ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي ئىستېتىك ئالاھىدىلىكى(

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search


ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي ئىستېتىك ئالاھىدىلىكى.

ئىقبال تۇرسۇن

1. ئۇيغۇر كىنو سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى مۇساپىسى.

21-ئەسىرگە قەدەم قويغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇر ئىگىلىكى دەۋرىگە كىرىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش بىلەن مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكى شارائىتىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىش ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم باش تېمىسىغا ئايلانماقتا.كىنو-تېلېۋىزىيە بۇنداق ئالاھىدە تارىخىي مۇھىتتا شۈبھىسىزكى بىر خىل ئۇچۇريەتكۈزۈش ۋاستىسى سۈپىتىدە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قىياپىتى ھەم ئالاھىدىلىكىنى ئەڭجانلىق، تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

دۇنيادا تۇنجى كىنو 1894-يىلى پەيدابولغاندىن بۇيان، بىر ئەسىرلىك تەرەققىيات تارىخىدا ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىپ ئۇچۇر تورى، رەقەم تېخنىكىسىغا ئوخشاش يېڭى تېخنىكا ۋە سەنئەت نىمۇكەممەل بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ئىپادىلەش قۇدرىتى ۋەھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنى بىلىشى1930-يىلى ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئاۋازسىز كىنو فىلىملىرىنىڭ دەسلەپ قويۇلغىنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بۈگۈنگە قەدەر 70 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى تارىخىغا نىسبەتەن گەرچە بۇ تولىمۇ قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بۇ جەرياندا كىنونى چۈشىنىش، كىنو تېخنىكىسى بىلەن تونۇشۇشتىن تەدرىجىي ھالدا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى سۈرەتلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم ۋە ھېكايە فىلىملەرنى مۇستەقىل ئىشلەشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 1956-يىلى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭكىنو ستۇدىيىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1962-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن ھېكايە فىلىم ئىشلەش توختىتىلىپ فىلىم تەرجىمە قىلىشقا ئۆزگەرتىلگەنگە قەدەر، شىنجاڭدا ئۇيغۇر مىللىي تۇرمۇشى تېما قىلىنغان «بوستانلىقتىكى تەنتەنە»(شاڭخەي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن، 1958)، «ئىككى ئەۋلاد» (1959)، «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» (1960)، «ئانارخان» (1961) قاتارلىق فىلىملەر ئىشلەندى. بۇ شىنجاڭدامىللىي كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ جانلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى كىنو ئېكرانىدا ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى سىناق ۋە ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى بولدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ھۆكۈم سۈرگەن 60-70-يىللاردا، شىنجاڭدافىلىم تەرجىمە قىلىش كىنوچىلىقنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ كىنو ئىجادىيىتى توختاپ قالغان ئىدى. ئون يىل داۋاملاشقان سىياسىي كۈرەش ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر سىياسىي تۈزۈلمە ۋە مەدەنىيەت دەۋرى يېتىپ كېلىشى بىلەن پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى يېڭى تارىخىي بۇرۇلۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ 1979-يىلى 11-ئايدا «شىنجاڭ تەرجىمە فىلىم ستۇدىيىسى»دىن نامى ئۆزگەرتىلگەن «تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى» رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭ مىللىي كىنوچىلىقىمۇ يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى..

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، 20-ئەسىرنىڭ70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 80-يىللارنىڭ باشلىرى جۇڭگو جەمئىيىتى «مەدەنىيەت زورئىنقىلابى»دىن كېيىنكى يېڭى بىلەن كونا ئورۇن ئالمىشىۋاتقان، مەدەنىيەتبالايىئاپىتى كىشىلەر قەلبىدە قالدۇرغان ئېغىر مەنىۋە جاراھەت ۋە ئۇنىڭ ئازابى تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، كونا بىر دەۋر تۈزۈلمىسىگە تەۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى يېڭى بىر دەۋردىكى سىياسىي تۈزۈلمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئالدىدا ئىلاجىسىز سەھنىدىن چۈشىۋاتقان چوڭ تارىخىي ئۆزگىرىش پەيتىدە تۇراتتى. بۇنداق شارائىتتا ئەدەبىيات-سەنئەت دۆلەت، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدە ئىدېئولوگىيىلىك فورمىسى سۈپىتىدە كونا مەدەنىيەت ۋەئىددىيە قۇرۇلمىسىنى ئىنكار قىلىش، ئىسلاھ قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش جەھەتتە ئۆزبۇرچى ھەققىدە ئويلانمىسا بولمايتتى. ئۆتمۈش تارىخ ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئىددىيەقۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئويلىنىش ئەسلىي پەلسەپىنىڭ بۇرچى بولسىمۇ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ پەلسەپىۋى ئاڭ تەپەككۇرى ئاددىي، يۈزە ۋە نامرات شارائىتتا بۇ ۋەزىپەئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى زىممىسىگە يۈكلەندى. يېڭى دەۋردىكى ھايات رىتىمىنىڭجىددىي ئالغا سىلجىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارىختىكىدەك بىر نەچچە دانىشمەن پەيلاسوپنىڭ ئۈگۈت-نەسىھەتلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش ۋە ئويلاندۇرۇش كۈچى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى، ئۆتمۈش ۋە بۈگۈنىنى چۈشەندى. كىنو-تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ھەققىدە ئويلىنىشتەك تارىخىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىدە ئەدەبىياتقا قارىغاندا قەدىمى كېيىن، سۈرئىتى ئاستا بېسىلغان بولسىمۇ، قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋەئويلىنىش ئېقىمىغا كىرىپ كەلدى. ھەمدە ئالاھىدە سىياسىي ۋە مەدەنىيەت بۇرۇلۇش دوقمۇشىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇرەككەپ خاراكتېر-پىسخىكىسى، ئىددىيە ھېسسىياتى ۋە مەدەنىيەت-ئىستېتىك ئەنئەنىلىرىنى ئېچىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆزئۈستىگە ئالدى..

ھەرقايسى سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاستۇرمۇشنى تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ۋە ئالاھىدىلىكى بولغىنىدەك، ياش، جەلپكارسەنئەت—كىنونىڭمۇ ئادەمنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە ئۆزگىچە تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ھەم ۋاستىسىبار. ئەمما، ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇش ۋە ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئېكران كۆرۈنۈشىدەكىنو تېخنىكىسى ۋە كىنو تىلى ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق جانلىق، تىپىك، تەسىرلىك، بىۋاستە، ئەينەن سۈرەتلەشتىن ئىبارەت. بولۇپمۇ كىنو مىللىي خاراكتېردىكى مىللىيروھنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق مىللىي ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەش، كونا مەدەنىيەتئەنئەنىسى ۋە ئۇنىڭ زامانغا خاس ئىندىۋىدۇئال تەرەققىياتىنى ئېكراندىكى جانلىق تەسىرچان ئوبرازدا چىن، تەبىئىي يارىتىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم..

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» جەريانىدىكى«مەدەنىيەت كۈرىشى»نىڭ قىسمەتلىرى تېما قىلىنغان «جاراھەت ئەدەبىياتى»غا يانداشقان ئۇيغۇر كىنوچىلىقى 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ «جاراھەت»نى، بوران-چاپقۇن ئىچىدە سوۋۇغان، ئازار يېگەن شەخس قەلبىدىكى ھەسرەتلىك پىغاننى، چىن ئىنسانىي گۈزەللىك، كىشىلىك قەدىر-قىممەت، مۇھەببەت ۋە ئائىلە، ھايات ۋە بەخت، بىلىم ۋەبىلىم ئىگىلىرىنىڭ پاجىئەسىنى بىر قەدەر چىن، ھېسسىياتلىق تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىدە سۈرەتلەپ بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى تارىخىي دەۋردىكى ھايات ئۆزگىرىشلىرىنىڭ شەخس ئۈستىدىكى ئىنكاسىنى، مەدەنىيەت ۋە ئىددىيىسىدىكى جانلىنىش، ئۆزگىرىش ۋەتەرەققىياتىنى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ساقلانغان خىلمۇ خىل مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. «ئارتىست بولمايدىغان قىز» دەل بۇ مەدەنىيەت جاراھىتى تېمىسىنى تەسىرلىك يورۇتقان ياخشى فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ، 60-70-يىللاردىكى سىياسىي،ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە غايەت زور بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى چېكىندۈرىۋەتكەنلىكى، ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتى،ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى سىياسىي تۈزۈم ۋە جەمئىيەت نۇقتىسىدىن پاش قىلدى.ئەدەبىيات-سەنئەتتە «ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستەسايراش» تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئىستېتىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش ۋە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەت يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ مىللىي كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى شۇنداقلا بۇ بىزگە مەدەنىيەت ۋە ئىستېتىك گۈزەللىك نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر كىنوچىلىق ئىجادىيىتىگە نەزەر سېلىش، باھا بېرىش ۋە ئۇ ھەقتە ئويلىنىشئىمكانىيىتىنى بەردى..

2. 80-يىللاردىكى ئۇيغۇر كىنو ئىجادىيىتىنىڭتەرەققىيات ۋە ئىستېتىك ئالاھىدىلىكى..

80-يىللاردا ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى سەھنىسىدىكى يازغۇچى، شائىر ۋە سەنئەتكارلىرىمىز ئۆز ئىجادىيىتىدە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي سەرگۈزەشتلىرى ھەققىدىكى ئويلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ بارغانسېرى ئېچىۋېتىلىۋاتقان، ئۆزگىرىۋاتقان تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ مۇرەككەپ قاتلاملىرىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن دادىل ئىزدەندى. ئەدەبىيات ساھەسىدە يېڭىچەئەپسانىۋى تىياتىرلار، يېڭى شېئىر، ئىزلەنمە ھېكايىلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇركىنوچىلىقى مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مىللىي ئىستېتىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىكى ئىزدىنىش ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەت ھەققىدىكى ئويلىنىشنى تېخىمۇ جانلىق ئىلگىرىسۈردى. روشەنكى، ئادەمنىڭ رېئاللىق بىلەن بولغان بەدىئىي ئالاقىسى كۆپ قۇرۇلمىلىق ۋە زىددىيەتلىك بولىدۇ. بۈگۈنكى سەنئەتتە تەكىتلىنىۋاتقان مەسىلە ئىنساننىڭ ئۆزىنى قايتا ئىختىرا قىلىش ھەمدە ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى ئەمەلىي پائالىيىتى جەريانىدا توپلىغان ھاياتلىق تەجرىبىسى، بىلىمى، ۋە قارىشى ئارقىلىق ئۆزىنى مەدەنىيەت ئىچىدە قايتاچۈشىنىش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇ خىل مۇرەككەپ مۇقەددەس ئېتىقادنىڭ ئىزدەنگۈچىسى بولغان ئادەمنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى، ھەقىقىي ئىنسانىي خىيال-تۇيغۇسى،ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ مىللىي خاراكتېر ۋە ئىستېتىك ئۆزگىچىلىكى بىلەن يارىتىلىشىسەنئەتتىكى ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكى، چىنلىقىنىڭ يۈكسەكلىكى، مىللىي خاسلىقىنىڭ روشەنلىكىدىكى ئىنتايىن مۇھىم شەرت. ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، مىللىي ئىستېتىك ئالاھىدىلىك، ھەم دەۋر روھى جەھەتتىكى ئىزدىنىشى ۋەدەسلەپكى ئۇتۇقى ئۇنىڭ تار رامكىدىن قۇتۇلۇپ ئادەمنى تۇرمۇش ئىچىدە يارىتىشقا قايتقانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى، كىنو-تېلېۋىزىيىدىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە ئورتاق سەنئەتنى مىللىيلەشتۈرۈش يولىدا ئىزدەنگەنلىكىدە. بىز بۇ مەدەنىيەت ۋە ئىستېتىك ئالاھىدىلىكنىڭ تارىخىي تېمىدىكى «غېرىب-سەنەم» (1970)،«سىرلىق كارۋان» (1985)، «ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى» (1986)، «خانىش ئاماننىساخان» فىلىملىرىدا، ھازىرقى زامان رېئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى «رەنانى تويى» (1982)،«ئارتىست بولمايدىغان قىز» (1983)، «نۇرنىسا» (1984)، «تىنچسىز قۇمباغ» (1985)،«غەربىي دىياردىكى ئۇسسۇل مەستانىلىرى» (1988)، «يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى»(1991) شۇنداقلا كومىدىيەلىك ھېكايە فىلىملىرىدىن «نەسىردىن ئەپەندى» (1980)،«بەخت ناخشىسى» (1981)، «پۇل دېگەن نەرسە» (1985)، «مەمەت ھەققىدە پاراڭ» (1988)،«بويتاقلار ئائىلىسى» (1988)، «موللا زەيدىن» قاتارلىقلاردا مەزمۇن، قۇرۇلما،ئوبراز، خاراكتېر يارىتىش ياكى ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى، كىنو تېخنىكا،تىل جەھەتتىن بولسۇن خېلى زور دەرىجىدە يۈكسەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.80-يىللاردىكى ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ تارىخ ۋە رېئال تېمىدىكى يۇقىرىقى ۋەكىللىك فىلىملىرى بىرلىشىپ، بىزنى ئۆتمۈش تارىخىمىز بىلەن بۈگۈنكى ھاياتىمىز، مەدەنىيەت ۋە پىسخىك دۇنيارىمىز ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر تىپىك ۋە تەسىرلىك چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى..

تارىخقا نەزەر سالساق، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىمەدەنىيىتىدە مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە باغلىق بولغانيوسۇن، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەخلاقىي رامكا-پرىنسىپلار بىرقەدەر كۆپ. ئەخلاق ۋەئادەمگەرچىلىك—ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم قىممەت ئۆلچىمى. چەت يېزا-قىشلاق، سەھرالاردىن چوڭ شەھەرلەرگىچە ئۇيغۇر تۇرمۇشى كۈچلۈك دىنىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەخلاق پۇرىقىغا تولغان. ئەرلەر ۋە ئاياللار، ياشلار ۋەياشانغانلار، ھەرخىل ھۈنەر-كەسىپ ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى مۇشۇ دىنىي ئەخلاقىي ئادەمگەرچىلىك مىزانى ئاساسىغا تىكلەنگەن ۋە شۇ ئەنئەنىۋىپرىنسىپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلگەن. بىزنىڭ ئېتىقاد، مۇھەببەت، مەنپەئەت،كىشىلىك قەدىر-قىممەت، مېھىر-شەپقەت، دوستانىلىق، ساختىلىق، قارا كۆڭۈللۈك ھەققىدىكى ئەخلاقىي ئېڭىمىز ۋە مەيدانىمىز ئەنە شۇ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە دىنىي ئەخلاقىي ئۆلچەم تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، شۇ تەرز پەردازلانغان ۋە ھەتتا ساختا كۆرۈنۈشمۇ ئالغان. بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى باتۇرلۇق، مەردلىك، ئاق كۆڭۈللۈك،ساددىلىق، دوستانىلىق، سەمىمىيلىك، قىزىققانلىق بىلەن تەڭ يەڭگىلتەكلىك،مەنمەنلىك، جاھىللىق، ئۆزۈمچىلىك، بىخۇدلۇق، خۇراپىيلىق، ئىچى تارلىق، مەزھەپ،مەھەللىۋازلىققا ئوخشاش پىسخىكىلىق ئامىللار ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ياكى ئادەت كۆرۈنىشىدە ئارىلىشىپ كەتكەن ھەمدە مىللەتنىڭ بەختسىزقىسمەتلىرى، كۆز يېشىغا ھەمراھ بولۇپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. كونىلار«ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس» دەپ ئېيتقىنىدەك، بۇ قەدىمىي ئەمما ناتاۋانمىللەت ئۆزىدىكى چەكلىمىدىن قۇتۇلۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭمەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە پىسخىكىسىدىكى زەئىپلىك ، ناچار ئىللەتلەرنى بايقاپ ئۇ ھەقتەئويلىنىشى، ئۇنى پاش قىلىشقا، ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلالىشى ۋە ئۇنىڭدىن قولئۈزەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنداق ئىكەن، ئۇيغۇر كىنو-تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشى، ئۇنىڭ يۈكسەك بۇرچى، ئەھمىيىتى چوڭ ئىش. 80-90-يىللاردا ئىشلەنگەن «غېرىب-سەنەم»، «خانىش ئاماننىساخان»، «سىرلىق كارۋان» قاتارلىق تارىخىي تېمىدىكى فىلىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىيدەۋرلەردىكى تۇرمۇش، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى، ئۆزگىچە پىسخىكىلىق خاراكتېرىنىئىپادىلەشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ئىستېتىك گۈزەللىك قاراشلىرىنى، ھەققانىيەت، باراۋەرلىككە، گۈزەل، ئەركىن ھاياتقا، چىن مۇھەببەتكە تەلپۈنۈش بىلەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەبىقە ۋە گورۇھ ئوتتۇرىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنمەسدەرىجە پەرقى، فېئوداللىق چىرىك ئەخلاقىي قاراش ۋە قىممەت قارىشىنى، مۇرەككەپ توقۇنۇشنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەپسانىۋى تۈس ئالغان قەدىمىي ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەشەمەتلىك، كۆركەم ۋە جانلىق مەنزىرىسىنى گەۋدىلەندۈردى. بۇ باسقۇچتىكى رېئال تۇرمۇش تېما قىلىنغان كىنو فىلىملىرى بىلەن كومېدىيىلىك ھېكايە فىلىملار ئۇيغۇركىنوچىلىقىنىڭ 80-يىللاردىكى گۈللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. 90-يىللاردىكى كىنوفىلىملىرى يېڭى سىياسىي، مەدەىيەت بۇرۇلۇش پەيتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋېلىشىش قەدىمىدە يولۇققان ئەخلاق ۋە كىشىلىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق، كونىلىق بىلەن يېڭىلىق ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، چۈشىنىش ۋە بۇرۇلۇش جەريانىدىكى ھېسسىيات پوزىتسىيىسىنى خېلىلا روشەن كۆرسىتىپ بەردى..

ئەنئەنىۋى ئائىلە ئەخلاقى ۋە نىكاھ، مۇھەببەتمەسىلىلىرىدە ئەرلەرنىڭ نوپۇزى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ بەلگىلىشى ئالدىداقىز-ئاياللاردىكى ئۆز ئارزۇسىغا خىلاپ بولسىمۇ ئىتائەتمەنلىك، بويسۇنۇش ۋە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ھايا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئاياللار ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك تىپىك بىر ئالاھىدىلىكتۇر. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق چۈشەنچىسىگە مەنسۇپ بەزى ئادەت ۋە ئىددىيە قاراشلار يېڭى دەۋردىكى مىللەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان پاسسىپ ئامىل. «بەخت ناخشىسى»، «رەنانىڭ تويى»، «نۇرنىسا» قاتارلىق فىلىملاردىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللارنىڭئەنئەنىۋى ئەخلاقىي رامكا ۋە قائىدە-يوسۇن ئالدىدا ئىتائەتچانلىق بىلەن بويسۇنۇش،ياكى قارشىلىق ئارىسىدا تېڭىرقاش، چېكىدىن ئاشقان ئىتائەت قىلىش، ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىدىن پەيدا بولغان ئائىلە-نىكاھ بەختسىزلىكى يۇقىرىقى فىلىملەرنىڭ مۇھىم ئىستېتىك ئالاھىدىلىكىدۇر.

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكىسى، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، ئىستېتىك ئەنئەنىسى ۋە قائىدە يوسۇنلىرى شۇمىللەتنى باشقا مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىك. ئۇ شۇمىللەتنىڭ مىللىي روھىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىپادىسى. تۇرمۇش تولىمۇ كەڭ ۋە مۇرەككەپ،ئۇنىڭدا چىنلىق بىلەن ساختىلىقنىڭ، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنىڭ، ساداقەت بىلەنۋاپاسىزلىقنىڭ كۈرىشى ھامان دولقۇنسىمان ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ يادروسى بولغانئادەم مۇئەييەن مىللىيلىك ۋە تىپىكلىكتە قايتا يارىتىلغاندا ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ تىپىك، تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئومۇمىي خاراكتېر ئالغان بولىدۇ. كىنو فىلىمدىكى ئوبرازنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئىندىۋىدۇئال خاراكتېرى ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋەدىئالوگىدا ئىپادىلەنگەنلىكتىن، كىنودا ۋەقەنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى بىلەنمەنزىرىسىنىڭ قۇرۇق، مەنىسىزلىكى، ھەشەمەتلىكنى قوغلاشماي، ئوبرازنى ھەقىقىيگەۋدىلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. 80-يىللاردىن 90-يىللارنىڭ باشلىرىغىچەئىشلەنگەن كىنو فىلىملىرى بىر قەدەر تەسىرلىك، تىپىك، مىللىي ئوبراز ۋە مىللىي خاراكتېرنى ئۇتۇقلۇق يارىتىپ ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت-ئىستېتىك ئالاھىدىلىكى بىلەن جەمئىيەتتىكى ھەر مىللەت كىنو تاماششىبىنلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولدى.ھەمدە شىنجاڭ مىللىي كىنوچىلىقىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى.

3.90-يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر كىنولىرىدامەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە چېكىنىش..

90-يىللادىن بۇيان خىلمۇخىل مەدەنىيەت ۋەئىجتىمائىي فورماتسىيىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىي كىنوچىلىقى، بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئېڭى، مۇھەببەت ۋە كىشىلىكھايات قاراشلىرىدىكى ئۆزگىرىش ۋە داۋالغۇشلىرىنى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى قىلغان ئىدى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئارىلاشمىلىقى، ھەر خىل مىللىي مەدەنىيەتنىڭ سۈركىلىش ئىچىدە بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈش ھەمدە ماسلىشىپ رول ئوينىشى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇش شەكلى، ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت ئېڭىدا،بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئېتىقاد ۋە قىممەت قاراشلىرىدا بۇ خىل ئارىلاشمىلىق تېخىمۇروشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. 90-يىللاردا ئىشلەنگەن «غەربىي دىياردىكى ئۇسسۇل مەستانىلىرى»، «خۇشال زامان»، «مۇھەببەت مەستانىلىرى»، «ئوتتەك چاقنىغان ياشلىق» قاتارلىق كىنو فىلىملىرى شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئارىلاشما مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مىجەز-پىسخىكىسى، روھىي دۇنياسى، مەدەنىيەت ئېڭى، ۋەئىستېتىك قىممەت قارىشىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋەئەخلاق بىلەن ئۇلارنىڭ رەڭگارەڭ زامانىۋى مەدەنىيەتكە قىزىقىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈرىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى،بۇنداق «ئارىلاشما مەدەنىيەت» مۇھىتىدىكى ئارىلاشما تۇرمۇش ۋە ئوبرازلار تەسۋىرىمەزمۇن ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە سەنئەت ئىجادىيىتى پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغانياسالما، سۈنئىي، ئاددىي تەشۋىقاتقا ئايلىنىپ قالغانلىقتىن كەڭ تاماششىبىنلار ۋەئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى..

