋى سەنئەت شەكلىدۇر.

بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان كەلپىن ‹‹ئودىكام مەشرىپى››گە كەلپىنلىكلەرنىڭ يەرلىك ئەلئارا سەنئەتنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن.


يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى

« كاچۇڭ مەشرىپى » قارا قۇرۇم باغرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىر- ئەسىرلەردىن بۇيان قانماي ئويناپ كېلىۋاتقان تىرىك، ئەنئەنىۋىي سەنئەت مىراسىدۇ. بىر يۈز بەش نەغمە، ئىككى مىڭ بىر يۈز مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز يۈرۈش چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق بىرىكمە گەۋدىدىن تەركىب تاپقان كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ شاش، مەردانە تەلقىنلىرىدىن ھېلىمۇ « ئات ئۈستى مەدەنىيىتى » دەۋرىدىكى يىراق قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھىدى كېلىدۇ. ئون ئىككى مۇقام دەرۋەقە دۇنيا سەنئەت تارىخىدىكى بىر ئاجايىبات. بۇ ئاجايىبات تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ئۈگە- ئۈگىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن مۇقام ھادىسىسىگە مۇنبەت زېمىن ھازىرلىغان ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدە ئاينىغان. دولان مۇقامى، قۇمۇل مۇقاملىرى، جۈملىدىن كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرى ئانىلىق قۇچاق بولۇپ ئون ئىككى مۇقامنى ئەي قىلغان ئىپتىدائىي مەنبەدۇر.


قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى

«كىتابخانىلىق مەشرىپى»-ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. «كىتابخانىلىق مەشرىپى» ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «سۇغدۇش» ( كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش ) دەپ؛ ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەپچە «مەشرەپ» ، «مەجالىسۇن كۇتۇپ» ( كىتاب ئوقۇش مەشرىپى ) دەپ ئاتالغان بولسا، ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ناۋائىي زامانىسىدا «ئىلمىي مۇسابىيە» ( ئىلمىي سۆھبەت ) ، «مەجالىسۇن نەپائىس» ( گۈزەل مەجلىسلەر ) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئابدۇرېھىم نىزارىدىن كېيىن ئانا تىلىمىزدا «كىتابخانىلىق مەشرىپى دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىدى.

«كىتابخانىلىق مەشرىپى» كىتابلار ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت، بەس- مۇنازىرىلەر، باھالار، قۇتلۇق تىلەكلەر، ئۈمىد- ئارزۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ سەنئەت ئويۇنلىرى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.

«كىتابخانىلىق مەشرىپى» دە ئىلىم- مەرىپەت، مۇقام، ئەلنەغمە، ناخشا- مۇزىكا، قىزىقچىلىق، ھەجۋىي ئويۇنلار، خۇشخەت، ۋاھىزلىق، مۇشائىرە، تېپىشماق قاتارلىق مول مەزمۇن، رەڭدار، خىلمۇخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىلىم- ھىكمەت، ئەخلاق، ئەقىدە- ئېتىقاد، ئادىمىيلىك پەزىلەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنغان.


قۇمۇل كۆك مەشرىپى

قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەم يەرلىك تۈسكە ھەم دۇنياۋى روھقا ئىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنساناپ ئىجتىمائىيلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا ھەممىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە تارتىدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە «قۇمۇل كۆك مەشرىپى» دۇر.

«قۇمۇل كۆك مەشرپى» تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى. شۇڭا بۇ مەشرەپ قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان، ئەڭ ئومۇملاشقان مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ گۈللەپ ياشناشقا سىمىۋول قىلىنغان. بۇ مەشرەپ مول- ھوسۇل شاتلىقىنى ئىزھار قىلىش، شاتلىققا تولغان ئامەتلىك يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆز- ئارا تىلەك تىلەش مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى مەشرەپنىڭ بەلگىسى ھاياتلىقنىڭ سىموۋولى بولغان «كۆك» نى ئالاھىدە، تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈپ تەييارلايدۇ ۋە ئۇنى تولىمۇ بەك ئەتىۋارلايدۇ. ئۇنى تەرىپىلەپ « كۆك خېنىم، سىچېچەك » دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇنى خۇددى ساھىبجامال ئورنىدا كۆرىدۇ.


قۇمۇل ئوردا مەشرىپى

جۇڭگو ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا مىللىي خاسلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ باي مەزمۇنلۇق، ئەڭ رەڭدار ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرى. قۇمۇل مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ يارقىن گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باي، مەزمۇنلۇق، جانلىق ئۇسلۇبقا ئىگە خەلق سەنئىتىدۇر.

قۇمۇل مەشرەپلىرى قۇمۇل مۇقاملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق ئىچىگە سىڭگەن. قۇمۇل مەشرەپلىرى گەرچە 20 خىلدىن ئاشسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئوردا مەشرىپىدۇر. ئوردا مەشرىپى قەدىمىيلىككە، نەپىس سەنئەت شەكلىگە ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ۋاقىت جاي خاراكتېرلىك خەلق سەنئىتىدۇر.

بۇ ئوردا مەشرىپى قۇمۇلنىڭ يەتتىنجى ئەۋلاد ۋاڭى مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ دەۋرىنى، ئۇنىڭ ئىلى يۇرتىدىن مېھرىبانۇ خېنىمغا ئۆيلەنگەن توي كۈنلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.

مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ مەرىپەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، سەنئەتكە ئامراق ۋاڭلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قۇمۇل يۇرتىنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرغان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئەلنى قوغدىغان، خەلقىنىڭ مەرىپەت، ئىلىم- بىلىم، سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان. ئۇ مېھرىبانۇ خېنىمغا ئۆيلىنىشتىن 40 كۈن بۇرۇن قۇمۇلنىڭ 12 تاغ، بەش شەھەر، شەھەر ئەتراپىدىكى داڭلىق ئەلنەغمىچى، سازەندە، ناخشىچى، ئۇسۇلچى، قىزىقچىلارنى يىغىپ ئوردا مەشرىپى ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇرغان ھەم قۇمۇلنىڭ مەشرەپ- مۇقاملىرىنى رەتلەتكۈزگەن. شۇ ئاساستا كېيىنكى ئوردا مەشرەپلىرى ۋە ئىچكى مەشرەپلەر ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەرگەن.

قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدىكى ئوردا مەشرەپلىرى بەزىدە مېلىش شەكلىنى ئالغان بولۇپ، پەند- نەسىھەت، ئىلىم- تەربىيە، خەلق تۇرمۇشى ھەققىدە مەسلىھەت قاتارلىقلار ئوردا مەشرىپىنىڭ مۇچىم مەزمۇنلىرى بولۇپ قالغان.

ئوردا مەشرىپى ئاساسەن روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز بايراملىرىدا، توي، بۈشۈك توي، سۈننەت تويلاردا ۋە سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ. ئوردا مەشرەپلىرىدە ئاساسەن ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، لەپەر، قىززىقچىلىق، بېيت ئېيتىشىش، دورامچىلىق، تەقلىد ئۇسسۇللىرى ئوينىلىدۇ.


كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان كۇچا ئۆزىنىڭ مول ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايلىقلىرى بىلەن ئالامگە مەشھۇر.

« كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى » - قەدىمكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، مۇتلەق كۇچا ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە، ئاممىۋىلىقى كەڭ، مەزمۇنغا باي، جانلىق ئۇسلۇپقا ئىگە ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرىدۇر. كۇچا مەشرەپلىرى پەقەت كۇچا ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئاساش قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان، خەلق ئىچىگە سىڭگەن ھەم راۋاجلانغان.

كۇچا مەشرەپلىرى 30 خىلغا يېقىن بولۇپ، بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدىغان، نەپىس سەنئەت شەكلىگە ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ۋاقىت، جاي خاراكتىرلىك خەلق سەنئىتىدۇر. باغ سەيلىسى مەشرىپىگە خەلق سەنئەتكەرلىرى قاتنىشىپلا قالماستىن بەلكى كۇچانىڭ خان ئوردىسىدىكى ئۇسسۇلچىلار، سازەندىلەر، ھەتتا خان ۋە ئوردا بەگلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

بۇ مەشرەپتە يەككە كىشلىك، جۈپ كىشلىك ۋە كۆپ كىشلىك ناخشىلار، ئۇسسۇللار، قىزىقچىلىقلار، لەپەر، بېيىت، قوشاقلار، تەقلىدىي ئۇسسۇل ۋە ھىكمەتلەر ئايان بولىدۇ.