ئۇيغۇر دولان مۇقام – مەشرەپلىرىدىكى تۆت پەسىل ئوبرازى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

ئۇيغۇر دولان مۇقام – مەشرەپلىرىدىكى تۆت پەسىل ئوبرازى

ھۈسەنجان نامان


ئۇيغۇر دولان مۇقام - مەشرەپلىرىدىكى تۆت پەسىل ئوبرازى

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلغان، ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت بايلىقى، مەدەنىيەت مىراسى، مەدەنىيەت ئەڭگۈشتىرىدۇر.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان «ئون ئىككى مۇقام» تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە سۈكۈتكە چۆمگەن تەكلىماكان چۆللۈكى كېلىدۇ. چۈنكى، تەكلىماكاندىكى ئاجايىپ سىر – ھېكمەتلەر «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»غىمۇ چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»دىكى سىر – ھېكمەتلەرمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى، دولان چالغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىپتىدائىي تارىخقا ئىگە دولان راۋابىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ قىزلارنىڭ كوكۇلا چېچىدەك 13 تالدىن 21 تالغىچە بولغان تەڭشەلگەن تارلىرىنى زەخمەك بىلەن تولۇق بىر چەكسىڭىز، «دو، رەي، مى، فا، سو، لا، شى» دېگەن يەتتە خىل ئاساسىي ئاھاڭ چىقىدۇ. ئەجدادلىرىمىز دولان راۋابىغا 13 تالدىن تار سېلىپ سەككىز خىل ئاساسىي ئاھاڭدا تەڭشەپ، دولان مۇقامىنى ياڭرىتىپ يۈرگەن زامانلاردا، دۇنيادا «نوتا» دېگەن ئۇقۇم تېخى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا يوق ئىدى. بىز ھازىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە بوغۇم، سەككىز بوغۇم، توققۇز بوغۇم، 12 بوغۇم … دېگەن چۈشەنچىلەردىكى سان – ساناقلارمۇ مۇئەييەن تارىخىي جەريانلار ھەمدە مۇئەييەن قىممىتى بىلەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»دىكى سان – سىفىرلاردىن تەدرىجىي سىڭىپ كىرگەن. قىسقىسى، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»دىكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مول ۋارىيانتلىرى، شۇنىڭدەك »ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى«نىڭ سىر – ھېكمەتلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى مول شېئىرىي شەكىللەرگە ۋە ئىجادىي تەپەككۇرغا، كۈچلۈك ھېسسىيات تەلىپىگە ئىگە قىلغان. »ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى« ئېچىلغان ھەم ئېچىلمىغان بۇلاق! ئۇنىڭ مۇقام – مەشرەپلىرى ئېچىلغان بۇلاق بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ قات – قېتىدىكى ئاتەش ھېكمەتلەر، يوشۇرۇن سىرلار، ئەجدادلارنىڭ روھىي سېيماسى تېخى ئېچىلمىغان بۇلاق. مېنىڭچە بولغاندا، ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان »ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى« ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار، نەزەرىيىۋى كۆز – قاراشلار ئېچىلمىغان بۇلاققا قاراپ ئېلىنغان مەزمۇت قەدەملەر. بۇ بۇلاق زادى نەدە؟ »ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى«نىڭ قات – قېتىدا، قەدىمكى مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى مەدەنىيەتنىڭ ئوپۇق سىزىقىدا، ئەجدادلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا، دولان مەدەنىيىتىنىڭ كەچمىشلىرىدە.

تۈرلۈك مەدەنىيەت ئېقىملىرى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ رەھىمسىز زەربىسىگە ئۇچراۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىپ، ئەنئەنىۋى ئېسىل ئادەتلەر، تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئۆتمۈشكە ئايلانغان، ئىلمىي، ئەقىلگە مۇۋاپىق يېڭىچە تۇرمۇش شەكلى تىكلەنمىگەن شارائىتتا، كىشىلەر تېڭىرقىغان، گاڭگىرىغان ھالدا ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويدى. ماددىي تەرەققىياتقا مەستخۇش بولۇش، يەر شارىلىشىشنىڭ رەھىمسىز خىرىسلىرىدا مەدەنىيەتتە شالغۇتلىشىش ئېغىر بولۇۋاتقان پەيتتە، يەنى 2004 – يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشى بىلەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» دۆلىتىمىز 2004 – يىلى «ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسەرلىرى»گە يوللىغان بىردىنبىر تۈر بولدى. 2004 – يىل 29 – ئۆكتەبىردىن 1 – نويابىرغىچە ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سېمىت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئالايىتەن شىنجاڭغا كېلىپ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نى «ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسەرلىرى»گە يوللاشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى. («شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» 2004 – يىل 13 – نويابىر خەۋىرى). بىر قاتار تەكشۈرۈش، بېكىتىشلەردىن كېيىن، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» 2005 – يىلى ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى پارىژدىكى باش شتابىدا ئېلان قىلغان 3 – تۈركۈمدىكى 43 خىل «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسەرلىرى» تەركىبىگە كىردى! («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2005 – يىل 28 – نويابىر خەۋىرى).

«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نىڭ «ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسەرلىرى»گە كىرگۈزۈلۈشى يېڭى مۆجىزە بولۇپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ نۇرلىنىدۇ. «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ» دېگەندەك، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» چوقۇم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. ئۇنىڭدا تەبىئەت، جەمئىيەت، ئىجتىمائىي خاسلىق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسى، خاراكتېرى شۇنداقلا تۇرمۇش، چىنلىق بىرگەۋدىلەشكەن. دۇنيادىكى تەبىئەت ھادىسىلىرىگە ئاساسلىنىپ، «21 ئايغا»، «21 ۋاخ، 42 سائەت» ۋە «563 كۈن»گە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئەڭ مۇكەممەل ھەم ئەڭ ئىلمىي مۇزىكا سىستېمىسى بولغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نى بىز ئەمدى زامانىۋى مېتود بىلەن تەتقىق قىلىشىمىز، ئۇنىڭ تېخى پارلاشقا ئۈلگۈرمىگەن يارقىن جايلىرىنى ئۆزىمىزگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. مېنىڭ بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم، ھەربىر مۇقامدىكى دەسلەپ توۋلىغان مۇقامنىڭ «تاڭ سەھەر» ياكى «ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن» ياكى «ھاياتلىقتىن» دېرەك بېرىدىغانلىقى، «چىكىتمە» بولسا ئەتىيازنى، «سەنەم» يازنى، «سەلىقە» كۈزنى، «سىيرىلما» قىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق دەلىللەش.

ھازىرقى دەۋردە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نى ئانا مۇقام دەپ ئېيتىش ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئابدۇكېرىم راخمان بۇچىنىڭ «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 2004 – يىللىق 4 – سانىدىكى «<ئانا مۇقام>ۋە <بالا مۇقام>لار مۇنازىرىسى ھەققىدە مۇلاھىزە» دېگەن ماقالىسىدە بۇ نۇقتا تولۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن. بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللاردا: دولان مۇقام – مەشرەپلىرى، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نىڭ ئانىسى، دەپ ئېيتىلغان. بۇ پەقەتلا پەيدا بولۇش تارىخىنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپىگە ئاساسەن ئېيتىلغان. «دولان ئون ئىككى مۇقامى»، «قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى»، «ئىلى – ياركەنت ئون ئىككى مۇقامى»، «تۇرپان – كۇچا ئون ئىككى مۇقامى»، «خوتەن – قاراقاش ئون ئىككى مۇقامى»، «توقسۇ – دەرداغ ئون ئىككى مۇقامى» ۋە باشقا يەرلىك مۇقاملارنىڭ ئورتاق گەۋدىسى «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نى شەكىللەندۈرگەن. ئەمما، ھەربىر يەرلىك مۇقامنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىي كەچمىشلىرى بار. ھەرقانداق بىر مۇزىكىلىق سەنئەت مۇئەييەن جۇغراپىيىلىك مۇھىت بىرلىكى ئىچىدىكى خەلق توپىنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان فولكلور مەدەنىيىتى ۋە ئېتنوگرافىيىلىك قاراشلىرىنىڭ مىللىي پسىخىكا چەمبىرىكىدە يۇغۇرۇلۇپ چىققان روھىي مۇئەللىقى بولۇپ، ئۇ بىر پۈتۈن يەرلىك خاسلىققا ئىگە. شۇ سەۋەبتىن، بىز ھەرقانداق بىر ناخشا – ئۇسسۇل، مۇزىكىدىن ھۇزۇر ئالغاندا، ئېتنوگرافىيىلىك سەزگۈمىزگە تايىنىپ، ئۇنىڭ قايسى يۇرتنىڭ يەرلىك ناخشا – مۇزىكىسى ئىكەنلىكىنى دەرھال پەرەز قىلالايمىز ۋە مۇقىملاشتۇرالايمىز. دولان مۇقام – مەشرەپلىرى ئاساسەن مەركەزلىك ھالدا قەشقەرنىڭ مەكىت، مارالبېشى ۋە ئاقسۇنىڭ ئاۋات، شايار ناھىيىلىرىگە تارقالغان نەغمە – كۈي ۋە مۇقىملاشقان ئالاھىدە ئۇسسۇل ئۇسلۇبىغا ئىگە قەدىمىي ۋە ئىپتىدائىي فولكلور مەدەنىيەت بايلىقى. ئۇ، تارىم دەرياسى ۋادىلىرىدىكى تۇتاشقان بوستان – باياۋانلارنى ماكان قىلغان ئۇيغۇر يېزا – قىشلاقلىرىغا يېيىلغان.

دولان مۇقام – مەشرەپلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بولغان دولانلىقلار داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سەنئەت نامايەندىسى بولۇپ، ئۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. دولانلىقلار قەدىمدىن تاكى دەۋرىمىزگە قەدەر باشقا ئۇيغۇر رايونلىرىدىن ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا ياشاپ كەلگەچكە، يېڭىچە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئانچە كۆپ ئۇچرىمىغان. شۇڭا، دولان مۇقام – مەشرەپلىرى بۈگۈنگىچە ئەسلىي ھالىتىنى ئەينەن ساقلاپ كەلگەن. بۇ ھال بىزنى دولان مۇقام – مەشرەپلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش، تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەن باشلانغۇچنىڭ 3 – سىنىپىدىن باشلاپ تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە سازەندە (راۋاب، تەمبۈر، دۇتار، ئىسكىرىپكا چالاتتىم) ھەم سەنئەتچى بولغانلىقىم، شۇنىڭدەك ئەقلىمگە كەلگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە دولان دىيارىدا دولان مۇقام – مەشرەپلىرى بىلەن پات – پات ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقىمدىن دولان مۇقام – مەشرەپلىرىگە بولغان قىزىقىشىم، كۆزىتىشىم، تەتقىق قىلىشىم خېلى ئۇزاق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى.

مۇزىكا، ئۇسسۇل، ئۇدار، رىتىم، ئاھاڭ دېگەنلەر ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ نازۇك سەزگۈلەرنى ئويغىتىپ، بەلگىلىك مەنە، مەزمۇنلارنى ھېسسىيات تۇيغۇسى ئارقىلىق ئادەم مېڭىسىدە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇزىكىنى چۈشىنىش، ئۇسسۇل- ھەرىكەتلەرنى چۈشىنىش، مۇقاملاردىكى ھېسسىياتنى چۈشىنىش كىشىنى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلەرگە ئىگە تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.

