ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى _ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى

ئابدۇقادىر ئابدۇۋايىت


ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯘزاق ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا، ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎﻧﻰ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺧﯘددى «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺗﺎرﯨﺦ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳلاپ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚز ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ. 2500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﺎﻛﻰ ﻏﻪرب ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ رەﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮرۇن ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ داۋالاش، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﻐﯘﭼﻪ (ﻏﻪرب ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻏﻪرب ﻣﯩﺴﻴﯘﻧﯩﺮﻟﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻏﻮﻟﺠﺎ، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ راﻳﻮﻧلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن، 1940 – ﻳﯩﻠلاردﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ رەﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮرۇن ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ داۋالاش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن) ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، داۋالاش، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺳﺎﻏلام ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘزاق ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرۈﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚز ﺋﻮرﻧﻰ ۋە ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺷﻪﻛﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﺮاس ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ.

ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە، ﮔﻪرﭼﻪ ﻏﻪرب ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺗﯧﻨﯩﻨﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە، ﻣﺎﻟﯧﻜﯘلا ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﯩﺪە ﺗﯘرۇپ ﻛﯚزﯨﺘﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩلالاﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜرﻟﯜك ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ داۋاﻟﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪۋﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟى دورﯨلار ﺑﯩﻠﻪن داۋالاﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪدەﻧﺪە ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎدا ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎج» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﺋﯘﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﮕﻪ زﯨﻴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﯟاﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮ – ﺋﻪﺳﺮاﻟﯩﺮى ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰدەﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق زۆرۈرﯨﻴﻪت ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻰ، ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ؛ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪت دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻜﯩﻨﻰ «80 ﺧﺎﻟﺘﯩﭽﻰ» دەپ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎراﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎراش ۋە ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﻗﺎراش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ؛ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ۋە داۋالاش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏلام ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘزاق ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرۈﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜرەش ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘش ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ داۋاﻣﯩﺪا ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﻪﻣﺪە ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ، داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ۋە دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘلارﻧﻰ ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ۋە ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ دەپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜپ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن. ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﺰاج، ﺧﯩﻠﯩﺖ، ﺋﻪزا، ﻗﯘۋۋەت، روھ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش زۆرۈر ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ۋە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺷﺨﯩﺲ (دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯘش) ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﻠﯩﺮى، داۋالاش ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮى، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك، ﻛﯜﺗﯜﻧﯜش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ.

ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ. ﺗﯘرﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎرﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 1000 – 1400 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨلا ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻛﯚز، ﻗﯘلاق، ﺑﯘرۇن ۋە ﺑﻮﻏﯘز ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﭼﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻧﯧﺮۋا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻧﻪﭘﻪس ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻳﯜرەك ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﮬﻪزﯨﻢ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر، ﺳﯜﻳﺪۈك ﻳﻮﻟﻰ،ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪزا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﺟﺎراﺳﯩﻢ (ﻣﯩﻜﺮۇپ) ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ۋە ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻠﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 12 ﭼﻮڭ ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎن. ﺑﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨلا ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ داﺋﯩﻢ زﯨﭻ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻛﻪڭ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮت، ﮬﺎۋا، ﺳﯘ، ﺗﯘﭘﺮاﻗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘلار زﯨﺪدﯨﻴﯩﺘﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ داﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘلارﺳﯩﺰ ﻣﺎددﯨلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎن ﺗﯚت ﺧﯩﻞ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻮت ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ؛ ﮬﺎۋا ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ؛ ﺳﯘ ﮬﯚل ﺳﯘﻏﯘق؛ ﺗﯘﭘﺮاق ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ . ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ زﯨﺖ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪززا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﻪدەﻧﺪە ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘق، ﮬﯚﻟﻠﯜك، ﻗﯘرۇﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺗﯚت ﺧﯩﻞ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺗﯚت ﺧﯩﻞ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎرﯨﻤﯘﻗﺎرﺷﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﻣﯩﺰاج ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪۋﺟﯘدادلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﻣﻪۋﺟﯘدادلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاج ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﻰ دەۋر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﺰاﺟﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ رەﯕﮕﯩﺮوﻳﻰ ، ﻗﻪددى – ﻗﺎﻣﯩﺘﻰ، ﺧﯘﻟﻖ – ﻣﯩﺠﻪزى، ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدﯨﺘﻰ، ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻏﺎ ﺋﺎلاﻗﯩﺪار ﺗﯩﭙﯩﻚ ﭘﻪرﻗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪزﯨﻨﻰ ﺗﯜزەﺷﻜﻪ ﺧﺎم ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨلاش ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

ﺧﯩﻠﯩﺖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا ۋە ﻣﯩﺰاﺟلار ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗلار ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻛﯚزﻗﺎراﺷلار ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﻣﻪﻳﺪاﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ داۋالاﺷﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺗﯚت ﺧﯩﻠﯩﺘﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ زاﮬﯩﺮى، دەپ ﺷﻪرﮬﻠﻪﻳﺪۇ. ﺗﯚت ﺧﯩﻠﯩﺖ (ﺳﻪﭘﺮا، ﻗﺎن ، ﺑﻪﻟﻐﻪم، ﺳﻪۋدا) ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق، ﺳﯜﻣﯜرﮔﻪن ﮬﺎۋا ۋە زاﻣﺎن، ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪە ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﻪزالاردا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺑﻪدەﻧﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗلاردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺳﻪﭘﺮا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﺑﻪﻟﻐﻪﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﮬﯚل ﺳﻮﻏﯘق، ﺳﻪۋداﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚز ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻖ ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎزﯨﺮلاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﻳﺪۇ، ﺗﻮﻟﯘﻗلاﻳﺪۇ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ ﻧﯩﺴﺒﯩﻲ، زﯨﺪدﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺧﯩﻠﯩﺘلار ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﻰ، ﺳﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﭘﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻪدەﻧﺪە ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺧﯩﻠﯩﺘلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ، ﺳﺎن – ﺳﯜﭘﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮى ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚت ﺋﺎﻧﺎﺳﯩﺮ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯘپ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ: ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﮔﻪۋدە، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎن ﺋﻮرﻧﻰ ۋە روﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ، ﺑﺎﺷﻘﯘرﻏﯘﭼﻰ ﺋﻪزا ۋە ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪزالار دەپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪۇ. ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯧﯖﻪ، ﻳﯜرەك، ﺟﯩﮕﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرﻏﯘﭼﻰ ﺋﻪزا (رەﺋﯩﺲ ﺋﻪزا)لار؛ ﺋﯚﭘﻜﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎزان، ﺗﺎل، ﺋﯜﭼﻪي، ﺑﯚرەك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪزالار ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزﯨﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﻪزالارﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ روﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪم ﺑﺎﺷﻘﯘرﻏﯘﭼﻰ، ﮬﻪم ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪزالار ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزﯨﺪۇ. ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر، ﺳﻪزﮔﯜ ۋە ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ، ﻳﻪﻧﻰ روﮬﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰى؛ ﻳﯜرەﻛﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ (روﮬﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻰ)ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ؛ ﺟﯩﮕﻪرﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰى، دەپ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪۇ. ﺋﺎدەم ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣلاﻧﻐﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ۋە ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪر ﺳﻪۋەﺑﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﻣﯩﻞ ﻗﯘۋۋەﺗﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ (ﻗﯘۋۋەﺗﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻰ،ﺋﻮرﻧﻰ ﻳﯜرەﻛﺘﻪ)، روﮬﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ (ﻗﯘۋۋەﺗﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﻰ، ﺋﻮرﻧﻰ ﻣﯧﯖﯩﺪە)، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ (ﻗﯘۋۋەﺗﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ، ﺋﻮرﻧﻰ ﺟﯩﮕﻪردە) دەپ ﺋﯜﭼﻜﻪ ۋە ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﻛﯜﭼﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ- ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪرﯨﭙﻠﻪپ ﺷﻪرﮬﻠﻪﻳﺪۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎۋا، ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك، ﮬﻪرﯨﻜﻪت، دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﯘﺧلاش، ﺋﻮﻳﻐﺎﻗﻠﯩﻖ، ﺗﯘﺗﯘش ۋە ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ۋە روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘڭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﺋﺎدەﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘزاق ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺗﻮﻧﯘپ ﮬﯚﻛﯜم ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺑﯩﺮ ﻳﯜرۈش ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﺎراش ۋە ﺋﯘﺳﯘﻟلارﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺗﻮﻧﯘپ دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯘش، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ دەل، ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ داۋالاپ، ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﻨﯩﯔ ﺗﯜپ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ، ﻣﯩﺰاج، ﺧﯩﻠﯩﺖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ، ﻗﯘۋۋەت ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﺴﻰ ۋە ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﻪزاﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﻠﯩﺮى ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ، زﯨﺪدﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪە، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﺎرﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ – ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺳﻪۋەب ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻠلار ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎلاﻣﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻚ ۋە ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺷﻠﻪر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎراپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺗﯩﯖﺸﺎپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺳﻮراپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﭘﯘراپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺳﯩﻴلاپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺗﻮﻣﯘر ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺗﻪرەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﻗﯘﺳﯘق، ﺧﻪﭘﺮۈﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯘرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ داۋالاش ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮى ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا، ﻣﯩﺰاج، ﺧﯩﻠﯩﺖ ۋە ﻗﯘۋۋەت ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯚﭘﺮەك ﻣﯩﺰاﺟﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﯩﺖ (ﻣﺎددا)ﻟﯩﻖ ۋە ﺧﯩﻠﯩﺖ (ﻣﺎددا)ﺳﯩﺰ ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯜزﯨﺘﯩﺶ، ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﻪدەن ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈش، ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﯘﺳﯘﻟلار ﺑﯩﻠﻪن داۋالاﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ، ﭘﻪرۋﯨﺶ ۋە روﮬﯩﻲ ﭼﺎرﯨﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن داۋالاش، ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن داۋالاش، دورﯨلار ﺑﯩﻠﻪن داۋالاش، ﻗﻮل ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن داۋالاش دەپ ﺗﯚﺗﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﺴﻪل داۋالاش ۋە ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن داۋالاﺷﺘﺎ، ﺋﻮزۇﻗلار ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرۇش ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪر روﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻏﯩﺰاﻳﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪق (ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق روﻟﯩﻨﯩلا ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎﻣﺎﻗلار)، ﻏﯩﺰاﻳﻰ داۋاﺋﻰ (ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق ﮬﻪم داۋاﻟﯩﻖ روﻟﻰ ﺑﺎر ﺗﺎﻣﺎﻗلار)، داۋاﻳﻰ ﻏﯩﺰاﻳﻰ (داۋاﻟﯩﻖ روﻟﻰ ﺑﺎر ﺗﺎﻣﺎﻗلار) دەپ ﺋﯜﭼﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺗﺎﻣﺎق ﺑﯘﻳﺮۇﻟﯩﺪۇ.

