بابا رېھىم مەشرەپ

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ


1. ھاياتى ئۆمرى

تالانتلىق شائىر بابارەھىم تەخمىنەن مىلادىيە 1657-يىلى ئەنجان شەھىرىدە ۋەلى بابا ئىسىملىك كەمبەغەل بابكار ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ۋەلى بابا نەمەنگانغا كۆچۈپ ھېچقانچە ئۆتمەي ۋەلى بابا ئۆلۈپ كېتىپ، بابارەھىم ۋە سىڭلىسى ياشلا تۇل قالغان ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان.

بابا رەھىم مەھەللە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، موللا بازار ئاخۇنۇم مەدرىسەسىدە يەتتە يىل ئوقۇغان. ئۇ ئەرەب، پارس تىللىرىنى، خۇسۇسەن پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، جالالىدىن رۇمى، ئەلىشىر نەۋائى، خوجا ھاپىز شىرازى شېئىرىلىرىغا مەپتۇن بولۇپ يادلىغان ۋە ئۆزىمۇ شېئىر يېزىپ، ئاھاڭغا سېلىپ، يېڭىلا ئۆگەنگەن ساتار بىلەن ئېيتىپ ئۇستازلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ساۋاقداشلىرى ئىچىدە تۇنۇلغان. ئۇ ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلارنى ئوقۇپ، ئۇنىڭغا مەنە ئېيتالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن بولغاچقا، موللا بازار ئاخۇنۇم ئۇنى خەلپەت قىلىۋېلىپ، ئىشى چىقىپ قالغان چاغلاردا ئۆزىنىڭ ئورنىدا دەرس ئۆتكۈزۈپ چېنىقتۇرغان.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، زېرەك ۋە تىرىشچان بابارەھىمنىىڭ مىجەزى ئۆزگىچە، پىكىرى ئۆتكۈر، ئويچان بولغاچقا، موللا بازار ئاخۇنۇم ئۇنىڭغا «مەشرەپ» (ئادەت، مىجەز-خۇلق) دەپ لەقەم قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپتە «مەشرەپ» نامى بىلەن تۇنۇلغان. ئۇ كۆپ كىتابلارنى ئوقۇغان، بولۇپمۇ خوجا ھاپىز شىرازى شېئىرىلىرىنىڭ پىكىر دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتكەن بولغاچقا، بەزى كىتابلاردىكى موللىلارنىڭ پەتىۋالىرىدىكى مەنتىقىسىزلىكلەر، خاتالىقلارنى موللا بازار ئاخۇنۇمدىن سوراپ تەڭلىكتە قويغان. رىياكار زاھىت، شېرىك ئەمەل شەيىخ، پەتىۋاسىغا ئەمەل قىلماس موللا، تاماخور ئىشانلارنى سۆكىدىغان، ھەجىۋى قىلىدىغان نەزمىلەرنى يېزىپ يامان كۆرۈنۈپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن موللا بازار ئاخۇنۇم ئۆزىگە باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدىغان «چاتاقچى» شاگىرتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، «بۇ دۇنيا راھىتىنى تەرك قىلمىغۇچە ئادەم دىيانەت دەرياسىنىڭ ساھىلىغا يېتەلمىگەي، سەن ئەمدى ئاپپاق خوجا دەرگاھىغا بارغىن» دەپ موللا قازاق باينىڭ كارۋىنىغا قوشۇپ قەشقەرگە ئەۋەتكەن.

2 ئىش-تەمسىللىرى

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، مەشرەپ بىلىم-مەرىپەت ئىزدەپ قەشقەرگە كېلىپ، ئاپاق خوجىغا چاكار بولۇپ قالغان. ئۈچ يېرىم يىل داش قازانغا سۇ توشۇپ، ئوت قالىغان، ئۈچ يېرىم يىل جاڭگالدىن ئوتۇن كېسىپ تۇشۇغان. باشتا خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننى پىرى مۇرشىد بىلىپ ئىخلاس قىلغان مەشرەپ جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن. ئەمما، كېيىنچە ئۆزىنى «سەييىد»، «قۇتبىل ئەقتاپ»، «ئۇلۇغ ئەۋلىيا»، «كارامەتچى» كۆرسىتىپ كەلگەن ئاپاق خوجىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتسىز قالغان نادان خەلقنى «تەقدىرچىلىك»، «تەركىدۇنياچىلىق»، «شېرىك ئەمەل» ۋە «باقىي دۇنياغا ئىنتىلىش» يولىغا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى راھەت-پاراغەت، ئەيىش-ئىشرەت ئەۋرىزىگە چۆكۈپ كەتكە رىياكار سوپىلىق ماھىيىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنى قامچىلايدىغان، ھەجىۋى قىلىدىغان ئىسيانكار شېئىرلارنى يازغان، ئاھاڭغا سېلىپ ساتار بىلەن ئېيتقان. مەشرەپ شېئىرلىرى ئاپاق خوجىنىڭ قۇلقىغا يېتىپ، «ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن مەنسۇر ھەللاجىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ» دەپ، ئۇنى تەقىب ئاستىغا ئالغان.

ئاپاق خوجىنىڭ خانىمىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان گۈزەل بىر دېدەك قىز بولۇپ، چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن پۇت، ئۇچىسىدىكى كۆرۈمسىز خىرقە كېلىشكەن بەستىگە نۇقسان يەتكۈزەلمىگەن، كۆزى ئوتلۇق، قاپقار چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشكەن، ھەر ئاخشىمى ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگىنىگە قارىماي، ھۇجرىسى بولمىش ئوتۇنخانىغا يىغىلغان چاكارلارغا ئۆزى يازغان نەزمىلەرنى ساتار بىلەن ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان خۇش ئاۋاز غەزەلخان مەشرەپكە كۆيۈپ قالغان. تەقىب ئاستىدىكى مەشرەپ باشتا ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن، ئەمما بارا-بارا ئۇ قىزنىڭ مۇھەببىتى ئۇنىڭ ئاللانىڭ ئىشقى بىلەن كۈيۈۋاتقان يۈرىكىدىن ئازراق ئورۇن ئالغان. بابارەھىم مەشرەپتىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر پايلاقچىلار ئۈچۈن زور دەسمايە بولۇپ، ئۇنى خوجىسىغا چاققان. ئاپپاق خوجا ئۇنىڭ تاناسىل ئەزاسىنى پىچتۇرۇپ، ئاختا قىلىپ دەرگاھىدىن قوغلاپ، دېدەك قىزنى 60 ياشلىق بىر ئەرگە نىكاھلاپ بېرىپ ئۆچ ئالغان.

بابارەھىم مەشرەپنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى جاھانكەزدىلىك، دەرۋىشلىك بىلەن ئۆتكەن. ئۇ يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئىلى، نەمەنگەن، خوجەند، تاشكەنت، سەمەرقەنت، بۇخارا، ئافغانىستان، ھىندىستان قاتارلىق جايلانى كەزگەن.

مەشرەپ جاھانكەزدىلىك قىلغان يىللار خانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى نىزا، جەڭگى-جېدەللەر كۆپەيگەن، ئالۋان ياساق، باج-خىراجلار ئاۋۇپ، يۇرتتا نادانلىق، قاششاقلىق، تەركىدۇنياچىلىق ۋە سوپى-ئىشانچىلىق باش كۆتۈرۈپ، زۇلۇم ئېغىرلاشقان يىللار بولغاچقا، ئۇنىڭ جاھانكەزدىلىك ھاياتى ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلامىدىكى خەلق ئاممىسى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇلار بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خەلقپەرۋەر مەشرەپ زالىم، قارا قورساق ھۆكۈمرانلارنى، ئاچ كۆز بايلار، خەلقىنى نادانلىققا باشلاۋاتقان رىياكار سوپى-ئىشان، موللىلارنى ھەجىۋى قىلىدىغان، خەلقنى ئويغىتىدىغان شېئىرلارنى يېزىپ، مېھنەتكەش خەلق ئاممىسىغا خەيرخاھلىق قىلغان. دۈشمىنى كۆپەيگەن مەشرەپ بەلىخ شەھىرىدە روھانىيلار تەرىپىدىن دەھرىيلىكتە ئەيىبلىنىپ، مىلادىيە 1711-يىلى بەلىخ ھاكىمى مەھمۇدخان تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان.

3 ئەسەرلىرى

بابارەھىم مەشرەپتىن بىزگە بۈيۈك مۇتەۋۋۇپ جالالىدىن رۇمى شېئىرلىرىنىڭ شەرھىيىسىگە بېغىشلانغان كىتابى «مەبدەئى نۇر» (نۇر مەنبەسى) بىلەن 100 غەزەل، 20 دەك مۇخەممەستىن تۈزۈلگەن «دىۋان مەشرەپ» ناملىق كىتاب تەۋەرۈك قالغان.

بابارەھىم مەشرەپ شېئىرلىرى شەكىل جەھەتتىن خىلمۇخىل، ۋەزنى يەڭگىل، ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك، تىلى راۋان ۋە خەلق تىلغا يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلككە؛ مەزمۇن جەھەتتىن رىياكارلىققا، مۇناپىقلىققا، ئادالەتسىزلىككە، زۇلۇمغا نارازىلىق ۋە ئىسيانكارلىق؛ خەلق ئاممىسىغا خەيرىخاھلىق، مۇھەببەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغىرىلغان. بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، ئاۋام خەلقنىڭ ھېسياتىغا يېقىن بولغان.

4 تەسىرى

بابارەھىم مەشرەپ شېئىرلىرى ئۇيغۇرلارغا كەڭ تارقالغان ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تەسىرىنى شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىش مۇمكىنكى، 1986-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن تېكىست 270 ى بولۇپ، ئۇنىڭ 24 ى ئۇيغۇر خەلق بېيىت-قوشاقلىرىدىن، 18ى «بابا روشەن»، «دىلئارام»، «يۈسۈپ-زۇلەيخا»، «غېرىپ-سەنەم»، «سەنۇبەر» قاتارلىق داستانلاردىن، قالغان 228 تېكىست نەۋايى، مەشرەپ، ھۈۋەيدا، فۇزۇلى، لۇتفىي... شېئىرلىرىدىن ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋايىدىن قالسىلا مەشرەپ شېئىرلىرى خېلى زور سالماقنى ئىگىلىگەن.

بابارەھىم مەشرەپنىڭ:

«ساتارىم تارىغا جان رىشتىسىدىن تار ئېشىپ سالسام،

ئۇنىڭكى نالەسىدىن بىناۋانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.»

دېگەن بېيىتىدىن باشلىنىدىغان غەزىلى بەستىلەنگەن ئىراق مۇقامىنىڭ تەزىسى ياڭرىغاندا، ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ، جان رىشتى مۇڭلۇق ساتار تارىغا قوشۇلۇپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بۇ ئوتلۇق غەزەلخان ئوغلانىنى ئەسكە ئالماي، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتماي قالمايدۇ.

5 ئالاقىدار بايان

ئۇيغۇر، ئۆزبېك خەلقلىرى بابارەھىم مەشرەپنى «ئەۋلىيا» دەپ ئەزىزلەپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان، ئۇنىڭ شەنىگە لەتىپە، رىۋايەت، ئەپسانلارنى توقۇپ، ئۇنىڭ شۆھرىتىنى جاھانغا يايغان.

مەشرەپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ موللام بازار ئاخۇنۇم مەدرىسەسىدە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى، ئاپپاق خوجا دەرگاھىدا بىللە تۇرغان دوستى، ھەر قېتىم ھەلقە بولۇپ زىكرى-سۆھبەتتە چۈشكەندە دائىم ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىپ «پىرىمەست» لەقىمى سىڭگەن شادۆلەت ئىسھاق ئىبنى زىيائۇددىن باغىستانىنى ئىزدەپ تېپىپ، مەشرەپنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، بابارەھىم مەشرەپ نامىغا بىر تەزكىرە يېزىپ چىقىشنى ئۆتۈنگەن. ئىسھاق باغىستانى شادۆلەت پىرىمەست ساتارى سۆزلەپ بەرگەن ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى قوشۇپ ھىجىرىيە 1130-يىلى جامادىيەل ئەۋۋەلىنىڭ 15-كۈنى (مىلادىيە 1717-1718-يىللار) «تەزكىرەئى قەلەندەران»ناملىق كىتابى يېزىپ پۈتكۈزگەن.



خەلىقىمزنىڭ ئەسرلەردىن بۇيان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋەمۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ياد ئېتىپ كېلىۋاتقان يېتۈك مۇتەپەككۇر شائىر، ئاتەش نەپەسغەزەلخان بابارەھىم مەشرەپ(شاھ مەشرەپ) ئۆزبېك، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدابارلىققا كەلگەن بۈيۈك نامايەندە. ئۇ ئۆزىنىڭ سۇنماس ھاياتى ئېتىقادى، يىمىرىلمەسئىسىيانكارلىق روھى ۋە ئاجايىپ يۈكسەك بەدىئىي كامالىتى بىلەن ئۆزبېك، ئۇيغۇرتەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرىنى ياراتقان.


بابارەھىم مەشرەپ 1653-يىلى پەرغانە ۋادىسىدىكىنامانگان شەھرىنىڭ ئەندىجان يېزىسىدا بىر ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ12 يېشىغىچە ئۆز يېزىسىدىكى موللىلاردىن، 18 يېشىغىچە نەمەنگاندىكى ئۆلىمالاردىن تەلىم ئېلىپ ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى پىششىقئۈگەنگەن. بابارەھىم مەشرەپ 1672-يىلى ئادالەت ۋە مەرىپەت ئىزدەپ ئۆز دەۋرىنىڭئىلىم-مەرىپەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان قەشقەرگە كېلىپ 18 يىل ئىشلەپ ۋە ئىلىمتەھسىل قىلىپ، 37 ياشقا كەلگەندە ئۆزىنىڭ 20يىللىق سەيياھلىق ۋە سەرگەردانلىقھاياتىنى باشلىغان، بۇ جەرياندا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى بىر مۇنچەشەھەر ۋە يۇرتلارنى كېزىپ، ماۋەرائۇننەھر ۋە خۇراسان قاتارلىق ئۆلكە، رايۇنلارنىئايلىنىپ، ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئازاب-ئۇقۇبەتلىك ھاياتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ،جاھالەت ۋە تەڭسىزلىك بىلەن تولغان زۇلمەتلىك دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرچۈشەنگەن. ئۇزىنىڭ ئەقىدە ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھالەت ۋە ئادالەتسىزلىكنىشەپقەتسىز پاش قىلغىنى ئۈچۈن بەلخ ھاكىمى ماھمۇدخان تەرىپىدىن 1711-يىلى دارغائېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بابارەھىم مەشرەپ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈستىدەبىر ئۆمۈر ئازابلىق ئىزدىنىپ ئۆتكەن ئەلەملىك شائىر. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ نەرسەئىلاھى ئىشىق بىلەن ئىنسانى مۇھەببەت. ئەڭ مۇقەددەس نەرسە ئازاب-ئۇقۇبەتتتىن قەلبىمۇجۇلغان جاپاكەش خەلىقنىڭ ئەلەملىك مۇڭ زارى. بۇ نەرسىلەر بابارھىم مەشرەپنىڭھايات ۋە ئەخلاقى قاراشلىرىنىڭ جەۋھىرى، ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىي ئىزدىنىشىنىڭيۈكسەك پەللىسدۇر. شۇڭا مەشرەپ شېئىريىتىدە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن پاكلىق ۋەھالاللىق چەكسىز مۇھەببەت بىلەن كۈيلىنىدۇ. قەلبى گۈزەللىك ۋە ئىزگۈلىك بىلەننۇرلانغان ئالىيجاناپ ئادەم ئەخلاقى يۈكسەكلىكنىڭ يارقىن تىپى سۈپىتىدەمەدھىيلىنىدۇ. ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئەبەدىيلىككە ئىگە بولغان ھاياتىي غايىلىرىئۇلۇغلىنىدۇ. زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق بىلەن ھاياتىي رەزىللىك ۋە مەنىۋى پەسكەشلىكئوتلۇق نەپرەت بىلەن قارىلىنىدۇ.


مەشرەپ شېئىرلىرى مەردانلىق، ئىىسىيان، ساداقەت ۋەئىنسانى غورۇر تۇيغۇلىرىغا تولۇپ تاشقان بولۇپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.ئۇلاردا ئەكىس ئەتكەن كەڭ ۋە چوڭقۇر ھاياتىي مەزمۇن، رەڭدار ۋە جىلۋىگەر ئىجادىيسەنئەت، چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپلىكىدە تەڭدىشى بولمىغان قاتلاملىق شېئىرىي تەپەككۇرىۋە پايانى بولمىغان بەدىئىي تەسەۋۋۇر كەڭلىكى كىتابخاننى ھەيران قالدۇرىدۇ.


شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، مەشرەپ شېئىرلىرى ئۆزى مەيدانغا كەلگەن ماكان ۋە زامان تەقەززاسى بىلەن قىسمەن نوقسانلاردىنمۇ خالىي ئەمەس. بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ئۇنداق تەرەپلەرگە تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىمىزغا، ئۇنى توغرا تۇنۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.


شاھ مەشرەپ غەزەللىرى


1

نەمەنگان شەھىرىدىن كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

غېرىبلىق شەھىرىدە يۈرسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

قېنى قەۋمۇ قارىنداشىم، بۇ يولدا بولسا يولداشىم،

كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ ياشىم، مېنى يوىلار كىشىم بارمۇ؟

مۇھەببەت شەربەتىن ئىچتىم، قازاندەك قاينابان تاشتىم،

بۇ فانى دۇنيادىن كەچتىم. مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

تۈشۈپتۇر باشىمە سەۋدا، رۇمۇزى ئىشقىدىن غەۋغا،

ئۆزىگە ئەيلەدى شەيدا، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

تۇرارغە تاقەتىم يوقتۇر، يۈرەرگە ھالەتىم يوقتۇر،

يۈرەكتە ئىشق ئوتى كۆپتۇر. مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

قارارىم يوق تۇراي دىسەم، نەمەنگاندە يۈرەي دىسەم،

جاھاننى سەير ئېتىپ كەزسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

بۇ مىسكىن زارى مەشرەبنىڭ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ.

بۇ يەردىن باش ئالىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

2

سەھەردە تولغانىپ تولغاقدە تاپقان بىر بالاڭ كەلدى.

يۈزى ئاقۇ – قىزىل گۈلدەك شەھىدى كەربالاڭ كەلدى.

ئانادەك مىھرىبان قايدە، ئاتادەك غەمگۇزار قايدە،

ئۇلاردەك ئىچ كۆيەر قايدە، غېرىپ بولغان بالاڭ كەلدى.

ئانا رازى خۇدا رازى، مۇھەممەد چاھار يار رازى،

رىزا بولغىل ئانا جانىم، دۇئا ئالغان بالاڭ كەلدى.

بۇ مەشرەبنىڭ دۇئاسىنى خۇدايا نائۈمىد ئەتمە،

كۆزى ياشلىق، دىلى غەملىك بۇ سارغايغان بالاڭ كەلدى.

3

سەتارىم تارىغە جان رىشتەسىدىن تار ئېشىپ سالسام

، ئانىڭ كىم نالەسىدىن بىۋەپانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.