بىر رايون مەدەنىيىتى قانچە كۆپ خىل، كۆپ مەنبەلىك ئارىلاشما بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزمىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولىدۇ. ھەرقايسى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى مەلۇم بىر چوڭ ئېقىندىن چىقمىغان، بەلكى خېلى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا ئۆز مەنبەسى ئاساسىداكۈچىنى زورايتىپ تەرەققىي قىلىپ كەلگەن ھەم ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. شۇڭا، ئۇ مۇشۇ خىل ئەنئەنە ۋە ئىستېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى بلەن باشقا مەدەنىيەت فورمىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ. مەيلى ئەدەبىي ئىجادىيەت ياكى سەنئەت ئىجادىيىتىدە بولسۇن مەلۇم بىرمىللەتنىڭ مەدەنىيەت قارىشىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلغىلى بولمايدۇ. ھەر خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىش، بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋەئېتراپ قىلىش ئاساسىدا كەم جايلىرىنى تولۇقلاش، ئىسلاھ قىلىش— مىللىي مەدەنىيەتنىڭ توغرا تەرەققىيات يولىدۇر.

ئازادلىقتىن كېيىن، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپ باراۋەر، ماس ھالدا راۋاجلاندى. ئەدەبىيات-سەنئەتمۇ مىللىي مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى، ئىتتىپاقلىقى ۋە تەڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى ئەكسئەتتۈرۈپ بەردى. ئاز بىر قىسىم ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەندە مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئۇلارنىڭمەدەنىيەت ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئەنئەنىسىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بۇرمىلايدىغان،كەمسىتىدىغان، چۆكۈرىدىغان ھەتتا ئاشكارا مەسخىرە قىلىدىغان ناچار ئىستېل ۋە خاھىشبىر قەدەر گەۋدىلىك ساقلىنىپ كەلدى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتىدەئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قالاق، نادان، ئاڭسىزلىقىنى كۆپتۈرۈپ ياكى پەردازلاپ، بۇخەلقنىڭ ئۆزىدىكى كۈچ-قۇدرەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە تىرىشچانلىقنى، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە رولىنى زادىلاتىلغا ئالمايدىغان نۇقسانلارغا يول قويدى. كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىدە مىللەتلەرئىتتىپاقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئۆلۈك ئۇرۇنغاچقا، بۇ ئەھۋال كىنو فىلىملىرىنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى تەسىرلەندۈرۈش ۋە زوقلاندۇرۇش كۈچى يوق ئەسەرگەئايلاندۇرۇپ قويدى.

مىللىي خاراكتېر توغرىسىدا 19-ئەسىردەياشىغان رۇس يازغۇچىسى گوگۇل: «ھەقىقىي مىللىي خاراكتېر يېزا ئايىلىنىڭ يەڭسىز ئۇزۇن چاپىنىنى تەسۋىرلەش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا مىللىي روھنىڭ بولۇشىدا» دېگەنىدى.بۇ سۆز كىنودا مىللىي خاراكتېرنى قانداق يارىتىش توغرىسىدىمۇ ئاممىباب جاۋابتۇر.چۈنكى ھەرقانداق نەرسە چىنلىقى بىلەن قىممەت تاپسا، مىللىيلىكى بىلەن ئۆزگىچەئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. تۇرمۇش مەيلى قايسى تەرەپتىن ئەكس ئەتتۈرۈلسۇن،يارىتىلىۋاتقان ئوبرازغا شۇ مىللەتنىڭ خاراكتېرى سىڭدۈرۈلۈشى كېرەك. فىلىمنىمەزمۇنغا مۇۋاپىق كۆرۈنۈشكە ئاجرىتىشتىن شۇ كۆرۈنۈشكە باب مەنزىرە تاللاشقىچە، ھەربىر پېرسوناژنىڭ گەپ-سۆزىدىن ئۇنىڭ ئىچكى پىسخىك ئالاھىدىلىكىگىچە ئىنچىكىلەپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدا مىللىي خاراكتېر يارىتىش، كۆرۈنۈشنىمۇۋاپىق تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تارتىپ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسىغىچە چېچىلاڭغۇلۇق،سۈنئىيلىك، دوگمىچىلىق، مەدھىيىۋازلىق، ساختا ھېسسىيات، پۈچەك ئىددىيە قاتارلىقناچار خاھىش بىر قەدەر گەۋدىلىك. 60-يىللاردا ئىشلەنگەن «ئانارخان» فىلىمىدە قۇرباننىڭ ئۆستەڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن سۇ ئېلىپ ئىچكەن كۆرۈنۈشىكىشىلەرنى كۈلكىگە سالغانىدى. بۇنى شۇ چاغدىكى سېنارىست ياكى رېژىسورنىڭ ئۇيغۇرمىللىي تۇرمۇش ئادىتىگە بولغان چۈشىنىشىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كۆرۈشكە بولاتتى.80-يىللادا ئىشلەنگەن «بەخت ناخشىسى» فىلىمىدە قىزنىڭ يىگىتنى قوغلىشى، «رەنانىڭ تويى»دىكى تويى بولغان يېڭى كېلىننىڭ ھالقا دەۋاسى قىلىپ، ماشىنىغا چىقمايتۇرۇۋېلىشى، ياسىن بىلەن رەنانىڭ باغچا تېپىلمىغاندەك قەدىمكى ئىدىقۇت خارابىلىقىدا مۇھەببەتلىك كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشى قاتارلىق دېتاللار مىللىي تۇرمۇش ئادىتىدىن خېلىلا چەتنەپ كەتكەن. سېنارىست، رېژىسور ۋە ئارتىستىن ئىبارەت ئاساسىي ھالقا چوقۇم تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇرمۇشتىكى ماھىيەتلىك نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغاقويۇشى، مىللەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. «قاچقۇن، قىزچاق، ئىت» فىلىمىدە يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ ئوخشاشمىغان ھەۋىسى، قىزىقىشى سېلىشتۇرۇلغان، لېكىن فىلىمدە باشتىن-ئاخىر تۇتامغا چىققۇدەك تەسىرلىك ۋەقە يوق.فىلىم قاچقۇننىڭ رەزىل ھەرىكەتلىرى، چۆلدە قىزغا ئۇچراش، قۇملۇقتا ئۆلەر ھالەتتەتۇرۇپمۇ ئىچكىرىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى، گۈزەل دېڭىز ساھىلىنى، جەزبىدارقىزلارنى، تاراقلاپ تۇرغان پۇلنى چۈشەپ ئاھ ئۇرۇش ۋە بۇنى شۇ چاغدا قۇملۇقتائۇسسۇزلۇقتىن جان تالىشىۋاتقان تۇرۇقلۇق سەۋدايىلارچە خىيالغا پېتىپ «تەڭرىتاغ كۈيلىرى»نى يېزىۋاتقان بىر خەنزۇ ياشقا سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئىككى لىنىيە بويىچە راۋاجلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىر پۈتۈن ئىزچىللىق ھم باشلىنىش يوق.قىمارخانىدىكى ياشلار، قۇملۇقتا ئىز قوغلاۋاتقان ج خ ساقچىلىرى، قاچقۇن ۋە قىز،بوۋاي، ھېلىقى دونكىخوتچە بىھۇدە جاپا تارتقۇچى ياش ئوتتۇرىسىدىمۇ باغلىنىش يوق.خۇددى ساراڭنىڭ چۈشىگە ئوخشاش بىمەنە ھەم كۈلكىلىك. قىزنىڭ ھەر قانچە قىلىپمۇ دېڭىزنىڭ زادى قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭنادانلىقى مەسخىرە قىلىنغان. فىلىم ھەددىدىن ئارتۇق مۇبالىغە، ساختا، بىمەنەئويدۇرمىلار بىلەن تولغان. بۈگۈنكى دەۋر ساختا ئىزدەنگۈچىلەرگە ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي جۈرئەت بىلەن قول سېلىپ ئىشلەيدىغان، ئەمەلىي نەتىجە كۆرسىتەلەيدىغان ئىجادكارلارغا موھتاج! تەڭرىتاغ ئۈستىدە گۈزەل غايە بىلەن قۇرۇق قەغەزنى لەيلىتىپئۇنى گۈللەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزۇپ چۆللەردە ھالىدىن كەتمەيدىغان ھەقىقىي ئوغلان كېرەك! سەنئەتتىكى دوگمىچىلىق، شەكىلۋازلىق، تەنقىد قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سەلبىي ھەم ئىجابىي پېرسوناژغا ئېنىق چەك قويۇپ، مۇقىمماركا چاپلاپ بازارغا سېلىش، شۇنداقلا ساختا يارىتىلغان ئوبرازنى مەدھىيىلەشكىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ فىلىم ئىلگىرىكى «ئېزىتقۇ»دىن كېيىنكى ئىككىنچى«ئېزىتقۇ» دېيىلسە ھەرگىز ئارتۇق بولمايدۇ. چۈنكى فىلىم باشتىن-ئاخىر ئاشكاراسېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قالاقلىقتا، ئاڭسىز، ياۋايىلىقتا، شەھۋانە،پۇلپەرەسلىكتە ئەيىبلەش ۋە مەسخىرە قىلىش بىلەن تولغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ياندىن سۈرەتلەنگەن «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» ھازىرقى زامان مىللىي ئىنقىلاب تارىخىغا بېغىشلانغان ياخشى تېما بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلمىسى، ۋەقە ئىزچىللىقى،دېكوراتسىيە، كىيىم قاتارلىقلار شۇ دەۋر شارائىتىغا ماس كەلمىگەن. بۇلار فىلىمنىڭچىنلىقىغا زور نۇقسان يەتكۈزگەن. ئاماننىڭ باشتىن-ئاخىرقى ھەرىكەت، گەپ-سۆزلىرى،مىجەزى ئۇنىڭ خاراكتېرىنى —قانداق ئادەملىكىنى كۆرسىتىپ بولغاندا، فىلىمدەئىسكەندەر بىلەن ئامان ئوتتۇرىسىدا تۇيۇقسىز خاراكتېر ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىنىپ، كىنونىڭئىستېتىك تەسىرى بىردىنلا سۇسلىشىدۇ. رېژىسورنىڭ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايدۇ. ئىلگىرى «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «ئانارخان»،«غېرىب-سەنەم»، «ئارتىست بولمايدىغان قىز»غا ئوخشاش خېلى كۆپ كىنو فىلىملىرىنىڭ رېژىسور ياكى سېنارىستلىرى باشقا سەنئەتكارلار، يازغۇچىلاردىن خېلى ئەستايىدىل ئۆگەنگەن. ئۇلاردىن مەسلىھەت پىكىر ئالغان، تۇرمۇشقا چۆككەن، مىللىي تۇرمۇش ۋەمەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلغانلىقتىن يۇقىرىقى فىلىملارئومۇمەن ياخشى ئىشلەنگەن. 90-يىللاردىكى كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە ئۇلار مىللىي ئەنئەنە ۋە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىسىنى ئۆز خاھىشى، ھېسسىياتى بويىچە بىر تەرەپ قىلغاچقا، نەتىجىدە نۇرغۇن كىنو فىلىملىرى ئۆز تاماششىبىنلىرىدىن ئايرىلىپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئەمەلىيەتتە مەيلى تۇرمۇش مۇھىتىدىن بولسۇن ياكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدە بولسۇن ھەر قايسى مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى،تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ئورنىنى توغرا تونۇش، چۈشىنىش، ئېتراپ قىلىش، ھۆرمەت قىلىشكېرەك. سەنئەت ئەسىرىدە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يولى ئىجادىيەتتە مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئىستېتىك ئەنئەنە ئالاھىدىلىكلىرىنى توغرا، جانلىق، ئەينەن، ھەقىقىي ھېسسىياتبىلەن قايتا نامايان قىلىشتا. پەقەت شۇنداق قىلالىغاندىلا سەنئەتنى ھەممىللىيلىككە، ھەم دۇنياۋىلىققا يۈزلەندۈرگىلى، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغىلى،تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ..

ماركىسىزملىق مىللىي قاراشقا ئىگە رېژىسور،سېنارىست، ئوپېراتور ۋە سەنئەتكارلار مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ۋە مىللەتنىڭ پىسخىكىلىق خاراكتېرىنى ياخشى، توغرا چۈشىنىدۇ. خەلق ئۇلارنىڭ كۆزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش قىياپىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، قائىدە-يوسۇنلىرىنى، ئىستېتىك قاراشلىرىنى، روھىي دۇنياسىنى، مىللىي خاراكتېرىدىكى ئالاھىدىلىكىنى ئەينەن كۆرەلەيدۇ. دەل شۇنىڭ ئۈچۈن بىز رېژىسور، ئوپېراتور، سېنارىستنى بىر گەۋدە قىلغان ماركىسىزملىق مىللىي قاراشتىكى كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى قوشۇنىنىڭ سېستىمىلىق تەربىيىلىنىشى ۋە بالدۇرراق يېتىشىپ چىقىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتمەكتىمىز..

«شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئىلمىيژۇرنىلى»نىڭ 2004-يىللىق 2-سانى



مەنبە