بالىلار ماختاشقا ئەمەس، بايقاشقا موھتاج

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

بالىلار ماختاشقا ئەمەس، بايقاشقا موھتاج


ئەكبەر ئىسمائىل

بالا تەربىيەسىدە ئۇزاقتىن بۇيان ‹‹ماختاش››نى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق، بىراق چەت ئەللەردىكى بەزى تەتقىقاتلاردا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ماختاشقا قارىغاندا، بايقاشقا بەكرەك موھتاج بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بىر تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار ئوخشىمىغان ياش قۇرامىدىكى بالىلارغا ئاۋۋال بىر گۇرۇپپا ئاددىي ھېساب ئىشلەتكەن، ھەمدە ھەربىر بالىغا ئايرىم – ئايرىم باھا بەرگەن. قىسمەن بالىلارنى ماختاپ: ‹‹پاھ، سىز نېمەدېگەن ئەقىللىق!›› دېگەن، يەنە بىر قىسىم بالىلارغا بولسا: ‹‹بايا بەك تىرىشتىڭىز!›› دېگەن، ئارقىدىن بالىلارغا يەنە بىر گۇرۇپپا قىيىنراق ھېسابنى ئىشلەتكەن. بۇ چاغدا ‹‹ئەقىللىق›› دەپ تەرىپلەنگەن بالىلاردا ئومۇميۈزلۈك مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش ئەندىشىسى پەيدا بولغان، ئۇلار ھە دېگەندە ئاسانراق ھېسابلارنى ئىشلەشكە مايىللىشىپ، قىيىنراق ھېسابلاردىن ئۆزىنى تارتقان، ھەتتا تىت – تىت بولۇش، ئەسلىدىكى سەۋىيەسىدىن چېكىنىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.

بۇ ئاڭلىماققا بىزنىڭ ‹‹بىلىشىمىز››گە زىتتەك قىلىدۇ، بىراق ئىنچىكە ئويلىساق، ئەمەلىيەتتە، بۇ بىزنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

‹‹ماختاش›› گەرچە كىشى كۆڭلىگە ياقسىمۇ، ئەمما ئۇ پەقەت نوقۇل باھادىن ئىبارەت. ئۇ كىشىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ چىقىرىلغان ‹‹نەتىجە››نىڭ ئىپادىسى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ‹‹نەتىجە››نى كىشىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. كىشىلەر باشقىلارنىڭ ‹‹ماختىشى››غا ئېرىشكەندە، ئۆزىنىڭ بۇ ‹‹ماختاش››قا ماس كەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىلىپ – بىلمەي ئۆزىدە ئارتۇقچە بېسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ ۋە بۇنداق بېسىمنىڭ تەسىرىدە يۇقىرىدىكى تەتقىقاتتا تىلغا ئېلىنغان ‹‹ئەقىللىق›› بالىلارنىڭ ئاسان ھېسابنى ئىشلەشنى تاللىغىنىدەك تەكرار ئەمگەك قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. تەكرار قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ياخشى باھاغا ئېرىشىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بالىلار ھەرگىزمۇ يېڭى مۇمكىنچىلىكلەرنى سىناپ بېقىشقا ئۇرۇنمايدۇ.

تۇرمۇشتا بەزىدە بالىلارنىڭ ماختالغانسېرى چېكىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز، بۇ بالىلارنىڭ ماختىنىشتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئىلگىرى چوڭلاردىن ‹‹بۇ شەرەپ ئۇنىڭغا بالدۇر كېلىپ قالدى، سەل ۋاقتى بار ئىدى›› دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق باھا بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن بولساق كېرەك. ئەسلىدە بۇ چوڭلارنىڭ ‹‹ماختاش››نىڭ ماختالغۇچىدا ئەكسىچە رول ئويناپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشى ئىكەن. بۇنداق ئەكسىچە رولى بالىلاردا بەكرەك ئىپادىلىنىدۇ، بالىلار چوڭلارغا بەرگەن ‹‹ياخشى تەسىرات››نى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن گېزى كەلگەندە ھېچنېمە قىلماي تۇرۇۋالىدۇ.

كۆپ قىسىم بالىلار كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا قىزىقىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ سىزغان رەسىمىنى ‹‹ئەجەب چىرايلىق سىزىپسىز!›› دەپ ماختىسىڭىز، بالىلاردىكى ئالاھىدە خۇشاللىقنى ھېس قىلىسىز، لېكىن شۇ چاغدا يەنە بىر پارچە رەسىم سىزىڭ دېسىڭىز، كۆپىنچە بالىنىڭ ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايىسىز، بۇ دەل بالىلارنىڭ ‹‹ياخشى تەسىرات››نى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاز كېچىش ئارقىلىق جاۋاب بەرگىنىدۇر.

كىشىلىك ئالاقىدە ‹‹باھا››دىن نېرى كېتەلمەيمىز، ئۆزىڭىزگە بېرىلگەن ‹‹باھا›› سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا يا قوبۇل قىلىشىڭىز، يا ئىنكار قىلىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇنازىرە قىلىش ئىمكانىيىتىڭىز بولماي قالىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەلۇم تېمىدىكى گەپنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ‹‹ماختاش›› بەزىدە ‹‹تەنقىدلەش››تىن كۈچلۈكرەك رول ئوينايدۇ. چۈنكى، ئۆزىڭىزگە قارىتىلغان ‹‹تەنقىد››نى ئاڭلىغاندا، ھېچبولمىغاندا بۇ ‹‹تەنقىد››نى ئىنكار قىلىش پۇرسىتىڭىز بولىدۇ – دە، بۇ تېمىدا چوڭقۇرلاپ تەھلىل يۈرگۈزەلەيسىز ياكى مۇنازىرە قىلالايسىز، لېكىن ‹‹ماختاش››قا ئېرىشكىنىڭىزدە بۇ تېمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكانىيىتىڭىز قالمايدۇ. شۇڭا، كىشىلىك تۇرمۇشتا، بولۇپمۇ بالا تەربىيەسىدە ‹‹باھا›› ئارىلاشتۇرماي سۆزلەشنى ئۆگىنىش تولىمۇ مۇھىم.

‹‹باھا››نى ئارىلاشتۇرماي سۆزلەش سۆزلىگۈچىدىن كونكرېت ئىشنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئابستراكت يەكۈن، تەرىپ ۋە ياكى تەنقىد قوشۇلمايدۇ. بىز دائىم كىشىلەردىن كونكرېت ئىش توغرىسىدا سۆزلەشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ دەل بىزنىڭ ‹‹باھا›› ئارىلاشتۇرمىغان سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى، بالىلارمۇ ھەم شۇنداق. ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچى بالىلاردىكى ‹‹مەسىلە››لەرنى ھەممىدىن ئاسان بايقايدۇ. مەيلى تۇرمۇش ياكى ئۆگىنىشتە بولسۇن، بالىلاردا ساقلانغان بۇ ‹‹مەسىلە››لەرنى ھەل قىلىشتا دەل مۇشۇنداق ‹‹باھا›› ئارىلاشتۇرماي سۆزلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم.

بالىلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇلارنىڭ ‹‹باھانە›› ئىزدىشىنى چەكلەيمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ بىزنىڭ ‹‹باھا›› ئارىلاشتۇرماي سۆزلەشنى بىلمىگەنلىكىمىزنىڭ ئىپادىسى. تاپشۇرۇق ئىشلەشنى مىسالغا ئالساق، بەزى ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچىلار: ‹‹يېقىندىن بۇيان تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىغان بولۇۋالدىڭ، نېمە ئىش بولدى؟›› دېسە، يەنە بەزى ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچىلار: ‹‹نېمىشقا يېقىندىن بۇيان تاپشۇرۇق ئىشلىمەيسەن؟›› دەپ سورايدۇ. ئاڭلىماققا بۇ ئىككى سوئال كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما بىرىنچى خىل سوراش ئۇسۇلى بالىغا ‹‹باھانە›› ئىزدەش پۇرسىتى بېرىدۇ، ئىككىنچى خىل سوراش ئۇسۇلى بولسا بالىغا ‹‹ناچار بالا ئىكەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىل!›› دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ.

بىرىنچى خىل سوراش ئۇسۇلى ئارقىلىق كونكرېت ئەھۋالغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايمىز. بەلكىم بالا يېقىندىن بۇيان بىرەر مەسىلىگە يولۇققان، بىرەر نەرسىنى ئانالىز قىلىۋاتقان ۋە ياكى مۇشۇ خىل شەكىلدە بىزگە بىرەر ئۇچۇرنى، ئۆزىنىڭ قارىشىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچى خىل سوراش ئۇسۇلى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىدۇ، بالىلار بۇ سوئالدىن سىزنىڭ ئۆزىنىڭ ‹‹كەچۈرمىشى››گە قىزىقىۋاتقانلىقىڭىزنى، ئاڭلاپ باققىڭىز بارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ – دە، تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىكىدىكى ‹‹باھانە››سىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

يېقىندا، توردىن ئەنگلىيەدىكى ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ئاپتوموبىل، زىراپە، توشقان، بېلىقلارنى كومپيۇتېردا سىزغانلىقىنى، چاقلىرى، چىراغلىرى غەلىتە ئاپتوموبىل، ئاغزى – بۇرنى جايىدا بولمىغان ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىنىمۇ سىزغانلىقىنى كۆردۈم. بالىلار بىلەن ئۇنىڭ سىزغان رەسىمى توغرىسىدا ‹‹باھا›› ئارىلاشمىغان ھالدا سۆزلىشىش بالىنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشقا تېخىمۇ پايدىلىق. ‹‹بۇ سىزغىنىڭىز تاغمۇ، بۇ دەريا ئىكەندە، دەريادا قېيىق بار ئىكەن – ھە! قېيىقتىكى بۇ كىشى بېلىق تۇتۇۋاتامدا؟ ئوڭ تەرەپتە قۇياش كۆرۈنسە، سول تەرەپتە ئاي، بۇ كۈندۈزمىدۇ، كېچىمىدۇ؟ سىزنىڭچە، تاغنىڭ كەينىدە نېمە باردۇر؟›› دېگەندەك تەپەككۇرغا يېتەكلەيدىغان ‹‹باھا›› ئارىلاشمىغان پاراڭنىڭ رولى ‹‹پاھ، ئالامەت سىزىپسىز!›› دېگەندەك ماختاش سۆزلىرىدىن مىڭ ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ.

تەھرىر:ئابدۇراخمان سادىق ۋاقتى:2017-01-16 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى