ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search



ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى



يۈسۈپجان ياسىن

مىللىي روھ ياكى ئۇنىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى ئىپادىسى بولغان مىللەتپەرۋەرلىك ياكى مىللەتچىلىك بىر كىشىنىڭ ئۆزمىللىتىگە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى ھەم تارىختا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى قىممەت ئۆلچەملىرىنى ھىمايە قىلغان ھالدا، ھۆرمەت، ئىشەنچ، ساداقەت، مەسئۇلىيەت، نازارەت ۋە پىداكارلىق تۇيغۇسى بىلەن باغلىنىشى، شۇنىڭدەك مىللەتنى يۈكسەلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە كۈچ كۆرسۈتۈش روھىدۇر.

مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، مىللىي روھ بىر خىل ئىجتىمائىي – سىياسىي پىكىر ئېقىمى ياكى پرىنسىپى سۈپىتىدە مىللەتنىڭ مەۋجۇت شارا ئىتتىكى رىئال ھالىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي مەنپەئەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش مەقسىتىدە بىر نىشان ئەتراپىغا ئويۇشۇشنى كۆرسىتىدۇ. مىللىي روھ بىر خىل مەدەنىيەت، ئاڭ ۋە ئىرادە مەسىلىسى بولۇپ، ھەر قانداق كىشى پەقەت مۇشۇ خىل روھ بىلەن مىللەتكە باغلانغاندىلا ئاندىن مىللەتنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزاسى ھېساپلىنىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، غەرپتە پەقەت 19- ئەسىرگە كەلگەندە مىللىي روھ چۈشەنچىسى پەيدا بولدى. بۇ چۈشەنچە تارقاق ھالەتتىكى پرەنىسلىكلەر (خانلىقلار) نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى پارچىلاش مەقسىتىدە سلاۋيان، يۇنان، گېرمان، ئەرمەن، سىرىب، ئارناۋۇت ۋە كۇرت مىللەتچىلىگى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ مىللىي روھ بىر خىل قىساسچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ،يات مىللەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چەتكە تېپىشنى مەزمۇن قىلغان سىياسىي ۋە مەدەنىيەتتىكى زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى تەرغىپ قىلاتتى. ئەكسىچە تۈركىي مىللەتلەردە كۆرۈلگەن مىللىي روھ ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى بولسا بۇنىڭدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ غۇرۇرى ۋە قەدىر – قىممىتىنى قوغداشنى مەركەز قىلغان ھالدا ، ئىنسانچىلىق( ئىنسانپەرۋەرلىق) ئۈستىگە قۇرۇلغان يۈكسىلىش مەقسەت قىلىنغانىدى.

تۈركىي مىللەتلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مىللىي روھ كۈچلۈك تۈردە گەۋدىلىنىپ، مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق شۇئارىغا ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئايلانغان. بۇ خىل مەدەنىي ھالەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ ھەر قانداق بىر ماددىي ۋە مەنىۋىي بەلگىلەردە تۇلۇق ئەكىس ئەتكەن. بۇلۇپمۇ باتۇر تەڭرىقۇت، چىچى، ئاتتىلا، تۈركشاد، تۇنيۇقۇق، بىلگە قاغان، بۆگۈ ۋە ئالپ ئارسلاننىڭ مەشھۇر نۇتۇقلىرى مىللىي روھنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشتەك خاراكتېرى بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ھاياتىنى كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭدەك تەڭرىنى مىللىي سۈپەت بىلەن خاراكتېرلەندۈرۈپ << تۈرك تەڭرىسى >> دەپ ئاتاش ئارقىلىق << مىللىي تەڭرى>>(1) چۈشەنچىسىنى ياراتقان كۆكتۈركلەر بولسا ئۈزىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە مەدەنيەت جەھەتتىكى بىر قاتار ئۇتۇقلىرى بىلەن مىللىي روھتىن تارىخ يارىتىشنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنى نامايەن قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي ئىدىئولوگىيىسىگە يېڭى روھ ۋە يېڭى مەزمۇن قوشقان. يات مىللەت ئاپتورلىرىمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى مىللىي روھقا باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئەرەپلەردىن جاھىزى، مەسئۇدى، مۇبارەكشاھ گۇرى، قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ، پارسلاردىن شەمىس قاشانى، ھەمدۇللا كازۋىنى ۋە خاتىفى قاتارلىق ئالىملار ۋە قۇماندانلار تۈركىي مىللەتلەردىكى مىللىي روھنىڭ ھەر قانداق بىر مىللەت تۈركىمىگە سېلىشتۇرغاندا تۇلىمۇ ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىغىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن. زامان جەھەتتىنمۇ ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ قەدىمىيلىككە ئىگە بۇ مىللىي روھ تارىخىمىزدا << كۆك بۆرە >> دىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبراز ئارقىلىق بىر خىل مەدەنىيەت تىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتىغا ، شۇنداقلا ئۈمۈت، غۇرۇر ۋە شەرەپ بىلەن ياشىشىغا ئاساس ۋە كۆرسەتمە بولۇپ كەلدى.

<< كۆك بۆرە >> ئوبرازىدا سىمۋوللۇق شەكىلدە ئەكس ئەتكەن مىللىي روھ ئالدى بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش – بىرلىك ئېڭىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە كۆرۈلگەن. بۇ خىل روھ << ھۇن >>، << تۈرك>>، << ئۇيغۇر >>، << ئۇغۇز >> دېگەن مىللەت ناملىرىدىمۇ ئىپادىلەنگەن ، بۇ ناملاردا ئومۇمەن ئۇيۇشۇش – بىرلىك ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان كۈچ – قۇۋۋەت ۋە سىياسىي ئىقتىدار مەنىسى ئەكس ئەتكەن. << ئۇغۇزنامە >> داستانىدىكى ئۇغۇزخاننىڭ دادىسى ۋە تاغىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغاندا ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن توپلانغانلارغا << ئۇيغۇر >> دېگەن نامنىڭ بېرىلگەنلىگى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىزگە ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھنىڭ مەنبەسىنىڭ بىر شەخسنىڭ ياكى بىر ئەسەرنىڭ ۋە ياكى مەلۇم بىرسىياسىي گۇرۇھنىڭ مەقسەتلىك تەرغىباتى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان سۈنئىي ھالدىكى مىللىي روھ بولماستىن ، بەلكى ئىرقىي ئامىلدىن مەنبەلەنگەن ۋە مىللىي خاراكتېرغا ئايلانغان بىر خىل پىسخىكىلىك بەلگە ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

مەلۇمكى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتمۇ ئىرقىي تىپ ۋە پىسخىلوگىيىلىك ئالاھىدىلىككە يانداشقان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى سۈپىتىدە بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسى، ئەخلاقىي قىياپەتلىرى، قانۇن – تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ شەكلى قاتارلىق تەرەپلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ بۇ يەردە پەقەت تۈركىي مىللەتلەرنىلا تىلغا ئېلىش كۇپايە قىلىدۇ.

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا تاغلىق – ئىگىزلىك، قاقاس دالا ۋە چۆللۈكنىڭ ئگىلىگەن نىسبىتى چوڭ بولۇپ ، ئەكسىچە ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سۇلۇق، يايلاق ۋە بوستانلىق جايلارنىڭ كۆلىمى تۇلىمۇ كىچىك ۋە تارقاق بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيادا قەرەلسىز ھالدا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان كىلىمات ئۆزگۈرۈشلىرى، قۇرغاقچىلىق ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئادەم ۋە چارۋا – مالنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ، ھاياتلىق ماكانلىرىغا بولغان ۋەيرانچىلىغى ئىنتايىن ئېغىر بولاتتى. تارقاق ھالەتتە ۋە ئۆزگۈرۈشچان مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى قوغدىشى ۋە سىرىتنىڭ تەھلىكىسىگە تاقابىل تۇرالىشى پەقەت يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇيۇشۇش كۈچى بولغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشاتتى. تارقاق ھالەتتە ياشاش، ئۈنۈمسىز تەبىئىي شارائىتتىن پەقەت كوللىكتىپ كۈچىگە تايانغاندىلا ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىش، شۇنداقلا تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا كرېزىسلەر تۈپەيلىدىن يېڭى ھاياتلىق ماكانلىرىنى ئىزدەپ ، ئېگىز ۋە خەتەرلىك تاغلاردىن، چەكسىز دالا — دەشتىلەردىن كىسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغان مۇشەققەتلەك تۇرمۇش جەريانى تۈركىي مىللەتلەرگە ئۇيۇشۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرغان. دېمەك، مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدكى ئۇيۇشۇش – بىرلىك روھى جۇغراپىيىلىك شارائىتنىڭ زۆرۈرىيىتى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن. جۇڭگو مەنبەلىرىدىن << شىمالىي سۇلالىلار تارىخى >> دا ئۇيغۇرلاردىكى ئويۇشۇش – بىرلىك روھى توغرىسىدا سۆز ئېچىلىپ : << ئۇلار كۈچلۈك مىللىي ئاڭغا ئىگە . گەرچە ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلىرى كېيىنچە ئىنتايىن تارقاق بولۇپ ، ئۇلارغا قاراشلىق ئۇرۇق — قەبىلىلەر قانچىلىك يىراقلىقتا ئايرىلىپ تۇرىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەممىسى ئۆزلىرىنى < چىلى > ( ئۇيغۇر ) دەپ ئاتىغان. قىيىنچىلىق ۋە يات مىللەتلەرگە قارشى كۈرەشتە ، ئۇلار بىر نىيەت – بىر مەخسەتتە ئۆز ئارا يار يۆلەك بۇلۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇراتتى>>(2) دەپ يېزىلغان. << شىمالىي سۇلالىلار تارىخى >> دا يەنە << تېلىلارنىڭ ئۇرۇق – قەبىلىلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ ، غەربىي دېڭىز (كاسپى دېڭىزى) نىڭ شەرقىدىن تارتىپ تاغ — جىلغىلارنى بويلاپ جايلاشقان. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – قەبىلىلىرى ئوخشىمىسىمۇ، ھەممىسى < تېلى> دەپ ئاتىلىدۇ. >>(3) دەپ مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان << تېلى >> دېگەن نام دەل << تۈرك >> دېگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى ئىدى.(4) يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك ، ئۇيغۇرلاردا ، شۇنداقلا تۈركىي مىللەتلەردە ئويۇشۇش – بىرلىك روھى يالغۇز بىرلا مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن زۆرۈر مىللىي ئالاھىدىلىك بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ، بەلكى يەنە بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان، تىل ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىغىغا ئىگە مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ چوڭ بىرلىكىگە قاراپ تەرەققىي قىلغان ۋە << تۈرك >> تىن ئىبارەت چوڭ بىر مىللەت قارىشىنى ياراتقان. شۇڭا، << ئورخۇن ئابىدىلىرى >> ،<< تۈركىي تىللار دىۋانى >> دا شۇنىڭدەك ئەرەپ — پارىس ۋە ياۋروپا ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇلار قانچە كۆپ تارماققا بۆلۈنۈپ ، قانچىلىك كەڭ تېررىتورىيىگە يېيىلغان بولىشىغا قارىماي ، بىردەك ھالدا << تۈرك >> دەپ خىتاپ قىلىنغان. بۇ چوڭ مىللەت قارىشى توغرىسىدا ئەلىشىر نەۋائى مۇنداق يازغان:

گەر بىر قەۋم، گەر يۈز ياكى مىڭدۇر،

مۇئەييەن تۈرك مىللىتى خۇد مېنىڭدۇر. (5)

نەۋائىدىن كېيىنمۇ تاكى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى << ئۇيغۇر>> دېگەن نامدىن بەكرەك << تۈرك >> ئىبارىسىنى ئشلىتىش ئارقىلىق ،ئۆزلىرىنىڭ تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسىگە بولغان باغلىنىشى ۋە ھىمايىسىنى ئىپادىلەپ كەلدى. نىكىتا بىچۇرىن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: << كاسپىي دېڭىزىدىن تارتىپ كۆكنۇرغا قەدەر بولغان جايلاردا ئولتۇراق ۋە كۆچمەن بىر مىللەت ياشايدۇ. بۇ مىللەت تۈركچە سۆزلىشىدۇ ۋە مۇھەممەدنىڭ قانۇنىغا ( ئىسلام دىنىنى دېمەكچى– ئا ) ئىشىنىدۇ. بۇ ئىنسانلار ئۆزلىرىنى < تۈرك > دەپ خاراكتېرلەندۈرىدۇ ۋە ياشىغان مەملىكىتىنىمۇ < تۈركىستان > دەپ ئاتايدۇ.>>(6)

مىللىي روھ تارىخىمىزدا مىللەتكە بولغان ھۆرمەت كۈچىيىپ ، << ئۇلۇغ مىللەت >> قارىشى گەۋدىلەنگەن . مەھمۇد قەشقەرى << تۈرك >> نامى ئاستىدىكى مىللەت تۈركىمىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئۇلۇغلانغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ باشقا مىللەت گۇرۇھىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىغىنى، تەڭرىنىڭ ئۆزى غەزەپلەنگەن مىللەتنى تۈركلەرنىڭ قولى بىلەن جازالايدىغانلىغىنى، << تۈرك >> دېگەن نامنىڭمۇ تەڭرى تەرىپىدىن قويۇلغانلىقىنى، ھەتتا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ << تۈرك >> دەپ ئاتالسا، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مىللەتنى ئۇلۇغلاش ئېڭىنىڭ يۈكسەكلىگىنى ئىپادىلىگەن. مىللەتنى ئۇلۇغلاش ئېڭى يەنە مىللەتنى ئاتاشتا، دۆلەت ، پايتەخت، ئوردا ناملىرىدا ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن.

تۈركىي مىللەتلەردىكى ئۇيۇشۇش – بىرلىك روھى ئۇلاردا بەلگىلىك بىرسىياسىي كۈچنىڭ يىتەكچىلىگىدە تەشكىللىك ۋە تەرتىپلىك ياشاش قارىشىنى ياراتقان. شۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ قۇرغان دۆلەتلىرى قانداقتۇر بىر گۇرۇھنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىپ تىكلىگەن دېكتاتۇرىسى بولماستىن ، بەلكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇيۇشۇپ، ھۆكۈمدار بىلەن بىرلەشكەن ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغان كەڭ خەلقنىڭ غەيرىتى ۋە تۆھپىسى بىلەن شەكىللەنگەن سىياسىي تەشكىل ئىدى. ۋەسىقىلەردىمۇ دۆلەتنى قۇرغانلارنىڭ خەلق ئىكەنلىگى تىلغا ئېلىنىدۇ.(7) بۇ روھ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سىياسىي – ھۇقۇق تارىخىدا مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرىنى ، شۇنداقلا بىر سىستېمىغا مەنسۇپ ۋە ئورتاق مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە مىللەت تۈركۈملىرىنى بىر بايراق ئاستىغا توپلاپ، ئۇلارنى قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ ھىمايىسى بىلەن ئورتاق گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھاكىمىيەت قارىشىنىڭ تىكلىنىشىگە مەنبە بولغان. بۇ چۈشەنچىنىڭ تۈنجى بەلگىسىنى باتۇر تەڭرىقۇت << بارچە ئوقيا تۇتقان خەلقلەر بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى>>(8) دەپ تەسۋىرلىگەن. << تۈركىي مىللەتلەر مىللەتچىلىگىنىڭ ئانا كىتابى >>(9) دەپ تەرىپلىنىدىغان << ئورخۇن ئابىدىلىرى >> دە كۆكتۈرك قاغانلىرىنىڭ شەرقتە قىدىرقان تاغلىرىدىن غەرپتە تۆمۈر قۇۋۇققىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغان تۈركىي مىللەتلەرنى كۆكتۈرك ھاكىمىيىتى ئاستىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى تەكرار تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. ئۇيغۇرلار ئېغىر سىياسىي ۋە باشقا ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن قاتتىق ۋەيران بولغان چاغلاردىمۇ ئاسسىمىلاتسىيە ۋە يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنمەي، بەلكى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ يېڭى ھاكىمىيەتلەرنى بەرپا قىلىشقا تېرىشقانلىغى ئۇلارنىڭ ئويۇشۇش — بىرلىك رۇھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئويۇشۇش – بىرلىك ، ئۆملۈك ھەممىدىن بەكرەك تەكىتلىنىدۇ ۋە << ئىناق بولسا ئەل، ھەممە بولار تەل >> دەپ تەمسىل قىلىنىدۇ. شۇ سەۋەپلىك مىلادىيە 8- ئەسىردىن 13 – ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق تۈركىي قەبىلىلەر ۋە ئىران نەسىللىك بەزى خەلقلەر ئۇيغۇرلار ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ ، << ئۇيغۇر >> نامىدا ئاتىلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەنىدى(10) . بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا مىلادى 13 — ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا باشقا مىللەت ئاپتورلىرى تەرىپىدىن << ئۇيغۇر يېرى >> دەپ ئاتالغانىدى. شۇنداق قىلىپ << ئۇيغۇر>> دېگەن نام گەرچە << تۈرك >> دېگەن نام بىلەن تەڭداش ئورۇنغا ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك تەسىرگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، مەشھۇر بۇددىزم تەرجىمانى سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ئۆز تىلىنى << تۈرك تىلى >> ياكى << تۈرك – ئۇيغۇر تىلى >> دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش ، ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزىنى ئاۋۋال << تۈرك >> ، ئاندىن << ئۇيغۇر >> دەپ ئاتاشنى ھىمايە قىلدى.

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قەدىمدە سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنىڭ مەنبەسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇش — بىرلىك روھىدا ئىكەنلىگىنى يات مىللەتلەرمۇ تۇلۇق چۈشەنگەن. شۇ سەۋەپلىك يات مىللەتلەر تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۈچى ۋە تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ، ھەممىدىن ئاۋۋال سىياسىي ياكى ھەربىي ۋاسىتىدىن بەكرەك، تەشۋىقات ۋە باشقا چارەلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇش — بىرلىكىنى پارچىلاشنى ئەڭ ئاساسىي ۋاسىتە قىلىپ تاللىغان ۋە شۇ ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەن. نەتىجىدە ھۇنلار دەۋرىدىن باشلاپ بۇ مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر تارىخىي قىسمەتلەر ئۇيۇشۇش – بىرلىك پارچىلانغاندا يۈزبېرىپ كەلدى. ھۇنلارنىڭ مەشھۇر داھىسى ئاتتىلا بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ۋە شان — شەرىپى ئۈچۈن ئۇيۇشۇش – بىرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ مۇنداق نۇتۇق سۆزلىگەن: << بىر ھۇن ھەممىدىن ئاۋۋال ساداقەتمەن بولۇشى كېرەك. قەبىلە، ئەۋلاد ۋە تۇغقاندارچىلىقنى دەپ ئايرىمچىلىق قىلغان، قەبىلىلەرگە زىيانلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنى تەشۋىق قىلغان ھۇن ئاسىدۇر . بۇنداق بىرى قوماندان بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش كېرەك . بىزنىڭ ياش بىر مىللەت بولۇشىمىزغا ، بىر مۇنچە قەبىلىلەردىن تەشكىل تاپقىنىمىزغا قارىماي، بىزنى بىر بىرىمىزگە باغلاپ تۇرغان بىر مۇنچە ئەنئەنىلەر بار. بۇ باغلىنىشنى ئۇزمەسلىكىمىز كېرەك. بوزقىر ھاياتىمىزدا ۋە ئەنئەنىمىزدە مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىي كۈچى ۋە نىزامى بۈگۈنگە قەدەر سەل قارالدى. مىللىتىمىزنىڭ بىرلەشكەن مەزگىللىرى بولدى. لېكىن مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى يات ئەللەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان چاغلاردا بۇ بىرلىك بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇلدى. ئاۋۇللىرىمىزدا < ھۇن بولۇش > نىڭ قانداق مەنىدە ئىكەنلىگىنى ئوبدان بىلىدىغانلار يوق. بويسۇندۇرغىلى بولىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ، مىللىتىمىز < ھۇن روھى >نى ئۇنۇتتى. ئالدىمىزدىكى سىناقلاردا ئۇتۇق قازىنىشنى ئارزۇ قىلساق ، ھۇن نىزامىنى، ھۇن ئەخلاقىنى ۋە ھۇن چۈشەنچىسىنى بىلىشىمىز كېرەك. ھۇن مىللىتى يالغۇز بىزدىن بولغان كىشىلاردىنلا تەشكىل تاپمايدۇ. ھۇنلار دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش يولىدا بىزگە قېتىلىشنى خالايدىغانلارنىڭمۇ مىللىتىدۇر. ھۇن بولۇشنى خالايدىغان ھەر كىشىنى مىللىتىمىزگە قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. كۈچەيمەكچى بولساق بۇرۇندىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل مىللەت تەدبىرلىرىدە مۇھىم ئۆزگۈرۈش ياسىشىمىز كېرەك. مىللىتىمنىڭ بىرلىشىشىنى توسىدىغان ھەر قانداق بىر قەۋمگە، قوماندانغا ياكى ھۇنغا چۈشەنچە بەرمەيمەن، ئۇنداقلارغا ئەڭ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ھىيلىگەر ياكى شەيتان بىر ھۇننىڭ بىزگە كەلتۈرىدىغان يامانلىقلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىم كۆڭلىدە ساداقەت قەسىمىنى ئىچىپ ، كېيىن شىكايەت قىلىدىغان ھۇنغا دىققەت قىلسۇن ! قوماندان بولغان ھالەتتىمۇ بۇ تېگىپەس خائىننى يوقىتىش ئۈچۈن ، ھەر قانداق تېرىشچانلىقنى كۆرسەتسۇن! ئۆز مىللىتىمىزدىكى بىرتۈسنى تۇنىۋالسۇن! ئېلىڭلارنىڭ، مىللىتىڭلارنىڭ ۋە قوماندانىڭىلارنىڭ پرىنسىپى بىلەن بىردەك بولۇڭلار . پۈتكۈل ھۇنلارنىڭ ھەرىكەت ۋە تەدبىرلىرىدە بىرلىك روھى ئەڭ مۇھىم پرىنسىپتۇر .بىرلا پارچىلانساق يات دۆلەتلەرگە ئەسىر چۈشىمىز. پۈتۈن ھۇنلار ۋە بىزگە قېتىلغانلار ئەنئەنىمىزنى ئۈگىنىشى كېرەك. ئەگەر ھۇن بولمايدىكەن، ئۇنداقلارنى جاسۇس دەپ بىلىپ دىققەت قىلىنسۇن! بىر ئەجداتقا ۋە بىر ئىرىققا تايانغان مىللەت زەئىپتۇر. مەقسىتىمىزگە قېتىلماقچى بولغان بارلىق ياتلارغا قۇچاق ئېچىش ، ئۇلارغا تىلىمىز ۋە ئۆرۈپ – ئادىتىمىزنى ئۈگىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. مەۋجۇت پەرقلىرىمىز ئورتاق تېرىشىش ۋە ئورتاق نىشاننىڭ باشقۇرىشىدا بولۇشى كېرەك. ئاسىيا ۋە ياۋرۇپادىكى ئەجداتلاردىن بىزگە قالغان مەدەنىي، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆلچەملەر ھەر كىشى تەرىپىدىن تۇنۇلىشى، قوبۇل قىلىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك . تۈرلۈك قەۋملەردىن تەشكىل تاپقان كۈچلۈك خەلقىمىزنى بىر ھۇن مىللىتى سۈپىتىدە بىر يەرگە جەم قىلغان ئەنئەنىمىزنى ئۇلارغا ئۈگىتىش ۋە تەدبىقلاش سىز قوماندانلىرىمنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. بولمىسا خەلقىمىز سالاھىيىتىنى يوقىتىدۇ.>>(11) << ئوغۇزنامە >> دە ئوغۇزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئوق بىلەن يا نىڭ بېرىكىشىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق مىللەتنىڭ يىتەكچىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش – بىرلىك رۇھىنى قوغداشتىكى رولىنى ئوبرازلىق شەكىلدە كۆرسەتكەنلىگى تىلغا ئېلىنىدۇ. << ئورخۇن ئابىدىللىرى >> دە ئويۇشۇش – بىرلىكنىڭ پارچىلىنىشى مىللەتكە ۋە دۆلەتكە خائىنلىق قىلىش دەپ خاراكتېرلەندۈرىلىدۇ.

تۈركىي مىللەتلىرىدىكى ئۈستۈن مىللىي روھنىڭ سىياسىي – ھۇقۇق ساھەدىكى ئپادىسى تەرەققىي قىلىپ، ئۇلاردا << كۈن چىققان يەردىن كۈن پاتقان يەرگىچە بولغان جايلار>> دىكى مىللەتلەرنى تۆرە – قانۇن بويىنچە ئىدارە قىلىشنى مەقسەت قىلغان <<دۇنياۋى ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى>> نى ياراتتى. ( 12) << تارىخىي ھەمىدىيە >> دىكى << يافەس دۇنيانىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىدىكى ئىدىل ( ۋولگا )، ئېرتىش دەريا ۋادىللىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايتى . ياخشى قائىدە – يوسۇنلارنى ئورناتتى… خۇداۋەندەكېرەم ئۇنىڭغا ئون بىر پەرزەنت بەردى، ئۇلار چىن ،ساقلاپ ، گۇمادى ، تۈرك، خەلەج، خەزىر، رۇس، سەد سان، غەربا، رۇج، مۇنشەج دەپ ئاتالدى…. يافەسنىڭ ئەۋلادىغا تۈرك دېگەن ئوغۇل باشلىق بولدى. ئۇ ناھايىتى غەيرەتلىك، مەردانە ، ھۆنەرۋەن، ئەقىللىق بالا ئىدى. … ئۇنىڭغا ناھايىتى ئادىل ۋە سېخى پادىشالىق بەخشەندە قىلىنغان بولۇپ ، ئۇ ھەقتائالانىڭ بەندىلىرىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق تەربىيە ئاستىغا ئالدى ھەم ناھايىتى ياخشى پەرزەنتلەرنى كۆردى. (13) دېگەن بايانلار دەل تارىخىمىزدىكى<< دۇنياۋى ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى >> نىڭ مەنقىبە شەكلىدىكى ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى تۈركلەرنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىدىن سۆز ئاچقاندا ،ئۇلارنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمدار بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغانلىغىنى تىلغا ئالغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئىقتىدارنى تۈركلەر ئارىسىدا ئاپراسىياپ دەۋرىدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان << مىللىي قۇدرەت >> سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاپىرىدە بولغان ۋە ئاۋۇغان تۈركىي مىللەتلەر تۈرلۈك دەۋرلەردە بۇ تۇپراقتىن ھالقىپ چىقىپ ،ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭىيىپ، مۇشۇ ئۈچ قىتئەدە ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن چوڭ بىر ئىرىقنىڭ ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ ۋەكىلىرىگە ئايلانغان. شۈبھىسىزكى ، بۇ ھالەتنى ھەرگىزمۇ ئۇلاردىكى مىللىي روھنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ جەرىياندا ئۇلار 120 گە يېقىن سىياسىي تەشكىل ( ھاكىمىيەت، دۆلەت، ئىمپېرىيە ) قۇرۇپ، جۇغراپىيىلىك دائىرە ۋە سىياسىي تەسىر جەھەتتىن تارىختىكى ھەر قانداق بىر مىللەت تۈركىمىدىن ھالقىپ كەتتى.(14) << ئوغۇزنامە>> دە << مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولىشىم كېرەك. مەن سىلەرنىڭ ماڭا بويسۇنىشىڭلارنى سۇرايمەن >>(15) دېيىلىدۇ. مەلۇمكى ، داستان ۋەقەلىكى بىر مىللەتنىڭ ساپ ھاياتىي كۈچىنى ۋە مىللىي روھىنىڭ پۈتكۈل تەرەپلەرىنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. داستاندا مىللىي روھنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەن يۈكسەك دۆلەتچىلىك ئېڭى تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن << تۈركىي مىللەتلىرى غۇرۇرىنىڭ ئىلاھىي يۈكسەكلىكى >>(16) دەپ تەرىپلىنىدىغان << ئورخۇن ئابىدىللىرى >> دە << ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر يەر يارىتىلغاندا ، ئىككسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. ئىنسان بالىسى ئۈستىدە ئاتا بوۋام بۇمىن قاغان بىلەن ئستەمى قاغانلار ئولتۇرۇپتۇ >>(17) دېگەن بايانلار ئارقىلىق ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىنغان ئۈستۈنلۈك تۈيغۇسى كۆك تۈرك قاغانلىرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سالاھىيىتىنى تولۇق ھازىرلىغان ئىدىئال ھۆكۈمدارلاردىن ئىكەنلىگى توغرىسىدىكى چۈشەنچە بىلەن بېرىككەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بېرگە بۇ ئابىدىلەر دە مىللىي تارىخ يېزىش، مىللەتكە خىتاپ قىلىش ۋە مىللەت بىلەن دەرتلىشىش ئۇسۇلى بىلەن مىللىي روھنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى كۆرسىتىلگەن. ئەزەربەيجان ئالىمى ، تىلشۇناس ئا. جافەر ئوغلى قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئالىملار ھەققىدە توختىلىپ ، << بۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ھەممىدىن كۆپرەك مىللەتچىلىك خائىشىدىكى پەلسەپە ۋە فىلىلوگىيىگە ئوخشاش پەنلەر بىلەنمۇ مەشغۇل بولغانىدى>>(18) دەپ توغرا كۆرسەتكىنىدەك، مەھمۇت قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەرلىرىنى شۇ دەۋرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەتتىكى يۈزلۈنۈش نوختىسىدىن كۆزەتكەندە كۈچلۈك مىللىي روھنىڭ مەھسۇلى ، شۇنداقلا مىللىي روھنىڭ ئىككى خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. قاراخانىيلارنىڭ تەقدىرى كرېزىس ۋە سىرىتقى مەدەنىيەتنىڭ خىېرىس قىلىشىغا ۋە ئىستىلا قىلىشىغا دۇچ كەلگەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئىككى ئەسەردە ئىككى ئالىم سىياسىي ۋە تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن مىللىي مەدەنىيەتكە كۈچلۈك تۈردە باغلىنىش يولى بىلەن << تۈرك ئۈستۈنلىگى>> نى تىكلەشكە تېرىشقان. ئۇلار دۇنيانى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن پەقەت تۈركىي مىللەتلەرگە بېرىلگەن سالاھىيەت ۋە ھوقۇق ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، تۈرك روھىنىڭ ، تۈرك مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ قۇدرىتىنى قوغدىغان ۋە ئۇنى كۈچلۈك تۈردە تەرغىپ قىلغان. بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا زۆرۈركى ، كېيىنكى چاغلاردا ياشىغان ئەلىشىر نەۋائىنىڭ قىممىتى ۋە شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ ئەدەبېي كامالىتىدىن بەكرەك تۈركىي تىلغا سادىق بولۇپ ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش ئۈچۈن تېرىشقانلىغىدا كۆرىلىدۇ. ئەرەب ئاپتورى ئىبنى ھاسسۈلمۇ<< تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ خاراكتېرى بىر مىللەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەھەتتىكى ئىستىداتلىرىدۇر. ئۇلار تۇغۇلىشىدىنلا ھۆكۈمدار ۋە قوماندان سۈپىتىدە بۇيرۇق بېرىش ۋە مىللەتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان>>(19) دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق تۈركىي مىللەتلەردىكى مىللىي روھنىڭ سىياسىي – ھوقۇق ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئىپادىسىنى خاراكتېرلەندۈرگەن.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ،ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردە << دۇنياۋى ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى >> تەرەققىي قىلغان بولغاچقا ، ئۇلار ئۈچۈن جۇغراپىيىلىك توسالغۇ دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئۇلار ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادا كىلىمات ئۆزگىرىپ ھاياتلىق مەنبەسى ئۈزۈلسە، نوپۇس كۆپىيىپ ھاياتلىق ماكانى تار كەلسە ، تۈرلۈك ئاپەت ۋە كرېزىسلەر تۈپەيلىدىن ھاكىمىيەت بېشىدىن يىراقلاشسا ، ئۇلار دەرھال سىرىتقى دۇنياغا قاراپ يۈزلىنەتتى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جۇڭگو، ھىندىستان، ئىران، ئەرەب دۇنياسى ۋە ياۋروپادا پەيدا بولاتتى. ئۇلارنىڭ كۆچۈشلىرى ھەممىدىن بەكرەك ھۆرلۈك ۋە ئۈستۈنلۈك تۇيغىسى بىلەن بېرىككەن بولغاچقا، يىتىپ بارغان يېڭى زىمىنلاردا ھەرگىزمۇ بېقىندا – قارام ھالەتتە ياشاش بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ ئورۇندىكى يەرلىك خەلقلەرنى يېڭىدىن تەشكىللەپ ،ئىقتىساد ۋە مەدەنىي ھاياتتا گۈللىنىش ۋەزىيىتى يارىتىشتەك يىتەكچىلىك ئورنى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقاتتى. تۈركىي مىللەتلەردىكى بۇ خۇسۇسىيەت يېقىنقى دەۋردە ئىنگلىزلادا كۆرىلدى. شۇنىڭ بىلەن رىم ۋە تۈرك ئىمپېرىيىلىرىدىن كېيىن دۇنيا تارىخىدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئىمپېرىيە – بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسى مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى ،تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي غۇرۇرى پەۋقۇلئاددە يۈكسەك ئىدى. ئۇلارنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغانلىغى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ناھايىتى سەمىمىي ئىدى.(20)

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ << دۇنياۋى ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى >> نىڭ ماھىيىتى ھەققىدە يەنە شۇ نەرسىنى قوشۇمچە قىلىپ قويۇش كېرەككى، << شاختىن ئۈزۈپ يىگەن بىر ساپ ئۈزۈمنىڭ ھەققىنى تال( تەك ) نىڭ ئاستىغا تاشلاپ قويىدىغان >> سەزگۈر ۋە ھەققانىيەتچى تۈركىي مىللەتلەر تارىختا زادىلا مۇستەملىكىچى -ئىستىلاچى بولمىغان. ئۇلار ئۆزى ئىشغال قىلغان مەملىكەتلەرگە ئادالەت ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىپ ، ۋىژدانغا، ئىمانغا، ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي ئەنئەنىلەرگە ھۆرمەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۈلگىلىك دۆلەتچىلىك ۋە ئىنسانچىللىق (ئىنسانپەرۋەرلىك) چۈشەنچىسىنى تارىخقا ھەدىيە قىلغان. (21)

مىللەت ئەزالىرىنى مۇتلەق ھالدا ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشايدىغان مۇھىت بىلەن تەمىنلەش، مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى سىرىتقى ئەللەرنىڭ تەسىرى ياكى تەھدىتى ئاستىغا چۈشۈرمەسلىك تۈركىي مىللەتلەردىكى مىللىي روھنىڭ سىياسىي ساھەدىكى يەنە بىر مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. مەلۇمكى ، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر مىللەت تۈركىي مىللەتلەردەك ھۆرلۈككە مەپتۇنكار بولغان ئەمەس. ئاسارەت ئاستىدا ياشاشتىن ئۆلۈش ئۇلار ئۈچۈن جەننەتكە كىرگەنلىك ھېسابلىناتتى. ئۇلار ئۆلۈمنى ھۆرلۈك يولىدىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى قىلغان. بۇ توغرىسىدا مەرۋىزى مۇنداق يازغان:<< تۈركلەر ھۆر ئىنسانلاردىن بولۇپ، ئۆزىگە ئۆزى خوجا. ئۇلار ھېچبىر كىشىنىڭ ياكى مىللەتنىڭ ئۆزىگە زورلۇق قىلىشىغا يول قويمايدۇ. بىر ئىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلسا، چۇقۇم ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىنچە قىلىدۇ.>>(22) تۈركىي مىللەتلەر مىللىي روھنى دۆلەت سىياسىتىدە تەدبىقلاشقا ھەممىدىن بەكرەك ئۇرۇنغاندى. بىلىنگىنىدەك، دۆلەتتە ھەقىقىي مۇستەقىللىق يالغۇز ئىدارە قىلغۇچى گۇرۇھنىڭ ئارزۇسى بىلەنلا ئەمەس ، بەلكى يەنە خەلقنىڭمۇ ئاشۇ ئارزۇ ئىچىدە بولىشى ، يەنى ئىستىقلال — مۇستەقىللىق چۈشەنچىسىنىڭ مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلانغان بولىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق ئورتاق بىر شۇئار تۈركىي مىللەتلەرىنىڭ جەمئىيىتىدە، دۆلىتىدە ناھايىتى قەدىمدىن بېرى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۆچۈپ بارغان ھەر قانداق بىر يېرىدە ھۆر – ئەركىن ياشاشقا ۋە مۇستەقىل سىياسىي تەشكىل (خانلىق ، دۆلەت) بەرپا قىلىشقا تېرىشىشى بۇنى كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك ، تۈرلۈك ئۆلكە ۋە مەملىكەتلەردە بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولغانلىغىمۇ ئۇلارنىڭ ئىستىقلال – مۇستەقىللىق چۈشەنچىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرغانلىغىغا دالالەت بولىدۇ. بوزقىر تۇرمۇش شارائىتى تۈركىي مىللەتلەرنى ھەر ۋاقىت ماكان ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان . بۇ خىل ئىمكانىيەت ئۇلارنى يىمەك – ئىچمەك ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ، قانداق ئەھۋال كۆرىلىشىدىن قەتئىينەزەر تۇپرىقىنى تەرك ئېتەلمەسلىك زۆرۈرىيىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشايدىغان نوقۇل ھالدىكى تېرىقچى مىللەتلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىشتىن يىراق تۇتاتتى. ئېغىر بېسىم ۋە ئاسارەتكە دۇچار بولغان مۈشكۈل مىنۇتلاردا تېرىقچى مىللەتلەر ئەل بولۇپ باش ئىگىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھۆر سىياسىي مۇھىتنى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئالدىنقى پرىنسىپى قىلغان تۈركىي مىللەتلەر بولسا بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئاساسلىق تۇرمۇش ۋاستىسى بولغان چارۋا – ماللىرىنى ھەيدەپ، يېڭى بىر ھۆر – ئەركىن ماكان ئىزدەپ كۆچەتتى. ھۇنلارنىڭ ئورخۇن ۋادىسىدىن ئاۋۋال بۈگۈنكى جەنۇبىي قازاقىستان بوزقىرلىرىغا، كېيىن ئۇيەردىن ياۋروپاغا كۆچىشى، ئۇلاردىن كېيىن ئوغۇرلار ( بەش ئۇيغۇرلار )، سىبىرلار، ھازارلار، پەچەنەكلەر، قۇمان – قىپچاقلار ۋە ئۇزلار ( ئوغۇزلارنىڭ بىر تارمىقى ) نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا كۆچىشى، ئوغۇزلارنىڭ ئورخۇن بويلىرىدىن سىر دەرياسى ئەتراپلىرىغا، ئۇيەردىن ئىران ۋە ئاناتولىيىگە كۆچىشى، شۇنىڭدەك ، مىلادى 840 — يىلى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە قاراپ كۆچىشى ماھىيەت جەھەتتىن ئستىقلال — مۇستەقىللىقنى قوغداشنى ۋە يېڭى دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان فۇتۇھات يۈرۈشى ھېساپلىنىدۇ.(23)

شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتىمىزكى، تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا، ھۆرلۈك – ئەركىنلىكتىن ئايرىلىپ ، كىشىلىك ئىززەت – غۇرۇرنى قوغداش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشكە ئامال قالمىغان چاغدا ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى ئات ھېساپلىناتتى. ئات تىزلىك جەھەتتە باشقا مىنىك ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىگى بىلەنمۇ ئۇلارغا ئىشەنچ ۋە ھۆكۈمرانلىق تۇيغۇسى بېغىشلايتى. بولۇپمۇ ئات بوزقىرنىڭ جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىدا ۋە ياشاش ئۈچۈن جان تىكىپ كۇرەش قىلىدىغان مۇھىتىدا تۈركىي مىللەتلەرگە يول كۆرسەتكۈچى ۋە رەھبەر رولىنى ئوينىغان. شۇ سەۋەبلىك تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن نورمال ھېساپلانغان مەسىلە پەقەت تىز سۈرئەتتە ئۇرۇش سەپەرۋەرلىگىگە ئۆتەلەيدىغان ۋە بوزقىرنىڭ ئىقتىسادىي ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئۈزلۈكسىز كۈرەش ئىدى. ھۆرىيەت تۇيغۇسى بىلەن پاراللىل ھالدا داۋاملىشىپ ماڭغان بۇخىل كۈرەش روھى بۇ مىللەتلەرنىڭ ئائىلە ھاياتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن، كېيىن تەدىرىجى ھالدا بوي، بودۇن ۋە ئىل – دۆلەت مىقياسىدا كېڭىيىپ ، مىللەت ئەزالىرى ئارىسىدا ئورتاق قىممەت ئۆلچىمىگە ئايلىنىش ئارقىلىق، دۆلەتتە ئىستىقلال – مۇستەقىللىق ئۇقۇمىنى بارلىققا كەلتۈر گەن ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئۆرنەك بولىدىغان ئەمەلىي كۈرەش ھاياتىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆزگىچە بىر مەدەنىيەت تىپىنى ياراتقان.

تارىخىي مەنبەلەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، مىلادىدىن بۇرۇنىقى 5- ئەسىرگە مەنسۇپ ساك قەبرىسى (ئالتۇن كىيىملىك شاھزادىنىڭ قەبرىسى) دىن تېپىلغان بىر كۆمۈش تاۋاقتىكى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قەتئىي قوغداش توغرىسىدىكى ھۆكۈمدارغا قىلىنغان خىتاپ (24) بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىردە ھۇنلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا بۆلۈنۈش يۈز بىرىپ ، جەنۇپتىكى خەن سۇلالىسىغا بېقىنىش پىكرى ئوتتۇرىغا چىققاندا، بۇنىڭغا قارشى چىققان چىچى تەڭرىقۇتنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈپ سۆزلىگەن نۇتقى تۈركىي مىللەتلەردىكى ئىستىقلال – مۇستەقىللىق قارىشىنى چۈشىنىشتە بىزنى تۇلىمۇ قىممەتلىك پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. چىچى بۇ نۇتقىدا ئەجداتلاردىن مىراس سۈپىتىدە يالغۇز يەر – زېمىن ۋە دۆلەتلا ئەمەس، بەلكى يەنە ھۆرىيەت ۋە ئىستىقلال – مۇستەقىللىقنىڭمۇ مىراس قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: << ھۇنلارنىڭ ئادىتىدە ئەزەلدىن كۈچ – قۇۋۋەت ئەتىۋارلىنىپ ،قۇللۇق پەس كۆرىلىدۇ. ھۇنلار ئاتلىق جەڭ قىلىش ئارىلىق دۆلەت قۇرغان. شۇڭا يات خەلقلەر ئارىسىدا ئابرويلۇق بولۇپ كەلگەن. ئۇلار ئۇرۇشتا ئۆلۈشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ. ھازىر قېرىنداشلار ئارىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش بولىۋاتىدۇ. دۆلەت ئاغىنىڭ بولمىسا ئىنىنىڭ بولىدۇ.ئىنىسى ئۆلسە يەنىلا نامى قالىدۇ. ھۇنلار يەنىلا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يات قەۋملەرگە باش بولۇپ قېلىۋىرىدۇ. خەن سۇلالىسى گەرچە قۇدرەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ھۇنلارنى ئۆزىگە قوشىۋالالمايدۇ. نىمە ئۈچۈن ئەجداتلىرىمىزنىڭ قائىدە – تۈزۈمىنى بوزۇپ خەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغىدەكمىز؟! ئۇنداق قىلساق ئۆتكەن دەۋردىكى تەڭرىقۇتلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالىمىز. بۇنداق قىلىپ ئەمىنلىككە ئېرىشكىنىمىز بىلەن يات قەۋملەرنى قانداق باشقۇرالايمىز.>> (25)چىچى تەڭرىقۇتنىڭ بۇ غۇرۇر كۈرىشىدە بىر مىللەتنىڭ ياشاش ئىستەكلىرى، بولۇپمۇ شان – شەرەپ بىلەن ياشاش ئىستەكلىرى ئىپادىلەنگەچكە، گېرمان خەنزۇشۇناس ف. ھىرىت << تارىختا مىللەتچىلىكنى دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئاساسى قىلغان تۇنجى سىياسىيون چىچىدۇر. > >(26) دەپ كۆرسەتكەن. << ھەر بىر قۇرلىرىدا قويۇق مىللەتچىلىك ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان> >(27) << ئو رخۇن ئابىدىللىرى >> دە نام – ئابروي ۋە شان – شەرەپ بىلەن ياشاشنىڭ ئالدىنىقى شەرتى ئىستىقلال – مۇستەقىل ھايات، دەپ كۆرسىتىلگەن . شۇنىڭدەك مىللەتنىڭ ئىستىقلال – مۇستەقىللىقتىن ئايرىلغان ۋە باشقىلارنىڭ قولىدا بېقىندا بولغان چاغلىرى<< ئۆلدى >> سۆزى بىلەن خاراكتېرلەندۈرۈلگەن. ئابىدىلەردە يەنە ئىستىقلال – مۇستەقىللىقتىن مەھرۈم بولغان دەۋرنىڭ دەرت – ئەلەملىرى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: << ئىلى بار خەلق ئىدۇق، ئەمدى ئىلىمىز قېنى؟ قاغانلىق خەلق ئىدۇق قاغانىمىز قېنى؟ بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىڭلار قۇل، پاك ، خانىش بولىدىغان قىزلىرىڭلار دىدەك بولدى.>>(28) << ئورخۇن ئابىدىللىرى>> دىكى پاكىتلاردىن قارىغاندا ، كۆكتۈرك قاغانلىرى مىللەت ئەزالىرى دۆلەتكە ، ۋەتەنگە، قاغانغا، ئەجداتلار روھىغا ۋە شان – شەرەپ بىلەن ياشاشقا سادىق بولغاندىلا ، ئۈستىدە كۆك ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىسە، ئاستىدا يەر يېرىلىپ كەتمىسە تۈرك دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل ھاياتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىغىغا ئىشەنگەن ۋە مۇستەقىل- ھۆر ھايات بىلەن بېقىندا – دەپسەندە تۇرمۇشنى سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ئەۋلادلارغا ئىبرەت قىلىپ يول كۆرسەتكەن. تۈركىي مىللەتلەردە ئىستىقلال – مۇستەقىللىق تەنتەنىسى << ئەرگىنەقۇن داستانى >> ئارقىلىق ئوبرازلىق شەكىلدە داۋاملىشىپ كەلدى.( 29)

مەلۇمكى، ئەنئەنىگە سادىق بولۇش بىلەن يېڭىلىققا ئىنتىلىش، سىرىتقى مەدەنىيەتنىڭ ئىلغار ۋە پايدىلىق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش ، شۇ ئارقىلىق ئۆز جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەر قانداق بىر مىللەت ئۈچۈن مىللىي روھنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ تارىختا ئەنئەنىنى ھىمايە قىلغان ھالدا سىرىتتىن تۈرلۈك دىنلارنى ۋە باشقا مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى قوبۇل قىلدى. لېكىن، سىرىتقى تەركىپلەرنى قوبۇل قىلغاندا ئىستىقلال – مۇستەقىللىقنى نەزەرگە ئېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلاتتى. ئاتتىلا ئەنئەنە بىلەن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تۇلىمۇ ئىتىبارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بىر نۇتۇق سۆزلىگەن. بۇ نۇتۇقتا مۇنداق دېيىلىدۇ: << ئۇرۇشتا، تويدا ۋە مۇراسىمدا كىيگەن كىيىملىرىمىز ئەنئەنىمىزگە ئۇيغۇن بولسۇن. ھۇنلارنىڭ قائىدە – يۇسۇنلىرىنى ياشلىرىمىزغا ئۈگىتەيلى. ھۇن قائىدە – يوسۇنلىرىنى ئۈگەنمەيدىكەن، قوماندانلار ئۇلارنى ئىزباسار دەپ قارىمايدۇ. ناخشىمىز، ئۇسۇلىمىز ۋە پۈتكۈل مىراسلىرىمىز خاس ۋە تەڭداشسىز بولىشى كېرەك. ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە قالغان مىراسنى بۇزۇپ، بۇلغاپ، ئۇنىڭغا يات خۇسۇسىيەتلەرنى چاپلىمايلى. ناخشىلىرىمىز، ئۇسۇللىرىمىز، ئۇيۇنلىرىمىز ۋە مۇراسىملىرىمىز مەۋجۇتلىقىمىزنى ۋە سالاھىيىتىنىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنىڭ پۇرسىتىدۇر. بۇ مەڭگۈ شۇنداق داۋاملىشىشى كېرەك. …>>( 30) خۇددى ئاتتىلانىڭ نۇتۇقلىرىدا دېيىلگىنىدەك، تۈركىي مىللەتلەردە سىرىتقى مەدەنىيەتنىڭ بەلگىلىرىگە مۇئامىلە قىلىشتا ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشتا ئۇنىڭ مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىگە بولغان تەسىرى مەسىلىسىگە قاتتىق دىققەت قىلىنغان. بۇ جەھەتتە كۆكتۈركلەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر ئۈلگە تىكلىگەن. بولۇپمۇ ھەربىي ئالىم ۋە سىياسىيون تونيۇقۇقنىڭ بۇددا دىنىنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى بىر نۇتقى بۇ رۇھنى گەۋدىلەندۇرگەن . تونيۇقۇق كۆكتۈركلەر بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ نوپۇسى، قىممەت قارىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ، ياشاش ئادىتى، كۈچ نىسبىتى ۋە سىياسىي – دىپلۇماتىيە جەھەتلەردىكى بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ، بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىتىقاد ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرىتكەندە، كۆكتۈركلەرنىڭ خەلقارا رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويۇپلا قالماي ، بەلكى يەنە مىللەت ۋە دۆلەتنىڭمۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ قولىدا بىراقلا يوقىلىدىغانلىغىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ دىننى كۆك تۈرك جەمئىيىتىگە يولاتقۇزمىغان.(31) مىللىي ئەنئەنىگە بولغان ساداقەتنى كۆكتۈركلەر يات تىلدىن ھېچبىر ئېلېمىنت قوبۇل قىلمىغاندەك دەرىجىدە ئۆزتىلىگە كۆرسەتكەن سەمىمىي قىزغىنلىقىدىمۇ ئىپادىلىگەن. كۆكتۈركلەرنىڭ تارىخىدىكى بىر قاتار ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە خەلقارا ۋەزىيەت ئۇلارغا پەقەت مىللىي ئەنئەنىڭلا مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغدىيالايدىغانلىغىنى ناھايىتىمۇ ئېنىق تۇنۇتقان. تارىخشۇناسلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا ، مىلادى 762 – يىلى ئۇيغۇر ھۆكۈمدارى بۆگۈ قاغاننىڭ ئۇيغۇر خانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىشكە يۈزلەنگەن بۇددا دىنىنى توسۇش ئۈچۈن مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشىدا دۆلەتنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن سىرىتتىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان تەھدىدنى چەكلەش مەقسەت قىلىنغان. گەرچە مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ھەربىي كۈچ جەھەتتىن تاڭ سۇلالىسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرسىمۇ ، لېكىن نۇپۇسى بىر مىليۇن ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، 50 مىليۇندىن ئارتۇق نۇپۇسى بار ۋە ئۆزلىرى ئەڭ كۆپ ئالاقىدا بولىدىغان تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىر خىل ئىتىقات چەمبىرىگىدە ياشاش مىللىي ۋە سىياسىي مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ھەقىقەتەن خەۋپلىك ھادىسە ھېساپلىناتتى. شۇ سەۋەپلىك ، بۆگۈ قاغان مانى دىنىگە كىرىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تاڭ سۇلالىسىدىن ئايرىماقچى بولغان.( 32) بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ قۇيۇش كېرەككى، تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز مىلادىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا كۆك تەڭرى ئەقىدىسىگە يانداشتۇرۇپ بۇددا دىنىغىمۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلدى. ئىدىقۇت ۋە كەڭسۇ خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ دىن تېخىمۇ ئېتىبارغا ئېرىشتى. ئىلگىرى ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن چەتكە تىپىلگەن بۇ دىننىڭ ئەمدىلىكتە قايتىدىن ئېتىبارغا ئېرىشىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدىكى ياشاۋاتقان ماكانى ۋە خەلقارا ۋەزىيەتكە بولغان تۇنىشى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بىرى، بۇ ئىككى دۆلەت جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن بۇددىزىم مەدەنىيىتى گۈللەنگەن رايۇنلاردا قۇرۇلدى . شۇ سەۋەپلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇددىزىم مەدەنىيىتىدىن خالى تۇرىشى ياكى ئۇنى بىراقلا غۇلىتىپ تاشلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يەنە بىرى، بۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسى زەئىپلىشىشكە يۈزلەنگەن بولۇپ، قايسىلا جەھەتتىن بولمىسۇن ئۇيغۇرلارغا خەۋپ پەيدا قىلالايدىغان تەسىرگە ئىگە ئەمەس ئىدى. تاڭ سۇلالىسى يوقالغاندىن كېيىن، جۇڭگودا بۆلۈنمە ۋەزىيەت شەكىللىەندى ، ھەتتا بۇ ۋەزىيەتكە خاتىمە بەرگەن سۇڭ سۇلالىسىمۇ ئۇيغۇرلارغا كۈچ كۆرسەتكىدەك ھالەتكە ئېرىشەلمىدى. تاشقى مۇھىتنىڭ كۈچىنى تولۇق مۆلچەرلىيەلىگەن ئۇيغۇرلار بۇ ۋاقىتتا بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ ھىمايىچىلىرى سۇپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان.ئۇيغۇرلار بۇددىزم مەدەنىيىتىنى ھىمايە قىلغاندا ، ئۇنى مىللىي ئەنئەنىگە بويسۇندۇرۇشقا تېرىشقان ، شۇ سەۋەپلىك ئۇ << ئۇيغۇر بۇددىزمى >> شەكلىگە كىرگەن.(33) ئا . جافەر ئوغلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىگە بولغان ساداقەت روھى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: << تېمورىيلەر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىدا ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلاردەك ئۆزىنىڭ ئادەت ۋە ئەنئەنىسىنى، يەنى تارىخىنى ساداقەت بىلەن داۋاملاشتۇرالمىدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئايىغى تەگكەن ھەرقانداق يەردە قوللىنىلىشى بۇ تارىخقا بولغان ھۆرمەت ۋە ساداقەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپادىسىدۇر.>>(34) ئا جافەرنىڭ بۇ سۆزىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى نەزەردە تۇتۇلغان . ئەينى ۋاقىتتا قاراخانىيلار ئىسلام ئىتىقاتىدا بولۇپ ، بۇ تەۋەلىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئسلام مەدەنىيىتىگە بولغان باغلىنىشى مىللىي روھ ۋە ئەنئەنىگە بولغان ساداقەتتىن ھالقىپ كەتكەنىدى.

قىسقىسى، ئىستىقلال – مۇستەقىللىق چۈشەنچىسى تارىخىمىزدا مىللىي مەۋجۇتلۇق ، تەرەققىيات ۋە شان – شەرەپ بىلەن ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنغان. شۇڭلاشقىمۇ ئۇيغۇرلار ئەرگىنەقۇندىن چىققان كۈننى<< ئىستىقلال – مۇستەقىللىق كۈنى >> قىلىپ بىكىتىپ، نورۇز ئەنئەنىسى بىلەن << يېڭى يىل كۈنى >> سۈپىتىدە تەبرىكلەپ كەلمەكتە. نورۇزنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىكى ئەڭ مۇھىم مەنىسى ئۇنىڭ << ئىستىقلال – مۇستەقىللىق كۈنى>> سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىدۇر.

ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىكى ۋەتەن چۈشەنچىسى ناھايىتى مۇقەددەس بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئائىلە، مەھەللە، يۇرتقا بولغان كۈچلۈك مۇھاببەت ۋە ساداقەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكىى بەلگىسى سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەن. ۋەتەنگە باغلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ساداقەت — پىىداكارلىق كۆرسىتىش << مىللىي ئالاھىدىلىك >> كە ئايلانغان. شۇ تۈپەيلى ، قەدىمدە << ئۇلۇش >> سۆزى بىلەن ئىپادە قىلىنغان ۋە بەلگىلىك چېگرىسى بولغان دۆلەت زىمىنىغا قارىتىلغان ۋەتەن ھۆكۈمدار ئائىلىسىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى بولماستىن ، بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئورتاق زېمىنى، ھاياتلىق ، مەۋجۇتلۇق ، تەرەققىيات تۇپرىغى ، شۇنداقلا خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىق سورۇنى ھېساپلىناتتى.

تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەنگە سادىق بولۇش بىلەن بىرگە سەييارە، كۆچمەن ۋە ھەرىكەتچان تۇرمۇش كەچۈرۈش بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىنغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەتەن چۈشەنچىسى قانۇن ۋە ھۆرلۈك بىلەن بىرىككەن بولۇپ، بۇ ئىككى شەرتتىن مەھرۇم بولغان چاغدا ، ئۇلار يېڭى بىر يۇرت قۇرۇش ئىستىكىدە، ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلاتتى .بۇ توغرىسىدا جۇڭگو مەنبەلىرىدە << ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگوغا تەسلىم بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۆز ۋەتىنىنى ئاسانلىقچە ئۇنۇتمايدۇ >>(35) دەپ مەلۇم چۈشەنچە بېرىلگىنىدەك، جاھىزى بۇ نوقتىنى << ۋەتەن مۇھاببىتى بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان بىر خىل ھېسياتتۇر. لىكىن، بۇ خىل ھېسيات تۈركلەردە تېخىمۇ ئۈستۈن ۋە يۈكسەكتۇر >>(36) دەپ خاراكتېرلەندۈرگەن. قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم << تۈركلەر ۋەتىنىگە ناھايىتى سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان بېرىدۇ. ھېچقاچان ۋەتىنىنى ئۇنۇتمايدۇ. قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ، ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. تۈركلەرنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن قىلغان ئامىل دەل مۇشۇ خۇسۇسىيەتتۇر. تۈركلەر بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. >> (37) دەپ تەرىپلىگەن .تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغانلىقى يەنە ئىران داستانلىرىدىمۇ سۆزلىنىدۇ. ئىران داستانلىرىدا تۇمارىس ۋە شىراق قەھرىمانلىقلىرى بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە بېرىلگەن. جۇڭگو مەنبەلىرىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار تىلغا ئېلىنىدۇ. ھۇنلارنىڭ شەرقتىكى قوشنىسى تۇڭگۇسلار ھۇن زىمىنىنىڭ بىر پارچىسىنى كىسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا باتۇر تەڭرىقۇت << يەر – زىمىن دۆلەتنىڭ ئۇلى، نىمە دەپ بېرىۋەتكىدەكمىز >>(38) دېگەن ۋە بۇ زىمىننى بېرىۋىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋەزىرلەرنىڭ كاللىسىنى ئالغان. ئەسلىدە تۇڭگۇسلار بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان باتۇر ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەلىپى ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاپ ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان.(39) شۇنىڭدەك، خەن سۇلالىسىمۇ ھۇنلاردىن بىر پارچە تاغلىق يەرنى سورىغاندا، ئىرىشكىنى ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ << بۇ يەر مەرھۇم ئاتامدىن مىراس قالغان زىمىن بولۇپ ، قولدىن بېرىپ قويۇش ھەددىم ئەمەس >>(40) دېگەن قاتتىق ئېتىرازىدىن ئىبارەت بولغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەن – ئۇلۇش ھۆكۈمدارنىڭ ئۆزى خالىغانچە شەخسىي مۈلۈك سۇپىتىدە ئىشلىتىدىغان زىمىن بولماستىن ، بەلكى ھۆكۈمدار تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئاتا مىراس يادىكارلىق ھېساپلىناتتى.

بۇ ئەھۋاللار تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەن قارىشى جەھەتتىن << دومىنوم >> تىپى ئەمەس، بەلكى <<ئىمپېرىيۇم >> ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت زېمىنىنىڭ ھۆكۈمدارلار بىلەن خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئاستىدا تۇتۇلىشى ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشكىلى – دۆلەت ناملىرىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك ، بۇنى بۇ مىلللەتلەردىكى شەخىستىن بەكرەك ۋەتەنگە ياكى سىياسىي تەشكىلگە باغلىنىدىغانلىقى مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە كۈزىتىدىغان بولساق يۇرت – ئۆلكىنىڭ تىز سۈرئەتتە ۋەتەنلىشىشىنىڭ مۈمكىن بولىدىغانلىغىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. (41)

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ << ھەربىي مىللەت >>( جەڭگىۋار مىللەت ) سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسىنىڭ يۈكسىلىشى ئۇلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسياتى بىلەن بىرىككەن بىر مەدەنىيەت تىپى ئىدى. جۇڭگو مەنبەلىرىدە ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىىللەتلەرنىڭ كىسەلدە ئۆلۈشنى نومۇس، ئۇرۇشتا ئۆلۈشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن . << ئورخۇن ئابىدىللىرى >> دىمۇ << ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن>>(42) دېيىلىدۇ. ساسان چىچەن << تۈركلەر ئۆيدە تۇغۇلۇپ ، ئۇرۇش مەيدانىدا جان بېرىدۇ>> (43) دەيدۇ. تۈركىي مىللەت تۈركىمىدە ھەر بىر ئىنسان كىچىكىدىن تارتىپلا ئوقيا ئېتىش ۋە ئات مىنىش تەربىيىسى بىلەن چوڭ بولۇپ، ماھارەتلىك بىر ئەسكەر بولۇپ يېتىلەتتى. كىيگەن كىيىملىرىمۇ تۇرمۇش ۋە ئۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئىككى خىل خۇسۇسىيەتتە لايىھىلەنگەن. بۇ خىل تۇرمۇش بىلەن ئۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن ھايات شەكلى قانداقتۇر بىر تاجاۋۇزچىلىق ياكى ئىستىلا چۈشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن بولماستىن ، بەلكى ئۆزى مەنسۇپ مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بىخەتەرلىگىنى ، تىنچلىغىنى ۋە ھۆرلۈكىنى سىرىتنىڭ تەھلىكىسىدىن قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشتەك ساداقەت ۋە پىداكارلىق رۇھىدىن تۇغۇلغان. دېمەك ، ھەربىي كۈچنىڭ تەرەققىي قىلىشى مىللىي قوغدىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.(44) ئۇيغۇرلاردا بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان << ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈل، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆل >> ، << يېتىپ قالغىچە، ئېتىپ قال >> دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇشلىرى تۇرك ئالىمى ئىبراھىم كافەس ئوغلى كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، تىنچلىق ۋە سۈلھىنى مەقسەت قىلغان بىر ۋاسىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە چوڭ بىرلىكتىن ئىبارەت پەلسەپىۋى چۈشەنچە يىتەكچى قىلىنغان. شۇ سەۋەپلىك تىنچلىق ۋە سۈلھىنى << ئەل >> دەپ ئاتىغان تۈركىي مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىل ھالەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان كۈچ ئىكەنلىگىگە ئشەنگەچكە ، مىللەت ۋە دۆلەت دېگەن ئۇقۇمنىمۇ يەنە ئاشۇ << ئەل >> سۆزى بىلەن ئىپادە قىلغان. دىمەك، ۋەتەن ئۈچۈن ساداقەت ۋە پىداكارلىق بىلەن ياشىغاندىلا ئاندىن تىنچ ھاياتقا، مەۋجۇتلۇق شارائىتىگە ۋە يۈكسىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنى بولىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكەن تۈركىي مىللەتلەر ۋەتەن دەپ ئۇرۇش مەيدانىدا جان بېرىشنى ئىدىئال ھايات تىپى قىلىپ تاللىغان ۋە بۇنىڭدىن غۇرۇر، شەرەپ، بەخت تۇيغۇسى ھېس قىلغان. ھەتتا قىز – ئاياللارمۇ مۇشۇنداق قەھرىمانلىق روھتا ياشىغان . شۇ سەۋەپلىك ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كإرسەتكەنلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ، نوپۇزى ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان. مىللەت ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرىي سەنئەت ۋاسىتىلىرى ( ھەيكەل، بالبال تىكلەش، قەبرە بېشىغا ئۆي، يەنى خاتىرە سارىيى سېلىپ، ئۇنىڭ تاملىرىغا قەھرىماننىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆرىنىشلىرىنى سىزىش ) بىلەن ئوبرازلاشتۇرغان، مەڭگۈ تاش تىكلەپ قۇتلۇقلىغان ۋە ناخشا – قوشاق ، داستانلارغا قېتىپ ئەبەدىيلەشتۈرگەن. قىسقىسى، تارىخشۇناسلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدىكى << قەھرىمانلىق جاسارىتى كۈچلۈك >> دېگەن سۆزلىرىدە دەل ئۇلارنىڭ << ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئۈستۈن >> دېگەن ئۇقۇم ئىپادىلەنگەن.

<< ئورخۇن ئابىدىلىرى >> دە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر خىل ئېتىقاد شەكلىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئابىدىلەردە ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە پايتەخت بولۇپ كەلگەن ۋە ئاشۇ ئورنى بىلەن بۇ مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋىي ئىپتىخارلىق بازىسىغا ئايلانغان ئۆتۈكەنگە ساداقەت كۆرسىتىش ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن بېرى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۆتۈكەندىن يىراقلىشىش، ۋەتەننى تاشلاپ كېتىش دۆلەت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت ھېساپلىنىپ، تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان ئېغىر گۇنا سۈپىتىدە قارالغان. ئابىدىلەردە ئۆتۈكەنگە كۈچلۈك تۈردە باغلانغاندىلا مىللەتنىڭ غەم – قايغۇسىز ياشايدىغانلىقى، دۆلىتىنىڭمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ چۈشەنچە << قۇتلۇق تاغ داستانى>> نىدا تېخىمۇ قۇۋۋەتلەنگەن. بۇ داستاندا دېيىلىشىچە، دۆلەتنىڭ سائادىتى، مىللەتنىڭ بىرلىكى بىر تاغقا ، تېخىمۇ توغرىسى بىر قىياغا باغلىق دەپ قارىلىدۇ. كېيىنچە تاڭ سۇلالىسىدىن ئالغان بىر مەلىكىنىڭ تويلۇق مېلى سۈپىتىدە بۇ قىيا تاڭ سۇلالىسىغا بېرىۋىتىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ قىيانى پارچىلاپ جۇڭگوغا ئېلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلۈم ۋە قىسچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئاخىرىدا مىللەتنىڭ بىرلىكى بوزۇلۇپ، ئۆز يۇرتىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.(45) شۇنىڭدەك يەنە مەنبەلەردىكى پاكىتلاردىن قارىغاندا، تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ قېلىش ئەڭ ئېغىر زەربە ۋە دەرت – ئەلەم ھېساپلانغان. بۇنىڭ ئازابى ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا قاتتىق تەسىر قوزغىغان. ھۇنلاردا ئالچى تېغىنى خەن سۇلالىسىغا تارتقۇزۇپ قويغاندا پەيدا بولغان ئېغىر دەرت – ئەلەم ھەستەتلىك قوشاققا ئايلانغان. بۇ بايانلاردا پەقەت مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق سورۇنى بولغان ۋەتەن تۇپرىقىنى ساقلاپ – قوغداپ تۇرالىغاندىلا ئاندىن مىللەتنىڭ سىياسىي ھاياتى ۋە گۈللىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر خىل سىياسىي – ھوقۇق چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئومۇمەن قىلغاندا، تۈركىي مىللەتلەردە جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا ۋەتەن چۈشەنچىسى ۋە مۇھاببىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇشتەك خاراكتېرى بىلەن ھەرقانداق بىر مىللەت تۈركىمىدىن پەرقلىق ھالدا سىياسىي ئىستىقلال – مۇستەقىللىق پىكرى بىلەن بىرگە داۋاملىشىپ ماڭغان. ئۇلار تەشكىللىك ۋە قانۇنىي ئاساستا، ئىختىيارى، ئەركىن ، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشالىغان زىمىننى ۋەتەن دەپ ھېساپلىغان. بۇ شەرتلەر كۆرۈلمىگەن ياكى ئۇنى ساقلاپ قېلىشقا ھېچقانداق مۈمكىنچىلىك قالمىغاندا، ۋەتەننى تەرك ئېتىپ كۆچەتتى.دىمەك، تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتىدە ۋەتەن ئۇلارنىڭ تۇغلىرى ۋە ئال رەڭلىك بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان يەرلەرنى كۆرسىتەتتى. (46)

ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدىكى ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى چېكىنىشى ، نام – شۆھرەت قازىنىشى ياكى ئۇنتۇلۇشى ئومۇمەن شۇ مىللەتنىڭ مىللىي روھىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 13 — ، 14 – ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىدا سىياسىي- ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ كۈچىيىپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە تەرەققىي قىلىپ ، تەسىرى ۋە نام – ئابرويىنىڭ ئاسىيادىن ھالقىپ ھەتتا ياۋروپا ۋە ئافرىقىغىمۇ تارىلىشى ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ھاياتنىڭ ھەرقانداق ساھەسىدە مىللىي روھنى يىتەكچى قىلغانلىغىدىن بولغان. ئۇنىڭدىن كىيىنكى چېكىنىش ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىشىدە نۇرغۇن سەۋەپلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى بەزى كىشىلەر جار سېلىۋاتقىنىدەك قانداقتۇر << يىپەك يولى >> نىڭ ئۈزۈلۈپ، << دېڭىز يولى >> نىڭ ئېچىلىشىغا باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى مۇشۇ مەزگىللەرنىڭ ئالدى – كەينىدىكى دەۋىرلەردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا مىللىي روھنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇن بولىدىغان ئامىللارنىڭ كۆرۈلىشكە ۋە كۈچۈيىشكە باشلىغانلىغىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. بۇ توسقۇنلۇقمۇ دەل سىرىتقى مۇھىتتىن قوبۇل قىلغان تۈرلۈك ئىتىقاد شەكىللىرى ۋە ئاشۇ ئىتىقاد شەكىللىرىگە ئەگىشىپ كىرىپ كەلگەن مەدەنىيەت بەلگىرىنىڭ ئىتىبارغا ئېرىشىشىدىن بولغان .

مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا مىلادىدىن بۇرۇىقى دەۋىرلەردىن تارتىپلا << ئۇلۇغ تەڭرى >> دېگەن مەنىدىكى << كۆك تەڭرى >> نامىدا ئاتالغان بىر تەڭرىلىك ئىتىقاد شەكلى ئاساس قىلىنىپ كەلگەن. ئىسلامىيەت دەۋرىگە قەدەر ئىزچىل داۋاملاشقان بۇ دىننىڭ ئەقىدىسىدە ، ھوقۇق، قانۇن ،غۇرۇر ، ئۈستۈنلۈك، جەڭگىۋارلىق، شان – شەرەپ، ئىنسانچىلىق، جۈملىدىن مىللىي روھ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى دەپ قارىلارتتى. ھۆكۈمدارلارمۇ بۇ ئەقىدىنى رىئال ھاياتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېرىشاتتى، دىمەك ،بۇ دەۋىردە مىللىي روھ بىر خىل ئىتىقاد ۋە ئەقىدىگە ئايلانغانىدى. مەلۇمكى ، دىن باشقا مەدەنىيەت بەلگىلىرىگە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئالاھىدە بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسى ھىساپلىنىدۇ. دىن بىر مىللەتنىڭ روھى ھالىتى، تارىخى ۋە مەدەنىيتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ياكى مىللەتنىڭ ھاياتىنى قايتا قۇرىدىغان ھالەتنى پەيدا قىلالايدۇ. تارىخشۇناسلارنىڭ دەلىللىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى يۈزىسىدىن كۆك تەڭرى دىنىگە يانداشتۇرۇپ ، سىرىتتىن قوبۇل قىلغان مانى ۋە بۇددا دىنلىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قانچىلىك دەرىجىدە مىللىي خاراكتېرگە بويسۇندۇرۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ، يەنىلا ئۇلارنىڭ مىللىي روھىنى چەكلەپ تۇرۇش رولىنى ئوينىغان . بۇ توغرىسىدا << تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى >> نىڭ << قاراخانىيلار >> ماددىسىدا : << بۇددىزم ۋە مانى دىنىنىڭ مىللىي خاراكتېرگە ماس كەلمەيدىغانلىغى ئاسانلا چۈشۈنىلدى. تۈركلەرنى يات مەدەنىيەتكە ئىتتىرگەن، جاھانگىرلىك خاراكتېرىنى يوقاتقان، ھەتتا ھەربىي ئۈستۈنلىكىگە ۋە تەشەببۇسكارلىق تالانتىغا زىيان يەتكۈزگەن بۇ دىنلار تۈرك جەمئىيىتىدە كرىزىس پەيدا قىلىش ، مەنىۋىي قىممەتنى ئۆزگەرتىۋېتىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. يەنە تۈرك دۆلىتىنىڭ سىياسىي ئالاھىدىلىگىنى ۋەيران قىلىپ ، پالەچ ھالەتكە دۇچار قىلغان>> (47) دېيىلگەن. ھەقىقەتەن ئىدىقۇت ۋە كەڭسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچ تەشكىللەپ ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ھېمايىسىگە ئالغان چوڭ بىر ئىمپېرىيىگە ئايلىنالماسلىقى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى بۇ دىنلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەش رولىنى ئوينىغانلىغىدىن بولغان. شۇنداقتىمۇ بۇ دەۋىر مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ پاكىتلار بىزگە بۇ دىنلارنىڭ چەكلەپ تۇرۇش رولىنى ئوينىيالىغان بولسىمۇ، لېكىن مىللىي روھنى ۋە تارىخنى ئۇنتۇلدۇرۇرۇش دەرىجىسىگە بارالمىغانلىغىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە . شۇنىسى ئېنىقكى ، بۇددا ۋە مانى دىنىنىڭ بۇ ئىككى تارماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات ، سەنئەت ، تەرجىمىچىلىك ۋە مىمارچىلىق تارىخىدا ياراتقان پايدىلىق– ئىجابىي تەسىرىنىڭ زورلۇقىنى ئىنكار قىلغىنى بولمايدۇ.

بۇددا ۋە مانى دىنلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، غۇرۇر، شەرەپ، ئۈستۈنلۈك، ھەققانىيەت بىلەن ياشاشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۈگىتىدىغان، تۇلىمۇ ئەمەلىيەتچىل ۋە << ئەخلاق دىنى >> بولغان ئىسلام دىنى ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنى ئەخلاق ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر مىللەت سۈپىتىدە بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلۇشىشىدىكى بىر ۋاسىتە ۋە سىرىتقى مەدەنىيەتنىڭ ئىستىلاسنى چەكلەپ تۇرۇشتىكى مۇھىم قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ قاراخانىيلار ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئۆتكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، بۇ يېڭى ئەقىدىنى مىللىي روھقا ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە تېرىشىپ، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن << تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتى >> نىڭ بىر مۇنچە ئۇتۇقلىرىنى ياراتقان . ھەتتا ئىسلام دىنىغا ئەگىشىپ كىرىپ كەلگەن ئەرەپ – پارىس مەدەنىيىتىنىڭ باشقا بەلگىلىرىمۇ تۈرك مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قۇشۇمچىسى سۈپىتىدە يانداشتۇرۇلغان.

ئىسلام دىنىدا ئەمەلىيەتچىل تەرەپلەردىن كۆك تەڭرى دىنى بىلەن بىردەكلىك تەشكىل قىلىدىغان ، مىللەت ۋە مىللىي روھنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەقىدىلەر بار ئىدى .ئىسلام دىنى ئىنتېرناتسىئۇنال خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ، بۇ چوڭ بىرلىك پەقەت ئىسلام ئىتىقادى ئاساسىغا ئۇيۇشۇشنى كۆرسىتىدىغان بىرلىك ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئىسلام ئەقىدىسىدە بۇ دىننىڭ سىرتىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئىتىراپ قىلىنغان. شۇنداقلا << ئەگەر رەببىڭ خالىغان بولسىدى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا ئىمان ئېيىتقان بولاتتى . شۇنداق تۇرسا سەن ھەممىسىنى مۆمىن بولسۇن دەپ مەجبۇرلامسەن>> (سۈرە يۈنۈس ، 99 – ئايەت )(48)، << دىندا زورلاش يوقتۇر >>( سۈرە بەقەرە ، 256 – ئايەت ) (49)، << سەن پەقەت بىر ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچىسەن، ئۇلارغا بېسىم قىلغۇچى( ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن>>(سۈرە غاشىيە، 21- 22 – ئايەتلەر )(50) دېگەن ئايەتلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەرغىپ قىلىنغان. مەلۇمكى ،ئىسلام دىنىدا ۋىجدانغا بېسىم يوق بولۇپ، ۋىجدانغا، مىللىي روھقا، تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ھۆرمەت كۆرسىتىش << قۇرئان >> نىڭ بۇيرىقى ئىدى. دېمەك، ئىسلام دىنى ئەقىلنىڭ ھىس قىلدۇرىشى بىلەن شەكىللەنگەن بىرلىكنى تەرغىپ قىلاتتى . بۇنىڭ مىللەتنىڭ ئويۇشۇش روھىنى كۈچەيتىشى ۋە چوڭ بىرلىگىنى شەكىللەندۈرىشى تەبىئىي ئىدى. لېكىن، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش جەرىيانىدا بۇنى ئىجرا قىلغۇچىلار دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە يات ھىسياتنى ئارىلاشتۇرىۋېلىشتىن يانمىغان. ئىسلام مۇخلىسلىرىنىڭ نەزىرى بويىنچە بولغاندا پۈتۈن ئىنسانلار << مۇسۇلمان >> ۋە << كافىر>> ( يات دىندىكىلەر) دەپ ئىككىلا تۈركىمگە ياكى ئىككى مىللەتكە ئايرىلاتتى . شۇ ۋەجىدىن ئىرق ، مىللەت ، تىل ، مىللىي روھ ۋە مەدەنىيەت پەرقى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلام ئىتىقاتىدىلا بولسىلا ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرئۈممەت — بىر خەلق( بىر مىللەت) سۈپىتىدە قارالغان. ئىسلام ئىتىقاتىنىڭ سىرتىدىكىلەر بولسا ئەسلىدە بىر مىللەت بولسىمۇ ، غەيرى ئىنسانلار سۈپىتىدە قارىلىپ چەتكە قېقىلغان، قىرغىن قىلىنغان. نەتىجىدە قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق چۈشەنچىگە ئاساسەن، ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدىكى ئەجداتلار ۋە قېرىنداشلار بىلەن بولغان چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىپ ، ئۆزىنىڭ ھاياتى، روھى ۋە مەدەنىيىتىنى قايتا تىكلىگەچكە، بۇ ھالەت تەبىئىي ھالدا تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ ئۇنتۇلىشىدەك ھادىسىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالغان. قاراخانىيلار ئىسلام ئىتىقادى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مىللىي سىياسەت قىلىپ تاللىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەرىيانى قانلىق كۈرەش ۋە تارىخ بىلەن مەدەنىيەتنى بىراقلا ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا ،بۇ ھالەت ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرلىكىنى ۋۇجۇتقا چىقارمايلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى بىر بىرىگە رەقىپ قىلىۋەتتى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، مىللىي روھنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ، ئۇلارنى تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى ۋە ماھىر مەرگەنلەر دەپ ماختىسا ، دىنىي ھىسيات نوقتىسىدىن چىقىپ، ئۇلارنى ئەشەددىي كاپىر دەپ قاراپ ، قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ يازغانلىغى بۇنىڭغا بىر مىسال بولىدۇ. دىمەك ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى << مىللىي شۇئار >> نى يىتەكچى قىلغان ھالدا ، مىللەتنى ھىمايە قىلىش ، تارىخنى ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلمىدى. بۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ پارچىلىنىپ تۇرۇش ھالىتى ئۇزاق داۋاملىشىپ ، ئۇيغۇرلانىڭ مىللىي روھىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئېغىر دەز كەتكەن .