دورا ﺋﯩﻠﻤﻰ ۋە ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. دورﯨلار ﺋﯩﻠﻤﻰ دورا ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘش، ﺋﯚﺳﺘﯜرۈش، ﻳﯩﻐﯩﺶ، ﺳﺎﻗلاش، ﭘﯩﺸﺸﯩﻘلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮت، دورﯨلارﻧﻰ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ۋە ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزالارﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ 20 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﺗﯜرﻟﻪر ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ دورﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺗﻪﺳﯩﺮى، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ۋە ﻣﯩﻘﺪارى، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮى، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜزﯨﺘﯩﺶ ﭼﺎرﯨﻠﯩﺮى، دورﯨلارﻧﯩﯔ ﺑﻪدﯨﻠﻰ (ﺋﻮرۇﻧﺒﺎﺳﺎرى)، دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﯨﺪۇ.

ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺗﯧﺒﺎﺑﻪت ﭘﯧﺸﯩﯟاﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎرﯨﺨﺘﺎ دورﯨلارﻧﻰ ﺳﺎﻗلاش، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ۋە ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﯕﺎي ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪب، ﺳﯘﭘﯘپ، ﻗﯘرس، ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻤﺎ، ﭼﯩلاﻧﻤﺎ، ﻗﯩﻴﺎم، ﺷﻪرﺑﻪت، رۇپ، ﻣﻪﺟﯘﻧﺎت، ﺋﻪرەﻗﯩﻴﺎت، زﯨﻤﺎد، ﻣﻪﻟﮭﻪم، ﻗﻪﺗﺮە (ﻛﯚزﮔﻪ ﺗﺎﻣﺪۇرۇﻟﯩﺪﯨﻐﺎن دورا)، ﭘﻪرزﯨﺠﻪ، ﮬﻮﻗﻨﻪ، ﺷﯩﻴﺎف ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩلارﻏﺎ ﺑﯚﻟﯜپ ﻳﺎﺳﺎپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن. ﮬﺎزﯨﺮﻣﯘ دورا ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺧﯧﻤﯩﺮ دورﯨلار، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دورﯨلار، ﺗﺎﻟﻘﺎن دورﯨلار، ﺳﯘﻳﯘق دورﯨلار، ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن دورﯨلار دەپ ﺑﻪش ﺗﯜرﮔﻪ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺗﯜرى ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ، ﻳﻪﻧﻰ ﺧﯧﻤﯩﺮ دورﯨلار ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﭘﯩﻞ، ﺋﺎﻳﺎرەج، ﺗﻪرﻳﺎق، ﻟﻮﺋﯘق، ﺟﺎۋارﯨﺶ، ﻣﻪﺟﯘﻧﺎت، ﻟﻮﺑﻮﭘلارﻏﺎ؛ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دورﯨلار ﺑﺎﻧﺎدۇق، ﮬﻪب، ﻗﯘرﺳﯩلارﻏﺎ؛ ﺗﺎﻟﻘﺎن دورﯨلار ﺳﯘﭘﯘپ، ﺳﯘﻧﯘن، ﺳﯜرﻣﻪ ۋە ﺳﻪﭘﻤﯩﻠﻪرﮔﻪ؛ ﺳﯘﻳﯘق دورﯨلار ﺷﻪرﺑﻪت، ﺋﻪرەق، ﻣﯘراﺑﺒﺎ،ﮔﯜﻟﻘﻪﻧﺖ، ﭼﯩلاﻧﻤﺎ، ﻟﻮﺋﺎﭘلارﻏﺎ؛ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن دورﯨلار ﻳﺎغ، ﻣﻪﻟﮭﻪم، زﯨﻤﺎد، ﮬﻮﻗﻨﻪ، ﺗﺎﻣﭽﯩلارﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮق، داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ۋە دورﯨﻠﯩﺮى ﻗﺎلاق ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺟﺎن ﺑﯧﻘﯩﺶ ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ، ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ داۋالاش ۋە دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻠﯩﻤﺪۇر. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺗﻮﻧﯘپ، ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ رﯦﺌﺎل دۇﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪن، ﻣﺎددﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈﺷﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.

( ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﯩﺪا)