ئەجدادلىرىمىزنىڭ قانۇن چۈشەنچىسى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

يۈسۈپجان ياسىن

تارىختا ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ قۇرغان خانلىقلىرى ھۆكۈمدار(تەڭرىقۇت ياكى قاغان) بىلەن خەلقنىڭ ھەمكارلىقى ئۈستىگە قۇرۇلغان ھاكىمىيەت بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى قانۇنغا تايىنىش ئىدى. قەدىمكى تۈركىي تىلدا قانۇن ‹‹تۆرە›› دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى ‹‹تۆرۈ››ئىدى. تۆرە مىللەتنىڭ ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ كەسكىن ھۆكۈملەر بىرلىكى ئىدى. چۈنكى، قانۇننىڭ مەنبەسىمۇ دەل ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلەردۇر. دېمەك، تۆرە ئىجتىمائىي ھاياتنى رەتكە سالغۇچى مەجبۇرى قائىدىلەرنىڭ توپلىمى ئىدى. ‹‹ئورخۇن ئابىدىلىرى››دە ‹‹تۆرە›› سۆزى ئون بىر يەردە تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئالتىسىدە ئىل(دۆلەت) بىلەن بىرلىكتە قوللىنىلغان. قالغان بەش يەردىمۇ يەنە ئىل بىلەن ئالاقىسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، بۇ ئابىدىلەردە ‹‹دۆلەت قۇرۇش›› بىلەن ‹‹قانۇن تۈزۈش››ئىشىنىڭ تەڭ تۇتۇلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەتىلگەن، ‹‹دۆلەت قانۇنى›› دېگەن ئۇقۇمغا مۇھىم ئورۇن بېرىلگەن. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كىتابىدا ‹‹تۆرە›› نىڭ مەزمۇنى ‹‹ئادەت››، ‹‹ئەنئەنە›› مەنىسىدە چۈشەندۈرۈلۈپ، ‹‹ئىل››(دۆلەت) بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنغان بولسا، يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ كىتابىدا بۇ سۆز ‹‹قانۇن›› ۋە ‹‹نىزام›› مەنىسىدە ئېلىنىپ،‹‹ئىل››، ‹‹بۇدۇن›› (مىللەت ياكى خەلق)،‹‹ئىلىگ›› (قاغان-خاقان) بىلەن بىرلىكتە قوللىنىلغان. دېمەك، تۈركىي قەۋملەرنىڭ دۆلىتى قانۇنغا باغلانغان بىر تەشكىلات ئىدى. خەلق ياكى مىللەت ئەزالىرى بىۋاسىتە ھالدا قانۇننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ياشايتتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، قەدىمكى ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارداقانۇنسىز ياكى ھۆكۈمدارنىڭ شەخسىي ئىرادىسىگە باغلىق بولغان بىر خىل ھاكىمىيەت شەكلى بولمىغان. شۇ سەۋەبلىك، قاغانلار بۇيرۇقلىرىنى، سوتچىلار (يارغىچلار) ھۆكۈملىرىنى قانۇن بويىچە چىقىراتتى، كىشىلەر ئارىسىدىكى تۈرلۈك ئالاقىلار قانۇنىي تەرتىپ بىلەن بولاتتى. ھېچقانداق ئادەم قانۇندىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرمايتتى.

قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردە تۆرە ‹‹قانۇن›› مەنىسىدە كېلىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. چۈنكى، يازما ھالەتكە كەلگەن قانۇنلار بىلەن يېزىقسىز ھالەتتىكى ئۆرپ – ئادەت ياكى قائىدە – يوسۇنلارمۇ تۆرىنىڭ دائىرىسىگە كىرەتتى. ھەتتا ھۇقۇقىي مەنىدىكى تۆرەدىن باشقا دىنىي ۋە ئەخلاقىي تۆرەلەرمۇ بار ئىدى. شۇڭا، قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردە تۆرە ئەجداتلاردىن قالغان پۈتكۈل قائىدىلەرنىڭ توپلىمى دېگەنلىك بولاتتى. تۆرە ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ماھىيەتتىكى بىر مۇنچە پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇئەسسىسە يارىتىپ، ئىنسانلارغا ئۆز ھەقىقىتىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارغا خاتىرىجەملىك ۋە ھوزۇر ئىچىدە ياشايدىغان شارائىت يارىتىش مەقسىتىدە دۆلەتتىن ئىبارەت ئىنسانلارغا ئەڭ چوڭ پايدا يەتكۈزىدىغان يۈكسەك بىر مەركىزى مۇئەسسىسەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.

يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، تۆرە-قانۇن ئىجتىمائىي ھاياتنى رەتكە سالغۇچى قائىدىلەرنىڭ توپلىمىدۇر. باشقىچە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، كىشىلەر بىلەن جامائەت (گۇرۇھلار) ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى رەتكە سالىدىغان، ئىدارە قىلغۇچىلار بىلەن ئىدارە قىلىنغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى بىلدۈرىدىغان ئۇسۇلدۇر. ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ھۆكۈمدارنىڭ سالاھىيىتىنى مەجلىس(قۇرۇلتاي ۋە ھۆكۈمەت مەجلىسى)نىڭ چەكلەپ تۇرغانلىقىنى، ھەم ھۆكۈمدارنىڭ ھەم مەجلىسنىڭ ئۈستىدە بولسا تۆرە-قانۇننىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ھەر قانداق بىر تەركىۋىنىڭ تۆرە – قانۇن تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن نورمىلار توپلىمىنىڭ سىرتىغا چىقىشقا مۇمكىنچىلىكنىڭ يوقلىقىنى كۆرىمىز. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ تارىختىكى خانلىقلىرىنى ‹‹قانۇن دۆلىتى›› دەپ خاراكتېرلەندۈرۈشكە بولىدۇ. مۇتلەق ھالدا بىر نام قويۇشقا توغرا كەلسە، قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردىكى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ‹‹قانۇن سىستېمىسى›› دەپ ئاتىساق خاتالاشقان بولمايمىز. چۈنكى، مەھمۇد كاشغەرىي تىلغا ئالغىنىدەك، ‹‹ئىل كېتىدۇ، تۆرە قالىدۇ››، يەنى دۆلەت ئاغدۇرۇلغان تەقدىردىمۇ تۆرە-قانۇن مىللەت ئەزالىرىنىڭ روھى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا ساقلىنىپ، شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى، جەمئىيەت تەرتىۋىنى قوغدىغۇچى كۈچ سۈپىتىدە ئىزچىل داۋاملاشقان. دۇنيا قانۇنچىلىق تارىخىدا بۈيۈك ئورۇن تۇتقان يۈسۈف خاس ھاجىپ ‹‹جاھاندا تۈزمەكلىك قانۇن ۋە نىزام، كىشىگە كىشىلىك قىلىشتۇر تامام››(5765-بېيىت) دېيىش ئارقىلىق قانۇن تۈزۈش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ پەقەت بىرلا بۈيۈك نەرسىنى، يەنى ئىنسانپەرۋەرلىكنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشىمۇ پىكرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھاكىمىيىتىدە ۋە جەمئىيىتىدە دىندارلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئىمتىيازلىق بىر سىنىپنى تەشكىل قىلىشىغا پايدىلىق بىر ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بولماسلىقى ھۆرىيەت ۋە ئادالەت پىرىنسىپلىرىنى يۈرگۈزىدىغان قانۇنىي ھاكىمىيەتكە مۈمكىنلىك بېرەتتى. بولۇپمۇ بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن ئىش كۆرۈشى، تەجرىبىگە تايىنىشى، ئۆزگىرىۋاتقان شارائىتقا ماسلىشىشى، مۇتەئەسسىپلىك ۋە دىنىي مونۇپۇلچىلىقتىن يىراق تۇرۇشى، يەنى دېتېرمىنستىك تەقدىرچى بىر چۈشەنچىنىڭ ئورنىغا راتسيۇنالىستتىك (ئەقىلچىل) بىر چۈشەنچىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدە ئىرق، تىل ۋە دىنىي پەرقنى نەزەرگە ئالماستىن، ھەر قانداق ئىنسانغا ئادىل، باراۋەر، ھەققانىي مۇئامىلە قىلىدىغان قانۇن چۈشەنچىسىنى ياراتقان. بۇ ئارقىلىق مىللەت ئەزالىرىنى ۋە ئۆز تېررىتورىيەسىدە ياشىغان باشقا مىللەتلەرنى تىنچ، ئەركىن ياشاش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جانلىق، ئاكتىپ ئىنسانلار سۈپىتىدە ھاياتقا ئىشتىراك قىلىشىغا يول ئاچقان. لېكىن، دۇنيا تارىخىدا شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەرگە ئالمىغان ھالدا قاتتىق رىجىم بىلەن ئىنسانلارنى ھەرىكەتسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان بىر مۇنچە قانۇنلارمۇ بولغان. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن چۈشەنچىسى بۇ خىل قانۇندىن رۇشەن دەرىجىدە پەرقلىنىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ قانۇنچىلىق تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

تۆرە خېلىلا قاتتىق ۋە كەسكىن ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. جازالار ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن تۆرە جەمئىيەتنىڭ ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھېچكىم بۇ جازالارنى ھەقسىز ۋە ئادالەتسىز دەپ قارىمايتتى. تۆرەنىڭ دائىم توغرا ۋە ئادالەتلىك تەرەپنى ئەمىر قىلىدىغانلىقىنى ھەر كىشى باشتىن تارتىپلا قوبۇل قىلاتتى. چۈنكى، تۆرە مىللەتنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ھايات تەجرىبىسىدىن سۈزۈپ چىقىلغان قائىدىلەردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ خىل مەدەنىيەت ئاساسىنى نەزەرگە ئالغان زىيا گۆكئالپ تۆرە سۆزىنىڭ ‹‹تۈرك›› نامى بىلەن ئوخشاش بىر مەنبەدىن ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرۈپ، ‹‹تۈرك›› دېگەن نامنى ‹‹تۈرەلى››(قانۇن، ئۆرپ – ئادەت ئىگىسى) دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرگەن. يەنە تۆرە بىلەن بىرلىكتە قوللىنىلغان ‹‹ياسا›› ياكى ‹‹ياساق›› دېگەن بىر ئاتالغۇمۇ بار ئىدى. بۇ ئاتالغۇ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن ئىسلام تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە ئەدەبىياتىغا كىرىپ كەڭرى يېيىلغان ۋە كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار ۋە سەلجۇقلاردا قانۇن ۋە نىزام مەنىسىنى ئىپادە قىلغان تۆرە ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىگەن.

تۆرە خەلق، قۇرۇلتاي ۋە قاغاندىن ئىبارەت ئۈچ مەنبەدىن تەشكىل تاپاتتى. يەنى بىر قىسىم تۆرە بىۋاسىتە ھالدا خەلق ئىچىدە مەيدانغا كېلەتتى. بۇلار ئەنئەنە شەكلىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلەتتى. ئىككىنچىسى، بەگلەرنىڭ قۇرۇلتايدا قوبۇل قىلغان قارارلىرى ئىدى. ئۈچىنچىسى بولسا قاغانلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆزلىگىدىن تەرەققىي قىلاتتى. تۆرە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىش جەرىيانىدا قاغانلار ۋە بەگلەر بەزى تەرەپلەرنى قوشاتتى. ھەر بىر چوڭ تارىخىي ۋەقەدىن كېيىن ياكى يېڭى بىر سۇلالە تەختكە چىققاندىن كېيىن تۆرە قۇرۇلتايدا بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرىلەتتى ۋە بەزى ھۆكۈملەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلاتتى. لېكىن، بۇنىڭدىن قاغاننىڭ خالىغان نەرسىنى ئۆز ئالدىغا تۆرەگە قوشۇش سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش خاتادۇر. مەسىلەن، كۆكتۈركلەردە بىلگە قاغاننىڭ بۇددىزمنى قوبۇل قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ رەت قىلىنىشى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. 10- ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىسلامىيەت دەۋرىگە كىردى. ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تۆرە – قانۇن بىلەن دىننىڭ توقۇنىشى بەزى نۇقتىلاردا كۆرۈلگەن بولسىمۇ، خانلار، بەگلەر ئائىلە ئىشلىرى، سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەدە تۆرەنى تەتبىقلاشتىن ۋاز كەچمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار دىنىي قانۇن، يەنى شەرىئەت قانۇنى ھەققىدىمۇ ئىزدەنگەن. مەسىلەن قاراخانىيلار دەۋرىدە 300 دىن ئارتۇق فىقىھ يېتىشىپ چىققان، شەرىئەت قانۇنىغا ئائىت 350 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىلغان. ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، بۇ ئەسەرلەر باشقا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىدىكى فىقىھ كىتابلىرىدىن پەرقلىق بىر شەكىلدە يېزىلغان، ئىسلامىيەت ئەمەلىيەتچىل بىر چۈشەنچە بىلەن قولغا ئېلىنغان. قاراخانىيلار دەۋرىدىكى قانۇنچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى سىياسەت بىلەن دىن ئايرىۋىتىلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى ئەقىلگە ۋە تەجرىبىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنغان، دىنىي ئىشلار بولسا شەرىئەت قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە تۈرك-ئۇيغۇرلاردا تۆرە ئاتالغۇسى ئاللىقاچان ئىستىمالدىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە چۈشەنچە، مىزان، ئۆرپ – ئادەت شەكلىدە يەنىلا داۋاملاشماقتا. ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ‹‹ئىنسانىيلىق››، ‹‹ئادىللىق››، ‹‹باراۋەرلىك››، ‹‹قەدىر-قىممەت››، ‹‹ئېتىقاد ئەركىنلىكى››نى تۈپ مىزان قىلىشى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

تۆرە ھۆكۈملىرى ئۆزگەرمەس قېلىپ ئەمەس ئىدى. بىر خىل ئىجتىمائىي ۋە ھوقۇقىي نورمىلارنىڭ توپلىمى بولغان تۆرە شارائىت ۋە ئىمكانىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلاتتى. دۆلەتنىڭ نەزەرىيىە ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ھەقىقەتگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى بۇرۇنلا چۈشىنىپ يەتكەن تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماكان ۋە زاماننىڭ تەقەززاسى ۋە ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، مەجلىسنىڭ قارارىنى ئېلىش ئارقىلىق تۆرەگە يېڭى ھۆكۈملەرنى قوشاتتى. شۇنداقتىمۇ تۆرەنىڭ ئاساسىي قانۇن ماھىيىتىدىكى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى بار ئىدى. بۇلار ئادالەت، ياخشىلىق-پايدا يەتكۈزۈش، باراۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك(كىشىلىك) تىن ئىبارەت ئىدى. ئاساسىي قانۇن ماھىيىتىدىكى بو تۆت چوڭ پىرىنسىپنىڭ ماھىيىتى ۋە چېتىلىش دائىرىسى مەشھۇر سىياسەت – قانۇن كىتابى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە كۈن تۇغدى(ئادىل قانۇن)، ئاي تولدى(بەخت –سائادەت)، ئۆگدۈلمىش (ئەقىل–پاراسەت) ۋە ئودغۇرمىش(ئاقىۋەت)نىڭ چۈشەنچىلىرى، ئۇلارنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ قانۇننى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشى، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي بەخت- سائادىتىنى ئادىل قانۇنغا باغلىشى ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھوقۇقچىلىق ساھەسىدىكى ئەمەلىي پاراسىتى ۋە تەجرىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ھەقىقەتەن، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى قانۇن روھىنى ۋە قانۇن ئىدىيەسىنى ئەڭ روشەن، ئەڭ گەۋدىلىك ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويغان بىر دەستۇر بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پەلسەپىسىنى ئەدەبىي ئەدەبىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان بىر ئەسەر.

يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر قانۇن ۋە دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش توغرىسىدا ناھايىتى بۇرۇنلا ئىزدىنىشكە باشلىغان، بۇ ساھەدە دەۋرداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئالدىدا ماڭغان. ئېكسپېدىتسىيە ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەرىيانىدا تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭدىن ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ نەچچە يۈز پارچە قانۇنىي ھۆججەتلەر تېپىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە ھەر قايسى دۆلەتلەردە رەتلىنىپ نەشر قىلىنغانلىرى 150 پارچىگە يېتىدۇ. بۇ ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تارىخىنى يورىتىشتا، بولۇپمۇ دۆلەتنى دىندىن خالىي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتىكى ھوقۇقچىلىق ئېڭىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە سېلىشتۇرما قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم مەنبە ھېساپلىنىدۇ. بۇ قانۇنىي ھۆججەتلەر مەزمۇن جەھەتتىن قەرىز بېرىش ۋە قەرىز ئېلىش(پۇل، قۇناق، بۇغداي، شاراپ، پاختا، پاختا رەخت، تېرىق قاتارلىق) ۋەسىقىلىرى؛ ئېلىم – بېرىم (ئېتىز، ئوغۇل ۋە قۇل قاتارلىق) ۋەسىقىلىرى؛ ئىجارىگە بېرىش(ئېتىز، ھايۋان قاتارلىق) ۋەسىقىلىرى؛ گۆرەگە قويۇش ۋەسىقىلىرى؛ ۋەھپە ۋەسىقىلىرى ۋە ۋەسىيەتنامىلەردىن ئىبارەت ئالتە تۈرگە بۆلىنىدۇ. بۇ قانۇنىي ھۆججەتلەر سىستېمىلىق بىر شەكىلدە تۈزۈلگەن. مىسال قىلىدىغان بولساق، قەرىز بېرىش ۋە قەرىز ئېلىشقا دائىر ھۆججەتلەردە قەرىزنىڭ مىقدارى، ئۇنىڭ قاچان، نېمە سەۋەپ بىلەن، قانچىلىك ئۆسۈم بىلەن قەرىز ئېلىنغانلىقى، قاچان قايتۇرىدىغانلىقى، قايتۇرالمىسا قوللىنىلىدىغان چارە-تەدبىرلەر، كېپىللىك بەلگىلىرى ۋە قەرىز ئالغۇچى ئۆلۈپ كېتىپ قالسا قەرىزنى كىمنىڭ قايتۇرىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. ھۆججەتلەرنىڭ ئاستى تەرىپىگە كېلىشىم تۈزگۈچىلەرنىڭ، گۇۋاھچىلارنىڭ ۋە كېلىشىمنى يازغان كىشىلەرنىڭ ئىمزاسى ۋە نىشان-تامغىلىرى چۈشۈرۈلگەن. بۇ ھۆججەتلەردە قوللىنىلغان سىستېما ھازىرقى زامانىۋىي دەۋردىكى توختام ھۆججەتلىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان دەرىجىدە مۇكەممەل ئىدى. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان تېمىلاردىن بىرى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ تۆت ئەۋلاد ساقلاپ كەلگەن كىرىم – چىقىم دەپتىرىدۇر. بۇ دەپتەردە شۇ ئائىلە ياكى جەمەتنىڭ توي-تۆكۈن ئىشلىرى ۋە ئۆلۈم – يىتىم ھادىسلىرىدە خەجلىگەن پۇلى، ئىشلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن باشقىلاردىن ئالغان قەرزى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئايرىم–ئايرىم كۆرسىتىلگەن. بۇ دەپتەر تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىگە زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق خەلقنىڭ تۇرمۇش قارشىنى چۈشىنىشكە، شۇنداقلا نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇ باھالارنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرما قىلىشقا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىقتىسادىي ھالىتىنى بىلىش جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. دېمەك، قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھە ۋە قاتلاملىرىغا كەڭ ئومۇملاشقان. ئاددىسى ھەتتا يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئائىلە خىزمەتچىلىرىمۇ قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلگەن. بۇ توغرىسىدا ئا. ۋون. لېكوك مۇنداق دەيدۇ: ‹‹شۇ دەۋردىكى ياۋروپا دۇنياسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ھەققىدىكى بىلىمى ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى. شۇ چاغدا ياۋروپادا پەقەت بىر قانچە قەلئە بەگلىرى يېزىق ۋە مۇناسىپ قانۇنىي ئىبارىلەر بىلەن ئاران توختام تۈزۈش سەۋىيەسىگە يەتكەن. ھالبۇكى ئۇيغۇرلاردا بولسا، بىر دېھقان ۋە بىر قول ھۈنەرۋەنمۇ بۇنى بىلەتتى. ھوقۇقىي ئۆلچەملەر ۋە قانۇنلار بولسا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ۋە مۇكەممەل ئىزچىللاشتۇرۇلغان ھوقۇق ئەمەلىيىتىنىڭ دەلىلى ھېساپلىنىدۇ.›› ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەرنىڭ قانۇن تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان مەشھۇر ئالىم سادرى مەقسۇدى ئارسال تۇرپاندىن تېپىلغان قانۇنىي ھۆججەتلەردىن خاننىڭ ئىچكى خەزىنىسىنىڭ دۆلەت خەزىنىسىدىن ئايرىلغانلىقى، مىراستىن دۆلەت بېجى ئېلىنغانلىقى، يازما ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ بېكىتىلگەنلىكى ۋە يەرگە بولغان مۈلۈكچىلىك ئۇقۇمىنىڭ تامامەن ئومۇملاشقانلىقى قاتارلىق بىر قانچە ۋەسىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنچىلىق ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بىرىپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھېچقانداق بىر ۋەسىقە قالماي پەقەت بۇ ۋەسىقىلا قالغان ھالەتتىمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە قانۇنىي سەۋىيەسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولاتتۇق.›› يەركەندىنمۇ قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇپ(مىلادى 1082-يىلىغا ئائىت) سوتنىڭ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماجرا ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈم چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى 15 پارچە قانۇنىي ھۆججەت تېپىلغان. ئىبنى ئەل – ئەسىر قاراخانىيلارنى ‹‹تەرتىپ ۋە قانۇن جەھەتتىن ئەڭ ياخشى ئەللەرنىڭ بىرىدۇر››دەپ تەرىپلىگەن. بۇنىڭدىن شۇنداق چۈشەنچىگە كېلىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلاردا قانۇن ئىدىيەسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ئۇلاردا قانۇنسىز بىر دۆلەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا، شۇنداقلا قانۇننى دەپسەندە قىلىدىغان، مۇستەبىت ياكى ھۆكۈمدارلار گۇرۇھىنىڭ ھېسياتى ۋە شەخسىي ئىرادىسىگە باغلىق بولغان ھاكىم مۇتلەق ئىدارە قىلىش شەكلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا مۇمكىنچىلىك بەرمىگەن. قىسقىسى، قاغانلارنىڭ تەختكە چىقىشى ۋە ئەمىر-پەرمانلارنى ئېلان قىلىشى، سوتچىلارنىڭ ھۆكۈملىرى، ئەڭ ئاددىسى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئېلىم – بېرىم ۋە قەرىز مۇناسىۋەتلىرى قانۇنىي ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، ئوغۇز قاتارلىق تۈركىي قەۋملەردە قانۇن تۈزۈشتىن مەقسەت ‹‹ئادالەت››ئورنىتىش ، دۆلەتنى ۋە جەمئىيەت تەرتىۋىنى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇش ئىدى. ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› تىكى ‹‹زورلۇق ئىشىكتىن كىرسە، تۆرە تۈڭلۈكتىن چىقار›› دېگەن ماقال – تەمسىلدە تەسۋىرلەنگىنىدەك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەردە قانۇن زوراۋانلىق ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى مەيداندىكى ئادىللىقنى ئۆزىگە سۈپەت – ماھىيەت قىلغان بولۇپ، خەلق ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلاتتى. بۇ مەنىدە ‹‹ئوغۇزنامە››دىكى ‹‹ئەي خاقانىم سىنىڭ قانۇن – تۈزۈمىڭگە ئادالەت يار بولسۇن›› دېگەن بايانلارمۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ قانۇن ئېڭىنى چۈشىنىشتە مۇھىم بىر ئۇچۇردۇر. 11-ئەسىردە ياشىغان ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسى شەرىف ئىدرىسى ‹‹تۈركلەرنىڭ پادىشاھلىرى سەر خىل ئەسكەرلەردىن بولۇپ، مۇكەممەل تەييارلىققا ئىگە، ئۇلار جەمئىيەتتە ئىش يۈرۈشتۈرۈشنى بىلىدىغان، تەدبىر قوللىنىشتا قەتئىي، لېكىن ئېھتىياتچان، ئادالەتكە سادىق، گۈزەل سۈپەتلىك ئىنسانلاردۇر››دەپ تەسۋىرلىگەن. دانىيەلىك مەشھۇر ئالىم ۋ. تومسېن ‹‹ئورخۇن ئابىدىلىرى››نىڭ تېكىستىنى ئۆرنەك قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹دۆلەتنىڭ مەقسىتى يالغۇز بىخەتەرلىك ۋە ئاسايىشلىق يارىتىشلا ئەمەس ئىدى. دۆلەتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك بىر غايىسى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئادالەتكە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ئادالەت تۈرك ئىلىنىڭ مەقسىتى ۋە مەڭگۈ داۋاملىشىشىنىڭ شەرتى ئىدى.›› مىلادى 1233-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بۇخارالىق ئالىم ئەۋفىنىڭ كىتابىدا قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىرىدىن ئۇلۇغ تابغاچخان ئادالەتلىك شاھلارنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ يېزىلغان. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە كۈن تۇغدىنى ھەم قانۇنغا ھەم ئادالەتكە سىمۋول قىلغان يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرىمۇ دەل ‹‹ئادىل قانۇن تۈزۈش››،‹‹قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش››،‹‹قانۇن دۆلەتتىن ئۈستۈن تۇرۇش›› دېگەن چۈشەنچىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە كۆرۈلگەن. يۈسۈف خاس ھاجىپ خاقاننىڭ ۋە دۆلەتنىڭ شۆھرىتى پەقەت ئادىل قانۇن تۈزۈش بىلەن يۈكسىلىدۇ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىچكى تەرتىپ، ياخشىلىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئاساسى ئادىل قانۇن تۈزۈش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتا دەپ كۆرسەتكەنىدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھۆكۈمدار ۋە پۇقرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى قانۇن ئالدىدا باراۋەر ئورۇندا تۇرىشى كېرەك، يەنى ‹‹قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر›› دېگەن ئىدىيەسى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› بىلەن تونۇشقان ھەر قانداق بىر ئىلىم ئادىمىنى يۈسۈف خاس ھاجىپ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك قانۇنشۇناسلارنىڭ بىرى دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. يۇقىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغىنىدەك، يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ قانۇن ئىدىيەسى ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى تۈركىي قەۋملەردە تەتبىقلىنىپ كەلگەن قانۇن چۈشەنچىلىرىنى مەنبە قىلغان ھالدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئالىم ئەسەردە ئىجتىمائىي بەخت –سائادەت يارىتىشنىڭ ئىلمىي، قانۇنىي، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي شەرتلىرىنى بىر – بىرلەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ ئارقىلىق سوتسىيال، دېموكراتىك، لائىك، قانۇن دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا بۇ كىتابنى ئەينى دەۋردە شەرقتە، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ يېيىلغان دېداكتىك ئەسەرلەر، نەسىھەتنامىلەر ياكى ھۆكۈمدارنىڭ خۇسۇسىي ئىنساۋىغا سېغىنىدىغان ئەخلاقنامىلار بىلەن بىر قاتاردا قويۇشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، يەنە 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن غەربتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ماكياۋېللى ئىدىيەسى، يەنى ‹‹سىياسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەر قانداق ئەخلاقسىزلىقنى قىلىشقا بولىدۇ››، ‹‹دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇچۈن ھەر خىل يامان ھەرىكەتلەرنى قىلىش پايدىلىق ۋە ياخشىدۇر››، ‹‹بۈيۈك ئىشلارنى سۆزىدە تۇرمايدىغان، يالغانچى، ئارقىدىن پۇتلايدىغان، رەھىمسىز كىشىلەر ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ››دېگەن قاراشنى ئالغا سۈرگەن ماكياۋېلىزم بىلەنمۇ زادى سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش زۆرۈركى، تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھەم ئادىل ھەم ھەر قانداق كىشىگە باراۋەر تەتبىقلاشنى شەرت قىلغان قانۇن ئىدىيەسى ھەرگىزمۇ ھىندىستاننىڭ ‹‹مانۇ قانۇنى››، ئىراننىڭ ‹‹خاممۇراپى قانۇنى›› ۋە گرېكلارنىڭ ‹‹سۇلۇن قانۇنى››دەك كودېكىس ھالىتىدە توپلام قىلىنغان ئەمەس. چۈنكى، مىللىي ئەنئەنىگە، ئۆرپ-ئادەتكە ۋە ئەخلاققا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، ئىنسانىيەت تارىخى ئۈچۈن ‹‹ئەخلاق پەلسەپىسى›› تىكلىگەن تۈركىي قەۋملەردە قانۇن ۋە تۈزۈملەر ئاشۇ ئەنئەنە، ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەچكە، ئۇ تەبىئىي ھالدا خەلقنىڭ روھىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا داۋاملىق تەتبىقلىنىپ بېيىپ ماڭغان. جەمئىيەتتە تەرتىپ بىۋاسىتە قانۇن زورىغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ۋىجداننىڭ ئىنكاسى بولغان ئەخلاقنىڭ كۈچى ئارقىلىق قوغدالغان. شۇڭا، بۇ مىللەت تۈركۈمىدە مەخسۇس يازما قانۇن تۈزۈشنىڭ ھاجىتى بولمىغان. بۇ توغرىسىدا قەدىمكى غەرب ئاپتورلىرىدىن 10 –ئەسىردە ياشىغان خامارتۇل ناھايىتى توغرا مەلۇمات بىرىپ مۇنداق يازغان: ‹‹ھەر قايسى رايونلاردىكى ھەر قانداق بىر مىللەتتە بەزى قانۇنلار بولغان. بەزى مىللەتلەردە يازما قانۇنلار تۈزۈلگەن، يەنە بەزى مىللەتلەردە ئادەت قانۇنى بولغان. يازما قانۇنى بولمىغان مىللەتلەردە ئەجداتلىرىنىڭ ئادەت – يوسۇنلىرى قانۇن رولىنى ئۆتىگەن. بۇ خىل مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئاۋۋال سېرىسلار (تۈركلەر-ئۇيغۇرلار)نى تىلغا ئېلىش كېرەك. ئۇلارنىڭ قانۇنى ئەجداتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئاساسلانغان.›› رۇس ئالىمى د. تېخىنوفمۇ ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ئەھۋالنى نەزەرگە ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹مەنبەلەردە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانداق قانۇنلار ئاساسىدا ئىش بىجىرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ئېھتىمال بىزگە ھازىرچە نامەلۇم بولغان يازما قانۇن بولغان بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا بۇنداق يازما قانۇنلارنى يوق دېگەن تەقدىردىمۇ، تالاش- تارتىشنىڭ ھەممىسى ئادەت قانۇنى ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولغان دەيدىغان بولساق، ئۇ ھالدا سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بەك يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.›› يەنە قەدىمكى غەرب ئاپتورلىرىدىن باردېسانى، كلېمېنتىن، كايسەرى ۋە خامارتۇل قاتارلىقلار ‹‹سېرىس مەملىكىتى››دە كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تولىمۇ يۈكسەكلىكىنى ۋە سېرىسلارنىڭ جەمئىيىتىدە جىنايەت ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى زادىلا ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىدىكى مەدەنىي جەمئىيەت ياراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەشھۇر ئالىم، تۈركولوگ ئا.زەكى ۋەلىدى توغانمۇ : ‹‹ئۇيغۇرلار ئەخلاقتا مۇكەممەل ئىنسانلار بولۇپ، سەمىمىي بىر مەدەنىي جەمئىيەت تەشكىل قىلغان›› دەيدۇ. ئەلۋەتتە بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتە مۇكەممەللىشىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىق چۈشەنچىسىنى يۈكسەلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە‹‹ئىنسان سۆيگۈسى››،‹‹ئادالەت››، ‹‹باراۋەرلىك››، ‹‹قەدىر-قىممەت›› ئۇقۇملىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا مەنىۋىي ئاساس يارىتىدۇ.

دېمەك، تۈركىي قەۋملەردە ياشاش ۋە دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسەت ئادىل ۋە ھەممىگە باراۋەر قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ھاياتلىقتىكى ئەڭ ماھىيەتلىك مەسىلىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش ئىدى. ئۇنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردە ئىدى. گەرچە غەربتە ‹‹قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر›› دېگەن قاراش ئەڭ دەسلەپ 1776- يىلى ئېلان قىلىنغان ‹‹ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى›› بىلەن 1789- يىلى ئىلان قىلىنغان فرانسىيەنىڭ ‹‹كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى›› دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنىلا ئېغىر نۇقسانلار ساقلانغانىدى. بۇ ئىككى ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان ‹‹قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك›› پەقەت شۇ دۆلەتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى مىللەتنىڭ ئەزالىرىغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، باشقا مىللەت كىشىلىرى بۇ ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغان. غەربنىڭ مانا شۇ قانۇن ھۆججەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، تۈركىي قەۋملەردىكى ئادىل قانۇن ئۇقۇمى ۋە ‹‹قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش›› ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە تەدبىقلىنىشى دەۋر جەھەتتىن دۇنيادا تۇنجى ئورۇننى ئىگەللەشتەك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ماھىيەت جەھەتتىنمۇ ئىرق، مىللەت ۋە دىن پەرقىنى نەزەرگە ئالماستىن، پۈتكۈل ئىنسانلارغا بىردەك تەدبىقلاشنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق غەربنىڭ بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى قانۇن ئىدىيەسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن. بۇ خاراكتېرى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئىدىيە تارىخىدا ئىنتايىن پەخىرلىك ئورۇن تۇتىدۇ. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ قانۇن ئىدىيەسى جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئۇلارنى ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ھاكىمىيەت شەكلىنىڭ كۆرىنەرلىك تەشەببۇسچىلىرى ۋە تەتبىقچىلىرىغا ئايلاندۇرغانىدى. قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىى قانۇن چۈشەنچىسىنى مۇنداق خۇلاسىلاشقا بولىدۇ:

1- قانۇن ئادالەتنى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپ قىلغان.

2- دۆلەت ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنغان.

3- دىن دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىنمىغان.

4- مىللەت ئەزالىرىدا قانۇن ئېڭى ئومۇملاشقان.

5- قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولغان.

6- مىللەت ئەزالىرى سەمىمىي، مەدەنىي جەمئىيەت تەشكىل قىلغان.

7- مىللەتنىڭ قانۇن ئېڭى خەلقنىڭ ۋىجدانىدا ساقلانغان.

‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ 2015- يىل 13 فېۋرالدىكى سانى