بولۇپمۇ قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈمدارلار ۋە زىيالىلار ئارىسىدا ئەرەپ – پارىس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى ھىمايە قىلىش كۈچىيىپ، مىللىي روھقا بولغان ساداقەت بارغانسېرى ئىتىباردىن قېلىشقا يۈزلەندى. تۈرك مەدەنىيىتىگە سەل چاغلىنىپ ، بۇ مەدەنىيەتنى ھىمايە قىلغانلار نادان، جاھىل ، مۇتەسىپ دەپ قارالدى، ھەتتا مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك بىر نام بولغان << تۈرك >> سۆزىمۇ << نادان>> ، << دۆت >> ، << قارا قوساق>> دېگەن مەنىدىمۇ ئىستىمال قىلىنىدىغان غەيرى ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى. مىللىي روھنى ئويغىتىدىغان ،مىللەتكە يول كۆرسىتىدىغان، مىللەتنىڭ يۈكسىلىشىنى مەنبە بىلەن تەمىن ئىتىدىغان ئەدەبىياتتىمۇ تارىخىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرى، مىللىي قەھرىمانلىرىمىز — ئۇلۇغ سىمالىرىمىز ، مىللەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان خەلقنىڭ رىئال ھالىتى ۋە ئۈمىدى ئاشۇ خەلققە چۈشۈنىشلىك تۈركىي تىل بىلەن ئىپادىلىنىپ ، روھ ۋە غۇرۇرنى ئويغىتىپ، ئۇنىڭغا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتاقىلىپ يول كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا ، ئەرەپ — پارس ئەدەبىياتىدىكى موتىفلار ۋە ئوبرازلار ( << مىڭ بىر كىچە >>، رۇستەم، جەمشىد، فەرىدۇن ، سىياۋۇش قاتارلىق) ۋە ئاشۇ ئەدەبىيات ئۇسلوبىدىكى تىمىلار سۆزلىنىپ رىئاللىقتىن يىراقلىشىپ كەتتى. يەنە كېلىپ بۇ ئەدەبىيات پارس تىلىدا يېزىلغان . تۈركىي تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەر دىمۇ ئەرەپ – پارىس تىلىدىن كىرگەن سۆزلۈكلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، ئۇمۇ جانلىق تىلدىن يىراقلىشىپ كەتكەن. بۇ خىل ئەدەبىياتتىن ھەرگىزمۇ خەلقىمىزگە مەنىۋىي يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈتكىلى بولمايتتى. بارتولدمۇ بۇ ھالەتنى << تۈركلەرگە- ئۇيغۇرلارغا ئىسلامىيەتنىڭ ۋە پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى شۇ دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان ئىدىكى ، تۈركلەر- ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتتى>> (51) دەپ سۈرەتلەيدۇ. مەدەنىيەتتىكى مۇشۇ ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن ، مىللىي روھنىڭ يۈكسەك ئىپادىسى بولغان << ئوغۇزنامە >> داستانى قاراخانىيلار تەۋەسىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قەلەمگە ئېلىندى. ئاپراسىياپ (قاراخانىيلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرىدىن كېيىن ئۇنتۇلدى) ، تۇنيۇقۇق ۋە بۆگۈ قاغانغا ئائىت خاتىرىلەرمۇ مۇشۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلاندى.(52) بۇددا ۋە مانى دىنىنىڭ چەكلەپ تۇرۇشى بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى قولدىن بېرىپ قويغىنىغا قارىماي ، مىللىي روھقا باغلىنىشنى داۋاملاشتۇرغان مانا شۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ۋە تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى دەۋرىنىڭ سىياسىي،ھەربىي ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مۇنبېرىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىرىشىپ ،ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە شەرەپ ئاتا قىلالىدى. جۈملىدىن ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئاسىيادىن ھالقىپ ياۋروپا(ئوكرائىنا ۋە لاتۋىيە) دىمۇ شۆھرەت قازانغان خەلقارالىق مەدەنىيەتكە ئايلاندۇردى. (53)

دىمەك، قاراخانىيلارنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدىن باشلاپ ، بۇخانلىق تەۋەسدىكى ئۇيغۇرلاردا، مىلادى 14 – ئەسىردىن باشلاپ پۈتكۈل ئۇيغۇرلاردا مىللىي روھ مىللەت خاراكتېرلىق يىتەكچى پرىنسىپ بولۇشتىن قىلىپ ، پەقەت كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا يوشۇرۇن كۈچ ھالىتىدە ساقلىنىشقا يۈزلەنگەن بىر مەنىۋىي ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى.

شۇنداقتىمۇ بۇ يوشۇرۇن كۈچ پات – پات مەھەللىۋىي ياكى بىرەر شەھەر دائىرىسىدە بولسىمۇ ئۆزىنى ئىپادىلەپ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى ئىكەنلىگىدىن سادا بېرىپ كەلدى.

مەنبە:بىبلىئوگرافىيە:

(1)(7) (12) (23) (41) (46) << ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى >> ، تۈركچە، 12- توم ، 2 – قىسىم ، 223- ، 227 – ،244 -، 260 – بەتلەر ، 1988 – يىلى ، ئىستانبۇل.

(2) دۈەن ليەنچىن : << دىڭلىڭلار، تۇرالار ۋە قاڭقىللار >> ، ئۇيغۇرچە،81 – ، 86 – بەتلەر ، 1997 – يىلى ، ئۈرۈمچى.

(3) لى يەنشۇ : << شىمالىي سۇلالىلار تارىخى >> ، ئۇيغۇرچە، 568 – ، 569 – بەتلەر، 2000 – يىلى ، ئۈرۈمچى .

(4) (32) << تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى >> ، تۈركچە، 33 – توم ، 147 – ، 151 – بەتلەر، 1984 – يىلى ، ئەنقەرە.

(5)(6) بايمىرزا ھايىت : << سوۋىتلەر ئىتتىپاقىدىكى تۈركلۈكنىڭ ۋە ئىسلامىيەتنىڭ بەزى مەسىلىلىرى >> ، تۈركچە، 193 – بەت، 1987 – يىلى ، ئىستانبۇل.

(8) سىماچيەن: << تارىخىي خاتىرىلەر>> ، ئۇيغۇرچە ، 1988 – يىلى ، ئۈرۈمچى.

(9)(16) << تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى >> ، تۈركچە ، 25 – توم ، 487 – بەت ، 1977-يىلى، ئەنقەرە.

(10) ۋېي لياڭتاۋ : << قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان>> ، ئۇيغۇرچە، 106 – بەت ، 2000 – يىلى ، ئۈرۈمچى .

(11) (30) << تۈركچىلىك پرىنسىپى >> ، تۈركچە ، ئىنتىرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.

(13) موللا مۇسا سايرامى : << تارىخىي ھەمىدىيە >> ، ئۇيغۇرچە، 46 – ، 47 – بەتلەر، 1988 – يىلى ، بېيجىڭ.

(14) ئابدۇلقادىر دونۇك : << تۇنجى تۈرك مىللەتچىسى چىچى تەنخۇ >> ، << تۈرك دۇنياسى تارىخ ژورنىلى >> ، تۈركچە، 1987 – يىلى ، 3 – سان، 44 – بەت.

(15) << ئوغۇزنامە >> ، ئۇيغۇرچە، 46 – بەت ، 1980 – يىلى ، بېيجىڭ .

(17) ( 28) (42) << قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانمىلار >> ، ئۇيغۇرچە، 80 – ، 84 – ، 85 – بەتلەر ، 1983 – يىلى ، ئۈرۈمچى.

(18) (34) ئا. جافەر ئوغلى : << تۈرك تىلى تارىخى >> ، تۈركچە، 2 – قىسىم، 18 – ، 208 – بەتلەر، 1984 – يىلى، ئىستانبۇل.

(19) يىلماز ئإزتۇنا : << بۈيۈك تۈركىيە تارىخى >> ، تۈركچە، 2 – توم، 391 – بەت، 1977 – يىلى ، ئىستانبۇل.

(20) (27 ) (26) (37) (44) يىلماز ئإزتۇنا : << بۈيۈك تۈركىيە تارىخى >> ، تۈركچە، 1 – توم، 50 – ، 51 – ، 95 – ، 100- ،101- ، 140 – ،141 – بەتلەر، 1977 – يىلى، ئىستانبۇل.

(1 2) سامىخا ئايۋەردى : << تۈركلەر مۇستەملىكىچى بولمىغان >>، << تۈرك دۇنياسى تارىخ ژورنىلى >> ، تۈركچە، 1987 – يىلى، 11 – سان، 23 – بەت.

(24 ) ئايدىن تانەرى : << تۈرك دإلەت ئەنئەنىسى >> ( تۈنۈگۈن – بۈگۈن ) ، تۈركچە، 11- بەت، 1981 – يىلى ،

( 25) (38) (39) (40) بەنگۇ : << خەننامە >>، ئۇيغۇرچە، 698 – ، 778 – ، 798 – بەتلەر، 1994 – يىلى ، ئۈرۈمچى.

(29) مۇستاپا ئۇسلۇ : << تۈرك مەدەنىيىيىتىدە نورۇز موتفى >> ، << تۈرك دۇنياسى تارىخ ژورنىلى >>، تۈركچە، 1987 -يىلى، 4 – سان، 22 – بەت.

( 31) (35) جاڭ رېنتاڭ : << تاڭ دەۋرىدىكى شەرقىي كإك تۈركلەر ھەققىدە يېڭى ھإججەتلەر >> ، تۈركچە، 67 – ، 174 – بەتلەر، 1968- يىلى ، تەيبېي.

(33) (45) مۇستاپا ئەرگۈن : << تۈرك مائارىپ تارىخى >> ، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.

(22) (36) (52) ئا. زەكىي ۋەلىدى توغان : << ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش >> ، تۈركچە، 100 – ، 106 — ، 168-بەتلەر ، 1 198 -يىلى، ئىستانبۇل.

(43) ئا. زەكىي ۋەلىدى توغان: << تۈرك ۋە تاتار تارىخى >> ، تاتارچە، 18 – بەت ، 1912 – يىلى ، قازان.

(47) << تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى >> ، تۈركچە ، 21 – توم ، 287 – بەت ، 1974 – يىلى ، ئەنقەرە.

(48) (49) (50) ئىبراھىم ئاگاھ چۇبۇكچۇ : << مەدەنىيەت تارىخىمىزدا دىن >> ، تۈركچە، << بەللەتەن >>، 1990- يىلى، 4 – سان، 778 -بەت.

(51) ۋ. ۋ. بارتولد ، م . ف. كإپرۈلۈ: << ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى >> ، تۈركچە، 1940 – يىلى، ئىستانبۇل.

(53) ئا. جافەر ئوغلى : << تۈرك تىلى تارىخى >> ، تۈركچە، 1 – قىسىم، 178 – بەت،1984 – يىلى ، ئەنقەرە