ئۈرۈمچىلىك ئېشەك

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisige Iane Qiling Uyghur Énsiklopédiyisi

ئۈرۈمچىلىك ئېشەك

ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن

ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇش ئادىتى ۋە شەكلىنى 21 - ئەسىرگىچە تاشلىماي كەلگەن ئۇيغۇر ئۈچۈن ئېشەك ھەرگىزمۇ ناتونۇش نەرسە ئەمەس، ئۇ ھازىرمۇ ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە تۇرمۇش ۋە ئىشلەپ چىقىرىشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە، ھېلىھەم ئېشەك قېتىلغان ھارۋىغا ئولتۇرۇپ يېزا يوللىرىدا چاڭ توزۇتۇپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. ھەتتا تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەلۇم بىر ئوچۇق خەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان «ئېشەك مۇھىممۇ ياكى بىكخاممۇ» دېگەندەك تالاش - تارتىشلار بولۇپ ئوقۇرمەنلەر ۋە تور دۇنياسىنىڭ نەزەرىنى ئۆزىگە تارتقانىدى، ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ياماراجىيانىڭ ئېشىكى ھەققىدىكى بىر بىسارە تا ھازىرغىچە ئۇنتۇلغىنى يوق. نېمىلا بولمىسۇن ئېشەكتىن ئىبارەت ئۆزى ياۋاش، «گۆشى ھارام، كۈچى ھالال» بۇ مەخلۇق ئىنسانىيەتنىڭ قاتناش تىرانسىپورت تارىخىدا ئۇزاق ئەسىر پاراۋۇزلۇق رولىنى ئۆتەپ كەلگەنلىكى ئېنىق؛ ئىنسانلار ھايۋانات كۈچىدىن پايدىلىنىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ زامانىۋى سانائەت قەدىمىنى باشلىغىنىغا نەچچە يۈز يىل بولغان، ھەتتا قاتناش تىرانسىپورتى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئالەم بوشلۇقىغا سوزۇلۇپ پىلانىتىلارغا قاتناش رېئاللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ناتۇرال ئىگىلىكتىكى دېھقان ئاممىسى تەشكىل قىلغان رايونىمىزدا ئېشەكنى ھېلىمۇ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش قورالى ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقىنى راست. جەنۇبتا «بىر چىداملىق ئېشەك يارام بىر ئوغۇلنىڭ پېيىنى(خوتەن دىيالىكتىدا كۈچىنى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) بېرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار.

دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نەسىردىن ئەپەندى، دونكىخوتنىڭ ياردەمچىسى سانچۇپانسا قاتارلىقلارنىمۇ بىز ئېشەكتىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز، ئەمما بۇ يەردە تىلغا ئالماقچى بولغىنىم ئېشەكنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى رولى، ئېشەك بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم تارىخى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ياكى دېھقانلارنىڭ كۈچىگە كۈچ بېغىشلاپ ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ جەڭگىۋار ئېشەكلىرى ۋە ياكى داڭلىق ئوبرازلارنى يۈدۈپ يۈرگىنى ئۈچۈن شۇلارنىڭ سايىسىدا مەشھۇرلانغان ئەپەندىمنىڭ گەپ ئاڭلايدىغان ئەقىللىق ئېشىكى ياكى سانچۇپانسانىڭ سۈر مىدىسى ھەققىدە بولماستىن بەلكىم بىر ئاددى ھەم ئاۋارە ئۈرۈمچىلىك ئېشەك ھەققىدە، زامانىۋى دۇنيا، زامانىۋى شەھەرنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭىدا تەقدىر ئاتا قىلغان كىچىككىنە ھايات بوشلۇقىدا ياشاۋاتقان بىر ئاددىي ئېشەك ھەققىدە بولىدۇ.

مەن بۇ ئېشەكنى تاساددىپىيلا ئۈرۈمچىنىڭ بىر كوچىسىدا كۆرۈپ قالغانىدىم. كىچىكىدىن ئېشەك كۆرۈپ چوڭ بولغان، ئۇنى تالاي قېتىم ھەيدەپ سامان، پاسار توشۇغان، ئۇ قېتىلغان ھارۋىدا ئولتۇرۇپ تالاي رەت ناھىيە بازارلىرىغا كىرگەن، تۈگمەنلەرگە بارغان، ھەتتا ئۇنى مىنىپ تېخى يېقىنغىچىلىك مومامنىڭ تونۇرى ئۈچۈن قالىغۇلۇق ئىزدەپ جاڭگال، سايلاردا ئوتۇن توشۇغان مەندەك بىر سەھرا بالىسى ئۈچۈن ھارۋا قېتىلغان ئېشەكنى كۆرۈش ئەسلى ھەيران قالغۇدەك بىر ئىشمۇ ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۇنى قەيەردە، قايسى سورۇندا كۆرۈش مەسلىسى ھەيرانلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ خۇددى ئادەملەرنىڭ كىيىم - كېچەك كىيىپ يۈرۈشى كۆزىمىزگە سىڭىپ كەتكەن بىر نورماللىق بولسىمۇ، بىراق بىر ئاممىۋى مۇنچىغا مۇنچا رېمونت قىلىشقا كىرگەن كىيىملىك كىشىگە ھەممەيلەن بىر خىل ھەيرانلىق بىلەن قارىغىنىدەك بىر ئىش بولسا كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈرۈمچىنىڭ بەھەيۋەت بىنالىرى ھېسابسىز تەرەققىياتلىرىغا، مەئىشەتلىرىگە تېڭىرقاپ قارىغىنىچە كېتىپ بارغىنىمدا قايناق دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى چوڭ يولدا ئەبجەق ھارۋىغا قېتىلىپ ھارۋا ئۈستىگە رېستوران، ئاشپۇزۇللارنىڭ ئاشقان تاماقلىرى قاچىلانغان ئېغىر ئىككى تۇڭنى ئارتىپ، قولىدا كىچىككىنە تاياق تۇتقان ئاۋارە بوۋاينىڭ يېتەكلىشىدە سانجاق - سانجاق ھەشەمەتلىك ماشىنىلار قاتارى يولنىڭ قاسنىقىدا ئېغىر قەدەملەر بىلەن قارىماققا ئۆزى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاۋۇ ئىسراپ قىلىنغان تاماقلارغا ئېچىنىش ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان چەكسىزلىك ئۈمىدسىزلىكنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئاجىز ئېشەك ماڭا ئالاھىدە تۇيۇلغانىدى. بەلكىم ئۆزۈم ئانچە - مۇنچە چەت ئەللەردە يۈرىدىغان كىشى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ۋاشىنگتون ياكى پارىژ كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ ئۇ يەردە بىر ئۇيغۇر دېھقاننى كۆرگەندەك تۇيغۇدا قارىغاندىمەن ۋە بەلكىم ئەزەلدىن جەنۇب يېزىلىرىدا بىز تەس باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان چىداملىق، غەيرەتلىك، شاش ئېشەكلىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شۈمشەيگەن ھالىتىگە ھەيرانلىق بىلەن باققاندىمەن ۋە بەلكىم بالىلىق ھاياتىمدىكى جاپالىق تۇرمۇشنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمىدا مەن بىلەن بىرگە بولغان بۇ جانىۋارنىڭ غېرىب ھالىتى ۋۇجۇدۇمدا تىنما بولۇپ كەتكەن ئازاب ئېڭىنى قايتا غىدىقلاپ قويغاندۇ، ئەزەلدىن تىراگېدىيە ۋە ئازابقا تەڭكەش بولۇپ كەلگەن قەلبىمنىڭ مەلۇم تارىلىرىنى يەڭگىل چېكىپ تاشلىغاندۇ! ۋە بەلكىم ئۈرۈمچىلىك ئېشەك ۋە ئۇ ئويغاتقان مىسكىنلىك ھەققىدىكى باش - ئاخىرى يوق خىياللىرىمنىڭ چىگىش تۇمانلىرى قەلب بوشلۇقىمغا تارالغاندۇ؟

شۇ تاپتا رەستىلەردە خېرىدار چاقىرىپ ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مايلامچى بالىنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىدىن تارتىپ جەنۇبنىڭ يىراق تاغلىق كەنتلىرىدىكى زامانىۋى دۇنيانىڭ شاۋقۇن - سۈرەنلىرىدىن خالىي ھالدا ياشاۋاتقان، ۋاقىت ئۆلگەن سەھرايى قىيامەتتىكى ئىپادىسىز چىرايلارغىچە كۆز ئالدىمدىن بىر - بىرلەپ ئۆتتى. نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن ئۈرۈمچىلىك بولۇش ۋە ياكى ئۈرۈمچىدە ئۆزىگە خاس ھايات بوشلۇقى يارىتىش بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ، مەھەللىمىزدە تۈرلۈك ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بىلەن چاپىنىنى ئارتىپ يۇرتنى تەرك ئېتىپ، پەش قېقىپ چىقىپ كەتكەنلەر نەچچە يىلدىن كېيىن بىر ئاز ئەتلىنىپ، چىرايى سۈزۈلۈپ، ئۈستىباشلىرى پارقىراپ يۇرتىمىزدا پەيدا بولۇپ قالاتتى، ئۇلارنى بىز شەھەر كۆرگەن دەپ ھەۋەس بىلەن قارايتتۇق.

ــ قارا ئۇ ئۈرۈمچىلىك ئېشەككەن، ــ دېگەنىدىم ئېغىر يۈك ئاستىدا تىرەجەپ كېتىۋاتقان ئېشەككە قاراپ يېنىمدا كېتىۋاتقان ئۈرۈمچىلىك بولۇشقا ھەۋەس قىلىدىغان دوستۇمغا شىۋىرلاپ.

ــ ھا ھا ھا! نېمە دەۋاتىسەن؟! ئېشەكنىڭمۇ ئۈرۈمچىلىكى، خوتەنلىكى بولامدۇ؟ يا ئۇلارنىڭ نوپۇس، كىملىكى بولمىسا!

بۇ غېرىب ئېشەكنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكى بار ئىدى، ئۇنىڭ بىرى، ئېشەك تۇرۇپ ئۈرۈمچىلىك بولۇپ قالغىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئۈرۈمچىلىك بولالماي ياكى ئۈرۈمچىدە پۇت دەسسەپ تۇرغىدەك بىر ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئېرىشىش ھەلەكچىلىكىدە تىپىرلاۋاتقان بۈگۈنكى رىقابەت دۇنياسىدا بۇ ئاۋارە ئېشەكنىڭ ئۈرۈمچىلىك بولۇپ قالغىنى. يېزىلاردا يېزىلارغا خاس بولغان ئېشەكچە ھايات ئەندىزىسى ئىچىدە كۈندۈزى ئېتىزدا ئىشلەپ، ئاخشىمى ئازادە قوتانلاردا يېتىپ ئېگىز ئوقۇرلاردا ئوت، سامان، ھەلەپ يەپ ياشايدىغان تىپىك ئېشەك بولماستىن بەلكى نۇرغۇن كىشى تەلپۈنىدىغان ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان غېرىب، مۇساپىر ئېشەك بولۇپ قالغىنى، يەنى ئېشەك تۇرۇپ ئۈرۈمچىلىك بولۇپ قالغىنى، شەھەرلىك ئېشەك بولۇپ قالغىنى ئىدى.

يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ بەك ئاۋارىلىقى، غېرىبلىقى. ئېشەكلىك خۇسۇسىيىتىدىن ياتلاشقان ئېشەك سىياقىدا ياساپ قويغان ئەسكى قارانچۇقتەك قىياپىتى، ئاجىزلىقى، مىسكىنلىكى، كۆرۈمسىزلىكى، بەدرەڭلىكى ئىدى. ھاياتلىق تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئېھسانى، تەبىئەتتىن ئايرىلغان ھەر قانداق بىر ھاياتلىق بەلكىم، ئانا قوينىدىن ئايرىلغان بوۋاق، كۆك ئاسماندا مەغرۇر قانات قېقىشتىن مەھرۇم بولغان قۇش كەبىي ھايات گۈلى سۇلىدۇ، زەپىران بولىدۇ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ قەدەر نۇرسىز، خۇنۇك ئىدىكى ئەتراپتىكى ئېگىز بىنا، غۇيۇلداپ مېڭىۋاتقان تۈرلۈك ماشىنا ۋە ئۇلار چىقارغان شاۋقۇنلار خۇددى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك بېشىنى تۆۋەن سالغان، قۇلاقلىرى سالپايغان، تۈكلىرى پۈرلەشكەن ھالەتتە ئېغىر قەدەملەر بىلەن تەستە ئالغا چامدايتتى. ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ئاللىقاچان شەرتلىك رېفلىكىس ياكى مېخانىك ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

بىردىنلا كۆز ئالدىمدىن مەڭگۈ كەتمەيدىغان غېرىب ئىنسان ــ تۇرمۇش ۋە ھايات تەرتىپى تەرىپىدىن چىقىرىلغان رەھىمسىز ھۆكۈم تۈپەيلى جەمئىيەتنى تەرك ئېتىپ كەتكەن موللا بوزەك ئىسىملىك بىر كىشى كۆز ئالدىمغا كەلدى. موللا بوزەك كېرىيەنىڭ ئاتچان تاغلىق رايونىدىكى ئاددىي بىر دېھقان. موللا بوزەكنى مەھەللە باشلىقى ۋە ئۇنىڭ يانداقچىلىرى غەللە پاراقنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدىڭ دەپ ئاستىغا بېسىپ پۇمىداقلاپ تارتقۇشلىغاندا يۈز - كۆزلىرى قاناپ كەتكەن موللا بوزەك بۇلارنىڭ ئاستىدىن يۇلقۇنۇپ قوپۇپ، يارىلانغان شىردەك كۆككە قاراپ بوزلىغىنىچە:

ــ ئۇلۇغ ماۋجۇشى بىر قۇشۇق قېنىمنى تىلەيمەن! ــ دەپ ھۆركىرىگىنىچە تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنىكەن. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىكى بۇ ئېچىنىشلىق نالىنىڭ غەلىتە ساداسى ئەتراپتىكى قورقۇمسىراپ تۇرۇۋاتقان ئامما ۋە ھېلىقى كەنت باشلىقلىرىغىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ۋە كۈلكىلىك ئاڭلانماستىن بەلكى ھەممىسى قورقۇشۇپ كەتكەن، موللا بوزەكنى قايتا تارتقۇشلاشقا جۈرئەت قىلالماستىن بىر - بىرسىگە قاراشقىنىچە كۆزلىرىنى پارقىرىتىشىپ قېلىشقان. مانا بۇ مەلۇم بىر دەۋر پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي جاراھەت، مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىق ياكى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئومۇمىي خەلق بىئاراملىقىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە قالغان ئاسارىتى. موللا بوزەك بۇ تاغلىق كەنتنىڭ ئىچىكىرىسىدىكى مەلۇم بىر جايدا ئۆزى ياسىۋالغان غار گەمىدە يەككە - يېگانە ياشاۋاتقىلى ئوننەچچە يىل بولدى. مەن مەلۇم بىر پۇرسەت بىلەن تاغ ئىچكىرىسىگە كىرىپ تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشاۋاتقان بۇ تەركىي دۇنيا كىشى بىلەن كۆرۈشكىنىمدە كۆكمەت گۆشى ۋە باشقا تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى يەپ ئىككى مەڭزى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزارغان بۇ ساغلام گەۋدىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ئاللىقاچان چاراقلاپ سۇنغان ئەينەكتەك چۇل - چۇل بولغانىدى. كىم مۇشۇ قەلبلەرنى ساغلام دەيدۇ، ئاشۇ چاغلاردا ئانا تەبىئەت قوينىدا ئىجتىمائىيلىقتىن خالىي ھالدا ياشاۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ ئىپادىسىز ۋە خۇنۇك كۆزلىرىدىن يۈرىكىم ئېغىپ كەتكەنىدى. ئۈرۈمچىلىك ئېشەكنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بەھۇزۇر تەرەققىيات ۋە ھەشەمەت بىلەن ھەپسىلىسى بولمىغىنىدەك موللا بوزەكنىڭمۇ ئەتراپتىكى تەبىئەت بىلەن ھېچقانداق چاتىقى يوق ئىدى. ئۈرۈمچىدە كۆرگەن بىر بەدرەڭ ئېشەككە قاراپلا قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدە كۆرگەن بىر تەركىي دۇنيا ئىنساننىڭ كۆز ئالدىمغا كېلىشى مېنى بىر ئاز تەئەججۈپلەندۈردى، ئەجەبا مەن «زېمىندىكى بارلىق ھاياتلىقنىڭ گۈلتاجىسى» (گىيوتى) بولمىش بىر ئىنسان بىلەن بىر خار ئېشەكنى سېلىشتۇرۇۋاتقاندىمەنمۇ؟ ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس! ئەمما ئىجتىمائىيلاشقان ئىنسانلار توپىدىن ئايرىلىپ ياۋايىلىق ۋە يالغۇزلۇقنى ھايات نىشانى قىلغان بىر تەركىي دۇنيا ئىنساننىڭ كۆزلىرىدىكى يۈرىكىمگە ئۆچمەس تامغا بولۇپ ئۇيۇلغان مىسكىن ھالىتى بىلەن بىر مەنىۋى قىسمەت ئورتاقلىقىنى بايقىغاندەك قىلدىم.

ئەرمەك ھايۋان بېقىش مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان بۈگۈنكى دەۋردە شەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەرمەك ھايۋان بولۇپ ئالاھىدە كۈتىنىشتىن بەھرىمەن بولۇپ ياشايدىغان بولسىمۇ لېكىن بۇ شەھەرلىك ئېشەكنىڭ يەنىلا ئوخشاش قىسمەتنى ئۆزىدە يۈدۈپ يۈرگىنى قىزىق-تە! ئۈرۈمچىلىك ئېشەككە يەنە بىر قېتىم قاراش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلغىنىمدا ماڭا تاپ بېسىپلا كېلىۋاتقان بىر ئايالغا كۆزۈم چۈشتى، پۇزۇر كېيىنگەن بۇ ئايال كىچىككىنە بىر يۇڭلۇق كۈچۈكنى يېرىم ئۇچۇق كۆكسىگە مېھرىبانلىق بىلەن باسقىنىچە كېلىۋاتاتتى، ئۇ ئايال يېنىمدىن يانداپ ئۆتۈش جەريانىدا ئامراق كۈچۈكىنى سۆيۈپمۇ ئۈلگۈردى. ئايالدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ ئارقامغا قارىدىم، بۇ چاغدا ئۈرۈمچىلىك ئېشەك ماشىنا ۋە ئادەملەر توپى ئىچىدە ئاللىقاچان كۆزدىن يىراقلاشقانىدى.

(ئاپتور: كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)


مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015 - يىللىق 6 - سان