دولان مۇقام – مەشرەپلىرىنىڭ ھەرقاندىقى «مۇقام»، «چېكىتمە»، «سەنەم»، «سەلىقە»، «سىيرىلما»دىن ئىبارەت بەش ئاساسىي جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ. «نەغمىچى» ئەڭ دەسلەپ نەغمە كىچىك دېپىنى ئىككى قولىدا ئىككى ياقتىن تۇتۇپ، بوشلۇقتا دولقۇنسىمان ئوينىتىپ مۇقام توۋلايدۇ. مۇقامچىنىڭ ئاۋازى بىر ئاڭلىماققا چۆل – جەزىرىدە بىركىمنى توۋلىغاندەك، قۇشچى يىگىتنىڭ «ئۈشكە ھۇش!» دەپ توۋلىغىنىدەك ئاڭلىنىدۇ. يەنە بىر ئاڭلىماققا، تاڭ سەھەردە ئەزان توۋلىغان مەزىننىڭ ئاۋازىغا ئوخشىشىدۇ. يەنە بىر بولسا، تاڭ سەھەر دەشت – چۆللەردە ھۇۋلىغان بۆرىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىشىدۇ ياكى كېچىلەردە بىر – بىرىنى توۋلاشقان ئوتۇنچى، پادىچى، كارۋانلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىشىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا دولانلىقلار چۆل – جەزىرە، باياۋانلاردا يول يۈرگەندە بىر – بىرىنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىنى سوزۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىشاتتى. كېيىنچە ئات، تۆگە، ھارۋىلىرىغا كولدۇرما ئېسىپ، بىر – بىرىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىدىغان ياكى مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەيدىغان بولغان. دولانلىقلار تاڭ سەھەردىكى ئەزان بىلەن تەڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھويلا – ئاراملارنى سۈپۈرىدۇ، ئېغىل – قوتانلارنى يوقلايدۇ. قىزارغان ئۇپۇققا قاراپ سالام بېرىپ، بىر كۈنلۈك ئىش ئۈچۈن خەيرلىك تىلەيدۇ. بۇ خىل ئۇدۇم دولان – مۇقام مەشرەپلىرىگىمۇ سىڭىپ كىرىپ، دەسلىپىدە نەغمە توۋلاپ، ئاندىن مەشرەپنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى باشلاشنى ئادەت قىلغان. مۇقام (نەغمە)نىڭ باشلىنىشىدىلا «ھاياتلىقتىن، جەڭگىۋارلىقتىن، يېڭى بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىدىن ياكى ھاياتلىقنىڭ باشلانغانلىقىدىن» دېرەك بېرىلىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچ: «چېكىتمە» بولۇپ، باش مۇقام ئاخىرلاشقان ھامان، ئەر – ئايال جۈپ – جۈپ بولۇپ لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مەردانە قەدەم ئېلىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئەرلەر تەبەسسۇم ئىلكىدە قولىنى نۆۋەت بىلەن ئوڭ- سولغا تاشلاپ ئوڭغا يېرىم، سولغا يېرىم ئايلىنىدۇ. ئوڭغا يېرىم ئايلىنىش ۋاقتىدا، ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتىدىن باشلاپ ئۈچ قەدەم تاشلىنىدۇ. ئۈچىنچى قەدەم ئوڭ پۇت يېرىم ئېچىلىپ، سول پۇتنىڭ ئۇچىغا كېلىپ توغرىسىغا توختايدۇ – دە، سول پۇت دەرھال يۆتكىلىپ، ئوڭ پۇتنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى بويىچە تەكرار داۋاملىشىدۇ. بۇ يەردە پۇت ئېلىش ھەرىكىتى تەكرار ئۈچ قەدەم بويىچە بولىدۇ. بۇ ھال ئەتىيازدىكى ئۈچ ئاينى كۆرسىتىدۇ. ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇلغا چۈشۈپلا بىر – بىرىگە جۈپ ئىزدەيدۇ، جۈپ بولۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. بۇ ھال ئەتىياز ۋاقتىدىكى ئۇچار قۇشلارنىڭ جۈپ ئىزدىشىگە ئوخشىشىدۇ. مۇزىكا ھەم ئۇسسۇل رىتىمىدە تەدرىجىي كۈچىيىش بولۇپ، بۇ ھال ئەتىياز ۋاقتىدا ئەمدىلا بىخلىنىش ھالىتىدە تۇرغان ياكى يېشىللىققا چۆمۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە قىشلىق ئۈچەكتىن ئەمدىلا چىقىپ، ئىللىق باھار قوينىغا قەدەم قويغان جانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. چېكىتمىدە چېلىنغان مۇزىكا، نەپىس ھەرىكەتلەر، سازەندە ۋە ئۇسسۇلچىلاردىكى ھېسسىيات باھار مەزگىلىنى نامايان قىلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ: «سەنەم» بولۇپ، ئۇسسۇل رىتىمى ئۆزگىرىپ، ھەرىكەت تېزلىشىدۇ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ سېپىمۇ بارغانچە كېڭىيىدۇ. ئەر – ئاياللار قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر – بىرىگە بېقىشىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئوڭ – سولغا ماس قەدەمدە تولۇق ئايلىنىپ ئوينايدۇ. بۇ ھال جەننەت يازدىكى شاد – خۇراملىقنى، يازدا پىشقان قوغۇن – تاۋۇز ۋە باشقا يېمىشلەرنى بېشىغا قويۇپ كۆتۈرۈپ ماڭغان شادلىق مەنزىلىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئالدى- ئارقىغا مېڭىش، ئوڭ – سولغا ئايلىنىش، قولىنى ئالدىغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى ياز پەسلىدىكى ئادەملەرنىڭ ئەمگەك پائالىيەتلىرىدىكى ئەركىن، ئازادە كەيپىياتىغا، كۈندۈزلۈك تۇرمۇش ئەمگەكلىرىدىكى ئالدى – كەينىگە مېڭىپ يۈرۈپ قىلىدىغان ئىشلارغا تەقلىد قىلىنغان. يەنە كېلىپ، ياز پەسلىدە جان – جانلىقلار كۈچ – قۇدرەت، لاتاپەتتە تازا ۋايىغا يېتىپ گۈزەللىشىدۇ. بۇ ھال ناھايىتى گۈزەل بىر سەنەمنى ئەسلىتىدۇ. دېمەك، ياز پەسلىنىڭ مۇشۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «سەنەم» باسقۇچىنى ياز پەسلىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ: «سەلىقە» بولۇپ، ئۇسسۇلغا چۈشكەن ھەممە كىشى ئاستا – ئاستا چوڭ بىر چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، ئۇسسۇل ئەنە شۇ چەمبىرەك شەكلىدىكى يۇمۇلاق دائىرىدە سىزىقنى بويلاپ داۋاملىشىدۇ. بۇ ھال كۈزلۈك يىغىم ۋاقتىدىكى مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىدۇ. دولانلىقلارنىڭ كۈز پەسلىدىكى قوناق سويۇش، كۈزگى بۇغداي تېرىش، كېۋەز چۆلەش ئەمگەكلىرى ئاساسەن كوللېكتىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، «سەلىقە» قىسمى كۈز پەسلىنى ئىپادىلەيدۇ.

تۆتىنچى باسقۇچ: «سىيرىلما» بولۇپ، ئۇسسۇلچىلار مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ، چوڭ يۇمۇلاق دائىرىدە بىر – بىرلەپ پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇسسۇلچىلار ئۆز ئالدىغا ئەركىن پىرقىراپ ۋە چۆرگىلەپ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھال كۈزدە مول ھوسۇل ئالغان دولانلىقلارنىڭ قىشتا مەھەللىسىدە ياكى دالىلاردا قۇرۇپ كەتكەن يۇلغۇننىڭ قاقشاللىرىنى ئەكىلىۋاتقان كۆرۈنۈشكە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، مۇزىكا، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇنداق ماسلاشقان. شۇڭا، «سىيرىلما» قىشنى كۆرسىتىدۇ. ئويلاپ كۆرەيلى، دولان مۇقام – مەشرەپلىرى ئۇسسۇل پائالىيەتلىرىنىڭ بۆلۈنگەن باسقۇچلىرى ئۈچ ياكى بەش بولماستىن، نېمىشقا تۆت باسقۇچقا بۆلۈنگەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پۈتۈن بىر يۈرۈش مۇقامدا تاڭ سەھەر ھەم تۆت پەسىل نېمە ئۈچۈن روشەن ئىپادىلىنىدۇ؟ بۇ دەل ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.

دولان مۇقام – مەشرەپلىرىدە تۆت پەسىل ئوبرازىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئادەتتىكى بىر كۆزقاراش ياكى تەسەۋۋۇر بولماستىن، بەلكى تارىخىي پاكىتلار ھەم ئەمەلىيەت چىنلىقى بولغان يېڭى بايقاشتىن ئىبارەت. دولان مۇقام – مەشرەپلىرىنىڭ ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ئالاھىدىلىكىنى نوقۇل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىگە باغلاپلا تەھلىل قىلىش بىر تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. چۈنكى، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتى ئەڭ ئىپتىدائىي باغلىنىش قىسمى بولۇپ، دولان مۇقام – مەشرەپلىرىنىڭ «مەشرەپ» بولۇپ تولۇق شەكىللىنىش، مۇستەھكەملىنىش زامانلىرىدا ئوۋچىلىق مەدەنىيىتى قوشۇمچە ئورۇندا، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى، يىپەك يولىدىكى سودا – سېتىق مەدەنىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى. سۇ قوغلىشىپ كۆچۈش سەۋەبلىك، دولانلىقلار ماكانلاشقان بوستانلىق ئەينى دەۋرلەردە يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇش بىلەن، كۆپ خىل ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى. دولانلىقلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھالىتى ئىپتىدائىي دەۋردەك ئوۋچىلىق ۋە داۋاملىق يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆزىنى ئۆزى قوغداش ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنى دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ۋەيران بولۇشتىن ساقلىشى، ئۆي سېلىپ ئورۇنلىشىشى، بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشى … قاتارلىقلار ئىدى. شۇڭلاشقا، دولانلىقلار يېڭى ماكانغا كەلگەندىن كېيىن، شۇ دەۋردىكى ئەمگەك، ناخشا – ئۇسسۇل تەسەۋۋۇرلىرىغا ئاساسەن، ئىلگىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سەنئىتىگە يېڭى مەزمۇن، يېڭى شەكىللەرنى كىرگۈزۈپ، مۇقام – مەشرەپ تۈرلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى. ئاۋۋالقى خاس ھايۋان ئوبرازى ۋە ھايۋان بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان كۈرەش ئوبرازىنى يارىتىشتىن ئىبارەت ئۇسسۇل بىرىنچى ئېتنوگرافىيىلىك ئورۇندىن قىسىلىپ، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ دىققەت – نەزىرى بارغانسېرى ئادەملەر ۋە يېڭى ئىجتىمائىي ئاڭ – پىكىرلەر ئوبرازىغا قارىتىلىشقا باشلىدى. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەملەرنىڭ ئاڭ – پىكىر، تەسەۋۋۇرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋۋالقى دەۋرگە خاس بولغان، ئاددىي، ئازغىنە ئويۇن شەكىللىرىگە يېڭى مەزمۇن ۋە يېڭى شەكىللەرنى قوشۇپ، ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆزىگە خاس يېڭى ئوبرازلارنى ياراتتى. نەتىجىدە، دولان مۇقام – مەشرەپلىرىدىكى ئاساسلىق تۆت خىل ئۆزگىرىش تەبىئەت ئوبرازىغا تەقلىد قىلىنىپ، تەبىئىي ھالدا تۆت پەسىل ئوبرازى بارلىققا كەلدى.

تەبىئەت ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ھېسسىيات، سەزگۈلىرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ ھال دولان مۇقام- مەشرەپلىرىگىمۇ چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ، ھەربىر مۇقامدىكى «مەشرەپ» ئالاھىدىلىكى شەكىللەندۈرگەن بەش خىل چوڭ ئۆزگىرىشتە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تەبىئەت ئوبرازى سەنئەت ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.


(ئاپتور: ئاۋات ناھىيىلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)