مۇقام ئالىپ مۇقام ئىچرە مۇقامنى دىلغە جا قىلسام،

مۇھەببەت كويىغە سالسە، ئانىڭ ئالدىدە مەن چالسام.

مۇقاملارنىڭ ئاتاسىنى ھۇسەينى ۋە ئەجەم دەرلەر،

بۇلاردىن يۇقارى كىم پەردەئى بايادىنى چالسام.

بايادى ھەق تەئالا يادىدە چالسام پەياپەي كىم،

كى كۆڭۈل بىنەۋا بولغانىنى بىلسەم ناۋا چالسام.

كەل ئېي مەشرەب، قەدەھ سۇنغىل، بولايىن مەستۇ مۇستەغرەق.

بىر ئىلگە كاسەئى تەنبۇر، بىرىگە جامنى ئالسام.

4

بۇ تەنى خاكىنى ۋە روھى رەۋاننى نە قىلاي؟

بولماسە قاشىمدە جانانە بۇ جاننى نە قىلاي؟

يارسىز ھەم بادەسىز مەككەگە بارماق نە كىرەك،

ئىبراھىمدىن قالغان ئول ئەسكى دۇكاننى نە قىلاي؟

ئورايىنمۇ باشىمە سەككىز بېھىشتۇ دەۋزەخىن،

بولماسە ۋەسلى ماڭا ئىككى جەھاننى نە قىلا؟.

ئەرشنىڭ كۈنگۈرەسىن ئۈستىگە قويدۇم ئاياغىم.

لامەكاندىن جاي ئالىپ،مەن بۇ مەكاننى نە قىلاي؟

زەررەئى نۇرى قۇياشتەك بۇ جەھان ئىچرە تەمام,

ئاشكارا بولماسە سىرى نىھاننى نە قىلاي؟

بىر خۇدادىن ئۆزگەسى بارچە غەلەتتۇر مەشرەبا

. گۈل ئەگەر بولسا قولۇمدا ئول تىكەننى نە قىلاي؟

5

يەتتە دەۋزەخ مەردى ھەقنىڭ ئالدىدە گۈلزاردۇر،

قول تۇتارغە رەھنەمايىم مەردى ساھىبكاردۇر.

گەر قولۇڭدىن كەلسە ھەرگىز مۇرچەنى ئاغرىتماغىل،

ھەم خۇدا بەندەم دىمەس ھەر كىمكى دىل ئازاردۇر.

تا تىرىك سەن دىدەدىن ھەر لەھزە تۆككىل ئابچەشىم،

دىلدە دەردىڭ بولماسە مىڭ تائەتىڭ بىكاردۇر.

بولماغىل زاھىد سۈپەت، دۇنيادە بول مەردى پەقىر،

كىمكى بەد ھالات بولۇپ كەتتى، تەنى مۇرداردۇر.

ئالىمى خۇدبىن بولمە، ئالىمى كەستىن بول،

روزى مەھشەر ھەمىنمۇنىڭ ئەھمەدى مۇختاردۇر.

سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭنى ھىچ كىشى خار ئەيلەمەس.

سەن ئەگەر خار ئەيلەسەڭ ھەر يەردە بولسە خاردۇر.

مەشرەبا، دەرگاھى ھەق چۈن راھ نەۋمىدى ئەمەس،

ھەق تەئالا ساڭا ھەم بىر ساقلاغانى باردۇر.


«بۇلاق» ژۇرنىلىنڭ 1981-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.


شاھ مەشرەپ غەزەللىرى


1

ئېلىفنى دىلغا جا قىلماقنى بىسمىللادىن ئۆرگەندىم،

شەھىد قوۋمىدە كەتمەكنى كالامۇللادىن ئۆرگەندىم.

ئۇشۇل كۈن ھەشىت دەر جەننەتنى بىر بۇغدايغا ساتماقنى،

تەرىقى بەندەلىكنى ئادەم ۋە ھەۋۋادىن ئۆرگەندىم.

زەلەمنا رەببىنانى دىلغا جا قىلماقنى ھەر سائەت،

گۇناھ قىلماقنى مەن ئادەم سەفىيۇللادىن ئۆرگەندىم.

كۆزۈمدىن قان تۆكۈپ، پەرياد ئۇرۇبان نوھ قىلماقنى،

خۇدادىن زار ئىشىتمەكنى ئۇشۇل مۇسادىن ئۆرگەندىم.

جەھان مۈلكىدە ھەرگىز تار سۆزنى ساقلاماي ئۆتتى،

مەقامەت تەجرۇنى ئوشۇل ئېسادىن ئۆرگەندىم.

ھەقىقەت مۇنبەر ۋەسلىگە ئېسانى شەفىئ ئەتتى،

تەرىقى ئىمتىھانىنى روھ ئەرمىيادىن ئۆرگەندىم.

سۇلەيماندەك ئەزەلدىن سەلتەنەت تەختىگە چىقماقنى،

بۇ يولنى ئاسىب ئىبىن روھ بەرخىيادىن ئۆرگەندىم.

كى تىنماي نەچە يىللار ئاخىرەتنىڭ ۋەھىمىدىن كۆيدى،

قىيامەت ۋەھىمىنى ئول ھەزرەت يەھيادىن ئۆرگەندىم.

تۈشۈپ باشىگە ماتەم داغ فەرزەندىغە ئۆرتەندى،

كۆڭۈل چاھىنى بىل ئول يۈسۈفى بەرنادىن ئۆرگەندىم.

تېنىمنىڭ بارچەسىنى كەرەم ماتەم تۆئمە ئەيلەبدۇر،

مەقامى سەبرىنى ئايۇپ ھەبىبۇللادىن ئۆرگەندىم.

مۇھەببەت مۇپتەلا ھۆكمىدە ئول نۇر ئىلاھىدىن،

كۆڭۈل ئارەسىنىڭ زىكرىنى زىكرىيادىن ئۆرگەندىم.

سەبا مەھشەر كۈنىدە ئاسىي-جافىلەرگە ھامىيدۇر،

ھەقىقەت سىرىنى روھ رەسۇلىللادىن ئۆرگەندىم.

ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ئىمانىمنىڭ گۇۋاھىدۇر،

ئەزەلنىڭ ھىممىتىنى ھەيدەر ئەلىدىن ئۆرگەندىم.

ھەسەن بىرلە ھۈسەيىن ھەق يولىغە جانىنى تاپشۇردى،

كۆڭۈل تەسىرىنى فاتىمە-زۆھرەدىن ئۆرگەندىم.

كىيبان سەلتەنەت پەقرىن تېنىمغە ماسىۋا بولدۇم،

پەقىرلىقنى مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇللادىن ئۆرگەندىم.

ھەمە ئايتۇركى، مەشرەب مۇنچە ئىلىمنى قايدىن ئۆرگەندىڭ،

خۇدا لۇتف ئەيلەدى مەن بارچەنى موللادىن ئۆرگەندىم.

2

ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسە يىغلاسۇن يار ئالدىدا،

قالماسۇن ئەرمان يۈرەكدە ئەتسۇن ئىزھار ئالدىدا.

ئەندەلىېى بىنەۋادەك نالەۋۇ ئەفغان ئىلە،

ئايلانىپ سايراپ يۈرۈرمەن ئەينى گۈلزار ئالدىدا.

مەنسۇرى ھەللاجدەك ئىچىپ شەرابى ئەنتەھۇر،

چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇرمەن ئۇشبۇدەم دار ئالدىدا.

ھەر كىشى بىر جۇرئەئى نۇش ئەيلەسە بۇ بادەدىن،

ئول قىيامەتدە قىلۇر ئەرزىنى جەببار ئالدىدا.

تەلبە مەشرەب، قىلماغىل سىررىڭنى زاھىدغە ئەيان.

ئايتىپ-ئايتىپ يىغلاغايسەن ئاشىقى زار ئالدىدا.

3

بەناگاھ ئۇچرادى دىلبەر كۈلۈپ مەستانە-مەستانە،

تەۋازىئ بىرلە تەكلىف ئەيلەدى ئول سۈيى مەيخانە.

كۆزى خونخار، لەبى لەئلىكى مەيدىن لالە گۇن ئېردى،

كى مەن قانلار يۇتارمەن ئۆلگۈچە پەيمانە-پەيمانە.

خەيالى قامەتى بىرلەكى مەن ئۇمرۈمنى ئۆتكەردىم،

مېنى بارچە خەلايىق دەيدۇلار: «دىۋانە-دىۋانە».

بىھەمدۇللا، كۆڭۈلنى ما سەۋادىن مەن سەۋا قىلدىم،

ئانىڭ مېھرىنى سەۋدىم، ئۆزگەدىن بىگانە-بىگانە.

قىلىپ ئارزۇ شۇ دىلبەرنى تىلەرمەن كېچەۋۇ-كۈندۈز،

ئانىڭ يادىنى ئەيلەرمەن يۈرۈپ ھەريانە-ھەريانە.

كۆڭۈلدە غۇسسە كۆپ، ھەمدەرد بىرلە ھەمدەمىم يوقتۇر،

رەقىبلەر ئورتاسىدا تەلبە مەن جەۋلانە-جەۋلانە.

باشىم كەتسە يولىدىن ئەمدى، مەشرەب، قايتارىم يوقدۇر،

بۇ جانىمنى نىسسار ئەيلەي ئاڭا مەردانە-مەردانە.

4

ئەرزىمنى ئايتاي بادى سەباغە،

بىزدىن دۇئالار ئول دىلرەباغە.

كۆزلەرى چولپان، سەرۋى خىرامان،

زۇلفى پەرىشان قاشى قاراغە.

قامەتى لەرزان، ۋەئدەسى يالغان،

تۇرمادى ھەرگىز ئەھدۇ ۋەفاغە.

ئۇچتى كۆزۈمدىن ئول پەرى يەڭلىغ،

تاشلادى كەتتى تۈرلى بەلاغە.

شاھى مۇكەررەم، شاھى مۇئەززەم،

قىلمادى شەفقەت مۇفلىس گەداغە.

قىلدۇق ئىكىلەن بىر ئەھدۇ پەيمان،

ھەركىم ياماندۇر، سالدىم خۇداغە.

دەردى فىراقىڭ ئەيلەدى بىمار،

نەگە بارايمەن ئەمدى دەۋاغە.

ھەجرىڭدە قىلدىم تىنماي فىغانلار،

يەتتى بۇ نالەم ئەرزۇ سەماغا.

قىلغىل تەرەھھۇم، ئەي يارى جانىم،

لايىق ئەمەسمەن جەبرۇ-جەفاغە.

دەردۇ ئەلەمدىن بالۇ پەر ئەيلەپ،

شەھباز بۇ كۆڭلۈم ئۇچتى سەماغە.

يول بەرمەدىلەر ماڭا رەقىبلەر،

چىقتىم باش ئالىپ بۇل كەر بەلاغە.

ئەي يارى بەدئەھد، بىمىھر ئىكەنسەن،

رەھىم ئەيلەمەيسەن مەن مۇتبەلاغە.

دەردۇ غەم ئىچرە سارغايدى يۈزۈم،

رەڭ بەرگۈسىدۇر ئۇل كەھرەباغە.

ئەي باغرى تاشىم، ھەجرىڭدە كۆيدۈم،

تاپشۇردۇم ئاخىر قادىر خۇداغە.

ئەي جانى جانىم، كۆرسەم جەمالىڭ،

جانىم تەسەددۇق سەن خۇش ئەداغە.

ئىشقىڭدا كۆيدۈم، ئەي سەرۋى نازىم،

بىر مەرھەمەت قىل مەن بىنەۋاغە.

دىلخەستە مەشرەب قىلماسمۇ فەرياد،

جەللاد كۆزلەر ئالسا ئەراغە.

5

ئاپەتى جانىم ئول سەنەم قاشى قاراسىنى كۆرۈڭ،

ئىككى يۈزىگە چولخانىپ زۇلفى سىياسىنى كۆرۈڭ.

ھۇرۇ پەرىدىن تازەدۇر، شەمسىز قەمەر خىجلەتدەدۇر،

كىم ئانى كۆرسە بەندەدۇر ھۇسنى رىياسىنى كۆرۈڭ.

گاھى يارىم قىزىل كىيىپ، قىرمىزى چاچباغىن سالىپ،

نازۇ-كەرەشمەلەر قىلىپ، ئەمدى ۋەفاسىنى كۆرۈڭ.

گاھى قاشىن چۇيا ئېتىپ، كىرپىك ئوقى بىرلە ئاتىپ،

جادۇ كۆزىنى ئويناتىپ، مەكرۇ بەلاسىنى كۆرۈڭ.

مەشرەبى بىنەۋادۇرمەن ۋەسلى ئۈچۈن گەدادۇرمەن،

ھەجر ئوتىغە كۆيەدۇرمەن، يار جەفاسىنى كۆرۈڭ.


شاھ مەشرەپ غەزەللىرى


1

شۆھرەت ئەيلەپكىم ئالاردەك خۇدنەمالارنى كۆرۈڭ

زاھىرۇ شۆھرەتپەرەست نائاشنالارنى كۆرۈڭ


يولنى بىلمەس ئۇمممىلەرنىڭ كۆزىگە ئارىف بولۇپ

ئۆزى مەنزىلگە يېتەلمەي بىنەۋالارنى كۆرۈڭ


بارچەگە ئەيلەر نەسىھەت ئۆزىنى دەنا ئېتىپ

يولدا قالغان بىكەسۇ بىررەھنەمالارنى كۆرۈڭ


كۇفرىۋۇ ئىماننى بىلمەسلەر كەرامەت ئەيلەبان

تائەتۇ تەقۋا بىلەن ساھىب رىيالارنى كۆرۈڭ


ھەر كىشى سورسا نەسەبتىن دەم ئۇرارلار نەفس ئۈچۈن

باتىنى فىرئەۋنۇ زاھىر ئەۋلىيالارنى كۆرۈڭ


لاپ ئۇرارلەر ئارىفى يەكدىلەمەن دەپ خەلق ئارا

خەلقنى گۇمراھ قىلىپ يۈزى قارالارنى كۆرۈڭ


زاھىرىدە سۇفىمەن دەپ تەركى دۇنيا ئەيلەگەن

باتىنى دۇنياغە مايىل بەختى قارالارنى كۆرۈڭ


خەلقنىڭ كۆزىگە ھەردەم سۈرەتىن دىگەر قىلىپ

نەفس ئۈچۈن شەيتان بىلەن يۈرگەن گەدالارنى كۆرۈڭ


ئۆزىنىڭ ئەۋلادىنى خەلق ئىچىدە ئىفشا قىلىپ

تەندە يوق مەئنا قۇرۇق نامى سەرالارنى كۆرۈڭ


شۆھرەتىم ئافەت بولۇر دەپ مەشرەبىڭ قول ئالمادى

كۆزدە ياشىم قەترەسى دۇررى بەقالارنى كۆرۈڭ.

2

ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسە يىغلاسۇن يار ئالدىدا

قالماسۇن كۆڭلىدە ئەرمان بەلكى ئىزھار ئالدىدا


ئەندەلىبى بىنەۋادەك نالەۋۇ ئەفغان ئىلە

ئايلانىپ سايراپ يۈرۈرمەن ئەينى گۈلزار ئالدىدا


مەنسۇرى ھەللاجىدەك ئىچىپ شەرابى ئەنتەھۇر

چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇرمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدا


ھەركىشى بىر قەترەئى نۇش ئەيلەسە ئول بادەدىن

ئول قىيامەتدە قىلۇر ئەرزىنى جەففار ئالدىدا


تەلبە مەشرەپ قىلماغىل سىررىڭنى زاھىدغە ئەيان

ئايتىپ ئايتىپ يىغلاغىل سەن ئاشىقى زار ئالدىدا

3

ئەگەر ھەر يەردە بولسام مەن كۆڭۈل سەندىن جۇدا بولماس

مەگەر مىڭ يىل نەۋا قىلسام سېنىڭ دەردىڭ ئەما بولماس


تىلەرمەن ۋەسلىنى تىنماي نەچە يىللار يۈرۈپ سەرسان

بارىپ ئەيتىڭ ئاشۇ يارغە جۇدالىقدەك بەلا بولماس


خەلايىقلار ئەيتۇرلەر بۇ دەردىڭگە دەۋا يوقمۇ

ئۆزىدىن ئۆزگە ئەي دوستلار مەڭا ھېچبىر دەۋا بولماس.


شاھ مەشرەپ غەزەللىرى


1

سەنەمنىڭ ئىشقىدا تىنماي يۈرۈپ ئاۋارە مەشرەپ مەن،

كۆزى ياشلىق قەددى ئىگىك،دىلى يۈزپارە مەشرەپ مەن.


كۆڭۈلدە زەررىچە دۇنيا مىھرى بولماي مىنىڭدە،

سىنى دەپ ئىككى ئالەمدىن كىچىپ بىزارە مەشرەپ مەن.


ئىلىپ كەتسەم لەھەت ئىچرە،سۆڭەكتىن كەتمىگەي دەردىڭ

جاھاندا تاپمىدىم چارە،مەن بىناۋا بىچارە مەشرەپ مەن.


قەددىڭنى قاي كۈنى كۆردۇم سىنىڭ ئىشقىڭدا ئاھ ئۇردۇم،

مۇھەببەت دەشتىدە يۈرگەن بولۇپ ئاۋارە مەشرەپ مەن.


مۇھەببەت جامىدىن مەي تۇتتىلەر ئىچمەسلىككە چارەم يوق،

كۆزۈمدىن قان ياشىم ئاقتى،ئۆزۈم خۇنبارە مەشرەپ مەن.


بىشىمغا مىڭ بالا كەلسە تىلەرمەن تىنماي ئەي زاھىد،

تىلىم كەسسەڭ تۇيارىم يوق دىگەن دىبارە مەشرەپ مەن.


خالايىقلار مىنى قوغلار يامان دەپ ھەر شەھەر بارسام،

ئەجەپ مەردۇد ئەجەپ مەھرۇم ئەجەپ سەكپارە مەشرەپ مەن.


ئۆزۈم ئەلئارا يۈرسەم سىرىمنى ھىچ كىشى بىلمەس،

جانى-دىلىم پىدا ئەيلەپ ئەجەپ ئەييارە مەشرەپ مەن.


مىنى دىۋانە مەشرەپكە مۇھەببەتتىن بايان ئەيلەڭ،

ناماز-روزىدىن پارىغ بولۇپ سەييارە مەشرەپ مەن.


2

تا ئالەمى زاھىرگە كىلىپ مەن گۇزەر ئەتتىم،

تەرك ئەيلىدىمۇ جىمىنى قەتل نەزەر ئەتتىم.


ئەھۋالۇ-دىلىم ئىيتقىنى بىر مەھرەمى تاپماي،

زۇلمىڭنى قىرىنداش غىمىڭنى پەدەر ئەتتىم.


بىر چۈشكى چولاق،سەن سارى پەرۋاز ئىتەي دەپ،

ھىجران ئوقلىرىنى جانغا سوقۇپ بالۇ-پەر ئەتتىم.


دۈشمەنگە كى ھەرب ئەتمەك ئۈچۈن چارە تاپالماي،

دوستۇم قولىنى تۇتتىمۇ تىغى-تەبەر ئەتتىم.


غەم شامىدا قەلبىمگە گۇزەر ئەتتى خىيالىڭ،

كۆز ياش يۈرەك قانى بىلەن ماھەزەر ئەتتىم.


سەۋدايى سارى زۇلفىڭ ئۈچۈن نەچچە مەھەلدۇر،

جان كىشۋەرىنى بۇزدىمۇ زىرۇ-زەبەر ئەتتىم.


بىر مەرتىۋىدە تۇرماس ئېمىش شاھ بىلەن دەرۋىش،

بەس!جەندىنى كەيدىم ئۆزۈمنى دەربەدەر ئەتتىم.


كۆتەھنەزەر ئەل بىلمىسە دەپ خەستە بۇ مەشرەپ.

مىڭ مەنىنى بىر تامچە بىلەن مۇختەسەر ئەتتىم.

3

مەن نالە قىلاي شامۇ-سەھەر داد ئىشىكىڭدە،

جانىمنى بىرەي شاھى پەرىزاد ئىشىكىڭدە.


ئۇل لالەيۇ-رەيھانۇ يەسمەن توق قىزىلگۈل،

ھەم سەرۋى پۈكۈلدى قەددى شەمشاد ئىشىكىڭدە.


خۇبانى جاھان بولسا تىخى،يۈسۈفى كەنئان،

سۇلتانۇ ئەمىر زات بەندىياد ئىشىكىڭدە.


زۇلفىڭ سىنىڭ بۇ جانىمغا يۈز دامى بالادۇر،

جانىم قۇشى سەيد بولدى سەيياد ئىشىكىڭدە.


ئالەم بارىسى لەززىتى ھۆسنۈڭنى تىپىپدۇر،

گىريانۇ-پىغان نالەيۇ-پەرياد ئىشىكىڭدە.


سەۋدايى مۇھەببەتكە چۈشۈپمەن سىنى ئىزلەپ،

ئۆلتۈردى غىمىڭ كۆزلىرى جەللاد ئىشىكىڭدە.


ئاشىقكىم تۆكۇبان ھىجرانۇ-غىمىم كىچە-كۈندۈز،

ۋەيرانە ۋەتەن مەنزىل ئەباد ئىشىكىڭدە.


ھۆسنى جامالىڭ ئوتى مەشرەپكە چۈشۈپتۇر،

پەرۋانە سۈپەت قويدى پەرىزاد ئىشىكىڭدە.


4

زۇلفىنى سەۋداسىدىن كۆڭلۈم پەرىشاندۇر بۇ كۈن،

يار ۋەسلىن تاپمايىن يەر ئىلە يەكساندۇر بۇ كۈن.


خەلق ئارا كۆپ شادلىغلەر بار ئىدى مۇندىن بۇرۇن،

ھەركىشى يۈز غەم بىلە دەھر ئىچرە سەرساندۇر بۇ كۈن.


گەر ماڭا قىلسا نەزەر خۇرشىد دەرمەن ئاتىنى،

گەرچە مۇندىن ئاندە كۆرسە ماھى تاباندۇر بۇ كۈن.


بەندىدىن فەرھاد قاچتى غەم تاغىغە بېركىنىپ،

خەستە مەجنۇن ھەم كېزىپ چۆللەردە ھەيراندۇر بۇ كۈن.


ئىتلەرىغە ھەمدەم ئەتتى مەشرەبى بىچارەنى،

ئاللاھ-ئاللاھ، نە ئاجايپ لۇتف ئىھساندۇر بۇ كۈن.


5

مەلەكسەن يا بەشەر، يا ھۇرۇ غۇلمانسەن، بىلىپ بولماس،

بۇ لۇتفۇ بۇ نەزاكەت بىرلە سەندىن ئايرىلىپ بولماس.


ئەجەب بىرەھىم دىلبەرسەن، ئەجەپ شاھى سىتەمكارسەن،

چىراغى ھۆسنى رويىڭدىن كۆڭۈلنى جەم قىلىپ بولماس.


يۈزۈڭنىڭ ئابتابىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ قالدم،

فەلەككە قول ئۇزاتىپ شەمسى ئەنۋارنى ئالىپ بولماس.


يۈزۈڭ مىسلى قىزىل گۇلدۇر، كۆڭۈل چۈن بۇلبۇلى شەيدا،

بۇ گۇلنىڭ ئىشقىدىن بۇلبۇل چەمەندىن ئايرىلىپ بولماس.


كەل، ئەي مەشرەپ، ئەگەر ئاشىق بولۇپسەن، بولماغىل غاپىل،

بۇ غەفلەت ئۇيقۇسىدىن، ئەي يارانلار، ئويغانىپ بولماس.--


6

ھىچمىكگە مەلۇم ئەمەس ھالى پەرىشانىم مىنىڭ،

ئاسماننى قاراڭغۇ قىلدى ئاھۇ نالەم مىنىڭ.


مەن نىچۈن شاد ئەتمەيىن بۇ خەستە كۆڭلۈمنى بۈگۈن،

كەلدى ھالىمنى سوراپ ئۇ شاھۇ-جانانىم مىنىڭ.


ئەي سىتەمكار كەلگىن يۇ ئەمدى شاھىد ئەتكىن مىنى.

مەۋج ئۇرسۇن كەربالا دەشتىدە بۇ قانىم مىنىڭ.


چۈن ئۈكەرىم بارمۇسەن پەلەكتىن بالامۇسەن،

بۇ پەلەكتە كۆرمىدىم ئەي كۆزى چولپانىم مىنىڭ.


نازۇ-مۇھتاجلىق بىلەن كەلگىن مىنىڭ ھالمنى سورا.

تەلمۈرۈپ دائىم يولۇڭدا قاشىمنى ياشلىق مىنىڭ.


قاچانغىچە جەبرۇ-سىتەم بىلەن يۈرۈيسەن ئەي رەفىق،

چىقتى مەشرەپ ئۇشبۇ غەمدىن بۇ ئەزىز جانىم مىنىڭ.


7

ئىشقىڭ ئوتىغا كۆيگىنى كەلدىم،

ئايدەك يۈزۈڭنى كۆرگىلى كەلدىم.


سەۋدايى زۇلفىڭ چۈشتى باشىمغا،

سەندىن سۇئاللار سورىغىلى كەلدىم.


دەرياغا كىردىم غەۋۋاس بولاي دەپ،

بىر گۆھەر مەقسەت ئالغىلى كەلدىم.


مىنى سورىساڭ ئەي گۈلئۇزارىم،

مەھۋى جامالىڭ كۆرگىنى كەلدىم.


كارۋانلار كەتتى مەنزىلگە يەتتى،

مەن ھەم باراي دەپ كەتكىنى كەلدىم.


ساقىي قەدەھنى قىلغىل تەييار،

ۋەھدەت مەيىدىن ئىچكەلى كەلدىم.


رەھمەت ئىشىكىنى ئاچقىن مەشرەپكە،

ئىشىقنىڭ كويىدا ئۆلگىنى كەلدىم.


ئىزاھاتلار


خۇنبارە-قانلىق

دىبارە-رەخ كەبى

مەردۇد-قوغلانغان.

ئەييارە-ھىلىيگەر

خۇبان-ئالەم گۈزىلى

بەندىياد-ئەسىر بولماق.قۇللۇق بىلدۈرمەك.

دامى-توزاقى

سەيد-ئوۋ.سەيياد-ئوۋچى

ئەباد-ئاۋات

مەھۋى-ئايدەك


مەشرەپ غەزەللىرى


1

كۆڭۈل دەردىنى بىركۆڭلى بۇزۇلغان ياردىن سورغىل،

بۇ ئىشىق ئوتىغە كۆيگەننى دىلى ئەفگاردىن سورغىل.

سېنىڭ ئەجرىڭنى،ئەي جانا،نە تىل بىرلە بايان ئەيلەي،

كى،ھەر شەب دىيدەدىن خۇنابە تۆك،بىداردىن سورغىل.

بەناگاھ مىھرىبانىدىن جۇدا بولغان كىشىن ھالىن،

سەھەر ئاھۇ پىغان ئەيلەپ،مېنىڭدەك زارىدىن سورغىل.

شەھىدى ئىشىق بولغان ئاشىقى بىچارە ئەھۋالىن،

ئوشۇل دەم مەنسۇرى مەستان ئاسىلغان داردىن سورغىل.

بۇ مەشرەب،قان يۇتۇپ ھەردەم تۆكەر خۇنابەئى ھەسرەت،!

كى خۇنلار ئەجرىنى مەھشەر كۈنى سەتتاردىن سورغىل.

2

دىۋانەدۇرمەن شەمئى شەرەر جىلۋە سەنەمگە،

قۇربان بولاي ئاتەشكەدەئى شۇئلە ئەدەمگە.

زىبا سەنەمىم بادە ئىچىپ،يۈزىنى ئاچىپ،

ئوت قويدى پەرىزاد گۈلىستانى ئىرەمگە.

بىر ھۇ بىلە مەن لەيلىنى مەجنۇن قىلا دەيمەن،

دىۋانەلىقىم شانە ئېرۇر زۇلفى سەنەمگە.

يۈز جانىم ئەگەر بولسە ئاڭا ھېچ ئايىماسمەن،

مەن تەلپىنىبان جان بېرەي ئول قاشى قەلەمگە.

زاھىدكى ئەگەر ئىچسە ئىدى بادەئى مەئشۇق،

سەرمەست بولۇبان بارماس ئىدى مەككە-ھەرەمگە.

مەشرەب،نە بەلادۇر شىكەنى تۇررەئى كاكۇل،

بەرباد بولادۇر كىشىۋەرى دىن ئۈشبۇ ھەشەمگە.

3

سەھرا يۈزۈ كۆكەرمەس تا ياز بولماگۈنچە،

بۇلبۇل تەرەننۇم ئەتمەس تا غۇنچە بولماگۈنچە.!

كۆزدىن چۇنان سۇۋ تۆكغىل،ئىمانىڭ بەھرە ئالسۇن،

بۇغۇ چەمەن كۆكەرمەس،يامغۇر قۇيۇلمەگۈنچە.

مەكرى رەقىب بىرلە ھەسرەت ئۆيىگە تۈشتۈم،

غەم رىشتىسى ئۈزۈلمەس تا يار كەلمەگۈنچە.

يۈز يىل تىرىك يۈرۈسەڭ،ئاخىر بىر كۈن ئۆلۈرسەن،

ئەپسۇس،ئىلە كېتۇرسەن تا ۋاسىل ئۆلمەگۈنچە.

ئەي مەشرەبى قەلەندەر،ياخشىغە بەندە بولغىل،

ھەلۋە ئېتەرگە بولماس شەككەر قوشۇلمەگۈنچە.

4

بارۇرمەن ئاستانىگە سەھەر ئاھىستە-ئاھىستە،

سۈرەرمەن كۆزلەرىمگە خاكى دەر ئاھىستە-ئاھىستە.

ئۆتەر بىر-بىر باسىپ ئول شوخ،باقماس بىۋاپالىقتىن،

ئېرۇر ئانداق ۋاپاسىز ئۆمۈر ئۆتەر ئاھىستە-ئاھىستە.

كىچىكلىكدە،نىگارىم ئاچچىق ئايتسا ئەيىب ئېرمەسدۇر،

كى پەسلىدە بولۇر شېرىن سەمەر ئاھىستە-ئاھىستە.

جامالىڭ بەر كامال ئولدى،بولۇر بىر-بىر خەتىڭ پەيدا،

باھار بولسا ئۆسەرلەر سەبزەلەر ئاھىستە-ئاھىستە.

بارۇ مىسكىن بۇ مەشرەب گۈل يۈزۈڭنى كۆرگەلى ئەمما،

كۆرەلمەي گۈل يۈزۈڭ يىغلاپ تۇرار ئاھىستە-ئاھىستە.

5

بارچەلەر ياندى گۇنەھدىن،مەنكى يانماسمەن ھەنۇز،

خابى غەفلەتدىن ئوياندى،مەن ئويانماسمەن ھەنۇز.

تەۋبەئى تەۋفىق بىلەن يىغلاپ تۇرۇرلەر زار-زار،

ئاخىرەت ئامالىن ئايتىپ مەن قۇتۇلماسمەن ھەنۇز.

.بەندەلەر كىم لۇتفىڭە ھەردەم سۆيەنىپ ئولتۇرۇر،

بىدەۋا نەفسىمنى ئىزلەپ مەن سۆيەنمەسمەن ھەنۇز.

ئارىفۇ سادىق ھەمە پەندۇ نەسىھەت ئالدىلار،

بارچە پەندىڭ ئالدىلار،پەندىڭنى ئالماسمەن ھەنۇز.

بەندىلىك قىلساڭ تەكەببۇر قىلما،شەيتان فىئلىدۇر،

مەن تەكەببۇردىن زەمانى خالى ئەرمەسمەن ھەنۇز.!

دۇنيانى كۆپ يىغدى قارۇن كەتتى ئول يەر قەئرىگە،

دۇنيادىن بىردەم زەمان كۆڭۈل ئۈزەلمەسمەن ھەنۇز.

بەندىلىك قىلماي ئەزازىل بولدى سەركەش ئەمرىگە،

راندەئى دەرگھ بولدى،مەنكى يانماسمەن ھەنۇز.

بۇنداق بولساڭ،مەشرەبا،كەچكىل ھەۋايى ھىرسىدىن،

كەچتى بارچە ھىرسىدىن،ھەرگىز كېچەلمەسمەن ھەنۇز.

6

جەھاندا تاپمادىم ھەمدەرد،قالدىم ناتىۋان يالغۇز،

سەرا پا غەم سەۋارى ئىچرە قالمىشمەن نىھان يالغۇز.

كۆزۈڭ يەغما قىلۇر بىكس كۆڭۈلنى ،ھېچ ئەجەپ ئەمەس،

قاراقچى قورقاتۇر ھەر يەردە تاپسا كارۋان يالغۇز.

نەچە مەندەكنى گەردۇن مۇبتەلائى دەردۇ غەم قىلدى،

دېمەم مۇنچە جەفانى ماڭا قىلدى ئاسمان يالغۇز.

سېنىڭ تەئرىفىڭە ھەر بەندۇ بەندىم نالەلەر قىلمىش،

قاچان ئەسرارى ئىشقىڭ ئايتائالغاي ھەر زەبان يالغۇز.

ئاتالار ھەر تەرەفتىن شوخلار مۇژگانلاردىن ئوق،

قىلىبدۇرلا مېنىڭ كۆسۈمنى ھەرياندىن نىشان يالغۇز.

بۇ كۈن دوستلار،مەتائى سەبرۇ ئارامىمنى ئالدۇردۇم،

قىلالماس ھىفز مەھزۇن بولسە راۋىي داستان يالغۇز.

مەن،ئەي مەشرەب،سېنىڭ كويۇڭ سارىغە بارماغىم مۇشكىل،

نې بولغاي گەر ئۆزۈڭ كۇلبەمگە بولساڭ مېھمان يالغۇز.

7

ماڭا ئېرشاد بەرسەڭ،ئادەمۇ ھەۋۋانى ھازىر قىل ،

غەرىبۇ خەستەئى نۇھى نەبىيۇللانى ھازىر قىل.

كىرىپ نەمرۇد ئوتىغا قىلدىلەر ئاتەشنى چۇن گۈلزار،

ھەقىقەت يولىنى تاپقان خەلىلۇللانى ھازىر قىل.

تېنىنىى رەخنە قىلدى گەرمى ماتەم كەيفىيەت ئىچرە،

مەقامى سەبردە ئەييۇبتەك دانانى ھازىر قىل.

باشىغا ئەررە كەلدى،زىكرى ھەقدىن بولمادى غافىل،!

خۇدانىڭ ئاشىقى ئول رۇھى زىكرىيانى ھازىر قىل.

مۇدام ئۈممەت ئۈچۈن چۇن دىيدە خۇن ئالۇدە ئىردىلەر،

مۇھەممەد-ئەھمەد ئول رۇھى ھەبىبۇللانى ھازىر قىل.

ھەسەن بىرلە ھۈسەيىننىڭ رۇھىدىن دائىم مەدەد ئىزلەپ،

مۇھەممەد كۆزىنىڭ ئاقى ئاشۇ زۇھرانى ھازىر قىل.

ئالارنى ھازىر ئەتكىل،سوڭرە خەت بەرگىل بۇ مەشرەبكە،

مەقامى نۇردىن ئىشائى ئەھلۇللانى ھازىر قىل.

8

سەن،ئەي زاھىد، بارىپ مىرابقە قىل نازۇك ئەدالىقنى،

جاھاندا كۆرمەدىم ھەرگىز كىشى سەندەك رىيالىقنى.

زەلالەت پىشەلىقنى ئەھلى دۇنلار سەندىن ئۆرگەنگەي،

مۇناپىق بەد پىسەندلىق ھەم تەمەگەر،رو سىيالىقنى.

رىيا تائەت قىلىپ كۈندۈزلەرى ئۆزىنى دەبان مۇرشىد،

كېچەدىن تاڭ قەدەر قىلغۇڭ ئۆزۈڭدەك يۈز قارالىقنى.

ئايا مەشرەب،دېدى زاھىد گۇناھىڭ بېھىساب ئەرمىش،

ئەگەر ئەفۋ ئەيەسە سەتتار،كېچەر سانسىز گۇنالىقنى.

9

مەئرەفەت بازارىنىڭ دىۋانەسى.

بول ھەقىقەت ئىشقىنىڭ مەيخانەسى،

ئاھ ئۇرۇپ چىقسە جاھاننى كۆيدۈرەر،

ئاشىق ئەھلىن زىينەتۇ سەرمايەسى.

ئىككى دۇنيانى كۆزۈمگە ئىلمادىم،

مەنكى ئول دىيدارنىڭ ھەيرانەسى.

ئەيلەدى كۆڭۈلنىڭ ئۆيىنى خەراب،

بۇل ئېرۇر تەن مۇلكىنىڭ ۋەيرانەسى.

ماسىۋانى تەرك قىلدىم ئىشقىڭدا،

بول جاھانۇ ئول جاھان بىگانەسى.

مەشرەبى دىۋانەنى ھەيران ئېتىپ،

قەددى مەۋزۇن ئەگمە قاشىڭ قارەسى.

10

مېنى دەۋران بۇ كۈن دەردۇ ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدى،

جەفاجۇ نازەننىلەر بىرلە يارۇ ئاشنا قىلدى.

ئەلىفدەك جان ئاراسىدا نىھالى قامەتىن ئاسراپ،

غەمىدىن ئاقىبەت قەددىمنى نۇن يەڭلىغ دۇتا قىلدى

بۇرادەر،سەن بۇ كۈن مەندىن ئۈمىدى ئافىيەت قىلمە،

يۈرەك باغرىم ئاقىپ كۆزدىن ئەجەل يۈزىنى ۋا قىلدى.

كىشىگە ئايتە ئالماي باشغە تۈشكەن تەبئى ھالىمنى،

بۇ ھەسرەت بارا-بارا ئۆزىنى باغرىمچە جا قىلدى.

بۇ ھالىمغە تەرەھھۇم قىلغۇدەك بىر مىھرىبانىم يوق،

مېنى بىچارە قىلدى،زار قىلدى،بىنەۋا قىلدى.بۇ بىشەپقەت

پەلەك سالدى مېنىڭ باشىمغە سەۋدالار،

چۇ ئاندىن نېكى كەلدى،بارى تەقدىرى خۇدا قىلدى.

خالايىق دۇنى بولسام ھەم جەھان ئىچرە غەنىمەتمەن،

بۇ كۈن تاڭلا ئەيىتۇرلاركى،مەشرەب ھەم قەزا قىلدى.

11

ئىشقىڭ ئوتىغە ئۆرتەپ ھەردەم چۇ كۆيەي دەيمەن،

ئول شەمئى جامالىڭغا پەرۋانە بولاي دەرمەن.

مۇژگانىڭ ئوقىن ئاتىپ،قانىمنى تۆكەر بولساڭ،

قانىم بىلە،ئەي جانا،ئالەمنى بۇياي دەرمەن.

يۈزۈڭ بىلە قاشىڭدىن ئۆزگىگە نەزەر سالسام،

خەنجەر ئالىبان قولغە كۆزۈمنى ئوياي دەرمەن.

رەھم ئەيلەسە گەر دىلبەر ھەم ئاچسا نىقابىنى،

مەن خەستاسىمەن،دوستلار،تويغۇنچە كۆرەي دەرمەن.

مەن دەشتۇ مۇھەببەتدە تەشنە بولۇبان يۈردۈم،

سۇن ۋەسلى شەرابىدىن،ئەي ساقى،توياي دەرمەن.

مەشرەب سېنى دەپ،دىلبەر،كەچتى ئىككى ئالەمدىن،

رەھم ئەيلەگىل،ئەي جانا،ۋەسلىڭگە يېتەي دەرمەن.

12

قەلەندەر مەشرەبىڭمەن،ئىككى ئالەمنى تاپىپ ئۆتتۈم،

بىھۇشتۇ ھۇرى غىلمانىڭ پۈچەك پۇلغە ساتىپ ئۆتتۈم.

نە ئەيلەي ئابى كەۋسەرنى نىگارىم بولماسە ساقى،

خەرابات ئىچرە باردىم قەترە مەي ئاندىن تاتىپ ئۆتتۈم.

ئايا،دەۋزەخ مېنى كۆيدۈر،خەلايىق كۆيمەسۇن ھەرگىز،

تامۇغدىن ئىشىق ئوتى پۇر زور،ئانىڭ زەھرىن يۈتۈپ ئۆتتۈم.

كى جان ئالغۇچىنى كۆردۈم،دېدىم:<ئالغىل بۇ جانىمنى>،

ئەجەل قاچتى،ئۇرۇپ-قوغلاپ مەن ئانى قورقۇتۇپ ئۆتتۈم.

سالىپ بازارى ئىشقىڭغە مەتائى جىسمۇ جانىمنى،

خەرىدار سورمادى ھەرگىز،بۇ جانىمدىن كېچىپ ئۆتتۈم.

ۋىسال ئەييامى بولغاندا،كۆزۈڭ بەختى سىياھىمنى،

باشىمغە كەلسە يارىم،مەن يانىپ ئۇخلاپ،بۇكۈپ ئۆتتۈم.

كۆيۈپ ئوتقە مەنى دىۋانە مەشرەبنى سورار بولساڭ،

نە يەردە ئەھلى دەرت تاپدىم،كۆزۈم ياشىن سېپىپ ئۆتتۈم.

13

شاھى جەھانىم ئىشقىڭدا ئۆلدۈم،

ئارامى جانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

كىمدىن ئۆرگەندىڭ مۇنچە جەفانى،

ئەي نۇكتەدانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

تا قەبە قەۋسەين شەرھى قاشىڭدۇر،

ئەبرۇ كەمانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

قەقنۇسغە ئوخشاپ،نالە قىلۇرمەن،

ئۆرتەندى جانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

بىر رەھىم قىل،ھالىمنى سورغىل،

نامىھرىبانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

يارىم،ساڭا مەن چاكار بولايىن،

ساھىبقىرانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

مەشرەپكە بىر باق،جان لەۋگە يەتتى،

رۇھى رەۋانىم،ئىشقىڭدا ئۆلدۈم.

14

جانان يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم،

شەككەر لەبىڭنى سورغالى كەلدىم.

ئوتتەك تۇتاشىپ ياندى يۈرەكىم،

كۆيە-كۆيە كۈل بولغالى كەلدىم.

ئەي ماھى تابان زۇلفى پەرىشان،

ئايدەك يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم.

شەمئى جامالىڭ پەرۋانە قىلدى،

ئوتقا ئۆزۈمنى ئۇرغالى كەلدىم.

مەن سارى باقغىل ئەي گۈل ئۇزارىم،

رازى دىلىمنى ئاچقالى كەلدىم.


شاھ مەشرەپ غەزەللىرى

1

قانىمنى تۆكەر ئەرمىش بەلخ شەھرىدە مەھمۇدخان،

تەقدىرى ئەزەل بولسا، نەيلەي ئاڭا بەرمەي جان.

مىڭ شۈكر خۇدايىمغە مەنسۇرغە قوشۇلدۇم مەن،

ئول رۇھى سىياھلاركىم مەنسۇرنى ئۆلتۈرگەن.

بۇ ئىشق يولىغە كىرگەن ئەلبەتتە كېچەر جاندىن،

كەچمەسە ئەگەر جاندىن، ئايتقان سۆزىدۇر يالغان.

شىرىن غەمىدە فەرھاد، تاغلاردا ئېتىپ فەرياد،

ئىشق ئوتىدا ئۆرتەنىپ ئاخىر چۇ فەنا بولغان.

ئول ئاشىقى مەجنۇن ھەم لەيلىگە بولۇپ شەيدا،

چۆللەردە ۋەتەن ئەيلەپ كۆز ياشى رەۋان بولغان.

ئول زارى زۇلەيخا ھەم يۈسۈفكە بولۇپ شەيدا،

كۆردۈڭمۇ خەلايىقغە رەسۋايى جەھان بولغان.

كۆر تاھىرۇ زۆھرەنى خەلق ئىچرە بولۇپ مەشھۇر،

كۆڭلىنى بېرىپ يارغە ئىشقنىڭ يولىدا ئۆلگەن.

ئىشق يولىدا ئۆرتەنگەن ئول ۋامىقۇ ئۇزرا ھەم،

مەھشەر كۈنى بولغاندا جەننەتدە قىلۇر جەۋلان.

كۆر ئاشىق ئەرەنلەرنى، ئەي مەشرەبى دېۋانە،

كەلگەندە ئەجەل جامى، جانى بىلەن سىپقارغان.

رۇھى سىياھ - دىلى قارا

فەنا بولماق - يوق بولماق

سىپقارماق - سۈمۈرمەك

2

بۇلبۇل ئەردىم قىلدى غەم ئاخىر گۈلىستاندىن جۇدا،

ھەرسۇ ماتەم ئىچرە يۈردۈم شەككەرىستاندىن جۇدا.

سىينە چاك ئەتتىم، مەنىڭ ئەيبىمنى قىلماڭ، دوستلار،

قىلدى ياقۇبنى فەلەك، خۇرشىدى كەنئاندىن جۇدا.

نېچە سەۋدالارنى كۆردى بۇ مەنىڭ غەملىك سەرىم،

بولمادى بىر سائەتى زۇلفى پەرىشاندىن جۇدا.

نارەسانىڭ دەردىگە، يارەب، بۇ گەۋھەر تۇشمەسۇن،

قەدر تاپماس ئول نىگىن، دەستى سۇلايماندىن جۇدا.

شادمانى ئىزلەدىم باشىمغە غەم كەلدى ھەمە،

بىر زەمانى بولمادىم، بۇ ئاھۇ فىغاندىن جۇدا.

مەشرەبا، ئۆلگۈنچە دەرگاھىدا مەقسۇدۇڭ بۇدۇر،

خاتىرىڭنى قىلماغىل، مۇنداق پۇشايماندىن جۇدا.

3

ھەرسۇ - ھەرچاغ

سىينە - كۆكرەك، باغىر،

سەر - ئۇچ، چوققا، باش

نارەسا - كەمچىل، كەمكوتا، پىقىر

نىگىن - ئۈزۈك

مەقسۇد - مەخسەت

4

ئەي فەلەك قىلدىڭ مېنى ئول مېھرىبانىمدىن جۇدا،

بۇلبۇلى شورىدە يەڭلىغ گۈلىستانىمدىن جۇدا.

نەيلەيىن، قىلدىڭ مەنى ئاخىر غەرىبۇ بىنەۋا،

مۇبتەلائى غەم قىلىب كۆكسۈمدە جانىمدىن جۇدا.

قۇمرى يەڭلىغ بەندەلىك تەۋقىنى بوينۇمغا سالىب،

تەلمۈرۈپ ھەيران ئىدىم سەرۋى رەۋانىمدىن جۇدا.

ئاھ ئۇرۇب قان يىغلاسام ئەيب ئەيلەمەڭ، ئەي دوستلار،

مەن بولۇبمەن تۇتىئى شىرىن زەبانىمدىن جۇدا.

كوھ بەكوھ، سەھرا بەسەھرا، مەشرەبا، يۈرمەك نەدۇر،

چۇغزى بىۋەيرانەدۇرمەن ئاشىيانىمدىن جۇدا.

5

شورىدە - پەرىشان، ئىشق بەلاسى تەكگەن

قۇمرى - تورغاي خىلدىكى قۇش، بۇلبۇل

چۇغز - ھۇۋقۇش، بايقۇش

تەۋقى - تاقاق، تاسما

كوھ بەكوھ - تاغمۇ-تاغ

سەھرا بەسەھرا- سەھرامۇ-سەھرا

6

مەن كىمگە ئەيتاي دوستلارىم، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى،

سەدپارە قىلدى يۈرەگىم، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.

تۈن كېچەلەر داد ئەيلەسەم، ھەردەم سەنى ياد ئەيلەسەم،

ئىشقىڭدا فەرياد ئەيلەسەم، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.

شامۇ-سەھەر گىريان بولاي، ئىشقىڭدا سەرگەردان بولاي،

ئاخىر ساڭا قۇربان بولاي، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.

ھەمدەم بولاي مەيخانەگە، ساكىن بولاي بۇتخانەگە،

باشىم قوياي ئاستانەگە، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.

ئىشق ئەھلىگە ھەمدەم بولاي، ھەق يولىغە مەھكەم بولاي،

دەرگاھىغە مەھرەم بولاي، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.

دېۋانەئى شەيدا بولاي، مەن تالىبى مەۋلا بولاي،

خەلق ئېلىگە رەسۋا بولاي، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.

مەشرەبكە قىل لۇتفۇ كەرەم، ۋەھدەت شەرابىن دەم بەدەم،

ئەي ساھىبى لەۋھۇ قەلەم، دېۋانە قىلدى ئىشق مەنى.

7

سەدپارە -يۈز پارە

گىريان - يىغلىماق

دەم بەدەم- دەممۇدەم

8

سۈزۈك كۆزلۈك، سارىغ سەدبەرگ يۈزۈڭنى، دىلرەبا كۆرسەم،

يۈزۈڭدىن يۈز ئۆگۈرمەسمەن ئەگەر يۈز بەلا كۆرسەم.

مەنى ئاشىق، سەنى مەشۇق دەرلەر ئۇشبۇ ئالەمدە،

نەسىب بولمىش ماڭا دەۋلەت، فىراقىڭ ئوتىدا كۆيسەم.

چۇنان ھەم كۆڭلى قاتتىغسەن، بىرەر ھالىمنى سورماسسەن،

جەمالىڭغا تويالماسمەن باشىڭدىن يۈزمىڭ ئۆرگۈلسەم.

نېچۈن بىدادلىق ئىش بولدىكى، مەن سەندىن جۇدا بولدۇم،

جەفالارنى كى مەن تارتىپ نە مۈشكۈلدۇر قاراپ قالسام.

سەدەبسز دۇر، تىكەنسىز گۈل، مۇشەققەتسىز ھۈنەر يوقتۇر،

تاپارمەنمۇ ۋىسالىڭنى جەھاننى ئىستەبان يۈرسەم.

لەبىڭ لەئلۇ، خەتىڭ خىزرۇ، يۈزۈڭ مانەندى يۇسۇفتۇر،

زۇلەيخادەك كۆيۈپ-يانىپ بۇ ئىشق ئىچرە ئەدا بولسام.

ئەشۇ مەجنۇنى شەيدادەك بەيابانلار ئارا مەن ھەم،

كويۇڭدا دەم بەدەم يانىڭ «قانى لەيلا»دەپ ئاھ ئۇرسام.

كەل ئەي مەشرەب، كۆزۈڭ يوللاردا قالدى تەلمۈرۈپ، نەيلەي،

قانى ئول خاكى پايىڭ، كۆزلەرىمگە تۇتىيا قىلسام.

9

سارىغ -سېرىق

سەدبەرگ - ياپراقتەك يۈز

ئۆگۈرمەك - ئۆرىمەك

بىداد -زۇلۇم

لەئلى لەب - قىزىل ياقۇتتەك لەۋ

خەتىيڭ خىزرۇ - ئىزىڭ خىزىر كەبى

مانەند يۈسۈف - يۈسۈپكە ئوخشاش، يۈسۈپتەك

دەمبەدەم -دەممۇدەم

خاكى پاي - ئاياغىنىڭ توپىسى

10

كىمگە ئايتىب يىغلايىن نازۇك ئەدانىڭ دەردىنى،

خانەۋەيران ئەيلەگەن نا ئاشىنانىڭ دەردىنى.

دىلنى بەردىم ئەلگە مەن غەيرەز جەفاسىن كۆرمەدىم،

ئايتىب ئايتىب يىغلايىن ئول بىۋەفانىڭ دەردىنى.

ئۆمرۈم ئاخىر بولدى يەتمەي دامەنىنىڭ گەردىگە،

كىمگە ئايتىب كىمگە يىغلاي دىلرەبانىڭ دەردىنى.

دەربەدەر ئاۋارەمەن، كۆيدى دىلىم ئەخكەر سېفەت،

بەخت قارا بولغان بىلۇر بەختى قارانىڭ دەردىنى.

ئاسمان بىسەر بولۇر ئىيتسام ئەلەملىك داستان،

ھەر كىشىگە ئايتە بىلمەم رەھنەمانىڭ دەردىنى.

دەشتۇ سەھرالەر كۆيەر مەجنۇننىڭ تارتقان ئاھىدىن،

بىسەرۇپالار بىلۇر ساھىب ئەزانىڭ دەردىنى.

نارەسالارگە سۇخەن قىلما، خەتادۇر، مەشرەبا،

بىلمەس ھەركىم چار يارى با سەفانىڭ دەردىنى.

11

غەيرەز -غەيرى

دامەن - ئېتەك، ئۆڭكۈر، چەت ياقا

دەربەدەر - كوچىمۇ-كوچا

ئەخگەر - ئوت، چوغ، ئاشىقلىق ئوتى

بىسەر - باشسىز

رەھنەما - يولباش

بىسەرۇپا - ئاچ-يالىڭاچ، كىيىمسىز

نارەسا - كەمچىللىك، كەمكۈتە،

چار يار - تۆت چاھاريار

با سەفا - پاك بولغانلار.



دەرد سوراڭ


شاھ مەشرەپ


خانۇمانىدىن جۇدا بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ،

ئ‍ۆرتىنىپ قەلبى دۇتا بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ،

دەردۇ غەمگە مۇپتەلا بولغان كېشىدىن دەرد سۇراڭ،

بىكەسۇ بىمۇتتەكا بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ،

مىسلى مەن بىدەستۇ پا بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ،


تەلمۈرۈپ قالدىم بۇ يولدا ھەمسەفەردىن ئايرىلىپ،

يول ئاداشىپ غەمدەدۇرمەن راھىبەردىن ئايرىلىپ،

بەخت قارا كەلدىم بۇ يولدا ياخشىلاردىن ئايرىلىپ،

ئەندەلىب ئېردىم قالىپمەن بالۇ پەردىن ئايرىلىپ،

مەن كەبى بەختى قارا بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ.


ئانىدىن تۇغمىش كۈنۈم رۇزى ھالاۋەت كۆرمىدىم،

بۇ رەباتى كۈھنىدە مەن ئىستىقامەت كۆرمىدىم،

غەرق بولدۇم نەچچە بىر مىھنەتكە راھەت كۆرمىدىم،

غۇسسىدىن ئۆلدۈم، دەمى خابى فەراغەت كۆرمىدىم،

خانە بەردۇشى گەدا بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ.


دەست خۇشگۇ بىبىزا ئەتمەن، جەھاندىن بىسەمەر،

غەم بىلەن ئاتەشكە تۈشكەنمەن، قالىپمەن مۇشتى پەر،

بىكەسۇ بىمۇتتە كا بولغان كىشىنى كىم سورەر،

ئىچكىنىم زەھرابەردۇر، ھەر سائەتى خۇنى جىگەر،

ھەجىر ئارا ساھىب ئەزا بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ،


بۇل مىنىڭ رازى دىلىمنى زار بولغانلار بىلۇر،

دەرد كۆرگەنلەر بىلۇر ،بىيار بولغانلار بىلۇر،

غۇسسەۋۇ غەم بىرلە دىل ئەفگار بولغانلار بىلۇر،

بىر ئەزىزى باشى چۇنا نەم خار بولغانلار بىلۇر،

يول ئارا بىرەھناما بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ.


مىسلى قەقىنۇستەك بۇ ئاتەش ئاشىيانىمدىن چىقار،

نالە قىلسام ئاتەشى سوزاب زەبانىمدىن چىقار،

شۇرىشى مەھشەر مىنىڭ ئاھۇ فىغانىمدىن چىقار،

دەرد كۆرگەنلەر بايانى داستانىمدىن چىقار،

داغى ھەسرەتتە ئادا بولغان كېسىدىن دەرد سۇراڭ.


مۇددەتى بولدى بۇ يولدا ئىستىراھەت مەندە يوق،

كەشفىدىن خالى ئىرۇرمەن،ھېچ كارامەت مەندە يوق،

لالىدەك سىينەمدە داغىم بار،فەراغەت مەندە يوق،

رازى دىل ئىزھار قىلسام،ئەھلى سۆھبەت مەندە يوق،

رەڭگى زەردۇ كەھرىبا بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ.


غۇسسىدىن ئەفسۇردەمەن،باغرىمدا قانىم قالمىدىدى،

بولدى خاكىستەر ۋۇجۇدۇم،ئۇستىخانىم قالمىدى ،

غەم فەنا قىلدى مىنى،نامۇ نىشانىم قالمىدى،

ئان قەدەر ئۆرتەندى جىسمى ناتەۋانىم قالمىدى،

دەردۇ غەم بىرلە فەنا بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ.


مەشرەبا، زۇلمەتكە غەرق بولدى مىنىڭ ئابۇ گېلىم،

بۇ سەبەبدىن تەڭ كىلىپدۇر بارا تۇرغان مەنزىلىم،

ھەر زامان، ھەر لەھزە، ھەر سائەت پەرىشاندۇر دىلىم،

ئىزلىسەم يانىمدا يوق بىر غەمگۇسارى قابىلىم،

بىكەسۇ بىرەھناما بولغان كىشىدىن دەرد سۇراڭ.